كاسساندرا تامغىسى (11)

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-28 18:17:22

مەنمەنچىلىكىڭگە چەڭ قويۇلمىدى، يېۋگېنىيە ئاخىرى كېتىپ قالدى، بىراق سەن ئاڭا بۇنچە قايغۇرۇپ نېمە قىلىمەن، باشقىسىنى تاپىمەن، مانا بىر ئاز قولۇم بوشاپ قالسا ئىككى تەرەپكە كۆز يۈگۈرتىمەن، ئەتراپتا ئايال دېگەن كۆپ، سۆزسىزلا ئۆزۈمگە ياققاننى، ئەڭ ئالدى بىلەن ئ

    كاسساندرا تامغىسى (11)
     
    چىنگىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان)
    (رومان)
    يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمىسى
    قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تىل فاكۇلتېتى
     
    تۆتىنچى بۆلۈم (8)
    مەنمەنچىلىكىڭگە چەڭ قويۇلمىدى، يېۋگېنىيە ئاخىرى كېتىپ قالدى، بىراق سەن ئاڭا بۇنچە قايغۇرۇپ نېمە قىلىمەن، باشقىسىنى تاپىمەن، مانا بىر ئاز قولۇم بوشاپ قالسا ئىككى تەرەپكە كۆز يۈگۈرتىمەن، ئەتراپتا ئايال دېگەن كۆپ، سۆزسىزلا ئۆزۈمگە ياققاننى، ئەڭ ئالدى بىلەن ئەخلاقىي ئۆلچەملىرى يوق بولغاننى، ئىشىڭدىن ئەدەب - ئەخلاق جەھەتتىن كۆپ شەكلىنىپ كەتمەيدىغاندىن بىرنى تاللاپ ئالىمەن دەپ ئويلىدىڭ، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئايالنى ئۆزۈڭنىڭ يېنىدا شۇنداق ئاتومشۇناسلارنىڭ چاھارباغلىرى جايلاشقان، تاللانغان ئادەملەر ئۈچۈن ئارنالغان «فېئوداللىق» ھەشەمەتتىكى ئاكادېمىيىلىرىنىڭ چاھار بېغىغا ئېلىپ كېلىسەن، بىراق ئورۇنلىشىشقا تولۇق مۇمكىن بولۇپ يەنە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ كۆرۈنگىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ بىرەرسىمۇ شۇ ئورنىدىن ئۇتۇق بىلەن چىققان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، ئۇنىڭ جىمىسىگە چاماڭ يەتمىدى، مانا مۇشۇلار كېيىنكى ھاياتىڭنى يەنە كېيىن كائىناتقا، ئوربېتىلىق ئىستانسىغا كېتىپ قېلىشىڭغا، ئۆزۈڭنى«كائىناتنىڭ كاھىنى مەن» دەپ ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلىغان شەرتلەرنى ئېنىقلىدى.
    ئۇ ۋاقىتلاردا سەن ئاكادېمىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىتتا يېتىشەرلىك، بەلگىلىك كۆزگە كۆرۈنگەن ئادەم بولدۇڭ ھەم ئىلىمنى ھامىي قىلغان سىياسىي ئورگانلارنىڭ ئالاھىدە نەزەرىدىن پايدىلىنىپ قالغانسەن، خاسلىقنى ئېيتىش كېرەك، بۇ جەھەتتىن س س س مەركىزىي كومىتېتى تېگىشلىك سەۋىيىدە بولۇپ چىقتى، شۇنداق ئىكەنلىكىگە سەن ئۆز تەجرىبەڭدىن نەچچە رەت كۆزۈڭ يەتكەن، مەركىزىي كومىتېتنىڭ نازارەتلىرىدىن، كۆزەت كۆزىدىن تۈزۈلگەن ھېچ ئاۋازسىز يەنە «ئاگاھلاندۇرۇشسىز»لا تەتقىقات ئىنستىتۇتىڭغا، ھەممىدىن بۇرۇن مەلۇم بىر تەجرىبىخاناڭغا خالىغانچە ئىقتىسادلار بىلەن ئىمتىيازلار بېرىلىپ تۇردى، ئۇھ، يۇقىرى ھوقۇقتىكىلەرنىڭ كۆيۈمچانلىقىغا ئىمپىرىيىلىك ساراينىڭ يۇمشاق قوللۇقىغا، ئاق سۆڭەكلەرچە مېھرىبانلىقىغا ئادم قانداقچە تېز كۆنمەيدۇ دەيسەن، دۇنيادا ھەمىشىلا ئاشۇنداق بولاتتىمۇ يەنە دائىما شۇنداق بولامدۇ دەپ سورايسەن، ھازىر ئۆزۈڭدىن مىسال ئىزدەپ يىراققا چېپىشىڭنىڭ كېرىكى يوق، پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى، يېتەكچىسى، ئاتوم تەتقىقاتچىسى، تېلېفوندىن يەنە شەخسىي سۆزلىشىش كەلگەندە ئېسىڭگە سېلىشنى ئۇنتۇماي: «ئاندرېي ئاندرېيېۋىچ، خۇدا ھەققى، نېمە كېرەك بولسا ئېيتىپ تۇرۇڭ، خاتىرجەم ئىشلەڭ، باغدارلىمىڭىزنى دۆلەت زۆرۈر نەرسىلەرنىڭ جىمىسى بىلەن غەمسىز قىلىشقا تەييار، نېمە... ترانسپورت، قىسقىسى نېمە كېرەك بولسا ھەممىسىنى سورىسىڭىز...، تارتىنماڭ، بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىۋاتىسىز».
    دۇنيانىڭ يېرىمىغا سوزۇلۇپ ياتقان پۈتكۈل دۆلەتنىڭ نامىدىن دېيىلگەن مەدھىيە ۋە خوشامەتلەردىن، مۇنداق شىر مەردلىكلەردىن سەن ئوڭايسىزلىنار ئىدىڭ، قارىغۇلارچە ئۆلۈك، ئۈنۈمسىز ئىلمىي تەجرىبە بۇيۇملىرىغا پارتىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ سېنى تەكرار، كۆپرەك قىزىقتۇرغانلىقى سېنى ئۇيالدۇردى، بىراق، سەن ئۈن چىقارمىدىڭ، ياق، سەن قارشى تۇرغۇچىمۇ ئەمەس، يەنە سېنى ئالىي يېتەكچىلەرگە ناھايىتى قىزىقسىنارلىق كۆرۈنگەن قانداقتۇر بىر تاڭ قالدۇرغۇچى لايىھىدىن باش تارتماس ئىجراچىسى سۈپىتىدە قارىماسلىق كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچىمۇ ئەمەس سەن، بەرھەق، ئۆزۈڭنى ئۆز قەرەلىڭدە توختىتىشىڭ كېرەك بولدى، كېيىن چۈشىنىشلىك بولغاندە، شەكسىز ئەمەلىيەتچانلىقىڭغا، ئىشەنچىڭگە ئاساس ياكى مەۋقە بەرمەسلىك كېرەك ئىدى، بىراق سەن يا ئاجىز، يا پرىنسىپسىز، يا قەلبىڭ مەنسەپپەرەسلىككە، ھۆكۈمرانلارغا تەخسىكەشلىك قىلىشقا يات بولمىسا كېرەك، شۇ ۋەجىدىن ئويلىنىشتۇرۇلغاندىن تارتىپ قوش ئەھمىيەتلىك ئىلمىي باغدارلارمانى يېتەكلەشنى دەل شۇ ساڭا تاپشۇرغانلىقلىرى ئۆزىدىن - ئۆزى چۈشىنىشلىك بولۇپ قالغان ئەمەسمۇ، ئۇ ئىش «جىنسلارنىڭ ھامىلىلىك تەرتىپكە سېلىنىشى» دەپ ئاتالغان، بىراق ئۇنىڭ نېگىزلىك مەقسىتى پىنھان تۇغۇلغۇچى ئالاھىدە ئادەملەرنىڭ نەسلىنى ئاپىرىدە قىلىش ئۇسۇلىنى ئىشلەپ چىقىرىش ئىدى.
    بۇنداق ئىش دۇنيا مىقىياسىدا بولۇپ كۆرۈلگەن ئەمەس، پانىيلىقتىكى پائالىيەتلەرگە توغرىدن - توغرا ئېتىلىپ چىققان قاراقچىدەك بولۇپ، مۇشۇ ئىشقا ئارىلاشتىڭ، ئاڭقۇرتلارنىڭ، نامى پىنھان، ئاتا - ئانىلارنىڭ نامى يوشۇرۇن، ئاياللار تۇغقان، باشقىچە ئېيتقاندا، يوشۇرۇن ياسىلىپ چىقىرىلغان ئادەملەرنىڭ نەسلىنى چىقىرىش پىنھان تەجرىبىخاناڭنىڭ ئاساسىي مۇددىئاسى بولۇپ چىقتى.
    «ئاڭقۇرت» دېگەن ئاتالغۇ - سېنىڭكى ئەمەس، سۆزنى ھەممە سۆزلەر ئارىسىدىن ئويلاپ تېپىپ ھەربىي ئىلىمنىڭ پارتىيىلىك نازارەتچىلىرى قۇراشتۇرۇپ چىقىرىشقان، كۆپ ئۆتمەي، ئۆزىچىلا بىر “ئىنقىلابىيىلىك” دېگەنگە يېقىنلاشقان ئىمبە - پارول بولۇپ قالدى، چۈنكى ئاڭقۇرتلارنى تەجرىبە يولى بىلەن چىقىرىشنىڭ مەقسىتى پۈتۈنلەي يېڭى ئادەمنىڭ تۈرىنى، ئىدىئولوگىيىنىڭ كېلەچەكتىكى چەۋەندازلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئىدى، ئاڭقۇرتلار 20 - ئەسىرگە ئۆزىنى ئاتىغان، پىداكار ئىنقىلابچىلار بولۇپ قېلىشىدۇ، كۆزلىگەن مەقسەت شۇ بولۇپ قالىدۇ، بۇندىن پارتىيىۋى يولباشچىلار ئۆلۈۋاتقان دۇنياۋى كوممۇنىستىك ئىدىئولوگىيىدىكى جانلاندۇرۇشنىڭ يەنە ئىنقىلابىيلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى شەكلىنى ئالدىن كۆرۈشكەن، ئۇنى بوينۇڭغا ئېلىپ ئېتىراپ قىلساڭ، قۇلىقىڭ كۆپ ئۆتمەي « ئاڭقۇرت» دېگەن يېڭى سۆزگە، ھەمدە قەلبىڭ سەن قىلىۋاتقان ئىشقا كۆنۈشكە باشلايدۇ، سەن ئۇنداق قىلغىنىڭ بىلەن سېنىڭ تەجرىبىلىرىڭ بۇ ئىلىم - پەن ھەمدە ئۇنىڭ نەتىجىسى - قىيىن مەسىلەڭ ئەمەس، دېگەنگە ئۆزۈڭنى ئىشەندۈرەلىدىڭ.  
    توختا، جىددىيلەشمە، بۇ يەردە ھەممىنى ئۆز ئورنىغا قويۇۋېلىش كېرەك، بەرھەق، ئادەمنىڭ يېڭى تىپىنى چىقىرىشنىڭ لايىھىسى مۆلچەرلەنگەن باغدارلارمانى ئەسكە ئېلىپ، «ئاڭقۇرت» دېگەن ئاتالمىنى پارتىيە ئورگانلىرىنىڭ ئىلتىماس قىلغانلىقى چۈشىنىشلىك، بىراق ئەڭ بېشىدا باغدارلىماغا قارشى تۇرمىدىڭ، باش تارتمىدىڭ، چەتكە چىقىۋالمىدىڭ، سېنى يېڭى دارۋىن دەپ ئاتاپ قويۇشقانلىرى ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا بۇنداق قۇلاق ئاڭلىمىغان باغدارلامانىڭ سېنىڭ نەزەرىيىۋى ھەم ئەمەلىي ئىشلىرىڭدىن، بۇ مەسىلە بويىچە سېنىڭ مۆلچەرىڭدىن كېلىپ چىققانلىقى سېنى ئانچە ئوڭايسىزلاندۇرمىدى، ئاڭقۇرتلارنىڭ نەسلىنى چىقىرىش بويىچە باغدارلىمانىڭ ئىلمىي يېتەكچىسى بولغىن دېگەن ئىلتىماسقا سەن دەررۇ ماقۇل بولمىغانلىقىڭ دەل بېرىلىپ تۇرغان تەبئىي ئىش سىياقىنى ئالدى، سەن ئويلىنىپ كۆرەي دەپ ۋەدە بەردىڭ، بىراق باش تارتمىدىڭ، ئۇندىن قالسا باش تارتىش كېرەكمىدى، يەنە باش تارتىش مۇمكىنمۇ؟ «يالغۇز تېرىق بوتقا بولمايدۇ»،«يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس»، ئەمەسمۇ، سېنى ئۇ چاغدا قەدىرلەپ ئارقا - ئارقىدىن تەكلىپ قىلىپ تۇرۇشقان ئىدى، شۇڭا تەخت بېشىڭىدىكىلەردەك ئېغىزدىن چىققانلارنى شارتتىدە كېسىپ چەتكە قېقىش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
    ھەقىقەتەندىمۇ شۇنداق بولاتتى، شۇ كۈنى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىلتىماسىغا سەن ئويلىنىپ كۆرەي دېگەندە، سەن كونا مەيدانغا، سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى ھەم ئىدىئولوگىيىلىك مەسىلىلەر ۋە خەلقئارالىق كوممۇنىزم ھەرىكىتى بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتنىڭ سېكىرىتارى كونيۇخانوۋ ۋادىم پېتروۋىچقا چاقىرىلدىڭ.
    قەدىمكى مەيدانغا سەن ئادەتتىكىدەك كەلدىڭ، ئانچە كۆپ ئەمەس، بىراق ھەر قانداق سەۋەبلەر بىلەن بۇ يەرگە يىلدا بىر نەچچە رەت كېلەتتىڭ، بۇ قېتىم سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەمەلدارلىق قارا «ۋولگا»ڭدا غۇيياڭشىپ موسكۋانىڭ كوچىلىرىدىكى يول ئاچقان كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئالاچەكمەن قىلىپ غۇيۇلداپ يۈرۈپ ماشىنىلارغا كەڭ - كۇشادە كۆز يۈگۈرتۈپ قويۇپ كېلىپ قالدىڭ، ئەگەر كىشىلەر نەگە ھەم نېمە ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىڭنى بىلىشسە، ئۇنداقتا ئۇلار كوچىنى توغرا توسۇۋېلىشىپمۇ، ماشىناڭنى تېرە - باران قىلىپ، ئۆزۈڭنى چالما - كېسەككە چۈنكەپ ئۆلتۈرۈشىدۇ، شۇنداق بولغاندىمۇ بۇنىڭغا ھېچكىم ھەيران قالمايدىغان ئىش بولمايدۇ، خۇدا ئۇلارنىڭ قەھرى - غەزىپىنى كەچۈرىدۇ.
    چۈشتىن كېيىنكى موسكۋا، ئادەتتىكىدەك كىشىلەرگە مىغ - مىغ بولىدۇ، ئالاھىدە شەھەرنىڭ مەركىزىدە ئۇلار تۇيۇشتىمۇ - ياقمۇ؟ بىراق ئۇلار ئۈچۈن شۇ سائەتتە بارلىق تىرىكچىلىكنىڭ قىيىن مەسىلىسى بىر نەرسىنى ئىزدەشتە، ئوي-سانالىرىنىڭ بارى بىر نەرسە ئېلىشتا، بىر نەرسىگە ئېرىشىشتە، يېتىشتە يەنە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تىنىمسىز ھەرىكەتلەردە بولدى، بىراق ئۇلاردىن ئانچە يىراق ئەمەس يەردە كىمدۇر بىراۋ يارتىلىشقا، تارىخقا، خۇداغا، ئادەملەرگە، قەتئىيلىككە قارشى تۇرغۇچى قانداقتۇر بىر ئىش ئويلاشتۇرۇلۇپ قويغانلىقى، شۇ ئىشتىن كېيىن دۇنيا باشقىچە، قايتىدىن يارىتىلغاندەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچكىمىنىڭ بېشىغا، كۆز چىمچىقىغىمۇ كەلگەن يوق، بۇ ئويىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇشقا تولۇق مۇمكىنلىكى بار ئۇ ئادەم شۇ پەيتتە ئۇچقاندەك ماڭغان پىكاپدا ئۇلارنى يانداپ سىپاپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، يەنە بۇ ئادەمگە ئائىلە، ئاتا - بوۋىسى، بوغۇنلارنىڭ نەسىل قوغلىشىشى دېگەن چۈشەنچىلەر قورامساق سۆزلەر بولۇپ قالغان، ئۆزى نەدىن يارالغانلىقى ۋە كىمنى ياراتقىنى ھەققىدە قىلچىلىكمۇ چۈشەنچىسى يوق بولۇپ قالغان، پۇرسەتنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقىنى كىشىلەردىن ھېچكىم شۇ سائەتتە، ئەلۋەتتە، بىلگەن ئەمەس، بۇ ۋەزىپىلەرنى ئائىلىنىڭ ئورنىدا مەملىكەت ئاتا  ئىجرا قىلىۋاتقان...
    ئەلۋەتتە، ئۇ ئالەمشۇمۇل پروگرامما-باغدارلاما يالغۇزلا سېنىڭكى ئەمەس، ئىدىئولوگىيىلىك ئالدىن كۆرەرلىك سېنى ئەمەس باشقىلارنىمۇ شۇنداق ھالەتكە كەلتۈرىدۇ، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بىراق ھاكىممۇتلەقچىلىكتىكى مەملىكەتنىڭ قارا نىيەت كۈچلىرىنىڭ ئۇلاردىن ئۆز مەقسەتلىرىدە پايدىلىنىش مەپكۇرەسىگە سەن خىزمەت قىلدىڭ، سېنىڭ ئىلمىڭ خىزمەت قىلدى، تەجرىبىلىرىڭ تۈرتكە بولدى، ئۇ ھەقتە سەن ھازىر، بارلىق ئىشلار يۈز بېرىپ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن كېچىكىپ ئېيتىپ ئولتۇرىسەن، بىراق ئىلمىي كەشپىياتلىرىڭدىن قانداق ئەمەلىي يەكۈن چىقارسا بولۇشىنى شۇنىڭدا مۆلچەرلىگۈچىسەن، شۇنىڭغا قارىماي، ئۇنىڭ ساڭا بىۋاستە لازىمى يوق دەپ ھېسابلايسەن- دە، ئۇ ھەقتە ئويلىماسلىققا، چوڭقۇرلاشماسلىققا ھەرىكەتلىنىسەن، كۆرسە، بەغايەت تەپەككۇر بار ئىكەن، ئۇ پۈتۈنلەي قۇرۇق خىيال ئەمەس ئىكەن، سەن قىلىۋاتقان ئىشلار ھۆكۈمرانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن تەجرىبىچىلەرنىڭ ئىلمىي تاماشا ئويۇنى، زوقى ئەمەس ئىكەن، سەن ئۇنى مەركىزىي كومىتېتقا كەلگەندە چۈشەندىڭ.
    بۇ قېتىم كىرىشتە قەدىمىڭنى كونيۇخانوۋنىڭ كاتىبەسى توسۇۋالدى- دە، ئايرىم شەخسىي لېفىت بىلەن بارلىق كۆزەتكۈچى، كۆزەتلەردىن يانداپ ئۆتۈپ، يەتتىنچى قەۋەتكە ئېلىپ چىقتى، كونيۇخانوۋ كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن، ئۇ ئىشىكنى ئۆزى ئېچىپ سېنى ئىشخانىسىغا چاقىردى.
    -ئاندرېي ئاندرېيېۋىچ، سىزنى كۆرگىنىمگە خۇشالمەن!- دەپ كۆز ئەينىكىدىن كۆزلىرىنى پارىلدىتىپ قارىغاندا كۆز نۇرۇڭلار ئۇچرىشىپ قالدى، ئۇنىڭ كىچىك پېئىللىكىدە ياسالمىلىق يوق ئىدى، كىرىڭ، بىز سىز بىلەن ئاندا - ساندا بىر كۆرۈشىدىكەنمىز، كېلىڭ، بىر ئاز سۆزلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقارغىلى سىزنى كېلىدىكەن دەپ ئاتايىن كۈندىلىك ئىشىمىزنى بىر ياققا قايرىپ قويدۇم .قارا باسقۇرنى، شۇنداق، سىز راست ئېيتىسىز، تېز - تېز ئالاقە قىلىپ تۇرساق ياخشى بولار ئىدى، ئاندرېي ئاندرېيىۋىچ بىراق ئۇنىڭ جىمىسىگە ۋاقىت كېرەك، ۋاقىت! ۋاقىت، كېلىڭ!- ئۇندىن كېيىن كاتىبەسىگە ئەسكەرتتى، ھېچقانداق قوڭغۇراق دېگەن چېلىنمىسۇن، مەن  يوق.
    ئۇلارنىڭ بۇ ئۇچرىشىشىغا قانداقتۇر بىر ئۆزگىچە مەنا بېرىلگەن دەپ چۈشەنسىمۇ بولىدۇ، ھەقىقەتەندىمۇ شۇنداق بولۇپ چىقتى.
    كونيۇخانوۋ ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ئىدى، ئادەمنى ئۆزىگە تارتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى، ئۇ سىلىق - سىپايە ئىدى، گەپنى دىققەت قويۇپ ئاڭلاپ ئويلىنىپ سۆزلەيتتى، كىيىم - كېچىكىدە ئوشۇق ھېچنەرسە يوق، كاستيۇم، ئۇنىڭ ئۆڭ - سۆلىگە لايىق گالىستۇك، ياخشى يارىشىملىق ئايىغى، ئوشۇقچە تاماق يەپ، ئوشۇقچە ئىچىملىك ئىچمىگەن، ئۆز سالاھىيىتىنى بۇزمايدىغان ئادەم. تۇنۇق كۆز ئەينىكى جۈدەڭگۈ يۈزىگە يارىشىپ تۇرىدۇ، «ئۆچكىنىڭ ساقالنى چاپلاپ قويسا درېرژنىسكىيىنىڭ دەل ئۆزى بولىدۇ!» دەپ ئويلاپ قويدۇڭ سەن نېمە ئۈچۈندۈر؟ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ سېكرىتارى ھەققىدە پىكىرلەر يامان ئەمەس بولدى، ئەكسىچە، كۆپچىلىكى ئۇ ھەقتە تالاي ئويلىغان ئادەم سۈپىتىدە ياخشى سۆزلەرنى قىلىشاتتى، سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىرى ئىچىدىن ئۇ يوشۇرۇن بىرسى ئىدى، ئەللىككە يېقىنلاپ قالغان، يەنە ھەممىدىن جاپاكەش دەپ ھېسابلىناتتى، مەنسەپتە دىپلوماتىيىلىك خىزمەتتە يۈرۈپ زىيادە ئاقىللىق بىلەن ئارقىدىن تېزلا يېتىشىۋالغان بىز ئۈچۈن سىياسىي ياقتىن ئالاھىدە ئېتىبارلىق دېيىلگەن دۆلەتلەردە شىمالىي چاۋشەندە مەسلىھەتچى، ئاندىن كېيىن ئەلچى، ۋېيتنامدا، كۇبادا ھەم جۇڭگودا ئەلچى بولۇپ ئىشلىگەن، ئۇنىڭ ئەمگىكى يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇندىن كېيىن شۇ جەھەتتىن، يەنى ھېلىقى ئوت بولۇپ كۆيگەن ئىش جەھەتتىن ئۇنى كۆتۈرۈشتى، ھەممە ئىش ئومۇمىي پىكىر بويىچەتولۇق مەزمۇنلۇق ھەم ئادىل تۈردە بولدى، بۇندىن سىرت خەلقئارالىق ئولىمپىككە، ب د ت غا دائىمىي ۋەكىل بولۇپ كەتكىلىۋاتقاندا، توساتتىن كونيۇخانوۋ پارتىيىۋى ئورگانلارغا، ئۇلارنىڭ يۇقىرى تارماقلىرىغا يۆتكىلىشكە ئىبەرتىلدى، مانا شۇندىن بېرى ئۇ خەلقئارلىق كوممۇنىزم چەمبىرىكىدە پۈتكۈل ئىدىئولوگىيىلىك ۋە تاشقى سىياسىي ئىشلارنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتاتتى.    
    كونيۇخانوۋ ھەققىدە بىلگىنىڭ مانا شۇلار ئىدى، ئەمدى سېنىڭ ئۇنى باشقا يىغما نۇقتىدىن كۆرىدىغان ئەھۋال بولدى.
    ئېيتىلىپ يۈرگەن ئومۇمىي پاراڭلاردىن كېيىن سۆھبەتكە كىرىشىش ئۈچۈن ئۇ مۇنداق دەپ قالدى:
    - ئاندرېي ئاندرېيېۋىچ، گەپنى يىراقتىن باشلاي، ھە دېمەيسىزغۇ، ئەگەر مەن، ئادەنزاتىنىڭ تارىخىي كۆز چىمچىقىمدا، مىسال ئالساق، كىمدۇر بىراۋنىڭ بېشىغا كەلگەن ئوي قايتا كېلىۋاتقان كۆز چىمچىقىمدا، مۇنداقچە مۆجىزىۋى بىر كۆز چىمچىقتا دەپ قويۇشىدۇ ئەمەسمۇ، چوقۇم يۈز بېرىدۇ دېسەم، بەلكىم ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولار، ھاياتتا ھەممىسىنىڭ بەلگىلىك بىر ۋاقىتقىچە تەدرىجىي تەرەققىيات يولى بىلەن راۋاجلىنىشى ھەممىمىزگە مەلۇم ئىشقۇ، بىراق گاھىدا توساتتىن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىنقىلابىي ۋەزىيەت پەيدا بولىدۇ، توقۇنۇش پەيدا بولىدۇ، مانا شۇنىڭدا قايسى بىر ئوي، قايسى بىر مەپكۇرە راستىنلا دۇنيانى بىر زاماتتا ئوڭتەي - توڭتەي قىلىۋېتىشى مۇمكىن، مانا ھازىر دەل شۇنداق پەيت، بىراق بۇ مەپكۇرەنىڭ بۇلىقى مەندەك بىر بەندىدە ئىكەن دەپ ئويلىمىسىڭىز ئىكەن، خۇدا ئۇرغۇر، مەن بولسام كىيىك ئوۋلىتىدىغان ئوۋ ياردەمچىسى ، ئۇنداق پەيتتە مەن كىم بولماقچى ئىدىم؟-  دەپ سەن سۆھبەتدىشىڭ نېمىنىڭدۇر بېشىنى چايقاۋاتقانلىقىنى ھەرىكەتلىنىپ.
    - بىر ئاز چىداپ تۇرۇڭ، بۇ پەقەت بىر چۆچەكنىڭ باشلىنىشى، ئۇنىڭسىز ئىشنىڭ ماھىيىتىگە يېتىش قىيىن. ئەمىسە ،گەپنىڭ ئاخىرىنى ئۇلاي، مەن ئېيتىۋاتقان ئىش ئىنقىلابىي خاراكتىردىكى تارىخىي قەدەم، ئۇنىڭدا فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ ئۇچقۇنى، بىزدىكىنىڭ يەنى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئوت - يېلىنجى بار، مەن شۇنداق دەپ بىلدىم، بۇ بىرخىل تەپەككۇرنىڭ مۇتلەق ئەركىنلىكىنىڭ كونا قېلىپلىرىدىن تولۇق قۇتۇلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بىراق بۇ ھېلىقى پلاتون ئېيتقاندەك ئىشنىڭ دەل ئۆزى، ئاڭنىڭ ماددىغا تەسىرى يەنە ماددىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئاڭغا ئايلىنىشى، چۈشىنىۋاتىمەن، ئاندرېي ئاندرېيېۋىچ، سىز ھازىر، بەلكىم، زادى نېمىنى ئېيتىۋاتقاندۇ، بۇ قانداقمۇ كەسپىمگە بىۋاستە لازىملىق؟.. شۇنداق، شۇنداق! ھەيران قالماڭ!
    ئىككىڭلار كۆپ كىشىلەر بىلەن كېڭەشمە ئۆتكۈزىدىغان ئۇزۇن شىرەنىڭ چېتىدە ئولتۇردۇڭلار، كاتىبە نېپىز ئەينەكتىن ياسالغان ئىستاكانلارغا چاي قۇيۇپ كەلدى.
    بۇ يەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك، بەكمۇ مۇھىم ئىش ئۈچۈن چاقىرىلغانلىقىڭنى سەن چۈشىنىسەن، ئۇنداق بولمىسا بۇنىڭ جىمىسىنىڭ، سۆزنى بۇنچىۋالا يىراقتىن باشلاشنىڭ نېمە كېرىكى بار؟ ئۇندىن كېيىن تارىخىي ئىلمىي تەجرىبىلىرىڭنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ نېمىدىن كۆرگەنلىكىنى چۈشىنىشكە ھەرىكەتلەندىڭ، ئۇنىڭ مۇددىئا - مەقسىتى سېنى ھەيران قالدۇرۇپ، جىددىيلەشتۈرۈپ يەنە شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆكتەملىكى بىلەن سېنى قىزىقتۇرۇپ، ئاستا - ئاستا ئىشنىڭ تېگى - تەكتى چۈشىنىشلىك قىلىشقا باشلىدى.
    -مانا ئاشۇنداق، ئاندرېي ئاندرېيېۋىچ، سۆز قىلىۋاتقىنىممۇ شۇ،- دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى كونيۇخانوۋ، ئۇ تاماكىسىنىڭ كۈلىنى خىرۇستال كۇلدانغا ئويلۇق بېسىپ ئۆچۈردى- دە، بېشىنى شارتتىدە كۆتۈردى.
