تاراس بۇلبا(گوگول)

يوللىغۇچى : dell يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-16 13:37:54

-قېنى ئوغۇللىرىم، ماڭا قاراڭلار! ئادەمنىڭ كۈلگۈسى كەلگۈدەك بىر قىسمىلا بۇلۇپ كېتىپسىلەرغۇ ! بۇ نېمىسى، پوپلار كېيىدىغان سۆرۈلمە چاپانلارنى كېيۋاپسىلەرغۇ؟ ئاكادىمىيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ...



    \

     

    -قېنى ئوغۇللىرىم، ماڭا قاراڭلار! ئادەمنىڭ كۈلگۈسى كەلگۈدەك بىر قىسمىلا بۇلۇپ كېتىپسىلەرغۇ ! بۇ نېمىسى، پوپلار كېيىدىغان سۆرۈلمە چاپانلارنى كېيۋاپسىلەرغۇ؟ ئاكادىمىيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق كىينىشەمدۇ؟-قېرى بۇلبا كىيۋدا ئۇقۇپ قايتىپ كەلگەن ئىككى ئوغلىنى شۇنداق سۆزلەر بىلەن كۈتىۋالدى.

    تارس بۇلبىنىڭ ئوغۇللىرى يېڭىلا ئاتتىن چۈشكەنىدى. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى يېقىندىلا مەكتەپنى تۈگىتىپ قايتقان بۇلۇپ، ئادەمگە يەر تېگىدىن قارايدىغان قاۋۇل يىگىتلەردىن ئىدى. بۇلارنىڭ بۇدۇرۇق، ساغلام يۈزلىرىدىكى يۇمران تۈكلەرگە تېخى ئۇستىرا تەگمىگەن. ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ مۇنداق مۇئامىلىسىدىن بەك خىجالەت بۇلۇپ، ئۇنچىقماي يەرگەن قاراپ تۇرۇشاتتى.

    تاراس بۇلبا ئوغۇللىرىنى ئۇياق-بۇياققا ئايلاندۇرۇپ كۆرۈپ:

    -توختاڭلار، توختاڭلار! ياخشىراق كۆرۋالاي! پېرىجىلىرىڭلار نىمانچە ئۇزۇن، سۆرەلمە! شۇمۇ چاپان بولدىمۇ؟ دۇنيانىڭ ھېچ يېرىدە كۆرۈلمىگەن چاپانغۇ بۇ ! قېنى، بىرىڭ يۈگۈرۈپ باققىنا، پېشىڭگە پۇتلىشىپ يىقىلمىغىنىڭنى  كۆرەي!-دېدى.

    -دادا، تولا زاڭلىق قىلىپ كۈلىۋەرمىگىنە!- دېدى.

    -مۇشۇ سۆلىتىڭگە قاراپ كۈلمەي بولامدۇ؟

    -زاڭلىق قىلىۋەرمە دەيمەن! زاڭلىق قىلىۋەرسەڭ دادام بولغىنىڭغا قارىمايمەن، ئەزبىرايى خۇدا، سالىمەن!

    -ھوي، تېخى، مەن شۇنداق ئوغۇل دىگىنە! ئاتاڭنىمۇ ئۇرىسەن؟-دېدى تاراس بۇلبا ھەيران بولغان ھالدا ئىككى قەدەم كەينىگە شوخشۇپ.

    -ھە، ئاتام بولساڭمۇ مەيلى، زاڭلىق قىلىدىغان بولسا ھېچىكىمنى ئايىمايمەن.

    -تېخى مەن بىلەن سوقۇشماقچىمۇ سەن؟ قانداقسىگە مۇشتلىشىمىز؟

    -قانداقسىگە بولسا مەيلى.

    تارس بۇلبا يېڭىنى شىمايلاپ:

    -كەل، ئەمىسە مۇشتلىشىپ كۆرەيلى. مۇشتلىشىشقا قانداقراق ئىكەنسەن!-دېدى.

    ئۇزۇندىن بېرى بىر-بىرىنى كۆرمىگەن ئاتا-بالا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش ئورنىغا بىر-بىرنىڭ گاھ يېقىنىغا، گاھ مەيدىسىگە مۇشتلاپ سېلىشىپ كەتتى، راسا مۇشتلىشىۋاتقاندا بىر ئالدىغا دىۋەيلەپم بىر كەينىگە داجىپ قۇيۇشاتتى، كېيىن بىر-بىرىگە قارىشىۋالاتتى-دە، يەنە تىللىشىپ كېتەتتى.

    ئوغوللارنىڭ ئاجىز، ئورۇق ۋە مېھرىبان ئانىسى سۆيۈملۈك بالىلىرىنى تېخى باغرىغا باسقۇچە بولمىغانىدى. ئۇ بۇسۇغىدا تۇرۇپ:

    -ھەي خالايىق، بۇنىڭغا قاراڭلار! مۇنۇ قۇرغۇر قېرى ئالجىپ قاپتۇ، ئەقلىدىن پۈتۈنلەي ئېزىپتۇ! بىر يىلدىن بېرى كۆرۈشمىگەن بالىلىرى كەلسە، بىلمىدىم، بۇ قۇرغۇر نىمە خىيالغا چۈشتىكىن، ئىزا تارتماي مۇشتلىشىۋاتىدۇ!- دەپ ۋاقىرىدى.

    -ھە، ئوبدان مۇشتلىشىدىكەن!- دېدى بۇلبا ئارىلىقتا توختاپ،- ئەزبىرايى خۇدا، بۇنىڭ مۇشىت ئېتىشىغا قايىل بولدۇم،- دېدى ئۆزىنى ئوڭشىۋىلىپ. كېيىن يەنە،- سىناشمىساممۇ بولىدىكەن، بۇ ئاجايىپ كازاك بۇلىدۇ. بارىكاللا ئوغلۇمغا! سالامەت بول! قېنى، بېرى كەل، بىر سۆيۈشىۋالايلى!- دېدى-دە، ئاتا-بالا سۆيۈشۈپ كەتتى،- بەللى، ئوغلۇم! ھەممىنى مېنى ئۇرغاندەك سال، ھېچىكىمنى ئايىما! بىراق، نىمە دىسەم بۇلار، ئۈستبېشىڭ ئاجايىپ: بۇ ساڭگىلاپ تۇرغان بويتاسمىلىرىڭ نېمىسى؟سەن، ئەخمەق، لايغەزەل، نىمىشقا قوللىرىڭنى قۇشتۇرۇپ تۇرىسەن؟-دېدى كىچىك ئوغلىغا قاراپ،-ئىتنىڭ بالسى، نىمىشقا مېنى دۇمبالىمايسەن؟

    كەنجى ئوغلىنى قۇچاقلاپ تۇرغان ئانىسى:

    -يەنە نىمە دەپ ئالجىۋاتقاندۇ، ئۆزى ئاتىسىنى ئۇرامدۇ! بۇ نىمىدىگەن ساراڭلىق! ھەر ئىش ئۆز نۆۋىتى بىلەن بولىدۇ-دە. ياش بالا شۇنچە يول بېسىپ كەلگەن تۇرسا….( بۇ ياش بالا يىگىرمىدىن ئاشقان، بويى بىر ساژېنچە كېلەتتى ) دېمىنى ئالسۇن، تاماق يېسۇن دېيىش ئورنىغا، مەن بىلەن مۇشتلاش، دەۋاتقىنىنى قارا!- دەيتتى.

    -ھەي، سەن بەك ئەركە بۇلۇپ قاپسەنا!- دېدى بۇلبا،-ئاناڭنىڭ گېپىگە قۇلاق سالما! خۇتۇن كىشىنىڭ ھېچ نەرسىگە ئەقلى يەتمەيدۇ. سىلەرگە ئەركىلىكنى كىم قۇيۇپتۇ؟ سىلەرنىڭ ئەركىلەيدىغان يېرىڭلار كەڭ مەيدان بىلەن ئارغىماق ئات، بىلدىڭلارمۇ؟ مانا بۇ قىلىچنى كۆرۋاتامسىلەر؟ ئاناڭلار شۇ بۇلىدۇ! سىلەرنىڭ قۇلاق-مېڭىڭلارغا قۇيۇلغان گەپلەرنىڭ ھەممىسى بىكار؛ ئاكادېمىيەڭلەر، ئېلىپبە كىتابلىرىڭلار، پەلسەپە-گەپساتارلىرىڭلا ھەممسى بىر تىيىن! تۈكۈردۈم مەن ھەممىسىگە!…- بۇلبا يازغىلى بولمايدىغان بىر-ئىككى ئېغىز گەپنىمۇ قىلدى،- ياخشىسى، مەن سىلەرنى كېلەر ھەپتىدىلا زاپوروژىيغا ئەۋەتىۋىتىمەن. ئىلىم دىسەڭ ئەنە شۇ يەردە! ئەسلى مەكتەپمۇ شۇ. ئەقلىڭلار ئەنە شۇ جايدا تۇلىدۇ.

    قېرى، يادڭغۇ ئانا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ:

    -ئۆيدە ئاران بىر ھەپتىلا تۇرۇشىدىكەن- دە! شورلۇقلىرىم ئويناپ-كۈلۈپ تاماشىمۇ قىلالمايدىكەن-دە ! ئۆز ئۆيلىرىنى كۆكسى-قارنى تويغۇدەكمۇ كۆرەلمىسە، مەنمۇ ئۇلارنىڭ دىدارىغا قېنىپ تويالمىسام، بۇ نىمە بولغىنى!؟- دېدى.

    -كەمپىرىم، بولدى ئەمدى، تولا ۋايسىما! كازاك دىگەن ئايال مىجەز بولمايدۇ. ساڭا قالسا، ئىككىلىسىنى كۆڭلىكىنىڭ ئىچىگە سولاپ، تۇخۇم باسقان توخۇلادەك ئولتۇرىسەن، تۇر، چاپسانراق داستىخان سال، نىمەڭ بولسا شۇنى قوي، قەن-پەن ۋە باشقا شىرنىلىكلىرىڭ بىزگە كېرەك ئەمەس. پىشۇرغان قوي ۋە ئۆشكىلىرىڭنى پۈتۈن پېتى ئېلىپ كەل. قېرىق يىللىق ھەسەللىرىڭدىن قوي كۆپىرەك ھاراق كەلتۈر! شېرىن-شىكەر تاتلىقلىرىڭدىن ئەمەس، شىشىدە ئويناپ تۇرىدىغان تازىسىدىن بولسۇن!

    تاراس بۇلبا ئوغوللىرىنى مېھمانخانىغا باشلاپ كىردى. بۇلارنىڭ ئۆيگە كىرگەندە، ئۆينى يىغىشتۇرىۋاتقان، بوينىغا قىپقىزىل مارجان تاقىغان ئىككى چىرايلىق خىزمەتكار قىز يۈگۈرۈپ چقىقىپ كېتىشتى. ئۇلار ھەر كىمگە بىر چاقچاق قىلماي ئۆتمەيدىغان بايۋەتچچىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۆزلىرىدىن ئەنسىرەپ تۇرغانلىقتىنمۇ ياكى ئەركەكلەرنى كۆرۈشى بىلەن چۇقىرىشىپ قاچىدىغان ئۇياتچان ئاياللاردەك بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ، ئىشقىلىپ، خېلىغىچە يەڭلىرى بىلەن يۈزلىرىنى توسۇپ تۇرۇشتى. مېھمانخانا خەلق ئارىسىدىكى ئۇزۇن ساقاللىق قوشاقچىلارنىڭ قوشاقلىرىدا تەسۋىرلەنگەن زامان زوقىغا خاس زىننەتلەنگەن؛ ئۇكرائىندا ئۇنىيە ئۈچۈن جەڭ ۋە تالاش-تارتىشلار باشلانغان ئېغىز ۋە تىنىچسىز زامانلارنىڭ رەسىم-قائىدىلىرىگە يارىشا ياسالغانىدى. ھەممە ياق پاك-پاكىز يالتىراپ تۇراتتى. تاملاردا قىلىچ، قالقان، قەپەس، قارماق، قامچا، مىلتىق دورىسى سېلىندىغان مۈڭگۈز قۇتا، ئالتۇن يۈگەن، كۈمۈش قۇشقۇنلار ئېسىقلىق تۇراتتى. دېرىزىلەرنىڭ ئەينەكلىرى كونا بۇتخانىلارنىڭكىدەك كۆتۈرۈلۈپ قارىمىغۇچە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدىغان كىچىككىنە خىرە، دۈگىلەك ئەينەكلەردىن ئىدى. ئىشىك ۋە دېرىزىلەر چۆرىلىرى قىزىل سىرلانغان بۇلۇپ، جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئۆينىڭ بۇلۇڭلرىدىكى تەكچىلەرگە كوزىلار، كۆك ۋە يىشىل بوتۇلكىلار، كۈمۈشتىن ئۇيۇپ ئىشلەنگەن ۋە ئالتۇن سۈيى يالىتىلغان چىنە-قاچىلار تىزىلغان. ۋىنتىسىيە، تۈركىيە ۋە چىركاسىيىدە ياسالغان بۇ نەرسىلەر قولدىن-قولغا ئۆتۈپ، ھەر خىل يوللار بىلەن تاراس بۇلبىنىڭ مېھمانخانىسىغا كىرىپ قالغان. چۈنكى ئۇ توپىلاڭ زامانلاردا مۇنداق ئىشلار كۆپ بولاتتى. ئەلا سۈپەتلىك ياغاچتىن ياسالغان ئورۇندۇقلار ئۆينىڭ تۆت تەرىپىگە ئايلاندۇرۇپ قۇيۇلغان. تۆردىكى بۇلۇڭدا بۇتلار قۇلۇلغان يوغان ئۈستەل، چىرايلىق قىلىپ ياسالغان چوڭ تام مەش، ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى بوش يەرلىرىگە، بۇرجەك ۋە گىرۋەكلىرىگە گۈل كەلتۈرۈپ ياسالغان ئۇيۇقلار-بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەر يىلى دەم ئېلىش چاغلىرىدا ئۆز ئۆيلىرىگە كېلىپ-كېتىپ تۇرغان ھېلىقى ئىككى يىگىتكە ناھايىتى تۇنۇش ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاتلىرى بولمىغانلىقتىن ۋە مەكتەپ بالىلىرىغا ئاتلىق يۈرۈش رەسم -قائىدە بولمىغانلىقتىن پىيادە كېلىپ-كېتىشەتتى. ئۇلارنىڭ باشلىرىدا ئۇزۇن كۇكۇلىلىرى بار ئىدى. يېنىدا يارىقى بار ھەر بىر كازاك ئۇلارنىڭ كۇكۇلىسىدىن تۇتۇۋىلىپ ئۇرالايتتى. بۇلبا بالىلىرى مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يىلىقىسىدىن ئىككى ئارغىماق تاينى كەلتۈردى.

    تاراس بۇلبا ئوغۇللىرىنىڭ كەلگەنلىكى شەرىپىگە ھەممە يۈز بېشىلەرنى ۋە بارلىق ئەسكەر باشلىقىلىرىنى چاقىردى. قەدىرىلىك ئاغىنىسى ياساۋۇل دىمترو توۋكاچ بىلەن بىللە ئىككى كىشى كەلگەندە. بۇلب ئوغۇللىرىنى ئۇلارغا تۇنۇشتۇرۇپ:

    -كۆردىڭلارمۇ، قانداق قاۋۇل يىگىت بۇلۇپتۇ! يېقىندا ئىككىلىسنى سېچقا ئەۋەتىمەن،- دېدى. مېھمانلار بۇلبىنمۇ، ئوغۇللىرىنىمۇ تەبىرىكلەشكەندىن كېيىن:

    -ناھايىتى ساۋان ئىش قىلىپسىز. ياش يىگىتلەرگە زاپوروژىي سېچىتىن ياخشىراق ئىلىم-ھۈنەر يوق،- دېيىشتى.

    -قېنى، ئاغىنىلەر، داستىخانغا مەرھەمەت! ھەركىم خالىغان جايدا ئولتۇرسۇن. ئوغۇللىرىم، ئەڭ ئاۋۋال ھاراقتىن باشلايلى!- دەيتتى بۇلبا.- خۇدا يار بولسۇن!  ئوغۇللىرىم سالامەت بۇلۇڭلار. ئۇستاپ، سەنمۇ، ئاندىرىي، سەنمۇ ئامان بول!  سوقۇشتا ھەمىشە ئىشلىرىڭلار ئوڭدىن كەلسۇن. غەيرى دىندىكىلەرنىڭ ئەدىبىنى بېرىڭلار، تۈركلەرنىڭمۇ، تاتارلارنىڭمۇ ئەدىبىنى بېرىڭلار. ئەگەرلەخلەر دىنىمىزنى ئاياغ-ئاستى قىلىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭمۇ ئەدىبىنى بېرىڭلار! قېنى، قەدەھنى تۇت! قانداق، ھاراق جايىدىمۇ؟ ھاراقنى لاتىنچە نىمە دەيتتى؟ ھە،شۇنداق، ئوغلۇم، لاتىنلار ئەخمەق كېلىدۇ. ئۇلار ھارقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىشمىگەن. لاتىنچە شېئرلار يازغان بىر كىم بار ئىدىغۇ، ئىسمى نىمە ئىدى؟ چالا موللامەن، شۇڭلاشقا ئىسمىنىمۇ بىلمەيمەن. گوراتسىمىدى.

    چوڭ ئوغلى كۆڭلىدە: «دادامنىڭ مۇغەمبەرلىكىنى قارا! قۇۋ چالنىڭ بىلەيدىغان ھېچ نېمىسى يوق، يەنە ئۆزىنى بىلەسكە سالىدۇ تېخى» دەپ  قويدى.

    تاراس يەنە سۆز باشلاپ:

    -مۇئەللىمىڭلەر، بەلكىم ھاراقنىڭ ھىدىنىمۇ پۇراتمىغاندۇ ؟ ئوغۇللىرىم، راستىنى ئېيتىڭلار! تال چىۋىق ۋە ئالۇچا چىۋىقلىرى بىلەن پۇتلىرىڭلارغا راسا سالاتتىمۇ ياكى بەك بىلمدان بۇلۇپ كەتكىنىڭلار ئۈچۈن قامچا بىلەن ئۇراتتىمۇ؟ شەنبە كۈندىن باشقا كۈنلەردىمۇ قامچا يىگەن بولساڭلار كېرەك؟- دېدى.

    -ئۆتكەن ئىشنى ئەسلەپ ئولتۇرۇشنىڭ نىمە ھاجىتى دادا! ئۆتكەن ئىشقا سالىۋات،- دەپ جاۋاپ بەردى ئوستاپ پەرۋاسىزلىق بىلەن.

    قېنى، ئەمدى بىرەرى چېقىلىپ باقسىنچۇ، ھەددى ئەمەس! بىرەر-يېرىم تاتار-پاتارلىرىڭ قولىمىزغا چۈشۈپ قالسا، كازاك قىلىچىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىۋالدۇ،- دېدى ئاندرېي.

    -بارىكاللا، ئوغلۇم، بارىكاللا! ئۇنداق بولسا مەنمۇ بىللە بارىمەن، خۇدا ھەققى، بىللە بارىمەن! بۇ يەردە كۈتۈپ ئولتۇرۇپ ساراڭ بولمىدىم، ئۇنىڭ نېرىسى بولدۇم. قۇناق تېرىپ، ئۆيگە قاراپ، قوي، چوشقا بېقىپ ئۆي خۇتۇنى بۇلۇپ ئولتۇرايمۇ؟ كەچتىم ھەممىسىدىن! مەن كازاكمەن، باشقىنى بىلمەيمەن. ھازىر سۇقۇش بولمىسا، بارسام نېمە بوپتۇ. مەيلى، سىلەر بىلەن بىللە بارسام زاپوروژىيغا كېتىمەن، خۇدا ھەققى، كېتىۋىرىمەن، تاماشا قىلىپ كېلىمەن.

    قېرى بۇلبا ئاستا-ئاستا قىزىپ ئەۋجىگە چىقتى. ئاخىردا سەپرايى ناھايىتى ئۆرلەپ، ئورنىدىن دەس تۇردى-دە، يەرگە تېپىپ:

    -ئەتىلا جۆنەيمىز، كەينىگە سۆرەشنىڭ نىمە ھاجىتى بار! بۇ يەردە ماراپ ياتقان بىلەن ھېچقانداق دۈشمەننى تۇتالمايمىز. بۇ ئۆي، بۇ ھەشىمەتلەرنىڭ بىزگە نىمە كېرىكى! بۇ كوزا-پوزىلارنى نىمە قىلىمىز؟- دېدى-دە كوزا بارمۇ، قاچا-قۇچا بارمۇ، قولغا چىقانلىكى نەرسىنى ئۇرۇپ، ئىرغىتىپ سۇندۇرۇشقا باشلىدى. ئېرىنىڭ بۇنداق قىلىقلىرىنى تولا كۆرۈپ ئۆگىنىپ قالغان بىچارە موماي ئورۇندۇقتا غەمكىن ھالدا ئولتۇراتتى. مۇنداق چاغدا غىرىڭ قىلىپ بىر نېمە دېيىشكە پېتىنالمايتتى. ئەمما ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ناھايتى دەھشەتلىك بولغان بۇ قارارنى ئاڭلاپ، كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىدە، تىترىگەن لەۋلىرىدە پەيدا بولغان قايغۇ-ئەلەمنى ھېچقانداق قەلەم ئىگىسى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيتتى. تاراس بۇلبا ھەددىدىن زىيادە تەرسا ئادەم ئىدى. 15 ئەسىرنىڭ ئېغىر كۆچمەن دەپ ئاتالغان جەنۇبىي روسىيىنى ئۆز پادىشاھلىرى تاشلاپ كېتىپ، موڭغۇللارغا ئاياغ ئاستى قىلدۇرۇپ قويغانىدى. تاراس بۇلبا شۇ چاغدا ياۋروپانىڭ مەدەنىيەتسىز بىر بۇرجىكىدە پەيدا بولغان ئادەملەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ زامانلاردا بۇ يەرنىڭ كىشىلىرى بەكمۇ خانۋەيران بولغانلىقتىن، ئاقىۋەت ھېچ نەرسىدىن تەپ تارتمايدىغان، شىر يۈرەك باتۇر بۇلۇپ كەتكەنىدى. ئۇلارنىڭ دەھشەتلىك قوشنىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا، دائىم خەۋپ-خەتەر ۋە ئوت ئىچىدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيادا قورقۇش دىگەن نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇغان، ھېچ نەرسىگە پىسەنت قىلمايدىغان كىشىلەر ئىدى. ئىلگىرىكى يۇۋاش سىلاۋەننىڭ يۈركىگە جەڭگىۋارلىق ئوتى تۇتىشىپ كازاكلار پەيدا بۇلغان؛ يەنە قىزغىن، جاسارەتلىك رۇس تەبىئىتى تۇلۇپ تاشقان؛ دەريا بويلىرى، يايلاقلار، بىپايان چىمەنلىكەر سان-ساناقسىز كازاكلار بىلەن تولغان زامانلار ئىدى. بۇلارنىڭ سانىنى بىلمەكچى بولغان سۇلتانغا: «كىم بىلسۇن، پۈتۈن چۆل-باياۋاننى كازاك بېسىپ كەتكەن» ( قەيەردە ئېدىر بولسا شۇ يەردە كازاك بار) دەپ جاۋاپ بەرگەن ۋاقىتلار ئىدى . بۇ رۇسلاردىكى كۈچ-قۇۋەتنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن مەنزىرىسى بۇلۇپ، بۇنى خەلىقنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈلپەتلەر ۋۇجۇتقا چىقارغان. ئاۋۋالقى «كالتەكچى ئوۋچىلار» بىلەن تولغان ئۇششاق-چۈششەك بەگلىكلەر ۋە بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش-تالاشلار قىلىپ تۇرىدىغان ھاكىملارنىڭ كىچىك شەھەرلىرى ئورنىغا، ھەممىگە بىرەك دەھشەت سېلىپ تۇرغان خەۋەپ-خەتەر ئالدىدا بىرلەشكەن، ۋەھشىيلەرگە قارشى ئۆچمەنلىك ھېس-تۇيغۇلىرى مەھكەم باغلانغان  قۇدرەتلىك ھەربىي قىسىملار پەيدا بولغان، ئۇلارنىڭ بارلىق كۈرەشلىرى ۋە قالايمىقان تۇرمۇشلىرى ياۋروپانى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ تاشلىماقچى بولغان ھېلىقى ۋەھشىلەردىن ساقلاپ قالغانلىقى تارىختىن ھەممىگە مەلۇم . چوڭ-كىچىك ھاكىم-كېنەزلەرنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان ۋە بۇ كەڭ، تارقاق ئۆلكىلەرنى ئىگەللىۋالغان پولەك پادىشاھلىرى كازاكلارنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىپ قالدى، ئۇلارنىڭ بۇنداق جەڭگىۋار ھاياتىنىڭ ياخشى قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئۇلارغا ئىلتىپاتلار كۆرسەتتى، خۇشامەتلەر قىلدى. بۇ پادىشاھلارنىڭ قول ئاستىدىكى گېتمانلار كازاكلارنىڭ ئاساسىي ھەربىي قىسىملىرىدىن پولكالارنى ۋە ئۆز ئەتراپدىكى جايلاردىن ۋىلايەتلەرنى تەشكىللىدى. بۇ پولكلار رەسمىي ئەسكەر پولك ئىدى. ئەمما سوقۇشنىڭ شەپىسى چىقىپ قالسا ياكى يۇرتقا بىرەر ئەندىشە چۈشسە، كۆپ ئەمەس، پەقەت سەككىز كۈن ئىچىدە ھەممىسى ئاتلىنىپ ۋە قوراللىنىپ چىقاتتى. پولەك پادىشاھى ئادەم بېشىغا پەقەت بىر تىللادىن پۇل تۆلەيتتى. ئىككى ھەپتە ئىچىدە شۇنداق نۇرغۇن ئەسكەر يىقغىلاتتىكى، ھەر قانداق بۇيرۇق ۋە زورلۇق بىلەن بۇنچىلىك ئەسكەر يىققىلى بولمايتتى. سۇقۇش تۈگىگەندىن كېيىن ئەسكەرلەر ئېتىز-ئېرىق ۋە يايلاقلارغا، دنپىر بويلىرىغا كېتىشەتتى. ئۇلار بېلىق تۇتۇش، سودا-سېتىق، پىۋا قاينىتىش ۋە باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىناتتى؛ ئۆز ئىختىيارلىرى ئۆزىدىكى ئەركىن كازاك بولۇپ يۈرۈشىۋېرەتتى. شۇ چاغدىكى چەتئە؛ كىشىلىرى بۇ كازاكلارنىڭ ئاجايىپ غەيرىتىگە ھەيران قېلىشاتتى، ئۇلارنىڭ ھەيران قېلىشىمۇ ئورۇنسىز ئەمەس ئىدى. كازاكنىڭ بىلمەيدىغان ھۈنىرى يوق ئىدى. مەسىلەن، مۇسەللەس قاينىتىش، ھارۋا، مىلتىق دورىسى ياساش، تۆمۈرچىلىك، مىسكەرلىك قىلىش، قىسقىسى، ھەممە ئىش قولىدىن كېلەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار قىلمىغان ئەيىش-ئىشىرەت، ھاراقخورلۇق، بوزىخورلۇقمۇ قالمايتتى.

    سوقۇش ۋاقتىدا ئاتلىنىپ چىققان كازاكلاردىن تاشقىرى، زۆرۈر تېپىلسا، نۇرغۇن پىدائىلارمۇ توپلىناتتى. ياساۋۇللار يېزىمۇ يېزا،مەھەللىمۇ مەھەللە ھارۋا بىلەن يۈرۈپ ئاۋازىنىڭ بارىچە؛ “ ھەي خالايىقلار ! پىۋىخور، بوزىخورلار! ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار، چىۋىنغا يەم بولماڭلار! ئېتىزدا يۈرگەن دېھقانلار، قوي بېقىۋاتقان چوپانلار، خۇتۇنپەرەسلەر، بۇ ئىشلارنى تاشلاڭلار! ئاتلىنىپ چىقىڭلار، جەڭدە شۆھرەت تېپىڭلار!” دەپ چاقىرىشى بىلەن تەڭ ھەممەيلەن ئاتلىنىپ چىقاتتى.

    ياساۋۇللارنىڭ بۇ سۆزلىرى خۇددى پاخالغا چۈشكەن ئوتتەك تەسىر پەيدا قىلاتتى. دېھقانلار سوقىلىرىنى تاشلاپ، بوزىخور، پىۋىخورلار تۈڭلىرىنى سۇندۇرۇپ، كاسپىلار ئىشىلىرىنى توختىتىپ، تىجارەتچىلەر دۇكانلىرىنى تاقاپ، ئۆيلىرىدىكى خۇمرا-كوزىلىرىنى چىقىپ، ئاتلىنىپ چىقشاتتى. قىسقىسى، بۇنداق چاغلاردا كازاكلارنىڭ رۇس تەبىئىتى جۇش ئۇرۇپ، غەيرەتكە كېلىشەتتى ۋە بارلىق كۈچ-قۇۋىتىنى نامايەن قىلىشاتتى.

    تاراس بۇلبا شۇ يەردە تۇغۇلغان كونا ئەسكەر باشلىقلىرىدىن بۇلۇپ، ئۇ پەقەت جەڭ ئۈچۈنلا يارىتىلغان، دېگىنىنى قىلىدىغان، قوپال مىجەزلىك، تەرسالارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ زاماندا رۇس ئاقسۆڭەكلىرىگە پولشىنىڭ تەسىرى چوڭ ئىدى. كۆپ ئادەم پولشىنىڭ ئۆرۈپ- ئادەتلىرىگە كىرىپ كەتكەن؛ شان-شۆھرەت، داغدۇغا، ياسىنىش كېيىنىش، ئۆيدە خىزمەتكار تۇرغۇزۇش، تايغان ئىتلار بىلەن ئوۋ قىلىش، قورغان ۋە سارايلار سېلىش، توي-تاماشا، بەزمە، زىياپەتلەرگە بېرىلىپ كەتكەنىدى. بۇ تاراس بۇلبىغا ياقمايتتى. ئۇ كازاكلارنىڭ ئاددىي-ساددا تۇرمۇشنى ياخشى كۆرەتتى. ۋارشاۋا تەرەپكە ئېقىپ كەتكەن ئاغىنىلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنىڭ پولەك بايلىرىنىڭ يالاقچىسى دەيتتى. قەيەردە بولسۇن تىنچىمايدىغان تاراس ئۆزىنى پراۋۇسلاۋىيە دىنىنىڭ چىن ھىمايىچىسى دەپ ھېسابلايتتى. قەيەردە ئىجارىچىلەر ۋە تۈتۈن پۇلى يىققۇچىلار ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇچىلار بولسا، دەرھال ئۆزى شۇ يەرگە بېرىپ، جەۋر-زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئەدىبىنى بېرەتتى. غەزەپلەنگەندە قىلىچىنى قىنىدىن چىقىرىشنى ئۆزىگە بىر قائىدە قىلىۋالغانىدى. سېلىق يىققۇچىلار يېزا ئاقساقاللىرىنى ھۆرمەت قىلماي، ئۇلارنىڭ ئالدىدا شەپكىلىرىنى ئالمىسا ئۆز دىنىنى ھاقارەت قىلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھۆرمەت قىلمىسا، شۇنىڭدەك  غەيرىي دىندىكىلەر ۋە تۈرۈكلەر بولسا، خىرستىئان دىنى يولىدا بۇلارغا قارشى قىلىچ كۆتۈرۈشنى ھەر قاچان لازىم دەپ بىلەتتى. ئۇ ئەمدى ئىككى ئەزىمەت ئوغلى بىلەن سېچقا بېرىپ، ئۇ يەردىكىلەرگە: «كۆردۈڭلارمۇ، سىلەرگە قنداق ئەزمەتلەرنى باشلاپ كەلدىم !” دەپ كۆرەڭلەشنى، نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى كۆرۈپ پىشقان يولداشلىرىغا ئوغوللىرىنى تاپشۇرغاندا قانداق پەخىرلىنىشىنى ئوغوللىرىنىڭ جەڭگىۋارلىق ۋە پوزا ئېچىشتىكى باتۇرلۇقىنى كۆرۈپ قانداق سۆيۈنۈشنى ئويلايتتى ۋە ئۆز كۆڭلىدە خۇشال بۇلاتتى. چۈنكى ئۇ بوزىخورلۇقنىمۇ باتۇرلۇقنىڭ چوڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى دەپ بىلەتتى. ئۇ  ئاۋۋال ئوغۇللرىنى يالغۇز ئەۋەتمەكچى بولدى. كېيىن ئۇلارنىڭ ياشلارغا خاس غەيرەتلىرىنى، قەددى-قامىتىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭمۇ غەيرىتى تۇتۇپ، جەڭگىۋارلىق ھەۋىسى قوزغىلىپ كەتتى-دە، ھېچقانداق زۆرۈريىتى بولمىسىمۇ، ئۆزى بىللە بارىدىغان بولدى. ئۇنىڭ تەرسالىقى ئىدى. ئۇ ئالدىراشلىق بىلەن سەپەر تەييارلىقىنى قىلىشقا كىرىشتى، ئوغوللىرىغا ئات، ئىگەر جابدۇقلىرى راسلىدى، ئات ئېغىلى ۋە ئامبارلاردىن خەۋەت ئالدى، ئەتىلىككە بىللە بارىدىغان ھەمىراھلارنى تەيىنلىدى، ياساۋۇل توۋكاچنى ئۆز ئورنىغا بەلگىلەپ: «ئەگەر مەن سېچتىن خەۋەر بېرىپ چاقىرغۇدەك بولسام، دەرھال پۈتۈن ئەسكىرىڭ بىلەن يېتىپ بار» دەپ قاتتىق جىكىپ قويدى. ئۇ شۇ تاپتا شۇنچە خۇش خۇي ۋە شىرىن كەيىپ ھالەتتە تۇرۇپمۇ ھېچ نەرسىنى ئۇنتىمىدى ھەتتا ئاتلارنى سۇغىرىپ، ئوقۇرغا يىرىك ۋە پاكىز بۇغدايدىن سېلىپ قويۇشنىمۇ بۇيرىدى، ھەممىنى سەرەمجانلاشتۇرۇپ قۇيۇپ، ئاندىن ھېرىپ-چارچاپ ئۆيىگە كىردى.

    -قېنى، ئوغوللىرىم، ئەمدى ئۇخلايلى. ئەتە خۇدانىڭ بۇيرۇغىنىنى قىلارمىز. ئورۇن سېلىپ ئاۋارە بولماڭلار! ئورۇن-كۆرپىنىڭ كېرىكى يوق، ھويلىدا ياتىمىز،-دېدى بۇلبا.

    ئەل ياتقۇ بولماستىنلا بۇلبا ياتتى. ئۇ ھەمىشە بالدۇر ياتاتتى .گىلەم ئۈستىدە ئوڭدىسىغا يېتىپ جۇۋىغا پۈركەندى. چۈنكى كېچىسى ھاۋا سوغوق ئىدى. بۇلبا ئۆز ئۆيىدە ئىسسىراق يۆگىنىپ يېتىشنى ياخشى كۆرەتتى. بىر ئازدىن كېيىن خورەك تارتىپ ئوخلاپ قالدى. ئۇنڭغا ئەگىشىپ ھويلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇغا كەتتى. ھويلىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ياتقانلارنىڭ ھەممىسى خورەك تاتىپ پۇشۇلداشقا باشلىدى. ھەممىسىدىن ئاۋال كۆزەتچى ئۇخلاپ قالدى. چۈنكى ئۇ بايۋەتچچىلەرنىڭ ئۇقۇشىنى تۈگىتىپ كەلگەنلىكى شەرىپىگە ھەممىدىن كۆپ ئىچكەنىدى. پەقەت بىرلا بايقۇش ئانا ئۇخلىمىدى. بىچارە ئانا قاتار ياتقان ئەزىز بالىلىرىنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ بۈدۈر چاچلىرىنى سىلاتتى ۋە كۆز ياشلىرىنى تۆكەتتى. بالىلىرىنىڭ دىدارىغا تويماستىن پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋە بارلىق سەزگۈسى بىلەن تەلمرۈپ ۋە تىكىلىپ قارايتتى، شۇنچە قارىسىمۇ باغىرى ھېچ قانمايتتى. بەزى ئانىلار ئاق سۈت بېرىپ باققان، كۆز قاىچۇقىدەك ئاسىراپ چوڭ قىلغان بالىلىرىنىڭ دىدارىغا تويالماي قالىدۇ. “ جېنىم بالىلىرىم، ئەزىزىلىرىم! نىمە كۈنلەر، نىمە كۆرگۈلۈكلەر بېشىڭلارغا چۈشۈركىن؟…” دەپ يىغلايتتى. ئانا كۆزلىرىدىن تامغان ياشلار بىر چاغدىكى گۈزەل ھۆسنىنى بۇزغان قورۇقلار ئارسىدا توختاپ قالاتتى. ئۇ ئۆتمۈشتىكى تىنىچسىز زاماننىڭ ھەممە ئاياللىرىغا ئوخشاش مىسكىن، بىچارە ۋە ئاجىز ئىدى. شۇڭا مۇھەببەت زوقىنى بىر ئازلا ۋاقىت سۈرەلىگەنىدى. ياشلىقى قايناپ تاشقان، شوخ چاغلىرىدىلا ئازراق ئويناپ-كۈلۈۋالغانىدى. بۇ بىچارىنى ئۆزىگە باغلىۋالغان رەھىمىسز ئېرى قىلىچ-قالقاننى، يار-بۇرادەرلىرىنى، بوزىخورلارنى دەپ ئۇنى تاشلاپ كېتەتتى، ئۇ، ئېرىنى يىلدا ئاران ئىككى-ئۈچ قېتىملا كۆرۈپ قالاتتى. ئېرى بىر كۆرۈنۈپ قۇيۇپ، بىر نەچچە يىل دېرەكسىز يوقاپ كېتەتتى. ئېرى بىلەن بىللە تۇرغان كۈنلىرىمۇ ئۇنىڭ كۈنى تايىنلىق ئىدى: ئېرىدىن ئاھانەت ئاڭلايتتى، خورلۇقلار كۆرەتتى ۋە تاياق يەيتتى. ئېرى پەقەت رەھىمى كەلگەندىلا سىلاپ-سىپاپ، ئىتىپات كۆرسىتەتتى. زاپوروژىينىڭ ئالىتوپىلاڭ، قاقتى-سوقتىلىرى ئىچىدە ياشاپ باغرى تاش بۇلۇپ كەتكەن ئالقانات پالۋانلار ئارىسىدا بۇ خۇتۇن غەلىتە بىر مەخلۇق بۇلۇپ كۆرۈنەتتى . ئۇنىڭ ياشلىقى ھېچقانداق راھەت كۆرمەي ئۆتۈپ كەتتى. گۈزەل ھۆسنى، ئۇقادەك كۆكسى قانغۇدەك سۆيۈش كۆرمەي سولدى، تېزلا قېرىپ، يۈزلىرىنى قورۇق باستى، قەلبىدىكى شېرىن مۇھەببەت، ھېس-تۇيغۇلار، قىسقىسى، ئاياللار ۋۇجۇدىدا بولىدىغان پۈتۈن لاتاپەت ۋە نازاكەتلەر ئەمدى ئۇنىڭدا ئانلىق مىھرىگىلا ئايلانغانىدى.ئۇ بالىلىرى ئۈچۈن كۆيۈپ-پىشىپ پەرۋانە بولاتتى. ئېرى ئەتىلا ئۇنى ئوغۇللىرىدىن-جاندىن ئەزىز بالىلىرىدىن جۇدا قىلماقچى، ئۇلارنىڭ دىدارىنى كۆرۈشتىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلماقچى. كىم بىلىدۇ، بىرىنچى ئۇرۇشتىلا بىرەر تاتار ئۇلارنىڭ باشلىرىنى ئۈزۈپ تاشلار. ئۇلارنىڭ تەنلىرى قەيەرلەردە يۇمۇلۇپ ياتىدىكىن، قايسى قاغا-قۇزغۇنلارغا يەم بولدىكىن… ھالبۇكى، بۇ تەننىڭ ھەر بىر قېنىغا ۋە ھەر بىر پارچە گۆشىگە ئۇ بارى يوقىنى بەرگەنىدى. قاتتىق ئۇيقۇ بالىلارنىڭ كۆزلىرىنى يۇمدى. ئانا ئۇيقۇغا چۆمگەن بۇ كۆزلەرگە تىكىلىپ قاراپ  يىغلايتتى. تاراس بۇلبا ئەتە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئىنسابقا كېلىپ، سەپەرنى بىر-ئىككى كۈن كېچىكتۈرسە، ئەجەپ ئەمەس كۆپرەك ئىچكەنلىكىدىن شۇنداق خىيالغا كېلىپقالغاندۇر…دەپ ئويلايتتى.

       چوققا ئۈستىدىكى ئاي نۇرى ئادەملەر ئۇخلاۋاتقان ھويلا ئىچىنى، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تامدىن ئېگىز ئۆسكەن قۇيۇق ئاقتال ۋە سۈپۈرگە ئوتلارنى يورۇتۇپ تۇراتتى. كەمپىر  شۇ چاققىچە سۆيۈملۈك بالىلىرىنىڭ بېشىدا تىكىلىپ ئولتۇرۇپ كۆزلىرىگە ئۇيقۇ يولاتمىدى. ئاتلارمۇ تاڭنىڭ يېقىنىلىشىپ قالغانلىقىنى بىلىپ چۆپ يىمەي، ئېغىناپ يېتىۋالدى. قاپاق تېرەكلەرنىڭ ئاۋۋال ئۇچىدىكى يۇپۇرماقلىرى، كېيىن، ئاستا-ئاستا پەستىكى يۇپۇرماقلىرىمۇ قىمىرلاشقا باشلىدى. مېرىبان ئانا بالىلىرىنىڭ بېشىدا ئاپئاق تاڭ ئېتىپ كەتكۈچە كېرپىك قاقماي ئولتۇرۇپ چىقتى، زادىلا ھارغىنلىق ھېس قىلمىدى . ھەتتا كېچىنىڭ ئۇزۇنراق سوزۇلۇشىنى تىلىدى. دالىدىكى تايچاقنىڭ كىشنىگەن  ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاسمان يۈزى قىزاردى.

       بۇلبا ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئىرغىپ ئورنىدىن تۇردى. تۈنۈگۈن كەچتە قىلغان بۇيرۇقلىرى تولۇق ئېسىدە ئىدى.

    -قېنى، يىگىتلەر، تۇرۇڭلار! شۇنچە ئۇخلىغىنىڭلار يىتەر! تۇرۇڭلار، ئاتلارنى سۇغۇرىڭلار! كەمپىر قېنى! ( خۇتۇنىنى دائىم شۇنداق ئاتايتتى ) كەمپىر چاپسان بول، مەنزىلىمىز يىراق، تاماققا تۇتۇش قىل!

       ئۈمۈدىنى پۈتۈنلەي ئۈزگەن بىچارە ئانا غەمكىن ۋە نائىلاج ھالدا بوينىنى قىسىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئۇ ئۈنچىدەك كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ تاماق ئېتىش بىلەن ئاۋارە  بولۇۋاتقاندا، بۇلبا ئۇنى: ئۇنى قىل، بۇنى قىل دەپ توختىماي ئىشقا بۇيرىۋەردى. ئاتلارنى ۋە ياخشى ئىگەر-جابدۇقلارنى ئۆزى تاللىدى. تالىپچاقلارنىڭ ئۈستىبېشى باشقىچە بۇلۇپ كەتتى. ئەسكى، كالامپاي ئۆتۈكلەرنى  تاشلاپ، كۈمۈش ناھاللىق سافيان ئۆتۈ، دەريادەك كەڭ، قات-قات پۈرمىلىك، ئالتۇن پۆپۈكلەر ئېسىلغان، ئىشتانباغلىق شالۋۇرلار كېيۋىلىشنى. غاڭزا سېلىش ئۈچۈن بەللىرىگە پۆپۈكلۈك چەنداز ئېسىلغانىدى. قىپقىزىل، چوغدەك تاۋلىنىپ تۇرغان مۇۋۇت چاپان ئۈستىدىن گۈللۈك كەمەرلەر باغلاشتى. كەمەرلىرىگە گۈل چىكىلگەن تۈرىكچە تاپانچىلار ئېسىشتى.پۇتىغىچە چۈشكەن قىلىچ ماڭغاندا شاراق-شۇرۇق قىلاتتى. ئاپتاپتا ئانچە كۆيمىگەن يۈزلىرى سۈزۈك ئاق ئىدى. يېڭىدىن خەت تارتقان قارا بۇرۇتلىرى يۈزلىرىنى تېخىمۇ ئاقارتىپ كۆرسىتەتتى. يىگىتلىككە خاس ساغلاملىق ۋە پاكىزلىك ئۇلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشقان، زەر تاشلىق قارا تۇماق ھەر ئىككىسىگە ناھايىتى ياراشقانىدى شور پىشانە ئانا ئۆز بالىلىرىنى شۇ تەقىلتتە كۆرۈپ تىلى تۇتۇلغاندەك بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى، كۆز ياشلىرىمۇ توختىدى.

    ئاخىرىدا بۇلبا:

    -قېنى، ئوغۇللىرىم، بولدى! ۋاقىت ئۆتمىسۇن! ئەمدى دىنىمىزنىڭ ئەمىرى بويىچە يولغا چىقىش ئالدىدا ھەممىز تىزلىنايلى!- دېدى.

    ھەممەيلەن، ھەتتا ئىشىك تۈۋىدە تەزىم بىلەن تۇرغان خىزمەتكارلامۇ تىزلاندى.

    -ئانىسى، ئەمدى بالىلىرىڭغا دۇئا بەر!- دېدى بۇلبا،-خۇدادىن ئۇلارغا مەردلىك تىلىگىن. باتۇرلارغا خاس ئار-نۇمۇسنى قولدىن بەرمىسۇن. دىنىمىز يولىدا ھەمىشە جېنىنى بەرمىسۇن. ئەگەر جەڭدە مۇشۇنداق قىلالمىسا، يۇرۇق دۇنيادىن نام-نىشانسىز كەتسۇن.  بالىلىرىم، ئاناڭلارغا يېقىنىراق كېلىڭلار. ئانىنىڭ دۇئاسى ئوتتىن، سۇدىن ساقلايدۇ.

    بىچارە ئانا ئوغۇللىرىنى باغىرىغا چىڭ بېسىپ قۇچاقلىدى ۋە ئۆپكىسىنى بېسۋالالماي ھۆڭگىرەپ يىغلاپ كەتتى، ئاندىن ئىككىسىنىڭ بوينىغا بىردىن بۇتنى ئېسىپ قويدى.

    -خۇداغا تاپشۇردۇم، ئوغۇللىرىم. مەن بىچارە ئاناڭلارنى يادىڭلاردىن چىقارماڭلار… پات-پات خەت خەۋەر بېرىپ تۇرۇڭلار… بۇنىڭدىن  ئارتۇق ھېچنىمە دېيەلمىدى.

    -قېنى، بالىلىرىم، ئاتلىنڭلار!-دېدى بۇلبا. ئىشىك ئالدىدا تۇقۇغلۇق ئاتلار تۇراتتى. بۇلبا ئۆزىنىڭ “ جىن” دەپ ئىسىم قۇيىۋالغان ئېتىغا مىندى. بۇلبا ناھايىتى قاۋۇل، بەستىلىك ۋە ئېغىر ئادەم ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئاتقا مىنگەندە، كۆتەرگۈسىز ئېغىر يۈك ئارتىلغاندەك، ئات ئىغاڭلاپ كەتتى.

    ئانا ئوغۇللىرىنىڭمۇ ئاتقا مىنگەنلىكىنى كۆردى. چىرايدىن قانداقتۇر بىر مۇلايىملىق مەيۈسلۈك چىقىپ  تۇرغان كېچىك ئوغلىغا يېپىشىۋالدى، ئۈزەڭگىنى تۇتۇپ، جېنىنىڭ بارىچە ئىگەرگە ئېسىلدى-دە، يۈز-كۆزلىرىنى سۈركىدى. ئىككى ئەزىمەت كېلىپ، ئۇنى ئاستا قولتۇقلاپ ئىچكىرگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى. ئەمما ئوغۇللىرى دەرۋازىدىن چىقار-چىقماس، ئۇ قېرىلىقىغا قارىماي گويا قۇلۇندەك چاققانلىق بىلەن يۈگۈرۈپ چىقتى. شۇ چاغدا ئۇنىڭدا ئادەتتىن تاشقىرى بىر كۈچ پەيدا بۇلۇپ، ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ ئېتىنى مەھكەم تۇتۇپ توختاتت، تەلۋىلەردەك، كۆزىلىرىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەي، بىر ئوغلىنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ قۇچاقلىۋالدى. ئانىنى يەنە ئۆيگە ئېلىپ كېتىشتى. ئىككى ئوغۇلىنىڭ كۆڭۈللىرى بۇزۇلۇپ، يىغلۋېتىشكە تاس قالدى. لېكىن ئاتىسىدىن قۇرقۇشۇپ، ئۆزلىرىنى ئاران تۇتۇۋېلىشتى. تاراس بۇلبىنىڭ كۆڭلىمۇ ئازىراق بۇزۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، سەزدۈرمەي ئۆزىنى چىڭ تۇتتى.

    ھاۋا خىرە، كوكاتلار تىنىق، قۇشلار بىر قىسما سايراۋاتاتتى. يۇلۇچىلار بىر ئاز يۈرگەندىن كېيىن كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ قۇيۇشتى. ئۇلارنىڭ قورغانلىرى خۇددى يەر ئاستىغا كىرىپ كەتكەندەك، پەقەت كۆرۈمسىز ئۆينىڭ ئىككى مۈرىسى، ئالمىخانلار شاختىن-شاخقا سەكرەپ ئوينىغان دەرەخلەرنىڭ ئاران ئۇچلىرىلا كۆرۈندى. ئۇلارنىڭ ياشلىق چاغلىرىدىن تارتىپ تاكى شۇ چاققىچە ئۆتكەن ئۆمۈر خاتىرلىرىنى ساقلىغان بىپايان كەڭ  چىمەنلىكلەرلا كۆزگە تاشلاندى. ئۇلار بىر ۋاقىتلاردا بۇ چىمەنلىكنىڭ شەبنەم باسقان ئوتلىرى ئۈستىدە يۇمىلاپ ئويناشقان؛ كېيىنىرەك. بۇ چىمەنلىكەرنى يېنىك دەسسەپ، شىپىلداپ كېتىۋاتقان قارا قاش كازاك قىزلىرىنى پايلاشقانىدى. بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن ئۇچىغا ھارۋىنىڭ چاقى باغلاپ قۇيۇلغان قۇدۇق ياغىچىدىن باشقا ھېچ نەرسە كۆرۈنمەي قالدى. يول يۈرگەنسىرى ئارقىدا قالغان يايلاقمۇ يىراقتىكى قىردەك ئىگىز كۆتۈرلۈپ، ئۆزىدىن نېرىدىكى ھەممە نەرسىنى توستى.

    خەير-خوش، بالىلىق چاغلار! خوش ئەمدى ھەممە ئۇيۇن-تاماشىلار! خەير -خوش، ئەل-يۇرت، دوست-يارانلار!

    \

     

    2

     

    ئۈچ ئاتلىق كىشى جىمجىت كېتىپ باراتتى. قېرى تاراس ئۆتمۈش كۈنلەرنى ئۆيلايتتى. ياشلىق چاغلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتى كۆز ئالدىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى. پۈتۈن ئۆمرىنىڭ ياشلىق بىلەن ئۆتۈشىنى خالىغان بۇ كازاك ئۆتۈپ كەتكەن ياشلىقىغا دائىم پۇشايمان قىلاتتى. ئۇ: “ سېچىتىكى كونا يار-بۇرادەرلەردىن كىملەرنى كۆرەرمەن، كىملەر تىرىك، كىملەر ئۆلگەندۇ…” دىگەنلەرنى ئويلاپ، كۆزلىرىگە ياش ئالدى. ئاقارغان بېشى ساڭگىلىدى.

    ئوغۇللىرى باشقا خىياللار بىلەن بەنت ئىدى. ئەمدى بۇ ئوغۇللار توغىرسىدا كۆپىرەك بايان قىلىشقا نۆۋىتى كەلدى: ئۇلار ئون ئىككى يېشىدا كىيۋ دىنىي مەكتىپىگە ئوقۇشقا بېرىلگەنىدى. ئۇ زاماندىكى  ئابرويلۇق ئەمەلدارلار ئۆز بالىلىرىنى مەكتەپكە بېرىشنى پەرەز دەپ بىلەتتى. مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۆگەنگەنلىرىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، مەكتەپ تەربىيىسىدىن ئەسەرمۇ قالمىسىمۇ، بالىلىرىنى ئوقۇتۇشنى زۆرۈر دەپ ھىسابلايتتى. تاراس بۇلبانىڭ ئوغۇللىرىمۇ مەكتەپكە  كەلگەن ھەممە بالىلارغا ئوخشاش سەھرادا ئۆسكەن ياۋايىى بالىلاردىن ئىدى، مەكتەپتە ئوقىغان بالىلار ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىنىپ سىلىقلاشقانلىقى، سىپايلىقى ۋە باشقا جەھەتلەردىن بىر-بىرىگە ئوخشايتتى، بالىلارنىڭ چوڭى ئوستاپ بىر يىل ئوقۇمايلا مەكتەپتىن قاچتى، ئەمما  ئۇنى تۇتۇۋىلىپ، راسا ئۇرۇپ يەنە مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىشتى، ئۇ ئوقۇۋاتقان كىتابىنى تۆت قېتى يەرگە كۆمدى. ھەر قېتىم ئۇنى ئۆلگىدەك ئۇرۇپ، باشقا يېڭى كىتاب ئېلىپ بېرىشتى. ئاخىرى ئاتىسى: مەكتەپتە ئوقۇپ بىلىملىك بۇلۇپ چىقمىساڭ موناستىردىكىلەرگە يىگىرمە يىل مالايلىققا تۇتپ بېرىمەن، زاپوروژىيغا ئاياق باستۇرمايمەن، دەپ قەسەم قىلدى. ئەگەر شۇنداق قىلمىسا، ئوستاپ ئۆكىنىمىزدەك ئىلىم-پەنگە پىسەنت قىلمايدىغان، بالىلىرىغاغ ئوقۇشنى يامانلاپ نەسىھەت قىلغان تاراس بۇلبىنىڭ بۇنداق قىلىشى ئەجەبلەنگۈدەك ئىش ئەمەس ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئوستاپ ئىجتىھات بىلەن ئوقۇپ، كۆپ ئۆتمەي خېلى ياخشى ئۆگىنىۋاتقانلاردىن بۇلۇپ قالدى. ئۇ زامانلاردىكى ئۇقۇشلار دىنىي سەپسەتىلەر، مورفولوگىيە، سىنتاكسىس، ناتىقلىق ۋە تۇرمۇشتىن تامامەن يىراق، تىرىكچىلىككە ھېچقانداق ئالاقىسى يوق بىلىملەر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىقانلار ئالغان بىلىملىرىنى ھېچ نەرسىگە ئىشلتەلمەيتتى. چۈنكى ئۇلار تۇرمۇش تەجىرىبىلىرىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز بولغاچقا باشقىلاردىن بەتەرەك نادان ئىدى. مەكتەپنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى نۇرغۇن ياش ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇ يەرگە توپلانغانلىقى ئۇلارنى ئۇقۇش بىلەن ھېچ ئالاقسى بولمىغان غەيرى يوللارغا باشلايتتى. مەكتەپتىكى قىيىنچىلىق، ئاچىلىق ۋە ساغلام، كۈچلۈك يىگىتلەردە قوزغىلىدىغان تۇيغۇلار ھەممىسى قۇشۇلۇپ. ئۇلارنىڭ تەبىئىتىدە يات ھەۋەسلەرنى تۇغدۇرغانىدى. ئاچ قورساق ئوقۇغۇچىلار كىيۋ كوچىلىرىدا لاغايلاپ يۈرۈشەتتى. ناۋاي ۋە تىجارەتچىلەر ئۇلارنى كۆرگەندە، خۇددى بۈركۈت ئۆز بالىسىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك، نان، گازىر-پۇرچاقلىرىنى قۇچاقلاپ تىقىۋېلىشاتتى. بۇ ئوقۇغۇچىلارغا كۆز-قۇلاق بولىدىغان نازارەتچىنىڭ  يانچۇقى شۇنچىلىك چوڭقۇر ئىدىكى، مۇبادا بىرەر تىجارەتچى ئايال كىچىككىنە غەپلەتتە قالسا، ئۇنىڭ پۈتۈن نەرسىسى شۇ يانچۇققا سىغىپ كېتەتتى. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز ئالدىغا ئالاھىدە بىر تايىپە ئىدى. شۇڭا پولەك ۋە رۇس ئېسلزادىلىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزمەيتتى. كىسىل ھاكىمنىڭ ئۆزى مەكتەپكە باشپاناھ بۇلسىمۇ، “ ئوقۇغۇچىلارنى كىشىلەرگە قوشماي، قاتتىقىراق تۇتۇڭلار “ دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تۇراتتى. بىراق ئۇنىڭ بۇنداق بۇيرۇقلرىغا ھاجەت يوق ئىدى. چۈنكى مۇدىر ۋە مۇئەللىملەر قامچا، چىۋىقلارنى ئوقۇغۇچىلاردىن ئايىمايتتى. نازارەتچىلەرنىڭ باشلىقلىرى كۆپ چاغلاردا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن نازارەتچىلەرنى شۇنداق ساۋاتتىكى، ئۇلار بىر نەچچە ھەپتىگىچە يانپاشلرىنى سىلاپ يۈرۈشەتتى. بۇ كالتەك كۆپچىلىك نازارەتچىلەرگە لازا سېلىنغان  ھاراقتىنمۇ ئاچچىقىراق تىگەتتى. بەزىلىرى بۇنداق تاياقتىن بىزار بۇلۇپ، يول بىلسە ۋە يولدا قولغا چۈشمەي قالسا، زاپوروژىيغا قېچىپ كېتەتتى. ئۇستاپ مەنتىقە ھەتتا ناتىقلىق ئىلىمىنمۇ ئىخلاس بىلەن ئۇقۇشقا تىرىشاتت، شۇنداقتىمۇ تاياق ييىشتىن زادىلا قۇتۇلالمايتتى. ئۇستاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى دوستلرىدىن بىرى ئىدى. يامان يولغا يۈرگەندە، مەسىلەن، بىراۋنىڭ بېغىغا ئوغرلىققا چۈشكەندە باشلامچى بولمايتتى. لېكىن ئوقۇغۇچىلاردىن بىرەرى بىر ئىش باشلىغۇدەك بولسا، ھەممىدىن ئاۋال ئۇنىڭغاغ قۇشۇلاتتى. ئۇ يولداشلىرىغا ھېچقاچان نامەردلىك قىلمايتتى. ھەر قانچە تاياق يېسىمۇ سىرىنى ئېيتمايتتى. ئۇ جەڭ، ئۇيۇن-كۈلكە ۋە شوخلۇقتىن باشقا ئىشلارغا ئىتىبار قىلمايدىغان، تەڭتۇش دوستىلرىغا ئەسلا يامانلىق قىلمايدىغان ئوچۇق كۆڭۈل يىگىت ئىدى. ئۇ شۇنداق شەپقەتلىك ياخشى يىگىت ئىدىكى، ئۇ زاماندا خۇلۇق-مىجەزى بۇنىڭدىن ئارتۇق ياخشى يىگىتىنىڭ بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىچارە ئانىسىنىڭ كۆز ياشلىرى ئۇنى ھاياجانغا سېلىپ كۆڭلىنى بۇزغان ۋە  گاڭگىرىتىپ قويغانىدى.

