ھېچكىم كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئۇرۇش(نۇشرىۋان)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-08 07:05:04

ھېچكىم كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئۇرۇش(نۇشرىۋان)ھېكايە ئۇرۇش ئاسۇرا مەملىكتى بىلەن ئۇنىڭغا قوشنا بىر ئەل ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىدى.ئاسۇرا مەملىكتى ئافرىقىدىكى كىچىك بىر دۆلەت بۇلۇپ،نۇپۇسى ئاران 40 مىڭ...

    ھېچكىم كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئۇرۇش(نۇشرىۋان)
    ھېكايە

     

      ئۇرۇش ئاسۇرا مەملىكتى بىلەن ئۇنىڭغا قوشنا بىر ئەل ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىدى.ئاسۇرا مەملىكتى ئافرىقىدىكى كىچىك بىر دۆلەت بۇلۇپ،نۇپۇسى ئاران 40 مىڭدىن ئاشاتتى.بۇ دۆلەتنىڭ نامرات بۇلىشىدا ئاساسلىغى بۇ دۆلەتنىڭ كىچىك بۇلۇشىدىن باشقا،دىھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ ئالاھىدە قىسىلىغىمۇ بىر سەۋەب بۇلىۋاتاتتى.
    ئۇرۇش بۇلىۋاتقان ئىككى مەملىكەت ئەسلىدە يېقىن،دوست ئەللەردىن ئىدى.ئىككى مەملىكەت خەلقىنىڭ تىلى ۋە دىنىمۇ ئاساسەن ئوخشىشىپ كىتەتىتى،ئۇلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا قۇدىلىشىش ئادەتلىرىمۇ خېلىلا ئومۇملاششقان ئىدى.
       ئۇرۇش بىر قەبىلە تۇقۇنىشىدىن تۇتاشتى،بىرىنچى پاي ئوقنى ئاسۇرا مەملىكتىنىڭ قوشنىسىدىكى گىران ئىسىملىك بىر قەبىلە ئاتتى.ئۇلار غەۋغا قىلىشتا ئاسۇرا چىگىرسىغا جايلاشقان ئارنۇس قەبىلىسىدن بولغان بىر ياشنىڭ گىران قەبىلىسىدىكى بىر قىزغا ئەسكىلىك قىلغانلىقىنى سەۋەب قىلىشتى.قەبىلە تۇقۇنىشى باشلىنىپ ئۈچ كۈندىن كىيىن بۇ تۇقۇنۇش پۈتۈنلەي ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتتى.ئىككى مەملىكەت ئارمىيلىرى ئۆزلىرىنىڭ سەرخىل قوشۇن ۋە قۇراللىرىنى ئىشقا سېلىپ بىر-بىرگە قاتتىق ھۇجۇم قىلىشماقتا ئىدى.
      دەل شۇ پەيتتە گران قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى قەبىلە ئەزالىرىغا ئۇرۇش سەپەرۋەرلىكى توغرىسىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلىدى:
    -بىز گران قەبىلىسىمىز.بىز گران قەبىلىسىنىڭ شانۇ-شەۋكىتى ۋە غۇرۇرىنى قوغدىشىمىز،قىزلىرىمىزغا ئەسكىلىك قىلغان ئارنۇس قەبىلىسدىكىلەرگە ،بارلىق ئاسۇرالىقلارغا باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇش ئېچىشىمىز كېرەك….

