ۋالدېمار ئەپەندىنىڭ كېسەللىك پاكىتلىرى(ئېدگار ئاللان پوئى)

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-22 19:54:35

ۋالدېمار ئەپەندىنىڭ كېسەللىك پاكىتلىرى(ھېكايە)ئېدگار ئاللان پوئىئىدرىس نۇرۇللا تەرجىمىسىئەلۋەتتە، مەن ۋالدېمار ئەپەندىنىڭ پەۋقۇلئاددە كېسىلىنى نۇرغۇن مۇنازىرىلەرنى قوزغىشى مۇمكىنمۇ، قانداق ...

    ۋالدېمار ئەپەندىنىڭ كېسەللىك پاكىتلىرى
    (ھېكايە)
     ئېدگار ئاللان پوئى
     ئىدرىس نۇرۇللا تەرجىمىسى
     
     ئەلۋەتتە، مەن ۋالدېمار ئەپەندىنىڭ پەۋقۇلئاددە كېسىلىنى نۇرغۇن مۇنازىرىلەرنى قوزغىشى مۇمكىنمۇ، قانداق دەپ ئويلىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان  ئەمەسمەن. خۇسۇسەن، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا، بۇ ئىش مۇنازىرە قوزغىمىسىمۇ، ئەكسىچە مۆجىزە بولۇپ قالىدۇ. بىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئارزۇلىرىمىز كۆپچىلىكتىن مەخپىي تۇتۇلاتتى، ئەڭ بولمىغاندىمۇ نۆۋەتتە مەخپىي تۇتۇلاتتى، ياكى بىزنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىش پۇرسىتىمىز كەلگىچە − ئۆز ئىقتىدارىمىزغا تايىنىپ تەتقىق قىلغۇچە مەخپىي تۇتۇلاتتى. ھالبۇكى، بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىۋېتىلگەن، مۇبالىغە قىلىنغان بىر ھېكايە جەمئىيەتكە ئېقىپ كىرسە، ئادەمنى ناخۇش قىلىدىغان نۇرغۇن خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالاتتى، ھەم تەبىئىي ھالدا كۆپلىگەن  ئىشەنچسىزلىكلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالاتتى.
    ئەمدى مەن پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،  ئۆزۈم بىلىدىغان ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرمىسەم بولمىدى. قىسقىسى، ئەمەلىيەت مۇنداق:
    ئۈچ يىلدىن بۇيان گىپنۇز تېخنىكىسى مېنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغاپ كەلدى. ئالاھەزەل توققۇز ئاي ئىلگىرى، مەن تۇيۇقسىز شۇ چاغقىچە ئىشلەنگەن تەجرىبىدە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەم چۈشەندۈرۈش ئىنتايىن تەس بولغان بىر كەمتۈكلۈكنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ قالدىم، نۆۋەتتە تېخى بىرەرسى ئۆلۈپ كېتىشى ئېنىق بولغان ئەھۋال ئاستىدا گىپنۇزلىنىپ باقمىغانىدى. ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىكى، بىرىنچىدىن، ئۇ خىل ئەھۋالدا بىمار گىپنۇزنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلالامدۇ- يوق؟ ئىكىنچىدىن، ئەگەر قوبۇل قىلسا، ئۆلۈم ھالىتى گىپنۇزنىڭ كۈچىنى بۇزۇش رولىنى ئوينامدۇ ياكى ئۇنى كۈچەيتەمدۇ؟ ئۈچىنچىسى، گىپنۇز جەريانىنىڭ ئۆلۈمنى توسۇۋېلىشى قانچىلىك بولىدۇ، قايسى دەرىجىگە يېتىدۇ؟ جەزملەشتۈرۈشكە تېگىشلىك يەنە باشقا مەسىلىلەر بولسىمۇ، مېنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغىنىم يەنىلا يۇقىرىقى ئۈچ مەسىلە، بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى بىرى ئىدى، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلاتتى.
    مەن ئەتراپىمدىن بۇ بىر نەچچە نۇقتا ئۈستىدە تەجرىبە ئىشلەش ئوبيېكتى ئىزدەۋاتقاندا، «سوتتا ئىشلىتىلىدىغان كىتابلار كاتولوگى قامۇسى» نىڭ داڭلىق تۈزگۈچىسى، «ۋاللېنىستېيىن» ھەم «گىگانت ئادەمنىڭ تەرجىمھالى»① نى پولەكچىگە تەرجىمە قىلغۇچى («ئىساكار ماركس» دېگەن تەخەللۇسنى ئىشلەتكەنىدى) دوستۇم ئىرنىست ۋالدېمار ئەپەندى يادىمغا كەلدى. ئۇ 1839- يىلىدىن بۇيان ئاساسەن نيويوركتىكى ھارلىم رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى، بولۇپمۇ، ئۇ ئاۋاقلىقى بىلەن داڭ چىقارغان بولۇپ، پۇتلىرى جون راندولفنىڭكىگە ئوخشايتتى. ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپىمۇ خېلى داڭلىق بولۇپ، ئاق رەڭلىك يۈزى قاپقارا چېچى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغانىدى، نەتىجىدە چېچى ئادەتتە يالغان چاچ ئوخشايدۇ دەپ خاتا چۈشىنىلىپ قالاتتى. ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئۇنىڭ مىجەزى ئىنتايىن سەپرا ئىدى، شۇڭا گىپنۇز تەجرىبىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ئوبيېكتى بولالايتتى. مەن ھېچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايلا ئۇنى ئىككى- ئۈچ قېتىم گىپنۇز قىلغانىدىم. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئۆزگىچە بەدەن سۈپىتى مەندە ئالاھىدە ئۈمىد پەيدا قىلسىمۇ، تەجرىبە نەتىجىسى مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قوياتتى. ئۇنىڭ ئىرادىسى مېنىڭ كۆرۈنەرلىك ياكى تولۇق كونترول قىلىشىمغا ئۇچراپ باقمىغانىدى. كۆرۈش سەزگۈسى جەھەتتە مەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئىشەنچلىك نەتىجىلەرگە ئىرىشىپ باقمىغانىدىم. ئۆزۈمنىڭ بۇ تەرەپلەردىكى مەغلۇبىيىتىمنى ئۇنىڭ سالامەتلىكى قالايمىقانلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايتتىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇشتىن بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى دوختۇر ئۇنىڭ ئېغىر سىل كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ خاتىرجەم ھالدا يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى «توپىغا ئايلىنىش» نى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولمايدۇ، ئەپسۇسلانغىلىمۇ بولمايدۇ، دەپ قارايدىغان ئادىتى بار ئىدى.
