تۆشەك(جىبران خېلىل جىبران)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-20 23:29:41

تۆشەكجىبران خېلىل جىبران(لىۋان) تويى بولغان قىز-يىگىت چېركاۋدىن چىقىپ كەلدى،ئۇلارنىڭ ئالدىدا چىراغ كۆتۈرۋالغانلار،كەينىدىن شاد-خۇراملىققا چۆمگەن مېھمانلار ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى.ئەتراپنى ئورېۋىل...

    تۆشەك
    جىبران خېلىل جىبران(لىۋان)


       تويى بولغان قىز-يىگىت چېركاۋدىن چىقىپ كەلدى،ئۇلارنىڭ ئالدىدا چىراغ كۆتۈرۋالغانلار،كەينىدىن شاد-خۇراملىققا چۆمگەن مېھمانلار ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى.ئەتراپنى ئورېۋىلىشقان بىر توپ قىز-يىگىتلەرنىڭ ئېيتقان ياڭراق ناخشا سادالىرى يىراقلارغىچە ئاڭلىنىپ تۇراتتى...

       توي مۇراسسىمىغا قاتناشقان مېھمانلار قىز-يىگىتنىڭ يېڭى ئۆيىگە يېتىپ كەلدى.قىممەت باھالىق ئېسىل گىلەملەر ۋە خىلمۇخىل قاچا-قۇچىلار بىلەن بېزەلگەن،كىشىنى مەست قىلغۇچى خۇش بۇي ھىدلار ئۆي ئىچىنى بىر ئالغان ئىدى.مھمانلار يېپەك گىلەملەر ۋە ئاق قۇ پىيىدىن تەگلىك سېلىنغان ئورۇندۇقلاردىن ئورۇن ئېلىشتى.ئازادە مېھمانخانا بىردەمدىلا ئەر-ئايال،قېرى-ياش مېھمانلارنىڭ ئالدىدىكى رومكىلارغا ھاراڭ قۇيدى.بىر پەستىلا،كۈلكە-چاقچاق ۋە خۇشاللىق سادالىرى مېھمانخانىنى لەرزىگە كەلتۈردى.ھايال ئۆتمەي،سازەندىلەرمۇ يېتىپ كەلدى.پىپانىڭ زىل ئاۋازى،مۇڭلۇق نەي ۋە داقا-دۇمباق ساداسى بىرلشىپ،شۇنچىلىك گۈزەل بىر مىلودىيىنى ھاسىل قىلىدۇكى،مېھمانلارنىڭ قەلبى چەكسىز سېھىرلىك ھېسلارغا چۆمۈلدى.

       ئارقىدىنلا قىزلار ئۇسسۇلغا چۈشتى.ئۇلار مۇزىكا رېتىمىغا ماسلىشىپ خۇددى مەجنۇنتال شاخلىرى مەيىن شامالدا ئاستا ئېگىلگەندەك،نازۇك بەللىرىنى ھەريان تولغايتتى.پۈرمىلىك كۆڭلەكلەرنىڭ كەڭ ئېتەكلىرى يېيىلىپ گويا ئاي نۇرىدا لەيلەپ يۈرگەن ئاپئاق بۇلۇتلاردەك كۆرىنەتتى،مېھمانلارغا گاھ-گاھ ھەيرانلىق ۋە نازلىق بىلەن باقاتتى،ئۇسسۇلچى قىزلارنىڭ نازۇك تەن ھەرىكەتلىرىدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي ئولتۇرغان يىگىتلەر ئەس-ھوشىنى يوقتاتتى،قېرىلارمۇ ئاجايىپ تاتلىق ھېسلارغا چۆمەتتى.مېھمانلار كۈلكە چاقچاقلار بىلەن توختىماي ئىچىشەتتى،بىر پەستىلا ھاراق ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى...مېھمانلارنىڭ ئەدەپلىك ئولتۇرۇشلىرى بۇزۇلدى،ھاراقنىڭ كەيپى تۇتۇپ قانلىرى قىززىدى.ئاخىر ئەقىل-ھوشىنى يوقتىپ،تەلۋىلەشتى.ئازادە ياسالغان مېھمانخانا گويا بىر كۆرۈنمەس شەيتاننىڭ قولىدىكى تارى ئۈزۈلگەن گىتتارغا ئوخشاپ قالدى.بۇ گىتاردىن گاھىدا ئاجايىپ گۈزەل كۈيلەر ياڭرىسا،تۇرۇپ كىشىنى بىزار قىلغۇدەك يېقىمسىز شاۋقۇن-سۈرەنلەر ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

       مېھمانخانىنىڭ بىر تەرىپىدە بىر يىگىت كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك چىرايلىق بىر قىزغا مۇھەببەت ئىزھار قىلماقتا،يەنە بىر تەرىپىدە بىر يىگىت ئەڭ شېرىن ۋە يېقىملىق سۆزلىرى بىلەن ئەمدىلا رېسىدە بولغان بىر قىزنى پاراڭغا تۇتماقتا ئىدى.ئۇنىڭ نېرىسىدا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەركەك كەينى-كەينىدىن بىر نەچچە رومكا ھاراق ئىچىۋېتىپ،ناخشىچى قىزدىن ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى ئېسىگە سالغان ناخشىنى قايتا ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى.مېھمانخانىنىڭ ئەڭ چەتتىكى بۇلۇڭىدا بىر ئايال ئاجايىپ بىر يوشۇرۇن تەمە بىلەن ئۇدۇلدىكى ئەركەككە نازلىق تەلمۈرۈپ قارىماقتا.بىراق بۇ ئەركەك باشقا بىر ئايالغا ئىپچەش تارتىپ كۆزىنى ئۈزەلمەي قالغانىدى.ئەركەكنىڭ نېرىسىدا چاچلىرى ئاقارغان بىر خانىم ئۆزىگە كېلىن تاللىماقچى بولغاندەك،ئۇدۇلدىكى قىزلارغا سىرلىق تەبەسسۇم بىلەن قارىماقتا ئىدى.دېرىزدە قېشىدا ئولتۇرغان بىر خوتۇن ئېرىگە ھەدەپ ھاراق ئىچكۈزۈپ ئۇنىڭ مەست بولىشىنى كۈتمەكتە ۋە ئاشنىسى بىلەن بىللە بولۇشقا تاقىتى تاق بولماقتا...ئىشقىلىپ،سورۇن ئەھلى ھاراقنىڭ كەيپىدە تېخىمۇ كۆتۈرلۈپ،ھاۋايى-ھەۋەس سەۋداسغا ئەسىر بولغان،ئۆتمۈشنىمۇ ھەم كېلەچەكنىمۇ ئۇنتۇپ،كۆز ئالدىدىكى بىردەملىك مەئىشەت دېڭىزىغا غەرق بولۇشقانىدى.