    ئوستاپنىڭ ئىنىسى ئاندىرىي بولسا، غەيرەتلىك ۋە زىھنى ئۆتكۈر بالا ئىدى. ئۇ ئانچە قىينالماي، ھەۋەس بىلەن ئۇقۇدى. ئۇ  ئاكىسىغا قارىغاندا چىچەنىرەك ئىدى، كۆپ ۋاقىتلاردا خەۋەپ-خەتەرلىك ئىشلارغا باشلامچىلىق قىلىسىمۇ، گايىدا زېرەكلىك بىلەن جازادىن قۇتۇلۇپ قالاتتى. مۇنداق چاغلاردا ئاكىسى ئوستاپ ھېچبىر قارشلىق قىلماستىن چاپىنىنى سېلىپ ياۋاشلىق بىلەن يېتىپ بېرەتتى. ئابدىرىيمۇ جەڭ مەشقى پائالىيەتلىرىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىنتىلەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى باشقا ھېس-تۇيغۇلاردىن خالىي ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ يېشى ئون سەككىزدىدن ئاشار-ئاشمايلا، يۈرىكىگە ئىشىق-مۇھەببەت ئوتى تۇتاشتى. قىزلار ئۇنىڭ بەڭباش ئوي پىكىرلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالدى. پەلسەپىۋى مۇنازىرىلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان چاغلاردىمۇ قارا كۆزلۈك، زىلۋا بويلۇق ئۇماق ھەمىشە ئۆتۈپ تۇراتتى. قىزلارنىڭ لىغىلداپ تۇرغان ئاپئاق كۆكسى، يۇمران بىلەكلىرى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەيتتى. قىزلارنىڭ چىرايلىق كۆڭلەكلەرگە يېپىشىپ تۇرغان نازۇك بەدەنلىرى ئۇنىڭدا  ئاللىقانداق شەھۋانىي تۇيغۇلارنى قۇزغايتتى. ئۇ كۆڭلىدىكى بۇ يىگىتلىك تۇيغۇلىرىنى يولداشلىرىدىن يۇشۇراتتى. چۈنكى ئۇ زاماندا بىرەر جەڭگە كىرمەي تۇرۇپ، ئىشق-مۇھەببەت كويىغا چۈشۈش كازاك يىگىتكە ئار-نۇمۇس ئىدى. كېيىنىكى يىللاردا ئۇ تەڭتۇشلىرىنىڭ شوخلۇقلىرىغا كەم ئارلىشىدىغان، كۆپرەك كىيۋنىڭ چار باغلىرىدا، خىلۋەت جايلاردا، كىشىنڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان پاكار-پاكار ئۆيلەر ئارىسىدا ئۆزى يالغۇز ئايلىنىپ يۈرىدىغان بۇلۇپ قالدى. گايىدا ھازىرقى كونا كىيۋىنىڭ رۇس ۋە پولەك بايلىرى تۇرىدىغان كۆچىلىرىغىمۇ، ئۆيلىرى ئاجايىپ سېلىنغان مەھەللىلەرگىمۇ بېرىپ كېلەتتى. بىر كۈنى ئۇ خىيال سۈرۈپ بىپەرۋا ھالدا كېتىۋاتقىنىدا بىر پولەك بېيىنىڭ كالاسكىسى ئۇنى بېسىۋەتكىلى تاس قالدى. شاپتەك بۇرۇت قويغان ھارۋىكەش ئۇنى قامچا بىلەن تاراسلىتىپ ئۇرۇپ سالدى. تالىپچاقنىڭ ئاچچىقى كېلىپ ناھايىتى تېرىكتى ۋە تەلۋىلىكى تۇتۇپ، كالاسكىنىڭ كەينى چاقىغا ئېسلىپ توختىتىۋالدى. ھارۋىكەش قورقۇپ كېتىپ ئاتلارنى قامچىلىدى، ئاتلار بىردىنلا چېپىپ كەتتى. خەيرىيەت، ئاندىرىي قوللىرىنى چاقتىن تارتىۋالدى، بىراق لايغا يۈزىچە دۈم يىقىلىدى. كۆرگەنلەر قاقاقلاپ كۈلۈشتى. ئاندىرىي لايدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالىيىپ قارىشى بىلەن دېرىزە تۈۋىدە تۇرغان ئاجايىپ گۈزەل بىر پەرىزاتقا كۆزى چۈشتى. ئۇنىڭ قارا كۆزلىرى، ئاناردەك يۈزلىرى ئەتىگەنكى ئاپتاپتا جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. قىز ئۆلگۈدەك قاقاقلاپ كۈلمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ كۈلكىسى ھۆسنىگە ھۆسىن قوشقانىدى، ئاندىرىي ھولۇقۇپ قالىدى. قىزغا قاراپ نىمە قىلىشىنى بىلمەي، يۈزىدىكى لاينى سۈرتۈشكە باشلىدى. ئەمما ھەممە يېرىگە لاي سۈركىۋالدى. بۇ گۈزەل كىمدۇ؟ دەرۋازىنىڭ كەينىدە بالالايكا چېلىپ ئولتۇرغان ياش يىگىتنى ئورىۋالغان ۋە چىرايلىق كىينىگەن بىر مۇنچە خىزمەتكارلاردىن سوراپ، ئۇ قىزنىڭ  كىملىكىنى بىلمەكچى بولغانىدى، ئۇنىڭ لاي بىلەن بىلەن بۇلغانغان يۈزىنى كۆرۈپ ئۇلارمۇ كۈلۈۋەتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئاخىرى سۈرۈشتۈرۈپ بىلدى: بۇ گۈزەل بۇ يەرگە بىر نەچچە كۈنلۈك مېھماندارچىلىققا كەلگەن كوۋېن شەھىرى ھاكىمىنىڭ قىزى ئىكەن. ئاندىرىي ئەتىسى كەچتە كېلىپ، تالىپلارغا خاس قەيسەرلىك بىلەن تامدىن ئارتىلىپ باغقا چۈشتى، ئاندىن شاخلىرى ئۆينىڭ تېىغا تىگىپ تۇرغان دەرەخكە يامىشىپ ئۆگزىگە چىقتى، كېيىن مورىدىن چۈشۈپ، توپتوغرا قىز ياتىدىغان ئۆيگە كىردى. قىز شام ئالدىدا ئولتۇرۇپ، قۇلقىدىكى قىممەت باھالىق ھالقىسىنى ئېلىۋاتاتتى. قىز ناتۇنۇش، يۇچۇن ئادەمگە كۆزى چۈشۈشى بىلەن شۇنداق قورقۇپ كەتتىكى، گەپ قىلىشقىمۇ تىلى كەلمەي قالدى، ئەمما كۆز ئالدىدا تۇرغان بۇ كىشىنىڭمۇ قورقۇپ قوللىرىنى مىدىرلىتالماي تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنىڭ تۈنۈگۈن كوچىدا لايغا يىقىلىپ چۈشكەن تالىپ بالا ئىكەنلىكىنى بىلىپ كۈلۈۋەتتى. ئاندىرىينىڭ رەڭگىرويىمۇ خېلى تۈزۈك ئىدى. قىز قاقاقلاپ كۈلۈپ، خېلى ۋاقىتقىچە ئۇنى مەسخىرە قىلىدى. گۈزەل پولەك قىزنىڭ كۆزلىرى ئوتتەك چاقناپ ۋە ئويناپ تۇراتتى. قىز يۈرەكلىك قەدەم تاشلاپ ئاندىرىينىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە يالتىراپ تۇرغان ئالتۇن بۆكىنى ئۇنىڭ بېشىغا كېيگۈزۈپ، ھالقىسىنى قۇلقىغا ئاستى. زەر بىلەن تىكىلگەن، پىستان قادالغان تور رومىلىنى ئۇنىڭ بېشىغا ئارتتى. شۇنىڭغىچە تالىپچاق پۇت-قولى باغلانغان ئەسىر كىشىدەك ئۈندىمەي ۋە قىمىرلىماي تۇرىۋەردى. قىز بولسا، شوخ پولەك قىزلىرىغا خاس قىلىقلار بىلەن ئۇنى ئەخمەق قىلىۋاتاتتى. قىزنىڭ بۇ قىلىقلىرى بىچارە تالىپچاقنى تېخىمۇ ئۇيالدۇراتتى. ئۇ، قىزنىڭ ئويناپ تۇرغان كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىغانچە  ئاغزىنى ئېچىپ ھاڭۋىقىپ قالدى. شۇ چاغدا ئىشىكنىڭ سىرتدا تاقالغان  ئاۋازى ئاڭلاندى. قىز چۆچۈپ كەتتى-دە، ئاندىرىينى دەرھال كارۋات ئاستىغا كىرىۋال، دەپ بۇيرىدى. قىز بىر ئاز  كۆڭلى جايىغا چۈشكەندىن كېيىن، چۆرى كېىنزىكى تاتار ئايالنى چاقىرىپ، يىگىتنى باغنىڭ تېمىدىن ئارتىلدۇرۇپ قاچۇرۋىتىشنى  بۇيرىدى. بىراق تالىپچاق ئاسانلىقچە تامدى ئارتىلىپ قېچىپ كېتەلمىدى. باغدىكى كۆزەتچى ئويغىنىپ قېلىپ، ئۇنىڭ پۇتىدىن  تۇتۇۋالدى. بۇ جىدەلنى ئاڭلاپ يىغىلغان خىزمەتكار ۋە مالايلار ئاندىرينى كوچىغا ئېلىپ چىقىپ راسا كالتەكلىدى. بىچارە ئاران قېچىپ قۇتۇلدى. شۇندىن كېيىن قىزنىڭ ئۆيى ئالدىدىن ئۆتۈش خەۋپلىك بۇلۇپ قالدى. چۈنكى ھاكىمنىڭ خىزمەتكارلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. بىر كۈنى ئاندرىي چېركاۋدا بۇ قىز بىلەن يەنە ئۇچۇرشىپ قالدى، قىز ئۇنى كۆرۈپ، خۇددى ياخشى كۆرگەن ئاشنىسىنى  ئۇچراتقاندەك تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈپ قويدى. بىر كۈنى يەنە بىر قېتىم قىزغا ئاندرىينىڭ كۆزى چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن كوۋىن شەھەر ھاكىمى قىزىنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا كېتىپ قالدى. قارا كۆز پولەك قىزى قارىغان شۇ دېرىزىدىن ئەمدى يۈزلىرى تاۋاقتەك بىر خۇتۇن قارايدىغان بولدى….بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئاتنىڭ يالىسىغا تىكىلگىنىچە پەرىشان ھالدا كېتىۋاتقان ئاندرىي شۇ خىياللار بىلەن بەنىت ئىدى.

    شۇ چاغدا بۇ ئۈچەيلەن كەڭرى ۋە ياپيېشىل دالا قوينىغا كىرىپ كېتىشتى. ئېگىز ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا ئۇلارنىڭ پەقەت قارا تۇماقلىرىلا كۆرۈنەتتى.

    خىيال سۈرۈپ كېتىۋاتقان بۇلبا بېشىنى كۆتۈرۈپ:

    -ھاي-ھاي! ئەزىمەتلەر، دېمىڭلار ئىچىڭلارغا چۈشۈپ كەتتىغۇ؟ تەكى دۇنيا بولغان سوپىلاردەك مۈگدەپ كېتىۋاتىسىلەر! خىيال سۈرۈشنى بولدى قىلىڭلار ! قېنى بىر چىكىشىۋالايلى، ئاندىن ئېتىزىمىزغا زور بېرىپ بىر ئۇچايلى-دە، قۇشمۇ يىتەلمىسۇن!-دېدى.

    كېيىن بۇ ئۈچ كازاك ئاتلىرىغا ئېڭىشىۋىلىپ ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا كۆرۈنمەي قالدى، ئۇلارنىڭ قارا تۇماقلىرىمۇ كۆزدىن غايىب بولدى.دەسسىلىپ كېتىۋاتقان ئوتلارنىڭ شىتىرلاشلىرى ئۇلارنىڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

    بۇلۇتلاردىن تازىلانغان كۆك ئاسماندا ئاپتاپ يالتىرىدى. دالىلارغا كۈن نۇرى چېچىلىپ جانلانغىنىغا خېلى ۋاقىت بولغانىدى. كازاكلارنىڭ كۆزلىرىنى مۈگىدەشكە زورلاۋاتقان يېقىمىسز مەنزىرە تۈگەپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى ئاپتاپتەك ئېچىلىپ كەتتى. دالا بارغانسىرى گۈزەللەشتى.

    ئۇ چاغلاردا پۈتۈن جەنۇب، ھازىرقى نوۋوروسىيە يەرلىرى تاكى قارا دېڭىزغىچە ئادەمزات ئاياغ باسمىغان ياپيېشىل جاڭگال ئىدى. بۇ بىپايان يېشىل يەرلەر ئۆمرىدە سوقا كۆرمىگەن. ئاتلار  قارىغىنىچە ئوت-چۆپلەرگە چۆكۈپ يورغىلارپ كېتۋاتماقتا. يەر يۈزى كۈن نۇرىغا پۈركىنىپ تاۋلىنۋاتقان چەكسىز يېشىل دېڭىزغا ئوخشايتتى. بۇ دېڭىزنىڭ يۈزىگە رەڭمۇ رەڭ گۈللەر چېچىلغاندەك، ئېگىز ئۆسكەن ئوتلار ئارىسىدىن قىزىل، سېرىق  لەيلىلەر، گۈنەپشەرەڭ شادان گۈللەر، چوغلۇقلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. قاياقتىندۇر بۇ يەرگە كېلىپ ئۈنۈپ قالغان بۇغدايلار پىشاي دەپ قالغانىدى. ئەتراپتا تۈرلۈك قۇشلار سايراشماقتا. يىراقتىكى بىر كۆلدىن ياۋايى غازلارنىڭ غاقىلداشلىرى ئاڭلانماقتا . ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن ئۈركۈپ ئۇچۇپ چىققان ئاققۇ كەڭ قاناتلىرىنى پالاقلتىپ كۆككە كۆتۈرۈلمەكتە ۋە بارا-بارا كۆزدىن يىراقلىىشىپ، كۈننىڭ شولىسىدىن يالتىراپ كۆرۈنمەكتە. پاھ، بۇ  بىپايان كەڭ دالا نىمانچە گۈزەل-ھە ! تەبىئەت دۇنياسىدا بۇنىڭدىنمۇ گۈزەل مەنزىرە بولماس.

    بىزنىڭ يولۇچىلىرىمىز غىزالىنۋېلىش ئۈچۈن بىر نەچچە مىنۇت توختاشتى. ئۇلارغا ھەمراھ بۇلۇپ كېتۋاتقان ئون كازاكمۇ ئاتتىن چۈشۈپ، ھاراق قۇيۇلغان قاچىلارنى، تۇلۇملارنى يېشىپ ئېلىشتى. ھەر قايسىسى بىردىن ناننى سېرىق ماي بىلەن يېيىشتى، ماغدۇر كېرسۇن دەپ بىر قەدەھتىن مۇسەللەس ئىچىۋىلىشتى. تاراس بۇلبا سەپەر ئۈستىدە كۆپ ئېچىشكە رۇخسەت قىلمايتتى‪.ئۇلار بىر ئاز ئارام ئېلىۋىلىشقاندىن كېيىن كەچكىچە يول يۈرۈشتى. كەچقۇرۇن بۇ پايانسىز دالا ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ باشقا تۈسكە كىردى. ئۇنىڭ رەڭمۇ رەڭ تاۋلىنىپ تۇرغان مەنزىرىسى پېتىپ كېتىۋاتقان كۈننىڭ ئاخىرقى نۇرلىرىدا غۇۋا يۇرۇپ، كېيىن قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى. يەردىن كۆتۈرلۈۋاتقان ھور قۇيۇقلاشتى. بىر دەمنىڭ  ئىچىدە پۈتۈن دالىنى گۈل-چېچەك ۋە ئوت-چۆپلەرنىڭ خۇش پۇراقلىرى قاپلىدى. پاخپايغان ئاق بۇلۇتلار ئاندا-ساندا ئۆتمەكتە، دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ شامىلىدەك كىشىنى تاقەتسىرلەندۈرىدىغان يىنىك شامال ئوت -چۆپلەرنىڭ باشلىرىنى ۋە كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىنى ئەركىلەپ سۆيمەكتە، ئەمدى كۈندۈزكى نەغمىلەر تىنجىپ باشقىچە نەغمە-ناۋالار باشلاندى. ئالىچىپار سۇغۇرلار ئۇۋۇلىرىدىن چىقىپ چوقچىيىپ ئولتۇرۇپ چۇرقىراشماقتا. چىكەتكىلەرنىڭ چۇرۇلداشلىرى ئۇلاردىن بېسىپ چۈشەتتى.

    يولۇچىلار دالىنىڭ ئوتتۇرسىدا توختاپ يېتىشقا جاي تاللىدى، ئوت يېقىپ، قازان ئىسىپ ئۇماچ پىشۇرشتى. قازاندىن چىققان ھور ئاسمانغا كۆتۈرۈلمەكتە. كازاكلار تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئاتلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ ئوتلاققا قۇيىۋەتتى، ئاندىن چاپانلىرىنى ئاستىغا سېلىپ يېتىشتى. ئاسماندىكى يۇلتۇزلار

    كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ ئۇلارغا قارىماقتا، ئوت-چۆپلەر ئارسىدىكى قۇرۇت-قوڭغۇزلارنىڭ غوڭۇلدىغان، چىرىلدىغان ئاۋازلىرى ئۇلارنىڭ قۇلقىغا خۇددى بىر مۇزىكىدەك ئاڭلانماقتا ۋە ئۇيقۇسىرىغان بۇ يولۇچىلارنى ئەللەيلىمەكتە. چىمەنلىكلەردە، دەريا بويىدىكى قۇمۇشلۇقلاردا كۆيۋاتقان ئوتنىڭ يالقۇنىدا قاپقاراڭغۇ ئاسماننىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلىرى يورۇماقتا. شىمال تەرەپكە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قاقىرلار خۇددى ئاق-قىزىل ياغلىقلار ئۇچۇپ كېتۋاتقاندەك كۆرۈنمەكتە.

    يولۇچىلار خاتىرجەم كېتىپ بارماقتا. ھېچ يەردە دەل-دەرەخ كۆرۈنمەيتتى. ھەممە ياق باش-ئايىغى چەكسىز دالا. ئاندا-ساندا يىراقتىكى دنپېر دەرياسىنىڭ بويلىرىدىكى دەرەخلەرنىڭ ئۇچلىرى كۆرۈنۈپ قالاتتى. تاراس يىراقتا ئوت  ئىچىدە قارىيىپ كۆرۈنگەن بىر نەرسىنى كۆرسىتىپ “ بالىلىرىم، ئاۋۇنى كۆردۈڭلارمۇ؟ تاتار قېچىپ كېتىۋاتىدۇ” دېدى. يىراقتىن ئۇزۇن بۇرۇتلۇق كىچىككىنە بىر باش قىياق كۆزلىرى بىلەن كازاكلار تەرەپكە چەكچىيىپ قارىدى، ئوۋچى ئىتلاردەك ھاۋانى پۇرىدى- دە، كازاكلارنىڭ ئون ئۈچ كىشى ئىكەنلىكىتىنى كۆرۈپ، بىر پەستە كۆزدىن غايىب بولدى.

     

    \

       

         -قېنى، باللىرىم، ئاشۇ تاتارنى قوغلاپ كۆرۈڭلارچۇ! ئۇنىڭغا يېتەلەمسىلەر؟ ئاۋار بولماڭلار، پەقەت يېتەلمەيسىلەر! ئۇنىڭ ئېتى مېنىڭ شەيتان ئېتىمدىنمۇ يۈگۈركرەك،- بۇلبا بىرەر جايدا مۆكۈپ ياتقان تاتارلار بولمىسۇن يەنە، دىگەن ‪ئېھتىيات بىلەن كېيىنكى جۈملىنى قۇشۇپ قويغانىدى. يولۇچىلار دنېپرغا قۇيۇلىدىغان تاتاركا ناملىق كىچىككىنە دەريا بويىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاتلىرى بىلەن سۇغا كىردى. ئىزلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن سۇدا خېلى يۈرگەندىن كېيىن، سۇدىن چىقىپ يەنە ئۆز يوللىرىغا كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ، بارىدىغان يېرىگە يېقىنلاشتى. ھاۋا بىردىنلا سوۋۇشقا باشلىدى. دنېپرنىڭ يېقىنلىقى مەلۇم بولدى. ھە، مانا، دنېپر يىراقتا ئۇپۇقتىن ئايرىلغان قارا يولدەك پاقىراپ كۆرۈنمەكتە. دەرياننىڭ سوغوق شامىلى يۈزلەرگە ئۇرۇلماقتا. دەريا بارغانسىرى يېقىنلىشىپ، ئاخىرى كۆز يەتكەن يەرنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىدى. بۇيەرلەر دەريانىڭ كەڭ-كۇشادە يېيىلىپ ئاققان ئېقىنى ئىدى. سۇنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۇ يەر-بۇ يەردە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاراللار دەريا سۈيىنى تېخىمۇ يېيىلدۇرۇپ قىرغاقلاردىن ئاشۇراتتى. كازاكلار ئاتتىن چۈشۈپ كېمىگە ئولتۇرۇشتى. كېمە بىلەن ئۈچ سائەت يۈرگەندىن كېيىن خورتىتسا دىگەن ئارال بويىغا يېقىنلاشتى. ئۆزىنى دائىم ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغان سېچ مانا شۇ يەردە ئىدى. دەريا بويىدا بىر توپ ئادەم ۋاڭ-چۇڭ قىلىشىپ كېمىچىلەر بىلەن تاكاللاشماقتا ئىدى. كازاكلار ئىگەر-تۇقۇملىرىنى تۈزىۋېلىشتى. تاراسمۇ ئۆزىنى بىر قۇر تۈزەشتۈرۈپ بەلبىغىنى مەھكەمىرەك تارتتى، سىپايىلىق بىلەن بۇرۇتلىرىنى تولغاپ قويدى. ئوغوللىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىباشلىرىغا قاراپ، بىر نىمىلەرگە ھازىرلانغاندەك ئۇياق-بۇيېقىنى تۈزشتۈرۈۋېلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەممىسى ئاتلىنىپ، سېچتىن بىر يېرىم چاقىرىم يىراقتىكى بىر جايغا يېتىپ كەلدى. بۇ گۈزەرگە كېلىشلىرى بىلەن ئۈستى چىم بىلەن يېپىلغان يەر ئاستى گەمىدە ئىشلەۋاتقان تۆمۈرچىلەرنىڭ بولقا ۋە بازغان ئاۋازلىرى ئۇلارنىڭ قۇلاق-مېڭىلىرىنى يەپ كەتتى. كۆنچىلەر پىشايۋان ئاستىدىكى سۇپىدا ئولتۇرۇشۇپ، كۈچلۈك قوللىرى بىلەن ئۆكۈز تېرىلىرىنى ئەيلىشەتتى. ئېلپساتارلار چاقماق تاش، مىلتىق دورىسى ۋە باشقا نەرسىلەرنى سېتىپ ئولتۇرۇشاتتى. بىر ئەرمەن سودىگىرى قىممەت باھالىق ياغلىقلارنى ئېسىپ قۇيۇپتۇ. بىر تاتار قوي گۆشىدىن كاۋاپ قىلماقتا. بىر يەھۇدى بوينىنى سوزۇپ تۇڭدىن ھاراق ئۇسماقتا. يولۇچىلارغا يەنە كوچىنىڭ ئوتتۇرسىدا سوزۇلۇپ يېتىپ ئۇخلاۋاتقان بىر زاپوروژىيلىق كىشى ئۇچرىدى. تاراس بۇلبا ئۇنىڭغا قىزىقىپ ئېتىنى توختاتتى.

    -پاھ، بۇنىڭ سوزۇلۇپ يېتىشىنى كۆرۈڭلار! بۇنىڭ بەستىگە قاراڭلار!- دېدى بۇلبا. ھەقىقەتەن ئۇ كوچىنىڭ ئوتتۇرسىدا شىردەك سوزۇلۇپ ياتاتتى. ئۆسۈپ كەتكەن كوكۇلا چېچى يېرىم گەز يەرنى يېپىپ تۇراتتى. قىزىل سوكنودىن تىكىلگەن شىمغا قارماي يۇقتۇرىۋالغانىدى. ئۇلار ھەر خىل ھۈنەرۋەن ۋە تۈرلۈك مىللەت ئادەملىرى بىلەن تولغان تار گۈزەردىن ئۆتۈپ كەتتى، ئەيش-ئىشىرەت بىلەن مىلتىقۋازلىقتىن باشقا ھېچقانداق ھۈنىرى بولمىغان سېچى باققانمۇ، كىيندۈرگەنمۇ خۇددى يەرمەنكىگە ئوخشايدىغان مانا شۇ گۈزەر ئىدى.

    يولۇچىلار بىر ئازدىن كېيىن گۈزەردىن چىقتى. ئۇلار چىم بىلەن يېپىلغان ئۆيلەرنى ۋە تاتارچىسىغا كىگىز بىلەن يېپىلغان ئوتاۋلارنى كۆرد‪ى. بەزى ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا زەمبىرەكلەر تۇراتتى. بۇ يەردە گۈزەردىكىدەك پاكار -پاكار ئۆيلەر، پەس سوقما تاملار يوق ئىدى. شادىلار بىلەن توسۇلغان كىچىككىنە قورغانلارنىڭ قاراۋۇلسىز تۇرغانلىقى بۇ يەردىكىلەرنىڭ بىپەرۋالىقىنى كۆرسىتەتتى. كوچىنىڭ ئوتتۇرسىدا غازاڭلارنىڭ چىشلەپ بىمالال ياتقان بىر قانچە زاپوروژىيلىق پالۋانلار ئۇلارغا پەرۋاسىزلىق بىلەن قاراپ قۇيۇپ، قىمىرلىماي يېتۋەردى. تاراس ئوغوللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ:” سالام، بايۋەتچىلەر! “ دەپ ھال سورىدى. ئۇلارمۇ:” سالام سىلەرگە!” دەپ جاۋاپ قايتۇرۇشتى. رەڭمۇ رەڭ كېيىنگەن ئادەملەر توپ-توپ بۇلۇپ يۈرەتتى. كۈن نۇرىدا قارايغان يۈزلىرى ئۇلارنىڭ كۆپ جەڭلەرنى كۆرۈپ، كۆپ مۇشەققەتلەر چېكىپ چېنىققانلىقلىرىنى كۆرسىتەتتى. شىردەك باتۇر ۋە قاتتىق ئىرادىلىك، كۈچ-قۇۋۋەتلىك كازاكلار پۈتۈن ئۇكرائىنغا مۇشۇ يەردىن تارقىلاتتى. يولۇچىلار جامائەت يىغىلىپ مەسىھەتلىشىدىغان كەڭ مەيدانغا كەلدى. دۈم كۆمتۈرۈلگەن تۇڭنىڭ ئۈستىدە كۆڭلەكچان بىر ئادەم ئولتۇرۇپ، كۆڭلىكىنىڭ يىرتىقىنى ياماۋاتاتتى. بىر توپ سازەندىلەر چىقىپ يولۇچىلارنىڭ ئالىدىنى توستى. سازەندىلەر ئوتتۇرسىدا شەپكىسىنى قىرلاپ كىيگەن بىر يىگىت تانسا ئوينىماقتا. تانسا ئوينىغۇچى “ ئاۋازلىقىراق چېلىڭلار! فوما، ھارىقىڭىنى خىرستىئانلاردىن زادىلا ئايىما! “ دەپ تۇراتتى. كۆزلىرى ئىشىپ كەتكەن فوما كىم ھاراق تەلەپ قىلسا، شۇنىڭغا بىر چوڭ قەدەھ قۇيۇپ بېرەتتى. تانسىچى يىگىتكە جۆر بۇلۇپ، قېرىراق تۆت ئادەم يەرنى گۈرۈسۈلدىتىپ تېپىپ تانسىغا چۈشۈشتى. ئۇلار قۇيۇندەك پىرقىراپ ئايلىناتتى. ئۆتۈك ناھاللىرىنىڭ دۈپۈرلىگەن ئاۋازلىرى يىراقلارغا ئاڭلىناتتى . بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى ھەممىدىن بەكرەك توۋلاپ كۆپرەك ئوينايتتى. ئۇنىڭ پۆپۈچەك چاچلىرى شامالدا يەلپۈنۈپ، كەڭ مەيدىسى ئېچىلىپ كەتكەن، ئىسىسق جۇۋا كىيۋالغانلىقتىن تەرلەپ پىشىپ كەتكەنىدى. بۇنى كۆرگەن تاراس:

    -جۇۋاڭنى يېشۋەتسەڭچۇ، تەرلەپ كەتكىنىڭنى قارا!- دېدى.

    -ئىلاجىم يوق،- دېدى تانسىچى.

    -نىمىشقا ؟

    -ئىلاجىم يوق. شۇنداق ئادىتىم بار: نېمىنى ئۇچامدىن يەشسەم ھاراققا سەرپ قىلىۋىتىمەن.

    بۇ يىگىتنىڭ ئۈستىبېشىدا شەپكە، چاپان، كەمەر ۋە ياكى پوتا قاتارلىق بىر نىمە يوق ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللىقاچان ھاراققا تىگىشۋەتكەنىدى. ئادەملەر بارغانسىرى كۆپەيدى. تاماشىبىنلاردىن بىرى كەتسە، ئىككىسى كېلەتتى. بۇ شوخ ۋە قىزىق ئويۇن كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى غەم-قايغۇلارنى چىقىرىپ تاشلايتتى.

      -ئەتتەڭ، ئاستىمدا ئات بولمىغاندا، بىر ئوينايتتىم-دە!-دېدى تاراس. شۇ ۋاقىتتا پۈتۈن سېچتا ئىزرەت-ئابرويلۇق ئاقساقال مويسىپىتلارمۇ كېلىشكە باشلىدى. تاراس بىرمۇنچە تۇنۇش بىلىشلىرىنى كۆردى. ئوستاپ بىلەن ئاندىرىي ھەر قەدەمدە ئۇلارنىڭ : “ ھوي، پىچېرىتسامۇ سەن؟ ئامانمۇسەن، كوزلوۋ؟ “، “ تاراس، خۇدا سېنى قاياقتىن يەتكۈزدى؟ “، “ دولوتو، سەن بۇ يەردە نېمە قىلىپ يۈرسەن ؟ “، “ سالامەتمۇ سەن، كىرديوگ؟ گۈستى قانداق ئەھۋالىڭ؟ رېمنى، سېنى بۇ يەردە كۆرۈش خىيالىمغىمۇ كەلمىگەنىدىغۇ!” دىگەن ئاۋازلىرىنى ئاڭلىماقتا ئىدى. شەرقىي روسىيىنىڭ كەيپ-ساپاسى قايناپ تاشقان يەرلىرىدىن كەلگەن بارلىق چەۋەندازلار بىر-بىرلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، ھال-ئەھۋال سورىشىپ كەتتى. تاراس بۇلبا:

     -كوسيان نېمە بولدى؟ بورودوۋكا قانداق تۇرۇپتۇ؟ كولوپېرنىڭ ئەھۋالىچۇ؟ پىدستكا بارمۇ ؟-دەپ سورىدى. ئۇ بۇ سوئاللارغا:

    -بورودوۋكاتولوپاندا ئېسىلدى. قىزىقىرماندا كولوپېرنىڭ تېرىسىنى شىلىۋالدى. پدستىكانىڭ بېشى سارگرادقا ئەۋەتىلدى،- دىگەن جاۋاپلارنى ئالدى. قېرى بۇلبا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ:

    -ئېسىت! زەپ ياخشى كىشىلەر ئىدى!…-دەپ ھەسرەتلەندى.

     

     

     

    3

     

    تاراسنىڭ ئوغوللىرى بىلەن سېچقا كېلىپ ياتقىنىغا بىر ھەپتە بولۇپ قالدى. ئۇستاپ بىلەن ئاندىرىي ئۇرۇش مەشىقىلىرىنى كەم قىلاتتى. سېچتىكىلەر ئۇرۇش مەشقلىرى بىلەن بىكاردىن-بىكار ئاۋارە بۇلۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرمەيتتى. بۇ يەردىكى يىگىتلەر جەڭنىڭ ئۆزىدە چېنىقىپ پىشاتتى. شۇ سەۋەپتىن بۇ يەردە پات-پات سوقۇش بۇلۇپ تۇراتتى. سوقۇش توختىغاندىن كېيىن كازاكلار بوش ۋاقىتلىرىدا بىرەر نەرسە ئۆگىنىشنى ئۆزلىرىگە ئەپ كۆرمەي، بەزىدە مەرگەنلىك ۋە چەۋەندازلىقنى مەشىق قىلاتتى، بەزىدە دالا ۋە يايلاقلارغا بېرىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاشنى ئۆگىنەتتى، قالغان بوش ۋاقىتلىرىنى ئويۇن-تاماشا، ئەيىش-ئىشىرەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى. بۇ يەردىكىلەرنىڭ بەزىلىرى قول ھۈنەرۋەنلىك ۋە بەزىلىرى سودىگەرچىلىك، ئېلىپساتارلىق قىلاتتى‪.يانچۇقىدا ئاز-تولا پۇلى بارلارنىڭ ھەممىسى بار-يوقىنى خەشلەپ ئەيىش-ئىشىرەت بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزەتتى. بۇ يەرگە كەلگەن ئادەملەر كەڭ ئاسماندىن باشقا ئۆي-جايى، قوۋۇم-قېرىندىشى ۋە ياكى بالا-چاقىسى بولمىغان، ھاۋايى-ھەۋەستىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئىلپەتلەرگە قۇشۇلۇپ، پۈتۈن غەم-قايغۇ، تەشۋىشلەرنى  ئۇنتۇپ، كەيپ-ساپاغا چۆكۈپ كېتەتتى. بۇ يەردىكى يولداشلار، تەڭتۇشلار ۋە ساۋاقداشلار ئەنە شۇنداق ئىلپەتچىلىك قىلىشاتتى. پەرىقى شۇ ئىدىكى، مەكتەپتە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قولىدا تاياق تۇتقان مۇئەللىمنىڭ كىشىنى زېرىكتۈرىدىغان گەپلىرىنى ئاڭلاش ئورنىغا، ئۇلار بۇ يەردە ئاتلىق قۇشۇن تۈزۈپ ھۇجۇم ياسايتتى. توپ ئوينايدىغان چىمەنلىكلەرنىڭ ئورنىغا، ئەمدى يىراقتىن تاتارنىڭ بېشى كۆرۈنۈپ قالىدىغان ياكى يېشىل سەللىلىك تۈرك چەكچىيىپ قاراپ تۇرغان بىپايان دالىلار، كەڭ قىيا تاشلار تۇراتتى. يەنە پەرىقى شۇ ئىدىكى، ئۇلار مەكتەپتە مەجبۇرىي بىرلەشتۈرۈلگەن بولسا، بۇ يەرگە ئۆز ئىختىيارلىرى بىلەن ئاتا-ئانىلىرىنى تاشلاپ كېلىشكەن، بۇ يەردىكى ئادەملەر ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ، ھاۋايى-ھەۋەس كوچىسىغا كىرگەن كىشىلەر ئىدى. بۇ يەردىكىلەر سېخلىك ۋە ھىممەت بىلەن پۇلنى دوست تۇتمايدىغان، ئىجارچىلەرنىڭ دەستىدىن يانچۇقلىرىدا بىر تىيىن پۇل قالمىغان كىشىلەر ئىدى. بۇ يەردە مەكتەپنىڭ تايقىغا چىدىماي قېچىپ كەلگەن ۋە شۇنچە ئوقۇپمۇ ئېلىپنى تاياقتىن ئايرىيالمايدىغان كىشلەرمۇ بار ئىدى. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىدىغان، ئاز-تولا تارىخ بىلىدىغانلارمۇ بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا پادىشاھ ئەسكەرلىرى ئىچىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ئوفىتسىرلارمۇ نار ئىدى. قەيەردە بولسۇن جەڭ قىلىشىنى ئۆزلىرىگە ئۇلۇغ مەسلەك قىلۋالغان، سوقۇشماسلىقتىن جىم يېتىشنى ئۇيات ھېسابلايدىغان ۋە كۆپنى كۆرگەن پارتىزانلارمۇ نۇرغۇن ئىدى. «بىزمۇ سېچنى كۆرگەن، جەڭلەردە چېنىققان باتۇرلارمىز» دېيىش ئۈچۈن  بۇ يەرگە كەلگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. بۇ ئاجايىپ ئۆلكە ئۆز دەۋرىنىڭ ئېھتىياجلىق رايونلىرى ئىدى. سوقۇشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالغان، ئالتۇن قەدەھلەردە شاراپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە دۇردۇن-تاۋارلارنىڭ ھەۋەسكارلىرىغا بۇ يەردە ئىش تېپىلاتتى. پەقەت خۇتۇنپەرەسلەرگىلا بۇ يەردە ئىش يوق ئىدى. چۈنكى ئايال زاتلىرى سېچىل ئۆپچۈرىسىگىمۇ يېقىن كەلمەيتتى.

    ئوستاپ بىلەن ئاندىرىي سېچقا ھېسابسىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇلاردىن ھېچكىم، قەيەردىن كەلدىڭ، كىم بولىسەن دەپ سورىمىغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئەجەبلەندى. بۇ ئادەملەر خۇددى يېقىندىلا چىقىپ كەتكەن ئۆيلىرىگە قايتىپ كەلگەندەك كېلەتتى. كەلگەن ئادەم لەشكەر بېشى بېشى ئالدىغا كۆرۈنۈپ قوياتتى. لەشكەر بېشى بولسا، كەلگەنلەردىن سوئال سورايتتى:

    -سالام ! ئەيساغا ئىشىنەمسەن؟

    -ئىشىنىمەن.

    -ئەزىز ئەۋلىيالارغا ئىقرارمۇ سەن ؟

    -ئىقىرارمەن.

    -چېركاۋغا بېرىپ تۇرامسەن؟

    -بېرىپ تۇرىمەن.

    قېنى، ئەمىسە چوقۇنۇپ باققىنا!

    كەلگەن ئادەم چوقۇناتتى.

    -خوپ، ياخشى! قايسى توپنى خالىساڭ شۇنىڭغا كىر،-دەيتتى لەشكەر بېشى. مۇشۇ سوئال-جاۋابلار بىلەن پۈتۈن رەسمىيەت تامام بولاتتى. سېچتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر چېركاۋدا ئىبادەت قىلاتتى. پەرىز تۇتۇش، ھاراق ئىچمەسلىك توغىرسىدىكى گەپلەرگە ئانچە قۇلاق سالمىسىمۇ، بۇ چېركاۋنى بىر تامچە قېنى قالغۇچە ھىمايە قىلىشقا تەييار ئىدى. پايدا تېپىش كويىغا چۈشكەن يەھۇدى، ئەرمەن ۋە تاتارلار يۈرەكلىك بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ، تېرىكچىلىك ۋە سودا -سېتىق  قىلىشاتتى. چۈنكى زاپوروژىيلىقلدې سودىدا باھا تالىشىشنى بىلمەيدىغان، دىگىنىگە ئېلىپ كېتىۋېرىدىغان كىشىلەر ئىدى.

    سېچتىكلەرنىڭ ھەممىسى ئاتمىش توپقا بۆلۈنگەن بۇلۇپ، ھەر بىر توپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىدى. ھېچكىم مال-دۇنيا يىغىپ ئاۋارە بولمايتتى. ھەممە نەرسە لەشكەر بېشىنىڭ  قولىدا بولغاچقا، ئادەتتە ئۇنى “ ئاتا “ دېيىشەتتى. پۇل-مال، كىيىم-كېچەك، ئوزۇق-تۈلۈك، ھەتتا ئوتۇن-كۆمۈرگىچە ئۇنىڭ ئىختىيارىدا ئىدى. بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچە پۇللىرىنىمۇ ئۇنىڭغا بېرىپ قۇياتتى. گايىدا توپلار ئوتتۇرىسىدا جىدەل چىقىپ مۇشتلىشىشقا ئايلىناتتى.

    ئوستاپ بىلەن ئاندىرىي ياشلىق ۋە يىگىتلىك ئوتى يېنىپ تۇرغان بۇ قاينامغا ئۆزلىرىنى ئاتتى. بىردەمدىلا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئائىلىنى، مەكتەپنى، ئىلگىرى كۆڭۈللىرىگە ياقىدىغان ۋە ياقمايدىغان ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇپ، بۇ يېڭى تۇرمۇشقا چۆكۈپ كەتتى. ئۇلارنى بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە قىزىقتۇراتتى؛ سېچنىڭ توي-تاماشا، ئويۇن-كۈلكىلىرى، ئىدارە قىلىشنىڭ قائىدە-قانۇنلىرى ئۇلارنى  ئەجەبلەندۈرەتتى. ئۆز ئەركى ئۆزىدە بولغان بۇ جايدىكى بۇنداق قانۇنلار ئۇلارغا بەزىدە بەكمۇ  قاتتىق تۇيۇلاتتى. ئەگەر بىر كازاك ئوغىرلىق قىلسا، ئەرزىمىگەن بىر نەرسىنى ئوغىرىلىغان بولسىمۇ، بۇ شەرمەندىلىك پۈتۈن كازاكلارنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرىدۇ، دەپ ھېسابلىناتتى. بۇنداق ئادەمنى نۇمۇسنى يوقاتقان ۋىجدانسىز دەپ ياغاچقا باغلاپ يېنىغا بىر كالتەكنى قۇيۇپ قوياتتى. ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن ھەر بىر ئادەم ئۇنى شۇ كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆتەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇنى تاكى ئۆلگىچە ئۇراتتى. قەرزىنى تۆلىمەي مۇتتەھەملىك قىلغان ئادەمنى زەنجىر بىلەن باغلاپ قوياتتى. دوست-يارەنلىرىدىن بىرەرى كېلىپ ئۇنى ئاجرتىۋالمىغۇچە باغلاغلىق تۇراتتى. ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرگە بېرىلىدىغان جازا ئاندىرىيغا ھەممىدىن بەك قاتتىق تەسىر قىلدى: گۇناھكارنىڭ كۆزىچە چوڭقۇر ئورا كولاپ، قاتلىنى ئورىغا تىرىك تاشلايتتى. ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ مۇردىسىنى گروبقا سېلىپ قاتىلىنىڭ ئۈستىگە  چۈشۈرۈپ، ھەر ئىككىسىنىڭ ئۈستىگە توپا تاشلاپ كۆمەتتى. ئاندىرىي بۇ خىل قاتتىق جازانى كۆپ ۋاقىتلارغىچە ئۇنتۇيالماي قورقۇپ يۈردى.

    كۆپ ئۆتمەي بۇ ئىككى كازاك يىگىتىنىڭ داڭقى چىقىپ كەتتى. ئۇلار بوش ۋاقىتلاردا بىر قانچە يولداشلىرى بىلەن، بەزىدە توپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن دالىغا چىقىپ، سان-ساناقسىز ئۆردەك غازلارنى، بۇغا-ماراللارنى ئوۋلايتتى ياكى ھەر توپنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك كۆل، دەريا ۋە ئۆستەڭلىرىگە بېرىپ، تور تاشلاپ بېلىق تۇتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەممە توپتىكى ئادەملەر تويۇپ كىكىرگىچە بېلىق يېيىشەتتى. ئۇلار ھەر قانداق كازاكنى سىنايدىغان قىيىن ئىشلاردىمۇ ئۆزلىرىنىڭ زېرەكلىكى ۋە ئەپچىلىكى بىلەن نام چىقاردى. ئۇلار خاتا كەتگۈزمەيدىغان مەرگەن ۋە دېنپر دەرياسىدىن سۇنىڭ ئېقىمىغا قارشى ئۈزۈپ ئۆتىدىغان ئۈزگۈچى بۇلۇپ قالدى. بۇ ئىشلار سېچقا كەلگەن ھەر بىر يېڭى ئادەمنى كازاكلار توپىغا ئېلىش ئۈچۈن بىر ئىمتىھان ئىدى. لېكىن قېرى تاراس ئۇلارغا باشقا بىر ئىش تېپىۋاتاتتى. بۇنداق ئەيش- ئىشرەت، ئۇيۇن-كۈلكە بىلەن ئۆتكەن ئۆمۈر ئۇنىڭ نەزىرىدە زايا كەتكەن ئۆمۈر ھېسابلىناتتى. ئۇ ھەقىقىي ئىشنى ئىزلەيتتى. ئۇ دائىم پۈتۈن سېچنى قانداقتۇ بىر باتۇرلۇق ھالىتىگە كەلتۈرسەم، مەردۇ مەيدانلار ئىش كۆرسىتىدىغان بىر ماجىرا قوزغىسام دەپ ئويلايتتى. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇ لەشكەر بېشى ئالدىغا بېرىپ، توپتوغىرا مۇنداق دېدى:

    -لەشكەر بېشى، ئادەملىرىمىز ئىچ-قارنى ئېچىلغۇدەك بىر يايرىۋالسا ياخشى بولاتتى.

    لەشكەر بېشى ئاغزىدىكى كىچىككىنە غاڭزىسىنى ئېلىپ، يېنىغا چىرىت ئېتىپ تۈكۈرگەندىن كېيىن:

    -يايرايدىغان جاي يوق،- دېدى.

    -نىمىشقا جاي يوق بولسۇن؟ تۈركلەر ياكى تاتارلار ئۈستىگە ئاتلانساق بولىدىغۇ؟

    لەشكەر بېشى خاتىرجەم ئولتۇرۇپ، ئاستا غاڭزىسىنى ئاغزىغا سېلىپ دېدى:

    -تۈركلەر ئۈستىگىمۇ، تاتارلار ئۈستىگىمۇ ئاتلىنىشنىڭ ئىلاجى يوق.

    -نىمىشقا ئىلاجى يوق؟

    -ئىلاجى يوق دېدىم يوق. سۇلتانغا، بىز ئۇرۇشمايمىز، دەپ ۋەدە بەرگەنمىز.

    شۇنداقتىمۇ ئۇ غەيرىي دىنغۇ! خۇدامۇ، پەيغەمبەرمۇ غەيرىي دىنلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىڭلار، دەپ يۇيرىغانغۇ؟

      -ياق ! ھەققىمىز يوق! ئۆزىمىزنىڭ دىنىمىزنى ئارىغا سېلىپ قەسەم ئىچمىگەن بولساق، ئۇ ۋەدىدىن يانساق مۇمكىن بولاتتى. لېكىن ئەمدى ھېچ ئىلاج يوق.

    -نىمىشقا ئىلاج يوق؟ ھەققىمىز يوق دېگىنىڭ نىمىسى؟ مانا، مېنىڭ ئىككى ئوغلۇم بار. ئىككىلىسى ياش ئۆسمۈر. ئىككىلىسىمۇ ھېچبىر ئۇرۇش كۆرگىنى يوق تېخى. سەن بولساڭ ھەققىمىز يوق دەيسەن. زاپوروژىيلىقلار ئاتلىنىپ چىقماسلىقى كېرەك ئىكەن-دە!

    -قوي، ئۇنداق قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس.

    -دىمەك، كازاكلارنىڭ كۈچى بىكاردىن-بىكارغا توزۇپ يوقاپ كېتىۋەرسۇنمۇ؟ ئادەملەر تۈزۈكرەك بىر ئىش قىلماي، ئىتقا ئوخشاش بىھۇدە سېسىپ-چىرىپ كەتسۇنمۇ؟ ۋەتەنگىمۇ، دىنغىمۇ ئۇلارنىڭ ھېچقانداق پايدىسى تەگمىسە، بۇ قانداق بولغىنى؟ بۇنداق بولسا بىزنىڭ تىرىكچىلىكىمىزدىن نىمە پايد؟ دۇنيادا نىمە دەپ يۈرىيمىز؟ ماڭا شۇنى چۈشەندۈر! سەن دانا ئادەمسەن، ئۆزۈڭچىلا لەشكەر بېشى بولغىنىڭ يوق. ماڭا چۈشەندۈر، دۇنيادا نىمە دەپ يۈرىمىز؟

    لەشكەر بېشى ئۇنىڭ بۇ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمىدى. چۈنكى ئۇمۇ گېپىدىن يانمايدىغان قەيسەرلەردىن ئىدى. بىر ئاز جىم تۇرغاندىن كېيىن:

    -نىمە دىسەڭ دە، ئۇرۇش قىلمايمىز،- دېدى.

    تاراس ئۇنىڭ سۆزىنى تەكرارلاپ:

    -شۇنداقمۇ؟ زادى ئۇرۇش قىلمايمىزمۇ؟-دېدى.

    -ياق!

    -دىمەك، ئۇ توغۇرلىق ئويلاشنىڭمۇ ھاجىتى يوق دىگىنە؟

    -ھەئە. ئۇ توغۇرلۇق ئويلاشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.

    تاراس بۇلبا كۆڭلىدە:” ئالدىرماي تۇر، مۇتتەھەمنىڭ بالىسى! بىر ئەدىبىڭىنى بەرمىسەم! “ دېدى-دە، لەشكەر بېشىدىن ئۆچ ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.

    تاراس ئۇنىڭ-بۇنىڭ بىلەن كۇسۇرلىشىپ، ئۆز پىكىرىنى ھەممىسىگە ئېچۈردى. بىر مۇنچە مەست كازاكلار توپلىشىپ، جاڭ ئۇرىدىغان موما ياغاچ ئورنىتىلغان مەيدانغا بېرىشتى. ئادەتتە كىشىلەرنى توپلاش لازىم بولغاندا، شۇ يەردە تۇرۇپ جاڭ ئۇرۇلاتتى. جاڭ ئۇرىدىغان تاياق جاڭ ئۇرغۇچى كىشىدە ئىدى، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ كېلىشنى كۈتۈپ تۇرماستىنلا، قوللىرىغا بىردىن كالتەكنى ئېلىپ جاڭنى ئۇرۇشقا باشلىدى. بىر كۆزى قارىغۇ، ئىگىز بويلۇق جاڭ ئۇرغۇچى بۇنى ئاڭلاپ ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى ئۇۋلاپ ھەممىدىن ئاۋال يېتىپ كەلدى -دە:

    -كىمنىڭ جاڭنى ئۇرۇشقا ھەققى بار؟-دەپ ۋاقىرىدى. ھاراق ئىچىپ شىر كەيپ بولۇۋالغان ئاقساقاللار:

    -ئۈنۈڭنى چىقارما! جاڭ ئۇر دىگەندىن كېيىن تايقىڭنى ئېلىپ كېلىپ ئۇرىۋەر!- دېيىشتى‪.

    جاڭ ئۇرغۇچى بۇلارغا بويسۇنماسلىقنىڭ ئاقىۋىتى نىمە بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، يىنىدا ئالغاچ كەلگەن كالتىكىنى ئېلىپ جاڭ ئۇرۇشقا كىرىشتى. بۇنى ئاڭلىغان زاپوروژىيلىقلار ئۇۋىسى بۇزۇلغان ھەرىدەك توپ-توپ بۇلۇپ كېلىشكە باشلىدى. كەلگەنلەر قاتار تىزىلىپ ئولتۇرۇشتى، جاڭ ئۈچۈنچى قېتىم ئۇرۇلغاندا، ئاقساقاللارمۇ كېلىشكە باشلىدى. لەشكەر بېشى ھاسىسىنى، قازى ئەسكەر مۆھرىنى، سەركاتىپ دۈۋتىنى، ياساۋۇل چوقمىقىنى كۆتۈرۈپ كېلىشتى. لەشكەر بېشى بىلەن ئاقساقاللار باشلىرىدىن شەپكىلىرىنى ئېلىپ، تۆت تەرەپكە ئېگىلىپ سالام بېرىشتى. توپلانغان كازاكلار قوللىرىنى بېلىگە تۇتۇپ مەغرۇرانە تۇراتتى.

    -بۇ نىمە يىغىن ئۆزى، بۇرادەرلەر؟ تەلەپ ۋە مەقسىتىمىز نىمە؟-دېدى لەشكەر بېشى. تەرەپ-تەرەپتىن چىققان چۇقان-سۈرەن ۋە تىللا سۆكۈشلەر ئۇنى گەپ قىلغۇزمىدى.

       ھاساڭنى تاشلا، شەيتاندىن تۆرەلگەن! دەررۇ ھاساڭنى تاشلا! ئەمدى سېنى خالىمايمىز!- دەپ ۋارقىرىدى ئالىمان ئىچىدىن بىر نەچچەيلەن. ئەس-ھۇشى جايىدا كىشىلەر ۋارقىرىغانلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەدەك قىلىۋىدى، بىر پەستە مەستلەرمۇ، ھوشيارلارمۇ بىر-بىرلىرى بىلەن مۇشتىلشىپ كەتتى. ھەممە ياقنى چۇقان -سۈرەن قاپلىدى. ئالتوپىلاڭ باشلاندى

     

    لەشكەر بېشى سۆزلىمەكچى بۇلۇپ  كۆردى، لېكىن غەزەپلەنگەن ئالىماىنىڭ ئۇر-ئۇر قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قۇيۇشىدىن قورقۇپ سۆزلىمەيلا قويدى. چۈنكى مۇنداق ۋەقەلەر كۆپ بولغانىدى. شۇ سەۋەبلىك لەشكەر بېشى خەلىققە يەتتە ئېگىلىپ تەزىم قىلغاندىن كېيىن ھاسىنى ئاستا يەرگە قويۇپ، ئالىمان ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

    -ئاكىلار، مەرتىۋىمىزنىڭ ئالامىتى بولغان مۆھۈر، قەلەم-دۈۋەت ۋە ھاسىمىزنى بىزمۇ تاشلايلىمۇ؟-دەپ، مۆھرىدار مۆھىرىنى، سەركاتىپ قەلەم بىلەن دۈۋتىنى، ياساۋۇل ھاسىسىنى يەرگە قويماقچى بولدى.

    توپ ئارىسىدىن بىرى:

    -سىلەر ئۆز مەرتىۋەڭلەردە تۇرىۋېرىڭلار . بىز  پەقەت لەشكەر بېشىنى ئورنىدىن چۈشۈرمەكچىمىز، چۈنكى لەشكەر بېشىمىز خۇتۇن مىجەز بۇلۇپ قاپتۇ . بىزگە ئوغول  بالىدەك لەشكەر بېشى كېرەك!- دېدى.

    -قېنى ئەمدى كىمنى لەشكەر بېشى قىلىپ سايلايسىلەر؟-دېدى ئاقساقاللار.

       

    -كوكوبىنكونى سايلايمىز!-دەپ ۋارقىراشتى بەزىلىرى.

    -كوكوبىنكونى خالىمايمىز ! ئۇ تېخى ياشلىق قىلىدۇ، ئەمگەن سۈتى ئاغزىدىن كەتكىنى يوق !-دەپ توۋلاشتى قايسى بىرلىرى.

    -شىلو بولسۇن ! شىلونى لەشكەر بېشى قىلىپ كۆتۈرىمىز!- دەپ ۋارقىراشتى بىر نەچچىسى.

    ئالىمان ئىچىدىن:

    -ئاغزىغا ئۇر ھارامزادىنىڭ ! شىلوڭ قۇرسۇن! ئوغرىلىق قىلىپ شەرمەندە بولدىغۇ! شۇمۇ ئادەممۇ، كازاك ئەمەس ئۇ، تاتار، ھاراقكەش شىلونى قاپقا سولاڭلار!- دەپ ۋارقىرىدى بىرى.

    -بوروداتىينى خالىمايمىز ! يوقالسۇن بەچچىغەر! تاراس بۇلبا بىر-ئىككىيلەننىڭ يېنىغا كېلىپ:

    كىرديۇگىنى سايلايمىز دەڭلار،- دەپ قۇلىقىغا شىۋىرلاپ قويدى.

    ئالىمان ئىچىدە بەزىلەر “ كىرديۇگىنى سايلايمىز “ دىسە ۋە بەزىلەر “ بوروداتىينى سايلايمىز ! “ دەپ ۋارقىراشتى.

    ئىسمى چاقىرىلغان كىشىلەر ئۆزىنى ئۆزى سايلىۋالدى دىگەن بولمىسۇن دەپ، دەرھال توپ ئارىسىدىن چىقى پ كېتەتتى.

    بىرى «كىرديۇگا بولسۇن، كىرديۇگا» دىسە، يەنە بىرى «بوروداتىي بولسۇن» دەپ ۋارقىرىشاتتى. كېيىن ئىش مۇشتلىشىشقا ئايلاندى. ئاخىرىدا كىرديۇگا تەرەپدارلىرى كۈچلۈك  چىقىپ، شۇ سايلاندى.

    -كىرديۇگىنى چاقىرىپ كېلىڭلار!- دەپ ۋارقىراشتى ئالامان. شۇ زامان ئونغا يېقىن كازاك توپتىن ئايرىلىپ چىقتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شۇنچىلىك مەست ئىدىكى، ئارانلا ئۆرە تۇراتتى. بۇ ئونچە كازاك كىرديۇگىنىڭ سايلانغانلىقىنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن توپتوغرا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشتى.

    كىرديۇگا بىرئاز قېرىپ قالغان بولسىمۇ، كۆپنى كۆرگەن ئەقىللىق كازاك ئىدى. ئۇ خۇددى ھېچنىمىنى بىلمىگەندەك ئۆز چېدىرىدا خاتىرجەم ئولتۇراتتى. كەلگەنلەردىن:

    -خوش، بۇ ياققا كېلىپسىلەر، ئاغىنىلەر، نىمە گەپ؟-دەپ سوردى ئۇ.

    -قېنى، يۈر، سېنى لەشكەر بېشى قىلىپ سايلىدۇق!-دېدى كەلگەنلەر.

    -رەھىم قىلىڭلار، بۇرادەرلەر،- دېدى كىرديۇگا،-بۇنداق ئۇلۇغ مەرتىۋىگە لايىق ئەمەسمەن، لەشكەر بېشى بۇلۇشتىن كۆپ يىراقمەن. بۇنداق ئۇلۇغ ۋەزىپىنى ئۆتەشكە ئەقلىم يەتمەيدۇ. يۇرتتا مەندىن تۈزۈكرەك ئادەم تۈگەپ كېتىپتىمۇ؟

    -ئەمدى ئۈندىمەستىن مېڭىۋەرسەڭچۇ!- دەپ ۋاقىراشتى كەلگەنلەر. ئىككى كىشى ئۇنىڭ قولتۇقىدىن تۇتتى. كىرديۇگا تىرەجەپ ئۆزىنى كەينىگە تاشلاپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئۇنى ئىتتىرىپ سۆرەپ، سايلام مەيدانىغا ئېلىپ چىقىشتى.

    -بەچچىغەر، كەينىڭگە داجىما! بىز سېنى ئىززەت قىلىپ كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئىززەت -ئابرۇيۇڭنى بىلگىن!-دەپ جىمىلگەنلەر بولدى. شۇنداق قىلىپ، كىرديۇگىنى مەيداننىڭ ئوتتۇرسىغا ئېلىپ كېلىشتى.

    -قېنى، ئاغىنىلەر،نىمە دەيسىلەر؟ شۇ كىشىنىڭ لەشكەر بېشى بۇلۇشىنى خالامسىلەر؟-دەپ چۇقان كۆتۈرۈشتى ئۇنى سۆرەپ كەلگەنلەر.

    توپلانغان ئادەملەر: “ خالايمىز! “ دەپ ۋارقىراشتى. شاۋقۇن-سۈرەن ئالەمنى باستى.

    ئاقساقاللاردىن بىرى ھاسىنى ئېلىپ، يېڭى سايلانغان لەشكەر بېشىغا تۇتقۇزدى. كىرديۇگا ئۆرۈپ-ئادەتنى بەجا كەلتۈرۈپ ھاسىنى ئالمىدى. ئاقساقال يەنە ئۇزاتتى. ئۇ يەنە ئالمىدى. كېيىنكى ئۈچىنچى قېتىم ئۇزاتقىنىدا ئالدى. مەيداندا «بارىكاللا، بارىكاللا !» دېگەن ئاۋازلار كۆتۈرۈلدى. چۇقان-سۈرەن پەلەككە ياڭرىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەڭ قېرى مويسىپىت ئاقساقاللاردىن  تۆت كىشى ئوتتۇرىغا چىقىپ (سېچقا بەكمۇ قېرى كىشىلەر يوق ئىدى. چۈنكى بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھېچقايسى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلمەيتتى) يامغۇردا لاي بولغان توپىدىن بىر سىقىمدىن ئېلىپ، يېڭى سايلانغان لەشكەر بېشىنىڭ بېشىغا سۈركىدى. سۇيۇق لاي ئۇنىڭ بېشىدىن ئېقىپ، يۈز-كۆزلىرىنى، بۇرۇتلىرىنى بۇلغىدى. ئەمما كىرديۇگا تۇرغان يېرىدە قىمىرلىمىدى ۋە ئۇنىڭغا بۇنداق ئىززەر-ھۆرمەت كۆرستىۋاتقانلىقى ئۈچۈن كازاكلارغا رەھمەت ئوقۇدى. چۇقان-سۈرەن بىلەن ئۆتكەن سايلام شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى. بۇ سايلامدىن ھېچىكىم تاراس بۇلبىدەك خۇرسەن بولمىدى. چۈنكى بۇلبا كىرديۇگىنى سايلاپ، كونا لەشكەر بېشىدىن ئۆچ ئالدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى كىرديۇگا ئۇنىڭ قەدىناس دوستى بۇلۇپ، يەر -سۇ ئۈچۈن بولغان كۆپ جەڭلەردە ئىككىسى بىللە بولغان، ئۇرۇشنىڭ ئازاب ۋە جەبىر-جاپالىرىنى تەڭ تارتقانىدى.

    يېڭى سايلام مەرىكىسى داغدۇغىلىق چوڭ تويغا ئايلاندى. ھەممەيلەن شاد -خۇراملىق ئىچىدە ئويۇن-تاماشىغا كىرىشىپ كەتتى. ئوستاپ بىلەن ئاندىرىي ھېلىغىچە مۇنداق توي تاماشىسىنى كۆرمىگەنىدى. قاۋاقخانىلارنى تالان-تاراج قىلىشىپ، ھاراق-شاراب، پىۋىلارنى بىكارغا ئىچكىلى تۇرۇشتى . قاۋاقخانا ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ  ئامان قالغانلىقىغا شۈكۈر قىلىشتى. تاڭ ئاتقۇچە پالۋان ۋە باتۇرلار شەنىگە قوشاق ۋە ناخشىلار ئېيتىلدى. سېچنىڭ چېركاۋلىرىدا ئېيتىلىدىغان ناخشىلارغا جۆر قىلىپ داپ-دۇمباق، گىتتار ۋە بالالايكىلىرىنى چېلىشتى. كوچىلاردا توپ-توپ بۇلۇپ ئويناۋاتقان تانسىچىلار بىلەن سازەندىلەرنى ئاسماندىكى ئايمۇ خېلى ۋاقىتقىچە تاماشا قىلدى. ئاخىرى مەستلىك بىلەن ھارغىنلىق غالىب كېلىپ ھەممىنى يەڭدى. كازاكلار ھەر قەيەردە دومۇلىشىپ، يېقىن دوستلار بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ يېتىشىتى. بەزىلىرى يىقىلغان يېرىدە يېتىپ قالدى. ئۇ يەردە بىر توپ، بۇ يەردە ‪ئادەملەر خورەك تارتىپ ئۇخلىماقتا. بىرى ئۆزىگە يېتىشقا تۈزۈكرەك جاي تاپالماي،ياغاچ ئوقۇرنىڭ ئۈستىدە يېتىپتۇ. ئۆزىنى تېتىك تۇتقان بەقۇۋۋەت بىر ئادەم دەلدەڭشىپ يۈرۈپ بىر نېمىلەرنى دېمەكتە. ئاخىرى ئۇمۇ يىقىلىپ، پۈتۈن سېچ ئۇيقۇغا كەتتى.