    ئەڭ دەسلەپتە بايا ئېيتقان ئويۇم پەيدا بولغاندا ۋالدېمار ئەپەندىنى ئويلاپ قېلىشىم ئىنتايىن تەبىئي ئىدى. ئۇنىڭ سالماقلىق پەلسەپىسىنى مەن ناھايىتى ياخشى چۈشىنەتتىم، ئۇنىڭدا بىرەر تەشۋىشنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئەنسىرىمىسەممۇ بولاتتى. ئۇنىڭ ئامېرىكىدا بۇ ئىشقا چات كىرىۋېلىش ئېھتىماللىقى بار ئۇرۇق- تۇققانلىرىمۇ يوق ئىدى. مەن ئۇنىڭغا بۇ مەسىلىنى ئۇدۇللا دېسەم، بۇ ئىش ئەكسىچە مېنى ھەيران قالدۇرغان ھالدا، ئۇنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، ئۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن ماڭا ئۆز تېنىنى تەجرىبە قىلىشقا بەرگەن بولسىمۇ، مەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمەتكە نىسبەتەن ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەپ باقمىدى. كېسەللىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولاتتى. ئاخىرى مەن ئۇنىڭ بىلەن كېلشتىم، ئۇ دوختۇر ئېيتقان ئۆلۈم ۋاقتىدىن 24 سائەت بۇرۇن ماڭا خەۋەر قىلىدىغان بولدى.
    يەتتە ئايچە ئاۋۋال، ۋالدېمار ئەپەندىدىن كەلگەن بىر باغاقچىنى تاپشۇرۇۋالدىم، ئۇنىڭغا مۇنداق يېزىلىپتۇ:
    قەدىرلىك P ئەپەندى:
    ئەمدى كەلسىڭىز بولىدۇ. D ۋە F ئىككى دوختۇرنىڭ پىكرى بىر يەردىن چىقىپ، مېنى ئەتە تۈن يېرىمگىچە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، دەپ قارىدى. ئۆزۈممۇ ئۇلار بەلگىلىگەن ۋاقىت ئاساسەن توغرىدەك ھېس قىلىۋاتىمەن.
    بۇ باغاقچە يېزىلىپ يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مېنىڭ قولۇمغا تېگىپتۇ، 15 مىنۇتتىن كېيىن، مەن سەكراتقا چۈشۈپ قالغان بۇ كىشىنىڭ ئۆيىگە كەلدىم. ئۇنى كۆرمىگىنىمگە ئاران ئون كۈن بولغانىدى، بۇ قىسقىغىنە ئون كۈندە ئۇنىڭ بەدىنىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى مېنى ھەيران قالدۇردى. ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ، كۆزلىرىنىڭ خۇنى ئۆچۈپتۇ، شۇ قەدەر ئورۇقلاپ كېتىپتۇكى، سۆگەكلىرى پولتىيىپ چىقىپتۇ، خەپرۈكلىرىمۇ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىدى، تومۇر سوقۇشىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى. بىراق، ئۇ ھېلىھەم ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خىل شەكىلدە تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە مۇئەييەن دەرىجىدىكى جىسمانىي قۇۋۋىتىنى ساقلاپ قالغانىدى، گېپىمۇ ئوچۇق ئىدى، ھېچكىمنىڭ ياردىمىسىزلا ئاغرىق پەسەيتىش دورىسىنى ئىچتى. مەن ئۆيگە كىرگەندە، ئۇ ئالدىراش ھالدا، D ۋە F ئىككى دوختۇرنىڭ ھەمراھلىقىدا، دەپتەرگە خاتىرە قالدۇرۇۋاتقانىكەن.