       دەل مۇشۇ پەيىتتە،تويى بولغان گۈزل قىز ئۈمىدسىزلەنگەن مەھبۇس تۈرمىنىڭ سوغۇق تاملىرىغا ئازاپ ئىچىدە نەزەر تاشلاۋاتقاندەك،ئەلەم بىلەن كۆز ئالدىدىكى يىرگىنىشلىك مەنزىرىلەرگە قاراپ ئولتۇراتتى،ئۇ مېھمانخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا گويا توپىدىن ئايرىلغان قۇشتەك تەنھا ئولتۇرغان يىگىرمە ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى يىگىتكە پات-پاتلا قاراپ قوياتتى.يىگىت دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان يۈرىكىنىڭ كۆكرەك قەپىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ كېتىشنى توسماقچى بولغاندەك،ئىككى بىلىكىنى مەيدىسىگە بېسىپ ئولتۇراتتى،گويا روھى تېنىدىن ئاجراپ كېچە ئاسمىنىدا ئايلىنىپ،زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتىكى ئەرۋاھلارنى قوغلاپ يۈرىۋاتقاندەك كۆزلىرى مېھمانخانىنىڭ گۈمبەزسىمان تورۇسىغا ھاڭۋاققىنىچە تىكىلگەنىدى.

       ۋاقىت يېرىم كېچە بولدى.كىشىلەر كەيىپچىلىكتە خۇدىنى يوقاتتى.سورۇن قالايمىقانلاشتى.ھەممەيلەننىڭ تىللىرى كالۋالاشتى،بۇ چاغدا تويى بولغان يىگىت شارتتىدە ئورنىدىن تۇرۇپ قەستەن ئۆزىنى كۆرسەتمەكچى بولغاندەك ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى.ئۇ ئوتتۇرا ياشلىق ئەر بولۇپ،چىراي شەكلىنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىدى.شۇ تاپتا ئۇمۇ غەرق مەست بولۇپ كەتكەن ئىدى.

    شۇ ئەسنادا،تويى بولغان قىز نېرىراقتا تۇرغان قىزغا ئىشارەت قىلدى.قىز ئاستا مېڭىپ ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى.تويى بولغان قىز ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى-دە،چوڭ بىر مەخپىيەتلىكنى ئېيتماقچى بولغاندەك ھېلىقى قىزنىڭ قۇلىقىغا تىترەڭگۈ ئاۋاز بىلەن ئاستا پىچىرلىدى:

    -سۆيۈملۈك دوستۇم،ئىككىمىزنىڭ كىچىكىمىزدىن تارتىپلا يېقىن ئۆتكەن دوستلۇق مېھرىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن،سېنىڭ ھاياتتا قەدىرلەپ كېلىۋاتقان بارلىق نەرسىلىرىڭ،قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى سىرلىرىڭ،بىزنىڭ قەلبىمىزنى يورۇتقان ۋە تەسەللىي بەرگەن مۇھەببەتنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن،ۋۇجۇدۇڭنى لەرزىگە كەلتۈرگەن خۇشاللىق ۋە مېنىڭ يۈرىكىمنى قىيناۋاتقان ئازاپلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ...سېنىڭدىن ئۆتۈنۈپ قالاي،ھازىرلا سەلىمىنىڭ قېشىغا بارغىن،ئۇ ھېچكىمگە بىلىندۈرمەي باغقا چىقسۇن،ئۇ مېنى سۆگەت تۈۋىدە ساقلىسۇن،سۇسان،جېنىم دوستۇم،مەن ئۈچۈن سەلىم ماقۇل بولغۇچە ئۇنىڭغا يالۋۇرغىن.مۇقەددەس سۆيگۈنىڭ نامىنى شىپى كەلتۈرۈپ،ئۆتكەن كۈنلەردىكى مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئۆتۈنگىن.ئۇنىڭغا ئۇ سۆيگەن قىزنىڭ قانچىلىك بەخىتسىز ۋە ئەخمەق ئىكەنلىكىنى،ئۆلۈمگە تەييارلىنىپ قويغانلىقىنى،لېكىن زۇلمەت قوينىدا ۋەيران بولۇپ كەتكۈچە ئۇنىڭغا يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتىشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقىن.مېنىڭ ئاللىقاچان ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىمنى،بىراق دوزاقنىڭ رەھىمسىز يالقۇنلىرى يالماپ يۈتۈۋەتكۈچە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى نۇر ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۈشكە تەشنا ئىكەنلىكىمنى ئېيتقىن.ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولساممۇ ئۇنىڭدىن ھەسرەتلىك پۇشايمان ئىلكىدە كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىمنى ئېيتقىن.تېز بول.سۇسان،مېنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېلىنىپ يالۋۇرغىن.ئاۋۇ چوشقا كۈچۈكلىرىدىن قورقما.ئۇلار ئاللىقاچان غەرق مەست بولۇشۇپ،ئەس-ھوشىنى يوقاتتى.

