ھۆكۈمدارلار دەستۇرى(نىككولو ماكياۋىللى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-22 00:21:39

ھۆكۈمدارلار دەستۇرىنىككولو ماكياۋىللى(ئىتالىيە) بىرىنچى ۋە ئىككىنجى باپمىراسخورلۇق ياكى قورال كۈچى بىلەن زېمىنگە ئېرىشىش ئىنسانىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتنىڭ تىپلىرى پەقەتلا...

    ھۆكۈمدارلار دەستۇرى
    نىككولو ماكياۋىللى(ئىتالىيە)



    بىرىنچى ۋە ئىككىنجى باپ
    مىراسخورلۇق ياكى قورال كۈچى بىلەن زېمىنگە ئېرىشىش



      ئىنسانىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتنىڭ تىپلىرى پەقەتلا ئىككى خىل بولۇپ كەلدى: جۇمھۇرىيەت ياكى پادىشاھلىق تاجاۋۇز قىلىپ ئېرىشكەن دۆلەتنىڭ خەلقى بىر بولسا بۇرۇندىنلا ئەركىن دۆلەت بولۇپ، كېيىن تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراپ ئەركىنلىكنى يوقاتقان بولىدۇ. بىراۋنىڭ تاجاۋۇز ئارقىلىق باشقىلارنىڭ زېمىنىنى ئىگەلىيەلىشىدى سەۋەپ شۇكى، بىر بولسا ھۆكۈمرانلار باشقىلارنىڭ قورال كۈچىگە تايىنىدۇ، بىر بولسا ئۆزىنىڭ قورال كۈچىگە تايىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەپ بار دېيىلسە، ئۇ پادىشاھنىڭ تەلىيى ۋە ئۆزگىچە ئىقتىدارىدىن كەلگەن.
     
    مىزاندىن چەتنىمەسلىك: ھۆكۈمرانلىقنى ساقلاپ قېلىش سەنىتى
     
    مىراسخور پادىشالىقنى ساقلاپ قېلىش يېڭىۋاشتىن تىكلەڭەن پادىشاھلىقنى ساقلاشقا قارىغاندا كۆپ ئاسان ئۇ ئادەتتىكى پادىشاھ بولغان تەقدىردىمۇ، مىزاندىن چىقىپ كەتمىسىلا ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قالالايدۇ، پەۋقۇلاددە زور بىر كۈچنىڭ ئۇنىڭ ئورنىنى تارتىۋېلىش بولسا ئايرىم ئەھۋالدۇر. ناۋادا، شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغۇچى بىرەر پالاكەتكە يولۇقۇپ قالسىلا، ئەسلىدىكى پادىشاھ ھاكىمىيەتنى تىرىلدۈرەلەيدۇ بىر ئىسلاھات يەنە بىر ئىسلاھاتنىڭ ئۇرۇقىدۇر.
     
    ئەسكەرتىش: تەرجىماننىڭ ئەمگىگىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ كىتاپ قىسقارتىلىپ بېرىلدى. (تەرجىمان: ئابدۇقادىر جالالىدىن)