    مەن ۋالدېمار ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھېلىقى ئىككى دوختۇرنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلاردىن ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۇقتۇم. 18 ئايدىن بۇيان، ئۇنىڭ ئۆپكىسىنىڭ سول تەرىپى ئىزچىل يېرىم سۆڭەكلىشىش ياكى كۆمۈرچەكلىشىش ھالىتىدە تۇرۇپ كەپتۇ، ئەلۋەتتە، كۈچەپ ھەرىكەت قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەسكەن. ئۆپكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىنىڭ ئۈستۈنكى يېرىمى (ھەممىسى ئەمەس) قىسمەن سۆڭەكلىشىپتۇ، ئاستىنقى يېرىمىدا بىر- بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بىر دۆۋە يىرىڭلىق تۇبېركۇليوز ۋە بىر قانچە چوڭ تۆشۈك بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىرى قوۋۇرغا بىلەن مەڭگۈلۈك تۇتىشىپ كېتىپتۇ. ئوڭ ئۆپكە قانىتىدا بۇنداق ھادىسە يېقىندا پەيدا بولۇپتۇ، بىر ئاي ئىلگىرى تېخى ھېچقانداق ئىزنا يوق ئىكەن. سۆڭەكلىشىپ كېتىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، تۇتىشىپ كەتكەن جاي ئۈچ كۈن ئاۋۋال بايقىلىپتۇ. تۇبېركۇليوزنىڭ كارايىتى چاغلىق بولسىمۇ، دوختۇرلار ئۇلار تومۇرنىڭ ئىششىقىنى چوڭايتىۋەتتىمىكىن، دەپ گۇمان قىلىدىكەن، بىراق، سۆڭەكلىشىشنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك، توغرا دىئاگنۇز قويۇشقا ئامال يوقكەن. ئىككى دوختۇرنىڭ كۆز قارىشى بىردەك ۋالدېمار ئەپەندى ئەتە (يەكشەنبە كۈنى) يېرىم كېچىدۇ ئالەمدىن ئۆتىدۇ، دېيىش بولدى. بىز پاراڭلاشقان ۋاقىت شەنبە كۈنى كەچ سائەت يەتتە بولغان چاغ ئىدى.
    D ۋە F ئىككى دوختۇر كېسەل كارىۋىتىدىن ئايرىلىش ۋە مەن بىلەن سۆزلىشىشتىن ئاۋۋال، ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خوشلىشىۋالغان بولۇپ، قايتىپ كەلگۈسى يوق ئىدى، مېنىڭ تەكلىپىم بىلەن، ئۇلار ئەتە كەچ سائەت ئونلاردا كېلىپ، ئۇنى كۆرۈپ باقىدىغان بولدى.
    ئىككىسى كەتكەندىن كېيىن، مەن ۋالدېمار ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ «توپىغا ئايلىنىش» مەسىلىسى ھەققىدە، بولۇپمۇ، ئۆزۈم ئوتتۇرىغا قويغان تەجرىبە ھەققىدە ئەركىن پاراڭلاشتىم. ئۇ يەنىلا تامامەن خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەتتا تەجرىبىگە ئالدىراپ، مەندىن ھازىرلا باشلىشىمنى تەلەپ قىلدى. نەق مەيداندا بىر ئەر سىسترا ۋە بىر ئايال سىستېرا بولسىمۇ، بۇ ئىككىسىدىن باشقا، تاسادىپىي ئەھۋاللار يۈز بېرىپ قالسا گۇۋاھلىقتىن ئۆتىدىغان ئادەم يوق دەپ قارىدىم، مەن بۇنداق خاراكتېردىكى ۋەزىپىنى پۈتۈنلەي ئەركىن ھالدا ئىجرا قىلالمايتتىم، شۇڭا، پائالىيەتنى ئەتىسى كەچ سائەت سەككىزلەرگە كېچىكتۈردۈم. ئۇ چاغدا مەن بىلەن ئانچە- مۇنچە تونۇش بولغان تىئودور 1-L ئەپەندى كېلىپ، مېنى كېيىنكى قەدەمدىكى ئوڭايسىزلىقىتىن قۇتۇلدۇردى. مېنىڭ ئەسلىدىكى پىلانىم ئىككى دوختۇرنىڭ كېلىشىنى ساقلاش ئىدى، ئەمما باشلىمىسام بولمىدى، بىرىنچىدىن، ۋالدېمار ئەپەندى جىددى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى، ئىككىنچىدىن، ئۆزۈممۇ ئەمدى ھايال قىلسام بولمايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەندىم، چۈنكى ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تېز سۈرئەتتە يامانلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
    ھېلىمۇ ياخشى 1-L ئەپەندى مېنىڭ پىكرىمگە قوشۇلۇپ، گىپنۇز قىلىش ئەھۋالىنى ئوبدان خاتىرىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ھازىر دەيدىغان گەپلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسەن سۆزلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسى مەزمۇنلارنىڭ ئۈزۈندىسى، بەزىسى خەتمۇ- خەت ئوقۇلۇشىدۇر.
    سائەت سەككىزگە بەش مىنۇت قالغان چاغقۇ دەيمەن، مەن بىمارنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ 1-L ئەپەندىگە شۇ چاغدىكى ئەھۋالىدا ئۆزى (ۋالدېمار ئەپەندى) گە قارىتا گىپنۇز تەجرىبىسى ئىشلىسەم تولۇق قوشۇلىدىغان، قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئامال بار ئېنىق ئېيتىشىنى ئۆتۈندۈم.
    − خالايمەن، گىپنۇزلىنىشنى خالايمەن، − ئۇنىڭ جاۋاب بەرگەندىكى ئاۋازى ئىنتايىن ئاجىز، ئەمما ئېنىق ئىدى، − سىز مېنى ئەنسىرىتىپ بەك كەينىگە سوزۇۋەتتىڭىز، − قوشۇپ قويدى ئۇ.