    سۇسان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ دەرھال سەلىمنىڭ قېشىغا ماڭدى.ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە تويى بولۇۋاتقان قىزنىڭ بايىقى سۆزلىرى ياڭرايتتى...دوستلۇق ۋە سەمىمىيەتتىن ئۇ قىزنىڭ چىرايى نۇرلاندى.سەلىم ئۇنىڭ سۆزلىرىنى بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ئاڭلىدى.بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.سۇساننىڭ سۆزى تۈگىگەندە ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ كەتكەن كىشى جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىكى بىر تامچە سۇغا تەلمۈرگەندەك سۇسانغا قارىدى ۋە يەرنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئارانچە ئاڭلىنىۋاتقان بىر خىل پەس ئاۋازدا:

       -مەن ئۇنى سۆگەت تۈۋىدە ساقلايمەن!-دېدى-دە،باغقا قاراپ ماڭدى.بىر ھازادىن كېيىن تويى بولۇۋاتقان قىزمۇ ئورنىدىن تۇردى،ھاراقنىڭ كەيپىدىن مەست-ئەلەس بولۇشقان ئەرلەر بىلەن ئىششىق-مۇھەببەت ئوتىدا يېنىۋاتقان ئاياللارنىڭ ئارىسىدىن ئاستا سۇغۇرلۇق چىقتى.ئۇ كېچە پەردىسىگە چۆمكەلگەن باغقا يېتىپ كەلگەندە،تەشۋىش بىلەن كەينىگە قاراپ-قاراپ قويدى ۋە شۇئان بۆرە توپلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتۇلۇپ ھۈركىگەن بۆكەندەك دەرەخلىك ئىچىگە قاراپ يۈگۈردى.

    ئۇ سەلىمنىڭ قېشىغا كېلىپلا ئۆزىنى ئۇنىڭ باغرىغا تاشلىدى.نازۇك قوللىرى بىلەن بوينىغا گىرە سېلىپ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاردى ۋە ھەسرەتلىك ياش تۆككىنىچە سۆزلەپ كەتتى:

    -قەدىرلىكىم،گېپىمگە قۇلاق سالغىن.مەن ئۆزۈمنىڭ ئەخمەقلىقى ۋە يېنىكلىك قىلىپ قويغىنىمدىن ئۆكىنىۋاتىمەن...سەلىم،مەن راستىنلا قاتتىق ئۆكۈندۈم.پۇشايمان قىلدىم.ئۆكۈنۈش ئازابى يۈرەك باغرىمنى پارە-پارە قىلىۋەتتى.مەن سېنى سۆيىمەن.پەقەت سېنىلا سۆيىمەن.ساڭا بولغان مۇھەببىتىم مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.ئۇلار ماڭا:سەلىم سېنى ئۇنتۇپ كەتتى.ئاۋارە بولما،ئۇ باشقا بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدى،دېدى.سەلىم،راستىنلا شۇنداق دېيىشتى.ئۇلار زەھەرخەندىلىك بىلەن قەلبىمنى جاراھەتلىدى.رەھىمسىزلىكنىڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن يۈرىكىمنى پارە-پارە قىلىۋەتتى.ئەيمەنمەستىن يالغان سۆزلەپ كاللامنى گاراڭ قىلىشتى.نەجىبە ئېغۋا تارقىتىپ:سەلىم سېنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتتى،ئەمدى سېنى كۆرەرگە كۆزى يوق،بىلسەڭ مېنى مەجنۇنلارچە ياخشى كۆرۈپ قالدى،دېدى.نەجىبە دېگەن بۇ ئىپلاس ئايال ساپ ھېسسىياتىم بىلەن ئوينىشىپ،مېنى ئۆزىنىڭ تۇغقىنى بىلەن توي قىلىشقا ماقۇل كەلتۈردى.شۇنداق،سەلىم،مەن ماقۇل بولدۇم.لېكىن،پەقەت سەنلا مېنىڭ ھەقىقى يىگىتىم ۋە جۈپتۈمسەن!...

       بۈگۈن،پەقەت بۈگۈنلا ھەقىقىي ئەھۋال ئايان بولدى.مەن ئاخىر سېنىڭ قېشىڭغا قايتىپ كەلدىم.مەن ئاشۇ ئائىلىدىن ئايرىلدىم ۋە ھەرگىز قايتىپ بارماسلىققا نىيەت قىلدىم.مەن قۇچىقىمنى كەڭ ئېچىپ سېنى چىڭ قۇچاقلايمەن.قەدىرلىكىم،دۇنيادا ھېچقانداق بىر كۈچ مېنى-ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە تېگىشە مەجبۇر بولغان-ئاشۇ ئەرنىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ بارالمايدۇ.بىلسەڭ،مېنى پەسكەشلەرچە ئالداپ مېنىڭ ئېرىم بولۇۋالغان ئاشۇ ئەرنى،مېنى تەربىيلەپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانامنى تاشلاپ كەلدىم.پوپ بېشىمغا كىيگۈزۈپ قويغان گۈلچەمبىرەكنى،يىمىرىلمەس قانۇننىڭ كىشەنلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ قايتىپ كەلدىم.ئىشقىلىپ،پۇت-قولۇمنى چۈشەت تۇرغان بارلىق نەرسىلەرنى شۇ تاپتا بولۇشىغا ھاراق ئىچىپ خۇدىنى يوقاتقان ئاشۇ ئائىلىگە تاشلاپ كەلدىم.سېنىڭ بىلەن بىللە يىراق جايلارغا،ھەتتا ئالامنىڭ ئۇ چېتىگە كېتىشكىمۇ تەييارلىنىپ كەلدىم.سەن مېنى جىن شەيتانلارنىڭ غارىغا ياكى ئەزرائىلنىڭ ماكانىغا باشلاپ بارساڭمۇ مەيلى،چوقۇم سەن بىلەن بىللە بارىمەن.سەلىم،ئەتراپنى تۈ قاراڭغۇسى باستى.پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي دەرھال بۇ يەردىن كېتەيلى،دېڭىز بويىغا بېرىپ كېمە بىلەن ئادەم ئايىغى تەگمىگەن خىلۋەت جايلارغا كېتەيلى،دەرھال يولغا چىقايلى.تاڭ ئاتقۇچە دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىدىن ئامان-ئېسەن قۇتۇلۇپ كېتەلەيمىز.قارا،بۇلار مېنىڭ ئالتۇن جابدۇقلىرىم،ئېسىل مارجان،ئۈزۈك ۋە ياقۇتلىرىم.مۇشۇ نەرسىلەر بىلەن بىزنىڭ كەلگۈسىدە ئېسىلزادىلەردەك تۇرمۇش كەچۈرىشىمىزگە تامامەن يېتىدۇ.سەلىم،نېمىشقا مېنى سۆيۈپ قويمايسەن؟شۇ تاپتا سەن يۈرىكىمنىڭ پىغانلىق نالىسىنى،روھىمنىڭ چۇقانىنى ئاڭلاۋاتامسەن؟سەلىم،شۇ تاپتا مېنىڭ ئېرىم ۋە ئاتا-ئانامدىن ۋاز كېچىپ،سېنىڭ بىلەن بىللە قېچىپ كېتىش ئۈچۈن تويلۇق كىيمىم بىلەنلا بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمگىمۇ ئىشەنمەمسەن؟...تېز گەپ قىلغىن،سەلىم،ھازىر قىل ئۈستىدە تۇرىۋاتىمىز،بۇ يەردىن چاپسان كېتەيلى...