    -بەلكىم ئوشۇقچە مۇرەككەپلەشتۈرۈپ قويغاندىمەن،- دەپ كۈلۈمسىردى ئۇ، ھەر قانداق تەكەللۇپ سۆزلەرگە كۆنۈۋالغان ئىكەنمەن، بىز، سۆزسىز، ئىككىمىز ئۆز كىشىلەردىن ،ئاندرېي ئاندرېيېۋىچ. ئۆز بىز، شۇڭا ئوچۇق، ئامالنىڭ بارىچە قىسقارتىپ ئېيتاي، گەرچە بۇنداق قىسقارتىپ ئېيتىش ماڭا قىيىن كەلسىمۇ بىراق، بىرىنچىدىن ئەڭ مۇھىمى پارتىيە سىزگە ئىشىنىدۇ، ئاندرېي ئاندرېيېۋىچ، ئىشىنىدۇ، ئالدىمىزغا تارىخ قويۇۋاتقان ۋەزىپە ئومۇمەن ھەممىمىزنىڭ، بەرھەق چۈشىنىمەن، ئىلىم بىلەن سىياسەت ئىككىسى ئىككى ئايرىم نەرسە، بىراق سىنىپىي مۇئامىلە  قانداقلا بولمىسۇن قەتئىي كېرەك، بىزدەك ماركسىزمچىل لېنىنچىلارنىڭ تايانغىنى شۇ، يەنە بىزنىڭ تارىخىي ئارتۇقچىلىقىمىزمۇ مانا شۇنداق ئىكەنلىكى تالاشسىز، مانا كەشپىيات-ئىختىرايىڭىزنى ئالىلى، قولدىن يارالغان بىئولوگىيىلىك ئىختىرا دەپ قويايلى، بۇ ئادەمنىڭ يارىتىلىشىغا بەكمۇ چوڭقۇرلاپ قول تىقىش ئەمەسمۇ؟، بۇ ھەقىقەتەندىمۇ، ئىنسانىيەتنى قايتىدىن ياساپ چىقىش بولۇپ ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى، جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ھەم رولىنى، ھەمدە ئۇندىن باشقا سۈنئىي يول بىلەن تۇغۇلغانلارنىڭ شەكىل، قېلىپى بويىچە پۈتكۈل ئادەمزاتىنى قايتا تەقلىد قىلىپ ياساش. «مۇمكىنچىلىكى بىلەن باشلانغان ئىش تاشلانمايدۇ» دېيىشكەن كونىلار، 20-ئەسىرنىڭ ھارۋىسىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىگە قاراڭ!
    - سىزگە چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشۇم بىھاجەت، بىراق بۇ مەنادىن ئالغاندا، مەن پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باھاسىغا تولۇق قوشۇلىمەن، دۇنيا يارالغاندىن بېرى بۇنداق بولغان ئەمەس، ئىلىم-پەن سىزنىڭ نامىڭىزدىن پەيدا بولۇپ كۆرەلمىگەن قۇۋۋەتلىنىشكە يېتىشتى، سىزگە ھۆرمەت ھەم شەرەپ! ھامىلىدار بولۇش بىلەن تۇغۇلۇشنىڭ سىرلىق ساھەسى باشقۇرۇشىڭىزغا باش ئېگىدىغان ئىش بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، شۇ ئىشىڭىزغا ئەگىشىپ بىزدە ھەر خىل ئوي پەيدا بولدى، بۇنى ئاممىۋى تۈردە كېڭەيتىشكە ھەرىكەت قىلساق نېمە بولار؟ ئۇندىن قالسا بۇ ئىنقىلابمۇ ھازىرچە نامسىز ئىنقىلاب، بىراق بۇ ئادەمنى ئۇرۇق سۈپىتىدە قايتا تېرىپ چىقىشتىكى ئېنىق ئىنقىلاب! ئۇنداق بولغاندىن كېيىن، بۇ مەشغۇلاتنى باشقۇرۇشقا يەنە نازارەتلەشكە مۇمكىن بولسا ھەم ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ يېڭى ئامىلى ھەم تارىخنىڭ يېڭى تايانچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسەك، ئۇنداقتا، ماقۇل بولارسىز، بۇ سىياسەتنىڭ ئىشى، مانا مۇشۇ يەردىن بىر سىز بىلەن، ئاندرېي ئاندرېيېۋىچ ئەمدى شېرىكلەر سۈپىتىدە ئۇچرىشىپ ئولتۇردۇق، بۇنداق ئىشتا پارتىيە سىرتتىن تىڭىرقاپ قارىغان نازارەتچى سۈپىتىدە ئاددىيراق ئورۇندا قالماسلىقى كېرەك، تەتۈرىچە، ۋاقىتنى بىكارغا كەتكۈزمەي، بۇ ئىشلارنىڭ جەريانىنىڭ بېشىدا تۇرۇشى كېرەك، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ، بىزنىڭ ئىدىئولوگىيىمىزنىڭ مەقسىتى يەنە پايدىسى ئۈچۈن ئۇنى لايىق نوقتىغا بۇراش كېرەك، بىز شۇنداق ئويلايمىز، كەچۈرۈپ قويۇڭ، خۇدا ئۈچۈن ئاندرېي ئاندرېيېۋىچ، كۆپ سۆزلەيدىغان خۇيۇم بېشىم بىلەن بىللە كېتىدىغاندەك قىلىدۇ، سىز سۆزنىڭ نېمە ھەققىدە ئېيتىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىۋاتقانسىز، ھەممىنى ئالدىنئالا بىلىسىز، سىز دانىشمەن، مەن تېخى مۇنداق دەپ قوشۇمچە قىلار ئىدىم، بۇ نېمىگىلا لازىمى بولمىسۇن، كائىناتتىكى كەشپىيات - ئىخترادىن تارتىپ تەجرىبىچىل بىئولوگىيىگىچە تۈپكى مەقسىتىمىزنى، بىزنىڭ پۈتكۈل دۇنياۋى، تارىخىي رولىمىز ئۇنتۇلماسلىق كېرەك، گەپ مانا شۇنىڭدا تىلەككە قارشى، ئايرىم بىر تىنتىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك كەيپىياتلار، ھەتتاكى، بىزنىڭ مەركىزىي كومىتېتتا، ئاپپارات ئەتراپىدا ئورۇن ئالغان، سىزدىن يوشۇرىدىغان سىرىم يوق. بىز ئۆز كىشىلەر. ئايرىم يولداشلار بىزنىڭ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەمگەكچىلىرى ھەققىدە ئويلىشىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشىپ، سوتسىيالىزم دەۋرىدە ئايرىم بىر دۆلەتتە يەڭگىل ،يېنىك ھەم بەختىيار - شادىمان ياشىغۇسى كېلىشىدۇ! كاپتالىزم بىلەن بولغان رىقابەتتە بىز يېڭىپ چىقىشىمىز كېرەك، دۇنياۋى ئىنقىلابنىڭ شۇئارى ھازىر يەنە بىۋاستە كۆتۈرۈلمىسىمۇ سەييارىمىزدە بەرىبىر كوممۇنىزم يېڭىدۇ! بۇ بىزنىڭ ئالىي مەقسىتىمىز، يەنە بىز كوممۇنىزمنى بارلىق مۇمكىن بولغان چارىلەر بىلەن، بارلىق خىراجەتلەر بىلەن يېقىنلىتىشىمز كېرەك، شۇنىڭ بىلە بىرگە ئىلىمنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى قوللىشىمىز زۆرۈر. ئۆزىڭىزنىڭ ئىلمىي تەجرىبىلىرىڭىزگە بېرىلىپ كېتىش بىلەن، سىز، ئاندرېي ئاندرېيېۋىچ، تەجرىبىچىل بىئولوگىيىدىكى سىزنىڭ بۇرۇن بولۇپ كۆرۈلمىگەن نەتىجىلىرىڭىز، ئادەمزات ھاياتنىڭ ماسشىتابىدا دۇنياۋى بىر نەرسە ئېيتقىلى تۇرغانلىقىنى پەملىمەي تۇرۇۋاتىسىز، بەرھەق، بەرھەق! مەن بۇنى ھەقىقىتىم بىلەن ئېيتىۋاتىمەن، بىر قارىغاندا بۇنى ئويلاپ يېتىش قىيىن، چۈنكى جىمى بار بولغىنى تەجرىبىخانىدا يارالغان تۆرەلمىلەرنىڭ مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەينەك كولبا ئىچىدە يېتىلگەن ئۇرۇقتىن باشلىنىۋاتمامدۇ؟! بىراق گەپنىڭ پوسكاللىسى شۇنىڭ نەتىجىسىدە تۇغۇلغان ئادەم. ئۇنى ئاڭقۇرت دەپ قويىلى، پىنھان ئىنسان، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاتا - ئانىسىز، سۈنئىي يول بىلەن يارىتىلغان سوبيېكت ئىكەنلىكىدە، مەن شۇنداق چۈشىنىمەن، مەن سىزگە نېمە ئۈچۈن ئايدىنمۇ ئوچۇق نەرسىنى چۈشەندۈرۈشكە ھەرىكەتلىنىمەن؟ چۈنكى، سىز ئۈچۈن بۇ ناھايىتى قىزىقسىنارلىق تەجرىبىخانالىق تەجرىبىلەرنىڭ ئوبيېكتى، ھەمدە بىز ئۈچۈن ئاڭقۇرت يەنى ئادەمنىڭ يېڭى نەسلى، تۈرى، ئۇندىن قالسا، پەرزەنتىمىز بويىچە كونا دۇنيانى، ئۇندىن كېيىن ئەمگەكچىلەر سىنىپىنى قۇتقۇزۇشىمىز ئۈچۈن دەل شۇ ئاڭقۇرت ئارىچى بولىدۇ! گەپنىڭ خېمىرتۇرۇچى مانا مۇشۇنىڭدا، يەنە قەرەلى كەلگەندە دەي، شۇ ئاڭقۇرت تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەنگۈچى ئاساسىي تايانچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!9 y2 W0 w5 Z0 t- n5 U# z
    بۇ ھەقتە ئېيتقانلىرىم ھەر قانداق كىشىگە بەكمۇ ئىلھاملانغان مەدەت بىلەن ئېيتىلىۋاتقاندەك سېزىلىشى مۇمكىن، ئۇمۇ بار، ئۇنىڭ سەۋەبىمۇ بار. چۈنكى ئاڭقۇرتلار سىياسىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئاجايىپ ئىستىقباللىق، بىزدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، پۈتكۈل دۇنيا يۈزىدە كوممۇنىزمنىڭ غالىبىيىتى ئۈچۈن ئارقىغا چېكىنمەيدۇ، ئارىسالدىلىق يوق ۋەھىمە بىلەن كارى يوق، كۈرەشكە كىرگۈچى مۇھىم كۈچ دەل شۇلار! ئائىلە ھەم باشقا تۇغقاندارلىق مۇئامىلىلەر كونا دۇنيانىڭ قۇرامساق ئىنستىتۇتلىرى، بىزنىڭ ئىنقىلابىي ئىلىم نەۋاخ ئالدىنئالا كۆرەلىگەن ئادەمزاتىنىڭ يېڭى دەۋرگە يول ئاچقان، ئاڭقۇرت كېلەچەكتە كونىنى، كېرەكتىن چىققانلارنى يوق قىلغۇچىلارلا ئەمەس، شۇنداقلا يېڭى دۇنيانى ياراتقۇچىلار ھەم ئۇلۇغ ئادەملەر، داھىيلار ئاڭقۇرت مۇھىتىدا، ئادەتتىكى ئاڭقۇرت مۇھىتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ چىقىدىغانلىقىدىن گۇمانىم يوق، ئۆزىڭىز چۈشىنىپ تۇرىسىز، بۇ يەردە ئائىلىلىك ھەم باشقا دائىمىي مۇناسىۋەتلەردىن ھەم باشقا ئىشلاردىن تولۇق ئەركىنلىك بار. بالىلار سۈنئىي يول بىلەن بىردەك ئىشلەپچىقىرىلىپ، يەنە شۇنىڭغا لايىق تەربىيىلىنىدۇ، ئەمدى نەدىن كېلىپ چىققىنى نامەلۇم، نامەلۇم ئېسىل تاشنىڭ سۇنۇقى شۇنداق ئاتىلاتتى، بىراق ، ئويۇمچە «ئاڭقۇرت» دېگەن سۆز پۇختا، چۈشىنەرلىك ۋەھاكازالار....
    بىز ھازىرچە ئۆزىمىزنى قىزىقسۇندۇرغان تېمىنىڭ ئەتراپىدا بار بولغاننى نەزەرىيىلەشتۈرۈلۈپ، ئويلىنىپلا تۇرۇۋاتىمىز، بۇ قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى ئادەمنىڭ ھادىسىسىنىڭ نېمە ئېلىپ كېلەرىنى مۆلچەرلەۋاتىمىز، پەرەز قىلىش كېرەك، ئۇنىڭسىز قالساق بولمايدۇ، ھازىرقى مەدەنىيەت ۋەقەلىرىنىڭ، قىيىن مەسىلىلەرنىڭ يېڭى دولقۇنلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرىنىڭ قوغلاپ كېلىۋاتقان ۋاقتىدا قول قوۋۇشتۇرۇپ ئولتۇرۇۋېرىشكە بولمايدۇ، تارىخ ئۇنداق بولۇشىنى بىزدىن كەچۈرمەيدۇ، شۇنىڭغا ئۇلاپ ئېيتقۇم كېلىدۇ، كېلەچەك كۆپ جەھەتتىن دۇنياۋى تەرتىپنىڭ دۇنياۋى كۈرىشىدە كىم بىرىنچىلىكنى قولغا ئالغىنىغا يارىشا  بولىدۇ، غالىبىيەتكە، يېڭى ئادەملەرگە، يېڭى ئاڭقۇرتلارغا جەمئىيەتتە ئىشىكنى كىم ئاچسا شۇ ئالدى بىلەن يېتىپ بارالايدۇ، چۈنكى بۇ يوشۇرۇن تۇغۇلغان جانلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئائىلە، ھەر قانداق ئۇرۇغ - تۇغقانلىق يەنە قان - قېرىنداش، شىرەم تۇغقان، يېقىنلاردىن ئاتىنى ئاساس قىلىدىغان پاترىخالىق ھەم باشقا مۇناسىۋەتلەردىن قارىغۇلارچە ئەركىن ئىكەنلىكلىرىگە قارىتا ئاڭقۇرت بولسا كونىرىغان ئەدەب - ئەخلاقنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى يۈكىدىن قۇتۇلۇشقا ئېلىپ كېلىدۇ، سىياسىي جەھەتتىن ئالغاندا بۇ تەڭداشسىز ئۇتۇق، ئاڭقۇرتلار كوللېكتىۋىزمنىڭ يەنە ئىنتېرناتسىئونالىزمنىڭ تايانچىلىرى بولۇپ قېلىشىدۇ، ئۇلار كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالىزم-بەينەلمىنەلنىڭ زەربىلىك كۈچىگە ئايلىنىدۇ، غەربگە ھەل قىلغۇچ سىياسىي زەربىنى دەل شۇلار ئۇرۇشىدۇ.
    مۇشۇنىڭ ھەممىسى، ئۆزىڭىز چۈشىنىۋاتقانسىز، كېلەچەكنىڭ ئىشى، شۇنداق بولسىمۇ ئومۇمىي ئۇقۇم ئىشلىنىپ چىقىشى ھەم ھەرىكەتكە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك، شۇڭا سىزدەك ئوقۇمۇشلۇقنىڭ، ئاندرېي ئاندرېيېۋىچ، بۇ مەسىلە بويىچە بىزنىڭ پوزىتسىيىمىزنى تۇتقانلىقىمىزغا پارتىيە تېرەن قىزىقىدۇ، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشىمىزنىڭ مەزمۇنىمۇ مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاشۇنىڭدا، ئۇنىڭدىن قالسا، بىز ئورتاق تىل تېپشىمىزغۇ دەپ ئىشىنىمەن، چۈنكى ئىش يۈزدە، ھەممە ئىش ئەڭ مۇھىمى سىزگە يارىشا بولىدۇ، ئاندرېي ئاندرېيېۋىچ، سىز ئاڭقۇرتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېخنىكا -ھۈنەرلىرىنى بەرپا قىلغۇچىسىز، لېكىن بىز بولساق كەسىپ ئەھلى، ئىجراچىسى، ئىدىئولوگىيە بولسا كىمىنىڭ يەلكىنىنى ئۇچۇرغان شامال، ھەرىكەتكە كەلتۈرگۈچى قۇۋۋەتلىك شامال، بىراق يەلكەن ئەمەس... ئاشۇنداق ئەمەسمۇ؟ توغرا، ئىشىڭىزگە نوپۇزلۇق ئورگانلارمۇ قاتتىق قىزىقسىشىۋاتىدۇ، بۇ ئىش بويىچە ئۇلارنىڭمۇ كونكرېت ئىلتىماسلىرى بار.
    سۆھبەت يەنىلا ئۇلىنىۋەردى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ سېكرىتارىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئۇققانلىرىمغا ئاغزىم ئېچىلىپ، شۇ ۋاقىتتا مېنى قىيناپ، ئازاب چەكتۈرۈۋاتقان نەرسىلەرنى تېشىمغا چىقارماي يوشۇرۇشقا دالالەت قىلدىم، مەن سۆھبەت بولۇۋاتقاندىكى قىستۇرمىلىرىم بىلەن جاۋابلىرىمنى بۇ يەردە كەلتۈرمىدىم، ئۇلار ئانچە ئەھمىيەتلىك ئەمەس، چۈنكى ئۇلار مەركىزىي كومىتېتنىڭ پوزىتسىيىسىدىن پەرقلەنگەن ياكى كونيۇخوۋنىڭ ئويىغا قارشى بىر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمەس، ئەڭ قىيىن دېگەندە، ئېيتقانلىرىمنى ھازىردىن باشلاپ بولسىمۇ ئانچىكى بىر گۇمانسىراش سۈپىتىدە قوبۇل قىلسا بولاتتى.
    شۇ چاغدىكى سۆھبەتنى ھازىر نېمە ئۈچۈندۇر قۇيقا چېچىم تىك تۇرۇش بىلەن ئەسلەيمەن، سەۋەبى نېمىدە؟! ھازىر كائىناتتا يۈرۈپ، ئىش ئۆتكەندىن كېيىن ئاڭقۇرتلارنى چۆرىدەپ نېمىلەر ياسالمىدى- ھە، نېمىلەر ئويلىنىشقا سېلىنمدى؟ قانداق تەييارلىقلار كۆرۈلمىدى؟! دەپ تاڭ قالىمەن، شۇ ئەستە قالارلىق ئۇچرىشىشىنى مەن، ئەينەن ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەممىنى، بولغاننى بولغاندەك ئوتتۇرىغا سالاي، شۇنىڭدىكى يۈرۈش - تۇرۇشۇم، ئەلۋەتتە، مېنى ياخشى ئاتلىق قىلمايدۇ، بىراق، ئاشۇنداق كونا مەيداندا، مەن باشقىچە ئىش قىلالماس ئىدىم، مەن ئاقلىنىۋاتقىنىم يوق، مەن باتۇر ئەمەسمەن،باتۇر بولغۇممۇ كەلمەيدۇ، بىراق راستىنى ئېيتاي، مۇشۇنداق دېيىشتىن باشقىنى قىلالمايدىكەنمەن، چۈنكى كېلەچەكتە ھەممىدىن ئاجرايمەن، ئاستا - ئاستا ئۆزۈمنىڭ ئاساسىي تېمامنى ئىشلەشتىن چەتلىمەكچىمەن، ئۇ دەررۇلا شۇ ۋاقىتتا ۋەقەھادىسىلەردەك پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە قەدەمسېرى يېقىنلاپ ئۇچرىشىدۇ، يېتەكچىلىك ئەينى ئەھۋالىنى يەنە تەسىرىنى يوقىتىدۇ، ئىلىمدىكى ئەينى ئەھۋالنى يوقىتىشتىنمۇ يامان پاجىئەگە ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداق، تەتقىقاتتىكى تونۇشۇم بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك بولغان ھۆكۈمرانلىقنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىم بىلىندى، شۇ چاغدىكى زىيالىيلار ساھەسى، ھازىر ئۆزى ھەققىدە قانداق باھالارنى ئېيتمىسۇن، زور كۆپچىلىك مەندىن پەرقلەنمەيدىغان قاراشتا.
    يەنە بىر خاسلىق ئايرىم، بىراق ئۇ ئەھمىيەتسىز ئەمەس. بىر نەرسە شۇنداقلا ماڭائايان بولدى، بۇمۇ ئاقلانغانلىق ئەمەس، مەن ئۇنى چۈشىنىمەن، ئۇ بولسىمۇ... ئورگانىزمغا پايمۇ - پاي يەتكۈزۈپ بېرىلىپ تۇرغۇچى ئۇيقۇ بەزلىرىدىن بەتتەر، ئاتىسىز ئەھۋالىم ھەققىدە كونيۇخانوۋ نېمە دەپ ئويلاۋاتقاندۇر؟ دېگەن ياۋا ئوي جېنىمنى جاي ئالدۇرمىدى، بۇ خىيال مېنى چۆچۈتتى- دە، جىم قىلدى، ئۇ بۇنى چۈشەندىمۇ ياقمۇ ياكى ئۆز مەپكۇرەسى ۋە مۇددىئاسى  ھەلەكچىلىكىدىكى ئادەم  كىم ئىكەنلىكىمنى، نەسىل، ئەۋلادىمنىڭ يوقلۇقىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالدىمۇ ياكى تەتۈرىچە، تەرجىمھالىمدىكى بۇ پاكىتنى، قاچاندۇر بىر چاغدا روزا بالىلار باغچىسىنىڭ بوسۇغىسىدىن تېپىلغان تاشلاندۇق بالىنىڭ تەرجىمھالىنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسلىككە سېلىپ، شۇنىڭدىن مەقسەتلىك پايدىلاندىمۇ؟ چۈنكى ئىش يۈزىدە مەن شۇ ئاڭقۇرتنىڭ ئۆزى بولىمەن، مەيلى تەبئىي شارائىتتا تۆرەلسەممۇ، بەرىبىر دەل شۇنىڭ ئۆزى بولىمەن، ئەسلى - ۋەسلى يوق، نەسىلسىز، ئەجدادسىز، داجىماس غەيرەتلىك، خاتاسىز سالماقلىق، يۈرۈش - تۇرۇشى تاش يۈرەك دەپ ئېيتارلىق، ئۆز ئىشىنىڭ ئېغىر ھادىسىسى سۈپىتىدە تونۇلغان، ئىقتىدارى بىلەن ۋاقتىنى ھەممە ئىشنىڭ ئالدىغا قويغان، مەقسىتىنى باشقا ئىشقا خوراتمىغان ئادەم دەپ ھېسابلىناتتىم، پەمىمدە پارتىيىنىڭ مۇتەپەككۇرلىرىغا دەل مۇشۇنداق ئادەم كېرەكلىكىنى بىلدىم، مەن تەقدىرىمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئاڭقۇرتنىڭ ئۆزى بولۇپ قالدىم، بۇ ھەقتە ئوچۇق ئېيتىلمىغىنى بىلەن تۇتقۇنلۇقنىڭ تىرىك مىسالى بولۇپ تۇردۇم، قايسى بىر جەھەتتىن ئالغاندا ئەۋرىشكىنىڭ ئۆزى بولدۇم... مەن بۇنى چۈشىنىپ تۇردۇم، بەلكىم شۇ كۈنى كونا مەيداندىكى مۇھىم ئىشخانىلارنىڭ بىرىدە ئۆزۈمنى باشقىچە سەزگىنىممۇ شۇنىڭدىن بولسا كېرەك.
    ئۆزۈمنى ئىشەنچ - ئېتىقادسىز سەزدىم، ھەمدە مۈجىمەل، تۇراقسىز، بىئارام ھالەتتە سەزدىم، شۇ ئىشخانىدا ھېلىقى  تۇغۇلۇپ ئەڭ دەسلەپكى ئازابلىق بولغان چاغلىرىم يۈز بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلدى، ئىلمىي تەجرىبىلەر بىلەن جىنايەتنىڭ چېكى قانداق يەردە ئايرىلىدۇ، شۇ خىل تۇراقسىز چېگرانى كۆرسەتكۈچى بىراۋ تېپىلدىمۇ؟! كۆڭۈلگە شەك چۈشتى، بۇ چېغىم ئازابلىق ھەم يارىماس تۇرمۇشتا ياشىغان، ئۇقۇمدىن تۇخۇمغا، ئۇنىڭ راۋاجىنى ئۈمىد قىلغان، ئۆزلىرى بولمىسا بالىلىرى، نەۋرىلىرى ئارزۇ قىلغان بەخت - تەلەيگە يېتىدۇ دېگەن ئاتا - بوۋىلارنىڭ ئەرزىگەن تىلەكلىرىگە ئەگىشىپ، خىيالدىكى مەپكۇرەلەرگە يېتىشتە ئاجايىپ بىر مۆجىزىگە ئىشەنگەن ئادەمزاتىنىڭ، نەچچىلىگەن بوغۇنلار ئازاب بىلەن ئۆتكەن ئادەمزاتىنىڭ ھاياتىنىڭ ئەسىرلەرنى قېرىتقان نېگىزلىرىغا قارشى بولسىچۇ، ئاڭقۇرتلار ئالدىدا شۇ تارىخىي چاقنى توختىتىش ئاتىلىقنىڭ ۋە ئانىلىقنىڭ يوقاتقۇچىسى يەنە كۆزگە كۆرۈنمەس جاللىتىنىڭ رولىدا بولماقچىمەن.
    بىراق، شۇ ۋاقىتتا رولۇم، ماھىيەتلىك ئەھمىيىتىمنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولارىنى ۋەزىيەتنىڭ ئاتموفېراسىنىڭ ئالدىدا ئورنۇمنىڭ قانچىلىك مەرتىۋىلىك بولۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم، ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن مۆجىزىۋى بىر ئىشنىڭ ئىجراچىسى سۈپىتىدە دۇنيادىكى لېۋىگە نان يېپىشقانلا ئادەملەر كۆزۈمگە تەلمۈرۈپ تۇرۇشۇۋاتاتتى.
    مەن تاشلاندۇقلۇقنىڭ جاپاسىنى تولۇقى بىلەن باشتىن كەچۈرۈۋاتاتتىم، بۇ، بەلكىم قانداقتۇر بىر ئىبلىسلىق بىلەن ئەقىلگە سىغمايدىغاندەك دەرىجىدە ئويلاشتۇرۇلغان سېنارىيە بويىچە تەقدىرنىڭ ئۆزى يېزىپ قويغان نەرسە بولسا كېرەك، تۇرمۇشتىن دەل مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئۆچ ئالغىن دەپ مېنى ئاتايىن ئېچىتىۋاتقاندەك قىلاتتى، مەن يارىتىلىشىمدىلا ئاڭقۇرت بولغان جىسمىم ئۆزۈم ئىشلەپ چىققان ھۈنەر - تېخنىكا بويىچە يورۇق دۇنياغا يوشۇرۇن كېلىشكەن ئاڭقۇرتلارنىڭ نەسلىنى ئۆستۈرگۈچىمەن، ئۇندىن قالسا بۇ ئىشلار كىمدۇر بىراۋغا ئەھۋالنىڭ مۇنداق قىلىپ تەتۈر كېلىپ قېلىشى ياقماي تۇرمامدۇ؟! تارىخنىڭ شۇ بۇرۇلۇشىدا مەن ناھايىتى ئاز ۋاقىتتا، ناھايىتى زۆرۈر پۇرسەتلەردە قاۋىلىپ ئولتۇرماقتىمەن.
    بوسۇغىدىن خوشلىشىۋېتىپ، كونيۇخانوۋ مۇنداق دەپ قالدى:
    - ئاندرېي ئاندرېيېۋىچ، سىزنى تولۇق بىلمەيمەن، بىراق سۆھبىتىمىزدىن زور قانائەت ھاسىل قىلدىم.
    مەنمۇ مۆلچەر بىلەن ئاشۇنداق سىپايىچىلىق بىلەن جاۋاب قاتتىم، ئۇندىن كېيىن ئۇ يەنە جاۋاب كۈتمەيلا سۆزىنى ئۇلىدى:
    - سىزگە ئورگاندىن يولداشلار مۇراجىئەت قىلىشتى، ئۇلار ھېلىقى ئۇ سۆزنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋەتتى، يەنە قايتىدىن ئۇلىدى:
    - ئىشىڭىزغا ياردەملىشىش ئۈچۈن ئۇلار سىزگە ئىلتىماس بىلەن مۇراجىئەت قىلىشىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە، تېخنىكىلىق، تەشكىلاتچىلىق جەھەتتىكى مەسىلىلەر، خاۋاتىرلەنمەيلا قويۇڭ، ئۇلار ئادەتتىكىدەك جىمىنى ئويلىنىپ، جىمىنى يەتتە ئۆلچەپ بىر كەسمەكچى بولۇشۇۋاتىدۇ، بۇ قېتىممۇ ئىشنى ناھايىتى بىلەرلىك قىلىشىدۇ دەپ ئويلىدىم.
      راستىنى ئېيتقاندا مەن بىر ئاز ئىزا تارتتىم.
    -ۋادىم پېتروۋىچ،-دېدىم مەن كۇنيۇخانوۋغا قايرىلىپ، -بۇنى ئەسكەرتىپ قويغىنىڭىزغا تەشەككۈر، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ يولداشلارنىڭ ماڭا كۆرسەتكۈچى ياردىمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز ئاغزىڭىزدىن ئالغىنىم دۇرۇس بولاتتى، شۇنىڭغا يارىشا ئىش قىلىشقا تەييار بولسام دېگىنىمغۇ بۇ.
    -يارايسىز،- دېدى كۇنيۇخانوۋ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ،- جان - دىلىم بىلەن ئاندرېي ئاندرېيېۋىچ، دېگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق، مەندىكى مەلۇماتنى بىزنىڭ بۆلۈمدىن، قالغانلىرىنى بىۋاستە ئىشنىڭ يۈرۈشىدە بىلىسىز.
      ئۇندىن كېيىن بىلگىنىم، راستىنلا گۇناھ - نۇقسانسىز ئىشتەك ناھايىتى دەل، مۇۋاپىق بولۇپ چىقتى، يولداشلار نېمە قىلىشنى بىلىشىدىكەن، يەنە جىمىنى يەتتە ئۆلچەپ، بىر كېسىپ قويۇشۇپتۇ.  بۇ ھەقتە مەن ماشىنىدا كېتىۋېتىپ ئويلىدىم، ئادەملىرى قىزىق قازاننىڭ سۈيىدەك قاينىغان موسكۋانىڭ رەستە-كوچىلىرىغا قايتىدىن كۆز يۈگۈرتۈپ كېتىۋېتىپ، كۇنيۇخانوۋۋ بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ ماھىيىتىنى ئەقىلدىن ئۆتكۈزدۈم، تەجرىبە ئىشلىرىم توساتتىن يىرىك، مەملىكەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ناھايىتى مەخپىي باغدارلاماغا ئايلانغانلىقىغا تاڭ قالدىم.
     نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ لايىھىسى بويىچە ئاڭقۇرتلار ئىككى باسقۇچ بىلەن چىقىرىلىشى كېرەك ئىدى، بىرىنچىسى تۆرەلمىلىك سۈنئىي نەسىللەندۈرۈش، جاۋابكارلىقىم ئالدىدا پۈتۈنلەي تەتقىقات ئىنستىتۇتىمغا يۆتكەلمەكچى بولدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا تېگىشلىك ئۇرۇغلار ۋە خىراجەت، خام - ئەشيالار بېرىلمەكچى بولدى، بۇ باسقۇچنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ يېرى، تەجرىبىخانىدا يارىتىلغان يوشۇرۇن تۆرەلمىلەرنى سۈنئىي يېتىشتۈرۈش، ئۆزىنىڭ ئورگانىزمىنى ھامىلىلىك دەرىجىگە كۆتۈرۈشكە، باشقىچە ئېيتقاندا ئادەتتىكى توققۇز ئايلىق قوشقاتلىق توشىدىغان ئايالنىڭ بالا ياتقۇسىغا كۆچۈرۈش بىلەن باغلىق، تۇغۇتتىن كېيىن ئىككىنچى قاتلام، شەرتلىك رەۋىشتىكى ئەمچەكتىكى قاتلام باشلىنىدۇ، باغدارلىمانىڭ بۇ بۆلۈكىنىڭ بىزگە لازىمى يوق، ئاڭقۇرتلارنى چوڭايتىش يەنە ئۇندىن باشقا تەربىيىلەش مەخسۇس ياتاقلىق مەكتەپلەردىكىلەرنىڭ ۋەزىپىسى بولىدۇ، ئاڭقۇرتلارنىڭ «سانائەت»ىنى نوپۇزلۇق ئورگانلار مۆلچەر بىلەن شۇنداق ئويلاشقان.
    قىيىن مەسىلە؟ بارلىق ئىشلاردىكىدەك، بۇنىڭمۇ ئۆز باغدارلامالىرى بار، بۇ تېخنولوگىيەدە ھەممىدىن قىيىن يېرى، تاڭ قالارلىقى، تۆرەلمىنى، ئايالنى ھۆددە قىلىپ يەتكۈزۈش ئەمەس، ئۇرۇغنى ئۇ يەردە ئۆستۈرۈش ئەمەس، سۈنئىي نەسىللەندۈرۈش دەپ ئاتاش ئىلتىماس قىلىنغان شۇ ئاياللارنىڭ خۇلق - مىجەزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەخلاقىي، ئېتىكىلىق جەھەتتىكى قارىغۇلارچە سۇبيېكتېۋ ئامىللار بولۇپ چىقتى، تەجرىبىخانىدا ھامىلىگە ئايلانغان ئاڭقۇرتنىڭ ئىرسىي جەھەتتىن سۈنئىي نەسىللەندۈرۈشكە ھېچقانداق لازىمى يوق، ئۆزىنىڭ ئانىلىق خاسىيىتىنى مۇنداق ۋاقىتلىق پايدىلىنىشقا بېرىشكە، «ئىجارىلىك» پايدىلىنىشقا بېرىشكە، بۇيۇم بولۇشقا ھەر بىر ئايالنىڭ ماقۇل بولۇۋەرمەسلىكى ھەققىدە سۆز يوق، بۇ مەسىلىنىڭ ئەتراپىدا ئىجتىمائىي چاتاق چىقىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەنلىكى تۇرغانلا ئىش، مانا ئەمدى نېمە بولماقچى؟ چەت ئەللەردە غەۋغا كۆتۈرۈلىدۇ، ب د ت غا يەنە باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتلىرىغىچە يېتىدۇ، ئۇلار شۇنداق بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرۇشىدۇ ئەمەسمۇ! مانا شۇ يەردىن بىزنىڭ ئاڭلار قۇلاق، كۆرەر كۆزىمىز بىلەن ئۈچ ھەرىپنىڭ يەنى ك گ ب نىڭ دانىشمەنلىكىگە ۋە ھىيلىگەرلىكىگە باھا بېرىشىمىز كېرەك، كۇنياخانوۋ مېنى بوسۇغۇغىچە ئۇزىتىپ كېلىپ، نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ تەشكىلاتچىلىق مەپكۇرەلىرىنى ئوتتۇرىغا سالغاندا، مەن، ئۇچۇپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاندەك، قاراڭغۇئۆڭكۈردە قالغاندەك بولۇپ، تەجرىبىخانىمىزنىڭ، تەتقىقات ئىنستىتۇتنىڭ يەنە ئۆزۈمنىڭ خېلى ۋاقىتتىن بېرى نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ نازارىتىدە قالغانلىقىمىزنى چۈشەندىم، چۈنكى باشقېتىمچىلىقنىڭ ماھىيىتى شۇنچىلىك ئېنىق قويۇلغان ئىدى، مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىغا ك گ ب (КГБ) نىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەدبىرلىرىنى ۋە ياردەملىرىنى سۇنۇش قىلدى، ئۇلارنىڭ ئىلتىماسلىرى مۇنداق ئىدى، سۈنئىي نەسىللەر سوت جاۋابكارلىقىغا تارتىلغان، جىنايەت مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئاياللارنىڭ ئىچىدىن خۇپىيانە تاللاپ ئېلىنىدۇ، ھەمدە ئۇنداقلارنىڭ دۆلەتكە ھەمىشە يېتىشەرلىك بولىدىغان ئاياللارنىڭ كۆپلىگەن مۇستەملىكىلەردە يەنە مەجبۇرىي، زورلۇق بىلەن تېڭىلغان ھەر قانداق جىنايەتلىرى ئۈچۈن ھەر قانداق باھانىلەر بىلەن كېسىلگەن تۈمەنلىگەن، يۈز مىڭلىغان زاپىسى بار، بۇ سەۋەبتىن پىچىمى ئىجرادىكى ئاياللارنىڭ ئىچىدىن سۈنئىي نەسىللەندۈرۈلىدىغانلارنى تاللاپ ئېلىشتا چەك يوق دېيەرلىك ئىدى، پەقەت ماقۇللۇقۇم كېرەك بولىدىكەن، مەن ئويلىناي دېدىم.
    كېيىنچىرەك مەن نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ ئىلتىماسلىرى بىلەن ئۈجۈر - بۈجۈرگىچىلىك تونۇشۇپ چىقتىم. تونۇشۇپ چىقىپ يەنە ھەيرانۇ-ھەس بولدۇم، ئىشنىڭ ئېپىنى بىلىش ۋە بەلگىلىگەن مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئېنىقلىق شۇنچىلىك دەرىجىدە مۇكەممەل ئىدى. سۈنئىي نەسىللەندۈرۈشكە ئون يىلدىن يىگىرمە بەش يىلغىچىلىك ئۇزۇن مۇددەتتە ئۆز ئەركىدىن ئاجرىتىلغان ئاياللار ئېلىنىشى لازىم ئىكەن، تېگىشلىك تېببىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن سۈنئىي سۈنئىي نەسىلنىڭ رولى جىنايەتچى ئايالغا تۆۋەندىكى شەرتلەر بىلەن ئىلتىماس قىلىنىدۇ، A) بىر ئاڭقۇرتنىڭ تۆرىلىشى ئايالنىڭ قاماقدىكى مۇددىتىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىدۇ، ئىككى ئاڭقۇرتنىڭ تۆرىلىشى ئايالنىڭ تولۇق، ئەركىنلىكىنىڭ ئېلىشىغا ھوقۇق بېرىدۇ؛  B قاماقتىكى ئايال سۈنئىي نەسىللەنگەن بالىنى ئۈچ ئايغىچىلىك ئەمگۈزىدۇ-دە، ئۇندىن كېيىن ئۇنى ئىككىلەنمەستىن مەملىكەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ؛ C) تۇغۇتتىن كېيىنكى مۇددەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن سۈنئىي نەسىللەندۈرۈلگەن جىنايەتچى ئايال لاگېرغا ياكى ناھايىتى يىراق رايونلارنىڭ بىرىگە يۆتكىلىدۇ؛ D) قاماقتىكى سۈنئىي نەسىللەندۈرۈلىدىغانلارنىڭ ئۆز رولى، تۇرغان يېرى ۋە ئۇنى ئىشقا سالغان ئادەملەرنىڭ تەركىبى ھەققىدە ھەر قانداق مەلۇماتنى تاراتماسلىققا ۋەزىپە بۇيرۇلىدۇ؛ ئالىمادىس بۇ شەرتلەرنى بۇزىدىغان بولسا قاماقتىكى سۈنئىي نەسىللەندۈرۈلگەن ئايال قايتا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
    سۈنئىي نەسىللەندۈرۈلدىغان ئاياللارنى بۇ ئىشقا سېلىشنىڭ نوپۇزلۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن لايىھىسى ئومۇمىي جەھەتتىن مانا مۇشۇنداق ئىدى، مەن كۆپ ئويلاندىم، ئۇ ئۇنچىۋالا خۇشاللاندۇرىدىغان لايىھە ئەمەس ئىدى، بىراق ئۇندىن ياخشىسىمۇ يوق ئىدى، شۇنداق قىلىپ ماقۇل بولدۇم.
    مەن نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ بىرى بىلەن سۆزلىشىپ قالدىم، خېلى ئەقىلللىق ئادەم ئىكەن، سۈنئىي نەسىللەندۈرىلىدىغان بالىلارنى جىنايەتچى ئاياللاردىن ئېلىشنىڭ ئەخلاقىي تەرىپىگە شەك تۇغدۇرغىنىمدا ئۇ ھازىرچە باشقا يول يوق، كېيىن كېسىلگەنلەردىن پايدىلىنىشنىڭ زۆرۈلچىلىكى قالىدۇ، سۈنئىي نەسىللەندۈرۈش خىزمىتى، ئېيتايلى، ھېلىقى پاھىشىۋازلار خىزمىتىدەك ئىكەن، تۆلەنمە بولىدۇ دەپ جاۋاب بەردى ۋە بەلكىم يوشۇرۇن تۇغۇلغۇچى بالىلارنى قورسىقىدا كۆتۈرۈپ يۈرۈش ئاياللارنىڭ بەلگىلىك بىر مۇھىتى ئۈچۈن كەسىپكە ئايلىنىدۇ، ئايلانغاندىنمۇ ناھايىتى كىرىملىك كەسىپكە ئايلىنىدۇ.
    بىز تۈز، ئوچۇق، ھېچبىر دەخىل - تەرۈزسىز ئوچۇق-يورۇق سۆزلەشتۇق، ئۇنىڭ گېپىچە سۈنئىي نەسىللەندۈرۈشتىكى خىزمەت ئوچۇققىلا چىقماستىن، بالا تۇغۇشنىڭ مۇنداق يولى ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدىغان مەزگىل كېلەرمىش، مانا شۇندىلا «ئانا»، «ئاتا» دېگەن چۈشىنۈكلەر رىۋايەتكە ئايلانماقچى ياكى قارىغۇلارچە مەنا بىلدۈرۈپ قالماقچى.
     شۇنداق قىلىپ نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ مەخپىي ۋە يىراقنى مۆلچەرلىگەن ئوي- تىلەكلىرى ئۇلىنىشۋەرگەنسېرى قۇرۇقلىنىۋەردى، ئەسلى - ۋەسلى يوق ئادەملەرنىڭ يېڭى نەسلىنى چىقىرىشنى نازارەتلەشكە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشلىرى قەدەمسېرى ئوچۇققا چىقىۋەردى، بۇ ئىشنى كېلەچەكتە كەڭرى يولغا قويۇش مۆلچەرلەندى، جىنايەتچى ئاياللارنىڭ يوشۇرۇن بالىلارنى يوشۇرۇن تۇغۇشىنى ئاستا-ئاستا كەڭرى يېيىلدۇرۇش، ئاڭقۇرتلارنى ياتاقلىق مەكتەپلەردە كەڭ-كۇشادە تەربىيىلەش، شۇنىڭ بىلەن بالا تۇغۇش زۆرۈرىيىتىدىن بوشانغان خەلق ئۆزلىرىنى پۈتۈنلەي ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە، باشقا دەلزەرب ۋەزىپىلەرگە ھەممىدىن بۇرۇن، ئەلۋەتتە، ئىزىدىن تايماس دۇنياۋى ئىنقىلابنىڭ ئىشىغا، كوممۇنىستلارنىڭ بۇ مەقسىتىدىن باش تارتماق ئەمەس، ئارزۇدىكىدەك بولارى مۆلچەرلەنگەن ئىدى، ئاڭقۇرتلار دۇنياۋى تارىخقا چېكىت قويىدۇ-دە، ئۇندىن باشقا يىللارنى، دەۋرلەرنى يېڭىچە ھېسابلاش باشلىنىدۇ.
    ئاۋۇ ھېلىقى سۆھبەتدىشىم، كېلىنكىلىق پراكتىكانت يېپىپ، يوشۇرمايلا بارلىقىنى ئوچۇق ئېيتىۋەردى: «ئاڭقۇرتلار ئاخىرقى، نەۋاقلاردىن بېرى زۆرۈر بولغان چېكىتنى قويۇشىدۇ، ھېلىقى پۈتكۈل جاھاندا يېيىلىپ يۈرگەن تىنچلىق ئۈچۈن كۈرەش دېگەن چۇقان ۋە باشقا گۈزەل سۆزلەر، ئۇنىڭ جىمىسى قىلچىمۇ ئەسقاتمايدۇ، ئەگەر ئاخىرقى سۆز ئاتوم زەربىسىدىن بولسا، ئۇ زەربىنى دەل شۇ ئاڭقۇرت ئۇرىدۇ، ئۇ ھېچنەرسە يوقاتمايدۇ، ئۇنىڭ ئىككىلەنگۈدەك ھېچنەرسىسى يوق، ئۇنىڭ ئەسلى - ۋەسلى، نەسەبى يوق، ئۇنىڭ ۋەتىنى ئاڭا ئەينەك كولبالاردىن ھاياتلىق ئاتا قىلغان سىستېما، شۇڭا ئۇ كونۇپكىنى باساردا قىلچىمۇ تەمتىرەپمۇ قويمايدۇ، گەپ كىمنىڭ بىرىنچى بولۇپ شۇنداق قىلىشىدا، كىم ئۆستۈرۈپ چىقارغان ئاڭقۇرتنىڭ ئۈزۈپ چىقىپ زەربە بېرىشىدە!».
     بۇرۇن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىدە بولغان موسكۋانىڭ چەت ياقىسىدىكى ئورمان ئىچىدىكى چاققانغىنە ساناتورىيە، كۆپ ئۆتمەي پەن تەتقىقات بازىسى بولۇپ بىزگە بېرىلدى، ئىشلەتكۈدەك ھالەتكە كەلتۈرۈش يەنە ئىشخانىلارنى، ئاغرىقخانىلارنى، ساقچىلار بىلەن باشقا خىزمەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن ھەر قانداق جايلارنى جابدۇش ئۈچۈن يېرىم يىلدەك ۋاقىت كەتتى.
    مەن ئانچە ئالدىرىمىدىم، بىراق ئىشقاكىرىشىدىغان پەيت كەلدى، بېشىدىن ئېيتىپ كېتەي، مەن بۇ ئىشقا قىينىلىپ قىستالمايلا كىرىشتىم، يەنە، بەلكىم شۇنداق بولغانلىقتىنمۇ سۈنئىي نەسىللەندۈرۈلىدىغانلارنىڭ نامزاتلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشكە ئۇلارنى ئىبەرتىشكە قوشۇپ يوللانغان ھۆججەتلەردىكى مەلۇماتتىن تاشقىرى قادىلىپ قىزىقسىندىم، ئۇلارغا كەسپىي رەۋىشتە زىغىرلاپ مۇئامىلە قىلدىم، قىسقا، سالقىن سۆزلەشتىم، ئۇلارنى كېلىنكىغا يالغۇزدىن، ھەر بىرسى تەيىنلەنگەن سائەتتە، پۇقراچە كىيىندۈرۈپ يېپىق ماشىنىدا ئېلىپ كېلىشەتتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى X تۆرەلمىلىرى كۆچۈرۈلگۈچى ئوبيېكتلار .مەن ئۈچۈن بىردەك، ھەممىسى ئوخشاش ئىدى، مەن ئۇلارنى ئومۇمىي ئات بىلەن ئايال دەپ چاقىراتتىم: «سالامەتسىزمۇ؟ ئايال، ھال- ئەھۋالىڭىز قانداق، ئايال؟ ئاۋايلاڭ، ئايال ، سىزنى قاراپ تەكشۈرۈشۈم كېرەك، مىدىرلىماي تۇرسىڭىز ئىكەن» مانا مۇشۇنداقلا ماڭا قارىتامۇ تېگىشلىك چاقىرىش سۆزى بەلگىلەنگەن، ئۇ بولسىمۇ پروفېسسور، باشقا ھېچنەرسە، ھېچگەپ، ئوشۇق ھېچنەرسە يوق، بارلىق سۈنئىي نەسىللەندۈرۈلىدىغان ئاياللار ۋاقىتلىق پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېلىنغان بالاياتقۇ كەبى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ چىرايى ئېسىمدە قالغان ئەمەس، چۈنكى ئىشىمىزغا چىراينىڭ كېرىكى يوق ئىدى.
    ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرسىلا دەرىجىگە چۈشمىدى، ئەمدى ئۇنى كېيىنچىرەك ئۇ ھەقتە كېيىنچىرەك ئېيتسام بولاتتى. مانا ،ساھىلىڭگە كەلدىڭ، ئۇ تەرەپتە بولسا باشقا دەريا... سەن قىينىلىپ قىسىلىسەن، ئۇ ھەقتىكى ئوينى، ئۇ ھەقتىكى كونىلىقنى ئەپلەپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ تەدبىرىنى ئىزدەيسەن، نېمە دېمەكچىسەن؟ ئۆزۈڭدىن - ئۆزۈڭ قېچىپ قۇتۇلۇش دېگەننىڭ نادانلارچە، ئىشقا ئاشماس ھەرىكەت ئىكەنلىكىگە ھېلىھەم ئىشەنمەمسەن؟ ئۆلۈشۈڭ مۇمكىن، بىراق ئۆزۈڭدىن - ئۆزۈڭ قېچىپ قۇتۇلۇشۇڭ مۇمكىن ئەمەس، بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئادەم ھەقىقەتكە بويسۇنۇشى بىلەن مەڭگۈشۇنداق.
    ئاھ! ياراتقان ئىگەم، نېمىشقا چۈشەندۈرەلمەيدىغان نەرسىنى چۈشىنىشكە مەجبۇرلايسەن، نېچۈن سۆز بىلەن ئېيتىپ بېرەلمەس نەرسە-ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى بىلەلمەيمەن، سەن ئۆز كەلىمەڭ بىلەن تېگىگەيېتەلمەيدىغان نەرسە، ئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى ئېيتىپ بېرىمەن دەپ ئەزىز جېنىمنى قۇربان قىلارمەنمۇ؟!
    ئۇندىن قالسا ،ئۆزۈڭنى پۇختا ئىنسان مەن، دەپ ھېسابلىغۇچى ئىدىڭغۇ، ئۇندىن قالسا، يۇقىرى مەقسەتكە خىزمەت قىلىش زۆرۈر بولغاندا قوپال، ئېگىز - پەس بولۇشۇڭ قىزىقارلىق، بىراق، بۇ قېتىم ئۆزۈڭنى يېڭەلمىدىڭ، بىر قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزئۇچۇپ كېلىپ ئىككىنچى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا ئۇرۇلغاندەك بولسىمۇ قاپسالغان ئىشدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئەمەسمىدىڭ؟ ھەممە ئۆز نۆۋىتى بىلەن ئۆتۈپ كېتەتتىمۇ؟
    بۇ كېيىنكى يىلنىڭ يازىدا بولدى، سۈنئىي نەسىللەندۈرۈلىدىغان قاماقتىكى ئاياللارنىڭ تۇنجى توپىغا تۆرەلمىلەر كۆچۈرۈلۈپ ئۇلار تېگىشلىك تېببىي نازارەتتە يۈرۈشكەن ئىدى.
    بايىقى مەن دېگەن ئايالنى بولسا باشقا ئاياللارنى ئېلىپ كەلگەندەك ئېلىپ كېلىشتى. شۇ كۈنى «فېلدشېر»نىڭ ھەمراھلىقىدا تەتقىقاتقا يەتكۈزۈپ كېلىشتى، بىز سۈنئىي نەسىللەندۈرۈلىدىغان ئاياللارنىڭ ساقچىلىرىنى كونا نام بىلەن «فېلدشېر» دەپ ئاتاپ قوياتتۇق، ياردەمچى دوختۇر بىلەن پەرۋىشچى سىستېرا ئۇنى ئىشخانامغا ئېلىپ كېلىشكەندە، مەن ئۇنىڭ بۇنىڭغىچىلىك بولغان تەكشۈرۈشلىرىگە كۆز يۈگۈرۈتۈپ چىقتىم، ھەممە جايىدا ئىكەن، تەن - سالامەتلىكى، ئاياللىق ئەزالىرى، مېنى قىزىقسىندۇرغانمۇ شۇلار بولدى، ئاياللىقىنىڭ كۆچۈرۈلگەن ئۇرۇغنى ئۆستۈرۈشكە جۆندەملىكى...، قالغانلىرىنىڭ جىمىسى ئالاھىدە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشى، شۇلارنىڭ ھال - ئوقىتى ئىدى، بۇ جەھەتتىن ئىش نوقسانسىز دەپ ئېيتارلىق پۇختا ئۇيۇشتۇرۇلغان، ھېچقانداق باش قېتىمچىلىق يوق، چۈنكى قاماقلار بىلەن تۇرمىلاردا سۈنئىي نەسىللەندۈرۈلىدىغانلارغا نامزاتلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىشنى خىزمەتكارلار تاللاپ ئېلىشاتتى، جىنايەتچى ئاياللانىڭ مەقسەتگە ياراش - يارىماسلىقى قاتتىق تەكشۈرۈلەتتى، ئۇرۇغنى ئۆستۈرۈپ بېرىشكە ماقۇللۇق بەرگەن جىنايەتچى ئاياللارنىڭ كۆكتىن كۈتكىنىنى يەردىن تېپىلغاندەك مۇنداق مۇمكىنچىلىكنى، ئۇرۇغنى ئۆز تېنىدا ئۆستۈرۈپ، ئامان - ئېسەن تۇغۇپ بېرىپ كۆپ يىللىق مۇددەتتىن قۇتۇلۇشقا بارلىق ئاماللارنى قىلىپ ھەم ئۇنىڭ قولدىن چىقارماسلىققا بولغان مۇمكىنچىلىكلىرىنى ھەممىسىنى قىلىپ كۆرىدۇ، مۇنداق نەرسە كىمنىڭ چۈشىگە كىرىپتۇ! چۈشىنەرلىكمۇ، ئۇلار كېلىنكىغا كەلگەندە مەرەزلىك تەقدىرگە دۇچ كەلگەن ئۈمىدنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى تەڭرىدىن تىلەپ، قورققانلىقلىرىدىن دىرىلدەپ تىترەپ ئولتۇرۇشىدۇ، كېلىنكىلىق تەكشۈرۈپ بېكىتىشنىڭ ئاخىرقى قاتلىمىدا، سۈنئىي نەسىللەندۈرۈشكە يارىمايدۇ دەپ ياراتماي قويۇشى تولۇق مۇمكىن- دە، ئۇندىن كېيىن قورقماي قېلىشارمۇ؟
    ئىشخانىغا ئۇزىتىپ كېلىشكەن يېڭى جىنايەتچى ئايالنى بوسۇغىدىكى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇشتى، ئۇنىڭ سالامەتسىزمۇ؟  دېگەن سۆزىگە قىسقا جاۋاب بېرىپ قويۇپ، ئۇنىڭ مەخسۇس دېلو ھۆججىتىگە قاماقلارنىڭ يەككە نومۇرىغا يەنە ئايلىنىپ كەلگەن كۆرسەتكۈچ ماتېرىيالىغا كۆز يۈگۈرتتۈم، تەگئاتىغا يەنە بىر قېتىم قارىدىم، قارىشىم بىلەنلا ئېسىمدىن چىقىپ كەتتى، لوپاتىنامۇ، تەگئاتلار ئادەتتە ئەستە قالمايدۇ، تەگات - فامىلىلەر ياكى ناھايىتى مۇرەككەپ ياكى ناھايىتى ئاددىي، بىراق ئايالنىڭ ئىسمى ماڭا قىزىقسىنارلىق سېزىلدى، رۇنا(رۇنا - قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى «رۇنو» نىڭ ئىسمىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن ئىسىم ، «رۇنو» ئىلاھە بولۇپ، بۈدۈرە، ئالتۇن چاچلىق ئىكەن -ئۇيغۇرچىگە تەرجىمەقىلغۇچىدىن)، شۇنداقمۇ ئات بولامدۇ، ئۇنىڭ رۇنونىڭكىدەك نېمىسى بار بولدىكىن، دەپ ئىچىمدىن كۈلۈمسىرەپ بېشىمنى كۆتۈردۈم، بىرىنچى قېتىم كۆزۈمگە ئۇرۇنغىنى، ئايال كۆز ئەينەكچان ئىكەن، دېمەك، سۈنئىي نەسىللەندۈرىدىغانلار ئارىسىدا كۆز ئەينەكچانلارمۇ پەيدا بولغان ئىكەنغۇ، كۆرۈنۈشكە ئۇلار خېلى سەۋىيىلىك كىشىدەك قىلىدۇ، دېگەن خىيالنى قىلدىم، تۇرمىدا بۇنىڭغا قىيىن بولسا كېرەك، ئۇ كامېردىن مەلۇم ئەمەسمۇ، سۆكۈپ تىللاش، سېغىنىش، چاچلىشىش، مۇشتلىشىش، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار، رەڭگى - رويى ياخشىلار كۆرۈنىدۇ، ئەركىن چاغلىرى بۇنىڭدىنمۇ گۈزەل بولسا كېرەك، بىراق ئۇنىڭ كۆز قارىشى باشقىچە، ئۇنىڭ ئەھۋالىدا بۇنداق قارىماسلىقى كېرەك ئىدى، تەقدىرگە باش ئەگكەنلىك، كۆز قارىشىدا ئارىسالدىلىق يوق، كۆز ئەينەكنىڭ ئارقىدىن قوي كۆزلىرى نېمە بولار دېگەندەك قارايدۇ، ئۇنىڭ ئەركىن ياشاۋاتقان چاغلىرىدا بوي بەستىنى ئوبدان تۈزەشتۈرۈپ، قاشلىرىنى تېرىپ، كىرپىكلىرىنى بويىغانلىقىنى، ئەينەك ئالدىدا گۈزەل ھالەتكە كەلگەنلىكىنى ئەسلەشكە بولىدۇ، بىراق بۇ سىرتقى ھالىتىگە قاراپ ئېيتىلغان سۆز دېگىن، ئۇندىن قالسا ئۇ قانداقتۇر بىر ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغان گەپ، بىكاردىن ئون يىللىق كېسىلگەن ئەمەس، بىكاردىن - بىكار جىنايەتچى بولغان ئەمەستە، ئەمدى مۇددىتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن ئاڭقۇرت تۇغقىسى كېلىپ تۇرغاندۇ!!
    -ئەمسە شۇنداق بولسۇن، ئايال،- دېدىم مەن، كونتروللۇق تەھلىللەرنى يەنە بىر قايتىلاپ ئىشلەش كېرەك بولىدۇ، ئۇندىن باشقا نېمە قىلىنارى شۇندىلا بىلىنىدۇ.
    ئايال ئۈن چىقارمىدى.
    -ئېيتىدىغان ئەرز - ئارمىنىڭىز بارمۇ؟
    -نېمە ئېيتارىمنى دەۋاتىسىز؟  دېدى ئۇ.
    -سالامەتلىكىڭىزنى، باشقا ھېچنەرسە دېمىدىم.
    - يوق، ھازىرچە يوق.
      تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە ئېيتقانلارنىڭ بارلىقىنى دەل جايىدا ئىجرا قىلىش زۆرۈر، ئۇ ھەقتە ساڭا ئېيتىشىدۇ، ئۇندىن كېيىن ھەممە ئىش جايىدا بولسا بىۋاستە ئۇرۇغ كىرگۈزۈشنى كېيىنكى ھەپتىنىڭ بېشىدا ئىشلىشىدۇ، پەيشەنبە ياكى چارشەنبىگىچە، ئۇندىن بۇرۇن بولمايدۇ، شۇڭلاشقا كۈتۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
    -مەن ئۇنىڭغىچىلىك ئالدىرىمايمەن، ماڭا بەرىبىر.
    بۇ ئۆكتەم جاۋابى مېنى تاڭ قالدۇردى. بۇ بىزدە بولۇپ كۆرۈلمىگەن ئىش، كۆز ئەينەكچان ئايالغا دىققەت قىلىپ قارىدىم- دە، ئورنۇمدىن تۇرۇپ يېنىغا بېسىپ باردىم، ئۇمۇ ئورنىدىن تۇردى، بۇ يەردە مەن بىلەن مۇنداق سۆزلەشمەي تۇرۇشىنى بىلسۇن دەپ، مەن قاتتىق ئېيتتىم:
    -ئەگەر ئالدىرىمىساڭ، ئۇنىڭغىچىلىك ئەمەس. ساڭا بەرىبىر بولسا، ئۇنداقتا كىمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ يۈرىسەن، سەن بۇ ياققا قانداق نىيەت بىلەن جۆنىدىڭ، نەدە نېمە ئۈچۈن تۇرۇاتقانلىقىڭنى، نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سەن بىلدىڭمۇ؟
    -بىلگەن، ئەلۋەتتە بىلگەن.