       قەبىلە ئاقساقىلنىڭ نۇتىقىنى ئاڭلىغىلى يىغىلغانلاردىن سودىگەرلەر،شوپۇرلار،بالىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بار بۇلۇپ كەڭرى مەيدان ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى.ئادەملەر ھەدەپ شۇنداق! توغرا! ئېتىش كېرەك دەپ كۈچ كۆرسىتىدىۋاتقاندەك قىلاتتى.قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ نۇتىقى تۈگىگەندىن كىيىن ئادەملەر بارا-بارا تارقاشقا باشلىدى.
      شۇ كۈنلەردە ئاسۇرالىقلارنىڭ ئەندىشىسى كۈچەيمەكتە ئىدى.ئەگەر ئۇرۇش يەنە داۋاملىشىۋىرىدىغان بولسا،بۇ مەملىكەت نامراتلىق پاتقىقىغا يەنىمۇ پېتىپ قېلىشى،خەلق خانىۋەيران بۇلۇشى،ئەگەر ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولسا قوشنا ئەلگە قارام ھەتتا مۇستەملىكە بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.مانا مۇشۇنداق جىددى پەيتتە ئاسۇرا پادىشاھى ۋەزىرلىرىنى چاقىرىپ ئوردا كىڭىشى ئۆتكۈزدى.
       -بىز ئۇرۇشنى خالىمايمىز،بىز بارلىق جاھان ئەھلى بىلەن دوست ئۆتۈشكە ئەھدە قىلىشقان.-پادىشاھ يېغىننى مانا مۇشۇ جۈملە بىلەن باشلىدى.
      ئارقىدىن ۋەزىرلەر ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشتى:
    -بىزگە لازىمى تىنىچلىق بىز ئۇرۇشۇشنى ئەمەس ،پادىشاھلىغىمىزنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز......
    -توغرا .خەلقمىز خانىۋەيران بولسا بولمايدۇ.بىراق ئاللىقانداق كۈچلۈك دۆلەتلەر گران قەبىلىسىنى قوللاۋاتىدۇ.
    -بۇ بىر سۇيقەست.ئۇلار بىزنىڭ نىفىتىمىزغا ئىگە بۇلىۋالماقچى.

      ئۇزاق داۋاملاشقان ئوردا كىڭىشىدىن كىيىن پادىشاھ ۋە ۋەزىرلەر ئۇرۇشنىڭ دونيا تىنىچلىغى ۋە خەلقىنىڭ ئەمىنلىكىگە بولغان تۈگىمەس بالايى-ئاپەتلەرنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇرۇشنى ئامال بار ئۇزارتىۋەتمەسلىكنى ،قوشنا ئەللەر،چوڭ دۆلەتلەر،ھەتتا ب د ت دىن ياردەم سوراشنى قارار قىلىشىپ تارقاشتى.
    كىيىن مەتبۇئاتلار ئاسۇرا مەملىكتىنىڭ ئارنۇس قەبىلىسىدىن بولغان ھېلىقى ياشنىڭ گران قەبىلىسىدىن بولغان قىزچاققا ئەسكىلىك قىلغانلىغىنى يالغان،بۇ پۈتۈنلەي گران قەبىلىسىنىڭ ئاسۇرا مەملىكتىگە ئۇرۇش قىلىشقا تاپقان باھانىسىدىن ئىبارەت دەپ خەۋەر قىلىشتى.مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋىرىچە ئارنۇس قەبىلىسىدىن بولغان ياشنىڭ گران قەبىلىسىدىكى قىزچاققا ئەسكىلىك قىلىشىدەك بۇنداق ئىش مەۋجۇت ئەمەسسكەن.بىراق ئارنۇس قەبىلىسىدىن بىر ياش ھەقىقەتەن گران قەبىلىسىدىكى بىر گۈزەل قىزچاققا ئىشقى بىقارار بولغان ئىكەن.
    ئۇرۇش داۋاملاشماقتا ئىدى.دونيادىكى باشقا دۆلەتلەر بۇ ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى ئۇرۇشقا يېقىنىدىن دىققەت قىلىشماقتا ئىدى.مۇخبىرلار ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ ئۇرۇش ھەققىدە ئىككى مەملىكەت خەلقىدىن تۈگىمەس راي سىناشلارنىمۇ ئېلىپ باردى.راي سىناشتا ھەر ئىككى مەملىكەت خەلقىدىن %95 تىن يۇقۇرى كىشىلەر ئۇرۇشتىن بىزا ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈشتى.بىراق ئۇرۇش يەنىلا داۋاملاششماقتا ئىدى.بۇ خىل قىزىق ھالەت دۇنيا خەلقىنىمۇ ھاڭ-تاڭ قالدۇردى.