     

     

    4

     

    ئەتىسى تاراس بۇلبا زاپوروژىيىلىفلارنى بىرەر ئىشقا قوزغاش توغرسىدا يېڭى لەشكەر بېشى بىلەن مەسلىھەتلەشتى. لەشكەر بېشى ئەقىللىق، كۆپنى كۆرگەن، يۇرتىنىڭ ئويمان -چوڭقۇرىنى ئوبدان بىلىدىغان قۇۋ  ئادەم ئىدى. ئاۋال ئۇمۇ:

    -ھېچ ئىلاج يوق. ۋەدىدىن يېنىۋالغىلى بولمايدۇ،-دېدى. كېيىن بىر ئاز ئويلاپ تۇرۇپ،- مەيلى، بىر ئىلاج قىلىمىز، ئەمما ۋەدىمىزدىن يانمايمىز. يۇرت-جامائەت يىغىلسۇن. لېكىن مېنىڭ بۇيرۇقۇم بىلەن ئەمەس، ئۆزلۈكىدىن توپلىنىشسۇن. بۇنى قانداق قىلىشنى ئۆزىڭىز بىلىڭ. بىز ئاقساقاللار بىلەن ھېچ نەرسىدىن خەۋىرىمىز يوقتەك، مەيدانغا كېيىنىرەك بارىمىز،- دېدى.

    بۇ مەسلىھەتتىن كېيىن ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتەر-ئۆتمەي جاڭ ئۇرۇلدى. مەيدانغا ھىسابسىز نۇرغۇن كازاك توپلاندى. «نىمە گەپ ئىكەن ؟»،«خەلقنى نىمە ئۈچۈن يىغىپتۇ ؟» دىگەن سوئاللارغا ھېچكىم جاۋاپ بەرمەيتتى. ئاخىردا ئۇياق-بۇياقتىن : «كازاكلارنىڭ كۈنى بىكار ئۆتۈۋتىدۇ. سوقۇش يوق! ئاقساقاللار بىكار يېتىپ سەمىرىپ، خوتۇنپەرەس بۇلۇپ كېتىشتى. دۇنيادا ھەقىقەت دىگەن نەرسە يوق ئىكەن -دە !»دېگەن گەپ-سۆزلەر چىقىشقا باشلىدى. دەسلەپ باشقىلار بۇ گەپلەرگە قۇلاق سېلىپلا تۇرغان بولسىمۇ، كېيىن ئۇلارمۇ قوشۇلۇپ، «راست گەپ، دۇنيادا ھەقىقەت دىگەن نەرسە زادىلا يوق ئىكەن !» دەپ چۇقان سېلىشتى. ئاقساقاللار بۇ گەپلەرگە ھاڭ-تاڭ بۇلۇپ قاراپ تۇرغاندەك قىلاتتى. ئاخىرى لەشكەر بېشى ئوتتۇرىغا چىقىپ:

    -زاپوروژىيلىق بۇرادەرلەر، رۇخسەت قىلساڭلار، مەن بىر ئېغىز سۆز قىلاي!-دېدى.

    -سۆزلە!-دېدى كۆپچىلىك.

    -ھۆرمەتلىك بۇرادەرلەر، ھازىر يۇرتداشلارنىڭ تولىسى قاۋاقچى جوھوتلارغا ۋە ئۆز قېرىنداشلىرىغا كۆپ قەرىزدار بۇلۇپ كەتتى. ئەھۋال شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، ھېچىكىمدە ئىنساب ۋە دىيانەت قالمىدى. بۇنى ئۆزۈڭلارمۇ ناھايىتى ياخشى بىلىسىلەر. يەنە شۇ گەپمۇ باركى، كۆپ يىگىتلىرىمىز ئۇرۇشنىڭ نىمىلىكىنى تېخىچە بىلمەيدۇ. ۋەھالەنكى، ئۇرۇش بولمىسا يىگىت ئادەم تىرىكچىلىك قىلالمايدۇ. بۇرادەرلەر، بۇمۇ ئۆزۈڭلارغا مەلۇم، ئۆمرىدە بىر قېتىممۇ غەيرىي دىندىكىلەر بىلەن سوقۇشىمىغان ئادەمنى زاپوروژىيىلىق دېگىلى بولارمۇ؟

    «دۇرۇس گەپ قىلىۋاتىدۇ» دەپ قويدى بۇلبا كۆڭلىدە.

    -ئەمما، ئاكىلار، مېنى ئەھمۇ پەيماننى بۇزۇپ ئۇرۇش قىلماقچى بولدى، دەپ ئويلىماڭلار،-دېدى لەشكەر بېشى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- خۇدا ساقلىسۇن، مېنىڭ مۇراد-مەقسىتىم بۇ ئەمەس. دىمەكچىمەنكى چېركاۋىمىزنىڭ ئەھۋالى يامان، بۇ ھەقتە گەپ قىلىپ گۇناھكار بولۇشتىن قورقىمەن. يۇرتىمىز  خۇدانىڭ شەپقەت ۋە مەرھىمىتى بىلەن بىر نەچچە يىلدىن بېرى تىنچ تۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن چېركاۋىمىزنىڭ سىرتقى تەرپىنى قويىۋېرىڭلار، ھەتتا ئىچىمۇ تۈزۈكرەك ياستىلمىغان. ھېچ بولمىغاندا كۈمۈش لىباس تەييارلاپ بېرىشمۇ ھېچقايسىمىزنىڭ يادىغا كەلمىدى. بىر-ئىككى كىشىنىڭ قىلغان خەير-سەدىقىسىدىن باشقا ھېچ  نەرسە يوق. ئۇلارنىڭ خەير  -سەدىقىسىمۇ كۆپ ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ھايات ۋاقىتلىرىدا بار-يوقىنى ئىچىپ تۈگەتكەن. بۇ گەپلەردىن مەقستىم تاتار ياكى تۈركلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئەمەس. ئۇرۇش قىلمايمىز دەپ سۇلتانغا ۋەدە بەرگەنمىز بۇ ۋەدىمىزنى بۇزساق چوڭ گۇناھكار بولىمىز، چۈنكى ئوتتۇردا دىنىمىزنىڭ ھۈرمىتى بار.

    «ئۇ يەنە ئىشنى چاتاق قىلىپ قويامدۇ، نىمە ؟…»دېدى بۇلبا كۆڭلىدە.

    -مانا شۇنداق، بۇرادەرلەر، ئۇرۇش چىقىرىشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق. سەۋەبسىز ئۇرۇشۇش مەردنىڭ ئىشى ئەمەس. ئەمما قىسقا ئەقىلىم بىلەن شۇنى بىلدىمكى، پەقەت ياشلارنىڭ ئۆزلىرىنى قېيىققا ئولتۇرغۇزۇپ جۆنەتسەك دەيمەن. ناتالىيە بويلىرىنى بىر ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ كەلسۇن، بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر، بۇرادەرلەر؟

    -ھەمىمىزنى ئېلىپ بار، ھەممىمىزنى ! دىنىمىز يولىدا جېنىمىزنى پىدا قىلدۇق!-دەپ ۋارقىراشتى كىشىلەر ھەر تەرەپتىن.

    لەشكەر بېشىنىڭ ئەرۋاھى ئۈركۈپ كەتتى. ئۇنىڭدا پۈتۈن زاپوروژىينى قوزغىتىش نىيىتى يوق ئىدى. ئاردىكى سۈلھنى بۈزۈش ئۇنىڭ نەزىرىدە نامەردلىك ئىدى.

    -ھۈرمەتلىك بۇرادەرلەر، يەنە بىر ئېغىز سۆز قىلاي، رۇخسەتمىكىن ؟

    زاپوروژىيلقلار ۋاقىرىشىپ : بولدى ئەمدى ! بۇنىڭدىن ئارتۇق يەنە نېمە دەر ئىدىڭ !-دېيىشتى.

    -ئەمىسە، شۇنداق بولسۇن. مەن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار. سىلەرگە مەلۇم، كىتابلاردا ئېيتىلغانكى، خەلىقنىڭ تىلىكى-خۇدانىڭ تىلىكى. ھەممە خەلق بىر بۇلۇپ ئويلاپ تاپقاندىن ماقۇلراق تىلەكنى ئويلاپ تاپقىلى بولماس. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، يىگىتلىرىمىزنىڭ بۇ ئويۇنىنى سۇلتان جازاسىز قالدۇرمايدىغانلىقى ئۆزۈڭلارغا مەلۇم. بىز ئىشقا تەييارلىنىپ تۇرساق ياخشى بولاتتى. شۇنداق قىلساق كۈچ-قۇۋۋىتىمىزنى ساقلاپ تۇرغان ۋە ھېچكىمدىن قورقمىغان بولاتتۇق. بىز ھەممىمىز يۇرتىمىزنى تاشلاپ كەتسەك، تاتارلار ھۇجۇم قىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇلار تۈرك سۇلتانىنىڭ كۈچۈكى. بۇ كۈچۈكلەر ئالدى تەرەپتىن كەلمەيدۇ، ئىگىلىرىنىڭ ئۆيىگىمۇ كىرەلمەيدۇ. لېكىن ئارقىدىن كېلىپ تاپىنىڭدىن چىشلەيدۇ. چىشلىگەندىمۇ ئۇنداق-مۇنداق چىشلىمەيدۇ، گەپنىڭ راستىنى ئېيتساق، يىتەرلىك ئادىمىمىزمۇ، قورال-ياراق، ئوق-دورىلىرىمىزمۇ يوق. مەن بولسام سىلەرنىڭ ئىختىيارىڭلاردىكى خىزمەتكار، ھەر قاچان خىزمىتىڭلارغا تەييارمەن.

    قۇۋ لەشكەر بېشى سۆزىنى تۈگەتتى.ھەر بىر توپ ئۆز ئارا بۇ توغرىدا گەپ باشلىدى. توپ باشلىقى  ئاتامانلار كېڭەش قىلىشتى. خەيرىياتكى، شۇ تاپتا مەسلەر ئاز ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ ياخشى مەسلىھەتكە قۇلاق سېلىشقا قارار قىلىشتى.

    بىر نەچچە كىشى دەرھال دېنپىرنىڭ ئۇ قېتىغا-قۇشۇننىڭ ئامبىرى ۋە خەزىنىسى جايلاشقان يەرگە كەتتى. ئۇ يەردە سۇنىڭ تېگىدە، قۇمۇشلۇق ئىچىدە پۈتۈن خەزىنە ۋە ئولجا ئېلىنغان قورال-ياراقلارنىڭ بىر قىسمى يوشۇرۇنغانىدى. بىر قىسىم ئادەملەر قېيىقلارنى تۈزىتىپ، سەپەر تەرەددۇتىغا كىرىشتى. بىر پەستە دەريا بويى ئادەمگە تولدى. بىر قانچە ياغاچچى ئۇستا ھەرە، پالتىلىرى بىلەن ھازىر بولۇشتى. گەۋدىلىك قاۋۇل يىگىتلەر، چېچى ئاقارغان مويسىپىتلار پۇشقاقلىرىنى ئېگىز تۈرۋېلىپ تىزىغىچە سۇ كېچىپ، يوغان ئارغامچىلار  بىلەن قېيىقالارنى قىرغاقتىن سۇغا تارتماقتا. بىر مۇنچە كىشى قۇرۇپ قالغان قارىغاي ۋە باشقا ھەر خىل ياغاچلارنى توشۇپ كەلتۈرمەكتە: بىر ياقتا قېيىقلارغا تاختا مىخلىسا، بىر ياقتا قېيىقلارنى دۈم كۆمتۈرۈپ، يوچۇقلىرىنى ئەتمەكتە ۋە قاراماي سۈركىمەكتە؛  بىر يەردە قېيىقلارنىڭ ئىككى يېنىغا قۇمۇش باغلىماقتا. دېڭىز دولقۇنى قېيىقلارنى چۆكتۈرۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا ئېگىز قىلىپ قۇمۇش باغلاش كازاكلاردىكى رەسىم-قائىد ئىدى. دەريانى بويلاپ قاتار ياسالغان ئوچاقلارغا مىس قازان ئېسلىپ قېيىقلارغا قۇيۇش ئۈچۈن موم ئېرىتىلمەكتە. ئەتراپتىكى تاقىر-تۇقۇر، شاۋقۇن-سۈرەنلەردىن دەريا بويى جانلىنىپ تەۋرەپ كەتكەنىدى.

    يوغان بىر كېمە قىرغاققا يېقىنلىشىپ كەلمەكتە. كېمىدىكى بىر توپ ئادەم يىراقتىن قوللىرىنى سىلكىمەكتە. بۇلار ئىت تالىۋەتكەندەك جۇل-جۇل كىيىملىك كازاكلار ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئۇچىدا كۆڭلەك-تامبال، ئېغىزلىرىدا كالتە غاڭزىدىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ قىياپىتى بىرەر پىشكەللىككە يولۇققانلىقىنى ياكى ھەممە كىيىم-كىچەكلىرىنى ھاراققا تېگىشىپ تۈگەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسدىن پاكارراق، كەڭ گەۋدىلىك، يېشى ئەللىككە يېقىنلاشقان بىر كازاك توپنىڭ ئالدىغان چىقتى. ئۇ باشقىلاردىن كۆپرەك ۋاقىراپ، ھەدەپ قولىنى سىلكىيتتى. ئەمما ئىشلەۋاتقانلارنىڭ تاقىر-تۇقۇر غەلۋىسىدىن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغىلى بولمايتتى.

       كېمە سۇ بويىغا كېلىپ توختىغاندا، لەشكەر بېشى ئۇلاردىن: «نېمە ئېلىپ كەلدىڭلار؟»-دەپ سورىدى. ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئىشلىرىنى توختىتىپ، ئۇلارنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى.

       پاكار بويلۇق كازاك كېمىدە تۇرۇپ:

    -بالا-قازا ئېلىپ كەلدۇق،- دەپ جاۋاپ بەردى.

    -قانداق بالا-قازا ؟

    -ھۆرمەتلىك بۇرادەرلەر، سىلەردىن رۇخسەت بولسا سۆزلەي،- دېدى پاكار كازاك.

    -سۆزلە!

    -يا بولمىسا، يۇرتنىڭ ھەممىسىنى توپلايمىزمۇ ؟

    -گەپ قىلىۋەر، ھەممىمىز  مۇشۇ يەردە!

       دەريا بويدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر يەرگە توپلاندى.

    -گىتمان يۇرتىدا بولۇۋاتقان ۋەقەلەردىن سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلار يوقمۇ؟

    -نىمە بوپتۇ؟-دېدى ئاقساقاللاردىن بىرى.

    -مانا قىزىق ئىش! ھېچ نەرسە ئاڭلىمىغان بولساڭلار، تاتارلار قۇلىقىڭلارغا پاختا تىقىپ قويغان ئوخشايدۇ.

    -چاپسانراق گەپ قىل، نىمە بولدى؟

    -شۇنداق ئىشلار بولدىكى، ئانىمىزدىن تۇغۇلغاندىن بۇيان بۇنداق ئىشلارنى كۆزىمىز كۆرگەن ئەمەس.

    -ئىتنىڭ بالىسى چاپسانراق گەپ قىلساڭچۇ! نىمە ئىش بولدى؟- دەپ توپنىڭ ئىچىدىن سەۋىر-تاقىتى قالمىغان بىرى ۋارقىرىدى.

    -شۇنداق ئىشلار بولدىكى، مۇقەددەس دىنىمىز قولىمىزدىن كەتتى، چېركاۋلاردىن ئايرىلدۇق.

    -قانداقسىگە؟

       جۇھۇتلار گۆرەگە ئېلىۋېلىشتى. جوھۇتقا جۈزىيە تۆلىمىسەك ئىبادىتىمىزنىمۇ قىلالمايمىز.

    -نىمە دەۋاتىسەن؟

    -ئەمدى ئىتتىن تۆرەلگەن جۇھۇت ھارام قولى بىلەن پاسخامىزغا تامغا بېسىپ بەرمىسە، ئۇنى چېركاۋغا ئېلىپ بېرىپ تەۋەرۈكمۇ قىلالمايدىكەنمىز

    -ھۆرمەتلىك بۇرادەرلەر، ئۇنىڭ ھەممە گېپى يالغان! تەۋەررۈك پاسخىغا جۇھۇت ئۆزىنىڭ ھارام قولى بىلەن تامغا بېسىشى ھېچ مۇمكىن ئەمەس،- دېدى بىرى.

    -قۇلاق سېلىڭلار! تېخى بۇنىڭدىنمۇ بەتەررەكىنى ئېيتىپ بېرىمەن؛ ئۇكرائىنىنىڭ ھەممە يېرىدە كىسېندزلار ھارۋىلارغا ئولتۇرۇپ، يۇرۇتمۇ يۇرت يۈرۈپتۇمىش. ھارۋىدا يۈرگەنلىرىمۇ مەيلىغۇ، ھارۋىغا ئات ئەمەس، بىزنىڭ دىنداشلىرىمىزنى قوشۇپتۇمىش. قۇلاق سېلىڭلار، يەنە ئېيتىپ بېرىمەن: جۇھۇت خۇتۇنلار پوپلىرىمىزنىڭ مۇبارەك پېرىجىلىرىنى كۆڭلەك قىلىپ كېيۋاپتۇمىش. ئاكا-ئۇكىلار، ئۇكرائىندا مانا شۇنداق گەپلەر بۇلۇۋېتىپتۇ. سىلەرنىڭ بولساڭلار بۇ يەردە-زاپوروژىيدا ئويۇن-كۈلكە بىلەن ئاۋارە. تاتارلار يۈرىكىڭلارنى مۇجۇۋەتكەن ئوخشايدۇ. قۇلىقىڭلار ئاڭلىماس. كۆزۈڭلار كۆرمەس بولۇپ قاپتۇ. دۇنيادا نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيسىلەر.

       مۇھىم ئىشلاردا قىلچە ھولۇقمايدىغان جىم ئولتۇرۇپ، پۈتۈن غەزەب-نەپرىتىنى بىر يەرگە جەملەپ، ئاندىن ھەرىكەت قىلىدىغان لەشكەر بېشى تېخىچە كۆزلىرىنى بىر يەرگە تىكىپ جىم ئولتۇراتتى. ئۇ ئەمدى بېشىنى كۆتۈرۈپ:

    -توختا، توختا! مەنمۇ بىر ئىككى ئېغىز سۆز قىلاي،-دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى،-سىلەر نېمە ئىش قىلدىڭلار ؟ ئاتاڭلارنى جىن ئۇرغان بولسا، سىلەر قاراپ تۇردۇڭلارمۇ؟ قولۇڭلاردا قورال يوقمىدى؟ شۇنداق خورلۇققا نېمە ئۈچۈن قاراپ تۇردۇڭلار؟

    -نېمە ئۈچۈن قاراپ تۇردۇڭلار، دېگىنىنى قارا ! لەخلەرنىڭ ئۆزى ئەللىك مېڭچە بار ئىدى. بىزدە ئەيىب يوق ئەمەس، يۇشۇرۇپ نىمە قىلىمىز. ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان ئىتلارمۇ بار ئىدى. بۇ بەتبەخلەر ئۇلارنىڭ دىنىغاكىرىپ كېتىشتى. شۇ ئەھۋالدا قولىمىزدىن نېمە كېلەتتى.

    -گىتمانىڭلار،پولكونېكلىرىڭلار نېمە قىلىشتى؟

    -پولكونىكلارنىڭ ھالىنى خۇداھېچكىمگە نېسىپ قىلمىسۇن.

    -ئۇلار نېمە بۇلۇشتى؟

    -گىتمان ۋارشاۋادا ئاللىقاچان مىس كاۋاپ بولدى. پولكوۋنىكنىڭ پۇت-قوللىرى بىلەن بېشىنى كېسىپ بازارلاردا خەلىققە سازايى قىلدۇرۇپتۇ. گىتمان بىلەن پولكوۋنىكنىڭ ھالى شۇ بولدى!

       پۈتۈن خەلق تەۋرەپ كەتتى. دەھشەتلىك قارا بوران چىقىش ئالدىدا ھاۋا بىر پەس جىم بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر پەس جىم تۇرۇشتى. كېيىن ھەر تەرەپتىن سادالار ياڭراپ، غەزەپ ئوتى چاقنىدى.

    جۇھۇتلار چېركاۋلىرىمىزنى گۆرەگە ئېلۋالدى، غەيرىي دىندىكىلەر پراۋوسلاۋىيە دىنىدىكىلەرنى ھارۋىلارغا قوشتى دىگەن قانداق گەپ؟ ! ياق، ياق ! بۇنى شۇنداق قويمايمىز، ئەسلا قويمايمىز!

    بۇنداق گەپلەر تەرەپ-تەرەپتىن كۆتۈرۈلدى. زاپوروژىيلىقلارغا غەزەب ئوتى تۇتاشتى .ئۇلار غەيرەتكە كېلىپ قوزغالدى. بۇ قوزغىلىش يېنىك مىجەزلىك خەلىقنىڭ قوزغىلىشى ئەمەس، بەلكى قوزغالمىقى قېيىن، ئەگەر بىر قوزغالسا توختىمايدىغان، بىر قىزىسا سوۋۇمايدىغان سالماق، ئېغىر-بېسىق كىشلەرنىڭ قوزغىلىشى ئىدى. توپ ئارىسىدىن بىرى:

    -جۇھۇتلارنىڭ ھەممىسىنى ئېسىش كېرەك. ئۇلار خۇتۇنلىرىغا مۇبارەك توندىن كۆڭلەك تىكمىسۇن، مۇبارەك پاسخىغا تامغىلىرىنى باسمىسۇن! بۇ بەتبەخت ئىتلارنىڭ بىرىنى قويماي دەرياغا تاشلاش كېرەك!- دېدى. بۇ سۆزلەر خۇددى چاقماقتەك تېزلىك بىلەن ھەممىگە تارقالدى. قوزغالغان كازاكلار جۇھۇتلارنى قىرغىن قىلماقچچى بۇلۇپ مەھەللىگە قاراپ دۈركۈرەپ مېڭىشتى.

    بىچارە يەھۇدى پەرزەنتلىرىنىڭ يۈرۈكلىرى قىنىدىن چىقىپ، ھاراقتىن بوشىغان بوچكىلارغا، ئوچاق ۋە مەشلەرگە مۆكۈشتى. بەزىلىرى خۇتۇنلىرىنىڭ كۆڭلەكلىرىنىڭ ئېتەكلىرىگىمۇ كىرۋېلىشتى. لېكىن كازاكلار ئۇلارنى قەيەردىن بولسۇن تېپىپ ئامان قويمىدى.

    تاياقتەك ئۇزۇنتۇرا بىر جۇھۇت قورققىنىدىن تاتىرىپ كەتكەن ھالدا:

    -رەھىم قىلىڭلار، جانابى ھۆرمەتلىكلەر! بىر ئېغىزلا سۆزىمىز بار، شۇنى ئېيتىشقا ئىمكان بەرمىگەيسىز. ھېلىغىچە قۇلقىڭىز ئاڭلىمىغان، قىممىتىنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بىر سۆز ئېيتىمىز!-دەپ ۋارقىرىدى.

    دائىم گۇناھكارلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇلبا:

    -بوپتۇ، گەپ قىلسۇن!- دېدى.

    -ئەي بەرىكەت تاپقۇر زاتلار! سىلەردەك ياخشىنى دۇنيا كۆرگىنى يوق. ئەزبىريى خۇدا، ئەسلا كۆرگەن ئەمەس. سىلەردەك ئالىي ھىممەتلىك مەردلەر جاھاندا يوق….- دېدى جۇھۇت. ئۇ قورۇپ لاغىلداپ تىترىگەنلىكىدىن دېمى ئىچىگە چۈشۈپ، ئاۋازى چىقماي قالدى. شۇ ھالدا يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- سىلەرگە بىرەر يامانلىق قىلىشنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىدۇق. ئۇكرائىندا گۆرەكەشلىك قىلغانلار بىز ئەمەس. ئۇلارنىڭ كىمىكىمۇ نامەلۇم. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە تۈكۈرۈش لازىم. مانا، باشقىلاردىنمۇ سوراڭ. گېپىم راست ئەمەسمۇ شليۇما؟ گەپ قىلغىنا، شمۇل!

    باشلىرىغا يىرتىق دوپپا كىيگەن، رەڭگىلىرى توپىدەك تاتىرىپ كەتكەن شليۇما بىلەن شمۇل ئادەملەر ئارسىدىن چىقىپ،” ئەزبىرايى خۇدا، راست “ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

    ئۇزۇنتۇرا جۇھۇت يەنە سۆزلەشكە باشلىدى:

    -بىز سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن ئەسلا ئاپاق-چاپاق بولغىنىمىز يوق. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەن كاتولىكلارنى ئەسلا يېنىمىزغا يولاتمايمىز. سىلەر بىلەن بىر تۇغقان ئاكا-ئۇكىدەك بىرى:

    -نېمە دېدىڭ؟ زاپوروژىيلىقلار سەنلەر بىلەن ئاكا-ئۇكىمۇ؟ لەنىتى جۇھۇتلارنى بىز بىلەن تەڭ دەپ ئويلىما! بۇرادەرلەر، بۇ بەتبەخلەرنىڭ ھەممىسىنى دەرياغا تاشلاش كېرەك!- دەپ ۋارقىرىدى.

    مۇشۇ سۆز بىلەن بىگۇناھ جۇھۇتلارنى تۇتۇپ دەرياغا تاشلاۋەردى. تۇشمۇ-تۇشتىن داد-پەرياد باشلاندى. جۇھۇتلارنىڭ پايپاق بىلەن كېپىش كىيگەن پۇتلىرى سۇ ئۈستىدە پۇلاڭلىغاندا، رەھىمىسىز كازاكلار ھە دەپ كۈلەتتى. جان قۇتۇلدۇرىمەن دەپ گەپ قىلىپ، بىر ئېغىز سۆز بىلەن بالاغا قالغان بىچارە جۇھۇتنى چاپىنىدىن تۇتۇپ تارتقانىدى، ئۇ چاپىنىنى تاشلاپ، بىرلا ئالا-بۇلا كەمزۇلى بىلەن قېچىپ، تاراس بۇلبىنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە قاقشاپ يېلىنىپ يالۋۇردى:

    -رەھىم قىلىڭ، ئىگەم، ئۇلۇغ خوجام رەھمەتلىك ئاكىڭىز دورروشانىمۇ بىلەتتىم. ئۇ كىشى ھەممە شىر يۈرەك پالۋانلارنىڭ سەلتەنەتلىك سۇلتانى ئىدى. تۈركلەرگە ئەسىر چۈشۈپ قالغاندا، ئاجىرتىۋېلىش ئۈچۈن سەككىز يۈز سوم ئالتۇن پۇل بەرگەنىدىم.

    -ئاكامنى بىلەتتىڭمۇ؟-دەپ سورىدى تاراس.

    -خۇدا ھەققى، بىلەتتىم. كۆپ ھىممەتلىك، سېخى ئادەم ئىدى.

    -ئېتىڭ نىمە؟

    -يانكېل.

    -ماقۇل،- دېدى تاراس . بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن كازاكلارغا قاراپ :- بۇ جۇھۇتنى قاچاندا بولسۇن ئېسىۋېرىمىز. بۈگۈنچە ئۇنى ماڭا بېرىپ تۇرۇڭلار،- دېدى.

    تاراس جۇھۇتنى ئۆز كازاكلىرى بىلەن ھارۋىلىرى تۇرغان جايغا ئېلىپ كەتتى . جۇھۇتقا:

    سەن ھارۋىنىڭ تېگىگە كىرىپ قىمرلىماي يات،- دېدى -دە، بالىلارغا بۇ جوھۇتنى قاچۇرۇپ قويماڭلار،- دەپ تاپىلىدى.

    تاراس شۇنىڭدىن كېيىن مەيدانغا قاراپ كەتتى. شۇ تاپتا ھەممە ئادەم شۇ يەرگە يېغىلىشقا باشلىغانىدى. بىر پەستە دەريا بويى ۋە قېيىقلارنىڭ يېنىدا بىرمۇ ئادەم قالمىدى. چۈنكى ئەمدى سەپەر يولى سۇدىن ئەمەس، قۇرۇقلۇقتىن بولىدىغان بولدى؛ كېمە ۋە قېيىقلار ئەمەس، بەلكى ئات،  ھارۋا كېرەك بۇلۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ياش-قېرى ھەممىسى سەپەرگە ئاتلاندى. پۈتۈن ئاقساقال، لەشكەر بېشى ۋە ئەللىك بېشىلەرنىڭ مەسلىھىتى ۋە بارلىق زاپوروژىيە لەشكەرلىرىنىڭ قىلغان يامانلىقلىرى، دىننغا ۋە كازاكلارنىڭ شەنىگە كەلتۈرگەن  ھاقارەت ۋە خورلۇقلىرى ئۈچۈن ئۇلاردىن ئۆز ئېلىشقا، شەھەرلەرنى تالان-تاراج قىلىپ، يېزىلارغا، ئاشلىقلارغا ئوت قۇيۇشقا ۋە پۈتۈن سەھرانى كۆككە سورۇپ ئۆزلىرىنى بىر تۇنۇتۇپ قۇيۇشقا قارار قىلىشتى. ھەممەيلەن ئاتلىنىپ، قورال-ياراقلارنى ئېسىشقا باشلىدى. لەشكەر بېشىنىڭ ئابرويى ئۆسۈپ، بېشى كۆككە يەتتى. ئۇ ئەمدى خەلق نىمە دىسە شۇنى قىلۋېرىدىغان ئاجىز بىر كىشى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىختىيارنى ئۆز قولىدا تۇتقان پادىشاھ، پەقەت بۇيرۇق قىلىشنىلا بىلىدىغان مۇستەبىت ئەمىر ئىدى. ياشباشىتاق، بىلەرمەن پالۋانلارنىڭ ھەممىسى باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ سەپ تارتىپ تۇراتتى. لەشكەر بېشىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تەزىم بىلەن ئاڭلايتتى، لەشكەر بېشى كۆپنى كۆرگەن ۋە كۆپ قېتىم باتۇرلۇق كۆرسەتكەن ئەقىل-پاراسەتلىك بىر كازاكتەك سالماقلىق بىلەن ئاستا بۇيرۇقلار قىلاتتى:

    -ھەممە نەرسەڭلەرگە ياخشىلاپ قاراپ چىقىڭلار ! ھارۋىلارنى، تۈزىۋېلىڭلار. مىلتىقلىرىڭلارنى ئوبدان تازلىۋېلىڭلار، كىيىم-كىچەكنى كۆپ ئالماڭلار، ئادەم بېشىغا بىردىن كۆڭلەك، ئىككىدىن شىم، بىر تۇلۇمدىن تېرىق، تالقان ئېلۋالساڭلار بولدى. ھېچقايسىڭلار بۇنىڭدىن ئارتۇق يۈك ئالماڭلار. ئۇنىڭدىن باشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى يەنە ھارۋاڭلارغا سېلۋالىمىز. ھەر كازاكتا ئىككىدىن ئات بولسۇن. ئىككى يۈز جۈپ ئۆكۈزمۇ ئېلىۋېلىش كېرەك. چۈنكى پاتقاق جايلاردىن، سۇدىن ئۆتىدىغان چاغدا ئۆكۈز كېرەك بولىدۇ. بۇرادەرلەر، ھەممىدىن مۇھىمى، تەرتىپ، ئاراڭلاردا شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، بىرەر ئولجىغا ئۇچراپ قالغۇدەك بولسا، جۇڭگونىڭ قىممەت باھالىق تاۋار-دۇردۇنلىرىنى، بەرقات، دۇخاۋىلارنىڭ دەرھال پايتىما قىلىپ ئورىۋالىدۇ. بۇنداق قىلىقلارنى تاشلاڭلار . ھەر خىل كۆڭلەك-تامبال، لاتا-پۇتىلارنى ئالماڭلار. پەقەت ياخشى قۇرال-ياراق ئۇچراپ قالسا ئېلىڭلار. يەنە ئالتۇن-كۈمۈش ئۇچرىسا ئېلىڭلار. چۈنكى بۇ نەرسىلەر يىغىنچاق بولىدۇ ۋە ھەر قاچان ئەسقاتىدۇ . ئاكا-ئۇكىلار، يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ قويايكى، سەپەر ئۈستىدە ئىچىپ مەست بولغان ئادەمنى كەچۈرمەيمەن. بۇنداق نامۇناسىپ ئىشنى قىلغان ئادەم ئاتاقلىق قەھرىمانلىرىمىزدىن بولسىمۇ، بوينىدىن ھارۋىنىڭ كەينىگە ئىتتەك باغلاپ قويىمەن، ياكى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا ئېتىپ تاشلايمەن. ئۆلۈكىمۇ كۆمۈلمەستىن قاغا -قۇزغۇنلارغا يەم بۇلىدۇ. چۈنكى سەپەر ئۈستىدە ھاراق ئىچىپ مەست بولغان ئادەمگە دىنىمىز جىنازا بۇيرمايدۇ.

    ياشلار، سىلەر ئىشتا قېرىلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەگەر ئوق ياكى قىلىچ تېگىپ بىرەر يېرىڭلار يارلانسا، ئەندىشە قىلماستىن، دەرھال بىر چىمدىم مىلتىق دورىسىنى بىر چىنە ھاراققا سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىۋېتىڭلار، شىپا تاپىسىلەر، قىزىتىمىمۇ بولمىسا، بىر چىمدىم توپىنى ئالقىنىڭلار غا ئېلىپ تۈكۈرۈك بىلەن ھۆللەپ يارىغا سۈركەڭلار، شۇنىڭ بىلەن يار قېتىپ قالدۇ، قېنى، ئەزىمەتلەر، ئىشنى باشلاڭلار! ھولۇقماستىن پۇختا ئىش قىلىڭلار!

    لەشكەر بېشىنىڭ گېپى تۈگىدى. ھەمممەيلەن دەرھال ئىشقا كىرىشىپ كەتتى. سېچ باشتىن-ئاياق ھوشيار ھالەتكە كۆچتى. كازاكلار ئارىسىدا ئەزەلدىن مەستىلىك دىگەن نەرسە بۇلۇپ باقمىغاندەك، شۇ تاپتا بىرمۇ مەست ئادەم تېپىلمايتتى. بىر-ئىككىسى ھارۋا چاقلىرىنى تۈزىتىپ، ھارۋىغا يېڭى ئوق سالماقتا. بەزىلىرى ھارۋىلارغا تاغارلاپ بۇغداي باسماقتا. قورال-ياراقلار توشۇماقتا ۋە بەزىلىرى ئات ۋە ئۆكۈزلەرنى ھەيدەپ كەلمەكتە. ھەر تەرەپتىن ئاتلار قۇيىقىنىڭ ئاۋازى، سىناش ئۈچۈن ئېتىلغان مىلتىق تاۋۇشلىرى، قىلىچ، قالقانلارنىڭ شاراق-شۇرۇقى، مال ۋارانلارنىڭ مەرەشلىرى، ھارۋىلارنىڭ غىچىرلاشلىرى ۋە باشقا شاۋقۇن-سۈرەنلەر پۈتۈن دالىنى قاپلىدى. مۇبادا ئۇزۇن سۇزۇلغان بۇ كارۋاننىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغىچە يۈگۈرۈپ بېرىشقا توغرا كەلسە، خېلى كۆپ يول مېڭىش لازىم بولاتتى. بۇلار كىچىككىنە چېركاۋدا ئىبادەت قىلىشتى. پوپ ھەممەيلەنگە مۇبارەك سۇدىن سەپتى ۋە ئۇلار قاتار تىزىلىپ بۇتنى سۆيۈپ چىقىشتى. كارۋان ھەرىكەتكە كېلىپ سېچتىن يولغاچىققانلىرىدا، زاپوروژىيىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئارقىلىرىغا بۇرۇلۇپ قاراشتى. “ خەير-خوش، ئانا ! خۇدا سېنى بالا قازادىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن! “ دەپ خوشلىشىشتى.

    قۇشۇن مەھەللىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا تارس بۇلبا ئۆزىنىڭ جۇھۇتى يانكېلنىڭ كەپە قۇرۇپ، چاقماق دورىسى، پايتىما، توقاچ نان ۋە باشقا يولغا كېرەكلىك ھەر خىل نەرسىلەرنى سېتۋاتقانلىقىنى كۆردى. تاراس ھەيران بۇلۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا ئاتلىق كەلدى.

    -ھوي تەنتەك، بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن ؟ قۇشقاچنى ئاتقاندەك ئېتىپ تاشلىسۇن دەمسەن؟- دېدى.

    يانكېل تاراسقا يېقىنراق كەلدى ۋە خۇددى بىر سىرنى ئېيتماقچى بولغاندەك ئىككى قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ:

    -خوجايىن، ھېچكىمگە ئېيتماڭ. كازاكلار ھارۋىسى  ئىچىدە ماڭا قاراشلىق بىر ھارۋا بار، ئۇنىڭغا كازاكلارغا كېرەكلىك ھەر خىل نەرسىلەرنى باسقانمەن. يولدىن يەنە ئوزۇق تۈلۈك تېپىپ، باشقا جۇھوتلاردىن ئەرزەن باھادا ساتىمەن. ئەزبىرايى خۇدا، راست گەپ!-دېدى.

    تاراس بۇلبا بۇ جوھۇتنىڭ بۇنداق ئەپچىللىكىگە ھەيران بولغان ھالدا دولىسىنى چىقىرىپ قويدى. ئاندىن ئۆز كارۋىنى تەرەپكە قاراپ كەتتى.

      

    5

     

    كۆپ ئۆتمەي پولىشىنىڭ غەربىي جەنۇپ قىسىمى بىر تۇتاش ۋەھىمە ئىچىدە قالدى ھەممە يەرگە : «زاپوروژىيىلىقلار قوزغىلىپتۇ، كېلىۋاتقۇدەكمىش»دېگەن گەپ-سۆزلەر تارقالدى. ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا چامى يەتكەن كىشىلەر قېچىپ كەتتى. قورغان سېلىشىنى ئويلىمىغان تاتارلارنىڭ ھەر قاچان كېلىپ ھەممە ياقنى خاراپ قىلىپ كېتىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، تۇراقلىق ئۆي سالماي، ۋاقىتلىق كەپە سېلىپ ياشىغان ئادەملەر ھەر تەرەپكە تارقىلىشتى، ھەممە ئادەم ۋەھىمىگە چۈشۈپ توپىلاڭ باشلاندى: بىر مۇنچىلىرى ئۆكۈرلىرىنى ئات ۋە مىلتىققا تېگىشىپ سەرۋاز بۇلۇپ كېتىشتى، بىر مۇنچىلىرى ئېلىپ كېتىشكە مۇمكىن بولغان سەرەمجانلىرىنى ئېلىپ، چارۋا ماللىرىنى ھەيدەپ قېچىشتى، بەزىلىرى قوراللىنىپ، چوڭ يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ ئالدىنى توستى. چۈنكى شۇ چاغلاردا زاپوروژىيە ئەسكەرلىرىنىڭ داڭقى ھەممە جايغا تارالغانىدى. قارىماققا تەشكىلى بوش ۋە تەرتىپسىزدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن شۇ زامانغا لايىق ئۇرۇش قىلىش تۈزۈمىگە ئىگە بۇ جەڭگىۋار قۇشۇنغا تەڭ كەلگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەممە بىلەتتى.

       ئاتلىقلار يۈكلىرىنى ئېغىرلاشتۇرماي ۋە ئاتلىرىنى قىينىماي يول باساتتى. پىيادىلەر ئىچىملىك ئىچىپ مەست بۇلۇشنى ئۇنتۇغان ھالدا قۇشۇن ئارقىسىدىن كېتىپ باراتتى. پۈتۈن قۇشۇن كېچىسى يول يۈرۈپ، كۈندۈزى دەم ئالاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن سەھرالاردىن ۋە قەدەمدە بىر ئۇچىرايدىغاغن  دەرەخلىكلەردىن نېرىراق، خىلۋەت جايلارنى ئىزلەيتتى. قۇشۇننىڭ ئالدىدا كۆز-قۇلاق بۇلۇپ خەۋەرچىلەر ماڭاتتى. ئۇلار يولنىڭ تىنچ ياكى تىنچسىزلىقىدىن خەۋەر بېرىپ تۇراتتى. كۆپ ھاللاردا بۇلار كۈتۈلمىگەن جايلاردىن چىقىپ، بار-يوقنى ۋەيران قىلىپ، كىشىلەرنى قىرىپ تاشلايتتى. ئەسكەرلەر ئۆزلىرى ھەيدەپ كېتەلمىگەن چارۋا ماللارنى شۇ يەردىلا سوياتتى. ئۇلار ئۇرۇش قىلىشتىن كۆرە، كۆپرەك ئەيش-ئىشرەت، كەيىپ-ساپا بىلەن ئارۋارە بۇلۇۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ ئالتوپىلاڭچىلار زامانىدا  زاپوروژىيىلىقلارنىڭ قىلغان ۋەھشىلىكىلىرى ھازىرقى ئادەملەرنىڭ قۇيقا چېچىنى تىك تۇرغۇزاتتى. قىرغىن قىلنغان گۆدەكلەر، ئەمچەكلىرى كېسىلگەن خۇتۇنلار، تېرىسىنى تىزىغىچە شىلىپ قۇيۋەتكەن ئادەملەر، قىسقىسى مۇشۇنداق دەھشەتلەر كۆپ بۇلاتتى.

    بىر مۇناستىرنىڭ باش مۇناخى كازاكلارنىڭ يېقىنلىشىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، مۇناخلاردىن ئىككى كىشىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا دالاۋەت قىلماقچى بولدى: ھۆكۈمەت بىلەن زاپوروژىيلىقلار ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق كېلىشمەسلىكنىڭ يوقلۇقىنى، پادىشاھ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماي باش تارتسا، قانۇن ۋە قائىدىلەرنى بۇزغان ئاسىيلار جۈملىدىن بولىدىغانلىقلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى پەيلىدىن يېنىشقا دەۋەت قىلماقچى بولدى.

    كازاكلارنىڭ لەشكەر بېشى ئەلچىلەرگە شۇنداق دېدى:

    باشلىقىڭغا مەندىن ۋە بارلىق كازاكلار نامىدىن ئېيتقىنكى، ھېچ قورقمىسۇن. كازاكلار پەقەت چىلىم چېكىش ئۈچۈنلا ئوت ياقتى، خالاس!

    ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، ھەشەمەتلىك مۇناستىرغا ئوت كەتتى. ئۇنىڭ ئاجايىپ چىرايلىق گۈللۈك، ئېگىز دېرىزىلىرى ئوت ئىچىدە قالدى. ھەر تەرەپكە پىتىراپ قاچقان مۇناخلار جۇھۇتلار، خۇتۇن-قىزلار، بىر قىسىم ئەرلەر ئازىراق ئەسكىرىي كۈچى بىلەن ئۆزىنى قوغدىيالىغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە شەھەرلەرگە كېلىپ تىقلىدى. ھۆكۈمەتنىڭ پۇرسەت قولدىن كەتكەندىن كېيىن گاھى-گاھىدا  ئەۋەتكەن توپ-توپ ئەسكەرلىرى كازاكلارنى تاپالماي ياكى ئۇلارغا دۇچ كېلىپ قالسا، قورقۇپ ئاتلىرىنى قامچىلاپ قايتىپ كېلەتتى. بەزىدە ئىلگىلىرىكى جەڭلەردە غەلبە قىلغان لەشكەر باشلىقلىرىدىن بىر نەچچىسى بىرلىشىپ، زاپوروژىيلىقىلارغا قارشى چىقاتتى. بۇلاڭ-تالاڭچىلىقنى نىيەت قىلمىغغان، دۈشمەننىڭ كۈچسىز قىسمى بىلەن ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك قىسمىنى پايلاپ يۈرگەن، قېرىلار ئالدىدا ئۆزلىرىنى كۆرستىش ئارزۇسى يۈرىكىدە يانغان، ئارغىماق ئاتلارغا مىنىپ، شىنېللىرى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان كۆرەڭ پولەكلەر قەيسەر،- ياش كازاكلار بىلەن تۇتۇشۇپ قالاتتى. بۇ كازاكلارمۇ باتۇرلۇق كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەچكە، مۇنداق ئېلىشىشتا ئۆزلىرىنى سىناپ كۆرەتتى. ياش كازاكلار ھەر قانچە قىيىن ئەھۋالدىمۇ بوشاشماي ۋە ياكى بويسۇنماي، ئاخىرى يېڭىپ چىقاتتى. ئۇلار بۇ جەڭدە نۇرغۇن قىممەت باھالىق قىلىچ، مىلتىق ۋە ئىگەر-جابدۇقلارنى ئولجا ئالاتتى. ئۇلار يېقىندىلا قانات چىقىرىپ ئۇچۇرما بولغان قۇشلاردەك، بىر ئاي ئىچىدە چېنىقىپ ۋايىغا يېتەتتى. ئۇلارنىڭ يىگىتىلىككە خاس يۇمرانلىق ئەكس ئېتىپ تۇرغان يۈزلىرىدە ئەمدى سالاپەت، كۈچ-قۇۋۋەت ۋە دەھشەت نامايەن ئىدى. قېرى تاراس بولسا، ئىككى ئوغلىنىڭمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن يىگىتلەردىن بۇلۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ زوقلىناتتى. ئوستاپ ئۆزىنى دۇنياغا پەقەت جانبازلىق قىلىش، ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش  ئۈچۈنلا  كەلگەندەكلا ھېس قىلاتتى. ئۇ ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ھودۇقۇپ قالماي، يىگىرمە ئىككى ياشلىق يىگىتنىڭ تەبىئىتىدە بولمايدىغان باتۇرلۇق ۋە تەمكىنلىك بىلەن ھەر قانداق خەۋپپ-خەتەرنى بىر ياقلىق قىلاتتى. خەۋپ-خەتەر ئىچىدىن قېچىپ ئەمەس، چارە تېپىپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇراتتى. ئاندىن ئۇنى يېڭىش ئۈچۈن ئېلىشاتتى. ھەر بىر ھەركىتىدە باتۇرلۇق، مەردلىك چىقىپ تۇراتتى.

    قېرى تاراس بەزىدە ئوستاپقا زوقلىنىپ قاراپ: “ ۋاقتى كەلگەندە ئاجايىپ بىر لەشكەر بېشى بۇلىدۇ، ئەزبىرايى خۇدا، بۇ شۇنداق پالۋان بولىدۇكى، مەندەك ئاتىسىنىمۇ يولدا قالدۇرۇپ قويىدۇ “ دەيتتى.

    ئاندىرىي ئوق ۋە قىلىچلارنىڭ ئاۋازىغا مەپتۇن بۇلۇپ قالدى. ئويلاش،مۇلاھىزە قىلىش، ئۆلچەپ بىر ئىش قىلىشنى بىلمەيتتى. جەڭنى بىر دەھشەتلىك ھۇزۇر ۋە لەززەت دەپ بىلەتتى، كىشىلەرنىڭ كۆزلىرى قىزارغان، تەلۋىلەنگەن، باشلار گۈرسۈلدەپ يىقىلۋاتقان ئوقلار يېغىۋاتقان، قىلىچلار باش ئۈستىدە ئويناۋاتقان چاغلاردىمۇ، بۇلارغا پەرۋا قىلماي ھەر تەرەپكە ئات چاپاتتى، ئوڭ-سولغا قىلىچ ئۇرۇپ زەربە بېرەتتى، باشقىلاردىن يىگەن زەربىسىنى سەزمەي، ئۆزىنى خۇددى بەزمە ئىچىدە مەست بۇلۇپ يۈرگەندەك بىلەتتى. ئاندىرىينىڭ بۇنداق قەيسەرلىكى كۆپ جەڭلەرنى كۆرۈپ چېنىققان قېرىلارنىمۇ ھەيران قالدۇردى. ئاتىسى تارسنىڭمۇ زوقى كېلىپ “ بۇمۇ ھەر قانداق دۈشمەنگە بوش كەلمەيدىغان باتۇرلاردىن بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەيتتى.

       قۇشۇن توپتوغرا دۇنبۇ شەھىرىگە يۈرۈش قىلشقا قارار قىلدى. مىش-مىش گەپلەرگە قارىغاندام بۇ شەھەردە مال-مۈلۈك، خەزىنە ۋە بايلارمۇ كۆپ ئوخشايدۇ. زاپوروژىيلىقلار بىر يېرىم كۈن يول يۈرۈپ شەھەرگە يېتىپ كەلدى. شەھەر خەلقى بار كۈچى بىلەن ئۆزىنى قوغداشقا، دۈشمەننى ئۆيلىرىگە ئاياغ باستۇرماي، كوچىلاردا، ئۆز دەرۋازىلىرىنىڭ بوسۇغىسىدا جان بېرىشكە قارار قىلىشتى. شەھەرنى ئايلاندۇرۇپ ئېگىز سوقما تام قوپتۇرۇلغان، تامنىڭ پەس يەرلىرىگە تاش تىزىلغان ۋە زەمبىرەك ئۆيلىرى ياسىلىپ، زەمبىرەكلەر قۇيۇلغانىدى. بەزى جايلىرىغا قىيىن ياغىچىدىن ياسالغان ئۇزۇن قۇزۇقلار قاتار قېقىلغانىدى. شەھەرنى قوغداۋاتقان ئەسكەرلەر خېلىلا كۈچلۈك ئىدى ۋە ئۇلار ئۆز زىمىمىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنەتتى. زاپوروژىيىلىقلار شەھەرگە كېلىپلا تامغا ياماشماقچى بولدى. لېكىن شەھەر ئەسكەرلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە زەمبىرەك ئوقى  ياغدۇردى. شەھەردىكى سودىگەرلەر ۋە پۇقىرالارمۇ قاراپ تۇرماستىن توپ-توپ بۇلۇپ سېپىل تۈۋىگە كېلىشتى. خۇتۇنلارمۇ بۇ جەڭگە قاتناشتى. ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن دۈشمەنگە قارشىلىق كۆرستىشكە قاتتىق بەل باغلىغانلىقى ئايان ئىدى.  سېپىل ئۈستىدىن تاش-كېسەكلەر، تۆمۈر-تەسەكلەر، كوزا-تەشتەكلەر، قاينىتىلغان موم ۋە قاپ-قاپ  قۇملار كازاكلارنىڭ بېشىغا يېغىشقا باشلىدى. قۇم ئۇلارنى قامال قىلىپ يېتىشنى ياقتۇرمايتتى. لەشكەر بېشى چېكىنىشكە بۇيرۇق بېرىپ:

    -بۇرادەرلەر، رەنجىمەڭلەر، ھازىر چېكىنىمىز. لېكىن ئۇلاردىن بىرەرىنى شەھەردىن تاشقىرىغا چىقىرىۋەتسەك، مەن خرىستىيئان بولماي كېتەي ! كاپىرلار قاتارىدا ئۆلەي ! ئۇلار ھەممىسى ئاچلىقتىن ئىتتەك ئۆلۈپ تۈگىسۇن!-دېدى.

       كازاكلار كەينىگە چېكىنىپ، شەھەرنى قورشىۋالدى. بىكارچىلىقتىن زېرىكىپ، ئۆپچۆرىدىكى يېزىلارنى تالان-تاراج قىلىشقا، خامانلارغا ئوت قۇيۇشقا، ئورغاق تەگمىگەن بۇغدايلارنى ماللارغا دەسسىتىپ چەيلەشكە كىرىشتى. يەلپۈنۈپ تۇرغان بۇغدايلارغا ئاتلارنى قۇيۇۋېتىشتى. شەھەردىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ھېسابلىنىدىغان شۇنچە نۇرغۇن ئاشلىقنىڭ خاراب بۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئەندىشىگە چۈشۈپ قالدى. شۇ ئارىدا زاپوروژىيىلىقلار ھەممە ھارۋىلىرىنى شەھەر ئەتراپىغا ئىككى قاتار قىلىپ تىزىپ قورغان ياسىدى. بۇ يەردىمۇ ئۆز يۇرتىدىكىدەك توپ-توپ چېدىرلارنى تىكىۋېلشتى. ئاندىن چىلىم چېكىش، ئولجا ئالغان قورال-ياراقلىرىنى تېگىشىش ۋە قىمار ئويناش بىلەن مەشغۇل بۇلۇشتى. شەھەرگە چېچ پەرۋا قىلىشمىدى. كېچىلىرى گۈلخانلار ياقتى. تۈن بويى كۆيۈپ تۇرغان ئوت ئالدىدا قاراۋۇللار ئۇخلىماستىن تاڭ ئاتقۇزاتتى.

       ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي بىكارچىلىق ئۇلارنى زېرىكتۈردى. ئىچىملىكنى سېغىندى. لەشكەر بېشى ئەسكەرلەرگە بېرىدىغغان ۋېنو ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇلسۇن دەپ بۇيرۇق بەردى . قىيىن سەپەر ۋە خەۋپ-خەتەر بولمىغان ۋاقىتلاردا بەزىدە ئىچىملىككە رۇخسەت بېرىلەتتى. بۇ تۇرمۇش ياشلارغا، خۇسۇسەن تاراسنىڭ ئوغوللىرىغا ھېچ ياقمىدى. ئاندرېي ناھايىتى زېرىكىپ كەتتى. تارا ئۇنىڭغا:

    -سەۋىر قىلساڭ ئاتامان بولىسەن، دېگەن قېرىلار. مۈشكۈل ئىش باشقا چۈشكەندە ئەس-ھۇشىنى يوقاتقان باتۇرلارنى باتۇر دېگىلى بولمايدۇ. بىكارچىلىققىمۇ چىدىغان، كىشىلەرنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي، ئۆز مەقسىتى يولىدا مەھكەم بەل باغلىغان ئادەم ھەقىقىي باتۇر،-دېدى. لېكىن تەنتەك يىگىت بىلەن قېرى ئادەمنىڭ ئىتتىپاق بولالىشى ناتايىن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسىدە ئىككى خىل مىجەز، ھەر ئىشقا ئىككى خىل قاراش بار ئىدى.

       تاراسنىڭ توۋكاچقا تاپشۇرۇپ كەلگەن پولكىمۇ يېتىپ كەلدى. توۋكاچ بىلەن بىللە ئىككى ياساۋۇل كاتىب، يەنە بىر نەچچە پولك ئەمەلدارلىرىمۇ كەلدى. بۇ يەرگە تۆت مىڭدىن ئارتۇق كازاك جەم بولدى. ياساۋۇللار تارسنىڭ ئوغوللىرىغا قېرى ئانىسىدن دۇئايى سالام ۋە ئىككى دانە ياغاچ بۇت ئالغاچ كەلگەنىدى. ئىككى ئوغول مۇبارەك بۇتلارنى بىر-بىردىن بۇيۇنلىرىغا ئېسۋېلىشتى ۋە ئىختىيارسىز ھالدا قېرى ئانىلىرىنى ئەسلەشتى. كەمپىرنىڭ بۇ سوغىسى ئۇلارغا نېمىدىن دېرەك بېرەتتى؟ دۈشمەننى يېڭىپ، كۆپ ئولجىلار بىلەن تىنچ-ئامان، خۇشال-خۇرام ھالدا، داستان بولغۇددەك شانۇ شەۋكەت، ئىززەت-ھۈرمەتلەر بىلەن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلىشتىنمۇ ؟ ياكى … لېكىن كەلگۈسى روشەن ئەمەس ئىدى. كەلگۈسى قۇمۇشلۇق جاڭگالدىن كۆتۈرۈلگەن تۇماندەك قاراڭغۇ كۆرۈنەتتى.  بۇ تۇماندا قۇشلار بىر-بىرىنى كۆرەلمەي، چىرىلدىشىپ ھەر تەرەپكە ئۇچىدۇ. كەپتەر قارچىغىنى، قارچىغا كەپتەرنى كۆرمەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ……

       ئوستاپ توپنىڭ ئىچىدە ئۆز ئىشى بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئاندىرېينىڭ بولسا يۈرىكى سىقىلاتتى. نېمە ئۈچۈن سىقىلىدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. كازاكلار كەچلىك ئويۇن-كۈلكىلىرىنى ئويناپ بولغاندا قاراڭغۇ چۈشكەنىدى. ئەتراپنى ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاجايىپ خۇش ھاۋاسى ئورىۋالغانىدى. ئاندىرېي ئۆز چېدىرىغا بارمىدى ۋە ئۇخلىمىدى. ئۇ كۆز ئالدىدىكى گۈزەل مەنزىرىنىڭ پەيزىنى سۈرمەكتە. ئاسماندا سان-ساناقسىز يۇلتۇزلار چاقنىماقتا. ئەتراپ خېلى يەرگىچە سۇزۇلغان ھارۋىلار بىلەن تۇسۇلغانىدى. بۇ ھارۋىلارنىڭ ئارقىسىدا سايۋەنلىرى بۇلۇپ، بۇلارغا دۈشمەندىن ئولجا ئېلىنغان ھەر خىل يۈكلەر ۋە ئوزۇق-تۈلۈكلەر بېسىلغانىدى. ھەر بىر كازاكنىڭ يېنىدا قىلىچ، مىس قاپلانغان كالتەتك غاڭزا، تۆمۈر چاقماق بار ئىدى. چوڭ-چوڭ بەقۇۋۋەت ئۆكۈزلەر پۇتلىرىنى ئاستىغا بېسىپ گۈمبەزدەك ياتاتتى. گۈلخانلار ئەتراپىدا ئۇيقۇغا پاتقان ئەسكەرلەرنىڭ خورەكلىرى ئاڭلىناتتى. ئۇلارنىڭ خورەكلىرىنى ئاڭلىغان ئاتلار پۇتلىرىدىكى چۈشەكلىرىدىن ئاچچىقلىنىپ كىشەپ جاۋاپ قايتۇراتتى. شۇ چاغدا ھەيۋەتلىك ئوت يالقۇنى ئاستا ئاسمانغا كۆتۈرلۈپ، تۈن پەردىسىنى خىرە يورۇتتى. بىر ياقتا تېز كۆيىدىغان بىر نەرسىگە  ئوت تۇتىشىپ، بىردىنلا گۈرۈلدەپ، كۆككە كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرىن ھەر تەرەپكە ئۇچماقتا. كۆيۈپ چۇچۇلا بۇلۇۋاتقان مۇناستىر ئوتنىڭ شولىسىدا يۈزىگە قارا چۈمبەل تارتقان مۇناختەك كۆرۈنۈپ قالاتتى. بىر تەرەپتە مۇناستىرنىڭ بېغى كۆيمەكتە. ئوت يالقۇنى يۇقىرى ئۆرلىگەندە پىشقان قارا ئۈرۈكلەر قىزىل چوغدەك كۆرۈنەتتى. ئۇ يەر-بۇ يەردە سارغىيىپ پىشقان ئامۇتلارنى ئالتۇندەك چاقنىتاتتى. تاملارغا ۋە دەرەخ شاخلىرىغا ئېسىلغان، ئۆيلەردە كۆيۈپ ھالاك بولغان بىچارە جۇھۇت ۋە شورلۇق مۇناخلارنىڭ ئۆلۈكلىرى قارىيىپ كۆرۈنەتتى. قامالدىكى شەھەر ئوت ئىچىدە ئۇخلاۋاتقاندەك يانغىن شولىسىدا تاۋلىناتتى.

       ئاندىرېي كازاكلار ئارسىنى ئارلاپ چىقتى. قاراۋۇللارنىڭ گۈلخانلىرى ئۆچەي دەپ قالغان، ئۇلار ئۆزلىرىمۇ قورساقلىرىنى ئوبدان تويغۇزۇپ ئۇخلاپ كەتكەنىدى. ئاندرېي بۇ بىپەرۋالىقنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. “ ھېلىمۇ يېقىن ئارىدا كۈچلۈك دۈشمەن يوق …” دېگەن پىكىر ئۇنىڭ كۆڭلىدىن كەچتى. ئاخىرى ئۇمۇ بىر ھارۋىغا چىقىپ، قولىنى بېشىغا قۇيۇپپ ئوڭدىسىغا ياتتى . ئەمما ھېچ ئۇيقۇسى كەلمىدى. خېلىغىچە ئاسمانغا قاراپ خىيال سۈرۈپ ياتتى . ھاۋا ئوچۇق ۋە تىپتىنىچ ئىدى. ئاسمانغا بەلباغدەك تارتىلغان “ سامان يولى “ ئاقىرىپ كۆرۈنەتتى. ئۇ ھوشىدىن كېتىۋاتقاندەك كۆزلىرىنى چىمىرلىتىپ مۈگىدەيتتى.  بىر پەستىن كېيىن كۆزلىرىدىن ئۇيقۇ پەردىلىرى كۆتۈرلۈپ، ھاۋا ئېچىلىپ كەتكەندەك بولاتتى. شۇ ئارىدا ئالىقانداق بىر ئادەمنىڭ قارىسى لىپ ئېتىپ كۆز ئالدىدىن ئۆتكەندەك بولىدى. ئاندرېي “ ئۇيقۇلۇقتا شۇنداق كۆرۈنۈۋاتقاندۇ..” دېگەن ئوي بىلەن كۆزلىرىنى يوغان ئاچقانىدى، ھېرىپ كەتكەن ئەرۋاھقا ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا ئېڭىشىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. چۇۋۇلۇپ كەتكەن قاپقارا ئۇزۇن چاچلىرى بېشىدىكى ياغلىقتىن چىقىپ تۇراتتى . كۆزلىرىنىڭ پاقىراپ تۇرۇشى، سولاشقان بەترەڭ يۈزلىرى ئادەم ئەمەس، جىنغا ئوخشايتتى . ئاندرېي ئىختىيارسىز مىلتىقنى ئالدى ۋە تىترەك ئاۋازى بىلەن:

    -كىم سەن؟ جىن بولساڭ كۆزۈمدىن يوقال ! ئادەم بولساڭ بىمەھەل ئوينىشۋاتسەن، ئېتىپ تاشلايمنە !-دېدى.

