رومىئو-ژۇلىتتا ( شېكىسپېر -تولۇق نۇسخىسى)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-09 14:01:00

رومىئو-ژۇلىتتا ( شېكىسپېر -تولۇق نۇسخىسى) «رومېئو ژۇلىتتا» ياۋروپا ئەدەبى ئويغىنىش دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە ئەنگىلىيە دىراماتورگى ئېدۋارد دې ۋېر(ئىلگىرى تەخەللۇسى بىلەن شىكىسپېر دىيىلگەن) نى...

    رومىئو-ژۇلىتتا

     ( شېكىسپېر -تولۇق نۇسخىسى)


       «رومېئو ژۇلىتتا» ياۋروپا ئەدەبى ئويغىنىش دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە ئەنگىلىيە دىراماتورگى ئېدۋارد دې ۋېر(ئىلگىرى تەخەللۇسى بىلەن شىكىسپېر دىيىلگەن) نىڭ داڭلىق ۋە سىمۋوللۇق ئەسىرى. ئېدۋارد دې ۋېر دۇنيادىكى يازغۇچىلار ئارىسىدا دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر شەخس قاتارىغا كىرەلىگەن بىردىنبىر ئادەم. «رومېئو-ژولىتتا» بولسا ئېدۋارد دې ۋېرنىڭ نامىنى دۇنياغا تاراتقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە غەرپ دۇنياسىدا خۇددى غېرىپ- سەنەمن، تاھىر-زوھرا دەك سىمىۋوللۇق شەخسكە ئايلانغان ئاتاقلىق ئەسەرلەرنىڭ بىرى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەسەر غەرپ ئەللىرى ۋە ياپونىيەلەردە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىلا ساۋات خاراكتىرلىك ئەسەرلەر قاتارىغا تىزىۋېتىلگەن، بىزدىكى دۇنياۋى ئەسەرلەر  كام بولۇشتەك بوشلۇقنى تولۇقلاش ئۈچۈن بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى بۆلۈپ ئېلان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

        كېپلەت باينىڭ ئائىلىسى بىلەن مونتايگىن ئائىلىسى ۋېرونا شەھىرىدىكى ئىككى چوڭ جەمەت ئىدى. بۇ ئىككى ئائىلە ئوتتۇرسىدا ئىلگىرى بىر قېتىم ماجىرا تۇغۇلۇپ ، كېينچە بۇ ماجىرا بارغانسىرى ئۇلغىيىپ ، ئۇلار قاتتىق ئۆچمەنلىشىپ كەتتى . يىراق تۇققانلىرى ، ھەتتا ئۇلارنىڭ چاكارلىرىمۇ بۇ ماجىراغا چېتىلىپ قالدى.
       مونتايگىن ئائىلىسىنىڭ چاكىرى كېپلەت ئائىلىسىنىڭ چاكىرىغا يولۇقۇپ قالسا ياكى كېپلەت ئائىلىسىدىكىلەردىن بىرەرسى مونتايگىن ئائىلىسىدىكىلەرگە يولۇقۇپ قالسىلا، ئۇلار بىر –بىرىنى تىللىشاتتى، بەزىدە ھەتتا قانلىق ۋەقەلەر كېلىپ چىقاتتى. ئۇچراشقان ھامان جاڭجاللىشىدىغان بۇنداق ۋەقەلەر پات-پات يۈ بېرىپ ، ۋېرونا كوچىلىرىنىڭ كۆڭۈللۈك جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تۇراتتى. كېپلەت تەقسىر بىر كۈنى كاتتا كەچلىك زىياپەت ئۆتكۈزۈپ ، نۇرغۇن چىرايلىق خېنىملارنى ۋە ئېسلىزادە مېھمانلارنى چاقىردى .