    - بىلسەڭ ئۇنداقتا نېمە؟ سەندىن سوراۋاتىمەن، ئايال، بۇياققا نېمىگە كەلدىڭ، ئۇنداقتا؟
      نېمىگە؟ سىزنى كۆرەي دەپ كەلدىم، پروفېسسور، سىزنى كۆرۈپ مانا مۇشۇلارنىڭ جىمىسىنى بالىلارنىڭ چۆچىكى ئەمەس ئىكەنلىكىگە ئىشىنەي دەپ كەلدىم!
    - مۇشۇلامۇ؟
    - ئىشىنىپ قويۇڭ مۇشۇلا، سىزنى كۆرۈپ، ئۇندىن كېيىن بولغان چىنلىقنى يۈزىڭىزگە ئېيتاي دېگەن ئىدىم.
    - مۇنداق دەڭ؟!- ئاغزىمدىن ئىختىيارسىز چىقىپ كەتتى، ئۇندىن كېيىن قىسقا ھەم قاتتىق ئېيتتىم،- سەن خەت يۈزىدە بەردىڭمۇ ماقۇللۇقۇڭنى؟
    - شۇنداق، بەرگەن.
    - بۇ قىلمىشىڭ ماقۇللۇقتىن تايغانلىق ھېسابلىنىپ، يەنە يېڭى جازا مۇددىتىگە كېسىلىپ كېتەرىڭنى بىلەمسەن؟
    - بىلىمەن.
    - شۇنىڭغا بەكمۇ ھاجەتمەن ئىكەنسەن؟
    - مۇشۇ سۆھبىتىمىزدە زىيادە مۇھتاجلىق بار، بۇ سىزگە بەكمۇ زۆرۈر.
    - ماڭىمۇ؟ سىز نېمە، ئىككەيلەن قانداقتۇر بىر باشقېتىمچىلىقىنى ھەل قىلىۋاتامدۇق؟!  
    - ھەل قىلىۋاتىمىز، ئادەملەر تەبىىئەت ۋە ياراتقان خۇدا بۇيرىغاندەك كۆپىيىشەمدۇ ياكى ئىبلىسنىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇشى كېرەكمۇ؟ بۇ بىر باش قېتىمچىلىقىمۇ؟
    مەن توساتتىن تۇيۇق يولغا قاپسالغاندەك ئۈن چىقىرالماي قالدىم، ئۇندىن كېيىن ئۆزۈمنى تەستە تۇتۇۋېلىپ مۇنداق دېدىم:
    -بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ئويلىغانلىرىم بار، ئايال، سەن بىلەن خوشلىشىشقا توغراكېلىدۇ، مۇددىتىڭنى قىسقارتىش ئورنىغا ئۇزارتىۋېلىشىڭ ئۆكۈنچلۈك، ئەمدى ئۇنى ئۆزۈڭدىن كۆر.
    -  مەن ئاتايىن دەيدىغىنىمنى ئېيتتىم.
    - بەكمۇ ئاشۇرۇۋەتمىگەنسەن؟ «پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا، تىل يۈگۈرۈكى باشقا» بولۇپ قالمىسۇن.
    - مەن جىنايەتچى ئايال، ئاندرېي ئاندرېيېۋىچ،- ئۇ توساتتىن نام - شەرىپىمنى ئاتىدى، ئۇندىن كېيىن كۈندە يۈز قېتىملاپ ئېيتىلىۋەرگەن مەن كۆنگەن بۇ نام ئۇنىڭ ئاغزىدىن قىزىق ئاڭلاندى،- مەن بولسام جىنايەتچى،- دەپ تەكرار دېدى ئۇ، ئاقىۋەتنىڭ نېمە بولارىنىمۇ بىلىمەن، مەقسىتىمگە يەتتىم، بۇنى دېيىشنى ئۆز بۇرچۇم دەپ ھېسابلىغان ئىدىم، قولۇمدىن كېلىشىچە ئىجرا قىلدىم، بەلكىم بۇ سۆھبەت سىزگە تەسىر قىلار، ئويلاندۇرار بولىدىغىنى شۇ.
    -  سەن بۇ يەردە مەسلىھەت بېرىشىڭنى قوي!- دەپ جېنىم قازاندەك قاينىدى مېنىڭ، بىراق تاقەتسىزلىكتىن، سۈنئىي نەسىللەندۈرۈلىدىغان ئاياللار بىلەن ئىشلەش مەيلى بۇرۇن ۋە مەيلى كېيىن بولمىسا بولمايدىغان ئىش بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى ياخشى چۈشىنىۋاتىمەن، ئورنۇڭغا خالىغۇچىلار ئونلاپ تېپىلىدۇ!
    -  مانا ئەڭ يامىنى شۇ،- دېدى ئۇ، يەنە شۇنىڭ ئۆزى سىزنىڭ ئىشىڭىز، تولۇقى بىلەن سىزنىڭ ۋىجدانىڭىزدا.
    -  ۋىجدان ۋىجدانغا يات!-دېدىم مەن گەپنى كېسىپ،- مەن بۇنداق گەپنى بىرىنچى رەت ئاڭلىشىم.
    -  پەلسەپىۋى مۇنازىرىنى ۋاقتى كۆپ كىشىگە قالدۇرايلى، سېنى بۇ ياققا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىپ كېلىشكەن ئەمەس، قايتا جايىڭغا كەت! سەن بىلەن سۆزۈم تۈگىدى.
    مەن قوڭغۇراقنى باستىم ئۇنى ئېلىپ كېتىشتى.
    -  خەير - خوش،- دېدى ئۇ  چىقىپ كېتىۋېتىپ.
    مەن جاۋاب قايتۇرمىدىم.
    ئىشىك يېپىلدى، يېزىقچىلىق ئۈستىلىمگە يېنىپ كەلدىم، باشقا ئىشلار، باشقا غەم - غۇسسىلەر باشلاندى.
    بىراق، بۇ ئۆكۈنچلۈك ۋەقە كاللامدىن چىقمايلا قالدى: «ھەقىقەت ئىزلىگۈچى» ئارقىغا چېكىندۈرۈلمەي كەلگەن تەرىپىگە، كامېرىغا، خۇددى ئۇ بۇرۇنقىدەك ھۇشسىزلاندۇرۇلۇپ ياتقان يېرىگە ھەيدىلىشى كېرەك ئىدى، ھەيدەشكە كۆرسەتمە بېرىش كېرەك ئىدى، شۇ ياقتا تىل-دەشنامنىڭ ئازابىنى تارتىۋەرسۇن، بىراق كېيىن دەپ قويدۇم، ئۇ جىنايەتچى ئايالنى ئىش ئارىسىدا، تېلېفوندا سۆزلەشكەندە ھەممە ۋاقىتتا ئەسلەۋەردىم، پەقەتلا ئۇنتالماي قالدىم، بىراق ھېچكىمگە، خىزمەتداشلىرىمنىڭ بىرەرىگىمۇ، ھەتتا مۇئامىلىسى يېقىن دېگەنلەرگىمۇ تىنچىمنى ئېلىپ، يۈرىكىمنى ئاغرىتىۋەتكەن بۇ ۋەقەنى ئېيتقىنىم يوق يۈردۈم.  
    ئاجايىپ، بەكمۇ ئاجايىپ ئەھۋالدا يۈردۈم، ئۆزۈمنى-ئۆزۈم تونۇيالمىدىم، نىچۈندۇر ئۇنىڭ كەچمىشى بىلەن دۇرۇستراق، تولۇقراق تونۇشقۇم كەلدى، نەدىن چىققان نېمە؟ ئۇ زادى كىم؟ نېمە قىلغىنى ئۈچۈن تۇرمىگە كىردى؟ قايسى سەۋەب، قايسى قانۇن ماددىسى بىلەن، پسىخىكىسى بۇزۇلغانلارنىڭ ھەپسىسىدە، مېنىڭ بىلىشىمچە سولاپ قويۇلماسلىقى كېرەك ئىدى، بىراق بۇ نەدىن چىققان ماكانسىز ئايال؟ ئۇنى چارىسىزلىكنىڭ قايسى شامىلى ھەيدەپ كەلدى، ئۇنىڭغا مۇمكىنچىلىك بەرسە، ۋىجدانىمغا قاتتىقراق داغ كەلتۈرۈشكە، ئازابنىڭ قانلىق ئىزىنى قالدۇرۇپ، ئالاڭ - بۇلۇڭ قىلىپ پۇتۇمنى ئاران سۆرەپ كېتىدىغاندەك ھالغا قويۇشقا يەنە قانداق ئويلارنى ھەم سۆزلەرنى ئېيتىشقا تەييارلاندىكىن؟
    ۋىجدانى ئۆزىگە باشقىلاردىكىدىن كۈچلۈك كۆرۈنگەن ئادەملەرگە ئۆزىنىڭ دەل كېسەر كۆز قارىشىدىن باشقا ھېچنەرسىسى بولماسلىقى مۇمكىن، ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىدىغان كۈچىمۇ ئاشۇنىڭدا، بىراق ۋىجدان ھەممىدىن بۇرۇن، ئىچكى سۆز ئالدىنچىلىقىنى، ئىچكى قۇددرەتنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنىڭسىز ۋىجدان بازاردىكى ئەسكى - تۈسكى بۇيۇملاردەك سودىسى تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ، ئۇندىن قالسا بۇ ۋىجدان دېگەن چۈشەنچىنىڭ باشقا كېلىۋاتقانلىقىنى قارىمامسىز! ۋىجدان ھەققىدە باشقىسى سۆز قىلسىمۇ مەيلى ئىدى ،شۇ جىنايەتچى بىر نېمە دېمىسە بولاتتى؟
    بىراق شۇ ئويلارنى ئويلاۋېرىپ، ئۆزۈمگە ئۆچ بولۇشقا باشلىدىم، سەن نېمىگە ئاقلىنىۋاتىسەن، كىمنىڭ ئالدىدا يەنە نېمە ئۈچۈن؟! ئاجىزلىق قىلدىڭ، يەنە نېمە بىلەن ئۇنى ئويلاپ تۇرۇۋالدىڭ؟!
    مەن ئۇنىڭ دىلوسىنى قايتىدىن ئاچتىم، لوپاتىنا رۇنا فېدۇلوۋنا 158-ماددا بويىچە، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا قارشى ماتېرىياللارنى ساقلىغانلىقى ۋە تارقاتقانلىقى ئۈچۈن سوتلانغان... ئاھ! توغرا، قايسى قۇشقاچ ئىكەنلىكى ئۇچقىنىدىن كۆرۈنمەي تۇرامدۇ؟! ئاشۇمۇ، شۇمۇ، مۇنداقلا ھەمىشە ئاشۇنداق بىر نەرسىگە قارشى چىقىشىپ، ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشىپ تۇرۇشىدۇ، بۇ قېتىممۇ سوراق دەپ كۆرىنىپ قالغان يېرىنى تاپقان بولۇشى مۇمكىن، ئېرى يوق، ئەبرارلاشقان، مۇنداق قارا يۈز بىلەن كىم ياشايدۇ، تاڭ قالارلىق ھېچنەرسىسى يوق.
    ئۇنىڭ بىلەن باشقا ئىشلارغا ھەلەك بولۇپ كەتتىم، خىزمەت ئورنىدىكى بىخەتەرلىك ساندۇقى ساقلىنىشقا تېگىشلىك بولغان قەغەزلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرمەي دەسەممۇ ئەس-يادىمنى قارمىۋالدى،رۇنا لوپاتىناغا مۇناسىۋەتلىكلەرنىڭ ھەممىنى ئوقۇپ چىقتىم، ئاخىرىدا قانداق ئويغا كەلدىم؟ دېگەندەكلا، ئەلۋەتتە، ئۇ تۇرمۇشقا ئۆز كۆز قارىشى بار، ھەۋەسلىنەرلىك ئايال،مۇنداق نىشانلار رادىكاللىق مۇھىتلاردا، روھانىي، سىياسىي، ھۆكۈمەتلىك قارشىلىشىشتا ھەممە دەۋرلەردە بار بولۇپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەر قاندىقى بار بولىدۇ، ئۆزلىرىنى مەسىھ ئويلىغانلار ۋە مەپكۇرە ئۈچۈن مەپكۇرەنىڭ ئارقىدىن ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇربانلىققا سېلىپ بېرىشكە تەييار تۇرغانلارمۇ بار، بىراق رۇنانىڭ بۇ يەردە قانچىلىك لازىمى بار؟ پەمىمچە، ئۇ ئۆز ئالدىغا بىر ئىدىئالىستمۇ تېخى، زادى كىم ئۇ؟ مەن ئۇنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈپ، بىر قانچە ئېغىز سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئۇنداق - مۇنداق دەپ قانداقمۇ ئېيتالايمەن، راست، ئۇ ئەلۋەتتە تەقدىرى يەڭگىل كىشى ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپتۇ، ئۇندىن كېيىن كىنوچىلىق بىلەن مەشغۇل بولغان يەرلىرىمۇ بار ئىكەن، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى مەكتەپلەر ھەققىدە ھۆججەتلىك كىنو سىنارىيىسى يېزىپتۇ، مەكتەپ مەسىلىلىرى بىزدە ھەمىشە ئىجتىمائىي جەھەتتىن پۇختا بولۇپ كەلگەن.
    مۇنداق يەرلەرنى بىلىۋېلىپ ئېسىمگە مەرھۇمە ۋاۋا، ۋالېرىيا ۋالېتىنوۋا چۈشۈپ قالدى، مەرھۇمە ئۆزىنىڭ تالانتلىق ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھازىر نېمە ئىشنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى بىلمەيدۇ- دە! بىراق بۇ ئاداشقان ئويلار ئىدى، لېكىن رۇنا بولسا قارىماققا، ئىنىسى لوپاتىن ئىگور فېدىلوۋىچنىڭ سەۋەبىدىن كېسىلىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەندىمۇ كەسپىي كىنوچى ئىكەن، مەخسۇس يۇقىرى دەرىجىلىك كىنو ئىنستىتۇتلىرىنى پۈتتۈرگەن ئۇندىن كېيىن، قارىماققا شۇنىڭ تەسىرى بىلەن رۇنا مەكتەپلىك كىنو ۋەقەلىكلىرىنىڭ خام ماتېرىياللىرىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە قالغاندەك كۆرۈنىدۇ، كېيىنكى ماتېرىياللاردا بەلگىلەنگەندەك، سابىق مۇئەللىمەسى رۇنا لوپاتىنا، گوركىي نامىدىكى كىنو سىتۇدىيىسى ئالدىدىكى ھەۋەسكارلارنىڭ ئۇيۇشمىلىرى، تارماقلىرىدا يۈرۈپ، كىنوغا قىزىققانلارنىڭ ئارىسىدا مەپكۇرەۋى جەھەتتىن گۇمانىي قاراشلىرىنى تارقىتىشقا تۈرتكە بولۇپتۇ، رۇنانىڭ سەنئەتتىكى بەلگىلىك خاھىشچانلىقىغا ئىگە نىشانىغا سوۋېتلەر ئىتتىپاقلىق ئادەملەر ھەم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشنىڭ تەتۈر تەرەپلىرىنى تەسۋىرلىگەن ھۆججەتلىك سيۇژىتلارنى ياقلىغانلىقىغا گۇۋاھ بولۇشقان ئادەملەر بولۇپتۇ، ئۇ ھەقىقىي ئەيىبلەشنىڭ باشلىنىشلا ئىكەن.
    دېلو بويىچە باش ئەيىبكار ئۇنىڭ ئىنىسى، ئىگورلوپانتىن ئىكەن، ئاڭا «دۆلەت شىتاتىدىكى كىنو ئوپېراتورلۇقى، دۆلەت مۈلكىدىكى ئاپپارات - سايمانلارنى ۋە خىراجەتلەرنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلدىغان ئىشلاردا پايدىلانغان، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ھەقىقىتىنى بۇرمىلىغان، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ جەمئىيەت ۋە مەملىكەتلىك تۈزۈلمىسىگە يامانلىقلارنى ئارتىدىغان شىكايەتلىك ھۆججەتلىك سۈرەتلەرنى تارتىپ، غەربنىڭ جامائەتچىلىكىگە ئەكسىيەتچىل مەلۇمات بېرىشكە تەرەددۇت قىلغان» دېگەن گۇناھ ئارتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە «سوت جاۋابكارلىققا تارتىلغۇچى مۇنداق جىنايەتكارانە ئىشنى بىكار قىلغان ئەمەس، سوۋېت مەملىكىتىنى يامان، ناچار قىلىپ كۆرسەتكەن كىنو ماتېرىياللىرىنى غەربكە چەتئەل پۇلىغا ساتقان، دەل شۇ تەرەپلەردە، چەت ئەللەردە، ئۇ ماتېرىياللار كىنوخانىلاردا ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كۆرسىتىلىپ تۇرغاندا بىزنىڭ مەخسۇس خىزمەتچىلىرىمىز ئۇ كىنو لېنتىلىرىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئېنىقلاشقان» دەپ تەكىتلەپ كۆرسىتىلىپتۇ.
    بۇنداق ۋاقىتتا بايىقى تونۇش ئارىيىلەر، بىر تۇتاش تونۇش ۋەقەلەر دەپ قارىلىدۇ ئەمەسمۇ، ئۇندىن قالسا راستىنلا شۇنداق بولغانمۇ ياكى ئۇنداق ئەمەسمۇ، كىم بىلدى؟ بىراق قانداقلا بولمىسۇن ئاخىرىدا رۇنا لوپاتىنا جىنايەتچىلىك ئىشى ئۈچۈن ئەيىبلەندى، ئۇ ئۆز ئىنىسىغا بىۋاستە ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەندى، ئىنىسى رۇنا «رۇخسەتسىز تارتىلغان» لېنتىلارنى يىراقلارغا ئەۋەتكەن، ئۇ بولسا ھېلىقى لېنتىلارنى ئۆزىنىڭ يېقىن دوستلىرىنىڭكىگە يوشۇرغۇزۇپ قويغان، بۇ مۇناسىۋەتلەر شۇ ئىشلارنىڭ ئارقىدىن بىلىنىشىپ قالىدۇ، كىمدۇر بىراۋ بىلدۈرۈپ قويىدۇ، ئىگور قولغا ئېلىنىدۇ، رۇنا ئەسكەرتىپ قويۇش ئۈچۈن دوستىنىڭ خانەسىگە يۈگۈرىدۇ، ئۇ يەردە بولسا ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلغان ئادەملەر كۈتۈپ تۇرۇشقانىكەن، شۇنداق قىلىپ رۇنا جىنايەت ئۈستىدىلا قولغا ئېلىنىدۇ، ئۇندىن باشقا كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بېرىپتۇ، ۋەقەنىڭ جەريانىدا رۇنا ئىنىسىنىڭ گۇناھىنى يەڭگىللىتىشكە لازىم بولغان بارلىق ھەرىكىتىنى قىلىدۇ، ئۇ ئاساسلىق گۇناھىنى ئۆز بوينىغا ئالىدۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئادەملىرىنىڭ تۇرمۇش - تىرىكچىلىكىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەتكە ئېلىش مەپكۇرەسى ئۈچۈن، شۇنداقلا نېمىنى تارتىش كېرەك، يەنە قانداق تارتىش كېرەكلىكىنى بۇ توغقىنىغا ئېيتىپ تۇرغاندا، ئۇ تارتىلغان لېنتىلارنى چەت ئەل پۇلىغا چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا ساتقان كىشىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى، ھەقىقەتەندىمۇ كىچىك ئىنىسىنىڭ ئۇنىڭ ئېيتقانىنىلا ئىجرا قىلغانلىقىنى دەپ تۇرۇۋالىدۇ.
    تارىخى مانا مۇشۇنداق ئىكەن، يەنە بىر قىزىقىنسارلىق دېتال: سوتتا رۇناغا ئامېرىكىلىق مۇخبىر بىلەن كۆڭلى يېقىن دېگەن گۇناھ ئارتىلدى، ئۇ مۇخبىر ئامېرىكىغا بارغاندا « ئۆزىنىڭ ئوينىشى ھەققىدە ناھايىتى ياخشى پىكىر بىلدۈرگەن، ھەمدە ئۇنى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى جەمئىيىتىگە، تەتۈرىچە، پۈتۈنلەي دۈشمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان» دەپ ماقالە يازغان  ئىمىش، بۇ بولسا ئۇ ۋاقىتتا قاماققا ئېلىنغان جىنايەتچى ئۈچۈن ئالغان ئۆچى ئىمىش، رۇنا بولسا ئامېرىكىلىق ژۇرنالىستقا رۇس تىلىنى ئۆگەتتىم دەپ، ئويناشلىقى بارلىقىدىن تانىدۇ، ئىش قىلىپ بىر باش قېتىنچىلىق ئىش بولغانلىقىنى كىم بىلسۇن، بىراق ھەر قانداق قايغۇ بولغان كۈندىمۇ شۇنىڭ جىمىسى رۇنا ئۈچۈن بەكمۇ قايغۇلۇق تۈگەللەنگەن ئىكەن.
    شۇ كۈنى مەن ئىشتىن كەچ قايتتىم، ئىشىممۇ بار ئىدى، ئۇندىن كېيىن رۇنا لوپاتىنانىڭ ئۆتكەن تۇرمۇشى بىلەن ياخشىراق تونۇشسام دېگەن قىزىقسىنىش نىيىتى مېنى خېلى چۇلغۇۋالدى.
    دەرۋازا ئاغزىدىكى كۈزەتچىگە ئادەتتىكىدەك بېشىمنى لىڭىشتىپ قويۇپ، گۇگۇم ۋاقتىدا بۈك - باراقسان ئورمان ئارقىلىق بىلەن ئۇ سپېنىسكىي رەستىسىگە چىقتىم، ھايال بولماي موسكۋاغا ئالدىراپ كېتىۋاتقان ماشىنىلارىڭ ئېقىمىغا قوشۇلدۇم.
    بۇ يەرنىڭ تەبئىيىتى قىشتىمۇ گۈزەل، ئورمانلار بىلەن پارچە دۆڭ - دۈمچەكلەر كۆتۈرۈلۈپ قارغا يېپىلىپ، ئۇيقۇدا ياتقاندەك كۆرۈنىدۇ، ياز پەسلىدىمۇ گۈل پۇرىغان يېشىل رەڭ ئۇندىنمۇ گۈزەل بولماس، ۋايىغا يېتىپتۇ، ئورماندىن چىقىۋەرگەن ۋاقىتتا توساتتىن بىر نەچچە سىكۇنتتا ئاجايىپ كۆرۈنۈش ھاسىل بولىدۇ، يالت - يۇلت قىلىپ ئەگىلىپ ئېقىۋاتقان موسكۋا دەرياسى كۆز ئالدىغا سۈرەتتەك تارتىلىپ چۈشىدۇ، سۇنىڭ، ئاسماننىڭ، ئورماننىڭ يۈرەكنى ھاياجانلاندۇرىدىغان كارامەت مەنزىرىسىگە كىرىشى بىلەن شۇلارغا كۆزۈمنى چىمچىقلاتماي قاراپ ھەمىشە لال بولىمەن، دەرىزىدىن بىر قارىۋالىمەن- دە، ئارقىدا قالغانلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، ئاندىن كېيىن يۈرۈۋېرىمەن.
    بۇلارغا بىكاردىن توختىلىۋاتقىنىم يوق، دەپ كەلسەم ساناققا سان يەتمەيدۇ، مۇشۇ يەرلەرنى ئارىلاپ ئۇياققىمۇ، بۇياققىمۇ قانچە قېتىم ماشىنا بىلەن غۇيۇلداپ ئۆتمىدىم؟ ھاياتىمنىڭ يول بويلاپ كەتكەن مۇشۇ چەكسىزلىكلەر بىلەن باغلىشىپ قېلىشىنى نەدىن بىلگەندۇرمەن؟ ئۇندىن كېيىن مەن مۇشۇ يول بىلەن ئادەتتىكىدەك ئۆتۈشكە ھالسىزلىق قىلىپ، ئايلىنىپ ئۆتىدىغان ۋاقىتمۇ كېلىدۇ.
    مەن ئاشۇنداق موسكۋاغا يېقىنلاپ كېلىۋېتىپ، ھېلىقى قاشاڭ رۇنا لوپاتىنا دېگەن نامزاتنى سۈنئىي نەسىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئەتىسى قايتىدىن كىلىنكىلىق تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كەلسۇن دەپ كۆرسەتمە بېرىشنىڭ كېرىكى بارمۇ؟ دەپ ئويلىنىپ قالدىم، ھەئە، مەن شۇنداق كۆرسەتمە بەردىم، نېمە ئۈچۈن ئۇنداق قىلدىم؟ مەن ئاڭا نېمە دېمەكچىمەن؟ ئۇنىڭ سۈنئىي نەسىللەندۈرۈشكە ماقۇللۇق بەرگەنلىكى مەقسىتى پۈتۈنلەي باشقا ئىكەنلىكى، نېمە؟ كۆرۈنمەي تۇرامدۇ، بەلكىم، ئۇ، ھېلىقى رۇنا دېگەن نېمە ساق ئەمەستۇر، ۋە بەلكىم ئۇ ئادالەتچى مەن، ئاشكارە ۋىجدانلىق مەن، ئېسىلزادەمەن دەپ، يەنە تېخى تۇرمۇشتا يوق ئېسىل نەرسىلەرنى ئويلاپ تېپىۋالغان نېمىدۇر، ئۇنى بۇنچە ئەركە قىلىۋېتىشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ ئۇنداق نېمىمى يېقىن يولاتماي قوغلىۋېتىش كېرەك! ئۆزى كىم ئىكەن؟! «ھەي، ئۆزۈڭچۇ؟ ھە، سەنچۇ؟  دېدىم مەن دەررۇ ئۆزۈمگە، يولباشچى كىشىنى تاپقان ئىكەنسەن! سوتلانغان، ھوقۇقسىز جىنايەتچى، ئەمدى سەن. ئۇنىڭ بىلەن نەيزە سانجىشىپ يۈر، بارىكاللار،بارىكاللا!».
    بىر ئىككى قېتىم ئاز يەردىن تومۇرلىرىمنى زەرب بىلەن تېپىۋەتكىلى تاس قالدى، چاقلارنىڭ قاتتىق چىقارغان ئۈنىدىن كېتىۋاتقانلار تەرەپ - تەرەپكە چاچراپ پىتراپ قېچىشتى، رۇنا ئويلىنىپ كېلىپتۇ، مەن بېشىمدىن چىقماي تۇرۇۋالغان خىياللاردىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتىمەن، ئۇندىن قالسا مەن بۇ رۇنانى پەقەت بىر قېتىملا كۆردۈم، نېمە ئۈچۈن ماڭا بۇنچىلىك تەسىر قىلدى؟ مەن قانداق قىلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ قېشىغا كەلگەنلىكىمنى، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ ئورۇندۇقتىن تۇرغانلىقىنى ئېسىمگە كەلتۈردۈم، مانا ئۇ ئالدىمدا تۇرىدۇ، جىنايەتچى، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى كىلىنكىغا، پروفېسسورغا كۆرسىتىشكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئاتايىن تىكىلگەن كىيىم كىيگەن، ئۈستىدە نەدىن تىكىلگەنلىكى شەيتاندىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بوز رەڭ كوفتا، كەڭ، ئۇزۇن يوپكا، پۇتىدا ئايال زاتى كىيگەندىن تېخىمۇ كېلەڭسىزلەشكەن بىر نېمە، كىيىم - كېچەكلەر ئۇنىڭ ئۆڭى - سۆلىگە ۋە تەبىئىتىگە خىزمەت قىلىپ تۇرغان قاچاندۇر بىر چاغدا ئۇ سۆزسىز گۈزەل نازىنىن بولغان، ئۇنىڭ ماڭا خەۋپسىرەش، كەسكىن ھەم غەيرەتلىك قارىغان كۆزلىرى ھەققىدە ئويلىدىم، كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى دەپ قويۇشىدۇ ئەمەسمۇ، بىراق بۇ گەپ توغرا ئەمەس، كۆز ئادەمنىڭ ئۆزى، ئادەمنىڭ ئىچىنىمۇ، تېشىنىمۇ ئېيتىپ تۇرغۇچى، ئوغۇللارنىڭكىدەك سۆڭۈكى چىققان، ئۇرۇق دولىسى چارەسىزلىكتىن شەلۋەرەپتۇ، نازۇك قوللىرىنى باغرىغا قايچىلاشتۇرۇپ تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئېسىت، ئۇ ئۈستى - بېشىنى تۈزىسە، ئۆزىنى ئەركىن تۇتسا، كۈلۈمسىرەپ قاراپ ئوپۇل -توپۇل ماڭغان كۆپچىلىك ئارىسىدا كوچىدا ماڭسا بولۇۋېرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئوخشىمىغان سىياسىي قاراشتىكى ئىش ئۈچۈن يارالغان ئەمەس، يەنە تېخى بۇ دەۋر ئۈچۈن يارالغان ئەمەس، ئاڭا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بېزەكلىرى نېمىدېگەن يارىشىپ قالار ئىدى... ھەمىشە ئادەم كۆڭۈلنى ئېلىپ قاچىدۇ- دە، تۇرىدۇ؛ نېمىلا بولمىسۇن، نېمىلا قىلمىسۇن ئاڭا بىر جاۋاب كېرەك، ۋىجدانغا ياتامدۇ يە ياتمامدۇ! ئۇندىن كېيىن ھەر بىرى ئاشۇ كۆڭۈل،ۋىجداننىڭ ئۆزى خالىغاندەك قوينىدا قارمىلىدۇ، ھەر بىرى ئاشۇنداق غادىيىدۇ، ھەر بىرى ئۇ ھەقتە خۇدانىڭ نامىدا خۇدانى تىلغا ئېلىپ سۆزلەيدۇ، بىراق يالاڭلا ۋىجدان بىلەن يىراقلاپ كېتەلمەيسەن، ئۆزىنىڭ ۋىجدانى بىلەن خۇداغا قارشى تۇرۇشقا ئىقتىدارى بار كىشىلەر ئاز، خۇدا شۇ ۋىجداننى بىزنىڭ ھەممىمىزگە نازىل قىلغان، يەنە شۇنىڭ بىلەن بىزنى ئېغىزلاندۇغان، يورۇق دۇنياغا كەلتۈرۈشكە ھۆكۈمرانلىقنىڭ مونوپولىيىسى سىياقىدىكى، ھەمىشە ئۇنىڭ مونوپولىيىسى بولۇپ كەلگەن نەرسىنى ئۆز قولىغا ئېلىشقا كەلگەندە خۇدانى ئۆزيولىدىن مۇنداق تۈرتۈپ چىقىرىۋېتىشكە ئىقتىدارى بار بەندە يوق، خۇدانىڭ ئەجەلگە بولغان مونوپولىيىسى ھېلىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ، ئۇنى خۇدادىن باشقا ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ، لېكىن يورۇق دۇنياغا ئىنساننى ئاپىرىدە قىلىش ساھەسىگە كەلگەندە، مەن ئۇنىڭ بىلەن رىقابەتلىشىمەن ۋە ۋىجدان بىلەن كارىم بولمايدۇ، رۇنا شۇنى چۈشىنەر بولدىمىكىن، ياق، بەلكىم ئۇ بۇنى چۈشەنمەيدۇ، شۇ چۈشەنمەسلىكىدىن جاننى ئالىقانغا ئېلىپ يۈگۈرۈپ قىيقىراپ، قەھرىمان بولۇپ چىقالىدى، ئۇ ئۆزى ھەققىدە ئويلىسا بولغۇدەك. شۇھېلىقى كېچىسى، ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئاتوم بومبىچىلار گورۇھىغا ھېلىقى ستالىننىڭ سوۋغا قىلغان نېسىۋىسى سۈپىتىدە ماڭىمۇ بۇيرۇلۇپ تېگىپ قالغان ئاشۇ ئۆيلەرنىڭ بىرىدە، ئۆزۈمنىڭ ئاكادېمىيىلىك چاھاربېغىمدا، مەن جېنىمنى قويۇشقا جاي تاپالمىدىم، قېلىن تاملار، كېلەڭسىز چوڭ دېرىزىلەر، زىيادە ئېگىز تۇرۇس، بىراق بۇلارغا نېمە لازىمىم بولسۇن؟ ئۇلاردىن ماڭا نېمە پايدا تېگىدۇ، نېمىگە ياشاۋاتىمەن؟ شۇ كېچىسى مەندەك تاشلاندى بالا قايتىدىن قەدىنى رۇسلىدى، مەن بىرئارتۇق باش، مەن ئۆزۈم  ئاڭقۇرت، مەن - «قارا تۆشۈك». ئادەملەر ئارىسىدا بۇ يورۇق دۇنيادا كىم مەندىنمۇ بەختلىك بولۇپ كەتتى، مېنى يولۇقتۇرغان كىم؟ قايسى ئايال ھاياتىنى جېنىنىڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە تىركىشىپ قوغداپتۇ، ئارقىغا قارىماي قېچىپ كەتكەن يېۋگېنايامۇ؟ ئۇ، پەيزى بىر ئايال ئارتىس، مەن بىلەن ياشىغاندىن بېرى نېمىنى كۆرۈپ، نېمىنى بىلىپتۇ؟ قارىغۇلارچە ھېچ گەپتىن – ھېچ گەپ يوق ئەقىل قاقشايدىغان سېزىم، تاش يۈرەكلىك، يەنە تېخى ئۆز قولۇم بىلەن قىلغان ھامىلە چۈشۈرۈشلەرمۇ؟ تۇيۇقسىزدىن تەقدىر يولدىن ئۇچراشتۇرغان ئاياللارمۇ شۇ قىسقا ئۇچرىشىشلار ھەققىدە بەختنىڭ بىر كاپالەتلىك، پاللىدە نۇرلاندۇرغان نۇرى سۈپىتىدە ئەسلەشكەن ئەمەستۇر، مېنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنىڭ بارى قۇۋانچىسىزلىقى بىلەن، جەلپسىزلىكى بىلەن ئاشكارىلىنىپ تۇردى.