     
    ئۈچىنچى باب
     
    ئىستېلا قىلىنغان رايوننى قانداق باشقۇرۇش كېرەك

     
     ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرىنى ئىمكانقەدەر پەپىلەش كېرەك. ئەگەر، بۇمۇ كار قىلمىسا، ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋېتىش كېرەك. چۈنكى، بىر ئادەم زىيان-زەخمەتكە يەڭگىلرەك ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى قىساس ئېلىشقا قۇربى يېتىدۇ. ئەگەر، بىر ئادەمگە بېرىلگەن زەربە ئەغىر بولسا، ئۇ قىساس ئېلىشقا مەڭگۇ ئاجىز كېلىدۇ.
    ئەبەدىي توغرا بولغان مۇنداق بىر ئومۇمىي پرىنسىپ بار: كىم باشقىلارنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ .
    ئاتا مىراس پادىشاھلىق باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى يېڭى قۇرۇلغان باشقا بىر پادىشاھلىققا تەتبىقلىغاندا، ئىش تەس بولىدۇ. بىرىنچىدىن، ئەگەر بۇ يېڭى پادىشاھلىق پۈتۈنلەي يېڭى قۇرۇلغان بولماي، بەلكى قىسمەن جەھەتتىن يېڭى قۇرۇلغان بولسا (بۇنداق ھاكىمىيەت ئەمەلىيەتتە ئەبجەش ھاكىمىيەتتۇر)، بۇنداق ئارىلاشما تەركىبلىك ھاكىمىيەت ئەسلىدە مەۋجۇت بولغان كاشىلىلار تۈپەيلى قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئۆز سەلتەنەتىنى ئوڭۇشلۇق تىكلىيەلىشىدىكى سەۋەب دەل مەزكۇر ئەل خەلقلىرىنىڭ ئۆز ھۆكۈمدارنى ئالماشتۇرۇش، يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئوتۇش، ھالىنى ياخشىلاش ئارزۇسىدا بولغانلىقىدۇر. شۇڭلاشقا، مەزكۇر ئەل خەلقلىرى قولىغا قورال ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھوكۇمدارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، يېڭى ھۆكۈمدارلىقنىڭ تىكلىنىشىگە يول ئاچىدۇ. بىراق، ئىش ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن خەلق ئوز ھەرىكىتىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئالدانغانلىقىنى ھەس قىلىدۇ. ھاكىمىيەت ئالمىشىش ئۇلارغا ھېچقانداق ئەۋزەللىكلەردىن ئەكەلمىگەن بولىدۇ. ئەكسىچە، خەلق ئوز ھالىنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ يامان بەتتەرلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ. بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ سەۋەبى نىمە؟ مېنىڭچە، بۇ مۇنداق بىر تەبىئىي ئامىلدىن كەلگەن: يېڭى ھاكىمىيەت ئۆزىنى مۈستەھكەملەش ئۈچۈن ئارمىيىنى ئىشقا سېلىپ، خەلققە بىر مۇنچە بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ يېڭى پۇقرالىرىنى رەنجىتىپ قويىدۇ.
             بۇنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، سەن شۇ ئەلنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن تاجاۋۇزۇڭغا ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ دۈشمىنىڭگە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى تېزلا بايقايسەن. بۇ چاغدا ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشىڭدە ساڭا قولچوماق بولغان كىشىلەرمۇ سېنى قوللىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا سەن دوستلىرىڭنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرالماي قالىسەن. شۇنداقلا ئۇلارغا نىسبەتەن قاتتىق قول بولالمايسەن. چۈنكى، سەن دوستلارغا ۋاپادار بولۇش كېرەك دەپ ئويلايسەن. يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ قاتتىق قول بولالماسلىقىدىكى يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، ئىستېلاچى قورال كۈچى جەھەتتە قانچىلىك كۈچلۈك بولمىسۇن، ئۇ يېڭى ئالغان رايونغا كىرگەندە، شۇ رايون خەلقىگە ئاز- تولا ياخشى تەسىرات بېرىشى كېرەك، بولمىسا ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى داۋام قىلالمايدۇ. بۇنىڭغا دائىر مىساللار ئاز ئەمەس: فرانسىيە پادىشاھى لۇئى 12 گەرچە مىلان كىنەزلىكىنى قىلىچىنى قانغا بۇيىمايلا ئىگىلىگەن بولسىمۇ، كېيىن، ئۇنىڭ مىلانىنى قولدىن بېرىپ قويۇشىمۇ بىردەملىك ئىش بولغان. چۈنكى، فرانسىيە پادىشاھىغا سېپىل قوۋۇقلىرىرىنى ئېچىپ بەرگەن خەلق كېيىن ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، يېڭى پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتا يۈرگۈزگەن شەپقەتسىز ھوكۇمرانلىقىغا قاراپ تۇرالمىغان.
    تەبىئىيكى، ئىسيان يۈز بەرگەن شۇ ئورۇنلار قايتا ئىستىلا قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ رايونلارنىڭ قۇتۇلۇپ چىقىشى ئاسانغا توختىمايدۇ، چۈنكى ھۆكۈمدار ئىسياندىن ئىبارەت بۇ ئەمەلىيەتنى بانا قىلىپ، ئىسيانچىلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرىدۇ. گۇمانلىق ۋە خەۋپلىك شەخسلەرنى تەپىپ چىقىپ يوقىتىدۇ-دە.، ھاكىمىيىتىنى چېڭىتىدۇ. شۇڭا ، فرانسىيە پادىشاھىنىڭ تۇنجى ئىستېلاسىغا ئايلىنىپ قالغان مىلاننىڭ قولغا قايتىپ كېلىشىدە گراف لودوۋىكونىڭ چېگرادىكى قوزغىلىڭى كۇپايە بولغانىدى. بىراق، فرانسىيە پادىشاھى مىلاننى قايتا بېسىۋالغاندىن كېيىن مىلاننى قايتۇرۇۋېلىشقا بەسى مۈشكۈل بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا فرانسىيە قارشى ھەرىكەتكە كېلىپ، فرانسىيە پادىشاھ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، فرانسىيىلىكلەرنى ئىتالىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشى لازىم بولىدۇ. بىراق، تەئەججۈپكى، لۇئى 12 ئۆزى ئىستېلا قىلغان مىلاننى ئۇدا ئىككى قەتىم قولدىن بېرىپ قويدى.
    ئەمدى فرانسىيە پادىشاھىنىڭ مىلانىنى ئىككىنچى قەتىم قولدىن بىرىپ قويۇشىدىكى سەۋەبنى ۋە فرانسىيىنىڭ مىلاننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوللىنىشى كەرەك بولغان چارىنى ياكى فرانسىيە پادىشاھى قوللىنالمىغان باشقا بىر ھۆكۈمدارنىڭ قوللىنىشى مۇمكىن بولغان چارىنى سۆزلەپ ئۆتۈمىز.