       ۋېرونادىكى كىشلەرنىڭ ماختىشىغا مونتايگىنلارنىڭ جەمەتىدىن بولمىسىلا ، ھەممە مېھمان قىزغىن قارشى ئېلىناتتى. روشلىنىمۇ كېپلەت تەقسىرنىڭ ئوغلى رومېئو كۆيۈپ يۈرگەن روشلىنىمۇ كېپلەت ئائىلىسىنىڭ بۇ زىياپىتىگە كەلدى . مونتايگىن جەمەتىدىن بىرەرسىنىڭ بۇ ئولتۇرۇشقا كەلگەنلىكى باشقىلار تەرپىدىن بايقاپ قېلىنسا ناھايتتى خەتەرلىك بولاتتى ، لېكىن شۇنداقتىمۇ رومىئونىڭ ئاغىنىسى پامفىلوس بۇ يىگىتنى مەشۇقى روشلىىننى كۆرۈۋالسۇن دەپ ، ئۇنى نىقابلاندۇرۇپ بۇ ئولتۇرۇشقا ئېلىپ كەلدى.
       پامفىلوس رومىئوغا : ئۇنى كۆرۈپ، ئاندىن ئۇنى ۋېرونادىكى كۆزگە كۆرۈنگەن گۈزەللەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەڭ، كۆڭلۈڭدە ئاققۇ دەپ يۈرگەن بۇ قىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىر قاغا ئىكەنلىكىنى سېزىسەن، دېدى. رومېئو پامفىلوسنىڭ گېپىگە چىنپۇتمىسىمۇ، لېكىن روشلىنىغا بولغان كۆيۈك دەردىدە، ئۇ بېرىشقا ماقۇل بولدى . رومېئو چىن ئىشقىۋاز يىگىت ئىدى ، ئىشىق ئازابىدا كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەيتتى، ئۇ يىگانە يۈرۈپ روشلىننى خىيال قىلاتتى. بىراق روشلىن ئۇنى ياراتمايتتى ، رومېئونىڭ ئاشىق بولۇپ يۈرگىنىگە يارىشا ئازغىنا بولسىمۇ ھۆرمەت ياكى ھېسيات بىلدۇرمەيتتى.
       پامفىلوس ئاغىنىسىنىڭ روشلىنغا بولغان كۆيۈك دەردىگە داۋا تېپىش ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا ھەرخىل قىز-چوكانلارنى ۋە ھەمراھلارنى كۆرسىتىش كويىدا ئىدى. شۇ مەقسەتتە، نەۋقىران رومېئو، پامفىلوس ۋە ئۇلارنىڭ ئاغىنىسى مونكشيۇ نىقابلىنىپ كېپلەت ئائىلىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئولتۇرۇشىغا كەلدى. كېپلەت تەقسىر ئۇلارغا ئىلتىپات سۆزلىرىنى قىلىپ، قىزلارنىڭ پۇتى قاپىرىپ قالمىغان بولسىلا، ئۇلار بىلەن تانسا ئويناشنى ھەممىسى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاقساقالنىڭ كەيپى چاغ ئىدى، ئۇئۆزىنىڭمۇ ياش چاغلىرىدا نىقاب تارتقانلىقىنى ، بەزىدە گۈزەل قىزلارنىڭ قۇلىقىغا ئۇنى –بۇنى دەپ پىچىرلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تانسىغا چۈشۈپ كېتىشتى.
       توساتتىن ، تانسا ئويناۋاتقان بىر قىزنىڭ گۈزەل سىياقى رومېئونىڭ زوقىنى تارتتى، ئۇنىڭغا بۇ ساھىبجامالنىڭ گۈزەللىكى بىلەن چىراغلارمۇ شۇنچە نۇرلىنىپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى . ئۇخۇددى نېگىرلار تاقىۋالغان ئىسىل ياقۇتتەك جۇلالىنىپ نۇر چېچىپ تۇراتتى. بۇنداق گۈزەللىك جاھاندا تېپىلغۇسىز ، ئۇنىڭغا چېقىلىشقا كۆز قىيمايتتى ! ئۇنىڭ گۈزەل سىياقى ۋە نازىنىن خۇلقى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قىزلاردىن ھەسسىلەپ ئېشىپ چۈشەتتى (ئۇنىڭ گېپى بويىچە ) ئاپئاق بىر كەپتەر بىر توپ قاغىلارنىڭ ئىچىدە تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى .
       رومېئو بۇ قىزنى ئاشۇنداق مەدھىيەلەپ تۇرغىنىدا ، كېپلەت تەقسىرنىڭ جىيەنى تىبولىت ئاڭلاپ قېلىپ ، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن رومېئونى تونۇپ قالدى . بۇ تېبولتنىڭ مىجەزى ناھايتتى ئەسكى ، قېنى قىزىق ئىدى ، ئۇ مونتايگىن جەمەتىدىكىلەرنىڭ نىقابلىنىپ بۇ يەرگە سۇقۇنۇپ كىرىۋىلىشىغا سەۋىر-تاقەت قىلالمايتتى، ئۇ مۇشۇنداق تەنتەنىلىك سورۇننى (ئۇنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا )مەسخىرە قىلغانلىق دەپ قاراپ ، ئەسەبىيلىك بىلەن چىچاڭشىپ غەۋغا كۆتۈردى ، ئۇنىڭ ياش رومېئونى ھازىرلا ئۆلتۈرۋەتكۈسى كېلەتتى .
       بىراق ، ئۇنىڭ تاغىسى كېپلەت تەقسىر :بىرىنجىدىن ، ساھىبخان بولغان كىشى مېھماننىڭ ئىززىتىنى قىلىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، رومېئونىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ناھايتتى سالاپەتلىك ئىكەن ، ۋېرونا شەھرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئەدەبلىك ، دىيانەتلىك يا دەپ ماختىشىدۇ دەپ ، تىبولتنىڭ ئۇنىڭغا شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدە زىيان -زەخمەت يەتكۈزۈشىگە يول قويمىدى .
       تىبولت نائىلاج پەسكويغا چۈشتى، لېكىن ئۇـ ئۈسۈپ كىرگەن بۇ پەسەندە مونتايگىندىن باشقا كۈنى چوقۇم ئۆچ ئالماي قويمايمەن ، دەپ قەسەم ئىچتى. تانسا تارقىغادىن كېيىن ، رومېئو ھېلىقى قىز تۇرغان جايدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى . ئۇنىڭ يۈزى نىقابلانغان بولغاچقىلا ، ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ئەپۇ قىلىنغاندەك تۇيۇلدى. رومېئو ئۆزىچە جاسارەتلىنىپ ، قىزنىڭ دەخلى –تەرۇزسىز مۇقەددەس قولىنى ئىنتايىن مۇلايىملىق بىلەن سىلاپ قويدى؛ بىھۆرمەتلىك قىلىپ ئۇنىڭغا تېگىپ سالغاچقا، دەككە-دۈككىگە چۈشكەن تاۋاپچىدەك ئۇنىڭ قولىنى سۈيۈپ قويۇپ، گۇناھىنى ئاقلىماقچى بولدى. -ئەجەپمۇ بىر تاۋاپچى ئىكەنسىزغۇ، - دېدى قىز جاۋابەن ، -سىزنىڭ چوقۇنىشىڭىز زىيادە يېقىملىق ، زىيادە تەنتەنىلىك بولۇپ كەتتىغۇ دەيمەن . ئەۋلىيالارنىڭ قولى بار ، لېكىن تاۋاپچىلارنىڭ سىلىشىغىلا بولىدۇكى سۆيۈشىگە بولمايدۇ. - ئەۋلىيانىڭ لېۋى بار ئىكەن ، تاۋاپچىنىڭمۇ لېۋى بار ئەمەسمۇ ؟ -دېدى رومېئو . - ئۇغۇ شۇنداق ، - دېدى قىز – ئۇلارنىڭ لېۋى دۇئا قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان. - ئاھ ، جېنىم ئەۋلىيا ، مېنىڭ دۇئايىمغا قولاق سېلىڭ ، دېدى رومېئو ، ماڭا ماقۇل بولۇڭ ، بولمىسا مەن بۇدۇنيادىن ئۈمىد ئۈزىمەن. ئۇلار مۇھەببەت سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىۋاتقان چېغىدا ، قىزنىڭ ئانىسىنىڭ ئۇنى چاقىرىپ كەتتى .