    شۇ يەردىن ئوي - خىيالىم قايتىدىن، ئىختىيارسىزلىقتىن بۈگۈنكى ھېلىقى جىنايەتچىگە، ھەپسىگە سولاقلىق مەزگىلدىن بۇيانقى «جىنايەتچى» نامىنى ئالغان ئايالغا ئاغدى، بىراق نېمە ئۈچۈن ئۇ ئايال ھەققىدە ئويلايمەن؟ ھازىر ئۇ قانداق ئەھۋالدا؟ بەلكىم ئۇ ئازاب چېكىۋاتقاندۇر، بەلكىم بېشىغا پاتماي، كۆپ ئارزۇلارغا سالغان يامان ئويلاردىن ئەس ئالسۇن دەپ ھازىر چاچلىرىنى يېيىپ يۇيۇپ تاراپ قويدى، ئەركىنلىككە دەپ بەلكىم باشقىچە تارىغاندۇر، ئۇنىڭ چاچلىرى قويۇق ۋە بۈدرە ئىدى، ئۇندىن باشقا ئۇنى تۇرمىگە كۆرسىتىشگەندەك ئۇ جىمىنى يىغىپ، بوغۇپ يەلكىسىگە ئالغۇچى ئەمەستۇر، پروفېسسورنىڭ «كۆزىنى ئاچىمەن» دەپ ئۆزىنى يامان ئەھۋالغا قالدۇرۇۋالدى، تۇرمۇشۇمنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى، راستىنلا ئۇ شۇنىڭغا تەييارمۇ؟ ئۇندىن كېيىن بۈگۈنكى ئۇچرىشىشىمىز ھەققىدە نېمە ئويلاۋاتقاندۇر؟ بەلكىم ئۇنىڭ ئېيتقىننىڭمۇ بىر يەردە چىنلىقى باردۇر، بىراق پەقەتلا ۋىجدان، پەقەتلا ياخشى نىيەت بىلەن دۇنيانى تويغۇزالمايسەن، قاندۇرالمايسەن، رازى قىلالمايسەن، ئاسمان ئالدىدىن ئۇلاپلا كەڭرى، تالاي ئورۇنغا نەزەر تاشلىغان ئادەمنىڭ يىرتقۇچلاردەك ماھىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيسەن؛ بۇنداق ئېچىلغان ئىشتىھايىمىز بىلەن ھەممىمىزگە كۆرەر كۈن ئازلىق قىلىپ قالىدۇ، بىراق ئۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچلۇقى ئۇ، ئادەم ئۆزىگە ئوخشىغانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بارغانسېرى كۈچەپ ئەۋجىگە چىققان ئاچكۆزلۈك بىلەن يوپۇشماقتا، شۇڭا، كېرەكلىك يېڭى كىشىلەر- ئاڭقۇرتلار، ھېلىقى ئايالنىڭ بولسا ھاياتقا، ھۆكۈمرانلىققا، ئۇرۇشقا بارىدىغان ھېلىقىلارنىڭ يولىنى تورىغۇسى، بارغۇزماسلىقى كېلىپ تۇرىدۇ، چۈشەنسە بولىدۇ، بىراق يېڭىلمەس نەرسىنى يەڭگۈچى كۈچ يوق، يوق ئۇنداق كۈچ، كېيىن مەن ماھىيەتسىز سوئاللارنى ئۆزۈمگە زىيادە كۆپ بېرىپ يۈردۈم، ئاشۇ كەچتە نېمە ئۈچۈندۇر ئۆزۈمنى تىكەندەك يالغۇز ھېس قىلدىم؟ نېمە ئۈچۈن باشقا كۈنلەردىكى جانغا ئارام بەرگەن كۈلۈمسىرەش، مەسلىھەتلىشىش، ئۇچرىشىشلار يوق، يەنە باشقا سىياسىي ھەم مەملىكەتلىك ئوپۇر - توپۇر داۋالغۇشلار شۇ كۈنى بولدىمۇ؟
    ئاشۇ كۈنى بەكمۇ ئازاب چەكتىم، ھەم پۈتۈنلەي تىنچلىيالمىدىم، جىنايەتچى رۇنا مېنى ئېغىر ئويلىنىشقا سالدى، يارداڭغا ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىشىمىزدىن ئەتراپ، چۆرىمىزدىكىلەرنىڭ ئىچىدىن ھېچكىم گۇمان قىلغان ئەمەس، يا ماڭا شۇنداق بىلىندىمۇ؟
    چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئايىمىغان ھالدا گۆرنىڭ ئاغزىغا پۇتىنى تىقتى- دە، چىڭ قويدى! شۇنداقتىمۇ بولامدۇ؟! ئۇ نېمە ئۈچۈن مېنى سۈرگۈن قىلغۇچى ۋە تەپتىشلەرنىڭ يامانلىق رولىدىكى شەخس بولۇشقا مەجبۇرلايدۇ؟ ھەقىقەتەندىمۇ ماڭا ئەيىب ئارتىش ئۈچۈن ئۆزىنى ھەتتا كۆپلىگەن يىللارغىچە ئەركسىز قالدۇرۇشقا باردىمۇ؟! بىر جەھەتتىن ئۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئۆز پوزىتسىيىسىنى، ئۆز چىنلىقىنى ئېيتىشنى مەقسەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قولىدىن كەلگەن ئىش يالغۇز شۇ، ئۇ بۇنى ئوچوق، كىشىلەر ئالدىدا ئېيتىشقا ياكى كوچىدا ۋە ياكى ئۇندىن بەتتەرھالدا چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئېيتىشقا ئۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق، ئۇ كامىرغا سۇلانغان، ئەمدى ئۇنى يېڭى جازالار كۈتمەكتە، ھېلىمۇ ياخشى، ئارىمىزدىكى بولغان ئىشلارنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، ھېلىمۇ ياخشى، مەن ھېچكىمگە ھېچنەرسە دېمىگەن، ھېلىمۇ ياخشى ئۇنى قايتا چاقىرىشقا كۆرسەتمە بەردىم، ھەئە، ھېلىھەم ئىشنى ئوڭلىسا بولىدۇ، بەلكىم ئۇنى قايتىدىن سوتلاشتىن ساقلاپ قېلىشقا بولار.
    شۇ ئويغا ئەگىشىپ كۆپرەك مۇڭلىنىۋەردىم، كۆڭلۈمدە ئۇنى ئارىچىلاپ قوغداپ قالسام، جازادىن قۇتقۇزسام دېگەن نىيەت بارغانسېرى ئاۋۇدى، ئۇندىن كېيىن ئاشۇ خۇشتارلىقىمدىن ۋۇجۇدۇم دەسلەپكى قەدەمدە تونۇۋاتقان بىر نەرسەنى تاپتى، ئۆزۈمنى - ئۆزۈم تونۇماي، ئۆزۈمنى - ئۆزۈم ئاشكارلاۋاتاتتىم، ماڭا نېمە بولۇپ كەتتى؟ ئايالنى چۈشەنسەم ۋە ئۇنى قوغداپ قالسام دېگەن نىيەت بىلەن، مەن ئاستا - ئاستا ئەگەر رۇنا لوپاتىنا ئۆز بېشىنى ئازابقا باغلاپ قويۇپ، مېنى ئەيىبلەۋاتسا، ئۇنداقتا مۇشۇنىڭ ئۆزى يۇقىرى ئەرشنىڭ پەرمانى بىلەن بولمىدىمىكىن، مۇشۇنىڭ ئۆزى ھەممىنى كەچۈرگۈچى ياراتقان ئىگىمىزنىڭ ئۆزىنى قوغدىغىنى بولدىمىكىن دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم، جىمىنى كەچۈرۈۋېتىش دېگەن نېمە؟ ئۇ زادى قانداق بولىدۇ؟ نېمىدىن كۆرۈنىدۇ، مەن بۇنى بۇرۇن چۈشىنەلەيتتىم، مانا ئەمدى توساتتىن سېزىپ قالدىم، ئەگەردە تۆرەلمىلەرنى ئەمەلىي مەشغۇلاتلىق باشقۇرۇشقا كىرگۈزىمەن، تەكەببۇرچىلىقنىڭ كەيپى بىلەن خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆكرەكتىن تۈرتكەن ئادەمنىڭ ئۆزى بولسام، ئۇنداقتا جىنايەتچى رۇنا ئۆزىنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكىنىڭ ۋە رەھىمدىللىكىنىڭ ئەلچىسى، بىشارەتچىسى بولغاندىمۇ؟ مۇشۇنىڭ ئۆزى مەندىكى ياخشىلىقنىڭ بار ياكى يوق ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن بولمىدىمىكىن؟!
    مۇنداق ئوي - خىياللاردىن گاھى جېنىم كايىسا، گاھى كۆڭلۈم ئېچىلدى، مېنى كۆزۈمنى ئېچىشقا، كۆڭلۈمدە خۇدۈك تۇغدۇرۇشقا، ئۆز تەكەببۇرلۇقۇمنى ۋە خارلىقىمنى سېزىشكە مەجبۇرلىغان شۇ ئايالغا، جىنايەتچىگە مېھرىم تۆكۈلۈپ، ئالقىشىمنىڭ ئېقىلىپ تۇرغانلىقىنى سەزدىم، ئۇنىڭ ئالدىدا باشقا ئادەم بولۇپ تۇرغۇم كەلگەنلىكىنى سەزدىم، مۇشۇ سائەتتە رۇناغا، ئۇنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرغان مەخسۇس ئايرىمخانىغا تېلېفون بېرىشنىڭ مۇمىن ئەمەسلىكى نېمىدېگەن ئۆكۈنچلۈك ئىش، ئاڭا قانچە كۆپ نەرسىلەرنى ئېيتقۇم كەلدى، ئۇنىڭدىن قانچىلىغان كۆپ جاۋابلارنى ئاڭلىغۇم كەلدىغۇ، ئەگەر مۇمكىن بولسا ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، تۈن نىسبىدە شۇ ئايرىمخانىنى كۆزلەپ غۇيۇلداپ بېرىپ، ئۇنى تېپىۋېلىپ سۆزلەشسەم ئىدىم! بىراق بۇنىڭ ئۆزى بىر قۇرۇق خىيال، قولۇمدىن پەقەتلا كېلىدىغىنى ئەتىكى ئۇچرىشىشنى كۈتۈش، ئۇ ئۇچرىشىشنىڭ قانداق بولارىنى مەن كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم، رۇنانى ئىشخانىغا ئۇزىتىپ كېلىشىپ، سۆھبەت ئۈچۈن قالدۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، يېنىغا باردىم- دە، قولىدىن تۇتۇپلا ئۇچرىشىمەن، «كەچۈرۈپ قويارسىز، رۇنا، بىز تۈنۈگۈن باشلىغان گېپىمىزگە كېلەيلى، ئوي - خىيالىڭىزنىڭ جىمىسىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلاشقا تەييار، سىزدىن شۇنى سورىنىمەن، دەلىللىرىمنىمۇ ئاڭلاپ قويسىڭىز ئىكەن»، «يارايسىز،- دەيدۇ ئۇ، ئۇندىن كېيىن چىن نىيىتى بىلەن مۇنداق دەيدۇ، -بىراق مەن سىزنى، پروفېسسور، قايتىدىن ھېچقاچان كۆرەلمەيدىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەتە مېنى بايىقى يېرىمگە ئېلىپ بارىدۇ، كامېرغا قايتا ھەيدەپ بېرىشىدۇ- دە، قايتىدىن سوتلىشىپ، ئۇندىن كېيىن سېبىرىيىسىگە ياكى ئالتايغا پالىشىدۇ دەپ كۈتكەن ئىدىم، بىراق نۆۋەتتىكى نازارەتچى كېلىپ، توساتتىن مېنى قايتىدىن پروفېسسور كرىېلتسوۋ ئاندرېي ئاندرېيېۋىچكە چاقىرتىۋاتىدۇ، دەيدۇ، ئۇندىن كېيىن مانا مۇشۇ يەرگە كېلىپ تۇردۇم».
    «ئاھ قۇدرەتلىك، ھەممىگە قادىر خۇدا! مېنى بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟» دەپ پىچىرلىدىم مەن«چارىسىزلىكتىن بالا-قازاغا يۇغۇرۇلۇپ كەتتىمغۇ؟ ھاي! دە مېنى، بالا-قازانىڭ ئۆزى بولۇپ كېتىۋاتىمەن!».
    ھەئە، ئەلۋەتتە، گۈلىستانغا يېقىنلاپ گۈلنى ئۈزمەس بولۇپ تۇرۇپ كۈلكىگە قېلىشنىڭ نومۇسى، ئارسىزلىقى ئازدە، مەيلى، كۈلكىگە قالسام قالاي، بىراق مەن جىمى ئىشنىڭ دەل شۇ كېچىدىكى خىيالىمدىكىدەك بولۇشىغا بىجاندىللىق بىلەن تەييار، شۇنداقلا بولسا مەيلى ئىدى، زارىققان ۋىسالنى كۈتۈشنىڭ ئۆزى نېمىدېگەن زور بەخت! ئۇندىن قالسا تۇيۇقسىز ۋۇجۇدۇمنى قۇچىقىغا ئالغان شۇ ئېرىتىش، قايىل قىلىشلارنىڭ جىمىسىنىڭ دالدىسىدىن، ئۇپۇقتىكى قارا بۇلۇتتەك بولۇپ، مەن ئۈچۈن ئېغىر گۇمانلىنىش چىقىپ كەلدى، راستىنلا سۈئىي نەسىللەندۈرگۈچىلەر قورسىقىدا ئاڭقۇرتلارنى ئۆستۈرۈشكە ۋىجدانىي ھوقۇقۇم بارمۇ؟ ئىش - ھەرىكەتلىرىمنى قانداق مەقسەتلەر، قانداق بۈيۈك مەقسەتلەر ئاقلىيالايدۇ؟ يالغان ئېيتمىغاندا، شۇنىڭغا ئوخشىغان خۇدۈكسىرەتكەن ئويلار مەندە دائىما بولاتتى، بىراق مەنمۇ ۋە ھەمكارلىرىمنىڭ ئىچىدىن ھېچكىممۇ ھېچقاچان ئۇنى ئوچۇق ئېيتمىدى، ئىلىم - پەننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىزنىڭ ئۆز كۆز ئالدىمىزدىلا ئەمەس، جەمئىيەت ئالدىدىمۇ نام - شەرىپىمىزنى كۆتۈردى، بىراق گاھىدا ئىلىم-پەن بىلەن ۋىجداننىڭ قانچىلىك ماس كەلمىگەنلىكىدىن، كۆپ ۋاقىتتا يەنە ئىلىم - پەن بىلەن جىنايەتنىڭ ئۆز - ئارا قانداق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنىڭ مىسالىنى ئىزدەپ20-ئەسىردىنمۇ يەنە يىراققا بېرىشنىڭ كېرىكى يوق.
    ئۇندىن كېيىن ھەپسىنىڭ تۇتقۇنى ئويغاتقان ۋىجدانىم تىلغا كىرىدىغان ۋاقىت كەلدى، نامەلۇم ئاتا-ئانىلىق، نامەلۇم بالىلارنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ، ئۇلارنى سۈنئىي نەسىللەندۈرگۈچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن يورۇققا چىقىرىشنىڭ ئادەمزاتىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، رۇنا مېنى مانا مۇشۇنىڭدا ئويغاتتى.
    ئۇنى ماڭا نېمە ئاتاقىلىپ كەلدى، ئەجەل بوسۇغىسىغىچە بىزنى نېمە مۇناسىۋەتلەشتۈردى، ئۇنى تەقدىر بىلىدۇ، سەۋەبىنى ئېيتالمايمەن.
    شۇ تۈن ھاياتتا بۇرۇلۇشنىڭ كېچىسى بولدى، ئۆزىدە بۇرۇن بولۇپ كۆرۈلمىگەن پىداكارلىقى بىلەن، ئەقىل يەتمەس ھۆكۈملۈكى بىلەن مېنى تاڭ قالدۇرغان ئايالدىن كەچۈرۈم سوراشقا مەن تەيياردۇرمەن، ئادەمزاتىغا كېلىۋاتقان يامانلىقنى چەتكە قېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈشكە تەييار تۇردۇم، ئەگەر ئۇ مۇھەببىتىمنى قۇبۇل قىلسا ۋە شۇنىڭغا يارىشا جاۋاب قايتۇرسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ياردىمىنى سورىماقچىمەن، شۇنداق، شۇنداق!
    ئۇنىڭ قانداقچە ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلمىدىم، چۈنكى ئۇ كۆپ يىللىق جازاغا كېسىلگەن ئەمەسمۇ، بىراق ئۇ «ماقۇل» دەيدىغان بولسا ،ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىلەن نەگە بولسا بىرگە قېچىشقا، ئورمانغا، تاغقا، دېڭىزنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە بېرىشقا، ئىش قىلىپ بىرگە بولۇشقا تەييار بولىمەن، ئۇندىن كېيىن، مەيلى سەرگەندان بولساممۇ، يېڭى تۇرمۇش باشلىساممۇ ئۇ مەن ئۈچۈن مېنىڭ يامان ئادەت ۋە ئەنئەنە بىلەن ئۆتكەندىكىلىرىمنىڭ گۇناھىدىن يىراقلىغىنىم بولىدۇ.
    شۇنداق قىلىپ بىر ئويلاش بىلەن ئويغا پاتقان جېنىمنى، ئەمدى ئۆزۈمنى توختىتالمايدىغاندەك تۇرىمەن، خىيالىم پايانىنى بىلمىدى، مەن ئۆزۈم ئاياۋسىز، چېكىنمەي ئىنقىلاب قىلدىم، ئۆلچەمسىز خىياللارغا چۆمدۈم، يېڭى تۇرمۇشۇم ئەتىدىن، رۇنانى ماڭا ئېلىپ كېلىشكەندىلا ھەم بىز ئىككەيلەنلا قالغان سائەتتىن باشلىنىدۇ، مەن ئاڭا مەندە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە، بېشىمدىن كەچكەن پاجىئەلەر ھەققىدە ئېيتقىشقا، ھەممىگە تەييار ئىكەنلىكىمنى ئىشەندۈرۈشكە ھەرىكەتلىنىمەن، ئۇ بىرلا «ماقۇل» دېسە ئىكەن، مەندىن ئۇ ئۆزى سۆيۈشكە ئەرزىيدىغان ئادەمنى كۆرسە ئىكەن، ئۇنىڭ بىرقېتىملا نىيىتىمنىڭ ئاقلىقىغا كۆزى يەتسە ئىكەن، بىزگە بىرگە بولۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىگە ئىشەنسە ئىكەن.
    مەن دىۋاندا تىنچىسزلىنىپ، سەگەك ئۇيقۇغا كەتكەندە تۈن نەۋاخ يېرىمدىن ھالقىپ كەتكەن، تاڭغا يېقىن ئاسمان چاراق - چۇرۇق ئېتىپ، چىقىلغان چۈشۈپ، ھاۋانىڭ گۈركىرىگىنىنى ئاڭلىدىم، چىدىرغا چۈشكەندەك ئاۋاز بىلەن سىرتقا يامغۇرلار چېلەكلەپ تۆكۈلۈۋاتاتتى، كۆزۈمنىڭ يۇمۇلۇشى بىلەن ئۇخلىغان بويىچە پانىيلىقتا نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ھېلىقى كۈننىڭ گۈركۈرگەنلىكىنى ئۆزۈم ياراتقاندەك، ئاسماندا چاقماق - يىلدىرىم چېقىپ يېنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، قاتتىق ياغقان يامغۇرلاردىن داۋۇ- دەرەخلەرنىڭ قانداق ئىگىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، مەن ئۆزلىرىگە باشپاناھ ئىزدىشىپ، ئاپەت چۈشۈۋاتقان ئاسماندا جان تالىشىپ جان جەھلى بىلەن ئۇچۇپ يۈرۈشكەن چەرەندە - پەرەندىلەرنىڭ قېلىن توپىنى كۆردۈم.
    ئۇندىن كېيىن مەنمۇ شۇ چاقماق-يىلدىرىم چاققان ئاسمان كەڭلىكىدە ئۇچۇپ يۈردۈم، دەرىزىنىڭ كۆزنىكى ئارقىلىق ئۇچۇپ چىقتىم، ئۆگزىلەرنىڭ، كوچىلارنىڭ ھەم گۈللۈكنىڭ ئۈستىدە قانات قاقتىم، چاقماق - يىلدىرىم ۋە بۇلۇتلارنى ئارىلاپ، كۆزۈمنىڭ كۆرمىگەنلىكىگە قارىماي قىياسەن ئۇچتۇم، چۈنكى تۆۋەن تەرەپتە قايسى بىر يەردە تۇرما بارئىدى. ھاۋانىڭ گۈركۈرگەنلىكىنى ئۇمۇ، سۈنئىي نەسىللەنگۈچى بولۇشتىن باش تارتقان ئايالمۇ ئاڭلىدى، «رۇنا! رۇنا!- دەپ ۋارقىرىدىم، مەن،- بۇ مەن! سېنى ئىزلەپ يۈرىمەن!» ئاڭا ئاسماندىن ۋارقىرىغان، شۇ ھاۋانىڭ گۈركۈرىگەن سائەتىدە ئۇ نېمىنى ئويلىغاندۇر؟
    ئەتىسى كىلىنكىمىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى نورمال بۇلۇۋاتقاندەك، تەييار تەقلىنىشى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقاندەك تۈرۈم كۆرسىتىلىپ ئۆزۈمنىڭ قول تۇتۇپ قىلىشقا تېگىشلىك بىر توپ قىيىنچىلىق بىلىنىپ تۇردى، ھەممە ئىش ئادەتتىكى تەرتىپتە كېتىۋاتاتتى، ئاۋۋالقىدەك ئەمەسلىكىمنى ھەمكارلىرىمنىڭ، خىزمەتچىلىرىمنىڭ ھېچقايسىسى بايقىمىدى.
    كېلىدىغان ئۆز سائىتىمنى كۈتۈۋاتاتتىم، ۋاقىت مېنى زېرىكتۈرۈپ ئالدىغا ئۆتمەيۋاتاتتى،
    كۆپچىلىكنىڭ كۆزىدىكى ئادەممەن، ئادەتتىكىدەكلا ئۆز ۋەزىپەمنى ئارتقۇزۇۋەردىم، بىراق بۇ مەن ئەمدى ئاۋۋالقى مەن ئەمەس.
    ۋاقىت زېرىكتۈرۈپ ئۇزاققا سوزۇلدى.
    بەلگىلەنگەن قەرەل يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى.
    رۇنانى مانا كېلىدۇ، ئەنە كېلىدۇ دەپ كۈتۈۋاتاتتىم، بىراق رۇنانى ھېلىھەم ئېلىپ كېلىشمىدى.
    يەنە چارەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، بىراق يوق، ماشىنىنىڭ قاچان چىققانلىقىنى تېلېفون بېرىپ بىلگىن، دەپ تاپشۇرما بەردىم،كاتىبە تېلېفون بەرسە، ماشىنا بەلگىلەنگەن مەھەلدە چىقىپ كەتكەنلىكى ئېيتىلىپتۇ.
    تىنچسىزلىنىشقا باشلىدىم، نېمە بولۇشى مۇمكىن؟ ئالىمادىس يولدا چاتاققا ئۇچراشتىمۇ؟ .
    سائەتنىڭ تىلى ئۈچكە يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى، ئەمدى قاچان؟ ئۆزۈم تېلېفون بەردىم، ماشىنىغا بىر ئىش بولغاندەك تۇيۇلدى دېيىشتى، ئۇلار ماڭا شۇ ۋاقىتتا كاتىبە قىز يۈگۈرۈپ كىردى، رەڭگى - رويىدا قان يوق.   
    -نېمە بولۇپ كەتتى،- دەپ ۋارقىرىدىم مەن.
    -بىمار ئايال ئۆلۈپ قاپتۇ!   
    -قانداق ئۆلۈپ قالتۇ، قايسى بىمار ئايال؟.  
    -بىز كۈتۈۋاتقان بىمار ئايال، ھازىرلا يولدىن تېلېفون بېرىشتى.
    -قاتناش ۋەقەسىدىمۇ؟
    -ياق، قاتناش ۋەقەسىدە ئەمەس، ئۇ قېچىپتۇ... - ئۆلتۈرۈپ قويۇشۇپتۇ.
    -چۈشەنمىدىم.
    -ھازىر كېلىپ ئېيتىپ بېرىمىز دېيىشتى.
    شۇنداق قاماقتىكى  87 - 6   A نومۇرلۇق ر. ف. لوپاتىنانى، بۇرۇنقى مەن بەرگەن كۆرسەتمىگە بىنائەن، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كىلىنكىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ماشىنا بىلەن ئېلىپ كېلىشىپتۇ.
    يولدىن، شەھەرنىڭ سىرتىدىن يول، توقاينى ئارىلاپ، موسكۋا دەرياسىغا يېقىن ئۆتكۈنچى يەرگە كەلگەندە، جىنايەتچى كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتتى، چىدىيالمايۋاتىمەن، ماشىنىنى توختىتىڭلار، قۇسقىلىۋاتىمەن دەپ سورىنىپ تەلەپ قىلىشقا باشلاپتۇ.
    ئۇلار ئامالسىز توختىتىپتۇ، جىنايەتچى يولنىڭ نېرىقىغا بىر نەچچە قەدەم مېڭىپتۇ- دە، كېيىن توساتتىن جىرىملىكلەرنى ئارىلاپ قېچىپتۇ. بىللە كەلگەن ساقچى ئايال ئارقىدىن قوغلاپتۇ، ساقچى ئايال توختا! دەپ بۇيرۇق بېرىپتۇ، بىراق ئۇ كېتىۋېرىپتۇ، ساقچى ئايال «ئېتىۋېتىمەن!» دەپ ۋارقىراپتۇ، ئارقىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئىككى قېتىم ئاسمانغا ئوق چىقىرىپتۇ، ئۇنى تىرىك تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ساقچى ئايال قوغلاپ يېتىشكە ھەرىكەت قىلىپتۇ،ئاڭغىچە ئالدىدىن بۇرۇلۇپ ئاققان موسكۋا دەرياسىنىڭ ساھىلى تۇشمۇ - تۇش كېلىپ قاپتۇ- دە، ئايال شۇ يۈگۈرگەن پېتى ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپتۇ، ساقچىنىڭ ئېتىشتىن باشقا چارىسى قالماپتۇ، جىنايەتچى ئايال ئۆلۈپتۇ، جەسەتنى سۇدىن سۆرەپ چىقىرىۋېلىشىپتۇ.