    مېنىڭ  كۆزىتىشىمچە ، ئىستېلا قىلغۇچى دۆلەت بىلەن ئىستېلا قىلىنغۇچى دۆلەتنىڭ بىر بولسا ھەر ئىككىسى مىللەتداش ، غەيرىي تىلداشلاردىن بولىدۇ(ئۇلارنىڭ مىللىتى، ۋەتىنى ئايرىم بولىدۇ). ئەگەر، ئىستېلا قىلىنغان ئەلنىڭ خەلقلىرى ئىستېلاچى لار بىلەن ئوخشاش بىر مىللەتتىن بولسا، بولۇپمۇ، ئىستېلا قىلىنغان ئەل ئەركىن مۇھىتتا ئۆتمىگەن بولسا ، ئۇنداق ئەلگە بولغان ھۆكۈمرانلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئوڭاي بولىدۇ، ھېچقانداق كۈچ كەتمەيدۇ. ئەسلىدىكى دۆلەت خاقانىنىڭ ئەۋلادلىرىنى يوقاتسىلا مۇستەملىكە ئەل ئېمىن تاپىدۇ. باشقا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىستېلا قىلىنغان رايوندىكى خەلقنىڭ ئەنەنىسىنى ساقلاپ قېلىپ، ئەسلىدىكى ئورپ-ئادەتلىرىگە تەگمىسىلا، ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرى يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا تىپتىنچ كېتىۋېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللارنى كىشىلەر برېتان، بۇرگۇن، گاسكونى، نورماندىيە قاتارلىق رايونلارغا ئائىت مىساللاردىن ئۇچرىتىدۇ. بۇ رايونلار فرانسىيىگە ئۇزۇن مۇددەت قارام بولۇپ تۇرۇش ئاقىۋىتىدە، فرانسىيە زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قالدى. باشتا يەرلىك خەلق بىلەن ئىستىلاھچىلار ئوتتۇرىسىدا تىل جەھەتتىكى مۇئەييەن پەرق بولسىمۇ، لېكىن óرپ-ئادەتلىرى ئومۇمەن بىردەك ئىدى. شۇڭلاشقا، ئىستىلاھچىلار بىلەن ئىستېلا قىلىن`غۇچىلار ئاسانلا بىرلىككە كېلىپ، ئىناق ئۆتەلمىگەندىكىن. مەيلى كىم بولسۇن ئىگىلىگەن زېمىنىنى ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەن، مۇنداق ئىككى ئىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك: ئىستېلا قىلىنغان رايوننىڭ ئەسلى ھۆكۈمدارنىڭ ئەۋلادىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشى كېرەك. يەنە بىرى، ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرىنىڭ ئۇزۇن دەۋرلەردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان قانۇن-تۈزۈملىرىنى ۋە باج-ئالۋاڭ تۈزۈملىرىنى ھەرگىز ئۆزگەرتكەنلىكىنى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىستېلاچىلار بىلەن ئىستېلا قىلىنغۇچىلار بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئۇيۇلدەك بىر دۆلەت روياپقا چىقىدۇ.
    ئەگەر، ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقى تىل، قانۇن، ئۆرپ-ئادەت جەھەتلەردە ئىستېلاچىلار بىلەن پەرقلىق بولسا، قىيىنچىلىق ئىنتايىن زور بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئىستېلا قىلىنغان رايوننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق ئامەت بىلەن بىرلىشىپ كەلگەن بولۇشى كېرەك. ئەڭ ياخدھى ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇللارنىڭ بىرى شۇكى، ئىستېلاچى ئىستېلا قىلىنغان رايوندا ئولتۇراقلىشىشى كېرەك. بۇ ھۆكۈمدارنىڭ ئاشۇ رايونغا بولغان ئىگىدارلىقىنى بىخەتەر قىلىدۇ ۋە ئۇزارتىدۇ. تۈركلەر گرېتسىيىگە ئەنە شۇنداق قىلغان. ئەگەر ئەينى ۋاقتتا، تۈركىيە پادىشاھى گرېتسىيىگە بېرىپ ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلاشمىسا، پادىشاھ ئىستېلا رايونىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر قانچە قىلسىمۇ بىكارغا كەتكەن بولۇر ئىدى. بۇنىڭدىكى قائىدە ناھايىتى ئاددىي. چۈنكى، يېڭى ھۆكۈمدار ئىستىلا قىلغان يەردە تۇرسا، توپىلاڭ ۋە تەرتىپسىزلىك ئامىللىرى كۆرۈلسە، ھۆكۈمدار ئۇلارنى دەرھاللا سېزىپ بىخ ھالىتىدە تىنچلىتىشقا ئۈلگۈرەلەيدۇ. ئەگەر، ھۆكۈمدار ئىستىلا قىلىنغان جايدا تۇرمىسا، ھۆكۈمدار يۈز بەرگەن ئىشلار چوڭىيىپ كەتكەندە سېزىدۇ، ئۇ چاغدا، ھۆكۈمدار كەسكىن تەدبىر قوللانسىمۇ، كېچىككەندىن توپىلاڭنى بېسىقتۇرالمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقىت بولۇشنىڭ ئېپى شۇكى، يەرلىك خەلقنى ئەمەلدارلارنىڭ زۇلىمىدىن خالىي قىلىش، ئاۋامنىڭ پادىشاھنىڭ خەير-ساخاۋىتىدىن بەھرىمان قىلىپ، ئۇلارنى رازى قىلىش لازىم. شۇنداق بولغاندىلا، پادىشاھقا سادىق پۇقرالار پادىشاھنى تېخىمۇ قوغدايدىغان بولىدۇ، پادىشاھقا يامان غەرەز ساقلىغان پۇقرالار پادىشاھدىن قورقىدىغان بولىدۇ. نەتىجىدە، بۇ ئەلگە خىرىس قىلىۋاتقان سىرتقى دۈشمەنلەر ھەرىكەت قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. خۇلاسە تامام شۇكى، ھۆكۈمدار ئۆزى ئىستىلا قىلغان جاينى ئىگەللەپ تۇرسىلا ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىش مۈشكۈل ئىش بولىدۇ.
    يەنە بىر ئەۋزەل تاكتىكا شۇكى، ئىستىلا قىلغان رايوننىڭ مۇھىم بىر-ئىككى ئورنىدا مۇستەملىكە ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك، بۇنداق قىلىش ئۈنۈملۈتۇر. ئۇنىڭغا كۆپ ئىقتىساد كەتمەيدۇ. پەقەت ئاز-تولا خىراجەت بىلەنلا ئۆز دۆلىتىنىڭ بىر قىسىم پۇقرالىرىنى ئىستىلا قىلىنغان رايونغا كۆچۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا ئىستىلا رايونىدا كۆپ تۈركۈملەپ ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا توغرا كېلىپ ئىقتىسادمۇ جىق كېتىدۇ. مۇستەملىكە جەريانىدا، ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن زىيان-زەخمەتكە يولۇققىنى يەر ۋە مۈلۈكلىرىنى كۆچۈرۈپ كەلگەن ئىشغالىيەتچىلەرگە مەجبۇرىي رەۋىشتە بېرىپ قويغان بىر قىسىم كىشىلەردىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇلار ئىستىلا رايونىدىكى ئاز ساندىكى ئاۋامغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇلار ئولتۇراقلىشىشى جەھەتتە تارقاق ۋە نامرات كىشىلەر بولغاچقا، بىر تۇتاش كەيپىيات ھاسىل قىلالمايدۇ، نەتىجىدە ھۆكۈمدارنىڭ ئىستىلا رايونىدىكى كóپسانلىق كىشىلەر زىيان-زەخمەتكە يولۇقمىغانلىقتىن، زىيان-زەخمەتكە يولۇققان بايىقى ئاز ساندىكى كىشىلەرنى ئالداپ-پەپىلەشمۇ ئاسانغا توختايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغان بۇ ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەردەك قىسمەتكە قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يۈرەكزادىلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش تۇتىدۇ. يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ غەزىپىگە قېلىشتىن قورقىدۇ.
    ئومۇمەن ، بۇ خىل مۇستەملىكە ھەرىكىتىگە كۆپ خىراجەت كەتمەيدۇ. ئۇ مۇقىم ۋە ئىشەنچلىك بولىدۇ، زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ سانىمۇ ئاز بولۇپ، ھۆمدارنىڭ ھاكىمىيىتىگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىنى قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن: ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرىنى ئىمكانقەدەر پەپىلەش كېرەك، ئەگەر بۇمۇ كار قىلمىسا، ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋېتىش كېرەك. چۈنكى، بىر ئادەم زىيان-زەخمەتكە يەڭگىلرەك ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى قىساس ئېلىشقا قۇربى يېتىدۇ. ئەگەر، بىر ئادەمگە زەربە ئېغىر بولسا، ئۇ قىساس ئېلىشقا مەڭگۈ ئاجىز كېلىدۇ. شۇڭا، مۇمكىنقەدەر كىشىلەرگە زىيان-زەخمەت يەكۈزمەسلىك كېرەك. يەتكۈزگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنى ئۈزۈل- كېسىل يوقىتىپ تاشلاش كېرەك.