       رومېئو ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىپ ، ئۆزىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگەن بۇ نازاكەتلىك قىزنىڭ مونتايگىن جەمەتىنىڭ دۈشمىنى كېپلەت تەقسىرنىڭ قىزى ۋە ۋارىسى ژۇلىتتا ئىكەنلىكىنى ئۇققىنىدا، مەقسەتسىز ھالدا ئۆز دۈشمىنىگە كۆيۈپ قالغانلىقىنى ئەمدى بىلدى . بۇ ئىش ئۇنى تولىمۇ بىئارام قىلدى، بىراق، ئۇ ئەمدى ئۇنىڭدىن ئىشىق رىشتىنى ئۈزەلمەيتتى. ژۇلېتتامۇ ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن كىشىنىڭ مونتايگىننىڭ ئوغلى رومېئو ئىكەنلىكىنى بايقىغىنىدا ئوخشاشلا ئەنسىزلەندى، چۈنكى ئۇمۇ خۇددى رومېئو ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالغىندەك، ئوبدان ئويلانمايلا رومېئوغا ئاسانلا ئاشىق بولۇپ قالغانىدى.
       ژۇلېتتاغا بۇ مۇھەببەت ھەقىقەتەن غەلىتە تۇيۇلدى: ئۇ ئۆز دۈشمىنىنى سۆيۈشكە توغرا كەلدى. ئۇنىڭ قەلبى ئائىلە جەھەتتىن ئويلاشقاندا نەپرەتلىنىشكە تېگىشلىك جايغا مەنسۇپ بولۇپ كەتتى. يېرىم كېچىدە رومېئو ۋە ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى بىللە كېلىشتى. لېكىن ئانچە ئۆتمەيلا ئۇلار رومېئونى يوقىتىپ قويدى. چۈنكى رومېئو قەلبىنى ژۇلېتتانىڭ ئۆيىدە قويۇپ كەتكەچكە، ماڭالماي قېلىپ، ژۇلېتتا تۇرىدىغان ئۆينىڭ كەينىدىكى باغنىڭ تېمىدىن سەكرەپ ھويلىغا چۈشتى. ئۇ ئۇ يەردە بايا قوزغالغان ئىشىق –مۇھەببەتنى ئويلىغىلى تۇردى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ژۇلېتتا دېرىزىدە پەيدا بولدى. ئۇنىڭ تەڭداشسىز گۈزەل سىياقى خۇددى شەرىقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك نۇر چاچاچتى. بۇ پەيىتتە، باغ ئاسمىنىنى يورۇتۇپ تۇرغان غۇۋا ئاي نۇرى بۇ قۇياشنىڭ پارلاق نۇرىدا گوياكى تاتىرىپ كەتكەندەك غەمكىن كۆرۈنەتتى. ژۇلېتتا قولى بىلەن ئېڭىكىنى يۆلەپ تۇراتتى. رومېئو بولسا « ئىسىت، قولىدىكى پەلەي بولسامچۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ يۈزىگە يېقىقلىق تۇرمامتىم» دىگەن ئارزۇدا كۆيەتتى. ژۇلېتتا ئۇ يەردە ئۆزىنى يالغۇز دەپ بىلدى-دە، چوڭقۇر ئۇلۇغ –كىچىك تىنىپ: -ئاھ ! - دەپ ۋاقىرىۋەتتى. رومېئو ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ شادلىنىپ كەتتى.