    كەلگەن ئەرۋاھ جاۋاپ ئورنىغا بىر بارمىقىنى لىۋىگە قۇيۇپ:

    -ئۈنۈڭنى چىقارما،- دەپ يالۋۇردى. ئاندرېي ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ، ئۇزۇن چاپىنىنىڭ مەيدىسىدىن كۆتۈرلۈپ تۇرغان كۆكرىكىدىن ئۇنىڭ خۇتۇن كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئەمما ئۇ يەرلىك ئەمەس ئىدى. يۈزى قارامتۇل، كېسەل چىراي، مەڭزىلىىر مومبىيىپ چىققان،  قاپاقلىرى ساڭگىلىغان، كۆزلىرى قىيسىق ئىدى. ئاندرېي بۇ خۇتۇننىڭ چىرايىغا بىر پەس تىكىلىپ قارىغاندىن كېيىن تۇنۇغاندەك قىلدى. ئاخىرى سەۋىر-تاقىتى چېكىگە يېتىپ:

    -ئېيت، كىم سەن؟ سېنى بىرەر جايدا كۆرگەندەك قىلىمەنغۇ؟- دېدى

    -ئىككى يىل ئىلگىرى كىيۋادا كۆرگەن.

    -ئىككى يىل ئىلگىرى كىيۋادا دەمسەن ؟- دەپ تەكرارلىدى ئاندرېي ۋە شۇ چاغدا دىنىي مەكتەپتە ئۆتكەن ھاياتىنى، كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى كۆز ئالدىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ئۇ بۇ خۇتۇنىڭ يۈزىگە يەنە بىر قېتىم تىكىلىپ قارىغاندىن كېيىن بىردىنلا:

    -تاتاركمۇ سەن ؟ ھاكىم قىزىنىڭ خىزمەتكارىمۇ سەن؟-دەپ ئاۋازىنىڭ بارىچە ۋارقىرىۋەتتى.

    تاتار خۇتۇن قورقۇپ تىترەۋاتقان قوللىرىنى قوۋۇشتۇرغان ھالدا يالۋۇرۇپ:

    -ھىم، تىنىچ!- دېدى ۋە ئاندرېينىڭ ۋاقىرىشىدىن بىرەرى ئويغىنىپ قالدىمىكىن دەپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىدى. ئاندىرېينىڭ دېمى قىسىلىپ، يۈرىكى ئويناپ كەتتى.

    -ئېيت، ئېيت! سەن بۇ يەرگە نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭ؟ مەلىكە قەيەردە؟ ھاياتمۇ ؟- دەپ ھۇلۇققان ھالدا سوراپ كەتتى ئاندرېي.

    -مەلىكە مۇشۇ شەھەردە.

    ئاندرېي يەنە ۋارقىرىۋىتىشكە تاسلا قالدى ۋە ئۆزىنى بېسىۋېلىپ يەنە سورىدى:

    -مۇشۇ شەھەردەمسەن؟ نېمىشقا ئۇ بۇ شەھەردە؟-ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ھەممە قان يۈركىگە يىغىلىپ تىقلغاندەك بولدى.

    -ھاكىم ئۆزىمۇ مۇشۇ شەھەردە بىر يېرىم يىلدىن بېرى دۇنبۇ شەھىرىگە ھاكىم.

    -مەلىكە ئەرگە تەگدىمۇ؟ گەپ قىلساڭچۇ! نېمانچە تىترەيسەن؟ ئۇ قانداقراق تۇردى؟ تېنى ساقمۇ؟

    -ئىككى كۈندىن بېرى ھېچ نەرسە يېگىنى يوق.

    -نېمە ئۈچۈن ؟

    -خېلىدىن بېرى شەھەر خەلقىدە بىر بۇردىمۇ نان قالمىدى. كۆپچىلىك توپا يەۋاتىدۇ.

    ئاندرىي تامدەك قېتىپ قالدى.

    -مەلىكە شەھەر سېپىلىدىن زاپوروژىيلىقلارغا قاراپ تۇرغاندا، سېنى كۆرۈپ قاپتۇ، سەن بېرىپ پالۋانغا ئېيتقىن، ئەگەر مەن ئېسىدە بولسام بۇ ياققا كەلسۇن، ئۇنتۇغان بولسا، قېرى ئانامغا بىر بۇردا نان ئەۋەتىسۇن. مېنى تۇغقان ئانامنىڭ كۆز ئالدىمدا ئاچتىن ئۆلۈپ كېتىشىگە ئەسلا چىدىيالمايمەن. ئاۋال مەن ئۆلەي، ئاندىن مىھرىبان ئانام ئۆلسە مەيلى. يالۋۇرۇپ سورا، ئايىغىغا يىقىل ! ئۇنىڭمۇ قېرى ئانىسى باردۇر، شۇ ئانىسىنىڭ ھەققى-ھۈرمىتى ئۈچۈن بىر بۇردا نان بەرسۇن، دەپ مېنى ئەۋەتتى.

    ياش كازاكنىڭ دىلىدا شېرىن ھېسسىياتلار ئويغاندى، يۈركىگە ئوت تۇتاشتى.

    -سەن بۇ يەرگە قانداق كەلدىڭ؟

    -يەر ئاستىدىكى يول بىلەن كەلدىم.

    -يەر ئاستىدا يول بارمىدى؟

    -بار.

    -قەيەردە؟

    -باتۇر يىگىت، بىر كىمگە ئېيتىپ قۇيارمىكىن

    -ئېيتسام مۇقەددەس دىلىم ئۇرسۇن!

    -يارغا چۈشۈپ ئېرىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن قۇمۇشلۇق بارغۇ، دەل شۇ يەردە.

    -دەل شەھەرگە ئېلىپ چىقامدۇ؟

    -توپتوغرا شەھەر مۇناستىرىغا چىقىدۇ.

    -ئۇنداق بولسا، يۈر، كەتتۇق.

    -ئەيسا پەيغەمبەر بىلەن مەريەم ئانىنىڭ ھەققى، بىر بۇردا نان بەر!

    -ماقۇل، بېرەي. سەن بۇ يەردە-ھارۋىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ تۇر. ياخشىسى ھارۋىغا چىقىپ يېتىۋال. ھەممىسى ئۇخلاپ كېتىشتى سېنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ. مەن ھازىرلا قايتىپ كېلىمەن.

    ئاندرېي ئۆز توپىنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكلىرى ساقلانغان ھارۋىلىرى تۇرغان تەرەپكە قاراپ كەتتى . يۈرىكى دۈپۈلدەيتتى. ئۆتمۈش زامانلاردا بۇ يەردە تۇرغان كازاك ئەسكەرلىرىنىڭ ئېغىر مۇشەققەتلىك ھاياتى، دەھشەتلىك ئۇرۇشلار…  ئۇنىڭ خىيالىنى چۇلغىۋالدى. خۇددى دېڭىز ئاستىدىن چىقىپ پەيدا بولغاندەك نامايان بولدى. ئۇنىڭ چىرايلىق قوللىرى، خۇمار كۆزلىرى، كۈلۈپ تۇرغان ھۆسنى كۆكرىكىگە چۈشكەن قاپقارا قۇيۇق چاچلىرى، كېلىشكەن قەددى-قامىتى، لىغىلداپ تۇرغان بەدىنى بىر-بىرىدىن يادىغا چۈشتى… ياق، بۇلار ئەستىن چىقمىغان! پەقەت باشقا بىر كۈچلۈك ھېس-تۇيغۇلارغا ئورۇن بېرىش ئۈچۈن بىر چەتكە ئۆتۈپ تۇرغانىدى، خالاس.

       ئاندرىي كېتىۋىتىپ، قىزنى يەنە كۆرۈش تۇيغۇسى بىلەن يۈرىكى ئويناپ، تىزلىرىغا تىتىرەك ئولاشتى. ھارۋىنىڭ يېنىغا كېلىپ نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئەستىن چىقىرىپ قويدى. نېمىگە كەلگەنلىكىنى ئەسلىۋېلىش ئۈچۈن پىشانىسىنى خېلىغىچە تاتىلاپ تۇردى. ئاخىرى ئېسىگە كېلىپ سەسكىنىپ كەتتى، ۋۇجۇدىنى تىتىرەك باستى، خىيالىدا قىز ئاچلىقتىن ئۆلۈۋاتقاندەك بولدى. دەرھال ھارۋىغا چىقىپ بىر نەچچە پارچە چوڭ-چوڭ قارا ناننى قولتۇقىغا قىستى. شۇ ئاندىلا، قاۋۇل زاپوروژىيلىق يىگىتلەر يەۋېرىدىغان بۇ قارا نانلار ئۇنىڭ نازۇك گېلىدىن ئۆتمەسمىكىن دەپ ئويلىنىپ قالدى. كېچە لەشكەر بېشىنىڭ ئۈچ قېتىم ئۇماچ بولىدىغان ئۇننى بىر قېتىمدىلا ئېشلىتىپ قويۇپسەن، دەپ ئاشپەزگە كايىغىنى ئېسىگە چۈشتى. دېمەك، قازاندا ئۇماچ ئېشىپ قالغان بولسا كېرەك، دېدى-دە، ئاتىسىنڭ سەپەردە ئاش پىشۇرىدىغان كېچىكىنە قازىنىنى ئېلىپ، ئاشپەز ئالدىغا كەتتى. ئاشپەز بولسا تېخى ئوچىقى سوۋۇمىغان ئىككى چوڭ قازاننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى. ئاندرېي ئىككىلا قازاننىڭ قۇرۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. باشقا توپلارنڭ قازىنىغىمۇ بېرىپ قارىدى، ئۇلاردىمۇ ھېچ نەرسە يوق. “ زاپوروژىيلىقلار ئاز بولسىمۇ يەۋتىدۇ، كۆپ بولسىمۇ ئاشۇرۇپ قويمايدۇ “ دېگەن گەپ يادىغا چۈشتى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك! ھېلىقى، ئاتىسىنىڭ ئەسكەرلىرىگە قاراشلىق ھارۋىلارنىڭ بىرىدە مۇناستىر ناۋايخانىسىنى تالىغان چاغدا قولغا چۈشكەن ناندىن بىر قاپ ئاق نان قالغاندەك ئىدى. ئاندرېي توپتوغىرا ئاتىسىنىڭ ھارۋىسى ئالدىغا كەلدى. لېكىن ھارۋىدا قاپ يوق. ئوستاپ قاپنى بېشىغا قۇيۇپ، ھارۋا تېگىدە خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى. ئاندرېي قاپنى بىر قولى بىلەن سىلىكىپ تارتىۋىدى. ئوستاپنىڭ بېشى يەرگە دۈككىدە چۈشتى. ئۇ ئۇيقۇلۇقتا ئىرغىپ تۇرۇپ جېنىنىڭ بارىچە : “ تۇت، تۇت! بەتبەخنى تۇتۇڭلار! “ دېدى. ۋارقىرىدى. ئاندرېينىڭ ئەرۋاھى ئۈركۈپ: “ ئۈنۈڭنى چىقارما، ئۆلتۈرىمەن ! “ دېدى. ئەمما ئوستاپ ئاللىقاچان يەنە ئۇخلاپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ پۇشۇلداپ خورەك تارتىشىدىن ئەتراپىدىكى كوكاتلار قىمىرلايتتى. ئوستاپنىڭ جۆيلۈپ ۋاقىرىغان ئاۋازىدىن بىرەر كازاك ئويغىنىپ كەتتىمىكىن، دەپ ئەنسىرىگە ئاندىرېي ئۇ ياق-بۇ ياققا سەپ سېلىپ قاراپ چىقتى. يېقىن يەردىكى بىر كىشى  بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغاندەك بولدى. لېكىن ئۇمۇ ئۇ ياق-بۇ يېقىغاقاراپ قۇيۇپ، موك يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. ئاندرېي بىر مىنۇتچە جىم تۇرغاندىن كېيىن قاپنى كۆتۈرۈپ يولغا چۈشتى. تاتار خۇتۇن ئۈن چىقارماي ياتاتتى. ئاندرېي:

    -تۇر، كەتتۇق! ھەممىسى ئۇيقۇدا، قورقما! ئەگەر بۇ يۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم كۆتۈرەلمىسەم، ناندىن بىر قىسمىنى سەن كۆتۈرۈۋالارسەن،-دەپ قاپنى دۈمبىسىگە ئارتىپ ماڭدى. بىر ھارۋىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتۋېتىپ، بىر قاپ تېرىقنىمۇ كۆتۈرۈۋالدى. يۈكنىڭ ئېغىرلىقىدىن بىر ئاز مۈكچەيگىنىچە، ئۇخلاۋاتقان كازاكلارنى ئارلاپ ئۆتۈپ كەتتى.

       ئاندرېي ئاتىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇ بىلىپ قېلىپ: «ئاندرېي!» دەپ قىچقاردى. ئاندرېينىڭ يۈرىكى پۇلاڭلاپ كەتتى… ئۇ تىترەپ تۇرۇپ ئاستالا : «لەببەي» دېدى.

    -يېنىڭدىكى خۇتۇن كىشىمۇ، نېمە؟ قوپسام، ئەزبراىي خۇدا، تېرەڭنى شىلىمەن! خۇتۇن كىشى بىلەن گەپلەشتىڭ، ياخشىلىق كۆرمەيسەن!-دېدى تاراس ۋە بېشىنى جەينىكىگە قۇيۇپ، پۈركەنچىگە ئورۇلۇۋالغان تاتار خۇتۇنغا تىكىلىپ قارىدى.

    ئاندرېي ئاتىسىنىڭ يۈزىگە تىكىلىپ قارىيالمىدى، قورققىنىدىن تۇرغان جايىدا قېتىپ قالدى. بىر ئازدىن كېيىن ئاندرېي  بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، ئاتىسى ئۇخلاپ كېتىپتۇ.

    ئاندرېي «خۇداغا شۈكرى!..»-دېدى-دە، بىر چوقۇنۇۋالدى. بۇ قورقۇنچ ئۇنىڭ كۆڭلىگە قانداق تېز كىرگەن بولسا شۇنداق تېز چىقىپ كەتتى . ئاندرېي تاتار خۇتۇنغا بۇرۇلۇپ قارىغانىدى، ئۇ پۈركەنچىسىگە ئورۇنغان پېتىچە تاش ھەيكەلدەك قېتىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ چەكچەيگەن كۆزلىرى يىراقتىكى ئوتنىڭ شولىسدا خۇددى ئۆلۈكنىڭ كۆزىلىرىدەك خۇنسىز كۆرۈندى. ئاندرېي خۇتۇننى يېڭىدىن تۇتۇپ تارتتى. ئىككىسى توختاپ-توختاپ ئارقىغا قاراپ قۇيۇپ كېتىۋەردى. خېلى ماڭغاندىن كېيىن ئېدىرغا يېتىپ كېلىشتى، ئاندىن يار بويدىكى پەسلىككە چۈشۈۋېلىشتى. ئۇ يەردىن سۈيى ئاستا ئېقىۋاتقان، قىرغىقىنى قۇمۇش باسقان ئېرىق بويىغا كېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زاپوروژىيلىقلارنىڭ كۆزلىرىدىن پۈتۈنلەي غايىپ بولدى. ئاندرېي كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ، ئادەم بوي ئېگىزلىكتىكى يارنىڭ ئۇلارنى يوشۇرۇپ تۇرغانلىقىنى كۆردى . يارنىڭ ئۈستىدە بىر نەچچە تۈپ دالا دەرەخلىرى شامالدىن سىلكىنىپ تۇراتتى. ئاسماندا ھىلال ئاي ئالتۇندىن ياسالغان ئورغاقتەك كۆرۈنەتتى. دالا تەرەپتىن ئۇرغان سالقىن شامال تەڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى، قاياقتىندۇر قىچقارغان خوراز ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇلار كېچكرەك بىر ياغاچ كۆرۈكتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاپئاق يار بويىغا كېلىپ تاقالدى. يارنىڭ بۇ تەرىپى تېخىمۇ ئېگىز ۋە تىك ئىدى. بۇ يار شەھەرنىڭ تەبىئىي مۇستەھكەم قورغانى ئىدى. يارنىڭ تىك چۈشكەن تەرىپىنى چاتقاللىق باسقان، يار بىلەن ئېرىق ئوتتۇرسىدىكى پەسلىكتە ئادەم بويى كېلىدىغان قۇمۇشلار ئۆسۈپ كەتكەن، ئۇلار بۇ يەرگە كەلگەندە، تاتار خۇتۇن پۇتىدىكى كەشىنى تاشلاپ، يالاڭئاياق بولدى ۋە كۆڭلىكىنى كۆتۈرۈۋالدى. چۈنكى بۇ يەر پاتقاقلىق ھەم ساسلىق ئىدى. ئۇلار قۇمۇشلار ئارىسىدىن ئۆتۈپ، شاخ دۆۋىلەپ قۇيۇلغان يەرگە كەلدى. شاخنى ئېلىپ تاشلىۋىدى، بىر ئۆڭكۈر كۆرۈندى. ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزى تۇنۇرنىڭ ئاغزىدىن كېچىكىرەك ئىدى. تاتار خۇتۇن ئېڭىشىپ ئۆڭكۈرگە كىردى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئاندرېي مۈرىسىدىكى قاپلىرى بىلەن ئىككى پۈكلىنىپ كىردى. بىر ئازدىن كېيىن ئىككىلىسى قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدە كۆزدىن غايىپ بولدى.

     

    6

     

    ئاندرېي تار ۋە قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ئىچىدە قاپلارنى كۆتۈرۈپ تاتار خۇتۇننىڭ كەينىدىن ئاران كېتىپ باراتتى.

    -ھازىر يورۇق جايغا يېتىپ بارىمىز. مەن شام يېقىپ قۇيۇپ كەتكەن يەرگە يېقىنلاشتۇق،-دېدى خۇتۇن. كۆپ ئۆتمەي ئۆڭكۈرنىڭ تاملىرى ئاستا-ئاستا يورۇشقا باشلىدى. بىر ئازدىن كېيىن كىچىككىنە سۇپىغا يېتىپ باردى . بۇ يەر قەدىمى جاي بولسا كېرەك، تام تۈۋىدىكى كىچىكىرەك ئۈستەلدە بۈۋى مەريەمنىڭ سىرلىرى ئۆچۈپ خىرەلىشىپ كەتكەن سۈرىتى تۇراتتى. سۈرەت ئالدىغا ئېسىپ قۇيۇلغان  كىچىككىنە كۈمۈش چىراغ ئەتراپنى خىرە يورۇتماقتا ئىدى. تاتار خۇتۇن يەردىن ئۇزۇن پۇتلۇق مىس شامداننى ئالدى. شامدانغا شامنىڭ پوتلىسنى ئالدىغان قايچا بىلەن قىسقۇچ ئېسىپ قۇيۇلغانىدى. تاتار خۇتۇن شام بىلەن يەنە بىر چىراغنى يېقىپ قويۇۋىدى، ئۆڭكۈرنىڭ ئىچى خېلىلا يورۇپ قالدى. بۇ ئىككىيلەن يەنە ماڭدى. ئۆڭكۈرنىڭ بەزى يېرى يورۇق، بەزى يەرلىرى قاراڭغۇ بولۇپ، خۇددى گېراردىنىڭ “ دېللا نوتتې “ دىگەن سۈرەتلىرىگە ئوخشاپ كېتەتتى. ياش يىگىتنىڭ يۈزى توغاچتتەك قىزىل ۋە ساغلام بولۇپ، ھەمراھىنىڭ يۈزى زەپراندەك سارغايغان ۋە سولغانىدى. ئۆڭكۈرنىڭ ئىچى خېلى كەڭرىدى. ئاندرېي بىر ئاز قەددىنى رۇسلىۋالدى. ئۇ، كىيېۋدىكى غارغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ يەر ئاستى يولنىڭ تام تورۇسلرىغا ھەيران بۇلۇپ قالدى. كىيېۋ غارلىرىغا ئويۇلغان تاكچىلار بۇ يەردىمۇ بار ئىدى. بەزى جايدا گىروبلارمۇ تۇراتتى. ئۇ يەر-بۇ يەردە زەيلىكتىن چىرىپ، ئۇندەك ئۇۋىلىپ چۈشكەن ئادەم سۆڭەكلىرىمۇ ئۇچرايتتى. بۇ دۇنيانىڭ غەم-تەشۋىشلىىردىن، جېدەل-ماجرالىرىدىن قاچقان ئەزىز ئەۋلىيالارنىڭ بۇ يەردىمۇ بولغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

    ئۆڭكۈرنىڭ بەزى جايلىرى بەكمۇ نەم ۋە سۇ ئىدى. ئاندرېي ھەمراھىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن توختاپ-توختاپ ماڭاتتى. تاتار خۇتۇننىڭ ئاشقازىنى ساغلام بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاچ قورساققا يېگەن بىر بۇردا نېنى مەيدىسىنى ئاغىرىتماقتا ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ پات-پات توختاپ، بەزىدە قوزغىلالماي تۇرۇپ قالاتتى. ئۇلار خېلى ماڭغاندىن كېيىن كىچىككىنە تۆمۈر دەرۋازىغا دۇچ كەلدى. تاتار خۇتۇن پەس ئاۋاز بىلەن: «خۇداغا ئۈشكرى، يېتىپ كەلدۇق» دېدى. خۇتۇن دەرۋازىنى قاقماقچى بۇلۇپ قولىنى كۆتۈرەلمەي تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئاندرېي دەرۋازىنى قاتتىق قاقتى. دەرۋازىنى داراڭلىغان ئاۋازىدىن ئۇ تەرەپنىڭ ئوچۇقچىلىق يەر ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بىر پەستىن كېيىن قۇلۇپنىڭ شاراققىدە ئېچىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ، كۆپ ئۆتمەي ئىشىك ئېچىلدى. قولىدا ئاچقۇچ بىلەن شام تۇتقان مۇناخ تار پەلەمپەيدە ئۇلارنى كۈتۋالدى. ئاندرېي كاتولىك مەزھىبىدىكى مۇناخنى كۆرۈش بىلەن ئىختىيارسىز توختاپ قالدى. كازاكلار مۇناخلارنى جۇھۇتتىن بەتەر يامان كۆرەتتى. مۇناخمۇ زاپوروژىيلىق كازاكنى كۆرۈش بىلەن كەينىگە شوخشىدى. تاتار خۇتۇن بىر نىمىلەر دېۋىدى، ئۇنىڭ كۆڭلى تىنجىدى. مۇناخ ئۇلارغا چىراغ تۇتتى. ئاندى دەرۋازىنى قۇلۇپلاپ، ئۇلارنى پەلەمپەيدىن يۇقىرىغا باشلاپ چىقتى. بۇ چاغدا ئۇلار مۇناستىرنىڭ ئېگىز، قاراڭغۇ گۈمبىزى تېگىدىن چىقىپ قالدى.

    قاتار شاملار يېنىپ تۇرغان مېھرابلاردىن بىرىنىڭ ئالدىدا پوپ تىز چۆكۈپ ئاستا دۇئا ئۇقۇماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى يېنىدا ياقىسىغا ئاق تور تۇتقان قىزىل پەرىجە كىيگەن ئىككى مۇناخ قوللىرىدا ئىسرىق تۇتۇپ تىزلىنىپ ئولتۇراتتى. پوپ خۇدادىن شەھەرگە نىجاتلىق، ئادەملەرگە سەۋر-تاقەت ۋە چىدام تىلەيتتى. ئالۋاستىدەك بىر نەچچە خۇتۇن تېز چۆكۈپ، ماغدۇرسىزلىقتىن ساڭگىلىغان باشلىرىنى ئۈستەل ۋە قارىياغاچ بەندىڭلەرگە قۇيۇپ، سەجدە قىلۋاتقاندەك تۇراتتى. يەنە بىر نەچچە ئەركەك كىشى  گۈمبەزلەرنىڭ تۈۋرۈكلىرىگە يۆلىنىپ، خاپا ۋە غەمكىن ھالدا تىزلىنىپ ئولتۇراتتى.

    قۇياشنىڭ ئەتىگەنكى قىزغۇچ نۇرى مېھراب ئۈستىدىكى رەڭمۇ رەڭ ئەينەكلىك دېرىزىلەر ئارقىلىق قاراڭغۇ مۇناستىرنىڭ ئىچىنى كۆك-قىزىل، ئالا-يېشىل شولىلار بىلەن يورۇتۇشقا باشلىدى. مۇناستىرنىڭ تۆرىدىكى مېھراب كۈن نۇرىدا چاقناپ كەتتى. ئىسرىقلاردىن چىققان تۈتۈن قىزغۇچ بۇلۇتتەك تاۋلىنىپ مېھراب ئۈستىگە يېيىلدى. ئاندرېي بىر قاراڭغۇ بۇلۇڭدا تۇرۇپ، كۈن شولىسى كۆرستىۋاتقان مۆجىزىنى تاماشا قىلاتتى. شۇ چاغدا مۇناخلارنىڭ جاراڭلىغان نەغمىنىڭ ئاۋازى بارغانسىرى ئەۋجىگە چىقىپ، ئاھۇ پەرياد كۆتۈرۈلدى، كېيىن ئاستا-ئاستا پەسىيىپ، خۇش ئاۋاز سازەندە ھاپىزلىق قىلغاندەك مۇڭلۇق بىر ئاھاڭ پەلەككە ياڭراپ گۈمبەزلەرنى تىترەتتى. يەنە بىر پەرياد كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن مۇناجات ئاستا پەسەيدى. ئاندرېي بۇ داغدۇغلۇق مۇزىكا زوقىغا غەرىق بۇلۇپ تۇرۇپ قالدى. تاتار خۇتۇن ئۇنىڭ پېشىدىن تارتىپ:

    -ۋاقىت يەتتى، چىقايلى،-دېدى.

    -ئۇلار مۇناستىردىن چىقىپ، ھېچىكىمگە تۇيدۇرماستىن مۇناستىر ئالدىدىكى چاسىغا يېتىپ بېرىۋالدى. گۈزەردە ھېچكىم يوق، گۈرۈزە ئوتتۇرسىدا ساندۇق، بەبدىڭلەر تۇراتتى. بۇ نەرسىلەر بىر ھەپتە ئىلگىرى بۇ  يەردە بازار بۇلۇپ، ھەر خىل تاماقلار سېتىلغانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى ئىدى. گۈزەر ئەتراپىدىكى تاش ۋە خىشتىن ياسالغان بىر قەۋەتلىك كىچىك ئۆيلەرنىڭ تۈۋرۈك ۋە شادىلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ ئۆيلەرنىڭ  ئۆگزىلىرى ئېگىز بۇلۇپ، تۈڭلۈكلۈك ئىدى.مۇناستىرغا يېقىن بىر جايدا ھۆكۈمەت مەھكىمسى ياكى بىرەر ئىدارە سىياقىدىكى ئىككى قەۋەتلىك ئېگىز بىر ئىمارەت كۆرۈندى. بۇ ئىمارەتنىڭ ئۈستىدە چوقچىيىپ تۇرغان راۋاقۇ بار ئىدى ۋە بۇ راۋاقتا قاراۋۇل تۇراتتى. ئىمارەتنىڭ ئالدى تېمىغا چوڭ سائەت ئورنتىلغانىدى. گۈزەردە ھېچكىمنىڭ يوقلۇقى كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، ئاندرېينىڭ قۇلقىغا بىر كىمنىڭ ئىڭراپ يىغلىغان ئاۋازنىڭ ئاڭلانغاندەك تۇيۇلدى، ئۇ ياق-بۇياققا قاراپ، گۈزەرنىڭ نېرى يېقىدا يەردە قىمىرلىماۇ ياتقان ئىككى-ئۈچ ئادەمنى كۆردى. ئاندرېي بۇ ياتقانلارنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكىنى ياكى ئۇخلاۋاتقانلىقنى بىلىش ئۈچۈن زەڭ قۇيۇپ قارىۋىدى، ئۇلارنىڭ ئايقىدا ياتقان بىر نەرسىنى كۆردى. بۇ، خوتۇن كىشىنڭ جەسىتى بۇلۇپ چىرايدىن يەھۇدىغا ئوخشايتتى. جەسەتنىڭ زەڭگىرويى ناھايىتى سەتلىشىپ كەتكەنىدى. ياش-قېرىلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. بېشىدا قىزىل يىپەك رومال، قۇلقىدا ئىككى قاتار مەرۋايىت ياكى مۇنچاقتىن ياسالغان ھالقا بار ئىدى. جىڭگىلەك بۇلۇپ چۈشكەن ئىككى سىقىم كۇكۇلىسى جۈدەپ تۇمۇرلىرى پۇلتىيىپ چىققان بوينىغا چۈشۈپ تۇراتتى، جەسەتنىڭ يېنىدا قۇپقۇرۇق ئەمچەكنى ئاچلىق دەردىدىن چاڭگاللاپ تۇتۇۋالغان بىر گۆدەك ياتاتتى. گۆدەكنى بىر كۆپۈپ، بىر پەسىيى تۇرغان قورسىقىغا قاراپ تېخى ئۆلمىگەنلىكىنى ياكى جان ئۈزۈش ئالدىدا نەپەس ئېلۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.

    ئۇلار بۇ يەردىن كېتىپ، بىر كوچىغا كىرىشى بىلەن دىۋانە سىياقىدىكى بىر ئادەم ئۇلارنىڭ يولىنى توستى. ئۇ ئاندرېينىڭ مۈرسىدىكى قاپلارنى كۆرگەندىن كېيىن «نان!» دەپ ۋارقىراپ يولۋاستەك ئۆزىنى ئاتتى. ئەمما ماغدۇرى بولمىغانلىقتىن ئاندىرېينىڭ بىر ئىتتىرىشى بىلەن يىقىلىپ چۈشتى. ئاندرېي رەھىم قىلىپ بىر نان تاشلاپ بېرىۋىدى، ئۇ خۇددى غالجىز ئىتتەك نانغا ئۆزىنى تاشلاپ ئاغزىغا تىقتى . ئۇ خېلى كۈنلەردىن بېرى ھېچنىمە يېمىگەنلىكى ئۈچۈن ناننى يەپ بۇلۇپ جان ئۈزدى. ئۇلار ھەر قەدەمدە ئاچلىقتىن ئۆلگەنلەرنى كۆرۈپ ھەيران بولۇشتى. بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى  ئۆز ئۆيلىرىدە ئاچلىق دەردىگە چىدىيالماي، كۆچىدىن يىگۈدەك بىرەر نەرسە تېپىلارمىكىن دېگەن ئۈمۈد بىلەن كوچىغا چىقىپ ئۆلگەندەك كۆرۈنەتتى. بىر ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ تۈۋىدە بىر موماي بېشىنى كۆكسىگە ساڭگىلىتىپ غەم باسقان ئادەمدەك ئولتۇرغان پېتى  ئۆلۈپ قالغانىدى. يەنە بىر ھويلىنىڭ ئېگىز تېمىدىن ساڭگىلىغان ئارغامچىدا زەئىپ بىر تەن ئېسىلىپ تۇراتتى. بىچارە ئاچلىق دەردىگە چىدىيالماي ئەجەلنى ئۆزى چاقىرىپتۇ، ئاچلىقنىڭ بۇ مۇدھىش گۇۋاھىلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندرېي تاتار خۇتۇنغا:

    -ئوزۇق بولغۇدەك ھېچنىمە تېپىلمىغاندىمۇ ؟ ھېچ ئىلاج بولمىغاندا، ئۆلمەسلىك ئۈچۈن ھارام نەرسىلەرنى يېسىمۇ ھالال بولىۋېرەتتىغۇ !-دېدى.

    -ھەممىسىنى يەپ تۈگەتتۇق. ھايۋاق زاتى قالمىدى. شەھەردە يا ئات، يا ئىت، ھەتتا چاشقانمۇ قالمىدى. شەھىرىمىزدە ئوزۇق-تۈلۈك غەملەش دېگەن ئادەت يوق  ئىدى. ھەممە نەرسە يېزىلاردىن كەلتۈرۈلەتتى.

    -ھاكىم شەھەرنى تاپشۇرۇپ بەرمەكچىدى. لېكىن بۇژانىدىكى لەشكەر بېشى قاچىغا ئارقىلىق ئەۋەتكەن خېتىدە : شەھەرنى بەرمەي تۇرۇڭلار، ئەسكەرلىرىم بىلەن ياردەمگە يېتىپ بارىمەن. پەقەت پالانى لەشكەر بېشى كېلىشنى كۈتۈن تۇرۇۋاتىمەن. شۇ كەلسە بىللە بارىمىز، دەپتۇ. تېز پۇرسەتتە ئۇلار كېلىپ قالىدۇ‪، دەپ كۈتۈپ تۇرۇۋىتىپتىمىز… مان، ئۆيىمىزگىمۇ يېتىپ كەلدۇق.

    ئاندرېينىڭ باشقا ئۆيلەردىن ئالاھىدە پەرق قىلىپ تۇرغان بىر ئۆيگە يىراقتىن كۆزى چۈشتى. ئېھتىمال، بۇ ئۆينى ئىتالىيىلىك بىناكار سالغان بولسا كېرەك. ئۆي چىرايلىق خىشلاردىن ئىككى قەۋەت قىلىپ سېلىنغان بۇلۇپ، پەسكى قەۋەت دېرىزىلىرىنىڭ ئالدىغا پەلەمپەيلىك سۇپا ئىشلەنگەن. .يۇقىرى قەۋىتى بىر نەچچە قاتار راۋاقلاردىن تۈزۈلگەن راۋاقلار ئوتتۇرىسىدىكى پەنجىرلەرگە، ئۆينىڭ بۈرجەكلىرىگە گېرىلەر ئېسىلغان . گۈللۈك خىشلاردىن ياسالغان پەلەمپەيلىك سۇپىلارنىڭ ئاستىدا بىردىن قاراۋۇل تۇراتتى.  قاراۋۇللار غەلىتە بىر ھالەتتە، ئوڭ قولىدا يېنىغا ئېسىۋالغان ئايپالتىنىڭ ئۇزۇن سېپىنى تۇتۇپ، سول قولىدا ئېڭىشكەن بېشىنى تىرەپ تۇراتتى. قاراۋۇللارنىڭ مۇنداق تۇرۇشلىرى خۇددى ھەيكەلگە ئوخشايتتى. ئۇلار ئۇخلىمىغان ۋە مۈگىدىمىگەن بولسىمۇ، ھېچ نەرسىگە پەرۋا قىلمايتتى. ھەتتا سۇپىغا چىققان ئادەمگىمۇ قارىمىدى. بۇ ئىككىيلەن سۇپىغا چىققاندىن كېيىن، چىرايلىق كىيىنگەن، باشتىن-ئاياغ قوراللانغان، قولىدا دۇئانامە تۇتۇپ ئوقۇپ تۇرغان ئەسكەرنى كۆردى. ئەسكەر خۇسىز كۆزلىرىنى تىكىپ ئۇلارغا قارىغانىدى، تاتار خۇتۇن بىر نېمىلەرنى دېگەندىن كېيىن، كۆزىنى يەنە دۇئانامىگە تىكتى . ئاندرېي تاتار خۇتۇن بىلەن بىر ئۆيگە كىردى. بۇ كەڭتاشا ئۆي ھەر خىل ھالەتتە چۆرىدەپ ئولتۇرغان مۆكەر-چۆكەر، مىرشەپ، ياساۋۇل ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار بىلەن تولغانىدى . ئۇلار ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ مەرتىۋىسىنى، شان-شۆھرىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن لازىم ئىدى. خېلىدىن بېرى ئەتىگەنكى قۇياش چوڭ دېرىزىلەردىن مارىلاپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئادەم بويى ئېگىزلىكىتىكى ئىككى شامداندا شاملار تېخىچە يېنىپ تۇراتتى. ئاندرېي توپتوغرا بېرىپ، نەقىشلىك ۋە ھەيۋەيلىك قىلىپ ياسالغان چوڭ بىر ئىشىككە كىرمەكچى بولۇۋىدى، تاتار خۇتۇن يېڭىدىن تارتىپ، يان تەرەپتىكى كىچىكى بىر ئىشىكنى كۆرسەتتى. ئاندرېي بۇ ئىشىكتىن كىرىپ دالانغا چىقتى، ئاندىن بىر ئۆيگە كىردى. ئەمما ئۇ بۇ ئۆينى ياخشراق كۆرەلمىدى. ئىشىك ئەتراپىدىكى ئىنچىكە يوچۇقلاردىن چۈشكەن يورۇقتىن بەزى نەرسىلەرنى-قىزىل پەردە، ھال رەڭ شىدىشاپ ۋە تامدىكى سۈرەتلەرنى كۆرگىلى بولاتتى. تاتار خۇتۇن ئاندرېينى شۇ يەردە توختىتىپ قۇيۇپ، ئىككىنچى ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچقانىدى، ئۇ ئۆيدىن يالىت ئېتىپ يورۇق چۈشتى. ئاندرېينىڭ قۇلقىغا ئاياغ شەپىسى ۋە گۇدۇڭ قىلغان تاۋۇش ئاڭلاندى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تىترەك باستى. ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن تەڭ بوي-تۇرقى كېلىشكەن، ئۇزۇن چاچلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن كۆكسىگە چۈشۈرۋالغان، ئەپچىل بىر چوكان لىپ ئېتىپ ئۆتۈپ كەتتى. تاتار خۇتۇن قايتىپ كېلىپ “ ئىچكىرىگە كىرىڭ “ دېدى، ئاندرېي ئىچكىرىگە قانداق كىرىپ قالغانلىقىنى ۋە ئىشىكنىڭ قانداق يېپىلىپ قالغانلىقىنى سەزمەي قالدى . ئۆيدە ئىككى تال شام ۋىلىلداپ يېنىپ تۇراتتى، ئېگىز ئۈستەل ئۈستىدىكى بۇتلارنىڭ ئالدىدا قارا چىراقلارمۇ يېنىقلىق ئىدى. كاتولىك مەزھىبىدىكىلەرنىڭ قائىدە-يوسۇنى بويىچە بۇتقا چوقۇنغاندا تىزىنى قۇيۇش ئۈچۈن ئۈستەل ئالدىغا پەلەمپەيدەك تاختا ياساپ قۇيۇلغانىدى. ئاندرېينىڭ كۆزلىرى بۇلارنى ئەمەس، باشقا بىر نەرسىنى ئىزلەيتتى، ئۇ بۇ يانغا بۇرۇلۇپ قارىغاندا، ئۇنىڭغا تەلپۈنگەن ھالەتتە ھەيكەلدەك قاراپ تۇرغان بىر قىزغا كۆزى چۈشتى . قىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى تاشلىماقچى بولۇپ توختاپ قالغاندەك ھالەتتە ئىدى. ئاندرېيىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ھەيران بۇلۇپ قېتىپ قالدى.  ئۇنى بۇ قىياپەتتە كۆرىمەن دەپ ئويلىمىغانىدى.  بۇ قىز ئاندرېي كۆرگەن قىزغا ئوخشىمايدىغاندەك قىلاتتى.  لېكىن ئۇ ئاۋۋالقىدىن ئىككى ھەسسە گۈزەل ئىدى، ئاندرېي كۆرگەن چاغدا بۇ قىز تېخى گۈزەللىكتە ۋايىغا يەتمىگەن، تولۇن ئايدەك بولمىغانىىد. ئەمدى بولسا، سەنئەتكارنىڭ قولىدا ئىشلىنىپ پۈتكەن ياكى ئاخىرقى قەلەمنى تەككۈزۈپ تاماملىغان بىر نادىر ئەسەرگە ئوخشايتتى. ئۇ چاغدا كۆرگىنى بىر گۈزەل، شوخ قىز ئىدى. ھازىر كۆرۋاتقىنى گۈزەللىكتە كامالىغا يەتكەن، ئەتىر گۈلدەك ئېچىلغان بىر پەرىزات ئىدى. ئۇنىڭ ئۈسۈن قارىغان كۆزلىرىدە چاقناپ تۇرغان ھېسىسياتلار چالىبۇلا سېزىم، كىنايە ياكى نازلىنىشلار بولماستىن، بەلكى تولۇق ئىپادىلىنۋاتقان ھېس-تۇيغۇلار ئىدى. يۈرەك باغرىدىن چىققاندەك ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرى ياقۇتتەك يالتىرايتتى، ئاۋۋالقى تال-تال بولۇپ يۈزىگە چۈشۈپ تۇرغان چاچلىرى ئەمدى جالادەك قۇيۇق سۇمبۇل چاچقا ئايلانغانىدى. بۇ چاچلارنىڭ بىر قىسمى بېشىغا تۈرۈلگەن، بىر قىسمى دولقۇنسىمان ئەگىم-ئەگىم بولۇپ چىرايلىق كۆكرىكىگە چۈشۈپ تۇراتتى. ئاندرېي بۇ قىزنىڭ ھۆسنىدىن ئۆزىنىڭ ئېسىدە قالغان تەسۋىرلەردىن بىرەرنىمۇ ئىزلەپ تاپالمىدى. ئۇنىڭ رەڭگرويى  شۇنچە ئۆچكەن بولسىمۇ، ھۆسنىگە تەسىر يەتمىگەن، ئەكىسچە قاندەقتۇر بىر يۈكسەك سالاپەت پەيدا بولغانىدى. قىزنى بۇ ھالدا كۆرگەن ئاندرېيىنىڭ كۆڭلىگە بىر زىلزىلە چۈشتى-دە، تەزىم بىلەن باش ئېگىپ تۇرۇپ قالدى. ياشلىق باھارى جۇش ئۇرغان، نەۋقىران يىگىتلىك ھۆسىن-قامىتى ۋايىغا يەتكەن،  ۋۇجۇدىدىن شىجائەت ۋە مەردلىك ئالامەتلىرى بالقىپ تۇرغان كازاك يىگىتىنى كۆرگەن قىزمۇ ئەس-ھۇشىنى يوقىتىپ ھەيران قالدى. يىگىتنىڭ ئاپتاپتا پىشقان يۈزلىرىدە مەسۈملۈك ئوتى يېلىنجاپ، يۇمران بۇرۇتلىرى تۇم قارا يىپەكتەك پاقراپ تۇراتتى.

    -ھىممەتلىك باتۇر يىگىت، ساڭا ھەر قانچە مىننەتدارلىق بىلدۈرسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ،-دېدى قىز. ئۇنىڭ كۈمۈش قوڭغۇراقتەك جاراڭلىق تاۋۇشىدا بىر تىترەك پەيدا بولدى،- مەن بىر ئاجىز ئايال، مىننەتدارلىقنى بەجا كەلتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. ياخشىلىقىڭنى مەن قايتۇرۇرالمىسام، خۇدادىن قايتار.

    قىز شۇ سۆزلەرنى  ئېيتىپ بۇلۇپ، كۆزلىرىنى يەرگە تىكتى. ئاق بادەمدەك قاپاقلىرى پەسلەپ، ئوقيادەك كىرپىكلىرى تىركەلدى. قىز شۇ ھەلەتتە بېشىنى تۆۋەن سالغان چاغدىمۇ يۈزلىرى قىزىرىىپ گۈزەللىشىپ كەتتى . شۇ تاپتا ئاندرېي قايناق قەلبىدەك جۇشقۇن ۋە قىزغىن يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتىشنى خالىسىمۇ، لېكىن تىلى كالۋالىشىپ، گەپ قىلالمىدى13، قانداقتۇر بىر نەرسە ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتۋالغاندەك بولدى. بۇنداق سۆزلەرگە لايىق جاۋاپ قايتۇرۇش، ئۇرۇش-جېدەللەر ئىچىدە ئۆسكەن ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغانلىقىنى سېزىپ، ئۆزىنىڭ قوپال مىجەزىدىن زەنجىدى.

    شۇ چاغدا تاتار خوتۇن ئۆيگە كىردى. ئۇ، ئاندرېي ئېلىپ كەلگەن نان ۋە باشقا تائاملارنى ئالتۇن تاۋاق بىلەن ئۆز مەلىكىسىنىڭ ئالدىغا قويدى. مەلىكە تاتار خوتۇنغىمۇ، نانغىمۇ كۆز تاشلاپ قويۇپ، ئاندىن ئاندرېيغا قارىدى. بۇ قاراشتا كۆپ مەنە بار ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ھېسىياتلىرىنى بايان قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن بۇ قاراش ئاندرېيغا ھەممە سۆزىنى ئەۋزەل تۇيۇلدى. بىر پەستە مەلىكىنىڭ ئەزايى-بەدىنى بوشاشقاندەك بولۇپ، جېنى ئارام ئالدى. قانداقتۇر بىر ئېغىر ئىسكەنجىدە سىقىلىپ تۇرغان قەلبى ئەمدى ئازاد بولۇپ يايرىغاندەك بولدى. بۇ چاغدا مەلىكە تاتار خۇتۇنغا قاراپ بىر ئاز كايىغان تەلەپپۇز بىلەن:

    -ئانامچۇ؟ ئانامغا ئاپىرىپ بەردىڭمۇ؟- دەپ سورىدى.

    -ئۇ كىشى ئۇخلاۋاتىدۇ.

    -ئاتامغىچۇ؟

    -ئاپىرىپ بەرىدىم، ئاتىڭىز: ئۆزۈم بېرىپ مەرد يىگىتكە مىننەتتارلىق بىلدۈرۈپ كېلىمەن، دېدى.

    قىز ناندىن بىر بۇردا ئۇشتۇپ ئاغزىغا سالدى. ئاندرېي ئۇنىڭ ئاپئاق چىرايلىق قوللىرى بىلەن ناننى ئۇشتۇپ يېيىشنى تاماشا قىلماقتا ئىدى، شۇ چاغدا بىردىنلا، ئاچلىقتىن بىر پارچە ناننى تەلۋىلەرچە يەپ جان ئۈزگەن ئادەم يادىغا كېلىپ رەڭگى ئۆچتى ۋە قىزنىڭ قولىدىن تۇتۇۋېلىپ:

    -بولدى! كۆپ يېمە ! بىر نەچچە كۈندىن بېرى تاماق يېمىگەن بولساڭ، بۇ ساڭا زەھەر بولىدۇ !- دەپ ۋارقىرىدى . قىزمۇ دەرھال ناننى تاۋاققا تاشلىدى ۋە ياۋاش، گۆدەك بالىدەك ئاندرېينىڭ كۆزلىرىگە تەلمۈرۈپ قارىدى. قىزنىڭ بۇ قارىشىدا ئىپادىلەنگەن ھېس -تۇيغۇلارنى قەلەممۇ، تىلمۇ تەسۋىرلەپ بېرەلمەيتتى. بۇ قاراشلارنى كۆرگەن ئادمنىڭ قەلبىدە ھاسىل بولغان شېرىن تۇيغۇلارنى تەرىپەش تېخىمۇ  قىيىن ئىدى.

    ئاندرېي ھېسسىياتى جۇش ئۇرۇپ، ئاغزىغا كەلگىنىنى ۋاقىراىغاندەك سۆزلەپ كەتتى:

    -مەلىكە، تىلىكىڭ، ھاجىتىڭ نېمە، ئېيتقىن ! جاھاندا قانداق مۈشكۈل ئىش بولسا بۇيرۇغىن، بۇيرۇقىڭغا تەييارمەن! ئادەم بالىسىنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشىڭ بولسىمۇ بۇيرىغىن، جېنىمنى پىدا قىلاي ! بۇيرۇقىڭنى ئورۇنلاي، جېنىمنى بېرەي !…..مۇقەددەس دىنىم نامى بىلەن قەسەميات قىلاي، يولۇڭدا جان بەرمەكتىن ئارتۇق لەززەت يوق… ئەپسۇسكى، بۇ ھېسسىياتلىرىمنى بايان قىلىشقا ئاجىزمەن ! ئۈچ يەردە چار بېغىم بار، ئاتامنىڭ يىلقىسىنىڭ يېرىمى مېنىڭكى. ئانامنىڭ تاپقان-تەرگىنى، ئاتامدىن يوشۇرغىنى ھەممىسى مېنىڭكى. مەندە بار قورال-ياراق يۇرتىمىزدىكى كازاكلارنىڭ ھېچقايسىسىدا يوق . قىلىچىمنىڭ دەستىسى بىر قانچە ئارغىماقنىڭ ۋە ئۈچ مىڭ قوينىڭ باھاسىغا تەڭ كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىدىن كېچەي. بىر ئېغىز سۆز قىلساڭ ياكى قاپقارا قەلەم قېشىڭ بىلەن بىر ئىما قىلساڭ ھەممىسىنى ئوتقا ياقاي، سۇغا تاشلاي! تەنتەكلەردەك بىمەنە گەپ قىلۋاتقاندىمەن، ئېھتىمال، مېنىڭ بۇ گەپلىرىم بۇ يەرگە لايىق ئەمەستۇر. شاھ ۋە شاھزادىلەرگە، مەردۇ مەيدانلارغا لايىق سكزلىرىڭ مەندەك پۈتۈن ئۆمرىنى تالىپلىقتا ۋە دالىدا ئۆتكۈزگەن مەن بىر ئادەمگە لايىق ئەمەستۇر. خۇدا سېنى باشقىلاردىن ئېسىل قىلىپ ياراتقانلىقىنى، بارلىق خان ۋە بەگزادىلەرنىڭ خۇتۇنلىرى، قىز ۋە كېنىزەكلىرى سەندىن تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن. مەن ساڭا قۇللۇققىمۇ يارىمايمەن . سېنىڭ خىزمىتىڭگە ئاسماندىكى پەرىشتىلەر لايىقتۇر!

    ئاندرېينىڭ ھاياجانغا تولغان ياش قەلبىنى ئەيتەكتەك ئەكس ئەتتۈرۈۋاتقان بۇ سەمىمىي سۆزلەرنى قىز پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاڭلىدى، بىر جۈملىسىنىمۇ قالدۇرماي ئاڭلىدى. يۈرۈكنىڭ ئاستىن قاتلاملىرىدىن قايناپ چىققان بۇ گەپلەرنىڭ ھەر بىرىدە زور بىر كۈچ بار ئىدى. قىز يۈزىگە چۈشۈۋېلىپ بىزار قىلغان چاچلىىرنى ئارقىسىغا تاشلاپ، ئاغزىنى ئاچقىنىچە تۇرۇپ قالدى. كېيىن قىز بىر نېمىە دېمەكچى بۇلۇپ، بىردىنلا توختاپ قالدى. يىگىتىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنىڭ باشقىلىقى، ئاتىسى، ئاكىلىرى ۋە پۈتۈن يۇرتى ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدە دەھشەتلىك ئۆچ ئېلىش نىيىتى بىلەن سەپ تارتىپ تۇرغانلىقى، شەھەرنى قورشىۋالغان زاپوروژىيىلىقلاردا قىلچە شەپقەت يوقلۇقى ۋە پۈتۈن شەھەر بىلەن بىللە ئۆزلىرىمۇ ئۆلۈم چاڭگىلىدا قالغانلىقى يادىغا چۈشتى. بۇلارنى ئەسلەپ كۆزلىرىنى ياشلىدى ۋە دەرھال يىپەك رومىلىنى يۈزىگە يېپىۋالدى، بىر پەستە رومىلى ھۆل بۇلۇپ، بېشىنى ئارقىغا تاشلىدى. شۇ تاپتا گوياكى زەھەرلىك يىلان چېقىۋالغاندەك، مارجادەك چىشلىرى بىلەن لېۋىنى چىشلەپ، ئېسەدەپ يىغلىدى. ھەسرەت-نادەمەتلىك يىغىسىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن يۈزىدىن رومالىنى ئالمىدى...

       ئاندرېي:

    -ھېچ بولمىغاندە ماڭا بىر  ئېغىز گەپ قىل،-دېدى-دە، قىزنىڭ يىپەكتەك يۇمشاق قولىنى تۇتتى. قول قولغا تېگىشى بىلەن ئاندرېينىڭ تومۇرلىرىدا گويا ئوت ئېقىۋاتقاندەك بولدى. ئۇ، جانسىزدەك ھېس قىلىۋاتقان قولنى سىقتى، ئەمما قىزدىن  ھېچقانداق سادا  چىقمىدى، يۈزىدىكى رومىلىنىمۇ ئالماي، ھەركەتسىز جىمجىت تۇراتتى.

    سەن نېمىشقا بۇنچە خاپا ؟ ئېيىت ماڭا، نېمە ئۈچۈن بۇچە قايغۇرىسەن؟

    قىز يۈزىدىكى رومالىنى ئېلىپ تاشىلىدى كۆزىگە چۈشكەن ئۇزۇن ۋە تالا-تالا چاچلىرىنى بىر يانغا سۈرۈپ قويدى-دە، قايغۇ-ھەسراتلىرىنى  ئاستا سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى مامۇقتەك يۇمشاق شامال سۇ بويىدىكى قۇمۇشلارنى شىلدىرلىتىپ مۇڭلۇق بىر نەغمە ھاسىل قىلغاندەك نازۇك ۋە يېقىملىق ئىدى.

    -مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن، مېنى تۇقغان ئانامنىڭ بەختى قارا، مەن شور پىشانە ئىكەنمەن. ئەي رەھىمىسز تەقدىر! ئاۋۋال ھەممىنى ئايىغىمغا يىقىتتىڭ؛ بەگزادىلەرنى، بايۋەتچىلەرنى، باشقا يۇرۇتلاردىن كەلگەن ئەھلى نەسەب ھاكىم ۋە ئەمەلدارلارنى، نۇرغۇن مەردۇ مەردانلارنى ماڭا تىزلاندۇردۇڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شەيدايىم ئىدى. مېنىڭ ئىلتىپاتىمنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۇلۇغ مەرتىۋە دەپ بىلىشەتتى. ئەگەر بىر ئىشارە قىلغان بولسام، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىكى، ئەڭ چىرايلىقى ۋە ئېسىلزادىسى ماڭا ئەر بولاتتى. ئەي رەھىمسىز تەقدىرىم، سەن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا كۆڭلۈمنى ئاغدۇرمىدىڭ، ھېچبىرىگە مۇھەببىتىمنى قوزغاتمىدىڭ. يۇرتىمىزنىڭ ئەڭ ئالىيجاناپ ياشلىرىغا كۆڭلۈمنى چۈشۈرمەي، يۇرتۇمنىڭ دۈشمىنىگە ئىشقىنى چۈشۈردۈڭ. ئەي مۇشپىق بۈۋى مەريەم ئانا، قايسى گۇناھىم، قايسى شۇملۇقۇم ئۈچۈن مېنى شۇنچە سەرگەردان قىلىپ، بېشىمغا بۇ كۈلپەتلەرنى سالدىڭ؟ يۇرتىمىزدكى ئەڭ كەمبەغەل، گاداينىڭ بېشىغا چۈشمىگەن كۈن مېنىڭ بېشىمغا چۈشۈپ، ئاچلىقتىن ئۆلەر ھالدا تۇرۇپتىمەن. ماڭا بۇ كۈلپەتلەر ئاز كەلگەندەك، كۆزۈم يۇمۇش ئالدىدا ئاتام بىلەن ئانامنىڭ يۈز مىڭ ئازاب بىلەن قىيلىنىپ ئۆلگەنلىكىنى كۆرىدىغان ئوخشايمەن. ئاتام بىلەن ئانامغا جېنىمنى پىدا قىلاتتىم. بۇ كۈلپەتمۇ ئازلىق قىلىپ، ئۆلەر ۋاقتىمدا ئۆمرۈمدە كۆرمىگەن مۇھەببەتنى كۆردۈم، ئاڭلىمىغان مۇھەببەت سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم . بەختىمنىڭ قارىلىقى، پىشانەمنىڭ شورلۇقى  يىتەرلىك ئىدى! بۇ مۇھەببەت سۆزلىرى يۈركىمنى ئېزىپ، دىلىمنى پارە-پارە قىلۋاتىدۇ، ياش ئۆمرۈمگە تېخىمۇ كۆپرەك ئېچىندۇرىۋاتىدۇ. ئۆلۈمنى ماڭا ھەممىدىن بەتتەر قورقۇنچلۇق قىلۋاتىدۇ. ئاھ، ياراتقان ئىگەم! گۇناھىمنى كەچۈر ! ماڭا بۇنىڭدىن ئارتۇق قاخشاپ زارلىنىشنى راۋا كۆرمىگىن!

    قىز بۇ ھەسرەت-نادەمەتلەردىن كېيىن جىم بولدى. ئۇنىڭ چىرايدا ھالسىزلىق ۋە ئۈمۈدسىزلىك ئالامەتلىرى ئەكىس ئەتتى. قايغۇلۇق پىشانىسى، مەيۈشلۈك بىلەن يەرگە قارىغان كۆزلىرى ھەتتا يالقۇنلۇق يۈزلىرىدىن ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمۇ ئۇنىڭ قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى سۆزلەيتتى.

    ئاندرېيد :«بۇ گۈزەل چىرايدا بەخىتتىن ئەسەر يوققۇ؟…-دېگەن تۇيغۇ پەيدا بولدى ۋە يەنە ئويلىدى:-گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەرسىلەرگە مەئبۇت بۇلۇشقا ئەرزىيدىغان گۈزەل شۇنداق قايغۇ -ھەسرەت  ئىچىدە قالسا بولارمۇ؟ ياق، بۇنداق قىسمەت ھېچقاچان كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان!….» ئاندرېي تاقەتسىزلىك بىلەن دېدى:

    -ياق، ساڭا ئۆلۈم يوق. قەسەم قىلىمەنكى، سەن ئۆلمەيسەن. سەن ئۆلسەڭ، مەن تۇغۇلمىغان بولاي، يورۇق دۇنيادا ماڭا ئەڭ قەدىرلىك بولغان ھەممە نەرسىدىن ئايرىلاي!مۇبادا كۈچ، ئىلتىجا ياكى مەردلىك بۇ تەقدىرنى ئۆزگەرتەلمىسە، ئىككىمىز بىللە ئۆلىمىز. ئاۋۋال مەن ئۆلىمەن. جېنىم تېنىمدە بولسلا، سەن بىلەن بىللە بولىمەن.

       گۈزل قىز بېشىنى ئاستا قىمىرلىتىپ:

    -مەرد يىگىت، ئۆزەمنىمۇ، مېنىمۇ ئالدىما! چوڭقۇر ئەپسۇس ئىچىدە شۇنى ياخشى بىلىمەنكى، سەن ماڭا مۇھەببەت باغلىيالمايسەن. ۋەزىپەڭ، ئەھدۇ-پەيمانىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلسەن. سېنى ئاتاڭ، يولداشلىرىڭ، ۋەتىنىڭ چاقىرىدۇ. بىز بولساق سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ،- دېدى.

      -ئاتام، ئەل-ئاغىنىلىرىم، ۋەتىنىم ماڭا كېرەك ئەمەس،-دېدى ئاندرېي بېشىنى چايقاپ ۋە قەددىنى رۇسلاپ تۇرۇپ،-گەپ شۇنداق بولسۇن: بۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ سەندىن باشقا ھېچكىمىم يوق !-دېدى يەنە شۇ ئاۋاز بىلەن. ۋەدىسىدە مەھكەم تۇرىدىغان، قارارىدىن ھېچ قايتالمايدىغان كازاكلار مۇشكۈل ئىشقا بەل باغلىغانلىقىنى بىلدۈردىغان قول ھەرىكەتلىرى بىلەن يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى،- ھېچىكىم يوق، ھېچىكىم ! ئۇكرائىنا سېنىڭ ۋەتىنىڭ دەپ ماڭا كىم ئېيتتى؟ ئۇنى كىم ماڭا ۋەتەن قىلىپ بېرىپتۇ؟ كۆڭلۈم قەيەرنى خالىسا، شۇ يەر مېنىڭ ۋەتىنىم . سەن مېنىڭ ۋەتىنىم. . بۇ ۋەتەننى جان ئىچىدە ساقلايمەن. قېنى، بىرەر كازاك كېلىپ مېنى ئۇنىڭدىن جۇدا قىلىپ باققىنىنى كۆرەي! بۇ ۋەتەنگە بار-يوقۇمنى پىدا قىلىمەن!

    گۈزەل قىز ھەيكەلدەك قېتىپ ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قالدى. كېيىن بىردىنلا يىغلىۋەتتى ۋە سەمىمىي، ئالىجاناب تەلپۈنۈش بىلەن ئۇنى قۇچاقلاپ قاردەك ئاپئاق قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سالدى… شۇ ئەسنادا كوچىدا كاناي ۋە دۇمباقلارنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. ئەمما بۇ ئاۋازلار يىگىتنىڭ قۇلقىغا كىرمىدى . ئۇ شۇ تاپتا مۇبارەك ئېغىزدىن چىققان خۇشبۇي، ئىسسىق نەپەسنىلا سېزەتتى. قىزنىڭ تارام-تارام ئېقۋاتقان كۆز ياشلىرى ئۇنىڭ يۈزلىرىرىگە چۈشىۋاتقانلىقىنى، چۇۋۇلغان قاپقارا، ئىپەتكەك چاچلار ئۇنى چۇلغاپ ئالغانلىقىنى سېزەتتى، خالاس.