    ئەگەر، مۇستەملىكە ھەرىكىتىنى ئىستىلا رايونىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇش تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلسە، مۇقەررەر ھالدا دۆلەت خەزىنىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسراپ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ چىقىم كۆتۈرمەيدۇ. بۇنداق بولغاندا، زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ كۆپ بولىدۇ. چۈنكى، ئارمىيە ئۇ يەر، بۇ يەرگە يۈرۈش قىلىپ، يەرلىك پۇقرالار  پېشكەللىككە يولۇقىدۇ. بۇنداق بولۇۋەرسە، كىشىلەر پادىشاھنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. گەرچە، مۇستەملىكە خەلقلىرى بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز دىيارىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ گېزى كەلسە پادىشاھقا خەۋپلىك ھەرىكەتلەرنى ئۇيۇشتۇرالايدىغانلىقىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. شۇڭا، مەيلى قايسى نۇقتىدىن ئېيتايلى، ئىستىلا رايونىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇش چىقىم كۆتۈرمەيدىغان قىلىق، ئاھالە كۆچۈرۈش ئىنتايىن ياخشى چارىدۇر.
    ئەگەر، بىر ھۆكۈمدار يوقىرىدا دېيىلگەندەك تىل، قانۇن، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىن ئۆزلىرىگە يات بولغان بىر رايوننى ئىگىلىسە، ئۇنداقتا، ئۇ ئۆزىنى ئاش ئاجىز قوشنا ئەلنىڭ رەھبىرى ۋە ھىمايىچىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قاۋۇل كۈچلەرنى ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئاجىزلاشتۇرۇشى، ئۆزىگە ئوخشاش كۈچلۈك چەت ئەل ھۆكۈمدارلىرىنىڭ تاسادىپىي ھالدا ئەتراپىدىكى ئاجىز دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشىدىن ھەر ۋاقت ئاگاھ بولۇشى كېرەك. رېئال تۇرمۇشتا مۇنۇ ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ: ئۆز خاقانىدىن رازى بولمىغان كىشىلەر مەككارلىق ۋە قورقۇنچاقلىق بىلەن چەت ئەل كۈلىرىنىڭ ئۆز ئېلىگە كىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۆرىنى قوتانغا باشلاشتەك بۇنداق ئەھۋالنى رۇملۇقلارنىڭ يۇنان`غا كىرىشىگە دائىر ئىشلاردىن روشەن كۆرگىلى بولىدۇ . قىزىقارلىق يېرى شۇكى، رۇملۇقلار باشقا ئەللەرگە كىرگەندە، ھەمىشە شۇ ئەلدىكى ئايرىم كىشىلەرنىڭ يوچۇق ئېچىپ بېرىشى بىلەن كىرگەنىدى. ئىشلار ھەمىشە شۇنداق بولىدۇ: چەت ئەل كۈچلىرى مەلۇم بىر رايونغا ئۈسۈپ كىرگەندىن كېيىن، مەزكۈر رايوننىڭ ئاجىز كۈچلىرى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىرىدىن قانا`ئەت تاپماي ياكى ئۇلارغا ھەسەت قىلىپ، تاجاۋۇزچى چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىستىلا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەل بولغان رايوندىكى ئاجىز كۈچلەرنى ئۆزىگە تارتىش كېرەك. چۈنكى، ئۇلار ئىستېلاچىلارنىڭ ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆزى خالاپ سىڭىشىدۇ. ئىستېلاچى ئەنە شۇ كۈچلەرنىڭ زورىيىپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىگە تەھدىت بولۇشىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. ئىستېلاچى ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، ئاجىز كۈچلەرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئىستىلا رايونىدىكى كۈچلۈك گۇرۇھ مەز`ھەپلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدۇ ۋە ئۆزىنى ئاشۇ رايوننىڭ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمدارغا ئايلاندۇرىدۇ. ئەگەر، ئىستېلاچى بۇلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلالمىسا قولغا كەلتۈرگەن ھەممە نەرسىلەرنى تېزلا قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئۇ مەزكۇر رايوننى باشقۇرغان ئەھۋالدىمۇ ئاۋارىچىلىق كۆپ بولىدۇ.
    بۇ جەھەتتە رۇملۇقلار ياخشى نەمۇنىدۇر. رۇملۇقلار ئۆزى ئىستىلا قىلغان بارلىق رايونلاردا بۇ قائىدىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلدى. رۇملۇقلار ئىستىلا رايونىغا مۇستەملىكە يۈرگۈزگەندە، ئاجىز، كىچىك ئەللەرنى سىلاپ-سىپىدى، ئەمما، ئۇلارنى كۈچەيتىۋەتمىدى. ئۇلار كۈچلۈك گۇرۇھلارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، چەت ئەل ھۆكۈمدارلىرىنىڭ مەزكۇر رايونغا تەسىر كۆرسىتىشىگە يول قويمىدى ۋە باشقىلار. بۇ يەرگە كەلگەندە، مەن يۇنان`غا دائىر مىساللارنى قەيت قىلىپ ئوتەي. ئەينى ۋاقتتا، يۇناندىكى ئاركايالىقلار بىلەن ئاتېرىيالىقلار ھەمكارلىشىپ ماكېدون خانلىقىنى بويسۇندۇردى. ئانتىئوكونى قوغلاپ چىقاردى. شۇنداق بولسىمۇ، رۇملۇقلار ئاركايالىقلار بىلەن ئاتېرىيالىقلار ئەجرىگە يۈز قاراپ، ئۇلارنىڭ كۈچىيىشىگە يول قويىۋەتكىنى يوق. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ زورىيىشىنى ئامالىنىڭ بائەرىچە توستى. رۇملۇقلارغا ھەمكارلاشقان فىلىپقا نىسبەتەن، پىلىپ گەرچە ئۆزىنىڭ رۇملۇقلارغا بولغان دوستلىقىنى پەش قىلىپ سۆزلىگەن بولسىمۇ رۇملۇقلار ئۇنىڭغا رەھىم قىلماي جايلىۋەتتى. ئانتىئوكو كۈچلىرى شۇ قەدەر ئاجىز بولسىمۇ، روملۇقلار ئۇنى ھېچقانداق مەرتىۋىگە ئېرىشتۇرمىدى. رۇملۇقلارنىڭ يۇقىرىقىدەك تەدبىرلىرىنى بارلىق ئاقىل ھۆكۈمدارلار ئۆگىنىشكە تېگىشلىك: ھۆكۈمدارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئويلىشى لازىم بولغىنى كۆز ئالدىدىكى كۆرۈنۈپ تۇرغان قىيىنچىلىقلا بولۇپ قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ-خەتەرلەر ھەققىدىمۇ باش قاتۇرىشى كېرەك. بىر دانا ھۆكۈمدار كەلكۈندىن بۇرۇن توغان تۇتۇشى، خەر خىل خەۋپلەرگە نىسبەتەن ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقىنى قىلىپ قويىدۇ. يېڭى بايقالغان ۋاقتىدىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوڭاي، لېكىن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئەۋجى يېتىپ كەلگەندە ئىش تۈگەشكەن بولىدۇ. بۇ خۇددى كېچىكىپ بايقالغان ئۆپكە كېسىلىگە ئوخشايدۇ. دەسلەپكى باسقۇچتىكى كېسەلنىڭ بايقىلىشى تەس بولىدۇ. ئەمما، دىئاگونۇز قويۇپ بايقالسىلا داۋالاش قىين`غا توختىمايدۇ. لېكىن كېسەل ئەڭ باشتا تەكشۈرۈپ بايقالمىسا ۋە كېسەلگە لايىق رېتسىپ قوللىنىلمىسا، ئاي-كۈنلەر ئۆتۈپ كېسەل ئېغىرلاشقاندا بايقالسا، ئىش كېچىككەن بولىدۇ. بۇ قائىدىنى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا تەدبىقلىغى بولىدۇ. ئەگەر، بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمدارى دۆلەتتىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن ئالدىن سېزەلىسە (بۇنداق قىلىش ئەڭ دانا كىشىلەرگە نېسىپ بولىدۇ)، ئۇ يۈز بەرگۈسى ئىشلارنىڭ تەدبىرىنى ئالدىن تۈزەلەيدۇ. ئەگەر، ھۆكۈمدار ئىنچىكە ۋە تىرىشچان بولمىسا، خەۋپ-خەتەر ئاستا-ئاستا تەرەقى قىلىپ، جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە قانچە قىلسىمۇ پايدىسى بولمايدۇ. شۇڭا، ئەينى دەۋردىكى رۇملۇقلار كەلمىش خەۋپ- خەتەرنى يىراقتىن بايقاپ، ئۇنى يوق  قىلغان. ئۇلار ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ يوشۇرۇن تەرەققىياتىغا قىلچە يول قويمىغان . چۈنكى، ئۇرۇش ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىش. ۋاقت سوزۇلسا، بۇنىڭ پايدىسى قارشى تەرەپكە بولىدۇ. رۇملۇقلار بۇنى ناھايىتى ياخشى چۈشەن`گەچكە، ئەينى ۋاقتتىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىدىن بولغان پىلىپ ۋە ئانتىئوكولارغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئىتالىيىدە كەلگۈسىدە ئۆزلىرىگە قارشى يۈز بېرىدىغان ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالغان . گەرچە، رۇملۇقلار ئەينى ۋاقتتا بۇ ئىككى مەيدان ئۇرۇشتىن ساقلىنالىسىمۇ، ئۇنداق تاللاشتىن ۋاز كەچكەن. رۇملۇقلار بىز ھەمىشە دانىشمەنلەرنىڭ ئاغزىدىن ئىشتىدىغان: <> دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئەزەلدىن ياقتۇرمايتتى. ئەكسىچە، ئۇلار ئۆزىنىڭ  ئىقتىدارىغا ۋە پەخەسلىك بىلەن چىقارغان ھۆكۈملىرىگىلا ئىشىنەتتى. چۈنكى، ۋاقت ئۆزى بىلەن ئەگەشتۈرۈپ ھەممە نەرسىنى ئېلىپ كېلىدۇ: ئۇ ياخشى ئىشلارنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ ، يامان ئىشلارنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ ياكى ھەر ئىككىسىنى تەڭلا ئېلىپ كېلىدۇ.
    ئەمدى بىز دىققەتنى فرانسىيىگە ئاغدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ باقايلى، ئۇ يۇقىرىقىدەك قىلغانمۇ-يوق. مەن چارلىز ھەققىدە سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن، پەقەتلا لۇئى ھەققىدە توختىلاي. چۈنكى، لۇئىنىڭ ئىتالىيىنى بېسىپ ياتقان ۋاقتى ئۇزۇنراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى كۈزىتىشمۇ ئوڭايراق. كۈزىتىشلەر ئارقىسىدا شۇنى بايقىدۇقكى، لۇئىنىڭ ھەرىكىتى يات بىر ئەلدە ھاكىمىيەت تۇتۇشتا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا تۈپتىن خىلاپ.
    فرانسىيە پادىشاھى لۇئى دەل ۋېنېتسىيىلىكلەر باشلاپ كەلگەن بورە، ۋېنېتسىيىلىكلەر لۇئىنى تاجاۋۇز قىلدۇرۇش ئارقىلىق لومباردىيەنىڭ (ئىتالىيىنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى) يېرىمىگە ئېرىشمەكچى بولغانىدى. مەن بۇ يەردە فرانسىيە پادىشاھىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بىر قىسىم يەرلەرنى ئىگىلىۋالغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ ئولتۇرماي. چۈنكى، ئۇ ئىتالىيىدە پۇت دەسسەپ تۇرالىغۇدەك بىر جاي ھازىرلىماقچى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىتالىيىدە ئۇنىڭ دوستلىرى يوق ئىدى. بۇرۇن پادىشاھ چارلىزنىڭ ھەرىكىتى قارشى ئېلىنمىغاچقا ، لۇئىنىڭ ئىتالىيىدىن دوست تېپىش تىرىشچانلىقىمۇ ئىزچىل مەغلۇپ بولدى. لۇئىنىڭ باشقا ئىشلىرىدا خاتالىق سادىر بولمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئىتالىيىگە باستۇرۇپ كىرىشتىكى مۇددىئاسىمۇ ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى. پادىشاھ لۇئى لومباردىيىنى ئىگىلەش بىلەم قايتا قولغا ئالدى. رىنايا ئۇنىڭغا باش ئەگدى. فلورېنىسىيىلىكلەر دوستقا ئايلاندى. ماركىز مانتۇيا، كىنەز فېررارا، ۋانتىۋورى، فىلىف خانىم، لودفائېنزا، پاسسارو، رىمىلى، كامارىلو، پىئوموبىنو (بۇ كاتتىلار ئىتالىيىدىكى ھەرقايسى شەگەر دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى.) قاتارلىق ئاقسۆڭەكلەر ھەمدە لۇگالىقلار، پىسسالىقلار، سىيىنالىقلار لۇئىغا دوستلۇق قولىنى ئۇزاتتى. ۋېنېتسىيىلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ شۇم غەرىزى تۈپەلىدىن كېلىپ چىققان يامان ئاقىۋەتنى پەقەت شۇچاغدىلا چۈشەندى! ئۇلار لومباردىيىنىڭ بىر قىسىم كىچىك شەھەرلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىتالىيىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم زېمىنىنى فرانسىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا تۇتۇپ بەردى!
    قېنى، قىياس قىلىپ باقايلى، ئەگەر  فرانسىيە پادىشاھى لۇئى مەن يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكەن ئىستىلا رايونىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى بويىچە ئىش تۇتقان بولسا، ئىتالىيىدە ئېرىشكەن زېمىن ، دوستلۇق، ئابرۇي قاتارلىقلارنى ھېچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايلا ساقلاپ قالالايتتى. گەرچە، لۇئىنىڭ ئىتالىيىدىكى دوستلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار زەئىپ ۋە قورقۇنچاق بولۇپ، بەزىلىرى دىنىي ھاكىمىيەتتىن ، يەنە بەزىلىرى ۋېنېتسىيىلىكلەردىن قورقاتتى. شۇڭا، ئۇلار لۇئىغا ئەگەشمىسە بولمايتتى. لۇئى ئۆزىگە ئەگەشكەن ئەنە ش دوستلىرىغا تايانغان بولسا، ئىتالىيىدىكى باشقا كۈچلۈك گۇرۇھلارنى ئاسانلا بەربات قىلالايتتى. كىشىنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، لۇئىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى دەل بۇنىڭ تەتۈرىچە بولدى. پادىشاھ لۇئى مىلان`غا كىرگەندىن كېيىن ئۆز ھاكىمىيىتىنى تۈگەشتۈرىدىغان ئىشنى قىلغان: پاپا ئالېكساندر(ئەسلى ئىسمى رودرىگو بورجىئا1413-1503 ئۇ پارا بېرىش ئارقىلىق رىم پاپاسى بولغان. ئۇ تەختكە ئولتۇرغاندا پاپىنىڭ ھوقۇقى كۈنسايىن ئاددىيلاشقان، ئۇ نىكاھسىز تاپقان ئوغلى چىسارى بورجىئا ئارقىلىق دىننى قوغدىغۇچى سۈپىتىدە ئىتالىيىنىڭ رومانا رايونىنى ئۆزىگە قارىتىۋالدى. ) نىڭ رومانانى بېسىۋېلىشىغا ياردەم قىلدى. ئۇ شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئىتالىيىدىكى دوستلىرىدىن ۋە ئۇنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنى ئۆزى ئاجىزلاشتۇرغانلىقىنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى. بۇ يەردىكى دىنىي ھاكىمىيەتلەر ئەسلىدىلا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى بىلەن زور ئىناۋەتكە ئىگە ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا فرانسىيە پادىشاھى ئۇلارغا غايەت زور  ئۆرپ-ئادەت ھوقۇقىنى بېرىۋەتكەنىدى. بۇ خۇددى يولۋاسقا قانات چىقىرىپ قويغاندەك بىر ئىش بولدى. فرانسىيە پادىشاھى بىرىنچى قېتىملىق خاتالىقنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە كەينى-كەينىدىن خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. ئاخىرىدا ئۇ ئالېكساندرنىڭ تېسكارانى ئىگىلىۋېلىشتەك قارا نىيىتىنى توسۇش ئۈچۈن ئۆزى ئىتالىيىگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولدى.