    ئۇ نېمىگە شۇنداق قىلدى؟ دەپ كېيىن ئۆزۈمگە مىڭ قېتىم سوئال قويدۇم، نېمە ئۈچۈن؟ بۇ نېمە ئىش؟ چارىسىزلىكتىنمۇ؟ قورققانلىقتىنمۇ؟ يا بۇ نارازىچىلىق بىلدۈرۈشنىڭ شەكلى بولدىمۇ؟
    ھېچكىم جاۋاب بېرەلمەيدۇ، قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق كەتتى، ئۇ تەجرىبىلىرىمىزنىڭ تۇنجى قۇربانى بولدى.
    كەچكىچە ئىشخانىدىن چىققىنىم يوق، بېكىنىۋېلىپ ئولتۇرۇۋەردىم، مەندە نېمە بولۇۋاتقانلىقىمنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ. ئۆزۈمگە تەييار بولغان نەرسىگە ئۆزۈم شۇنچىلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگۈسىز يول بىلەن كاشىلا بولمىغاندا، نېمىدېگەن ئاستا! نېمىدېگەن كاج تەلەيمەن، ئۇنىڭ ئۆلۈپ قالغىنى نېمىدېگەن زور ئارمان ۋە ھەسرەت. ئاڭا چىنلىقنىڭ ئۇ تەرەپتە ئىكەنلىكىنى، مەيلى قانداق باش ئايلاندۇردىغان بۈيۈكلۈككە كۆتۈرۈلسىمۇ ئىلىم - پەننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۇدۇللۇق بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ راۋاجىغا چەك يوق ئىكەنلىكىنى بىراق ئۇنىڭ ۋىجدانغا سېلىشتۇرۇلغاندا، تۈككىمۇ يارىمايدىغانلىقىنى، مەڭگۈلۈكنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىياتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن روھ ئەزەلدىن تەڭداشسىز دەپ ئېيتارىمنى ئۇقماي كېتىپ قالغانلىقى نېمىدېگەن زور ئارمان ھەم ھەسرەت..
    ئىشخانامدا ئولتۇرۇۋېلىپ بۇقۇلداپ يىغلىدىم. ئۆمرۈمدە بىرلا قېتىم كۆرگەن ئايالغا بۇقۇلداپ يىغلىدىم. ئۇ ئايالسىز قالغان ئۆمرۈمنىڭ بەختسىز ئۆتىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ تۇردۇم.
    كېچىدە يولغا چىقتىم، بىراق، شۇ قايغۇلۇق ۋەقە بولغان يەرگە، ئورماننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى موسكۋا دەرياسىنىڭ ئەگىمگە يېقىنلاشقاندا توختىدىم- دە، قايتا ئارقامغا بۇرۇلدۇم، بۇ ئۇنىڭ ئۆلگەن يېرى ئىدى، ئۇ مۇشۇ توقاينى ئارىلاپ قېچىپ دەرياغا ئۆزىنى تاشلىغان ئايلانما يولغا يۈرۈپ كەتتىم.
    ئەگەر ئامالسىزلىقنىڭ ئۆلۈمى بار بولىدۇ دېيىلىدىغان بولسا ئۇنداقتا ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ئۆلچىمىنى تولۇقى بىلەن سەزدىم. ماڭا ئاشۇنىڭ ئۆزى جازا بولغان ئەمەسمۇ؟ تۈن نىسپىدە يالغۇز ئۆيدە ئولتۇرۇۋېلىپ ھۆكۈرەپ ۋارقىرىۋەتتىم. بۇلدۇقلاپ يىغلىدىم. ئۇ يوق. ئاڭا ئاتايىن دېمەكچى بولغىنىمنى، ئاچاي دېگەن سىرىمنى ئەمدى ئۇ ھېچقاچان بىلمەيدۇ. ئۇ ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىگىچە مېنى، ئۇئۆزىنى ئىلمىي كەشپىيات-ئىختىرالارنى، ئاڭقۇرتلارنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىشقا پايدىلىنىدىغان ئەخلەت سۈپىتىدە ئويلىدى. شېشىنىڭ ئاغزىدىن ئىچىملىكنى گۈپۈلدىتىپ يۇتقىنىمدىمۇ ئىچىملىكمۇ قايغۇمغا دال بولالمىدى. بۇنىڭغا بەلكىم ياردەم بېرەر دېگەن ئويدا مۇزىكا ئاڭلىغۇم كەلدى. بىراق ئۇنداق مۇزىكا يوق ئىدى.
    ئۇنداق مۇزىكىنى بەلكىم كۆڭلۈمگە پۈككەن مۇزىكىنى ، تاقەتسىز كۈتۈپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئاڭلىدىم. پاراخوت بىلەن ياپون دېڭىزىدا ئۈزۈپ بېرىۋاتقان ئىدۇق. گۇگۇم كىرىپ قالغان مەھەل، يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئالدىدا قېتىپ قالغان ئاراللارنىڭ چوقچىيىپ كۆرۈنگەن قارىسى دېڭىزنىڭ ھەر قانداق يېرىدىن زامان ۋە ماكاننىڭ لەيلەپ يۈرگەن نەرسىسى سىرلىق قارايدۇ. گورىستاندەك تىمتاس. سالقىن، كۆزگە كۆرۈنمىگەن دولقۇنلارنىڭ ئاڭلىنار - ئاڭلانماس شەپىسى. بىز بىر نەچچە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىلىق زىيالىي. نوگاياغا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا كەلگەن ئىدۇق.
    ھەمكارلىرىم ۋە تىلماچلىرىم پاراخوت بۆلمىسىدە قېلىشقان، سىرلىق ھەم كەڭ ئاراللارغا قاراشتىن كۆزۈم تالماي، پاراخوت سەيناسىدا ئۇيان - بۇيان مېڭىپ يۈردۈم، ساھىلدىكى ئوتلاقلار بەكمۇ يىراق، ئاران بايقىلارلىق ئىدى، بىز شۇ تەرەپكە باراتتۇق، پاراخوتتا ئادەمنى ھالقىپ يۇلقۇنۇشقا، لىكىلداپ سەكرەشكە چاقىرغان مۇزىكىلار تىنىمسىز ياڭراپ قۇلاق، مېڭىنى يەپ كېتىۋاتاتتى، توساتتىن دىسكو مۇزىكىسى جىپپىدە بېسىقتى، ئۇندىن كېيىن ئەنئەنىۋى ناخشا ئاڭلاندى، بۇ ياپونچە «ئەنكا» دەپ ئاتىلىدىغان مىللىي مۇزىكا، لىرىكا ئىدى، ئاشىقىغا بولغان تەشنالىق، ئارزۇ ھەم ئارمان، كۈتۈش بىلەن خوشلىشىش ئىدى، شۇندا مەن ئۇ مۇشۇ يېقىن يەردە، بەلكىم ئاشۇ ئارالدا، ئۇندىن كېيىن مۇشۇ ناخشىنى ئاڭلاۋاتىدۇ، يەنە ئۇ ھەقتە ئويلاۋاتقىنىمنى بىلىدۇ، دەپ ئويلىدىم.
    مەن شۇندىلا ھەممىدىن، ھەممىدىن يىراق كېتىشىم كېرەك ئىكەنلىكىمنى چۈشەندىم.
    ئىسلاھات ۋەقايتا قۇرۇش يىللىرىدا ئاڭقۇرتلارنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىش توختالدى، گورباچېۋنىڭ ھوزۇرىدا بولدۇم، كېيىن يېرىم يىلدىن كېيىن كائىناتقا، ئوربېتىلىق ئىستانسىغا جۆنىدىم، شۇ يەردە مەن كائىناتىي كاھىن بولۇۋالدىم، سىرتتىن قارىغاندا ساراڭلىقتەك كۆرۈنىدۇ، بىراق مەن ئۈچۈن پۈتۈنلەي ساراڭلىق ئەمەس ئىدى.
    كەچمىشلىرىم ماڭا ئارام بەرمىدى، پېيىمغا چۈشۈۋالدى، ھەمدە ھەلقۇمۇمغا تىقىلغان سۆڭەكتەك ئالدىمدا ھەل قىلىنمىغان سوئال تۇراتتى، تۇغۇلۇشقا ئۈلگۈرۈشكەن، ھەمدە بولسا ئۆسۈپ چوڭىيىۋاتقان ئاڭقۇرتلار نېمىمۇ بولار؟ ئۇلارنىڭ نەدىن چىققانلىقى نامەلۇم. بۇ ۋاقىتلاردا بۇ ھەقتە ھېچكىم بىلمەيدۇ، تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا، ئازغىنە ئادەم، مېنى بۇرۇنقى ھەمكارلىرىم بىلىشىدۇ، ئۇلار مەن ھەققىدە «كاپىر، كائىناتقا چىقىپ كەتتى، قاچتى» دېيىشىۋاتقان بولسا كېرەك، بىراق ئۇلار نېمە دېيىشسە دېيىشىۋەرسۇن، تىنچىمنى بۇزغان ئىش قارغىشىمنى، قانداق قىلىپ شۈمشەيگەن مۇراخست، ساندا يوق لالما ئىت(لار) دەپ تىللاپ سۆكەرىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ! مەن ھازىر يەرگە چۈشۈپ، ئۇندىن كېيىن بىزنىڭ تەجرىبىخانىنىڭ تەجرىبىلىرىنىڭ نەتىجىسىدە تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىسام بولامدۇ؟ مەن بۇنى نېچۈن يېزىۋاتىمەن؟ چۈنكى بىز قىلغان ئىشلار قايتا ھالەتكە كەلمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن، تۇغۇلغاندىن تارتىپ قىمممەتلىك بايلىق، خەزىنە بولۇپ قېلىشقان ئادەملەر نېمە بولۇشىدۇ؟ چۈنكى ئەتە ئۇلار كىم  بولۇشى ئىكەنلىكى ھەققىدە بىلىشىدۇ، ئۇلار جەمئىيەتكە قانداق ياخشىلىق قىلىشىدۇ، كېيىن ئاڭقۇرتلار ئادەمزاتىدىن ئالغۇسى يورۇق دۇنيانى قەتئىي يوسۇندا ئاستىن - ئۈستۈن قىلغۇسى كەلمەسمىكىن؟! ئەمدى بۇنداق قىلىپ مەن بۇ يەردە، كائىناتقا ئۇلار ئاڭقۇرتلارنىڭ ئۇياقتا يەردە چوڭىيىۋاتقانلىقىنى دېسەم بۇ بىر مۆجىزە! باشقا سۆز تېپىش قىيىن. ھېچقاچان ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستۈمگە ئالغان ئەمەسمەن، مەندە بار بولغىنى ئۇلارنىڭ تۆرىلىشىنىڭ ئىلمىي مەسىلىلىرىنىلا ھەل قىلىمەن دېگەن مەسئۇلىيەتلا، بەلكىم ئۆزۈمگە، بىراق مۇشۇ ئاقلىنىش بولالامدۇ؟! ئۇلار گۇناھلىرىدا، قىلغۇلۇقنى قىلىپ قويۇشۇپ ئۇندىن كېيىن ھەممە ئاستىن - ئۈستۈن بولغاندا يەنە باشقا ئايلانمىغا چۈشكەندە قېچىپ يوقالغان نېمىلەرنى نەدىن ئىزدىشەر، يەنە ئۇندىن قالسا ك. گ. ب بۇمۇ يوق بولدى. بەلكىم يەنەكائىناتتىمۇ باربولار ئەمەستۇر؟... يوق بولسا يوق بولغانچە پالاكەت باسسۇن!
    فىلوفېينىڭ جان سىرى مۇشۇ يەردىن ئۈزۈلۈپ قالدى.  
    جان سىرىنىڭ تېكىستى فىلوفېيدىن قالغان بۇ ئاخىرقى خەۋەرنى ئەنتونى يۇنگېر خەۋەر قىلىپ يوللاشنىڭ ئىش بېشىدا قالدى.
    ھېچكىمنىڭ بېشىغا كەلمەيدىغان قىزىقسىنارلىق ۋەقە دەپ مەيۈس ئويلىدى. ئەنتونى قىشنىڭ شۇ سەھەرىدە ماشىنىنىڭ رولىدا ئولتۇرۇپ، سىرتتا ياغقان قارغا كۆز يۈگۈرۈتۈش بىلەن ئۇ تۈندە ئوقۇپ چىققان فىلوفېينىڭ يېزىپ قالدۇرغان جان سىرىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالماي ئويلىنىۋاتاتتى.
    ھەيران قالارلىق ئىش، دەپ ئويلىدى ئۇ، ھېچكىم مۇنداق ئۆلگەن ئەمەس. ئەمدى فىلوفېي كائىناتتا موميا بولۇپ ئالەمنىڭ بىر يېرىدە لەيلەپ يۈرىدىغاندۇر. سەييارىمىزنىڭ سىرتىدا ئۆز جېنىدىن ئۆزى ۋاز كەچكەن بىردىنبىر ئادەم، ئۇنىڭ جېنى تۇنجۇقۇپ جىمجىتلىقتىن جاي ئالدى. ئەمدى بۇ خېتى بىلەن ئۆزىنى قايتا ئېسىمىزگە سالماقتا.
    راستىنلا ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ ئىبرەت بولمىغانلىقىدا قانداقتۇر بىر بۈيۈك مەنا بار دەپ ئويلاشقا بولىدۇ، شۇنداق، بىراق خۇنىنى دەڭ تېخى؟!
    مۇنداق يولدا كۈن ھەمىشە قىممەت، ئۇندىن قالسا بارلىق پۇرسەتلەر ئۈچۈن بىرلا قېتىم چوڭ ئىبرەت بولىدىغۇ، تۆكۈلگەن خۇن خۇددى يېرۇسالىمنىڭ شەھەر سىرتىدىكى گولگوفا دەپ ئاتىلىدىغان روھۇللاھ مەسىھ ئېيسا ئۆلتۈرۈلگەن يەردە ئېيتىلسا تۆلىگەن خۇندەك بولدى، ھەر نەرسىنىڭ ئۆز خۇنى بار، ئۇ بولسا ئۆز خۇنىنى كائىناتتا تۆلىدى.
    ئۇنى بالىلار باغچىسىنىڭ بوسۇغىسىغا ئېلىپ كېلىۋاتقاندا ئانىسىنىڭ تاپىنى ئاستىدىكى قارنىڭ غىچىرلىغىنى ئاڭا كائىناتتىمۇ ئۇقىلار بولدىمىكىن؟ ئۇنى باغرىغا بېسىۋېلىپ، ئاخىرقى قېتىم كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئانىسىنىڭ يۈرىكىنىڭ دۈك - دۈك سوققىنى ئاڭا كائىناتتىمۇ ئاڭلىنار بولدىمىكىن؟
    چىنگىز ئايتماتوۋ كائىناتى-ئادەم ۋە ئالەم
    ئابدۇللاھجان ئەھمەدئەلىيېۋ
    چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ «كاسساندرا تامغىسى» رومانىدىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ۋۇجۇدۇم بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئويدىن - ئويغا چۆمۈلۈپ يەر بىلەن كائىناتنىڭ چەكسىز كەڭلىكىدە كىشىلەرسەكراتقا چۈشۈۋاتقاندا نېمە ئۈچۈندۇر ئېلىمىزنىڭ تەپەككۇر بىلەن سۆزنىڭ ئەڭ بۈيۈك، مۇقەددەس تاۋلىنىشنى كۆرسەتكەن تاشقا تامغا باسقاندەك كۆرۈنۈشتىمۇ كۆركەم ھەم ئەھمىيەتلىك تېرەن ھەم ئېسىل خاسىيەت، كارامەتلەرنى مۇجەسسەنلىگەن ھايات بىلەن ماماتقا، ئادەم بىلەن جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك نەچچىلىگەن ماقال - تەمسىللەرنى بىردىنلا ئەسلەپ قالدىم، «ياخشىدىن يامان تۇغۇلسا زىيان»،«بالىنىڭ تۇغۇلغىنىغا سۆيۈنمە، تۇرارىغا سۆيۈن»، «بالا ئۆزى تۇغۇلىدۇ، خىيال-خۇلقى تۇغۇلمايدۇ»، «بىرى تەنتەك چىقسا، بىرى چۆنتەك چىقىدۇ»، «ئوغۇل ياخشىسى ئاتىنىڭ داڭقى، قىزنىڭ ياخشىسى ئانىنىڭ قەدرى» ۋە باشقىلار، كىشىلەر قانداقتۇر بىر قاتتىق ھۆكۈم بىلەن «تۇغۇلماي بۆشۈكۈڭدىن قالغۇر»دەپ قويۇشىدۇ،نېمە ئۈچۈن؟ سۈيقەستتىنمۇ؟! كۆرەلمەسلىكتىنمۇ؟! مۇناپىقلىقتىمۇ؟! مەندۇرمەنلىكتىنمۇ؟!
    ئايتماتوۋنىڭ سەييارىلەر ئارا تەپەككۇرى ئادەمزاتى بىلەن ئالەم ماسىشتابى ئارىسىدا ئادەم ھاياتىنىڭ، تەقدىرىنىڭ كېلەچەكتىكى تەدرىجىي تەرەققىياتى ھەققىدە سۆز ئېچىشقا مۇمكىنلىك بېرىدۇ، ئايتماتوۋ دۇنيانىڭ تۆت بۈرجىكىدە ياشىغان يۈزلىگەن ئەللەرنىڭ پسىخىكىسىنىڭ ئەجەللىك ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشنى كائىناتىي يۈكسەكلىكتىن بايقايدۇ. كائىنات-بۇ مۇئەللىپ ئۈچۈن ئالەملا ئەمەس بەلكى يەنە ئادەم روھىنىڭ بايلىقىدۇر، روھ-ئادەمزاتىنىڭ مەڭگۈلۈك كاتېگورىيىسى، چىنغىز ئايتماتوۋنىڭ ئالەمى زامان ۋە ماكان تەرىپىدىن چەكلەنمىگەن، چەكسىز پۈتكۈل دۇنيا بولسا ئايتماتوۋنىڭ كائىناتى، ئۇنىڭ قابىلىيىتىنىڭ بۈيۈكلۈكى.
    بىز يازغۇچىنىڭ ئادەم بالىسىنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى تونۇپ بېرىشىنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ باسقۇچلىرىغا جەمئىيەت ۋە تەپەككۇرنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى سىرىغا، ماھىيىتىگە، قانۇنىيەتلىرىگە، ئىرسىيەت ھەققىدىكى نەزەرىيىلەرنىڭ ئادەمزاتىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئوينايدىغان رولىغا ۋە بىئو -خېمىيىۋى ئامىللار،مېتودلاردىن يەككە ئادەمنىڭ پسىخولوگىيىۋى تەرەققىيات جەريانىغا، زور تەسىرىگە، مېندېلىزم بىلەن دارۋىنىزمنىڭ ئۇقۇملىرىغا، ئادەم بالىسىنىڭ تۆرەلمىلىك تەرەققىياتىغا بىكار قىزىقىپ ئولتۇرمىغانلىقىنى كۆرىمىز، تۆرەلمىلىك تەرەققىيات ئورگانىزمىنىڭ يېگانە راۋاجى ئانىلىق ئۇرۇغدىن باشلانغان بىلەن لېكىن ئۇنىڭ پۈتكۈل دۇنياۋى، ئومۇمىي، ئىجتىمائىي، پىسخولوگىيىۋى، پەلسەپىۋى خۇلقىي، ئەخلاقىي ھەم گۈزەللىك مەناسىغا ئىگە ئىكەنلىكى «كاسساندرا تامغىسى» رومانىنىڭ ئەڭ مۇھىم تېماتىكىسى.
    «كاسساندرا تامغىسى» بۇ ھامىلىنىڭ تۇغۇلماي تۇرۇپ ھاياتتىن، يورۇق دۇنياغا كېلىشتىن، كېلەچەكتىكى جاۋابكارلىقتىن، مەسئۇليەتتىن باش تارتىشنى،جامائەتچىلىككە بىلدۈرۈش،«كاسساندرا تامغىسى»نىڭ سىگنالى، بەلگىسى ئارقىلىق ماھىيەتلىك ھامىلىسىنىڭ ئادەم بالىسىنىڭ «پىشانىسىگە يېزىلمىش تەقدىرى»نى بايقىۋالسا بولاتتى، ئۇنىڭ ئۆمۈر سۈرۈشى ئۆزىگىلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس،بەلكى بىئومۇھىت بىلەن جۇغراپىيىۋى مۇھىتىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىش، كاسساندرا تۆرەلمىسىنىڭ سىگنال-بەلگىسىنى ئېتىبارغا ئالماي، ئادەمزات بىلەن ئالەمنىڭ مەڭگۈلۈككە، ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە سەل قاراش دېگەنلىك.
    «مۇنبەر» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرىگە كائىناتتىن كەلگەن فاكس، ئادەمزات بالىسىنىڭ تارىخىدا دۇنياۋى ماسىشتابىدا شامال دولقۇنىدەك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش، شۇ فاكس مەزمۇنىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك سەۋىيىدە جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى مەۋجۇت بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن تەھرىرات ھەيئىتى كېڭىشى ھاپىلا - شاپىلا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇلار «كەڭتاشا ئولتۇرۇپ بىۋاستە كېڭىشىپ»، «يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىشىپ»، قانداق قىلغاندا كائىناتىي مۇراجىئەتنى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈشنىڭ مۇۋاپىقلىقنى تېپىشىدۇ، مۇخبىر، خىزمەتكارلارغا كىمدۇر بىراۋنىڭ بىلەن بۇ ۋەقە توغرۇلۇق پىكىر ئېلىشقا، تېلېفۇنلارغا، فاكسلارغا جاۋاب بەرمەسلىككە، ئوقۇرمەنلەرنى تەھرىراتنىڭ ئىمارىتىگە كىرگۈزمەسلىككە قاتتىق بۇيرۇق بېرىلىپ، چەك قويۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە «مۇنبەر» گېزىتىدىكىلەر توساتتىن كەلگەن شامالدەك «پۇرسەت» نى قويۇپ بەرمەي قوبۇللىغان فاكسنى تېزراق يەتكۈزۈشكە ئىنتىزار بولۇشىدۇ، چۈنكى ۋاقتى كىچىككىنە كېچىكسىلا بۇ ماتېرىياللارنى باشقا گېزىتتىكىلەر ئېلان قىلىۋېلىشى تولۇق مۇمكىن ئىدى.
    كائىناتتىن يەرگە يېنىپ كېلىشتىن باش تارتىپ ئوربېتىلىق ئىستانسىدا جاپادا، تەنھالىقتا قېلىپ بىر جەھەتتىن رۇس زىيالىيسى بولۇپ بىر جەھەتتىن «فىلوفېي» دەپ ئۆزىگە يالغان ئاتاق بەرگەن ئاندرېي ئاندرېيېۋىچ كرىلتسوۋنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمىسىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە رىم پاپاسىغا يازغان مەكتۇپىنىڭ مەزمۇنى ئادەم بالىسنىڭ تۆرەلمىلىك تەرەققىياتى نەسىل قۇرۇتۇشقا، يەككە يېتىلىش بىلەن سىستېمىلىق يېتىلىشكە، ئىرسىيەتكە، ئىرسىي جۇغلانمىغا، بىئولوگىيىلىك باشقۇرۇشقا، تىرىكچىلىككە بېرىپ تاقىلىدۇ، ئاندىن تۆرەلمە پەيدا بولغان دەسلەپكى كۈنلىرىدىكى سېزىمى تۈرلۈك يوسۇندا ئالدىنئالا ئۇنى تۇرمۇشنىڭ قانداق تەقدىرى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ھەم ئۇ تەقدىرگە تۆرەلمىنىڭ ئۆزى قانداقچە مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر ئۇ مۇئامىلە ماھىيەتلىك ئىشلاردىن بىشارەت بەرسە، ئۇنداقتا كاسساندرا دەپ ئاتالغان ھامىلە يورۇق دۇنياغا كېلىشكە قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ.   
    فىلوفېينىڭ تەجرىبە مىتودى - ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە بايانات ئارقىلىق كائىناتنىڭ تەكشۈرۈش تۈرىنى ئىبەرتىش بىلەن ئانىلارنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلدارلىقتىن جەمئىيەت ئۈچۈن ياخشى ياكى يامان ئادەم بالىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى بىلدۈرىدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ تۈپكى رېئاكسىيىسى ئاياللارنىڭ ماڭلىيىدىكى پىگمىنتلىق داغدىن كۆرۈنىدۇ، ئەگەر ئۇ داغقا ئالا بولىماچلىق يار بولسا ئاتا - ئانىلاردا ئەمەس، كەڭ جامائەتچىلىكمۇ بىئارام بولۇشى كېرەك ئەلۋەتتە، فىلوفېينىڭ نەزەرىيىسى بويىچە نىگاتىۋغا چۈشكەن كاسساندرا ھامىلىگە ئۆز خاھىشى بىلەن ھاياتىغا مۇمكىنلىك بەرمەسلىكنىڭ ئۆزى كىشىلەرنى جەڭگى-جېدەل بىلەن قان تۆكۈشتىن، ھېقىرلىقتىن، قايغۇ-جاپادىن، قىيامەت قايىمدىن يىراق بولۇش جاۋابكارلىققا ئىگە قىلىدۇ.
    بەلكىم فىلوفېينىڭ نەزەرىيىسىنىڭ ھەققانىيلىقى باردۇر، ئۇنداق بولغاندا نەچچە قېتىم بالا چۈشۈرۈلۈپ، قانچىلىغان نارىسىدە ۋە نارىسىدلەر تاشلاندى قىلىنىپ ئىرغىتىلىدۇ ئەمەسمۇ! ئۇلارنىڭ ئۇۋالچىلىقى كىمگە؟! كېلەچەكتە ھىتلىر سىياقىدىكى فاشىستىك دىكتاتورلار يارالماسمۇ؟! يۇگوسلاۋىيىدىكى،قاراباغدىكى،چېچەنىستاندىكى قانلىق قىلمىشلار، زەھەر بەڭگىلىرى، سولاقتىكى باندىتلار يەنە چىقارماسمۇ؟ بەلكىم، كەلگۈسىدىكى كاسساندرا ھامىلىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈچۈنمۇ كېرەكتۇر! يەريۈزىدە تىركچىلىكنىڭ ئۇلىنىۋېرىشى ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ سانسىز، سۈپەتسىز نوپۇسىنىڭ زۆرۈرلۈكى يوقتۇر! يادرولۇق، بىئولوگىيىۋى، خېمىيىۋى قۇرال - ياراقلارنى ئويلاپ چىقىرىش توختىلار! شۇنداق ياخشىلىقلار، يامانلىقلار ئۈستىدىن بىر تالاي غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەر، بۇ خام خىيالمۇ!؟، فانتازىيىمۇ؟!، تەسىرلىنىشمۇ؟!
    بەلگىلىك تەسىرى بار ئامېرىكان كېلەچەكشۇناس روبېرت بوركنىڭ «مۇنبەر» گېزىتىدىكى كائىناتلىق مۇراجىئەتكە بولغان دانا كۆز قارىشى جامائەتچىلىك ئۈچۈن زۆرۈر ئىدى! ئۇ قانداق پوزىتسىيىدە بولىدۇ؟! ئۇنىڭ يەككە پىكىرى كۆپچىلىكنىڭ ۋىجدانىنى ئۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلاپ قىلىشقا تۈرتكە!
    بىراق، «مۇنبەر» گېزىتىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمىسىنى ئۇ رەپىقىسى جېسسىدىن ئاڭلىغاندا ئاڭا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن، بىراق كاسساندرا تامغىسى توغرۇلۇق ئوي ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئارامىدا قويمايدۇ، قاچاندۇر بىر چاغلاردىكى ياشلىق ۋاقىتلىرىدا كېلەچەكتىكى ئادەمزاتنىڭ ھاياتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى مودېللىرىنى تۈزۈش ھەققىدىكى بەس - مۇنازىرىنىڭ بىردىنبىر ياقلىغۇچىسى بولۇپ، دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدە تۈگۈلۈپ ياتقان سىرىنىڭ ھامىنى بىر  كۈنى ھەل بولۇشىنى كۈتۈپ ياتقان ئىدىغۇ؟! ئەسەردە كاسساندرا تامغىسىنى چۆرىدىگەن ۋەقە بوركنى مەپكۇرە ئۈچۈن باشقىلار بىلەن ئوچۇق - ئاشكارە قېقىلىشقا يەتكۈزۈشى مىزانلىق، ئۆلچەملىك قىلىنىدۇ.
    چ. ئايتماتوۋ بوركنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق ئىلغار كۆز قاراشتىكى ئىنسانىي، ھەقىقىي، نوپۇزلۇق ئىلىمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆيۈپ پىشقان ئوقۇمۇشلارنىڭ ئوبرازىنى ئوقۇرمەنلەرگە بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، مۇئەللىپنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ باش قەھرىمان تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئېيتمىساممۇ چۈشىنەرلىك، باش قەھرىمان ۋەقەلەرنى ئۆزى بىلەن تەھلىللەپ تۇرغان ئەڭ مەركىزىي نۇقتا.
    بوركنىڭ دانالىقتا، ئادەمگەرچىلىكتە پرىنسىپچان پىرېزدىنت بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ ئۆزىنىڭ نامزات تەلەپكارلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرغان كونا بىر تونۇشى ئوردوك بىلەن تېلېفوندا دەسلەپ سۆزلىشىشى ئەسەرنىڭ بېشىدا بىلىنىدۇ، ئۇ فىلوفېينىڭ نەزەرىيىسىنى باشقىلارغا ئوخشاش كەمستىپ، قىرغىزچە ئېيتقاندا «كەلىمەلىرى ئاغزىدىن چۈشۈپ» قوبۇل قىلمايدۇ، جېمىكى ئىشقا ھۇشيارلىق، سەۋرچانلىق، تەمكىنلىك بىلەن ئىلىمدىكى يىرىك ئاشكارىلىشىشنىڭ بىر تۈرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ.