       شۇ ۋاقىتتا تاتار خۇتۇن خۇشال-خۇرام چۇقان سېلىپ يۈگۈرۈپ كىردى-دە، ئۆزىنى تۇتىۋالالماي:

      -قۇتۇلدۇق ! قۇتۇلدۇق ! ئۆزىمىزنىڭكىلەر شەھەرگە كىردى! بۇغداي، ئارپا، ئۇن بىلەن يەنە ئەسىرگە چۈشكەن زاپوروژىيىلىقلارنىمۇ باغلاپ كىرىشتى،-دېدى.  بۇ گەپلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئاندرېيغا تەسىر قىلمىدى. ئۇ شۇ مىنۇتلاردا ئالەمدە كەم ئۇچرايدىغان خۇشاللىققا چۆمۈپ،قىزنىڭ يۈزىگە يۈزىنى يېقىپ، شېرىن لەۋلىرىدىن سۆيەتتى. بۇ لەۋلەرمۇ جاۋاپسىز قاراپ  تۇرمايتتى. بۇ ئىككىسىنىڭ مۇنداق قۇچاقلىشىپ سۆيۈشىشىدىن ئادەم بالسى ئۆز ئۆمرىدە پەقەت بىر قېتىملا تاپىدىغان لەززەت ھاسىل بولماقتا ئىدى.

    بىر كازاك ھالاك بولدى! پۈتۈن كازاك قەھىرىمانلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۆلۈم بىلەن باراۋەر نۇمۇس ئىش بولدى . ئۇ ھەممىدىن ئايرىلدى. ئەمدى ئۇ زاپوروژىينىمۇ، ئاتا-ئانىسىنىمۇ، خۇدانىڭ ئۆيى چېركاۋنىمۇ كۆرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ۋەتىنى ئۇكرايىنىمۇ ئۆزىنى قوغداشنى زىممىسىگە ئالغان ئەڭ باتۇر ئوغوللىرىنىڭ بىرىدىن ئايرىلدى. ئەمدى قېرى تاراس ئۆزىنى ئار -نۇمۇسقا قالدۇرغان شۇنداق ئوغۇلنى تاپقىنىغا ۋە ئوغلى تۇغۇلغان شۇ كۈن، شۇ سائەتكە بېشىدىكى ئاقىرىپ كەتكەن كوكۇلىسىنى يۇلۇپ تۇرۇپ لەنەتلەر ئوقۇيدۇ.

     

    7

     

    زاپوروژىيلىقلار ئارىسدا ئالتوپلاڭ كۆتۈرۈلدى. پولەك ئەسكەرلىرىنىڭ شەھەرگە قانداق كىرىۋالغانلىقىنى ئاۋال ھېچكىم بىلمىدى. كېيىن مەلۇم بولدىكى، يان تەتەپتىكى شەھەر دەرۋازىسىنى توسۇپ ياتقان پېرېياسلاۋ توپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھاراق ئىچىپ ئۆلگۈدەك مەست بۇلۇشۇپ ياتقانىكەن . شۇ چاغدا پولەك ئەسكەرلىرى كېلىپ، ئۇلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنى قىرىپ تاشلاپ، قالغانلىرىنى ھەش-پەش دىگۈچە باغلاپ تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كېتىپتۇ‪.يېقىن ئارىدىكى توپلار بۇ ۋاڭ-چۇڭدىن ئويغىنىپ قوراللىنىپ ئاتلانغۇچە، پولەك ئەسكەرلىرى ئالىقاچان شەھەر دەرۋازىسىغا بېرىپ قالغانىدى. چالا مەت، چالا ئۇيقۇلۇق زاپوروژىيلىقلار ۋاڭ-چۇڭ كۆتۈرۈپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلىغان بولسىمۇ يېتىشەلمەي،  ئارقىدىن قوغلىغان بولسىمۇ يېتىشەلمەي، ئارقىدا قالغان بىر قىسىم پولەكلەر بىلەن بىر پەس ئېتىشىپ، ئۇلارمۇ شەھەرگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن قايتىپ كەلگەن.

     

       لەشكەر بېشى ھەممىنى توپلاشقا بۇيرۇق بەردى. ھەممەيلەن يىغىلىپ، باشلىرىدىن شەپكىلىرىنى ئېلىپ جىم بۇلۇشقاندا، لەشكەر بېشى سۆزلىدى:

    -ھۆرمەتلىك ئاغىنىلەر، مانا، كۆردۈڭلارمۇ، بۈگۈن كېچە نېمە ئىش بولدى؟! مانا بۇ ئىچىملىكنىڭ ئاقىۋىتى! دۈشمەن بىزنى مانا شۇنداق شەرمەندە قىلىپ كەتتى! ئەسلىدە ئۆزەڭلارنىڭ خۇي-پەيلى، ئادىتىڭلار شۇنداق ئوخشايدۇ. ئەگەر نورمىدىن ئارتۇقراق ئىچىشكە رۇخسەت بېرىلسە، ھاراققا بېشىڭلار بىلەن چۆكۈپ كېتىسىلەر. ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ دىنىي يولىدا جەڭ قىلدىغان ئەسكەرلەرنىڭ دۈشمىنى ئىشتان-چاپىنىڭلارنى سالدۇرۇپ، يۈزلىرىڭلارغا تۈكۈرۈپ كەتسىمۇ تۇيمايسىلەر!….

       كازاكلار ئۆز خاتالىقلىرىنى بوينىغا ئېلىپ، باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرۇشتى. پەقەت، نېزا ماينوۋىسكىي توپنىڭ ئاتامانى گەپ قىلدى:

      -ئالدىرىما، ئاتا! لەشكەر بېشى لەشكەرلەر ئالدىدا سۆز قىلغان چاغدا، ئۇنىڭغا گەپ ياندۇرۇش ئەدەبسىزلىك بولسىمۇ، ھەقىقەتنى ئېيتماي بولمايدۇ. سەن بىزنى ئازراق ناھەق جىملىدىڭ. ئەگەر سەپەر ئۈستىدە، جەڭ ۋاقتىدا ياكى باشقا بىر ئېغىر ئىشلار ئۈستىدە شۇنداق ئىچىپ مەست بۇلۇپ قالسا، ئەيىپ ئەلۋەتتە يىگىتلىرىمىزدە بولاتتى. ئۇ چاغدا ئۇلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلساڭمۇ ھەققىڭ بار. ئەمما بۇ يەردە ھەممىمىز بىكار ياتتۇق. شەھەر يېنىدا بىھۇدە ئۆمۈر ئۆتكۈزدۇق. بىز بۇ يەردە پەرز تۇتۇپ ياتامدىمىز، ياكى دىنىمىز بۇيرغان باشقا بىر ئىشنى قىلۋاتامدىمىز، بىلمەيمەن. بىكارچىلىقتا ئىچمەي بولامدۇ؟ بۇ، گۇناھكارلىق  ئەمەس. لېكىن، ياخشىسى شۇكى، بىز ئەمدى گۇناھسىز كىشلەر ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا ياخشىلاپ كۆرسىتىپ قويايلى. ئاۋالمۇ ئۇ دەيۈزلەرنىڭ ئەدىبىنى راسا بەرگەنىدۇق. مانا ئەمدى شۇنداق سالايلىكى، ئۆزلىرىنى ھېچ ئوڭشاپ ئالالمىسۇن.

       بۇ ئاتاماننىڭ سۆزى كازاكلارغا ياقتى ئۇلار يەرگە چۈشۈپ كەتكەن باشلىرىنى بىر ئاز كۆتۈرۈشتى. كۆپچىلىك:

    كۇكۇبىنۇ راست گەپنى ئېيتتى !-دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلىدى. لەشكەر بېشىنىڭ يېنىدا تۇرغان تاراس بۇلبا:

    -لەشكەر بېشى، كۇكۇبىنكونىڭ گېپى توغرىدەك تۇرىدۇ. بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟-دەپ قويدى.

    -نېمە دەيتتىم،- دېدى لەشكەر بېشى،-شۇنداق ئوغولنى تاپقان ئاتىسىغا رەھمەت دەيمەن. ئاچچىق ياكى تەنە گەپ بىلەن دانالىق قىلىش دۇرۇس ئەمەس. ئادەمنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە ئۇنىڭ دىلىنى رەنجىتمەستىن، روھىنى كۆتۈرىدىغان، دەردىگە دەرمان بولدىغان سۆزنى قىلىش كېرەك. سۇ ئېچىپ ئۇسىسلىقى قانغان ئاتقا بىر قامچا سالغاندا قانداق ئىرغىسا، ئادەمنىمۇ شۇنداق ئىرغىتىدىغان گەپ بۇلۇشى كېرەك، دانالىق دەپ شۇنى ئېيتىدۇ. مەن ئۆزەم  بىر-ئىككى ئېغىز سۆز قىلىپ كۆڭلۈڭلارنى كۆتۈرۈپ قويماقچىدىم. بىراق، كۇكۇبىنكونىڭ پەمى بولغاچقا مەن ديدىغان گەپلەرنى دېدى.

    -لەشكەر بېشىمۇ توغرا گەپ قىلىدى!-دېيىشتى توپ ئىچىدىكىلەر، كۆك كەپتەردەك سۆلەت تۇرغان مويسىپىتلەرمۇ “ دۇرۇس گەپ بولدى “ دەپ باشلىرىنى لىڭشىتىپ قۇيۇشتى.

     

       لەشكەر بېشى يەنە سۆزلىدى:

    -ئاغىنىلەر، ئەمدى قۇلاق سېلىڭلار! شەھەر سېپىلىگە يامىشىپ چىقىش، نېمىسلاردەك يەر ئاستى يوللىرىنى قېزىش بىز كازاكلارغا لايىق ئىش ئەمەس. بۇنى دۈشمەنلەر قىلسۇن . ئەمما بىزگە مەلۇم بولغىنى شۇكى، مۆلچەرىمىزچە، دۈشمەنلەر شەھەرگە كۆپ ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىپ كىرىۋالمىغان. چۈنكى ئات-ھارۋىلىرى ئاز. شەھەر خەلقى ئاچ . ئېلىپ كىرگەن ئوزۇق-تۈلۈكنى بىر قېتىمدىلا يەپ قۇيىشىدۇ. ئاتلارغىمۇ ئوت-چۆپ كېرەك. بىلمىدىم، ئۇلارنىڭ بىرەر ئەۋلىياسى ئاسماندىن تاشلاپ بەرمىسە، باشقا ئىلاجى يوق. ئۇلارنىڭ ئېپىسكوپ، پوپلىرى گەپتىن باشقىنى بىلمەيدۇ. بەرىبىر، ئاخىرى شەھەردىن قېچىپ چىقىشىدۇ.

    ئەمدى ھەممىڭلار ئۈچكە بۆلۈنۈپ، ئۈچ دەرۋازىنىڭ يېنىدا ئۈچ يولنى توسۇپ تۇرۇڭلار . چوڭ دەرۋازىلاردا ئۈچتىن توپ تۇرسۇن. دەتكىيېۋىسكى بىلەن كورسۋېنسكىيىنىڭ توپى پىستىرمىدا تۇرسۇن. پولكوۋنىك تاراسمۇ ئەسكەرلىرى بىلەن پىستىرمىغا جايلاشسۇن. تىتارېۋىسكىيىنىڭ توپى ھارۋىلارنىڭ ئوڭ تەرپىدە ساقلاپ تۇرسۇن. شېشېربىنوۋىسكىيىنىڭ توپى بىلەن سېتبلىكوۋىسكىيىنىڭ توپى يۇقىرىدىن سول تەرەپتىنى ساقىلىسۇن. ئاراڭلاردىكى گەپكە چىچەن ئەزىمەتلەر سەپتىن چىقىپ دۈشمەنگە گەپ تاشلاپ، جېنىغا تېگىپ ئاچچىقىنى كەلتۈرسۇن . لەخلەر ئەخمەق كېلىدۇ، تىل-ھاقارەتكە چىدىمايدۇ. بۈگۈنلا ھەممىسى شەھەردىن گۈلدۈرلەپ چىقىپ قېلىشىمۇ ئېھتىمال.

    توپ باشلىقىلىرى، ھەر قايسىڭلار ئۆز توپۇڭلارنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرۈپ تەكشۈرۈپ چىقىڭلار. كىمنىڭ ئادىمى كەم بولسا، پېرېياسلاۋىسكىي توپنىڭ قالغان ئادەملىرىدىن قوشۇپ ئالسۇن. بارلىق نەرسە-كېرەكلىرىڭلارنى بىر-بىر كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىڭلار! باشنى سەگىتىش ئۈچۈن ھەر بىر كىشىگە بىر چىنىدىن ھاراق ۋە بىردىن پۈتۈن نان بېرىلسۇن. شۇنىمۇ ئېيتايكى، تۈنۈگۈن يىگەن-ئىچكەنلىرىڭلارنى سىڭدۈرۈپ بولدۇڭلارمۇ؟ تۈنۈگۈن شۇنچە كۆپ يەپ-ئىچتىڭلاركى، كىچىچە ھېچكىمنىڭ قارنى يېرىلىپ كەتمىگىنىگە مەن ھەيران. سىلەرگە يەنە بىر نەسىھەت؛ ئەگەر بىرەر ھاراقپۇرۇش جوھۇت بىرىڭلارغا بىر چىنە ھاراق ساتىدىغان بولسا، مۇنداق ئىتنىڭ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ پۇتىدىن ئېسىپ قويىمەن! ئاغىنىلەر، قېنى ئەمىسە ئىشقا كىرىشىڭلار، ئىشقا!

    لەشكەر بېشى شۇ تەرىقىدە بۇيرۇقلىرىنى بېرىپ، سۆزىنى تۈگەتتى. تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى باشلىرىنى ئېگىپ تازىم قىلغاندىن كېيىن شەپكىلىرىنىمۇ كىيمەي، ئۆز توپلىرىغا قاراپ كېتىشتى، نېراىراق بېرىپ شەپكىلىرىنى كېيىشتى. ھەممە ئۆز تەرددۇتىنى قىلىپ ئاتلىنىشقا تەييارلاندى. قىلىچ ۋە خەنجەرلىرىنى سىناپ كۆردى. يانلىرىدىكى خالتىلىرىنى ئوق-دورا بىلەن تولدۇردى. ئات-ھارىۋىلىرىنى تۈزەشتۈردى.

    تاراس يىغىندىن كېيىن ئۆز ئەسكەرلىرى قېشىغا كېتىۋىتىپ : “ ئاندرېي قاياققا يوقالدىكىن…” دەپ كۆپ ئويلىدى ۋە ھېچقانداق پىكىرگە كېلەلمىدى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنىمۇ باشقىلار بىلەن باغلاپ قۇشۇپ باغلاپ ئېلىپ كەتتىمۇ، ياق-ياق ! ئاندرېي تىرىك تۇتۇپ ئۆزىنى دۈشمەنگە تۇتۇپ بېرىدىغان ئادەم ئەمەس. ئۇ ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا يوق ئىدى. تاراس چوڭقۇر ئويغا چۆمۈپ، پەرىشان ھالدا كېتىپ باراتتى، كىمدۇ بىرى ئۇنىڭ ئىسمنى چاقىردى. تارا خىيال بىلەن بۇنى ئاڭلىمىدى. بىر چاغدا ئەس-ھۇشىنى يىغىپ:

    -كىم مېنى چاقىرغان؟-دېدى. ئۇنىڭ ئالدىدا يانكېل جۇھۇت تۇراتتى.

    -تەقسىر، پولكوۋنىك تەقسىر پولكونىك !-دېدى جوھۇت مۇھىم ئىش توغىرىسىدا گەپ قىلىشقا تەلپۈنۈپ،-تەقسىر پولكونىك، مەن شەھەرگە كىرىپ چىقتىم!

    -تاراس جوھۇتقا قاردى ۋە ئۇنىڭ قانداق قىلىپ شەھەرگە كىرىپ چىققانلىقىغا ھەيراق بۇلۇپ:

    -قايسى دۈشمەن سېنى شەھەرگە ئېلىپ كىردى؟-دېدى.

    -ھازىر سۆزلەپ بېرىمەن،-دېدى يانكېل،-تاڭ ئاتارغا يېقىن شاۋقۇن-سۈرەن كۆتۈرلۈپ، كازاكلار ئاتقىلى باشلىغاندا، مەن  دەرھال چاپىنىمنى يېپىنچاقلاپ يۈگۈرگىنىمچە شۇ ياققا قاراپ چاپتىم . ئالاتوپىلاڭنىڭ سەۋەبىنى چاققانراق بىلىۋېلىشقا ئالدىرىدىم. لەخ لەشكەرلىرىنىڭ كەينى شەھەگە كىرىپ كېتىۋاتقان چاغدا مەنمۇ شەھەر دەرۋازىسىغا يېتىپ كەلدىم. قارىسام، تۇغچى جاناب گالەندوۋىچ لەشكەرلەر ئالدىدا كېتىپ بېرىپتۇ. مېنىڭ ئۇ كىشى بىلەن تۇنۇشلۇقۇم بار ئىدى. ئۇنىڭ مەندىن يۈز ئالتۇن قەرىز ئالغىنىغا ئۈچ يىل بۇلۇپ قالغانىدى. خۇددى مەن ئۇنىڭدىن پۇلۇمنى سۈيلىمەكچى بولغاندەك، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ شەھەرگە كىرۋالدىم.

    -شەھەرگە كىرىۋالغاننىڭ ئۈستگە، ئۇنىڭدىن قەرز پۇلۇڭنىمۇ سورماقچىدىڭ؟ سېنى شۇ يەردىلادارغا ئاسمىدىمۇ ؟-دېدى بۇلبا.

    -خۇدا ھەققى، ئاسماقچى بولدى. ئادەملىرى كېلىپ باغلىدى. بوينۇمغا سىرتماقمۇ چۈشتى. لېكىن مەن يېلىنىپ-يالۋۇرۇپ ؛ جانابلىرى، پۇلۇمنى قاچاندا بېرىشنى خالىسىلا شۇ چاغدا بىرەلا، مەيلى، ئەگەر باشقا يىگىتلەرگە قەرز بەرگەن پۇللىرىمنى ئۈندۈرۈپ ئېلىشقا ياردەم بەرسىلە، سىلىگە يەنە قەرز بېرىمەن، دەپ ۋەدە قىلدىم. جاناب تۇغچىنىڭ ئۆي-جايلىرى، چار باغلىرى، تۆت يەردەقورغىنى ۋە بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن يەر -زىمىنى بولسىمۇ، يانچۇقىدا پۇلى يوق ئىدى. ئەگەر بىرسىلاۋ جۇھۇتلىرى ئۇ كىشىگە ياردەم قىلىپ، قورال-ياراق ئېلىپ بەرمىگەن بولسا، سوقۇشمۇ چىقمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇغچى جاناب مېيىم تەركىبىگىمۇ كىرەلمىگەن…….

    -شەھەردە نېمە ئىش قىلدىڭ ؟ بىزنىڭ ئادەملەرنى كۆردۈڭمۇ ؟

    -مانا قىزىق، بىزنىڭكىلەر ئۇ يەردە ناھايىتى كۆپ؛ ئىستكا، رۇخۇم، سامۇيلو، ئىجارىكەش خايۇالوخ

    تاراسنىڭ سەپرايى ئۆرلەپ:

    -ئۇ ئىتلىرىڭ قۇرۇپ كەتسۇم! مەن ساڭا جۇھۇتلىرىڭنى ئېيتىپ بەر دېمىدىم. بىزنىڭ زاپوروژىيلىقلاردىن بىرەرسىنى كۆردىڭمۇ دەپ سوراۋاتىمەن!-دېدى.

    -بىزنىڭ زاپوروژىيلىقلارنى كۆرمىدىم. پەقەت ئاندرېي جانابلىرىنىلا كۆردۈم.

    -ئاندرېينى كۆردۈم دەمسەنائ-دېدى بۇلبا ۋاقراپ، -قەيەردە كۆردۈڭ ؟ زىنداندىمۇ، گەمىدىمۇ؟ ئەسىرلىكتىمۇ ؟ خار-زارلىقتىمۇ؟

    -جاناب ئاندرېينى ئەسىر قىلىشقا كىمنىڭ ھەددى ئىكەن ! ھازىر ئۇ كىشى شۇنداق چوڭ ئامدەمكى … ئەزبىرايى خۇدا، مەن بىر كۆرۈشتە تۇنۇيالمىدىم. كېيگەن تون سەپايلىرىنىڭ ھەممىسى ئالتۇندىن. بېشىدىكى دۇبۇلغىسىمۇ ئالتۇندىن. بېلىدە ئالتۇن كەمەر . باھار پەسلىدە تۈرلۈك قۇشلار سايرىشىپ، گۈل-چىچەكلەر ئۈستىدە ئاپتاپ قانداق چاقنىسا، ئۇ كىشىمۇ شۇنداق جۇلالىنىپ كېتىپتۇ. شەھەر ھاكىمى ئاندرېيگە ئاجايىپ ئىسىل ئاتنى بېرىپتۇ. مۇنداق ئات ئىككى يۈز ئالتۇندىن كەم تۇرمايدۇ.

    تاراس بۇلبا تۇرغان ئورنىدا تامدەك تاتىرىپ كەتتى.

    -نېمىشقا بىراۋنىڭ كىيىمىنى كىيىپتۇ؟

    -چۈنكى ئۇ كىيىملەر ياخشى-دە! شۇنىڭ ئۈچۈن كىيگەن. ئاندرېيىمۇ، باشقىلارمۇ ئات چاپتۇرۇپ يۈرۈشۈپتۇ. ئۇ باشقىلارغا تەلىم بېرۋىتىپتۇ. پولەكنىڭ “ مەن-مەن “ دىگەن بايۋەتچىسىمۇ ئاندرېيچىلىك بولالمايدۇ-دە!

    -ئۇنى كىم شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلىپتۇ؟

    -مەن بىرۋا مەجبۇر قىپتۇ دىگىنىم يوققۇ! ئۇ كىشى ئۆز ئىختىيارى بىلەن شۇلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋىرىڭىز يوقمۇ ؟

    -كىم ئۆتۈپ كېتىپتۇ؟

    -ئاندرېي جانابلىرى.

    -قاياققا ئۆتۈپ كېتىپتۇ؟

    -ئۇلارنىڭ تەرىپىگە. تامامەن ئۇلارمنىڭ ئادىمۇ بۇلۇپ كەتكەن.

    -يوق گەپنى دەۋاتىسەن، چوشقا قۇلاق!

    -نېمىشقا يوق گەپنى قىلاي. يالغان سۆزلەيدىغان ئەخمەقمۇ مەن ؟ يالغان سۆزلەپ بېشىمغا بالا  تېپىۋالايمۇ؟ ! ئەگەر بىرەر جۇھۇت سىزدەك يۇرت چوڭلىرىنىڭ ئالدىدا يالغان سۆزلىسە، ئىتتىن بەتەر قىلىپ دارغا ئېسىلدىغانلىقىنى بىلمەمدىمەن؟!

    -دىمەك، سېنىڭ گېپىڭچە، ئۇ ۋەتىنىنىمۇ، دىنىنىمۇ سېتىپتۇ-دە؟

    -سېتىپتۇ دېگىنىم  يوق، ئۇلارنىڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىپتۇ دېدىم خالاس.

    -دەيۈز جۇھۇت، يالغان ئېيتىۋاتىسەن! خىرستىئان مەملىكىتىدە بۇنداق ئىش ئەسلا بولغان ئەمەس. سەن قاپاقباش يېڭىلىشىۋاتىسەن!….

    -ئەگەر يېڭىلىشقان بولسام، ئۆيۈمنىڭ بۇسۇغۇسىنى ئوت باسسۇن! يالغان ئېيتقان بولسام، ئاتام-ئانامنىڭ گۆرى ئاياغ ئاستى بولسۇن. ئەگەر خالىسىڭىز، ئوغلىڭىزنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۇلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىمەن.

    -خوش، نېمە سەۋەبتىن؟

    -شەھەر ھاكىمنىڭ ئاجايىپ گۈزەل بىر قىزى بار، خۇدا ياراتقان بىر گۈزەلكى، تەرىپلەش قىيىن!-جوھۇت قوللىرىنى كېرىپ، كۆزلىرىنى قىسىپ، بىرەر تاتلىق نەرسىنىڭ تەمىنى تېتىغاندەك ئاغزىنى قىيشاشتۇرۇپ، كۆز ھەرىكەتلىرى بىلەنمۇ “ ناھايىتى چىرايلىق “ دىگەننى ئىپادىلەش ئۈچۈن تىرىشتى.

    -خوش، نىمە قىلىپتۇ ئاندىن؟

    -مانا، شۇ قىزنى دەپ ئۇلارنىڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەن . ئادەم بىر كىمنى ياخشى كۆرۈپ قالسا، چەمگە ئوخشاپ قالىدۇ. سۇ پۈركۈپ قاياققا سوزىساڭ، شۇ ياققا سوزۇلىۋېرىدۇ.

    بۇلبا قاتتىق ئويلىنىپ قالدى. ئايال كىشى ئاجىز بولسىمۇ ھۆكۈمرانلىقى، مەن-مەن دېگەن يىگىتلەر شۇنىڭ دەستىدىن ھالاك بولغانلىقى، ئاندرېينىڭ بۇ جەھەتتە بوشراقلىقى ئېسىگە چۈشۈپ، خېلىغىچە تۇرغان جايىدا قاققان قوزۇقتەك قېتىپ قالدى.

    -مانا، ئاڭلاپ تۇرۇڭ، مەن سىزگە ھەممە ۋەقەنى سۆزلەپ بېرەي، شاۋقۇن -سۈرەن بىلەن بىللە شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرىپ كېتىۋاتقانلارنى كۆردۈم-دە، شۇ ھامان ھەر ئېھتىمالنى ئويلاپ بىر ئورام مەرۋايتىنى يانچۇقۇمغا سېلۋالدىم. چۈنكى شەھەردە زىلۋا بويلۇق خېنىملار، ياخشى كىيىنگەن باي خۇتۇنلار نۇرغۇن، ۋاھالەنكى ئۇلارنىڭ يېيىشكە بىر توغرام نېنى بولمىسىمۇ، مەرۋايىتنى كۆرسە جان بېرىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم . ئەمەلدارنىڭ ئادەملىرى مېنى قۇيۇپ بەرگەندىن كېيىن يۈگۈرۈپ ھاكىمنىڭ ھويلىسىغا مەرۋايىت ساتقىلى كەتتىم. ھاكىمنىڭ ئۆيىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر تاتار خوتۇن بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن سوراپ بىلسەم، زاپوروژىيىلىقلارنى قوغلىغاندىن كېيىن دەرھال توق قىلىدىكەن. ئوغلىڭىز ئاندرېي زاپوروژىيىلىقلارنى ھەيدىۋىتىمەن دەپ ۋەدە قىپتۇ.

    -ئۇ بەدبەخنى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا ئۆلتۈرۋەتمىدىڭمۇ؟-دەپ ۋاقىرىۋەتتى بۇلبا.

    -نىمىشقا ئۆلتۈرەي ؟ ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭدا ئەيىپ يوق، ئۇياق ياخشى بولغىنى ئۈچۈن ئۆتۈپ كەتكەن-دە!

    -سەن ئۇنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭمۇ ؟

    -ئەزبىرايى خۇدا، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم . ئوغلىڭىز بىر ئاجايىپ پالۋان يىگىت بولۇپتۇ. ھەممىسىدىن تۈزۈك! خۇدا سالامەت قىلسۇن. مېنى كۆرۈپ دەررۇ تونۇدى، مەن قېشىغا بېرىۋىدىم، شۇنداق دېدى..

    -خوش، نېمە دېدى؟

    -ئۇ مېنى ئاۋال قولى بىلەن چاقىرىپ، ئاندىن «يانكېل» دېدى . مەنمۇ : ھە، ئاندرېي جانابلىرى،دېدىم. ئۇ يەنە: يانكېل، سەن ئاتامغا بېرىپ ئېيىت! ئاكامغا، ھەممە كازاكلارغا، زاپوروژىيىلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ئېيت! ئاتامدىمۇ، ئاكامدىنمۇ ۋە بارلىق يولداشلىرىمدىنمۇ كەچتىم. ھەممىسى بىلەن سوقۇشىمەن، دېدى.

    تاراستا تاقەت قالماي:

    -يالغان سۆزلەۋاتىسەن، شەيتاندىن تۆرەلگەن! ھارامزادە ئىت! خۇدانىڭ لەنىتىگە قالغان دەيۈز! ئەيسادەك ئادەمنى دارغا مىخلىغان ئىبلىس! دەرھال كۆزۈمدىن يوقال! بولمىسا ھازىر جېنىڭنى ئالىمەن!-دەپ ۋاقىرىدىن ۋە قەھرى بىلەن قىلىچىغا قول ئۇزاتتى. جۇھۇت يۈرىكى قېنىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بۇلۇپ جېنىنىڭ بېرىچە قاچتى. تاراس دۇچ كەلگەنلا ئادەمدىن دەردىنى چىرىۋېلىش ياخشى ئەمەس دەپ ئويلاپ جىم تۇرغان بولسىمۇ، جۇھۇت ئالدى-ئارقىسىغا قارىماي قېچىۋەردى.

    ئەمدى تارسنىڭ ئۆتكەن كېچە ئاندرېينىڭ بىر خۇتۇن بىلەن ئادەملەرنى ئارىلاپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكى ئېسىگە كەلدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئاق چاچلىق بېشى ساڭگىلاپ كەتتى. لېكىن بۇنداق نۇمۇس ئىشنىڭ بولغانلىقىغا، ئۆز ئوغلىنىڭ دىنىنى ۋە ئىمانىنى ساتقانلىقىغا ئۇنىڭ ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى

    ئاخىر تارس لەشكەرلىرىنى باشلاپ، كازاكلارنىڭ گۈلخانلىرىدىن ئامان قالغان بىر جاڭگاللىقتىن ئۆتۈپ، ئاندىن شۇ يەردە مۆكۈپ ياتتى. قالغان زپوروژىيلىقلار ئاتلىق ۋە پىيادە بۇلۇپ، ئۈچكە بۆلۈنۈپ، ئۈچ دەرۋازىغا قاراپ ماڭدى،ئۇمانىسىكي، پوپوۋىچېۋسىكي، كانېۋسىكىي، ستېبلىكۋىسكىي، تىمۇشىۋىسكىيلارنىڭ توپلىرى كەينى-كەينىدىن يولغا چۈشۈشتى. يالغۇز پېرېياسلاۋسكىينىڭ توپىلا يوق ئىدى. بۇ توپنىڭ ئادەملىرى قاتتىق مەست بۇلۇپ ياتقان ۋاقتىدا ئۆز نېسىۋىسىدىن ئۆزلىرى مەھرۇم بولغان؛ ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دۈشمەن قولىغا تىرىك چۈشۈپ، پۇت-قوللىرى باغلانغاندىن كېيىن ھۇشىغا كەلگەن. بىر مۇنچىلىرى ئويغانماي تۇتۇپلا ئۇدۇنياغا كەتكەن. ئاتامان خلىپ بولسا ئىشتانسىز، كۆڭلەكچان ھالدا ئۆزىنى لەخلەر قولىدا كۆرگەنىدى.

    شەھەردىكىلەر كازاكلارنىڭ قوزغىلىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، ھەممىسى سېپىل تۈۋىگە يىغىلىشتى. كازاكلارنىڭ كۆز ئالدىدا جانلىق بىر مەنزىرە پەيدا بولدى: بىر-بىرىدىن چىرايلىق، سۆلەتلىك پولەك پالۋانلىرى سېپىل ئۈستىگە چىقىشتى. ئۈستىگە غاز پەيلىرى قادالغان مىس قالپاقلار كۈن نۇرىدا پاقىرايتتى. بەزىلىرى باشلىرىغا ھەر خىل قالپاق كىيگەن. ئۇچلىرىغا زەر باسقان كەمزۇل كىيىپ، يەڭلىرىنى كەينىگە تاشلىغان، قىلىچ، مىلتىقلىرى ئالتۇن-كۈمۈشلەر بىلەن زىننەتلەنگەنىدى. بۇنداق قورال-ياراقلار ئۇلارغا ناھايىتى قىممەتكە توختايتى. پالۋانلارنىڭ تۇچىلىرىدا بۇنىڭدىن باشقا زىبۇ-زىننەتلەرمۇ نۇرغۇنىدى. ھەممىنىڭ ئالدىدا قىزىل زەر باسقان قالپاق كىيگەن بۇدژان پولكوۋنىكى سۆلەت بىلەن گىدىيىپ تۇراتتى. بۇ پولكونىك قەددى-قامەتلىك، ئىگىز بويلۇق ئادەم بۇلۇپ، قىممەت باھالىق كەڭ كەمزۇل ئۇنىڭغا چىڭ ەلگەنلىكىدىن يېرىلىپ كېتىدىغاندەك كۆرۈنەتتى. نېرىقى تەرەپتە، شەھەرنىڭ يان تەرىپىدىكى دەرۋازىغا يېقىن جايدا بويى پاكار، يۈزلىرى قاتاڭغۇر، تىك ياقلىق كەمزۇل كىيگەن يەنە بىر پولكونىك تۇراتتى، بۇ كىشىنىڭ كىچىك، ئۆتكۈر كۆزلىرى قۇيۇق قاشلىرى تېگىدە ئويناپ تۇراتتى. ئىنچىكە، ئۇرۇق قوللىرى بىلەن ھەر تەرەپكە ئىشارەت قىلىپ بىر نېمىلەرنى دەپ بۇيرۇق بېرەتتى. ئۆزى ۋىجىك بولغىنى بىلەن ھەربىي ئىشلارغا ئەپچىللىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭىدىن سەل نېرىراقتا ئۇزۇن بويلۇق، قويۇق ساقاللىق، شاپ بۇرۇتلۇق، يۈزلىرى قىپقىزىل تۇغچى جانابلىرى تۇراتتى. بۇ كىشى ئىچىملىك ۋە ئۇيۇن-كۈلكىنى ياخشى كۆرەتتى. تۇغچىنىڭ ئارقسىدا نۇرغۇن بەگ ۋە بەگزادىلەر بار ئىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز پۇللىرىغا قورال سېتىۋىلىپ ۋە بەزىلىرى پادىشاھلىقتىن تەككەن ياكى ئاتا بوۋىسىدىن قالغان تەئەللۇقاتنىڭ ھەممىسىنى جۇھۇتلارغا گۆرە قۇيۇپ قوراللىنىپ چىققانىدى. ئەمەلدارلارنىڭ كەينىدە يۈرىدىغان ھەر خىل ئادەملەرمۇ نۇرغۇنىدى. قىسقىسى، سېپىل ئۈستىدە ھەر خىل ئادەملەر بار ئىدى. بۇ ئادەملەرنىڭ بەزىلىرى گاھىدا ھاراق ئىچكىلى بىر تىيىن تاپالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇش دىگەندە كۆرەڭلەپ كېتىپ، ھەر قانچە نېمىسى بولسىمۇ سەرپ قىلىپ ئاتلىنىپ چىققاتتى.

    كازاكلار سەپ-سەپ بۇلۇپ سېپىل تۈۋىدە جىم تۇراتتى. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىدا ئالتۇن-كۈمۈش يوق ئىدى. بەزىبىر قىلىچلارنىڭ ساپلىرىغا، مىلتىقلارنىڭ قونداقلىرىغا سەپ-پەل ئالتۇن يالىتىلغانلىقى كۆرۈنۈپ قالاتتى . ئۇرۇشقا ياسىنىپ چىقىش كازاكلارنىڭ ئادىتى ئەمەس ئىدى. كېيىنگە كىيىم-كېچەكلىرىمۇ ناھايىتى ئاددى ئىدى. باشلىرىدىكى قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن قارا تەلپەكلىرى يىراقتىن تېخىمۇ قارىيىپ كۆرۈنەتتى.

    زاپوروژىيىلىقلارنىڭ سەپلىرىدىن ئىككى كىشى ئالدىغغا قەدەم تاشلاپ چىقتى . بىرى ياش ئىككىنچىسى قېرىراق بۇلۇپ، ھەر ئىككىسى سۆزىگىمۇ، ئىشقىمۇ چىچەن، ئوخرىم ناش، ئىككىنچىسى مېكېتا گولوكوپېتىنكو ئىدى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن دېمىد پوپوۋىچمۇ چىقتى. كەڭ گەۋدىلىك بۇ ئادەم كۆپ يىللاردىن بېرى سېچتا يۈرگەن، ئادرىئانوپولغىمۇ بارغان، كۆپنى كۆرگەن، بېشىغا قاراماي سۈركىلىپ، بۇرۇتلىرىنى ئوتتا كۆيگەن ھالدا سېچقا قېچىپ كەلگەنىدى. ئەمدى پوپوۋىچنىڭ چاچلىرى ئۆسۈپ كەتكەن، قاپقارا، ئۇزۇن بۇرۇتلىرى ھۆسنىگە ياراشقان، ئۆزىمۇ كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغانىدى. تەنە سۆزىگە كەلگەندە بۇقىنى چىمدىپ ئۆلتۈرىدىغان ئادەم ئىدى.

    -ھوي، قىزىل چاپان باتۇرلار، ماغدۇرڭلار قانداقراق، شۇنى بىلەي دەيمىنا!

    سېپىل ئۈستىدە تۇرغان گەۋدىلىك پولكوۋنىك:

    -ئالدىرما، كۆرىسەن! ھەممىڭنى باغلاپ تاشلايمەن! شورلۇق قۇللار! ياخشىلىقچە ئات ۋە قورال-ياراقلىرىڭلارنى تاپشۇرۇڭلار! يولداشلىرىڭلارنى ئەسىر قىلىپ باغلاپ كەلگىنىمنى كۆرمۈدۈڭلارمۇ؟-دېدى. قول-پۇتلىرى باغلانغان زاپوروژىيلىقلارنى سېپىل ئۈستىگە چىقىرىپ كۆرسەتتى. ھەممىنىڭ ئالدىدا ئاتامەن خلىپ مەستلىكتە قانداق ياتقان بولسا، شۇ پېتىگە ئىشتانسىز، كۆڭلەكچان تۇراتتى. مەستلىكىتىكى بىپەرۋالىق بىلەن يالىڭاچ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقىدىن ئۆز كازاكلىرىنىڭ ئالدىدا نۇمۇس قىلىپ بېشىنى ئۈستۈن كۆتۈرەلمەي قالغانىدى. كۆپنى كۆرگەن بېشىنىڭ چاچلىرى بىر كېچىدىلا ئاقىرىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى.

    تۆۋەندە تۇرغان كازاكلار:

    -خلىب، تولا قايغۇرما. بىز سېنى قۇتۇلدۇرۋالىمىز!-دەپ ۋارقىراشتى.

    توپ ئاتامانى بوروداتىمۇ ۋاقىراپ:

      -قايغۇرما، دۇستۇم! سېنى يالىڭاچ تۇتوۋالغانلىقىغا سەب ئەيىپلىك ئەمەس. ئەمما سېنىڭ ئەۋرىتىڭنى ياپماستىن كۆرستىۋاتقان ئۇلارغا ئۇيات !-دېدى.

    -بىلدۇق، سىلەر ئۇيقۇدا ياتقانلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا باتۇر ئىكەنسىلەر !-دېدى گولوكوپېنكو سېپىدىلىكەرگە قاراپ.

    -ئالدىرماڭلار! ھېلى بېشىڭلاردىكى كوكۇلىلىرىڭلارنىمۇ كېسىۋىتىمىز!-دېدى سېپىلدىكىلەر.

    كۇكۇلىمىزنى قانداق كېسىپ ئالاركىن، شۇنى بىر كۆرۈپ باقسام،-دېدى پوپوۋېچ ئات ئۈستىدە تۇرۇپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئادەملىرىگە قاراپ :-بەلكىم لەخلەر راست دەيدىغاندۇ، ئۇلارنىڭ ئاۋۇ يوغان قورساق باشلاپ چىقسا، ھەممىسىگە ناھايىتى ياخشى قالقان بۇلىدىكەن !-دېدى.

    كازاكلار پوپوۋىچكىنىڭ يەنە بىر مەسخىرە گەپ قىلماقچى بولغانلىقىنى سېزىپ:

    -ئۇ قانداقسىگە بىر ئۆزى ھەممىگە قالقان بۇلىدۇ؟-دەپ سورىدى.

    -چۈنكى، ھەممە لەشكىرى ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالسا، ئۇنىڭ قارنىغا نەيزەڭنى ھەر قانچە تىقساڭمۇ كار قىلمايدۇ ئەمەسمۇ !-دېدى پوپوۋىچ.

    كازاكلار پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. بەزىلىرى خېلىغىچە ئۆزلىرىنى كۈلكىدىن توختىتۋالالمىدى. بىر پوپوۋىچقا:

      -بۇ بىر كىمنى گەپ بىلەن باپلاشقا كەلگەندە شۇنداق ۋەسۋا قىلىپ تاشلايدۇكى ….‪-دېدىيۇ، گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئاخىرىنى ئېيتماي قويدى.

    لەشكەر بېشى:

    -قېچىڭلار، تېز قېچىڭلار سېپىل تۈۋىدىن ! -دەپ ۋاقىرىدى . لەخلەر گەپنىڭ ئەلىمىگە چىدىمىغان بولسا كېرەك،چوڭلىرى قوللىرىنى شىلتىپ بۇيرۇق قىلغاندەك بولدى. كازاكلار سېپىل تۈۋىدىن ئارقىسىغا يانا-يانماستىنلا زەمبىرەكلەر گۈلدۈرلەپ ئېتىلىشقا باشلىدى. قېرى ھاكىممۇ ئاتلىق پەيدا بۇلۇپ قالدى. دەرۋازا ئېچىلىپ، لەشكەرلەر تۈرلۈپ چىقىشقا باشلىدى. ھەممىنىڭ ئالدىدا سەپ-سەپ بۇلۇپ ياسانغان نۆكەرلەر، ئۇلارنىڭ كەينىدىن ساۋۇت كېيگەن، قوللىرىغا قالقان تۇتقان لەشكەرلەر كەلمەكتە ئىدى. ئۇلاردىن كېيىن مىس قالپاقلىقلار، ھەممىدىن كېيىن ھەر كىم ئۆز ھالىغا يارىشا ياسانغان بەگ ۋە بەگزادىلەر چىقىپ كېلىشتى . لەشكەر توپلىيالمىغانلىرى بولسا، ئۆز مالايلىرى بىلەن چىققان ئىدى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن سەپ تارتىپ تۇغ تۇتقانلار چىقىشتى. بۇلاردىن كېيىن سۆلەت ۋە ھەيۋەت بىلەن ئەمىر لەشكەر چىقىپ كەلدى. ئارقىدىن يەنە سەپ-سەپ بۇلۇپ لەشكەرلەر چىققاندىن كېيىن ئاخىرىدا يوغان گەۋدىلىك پولكوۋنىك چىقتى. ھەممىدىن كېيىن ھېلىقى پاكار، قاتاڭغۇر پولكوۋنىك چىقىپ كەلىدى.

    كازاك لەشكەر بېشى:

    -ئۇلارنىڭ سەپ تارتىشقا يول قويماڭلار! ھەممىڭلار كۈچ قۇشۇپ بىر يولى تېگىڭلار!  باشقا دەرۋازىلارنى تاشلاڭلار! تىتارېۋسكىي توپنىڭ ئادەملىرى، يان تەرەپتىن تېگىڭلار! دەتكىۋسكىينىڭ توپى بىلەن نېرىقى بېقىنىدىن ئۇرسۇن! كۇكۇبىنكو بىلەن پالېۋودا، سىلەر دۈشمەننىڭ ئارقا تەرپىگە چاڭ سېلىڭلار! دۈشمەنگە ئىمكان بەرمەڭلار! بىر-بىرىدىن ئايرىپ تاشلاڭلار!-دەپ ۋاقىرىدى. كازاكلار تۇشمۇ-تۇشتىن ئات سېلىپ، ئۇلارنى مالماتاڭ قىلىۋەتتى. ئۆزلىرىمۇ ئارىلىشىپ كەتتى. بىر پاي ئوق چىقىرىشقىمۇ بولمىدى. قىلىچ ۋە نەيزىۋازلىق باشلىنىپ كەتتى. بۇ جەڭدە ھەممىسى بىر يەرگە غۇجمەك بۇلۇپ قالغانلىقىتىن، ھەر كىم ئۆز ئالدىغا قەھرىمانلىق كۆرسەتمەكتە ئىدى. دېمېد پوپوۋىچ لەخنىڭ ئۈچ ئاددىي ئەسكىرىگە نەيزە ئۇردى. مەنسەپدار ئاق سۆڭەكلەردىن ئىككىسىنى ئېتىدىن ئۇرۇپ چۈشۈرۋىتىپ:

    -ئەجەپ ياخشى ئاتلار ئىكەن، مەن مۇنداق ئاتلارغا بەكمۇ ئىشقۋاز ئىدىم،- دېدى -دە، ئاتلارنى دالىغا ھەيدىۋەتتى ۋە ئۇياقتا تۇرغان كازاكلارغا:

    -ئاتلارنى تۇتۇۋېلىڭلار،-دەپ بۇيرىدى. ئاندىن يەنە ئۆزىنى توپقا ئۇرۇپ، بايقى ئاتتىن يېقىلغانلار ئۈستىگە كەلدى ۋە بىر-بىرلەپ چېپىپ تاشلىدى. يەنە بىرىنىڭ بوينىغا ئارغامچا بىلەن سىرتماق سېلىپ ئىگىرىگە باغلىۋالدى. ئاندىن قىممەت باھالىق قىلىچىنى، نۇرغۇن ئالتۇن سېلىنغان چەندازىسىنى بېلىدىن يېشىۋېلىپ، ئۆزىنى ئاتقا سۆرىتىپ كەتتى. ياش قەھرىمان كوبىتا پولەك ئەسكەرلىرىنىڭ ئاتاقلىق باتۇرلىرىدىن بىرى بىلەن ئېلىشىپ قالدى، ياقا تۇتۇشۇپ راسا بۇغۇشتى . ئاخىرى كازاك ئۇنى يېڭىپ، ئۆتكۈر ئىستامبول پىچىقى بىلەن ئۇنىڭ كۆكىرىكىگە ئۇرىدى. ئەمما ئۆزىمۇ ساق قالمىدى، چوغدەك بىر ئوق دەل كېلىپ ماڭلىيىغا تەگدى. ئۇنى ئاتقان باتۇر-نەسلى ئۇلۇغ، مەرتىۋىسى چوڭ، قەددى-قاممىتى كېلىشكەن، چىرايلىق يىگىت ئىدى. جىرەن ئارغىماق ئۈستىدە چىناردەك ئولتۇرۋالغان  بۇ يىگىت قىلىچى بىلەن زاپوروژىيلىقلاردىن ئىككى كىشىنى ئىككىگە بۆلۈپ تاشلىدى، قاۋۇل كازاك فېئودور كورژنى ئېتى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، ئېتىنى ۋە كورژنىڭ ئۆزىنى نەيزىلەپ ئۇجۇقتۇردى، نۇرغۇن كازاكنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلدى،  بەزىلىرىنىڭ قول-پۇتىنى چېپىپ تاشلىدى. نېزاماينوۋسكىي توپنىڭ باشلقى ئاتامان كوبېكنو بۇ باتۇرنى كۆرۈپ:

    -ئاشۇ باتۇر بىلەن بىر ئېلىشىپ كۆرەي،-دېدى-دە، ئېتىنىڭ بېشىنى قويۇپ بېرىپ توپتوغىرا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يېتىپ كەلدى. ئۇ شۇنداق بىر چۇقان سېلىپ ۋاقىرىدىكى، ئەتراپتىكىلەر بۇ غەيرىي، تەبىئىي ئاۋازىدىن چۆچۈپ كېتىشتى. پولەك باتۇررى ئېتىنىڭ بېشىنى بۇراپ شۇ تەرەپكە يۈزلەنمەكچى بولغانىدى، بىراق ئېتى كۇكۇبېنكونىڭ ۋاقىرىشىدىن ئۈركۈپ كېتىپ، باتۇرغا بوي نەرمەي چەتكە قاراپ ئېپقاچتى. كۇكۇبېكو ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئوق ئۈزدى. ئوق كۆكرىكىگە تېگىپ ئاتتىن ئۇچۇپ چۈشتى. لەخ باتۇرى شۇندىمۇ بوش كەلمەي، دۈشمىنىگە زەربە بېرىشكە ھەرىكەت قىلدى. ئەمما دەرمانى كېتىپ قىلىچنى كۆتۈرەلمەي قالدى. كۇكۇبېنكو ئېغىر ئىككى بىسلىق خەنجىرىنى ئېلىپ، ئۇنى قېنى قاچقان ئاغزىغا شۇنداق ئۇردىكى، خەنجەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ گەجگىسىدىن چىقىپ يەرگە مىختەك قېقىلدى. لەخ يەرگە ئەبەدىي قېقىلغىنىچە قالدى. بۇ ئىسىلزادىنىڭ قېنى كىمخاپ چاپىنىنى قىپقىزىل قىلىۋەتتى. كۇكۇبېنكو ئۇنى بۇ يەردە تاشلاپ، لەشكەرلىرى بىلەن ئۆزىنى باشقا توپقا ئۇردى.

    ئۇمانسكىي توپنىڭ ئاتامانى ئۆز لەشكەرلىرىدىن ئاجراپ چىقىپ كۇكۇبېكو ئۆلتۈرگەن لەخ باتۇرى ياتقان جايغا كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىباشلىرىنى كۆرۈپ:

    -شۇنداق قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ئالماي تاشلاپ كەتكىنىنى قارا! مەن ئۆز قۇلۇم بىلەن يەتتىنى ئۆلتۈردۈم، لېكىن مۇنداق قىممەت باھا ئۈستباشنى ھېچبىرىدە كۆرمىدىم،- دەو بەپسىنى يىغىۋالالماي ئۆلۈكنىڭ نەرسە -كېرەلىرىنى يىغىۋىلىشقا كىرىشتى ؛ مەرۋايىت بىلەن بىزەلگەن تۈرك پىچىقىنى غىلىپىدىن سۇغۇرۋالدى، ئۇچىسىدىكى نېپىز يىپەك كۆڭلىكىنى، نۇرغۇن ئاقچا شېلىنغان كۆمۈش قاپلىق تۇمارىنىمۇ يېشۋالدى. بۇ تۇمارىنىڭ ئىچىدە بىر قىزنىڭيادنامە ئۈچۈن بەرگەن چېچى بار ئىدى. شۇ ئەسنادا ئۇ ئارقىسىدىن قىزىل بۇرۇن تۇغۇچنىڭ قانداق يېتىپ كېلىپ قالغانلىقىنى تۇيماي قالدى ؛ تۇغچى بۇ ئاتامانغا ئىككى نۆۋەت دۈچ كېلىپ، ئىككىلا نۆۋەتتە ئاتتىن ئۇچۇپ چۈشكەن ۋە ئوبدان ئەدىبىنى يېگەنىدى. ئۇ بارلىق كۈچى ۋە جان-جەھلى بىلەن قىلىچىنى كۆتۈرۈپ، ئېڭىشىپ تۇرغان ئاتامان بوروداتىينىڭبوينىغا ئۇردى. كازاك نەپسىنى دەپ بېشىنى يېدى، ئۇنىڭ كاللىسى شارت قىلى ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ، يەر قىزىل قانغا بۇيالدى. كازاكنىڭ بېشى شۇنداق مۇستەھكەم بەدەندىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە جۇدا بولغىنىغا ئەجەبلەنگەندەك سەكرەشكە باشلىدى. تۇغچى ئاتاماننىڭ بېشىنى غانجۇغىسىغا باغلىۋالماقچى بولۇپ كۇكۇلىسىغا قول ئۇزىتىشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ كۈشەندىسىمۇ يېتىپ كېلىپ قالدى.

    قارچىغا ئاسمانغا كۆتۈرلۈپ، ئوت-چۆپلەر ئارسىدىكى بۆدۈنە بالىسىغا ئۆزىنى ئوقتەك ئاتقاندەك، تاراسنىڭ ئوغلى ئوستاپ تۇيۇقسىز تۇغچىنىڭ ئۈستىگە ئېتىلدى-دە، بوينىغا سىرتماق سېلىۋالدى. سىرتماق تۇغچىنىڭ  بوينىنى بۇغقاندا، ئۇنىڭ يۈزى تېخىمۇ قىزىرىپ پەرەڭدەك بۇلۇپ كەتتى، ئالدىراشلىق بىلەن تاپانچىسىنى ئېلىپ ئاتقانىدى، قولى تىترەپ ئوقى خاتا كەتتى. تۇغچى قولىغا چۈشكەن تۇتقۇنلارنى باغلىۋىلىش ئۈچۈن ئىگىرىگە يىپەك چۇۋۇر ئورىۋالغانىكەن. ئوستاپ ئۇنىڭ پۇت-قولىنى ئۆز ئاغامچىسى بىلەن باغلاپ، ئاغامچا ئۇچىنى ئىگەرگە چېگىپ ئاتقا سۆرىتىپ ئېلىپ كەتت. دالىنى ئارلاپ ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ ئۇمانسكىي توپنىڭ ئادەملىرىگە:

    -ئاتامانىڭلار بىلەن خوشلىشىۋېلىڭلار،-دەپ ۋاقىرىدى . ئۇمانىسكىي توپنىڭ كازاكلىرى ئۆز ئاتامانى بوروداتىيىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئاڭلىشى بىلەن جەڭ مەيدانىنى تاشلاپ، ئاتاماننىڭ جەسىتى ئۈستىگە يىغىلىشتى ۋە ئاتامانلىققا كىمنى سايلاش توغىرسىدا كېڭەشتى. كېڭەشنىڭ ئاخىرى:

    -گەپنى سوزۇپ نىمە قىلىمىز، تاراس بۇلبىنىڭ ئوغلى ئوستاپتىن باشقا ئاتامانلىققا لايىق ئادەم يوق . ھەممىزدىن ياش بولسىمۇ، ئەقلى-ھوشى قېرىلارنىڭكىدىن كەم ئەمەس،-دېگەن پىكىرگە كېلىپ توختالدى. ئوستاپ بۆكىنى قولىغا ئېلىپ، كازكلارنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن ئىززەت-ھۈرمىتىگە رەھمەت ئېيتتى، جەڭ قاينىمىدا تۇرغاچقا، ياشلىق قىلىمەن، ئەقلىم كىچىك، دەپ ئۆزرە ئېيتىپ ئولتۇرماستىن، دەرھال ئۇلارنى ئۇرۇشقا ئېلىپ كىردى ۋە ئۆزىنىڭ ئاتامانلىققا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

    لەخلەر جەڭنىڭ ناھايىتى قىزىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىر يەرگە توپلىنىس ئۈچۈن بىر چەتكە چىكىنىشىتى . پاكىنەك، قاتاڭغۇر پولكوۋنىك دەرۋازا يېنىدا تۇرغان تۆت يۈز كىشلىك ئالاھىدە قىسىمغا قول شىلتىغانىدى، زەمبىرەكلەر گۈمبۈرلەپ، كازاكلار ئۈسىتگە ئوق ياغىدى، لېكىن زەمبىرەك ئوقلىرى ئادەملەر ئۈستىدىن ھالقىپ، ئۇرۇشتىن ئۇركىگەن ئۆكۈزلەر ئارىسىغا چۈشتى . ئۆكۈزلەر تېخىمۇ ئۈركۈپ، كازاكلارنىڭ  ئات-ھارۋىلىرىغا ئۆزلىرىنى ئۇردى، ھارۋىلارنى  سۇندۇرۇپ، بەزى ئادەملەرنى يىقىتىپ قالايمىقان قىلىۋەتتى. شۇ ئارىدا تاراس پىستىرمىدا ياتقان جايىدىن چىقىپ، پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن چۇقان سېلىپ جەڭگە كىردى. ئۈركۈپ قاچقان ئات-كالىلار چۇقان-سۈرەندىن كەينىگە قايتىپ، لەخلەر ئارىسىغا كىرىپ كەتتى. ئاتلارنى ئۈركۈتۈپ، ھەممىسىنى تېرىپىرەن قىلىۋەتتى. زاپوروژىيلىقلار ۋاقىرىشىپ:

    -بارىكاللا،  ئۆكۈزلەر! يۈرۈشتە خېلى ئەسقاتقانىدىڭلار. ئەمدى جەڭدىمۇ ئىش كۆرسەتتىڭلار، -دەپ ئۆزلىرىنى يەنە دۈشمەنگە ئاتتى، خېلى كۆپ دۈشمەننى قىرىپ تاشلىدى. كازاك باتۇرلىرىدىن مېتېلىتسە،  شىلو، ئىككىلار پىسارېنكو، ۋۇتۇرېنكو ۋە يەنە بىر نەچچەيلەن كۆپ قەھرىمانلىقىلار كۆرسەتتى. لەخلەر ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن تۇغلىرىنى تاشلاپ، شەھەر دەرۋازىسىنى ئاچ دەپ ۋاقىراشقا باشلىدى.تۆمۈر قاپلانغان چوڭ دەرۋازا غارىلداپ ئېچىلدى.  قورودىكى قويلاردەك غۇژمەك بۇلۇپ تىپىرلىشىپ، ھېرىپ-چارچىغان لەخ ئاتلىقلىرى  ئىچكىرىگە كىرىپ كېتىشتى .  نۇرغۇن زاپوژىيلىقلار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كىرمەكچى بولغان چاغدا، ئوستاپ ئۆز ئادەملىرىگە:

    -يولداشلار، سېپلىدىن نېرى قېچىڭلار سېپىلگە يېقىن بارماڭلار!-دەپ ۋاقىرىدى. ئۇ توغرا ئېيتقانىدى. سېپىل ئۈستىدىكى ھەر خىل نەرسىلەرنى كازاكلار ئۈستىگە تاشلاپ، ئېتىپ، كۆپ زىيان-زەخمەت يەتكۈزدى . شۇ چاغدا لەشكەر بېشى كېلىپ قېلىپ ئوستاپنى ئالقىشلىدى:

    -بۇ بالا يېڭى ۋە ياش بولسىمۇ، خۇددى كونا ئاتامانلاردەك باشلامچىلىق قىلىۋاتىدۇ!-دەپ مەمنۇن بولدى . قېرى بۇلبا يېڭى ئاتامان كىمكىنە دەپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىغانىدى، ئۇمانسكىي توپنىڭ بېشىدا قالپىقىنى  قىرلاۋېلىپ ئات ئوينىتىپ كېتىۋاتقان ۋە قولىدا ئاتامانلىق چوقمىقىنى تۇتقان ئوستاپنى كۆردى. ئۇ، ئوغلىغا قاراپ: “ يارايسەن،ئوغلۇم !” دەپ سۆيۈندى. ئۆز ئوغلىغا بۇنچىلىك ئىشەنچ ۋە ھۈرمەت كۆرسەتكەن ئۇمانسكىي توپنىڭ ھەممە ئادەملىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

    كازاكلار كەينىگە قايتىشتى ۋە ئۆز قارار گاھىلىرىغا كەتمەكچى بۇلۇشتى. شەھەر سېپىلى ئۈستىدە يەنە ئۈستىبېشى جۇلجۇل لەخلەر كۆرۈندى. بىر مۇنچىسىنىڭ ئۈستىدىكى قىممەت باھالىق تونلىرىغا قانغا بويالغان، چىرايلىق مىس قالپاقلىرىنى چاڭ باسقانىدى. زاپوژىيلىقلار پەستە تۇرۇپ:

    -ھە، ھەممىمىزنى باغلىۋالالىدىڭمۇ ؟-دەپ ۋاقىراشتى.

    سېمىز پولكوۋنىك سېپىل ئۈستىدە تۇرۇپ:

    -خەپ، سەنلەرنى !-دەپ ۋاقىراپ، ئاغامچىسىنى كۆرسەتتى. چاڭ باسقان، ھېرىپ كەتكەن لەشكەرلەرمۇ ئۇزاققىچە گەپ بىلەن بىر-بىرلىرىگە پوپۇزا قىلىشتى. ئاخىرىدا ھەممىسى ئۆز جايلىرىغا تارقاشتى، بىر مۇنچىلىرى جەڭدە بەك چارچاپ كەتكەچكە دەم ئېلىشقا كېتىشتى، بەزىلىرى جاراھەتلىرىگە توپا سېپىلىپ، كىيملەرنى يىرتىپ يارىلىرىنى تېڭىشتى، ئانچە چاچمىغانلىرى بولسا، ئۆلۈكلەرنى يېغىشتۇرۇپ كۆمۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئۇلار خەنجەر ۋە نەيزىلەر بىلەن گۆر قېزىپ، قالپاق ۋە ئېتەكلىرىنى ئىززەت-ھۈرمەت بىلەن يەرلىكلىدە قۇيۇشتى ۋە ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى قاغا-قۇزغۇنلار چۇقۇمىسۇن دەپ توپا بىلەن كۆمۈشتى. لەخلەرنىڭ ئۆلۈكلىرىنى بولسا، توپ-توپ قىلىپ ئاساۋ ئاتلارنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ، ئۇ ئاتلارنى راسا قامچىلاپ دالىغا ھەيدىۋېتتى . ئاساۋ ئاتلار دۆڭمۇ -دۆڭ، ئويمۇ-ئوي چېپىپ يۈرۈپ، لەخ ئۆلۈكلىرىنىڭ مىجىقىنى چىقىراتتى.