    پادىشاھ لۇئىنىڭ خاتالىقى مۇنداق: ئۇ رۇم دىنىي ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇۋەتتى ھەم نۇرغۇن دوستلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. تېخى بۇئاز كەلگەندەك ناپلېس پادىشاھلىقىغا كۆز تىكىپ ، ئۇنى ئىسپانىيە پادىشاھى بىلەن تەڭ بۆلۈشمەكچى بولدى. پادىشاھ لۇئى ئىتالىيىنىڭ خوجايىنى بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۆزىگە پۇت ئاتىدىغان يەنە بىر كۈنى پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، لۇئى بويسۇندۇرغان  جايدىكى قارانىيەتلەر ئۆزلىرىنىڭ دەرد-ھەسرىتىنى تۆكۈلدىغان خوجايىنغا ئېرىشىۋالدى. ئەسلىدە پادىشاھ لۇئى  بويسۇندۇرۇلغان رايوننىڭ ھۆكۈمدارىنى ۋەزىپىسىدە قويۇۋېرىپ، ئۇنى ئۆزىگە ئولپان تۆلەتكۈزگەن بولسا بولاتتى. بىراق، لۇئى ئۆزىگە ئولپان تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئادەمنى(ناپلېس ئاراگەن پادىشاھى فېكېرىكو 1 نى كۆرسىتىدۇ) قوغلىۋېتىپ ئۆزىنى قوغلىۋېتەلەيدىغان يەنە بىر ئادەمنى-ئىسپانىيە پادىشاھىنى-باشلاپ كەلدى.
    زېمىن`گە ئېرىشىش ئادەملەردە بولىدىغان ئىنتايىن تەبىئىي ئارزۇ، كىشىلەر بۇ ئارزۇنى كۈچى يېتىدىغان دائىرىدە ئەمەلگە ئاشۇرغاندا، ئەيىبلەشكە ئەمەس، بەلكى ماختاشقا سازاۋەر بولىدۇ. لېكىن، ئارمان`غا لايىق دەرمان بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇرۇنۇش قىلسا، ئۇنىڭ نەتىجىسى بۇ خىل قىلمىشنىڭ تەنبىھلەشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەگەر، فرانسىيە پادىشاھى ئەينى ۋاقتتا ناپلېسقا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئېرىشەلىگەن ئىكەن، ئىسپانىيە پادىشاھى بىلەن بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن ھەمكارلاشماسلىقى لازىم ئىدى. فرانسىيە پادىشاھىنىڭ ۋېنېتسىيىلىكلەر بىلەن بىرلىكتە لومباردىيىنى  بۆلۈۋېلىشى فرانسىيە پادىشاھىنىڭ ئىتالىيىدىن  يىڭنە پاتقۇدەك ئورۇنغا ئېرىشىۋېلىشنى ئويلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دېيىلسە، بۇ توغرا بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا، فرنسىيە پادىشاھىنىڭ ناپلېسنى ئىككىنچى قېتىم ئىسپانىيە پادىشاھى بىلەن بىرلىشىپ بۆلۈۋېلىشى خاتا بولىدۇ. چۈنكى، ئىككىنچى قېتىمقىسىدا ئەقىلگە مۇۋاپىق ئاساسلار كەم.
    شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ لۇئى بەش قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولدى: زەئىپ گۇرۇھلارنى يوقىتىپ، ئىتالىيىدىكى كۈچلۈك گۇرۇھلارنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىۋەتتى. كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە تائىپىلەرنى (ئىسپانىيە پادىشاھى فېردىناندو 2 نى كۆرسىتىدۇ) ئىتالىيىگە باشلاپ كىردى. ئىتالىيىدە ئۆزى پۇت قويۇپ تۇرمىدى، ئىتالىيىگە قارىتا مۇستەملىكە سىياسىتى ئېلىپ بارمىدى. ئۇ ئەنە شۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، ۋېنېتسىيىلىكلەرنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىشتەك ئالتىنچى خاتالىقنى ئۆتكۈزۈشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ بۈيۈك شان-شۆھرىتىنىڭ ھايات چېغىدىلا سۇنۇشى ناتايىن ئىدى. ئەگەر، ئۇ رۇم دىنىي ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىنى كېڭەيتىۋەتمىگەن بولسا، ئىسپانىيىلىكلەرنى ئىتالىيىگە باشلاپ كەلمىگەن بولسا، ۋېنېتسىيىلىكلەرنىڭ پادىشا لۇ`ئىغا باش ئۇرۇشى مۇقەررەر ئىدى. لۇئى يۇقىرىقىدەك سەۋەنلىكلەرنى ئۆتكۈزگەن ئىكەن، ۋېنېتسىيىنىڭ ھالاكىتىگە قاراپ تۇرمىسا بولاتتى. ۋېنېتسىيىلىكلەر كۈچەيسە باشقىلارنىڭ لومباردىيەگە كۆز تاشلىشىغا يول قويمايتتى. چۈنكى، ۋېنېتسىيىلىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، لومباردىيەگە ئۆزىلا خوجايىن بولىشى كېرەك ئىدى. يەنە باشقا دۆلەتلەرمۇ لومباردىيەنى فرانسىيەنىڭ قولىدىن ۋېنېتسىيىلىكلەرگە ئېلىپ بېرىشنى خالىمايتتى. چۈنكى، چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ھەر ئىككىسى بىلەن دۈشمەنلەشكۈدەك قۇدرىتى يوق ئىدى.
    بەزىلەر فرانسىيە پادىشاھى لۇئىنى ئاقلاپ، ئۇنىڭ رومانانى پاپا ئالېكساندىر ۋى گە بېرىۋېتىشى، ناپلېسنى ئىسپانىيەگە بېرىۋېتىشى ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن دېيىشىدۇ. بۇنىڭغا مېنىڭ بېرىدىغان جاۋابىم مۇنداق: بىر ھۆكۈمدار ئۇرۇشتىن ساقلانماقچى بولىدىكەن، قالايمىقانچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ئۇنداق قىلىش بىلەنلا ئۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئۇرۇشنىڭ پارتلاش ۋاقتىنى كەينىگە سوزۇشنىڭ پايدىسى يوق. ئېھتىمال، بەزىلەر فرانسىيە پادىشاھى لۇئىنىڭ پاپىغا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا يار-يۆلەك بولىشى پاپىنىڭ پادىشاھ لۇئىنىڭ نىكاھىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قوشۇلغانلىقى، شۇنداقلا رۇئاننىڭ كاردىنال بولۇشىنى شەرت قىلغانلىقى، دەپ ئىزھارلىشار. بۇنىڭغا قارىتا، ھازىرغىچە جاۋاپ قايتۇرماي، ھۆكۈمدارلارنىڭ شان-شەرىپى ھەققىدىكى بايانلاردا چۈشەنچە بەرمەكچىمەن.
    فرانسىيە پادىشاھى لۇئىنىڭ لومباردىيىنى قولدىن بېرىپ قويۇشى ئۇنىڭ يوقىرىدا دېيىلگەن ئىستېلا رايونىنى ساقلاپ قېلىشىدا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەرگە سەل قارىغانلىقىدىن بولغان. شۇڭا، ئۇنداق بولۇشنىڭ ھەيران قالغۇدەك يېرى يوق، ئۇ ئەقىلدىن تاشقىرى ئىشلار ئەمەستۇر. ۋالونتىنو (پاپا ئالېكساندر ۋى نىڭ ئوغلى، كىشىلەر ئۇنى چىسائى بورجىئا دېيىشىدۇ) رومانانى ئىگىلەپ تۇرغان مەزگىلدە، مەن نانىتتا كاردىنال رۇئان ھەزرەتلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولغىنىمدا ئۇ مۇشۇ خىل تارىخىي ھادىسىلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: ئىتالىيىلىكلەر ئۇرۇشنى چۈشەنمەيدۇ، مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن، فىرانسىيىلىكلەر سىياسىنى چۈشەنمەيدۇ ئەگەر چۈشەنسە، رۇم دىنىي ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە يول قويمىغان بولاتتى. ئەمىلىيەتتە، رۇم دىنىي ھاكىمىيىتى بىلەن ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى فرانسىيىلىكلەر ئۆزى كەلتۈتۈپ چىقاردى. بۇنىڭدىن بىز ئەبەدىي توغرا بولغان مۇنداق ئومۇمىي پرىنسىپقا ئېرىشىمىز: كىم باشقىلارنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن، شۇ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق كۈچىيىش سۇيىقەست ياكى زوراۋانلىقتىن كەلگەن بولغاچقا، كۈچەيگۈچى ئىزچىل تۈردە گۇمان پوزىتسىيەدە بولىدۇ.
     