       قىز توختىماي سۆزلەيتتى.ئۇنىڭ سۆزلىرى تۇرمۇشتىكى تېتىقسىز گەپلەردىنمۇ تاتلىق،ئۆلۈمنىڭ ۋەھىمىسىدىنمۇ سوغۇق،قۇشلارنىڭ قانات قېقىشىدىنمۇ يېنىڭ،دولقۇنلارنىڭ تىنىقىدىنمۇ چوڭقۇر ئىدى.بۇ يەنە ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئۈمىد،گۈزەللىك بىلەن ئازاب،خۇشاللىق بىلەن قايغۇ ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشنىڭ باشلىنىشى،بىر ئايالنىڭ يۈرىكىدىكى ئىزھار قىلغان ئارزۇ-ئارمان ۋە يالقۇنلۇق ھېسسىياتنىڭ ئۆزى ئىدى.

       يىگىت قىزنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىدى.ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا مۇھەببەت بىلەن شۆھرەت ئېلىشماقتا ئىدى.مۇھەببەت توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ،قاراڭغۇلۇقنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرۇشقا ئۈندەيتتى.شۆھرەت كۆرەڭلىك قىلىپ ئارزۇ ئۈمىدلىرىدن ۋاز كېچىشكە زورلايتتى،مۇھەببەت خۇددى خۇدا تەرىپىدىن ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىغا پۈتۈلگەن،شۆھرەت ئىنسانلارنىڭ قائىدە-نىزاملىرى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ كاللىسىغا سىڭگەن.

       يىگىت ئۇزاققىچە ئۈندىمەي جىم تۇردى.بۇ خىل قورقۇنۇچلۇق سۈكۈت خۇددى ھايات-ماماتلىق ئۈچۈن ئۇزاققچىچە كۈرەش قىلغان مىللەتنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن كۈنلىرىدەك ئۇزاق داۋام قىلدى.ئاخىر شۆھرەت-ئابروي ئۈستۈنلىكنى ئىگەللىدى،يىگىت بېشىنى كۆتۈردى.ئۆزىگە تەشۋىش ۋە ئۈمىد ئىچىدە تەلمۈرۈپ تۇرغان قىزغا قارىدى ۋە :

    -ئەي،قىز!ياخشىسى ئېرىڭنىڭ قۇچىقىغا قايتىپ كەتكىن.ئىشلار ئاللىقاچان بەلگىلىنىپ بولدى.ئەقىلى شېرىن چۈشلەرنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى،خەقلەر بىلىپ بولغۇچە تېزدىن شاد-خۇراملىققا چۆمگەن  كىشىلەر ئارىسىغا قايتىپ كەتكىن.بولمىسا خەقلەر سېنى كونا ئاشىقىدىن يۈز ئۆرىگەندەك،توي كېچىسى ئۆز ئېرىگىمۇ ئاسىيلىق قىلدى،دەپ ئەيىبلىشىدىۇ،-دېدى سوغۇق تەلەپپۇزدا.

       بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قىز خۇددى بوراندا قالغان گۈل بەرگىدەك تىترەپ كەتتىل

    -جېنىم تەندە بولسىلا ھەرگىز كەتمەيمەن،-دېدى قىز ئازاپ بىلەن،-تۇتقۇن سۈرگۈن قىلىنغا جايدىن قېچىپ چىققاندەك،ئۇ يەردىكى ھەممە نەرسىدىن ۋاز كېچىپ قېچىپ چىقتىم،ئاشۇ ئائىلىدىن مەڭگۈ ئايرىلدىم.ئۆتۈنۈپ قالاي،مېنى مەڭگۈ قايتىشقا زورلىما،ماڭا ئاسىيلىق قىلدى دەپمۇ ئەيىبلىمە،چۈنكى مۇھەببەتنىڭ سېھىرلىك قولى ئىككىمىزنىڭ روھىنى ئاللىقاچان بىرلەشتۈرۋەتكەن،بۇ قول مېنىڭ جىسمىمنى ئېرىمگە تاپشۇرۇپ بەرگەن پوپنىڭ قولىدىنمۇ كۈچلۈك.مەن سېنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرىۋاتىمەن.ھەر قانداق كۈچ بىزنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ.بىزنىڭ قەلبىمىز بىرلىشىپ كەتكەن.،ھەتتا ئۆلۈممۇ ئۇنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ.