    كەچقۇرۇن ھەممە توپلار يىغلىپ يىغىن ئېچىشتى. ھەر كىمنىڭ كۆرسەتكەن باتۇرلۇقلىرى، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا داستان بۇلغۇدەك قەھرىمانلىقلار ئۈستىدە ھېكايە قىلىشتى. ئۇلار خېلى ۋاقىتقىچە ئۇخلاشمىدى. ھەممىسى ئۇخلىغان چاغدىمۇ قېرى تاراس ئۇخلىمىدى. دۈشمەن ئىچىدە ئاندىرېينىڭ كۆرۈنمىگەنلىكىگە سەۋەب نېمىدۇ، دەپ خىيال سۈرۈپ كەتتى: “ خائىن ئۆز قېرىندىشلىرىغا قارشى  چىقىشقا نۇمۇس قىلدىمۇ، ياكى جۇھۇت مېنى ئالدىدىمۇ ۋە ياكى ئۇ قولغا چۈشۈپ قالدىمۇ…” دەپ ئويلىدى. ئاخىرىدا ئاندرېينىڭ خۇتۇن دىسە جان بېرىدىغانلىقى ئېسىگە چۈشۈپ، كۆڭلىنى غەم-غۇسسە باستى، يۈرىكى  سىقىلدى، ئوغلىنى ئازدۇرغان پولەك قىزىدىن ئۆچ ئېلىشنى كۆڭلىگە مەھكەم پۈكۈپ قويدى. تاراس ئۇنىڭ نۇرلۇق جامالىغا، چىرايلىق يۆگىمەچ چېچىغا قارىماي كازاكلار ئوتتۇرسىدا سۆرەپ يۈرۈپ، چوققىدەك ئاپئاق كۆكسى قان ئارلاش توپىغا مىلىنىپ، مامۇقتەك يۇمشاق تېنىنى  بۇردا-بۇردا  قىلىپ تاشلىغان بولاتتى. بىراق تەقدىرنىڭ قانداقلىقنى، ئەتە يەنە  نېمە ئىشلار بولىدىغانلىقىنى تاراس بىلمەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ خىياللىرىغا چەك قۇيۇپ ئۇيقۇغا كەتتى . بەزى كازاكلار تېخىچە ئۆز ئارا سۆزلەشمەكتە ئىدى. قاراۋۇللار تۈن بويى كىرپىك قاقماستىن ئەتراپنى ھوشيارلىق بىلەن كۈزىتىپ، گۈلخان تۈۋىدە ئولتۇرۇپ چىقىشتى.

      

    8

     

    چاشكا  ۋاقتى بولغاندە ھەممە زاپوژىيلىقلار بىر يەرگە يىغلىشتى. سېچتىن خەۋەر كەلدى، كازكلارنىڭ يوق ۋاقتىدا تاتارلار كېلىپ، سېچنى تالان-تاراچ قىپتۇ، يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن يۇشۇرۇن خەزىنىلەرنى تېپىۋاپتۇ. ئۇ يەردە قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتقۇن قىلىپ ھەيدەپ كېتىپتۇ. بار-يوق نەرسىنى ئېلىپ، توپتوغرا پېرېكوپقا كېتىپ قاپتۇ. كازاك ماكسىم گولودۇخا يالغۇز ئۆزى تاتارلارنىڭ قولىدىن قېچىپ كەپتۇ. ئۇ، قونغان جايدا تاتار مىرزىسىنى بۇغۇزلاپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى چەندازىسىنى ئاپتۇ، ئاندىن تاتارچە كىيىنىپ، تاتار ئېتىغا مىنىپ قېچىپتۇ. تاتارلار ئۇنى ئىككى كېچە-كۈندۈز قوغلاپتۇ. ماكسىم يولدا كەلگۈچە ئات يەڭگۈشلەپ مىنىپ تۇتۇپ بەرمەپتۇ. ئۇ، يولدا زاپوروژىيلىقلارنىڭ دۇبنۇدا ئىكەنلىكىنى ئاڭلار، كازاكلار قارارگاھىغا يېتىپ كەپتۇ. كەلگەن ئادەم شۇلارنىلا ئېيتىپ بېرىشكە ئۈلگۈردى، خالاس. ئەمما نېمە سەۋەبتىن بۇنداق پالاكەت باسقانلىقىنى، يەنە كازاكلار ئۆز ئادىتى بويىچە ئۆلگۈدەك مەست بۇلۇپ ياتقاندا قولغا چۈشۈپ قالدىمۇ، خەزىنە كۆمۈلگەن جاينى تاتارلار قانداق قىلىپ تېپىۋالدى، بۇ توغۇرلۇق ھېچنىمە دېمىدى. ماكسىم ئىنتايىن چارچىغانلىقتىن ئىششىپ كەتكەن، يۈزلىرى ئاپتاپ ۋە شامالدا قارىداپ كەتكەنىدى. ئۇ تۇرغان جايىدا موككىدا يېتىپ قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى.

    بۇنداق ئەھۋالدا زاپوروژىيلىقلار دەرھال ئاتلىنىپ، بۇلاڭچىلىلارنىڭ كەينىدىن قوغلايتتى ۋە قانداق قىلىپ بولسۇن دۈشمەننى يولدا تۇتۇشقا ھەرىكەت قىلاتتى. بولمىسا، قولغا چۈشكەنلەر كىچىك ئاسيا بازارلىرىغا، سىمىرنغا ۋە كىرىت ئاراللىرىغا بېرىپ قالاتتى. چاچلىرى پاخپايغان كازاكلار يەنە قەيەرلەردە خار بولىدىغانلىقىنى خۇدا بىلەتتى. ھېچكىم بېشىدىن قالپىقىنى ئالمىدى. چۈنكى ئۇلار  ئاتامانلارنىڭ قېشىغا بۇيرۇق ئاڭلىغىلى ئەمەس، بەلكى ئۆز تەڭتۇشلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكىلى كەلگەنىدى. يىغىندىكىلەر: “ ئاۋال قېرىلار مەسلىھەت بەرسۇن “ دەپ ۋاقىراشتى . بەزىلىرى: “ قېنى، لەشكەر بېشى، سەن بىر مەسلىھەت بەر “ دېيىشتى. لەشكەر بېشى قالپىقىنى قولىغا ئېلىپ، تەڭتۇشلاردەك قىياپەت بىلەن كازاكلارنىڭ كۆرسەتكەن ئىززەت-ھۈرمىتىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈپ:

    -بىزنىڭ ئارىمىزدا قېرىلار، ئەقىللىق دانالار كۆپ، بىراق مېنى ھۈرمەت قىلىپ مەسلىھەت سورىدىڭلار. مېنىڭ مەسلىھىتىم شۇكى، ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەستىن تاتارلارنىڭ پېيىگە چۈشۈشىمىز لازىم. چۈنكى تاتارلارنىڭ قانداق نېمىلەر ئىكەنلىكى بىزگە مەلۇم. ئۇلار بۇلاپ-تالاپ كەتكەن مال مۈلۈكلىرى بىلەن بىزنىڭ كېلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ بەلكى كېچكىتۈرمەي ئۇ مال-مۈلۈكلەرنىڭ بىرنى قويماي كۆككە سورىۋىتىدۇ. كېيىن ئۇ نەرسىلەرنىڭ روھىنىمۇ تاپالمايمىز. مېنىڭ مەسىلھەتتىم -يولدا چۈشۈش. بۇ يەردە خېلى سەيلە-تاماشا قىلدۇق . لەخلەر كازاكلارنىڭ كىملىكىنى ياخشى تۇنۇدى. دىنىمىز يولىدا قولىمىزدىن كېلىشىچە جانبازلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەدىبىنى بەردۇق. ئاچلىقتىن ئۆلۈۋاتقان شەھەرگە تىكىلىپ يېتىشتىن بىرگە پايدا  ئاز، شۇنداق قىلىپ، مېنىڭ مەسلىھىتىم-جۆنەش.

    زاپوروژىيلىقلارنىڭ ھەممە توپىدىن “ جۆنەش كېرەك ! “ دىگەن ئاۋازلار ياڭرىدى . ئەمما تاراس بۇلبىغا بۇ گەپلەر ياقمىدى، ئۇ يەرگە قارىدى، قاپىقى تۈرۈلدى. تاغ ئۈستىدە ئۆسكەن ئۇششاق تاللارغا ئوخشاش ئاق-قارا ئارلاش قاشلىرى چىمىرلاپ كەتتى.

    -لەشكەر بېشى، سېنىڭ بەرگەن مەسلىھىتىڭ توغرا ئەمەس،-دېدى تاراس،-سەن توغرا گەپ قىلمىدىڭ! لەخلەرنىڭ قولىغا ئەسىر بۇلۇپ چۈشكەن ئادەملىرىمىز بۇ يەردە قالسۇنمۇ ؟ بۇنى ئېسىڭدىن چىقرىپ قويغان ئوخشايسەن. مېنىڭ پەمىمچە، سەن بىرنىڭ مۇقەددەس قانۇنىمىزدىكى بۇرادەرلىك، قېرىنداشلىق بۇرچىمىزنى ئاياق-ئاستى قىلىشىمىزنى خالايدىكەنسەن. قېرىنداشلىرىمىزنى تىرىك تۇرغۇزۇپ تېرىلىرىنى شۇلىۋالسا، ياكى تۆت پارچە قىلىپ تاشلىسا مەيلىمۇ ؟ بۇرۇن گېتمانىنى، ئۇكرائىنا قەھرىمانلىرىنى شەھەرمۇ-شەھەر، يېزىمۇ- يېزا سازايى قىلغانلىرىدەك ئەمدى بۇلارنىمۇ شۇنداق سازايى قىلسنمۇ ؟  بىزنىڭ مۇقەددەس يەرلىرىمىزنى شۇنچە ئاياق-ئاستى قىلۋاتقانلىرى ئازمۇ ؟ زادى بىز ئۆزىمىز كىم ؟ شۇنى مەن ھەممىڭلاردىن سورايمەن، ئۆز قېرنداشلىرىنى غېرىب-مۇساپىرلىققا تاشلاپ كەتكەن ئادەمنى كازاك دېگىلى بولامدۇ ؟ ئەگەر كازاكنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرۈپ، ئۆزىمىزنى ھاقارەت قىلدۇرۇشقا يوق قويىدىغان بولساق، مېنىڭدىن ھېچكىم خاپا بولمىسۇن، مەن بۇ يەردە يالغۇزز ئۆزۈم قالىمەن.

    زاپوروژىيلىقلار ئارىسالدا بۇلۇپ قالدى.

    لەشكەر بېشى ئورنىدىن تۇرۇپ:

    -باتۇر پولكوۋنىك، تاتارلارنىڭ قولىدىمۇ بىزنىڭ بىر قىشىم قېرىنداشلىرىمىز تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى دەرھال قۇتۇلدۇرۇپ  ئالمىساق، ئۇلار ئۆمۈرۋايەت قۇللۇققا سېتىلىپ كېتىدىغانلىقنى ۋە قۇللۇقنىڭ ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر خورلۇق ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويدۇڭمۇ ؟ خرىستىيئانلارنىڭ قېنى بىەلن توپلانغان خەزىنىمىز ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى يادىڭدىن چىقاردىڭمۇ ؟-دېدى.

    كازاكلار نېمە دېيىشلىرىنى بىلمەي، ئويلىنىپ قېلىشتى . ھھېچقايسىسى ئۆزلىرىنى ئۇياق-نۇمۇسقا قالدۇرۇشنى خالىمايتتى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى ھەممىدىن قېرى كاسيان بوۋديۇگ ئىسىملىك بىر مويسىپىت ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇ ئىككى قېتىم لەشكەر بېشى بۇلۇپ سايلانغان، سۇقۇشلاردا كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەنىدى. ئۇ ياشىنىپ قالغىنىدىن كېيىن سۇقۇشلارغىمۇ چىقمىغان، گەپ-سۆز ۋە مەسلىھەتلەرگىمۇ ئارلاشمىغانىدى، ئۆز كونا ئەسكەر بولغىنى ئۈچۈن كازاكلارنىڭ ھازىرقى ۋەقەلەر ۋە ئۇرۇشلار توغىرسىدىكى ھەر خىل گەپ-سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ، يانپاشلاپ يېتىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئاغزىدىكى غاڭزىسىنىڭ كۈلىنى باشمالتىقى بىلەن بېسىپ قۇيۇپ، كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغاندەك جىم ئولتۇراتتى . بۇ قېرىنىڭ ئۇخلاپ ئولتۇرغانلىقىنى ياكى گەپكە قۇلاق سېلىۋاتقانلىقىنى ھېچ بىلگىلى بولمايتتى. ياشانغاندىن بېرى سۇقۇشقا چىقمىغان بۇ مويسىپىتنىڭ بۇ قېتىم غەيرىتى تۇتۇپ قېلىپ، كازاكچىسىغا قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ : ماغدۇرۇم كېتىپ قاپتۇ، شۇن داق بولسىمۇ باراي. بىرەر ئىشقا ياراپ قالارمەن، دېگەنىدى.

    مويسىپىت چال ئوتتۇرغا چىقىپ سۆزىگە ئېغىز ئاچقاندا، ھەممىسى ھەيران بۇلۇپ، بوۋديۇگ نېمە دەيدىكىن، دەپ ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇتۇشتى. چۈنكى خېلى ۋاقىتلاردىن بېرى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغانىدى.

    -ھۆرمەتلىك ئاغىنىلەر، ئەمدى ماڭىمۇ بىر ئېغىز سۆز قىلىش نۆۋىتى كەلدى،-دەپ سۆز باشلىدى بوۋديۇگ،-بالىلىرىم، مەن قېرى بوۋاڭلارنىڭ سۆزىگىمۇ قۇلاق سېلىڭلار، لەشكەر بېشى ئوبدان گەپ قىلدى . بىرنىڭ ھىمايچىمىز ۋە خەزىنىمىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغان كەشكەر بېشىمىز بۇنىڭدىن ئارتۇق دۇرۇس گەپ قىلماس. بۇ مېنىڭ بىرىنچى سۆزۈم. ئەمدى قۇلاق سېلىڭلار ! ئىككىنچى سۆزۈم شۇكى،پولكوۋنىك تاراسمۇ توغرا گەپ قىلدى . راست گەپنى ئېيتتى. خۇدا ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن . يۇرتىمىزدا بۇنداق كىشلىەر كۈندىن-كۈنىگە كۆپەيسۇن ! كازاكنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى ۋە بىرىنچى شەرىپى قېرىنداشلىق قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلىشتۇر. ئاغىنىلەر، يېشىم شۇنچىگە يېتىپتۇ، بىرەر كازاكنىڭ ئۆز قېرىندىشىنى تاشلاپ كەتكىنىنى ياكى ئۇنىڭغا خىيانەت قىلغىنىنى ئاڭلاپ باققىنىم يوق. ئۇياقتىكى كۆپرەك، بۇياقتىكى ئازراق بولسىمۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز. بىزگە ھەممىسى ئوخشاشلا قەدىرلىك. شۇنداق قىلىپ، دەيدىغان گېپىم شۇكى، تاتارلارنىڭ قولغا چۈشكەنلەرگە تارتشىدىغانلار تاتارلارنىڭ پېيىگە چۈشسۇن.  لەخلەرنىڭ قولىدىكى تۇتقۇنلارغا كۆڭلى يېقىنلار ۋە بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلماستىن كېتىشنى خالىمىغانلار بۇ يەردە قالسۇن. لەشكەر بېشى تاتارلانىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بارغۇچىلار ئۆزلىرىگە بىر باشلىق سايلاپ ئالار. ئەگەر مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سالساڭلار، بۇ ۋەزىپىگە تاراس بۇلبىدىن مۇناسىپ ئادەم يوق . باتۇرلىقتىمۇ ئارىمىزدا ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان ھېچكىم يوق.

    بۇۋديۇگىنىڭ مەسلىھىتىگە ۋە كۆرسەتكەن يوليورۇقىغا كازاكلار خۇشال بۇلۇشتى . ھەممىسى قالپاقلىرىنى ئاسمانغا ئېتىپ:

    -بارىكاللا، ئاتا ! ئۇنچىقماي يۈرۈپ،  ئاخىرى بۈگۈن بىر گەپ قىلدىڭ، گېپىڭ ھەممىمىزگە ياقتى . سۇقۇشقا ئاتلىنىپ چىقىدغان چاغدا،، كازاكلارنىڭ بىرەر ئىشىغا ياراپ قالارمەن،دېگەنىدىڭ، شۇ سۆزۈڭ بىكار گەپ ئەمەسكەن،-دەپ ۋاقىراشتى.

    -قېنى، نىمە دەيسىلەر ؟ شۇنىڭىغا رازىمۇ سىلەر ؟-دەپ سورىدى لەشكەر بېشى.

    -ھەممىمىز رازى !-دەپ ۋاقىراشتى  كازاكلار.

    -ئۇنداق بولسا، مەسلىھىتىمىز پۈتتىمۇ ؟

    -پۈتتى!

    -بالىلىرىمىز، ئەمدى پۈتۈن لەشكەرلەرگە بېرىلگەن بۇيرۇقىنى ئاڭلاڭلار!-دېدى لەشكەر بېشى  ۋە ئالدىغىراق چىقىپ قالپىقىنى كىيدى. . قالغان زاپوروژىيلىقلارنىڭ ھەممىسى قالپاقلىرىنى قوللىرىغا ئېلىشىپ، يالاڭباشتاق يەرگە قاراپ تۇرۇشتى . باشلىق سۆزلىگەندە كازاكلار ھەمىشەم بويسۇنۇپ تۇراتتى،-ئەزىز بۇرادەرلەر، بۇ يەردىن كېتىدىغانلار ئوڭ تەرەپكە، قالدىغانلار سول تەرەپكە ئۆتۈڭلار. ھەر توپنىڭ كۆپچىلىك ئادىمى قايسى تەرەپكە ئۆتسە، ئاتامانمۇ شۇ تەرەپكە ئۆتسۇن. ئاز قالغان تەرەپ باشقا توپلارغا قۇشۇلسۇن.

    ھەممىسى قىمىرلاشقا باشلىدى. بىر مۇنچىلار ئوڭغا، بىر مۇنچىلار سولغا ئۆتۈشتى. قايسى توپنىڭ كۆپچىلىكى قاياققا ئۆتسە، ئاتامانلىرىمۇ شۇ ياققا ئۆتتى. ئاز قالغان ئەسكەرلەر باشقا توپلارغا قۇشۇلدى. ھەر ئىككى تەرەپتە باتۇر كازاكلار نۇرغۇن ئىدى. تاتارلار ئىزىدىن قوغلاپ بارىدىغانلار ئىچىدە قېرى مويسىپىتلەرمۇ بار ئىدى . دېمىت پوپوىۋىچمۇ شۇ تەرەپكە ئۆتتى. ئۇ  ئۆزى قەيسەر  ۋە بىر جايدا ئۇزاقراق تۇرۇپ قالسا چىدالمايدىغان ئادەم ئىدى. لەخلەر بىلەن خېلى ئېلىشقان، ئەمدى تاتارلار بىلەن يەنە بىر ئېلىشقۇسى كەلدى. قالغانلار ئىچىدە توپنىڭ ئاتامانلىرىدىن: دېمېتروۋىچ، كۇكۇبىنكو، ۋېرتېخۋىست، بالابان، بۇلبېكو ۋە ئوستاپلار بار ئىدى. بۇلاردىن باشقا كۆپنى كۆرگەن، كۆپ ئۇرۇشلارغا قاتناشقان باتۇرلارمۇ بار  ئىدى. بۇلار ئاناتولى بويلىرىنى  كەزگەن، قىرىمنىڭ سورتاڭ يەرلىرىدە، چۆل-باياۋانلىرىدا يۈرگەن، دنېپرنىڭ ھەممە ئېقىنلىرىدا ۋە ساھىللىرىدا بولغان، مولداۋانلار، ئالانلار ۋە تۈرۈكلەر يۇرتىلىرىغىمۇ بارغان، قارا دېڭىزنى قېيىق بىلەن باشتىن-ئاياق كېزىپ چىققان ئەللىك قېيىق بىر بۇلۇپ، چوڭ-چوڭ كېمىلەرگە قاراقچىلىق ھۇجۇمى قىلغغان، ئۆمرىدە ھېسابسىز نۇرغۇن ئوق ئاتقان، كىمخاب، تاۋار-دۇردۇنلارنى يىرتىپ پۇتىغا ئورىغان، بىر ئەمەس نەچچە قېتىم شىمنىڭ يانچۇقىلىرنى ئالتۇنغا تولدۇرغان ئادەملەر ئىدى. بۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئۆمرىدە نەغمە-ناۋا، كەيىپ-ساپالار ئۈچۈن بۇزۇپ-چاچقان مال-دۇنياسى شۇنچىلىك كۆپ ئىدىكى ئۆزىدىن باشقا ئادەملەرگە ئۆمۈرۋايەت يېتەتتى. ھېلىمۇ كۆمۈپ قويغان مال-دۇنياسى يوق ئادەملەر ئۇلارنىڭ ئارىسدا كەم ئۇچرايتتى. مۇبادا پالاكەت بېسىپ، تاتارلار سېچقا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كېلىپ قالسا، مال-دۇنيالىرىنى تاپالمىسۇن دەپ، دېنپىر ئاراللىرىدىكى قۇمۇشلۇقلارغا كۆمۈپ قوياتتى .  بۇ كۆمۈلگەن بايلىقلارنى تاتارلار ئەمەس، بەزى چاغدا ئۆزلىرىمۇ تاپالمايتتى. چۈنكى كۆمگەن جايلىرى ئېسىدىن چىقىپ كېتەتتى. لەخلەردىن ئۆز ئېلىشنى ۋە ئەيسا دىنى يولىدا جەڭ قىلىشنى خالاپ بۇ يەردە قالغان كازاكلار ئەنە شۇنداق ئادەملەر ئىدى . مويسىپىت قېرى بۇۋديۇگمۇ قېلىشنى خالىدى:

    -ئەمدى مېنىڭ تاتارلار كەينىدىن قوغلاپ بارغۇدەك ماجالىم يوق . ئەمما كازاكلارنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن شەرەپلىك ئۆلۈم بىلەن يەر قوينىدا يېتىشقا بۇ يەردە ئورۇن بار .  كۆپتىن بېرى ئەگەر قازا يېتىپ ئۆلگۈدەك بولسام، دىن يولىدا جانبازلىق قىلىپ ئۆلەي،، دەپ خۇدادىن تىلەيتتىم. مۇرادىمغا يەتتىم. مەندەك قېرى كازاكقا ھېچ قەيەردە بۇنىڭداىن ياخشىراق ئۆلۈم تېپىلمايدۇ،-دېدى.

    ھەممەيلەن ئىككىگە ئايرىلىپ، ئىككى سەپ بۇلۇپ تىزىلىغاندىن كېيىن لەشكەر بېشى سەپلەر ئارىسىنى ئايلىنىپ چىقتى  ۋە لەشكەرلەرگە قاراپ:

    -ھۈرمەتلىك ئاغىنىلەر، بىر-بىرىڭلاردىن رازىمۇ سىلەر ؟-دېدى

    -ھەممىمىز رازى !-دەپ جاۋاب بېرىشتى كازاكلار.

    -ئەمدى بىر-بىرىڭلار بىلەن سۆيۈشۈپ خوشلىشىڭلار، چۈنكى بىر-بىرىمىزنى كۆرۈش-كۆرمەسلىكىمىزنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ . ئاتاماننىڭ سۆزىدىن چىقماڭلار ! ئۆزەڭلار بىلگەننى قىلىڭلار. كازاكلىق شان-شەرىپى نېمىنى تەلەپ قىلدىغانلىقى ئۆزۈڭلارغا مەلۇم،

    كازكلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرى بىلەن سۆيۈشۈپ خەيرلەشتى. ئاۋال ئاتامانلار بۇرۇتلىرىنى سىلاپ قۇيۇپ گېرە سېلىپ سۆيۈشتى، ئاندىن قوللىرىنى قاتتىق سىقىشتى. ئۇلار بىر- بىرىدىن : «دوستۇم، يەنە كۆرۈشىدىغان كۈنلەر بولامدۇ-يوق» دەپ  سورىغۇسى كېلەتتى. لېكىن سوراشتىن ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالاتتى. ئۇلار مانا شۇنداق خوشلاشقاندىن كېيىن دەرھال ئايرىلىپ كەتمىدى. قۇشۇننىڭ ئازىيىپ قالغانلىقىنى دۈشمەنگە سەزدۈرمەسلىك ئۈچۈن تۈن قاراڭغۇسىدا يۈرۈپ كېتىشكە قارار قىلشتى. كېيىن  غىزالىنىش ئۈچۈن ھەممىسى ئۆز توپلىرىغا قاراپ كېتىشتى . يولغا چىقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن ئارام ئېلىپ ئۇخلاشتى. بۇ ئۇيقۇ ئاخىرقى  لەززەتلىك ئۇيۇدەك تۇيۇلاتتى. ئۇلار كۈن پاتقۇچە ئۇخلاپ، قاراڭغۇ چۈشۈشى بىەلن ھارۋىلارنىڭ تەييارلاشقا كىرىشتى ۋە نەرسە-كېرەكلەرنى بېسىپ ئاۋال ھارۋىلارنى يولغا سېلىۋەتتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىر دوست-يارلىرى بىلەن يەنە بىر قېتىم خوشلىشىپ، ھارۋىلار كەينىدىن جىمجىت جۈتەپ كېتىشتى . ئاتلىقلارمۇ ئۆپۈر-دۆپۈر قىلىشماي، پىيادىلەر كەينىدىن ئاستا يولغا چۈشۈشتى. بىر  ئازدىن كېيىن قاراڭغۇلۇق ئېچىدە كۆزدىن غايىب بۇلۇشتى. پەقەت ئاتلارنىڭ  تۇياق ئاۋازلىرى، ياخشى مايلانمىغان ھارۋىلارنىڭ غىچىرلاشلىرى يراقتىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

    يۈرۈپ كەتكەنلەر كۆزىدىن غايىب بولغان بولسىمۇ، قالغانلار خېلىغىچە قوللىرىنى سىلكىشىپ تۇرۇشتى . ئۆز جايلىرىغا قايتقاندىن كېيىن ئات-ھارۋىلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك يوقلۇقىنى ۋە يولداشلىرىدىن كۆپرەكىنىڭ كېتىپ قالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن كۆڭۈللىرى بۇزۇلدى. كۆپ كەيىپ-ساپادىن ئۆتكەن باشلىرىنى تۆۋەن سېلىشىپ، ئىختىيارسىز چوڭقۇر ئويغا چۆمۈشتى.

    تاراس بۇلبا كازاكلارنىڭ باتۇرلارغا مۇناسىپ بولمىغان غەمكىنلىك بىلەن باشلىرى تۆۋەن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ھېچ نەرسە دېمىدى، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى يولداشلىرىدىن ئايرىلىپ كەتكەن خاپىلىقى  ئاستا- ئاستا تارقىلىپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىدى، ئەمما كۆڭلىدە كازاكچىسىغا ھاي-ھوي سېلىپ ھەممىنى خۇشال  قىلىۋەتمەكچىمۇ بولدى. خۇددى ئېقىن دەريالار دېڭىزلارغا قۇيۇلغان چاغدا ھاياجان پەيدا قىلغاندەك، غەمكىن كۆڭۈللەرنى ئاۋالقىدىنمۇ تېتىكلەشتۈرۈپ، ھەممىنىڭ غەيرىتىنى قوزغىۋىتىشىى ئويلىدى.

    تاراس خىزمەتچىلىرنى قىچقىرىپ، بىر چەتتە تۇرغان ئالاھىدە ھارۋىنىڭ يۈكلىرىنى چۈشۈرۈپ بوشىشتىشقا بۇيرۇدى. بۇ ھارۋا باشقا ھارۋىلاردىن پۇختا ۋە يوغانراق ئىدى. ئۇنىڭ يوغان چاقلىرىغا ئىككى قەۋەت تۆمۈر چەمبەر قېقىلغان، ئۈستىدىكى يۈكلەر ئۆكۈز تېرىسى بىلەن يېپىپ قۇيۇلغان ۋە قاراماي  سۈرتۈلگەن يوغان ئارقان بىلەن تېڭىلغانىدى. تاراسنىڭ ئۇزۇن يىللار يەر ئاستىدا ساقلانغان چوڭ-كىچىك ۋىنو بوچكىلىر شۇ ھارۋىدا ئىدى. مۇبادا چوڭ ۋەقەلەر روي بېرىپ، ‪ئەۋلادلارغا داستان بولغۇدەك ئىشلار يۈز بەرسە، ھەر بىر كازاك بۇ تەۋەرۈك شاراپتىن قانغۇچە ئىچسۇن، ئۇلۇغ  ئايام كۈنلىرىدە كازاكلارنىڭ روھىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولسۇن دەپ بۇ  ۋىنولارنى ساقلاپ قويغانىدى، خىزمەتچىلەر بۇيرۇقنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال ھارۋىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، خەنجەرلىرى بىلەن ئارغامچىلارنى كېسىپ يۇپۇقلارنى ئېلىپ تاشلىدى ۋە چوڭ-كىچىك بوچكىلارنى يەرگە چۈشۈرۈشتى

    -ۋىنو ئالغۇدەك نېمەڭلار بولسا شۇنىڭغا ئېلىڭلار،-دېدى تاراس بۇلبا،-ېچ نەرسىسى يوقلار ئوچۇمىنى تۇتسۇن!

    كازاكلار چىلەك، چۆمۈچ، قاچا-قۇمۇچلىرىغا، بەزىلىرى شەپكىلىرىگەتولدۇرۇپ ئېلىشتى. قاچىسى يوقلار ئومۇلاپ ئېلىپ ئىچكىلى باشلىدى. تاراس بۇنى كۆرۈپ: مەن رۇخسەت قىلمىغۇچە ئىچمەڭلار، دەپ بۇيرىدى. ئۇ بىرەر گەپ-سۆز قىلىشنى خالىدى.ۋىنو ئۆزى خېلى كۈچلۈك ۋە كىشىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان دەرىجىدە بولسىمۇ،  ئۇنىڭغا يەنە بىر -ئىككى ئېغىز ياخشى گەپ قۇشۇلسا، ۋىنونىڭ كۈچى ئىككى ھەسسە ئاشىدىغانلىقىنى تاراس ياخشى بىلەتتى.

    -ئەزىز قېرىنداشلار، مېنى چوڭ كۆرگەن، ماڭا كۆرسەتكەن ھۆرمىتىڭلار ناھايىتى يۇقىرى بولغان بولسىمۇ، بۇ زىياپەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەس، يۈرۈپ كەتكەن يولداشلىرىمىز بىلەن خوشىلشىش زىياپىتىمۇ ئەمەس، ھازىر ئۇنىڭغىمۇ، بۇنىڭغىمۇ زىياپەت ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىت ئەمەس. ئالدىمىزدا كازاكلارغا مۇناسىپ باتۇرلۇقلار  كۆرسىتىدىغان چوڭ ئىشلار تۇتۇپتۇ. قېنى، يولداشلار، ئاۋال مۇقەددەس دىنىمىزنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن ئىچەيلى . دىنىمىز پۈتۈن دۇنياغا قانات يايسۇن ! سېچ ئۈچۈنمۇ ئىچيلى. يۇرتىمىز ئاۋات بولسۇن، كۆپ يىللار ياشىسۇن ! بىر بىرىدىن ئەزىمەت، باتۇر يىگىتلەر چىقسۇن ! شۇ قاتاردا ئۆزىمىزنىڭ شان-شۆھرىتىمىز ئۈچۈنمۇ ئىچەيلى. نەۋرە ۋە چەۋرىلىرىمىز بىرنى ئەسلەپ، دوستلۇق بۇرچىنى ئادا قىلغان، قېرىنداشلىرىغا خىيانەت قىلمىغان ئادەملىرىمىزمۇ ئۆتكەنىكەن، دەپ خۇرسەن بولسۇن. قېنى، بۇرادەرلەر، دىن ئۈچۈن، بۈيۈك خرستىيئان دىنىمىز ئۈچۈن ئىچەيلى!

    قاتار سەپ بۇلۇپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى “ دىن ئۈچۈن ! “ دەپ چۇقان كۆتۈرۈشتى.

    -سېچ ئۈچۈن !-دېدى تاراس قولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ.

    ئالدىقى قاتاردىكىلەردىنمۇ “ سېچ ئۈچۈن ! “ دىگەن قاتتىق ئاۋازلار كۆتۈرۈلدى. قېرى ياشلارنىڭ ھەممىسى “ سېچ ئۈچۈن ! “ دېيىشتى. كازاكلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىنى ئەسلەپ توۋلىغان ئاۋازلىرى كەڭ دالىنى ياڭىرتىۋەتتى.

    -ئەمدى، يولداشلار، يەر يۈزىدىكى بارلىق خرىستىئانلارنىڭ ھۈرمىتى ئۈچۈن ئاخىرقى يۇتۇمنى ئېچۋېتەيلى !-دېدى تاراس.

    ھەممەيلەن كاسلىرىدا قالغان ئاخىرقى ۋىنونى خرستىئانلارنىڭ شەپىگە ئىچىشتى . قەدەھ ئاۋازلىرى خېلىغىچە تىنجىمىدى. چىنە-قاچىلار بوسىدى. لېكىن ھەممىسى قوللىرىنى كۆتۈرگىنىچە تۇرىۋەردى. ھەممىسىنىڭ كۆزلىرى ۋىنودىن قىزىرىپ خۇساللانغاندەك كۆرۈنسىمۇ، كۆڭۈللىرى غەمكىن ئىدى. ئۇلار ئۇرۇشتىن ئالىدىغان ئولجا ۋە غەمىمەتلەرنىڭ، يەنى ئالتۇن، كۈمۈش، قىممەت باھا قورال-جابدۇقلار،  زەر باشقان كىمخاب تونلار ۋە چىركەس ئاتلىرىنىڭ قايسى بەختىلىككە نېسىپ بۇلۇشىنى ئەمەس، بەلكى باشقا ئىشلار توغرىسدا ئويلايتتى. ئېگىز قىيا تاشنىڭ ئۈستىگە قونغان بۈركۈت ئەتراپقا سىنچىلاپ قارىغاندەك، ئۇلارمۇ يىراقتىن قارىيىپ كۆرۈنگەن ئۆز تەقدىرلىرىگە نەزەر تاشلايتى… ئۇلار «بۇ سەھرا، چۆللەر، بۇ دالىلار بىزنىڭ قېنىمىز بىلەن بويىلار؛ بۇزۇلغان ھارۋا، سۇنغان قىلىچ، نەيزىلەر ۋە دۆۋىلىنىپ ياتقان ئاق سۆڭەكلىرىمىز بىلەن تولار …» دەپ ئويلىشاتتى.  ئەمما بۇنداق كەڭ ۋە ئوچۇق گۆرىستانلىقىنىڭ ھۈرمىتى زور بولاتتى. مەرتلىك ۋە ئالىي ھىممەت بىلەن قىلىنغان بۇ ئىشلار كازاكلارنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئۇلۇغلىغۇسى. ساقىلى كۆكسىگە چۈشكەن ئاپئاق ساقاللىق، روھى تېتىك سازاندە چاللار ئۇلارنى يادلاپ، يۈرەكنى ئېزىدىغان مۇڭلۇق قوشاقلارنى توقۇپ ئېيتقۇسى. بۇ قوشاقلار ئەۋلادلارغا داستان بۇلۇپ قالغۇسى.

      

    9

     

    زاپوروژىيلىقلارنىڭ يېرىمى تاتارلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەتكەنلىكىنى شەھەردىكىلەر سەزمىدى. پەقەت سېپىلنىڭ پوتەيلىرىدە تۇرغان قاراۋۇللارن بىر قىسىم ھارۋىلارنىڭ ئورمان ئارقىسىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى. بۇ ئەھۋالنى كازاكلار پىستىرما قۇرۇپ پايلاپ ياتقاقچى دەپ ئويلاشتى.  فرانسۇز ئىنژېنېرلىرىمۇ شۇنداق پەرەز قىلىشتى . شۇ چاغدا كازاك لەشكەز بېشىنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئاش-نان قەھەتچىلىكى ئەۋج ئالغانىدى. لەخلەر كونا  زاماننىڭ ئادىتى بويىچە ئىش قىلىپ، ئەسكەرلەرگە قانچىلىك ئوزۇق-تۈلۈك كېتىدىغانلىقىنى ياخشى مۆلچەرلىيەلمىگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن قورغاندىن چىقىپ ھۇجۇم قىلىپ باققان بولسىمۇ، لەخ باتۇرلىرىنىڭ يېرىمى كازاكلارنىڭ قىلىچىدا ھالاك بولدى. قالغانلىرى ئاران دېگەندە شەھەرگە قېچىپ كىرىۋېلىشتى.

    بىراق تىڭ-تىڭلاشقا ماھىر  جۇھۇتلار سىردىن خەۋەردار بۇلۇپ قالدى. ئۇلار زاپورژىيلىقلارنىڭ قاياققا ۋە نېمە ئۈچۈن كەتكەنلىكىنى، قايسى توپتىن قانچىلىك ئادەم كەتكەنلىكىنى، توڭ ئاتامانلىرى كىملىكىنى، بۇ يەردە  قانچىلىك كىشى قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى بىلىۋالدى. قىسقىسى، ئارىدىن بىر نەچچە مىنۇت ئۆتەر-ئۆتمەي شەھەردىكىلەرمۇ بار-يوق گەپ-سۆزلەردىن خەۋەردار بۇلۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن شەھەردىكى ئەسكەر باشلىقلىرى غەيرەتلىنىپ جەڭگە تەييارلىنىشقا باشلىدى. تارا شەھەردىكى شاۋقۇن-سۈرەن ۋە تەرەددۈتنى كۆرۈپ ئەھۋالنى پەملىدى ۋە دەرھال بۇيرۇق بېرىپ، ئۇرۇش تەييارلىقىغا كىرىشتى. ئۇ ھەممە توپلارنى ئۈچ قىسمغا بۆلدى. ئات-ھارۋىلارنى ئايلاندۇرۇپ قورا قولىپو توستى.  مۇشۇنداق قىلغاندا زاپوروژىيلىقلار يېڭىلمەيتتى. ئىككى توپنى پىستىرمىغا قويدى. سۇنغان نەيزە، قىلىچلارنى، يارىماس قوراللارنى چەنزە-ياغاچلارنى توپلاپ، ئۆپچۆرىگە قوزۇق قىلىپ قاقتۇردى.  ئىپى كەلگەندە دۈشمەننىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى مۇشۇ يەرگە قاماپ ئالماقچى ئىدى. ھەممە ئىش  تەق بولغاندىن كېيىن كازاكلارغا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يۈرىكىدە ساقلىغان گەپلىرىنى ئېيتىۋېلىش ئۈچۈن سۆز باشلىدى:

    -بۇرادەرلەر، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى بىرلىك، ئىتىپاقلىقىنىڭ تېگى-تەكتىنى سىلەرگە ئېيتىپ ئۆتۈشنى خالايمەن. ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان بولساڭلار كېرەك، ئىلگىرى بىزنىڭ ئېلىمىز مەشھۇر ۋە ئەزىز ئۆتكەن.  شۇڭلاشقا  بىزى ھەممسى ھۈرمەت قىلىدىكەن. يونانلارمۇ، رۇملارمۇ بىزگە باج-خىراج تۆلەپ تۇرىدىكەن. شەھەرلىرىمىز ئاۋات،  چېركاۋلىرىمىز روناق تاپقانىكەن. پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلىرىمىز ئىمانسىز كاتولىكلار نەسلىدىن ئەمەس، ئۆزىمىزدىن، رۇس ئەۋلادىدىن بولغانىكەن. كېيىن غەيرىي دىندىكىلەر كېلىپ ھەممسىنى ئىگەللىۋىلىشتى. ھەممە ياق ۋەيران بۇلۇپ كەتتى. يالغۇز بىزلا قالدۇق. سۆيۈملۈك ئېرىدىن ئايرىلىپ تۇل قالغان خۇتۇندەك، بىزمۇ شۇنداق ئېغىر زاماندا بىر-بىرىمىزگە دوستلۇق قولىمىزنى سوزدۇق. بىزدىكى بىرلىك ۋە ئۆملۈكنىڭ ئاساسى مانا شۇ يەردە! بۇ قېرىنداشلىق بۇرۇچتىن ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس ھېچ نەرسە يوق. ئاتا-ئانا ئۆز بالىسىنى ياخشى كۆرىدۇ. بالىمۇ ئۆز ئاتا- ئانىسىنى ياخشى كۆرىدۇ‪.  جان-جىگەرلىرىم، بۇ ياخشى كۆرۈش ھايۋانلارنىڭ ئۆز بالىلرىنى ياخشى كۆرۈشىگە ئوخشىمايدۇ. جان تەن بىلەن باغلانغان قېرىنداشلىق پەقەت ئادەملەردىلا بولىدۇ. باشقا ئەللەردىمۇ قېرىنداشلىق بولغان. لېكىن رۇس يېرىدىكىدەك قېرىنداشلىق، مىھرىبانلىق ھېچ يەردە بولمىغان. كۆپچىلىكىڭلار كۆپ جايلارنى كۆرگەن، كۆپ يىللا مۇساپىرلىقتا يۈرگەنسىلەر. شۇ ئەلدىكىلەرمۇ ئادەم، ئۇلارمۇ خۇدانىڭ بەندىسى، ئۇلارمۇ بىزدەك گەپلىشىدۇ. بىراق يۈرەك-باغرىدىكى سۆزلىرى بىلەن گەپلىشىش ئۇلاردا يوق. بەرىبىر، ئۇلار بىزدەك بۇلالمايدۇ. دوستىلىرىم، بىزدەك چىن يۈرەكتىن ياخشى كۆرۈش، خۇدا بەرگەن ھەممە ئىچ-سىرىڭ بىلەن مىھرىبان بۇلۇش باشقا نەرسە!….

    تاراس بۇ سۆزلەرنى دەپ بۇلۇپ، قولىنى بىر سىلكىدى ۋە ئاق چاچلىق بېشىنى لىڭشىتىپ، بۇرۇتىنى قىمىرلاتتى -دە، يەنە سۆزىنى داۋام قىلىدى:

    -ياق، ھېچىكىم بۇنداق مېھرىبان بولالمايدۇ. ھازىر ئادەملەردە ئىنساپ  -دىيانەت قالمىدى. پەسكەشلىك ئەۋج ئېلىپ كەتتى. ھەممىسى ئۆزەم بولسام دەيدۇ. خامان-خامان بۇغدايلىرىم، قورا-قورا يىلىقلىرىم بولسۇن، ئامبارلىرىمدا تۇڭ-تۇڭ شارابلار تۇرسۇن دەيدۇ. ئۇلار ئاللىقانداق نەپسانىيەتچىلەنى قىلىدىغان بۇلۇپ قالدى. گېزى كەلسە، ئۆز ئادەملىرىنى بازاردىكى مالنى ساتقاندەك سېتۋېتىدۇ. يات پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتى ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بىر پولەك بېينىڭ غەرەزلىك قىلغان ئىلتىپاتىمۇ ئۇنداق ئادەملەرگە ھەر قانداق قېرىنداشلىقتىن ئەۋزەل كۆرۈنىدۇ. ئەمما ياتلارنىڭ ئايقىغا يېقىلىپ خۇشامەتكۇيلۇق قىلغان ھەر قانداق پەس ئادەمنىڭ بەدىنىدە ئازغىنا رۇس تۇيغۇسى بولسا، ئاخىرى بىركۈنى  بۇ تۇيغۇ ئويغىنىپ باش كۆتۈرىدۇ ۋە بۇ شورلۇق بىچارە ئۆزىنى كاچاتلايدۇ. ۋاپاسىزلىق بىلەن ئۆتكەن ئۆمرىگە لەنەتلەر ئوقۇپ، يۈزلىرىدىكى شەرمەندىلىك داغلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ ھەرىكەت ئۆلۈمىگە بېرىپ تاقالغاندىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بىزدەك قەھرىمانلىق بىلەن ئۆلەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ توخۇ يۈرەكلىرى بۇنداق ئۆلۈمگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

    ئاتاماننىڭ گېپى شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى. ئۇ گېپىنى تۈگەتكەندىن كېيىنمۇ چاچلىرى كۈمۈشەك ئاقارغان بېشى لىڭشتىپ تۇردى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ھەممەيلەننىڭ يۈرەك-باغرىغا بېرىپ تەگدى. مويسىپىت قېرىلارمۇ ئاقارغان باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ جىم بۇلۇپ قالدى. تاراملاپ ئاققان كۆز ياشلىرىنى يەڭلىرى بىلەن ئاستا سۈرتۈشتى. ئاندىن ھەممسى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك تەڭلا قول كۆتۈرۈشتى ۋە باشلىرىنى قىمىرلىتىپ، ئەس-ھوشىنى يىغىشتى.  قېرى تاراس ئۇلارغا ئۆتمۈشتىن كۆپ نەرسىلەرنى ئەسلەتتى ۋە جەڭگىۋار ھېسىسياتلىرىنى قوزغاتتى.

    دۈشمەن ئەسكەرلىرىمۇ كارناي، سۇنايلىرىنى چېلىشىپ، شەھەردىن چىقىشقا باشلىدى. كاتتىباشلىرى باھايتى كۆپ ئاتارمەن-چاپارمەنلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بۇلۇپ چىقىپ كېلىشتى. سېمىز ۋە سۆلەتلىك پولكوۋنىك ئۆز قۇشۇنىغا پەرمان بەرمەكتە. پولەكلەر مىلتىقلىرىنى بەتلەپ، مىستىن ياسالغان ساۋۇت، قالقانلىرىنى پارقىرتىپ، كۆزلرىنى چەكچەيتىپ كازاكلار ئۈستىگە بېسىپ كەلدى. ئۇلار ئوق يەتكۈدەك يەرگە يېقىنلىشىپ كەلگەندە، كازاكلار يەتتە غېرىچ مىلتىقلىرىدىن ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدى. ئوق ئاۋازلىرى ھەممە ياقنى قاپلىدى، پۈتۈن ئەتراپ ئىسقا تولدى. كازاكلار توختاۋسىز ئاتماقتا.  ئارقىدىكىلەر مىلتىقلارنى ئوقلارپ،  ئالدىدىكىلەرگە ئۇزىتىپ تۇرىدى. كازاكلارنىڭ مۇنداق تېز ئېتىشلىرى خۇددى مىلتىقلىرىنى ئوقلىماي ئېتىۋاتقاندەك دۈشمەنلەرنى ھەيراق قالدۇردى. يەر-كۆكىنى تۈتۈن قاپلاپ، ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرلىرىنى كۆرەلمەي قالدى . سەپتىكىلەردىن بىردەم ئۇنىڭغا، بىردەم بۇنىڭغا ئوق تېگىپ يىقىلغان بولسىمۇ ھېچكىم بىلمەيتتى. لېكىن لەخلەر ئوقلارنىڭ يامغۇردەك يېغىۋاتقانلىقىنى، جەڭنىڭ باغانسىېرى قىزىپ كېتىۋاتقانلىقىنى  كۆرۈپ، ئۆزلىرىنى بىر چەتكە ئالغانىدى. لەخلەر ئارىلىرىدا كۆپ كىشىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەسكەرلىرىنىڭ ئازىيۋاتقانلىقىنى كۆردى. كازاكلاردىن بولسا يۈز كىشىدىن ئىككى-ئۈچ كىشى ئۆلەتتى. كازاكلار توختىماستىن ئېتىۋەردى. بۇنى كۆرگەن فرانسۇز ئىنژېنېرلىرىمۇ قايىل بۇلۇپ قالدى. ئۇ ھەممىنىڭ ئالدىدا:

    -زاپوروژىيلىقلارنىڭ باتۇرلۇقىغا قايىل بولدۇم ! بىزنىڭكىلەرمۇ باشقا يۇرتلارغا بارغاندا مانا شۇنداق سوقۇشسۇن !-دېدى ۋە دەرھال زەمبىرەكلەرنىڭ ئاغزىنى كازكلار تەرەپكە توغرىلاشقا مەسلىھەت بەردى. چويۇن زەمبىرەكلەر ئېتىلغاندا، يەر-جاھان تىترەپ كەتتى. ھەممە ياقنى تۈتۈن قاپلاپ، مىلتىق دورسىنىڭ قاڭسىق پۇرىقى تارقالدى. ئەمما زەمبىرەكچىلەر قورۇلنى بەك يۇقىرى ئېلۋەتكەنلىكتىن ئوق كازاكلارنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ يىراققا چۈشتى ۋە يەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، توپنى پۇرقىرىتىۋەتتى. بۇنى كۆرگەن فرنسۇز ئىنژېنېرى چاچلىرىنى يۇلۇپ، كازاكلارنىڭ توختاۋسىز ئوق ياغدۇرۇشلىرىغا قارىماي، زەمبرەكنى ئۆزى قورۇلغا ئېلىپ ئېتىشقا كىرىشتى.

    تاراس بۇنى يىراقتىن كۆرۈپ، نېزامايېنوۋىسكىي توپى بىلەن سىتېلېكوۋىسكىي توپنىڭ بېشىغا زور پالاكەت چۈشىدىغانلىقىنى بايقاپ، “ دەرھال ھارۋىلار ئارسىدىن چىقىپ كېتىڭلار، تېزدىن ئاتلىنىڭلار ! “ دەپ ۋاقىرىدى. شۇ ئارىدا ئوستاپ ئەسكەرلىرى بىلەن يېتىپ كېلىپ، ئۆزىنى ئوتتۇرىغا ئۇرمىغان بولسا، كازاكلارنىڭ ھالىغا ۋاي ئىدى. ھارۋىلار ئارسىدىنمۇ چىقالمايتتى، ئاتلىرىغىمۇ مىنەلمەيتتى. ئوستاپ ئالتە زەمبىرەكچىنىڭ پىلتىسىنى تارتىۋالدى، تۆتىنىڭكىنى تارتىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدى. چۈنكى لەخلەر ئۇنى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى. شۇ ئارىدا زەمبىرەكچى فرانسۇز كازاكلار ئۆمرىدە كۆرمىگەن ناھايىتى چوڭ بىر زەمبىرەكنىڭ پىلىتسىنى ئۆز قولىغا ئالدى. بۇ زەمبىرەكنىڭ يوغان ئاغزىدىن مىڭلىغان ئەجەل ئوقلىرى مارىلاپ تۇرغاندەك كۆرۈندى. بۇ زەمبرەك  شۇنداق ئېتىلدىكى، يەر زىلزىلىگە كەلدى. ئۇنىڭ كەينىدىنلا يەنە ئۈچ زەمبرەك ئېتىلدى. خۇددى يەرنىڭ تېگىدىمۇ زەمبرەك ئېتىلغاندەك، تۆت قېتىم گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز ياڭرىدى. بۇ زەمبىرەكلەر كازاكلارغا قىزغىن سالدى. نۇرغۇن كازاكلارنىڭ بايقۇش ئانىلىرى كۆكسىنى تۇتۇپ يىغلىشىپ قالار. ئۇلارنىڭ خۇتۇنلىرى تۇل قېلىپ ئۆز شەھەرلىرىدە خار-زار بۇلۇشار. بۇ بىچارىلەر ھەر كۈنى بازارغا چىقىپ، ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە قاراپ ئەرلىنى ئىزلىشەر. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەزىز كىشىلىرىنى مەڭگۈ تاپالماسلىقى مۇمكىن.

    نېزاما يېنوۋىسكىي توپنىڭ يېرىمى دىگۈدەك تۈگەشتى. مۆلدۈر ئاپتى ئالتۇن باشاق بۇغداينىڭ باشلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغاندەك، ئۇلارنىمۇ خۇددى شۇنداق تۆكۈپ تاشلىدى. كازاكلار ئەرۋاھى ئۇچۇپ، غەزەپكە كەلدى.

    توپ ئاتامانى كۇكۇبېكو ئۆز ئادەملىرنىڭ يېرىمى قىرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ غەزىپى قايناپ تاشتى، قالغان ئادەملىرى بىلەن ئۆزىنى دۈشمەننىڭ قاق ئوتتۇرسىغا ئۇردى، ئالدىغا ئۇچرىغاننىڭ كاللىسىنى خۇددى قۇشقاچنىڭ بېشىى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلىدى، كۆپ ئاتلىقلارنىڭ ئۆزىنىمۇ، ئېتىنىمۇ نەيزە بىلەن ئۇرۇپ يىقىتىپ، زەمۈىرەكچىلەر ئۈستىگە تالشاندى ۋە بىر  پەس ئېلىشىپ زەمبرەكنى ئوجا ئالدى. نېرىراقتا ئۇمانىسكىي توپنىڭ ئاتامانى سىتپان گۇسكا چوڭ زەمبىرەكنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى. ئۇ، بلارنى بۇ يەردە قالدۇرۇپ، دۈشمەننىڭ يەنە بىر توپىغا قاراپ ھۇجۇم قىلدى. نېزامايېنوۋىسكىي توپنىڭ ئادەملىرى قەيەردىن ئۆتسە، شۇ يەر كوچىغا ئوخشاپ قالاتتى. لەىﻻەرنىڭ سەپلىرى شالاڭسىپ، ئۆلۈكلىرى دۆۋە-دۆۋە بۇلۇپ كەتتى. ئالدىدىكى ھارۋىلارنىڭ ئالدىدا ۋوۋتۇزېنكو، ئۇنىڭ كەينىدە زېرېۋىچېنكو، ئارقىدىكى ھارۋىلارنىڭ ئالدىدا دېگتەرېنكو، ئۇنىڭ كەينىدە توپ ئاتامانى ۋېرتېخۋىست بار ئىدى. دېگتەرېنكو ئىككى لەخكە نەيزە ئۇرۇپ، ئۈچىنچىسى بىلەن ئېلىشتى، لېكىن ئۈچىنچىسى بوس كەلمەي قاتتىق تېركەشتى. بۇ لەخنىڭ ئات ۋە ئىگەر-جابدۇقلىرى ناھايىتى ئىسل ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسدا ئەللىك بىر كىشلىك ئاتارمەن چاپارمەنلرىى بار  ئىدى . ئۇ دېگتەرېنكونى ئېتىدىن يۇلۇپ ئېلىپ يەرگە ئۇرىدى ۋە قىلىچىنى ئۇنىڭ بېشىغا تەڭلەپ:

    -سەن ئىتلارنىڭ ھېچبىرىڭ ماڭا بەس كېلەلمەيسەن دەپ ۋاقىرىدى.

    شۇ چاغدا موسى شىلو:

    -مېنى ئىزدىگەن بولساڭ، مانا مەن !-دەپ لەخنىڭ ئالدىغا چىقتى.

    موسى شىلو دېڭىز قاراقچىلىرىغا كۆپ قېتىم باش بولغان، بېشىدىن ئىسسىق-سوغوق كۆپ ئۆتكەن باتۇر كازاك ئىدى. ئۇ تراپېرونت شەھىرىدە تۈركلەر قولىغا چۈشۈپ قالغان. تۈرۈكلەر ئۇنى شېرىكلىرى بىلەن بىللە كېمىدە تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتكەن، قول-پۇتلىرىغا كويزا-كىشەن سېلىپ، نەچچە كۈنگىچە دېڭىزنىڭ شور سۈيىدىن باشقا ھېچ نەرسە بەرمەي، راسا قىينىغانىدى. بىچارە تۇتقۇنلار ھەممە ئازاب-ئۇقۇبەتلەرگە چىداپ، دىنلىرىدىن قايتمىدى. ئەمما موسى شىلو چىداش بېرەلمەي، دىنىدىن قايتىپ مۇسۇلمان بولدى، ئاندىن بېشىغا سەللە ئورىدى. تۈركلەر پادىشاھى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، ئۇنى ھەممە تۇتقۇنلارغا باش قىلىپ قويدى. تۈرمىنىڭ ئاچقۇچلىرىنىمۇ ئۇنىڭ قولىغا بەردى. بىچارە تۇتقۇنلار ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن قاتتىق رەنجىدى ۋە نارازى بولدى. چۈنكى ئۆز ئىچىدىن چىقىپ زالىملار بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن دەجىجالىنىڭ قول ئاستىدا تۇرغاندىن كۆرە، باشقا بىردىنسىزنىڭ قول ئاستىدا بۇلۇشنى  ياخشىراق دەپ بىلەتتى. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بولدى. موسى شىلو تۇتقۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈچ قاتار قىلىپ زەنجىرگە چاتتى ۋە ئارقاننى سۆڭەككىچە پاتۇرۇپ، چەمبەرچەس باغلىدى. ئاندىن ھەممىسىنى جاندىن ئۆتكۈدەك راسا كالتەكلىدى.  تۈركلەر بۇنداق ساداقەتمەن قۇلنى تاپقانلىقىغا خۇشال بۇلۇشتى ۋە ئۆز شەرىئەتلىرىنى ئۇنتۇپ، ئەيش-ئىشرەت بىلەن مەست بۇلۇپ يېتىپ كېتىشتى. شۇ چاغدا موسى شىلو ئاتمىش تۆت ئاچقۇچنىڭ ھەممىسىنى ئەكلىپ تۇتقۇنلارنىڭ قولىغا بەردى-دە، “ كىشەنلەرنى ئېچىپ دەرياغا تاشلاڭلار، قۇلۇڭلارغا قىلىچ ئېلىپ تۈركلەرنى چېپىڭلار ! “ دەپ بۇيرىدى. مانا شۇ چاغدا كازاكلار نۇرغۇن ئولجىلارنى ئېلىپ، ئۆز يۇرتلىرىغا ئامان-ئىسەن قايتىپ كەلگەنىدى. ئۇلارنىڭ بۇ  ئىشلىرى خېلى زامانلارغىچە قوشاقچىلارغا داستان بولغانىدى.

    موسى شىلو لەشكەر باشلىقلىقىغا سايلىنىشىمۇ مۇمكىن ئىدى، بىراق مەمەدانلىق مىجەزى بولغاچقا، بەزىدە ھەر قانداق دانا كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ تاشلىسىمۇ، بەزى چاغلاردا تەنتەنكلەردىنمۇ ئېشىپ كېتەتتى . ئۇ  سېچتىكى كۈنلىرىدە بار-يوقىنى ئىچىملىككە سەرپ قىلىپ قەرزدار بۇلۇپ قالدى، بۇنىڭ ئۈستىگە ئوغرىلىق قىلىپ قۇيۇپ شەرمەندە بولدى. ئوغىرلىق قىلمىشى ئۈچۈن ئۇنى بازارغائاپىرىپ مومىغا باغلاپ، ھەر كىم كۈچى يەتكىنىچە ئۇرۇپ ئۆتسۇن دەپ ئالدىغا بىر كالتەكنى تاشلاپ قويغانىدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرى ھەممىگە ئايان بولغانلىقى ئۈچۈن زاپوروژىيىلقلار ئىچىدىن ئۇنىڭغا تاياق كۆتۈرىدىغان كىشى چىقمىدىغانىدى.

    موسى شىلو لەخ باتۇرىنىڭ ئۈستىگە يېتىپ كېلىپ: «سەن ئىتلارنىمۇ ئۆلتۈردىغان ئادەم بار!» دېدى- دە، ئىككىسى راسا ئېلىشتى. نەيزە-قىلىچ زەربىدىن ھەر ئىككىسىنىڭ قالقانلىرى ماكچىيىپ كەتتى. لەخ  شىلونىڭ كىيگەن ساۋۇتىنى كېسىپ تاشلىدى، قىلىچ ساۋۇتتىن ئۆتۈپ، بەدەنگە پاتتى. كازاكنىڭ ساۋۇتى قىپقىزىل قانغا بويالدى. شىلو بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، چوقاقتەك سالماقلىق مۇشتى بىلەن لەخنىڭ بېشىغا كېلىشتۈرۈپ بىرىنى ئۇرۋىدى، مىس قالپىقى پارچە-پارچە بۇلۇپ كەتتى، لەخ دەلدەڭشىپ بېرىپ يىقىلدى. شىلو ئۇنى چېپىپ تاشلىماقچى بولدىيۇ، بىراق كۆڭلىدە: «يېڭىلگەن دۈشمەننى يەنە چېپىپ نېمە قىلارسەن، كازاك!» دەپ ئۆزىگە ھاي بەردى. شۇ ئەسنادا ئۆلگەن لەخنىڭ نۆۋكەرلىرىدىن بىرى ئارقىدىن كېلىپ، شىلو گەردىنىگە پىچاق سالدى. شىلو بۇرۇلۇپ، كۈشەندىسىنى تۇتاي دېۋىدى، ئۇ چاڭ، تۈتۈننىڭ ئىچىدە كۆزدىن غايىب بولدى. مىلتىقلار توختاۋسىز ئېتىلماقتا ئىدى. شىلو داەلدەڭشىپ قالدى. ئۇ يىگەن  قىلىچ ۋە پىچاق زەربىلىرىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى پەملىدى، قولى بىلەن يارىسىنى تۇتقىنىچە يىقىلدى ۋە يولداشلىرىغا قاراپ رازىلىق بىلدۈرۈپ:

    -خەير، ئەزىز بۇرادەرلەر! ئامان بۇلۇڭلار! دىنىمىز ۋە يۇرتىمىز رۇسىيە مەڭگۈ ئامان بولسۇن!-دېدى دە، خۇنى كەتكەن كۆزلىرىنى يۇمدى. بۇ كازاكنىڭ تۆمۈردەك چىڭ جېنى كۆپ ئازاب چەككە تېنىدىن جۇدا بولدى.