    ئۇ شۇنداق دەپلا گېپىنى تۈگەتتى، مەن ئۆزۈم بايقىغان، ئۇنى ئەڭ ياخشى باغلىۋالالايدىغان بىر نەچچە تۈرلۈك ئۇسۇلنى ئىشقا سېلىشقا باشلىدىم. مەن ئۇنىڭ ماڭلىيىغا قارىتىپ چىقارغان تۇنجى ياندىن تەسىر قىلغۇچى كۈچ كۆرۈنەرلىك رول ئوينىدى؛ بىراق ئوندىن نەچچە مىنۇتلار ئۆتكەنگە قەدەر پۈتۈن قۇۋۋىتىمنى ئىشقا سېلىپ كۈچىگەن بولساممۇ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولمىدى. بۇ چاغدا D ۋە F ئىككى دوختۇر كېلىشىۋالغاندەكلا كېلىۋالغانىدى. مەن بىر نەچچە ئېغىز گەپ بىلەن ئۇلارغا مەقسىتىمنى چۈشەندۈردۈم، ئىككىيلەن قارشى پىكىردە بولماستىن، بىمارنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى ئازابلىق باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى. مەن ئىككىلىنىپ تۇرماي، داۋاملىق كۈچىدىم. بۇ چاغدا ياندىن تەسىر قىلغۇچى كۈچۈمنى تۆۋەنگە يۆنەلگەن بېسىم كۈچىگە ئۆزگەرتتىم، كۆزۈم پۈتۈنلەي بىمارنىڭ ئوڭ كۆزىگە تىكىلدى.
    بۇ چاغدا ئۇنىڭ تومۇر سوقۇشىنى سەزگىلى بولمىدى، تىنىقىغا ئازراق خورەك ئارىلاشقان بولۇپ، يېرىم مىنۇتتا بىر قېتىم نەپەس ئالاتتى.
    بۇنداق ھالەت ئانچە ئۆزگەرمەي ئون بەش مىنۇت داۋاملاشتى. بۇ باسقۇچ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ كۆكرىكىدىن چوڭقۇر (شۇنداقلا تەبىئىي) بىر نەپەس چىقىپ، خورەك ئارىلاش  تىنىق توختاپ قالدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، خورەك ئۇنچە ئېنىق ئەمەس ئىدى، ئارىلىقتا ئۈزۈلۈپمۇ قالمىدى. بىمارنىڭ پۇت- قوللىرى مۇزدەك سوۋۇپ كەتكەنىدى.
    ئون بىرگە بەش مىنۇت قالغاندا، كۆزىنىڭ نۇرسىز ھەرىكىتىنىڭ تەشۋىشلىك ھالدا ئىچكى دۇنياسىغا نەزەر سېلىشقا ئۆزگەرگەنلىكىدىن، مەن گىپنۇز نەتىجىسىنىڭ رۇشەن ئىزنالىرىنى كۆردۈم. بۇ ئۇيقۇدىكى سەگەكلەردىن باشقىلاردا قەتئى كۆرۈلمەيدىغان، خاتا كۆرۈش مۇمكىن بولمايدىغان ھالەت ئىدى. مەن بىر نەچچە كۈچلۈك ياندىن تەسىر قىلغۇچى كۈچ ئارقىلىق، ئۇنىڭ قاپىقىنى ئەمدىلا ئۇخلىغان چاغدىكىدەك چىمچىقلاتقۇزدۇم، يەنە بىر نەچچە ياندىن تەسىر قىلغۇچى كۈچ ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆزىنى تولۇق يۇمدۇردۇم. مەن بۇنىڭغا قانائەت قىلماي، گىپنۇزلانغۇچىنىڭ قولى ۋە پۇتىنى پۈتۈن بەدىنى راھەتلەنگۈدەك ھالەتكە ئەكەلگۈچە كۈچلۈك گىپنۇز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىرادەمنى تولۇق ئىشقا سالدىم، ئاندىن پۇتىنى تۈپتۈز قىلدىم، بىلەكلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي تۈپتۈز قىلىپ، بېلى بىلەن مۇۋاپىق ئارىلىق قالدۇرۇپ، بېشىنى سەل كۆتۈرۈپ قويدۇم.
    بۇ بىر قاتار ئىشلار تۈگىگەندە يېرىم كېچە بولۇپ كەتتى، مەن نەق مەيداندىكى ئەپەندىلەردىن كېسەلنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدىم. ئۇلار بىر نەچچە قېتىم سىناپ بېقىپ، بىمارنىڭ ئىنتايىن كۆڭۈلدىكىدەك گىپنۇز ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىتىراپ قىلدى. بۇ ھال ئىككى دوختۇرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى، D دوختۇر بىمارنىڭ يېنىدا قېلىپ، ئەتىسى تاڭ يورۇغىچە ھەمراھ بولىدىغان بولدى؛ F دوختۇر ھازىرچە قايتىپ تۇرۇپ، ئەتە ئەتىگەندە كېلىدىغان بولدى. 1-L ئەپەندى ۋە سىستىرالارمۇ قېپقالدى.