       ئۇ شۇنداق ئاستا پىچىرلىدىكى، ھەتتا ژۇلېتتاغىمۇ ئاڭلانمىدى: -ئاھ، نۇرانە پەرىزات، يەنە بىر نېمە دېسىڭىزچۇ! چۈنكى سىز ئەرش-ئەلادىن چۈشكەن قاناتلىق پەرىزاتتەك يۇقىردا پەيدا بولدىڭىز، كەمىنىڭىزنىڭ سىزگە تەلپۈنۈپ –تەلمۈرۈپ تۇرماقتىن باشقا ئامالى يوق. ژۇلېتتا بىرسىنىڭ ئۇنىڭ گېپىنى ئوغۇرىقچە تىڭشاۋاتقانلىقىنى سەزمىدى –دە، ئۇنىڭ قەلبىدە شۇكۈنى ئاخشامدىكى ئاجايىپ ئۇچىرشىشتىن قوزغالغان شېرىن تۇيغۇلار دولقۇنلىدى، ئۇ ئۆز ئاشىقىنىڭ نامىنى (ئۇ رومېئونىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى ) ئاتاپ : -ئاھ، رومېئو، رومېئو ! ھازىر سىز نەدە رومېئو ؟ مېنى دېسىڭىز، دادىڭىزنى تونۇماڭ، فامىلىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ ! ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇنىمىسىڭىز، مېنى مەڭگۈ سۆيۈشكە قەسەم بەرسىڭىزلا، مەن كېپلەت دېگەن فامىلەمدىن كېچىمەن، - دېدى. رومېئو بۇ سۆزدىن مەدەت ئېلىپ، گەپ قىلغۇسى كەلدى –يۇ، بىراق ئۇ ژۇلېتتانىڭ گېپىنى كۆپرەك ئاڭلىغۇسى كېلەتتى.
       ئۇ قىز ئۆز-ئۆزىگە (ئۇ شۇنداق ھېسابلايتتى) قايناق ھېسياتلار بىلەن سۆزلەيتتى: رومېئونىڭ ئېتى رومېئو بولمىغان بولسا، ئۇ مونتايگىن جەمەتىدىن بولمىغان بولسا، نەقەدەر ياخشى بولاتىى –ھە؟ ئۇ باشقا فامىلىنى قوللانسىكەن، ياكى ئۇ نەپرەتلىك فامىلىسىنى تاشلىۋەتسىكەن، ئۇ فامىلە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنىڭ ھېچقانداق بىر قىسمى ئەمەس، ئۇنى تاشلىۋەتسىلا، مېنىڭ بارلىقىم ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولاتتى، »رومېئو بۇ ئىشىق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالدى. خۇددى بايا ژۇلېتتا تەسەۋۇرىدا ئەمەس، بەلكى بىۋاستە رومېئىوغا گەپ قىلغىنىدەك، رومېئومۇ سۆزلىگىلى تۇردى: « سىز مېنى ، ‹ئاشىق › دەپ ئاتىسىڭىزمۇ مەيلى ياكى خالىغىنىڭزچە باشقا ئات قويسىڭىزمۇ مەيلى، ئەگەر رومېئو دېگەن ئىسىمنى ياقتۇرمىسىڭىز، ئىسمىمنى رومېئو دېمەيمەن. » ژۇلېتتا باغدىن ئەر كىشىنىڭ ئاۋازى چىققىنىنى ئاڭلاپ چۆچۆپ كەتتى.