       يىگىت سۆزلەشكە باشلىدى،چىرايىدا بىر خىل بىزارلىق ئالامىتى،قىزنىڭ قۇچىقىدىن ھەدەپ ئۆزىنى تارتتى:

    -سەن دەرھال يېنىمدىن كەتكىن!سېنى ئۇنتۇپ كەتتىم.شۇنداق،ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتتىم.سەندىن يىرگىنىمەن.مەن باشقا بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.خەقلەرنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى راست،ئاڭلاۋاتامسەن؟سېنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتىم.سېنىڭ بار-يوقلۇقۇڭ مەن ئۈچۈن بەرىبىر.سەندىن نەپرەتلىنىمەن.سېنى كۆرەرگە ئەمدى كۆزۈم يوق.يوقال،مېنى ئۆز ئارامىمغا قوي،ئېرىڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ دىيانەتلىك خوتۇن بول!-دېدى سەلىم ئاچچىق بىلەن.


       -ياق،مەن بۇ سۆزلىرىڭگە ئىشەنمەيمەن،-دېدى قىز نالە قىلىپ،-چۈنكى مېنى ياخشى كۆرىسەن،مەن سېنىڭ كۆزلىرىڭدىن مۇھەببەت ئۇچقىنىنى كۆردۈم.قوللىرىڭنىڭ سىيلاشلىرىدىن مۇھەببەت سېزىمىنى ھېس قىلدىم.سەن مېنى سۆيىسەن.خۇددى مەن سېنى سۆيگەندەك سۆيىەسەن.مەن سېنىڭ يېنىڭدىن باشقا ھېچ يەرگە كەتمەيمەن.مەن ھاياتلا بولىدىكەنمەن،ئاشۇ ئائىلىگە ھەرگىز قايتىپ بارمايمەن.سېنىڭ بىلەن يىراق-يىراق جايلارغا كېتىشكە كەلدىم.بولمىسا ئۆز قولۇڭ بىلەن مېنى قانغا بويىغىن.

    -مېنى قويىۋەت!بولمىسا قاتتىق توۋلايمەن.تويغا قاتنىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا سېنى رەسۋا قىلىمەن.كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدىغان پەسكەشكە ئايلاندۇرىۋېتىمەن...مەن سۆيگەن قىزىم نەجىبەنى چاقىرىپ سېنىڭ رەسۋالىقىڭنى كۆرسىتىمەن...

       سەلىم سۆزلىگەچ قىزنى ئىتتەردى.دەل شۇ پەيتتتە،قىزنىڭ رەڭگى بىردىنلا ئۆزگىرىپ،كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.چىرايىدىكى مۇلايىملىق،ئۈمىدۋارلىق،قايغۇ-نادامەتنىڭ ئورنىنى بىردىنلا غەزەپ-نەپرەت ۋە رەھىمسىزلىك ئىگىلىدى.قىز خۇددى بالىسىدىن ئايرىلغان ئانا شىردەك،قۇترىغان دېڭىز بورىنىدەك غەزەپلىك نىدا قىلدى.

    -مەندىن باشقا كىم سېنىڭ مۇھەببىتىڭدىن بەھىر ئالالايدۇ!مېنىڭ يۈرىكىمدىن باشقا قايسى بىر يۈرەك سېنىڭ سۆيۈشلىرىڭدىن مەست بولالايدۇ؟!...

       قىز شۇنداق دېگىنىچە يېڭىنىڭ ئىچىدىن ئۆتكۈر خەنجەرنى چىقاردى-دە،سەلىمنىڭ كۆكرىكىگە ئۇردى.سەلىم كەينىگە سەنتۈرلۈپ،بوران زەربىسىدە سۇنغان دەرەخ شېخىدەك يەرگە يىقىلدى.قىز قان تېمىپ تۇرغان خەنجەرنى تۇتقىنىچە يىگىتنىڭ ئۈستىگە ئېڭىشتى.سەلىمنىڭ كۆزلىرى ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن خىرەلەشى،كالپۇكلىرى دىرىلدەپ تىترەشكە باشلىدى،ئۈزۈپ-ئۈزۈپ ئارانلا گەپ قىلالىدى:

       -سۆيۈملۈكۈم،ئەمدى ماڭا يېقىن كەل!راھىلە،ماڭا يېقىن كەل!مېنى تاشلىۋەتمە،ئۆلۈم ھاياتتىن قۇدرەتلىك.مۇھەببەت ئۆلۈمدىنمۇ قۇدرەتلىك.ئاڭلا،سۆيۈملۈكۈم،تويدىكى كىشىلەرنىڭ كۈلكە-چاقچاقلىرىنى،قەدەھلەرنىڭ سوقۇلغان ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغىن.مېنى ئۇلارنىڭ ئىچىىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىڭ.قوللىرىڭنى سۆيۈۋالاي.دەل مۇشۇ قوللار مېنى چۈشەپ تۇرغان كىشەنلەرنى پاچاقلىۋەتتى.ئامرىقىم،لەۋلىرىمگە سۆيۈپ قويغىن،دەل مۇشۇ لەۋلەر يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىكى سىرلارنى يېپىش ئۈچۈن يالغان سۆزلىدى.ئاخىرىدا قانغا بويالغان قوللىرىڭ بىلەن يۈز-كۆزلىرىمنى سىيلاپ قويغىن.روھىم ئەرشكە كۆتۈرۈلگەندە،قولۇڭدىكى خەنجەرنى ئوڭ تەرىپىمگە قويۇپ قويغىن.كىشىلەر ئۈمىدسىزلىك ۋە كۈندەشلىك ئازابىغا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋاپتۇ،دەپ قالسۇن.سېنى سۆيىمەن،راھىلە،سەندىن باشقا ھېچكىمنى سۆيگىنىم يوق.مېنىڭچە،توي كېچىسى سېنى ئېلىپ قېچىشتىن كۆرە يۈرىكىمنى،بەختىمنى ۋە ھاياتىمنى قۇربان قىلىش ياخشى..مېنى سۆيۈپ قوي،يۈرىكىڭدىن سۆيۈپ قوي.كىشىلەر مېنىڭ جەسسىتىمنى كۆرگىچە سۆيۈپ قوي...مېھرىڭگە ئوبدانراق قېنىۋالاي،جېنىم راھىلە!

    سەلىم قوللىرىنى قان ئېقىپ تۇرغان كۆكسىگە قويدى،ئارقىدىنلا بېشى شىللىققىدە يانغا قىيسايدى-دە،خۇدانىڭ دەرگاھىغا كەتتى...

    قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ زال تەرەپكە قارىدى ۋە ئەسەبىيلىك بىلەن توۋالىدى،ئاۋازى بەكمۇ قورقۇنۇچلۇق چىقتى،

    -ئەي ئادەملەر بۇياققا كېلىڭلار،بۇ يەردە توي مۇراسسىمى ئۆتكۈزىلىۋاتىدۇ،مانا بۇ تويى بولىۋاتقان يىگىت.ھەممىڭلار كېلىڭلار،ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن توي تۆشىكىنى كۆرۈڭلار،غەپلەت ئۇيقۇسىدىن چاپسانراق ئويغىنىڭلار،ھاراق كەيپىدىن خۇدىنى يوقاتقان بەندىلەر تېزرەك ئېسىڭلارغا كېلىڭلار،چاپسان كېلىڭلار!ئۆلۈم ۋە ھاياتلىقنىڭ سىرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار...

       قىزنىڭ غەززەپلىك ئاۋازى مەرىكە زالىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ئەكىس سادا قوزغىدى.ھەتتا كۆڭۈل خۇشلىقى ئىزدەۋاتقان كىشىلەرنىڭ قۇلاقلىرىغىچە يېتىپ،ئۇلارنى قاتتىق چۆچىتىۋتتى.ئۇلار دەسلەپ زەن قويۇپ ئاڭلدى.ئارقىدىنلا ئېسىگە كېلىشىپ زالدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقتى ۋە ئەتراپنى ئىزدەشكە باشلىدى،بىر جەسەتنىڭ يېنىدا تويى بولۇۋاتقان قىزنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ،كەينىگە داجىدى.بىرەرىمۇ قىزدىن نېمە ئەھۋال بولغانلىقىنى سوراشقا پېتىنالمىدى.ئۇلار جەسەتنىڭ كۆكرىكىدىن شۇرقىراپ چىقىۋاتقان قىپقىزىل قان بىلەن قىزنىڭ قولىدىكى خەنجەرنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ھاڭۋاققىنىچە تۇرۇپلا قالدى.

    قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا قارىدى.چىرايى كىشى كۆڭلىنى ئەزگۈدەك مۇڭلۇق،تولىمۇ ھەسرەتلىك ئىدى.

       -قورقۇنچاقلار يېقىنراق كېلىڭلار،-دېدى قىز ئۈنلۈك ئاۋازدا،-ئۆلۈمنىڭ سايىسدىن قورقۇش ھاجەتسىز،ئۆلۈم-ئۇلۇغتۇر.ئۇ سىلەرنىڭ ئاشۇ ئەرزىمەس روھىڭلارغا يېقىن بولمايدۇ.قولۇمدىكى خەنجەردىن قورقماڭلار،ئۇ بىر مۇقەددەس قورال.ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ناپاك جىسمىڭلار بىلەن زۇلمەتلىك يۈرىكىڭلارغا سانجىلمايدۇ.توي كىيمى كىيگەن بۇ كېلىشكەن يىگىتكە قاراپ بېقىڭلار.ئۇ مېنىڭ سۆيگىنىم،مەن ئۇنى ئۆلتۈرۋەتتىم.چۈنكى،ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى ئادىمىم.شۇنداق،ئۇ مېنىڭ ئاشىقىم.مەن ئۇنىڭ مەشۇقى،بىز ئىلگىرى بۇ دۇنيادىن ئۆزىمىز پاتقۇدەك تۆشەك ئىزدىگەن ئىدۇق،بىراق تاپالمىدۇق،چۈنكى،بۇ دۇنيا سىلەرنىڭ ساختا ئادەت ۋە قائىدە نىزامىڭلار دەستىدىن بەكمۇ تارلىشىپ كەتكەن،سىلەرنىڭ نادانلىقىڭلاردىن قاپقاراڭغۇ جاڭگالغا ئايلىنىپ كەتكەن..ھاۋايى-ھەۋەس ۋە كەيىپ-ساپايىڭلار دەستىدىن چىرىكلىك پاتقىقىغا پېتىپ كەتكەن ئىكەن،شۇڭا بىز باشقا بىر دۇنياغا كېتىشكە رازى بولدۇق...قورقۇنچاقلار،يېقىنراق كېلىپ قاراپ بېقىڭلار،سىلەر بەلكىم ئىككىمىزنىڭ چىرايىدا ئەكىس ئەتكەن نۇر جىلۋىسىدىن ئاللانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ھېس قىلىشىڭلار مۇمكىن.بەلكىم،ئىككىمىزنىڭ يۈرەك رېتىمىدىن ئاللانىڭ شېرىن ئاۋازىنى ئاڭلىيالىشىڭلار مۇمكىن.ھېلىقى زەھەرخەندە ئايال نەدە؟دەل شۇ لەنىت ئايال مېنىڭ سۆيگن ئادىمىمنىڭ يۈرىكىنى پارە قىلدى.ماڭا،سەلىم سېنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتى،مېنى ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالدى،دېدى.بۇ پەسكەش ئايال تېخى پوپنىڭ قولى مېنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۇغقىنىنىڭ پېشانىسىگە تەگكەن چاغدا ئۆزىنى غەلىبە قىلدىم دەپ ئويلىدى.قۇۋلۇق-شۇملۇقتا ئۇچىغا چىققان نەجىبە قېنى؟ۋەيلۇن دوزاقنىڭ زەھەرلىك چايىنى قېنى؟ئۇنى بۇ يەرگە باشلاپ كېلىڭلار،ئۇ ئۆز كۆزى بىلەن سىلەرنىڭ بۇ يەرگە يىغىلىپ،مېنىڭ ئۇ تاللاپ بەرگەن ئەر بىلەن بولغان توي مۇراسسىمىمنى ئەمەس،بەلكى چىن يۈرىكىمدىن ياخشى كۆرىدىغان يىگىتىم بىلەن بولغان توي مەرىكەمنى تەبرىكلەۋاتقىنىڭلارنى كۆرسۈن!