    بىز سەھەر سائەت ئۈچلەرگىچە بىمارغا قەتئى توسالغۇ بولمىدۇق. شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ F دوختۇر كەتكەن چاغدىكىدەك ھالدا تۇرغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇ يەنىلا شۇ پىتى ياتاتتى، تومۇر سوقۇشىنى بىلگىلى بولمايتتى، تىنىقى ئاجىز ئىدى (ئەينەكنى لېۋىگە يېقىن ئەكىلپ سىناپ باقمىغۇچە ھېس قىلغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئىدى)، كۆزلىرى تەبىئىي يۇمۇق ئىدى، پۇت- قوللىرى قۇرام تاشتەك قاتتىق، سوغۇق بولسىمۇ، تاشقى قىياپىتىدىن قارىغاندا يەنىلا ئۆلمىگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگىلى بولاتتى.
    مەن ۋالدېمار ئەپەندىگە يېقىن كەلگەندە، يېرىم كۈچۈمنى ئىشقا سېلىپ ئۇنىڭ ئوڭ بىلىكىنى غىدىقلاپ، قولۇم بىلەن ئاستا- ئاستا تېنى ئۈستىدە يۆتكەلمە ھەرىكەت ئىشلەپ، ئۇنىڭ قولىنى ئەگەشتۈردۈم. ئىلگىرى بۇ بىمارنىڭ ۋۇجۇدىدا مەزكۇر تەجرىبىنى ئىشلەپ، تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانىدىم، ھېلىھەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمدىن ئۈمىد يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرەتتىم. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى، ئۇنىڭ قولى ناھايىتى تېزلا مەن كۆرسەتكەن يۆنىلىش بويىچە سۇس قىمىرلاپ قويدى. مەن تەۋەككۈل قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ بېقىشنى قارار قىلدىم.
    − ۋالدېمار ئەپەندى، − دېدىممەن، − ئۇخلاۋاتامسىز؟
    ئۇ جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭ لەۋلىرىنىڭ مىدىرلىغىنىنى كۆردۈم، بۇ مېنىڭ داۋاملىق سوئالىمنى تەكرارلىشىمغا ئىلھام بولدى. سوئال ئۈچىنچى قېتىم سورالغاندا، ئۇنىڭ تېنى ئىنتايىن سۇس بىر تىتىرەكتىن لەرزىگە كېلىپ، قاپىقى ئېچىلىپ، كۆزىنىڭ ئېقى كۆرۈندى، لەۋلىرى مىدىرلاپ، ئارىسىدىن ئاران ئاڭقىرغىلى بولىدىغان پىچىرلاش ئاڭلاندى.
    − شۇنداق، مەن ئۇخلاۋاتىمەن، مېنى ئويغىتىۋەتمەڭلار!... مېنى مۇشۇ ھالەتتە ئۆلگىلى قويۇڭلار!
    بۇ چاغدا ئۇنىڭ پوت- قوللىرىنى سىيلىسام، يەنىلا بۇرۇنقىدەك قاتتىق تۇرۇپتۇ، ئوڭ قولى بۇرۇنقىغا ئوخشاش قولۇمنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى. مەن بۇ ئۇيقۇدىكى سەگەك كىشىدىن يەنە سورىدىم:
    − ۋالدېمار ئەپەندى، مەيدىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟
    بۇ قېتىم ئۇ تېزلا جاۋاب بەردى، بىراق ئىلگىرىكىدىنمۇ پەس ئاۋازدا ئىدى:
    −ئاغرىمىدى، مەن ئۆلىمەن.
    مەن شۇ چاغدا، ئۇنى داۋاملىق چۆچۈتۈشنىڭ تازا مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم- دە، F دەل ۋاقتىدا كەلگىچە ئۇنىڭغا گەپ قىلمىدىم، ھەرىكەتمۇ ئىشلىمىدىم. بۇ چاغدا ئاللىقاچان كۈن چىقىپ بولغانىدى. F بىمارنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى بايقىغاندا، ئىنتايىن ھەيران قېلىپ، ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتتى، ئەينەكنى لەۋلىرىگە قويۇپ باقتى، ئاندىن مېنىڭ بۇ ئۇيقۇدىكى سەگەك بىلەن سۆزلىشىشىمنى تەلەپ قىلدى. مەن دېگىنى بويىچە قىلدىم:
    − ۋالدېمار ئەپەندى، يەنىلا ئۇخلاۋاتامسىز؟
    ئالدىنقىغا ئوخشاش، جاۋاب بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن چىقتى، بۇ جەرياندا سەكراتتىكى بۇ كىشى بارلىق كۈچىنى يىغىپ، سۆزلەشكە تەييارلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن تۆتىنچى قېتىم سوئالنى تەكرارلىغاندا، ئۇ ناھايىتى ئاجىز، ئاڭلىغىلى بولمىغۇدەك ھالدا گەپ قىلدى:
    − شۇنداق، مەن ئۇخلاۋاتىمەن، ئۆلۈپ كېتىمەن.
    ھازىر دوختۇرلارنىڭ كۆز قارىشى ياكى ئۈمىدى ۋالدېمار ئەپەندىنى ئۆلۈپ كەتكىچە ھازىرقى تىنچ ھالىتىنى داۋاملاشتۇرغۇزۇپ، توسقۇنلۇق قىلماسلىق ئىدى، بىراق ئۆلۈم بىر نەچچە مىنۇتلۇق ئىش ئىدى. مېنىڭ خۇلاسەم بولسا ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم سۆزلىشىپ، ئەسلىدىكى سوئالنى تەكرارلاش ئىدى.