    بوركنىڭ يەر يۈزىدىكى فىلوفېي سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىشىدۇ، مۇئەللىپ تەرىپىدىن پسىخولوگىيىۋى مەۋقەدە تېرەن ئىشەندۈرۈلگەن، يازغۇچى تەسۋىرلىگەندەك قەھرىماننىڭ تەجرىبىسى،بىلىمدانلىقىغا، فىلوفېينىڭ نەزەرىيىسىگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىشكە مۇمكىنمۇ؟ ئوقۇمۇشلۇق جامائەتچىلىك ئالدىدا ئۆز پىكىرىنى ئېلان قىلىشنى توغرا تاپىدۇ، ئۇ ماقالىسىدە «ئادەم» دېگەن چۈشەنچىگە ئومۇمىي، ئىجتىمائىي، پەلسەپىۋى، بىئولوگىيىۋى، پسىخولوگىيىۋى، ئەدەب-ئەخلاقىي قاتارلىق تەرەپلەردىن نەزەر تاشلاپ فىلوفېينىڭ نەزەرىيىسىنىڭ چىنلىقىنى ئىلمىي دەلىللەر نېگىزىدە مەھكەملىشى ئۇنىڭ تەقدىردىكى ئەڭ مۇھىم باش قېتىمچىلىقلارنىڭ بىرى، شۇڭلاشقا مۇئەللىپ قەھرىماننىڭ يالاڭ ھالدا كائىناتلىق مەپكۇرەسىنىڭ پىكىردىشىلا ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئاڭا تەييار تەسۋىرلىنىدۇ، قەھرىماننىڭ ئۆزىنىڭ نەچچە يىللاردىن بېرىكى ئىلمىي ئىزلىنىشنىڭ خۇلاسىسى ھامىنى بىر كۈنى فىلوفېينىڭ نەزەرىيىسىگە يېقىن زاھىرلىنىشىنى ئاتا قىلىشقا يېقىنلاپ قالغان، بوركنىڭ يېگانە تەقدىرىدە كائىناتتىكى فىلوفېينىڭ تەقدىرىگە چىرمىشىپ باغلانغان، يالغۇز قىزمۇ، ئايالىمۇ بوركنى مەپكۇرەدىن باش تارتىشقا كۆندۈرەلمەيدۇ، ئۇ ئۆز بېشىنى تاختايغا ئېلىپ قويغان قورقماس ئەزىمەت ھاياتنىڭ ماھىيىتى، ئادەمزات تەقدىرى، ھايات يەنە مامات، دىنىي ئېتىقادلار، ئېزگۈلۈك بىلەن رەزىللىك، جان-جانىۋارلاردىن تارتىپ كائىناتىي سىگناللارنى ئاڭقىرىشلىرىغىچە ئەھمىيەت بېرىش بوركنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى ماھىيەت نېگىزىدىن تۈزۈپ، قۇراشتۇرۇپ تۇرغان مەسىلىدۇر.
    بورك ياشىغان جامائەتچىلىك بوركنى چۈشەنگەن يوق، ئۇنىڭ ئىسمىنى، ئار-نومۇسىنى، ئابرويىنى بۇلغىغان ۋاراقچىلار تارقىلىشقا باشلايدۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ دېگىنىنى ئاڭقىرالماي ئۇنى سۆرەپ، قونجالاپ ئۇنىڭ باش - كۆزىنى يېرىپ ئۆلتۈرۈشىدۇ، بۇ تراگېدىيە: بىرىنچىدىن ئادەم بالىسىنىڭ مەپكۇرە ئۈچۈن ئۆز بېشىنىڭ كېتىشىدىن قورقمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرسە، ئىككىنچىدىن،ياۋايىلاشقان بەندىلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى، مەسئۇلىيەتسزلىكىنى، ۋىجدانسىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دېمەك، ياخشىلىق يوق، يامانلىق بار.چ. ھېيد مۇھەممەدوۋنىڭ باش قەھرىمانى قايتىدىن زور تراگېدىيىگە گىرىپتار بولىدۇ، تراگېدىيە دېگەنلىك، ئۇ ئۆلۈم بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ ئەمەسمۇ! يازغۇچى ئۆز ئەسىرىدىكى باش قەھرىمانىنى ۋەقەلىكنىڭ بېشىدىن باشلاپلا تراگېدىيىلىك يېشىمگە پسىخولوگىيە تەرەپتىن تەييارلاپ ئاخىرىدا ئومۇمىي خۇلاسىلىك مىزان-ئۆلچەملەر يەتكۈزىدۇ، بوركنىڭ دانالىقى، ۋەتەنپەرۋەرلىكى، جامائەت ئەربابلىقى، پىدائىيلىقى، ھەققانىيلىقى زور تراگېدىيىنى يارىتىدۇ.
    ئايال ساقچى زەھەر بەڭگىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىپ تۇرۇپ ئۆز پېشانىسىدە كاسساندرا بەلگىسى پەيدا بولۇپ كېلەچەكتە كۆزى ئېچىلىدىغان پەرزەنتى ھەققىدە تراگېدىيىنىڭ سىگنالى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، بالىسى چوڭايغاندا زەھەر بەڭگىسى، جىنايەتچى بولسا نېمە بولار؟! شۇنداق بالىنىڭ يورۇق دۇنياغا كېلىشى توغرىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن كاسساندرا ھامىلىسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئاياللاردا گۇناھلىق، ئەرەنلەرچۇ؟ ئۇلارنىڭ ھامىلە بىلەن مۇناسىۋېتى يوقمۇ؟! ئولىۋېر ئوردوكنىڭ بارلىقىنى سېتىشقا تەييار، ئۇنىڭ ئىككى يۈزلىملىك ھىيلىسى سايلامچىلار بىلەن يولۇقۇشقاندا ئېنىق بىلىنىدۇ، ئۇ بوركنىڭ پىكىرىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى سېسىق سىياسەتكە ئارىلاشتۇرۇپ ھەر بىر «پۇرسەت» نى ئۆز شەخسىي نەپسى ئۈچۈن ئىشقا سالىدۇ، چ. ئايتماتوۋنىڭ تەسۋىرىدىكى ئوردوكنىڭ تراگېدىيىسى روھىي دۇنيانىڭ كەمتۈكلۈكىدە ھەم سىياسىي قارىغۇ - سوقۇرلۇقنىڭ ئۆزىدە چەكتن ئاشقان قانخورلۇق، بىر تەرەپلىمىلىك، زىيادە چاپقۇنچىلىق مەپكۇرەلىرى يىغىن ئەھلىنى چىرماپ ئالغاندا كەڭ يەر يۈزىنى سەلسىمان ئاپەت قاپلاپ كېتىدۇ، مانا شۇ ۋەزىيەتنى سەزگەن ئولىۋېر ئوردوك سايلامچىلارنى فىلوفېيدىن، بوركتىن ئۆچ ئېلىشقا ئۈندىسە سايلامچىلار بولسا ئۇنى پرېزدېنتلىققا بىر ئېغىزدىن سايلاشقا ۋەدىلەرنى بېرىشىدۇ، ياۋۇزلۇق، يامانلىق ھەقىقەتنى باسىدۇ، ئىپلاسلىق پاكلىقنى دەپسەندە قىلىدۇ، چىنلىق نالەش ياغدۇرىدۇ، بىراق ئۇنداق ئەھۋالنى ئاڭلايدىغان ھېچكىم يوق، ھېچكىمنىڭ ئاڭلىغۇسى كەلمەيدۇ، دۇنيادىكى ھايات دەل يامانلىقتىن، زورلۇق - زۇمبۇلۇقتىن، ئالدامچىلىقتىن، كۆرەلمەسلىكتىن، ئىككى يۈزلىملىكتىن، ساتقىنلىقتىن پەيدا بولىدىغانلىقتىن ئىبارەت تەسىر قالىدۇ، بۇ خاس خۇسۇسىيەتلىك تراگېدىيىمۇ!
    بىراق يازغۇچى ئەنتونى يۇنگېرنىڭ يارقىن ئوبرازى ئارقىلىق ياخشىلىقتىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكنى ئىپادىلەيدۇ، ئەنتونى يۇنگېر  ۋىجدان، ئېتىقاد، كېلەچەك، ئۇ ئىنسانىي ساپ قەلبنىڭ يۈكسەكلىكى بىلەن ئولىۋېر ئوردوكتىن قول ئۈزۈپ بورك بىلەن فىلوفېينىڭ مەپكۇرەلىرىنىڭ ياقلىغۇچىسى ۋە ۋارىسى سالاھىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، جامائەتچىلىككە كاسساندرا ھامىلىسىنىڭ نەزەرىيىسىنى چۈشەندۈرۈش زۆرۈرلۈكىنى چۈشىنىپ بورك فىلوفېي بىلەن تۈزدىن - تۈز، بىۋاستە سىمسىز تەشۋىقات ئۇيۇشتۇرۇشقا ھەرىكەتلىنىدۇ، بوغۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىدىن، ئادەم بالىسىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي كىتاب  ۋاراقلىرىدىن زور مەپكۇرە يەنى ئادەمنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ياشاش پۇرسىتى كۆرۈنىدۇ، چىنگىز ھېيد مۇھەممەدوۋنىڭ قەھرىمانلىرى ۋىجدانلىق ياشاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.8
    چىنغىز ئايتماتوۋ بۇرۇنقى ئەسەرلىرىدە، يەنى «ئاق پاراخوت»، «دېڭىز بويلاپ يۈرگەن ئالادۆبۈت»(«ئالا ئىت قىياسى») لەردە ئادەم بالىسىنىڭ يارىلىشىنى قەدىمكى ئاتا- بوۋىلارنىڭ تارىخىغا مۇراجىئەت قىلغان ئاساستا پەلسەپىۋى مەنالىق رىۋايەتلەرگە، ئەپسانىلەرگە باغلاپ يەشسە، «كاسساندرا تامغىسى»دا، «ئادەم بالىسى قانداق قىلىپ ئادەم بولىدۇ؟» دېگەن سوئالغا بۈگۈنكى ئىلمىي تېخنىكىۋى ئىنقىلابنىڭ يۇقىرى سەۋىيىسىدىن جاۋاب ئىزلەيدۇ، تەبىئەتنىڭ گارمۇنىيىسى بۇزۇلۇپ، ياسالمىلىق، ساختىپەزلىك قاپلىماقتا دەيدۇ.
    فانتازىيە تېمىسى چ. ئايتماتوۋ ئۈچۈن ناھايىتى تونۇش «يۈز يىلنى قېرىتار بىر كۈن» («ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن») دىكى كائىنات باشقېتىمچىلىقى «كاسساندرا تامغىسى» ئاتلىق يېڭى رومانغا ئۇلانغان، كائىنات -يەر، يەر - كائىنات تەڭ ھوقۇقلۇق ئالەمكارلارنىڭ ئاڭ - سېزىمىدىكى ئىنقىلابىي بۇرۇلۇشلارنىڭ فىلوفېينىڭ ئاڭ-سېزىمىنىڭ يېڭىلىنىپ بېرىشى بىكاردىن - بىكار ئەمەس، زور كەشپىياتلار، بايقاشلار، بۈيۈك ئوربېتالىق ئىستانسىدىن، كائىناتتىنلا پەيدا بولىدۇ، چ. ھېيد مۇھەممەدوۋ فانتازىيىلىك ئوي - مەپكۇرەلەرنىڭ بەرپاچىسى بولسىمۇ لېكىن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ نېگىزىدە چىنبارلىقنىڭ «ئۇرۇغىنىڭ ئۇرۇغى» بارلىقىنى تولۇن ئايدەك ئوچۇق بايقاشقا بولىدۇ.
    چ. ئايتماتوۋنىڭ رومانىنىڭ ۋەقەلىكىنىڭ نېگىزكى مەزمۇنى ھەر تەرەپلىمە يېيىلىدۇ، «كاسساندرا تامغىسى»نىڭ ۋەقەلىك قۇرۇلمىسى، تېماتىكىسى مۇئەللىپنىڭ بۇرۇنقى ئەسەرلىرىنىڭ گۈرەن تومۇرى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، ئەسەر نەسىھەتچىل ئۇسۇبتا يېزىلغان. مۇئەللىپ ئۈچۈن ۋەقەلىك ئايىغى چىقماس مەقسەت ئەمەس، قەھرىمانلارنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن بەكرەك دىئالوگ ئۆزگىچە مەنا، تەپەككۇر ئاساسىي ئورنىنى ئىگىلەيدۇ، ئەڭ دەسلىپى ئىرسىيەتشۇناسلىقنىڭ مەسىلىلىرىگە پەلسەپىۋى، پسىخولوگىيىۋى، خۇلقى قاراشقا قىزىقتۇرىدۇ، روماندىكى قىيىن مەسىلىلەر بارلىق مىللەتكە، ئەلگە تەئەللۇق بولغان ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەسىلىلىرى.
    فىلوفېينىڭ كاسساندرا ھامىلىسى نەزەرىيىسى ئەڭ دەسلەپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن تراگېدىيە، كائىناتىي مۇراجىئەت سۈپىتىدە روماندىكى ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا شەرت تۈزۈپ، ئەسەرنىڭ ئۆزىكىنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ، چ. ھېيد مۇھەممەدوۋ بىكاردىن- بىكار قەھرىماننىڭ مۇراجىئىتىنىڭ مەناسىنى مەيدىلەپ يازمايدۇ، ئۇ فىلوفېينىڭ ئىلىمىي نەزەرىيىسىنى چىنبارلىق قاتارىدا كۆرسىتىدۇ، كائىناتىي ئىزدىنىشنىڭ ھەقدارىغا يەتكەنلىكى ئادەملەرنى ياخشى، ئىتتىپاق ياشاشقا چاقىرىدۇ، چۈنكى زور كۆپچىلىك مەسىلىلەر ئادەملەرنىڭ ئۆز قوللىرىدا ئەمەسمۇ! مەيلى قايسى ئىستىمالدا ياشىمىسۇن، مەيلى قايسى ئىرقتا بولمىسۇن ئادەم ئۇلۇغ، فىلوفېينىڭ مۇراجىتىدىن ئىجتىمائىي، بىئولوگىيىۋى، دىنىي، پەلسەپىۋى، ئەخلاقىي پوزىتسىيدىن بىر پۈتۈنلۈك پەيدا قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تولۇق خۇلاسىنى تاللاش كېرەك، ئادەمنىڭ ھېيقلىقىغا مۇقەددەسلىكىگە شەك كەلتۈرمەسلىك بۈگۈنكى ئىشلارنىڭ قىيىنچىلىقى، بىراق، ئىككى ئاياغلىقلارنىڭ بارى ئادەممۇ؟! تۇغۇلغانلارنىڭ بارى ئادەم بولالامدۇ؟! «ئاشۇمۇ ئادەممۇ؟!» دېگەن قىرغىزنىڭ قارا پايى گېپى نەدىن كېلىپ چىققان؟!
    فىلوفېينىڭ نەزەرىيىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ «مۇنبەر» گېزىتىدە چىقىشى ھەممە سەييارىدىكى ئادەمزاتىنىڭ «قۇيقا چېچىنى تىك تۇرغۇزىدۇ»، ئاتا-ئانا كېلەچەكتىكى نارىسىد، نارىسىدەلىرىدىن قانداقمۇ ۋاز كېچەلىسۇن؟! بالىنى تەربىيىلىگىلى نېمە ئۈچۈن بولمايدۇ؟! ھەر دائىم كاسساندرا ھامىلىسى ماھىيەتلىك سىگنال، بەلگە بېرىۋەرسە ئادەمنىڭ ئەۋلاد - پەۋلادلىرى كۆپەيمەي قالارمۇ؟ كاسساندرا ھامىلىلىرى دۇنيا يۈزىنى قاپلاپ كېتىشتە، ئادەمزاتىنىڭ تەقدىرى نېمە بولماقچى؟! بۇ «بۇ ياخشى ئاتىنىڭ قوشۇقلاپ يىغقىنىنى، يامان ئوغۇل چۆمۈچلەپ چاچىدۇ»، «ياخشىغا ياماش، ياماندىن ئاداش»، «ئاتا نومۇسىنى ئارسىز ئوغۇل يوقىتىدۇ»، «ياخشى بىلەن يۈرسەڭ يېتەرسەن مۇرادقا، يامان بىلەن يۈرسەڭ قالۇرسەن ئۇياتقا» دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟! فىلوفېينىڭ نەزەرىيىسىگە ئىشىنىشكە بولامدۇ؟! يادرولۇق قۇرال يەر شارىنى قىلغۇچى زومىگەرلەرنىڭ قولىغا تەييارلا چۈشۈپ قالسا نېمە بولىدۇ؟! ۋۇدۇرد بومبىسىنىڭ ئاتىسى ساخاروۋنىڭ ئۆز مەپكۇرەسىدىن باش تارتىشى شۇنىڭدىن بولۇپ يۈرمىسۇن؟! يەنە، مەدەنىيەتنىڭ ۋايىغا يەتكەنلىكى ئادەمزاتىنىڭ كېلەچەكتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق«رىم كۇلۇبى»نىڭ مودېلىدىكىدەك قۇرۇلمىلاشتۇرۇشقا مۇمكىن بېرەرمۇ؟!
    فىلوفېينىڭ نەزەرىيىسىگە قارشى مەخسۇس خەۋەرلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ قۇرۇلتايلار ئۆتكۈزۈلدى، ئىنسانىي ھوقۇق نەدە؟! بۇ ئاساسىي قانۇننى بۇزۇش دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟! دېموكراتىك دۆلەت دېگەن شۇمۇ؟! يېگانە ئىنساننىڭ تەقدىرىگە ئارىلىشىشقا، ئۇنى نەزەرىيىگە زورلاپ ياشاشقا مەجبۇر قىلىشقا كىمنىڭ ھەققى بار؟! ئۇنى ئامېرىكىنىڭ پرېزدېنتلىق نامزاتىغا كۆرسەتكەن ئولىۋېر ئوردوكمۇ ئۆز قىزىقىشى قولدىن كېلىشىچە پايدىلىنىپ، قەدىر - قىممىتىنى كۆتۈرۈشكە ھەرىكەتلەندى، ئامېرىكىلىقلار فىلوفېينى ئۇرۇشنىڭ جاسۇسى دېيىشسە، جۇڭگولۇقلارنى سوتسىيالىزمنىڭ دۈشمىنى، باشقىلىرى كائىناتىي شەيتان، ھۆكۈمەتسىز ھازازۇل دەپ قارىشىدۇ، ئۇنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلىشىدۇ، كېلەچەكشۇناس روبېرت بوركلا فىلوفېينىڭ نەزەرىيىسىدە چىنلىقنىڭ دانەكلىرى بار ئىكەنلكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ئالىدۇ، ئوكياندا ئەركىن ئۈزگەن كىتلار بىلەن، كائىناتىي ئىلىمىي ئاشكارىلىنىش ئارىسىدا ئىچكى، بىلىنمىگەن، تەبئىي سىرلىق مۇناسىۋەت ياتقانلىقىنى بىلىۋالىدۇ، نېمە ئۈچۈن كىتلار توپى تۈن نىسپىدە دېڭىز جىيىكىنى كۆزلەپ ئۈزۈپ كېلىپ، ئۆلۈمگە گىرىپتار بولۇشىدۇ، كىتلار، كىتلارلا ئەمەس كرېمىلنىڭ تېمىنىڭ مۇنارىسىدە كۆپ يىلدىن بېرى ئۇۋلىغان ھۇقۇشمۇ دۇنيادا بىر پالاكەت بولۇشنى سېزىپ ياتتى.
    سوتسىيالىزم،كاپىتالىزم،خەلقچىللىق،يازغۇچى كرېمىلنىڭ ئەتراپىدىكى نامايىشچىلارنىڭ، سايلامچىلار،قۇرۇلتايچىلارنىڭ قايناق ئەھۋاللىرىنى تەسىرلىك كىنو ئېكرانىدا كۆرسىتىلگەندەك جانلىق سۈرەتلەيدۇ، دېموكراتلار يەنە مۇتەئەسسىپلەر، فىدېلچىلار ۋە سادامچىلار، لېنىنچىلار ستالىنچىلار ۋە ھېتلىرچىلار، ئىنتېرناتسىئونالىستلار ۋە مىللەتچىلەر، پېنسىيىچىلەر ۋە ياشلار، ئۇرۇشخۇمارلار ۋە تاماشىچىلار ھېچكىم ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ، چۇقانلار، ئۆزىگە يارىشا قۇراللىنىشنىڭ تەرەپدارلىرى ئۇرۇشنى خالىمايدىغان ياش يېگىتلەرنى توقماقلاپ تۇرۇشىدۇ، ئىككىنچى قېتىم نارىسىدە قىزنى ئۆلتۈرۈپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ھېكىم ھېچكىمگە جاۋابكار ئەمەس، زامان ياۋايىلاشقان، كىشىلەرنىڭ پەيلى بۇزۇلغان تولۇق ھۆكۈمەتسىزلىك، روماندا فانتازىيىۋى مەپكۇرەلەر، بەدىئىي ئوبرازلارنىڭ شالاڭ بولغانلىقىغا قارىماستىن تارىخىي شەخسىلەردىن ھىتلىر، ستالىن، گورباچېۋ، ساخاروۋنىڭ نام - شەرىپى ئاتىلىدۇ، ئەلۋەتتە يازغۇچى شەخسلەرنىڭ نامىنى ئاددىيلا ئاتاپ قويغان ئەمەس، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك زاماننىڭ «چاقى» ھەر قانداق بىر قانداق ئايلاندى، شۇڭا ئۇلارنىڭ تارىختىن ئالغان ئورۇنلىرى ھەم ھەر خىل.
    روماندا خەلقئارالىق «ئىسسىقكۆل كېڭىشى»نىڭ سايىسى كۆرۈنىدۇ، كېڭەشنىڭ ئىشتراكچىلىرىنىڭ ئادەم بالىسىنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى بىر يەردىن چىقىپ دۇنياۋى پىكىرداشلىقى پەيدا بولىدۇ، روماننىڭ قەھرىمانلىرى كېڭەشنىڭ ئىشتىراكچىلىرى بولۇپ سانىلىدۇ، يېڭى تەپەككۇر ھەممىگە مەلۇم بولسىمۇ ئەقىل - پاراسەتكە تولغان دۇنيانىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قايغۇرۇش، ئۇرۇشنى يەكلەش سېزىمى بار بولۇش ئادەم ئاڭ - سېزىمىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى، كىشىلەرنىڭ مۇئامىلىلىرىدىكى ئەدەب - ئەخلاق ۋە پەلسەپە ياشلارغا بولغان تەربىيە، مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىش ۋاھاكازالاردۇر. «ئىسسىقكۆلچى»لەرنىڭ خەلقئارالىق ئۇچرىشىشىدىكى مۇھاكىمىلەرنىڭ مەۋقەلىرى مانا مۇشۇنداق بولغان،چ. ھېيد مۇھەممەدوۋنىڭ ئىسسىقكۆل كېڭىشىنىڭ كېڭەشمىلىرىدە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ روماننىڭ مەپكۇرەسى بىلەن دەل كېلىپ تۇرغانلىقى ھەيراق قالارلىق ئەمەس، ئۇنىڭ پەندى - نەسىھەتكە يۆلەنگەن كۆز قاراشلىرى بەدىئىي ئەسەردە زور ئىلمىي فانتازىيىۋى مەپكۇرەلەرگىچە تەرەققىي قىلىپ باردى.   
    دۇنيانىڭ تۆت بۈرجىكىنى ئالاتوپىلاڭغا پاتۇرۇۋەتكەن فىلوفېي بولسا رۇس زىيالىسى كرىلستوۋدۇر.(Крыльцовدېگەن تەگات، ئاندرېي ئەپەندىنى بوۋاق چېغىدا ئانىسى بالىلار باغچىسىنىڭ بوسۇغىسىغا تاشلاپ قويغانلىق ئۈچۈن قويۇلغان بولۇپ Крыльцرۇس تىلىدا «بوسۇغا، پەلەمپەي، دالان» دېگەن مەنادا-ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلغۇچىدىن)ئۇنىڭ ئۆمرى مۇرەككەپ ئۇرۇش مەزگىلىدە يورۇق دۇنياغا بەلكىم فاشىست بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئانىسى نومۇسقا چىدىماي بالىنى تاشلاپ كەتكەن، ئەجىلى يوق ئىكەن، ئۆلمەي، يىتمەي چوڭىيىپ ئىلىم - پەن ئىگىلەپ ئالىملىق دەرىجىسىگە يەتكەن.
    فىلوفېينىڭ نەزەرىيىسى يەردىن ئۈنگەندەكلا ئەمەس، فىلوفېي - ئاندرېي ئاندرېيېۋىچ كرىلتسوۋ ئۆز ئۆمرىنى ئاڭقۇرتلار دەپ ئاتالغان يېڭى ئادەملەرنىڭ تۈرىنى ساختا ئىسىم، ياسالما يول بىلەن يارىتىش مەسىلىلىرىنى يېشىشكە بېغىشلىغان.
    ئاڭقۇرتلارنىڭ پۈتكۈل دۇنياۋى تارىخىي ئەھمىيىتى بار، تۇغۇلغان بالىلار ئاتا - ئانىلىرىنى بىلمەسلىكى كېرەك، ئۇلارنى ياتاقلىق مەكتەپ، يەسلىدە تەربىيىلەپ، بېقىپ ئۆستۈرۈپ بىلىم بېرىپ دۇنيا مىقياسىدا كوممۇنىزمغا بۇرۇنراق يېتىش ئۈچۈن ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق بىلىم بايلىقى بىلەن ئۆز مېڭىسىنى بېيىتىشى زۆۈر، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاندرېي كرىلتېسوۋنىڭ ئىنستىتۇتتا ماتېرىيالىزملىق، تېخنىكىلىق، مالىيە-ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆز مېڭىسىنى بېيىتىشى ئۈچۈن ئايىماي ياردەملەر بېرىلىپ تۇرغان، ھەپسىگە كېسىلىپ كەتكەن قىز-چوكانلارغا ئىرسىي، بىئولوگىيىۋى تەجرىبەئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئاڭقۇرتلار21-ئەسىرنىڭ ئىدىئولوگىيىسىنىڭ چەۋەندازلىرى بولۇشى كېرەك، ئۇ زىيالىينىڭ ئادەملەرنى سۈنئىي ئەۋلاد قالدۇرۇش ماشىنىسىدا چىقارغاندەك تەجرىبە قىلىش ئۇسۇلىغا زېھىن بېرىپ ئىشلىگەن، ئاتا - ئانا مېھرىنى كۆرمەي چوڭايغان، ئائىلە راھىتىنى كۆرمىگەن زىيالىينىڭ يۈرگىنى «مۇز» قاپلاپ ئالغان ئىدى، كرىلېتسوۋ ئۆز ئىلمىي ئەمەلىيىتىدە تەجرىبىدىن تەجرىبىگە كۆچۈش ئارقىلىق ئادەمنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوينىشىپ يۈرگەندە رۇنا لوتاپىناغا دۇچار بولىدۇ، رۇنا ئۇنى ۋىجدان ئالدىدا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.
    كرىلتسوۋ ئۆزىنىڭ ئىلىمىي تەجرىبىسىنى ھەپسىدىكى ئاياللارغا سىناق قىلىپ ئىشلىتىشتىن باشلايدۇ، ئۇ ئاياللار تەجرىبىگە ماقۇل بولۇشسا، ئېنىق ئېيتقاندا ئۇلار سۈنئىي يول بىلەن نارىسىدە ۋە نارىسىدىلەرنى يورۇق دۇنياغا تۆرەلدۈرۈشتە تۆھپىسى بولسا ئۇلارنىڭ تۈرمىدىكى جازا مۇددىتى قىسقىرىپ تۇرىدۇ، گەپنى يەڭگۈشلەپ ئېيتقاندا ھەپسىدە ياتقانلارمۇ، ئىلمىي كەشپىياتقا غەمخورلۇق قىلىپ تۇرغان ھۆكۈمەت بىلەن پارتىيىنىڭ يېتەكچىلىرىمۇ مۇۋەپپەقىيەت ئامىلىغا ئىگە بولۇشىدۇ.
    كرىلتسوۋنىڭ ئۆز تەجرىبىخانىسىدا كۈنسايىن نەچچىلىلگەن ئاياللار بىلەن كېلەچەكتە يورۇق دۇنيانىڭ نۇرىنى كۆرىدىغان نارىسىد ۋە نارىسىدەلەرنىڭ تەقدىرلىرى بەلگىلىگەن، پاڭقۇرت سىياقىدىكى ئىككى تەرەپ تەڭلا يۇقىرىدىن كەلگەن پەرمانلارنى «غىڭ» قىلماي ئاتقۇزۇپ تۇرۇشقان ئىدى، ئىلىمىي تەجرىبىنىڭ نەتىجىسىدىن بېشى ئايلانغان كرىلېتسوۋنىڭ مۇزلاق يۈرىكىنى تۇرمىغا قانداقتۇر بىر سەۋەبلەر بىلەن چۈشكەن بىراق ۋىجدانىنى، ئادەمگەرچىلىكنى ساقلاپ قالغان رۇنا لوپاتىنالا ئويغىتىپ، ئادەمچە تەپەككۇر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىپ ئىلىم بىلەن ۋىجداننىڭ، ئىلىم بىلەن جىنايەتنىڭ ئارىسىدىكى چوڭ پەرقىنى يۈز خاتىرە قىلماي ئېيتىدۇ، مانا شۇ يەردىكى كرىلېتسوۋنى تۈن بويى كىرپىك قاقتۇرماي، كېرەك بولسا رۇناغا تەزىم قلىشقا ئۈندەپ ئۆمۈرلۈك يولداش بولۇشقا، ئىلىمنى تاشلاپ كېتىشكە تەييارلاتقۇزۇپ، مەھكەملەنگەن زىددىيەتلىك پىكىرلەرگە تاقاشتۇرىدۇ، داۋالغۇش سېزىمىگە ئىگە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ رۇنا بىلەن تەجرىبىخانىدا ئىككىنچى رەت كۆرۈنۈش پەيتىنىڭ تېزراق كېلىشىنى تىلەيدۇ. ۋەھالەنكى، رۇنانىڭ تەقدىرىمۇ تراگېدىيىلىك، ئۇ ئايال كرىلېتسوۋ تەرەپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان كۈنى قېچىپ كېتىشكە ھەرىكەتلەنگەچكە ئوق بىلەن بەدەل تۆلەيدۇ، تراگېدىيە، سۈنئىي ئادەملەرنى يەنى ئاڭقۇرتلارنى يارىتىش تەجرىبىسىگە قارشى چۇقان سالغان رۇنانىڭ سىماسىنىڭ كرىلېتسوۋنىڭ قەلبىدە قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تۇرمۇشىدىكى يېڭىلىشلارنى بوينىغا ئېلىپ ئادىمىي، ئىمانىي نەرقى، نەسلىگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ.