       سىلەر گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيسىلەر.چۈنكى نەرە تارتىۋاتقان دېڭىز دولقۇنى ھەرگىزمۇ يۇلتۇزلارنىڭ ناخشىسىنى چۈشەنمەيدۇ.سىلەر ئۆز بالىلىرىڭلارغا بىر قىزنىڭ توي كېچىسى ئۆزى سۆيگەن ئادىمىنى قانداق قىلىپ ئۆلتۈرۋەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىڭلار.گېپىمنى قىلغان چېغىڭلاردا ماڭا لەنەت ئوقۇسىلەر،ئەمما ئەۋلادىڭلار ماڭا بەخت تىلەيدۇ.چۈنكى،كېلەچەك ھەقىقەت ۋە ھاياتلىققا مەنسۇپ.
     
       ئەي، ئەخمەق ئەر!سەن ھىيلە-مىكىر،پۇل ۋە مال،رەزىل ۋاستىلەر بىلەن مېنى ئىگىلىمەكچى بولدۇڭ.سەن دەل قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن يورۇقلۇق تېپىشقا،قۇملۇق ئىچىدىن سۈزۈك بۇلاق چىقىرىشقا،تىكەنلىك ئىچىدىن ئەتىرگۈل ئۆستۈرۈشكە تەمشىلىۋاتقان بەختسىز مىللەتنىڭ سىموۋلى.گويا ئەما كىشى قارىغۇلارچە يۆنىلىش بەلگىلىگەندەك ئۆزۈڭنىڭ نادانلىقىغا بويسۇنىۋاتقان دۆلەتنىڭ سىموۋلى.سەن يەنە زىبۇ-زىننەت ئۈچۈن ئادەم ئۆلدۈرۈپ بۇلاڭچىلىق قىلىشتىن يانمايدىغان ساختا شۆھرەتلىك ئەركەكلەرنىڭ ۋەكىلى.سەن ھېچنىمىگە ئەرزىمەس پەسكەش بولغىنىڭ ئۈچۈنلا سېنى كەچۈرىمەن.چۈنكى،شاد-خۇراملىقتىن مەھرۇم بولغان يۈرەك بۇ دۇنيانىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى كەچۈرۋېتىدۇ.

       دەل ئاشۇ چاغدا قىز قولىدىكى خەنجەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ سۈرلۈك بىر تەرزدە ئەتراپتىكىلەرگە لاپپىدە قارىدى-دە،كۆكسىگە ئۇردى.ئاقىدىنلا كېسىپ تاشلانغان پىياز گۈلىدەك سۆيگىنىنىڭ قېشىغا يىقىلدى.بۇنى كۆرگەن ئاياللار قورققىنىدىن رەڭگى ئۆچۈپ كەتتى.بەزىلىرى ھۇشىدىن كېتىپ يەرگە يىقىلدى.ئەرلەر ئۆرە-تۆپە بولۇپ كەتتى،ساراسىمە ۋە قوقۇنچ ئىچىدە قالغان كىشىلەر بۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنىڭ جەسىتىگە قاراپ ھاڭۋاققىنىچە تۇرۇپ قالدى.

    قىزنىڭ قاش تېشىدەك ئاپئاق كۆكسىدىن قىپقىزىل قان ئوخچۇپ چىقماقتا ئىدى.ئۇ بارغانسېرى نۇرى ئۆچۈۋاتقان كۆزلىرى بىلەن ئەتراپتىكى كىشىلەرگە قارىدى ۋە نىمجان ئاۋازدا:

    -ئەي نومۇسسىز ئادەملەر.يېقىن كەلمەڭلار.بىزنى ئايرىۋېتىمىز دەپ خام خىيال قىلماڭلار.بولمىسا روھلىرىمىز گېلىڭلاردىن بوغۇپ ئۆلتۈرىدۇ.ئېچىرقاپ كەتكەن قارا يەرنىڭ قونى ئىككىمىزنىڭ جەسسىتىنى بىراقلا يۈتۈپ كەتسۇن.خۇددى قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقىدىن ئۇرۇقنى ئاسرىغاندەك،ئۆزىنىڭ پايانسىز باغرىدا بىزنى ئەبەدىي ساقلىسۇن،-دېدى.

       قىز نىمجان جىسمىنى سۆيگەن يىگىتىنىڭ ئۈستىگە چىڭ چاپلاپ،مۇزدەك سوۋۇشقا باشلىغان لەۋلىرى بىلەن ئۇنى سۆيدى.ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىدىن قالغۇچە ئۈزۈپ-ئۈزۈپ ئاران گەپ قىلدى:

    -قەدىرلىكىم،كۆزۈڭنى ئېچىپ بىر قارىغىنا،بەرنا يىگىتىم!قارا،بىزنىڭ تۆشىكىمىزنى چۆرىدەپ تۇرغان بۇ ئادەملەر نېمىدىگەن ئىچى يامان-ھە،ئۇلار بىزگە ھومىيىپ قاراپ تۇرىدۇ.ئاڭلا،ئۇلارنىڭ چىشلىرى غۇچۇرلاۋاتىدۇ...بىزگە بولغان غەززەپ نەپرىتى قايناپ تېشىۋاتىدۇ.سەلىم،مېنى ئۇزاق كۈتتۈڭ.مانا،ھازىر مەن قېشىڭدا،مەن ئاللىقاچان روھىي كىشەنلەرنى پاچاقلاپ تاشلاپ مېنى چۈشەپ تۇرغان ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇم.بىز زۇلمەت قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە ناھايىتى ئۇزۇن تۇردۇق.ئەمدى دەرھال يولغا چىقايلى.قۇياشقا بارايلى...ئۇھ،ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە تۇتۇق،خىرە،مەن پەقەت سېنىلا كۆرىۋاتىمەن،قەدىرلىكىم!لەۋلىرىم ئارىسىدىن ئەڭ ئاخىرقى بىر تىنىق چىقىۋاتىدۇ،سەلىم،بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ماڭايلى،مۇھەببەت ئىلاھى ئالدىمىزدا قانات قېقىپ پەرۋاز قىلماقتا،نۇرلۇق دۇنياغا قاراپ ئۇچماقتا.