    ئاسۇرا مەملىكتىنىڭ تەلىپى بۇيىچە بۇ ئۇرۇشقا ب د ت ئارىلىشىپ كىلىشتۈرگۈچى بولىدىغان ،ھەمدە بۇ توغرىسىدا مەخسۇس يېغىن چاقىرىدىغان بۇلۇشتى.يېغىن بىردەك ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى ئۇرۇشنى تىزلا ئاياغلاشتۇرىدىغان،ئىككى مەملىكەت پادىشاھلىرىغا ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ مەكتۇپ يوللايدىغان،زۆرۈرىيتى كەلسە ئۇ دۆلەتلەردە ب د ت نىڭ تىنىچلىق ساقلىغۇچى قوشۇنلىرى تورغۇزىلىدىغان بۇلۇپ كىلىشتى.مەكتۇپنى ب د ت غا ۋاكالىتەن ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرى يازىدىغان بولدى.
    ئالاھىزەل بىرەر ئايلاردىن كىيىن ئاسۇرا مەملىكتى ب د ت نىڭ ئالاھىدە مەكتۇپىنى تاپشۇرۋالدى.مەكتۇپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئاسۇرا پادىشاھىغا يەتكۈزۈلدى.مەكتۇپ يۇغان،سۈترەڭ لىپاپقا سېلىنغان بۇلۇپ لىپاپقا ئىنگىلزچە UN دىگەن سۆزلەر بىلەن ب د ت نىڭ يېشىل رەڭلىك پوچتا تامغىسى بېسىلغان ئىدى.پادىشاھ لىپاپنى ئېچىپ مەكتۇپنى تەپسىلى بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن ۋەزىرلىرىدىن بىرىگە سۇنۇپ ئۈنلۈك ئوقۇشنى ئىشارە قىلدى.

    مەكتۇپ ئىنگلىزچە DEAR KING  دىگەن تەكەللۇپ سۆزلەر بىلەن باشلانغان ئىدى:
    .......... بىز ب د ت  كىڭىشى شۇنداق قارارغا كەلدۇقكى،بۇنداق ئىنسانىيەتكە بالايى-قازا ئېلىپ كىلىدىغان ئۇرۇشنى تىزدىن توختىتىش كېرەك.بىز ئۇرۇشتىن كىيىن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاسۇرا مەملىكىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا ياردەمدە بۇلىمىز،ئەگەر پادىشاھ ئالىيلىرى خالىسا ئاسۇرا زىمىنىدا 500 تىنىچلىق ساقلاش قوشۇنى تۇرغۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.
    ئىككى مەملىكەت ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقىلى ئاز كەم ئىككى يىل بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ،بىراق ئۇرۇش ھېچ ئاياغلىشاي دىمەيتتى.ب د ت مۇ بۇ ئۇرۇش توغرىسىدا كىيىن باياناتچىسى ئارقىلىق قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپلا بولدى قىلىدىغان بولدى.ئاسۇرا پادىشاھى بولسا ئۆزىنىڭ پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ گران قەبىلىسىنى كۈچلۈك بىر دۆلەت قوللاۋاتىدۇ.ئاسۇر زىمىنىنى يۇتۇۋىلىشقا كۈشكۈرتىۋاتىدۇ دەپ چىڭ تۇراتتى.ھەممىدىن قىزىغى بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاياغلاشمايلا قالماستىن گران قەبىلىسىنىڭ كۈنسىرى ئاسۇرا زىمىنغا بېسىپ كىرىۋاتقانلىغى ئىدى.بۇنى دۇنيادىكى كۆپلىگەن كىشىلەر چۈشىنەلمەيلا قالدى.پېقىرمۇ ئەشۇ خىل كىشىلەرنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن يېقىندا بىر دەپنە مۇراسىمىدا ئۇ ئىشلارنى تاسادىپەن چۈشىنىش پۇرسىتىگە نائىل بۇلۇپ قالدىم.دەپنە مۇراسىمىدا قېرى ئىمام مۇنداق سۆزلەرنى قىلغان ئىدى:خىرىستىيانلارنىڭ كىتاۋى«ئىنجىل»دا ئادەم تۇپراقتىن يارىتىلدى دىيىلدى،يەھۇدىيلارنىڭ كىتاۋى«تەۋرات»تا ئادەم تۇپراقتىن يارىتىلغان دىيىلگەن، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتاۋى «قۇرئان»دا بولسا يەنە ئادەم تۇپراقتىن يارىتىلغان دىيىلىپتۇ.دىمەك ئادەم تۇپراقتىن يارىتىلغان.شۇنداق بولغانلىقتىن ئادەملەر بۇ دۇنيادا ئۆلگۈچە ئەنە شۇ تۇپراقنى تالىشىپ ئۆتىدۇ.تۇپراق-ئۇ گۆر.ئەنە شۇ چاغدا...............


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.