    مەن گەپ قىلغاندا، ئۇيقۇدىكى سەگەك كىشىنىڭ يۈزىدە روشەن ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، كۆزلىرى ھەرىكەتلىنىپ، ئاستا- ئاستا ئېچىلدى، قارىچۇقىدىكى سۈرەتلەر لىپ قىلىپلا، يوقالدى. تىرىسى ئاساسەن جەسەتلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئاقىرىپ كەتتى. ئىككى مەڭزىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىكى ئىزچىل كۆرۈنۈپ تۇرغان قىزىللىقمۇ يوقالدى. ئۇنىڭ يوقىلىشى شۇنداق تاسادىپى بولدىكى، گويا بىرلا پۈۋلەپ يېنىۋاتقان شامنى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك تۇيغۇدا بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى كالپۇكى تارىيىپ، مەھكەم كىرىشىپ تۇرغان چىشلىرىدىن ئاجرىدى، ئىڭىكى «غىرىس» سىدە چۈشۈپ قالدى، ئېغىزى ئېچىلىپ، ئىششىقتىن قارايغان تىلى تولۇق كۆرۈندى. مەن نەق مەيداندىكى بىر نەچچەيلەننىڭ ئارىسىدا ئۆلۈكنىڭ كارىۋىتى يېنىدا قورقۇشقا ئادەتلەنمىگەن بىرەرسىنىڭمۇ يوقلۇقىنى قىياس قىلدىم، ۋالدېمار ئەپەندىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنىڭ نەقەدەر قورقۇنچلىق ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى، كۆپچىلىك ئىختىيارسىز كېسەل كارىۋىتى يېنىدىن ئازراق چېكىندى.
    ھازىر مەن ئوقۇرمەنلەرنى تەئەججۈپكە سالىدىغان ۋە ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان جايلارنى سۆزلىگەنلىكىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن، بىراق، مېنىڭ ئىشىم يەنىلا داۋاملاشتۇرۈشتۇر.
    شۇ تاپتا، مەن ۋالدېمار ئەپەندىدىكى ئەڭ ئۇششاق ھاياتلىق ئىزنالىرىنىڭمۇ يوقالغانىلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن ئۇنىڭ ئۆلۈپ بولغانلىقىنى خۇلاسىلەپ، كېيىنكى ئىشلارنى سىستىراغا تاپشۇردۇم. بۇ چاغدا ئۇنىڭ تىلى ناھايىتى كۈچەپ مىدىرلىتىلىپ، بىرەر نەچچە مىنۇتچە داۋاملىشىپ، ئاندىن ئېچىلىپ تۇرغان ھەرىكەتسىز ئېغىزىدىن ئاۋاز چىقتى، مېنىڭ ئۇ ئاۋازنى تەسۋىرلىگىم بار ئىدى، ئۇ ئەسەبىيلەشكەنلىك ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئىككى- ئۈچ سۆز بىلەن ئۇنى خىلى يامان ئەمەس تەسۋىرلىگىلى بولاتتى، مەسىلەن، مەن ئۇ ئاۋاز قۇلاققا ياقمايتتى، خىر- خىر ئىدى، كاۋاك ئىدى دېسەم بولاتتى، ئەمما، ئۇ تۇيغۇنى ئاساسەن ئىپادىلىگىلى بولمايتتى. بۇنىڭ سەۋەبى تولىمۇ ئاددى ئىدى، بۇنداق ئاۋازلار ئەزەلدىن ئىنسانلارنىڭ قۇلىقىغا يېقىپ باقمىغانىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇ ئىنتۇناتسىيىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى لىللا كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئىككى خىل ئىپادىلەش بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ رېئال دۇنيادىن كەلمىگەن ئالاھىدىلىكلەرنىمۇ يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ، دەپ قارىدىم (ھازىرمۇ شۇنداق قارايمەن). بىرىنچىدىن، ئۇ ئاۋاز يىراق بىر جايدىن ياكى يەرنىڭ چوڭقۇر بىر يېرىدىن بىزنىڭ قۇلىقىمىزغا (ئەڭ بولمىغاندا مېنىڭ قۇلىقىمغا) يەتكۈزۈلۈۋاتقاندەك قىلاتتى. ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى (مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، مېنىڭ مەقسىتىمنى چۈشەنمەسلىكىدىن ئەنسىرەيمەن) يېپىشقاق، يىلىمسىمان نەرسىنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، تېگىشىش سەزگۈمنى غىدىقلىغانىدى.
    مەن ئۇ ئاۋازنى ۋە پۇراقنى بايان قىلدىم، مەقسىتىم ئۇنىڭ بوغۇملىرىنى ئېنىقلاش − غەلىتە، ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك ھالدا ئېنىقلاش ئىدى. ۋالدېمار ئەپەندى راستىنلا گەپ قىلىۋاتاتتى، راستىنلا مەن نەچچە مىنۇت ئاۋۋال سورىغان سوئالغا جاۋاب بېرىۋاتاتتى. ئېسىڭىزدىمىكىن، مېنىڭ سورىغىنم ئۇنىڭ ئۇخلىغان، ئۇخلىمىغانلىقى ئىدى. ھازىر ئۇ گەپ قىلدى:
    − ھەئە... ياق... مەن ئۇخلاۋىتىپ... ھازىر... ھازىر... مەن ئۆلدۈم.