       قىز ئاخىر سەلىمنىڭ قۇچىقىغا يىقىلدى.ئىككىسىنىڭ ئىسسىق قانلىرى قوشۇلۇپ كەتتى.قىز بېشىنى يىگىتنىڭ بوينىغا قويۇپ،كۆزلىرىنى يىگىتنىڭ كۆزلىرىگە تىككەن پېتى قېتىپ قالدى.

       كىشىلەرنىڭ زۇۋانى تۇتۇلدى.چىرايلىرى تامدەك تاتىرىپ كەتتى.گويا بۇ ئۆلۈم ئۇلارنىڭ جاسارىتى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئېلىپ كەتكەندەك پۇت-قوللىرىدا جان قالمىدى.

       بۇ چاغدا ئۆزىنىڭ دىنىي ۋەز-نەسىھەتلىرى بىلەن توي گۈلچەمبىرىدىكى توقۇغان پوپ يېتىپ كەلدى.ئالاقزادىلىك ئىچىدە تۇرغان كىشىلەرنى كۆرۈپ،ئوڭ قولى بىلەن  جەسسەتنى كۆرسەتتى.ۋە دەرغەززەپ بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى:

    -ئالدىمىزدىكى بۇ گۇناھ ۋە شەرمەندىلىك بىلەن بۇلغانغان ئىككى تەنگە سوزۇلغان قوللار قارغىشقا ئۇچرايدۇ.جىن-شەيتانلار تەرىپىدىن دوزاققا بەخشەندە قىلىنغان بۇ ئىككى يامان روھ ئۈچۈن ياش تۆككەن كۆزلەر لەنەت-نەپرەتكە قالىدۇ!سادامنىڭ ئوغلى بىلەن ئامۇرانىڭ قىزىنىڭ ناپاك جەسسىتى ئزلىرىنىڭ قېنى بىلەن بۇلغانغان يەردە قېپقالسۇن!ئېچىرقىغان ئىتلار ئۇلارنىڭ جەسسىتىنى پارە-پارە قىلىۋەتسۇن.قارا قۇيۇن ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى ھەريانغا ئۇچۇرۇپ كەتسۇن!ئەي ئادەملەر،ئۆيۈڭلارغا قايتىڭلار.ئىپلاسلىق بىلەن بۇلغانغان،گۇناھ بىلەن تولغان بۇ ئىككى يۈرەكتىن تارقىلىۋاتقان سېسىق ھىدتىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرۇڭلار.پاسىق جەسەتنىڭ قېشىدا تۇرغان كىشىلەر تارقىلىپ كېتىڭلار!ۋەيلۇن دوزاقنىڭ ئوتى سىلەرنى يالماپ كەتكۈچە بۇ يەردىن تېزىرەك كېتىڭلار.ئاراڭلاردا كىمدە كىم بۇ يەردىن كەتمەيدىغان بولسا،دىنىي ئەمىر-مەرۇپلىرىمىز تەرىپىدىن يەكلىنىپ جەمىئيەتتىكى ئەڭ رەزىل ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىۇ.ئىخلاسمەن مۇرىتلار ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس چېركاۋنىڭ بوسۇغىسىدىن كىرەلمەيدۇ،خىرىستىئان مۇرىتلىرى ئۆتكۈزىدىغان چوقۇنۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشالمايدۇ.

    بۇ چاغدا سۇسان كىشىلەر توپى ئارىسىدىن ئالدىغا چىقتى،ياشقا تولغان كۆزلىرى بىلەن پوپقا مىختەك تىكىلىپ:

    -مېنىڭ بۇ يەردە تۇرغىنىم تۇرغان،سەن كوزى كور مۇرتەت!مەن بۇ يەردە تۇرۇپ ئۇ ئىككىسىنى ساقلايمەن.تاڭ ئاتقۇچە ساڭگىلاپ تۇرغان مەجنۇنتال شاخلىرى ئاستىدا ئۇلار ئىككىسىگە قەبرە قازىمەن.ئەگەردە مېنى توسساڭ بارماقلىرىم بىلەن بولسىمۇ يەر ئانىنىڭ باغرىنى ئچىمەن!ناۋادا ئىككى قولۇمنى باغلاپ قويساڭ چىشلىرىم بىلەن بولسىمۇ ئۇلارغا قەبرە كولايمەن.سىلەر خۇش پۇراق ھىد تاراۋاتقان بۇ جايدىن يوقىلىڭلار!پەقەت نىجىس قاۋانلار بۇ ھىدتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.پەقەت ئوغرىلا ئۆي ئىگىسىدىن ۋە تاڭنىڭ يورىشىدىن ئۆلگۈدەك قورقىدۇ.ئەي ئەخمەق بەندىلەر،زۇلمەت باسقان كۆلبەڭلەرگە تېزرەك قايتىڭلار!پەرىشتلەرنىڭ مۇھەببەت يولىدا قۇربان بولغان بۇ بىرجۈت ئاشىق-مەشۇقنىڭ جەسىتى ئۈستىدە ئېيتقان گۈزەل ناخشىلىرنىڭ سادالىرى سىلەرنىڭ گاس قۇلاقلىرىڭلارغا كىرمەيدۇ،-دېدى يۈرەكلىك ھالدا.

       پوپ قاپىقىنى تۈرۈپ ئەتراپقا قارىدى.كىشىلەر ئاستا-ئاستا تارقالدى.پەقەت سۇسانلا گويا جىمجىت كېچىدە ئامراق بالىسىغا قاراۋاتقان ئانىدەك ئەبەدىيلىك ئۇيقۇغا كەتكەن بۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنىڭ قېشىدا قالدى.كىشىلەر ئاستا-ئاستا تارقىلىشتى.باغدا ھېچكىم قالمىغاندا سۇسان ئازاپ بىلەن بوغۇلۇپ-بوغۇلۇپ يىغلىۋەتتى....


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.