    شۇ چاغدا ئۇياقتىن زادوروژنىي ئۆز ئادەملىرى بىلەن چىقىپ كەلدى. توپ باشلىقى ۋېرتېىۋىست سەپلەرنى ئوڭ ۋە سول ياقتىن سۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى، بالابانمۇ مەيدانغا قاراپ:

    -ھە، يىگىتلەر، ئىشلار قانداق؟ ئوق-دورىلىرىڭلار بارمۇ؟ كازاكلار بوش كەلمەيۋاتقاندۇ؟-دەپ سورىدى.

    ئوق-دورىلىرىمىز ھازىرچە يېتىدۇ، ئاتا .  كۈچ-قۇۋىتىمىز جايىدا . كازاكلار بوش كەلمەيۋاتىدۇ! _ دېدى ئاتامانلار.

    كازاكلار كۈچلىرىنى يىغىپ،، دۈشمەن ئۈستىگە يەنە بىر قېتىم تاشلاندى. دۈشمەننىڭ سەپلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ قىلىۋەتتى. پاكىنەك پولكوۋنىك ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن ئادەملىرىنى يىغىش ئۈچۈن : “ سەككىز رەڭلىك ئەلەم كۆتۈرۈڭلار! “ دەپ بۇيرىدى. ھەممە لەخلەر تۇغ ئاستىغا توپلاندى.  ئەمما ئۇلار سەپلىرىنى رۇسلاپ ئالغۇچە، توپ باشلىقى كۇكۇبېنكو ئەسكەرلىرى بىلەن ئۆزىنى ئوتتۇرىغا ئۇرۇپ كىرىپ، يوغان قورساق پولكوۋنىككە ھۇجۇم قىلدى. پولكوۋنىك ئېتىنى بۇراپ قاچتى. كۇكۇبېنكو ئۇنىڭ كەينىدىن خېلى يەرگىچە قوغلاپ بېرىپ، ئۇنى ئۆز ئەسكەرلىرىگە يېقىنلاتمىدى. يان تەرەپتە تۇرغان ستىپان گۇسكا بۇنى كۆرۈپ، ئېتىغا ئېڭىشىۋىلىپ  چاپقىنىچە ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۇدۇللاپ چىقتى، پەيتنى كەلتۈرۈپ پولكوۋنىك ئىككى قولى بىلەن ئارغامچىغا يېپىشىپ ئۈزىۋەتمەكچى بولدى. ئەمما باپلاپ ئۇرۇلغان نەيزە ئۇنىڭ قارنىدىن تېشىپ چىقىپ يەرگە قادالدى. پولكوۋنىك نەيزە بىلەن ئاتتىن  يىقىلىپ يەرگە قېقىلغان قوزۇقتەك شۇ يەردە قالدى. سىتىپان گۇسكىمۇ ساق قالمىدى. كازاك تېخى ئۇياق-بۇياققا قارىغۇچە، دۈشمەنلەر گۇسكىغا تۆت تەرەپلەپ نەيزە ئۇردى. بىچارە گۇسكا:

    -دۈشمەنلەر يەر بىلەن يەكسەن بولسۇن ! رۇس يۇرتى مەڭگۈ ياشسۇن!-دېگەندىن باشقا سۆز قىلالماي جان ئۈزدى.

    كازاكلار بۇرۇلۇپ قارىسا، بىر ياقتا كازاك مېتېلتسا لەخلەرنىڭ ئەدىبىنى بەرمەكتە، يەنە بىر ياقتا ئاتامان نېۋىلچكىي ئۆز ئەسكەرلىرى بىلەن دۈشمەننى سىقىپ كەلمەكتە. ھارۋىلار تۇرغان تەرەپتە زاكرۇتىگۇبا دۈشمەن بىلەن جانبازلىق قىلىۋېتىپتۇ . پىسارېنكو چەتتىكى ھارۋىلارنىڭ ئالدىدا بىر توپ دۈشمەننى تۈگەشتۈرۈپ بۇلۇپتۇ. بۇياقتىكى ھارۋىلارنىڭ ئالدىدا ئىككى تەرەپ راسا ئېلىشماقتا جەڭ ھەتتا ھارۋىلار ئۈستىدىمۇ قىزىپ كەتتى.

    ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋالغان تاراس:

    -ھە، ئاغىنىلەر، ئوق-دوراڭلار بارمۇ ؟ بوش كەلمەيۋاتامسىلەر ؟-دېدى.

    -ئوق دورىمىز بار، ئاتا، كازاكلار بوش كەلمەيدۇ!

    كۆپ ئۆتمەي بۇۋديۇگ چال ھارۋىدىن دومىلارپ چۈشتى . ئوق ئۇنىڭ يۈرىكىگە تەككەنىدى. ئەمما چال ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ:

    -دۇنيادا ھېچ ئارمىنىم قالمىدى. خۇدا ھەممىگە مۇشۇنداق ئۆلۈم بەرسۇن . رۇس يۇرتى قىيامەتكىچە گۈللەپ ياشىسۇن!-دەپ خىتاب قىلىپ كۆز يۇمدى. ئۇنىڭ روھى كۆككە پەرۋاز قىلىپ  كۆتۈرۈلدى . بۇ روھ ئۆزىدىن  ئىلگىرى ئۆتكەن قېرىلارغا رۇس يېرىدە قانداق جەڭلەر بولغانلىقىنى، بۇ مەملىكەتتە مۇقەددەس دىن يولىدا جانبازلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگىلى چىقىپ كەتتى.

    بىر ئازدىن كېيىن ئاتامان بالابانمۇ يىقىلدى. ئۇ ئۈچ يېرىدىن زەربە يېدى: بىر يېرىگە نەيزە، بىر يېرىگە ئوق، يەنە بىر يېرىگە خەنجەر تەگدى. بۇمۇ ئاتاقلىق باتۇر كازاكلاردىن ئىدى . بالابان ئەمدى ئۆلۈمى يېقىنلاشقانلىقىنى بىلىپ، ئاستا بېشىنى چايقىدى ۋە يولداشلىرىغا قاراپ:

    -ماڭا ياخشى ئۆلۈم نېسىپ بولدى. يەتتىسىنى قىلىچ بىلەن چاپتىم، توققۇزىنى نەيزىدىن ئۆتكۈزدۈم، ئېتىمنىڭ ئايقى ئاستىدا بىر مۇنچىسىنى يەنچىپ تاشلاندى

    ئۇقۇمدىن ئۆلگەنلەرنىڭ ھېسابىنى بىلمەيمەن. رۇس يۇرتى ئەبەدىي گۈللىسۇن!-دېدى-دە، جان ئۈزدى.

    لەخلەر كۇكۇبېنكونى ئوراپ ئېلىشتى، ئۇنىڭ توپىدا ئاران يەتتە كىشى قالغانىدى، ئۇلارمۇ ئاخىرقى چىدام بىلەن ئۇرۇشماقتا . كۇكۇبېنكونىڭ كىيىملىرى قانغا بويالدى. تاراس ئۇنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزى ياردەمگە كەلدى. ئەمما ياردەمگە كەلگۈچىلەر كېچىككەنىدى. ئۇنى ئوراپ ئالغان دۈشمەنلەرنى قوغلىغۇچە، ئۇنىڭ دەل يۈرىكىگە نەيزە ئۇرۇلدى. ئۇ ھەممىدىن بالدۇر يېتىپ كەلگەن كازاكنىڭ قۇچىقىغا ئاستا يىقىلدى. ئۇنىڭ قىپقىزىل قېنى بۇلاقتىن قايناپ چىققان سۇدەك ئاققىلى تۇردى.  بۇ قان خۇددى باينىڭ خىزمەتكارى ئالدىراشلىقتا يىقىلىپ چۈشۈپ سۇندۇرغان بوتۇلكىدىن تۆكۈلگەن قىزىل ۋىنوغا ئوخشايتى . كۇكۇنېنكو كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىىپ تۇرۇپ:

    -يولداشلار، خۇداغا ئۈشكىرى . سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئۆلدۈم . بىزدىن كېيىن قالغانلار بىزدىنمۇ ئوبدان كۈن كۆرسۇن . ئەيسا سۆيگەن رۇس يېرى مەڭگۈ شان-شۆھرەت قازانسۇن !-دېدى. شۇ گەپ بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ياش جېنى تېنىدىن جۇدا بولدى.

    كۇكۇبېنكونىڭ ئۆلۈمى ھەممىنى قايغۇغا سالدى. كازاكلارنىڭ سەپلىرى ناھايىتى شالاڭشىپ قالغانىدى . باتۇرلارنىڭ تولىسى ھالاك بولدى. شۇنداقتىمۇ كازاكلار ھېچ بوش كەلمىدى. تاراس قالغان توپلارغا ۋاقىراپ:

    -ھە، ئاغىنىلەر، ئەھۋالىڭلار قانداق؟ ئوق-دورىلار يېتەرلىكمۇ ؟ قىلىچىڭلارنىڭ بىسى قايتمىدىمۇ ؟ ھارمىدىڭلارمۇ ؟ بوش كەلمەيۋاتقانسىلەر ؟-دېدى.

    -ئوق-دورىمىز بار، ئاتا . قىلىچمىمىز ئۆتكۈر. كازاكلاردا تېخى كۈچ كۆپ!

    كازاكلار گويا ھېچ تالاپەت كۆرمىگەندەك غەيرەت بىلەن يەنە دۈشمەنگە قاراپ ئېتىلدى . توپ باشلىقلىرىدىن بار-يوقى ئۈچ كىشى قالدى. جەڭ مەيدانلىرى قىزىل قانغا بويالدى. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆلۈكلىرىدىن ئېگىز دۆڭلەر ھاسىل بولدى. تاراس ئاسمانغا قاراپ، قاتار تىزىلىپ ئۇچقان تۇرنىلارنى كۆردى. كىمدۇر بىرىگە دۆلەت نېسىپ بولدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدى. بىر ياقتا مېتېلتسگ ئاللىقاچان نەيزە ئۇرۇلۇپتۇ. بىر پىسارىكونىڭ بېشى چېپىلىپ، پومزەكتەك يەرگە چۈشتى. كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ ئاستا يۇمۇلدى، ئوخرىم گۇسكا تۆت پارچە قىلىپ تاشلاندى.

    تاراس «بەللى!»  دەپ قولياغلىقىنى پۇلاڭلاتتى، ئوستاپ ئاتىسىنىڭ بۇ ئىشارىتىنى كۆرۈپ، پىستىرمىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ ئۆزىنى دۈشمەنگە تاشلىدى. لەخلەر ئۇنىڭ سىقىشىغا چىداش بېرەلمەي قاچتى. ئوستاپ ئۇلارنى قوغلاپ بېرىپ، يەرگە نەيزە ۋە ياغاچ قوزۇقلار قېقىلغان جايغا ھەيدەپ كىرگۈزدى، لەخلەرنىڭ ئاتلىرى پۇتلشىپ،ئۆزلىرى ئېگەر ئۈستىدىن ئۇچۇپ چۈشۈشتى. ھارۋىلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان مەرگەنلەر دۈشمەننى ئوق يەتكۈدەك يەرگە كەلتۈرۈپ، ئاندىن تۇيۇقسىز ئوققا تۇتتى. لەخلەر نېمە قىلىشىنى بىلمەي، ھەممىسى بىر يەرگە كەلتۈرۈپ، ئاندىن تۇيۇقسىز ئوققا تۇتتى. لەخلەر نېمە قىلىشنى بىلمەي، ھەممىسى بىر يەرگە غۇژمەك بۇلۇپ قالدى. كازاكلار روھلىنىپ كەتتى، ھەر تەرەپتىن : “ مانا، بىر يەڭدۇق، غەلبە بىز تەرەپتە ! “ دېگەن ئاۋازلار ياڭرىدى. كاناي چېلىپ، زەپەر تۇغىى كۆتۈرۈشتى. زەربە يېگەن لەخلەر ھەر تەرەپكە پېتىراپ قېچىشتى . تاراس شەھەر سېپىلىگە قاراپ:

    -ياق، تېخى تولۇق غەلبە قىلغىنىمىز يوق،-دېدى . ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىدى.

    شەھەر دەرۋازىسىنى يوغان ئېچىلىپ، ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ سەر خىلى ھېسابلانغان گۇسارلار پولكى ئات چاپتۇرۇپ چىقتى . ھەممىسىنىڭ ئېتى بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان تورۇق ئارغىماق ئاتلار ئىدى. ئەڭ ئالدىدا چىرايلىق بىر ياش پالۋان ئۇچقاندەك كەلمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ مىس قالپىقى تېگىدىن قارا چاچلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى . ئەڭ چىرايلىق قىزنىڭ قولى بىلەن تىكىلگەن بىر ئېسىل ياغلىق ئۇنىڭ قولىدا يەلپۈلدەيتتى. تاراس  بۇ پالۋاننى كۆرۈپ تۇنۇغاندىن كېيىن ھەيرانۇ ھەس بۇلۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئاندرېي ئىدى. ئاندرېي قولىغا چىگىلگەن سوۋغاتقا يارىشا مەرتلىك كۆرسىتىش نىيىتىگە كېلىپ، تۇلۇپ تاشقان غەيرىتى بىلەن جەڭگە كىرگەنىدى. ئۇ خۇددى بىر توپ ئوۋچى ئىتلارنىڭ ئىچىدىكى يۈگۈرۈك ۋە چىرايلىق تايغان ئىتتەك ئويناقشىپ كېتىپ باراتتى. قېرى تاراس ئۆز ئوغلىنىڭ ئوڭ ۋە سولغا قىلىچ ئۇرۇپ، ئالدىغا ئۇچرىغاننى چېپىپ تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تاقەت قىلالمىدى:

    -ھەي ئەقىلسىز، نېمە بولدۇڭ ؟ ئۆز قېرىنداشلىرىڭنىمۇ قىرامسەن ؟-دەپ ۋارقىرىدى. ئاندرېي بولسا كىم بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىغا پەرۋا قىلماستىن، ئالدىغا ئۇچىرىغان كازاكقا قىلىچ ئۇراتتى، ئۇنىڭ كۆزىگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيتتى . پەقەت تال-تال سۇمبۇل چاچلار، ئاققۇدەك ئاپئاق بەدەن، سۆيۈش ئۈچۈن يارالغان لەۋ ۋە بۇيۇنلار گەۋدىلىنىپ كۆرۈنەتتى، خالاس.

    تاراس ئۆز ئادەملىرىگە ۋاقىراپ:

    -ھەي ئەزىمەتلەر، ئۇنى بىر ئامال قىلىپ جاڭگالغا ئېلىپ كىرىڭلار! جاڭگالغا كىرسىلا قولغا چۈشىدۇ!-دەيتتى. ئۆزى چىۋەر، ئېتى يۈگۈرۈك كازاكتىن ئوتتۇزى دەرھال ھازىر بولدى. بۇلار ئۇزۇن قالپاقلىرىنى چۆكۈرۈپ كىيىپ، ئات سېلىپ دۈشمەن ئالدىدىن كېسىپ چىقتى-دە، ئالدىنقى قاتاردىكىلەرگە ھەيۋە بىلەن ھۇجۇم قىلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قالايمىقان قىلىپ، ئارقىدىكىلەردىن ئايرىپ تاشلىدى ۋە ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن ئېلىشتى، گولوكوپېتىنكو قىلىچىنىڭ كەينى بىلەن ئاندىرېينىڭ گەجگىسىگە بىرنى ئۇردى. كازاكلار دەرھال ئارقىسىغا قاراپ قاچتى . ئاندرېي غەزەپلىنىپ، جان-جەھلى بىلەن ئېتىغا بىر قامچا ئۇردى -دە، ئالدى-كەينىگە قارىماي كازاكلارنىڭ ئاقىسىدىن قوغلىدى . كەينىدىن بار-يوقى يىگىرمىچە كىشى كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز ھالدا ئېتىنى بولۇشىغا قويۇپ بەردى . كازاكلارمۇ جاڭگالغا قاراپ ئۇچقاندەك چاپتى . ئاندرېي قوغلاپ بېرىپ، گولوكوپېتېنكوغا يېتەي دەپ قالغانىدى. تۇيۇقسىز كىمدۇر بىرىنىڭ كۈچلۈك قولى ئېتىنىڭ چۇۋۇرىدىن تۇتتى. ئاندرېي قارسا، ئالدىدا تارس بۇلبا تۇرۇپتۇ! ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى لاغىلداپ تىتىرەپ، رەڭگى ئۆچۈپ كەتتى

     

    \

     

        ئۇ شۇ تاپتا خۇددى سىنىپتا چىشىغا تېگىپ قويغان ساۋاقدىشىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قوغلاپ يۈرگەن چاغدا مۇئەللىمى كىرىپ قالغان ئۇقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالدى. پۈتۈن غەزەپ ۋە ئەلىمى بىردەمدىلا يوقاپ كېتىپ يۇۋاش بۇلۇپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى دەھشەت بىلەن قاراپ تۇرغان ئاتىسىدىن باشقا ھېچ نەرسىنى كۆرمىدى.

    -خوش، ئەمدى ئىككىمىز نېمە ئىش قىلىمىز ؟  -دېدى تاراس ئوغلىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ. ئاندرېي بۇ سوئالغا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرالماي، يەرگە قاراپ تۇردى.

    -خوش، ئوغلۇم، لەخلىرىڭ ساڭا ياردەم قىلدىمۇ؟

      ئاندرېي ئۈندېمىدى.

    -شۇنداقمۇ خىيانەت قىلىش بولامدۇ ؟ دىنىڭنى، ئۆز قېرىنداشلىرىڭنى ساتتىڭمۇ ! توختا، ئاتتىن چۈش!

    ئاندرېي كىچىك بالىدەك بويسۇنۇپ ئاتتىن چۈشتى ۋ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ جانسىز مۇردىدەك جىم تۇردى.

    -قىمىرلىماي جىم تۇر ! سېنى دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغانمۇ مەن ئىدىم، ئەمدى دۇنيادىن كۆز يۇمدۇرغانمۇ مەن بولاي !-دېدى تاراس ۋە ئارقىسغا بىر قەدەم سىلجىپ تۇرۇپ، يەلكىسىدىن  مىلتىقىنى ئالدى. ئاندرېينىڭ رەڭگى تامدەك ئاقىرىپ كەتتى،لەۋلىرى قىمىرلاپ، بىر كىمنىڭ ئىسمنى ئېيتقاندەك بولدى. بۇ ئىسىم ۋەتىنىڭ ئىسمى ئەمەس،،  ئانىسىنىڭ ياكى ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭمۇ ئىسمى ئەمەس، بەلكى پولەك مەلىكىسىنىڭ ئىسمى ئىدى.

    تاراس ئوغلىنى شۇ يەردىلا ئېتىپ تاشلىدى. ئاندرېي بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلالماي، بوغۇزلانغان  قوزىدەك بېشى ساڭگىلاپ كوكات ئۈستىگە يىقىلدى. تاراس جانسىز تەنگە ئۇزاققىچە تىكىلىپ قاراپ تۇردى . ئاندرېي ئۆلگەم چېغىدىمۇ ناھايىتى چىرايلىق  ئىدى . ئەمدىلا يىگىتلىك قۇرامىغا يەتكەن، كۈچ-قۇۋەتكە تولغان، خۇتۇن-قىزلارنى ئۆزىگە شەيدا قىلغان ھۆسنىدە ھېلىمۇ ئاجايىپ بىر گۈزەللىك بالقىپ تۇرقاپقارا قاشلىرى مۇردا ئۈستىگە يېپىلغان مەخمەلدەك پارقىرايتتى. تاراس؛ “ بۇ قايسى كازاكتىن كەم ئىدى! قەددى-قامىتىمۇ كېلىشكەن، يۈزلىرىدە مەغرۇرلۇق، ۋۇجۇدىدا قەيسەرلىك جۇش ئۇرۇپ تۇرىدۇ. ئىلاج يوق، ئۆلۈپ كەتتى . ئۆلگەندىمۇ ئىتنىڭ ئورنىدا ئۆلدى! “ دېدى ئۆزىگە ئۆزى.

    -ئاتا، نېمە قىلدىڭ؟  سەن ئۆلتۈردۈڭمۇ ؟-سورىدى ئوستاپ ئاتىسىنىڭ قېشىغا كېلىپلا.

    -ھەئە، مەن ئۆلتۈردۈم . ئوغلۇم !-دېدى تاراس بېشىنى لىڭشىتىپ.

    ئوستاپپ  جەسەتنىڭ نۇرسىز كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراپ، ئىنىسىگە ئىچى ئاغىرىدى.

    -ئاتا، ئىنىم دۈشمەنلەرگە خار، قاغا-قۇزغۇنلارغا يەم بولمىسۇن . ئىززىتىنى قىلىپ يەرلىكىدە قويايلى،-دېدى ئوستاپ.

      -باشقىلار كۆمۈپ قويار،-دېدى تاراس،-ئۇنىڭغا يىغاليدىغانلارمۇ، ئۇنى كۆمىدىغانلارمۇ باردۇر!

    «قاغا-قۇزغۇن، بۆرىلەرگە يەم قىلىپ تاشلاپ كېتىۋېرەيمۇ، يا ئۇنىڭ پالۋانلىق شەنىگە ھۆرمەت قىلايمۇ ؟ مەرد باتۇر ئۆز دۈشمىنىنڭمۇ باتۇرلۇقنى ھۆرمەت قىلىشى لازىمغۇ» دەپ بىر ئاز ئويلىنىپ قالدى تاراس . شۇ چاغدا گولوكوپېتىنكو ئات چاپتۇرۇپ كەلدى:

    -شورىمىز قۇرىدى . ئاتامان ! لەخلەر كۈچىيىپ كەتتى . ئۇلارغا يەنە يېڭى كۈچلەر كېلىپ قۇشۇلدى!-گولوكوپېتېنكو شۇنداق دەپ تۇرۇشىغا ۋوۋتۇزېنكو ئات چاپتۇرۇپ كەلدى:

    -خاراپ بولدۇق، ئاتامان . دۈشمەنگە يەنە مەدەت كەلدى!

    ئۇنىڭ كەينىدىنلا پىسارېنكو پىيادە ھاسىراپ كەلىدى:

    -ئاتا، قەيەردە سەن ؟ سېنى كازاكلار ئىزدىشىۋاتىدۇ. لەشكەر بېشى نېۋېلىچكىي ئۆلدى. زاداروژنىيمۇ، جېرېۋېچىنكومۇ ئۆلدى. شۇنداقتىمۇ كازاكلار چىداش بېرىۋاتىدۇ. سېنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆلسەك مەيلى دېيىشىۋاتىدۇ.

    -ئوستاپ، ئاتقا مىن !-دېدى تاراس،-كازاكلارنى كۆرۈۋالاي. ئۇلارمۇ ئاتامانلىرىنى كۆرۈۋالسۇن.

    تاراس ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكىلەر ئالدىراش يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار جاڭگالدىن چىقار-چىقماي، دۈشمەنلەر ھەر تەرەپتىن ئوراپ كېلىپ قالدى. دەرەخلەر ئارىسىدا نەيزە، تۇتقان، قىلىچلىرىنى يالىڭاچلىغان ئاتلىقلار چىقىۋەردى.

    -ئوستاپ، بوش كەلمە!-دەپ ۋاقىرىدى تاراس ۋە ئۆزى توغرا كەلگىنىنى قىلىچ بىلەن چېپىۋەردى. ئالتە لەخ بىردىنلا ئوستاپقا يېپىشتى . لېكىن بىئەپ سائەتتە يېپىشقانلىقى ئۈچۈن بىرىنىڭ بېشى ئۇچۇپ چۈشتى، بىرى ئاتتىن يۈزىچە دۈم چۈشتى، بىرى نەيزە يېدى، بىرى چاققانراق ئىكەن، ئوقتىن ئۆزىنى ساقلاپ قالدى. ئوق ئۇنىڭ ئېتىغا تېگىپ، قاق تۆشىدىن بۆسۈپ چىقتى . ئات ئالدى پۇتى بىلەن بىر كۆتۈرۈلۈپ گۈپپىدە يىقىلدى ۋە ئۈستىدىكى ئادەمنى بېسىپ قالدى. تاراس : «بارىكاللا، ئوغلۇم ! بارىكاللا، ئوستاپ! ھازىر قېشىڭغا يېتىپ بارىمەن» دەپ، ئالدىدىكىلەرنى ئۇرۇپ-چېپىپ ئىلگىرىلىدى ۋە ئوستاپتىن كۆزىنى ئۈزمىدى. شۇ ئەسنادا سەككىز دۈشمەننىڭ ئوستاپقا يېپىشقانلىقىنى كۆردى . «ئوستاپ، بوش كەلمە!» دەپ ۋاقىرىدى تاراس . بىراق ئوستاپ يېڭىلىپ قېلىشقا ئازلا قالدى. بىرى ئوستاپنىڭ بوينىغا ئاغامچا تاشلاپ باغلىۋالدى.  تاراس: «ئاھ، بالام ئوستاپ !» دەپ ئوڭ-سولغا ئۆزىنى ئۇرۇپ زەربە بېرىپ، ئوستاپنىڭ يېنىغا بېرىشقا ھەرىكەت قىلدى. بىراق شۇ چاغدا بېشىغا يوغان بىر تاش تەككەندەك بۇلۇپ، كۆزلىرى قاراڭغۇلاشتى. ھەممە نەرسە  پىرقىراپ، ئاسمان دۈم كۆمتۈرۈلگەندەك بولدى. كېسىلگەن باشلار بىلەن نەيزىلەر،  ئوتنىڭ تۈتۈنى بىلەن يالقۇنى، دەرەخنىڭ شاخلىرى بىلەن يۇپۇرماقلىرى ئارىلىشىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈندى . يىلتىزى پالتا بىلەن چېپىلغان ئەزىمەت قارىغايدەك يەرگە گۈپپىدە يىقىلدى ۋە كۆزلىرىنى قاراڭغۇلۇق باستى.

     

    10

     

    تاراس گويا ئېغىر مەستىلىك ئۇيقۇسىدىن ئويغانغاندەك ھوشىغا كەلدى ۋە «تازىمۇ ئۇزاق ئۇخلاپ كېتىپتىمەن» دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، قەيەردە ياتقانلىقىغا سەپسېلىشقا باشلىدى . يات بىر ئۆينىڭ تام، تورۇس ۋە  بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرى كۆزىگە چېلىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىن يېنىدا ئۇنىڭغا پۈتۈن دىققىتى بىلەن سەپسېلىپ ئولتۇرغان توۋكاچنى  كۆرۈپ تۇنۇدى.

       توۋكاچ كۆڭلىدە : «ئاخىرەت ئۇيقۇسىغا كەتكەنىدىڭۇ، يەنە ئامان قالدىڭ» دەپ قويدى. ئەمما ئۇنىڭغا ھېچنىمە دېمەي، باشمالتىقى بىلەن شەرەت قىلىپ جىم يات دېدى.

    تاراس ئەس-ھۇشىنى يىغىپ ئالغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ۋەقەلەرنى يادىغا ئالماقچى بولۇپ:

    -گەپ قىلساڭچۇ، مەن نەگە كېلىپ قالدىم ؟-دەپ سورىدى.

    -ئۈنۈڭنى چىقارما!-دەپ ۋاقىرىدى توۋكاچ،-يەنە نېمىنى سورايسەن؟ پۈتۈن بەدىنىڭ قىيما-چىيما بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرمەيۋاتامسەن ؟ ئىككىمىز ئىككى ھەپتە دەپ ئالماستىن ئات چاپتۇرۇپ بۇ يەرگە يېتىپ كەلدۇق. سەن ئوتتەك قىزىپ، ئاغزىڭغا كەلگەننى جۆيلۈپ كەلدىڭ . شۇنىڭدىن بۇيان ئارام ئېلىپ ئۇخلىغان كۈنۈڭ مانا مۇشۇ، ئەگە ئۆز جېنىمغا بالا-قازا تېپىۋالماي دېسەڭ، ئۈنۈڭنى چىقارماي جىم يات!

    ئەمما تاراس دىققەت بۇلۇپ،  ئۆتكەن ۋەقەلەرنى يادىغا ئېلىشاق ھەرىكەت قىلاتتى: «لەخلەر مېنى ئورىۋىلىپ، تۇتۇۋېلىشقا سەل قالغانىدىغۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىم ناتايىن ئىدىغۇ؟»

       ئەركە بالىنىڭ قەغىشىدىن بىزار بولغان خۇتون ۋاقىرىغاندەك، توۋكاچمۇ ۋاقىرىدى:

    -جىم يات دەۋاتىمەن ساڭا ! شۇ تاپتا قانداق قۇتۇلغانلىقىڭنى بىلىشىنىڭ نېمە پايدىسى بار ؟ قۇتۇلغىنىڭغا شۈكرى قىل ! ساڭا ۋاپادارلىق قىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ يېنىڭدا تۇرغانلىقى مانا شۇ كۇپايە . تېخى ئالدىمىزدا كېچىلەپ قاڭىدىغان خېلى يول بار . سەن ئۆزەڭنىڭ نەرقى-باھايىڭنى ئادەتتىكى بىر ئادەمنىڭ باھاسى بىلەن ئوخشاش دەپ ئويلامسەن ؟ ئۇنداق ئەمەس . دۈشمەنلەر سېنىڭ بېشىڭنى ئىككى مىڭ تىللا باھالىدى، بۇنى بىلىپ قوي!

    تاراس بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ : “ ئوستاپ نېمە بولغاندۇ ؟ ..” دېدى-دە، ئەسلەشكە باشلىدى : ئوستاپنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا باغلاپ ئالغانلىقى، لەخلەرنىڭ قولىدا ئەسىر ئىكەنلىكىنى ئويلىدى . ئۇنى ئېغىر غەم-قاغۇ باستى . يارىلىرىغا باغلانغان لاتىلارنى تارتىپ يىرتىپ تاشلىدى . ۋارقىراپ بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولۇۋىدى، ئەمما تىلى گەپكە كەلمەي كېكەچلەپ قالدى. قىزىتمىسى يەنە ئۆرلەپ، جۆيلۈشكە باشلىدى . ۋاپادار دوستى توۋكاچ ئۇنىڭغا كايىپ غوتۇلدىدى ۋە يارىلىرىنى قايتىدىن تېڭىپ چىگىپ قويدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تاراس كالا تېرىسىگە ئوراپ چۇۋۇر بىلەن چىرماپ چېگدى-دە، ئېگەرگە مەھكەم باغلاپ،  يەنە يولغا چۈشتى.

    -ئۆلۈكۈڭنى بولسىمۇ يۇرتىمىزغا ئېلىپ كتىمەن. لەخلەرگە سېنى خار قىلىپ تاشلاپ بەرمەيمەن . كۆزۈڭنى قاغا-قۇزغۇنلار چۇقۇسىمۇ، ئۆز يۇرتىمىزنىڭ قاغا-قۇزغۇنلىرى چۇقۇسۇن !-دېدى ۋاپادار دوستى.

     ئۇلار كېچە-كۈندۈز ئات چاپتۇرۇپ يول يۈردى. ئاخىرى ئۇنى بىھۇش ھالدا زاپوروژى سېچىغا ئېلىپ كەلدى. بۇ يەردە ئۇنى داۋالاشقا كىرىشتى . قەيەردىندۇر، بىر تېۋىپ جۇھۇت خۇتۇننى تېپىپ كېلىشتى. بۇ خۇتۇن تۈرلۈك دورا- دەرمەكلەر بىلەن بىر ئاي  ئەستائىدىل داۋالدىدى . شۇنىڭدىن كېيىن تاراس بىر ئاز ساقىيىپ، ياستۇقتىن باش كۆتەردى . داۋالاشنىڭ نەتىجىسى ۋە ئۆزىنىڭ بەقۇۋۋەتلىكى تۈپەيلىدىن بىر يېرىم ئاي دېگەندە جاراھەتلىرى ساقىيىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. قىلىچ تەككەن يەرلىرىدىكى تارتۇقلار بۇ مويسپىت كازاكنىڭ قاتتىق جاراھەتلەنگەنلىكىنى كۆرستىپ تۇراتتى. ئەمما تاراس خېلى غەمكىن ۋە خىيالچان بولۇپ قالدى . ئەتىراپىغا قارىسا، قەدىرادان يار-بۇرادەرلىرىدىن ھېچكىم قالماپتۇ . ھەقىقەت ئۈچۈن، دىن ئۈچۈن ۋە قېرىنداشلىرى ئۈچۈن جەڭ قىلغانلاردىنمۇ ھېچكىم كۆرۈنمەيدۇ. سېچتىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يېڭى ئادەملەر . لەشكەر بېشى بىلەن بىللە تاتارلارنى قوغلاپ كەتكەنلەردىنمۇ ھېچكىم قالماپتۇ: كۆپچىلىكى شۇ ئۇرۇشتا ھالاك بولغان، بەزىلىرى باتۇرۇلۇق كۆرسىتىپ مەردلەرچە جان بەرگەن بىر مۇنچىلىرى شورتاڭ دەشت-باياۋانلاردا ئاچلىق ۋە تەشنالىقتىن ئۆلگەن : بىر مۇنچىلىرى تۇتقۇنلۇق ئازاپ-ئۇقۇبەتلىرى  ۋە خار-زارلىق دەستىدىن ئۆلۈپ كېتىشكەن  ؛ ئاۋالقى لەشكەر بېشىمۇ جەڭدە قۇربان بۇلغان . كونا يار-بۇرادەرلەر مانا شۇنداق تۈگىگەن . بىر چاغلاردىكى كازاك كۈچ قۇۋۋىتى يەر باغرىغا كىرىپ كېتىپتۇ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ناھايىتى چوڭ داغدۇغلىق بىر توي-بىر مەرىكە بۇلۇپ ئۆتۈپتۇ. بۇ تويدا قاچا-قۇمۇچلارنىڭ ھەممىسى سۇندۇرۇلغان، بىر تامچە ۋىنومۇ قالمىغان . كەلگەن مېھمانلار بارلىق قىممە باھا چىنە-قاچىلارنى، قەدەھلەرنى ئوغرىلاپ كەتكەن، توي ئىگىسى پۇشايمان قىلىپ : “ بۇنداق توينىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى ئىدىغۇ..” دەپ خاپا بۇلۇپ يۈرۈپتۇ.

    ئۇلار تاراسنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ، بەزلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، بۇ ھەرىكەتلىرىدىن نەتىجە چىقمىدى. ئۇزۇن ساقاللىق مويسىپىت قوشاقچى چاللار شۇ ئەتراپتا ئايلىنىپ يۈرۈپ، تاراسنىڭ باتۇرۇلۇقلىرىنى قوشاققا قېتىپ ئېيتاتتى. لېكىن تاراس ئۇلارغىمۇ پەرۋا قىلمايتتى. ئۇنىڭ قاپقى ھېچ ئېچىلمىدى. چىرايىدىن غەمكىنلىك كەتمىدى. بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، قەلبى ھەسرەتكە تولغان ھالدا: “ ئاھ، ئوغلۇم ئوستاپ !..” دەپ خىتاپ قىلاتتى.

    زاپوروژىيلىقلار دېڭىز يۈرۈشىگە تەييارلانماقتا ئىدى.  ئىككى يۈز قېيىق دنېپر دەرياسىغا چۈشۈرۈلدى ۋە كىچىك ئاسىياغا يۈرۈش قىلندى . كىچىك ئاسيالىقلار ئۇلارنىڭ چېچى چۈشۈرۈلگەن باشلىرىنى ۋە ئۇزۇن كوكۇلىلىرىنى يەنە كۆردى، بۇ ئۆلكىنىڭ ئاۋات دېڭىز بويلىرى چەيلەپ تاشلاندى. زاپوروژىيلىقلارنىڭ قارامايغا مىلەنگەن شالۋۇرلىرىنى، يىلاندەك قامچا تۇتقان كۈچلۈك قوللىرىنى بۇ ئۆلكە كۆپ قېتىم كۆرگەنىدى. كازاكلارنىڭ كىچىككىنە دىقماق قېيىقلىرى بۇ يەرلەردە كۆپ يۈرگەندىن كېيىن، خۇشال-خۇرام كەلگەن جايلىرىغا ايتىشت . تۈرۈكلەرنىڭ ئون زەمبىرەكلىك چوڭ كېمىلىرى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كېلىشتى ۋە ئون زەمبىرەكتىن تەڭلا ئوق ئېتىپ، كازاكلارنڭى قېيىقلىرىن تىرىپىرەڭ قىلىۋەتتى. قېيىقلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى دېڭىزغا غەرق بولدى . قالغان قېيىقلار ئون ئىككى خۇمرالىق تولدۇرۇلغان ئالتۇن كۈمۈش  بىلەن دنېپرنىڭ قۇيۇلۇش جايىغا يېتىپ كېلىشتى . تاراس بۇ ئوجا ۋە بۇ ئىشلارغا ھېچ قىزىقمىدى، ئۇ بۇ يەردە ئۆزى يالغۇز ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن دالىغا چىقىپ كېتەتتى، ئەمما مىلتىقى ئوقلانغان پېتىچە قايتىپ كېلەتتى. دېڭىز بويىغا بېرىپ، مىلتىقىنى يېنىغا قۇيۇپ، غەم-قايغۇغا چۆمگەن ھالدا ئولتۇرۇپ كېتەتتى. يەرگە قاراپ ئۇزاق ئولتۇرۇپ: «ئاھ، بالام ئوستاپ! جان قوزام ئوستاپ!» دەپ ھەسرەت چېكەتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا چەكسىز قارا دېڭىز كۈن نۇرىدا تاۋلىنىپ تۇراتتى. يىراقتىكى قۇمۇشلۇق ئىچىدە بېلىقچى قۇشلار چىرىلدايتتى. دېڭىز ساھىلىنىڭ بۇ مەنزىرىلىرىمۇ تاراسنىڭ غەمكىن كۆڭلىنى بەزلىيەلمىدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى.

    \

     

     

    تاراس بۇلبىنىڭ تاقىتى چېكىگە يەتتى: «نېمە بولسام بولاي، ئوستاپنىڭ تىرىك ياكى ئۆلۈكلىكىنى، ئۆلگەن بولسا، گۆردە ياتقان-ياتمىغانلىقىنى بىلىپ كېلەي، بۇنى بىلمىگىچە كۆڭلۈم ئارام تاپمايدىغان ئوخشايدۇ» دىگەن  قارارغا كەلىدى-دە، سەپەرگە تەييارلاندى. قىلىچ قالقان، نەيزە، مىلتىقلىرىنى ئالدى. تالقان، مىلتىق دورىسى ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلىرىنى ئېتىغا غانجۇغلىدى. بىر ھەپتە يۈرۈپ ئۇمان شەھرىگە يېتىپ كەلىدى. ئۇ شەھەرگە كېلىپ توپتوغرا ئۇچرىشىدىغان ئادىمىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. دېرىزىسى كىچىككىنە، كۆزنەكىلىرىنى چاڭ باسقان، پاسكىنا ۋە قالايمىقان بىر ئۆيگە كېلىپ چۈشتى. ئۆينىڭ مورىسىغا لاتا تىقىپ قويۇلغان، تاملىرىدىكى يوچۇقلارغا قۇشقاچلار ئۇۋلاپ كەتكەن، ئىشىك ئالدىغا ئەخلەت دۆۋلەنگەنىدى. بېشىغا مەرۋايىت قادالغان ۋە كىرلىشىپ قارىداپ كەتكەن دوپپا كىيىۋالغان بىر جوھۇت خۇتۇن دېرىزىدىن قارىدى.

    تاراس ئاتتىن چۈشۈپ، ئېتىنى ئىشىك ئالدىدىكى قوزۇققا باغلىدى. شۇ ئارىدا جوھۇت خۇتۇن ھويلىغا چىقتى.

    -ئېرىڭ ئۆيدىمۇ ؟

    -ئۆيدە،-دەپ جاۋاپ بەردى جوھۇت خۇتۇن ۋە دەرھال ئاتقا بىر كاسا بۇغداي، تاراسقا بىر ئاپقۇر پىۋا ئېلىپ چىقتى.

    -ئېرىڭ قېنى؟

    -نېرىقى ئۆيدە ئىبادەت قىلىۋاتىدۇ،

    -بۇلبا ئاپقۇرنى ئاغزىغا ئېلىپ بارغاندا، جۇھۇت خۇتۇن تەزىم قىلىپ:

    -سالامەت بۇلۇڭ،-دېدى.

    -سەن بۇ يەردە قال. ئېتىمغا ئوت-چۆپ بېرىپ، سۇغىرىپ قوي . ئېرىڭ بىلەن ئۆزەم گەپلىشىپ چىقىمەن.

    بۇ ھېلىقى تۇنۇش جوھۇت يانكېل ئىدى. ئۇ بۇ شەھەرگە كېلىپ بىراۋنىڭ جاينى ئىجارىگە ئېلىپ سارايۋەنلىك قىلىپ يۈرگەنىكەن ئاستا-ئاستا يىراق-يېقىندىكى باي ۋە ئەمەلدارلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ، پۇللىرىنى يىغىۋاپتۇ. بۇ يۇرتتا ئۇ ئۆزىنىڭ جوھۇتلۇقىنى شۇنداق كۆرسىتىپتۇكى، ئەتراپتا ئۇنىڭ دەستىدىن خاراب بولمىغان ئۆي قالماپتۇ. پۈتۈن يۇرت خۇددى ۋابا تەككەندەك ياكى ئوت كېتىپ كۆيگەندەك ۋەيران بۇلۇپ كېتىپتۇ . ئەگەر يانكېل بۇ يەردە يەنە ئون يىل تۇرسا، پۈتۈن مەملىكەتنى خاراب قىلىدىكەن.

    تاراس ئىچكىرى ئۆيگە كىردى. جوھۇت كىرلىشىپ كەتكەن پەرىجىسىنى يېپىنىپ ئىبادەت قىلىۋاتاتتى. دىنىي قائىدە بويىچە ئىبادەتنىڭ  ئاخىرىدا ھۈرۈش ئۈچۈن ئارقىسىغا ئۆرۈلگەنىدى. كەينىدە تۇرغان بۇلبىغا كۆزى چۈشتى. جۇھۇتنىڭ كۆزىگە شۇئان تاراسنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كەلگەن كىشىگە ۋەدە قىلىنغان ئىككى مىڭ تىللا كۆرۈندى. لېكىن ئۆزىنىڭ ئاچكۆزلۈكىدىن ئۆزى نۇمۇس قىلىپ يۈرىكىنى تاتىلاۋاتقان ئالتۇن ۋەسۋەسىسىنى بىلندۈرمەسلىككە تىرىشتى.

    -يانكېلى، مەن سېنى بىر ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدىم . مەن بولمىسام، زاپوروژىيلىقلار سېنى بۇردا- بۇردا قىلىپ تاشلايتتى . ياخشلىق قىلىش نۆۋىتى ئەمدى ساڭا كەلدى. ماڭا بىر خىزمەت قىل،-دېدى تاراس.

    يانكېل ئۇنىڭغا تەزىم قىلغىنىچە بېرىپ ئىشىكنى ئاستا ياپتى. ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

    -قانداق خىزمەت ؟ ئەگەر قۇلۇمدىن كېلىدىغانلا بولسا نېمىشقا قىلمايدىكەنمەن،-دېدى.

    -باشقا گەپنى قوي، مېنى ۋارشاۋغا ئېلىپ بار.

    -ۋارشاۋغا ؟ نېمە دەۋاتىسەن؟-دېدى يانكېل ھەيران بۇلۇپ ۋە قاشلىرىنى چىمىرلىتىپ، دولىسىنى چىقاردى.

    -تولا سۆزلىمەي، مېنى ۋارشاۋغا باشلاۋەر! نېمە بولسا بولسۇن، ئۇنى بىر كۆرۈۋالاي، ئۇنىڭغا بىر ئېغىز سۆز قىلىۋالاي.

    كىمگە؟

    -ئوغلۇم ئوستاپقا.

    -ئەجەبا، تېىخ ئاڭلىغىنىڭىز يوقمۇ؟

    -ئاڭلىدىم، ھەممىسىدىن خەۋرىم بار.مېنىڭ بېشىمغا ئىككى مىڭ تىللا ۋەدە قىلىشىپتۇ. ئۇلار بېشىمنى ياخشى باھالاپتۇ. مەن ساڭا بەش مىڭ تىللا بېرىمەن . ئىككى مىڭنى مانا، ھازىر ئال،-بۇلبا تېرە چەندازىسىدىن ئىككى مىڭ تىللانى شاراقلىتىپ تۆكتى،-قالغىنىنى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئالىسەن.

    جوھۇت دەرھال ياغلىقىنى  ئېلىپ تىللانىڭ ئۈستىگە ياپتى. تىللادىن بىرنى قولغا ئېلىپ، ئۇياق-بۇيېقىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن چىلشەپ كۆردى.

    -ئەجەپ ئىسىل ئالتۇن ئىكەن. پاھ-پاھ! ئاجايىپ ئىسىل ئالتۇن ئىكەنا! بۇ ئالتۇننى سىزگە تارتقۇزۇپ قويغان بايقۇش شۇ ئاندىلا ئۆزىنى دەرياغا تاشلىۋالغاندۇ؟!-دېدى يانكېل.

      -ساڭا ئىلتىماس قىلىپ ئولتۇرماستىن، ئۆزەم يول تېپىپ كېتىۋېرەتتىم. بىراق خۇدا ئۇرغان لەخلەر مېنى تۇنۇپ قېلىپ، تۇتۇۋالارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن . چۈنكى مەن ھەييارلىقنى قاملاشتۇرالمايمەن. جۇھۇتلار، سىلەر ھەييارلىققا يارىتىلغانسىلەر . سىلەر شەيتاننىمۇ ئالدىيالايسىلەر . سىلەر ھەممە ئىشنى بىلىسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سېنىڭ ئالدىڭغا كەلدىم. سەنسىز مەن ئۆزەم ۋارشاۋدا ھېچ ئىش قىلالمايمەن. دەرھال ھارۋاڭنى قات، مېنى ئېلىپ ماڭ!

    -جانابىڭىز، ھارۋىغا بايتالنى قوشۇپلا، چۇ دەپ كېتىۋەرسەك بولىدۇ، دەپ ئويلامسىز ؟ سىزنى يۇشۇرۇشنىڭمۇ ھاجتى يوقمۇ؟

    -مەيلى، يۇشۇرۇساڭ يۇشۇر . قۇرۇق بوچكىغا يۇشۇرۇپ قوي بولمىسا.

    -مانا قىزىق ! سىزنى بوچكىغا تىقىپ قويغىلى بولارمۇ؟ بوچكىنى كۆرگەندىن كېيىن ھەر قانداق ئادەم، ئىچىدە ھاراق بار دەپ ئويلايدۇ-دە!

    -مەيلى، ھاراق دېسە دەۋەرسۇن.

    -تېخى، مەيلى ديسىزا !-دېدى جۇھۇت ئىككى قولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ.

    -ھە، نېمىگە شۇنچە ھولۇقىسەن؟

    -ھاراقنى ئىچىش ئۈچۈن ياسايدۇ . ئۇ يەرىكىلەرنىڭ ھەممىسى نەپسى يامان پىيانچۈكلەر. لەخلەر بوچكىنى كۆرسە نەچچە كىلومىتىر يەرگىچە ئاقىسىدىن يۈگۈرۈپ بارىدۇ  ۋە ئاغزىنى ئېچىپ ئاۋارە بولمايلا تېشىدۇ. تەشكەندىن كېيىن ئىچىدىن چىقمىسا . دەرھال گۇمان قىلىشىدۇ. جوھۇت قۇرۇق بوچكىنى بىكاردىن بىكار ھارۋىغا ئارتىپ يۈرمەيدۇ، بىر بالاسى بار، دەپ ئويلايدۇ. جۇھۇتنى تۇتۇپ قاماڭلار، پۇللىرىنى تارتىۋېلىڭلار دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ. چۈنكى قانداقلىكى يامان ئىش بولسا جوھۇتتىن كۆرىدۇ. ھەممىسى جوھۇتنى ئادەم قاتارىدا كۆرۈشمەيدۇ.

    -بولمىسا، بىلىق قاچىلىغان ھارۋىغا يۇشۇرۇپ قوي.

    -بولمايدۇ. ئەزبىرايى خۇدا، بولمايدۇ! ھازىر پولشىلىقلار ئىتتىن بەتەر ئاچ . بېلىقنى ئوغرىلاپ يەيمىز دەپ، سىزنى بايقاپ قالىدۇ،-دېدى جۇھۇت.

    -ئۇنداق بولسا بىلگىنىڭنى قىل. قانداق قىلىپ بولمىسۇن، مېنى ۋارشاۋغا ئېلىپ بار!

      جوھۇت يېڭىنى تۈرۈپ، غۇلىچىنى كېرىپ، ئۇنىڭغا يېقىن كەلدى:

    -بىر چارە تاپتىم . ھازىر ھەممە يەردە قورغانلار ياساۋاتىدۇ. نېمېتچىيە دىن فرانسۇز ئۇستىلىرى كېلىپ، ئىش بېشىدا تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يوللاردا خىش ۋە تاش توشۇۋاتقان ھارۋىلار نۇرغۇن . سىز ھارۋىنىڭ ئاستىدا ياتىسىز . مەن ئۈستىڭىزگە خىش باسىمەن . سىز كۈچلۈك پالۋان ئادەم بولغاچقا بۇنىڭغا ھىدايسىز، ھارۋىنىڭ ئاستىدىن تۆشۈك ئېچىپ قويىمەن، تاماقنى شۇ تۆشۈكتىن بىرىپ تۇرىمەن.

    -نېمە قىلىساڭ قىل، ئىشقىلىپ مېنى ئېلىپ بارساڭ بولدى!-دېدى تاراس.

    بىر سائەتتىن كېيىن ئىككى قۇتۇر، قىرچاڭغۇ ئات قۇشۇلغان، ئۈستىگە خىش بېسىلغان ھارۋا ئۇمان شەھىرىدىن يولغا چىقتى . بىر ئاتقا ئىگىز بويلۇق يانكېل مىنگەنىدى. ئۇ يول بويىغا قېقىلغان قوزۇقتەك كۆرۈنەتتى . ئات ھەر بىر سەكرىگەندە، جوھۇتنىڭ قالپىقى ئاستىدىن چىقىپ تۇرغان ئۇزۇن، بۈدۈرە چاچلىرى يەلپۈلدەيتتى.

     

    11

     

    بۇ ۋەقەلەر بۇلۇپ ئۆتكەن زاماندا چېگىرىغا يېقىن جايلاردا سودىگەرلەر ئاپەت دەپ بىلىدىغان باجخانا ۋە باجخانا ئەمەلدارلىرى تېخخ بولمىغانىدى. شۇڭلاشقا ھەر كىم خالىغان نەرسىلىرىنى ھەر قەيەردە ئېلىپ يۈرۈۋېرەتتى. مۇبادا بىر كىم بىرەر سودىگەرنىڭ مېلىنى ئاختۇرۇپ مۇسادىرە قىلسا، ئۆز نەپسى ئۈچۈن قىلاتتى. خۇسۇسەن ماللارنىڭ ئىچىدە ياخشى نەرسىلەر بولسا، ئاختۇرغۇچى كۈچلۈك ۋە زومىگەر بولسا شۇنداق قىلاتتى. ئەمما خىشقا كۆز سالىدىغانلار چىقمىدى.  شۇنىڭ ئۈچۈن ھارۋا شەھەرنىڭ چوڭ دەرۋازىسىدىن خاتىرجەم كىرىپ كەتتى. بۇلبا خىشلار ئارسىدا دۈم يېتىپ، ھارۋىلارنىڭ تاقىر-تۇقۇرى ۋە ھاۋرىكەشلەرنىڭ ۋاڭ چۇڭىدىن باشقا ھېچنېمىنى ئاڭلىمايتتى. يانكېل مىنگەن كالتە تۇمشۇقلۇق ئات سوكۇلداپ كېتىۋاتاتتى . ئۇ چوڭ-كىچىك كوچىلارنى ئايلىنىپ بېرىپ جۇھۇت مەھەللىسى دەپ ئاتالغان قاراڭغۇ، پاسكىنا تار بىر كوچىغا بۇرالدى. ۋارشاۋدىكى جۇھۇتلارنىڭ ھەممىسى شۇ مەھەللىدە ئولتۇراتتى. بۇ كوچا تەتۈر سېلىنغان ھويلىغا ئوخشاش كۈن بويى ئاپتاپ دىدارنى كۆرمەيتتى . قارىداپ كەتكەن ياغاچ ئۆلەرنىڭ ئىشىك، دېرىزىلىرىدىن ئۇزۇن-قىسقا ياغاچلار چىقىپ تۇراتتى ۋە بۇ ئۆيلەر كوچىنى تېخىمۇ سەتلەشتۈرۋەتكەنىدى. ئاندا-ساندا خىش تاملار ئۇچىراپ قالاتتى، بۇ خىش تاملارمۇ قارىداپ كەتكەنىدى. سۇۋالغان ۋە بەزى سۇۋاپ ئاقارتىلغان تاملارمۇ كۆزگە چېلىقاتتى. بۇ يەردىكىلەر ئەخلەتلىرىنى ۋە ئەسكى-تۈسكى نەرسىلىرىنى كوچىغا تاشلايتتى. ئۆتكەن-كەچكەنلەر بۇ ئەخلەتلەرنىڭ سېسىق پۇراقلىرىدىن يىرگىنەتتى. كوچىنىڭ ئۇ قېتىدىكى ئۆيدىن بۇ قېتىدىكى ئۆيگە تارتىلغان ئاغامچىلاردا جوھۇتلارنىڭ ئىشتان-كۆڭلەر، پايپاقلىرى يېيىلغان، سۈرلەنگەن غازلار ئېسىپ قۇيۇلغانىدى. بەزى ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرىدىن يۈزلىرىگە ئۇپا-ئەڭلىك سۈرتكەن، بۇيۇنلىرىغا مارجان ئاسقان جۇھوت خوتۇن-قىزلىرى كۆرۈنۈپ قالاتتى. يۈزلىرىنى توپا باسقان، يىرتىق كىيىملىك، بۈدۈرە چاچلىق بالىلار لايغا مىلىنىپ، چۇقان سېلىشىپ ئوينايتتى. يۈزلىرىنى سەپكۈن باسقان  ساپسېرىق بىر جوھۇت دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ، يانكېل بىلەن بىر نىمىلەرنى دەپ سۆزلىشىپ  كەتتى. كوچىدا كېتىۋاتقان يەنە بىر جوھۇتمۇ گەپكە ئارىلاشتى. يانكېل بۇلار بىلەن سۆزلەشكەچ ئاتايدىكەن.

    بىر قوراغا كىردى. بىر ئازدىن كېيىن تاراس خىشلار تېگىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ، قالغاچتەك ۋىچىرلاپ سۆزلىشىۋاتقان ئۈچ جۇھۇتنى كۆردى.

    يانكېل تاراسقا قاراپ:

    -نېمە تەلىپىڭىز بولسا ئورۇنلاشقا تەييارمىز . ئوغلىڭىز شەھەر زىندانىغا تاشلىنىپتۇ. قاراۋۇللارنى كۆندۈرۈش ناھايىتى قىيىن . شۇنداقتىمۇ ئوغلىڭىزنى سىزگە كۆرسىتىش نېسىپ بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،-دېدى.

     تاراس بۇلبا بۇ ئۈچ جوھۇت بىلەن بىلە ئىچكىرى ئۆيگە كىردى . جوھۇتلار يەنە ئۆز تىللىرىدا چۇرۇلدىشىپ كەتتى. تاراس بۇلارغا بىر-بىرلەپ قاراپ قۇيۇپ ئولتۇردى، كۆڭلىدە بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولدى. ئۇنىڭ غەمكىن چىرايىدا شۇنداق بىر ئۈمىد ئۈزۈپ چۈشكۈنلەشكەن چاغدا بىردىنلا پەيدا بۇلۇپ قالىدىغان كۈچلۈك ئۈمىد يالقۇنى كىشىن ئەنە شۇنداق روھلاندۇراتتى . ئۇنىڭ قېرى يۈرىكى يىگىتلەرنىڭكىدەك دۈپۈلدەپ ئۇرۇشقا باشلىدى.

    -جوھۇتلار، مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار،-دېدى بۇلبا، ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن قانداقتۇر بىر خۇشاللىق سېزىلىپ تۇراتتى،-دۇنيادا سىلەرنىڭ قۇلۇڭلاردىن كەلمەيدىغان ئىش يوق . ئوغلۇم شور دەريانىڭ قەھرىدە بولسىمۇ تاپالايسىلەر. كونىلارنىڭ : ئەگەر جوھۇت خالىسا ئۆزىنى ئۆزى ئوغرىلايدۇ، دېگەن گېپى بار. ئوغلۇم ئوستاپنى مەلئۇنلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ چارىسىنى كۆرسىتىڭلار. مانا بۇ ئادەمگە ئون ئىككى مىڭ تىللا ۋەدە قىلدىم، يەنە ئون ئىككى مىڭنى قوشاي. قىممەت باھا قەدەھلىرىمنى، يەرگە كۆمۈلگەن ئالتۇنلىرىمنى بېرەي . ئۆي-جايلىرىمنى، ئۇستىباشلىرىمنى ساتاي . ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ئالغان ئولجامنى سىلەر بىلەن تەڭ كۆرەي. مۇشۇنىڭغا سىلەر بىلەن ۋەدىلىشەي.

      -ياق، ياق! ھېچ ئىلاج يوق. ھىممىتىڭىزگە رەھمەت !-دېدى يانكېل ئۇھ تارتىپ.

      -ھېچ مۇمكىنچىلىكى يوق !-دېدى يەنە بىر جوھۇت.

       كېيىن ئۈچىلىسى بىر-بىرىگە قارىشىۋالدى.

      -بىر ھەرىكەت قىلىپ كۆرمەمدۇق،-دېدى ئۈچۈنچى جۇھۇت باشقىلارغا خۈدۈك بىلەن قاراپ قۇيۇپ،-خۇدا يول بەرسە ئەجەب ئەمەس.

       جۇھۇتلارنىڭ ئۈچىلىسى نېمىسچە سۆزلىشىپ كەتتى. بۇلبا قۇلاقلىرىنى دىڭگايتىپ ھەر قانچە دىققەت قىلسىمۇ ھېچ چۈشىنەلمىدى. سۆز ئارىسىدا «ماردوخاي»، «ماردوخاي» دېگەنلىرىنى پەملىدى.

      -مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ! يەر يۈزىدە ئەقىللىق بىرلا ئادەم بار. شۇ ئادەم بىلەن مەسلىھەتلىشىش لازىم. ئۇ شۇنداق ئامدەمكى، دانالىقتا سۇلايمان پەيغەمبەردىن قېلىشمايدۇ. ئۇنىڭ قولىدىن كەلمىگەن ئىش باشقا ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. مەشەدە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ. مانا ئاچقۇچ! ئۆيگە ھېچكىمنى كىرگۈزمەڭ،-دېدى يانكېل.

    جوھۇتلار كوچىغا چىقىپ كېتىشتى.

    تاراس ئىشكىنى ئىچىدىن ئېتىپ، كىچىككىنە دېرىزىدىن جوھۇت مەھەللىسىنى تاماشا قىلىپ ئولتۇردى. ئۈچ جوھۇت كوچىنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرۇپ بىر-بىرىگە گەپ بەرمەي سۆزلەشمەكتە. بىر پەستىن كېيىن ئۇلارغا يەنە بىر قوشۇلدى، كۆپ ئۆتمەي يەنە بىرى كېلىپ قۇشۇلدى. تاراس يەنە ھېلىقى “ مادورخاي “ دېگەن سۆزنى ئاڭلىدى. جوھۇتلار كوچىنىڭ بىر بېشىغا كۆز ئۈزمەي قاراشتى. بىر چاغدا كوچىنىڭ ئاخىردىكى بىر خارابە ئۆينىڭ ئارقىسىدىن پۇتىغا جوھۇت كەشى، ئۇچىسىغا ئۇزۇن چاپان كىيگەن بىر كىشى كۆرۈندى، جوھۇتلارنىڭ ھەممسى بىردىنلا : «ئەنە ماردوخاي! ماردوخاي كەلدى!» دەپ ۋاقىراشتى. يانكېلدىن ئورۇقراق، يۈزلىرىنى قۇرۇق باسقان، يۇقىرىقى لېۋى بەك قېلىن بىر جوھۇت مۇنتەزىر بۇلۇپ كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ئالدىغا كەلدى. جۇھۇتلار ئۆز ئارا كالدىرلىشىپ سۆزلەپ، مەقسەتنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇرۇشتى . ماردوخاي تاراس بۇلبا تۇرغان ئۆينىڭ دېرىزىسىگە قاراپ-قاراپ قوياتتى. تاراس بۇنىڭىدىن ئۆزى توغىرىسىدا گەپ بولۇۋاتقانلىقىنى پەملىدى. ماردوخاي قوللىرىنى سىلكىپ، باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلبپ بىر نېمىلەرنى دەيتتى. پات-پات يېنىغا تۈكۈرۈپ، چاپىنىنىڭ پېشىنى كۆتۈرۈپ قوياتتى. بىر قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ، ئاللىقانداق ئويۇنچۇقلارنى ئالاتتى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ مەينەت شىمى كۆرۈنۈپ قالاتتى. بىر چاغدا جوھۇتلارنىڭ سۆزلىشىشلىرى ۋاڭ-چۇڭىغا ئايلىنىپ كەتتى. نېرىراقتا تۇرغان بىر جوھۇت ئۇلارغا ئىشارە قىلىپ : “ جىم بۇلۇڭلار “ دەپ ئاگاھلاندۇردى. بۇنى كۆرگەن تاراس ئۆزىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئەمما جوھۇتلار كوچىدا جېدەل قىلالمايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنڭ تىلىنى ھېچكىم چۈشىنەلمەيدىغانلىقى ئېسىگە كېلىپ خاتىرجەم بولدى.