    بۇنىڭغا ئوخشاش دېيىلگەن بىر نەچچە سۆز پەيدا قىلىدىغان قورقۇنچلىق تۇيغۇنى سۈپەتلىگىلى بولمايتتى. نەق مەيداندىكىلەر ناھايىتى ياخشى تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، ھېچكىم ئۇ ئاۋازنى ياسالمىلىق بىلەن ئىنكار قىلمىدى ياكى چەكلەشكە ئۇرۇنمىدى. 1-L ئەپەندى (ئۇ ئوقوغۇچى ئىدى) ئايلىنىپ ھۇشىدىن كەتتى. ئىككى سسىتېرا شۇ ھامان ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، يالۋۇرساقمۇ كىرگىلى ئۇنىمىدى. مەن ئۆزۈمنى چاغلىماي، تەسىراتلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرگە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم. بىز ئۈندىمەستىن بىر سائەتچە ھەلەك بولۇپ، بىر ئېغىزمۇ گەپلەشمەي، 1-L ئەپەندىنى قۇتقۇزدۇق. ئۇ ھۇشىغا كەلگەندىن كېيىن بىز يەنە ۋالدېمار ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈردۇق.
    ھەممە نەرسە مەن بايا ئېيتقاندەك ئىدى، ئەينەكمۇ نەپەسلەنگەنلىك ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىدى، بىلىكىدىن قان چىقرىشمۇ مەغلۇبىيەتلىك بولدى. مەن يەنە بىلىكىنىڭمۇ مېنىڭ ئىرادەمگە بويسۇنمىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچىمەن، مەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بىلىكىنى قولۇمنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇندۇرۇشنى ئۈمىد قىلساممۇ، بولمىدى. گىپنۇز نەتىجىسىنىڭ بىردىنبىر ھەقىقى ئىزناسى، شۇ تاپتا مەن ئۇنىڭدىن سوئال سورىغاندا ئۇنىڭ تىلىنىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقىنىڭ بايقىلىشى ئىدى. مەندىن باشقا ھەرقانداق ئادەم سوئال سورىسا، ئۇ ھېچنىمىنى ھېس قىلالمىغۇدەك ھالدا ئىدى، شۇنداقتىمۇ، مەن ھەر بىرىمىزنى ئۇنىڭ بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشتىم. ئەمدى بۇ باسقۇچتا ئۇشبۇ ئۇخلاۋاتقان سەگەك كىشى ئۈچۈن ھەممىنى قىلىش كېرەكلىكىگە ئىشەندىم، مېنىڭ ئىشىم تۈگىگەنىدى. يەنە سىستېرالارنى چاقىرىپ قويۇپ، سائەت ئوندا مەن، ئىككى دوختۇر ۋە 1-L ئەپەندى بىرلىكتە ئۆيدىن چىقىپ كەتتۇق.
    چۈشتىن كېيىن، ئۈچىمىز يەنە بىمارنى كۆرگىلى باردۇق، ئۇ پۈتۈنلەي ئەسلىدىكى پېتىچە تۇرۇپتۇ. بۇ چاغدا بىز ئۇنى ئويغىتىشنىڭ مۇۋاپىق بولىدىغان، بولمايدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىشتۇق، گېپىمىز ناھايىتى ئاسانلا بىر يەردىن چىقىپ، ئۇنداق قىلىش پايدىسىز، دەپ قارىدۇق. بىر نۇقتا ناھايىتى ئېنىق ئىدى، ھازىرغا كەلگىچە، ئۆلۈم (ياكى ئادەتتە ئۆلۈم دەپ ئاتىلىدىغان نەرسە) گىپنۇز جەريانىدىكى توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتاتتى. ۋالدېمار ئەپەندىنى ئويغىتىشنىڭ ئۇنى شۇ ھامان ئۆلۈمگە ئىلىپ بارىدىغانلىقى ياكى ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ئۆلۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغانلىقى ھەممەيلەنگەن ئېنىقتەك قىلاتتى.
    ئەنە شۇ چاغدىن تارتىپ ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە، يەتتە ئايدەك ۋاقىت ئۆتتى، بىز كۈندە دېگۈدەك ۋالدېمار ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى كۆرۈپ تۇردۇق، ئارىلاپ- ئارىلاپ تېببىي داۋالاش ساھەسىدىكى دوستلىرىمىزمۇ بىللە باردى. بۇ مەزگىلدە، ئۇيقىدىكى بۇ سەگەك كىشى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋاللارغا ئوپمۇ ئوخشاش ھالەتتە تۇردى. سىستىرالار داۋاملىق ئۇنىڭغا قارىدى.
    ئالدىنقى جۈمە بىز ئاخىرى ئۇنى ئويغىتىشنى تەجرىبە قىلىشنى ياكى تىرىشىشنى قارار قىلدۇق. بەلكىم دەل مۇشۇ قېتىملىق تەجرىبىنىڭ كۈتۈلمىگەن ئاقىۋىتى شەخس دائىرىسىدە نۇرغۇن مۇنازىرىلەرنى قوزغىشى، مەن قىلچە ئاساسى يوق دەپ قارىسام بولمايدىغان ئاممىۋى كەيپىياتلارنىمۇ قوزغىشى مۇمكىن ئىدى.