    ئىسلاھات، قايتا قۇرۇش مەزگىلىدە كرىلېتسوۋ ئاڭقۇرتنى ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىنى ئىلىمنىڭ جىددىي كۈن تەرىپىدىن ئېلىپ تاشلايدۇ، كرىلېتسوۋ كائىناتقا سەپەر تارتىدۇ، ئوربېتىلق ئىستانىسىسىنىڭ مۆھلىتى پۈتكەندە خىزمەتداشلىرى بولغان ئامېرىكان، ياپون ئالەمكارلىرىدىن بۆلۈنۈپ قالىدۇ، كائىنات ئۇنىڭ بۆسۈپ ئۆتكەن تارىخىي، مۇرەككەپ، زىت يولىغا باھا بېرىشكە مۇمكىنلىك بېرىپ تۇرىدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ يېڭى تىپىنى سۈنئىي چارىلەرنىڭ نېگىزىدە يارىتىش بىلەن زور تراگېدىيىگە يولۇقۇپ تۇرىدۇ.
    ئاندرېي كرىلېتسوۋ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى «فىلوفېي» دەپ ئاتايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن باشقا ئىسىمنى ئۆزىگە ھەرگىز قويمايدۇ، فىلوفېيدىن باشقا كاھىنلارنىڭ ئىسمى تارىخىي كىتابلاردا، جەمئىيەتتە كۆپ ئەمەسمۇ، قارىساق ئۇ ئىسىمدا بىر مەنا بار ئىكەن، فىلوفېي تارىخىي كاھىن بولۇپ پىسكوۋ ئازاروۋ مۇناستىرىنىڭ ئوبۇشقىسى16 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ياشىغان يازغۇچى، ئۇ «موسكۋا ئۈچۈن رىم» سىياسىي نەزەرىيىسىنىڭ لايىھىچىسى، ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە كەڭرى مەلۇماتلار يوق، بىراق، فىلوفېينىڭ پىسكوۋلۇقلارغا موسكۋالىق كېنەز ۋاسىلىيىگە، پادىشاھ ئىۋانوۋىچ ۋە باشقىلارغا بېغىشلاپ يازغان خەتلىرى، قوليازمىلىرى بار، ئۇ بۇ خەتلىرىدە پىسكوۋنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش تىرىكچىلىكىنى، پىسكوۋنى موسكۋاغا قوشۇشنى موسكۋالىق كېنەز بىلەن پادىشاھنىڭ چەكسىز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاساسى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئادەمزات بالىسىنىڭ تەقدىرىگە ئادەمزاتنىڭ تارىخىي يۇلتۇزلار بىلەن بىز سەييارىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىگە ھامىي دېگەن مۇنەججىملەرنىڭ ئوقۇشلۇقلىرىنى تەسۋىرىگە كىرگۈزىدۇ، دېمەك، كرىلېتسوۋنىڭ تاللىۋالغان ئىسمى چىن شەخس فىلوفېينىڭ ئۆزىگە دەل كېلىپ تۇرىدۇ.
    گاھىدا ئادەملەر ئېزگۈلۈكنى باھالىيالمايدۇ، باھالىغۇسىز كەلمەيدۇ، كېلەچەكشۇناس روبېرت بورك فىلوفېينىڭ نەزەرىيىسىنى ياقلىغالىقى ئۈچۈن قۇرۇلتايچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ، فىلوفېي ئادەمزات بالىسىغا، كېلەچەككە نەزەر ئاغدۇرۇپ ئويلاپ كۆرۈش ھەققىدىكى مەپكۇرەسى ماقۇ بولمىغان چۈشەنگۈسى كەلمىگەنلەرگە نارازى بولۇپ ئوچۇق كائىناتتا جېنىنى بوشلۇققا ئاتىدۇ.
    بوركمۇ، فىلوفېيمۇ كىتلاردەك تراگېدىيىگە گىرىپتار بولۇشىدۇ، جامائەتچىلىككە نارازلىق بىلدۈرۈش قوزغىلىڭىنى كۆتۈرۈش سىياقىدا ھەقىقەتنى، ئىزگۈلۈكنى ياشاشتىن يۇقىرى قويۇش بىلەن ئۇلار ئۆلۈمگە بىۋاستە، ئۆز مەيلىچە يول ئېلىشىدۇ.
    كىتلار، كىتلار... ئۇلارمۇ دۇنيادا يەر تەۋرەشنىڭ، توپان بالاسىنىڭ، قىيامەت قايىمنىڭ بولۇشىنى ئالدىنئالا سېزىشىپ ئادەملەرگە خەۋەر بېرىش نىيىتىدە دېڭىز جىيىكىگە ئۈزۈپ كېلىشىپ ئۆزلىرىنى - ئۆزلىرى ئۆلتۈرۈشۈپ ياتمامدۇ؟! كەم ئۇچرايدىغان تۇيۇمغا ئىگە كىتلارنىڭ توپ - توپى بىلەن بۇنداق ھەممىگە مەلۇملۇق تراگېدىيىگە ئۇچرىغانلىقى، يەر يۈزىدىكى ۋەقەلەرگە دۇنياۋى ھۇشيارلىقنىڭ تىمسالى مەنادا تەسۋېرلىنىدۇ، رىۋايەتلەر، ئەپسانىلەر بويىچە كىتلاردىن ئىنسان بالىسى تۆرەلگەن، كىتلار ئادەملەرنى مۇرەككەپ ئاپەتلەردىن ساقلاپ كېلىشكەن، ئادەملەر ئۈچۈن ئۆزلىرىنى قۇربانلىق قىلىشقان، بورك فىلوفېي ئۈچۈن كىتلار تېپىشماقلىق بىئو مۇھىت بىلەن جۇغراپىيىۋى مۇھىتنى تونۇپ بىلىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دالالىتى، شۇڭا باش پېرسۇناژلارنىڭ ئاڭ - سېزىمىدىن، تەپەككۇردىن، چۈشىدىن كىتلار نېرى بولۇشمايدۇ، تىمسالىي مەنا - ئادەمزات بىلەن كائىناتىي باغلاپ تۇرغۇچى سىرلىق كاتالىزاتورلۇق كۈچكە ئىگىدۇر. چىڭغىز ھېيدمۇھەممەدوۋ جانىۋارلار دۇنياسىنىڭ مەنزىرىسى ئارقىلىق پۈتكۈل سەيياردىكى ئۇچارلىق - تىنارلىقلارنىڭ بىر - بىرى بىلەن زىچ ئورگانىك باغلىنىشىنى ئېنېرگىيىلىرىنىڭ ئۆز ئارا باردى - كەلدىسىنى بايان قىلغان، مۇئەللىپ بىئولوگىيىۋى ئىرسىي، تېببىي ئىلىملەردىكى ۋايىغا يەتكۈزۈشلەرنى پەلسەپىۋى، ئەدەب - ئەخلاقىي، پىسخىكىۋى چىقىش يولى قىلىدۇ، روماندىكى ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ ئادەمزاتنىڭ ئەخلاقىي مەپكۇرەلىرى بىلەن نورمىلىرىغا كەڭ جامائەتنى ئىشەندۈرۈش، ئاڭ - سېزىمنىڭ كەڭ - كۇشادە ئۆسۈشى، ئادەمنىڭ ئەركى بىلەن روھىي بايلىقنىڭ ماس كېلىشى، ۋىجدان بىلەن ھەقىقەتتە تەربىيىلەش، ئىلغار تەرەققىياتقا ئۇمتۇلۇش قاتارلىق ئەدەب - ئەخلاق مەسىلىلىرى چىقىشقا باشلايدۇ، ئايتماتوۋنىڭ روھىي پەلسەپىسى ئادەم، تەبىئەت، جەمئىيەت ھەققىدە سەيياردە ئارا تەپەككۇر قىلىشقا بېرىپ تاقىلىدۇ.
    ھۇقۇش ئەرۋاھلارنىڭ، سىياسىي ئەربابلارنىڭ ئۆز ئارا «تالاش - تارتىش» لىرىغا گۇۋاھ، ئەرۋاھلار بىر چاغلاردىكى سوتسىيالىزمنىڭ تايانچىلىرى ۋە قۇغۇچىلىرى، ئۇلار سىرتقى دۇنيادىكى قالايمىقانچىلىققا نارازى، ھەتتا دۇنيادىن نارازى بولۇپ غۇدۇرىشىدۇ، ھازىرقى ۋاقىتتىكى ئادەملەرنىڭ يەڭگىلتەك كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشلىرى بىلەن كېلىشەلمەيدۇ، بۇمۇ بىر خىل تراگېدىيىلىك كۆرۈنۈش.
    روماننىڭ ئۆزگىچە مەناسى ئارقىلىق بېرىلگەن يوشۇرۇن قەھرىمانلارمۇ ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنى يازغۇچى ئىككىنچى پىلانغا قويۇپ تەسۋىرلىگىنى بىلەن ئەسەرگە يەنىلا كۆپ مەقسەتلىك مۇمكىنچىلىك بېرىپ تۇرىدۇ، چ. ئايتماتوۋ قوشۇمچە مەنادىكى قەھرىمانلىرى بىلەن ھەر بىر بېسىپ ئۆتكەن زاماننىڭ، دەۋرنىڭۋاقىتلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. روماندىكى ھۇقۇش كرېمىلنىڭ مۇنارىسىدىن ھەممىنى بايقاپ ئولتۇرىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئەقەللىسى ھۇقۇشمۇ دۇنيادىكى زىددىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكىنى «قوبۇل قىلالماي» ئۆلۈپ قالدى؟! نېمە ئۈچۈن مۇئەللىپ ھۇقۇشنى تەسۋىرلەيدۇ؟! بۇمۇ تراگېدىيە؟ روماندىكى تراگېدىيىنىڭ يۇقىرى چېكى بولامدۇ؟!
    تەبىئەتمۇ ئادەم بالىسىنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئېغىر مۈشكۈلنى كۆتۈرەلمەي قالىدۇ، تەبىئەتنىڭ ئادەمگە «ئىچ ئاغرىتىشى»، «ئاچچىقلىنىشى» بىلەن دۇنيانىڭ تەڭپۇڭلۇقى ساقلىنىپ تۇرغانلىقى يوقمۇ؟!
    چ. ئايتماتوۋ تراگېدىيىنىڭ كۆپ قاتلاملىق مەنا - ماھىيىتىنى ئادەملەرنىڭ تەقدىرلىرى ئارقىلىقلا ئېچىپ بەرمەستىن، تەبىئەتنىڭ سىرلىق خاسىيىتى بىلەن ئېنىقلاشتۇرىدۇ، كونكرېت ئېيتقاندا «كاسساندرا تامغىسى» چ. ئايتماتوۋنىڭ بۇرۇنقى ئەسەرلىرىدىكى تراگېدىيىلىك باشقېتىمچىلىقىغا قايتىدىن، باشقىچە پوزىتسىيىدىن تۈرتكە بېرىدۇ، سۈنئىي يول بىلەن ئادەمنى تۆرەلدۈرۈشكە تىببىي ئىلىمنىڭ يېتىشكەنلىكىدىن كۆپلىگەن دەل تۇرۇشلۇق پاكىتلار گۇۋاھلىق بېرىپ تۇرمامدۇ؟! ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ مەلۇماتى بويىچە ئادولېف ھىتلىرىنىڭ ئۇرۇقىدىن تۆرەلگەن بالىلار بار، يۇقىرىقىدەك ۋەقەلەرنىڭ دۇنيادا خېلى كۆپ ئۇچراپ تۇرغانلىقىنى قانداق تونۇپ ئالىمىز، روماندىكى قەھرىمانلارنىڭ تەجرىبىۋى ئىلىمىي ئىزدىنىشلىرى يوق يەردىن تاسادىپىي چىقىپ قالماپتۇغۇ؟!  
    ھازىرقى ئىلىمنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشى ئادەمنى قايتىدىن ھەيرانۇ - ھەس قالدۇرىدۇ، ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىدىن جۈمە كۈنىدىن يەتتىسى ئۆتكەندە كېلەچەكتىكى نارسىد ۋە نارسىدەنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ھالئەھۋالىنى بىلسە بولىدۇ، تىببىي ئاپپاراتلار بىلەن «كەمتۈكلۈكى» بار كېلەچەكتىكى نارسىد - نارسىدەلەرنى ئوڭلاپ تۈزەشكە قۇدرەت يېتىپ قالغانلىقىنى چىنبار تەجرىبىلەرنىڭ ئوڭ خۇلاسىسى كۆرسىتىپ تۇرغانلىقىدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟! چ. ئايتماتوۋ رومانىنىڭ ئومۇمىي نەزەرىيىسى ئارقىلىق تېببىي، بىئولوگىيىۋى، روھانىي، تېخنىكىۋى ئىلىملەردىكى نەتىجىلەرگە قاراپ چىقىپ نەتىجىلىك بولۇشقا كېپىللىك بېرىلسە بولىدۇ.
    ئەسەردە پايدىلانغان مەنبە بىلەن تېما گرېك ئەپسانىسى بىلەن باغلىنىپ روماندىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ مەزمۇنىنى روشەنلەشتۈرىدۇ، كاسساندرا - ترويا پادىشاھى پرئامنىڭ كۆزى ئوچۇق، سەگەك قىزى، لېگېندىغا مۇناسىۋەتلىك ئاپوللون كاسساندراغا سەگەكلىك، كۆزى ئوچۇقلۇق خاسىيىتىنى ھەدىيە قىلغان، قاچان كاسساندرا ئاپوللونىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلمىغاندىن باشلاپ ئۇ ئۇنىڭ ئالدىنئالا سەگەكلىك، كۆزى ئوچۇقلۇق بىلەن ئېيتقانلىرىنى ئورۇنلانغىنىغا قارىماستىن، ئۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ ئىشەنمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى جازالىغان، گرېكلار ترويانى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئاگا مېمنونغا دۇچار بولۇپ ئۇنى مىكېناغا ئېلىپ كەلگەن، ئاگامنون بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئايالى كىلتەمنەسترا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
    مانا مۇشۇ رىۋايەتلەردىكى كاسساندرانىڭ كۆز ئوچۇقلۇقى بىلەن چ. ئايتماتوۋنىڭ باش قەھرىمانى فىلوفېينىڭ ئىلمىي تەجرىبىلىك كەشپىياتنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسى ئالدىدا بولىدىغان كۆرۈنۈشلەر ئالدىنئالا يېزىلغان قەيت بولۇپ سانىلىدۇ، ئاپوللون كاسساندرانى قانداق جازالىغان بولسا، جامائەت فىلوفېينى، بوركنىمۇ شۇنداق جازالايدۇ.
    دۇنياۋى ئەدەبىياتتا ترويالىق سەگەك، كۆزى ئوچۇق كاسساندرانىڭ ئوبرازى كۆپچىلىك يازغۇچىلار بىلەن شائىرلارنىڭ كۆڭلىنى بۇراپ كەلگەن ئىدى، بۇ يەردە شۇ ئەدەبىياتلار ھەققىدە بىر ئاز ئەسكەرتىش قىلساق ئوشۇق بولماس بۇ بىر تەرەپتىن چ. ئايتماتوۋنىڭ رومانىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
    ھومېرنىڭ «ئىلئادا» سىدا، ئېسخىلنىڭ «ئاگا مېمنون»، ئېۋرىپىدنىڭ «گېكۇبا» تراگېدىيىسىدە كاسساندرانىڭ تەقدىرى قىسقىچە تەسۋلىنىدۇ، ئېسخىلنىڭ تراگېدىيىسىدىكى ۋەقە تۆۋەندىكى ۋەقەلىك تەرەققىياتىدىن كېلىپ چىقىدۇ، ئاگا مەمنون ترويا جېڭىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن غەلىبە بىلەن قايتىدۇ، بۇ غەلىبە ئاسان قولغا كەلمەيدۇ، نەچچىلىگەن ئادەملەرنىڭ قېنى تۆكۈلۈپ، ئەل قىينىلىپ، شەھەرلەر چۆلدەرەپ چارەسىزلىكتىن ئاگا مەمنۇن ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن قىزى ئېفىگېدىيالنىڭ ھاياتىدىن كۆز قىيىشقا توغرا كېلىدۇ، ئاگا مەمنوننىڭ رەپىقىسى گىلتەمنەستىرا «ئالايىپىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ»، «ئابروي»نى قوغداش ئۈچۈن ئېرىنىڭ ئالدىغا قىزىل پايانداز سالدۇرۇپ ئۇنى ئىللىق يۇمشاق تۇتۇۋالىدۇ، بىراق، خىيالىدىكى ھارام ئوي ئۆلتۈرۈش تىنچىنى بەرمەي تۇرغان ئاگا مەمنون بىلەن بىرگە بىر جەھەتتىن تۇتقۇنلۇق، بىر جەھەتتىن ئويناشلىقى بار كاسساندرانىڭمۇ قەدەم تەشرىپى كىلىتەمنەسترانىىڭ قىزغانچۇقلۇق ھېسىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
    كاسساندرا ترويانىڭ قايغۇ - ئازابىنى، نالەشلىرىنى ئاگا مەمنۇننىڭ يېرى ئارتوستىكى بەختسىزلىكىنى ئالدىنئالا كۆرمىسىمۇ ھېچكىم ئاڭا ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى ئاپوللۇن مۇھەببىتىنى دەپسەندە قىلغان كاسساندرانىڭ ئېيتقانلىرى كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماسلىقى ۋەجىدىن جازالانغان.
    كاسساندرا ئۆز كۆزىنىڭ ئوچۇقلۇقى، سەگەكلىكى ئالدىدا ئاجىزلىق قىلىدۇ، ئاڭا كىم ئىشىنىدۇ؟ كىم ئىچ ئاغرىتىدۇ؟!
    ئۇ ئاگا مەمنۇننىڭ ئاق سارىيىنىڭ قان ھىدى بىلەن تولغانلىقىنى چوڭ بىر بىخەستەلىكتىن پاجىئە بولىدىغانلىقىنى تۇيىدۇ، ئاگا مەمنۇن ئۆزىنىڭ ئاق سارايدىكى توي سەلتەنەت، تاماشالارغا چاقىرىلىش بىلەن ئۆلۈم كۈتۈپ ياتقانلىقىنى بىلىدۇ، ئاچچىقلىنىپ، قايغۇرۇپ ئاگا مېمنوننىڭ يەنە ئۆزىنىڭ ئۆلۈمنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرلىنىدۇ، ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ، ئىشەنگۈسىمۇ كەلمەيدۇ.
    كاسساندرا ئۆز ئۆلۈمىنى پسىخولوگىيىلىك جەھەتتىن قوبۇل قىلالمايۋېرىپ ئۇ خۇدىنى يوقاتقان ئەھۋالغا يېتىدۇ، كىستارا ئۆتكەندىن كېيىنلا كىشىلەر سارايغا چاقىرىلىپ تويغا، ئۆلۈمگە بارىدۇ.
    ئېسخىلنىڭ كاسساندراسىدەك تراگېدىيىلىك، درامىلىق، پىسخولوگىيىلىك ئوبرازىنى گرېك تراگېدىيىسىدىن ئۇچرىتىش قىيىن، دەۋرىمىزگىچە گرېك شائىرلىرىدىن بىرسى «كاسساندرا، پراما دوچىپ» دېگەن شېئىر يازغان ئىكەن.
    فرانسوز يازغۇچىسى لاكولىب پىرېندېنىڭ «كاسساندرا» (1645-  1642)، شىللېرنىڭ «كاسساندرا» (1820-يىلى)، لىكوفىروننىڭ «كاسساندرا» دېگەن ئەسەلىرىمۇ ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك.
    فىدىرىخ شىللېرنىڭ «كاسساندرا» ناملىق ئەسىرىنىڭ كارامەت كۈچىنىڭ كىتابخانىلارنىڭ دۇنياسىغا زىلزىلە سالارى ئېنىق، لېرىكىلىق قەھرىماننىڭ ئىچكى قايغۇسى، قايغزملۇق شېئىرىيەتنىڭ يۈكسەك ئۈلگىسى سۈپىىدە بېرىلگەن.
    شۇنداقلا ئېۋرىپدنىڭ «گېكۇيا» تراگېدىيىسىدە پىرئامىننىڭ ئائىلىۋى تەقدىرى تەسۋىرلىنىپ كاسساندرانىڭ سىماسىنىڭ ئاستىرىتتىن تەسۋىرلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز، كاسساندراغا بېغىشلانغان ئەسەلەرنىڭ ئىچىدىن گېرمان يازغۇچىسى كرېلتسوۋلىبىفىنىڭ «كاسساندرا» پوۋېستى ئايرىم پەرقىلىنىپ تۇرىدۇ، ھومېرنىڭ «ئىلئادا» سىدىن باشلاپ ئېسىخىلنىڭ تراگېدىيىسىغىچە كاسساندرانىڭ ئوبرازى بىر ياقلىق سىخېما سۈپىتىدە مىفولۇگىيىلىك رامكىدا تەسۋىرلەنسە بۇ پروزىدا ئاددىي قىزنىڭ نەسرىي ئوبرازى ئارقىلىق ئادەمزاتنىڭ مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈلىدۇ، كرىستاۋولوف گرېك رىۋايەتلىرىنىڭ لېگېندىلىق ۋەقەلىكىنى ئەسلىگە سادىق، بەدىئىي چېۋەرلىك بىلەن ئىشلەپ چىققان، يازغۇچىنىڭ فانتازىيىسىدىن يېڭى ۋەقەلەر، قەھرىمانلار يارالغان مۇئەللىپ ئۆلۈم بوسۇغىسىدىكى كاسساندرانىڭ مونولوگى ئارقىلىق پۈتكۈل ۋەقەنى يازغان، قەھرىماننىڭ كۆز ئالدىدىن ترويا ئۇرۇشىنڭ ئون يىللىق قايغۇ - ھەسرىتى گېكتورنىڭ ئاخىلنىڭ، فولىكېنانىڭ ئۆلۈمى، ئاتا - ئانىسى پرىيام بىلەن گېكوبانىڭ مۇرەككەپ تەقدىرى بىر - بىرلەپ ئۆتىدۇ، كاسساندرانىڭ سەگەك كۆزئوچۇقلۇقى-ئۇرۇش ئۇلار ئۈچۈن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدىغانلىقىدىن بەلگە بېرىپ تۇرسىمۇ، ھېچكىم ئۇنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ، ئۇلار ئەمەس كاسساندرانى كىشىلەر ئۆزىنىڭ جان كۆيدۈرگۈچىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشماي، ئۇلى دۈشمەننىڭ ياقلىغۇچىسى سۈپىتىدە كۆرۈشىدۇ، لېگېندىلىق، پسىخولوگىيىلىك جەھەتتىن چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە كاسساندرا بىلەن ئېيىنىڭ مۇھەببەت مۇتىۋىنى كىرگۈزىدۇ.
    دېمەك، كاسساندرانىڭ ئوبرازىنى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك تەسۋىرلەش بىلەن ھەر بىر سۆز چېۋەرى بەدىئىي مەقسەتلەرگە يېتىشكەن ئىدى، ھومېر بىلەن ئىسخىلنىڭ ئەسەرلىرىدىن قەھرىماننىڭ تراگېدىيىلىك تەقدىرىنى خاس خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلسەك،ھەمدە كىرستا ۋولېفنىڭ پوۋېستى، چېنگىز ئايتماتوۋنىڭ رومانى گرېك مىفولوگىيىسى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنكى- ئەتىكى ئۇلۇغ ساۋاق ئېلىشى ئۈچۈن ئۆز ئارا باغلىنىدۇ، بىراق يازغۇچىلاردا پەرق ئاسمان بىلەن يەردەك، «كاسساندرا» پوۋېستىدە قانداقلا بولمىسۇن بەلگىلىك مىفولوگىيە سىخېمىسىدا تەرەققىي قىلىپ ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرى، كېلەچىكى ئۈچۈن ئارامسىزلىق ئاتا قىلىشى ئەگىتمە مەنا ئارقىلىق بېرىلىدۇ، «كاسساندرا تامغىسى» رومانىدا مىفولوگىيىلىك ۋەقەلىك تاپتاقىر يوق، بىراق سەگەكلىككە، كۆز ئوچوقلۇققا ئىشەنمەسلىك مەپكۇرەسى رومان بىلەن گرېك مىفولوگىيىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇمىيلىقنى بىلدۈرۈپ بىئاراملىق ئوپئوچۇقلا، قوشۇمچە مەنالاردا قاتلامسېرى تەسۋىرلىنىدۇ.
    كاسساندرانى ئەڭ مۇھىمى ئايتماتوۋ مىفولوگىيىدىكى قىزلار ئەمەس، ئادەملا ئەمەس، بەلكى ئۇنى سەگەكلىكنىڭ تىمسالى قاتارىدا قوبۇللايدۇ، شۇنداق، روماننىڭ نامىنى قويۇشقا، ئۇنىڭ ئىلاۋىسىنى يېزىشتا، ئاخىرىدا ئەسەرگە چېكىت قويۇشتا ۋە فىلوفېينىڭ كائىناتتىكى ئىلمىي نەزەرىيىسىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىگە ھەققىدە توختىلىشقا يازغۇچىنىڭ ئاڭ-سېزىمىدە مىفولوگىيىلىك كاسساندرانىڭ ئوبرازىنىڭ ياشىغانلىقىنى ئېيتمىساممۇ مەلۇم.
    ئايتماتوۋنىڭ كاسساندراسى بۇ يېگانە ئادەمنىڭ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى، مۇئەللىپنىڭ كاسساندراسى ئادەمنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدا، ئۇنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى كۆرۈنۈشىدە، ئىچكىسى ھېلىلا يورۇق دۇنياغا كېلىدىغان ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىدۇر، ئۇلاردىن ئادەمزات ئەپلەپ بىر ئاماللاپ قۇتۇلسا بولىدۇ، بىراق سىرتقى كۆرۈنۈشتىكى ئادەم بولغان ئىككى پۇتلۇق ئادىمىي ھايۋانلاردىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟! ھېيد مۇھەممەدوۋنىڭ كاسساندراسىنىڭ ھەم ئوڭ، ھەم تەتۈر مەناسى بار، ئوڭ مەناسى دېگىنىمىز-دائىم كۆزى ئوچۇق، سەگەك بولۇش، ئالدىنئالا ئەسكەرتىش ئارقىلىق ئادەمگە، ئادەمزاتقا بېشارەت بېرىش، ياخشىغا ياخشىلىق قىلىش، ئادالەتلىك بولۇش، ھايات قەدرىنى بىلىش، بەختلىك بولۇش، تەتۈر مەنا دېگىنىمىزنى دېمسەممۇ چۈشىنىشلىك بولۇپ دەسلەپكىسىنىڭ قارىمۇ قارشى، بىراق، ئادەم بالىسىغا تەئەللۇق بىر مىجەز خاسىيىتى شۇكى ئادەم ياخشىلىققا قارىغاندا يامانلىقنى تېز قوبۇل قىلىۋالىدۇ ئەمەسمۇ؟! شۇڭا كىشىلىرىمىز «ئادەم بولۇش ئاز - ئازدىن، ھايۋان بولۇش بىردەمدىن» دەپ قويۇشىدىغان ئوخشايدۇ.
    تراگېدىيە! تراگېدىيە! كائىناتتىكى فىلوفېي بىلەن يەردىكى ئادەم بالىسىنىڭ قارىمۇ قارىشىلىقى، بورك بىلەن ئوردوك سىياقتىكى زامانداشلارنىڭ يارىشىشى، قارشىلىقى، ھەقىقەت بىلەن ناھەقلىقنىڭ، ۋىجدان بىلەن ۋىجدانسىزلىقنىڭ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ زىددىيىتى، ئوڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيەتچانلىقنىڭ يېڭىلىشى تراگېدىيىنىڭ تۇغۇلۇشىدۇر .
    «كاسساندرا تامغىسى» قەھرىمانلارنىڭ قايغۇلۇق قارىمۇ قارشى ۋەزىيىتىگە نېگىزلەنگەن فانتازىيە بىلەن چىنار تۇرمۇش چىرماشقان ئەسەر، ھەمدە ئۇنىڭ مەزمۇنلۇق ئەھمىيىتى كېلەچەكتىكى ئەۋلادلارنىڭ «بېشىنى قاتۇرىدىغان»قايناق ئىلمىي مەسىلە،بۇتېبابەتتىكى ئەمەلىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋە ئەقىل - ھۇشنىڭ مەنتىقىسىگە دەل كېلىپ قېلىشى مۇمكىن، شۇنداقلا ئايتماتوۋنىڭ رومانى قۇرۇق خىيالدىن يارالغان مەۋھۇم ئويلار ھەققىدە بولمايدۇ، روماندا ئادەمزات كېلەچەكتە يولۇقىدىغان مەنزىرىنى كۆرەلىگەنلىك بىلەن ئالدىنئالا بېشارەت بېرىلگەنگە ھەيران قالمىسا بولدى، ھازىر «كاسساندرا تامغىسى» نى بەدىئىي ئەسەر قاتارىدا قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭدىكى قەھرىمانلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇرەككەپ پسىخولوگىيىلىك ھال-ئەھۋالغا كىتابخانلىق سېزىم، كۆيۈنۈش بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز، بۇنىڭغا پۈتۈنلەي سەل قارىشىمىزمۇ مۇمكىن، بىراق، ئەتە-ئۆگۈن كاسساندرا ھامىلىسى ھاياتلىق تۇرمۇشىمىزدا چىنبارلىققا ئايلىنىپ قالسا، جامائەتچىلىكتە،ئۆزىڭىزدە قايسى خىل پسىخىك يارىلىش پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئاڭقىرىپ كۆرۈڭچۇ؟!
    تۈگىدى
    مەنبە: چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ (يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمە قىلغان) «كاسساندرا تامغىسى» ناملىق رومانى
      ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.