    ئارىدىن بىرەر مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن جوھۇتلار تاراسنىڭ ئالدىغا كىرىپ كېلىشتى . ماردوخاي تاراسنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ قويۇپ دېدى:

    -بىز خالىغان ۋە خۇدا خالىغان ئىش بولماي قالمايدۇ.

    تاراس تەڭدىشى يوق بۇ سۇلايمانغا تىكىلىپ قارىغاندىن كېيىن كۆڭلى بىر ئاز ئارام ئالدى. ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ تۇرقى ئادەمنى ئۆزىگە ئىشەندۈرەتتى. بۇ سۇلايماننىڭ يۇقىرىقى كالپۇكى بەك قېلىن، ئېڭكىنىڭ سول يېقىدا بار-يوقى ئون نەچچە تال ساقىلى بار ئىدى. شوخلۇق قىلىپ يېگەن تاياقلىرىدىن قالغان تارتۇقلار شۇنچىلىك كۆپ ئىدىكى، ئۇلارغا تۇغما خال ۋە قورۇقلار قاتارىدا كۆرۈپ ئادەتلىنىپ قالغانىدى.

    ماردوخاينىڭ دانالىقىغا يولداشلىرى ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە ئۇلار بىللە چىقىپ كېتىشتى . بۇلبا ئۆيدە ئۆزى يالغۇز قېلىپ، ئۆمرىدە بۇلۇپ باقمىغان ئاجايىپ بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئۇ قاتتىق تەشۋىشلىنىپ، تىتىرەشكە باشلىدى. ئۇ ئەمدى ئاۋالقىدەك تەپسە تەۋرىمەس چىنار دەرىخىگە ئوخشىماي قالدى. يۈرىكى كىچىكلەپ، كۈچ-قۇۋۋىتى قاچتى، شىتىر قىلغان تاۋۇشتىن چۆچۈپ، تاشقىرىغا قارايتتى. كوچىدا كۆرۈنگەن ھەر بىر جوھۇتنىڭ يۈرۈش-تۇتۇشىدىن ئەنسىرەيتتى . شۇ ئەھۋالدا كۈننى ئاران كەچ قىلدى. يېمىدى، ئىچمىدى. ئۆينىڭ كىچىك دېرىزىسىدىن كۆزىنى ئەسلا ئالمىدى . ئاخىر قاراڭغۇ چۈشكەندە ماردوخاي بىلەن يانكېل يىراقتىن كۆرۈندى. تاراس ئۇلارنى كۆرۈپ، يۈرىكى يېرىلغۇدەك بولدى.

      -قانداق بولدى؟ ئىش ئوڭۇشلۇقمۇ ؟-دەپ سورىدى بۇلبا تاقەتسىزلىنىپ.

    جوھۇتلار ئېسىنى يېىغىپ، تېخى جاۋاب بەرگۈدەك بولمىغانىدى. تاراس ماردوخاينىڭ كۇلاسى تېگىدىن چىقىپ تورغان كوكۇلىسىنىڭ يوقالغانلىقىنى دەررۇ پەملىدى. ئۇ نېمىلەرنىدۇ دېگەن بولسىمۇ تاراس ھېچنېمىنى چۈشەنمىدى. يانكېلى خۇددى تۇمۇقاپ قالغان كىشىدەك دەم-دەم قولىنى ئاغزىغا تۇتاتتى.

    -ئەي مەرھەمەتلىك خۇجام،-دېدى يانكېل،-ئەمدى ھېچ ئىلاج يوق. ئەزبىرايى خۇدا، ئېلاج يوق . بۇ، شۇنداق يارىماس خەلقكى، شەنىگە تۈكۈرۈپ تاشلاش كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقىچە مۇئامىلە قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ. مانا، ماردوخاي ئېيتسۇن، بۇ كىشى ھېچكىم  قىلىپ باقمىغان ئاماللارنى قىلىپ باقتى. لېكىن خۇدا خالىمىغاچقا نەتىجە چىقمىدى. ئۈچ مىڭ ھەسكەر قاراۋۇللۇقتا تۇرۇپتۇ. ئەتە ئۇلارنى دارغا ئاسىدىكەن.

    تاراس يانكېلنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى.  بىراق ئەمدى ئۇ ئاۋالقىدەك بىتاقەت غەزەپلىك ئەمەس ئىدى.

    -ئەگەر جانابلىرى كۆرۈشنى خالىشىلا، ئەتە سەھەردە، تاڭ ئاتماستا شۇ يەرگە بېرىش كېرەك . قاراۋۇللار ماقۇل بولۇشتى. ياساۋۇل بېشىمۇ ۋەدە قىلدى. ئەمما بۇ سور پىشانلىەرنىڭ نەپسى بەك يامان ئىكەن. بىزنىڭ ئىچىمىزدىمۇ بۇنداق ئاچكۆزلەر يوق . ھەر بىرىگە ئەللىك تىللادىن بەرىم . ياساۋۇل بېشىغا بولسا

    -ياخشى، مېنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بار!-دېدى تاراس . ئۇنىڭ ئاۋالقى جەسۇرلۇقى يەنە ئەسلىگە كەلىدى.

    -سېنى نېمىسلار يۇرتىدىن كەلگەن ئەجنەبىي بايلار قىياپىتىدە كىيىندۈرۈپ ئېلىپ بارىمەن،-دېدى يانكېل.

    تاراس ئۇنىڭ بۇ پىكىرىگە قۇشۇلدى. جۇھۇت ئىشنى ئالدىن ئويلاپ، كىيىم-كېچەكنى تەييارلاپ قويغانىكەن.

    كەچ كىرىپ قالدى . ئۆي ئىگىسى-يۈزىنى سەپكۈن باسقان سېرىق جوھۇت تاراسقا سۇپا ئۈستىگە ئورۇن سېلىپ بەردى. يانكېل يەرگىلا ئورۇن سېلىپ ياتتى. سېرىق جوھۇت بىر پىيالىدە قانداقتۇر بىر نېمىنى ئېزىپ ئىچىۋالغاندىن كېيىن، ئەر-خۇتۇن ئىككىسى يوغان جاۋەنگە ئوخشاش بىر نەرسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشتى. بۇلارنىڭ ئىككى بالىسى ئىككى كۈچۈكتەك جاۋەننىڭ ئاستىدا ياتتى. تاراس ئوخلىيالمىدى، بارمىقى بىلەن ئۈستەلنى تىرىقلتىپ قوياتتى ۋە غاڭزىسىنى ھارماي شورايتتى. جوھۇت تاماكا ئىسىدىن يۆتىلىپ كېتىپ، يوتقىنىغا پۈركىنىۋالدى. تاراس تاڭ يورۇشى ھامان يانكېلنى ئايقى بىلەن تۈرتۈپ ئويغاتتى.

    -تۇر ئورنۇڭدىن ! ھېلىقى بەگزادىلەرنىڭ كىيىم-كىچىكىنى بەر !-دېدى بۇلبا.

    ئۇ بىردەمدىلا ھېلىقى كىيىملەرنى كىيدى، بۇرۇت ۋە قاشلىرىنى قارا بويىدى. بۇ قىياپەتتە ئۇنى يېقىن كازاكلىرىمۇ تۇنۇيالمايتتى. شۇ تاپتا ئۇ رەڭگى-رويى قىپقىزىل، چىرايى ئوتتۇز بەش ياشلاردىكى كىشىگە ئوخشايتتى . يۈزلىرىدىكى تارتۇقلىرى ئۇنىڭ سالاپىتىنى ئاشۇرغا، زەر باسقان كىمخاپ تولار ئۇنىڭغا ناھايىتى ياراشقانىدى.

    كوچىلار ھېلىمۇ ئۇيقۇدا. پۇل پەرەسلەردىنمۇ تېخى ھېچكىم كوچىغا چىقمىغانىدى. بۇلبا بىلەن يانكېل چوخچىيىپ تۇرغان بىر ئىمارەتنىڭ ئالدىغا كەلدى. پاكار ۋە كېلەڭسىز بۇ ئىمارەتنىڭ بىر يېقىدا غازنىڭ بوينىدەك ئۇزۇن، ئىنچىكە مۇنار غادىيىپ تۇراتتى. مۇنارنىڭ ئۈستىدە كىچىككىنە ھوجرا بار ئىدى. گازارما، تۈرمە، ھەتتا سوتمۇ مۇشۇ ئىمارەتكە جايلاشقانىدى. تاراس بىلە ياكېل دەرۋازىدى كىرىپ، چوڭ سارايدەك بىر زالغا چىقىشتى. بۇ يەردە مىڭغا يېقى ئادەم ياتقانىكەن . ئۇدۇلدىكى پاكار ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرغان قاراۋۇللار بىر-بىرىنىڭ ئالقىنىغا ئۇرۇشۇپ، قانداقتۇر بىر ئويۇن ئويناپ ئولتۇرۇشاتتى. قاراۋۇللار كەلگەن-كەتكەنلەرگە ئانچە پەرۋا قىلىلىشمايتتى.

    يانكېل قاراۋۇللارغا:

    -بىز كەلدۇق، بۇرادەرلەر، ئاڭلاۋاتامسىلەر ؟ بۇ بىز !-دېدى . شۇنىڭىدىن كېيىن  قاراۋۇللار كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ قۇيۇشتى. ئۇلاردىن بىرى ئوڭ قولى بىلەن ئويۇنىنى ئوينىغاچ، سول قولى بىلەن ئىشىكىنى ئېچىپ : «كىرىڭلار» دېدى.

    ئىككىيلەن تار ۋە قاراڭغۇ كارىدورغا كىرىپ كەلدى. بۇ كارىدور بىلەن  مېڭىپ، قاتار كىچىك دېرىزىلىك بىر زالغا چىقىشتى. بىر نەچچە كىشى تەڭلا : «كىم سەن؟» دەپ ۋاقىرىدى. تاراس مۇكەممەل قوراللانغان بىر مۇنچە كىشىلەرنى كۆردى.

    -بىزگە ھېچكىمنى كىرگۈزمەسلىكنى بۇيرىغان !-دېيىشتى ئۇلار.

    يانكېل : «بۇ بىز ! ئەزبىرايى خۇدا، ئۆز ئادەم بىر!» دەپ شۇنچە يېلىنسىمۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. شۇ چاغدا سېمىز بىر ئادەم كېلىپ قالدى. ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدىن ۋە سىياقىدىن چوڭراق بىر ئەمەلدار ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.

    -جانابلىرى، بىزنى بىلىسىزغۇ؟! گراف جانابلىرىمۇ بىزگە كۆپ مۇرۇۋەتلەر قىلغان…-دېدى يانكېل.

    -قۇيۇۋېتىڭلار بۇلارنى باشقا ھېچكىمنى كىرگۈزمەڭلار. قىلىچنى يەرگە تاشلاپ قۇيۇپ، ئىتتەك يۇمۇلاپ ياتقانلار ئەس-ھۇشىنى يىغىۋالسۇن !…-دېدى ھېلىقى ئەمەلدار.

    بۇ ئەمر-پەرمانلارنىڭ ئاخىرىنى بىرنىڭ يولۇچىلىرىمىز ئاڭلىمىدى. يانكېلى كىمنى كۆرسە: “ بۇ بىز، بۇ مەن . بىز ئۆزىمىزنىڭكىلەر” دەيتتى. ئۇلار شۇنداق مېڭىۋېرىپ، تار كارىدۇرنىڭ ئاخىرىغا يەتكەندىن كېيىن، قاراۋۇللارنىڭ بىرىدىن:

    -ئەمدى مۇمكىنمۇ ؟-دەپ سورىدى يانكېل.

    -مۇمكىن . بىراق سىلەرنى زىنداننىڭ ئىچىگە كىرگۈزەرمىكىن . يان كېتىپ قالدى. ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئادەم تۇردى؛-دېدى قاراۋۇل.

    -ئاپلا، ئىشىمىز چاتاققۇ ؟ … مەرھەمەتلىك خوجام ! -دېدى يانكېل.

    تاراس گەپكە قۇلاق سالماي، قەيسەرلىك بىلەن ؛

    -باشلاۋەر ! دېدى يانكېل «خوپ» دەپ ئالدىغا چۈشتى.

    ئۈستى گۈمبەزدەك ياسالغان زىنداننىڭ ئىشكى ئالدىدا شاپ بۇرۇتلۇق بىر پىيادە سەرۋاز تۇراتتى، بۇرۇتلىرىنڭ يۇقىرىغا، پەسكە ۋە توغىرىسغا تارىلىپ تۇرغان كۆرۈنۈشى بىلەن بەئەينى مۈشۈككە ئوخشايتتى.

     يانكېل ئۈچ ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردى:

    -مۇھتىرەم ئەمەندىم، مەرتىۋىڭىز ئۇلۇغ بولسۇن!

    -سەن جوھۇت ماڭا گەپ قىلىۋاتامسەن؟

    -مۆھتەرەم ئەپەندىم، ئۆزلىرىگە گەپ قىلىۋاتىمەن.

    بۇرۇتلۇق سەرۋاز كۆزلىرىنى ئوينىتىپ:

    -خوش ! … مەن ئاددىي بىر ئەسكەرمەن،-دېدى.

    -ئەزبىرايى خۇدا، سىزنى ھاكىممىكىن دەپ ئويلاپتىمەن . ھاي-ھاي ! … دەپ ئىككى ئالقىنىنى ئېچىپ، بېشىنى چايقىدى يانكېل. بۇنىڭدىكى سۆلەتنى قارا! خۇددى پولكوۋنىكنىڭ ئۆزى . ئەگەر يەنە كىچىككىنە مەرتىۋە قۇشۇلغان بولسا، پولكوۋنىكنىڭ دەل ئۆزى بولدىكەنسىز. ئۇ چاغدا جانابلىرىنى چىۋىندەك ئۇچىدىغان ئايغىر ئاتقا مىندۈرۈپ قۇيۇش  لازىم . مانا شۇنىڭدىن كېيىن پولكنى مارشقا دەسسىتىپ يۈرىۋەرسىڭىز بۇلىدۇ.

    سەرۋاز بۇرۇتلىرىنى سىيپاپ قويدى. كۆزلىرى يۇمۇلۇپ، خۇشاللىقىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى.

    يانكېل يەنە سۆز باشلىدى:

    -ھەربلەر غەلىتە بولىدۇ-دە ! بۇلاردىن ياخشى ئادەم كەم چىقىدۇ. ۋاي-ۋۇي، بۇلارنىڭ تەرىپىگە گەپ سىغمايدۇ. كەمەر ۋە تۈگمىلەرنىڭ ئاتۇندەك پارقىراپ تۇرۇشىنى قارا! بۇ ئەپەندىمنى كۆرگەن قىزلار، قۇيۇۋەر… ئەگىپ كېتەلمەي قالارمىكىن.

    سەرۋاز بۇرۇتلىرىنى يەنە تولغاپ، ئات كىشنىگەندەك ھۈشقىتىپ قويدى.

    -جانابىڭىزدىن بىزگە بىر خىزمەت كۆرستىشىڭىزنى سورايمەن. بۇ ھەزرتىم باشقا يۇرتتىن كەلگەن . كازاكلارنى بىر كۆرەي دەيدۇ. ئۇ ئۆمرىدە كازاك دېگەننى كۆرمىگەنىكەن،-دېدى يانكېل.

    ياۋروپانىڭ بۇ قىسمىنى سەيلە-تاماشا قىلىش ئۈچۈن باشقا يۇرۇتلاردىن مەنسەبدارلار ۋە ئەمەلدار بايلار پولشىغا كېلىشەتتى. موسكۋا بىلەن ئۇكرائىنىنى ئۇلار ئاسيا ھېسابلايتتى. شۇ سەۋەنتىن سەرۋاز بېشىنى ئېگىپ تەزىم قىلغاندىن كېيىن بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلغۇسى كەلدى:

    -مەن بىلمىدىم، مۇھتەرەم ئەپەندىم . ئۇلارنى كۆرۈپ نېمە قىلدىلا. ئۇلار ئادەم ئەمەس، ئىت ! ئۇلارنىڭ دىنلىرىمۇ ھېچكىم بىلمەيدىغان رەسۋا بىر دىن!

    -شەيتاندىن تۆرەلگەن، بىكار ئېيتىسەن ! ئىت دەپ سېنى ئېيتىدۇ! بىزنىڭ دىنىمىزنى بۇنداق ھاقارە قىلشقا تىلىڭ قانداق باردى؟ سەنلەرنىڭ بىدئەت دىنىڭلارنى ھېچكىم دىن دېمەيدۇ!-دېدى بۇلبا.

    -ھە-ھە ! دوستۇ،، كىملىكىڭنى بىلدىم . سەنمۇ بۇ يەردىكى تۇتقۇنلاردىن بىرى ئىكەنسە -دە ! ئالدىرىماي تۇر، مەن ئادەملىرىمىزنى چاقىراي، -دېدى سەرۋاز.

    تاراس ئىشنى بۇزۇپ قويغانلىقىنى بىلدى. ئەمما قەيسەرلىكى بىلەن دەرد-ئەلىمى قوشۇلۇپ، خاتاسىنى تۈزىتىشكە يول قويمىدى. خەيرىياتكى، شۇ چاغدا يانكېل كېلىپ قالدى.

     -مۆھتەرەم ئەپەندىم، بۇ گراف جانابلىرى قانداقمۇ كازاك بولسۇن . ئەگەر كازاك بولسا، ئۈستىدىكى پولەك بەگزادىلىرىنىڭ تونىنى قەيەردىن ئالسۇن ! كازاك دېگەننىڭ رەڭگى-رويىمۇ شۇنداق بولامدۇ ؟

    -ماڭا چۆچەك سۆزلەپ نېمە قىلىسەن !-دەپ سەرۋاز باشلىقلىرىنى چاقىرماقچى بۇلۇپ ئاغزىنى ئاچتى.

    يانكېلنىڭ رەڭگى ئۆچۈپ، يالۋۇرۇشقا باشلىدى؛

    -شەۋكەتلىك جانابلىرى، خۇدا ھەققى، ۋاقىرىماڭ!

    ئۈنىڭىزنى چىقارماڭ . ئۆمرىڭىزدە كۆرمىگەن نەرسىنى بېرىمىز. ئون سوملۇق ئالتۇندىن ئىككىنى بېرىمىز!

    -ئاران ئىككىنىمۇ ؟ ئىككى ئالتۇنۇڭ ماڭا نېمە بولىدۇ !؟ چېچىمنى ئېلىپ قويغان ساتىراشقا ئىككى ئالتۇننى بېرىمەن. ھەي جوھۇت، يۈز ئالتۇن بەرسەڭ ئۇچاغدا مەيلى . ئەگە يۈز ئالتۇن بەرمىسەڭ ھازىرلا ۋاقىرايمەن،-دېدى سەرۋاز ۋە بۇرۇتىنى يۇقىرغا تولغاپ قويدى.

    رەڭگى ئۆچكن جۇھۇت چەندازىسىنى تىترەپ تۇرۇپ ئالدى ۋە سەرۋازغا:

    -نېمىگە شۇنچە كۆپ ئالتۇن سورايسەن ؟ _ دېدى.

     سەرۋاز پەرۋا قىلماستىن، ئالتۇننى چىقار، دېگەندەك قىياپەت بىلەن قاراپ تۇردى. يانكېلىنىڭ چەندازىسىدا ئۇنىڭدىن ئارتۇق پۇلمۇ يوق ئىدى . سەرۋازمۇ يۈزدىن ئارتۇق ساناشنى بىلمەيتتى.

    سەرۋاز ئالتۇننى ئۇ  قولىدىن بۇ قولىغا ئېلىپ كۆردى ۋە كۆپرەك سورمىغىنىغا پۇشايمان قىلدى، يانكېل بۇنى سېزىپ:

    -يۈرۈڭ، ئەپەندىم . چاپسانراق كېتەيلى . بۇ ئادەملەرنىڭ يامانلىقىنى كۆرمىدىڭىزمۇ !-دېدى.

    بۇلنا سەرۋازغا ئاچچىقلىنىپ:

    -ھەي شەيتان سەرۋاز، پۇلنى ئېلىشنىغۇ ئالدىڭ . ئەمدى كۆرسەتمەمسەن؟ پۇل ئالغاندىن كېيىن كۆرسەتمەسلىككە ھەققىڭ يوق !-دېدى.

    كېتىڭلار، كېتىڭلار ! چاپسانراق يوقىلىڭلار! بولمىسا ھازىر مەلۇم قىلىمەن . سىلەرگە گەپ قىلىۋاتىمەن، ئايىقىڭلارنىڭ چاپسانراق بۇ يەردىن يۆتكەڭلار!

    بىچارە يانكېل تاراسقا يالۋۇردى:

    -ئەپەندىم، يۈرۈڭ كېتەيلى ! تېزىرەك كېتەيلى . قۇرۇپ كەتسۇن بۇنداق يەر!-دەپ قارغدى.

    بۇلبا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئارقىسىغا قارىدى. يانكېل بىكاردىن-بىكار قولدىن كەتكەن ئالتۇنلارنىڭ ئەلىمىگە چىدىمىغان ھالدا تاراسنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ كەتتى.

    -ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ نېمە قىلاتتىڭىز. ئىت دېگەن كاسىلداۋېرىدۇ ئەمەسمۇ ! شورۇم قۇرسۇن، خۇدانىڭ خاھىشى شۇ ئىكەن-دە ! بىزنى ئۇيەردىن ھەيدەپ چىقارغىنى ئۈچۈن يۈز ئالتۇنىمىز ئالدى. بىز جوھۇتلارنىڭ كۇكۇلىمىزنى يۇلۇپ ئالسىمۇ، باش -كۆزىمىزگە ئۇرۇپ رەسۋايىمىزنى چىقارسىمۇ ھېچكىم بىزگە بىر ئالتۇن بەرمەيدۇ. ئەي پەرۋەردىگارىم، ئۆزۈڭ رەھىم-شەپقەت قىل.

    بۇ مەغلۇبىيەت ھەممىدىن بەكرەك تاراسقا يامان تەسىر قىلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە غەزەپ ئوتى يالقۇنجىدى. گويا بىھۇشلۇقتىن چۆچۈپ ئويغانغاندەك ؛

    -يۈر، ئەمدى دار مەيدانىغا بارىمىز . ئوستاپنى قانداق قىينايدىكىن، شۇنى كۆرمەكچىمەن،-دېدى

    -ئۇ يەرگە بېرىپ نېمە قىلىسىز ؟ ئۇنى كۆرگەننىڭ  پايدىسى يوققۇ ؟

    بۇلبا قەيسەرلىك بىلەن:

    -يۈر، بارىمىز!-دېدى.

    جۇھۇت كىچىك بالىنىڭ قەغىشىگە بويسۇنغان ئىنك ئانىدەك ئۇھ تارتىپ قۇيۇپ، تاراسنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى.

    كىشىلەر مەھبۇسلارغا جازا بېرىلىدىغان مەيدانغا كېتىپ باراتتى. تاراس بىلەن يانكېلمۇ كىشىلەرگە ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ زۇلىمەتلىك زاماندا دار ئاق سۆڭەكلەر ئۈچۈنمۇ، بايلار ئۈچۈنمۇ تاماشا ئىدى. مۇنداق تاماشىنى كۆرگەن نۇرغۇن موماي، قىز-جۇۋانلارنىڭ كېچىسى چۈشى بۇزۇلۇپ، كۆزلىرىگە قانغا مىلەنگەن ئۆلۈكلەر كۆرۈنەتتى، قورققىنىدىن جۆيلۈپ ۋاقىراپ كېتىشەتتى. شۇنداق بولسىمۇ بۇ تاماششىدىن قېلىشمايتتى. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ يۈرەكلىرى سىرقىراپ، قاراشاق تاقىتى قالمايتتى. بەزىلىرى كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىپ : «توۋا قىلدىم، نېمانچە قىينايدىغاندۇ!..» دېيىشەتتى. ئەمما كەتمەي ئولتۇرۋېرىشەتتى.

    بۈگۈنكى تاماشىبىنلارنىڭ ئىچىدە ھەر خىل كەسىپ ۋە ھەر خىل مىجەزدىكى ئادەملەر بار ئىدى. كىشىلەر قىستىلىپ بىر-بىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈش ئۈچۈن تىرىشاتتى . بەزىلىرى ئارقىلىقلاردىن باشلىرىنى چىقىرىشىپ قارايتتى. ھەممىنىڭ ئالدىدا شەھەر ساقچىلىرى بۇرۇتلۇق سەرۋازلار تۇراتتى . سەرۋازلارنىڭ ئالدىدا ھەربىيچە كىيىنگەن بايۋەتچچە سىياقىدىكى بىر يىگىت قاراپ تۇراتتى . بۇ كىشى ئۆيدىكى ھەممە كىيىمنى كىيىپ چىققاندەك قاتمۇ-قات كىينىۋالغان، بوينىغا ئىككى قۇر چىرايلىق زەنجىر ئېسىۋالغانىدى ئۇنىڭ يېنىدا سۆيۈملۈك يارىمۇ تۇرۇپتۇ. ئۇ يېنىدىكى نىگارىغا كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەپ چۈشەندۈردى:

    -جېنىم مارىيە، بۇ ئادەملەر گۇناھكارلانى قانداق قىيناپ ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى تاماشا قىلش ئۈچۈن كەلگەنلەر . سۆيۈملۈكۈم، ئەنە ئاۋاۇ ئايپالتا، قىلىچ، قالقان تۇتقان ئادەملەرنى كۆرۋاتامسىز، مانا شۇلار جاللات . گۇناھكارنى قىيناپ ئۆلتۈرىدىغانلار شۇلار. قولغغا كويزا سېلىپ، پۇتىنى كۆتەككە قىسىپ، ئۇياق-بۇياققا تولغاپ قىينىغان چاغدىمۇ گۇناھكار دەررۇ ئۆلمەيدۇ. كاللىسىنى كېىسىپ تاشلىغاندا ئاندىن ئۆلىدۇ. جېنىم . نېمىشقا دېسىڭىز، تەن بىلەن باش ئىككى بۆلەك بۇلۇپ كېتىدۇ-دە!

    مارىيەمۇ بۇ گەپلەرگە قۇلاق سېلىپ، يۈرىكى ئېزىلگەن ھالدا ئاڭلاپ ئولتۇراتتى. ئۆگزىلەرگە چىقىۋالغان، دېرىزە، تۈڭنۈكلەردىن قاىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەددى-ھىسابى يوق ئىدى. تەكەببۇر ئاق سۆڭەك بايلار بالىخانىلاردا باشلىرىغا سايۋەن تۇتۇپ ئولتۇرۇشاتتى. بۇقىدەك سېمىز جانابلار گىدىيىشىپ، زوقمەنلىك بىلەن قاراپ تۇرۇشاتتى. چىرايلىق كىيىنگەن بىر خىزمەتكار ھاراق، شەرۋەت ۋە تاتلىق يېمەكلىكەرنى تۇشۇپ تۇراتتى. قارا كۆزلۈك شوخ بىر بالا ئاپئاق قوللىرى بىلەن كەمپىت ۋە مېۋە-چىۋىلەرنى كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە تاشلايتتى. توپ-توپ بۇلۇپ تۇرغان ئاچ قورساق ئەسكەرلەرقالپاقلىرىنى تۇتۇشاتتى، ئېگىز بويلۇق بىر ئەسكەر ئۇزۇن قولى بىلەن تاشلانغان نەرسىدىن بىرنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇ نەرسىنى سۆيۈپ، ئاندىن ئاغزىغا سالدى. بالىخانىدا ئالتۇن قەپەستە ئېسىقلىق تۇرغان قارچۇغىمۇ مۇشۇ تاماشىبىنلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇمۇ بوينىنى سوزۇپ كىشىلەرگە قارايتتى.

    ئادەملەر بىردىنلا گۈرۈلدىشىپ ۋاڭ-چۇڭ كۆتۈرۈشتى . ھەر تەرەپتىن : “ ئەنە، ئېلىپ كېلىشىۋاتىدۇ! كازاكلارنى ئېلىپ كېلىشىۋاتىدۇ ! “ دېگەن ئاۋازلار ئاڭلاندى . يالاڭباشتاق، كوكۇلىلىرى ۋە ساقال-بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ كەتكەن كازاكلار غەمسىز ھالدا مەردلەرچە كۆكرەك كېرىپ كېلىشىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ كىيم-كېچەكلىرى يىرتىلىپ ساڭگىلاپ قالغانىدى. ئەتراپتىكى كىشىلەرگە قاراپمۇ قويمايتتى ۋە سالاممۇ بەرمەيتتى. ھەممىنىڭ ئالدىدا ئوستاپ كېلىۋاتاتتى.

    ئوغلى ئوستاپنى كۆرگەندە قېرى تاراسنىڭ كۆڭلىگە نېمىلەر كەلدىكىن ؟ قانداق ھېسىياتلا دولقۇنلىدىكىن؟ …. تاراس كىشىلەر ئارىسىدا ئوغلىغا قارايتتى ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە سەپسالاتتى. مەھبۇسلار دار تېگىگە يېقىن كەلدى. ئوستاپ توختىدى. بۇ ئاچچىق ئۆلۈم شەربىتىنى ھەممىدىن ئاۋال ئىچىدىغان ئادەم شۇ ئىدى. ئۇ يولداشلىرىغا قاراپ قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن:

    -ھەي خۇدايىم، خرىستىئانلارنىڭ ئازابتىن دادلىغىنىنى بۇ يەردىكى پاسىقلارغا ئاڭلىغۇلۇق قىلما ! ھېچ بىرىمىزدىن غىرىڭ قىلغان ئاۋاز چىقمىسۇن !-دەپ دار تېگىگە يېقىن كەلدى.

    تاراس كۆڭلىدە : «بارىكاللا، ئوغلۇم، بارىكاللا!» دېدى-دە، ئاقارغان بېشىنى تۆۋەن سالدى.

    بىر جاللات ئۇنىڭ يىرتىلغان كىيىملىرىنى يېشىۋالدى. قول ۋە پۇتىغا كۆتەك سالدى. شۇنىڭدىن كېيىن جەھەننەم ئازابى باشلاندى… ئۇنى بۇ يەردە تەسۋىرلەپ، كىتابخانلىرىمىزنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ نېمە قىلىمىز، قويقا چاچلىرىنى تىك تۇرغۇزۇپ نېمە قىلىمىز ! بۇ قىيناشلار شۇ زاماننىڭ مەھسۇلى ئىدى. ئۇ زامانلاردا ئادەم بالىسى قانلىق ئۇرۇش  قىلىشنىلا بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن قانخورلۇققا ئۆگىنىپ قالغان، باغرى تاشتەك قېتىپ كەتكەنىدى، ئىنسانپەرۋەرلىكنى بىلمەيتتى. ئۇ ئەسىردىكى بەزى ئىلغار پىكىرلىك ئادەملەر بۇ ۋەھشىيلىكلەرگە قارشى تۇرغان بولسىمۇ، بۇ قارشىلىق بىھۇدە كېتەتتى. مەرىپەت بىلەن دىلى يورىغان كىشىلەر، مەرد، قەھىرمان ئوغۇللار بۇنداق دەھشەتلىك قىيناشلار پەقەت كازاك خەلىقنىڭ قەھرى-غەزىپىنى قوزغايدىغانلىقىنى چۈشىنەتتى . بىراق دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ، ھاكىم ۋە بەگلەرنىڭ بەڭباشلىقى، زالىملىقى تۈپەيلىدىن ئادىل ھۆكۈم ۋە توغرا پىكىرلەر كارغا كەلمەي قالاتتى.

    ئوستاپ ئەڭ قاتتىق قىيناشلارغىمۇ مەردلەرچە بەرداشلىق بەردى. ھەتتا پۇت-قوللىرىنىڭ سۆڭەكلىرىنى قارسىلدىتىپ سۇندۇرغاندىمۇ ئۇنىڭدىن ئاھ-ۋاھ دېگەن سادا چىقمىدى. پەققەت يۈزىنى تۆۋەن قىلىۋالدى. تاراس بۇلبا ئادەملەر ئىچىدە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، قاش-قاپىقى ئاستىدىن قاراپ تۇراتتى. كۆڭلىدە: «بارىكاللا، ئوغلۇم، بارىكاللا!» دەپ تەسىن ئوقۇدى.

    بىراق قىيناش جاندىن ئۆتۈپ ئۆلدىغان ھالەتكە يەتكەندە، ئوستاپنىڭ كۆزلىرى ئالاق-جالاق بۇلۇپ، تۆت تەرەپكە قارىدى. بۇ يەردە قانداقمۇ بىرەر  تۇنۇش كىشى بولسۇن، ھەممىسى يات-بىگانە ! ئۆلۈپ كېتىۋاتقاندا قېرىنداشلىرىدىن بىرەر كىشى بولسىچۇ ! ئۇ شۇ تاپتا ئاجىز ئانىسىنىڭ داد-پەريادىنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ يىغا-زارىنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. بەلكى ياخشى سۆز بىلەن كۆڭلىنى بەزلەيدىغان، روھىغا مەدەت بېرىدىغان بىر ئەر كىشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ . ئوستاپ ھالىدىن كېتىپ، دەرمانى تۈگىگەندە، نائىلاج:

    -ئاتام، قەيەردە سەن ؟ ئاڭلاۋاتامسەن؟ دەپ ۋاقىرىۋەتتى.

    ھەممە ئادەم جىمجىت تۇرغان بىر چاغدا:

    ئاڭلاۋاتىمەن! -دېگەن بىر ئاۋاز چىقتى . پۈتۈن خالايىق ئىچىدە غۇلغۇلا پەيدا بولدى. ئاتلىق ئەسكەرلەردىن بىر قانچىسى ئادەملەرنى ئارىلاپ قىدىرىشقا كىرىشتى . يانكېلنىڭ رەڭگى ئۆچۈپ، مۇردىغا ئوخشاپ قالدى. ئەسكەرلەر ئۆزىدىن نېرىراق كەتكەندىن كېيىن تەشۋىش بىلەن تاراسقا قارىماقچى بۇلۇپ ئارقىسىغا بۇرالدى . قارىسا، تاراس يوق ئۇنىڭ كۆلەڭگىسىمۇ قالمىغانىدى.

      

    12

     

       تاراسنىڭ ئىز-دېرىكى تېپىلدى . بىر يۈز يىگىرمە مىڭ كىشلىك كازاك قوشۇنى ئۇكرائىنا چىگىرلىرىدا پەيدا بولدى . بۇ، ئولجا ئىزلەپ چىققان ياكى تاتارلانى قوغلاپ كەلگەن كىچىك قوشۇن ئەمەس ئىدى. خەلىقنىڭ سەۋر-تاقىتى قالمىغانلىقتىن، پۈتۈن مىللەت قوزغالغانىدى. كىشلىك ھوقۇقلىرىنى ئاياق ئاستى قىلغانلاردىن، دىن ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھاقارەتلىگەنلەردىن، خەلىققە جەبىر-زۇلۇم قىلغان، بوزەك ئەتكەن يات يۇرتلۇق زومىگەرلەردىن، خرىستىئانلارنى ئۆز دىنىگە كىرگۈزمەكچى بولغان بىدئەتچىلەردىن ئۆچ ئېلىش، دەرد-ئەلىمىنى چىقىرىۋېلىش مەقسىتىدە قوزغالغانىدى، ئۆزى ياش بولسىمۇ، قەيسەر ۋە زەردىلىك گىتمان ئوستىرانىتا ھەددى-ھېسابسىز كازاك قوشۇنىغا باش بۇلۇپ ئاتلانغانىدى. قېرى دوستى گۇنە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى. بۇ قوشۇندىكى سەككىز پولكوۋنىكنىڭ ھەر بىرى ئون ئىككى مىڭ ئەسكەرگە باش ئىدى. ئىككى ياساۋۇل بېشى بىلەن چوقماق تۇتقان ئىككى تۇغچى گىتماننىڭ كەينىدىلا ماڭغان بۇلۇپ، باش تۇغچى تۇغنى لەپىلدىتىپ كېتىپ باراتتى. بۇلارنىڭ ئارقىسىدا يەنە بىر قانچە تۇغلار كەلمەكتە ئىدى. قوشۇن تەركىبىدە مەنسەپدارلار كارۋان بېشى، مىرزا بېشى، ياساۋۇللار بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ قول ئاستىدا پىيادە ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر بار ئىدى. زەبەردەس قوراللىنىپ يۈرۈشكە ئاتلانغان ئەسكەرلەر قانچىلىك بولسا، تەخمىنەن يەنە شۇنچىلىك پىدائىيلار ئۇلارغا قۇشۇلغانىدى، بۇ پىدائىيلار ئۇكرائىنىنىڭ يىراق-يېقىن جايلىرىدىن ئاتلىنىپ كېلىشكەنىدى. دالا ۋە چۆللەردە سان-ساناقسىز ئات-ھارۋىلار ئۈزۈلمەستىن كېتىپ باراتتى. مۇشۇ قوشۇننىڭ، يەنى ھېلىقى سەككىز پولك ئەسكەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ سەرخىلى تاراس بۇلبانىڭ ئەسكەرلىرى ئىدى. ئۇنىڭ شۇ ياشقا كەلگۈچە نۇرغۇن ئىش كۆرگەنلىكى، ئەسكەرلەرگە يولباشچىلىق قىلىشتىكى ماھىرلىقى، دۈشمەنگە غەزەب-نەپىرىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئۇنىڭ مەرتىبىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنىدى. ھەتتا كازاكلارمۇ ئۇنى ھەددىدىن زىيادە رەھىمسىز دەپ چۈشىنەتتى. ئۇنىڭ كۆپنى كۆرگەن بېشى پەقەت ئوت بىلەن دارنى بىلەتتى. ھەربىي كېڭەشلەردە ئۇنىڭ بېرىدىغان مەسلىھەتلىرىمۇ ئوت قۇيۇش، قىرىش-چېپىش ۋە يەنجىپ تاشلاشتىن ئىبارەت ئىدى.

    كازاكلار قىلغان كۆپ جەڭلەرنى، بەزى ئۇرۇشلارنىڭ قانداق قىزىپ كەتكەنلىكىنى بۇ يەردە بايان قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق . چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخقا يېزىلغان . رۇس زىمىنىدە دىن يولىدا قىلىنغان ئۇرۇشلارنىڭ تەرىپ-تەۋىسىپى جاھانغا ئايان. دولقۇنلىنىپ تۇرغان دېڭىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئىگىز خادا تاش قانچىلىك يۈكسەك ۋە قۇدۇرەتلىك بولسا، دىنمۇ شۇنداق ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ئىدى.

    ئازاد قىلىنغان شەھەرلەردىن پولەك ئەسكەرلىرىنىڭ قاندق قاچقانلىقىلىرى، ئىنسابسىز ئىجارىچى ۋە گۆرۈچى جۇھۇتلاردىن نەچچىسىنىڭ دارغا ئېسىلغانلىقى، پولەك پادىشاھىنىڭ گىتمانى پوتوتسىكىي  شۇنچە نۇرغۇن قوشۇنى بىلەن بۇ ئەزىمەت كۈچكە تاقابىل تۇرالماي چىكىنگەنلىكى، زەربە يەپ قېچىپ، ئەڭ خىلانغان ئەسكەرلىرىنى بىر كىچىك دەريادىن ئۆتكۈزگۈچە سۇدا ھالاك بولغانلىقى، پولونني دېگەن جايدا قەھرىمان كازاك ئەسكەرلىرى ئۇنى قورشاپ ئالغانلىقى، بۇ پولەك گىتمانى ھېچ چارە تاپالماي تەسلىم بولغانلىقى ۋە “ پولەك پادىشاھى بىلەن ھەممە ھاكىمىيەت تەبەقىلىرى سىلەرنىڭ بارلىق تەلەپلىرىڭلارغا رازى بولىدۇ . بارلىق ھوقۇق ۋە ئىمتىيازلىرىڭلارنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ “ دەپ قەسەم بىلەن ۋەدە بەرگەنلىكى  ھەممىسى تارىخ بەتلىرىدە تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئەمما كازاكلار بۇنداق ۋەدىلەرگە رازى بولىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. چۈنكىئۇلار پولەكلەرنىڭ ۋەدىسى بىلەن سۆزىگە ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. شۇ چاغدا شۇ جايدىكى رۇس روھانىيلىرى پوتوتسكىينى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى. ھەممە پوپلار يىغىلىشىپ، زەر باسقان كىمخاب پەنجىلىرىنى كىيىپ، قوللىرىدا بۇت تۇتقان مۇناخلىرىنى ئالدىغا سېلىپ، كازاكلار يالاڭباشتاق ھالدا باش ئىگىپ تەزىم قىلىپ تۇرۇشتى. ئۇ چاغدا كازاكلار پادىشاھىنىمۇ ئۇنچىلىك ھۈرمەت قىلىشمايتتى. ئۇلار ئۆز دىنىغا ۋە ئۆز بۇتىلىرىغا قارشى تۇرمىدى ۋە روھانىيلارنى ئىززەت قىلىشتى. كازاك گىتمانى پولكۋنىكلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، پوتوسىكىينى قۇيۇۋېتىشكە رازى ئىدى‪.خرىستىئان چېركاۋلىرىغا زادى تەگمەسلىك، كونا ئاغرىق-ئادەۋەتلەرنى ئەستىن چىقىرىپ، كازاك قۇشۇنلىرىغا زىيان-رەخمەت يەتكۈزمەسلىك توغرىسىدا ئۇنىڭدىن قەسەم بىلەن ۋەدە ئېلىپ قۇيۇۋەتتى . بۇ ئىشقا پەقەت بىرلا پولكوۋنىك رازى بولمىدى، ئۇ-تاراس بۇلبا ئىدى. تاراس بېشىدىن بىر تۇتام چېچىنى يۇلۇپ ئېلىپ:

    -ھەي گىتمان، ھەي پولكوۋنىكلار ! خوتۇن كىشىنىڭ ئىشىنى قىلماڭلار ! لەخلەرگە  ئىشەنمەڭلار ! بۇ ئىتلار ھەممىڭلارنى ساتىدۇ!-دەپ ۋاقىرىدى.

    مىرزا بېشى ئەھدىنامىنى پۈتۈپ، گىتمان مۆھرىنى باسقاندىن كېيىن تاراس بېلىدىكى قىلىچ ئېسىلغان كەمىرىنى يېشىپ، ئىسىل پولاتتىن  ياسالغان تۈرك قىلىچىنى قىنىدىن چىقاردى. ئاندىن خۇددى تاياقنى سۇندۇغاندەك سۇندۇرۇپ ئىككى پارچە قىلدى. بىر پارچىسىنى ئۇياققا، يەنە بىر پارچىسىنى بۇ ياققا تاشلىۋېتىپ مۇنداق دېدى:

    -خەيرى ئەمدى ! بۇ قىلىچىنىڭ ئىككى پارچىسى قۇشۇلۇپ پۈتۈن قىلىچ بولمىغاندەك، دوستلار، بىزمۇ بۇ دۇنيادا قۇشۇلمايمىز . مېنىڭ بۇ سۆزۈمنى ئەسلەپ قالارسىلەر!

       ئۇ بۇ سۆزلەرنى كۆتۈرەڭگۈ ئاۋاز بىلەن دېدى، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىن بىشارەت بەرگەندەك ئېيىتقان بۇ سۆزلىرىدىن ھەممەيلەننىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى. تاراس سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى:

      -ئۆلۈم ئالدىدا، ئۇ راست دەپتىكەن دەپ مېنى ئەسلەپ قويارسىلەر، تىنىچ كۈنلەرگە ئېرىشتۇق، ھۇزۇر-ھالاۋەت كۆرىمىز، كەيىپ-ساپا سۈرىمىز دەپ ئويلامسىلەر؟ سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس، باشقىچە كەيپ-ساپا سۈرۈشۈڭلار مۇمكىن . گىتماننىڭ بېشى كېسىلەر، پوستىغا سامان تىقىلار، خېلى كۈنلەرگىچە كوچىمۇ كوچا، بازارمۇ بازار سازايى قىلىنار ! سىز بۇرادەرلەرمۇ بېشىڭلارنى ساقلاپ قالالمايسىلەر! سىلەرنى قازانغا تىرىك سېلىپ پىشۇرار، زىندانغا تاشلاپ ھالاك قىلىشار !-دېدى ئاندىن ئۆز ئەسكەرلىرىگە قاراپ  :-ئەمدى سىلەرگە ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي : قايسىڭلار ياخشى ئۆلۈم بىلەن ئۆلۈشنى خالايسىلەر؟ ئوچاق بېشىدا ياكى خۇتۇنلار قوينىدا يېتىپ ئەمەس، بەلكى جەڭدە ھالاك كازاك ئەجىلى بىلەن ئۆلۈشنى خالامسىلەر ؟ يا بولمىشا، ئۆيلىرىڭلارغا قايتىپ، پولەك پوپلىرىنى يەلكەڭلەرگە ئېلىپ ئىناۋىتىڭلارنى تۆكۈشنى خالامسىلەر ؟-دەپ خىتاب قىلدى.

       تاراسنىڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى:

      -قەدىردان پولكوۋنىڭ! سەن نېمە دېسەڭ بىزمۇ شۇ، سەن قاياققا باشلىساڭ شۇ ياققا ماڭىمىز !-دەپ ۋاقىراشتى. باشقا توپلاردىنمۇ بىر قانچە ئادەملەر بۇلارنىڭ تەرىپىگە ئۆتتى.

      -ئۇنداق بولسا يۈرۈڭلار!-دېدى تاراس ۋە قالپىقىنى چۆكتۈرۈپ كىيدى. ئاندىن قالغانلارغا دەھشەت بىلەن بىر قاراپ قويغاندىن كېيىن ئېتىغا مىنىپ ئۆز ئادەملىرىگە دېدى:

      -ھېچكىم بىزنى كەينىمىزدىن تىللىماس. قېنى، يىگىتلەر، ئاتلىنىڭلار ! كاتولىكلارغا مېھمان بۇلۇشقا بارىمىز.

       شۇنىڭدىن كېيىن ئېتىغا قامچا سېلىپ يولغا چۈشتى . يۈز ئات-ھارۋىدىن ئىبارەت كارۋانمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قوزغالدى. بۇلار بىلەن يەنە نۇرغۇن ئاتلىق ۋە پىيادە كازاكلارمۇ بار ئىدى. تاراس ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، قالغانلارغا يەنە بىر دەھشەت بىلەن قاراپ قويدى. ئۇنىڭ يولىنى توسۇشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇلار مېڭىپ كەتتى، پۈتۈن قوشۇن قاراپ قالدى.

       گىتمان بىلەن پولكوۋنىكلار ھەيران بۇلۇپ قېلىشتى، ھەممىسى كۆڭلى قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك، جىمجىت بۇلۇپ،  تەگسىز بىر ئويغا چۆمۈپ كېتىشتى.

       تاراسنىڭ گەپلىرى ئاساسىز ئەمەس ئىدى. كۆپ ئۆتمەي ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى رېئانلىققا ئايلاندى‪.  بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كيېىن كانىۋاتا خىيانەتلىك ۋەقە يۈز بەردى . بۇ ۋەقەدە گىتماننىڭ ۋە بىر قانچە ئاتاقلىق باتۇرلارنىڭ بېشى كېسلىپ تاملارغا مىخلاندى.

    تاراس ئۆز قۇشۇنى بىلەن پولشىنى كىزىپ يۈردى. ئون سەككىز يېزا-شەھەرگە، قىرىققا يېقىن پولەك ئىبادەتخانىسىغا ئوت قۇيۇپ، كراكوۋ شەھىرىگە يېقىنلىشىپ كەلدى. ئۇ تالاي لەخنىڭ جېنىنى ئالدى. كۆپ قورغان ۋە ساريلارنى ۋەيران قىلدى. پولەك بايلىرىنىڭ ئامبار ۋە گەمىلىرىدىكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ساقىلىنىپ كېلىۋاتقان ۋىنو، ھاراقلارنى تۆكۈپ تاشلىدى، خەزىنىلەردكى قىممە باھا مال-مۈلۈك، كىيىم-كېچەكلەرنى سۇندۇرۇپ، يىرتىپ ئوتقا تاشلىدى. تاراس ھەر دائىم ئۆز ئادەملىرىگە : “ ھېچكىمنى ۋە ھېچ نەرسىنى ئايىماڭلار! “ دەيتتى. كازاكلار قاشلىرى قارا، بەدىنى پاختىدەك ئاق، كۆكسى ئالمىدەك يۇمۇلاق، ھۆسنى قىزىلگبۈلدەك چىرايلىق قىزلارنىمۇ ئايىمىدى. ئىبادەتخانىلارغا قېچىپ كىرىۋالغانلارنى ئىبادەتخانلىرى بىلەن قۇشۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. ئوت ئىچىدە داد-پەريادلار كۆتۈرۈلەتتى. بۇ قىيا-چىيالاردىن يەر-ئاسمان لەرزىگە كېلەتتى، دالىدىكى ئوت-چۆپلەر سولغاندەك بولاتتى. ئەمما رەھىمىسز كازاكلار بۇ نالە-زارلارغا پىسەنت قىلمىدى. بۇنى ئاز دەپ كوچىغا ئېلىپ چىقىپ نەيزىگە سانجىپ ئوتقا تاشلىدى. تاراس غەزەب بىلەن:«بىلىپ قويۇڭلار، لەخلەر، بۇ، ئوستاپنىڭ ئىنتىقامى !» دەيتتى. ھەر بىر يېزا-شەھەرگە كىرگەندە ئوستاپ ئۈچۈن شۇنداق «مەرىكىلەر» ئۆتكۈزەتتى. تاراسنىڭ بۇ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئادەتتىكى باسمىچىلىق بولماستىن، چڭراق ئاپەت ئىكەنلىكىنى پولشا ھۆكۈمىتى بىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى پوتوتىسكىينى بەش مىڭ ئەسكەر بىلەن تاراسنى تۇتۇپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى.

    كازاكلار ئالتە كۈنگىچە ھېچ تۇتۇق بەرمەي، دالا ۋە يېزىلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ قاچتى . ئاتلار مۇنداق چېپىشقا ئاران چىدىغان بولسىمۇ، ئىش قىلىپ، كازاكلارنى قۇتۇلدۇردى. ئەمما پوتوتسىكىيىمۇ بوش كەلمىدى. كازاكلارغا ئارام بەرمەي كەينىدىن توختاۋسىز قوغلاپ ماڭدى ۋە دنېستىر دەرياسى بويىدا ئۇلارغا يېتىشىۋالدى. بۇ يەردە كونا بىر قورغان بار ئىدى . بۇلبا ئەسكەرلىرى بىلەن شۇ قورغانغا كىرىپ پانالاندى.

    دنېستر دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئىگىز قىيا تاش ئۈستىگە ياسالغان بۇ قورغاننىڭ يىقىلغان ۋە بۇزۇلغان تاملىرى پەستىن ئۇچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھېلىلا پەسكە غۇلاپ چۈشىدىغاندەك كۆرۈنگەن بۇ تاش چوققىنىڭ ئەتراپى تاش ۋە خىش پارچىلىرى بىلەن تولغنىدى . ئاتاقلىق گىتمان پوتوتسىكىي تاراسنى ھەممە تەرەپتىن قورشىۋالدى. كازاكلار ئوق ۋە تاش، خىشلانى ئېتىپ، تۆت كۈنگىچە قاتتىق ئېلىشتى. بىراق ئوق-دورا ۋە ئۇزۇق-تۈلۈكلىرى تۈگەپ ھالسىزلىنىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن تاراس قالغان ئەسكەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ دۈشمەن قورشاۋىنى بۆسۈپ چىقىپ كېتىشكە قارار قىلدى. كازاكلار دەرۋەقە ئۆتۈپمۇ كېتەتتى. شامالدەك ئۇچقۇر ئاتلىرى يەنە بىر قېتىم ۋاپادارلىق كۆرسەتسىمۇ ئەجەب ئەمەس ئىدى. كازاكلار جان-جەھلى بىلەن ئات چېپىپ كېتىۋاتقاندا، تاراس تۇيۇقسىزلا:

    -توختا، غاڭزام بىلەن تاماكا خالتام چۈشۈپ قالدى. دۈشمەنگە غاڭزامنىمۇ قالدۇرمايمەن،-دەپ ۋاقىرىدى. بۇ قېرى ئاتامان قۇرۇقلۇقتىمۇ، سۇدىمۇ، سۇقۇشتىمۇ، ئۆيدىمۇ دائىم يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن غاڭزىسىنى ئوت-چۆپ ئارىسىدىن ئېڭىشىپ ئىزدۋاتقاندا، بىر توڭ دۈشمەن كېلىپ، ئۇنىڭ قاۋۇل مۈرىسىدىن تۇتتى. تاراس ۋۇجۇدىدىكى بارلىق كۈچ-قۇۋۋىتىنى يىغىپ بىر زورۇققان بولسىمۇ ھېچنىمە قىلالمىدى. ئۇنىڭ بۇرۇنقىدەك كۈچى قالمىغانىدى . ئەزىمەت چال:

    -قېرىلىق قۇرسۇن، قېرىلىق !-دېدى-دە يىغلىۋەتتى. ئەمما ھەممە ئەيىب قېرىلىقتا ئەمەس ئىدى. ئوتتۇز كىشى ئۇنىڭغا مەھكەم يېپىشقانىدى. لەخلەر:

    -قولغا چۈشتۈڭمۇ، قېرى ! ئەمدى بۇ ئىتقا بېرىلىدىغان جازانى ئويلاپ تېپىش كېرەك،-دېيىشەتتى. گىتمان ئۇنى تىرىكلا ئوتقا تاشلاشقا ھۆكۈم قىلدى. شۇ يەردە چاقماق تېگىپ كۆيۈپ يالىڭاچلىنىپ قالغان بىر دەرەخ بار ئىدى. تاراسنى شۇ دەرەخكە زەنجىر بىلەن يەرىن ئېگىز  ئىسىپ باغلىدى، ئىككى قولىنى دەرەخنىڭ غولىغا مىخلىدى. ئاندىن دەرەخ ئاستىغا ئوتۇن دۆۋىلەپ ئوت ياقتى. ئەمما تاراس كۆيۈۋاتقان ئوتقا پەرۋا قىلماسىتن، دۈشمەن بىلەن ئېتىشىپ قىچىپ كېتىۋاتقان كازاكلارغا پۈتۈن دىققىتى بىلەن قاراپ تۇردى. ئۇ ئىگىز ئېسىپ باغلانغانلىقى ئۈچۈن كۆز ئالدى ئۇنىڭغا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

      -ئەزىمەتلەر، چاپسانراق جاڭگال ئارقىسىدىكى دۆڭلۈككە چىقىۋېلىڭلار ! بۇلار ئۇ ياققا بارالمايدۇ!-دەپ ۋاقىرىدى. بىراق ئۇنىڭ سۆزلىرىنى شامال باشقا ياققا ئېلىپ كەتتى،- بىكاردىن بىكار ھالاك بولىدىغان بولدى،-دېدى ئۇ تاقەتسىزلىنىپ.

    تاراس دنېستر دەرياسىنىڭ بوز سۈيى پارقىراپ كۆرۈنگەن پەسلىككە بىر قارىدى-دە، كۆزلىرىدە شادلىق نۇرلىرى ياندى. قومۇشلۇق ئارىسىدا تۇرغان تۆت قېيىقنىڭ تۇمشۇقىنى كۆرۈپ قالدى ۋە پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ يەنە ۋاقىرىدى:

    -سۇ بويىغا چۈشۈڭلار يىگىتلەر ! سول تەرەپتىكى يول بىلەن چۈشۈڭلار ! دەريا يويىدا قېيىقلار تۇرۇپتۇ، ھەممىسىنى ئېلىپ كېتىڭلار! قېييىق قالدۇرمىساڭلار كەينىڭلاردىن قوغلىيالمايدۇ!..

    بۇ قېتىم شامال ئوڭىدىن كېلىپ بەرگەنلىكتىن، كازاكلار ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئېنىق ئاڭلىدى. ئەمما تاراس بۇ سۆزلىرى ئۈچۈن كاللىسغا شۇنداق تۇقام يېدىكى، كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، ئۇنىڭغا ھەممە ياق ئاستىن-ئۈستۈن بولغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.

    كازاكلار يان بېغىرلاپ قاچقىنىچە دەريا بويىغا كېلىشتى . ئىز بېسىپ قوغلىغانلارمۇ يېتىپ كېلەي دەپ قالدى. كازاكلار بىر پەس توختاپ:

    -يولداشلار، ئەمدى قانداق قىلىشىمىز كېرەك،-دېيىشىپ، قامچىلىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، بىر ئۇشقىتقانىدى، ئاتلار ئۆزلىرىنى ياردىن پەسكە قاراپ ئاتتى. ئۇچقۇر تاتار ئاتلىرى يار لىۋىدىن ئۇچقانچە توپتوغرا دەرياغا چۈشتى . پەقەت ئىككى كىشى دەرياغا يېتەلمەي. تاشقا ئۇرۇلۇپ، ئات-پاتلىرى بىلەن شۇ يەردىلا ھالاك بولدى. كازاكلار ئاتلىرى بىلەن سۇدىن ئۈچۈپ ئۆتۈپ، قېيىقلارنى يەشمەكتە ئىدى. لەخلەر كازاكلارنىڭ كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمغان بۇنداق باتۇرلۇقلىرىغا ھەيران قېلىشتى،«بىزمۇ ئىرغىتىپ باقساقمىكىن» دەپ، يار بويىغا كېلىپ توختاپ قېلىشتى.

    بىچارە ئاندرېينى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان گۈزەل پولەك قىزنىڭ بىر تۇغقان ئاكىسى ياش پولكوۋنىك ئويلاپ ئولتۇرماستىن يالغۇز ئۆزى كازكلارنىڭ كەينىدىن ئات سالدى بىراق ئۇ ئېتى بىلەن موللاق ئېتىپ بېرىپ، قىرلىق تاشقا ئۇرۇلدى-دە، بېشى يېرىلدى ۋە مېڭىشىنىڭ قېتىقى قانغا ئارىلىشىپ، تاش ئارىسىدا ئۆسكەن ئارچىلارغا چاچراپ كەتتى.

    توقماق زەربىدىن بىھۇش بولغان تاراس بۇلبا ئەمدى ھوشىغا كېلىپ دەريا تەرەپكە قارىدى. كازاكلار قېيىقلارغا ئولتۇرۇپ ئۈزۈپ كېتىۋېتىپتۇ. يۇقىرىدىن ئوقلار يامغۇردەك يېغىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارغا يەتمەيۋاتاتتى . بۇنى كۆرگەن قېرى ئاتاماننىڭ كۆزلىرىدە يەنە خۇشاللىق يالقۇنىلىدى. تاراس ئۇلارغا قاراپ:

    \

     

    -قېرىنداشلار، خەير-خوش ! مېنى ئەسلەپ تۇرۇڭلار! كېلەر يىلى كۆكلەمدە يەنە كېلىپ، سەيلە-تاماشا قىلىپ كېتىڭلار! … ھەي، شەيتاندىن تۆرەلگەن لەخلەر، نېمە مۇرادىڭلار ھاسىل بولدى؟ دۇنيادا كازاكلار بىزىدن قورقىدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟ ئالدىرماڭلار، ۋاقتى كەلگەندە، خرىستىئان دىنى پراۋۇسلاۋىيىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر. يىراق-يېقىندىكى خەلىقلەر شۇنى پەملەپ قېلىۋتىدۇكى، رۇس يېرىدىن ئۇلارنىڭ ئۆز پادىشاھى چىقار، ئۇنىڭغا بويسۇنىمىغان كۈچ يەر يۈزىدە بولماس!…

    تاراسنىڭ ئايىقى ئاستىدا كۈيۈۋاتقان ئوت گۈرۈلدەپ يالقۇنلىنىپ، ئۇنىڭ پۇتلىرىغا، دەرەخ غولىغا تۇتىشىپ كەتتى. ئەجەبا، دۇنيادا ھەممىسنى يەڭگەن ئوت ئازابى رۇس ئىرادىسىنى يىڭىشكە قادىر بولالماسمۇ!؟

    دنېستىر كىچىك دەريا ئەمەس. ئۇنىڭ ئايلانما جايلىرى، قۇمۇشلۇق توقايلىرى، چوڭقۇر قايناملىرى ۋە تېيىز يەرلىرى بۇرغۇن . ئاق قۇ ۋە غازلار غاقىلداشقاندا، سۇنىڭ ئەينەكتەك بېتى جاراڭلاپ كېتەتتى. بوينىنى ئەگمەستىن ئۈزۈپ يۈرگەن ياۋا ئۆردەكلەر، قاقىرلار ۋە باشقا خىلمۇ خىل قۇشلار ناھايىتى كۆپ . كازكلار ئىككى پالاقلىق كىچىككىنە قېيىقلاردا تېز-تېز ئۈزۈپ، دۆڭ يەرلىرىدىن بۇرۇلۇپ ئۆتۈپ، قۇشلارنى ئۈركۈتىۋەتتى ۋە ئاتامانلىرىنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي سۆزلىشىپ ئۈزۈپ كېتىشتى.

    http://qamus.okyan.com

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.