    تۆتىنجى باپ
     
    ئېلىشىش بىلەن تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ قايسىسى تەس، قايسىسى ئاسان؟
     
    ھاكىمىيەتنى مۇقۇملاشتۇرۇشقا دۇچ كېلىدىغان مۈشكۈللەردىن گەپ ئاچقاندا، كىشىلەر مۇنداق بىر تارىخى ئەمەلىيەتنىڭ تىگىگە ئويلاپمۇ يېتەلمەسلىكى مۇمكىن: قىسقىغىنا بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ئىمپەراتور ئىسكەندەر(ماكدونىيە پادىشاھى ئىسكەدەرنى كۆرسىتىدۇ) مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاسىيانىڭ خوجايىنى بولۇۋالدى ئۇ پۈتۈن ئاسىيا زېمىنىنى ئېلىپ بولماي تۇرۇپلا ئاخىرەتكە سەپەر قىلدى. ئادەتتىكى قاراش بويىچە، ئاشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دۆلەتتە ئوڭايلا مائىلمان پەيدا بولاتتى. بىراق، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئىسكەندەرنىڭ ۋارىسلىرى ئامان-ئېسەن ھالدا دۆلەتنى تۇتۇپ تۇرالىدى. ئۆزلىرىنىڭ يامان غەرىزى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بەزى ئاۋارىچىلىقلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇلار باشقا ئاۋارىچىلىكلەرگە يولۇقمىدى.
    بۇ ھادىسىگە نىسبەتەن پېقىر مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: تارىختىن بۇيانقى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئاساسەن ئىككى خىل بولغىن. بىرى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مالايلىرىنىڭ ئورتاق ئىدارە قىلىشى(بۇنىڭدا مالايلار پادىشاھنىڭ ھىممىتى بىلەن ۋەزىر سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ دۆلەت باشقۇرىدۇ)؛ يەنە بىرى، پادىشاھ ۋە بەگ لەر بىرلىشىپ خاندانلىقنى ئىدارە قىلىدۇ(بۇنىڭدا بەگلەر بەھرىمەن بولىدىغان ئىمتىياز پادىشاھنىڭ ھىممىتىدىن ئەمەس، بەلكى بۇرۇنقى قانداشلىق مۇناسىۋىتىدىن كەلگەن بولىدۇ.) بەگلەردە ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسى ۋە پۇقراسى بولىدۇ، بۇ پۇقرالار بەگىن ئۆزىنىڭ خوجايىنى دەپ بىلىپ ھىمايە قىلىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان بىرىنچى خىل ئىدارە ئۇسۇلىدا، پادىشاھ زور ئىمتىيازغا ئىگە بولغىن بولىدۇ، پادىشاھدىن ئارتۇق ھېچكىم بولمايدۇ، پۇقرا ۋەزىر-ۋۇزرالارنى پادىشاھنىڭ ئەمىرى دەپ بىلىپ ئىتائەت قىلىدۇ. شۇڭا، پۇقرالاردا ئۇلارغا نىسبەتەن ئالاھىدە ھېسسىيات بولمايدۇ.
    دەۋرىمىزدىكى تۈركىيە بىلەن فرانسىيە يۇقىرىقى ئىككى تىپقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تۈركىيە بىرلا پادىشاھنىڭ ئەمىر ئاستىدىكى ئەل بولۇپ ، ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ۋەزىر ۋە مالايلاردۇر. تۈركىيە پادىشاھى ئۆزىنىڭ سەلتەنەت ئاستىدىكى بەش ئەلنى بىر قانچە شتاتقا بۆلۈپ، ئۇنى باشقۇرۇشقا ھەر خىل مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتكەن. پادىشاھ ئۇلارنى خالىغانچە ئۇياق-بۇياققا قىلالايدۇ. فرانسىيە پادىشاھى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. فرانسىيە پادىشاھى بۇرۇندىن بار بولغىن بىر تۈركۈم ئاقسۆڭەكلەر توپىنىڭ ئارىسىدا قالغان . بۇ ئاقسۆڭەكلەر ئۆزلىرى تۇرغان تېررىتورىيىدىكى پۇقرالار تەرىپىدىن خوجايىن دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. ئۇلار ئۆزىگە خاس ئىمتىيازغا ئىگە، پادىشاھ ئۇلارنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلالمايدۇ، ئۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، تەۋەككۈلچىلىك بولاتتى. يۇقىرىقىلاردىن مۇنداق يەكۈننى چىقىرىمىز: تۈركىيە پادىشاھىنىڭ سەلتەنەتى ئاستىدىكى زېمىنىنى ئېلىش قىيىن، ئەمما ئېلىۋالغاندىن كېيىن ساقلاپ قېلىش ئوڭاي. ئەكسىچە، فرانسىيە پادىشاھى تۇتۇپ تۇرغان زېمىننى ئېلىش ئوڭاي، تۇتۇپ تۇرۇش تەس.
    تۈركىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىكى زېمىنىنى ئىگىلەشنىڭ قىيىنلىقىدىكى سەۋەب شۇكى، تاجاۋۇزچىلارنى پادىشاھنىڭ بەگ- ۋەزىرلىرى باشلاپ كىرگەن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، پادىشاھنىڭ چۆرىسىدىكى ئادەملەرنىڭ ساتقىنلىقىدىن پايدىلىنىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، بۇ پادىشاھىنىڭ ۋەزىر-سىپاھلىرى ئۇنىڭ قۇللىرىدىنلا ئىبارەت بولغاچقا، ئۇلارنى سېتىۋېلىپ ئىندەككە كەلتۈرۈش تەس. سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ ئۇلاردىن نەپ ئالغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار خەلقنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا تۈركىيە سەلتەنىتىنى بويسۇندۇرىمەن دېگەن كىشى ئالدى بىلەن ئىدىيىۋى تەييارلىقىنى پۇختا قىلىپ، ئۆزى نىشان قىلىۋاتقان ئەلنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۈچ ئىكەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنىشى، باشقىلارنىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىگە ئەمەس، بەلكى ئاساسەن ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىش لازىم، ئەلۋەتتە. ئىستىلاھچى تۈركىيە پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇرۇشتا تۈركىيە پادىشاھىنى مەغلۇپ قىلىپ، قورال كۈچىنى يوقىتىپ مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلسا، كېيىنچە پادىشاھ جەمەتىدىن باشقا ھېچكىمدىن ئەنسىرىگۈدەك خەۋپكە تېخىمۇ ئورۇن قالمىغان بولىدۇ. چۈنكى، خەلق پادىشاھىدىن ئۆزگىلەرگە ئىشەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە غالىبلار ئۆز غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئۇلارغا تايانمىغاچقا، غەلىبىدىن كېيىن ئۇلاردىن ئەيمىنىش تامامەن ئورۇنسىز ئىش بولىدۇ.
    ئەگەر ئىستىلاھ نىشانى فرانسىيىدەك ئەل بولسا، ئەھۋال ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. بۇنداق ئەلگە باستۇرۇپ كىرىش ناھايىتى ئوڭاي، چۇنكى ئۇنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىنى ئۆزىگە تارتسىلا كۇپايە. بۇ ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇپ، ئۆزگىرىش قىلىشنى نىيەت قىلىپ تۇرغان بولىدۇ. ئۇلار ئىستىلاھچىلارغا قولايلىق بېرىپ، ئىستىلاھچىلار ئاسانلا غەلىبىگە ئېرىشىۋالىدۇ. بىراق، ئىستىلاھتىن كېيىن بۇنداق ئەلنى ساقلاپ قېلىش ئاۋارىچىلىك ۋە قىيىندۇر. بۇ نۇرغۇن مۈشكۈلاتلار ئاشۇ ساڭا ياردەم قىلغان ئادەملەردۇن شۇنداقلا ئۆزۇڭ ئەزگەن كىشلەردىن كېلىدۇ. ھۆكۇمرانلار جەمەتىنى يوق قىلىشنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك بولالمايدۇ. چۇنكى، قېپقالغان باشقا ئاقسۆڭەكلەر پادىشاھىنىڭ ئورنىغا چىقىپ، بىر مەيدان ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولۇپ قېلىش خەۋپى بار، سەن ئۇلارنى ئاسانلىقچە رازى قىلالمايسەمۋەئۈزۈل-كېسىل يوقىتالمايسەن. شۇڭا، پۇرسەت يېتىپ كەلسىلا، ئۇلار تۇغ كۆرۈرۈپ چىقىدۇ-دە، بۇ ئەلدىن مەھرۇم بولىسەن.
    ئەمدى دارا(پارىد شاھى) خانلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارايلى. بىزنىڭ بايقىشىمىزچە، دارا خانلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۈركىيە پادىشاھلىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇ ئەلگە يۈرۈش قىلىش ۋە ئۇنى ئىگىلەش ئۈچۈن ، ئىمپېراتور ئىسكەندەرنىڭ ئالدى بىلەنپادىشاھ دارانى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشى زۆرۈر بولدى، ئاندىن تېررىتورىيىنى ئىگىلىدى. غەلبىدىن كېيىن دارا ئۆلدى، ئىسكەندەر ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىدى. ئەگەر ئىسكەندەرنىڭ ۋارىسلىرى ئىچكى نىزا تۇغدۇرماي ئىتتىپاقلىشىدىغەئان بولسا، ئۇلار بۇ ئەلگە بولغان ھۆكۈمرنلىقىنى بىمالال داۋام قىلغان بولاتتى، دۆلەتتىمۇ مالىمان كېلىپ چقمايتتى. بىراق فرانسىيىدەك دۆلەتنى ئۇنداق ئاسان بويسۇندۇرغىلى بولمايدۇ. فرانسىيە، ئىسپانىيە، گېرتسىيە(يۇنان) لەردە ھە دېسىلا رۇملىقلارغا قارشى مالىمان يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبى بۇ دۆلەتلەردە نۇرغۇن كىچىك خاندانلىقنىڭ بوغانلىقىدۇر. كىشىلەرنىڭ ئەسلىدىكە ئۆز دۆلىتىگە بولغان خاتىرىسى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، رۇملىقلار ئۆزلىرى ئىگىلىگەن رايونىنى مۇقىم تۇتۇپ تۇرالمايدۇ. ئەمما رۇم ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىمتىيازى ۋە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت دەۋام قىلىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى دۆلەتلىرى ھەققىدىكى خاتىرىسى ئۆچۈپ، ئاخىر رۇملۇقلار بۇ ئەلنىڭ شەكسىز  خوجايىنىغا ئايلاندى. رۇملىقلاردا ئىچكى قالايمىقان يۈز بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ھەرقاندىقى ئۆزى تۇرغۇزغا نوپۇزى بىلەن ئۆزارا كۈچ سىنىشالايدۇ. چۈكى، بۇرۇنقى خان جەمەتى ئاللىبۇرۇن تۈگىگەن، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە رۇملىقلاردىن ئۆزگە ھۆكۈمران يوق ئىدى.
    يۇقىرىقىدەك بىر قاتار تارىخى ئەمەلىيەتنى كۆرگەن ئىكەنمىز، مۇنۇ ئەھۋالدىن تەئەججۈپ ھېس قىلمايمىز: ئىسكەندەر ئاسىيانى ئوڭايلا ئالدى. يەنە بەزىلەرنىڭ (پېرىس گۇرۇھى ۋە باشقىلار) ئۆزى ئالغان زېمىنىنى تۇتۇپ تۇرۇشى ئىنتايىن تەس بولدى. بۇ خىل ھالەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىل غالىپلارنىڭ ئىقتىدارىدىكى پەرقتە ئەمەس ، بەلكى ئىستىلاھ رايونىنىڭ ئەھۋالىدىكى كۆپ خىللىقتا.
     
