«قىزىل ۋە قارا» رومانى

يوللىغۇچى : GULLUG يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-07 18:52:00

«قىزىل ۋە قارا» رومانى سىتېندال « قىزىل ۋە قارا» فىرانسىيە يازغۇچىسى سىتېندال نىڭ شۇنداقلا 19-ئەسىردىكى تەنقىدى رىيالىزىمنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك رومانى بولۇپ، رومان ئۆزىنىڭ تىل ئۇسلۇبى ۋە ئىپادىل...

    «قىزىل ۋە قارا» رومانى

    سىتېندال

          « قىزىل ۋە قارا» فىرانسىيە يازغۇچىسى سىتېندال نىڭ شۇنداقلا 19-ئەسىردىكى تەنقىدى رىيالىزىمنىڭ  ۋەكىل خاراكتىرلىك رومانى بولۇپ، رومان ئۆزىنىڭ تىل ئۇسلۇبى ۋە ئىپادىلەش شەكلى، قوللىنىلغان بەدىئى ۋاستە، تەسۋىر ۋە ئوخشىتىشلارنىڭ راۋانلىقى بىلەن فىرانسىيە ئەدەبىياتىدىكى گەھەرلەرنىڭ بىرى سانىلىدۇ.
         «قىزىل ۋە قارا» رومانىنىڭ باش پېرسوناژى جۇلېئان تۆۋەن تەبىقىدىكى ياغاچچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئەقىللىق، قابىل، ناپولېئونغا چوقۇنىدىغان  يىگىت بولۇپ، دەسلەپكى يىللىرى ئۇ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بارغان شەھەر باشلىقىنىڭ ئائىلىسىدە شەھەر باشلىقىنىڭ ئايالىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ ناشايان مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. ئۇ ناپولېئون دەۋرىدىكى ياشلارنىڭ ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە تايىنىپ تېز ئۆسۈشىگە، ئازغىنە تۆھپىسى بىلەنلا يۇقىرى قاتلامغا ئۆرلىشىگە ھەۋەس قىلىدۇ. لېكىن خانلىق ھاكىمىيەت تىرىلگەندىن كېيىن بۇ يول ئاقماي قالىدۇ. ئۇ پوپنىڭ كىرىمى ناپولېئوننىڭ قول ئاستىدىكى داڭلىق گېنېراللارنىڭ كىرىمىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرىلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، دىنىي جەمئىيەت يولى ئارقىلىق يۇقىرى ئۆرلەشنى قارار قىلىدۇ. ئۇ تەقۋادار ساختا قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئىلاھىيەتنى تەتقىق قىلىدۇ، ئاخىر ئاقسۆڭەكلەر ۋە يۇقىرى تەبىقە جەمئىيىتىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قارا نىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماركىزنىڭ قىزى بىلەن توي قىلماقچى بولغان، ئۆزىدىن مەمنۇن بولۇپ تۇرۇۋاتقاندا، پوپنىڭ تەربىيىسى بىلەن ئۆتمۈشىگە پۇشايمان قىلغان، ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق تۆۋە قىلماقچى بولغان شەھەر باشلىقىنىڭ خانىمىنىڭ پاش قىلىش خېتى ئۇنىڭ سۇيىقەستىنى ئېچىپ تاشلايدۇ، ماركىز قىزى ماتېل بىلەن جۇلېئاننىڭ تويىنى ئەمەلدىن قالدۇرۈۋېتىدۇ. جۇلېئان ئاچچىقىدا شەھەر باشلىقىنىڭ خانىمىنى ئېتىپ يارىدار قىلىدۇ، سوت ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ.
         ئەسەر دەسلەپكى مەزگىلدە ئائىلە مۇناسىۋىتىدىكى قاراڭغۇلۇقنى تەسۋىرلىگەن چېرىك ئەسەر دەپ قارالغان، كېيىن كىشىلەر ئەسەردىكى بەدىئىلىكنى تونۇپ يەتكەن. سوتسىيالىزىم ھەركىتى باش كۆتۈرگەندىن كېيىن سوتسىيالىزىمچىلار روماندىكى جۇلېئاننىڭ تراگېدىيىسىنى ئارقىلىق ئۇششاق بۇرژۇئازىيە بىلەن ئاقسۆڭەك ھۆكۈمرانلار سىنىپى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈر قارىمۇ-قارشىلىقنى كۆرسىتىپ بېرىپ، بۇرژۇئازىيە جەمئىيىتىدىكى ئادەملەر ئارىسىدىكى چاكىنا پۇل ۋە مەرتىۋە مۇناسىۋىتىنى پاش قىلىدىغان ، بۇرجىئازىيەنىڭ ئەپتى بەشرىسىنى ئېچىپ بېرىدىغان نادىر ۋەقەلىك ھىساپلىغان.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 9:41:19]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.