    ۋالدېمار ئەپەندىنىڭ گىپنۇز ھالىتىدىكى ھۇشسىزلىقىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئۆزۈم ئادەتلەنگەن ئۇسۇلنى قوللاندىم. بۇ تىرىشچانلىق خېلى بىر مەزگىلگىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. تىرىلىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىپادىسى كۆز قارىچۇقىدىكى رەڭدار پەردە قىسمىنىڭ ئولتۇرۇشۇشى بولدى، بولۇپمۇ، ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغىنى، بىزنىڭ كۆز قارىچۇقى رەڭدار پەردىسىنىڭ ئولتۇرۇشۇشىنى بايقىشىمىزغا ئەگىشىپ، قاپاقتىن كۆپ مىقداردا سارغۇچ يىرىڭ ئاقتى، پۇرىقى ناھايىتى سىسىق بولۇپ، چىداش تەس ئىدى.
    شۇ چاغدا ئۇلار ماڭا ئالدىنقىغا ئوخشاش ئۇنىڭ بىلىكىنى غىدىقلاپ بېقىشنى ئېيتتى. مەن كۈچ ئىشلىتىپ، مەغلۇپ بولدۇم. بۇ چاغدا، F دوختۇر ماڭا بىماردىن سوئال سوراش تەكلىپىنى بەردى. مەن سوئال سورىدىم:
    − ۋالدېمار ئەپەندى، بىزگە ئۆز  تۇيغۇڭىز ياكى ئارزۇيىڭىزنى دەپ بىرەلەمسىز؟
    مەڭزىدىكى قىزىللىق شۇ ھامان ئەسلىگە كېلىپ، تىلى قىمىرلىدى، تېخىمۇ توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئېغىزىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قىمىرلاتتى (گەرچە ئىڭىكى بىلەن لەۋلىرى يەنىلا ئەسلىدىكىدەك قاتتىق بولسىمۇ). ئەڭ ئاخىرى مەن تەسۋىرلىگەن ھېلىقىدەك سۈرلۈك ئاۋاز پارتلاپ چىقتى:
    − خۇدا ھەققى!... تېز!... تېز!... مېنى ئۇخلىتىڭلار!... بۇنداق قىلماڭلار، تېز!... مېنى ئويغىتىڭلار!... تېز!... سىزگە دەي، مەن ئۆلدۈم!
    مەن قورقۇپ ئەس- ھۇشۇمنى يوقىتىپ قويغاندەك، بىر پەس نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم. دەسلەپتە مەن ئۇنى توختىتىشقا تىرىشقان بولساممۇ، ئىرادەمنى پۈتۈنلەي يوقاتقاچقا، مەغلۇپ بولدۇم. مەن قەدەممۇ قەدەم باشتىن باشلاپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئەستايىدىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇنى ئويغاتماقچى بولدۇم. مۇشۇنداق قىلىۋاتقاندا، مەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇمكىنچىلىكىنى كۆردۈم، ئەڭ بولمىغاندىمۇ تولۇق مۇۋەپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلدىم. مەن يەنە ئۆيدىكىلەرنىڭ كېسەلنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كۆرۈشكە ھازىرلىنىپ بولغانلىقىغا ئىشەندىم.
    بىراق، ھەقىقى يۈز بەرگەن ئەھۋال ھەرقانداق ئادەمنىڭ قىياس قىلغىنىدىن ئېشىپ چۈشتى.
    مەن تېز سۈرئەتتە گىپنۇز كۈچىنى چىقاردىم. «ئۆلۈم! ئۆلۈم!» دېگەن ئاۋاز پارتلاپ چىققان (بۇ پۈتۈنلەي كېسەلنىڭ تىلىدىن چىققان بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئېغىزىدىن چىقمىغانىدى) ھامان، ئۇنىڭ تېنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى، بۇنىڭغا پەقەت بىر مىنۇت، ھەتتا ئۇنچىلىكمۇ ۋاقىت كەتمىدى. ئۇنىڭ تېنى قورۇلۇپ، مېنىڭ قولۇمدا ئەدەبىيلىك چىرىپ كەتتى. ئالدىمدىكى كارىۋاتتا ياتقىنى ئادەمنىڭ قۇسقۇسىنى كەلتۈرىدىغان، چىداشلىق بەرگىلى بولمايدىغان بىر دۆۋە چىرىندى ئىدى، ھايال ئۆتمەي ئۇ سۇيۇق جىسىمغا ئايلىنىپ كېتەتتى.
    ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
    ئىزاھات:
    ① ۋاللېنستېن (Wallenstein) − گىرمانىيەلىك يازغۇچى شىللىينىڭ تىرىلوگىيەسى بولۇپ، ئاۋستىرىيەلىك گىنرال A. E. ۋاللېنستېننىڭ ھېكايىسى يېزىلغان. «گىگانت ئادەمنىڭ تەرجىمھالى» (Gargantua) − رېنىسسانىس (مەدەنىيەت- سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى) مەزگىلىدىكى فرانسىيەلىك يازغۇچى لابرىنىڭ سىياسىي ساتراسى، باش پىرسوناژ Gargantua (گارگانتۇئا) نىڭ بويى ئىنتايىن ئېگىز بولۇپ، ئىشتىھاسى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
     
     (سۇمرۇغ نەشرىيات ۋاسىتىچىلىكى گورۇھى تەرجىمىلەر نەشرىياتى 2008- يىل 3- ئايدا نەشر قىلغان «ئاللان پوئى ھېكايىلىرىدىن تاللانمىلار» ناملىق توپلامدىن تەرجىمە قىلىندى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.