    بەشىنچى باپ
     
    ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ: ئىستىلاھچىنىڭ دۈشمىنى
     
       ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا ۋە دىيانەت-شەپقەتلىرىنىڭ ئالدىمىغا دۇچ كەلسىمۇ، بەرىبىر ھۆر خەلقنىڭ قەلبىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتمەيدۇ.
    بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن، ئەڭ ئىشەنچىلىك ئۇسۇل شۇكى، ئۇلارنى تولۇق يوقىتىۋېتىش ياكى ھۆكۈمراننىڭ ئىستىلاھ رايونىدا تۇرۇشىدۇر.
    ئەگەر ئىستىلاھ قىلىن`غۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇنى ئاستىدا ئەركىن ياشاشقا ئادەتلەڭەن بولسا، بۇنداق ئىستىلاھ رايونىنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار. بىرىنچىسى ئۇلارنى پاكىزە يوقىتىش، ئىككىنچىسى، ئىستىلاھچىنىڭ ئىستىلاھ رايونىدا تۇرۇشى، ئۈچىنچىسى، ئىستىلاھ قىلىنغان  ئەللەرنىڭ ئەسلىدىكى قانۇنى بويىچە ياشىغىلى قويۇش، ئەمما ئۇلارنى ئولپان بەرگۈزۈش، ئىستىلاھچىلارغا دوستانە مۇئامىلىدە بولىدىغان ئاز ساندىكى كىشىلەردىن تۈزۈلگەن قۇلىقى يۇمشاق ھۆكۈمەتتىن بىرنى قۇرۇش. بۇ ھۆكۈمەت ئىستىلاھچىلار ھۆكۈمرانى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ھۆكۈمەت بولغاچقا، ئاشۇ ھۆكۈمراننىڭ دوستلۇقى ۋە ھىمايىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. شۇڭا، ئۇنداق ھۆكۈمەت ھۆكۈمرانىغا ئىنتايىن سادىق بولىدۇ. ئىستىلاھچى ھۆكۈمران ئەركىن تۇرمۇشتا ئادەتلەڭەن شەھەرنى تۇتۇپ تۇرماقنى ئويلايدىكەن، ئۇنداقتا، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە مۇشۇ شەھەر پۇقرالىرىغا تايىنىش باشقا ئۇسۇلغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە ئىشەنچلىكتۇر.
    سپارتالىقلار بىلەن رۇملىقلار دەل ئاشۇ جۈملىدىندۇر. سپارتلىقلار ئىستىلاھ قىلغان رايوندا ئولىگارخ ھاكىمىيەتا( ئىستىلاھ رايونىدىكى ئاز ساندىكى كىشىلەردىن تۈزۈلگەن ئىستىلاھچىغا سادىق ئاز سانلىقلار ھاكىمىيىتى.) تىن بىرنى تىكلەش ئارقىلىق ئافىنا بىلەن تىبىس قوغداپ قالغانىدى. بىراق ئاخىرقى ھېساپتا سپارتالىقلار ئافىنا بىلەنتىبىس يەنە قولدىن بېرىپ قويدى. رۇملىقلار كاپۇئا( مىلادىدىن ئىلگىرى 221-يىلى بەربات بولغان)، كارتاجىن (مىلادىدىن ئىلگىرى 146-يىلى بەربات بولغان)، نۇمانزىيە(مىلادىدىن ئىلگىرى 133-يىلى بەربات بولغان) قاتارلىق جايلارنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بۇ يەرنىڭ خەلقلىرىنى كۆزىدىن يوق قىلدى. شۇڭا، ئاقىۋەتتە، رۇملىقلار مەزكۈر رايونلارنىقولدىن بېرىۋەتمىدى. بىراق، رۇملىقلار يۇنانىنى سپارتالىقلار ئىشلەتكەن ئۇسۇل بىلەن ساقلاپ قېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، يۇنانلىقلارغا ئەركىنلىك بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنى بويىچە ياشاشتا يول قويغان بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا غىبە قىلالمىدى. ئاخىر رۇملىقلار يۇنانىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ رايوندىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىشقا مەجبۇر بولدى. چۇنكى، ئىستىلاھ قىلىنغان رايونىنى مۇقىم ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن رۇملىقلاردا ئۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق ئىدى. شۇڭلاشقا، ئىستىلاھچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ بىر شەھەرگە خوجا بولغانىكەن بۇ شەھەرنىڭ پۇقرالىرى ھۆ جاياتقا ئادەتلەڭەن بولسا، ئىستىلاھچىنىڭ ئۇلارنى تولۇق ۋەيران قىلىۋەتمەسلىكى مۇقەررەر ھالدا ئۆز ھالاكىتىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا ئوخشاش بىر ئىش بولىدۇ. نەتىجىدە بۇ شەھەرنىڭ خەلقلىرى پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەركىنلىك باھانىسىدە غەلىيان كۆتۈرىدۇ ۋە بۇ شەھەرنىڭ قەدىمكى قانۇنى ۋە تەرتىپ-ئىنتىزامىنى تىرىلدۈرمەكچى بولىدۇ. مانا بۇ ئەركىن تۇرمۇشتىكى شەھەرنى غەرق قىلىۋېتىشرىكى زۆرۈرلۈكنىڭ سەۋەبى، ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ تارىخنىڭ بوران- چاپقۇنلىرىغا ۋە دىيانەت-شەپقەتلىرىنىڭ ئالدىمىغا دۇچ كەلسىمۇ، بەرىبىر ھۆر ياشاپ كۆڭەن خەلقنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ. ئىستىلاھچى ئىستىلاھ رايونىدىكى يەرلىك خەلقنى خانىۋەيران قىلىۋېتىشى لازىم. بولمىسا، سەن ئۇلارغا قانچىلىك ساراسىمە سېلىدھىڭ ۋە ئۇلاردىن قانچىلىك مۇداپىئە قىلىشىڭدىن قەتىينەزەر ئۇلار ئاخىر يەنر ئەركىنلىك ۋە تەرتىپتىن ئىبارەت ئىككى قىممەتلىك ئەنەنىسىنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمايدۇ، خۇددى پىلوروسىيىلىكلەر تەرىپىدىن بىر ئەسىر مۇستەملىكە قىلىنغاندىن كېيىنكى پىسالىقلارغا ئوخشاش،ئۇلار بەخىتسىزلىككە يولۇققان چاغلىرىدا ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ دەۋرلىرىدىكى گۈزەل ئۆتمۈشلىرىنى ياد ئېتىدۇ.
    ئەگەر بەزى شەھەرلەرنىڭ خەلقى پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقى ئاسرىدا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلەڭەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئۆز خاقانىنىڭ جەمەتى قۇرۇتىۋېتىلگەن بولسا، ئۇلار بىرلىشىپمۇ يېڭى پادىشاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئامالسىز قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەركىن ھايات ئۇلار ئۈچۈن ناتونۇش بولۇپ قالىدۇ ۋە ئۇلار نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مەزكۇر ئىستىلاھ رايون خەلقلىرىنىڭ ئىگىلىگۈچى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە بولغان قارشىلىق ھەرىكىتى ئاستىلايدۇ، مانا بۇ يېڭى ھۆكۈمرانىنىڭ ئۆزى ئىستىلاھ قىلغان رايونىنى ساقلاپ قېلىشقا قولاي شارائىت تەمىن ئېتىدۇ. ئەگەر ئىستىلاھ ئوبيېكتى جۇمھۇرىيەت بولغاندا، ئەھۋال پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدە زور ھاياتىي كۈچ، دەھشەتلىك غەزەپ-نەپرەت، تەقەززالىق قىساسلىق قەلب مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. بۇ ئىستىلاھ رايون خەلقنى ئۆتمۈشكە ھېرىس بولۇپ، قولىدىن كەتكەن ئەركىنلىكىنى ياد ئېتىدۇ، ئۇلار بۇنى ھەر قېتىم ئەسلىگەندە ئۆزلىرىنى باسالماي قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل ئۇلارنى قىرىپ تاشلاش ياكى پادىشاھنىڭ ئىگىلىگەن رايونىدا تۇرۇشىدىن ئىبارەت.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.