       دەسلەپتە ئۇ يېرىم كېچىدە قاراڭغۇ يوشۇرنۇپ يۈرەك سىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋالغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمىدى. لېكىن ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ قۇلىقى دىڭ. رومېئو يەنە ئېغىز ئېچىپ، بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلماي تۇرۇپلا، ژۇلېتتا ئۇنىڭ دەل نەۋقىران رومېئو ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى. ئۇ باغنىڭ تېمىدىن ئاتلاش ناھايتتى خەتەرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى، ناۋادا ئۆيدىكىلەر سېزىپ قالسا، ئۇ مونتايگىنلارنىڭ جەمەتىدىن بولغاچقا، ئۇ ھالدا جېنىنى ئامان ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. - ئاھ، - دېدى رومېئو، -سىزنىڭ كۆزىڭىز ئۇلارنىڭ يىگىرمە خەنجىرىدىنمۇ ئۆتكۈر ئىكەن. ئېخ، دىلبىرىم ، سىز ماڭا ئىللىققىنا بىر قاراپ قويسىڭىزلا ، مەن ئۇلارنىڭ ئۆچمەنلىكىدىن قورقمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ ئۆچمەنلىكى ئاستىىدا ئۆلۈشكە رازىمەنكى، سىزنىڭ ۋىسالىڭىزغا مۇيەسسەر بولالمىغان بۇ نەپرەتلىك ئۆمرۈمنى ئۇزارتىشنى خالىمايمەن. - سىز قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كەپقالدىڭىز ؟ - دېدى ژۇلېتتا، - كىم سىزنى باشلاپ كەلدى؟ - مېنى مۇھەببەت باشلاپ كەلدى، - دەپ جاۋاپ بەردى رومېئو، - مەن كېمە ھەيدەشنى بىلمەيمەن، لېكىن سىز ناۋادا جاھاننىڭ چېتىدىكى دېڭىز ياقىسىدا بولغىنىڭىزدىمۇ، ئۆزۈمنىڭ خەۋپ-خەتىرگە قارىماي، سىزدەك جان-جىگىرىمنى ئىزلەپ تاپقان بولاتتىم. ژولېتتا ئويلىمىغان يەردە ئۆزىنىڭ رومېئوغا بولغان ئىشىق-مۇھەببىتىنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويغىنىنى يادىغا ئېلىپ قىزىرىپ كەتتى؛ بىراق تۈن قاراڭغۇسى بولغاچقا رومېئو ئۇنى كۆرمىگەنىدى.
       ئۇ ئۆزىنىڭ دېگەن گەپلىرىنى قايتۇرۇۋىلىشنى ئويلايتتى، لېكىن بۇ ئەمدى مومكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ پەملىك خانقىزلارغا خاس پەدشىەپ بىلەن ئۆز ئاشىقىدىن مەلۇم ئارىلىق ساقلاپ، قاپىقىنى تۈرۈپ، ئاز-تولا خۇيلىنىپ، ئۆزىگە شەيدا بولغان كىشىنى قايتتىق «ئۇھ»تارتقۇزماقچى؛ كۆڭلىدە مەيلى بولسىمۇ، كۆرۈنۈشتە توڭلۇق قىلىپ، نۇمۇسچان بولۇۋىلىپ ياكى پىسەنت قىللمىغان بولۇۋىلىپ، ئۆز ئاشىقىغا بۇ قىزنى قولغا چۈشۈرۈش ئاسان ئەمەسكەن دېگۈزمەكچى ئىدى. چۈنكى، بىرەر نەرسىنىڭ قولغا كېلىشى قانچىكى تەسكە توختىسا، ئۇنىڭ شۇنچە قەردى ئۆتۈلەتتى، بىراق، ئەمدى بۇ ئەھۋالدا، ئۇ نازلىنىش، رەت قىلىش ياكى باشقىلار تەلەپ قويغاندا ھەمىشە قوللىنىلىدىغان گەپنى ئۇياققا-بۇياققا بۇراش ۋاستىلىرىنى ئىشقا سالالمايدىغان بولۇپ قالدى.
       رومېئونىڭ ئۆز يېنىدا پەيدا بولۇپ قېلىشىنى ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئەھۋالدا، ئۆزىنىڭ رومېئوغا بولغان ئىششىق پىراقىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئىزھار قىلغىنىنى رومېئو ئاڭلاپ بولغانىدى. ژولېتتانىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئادەتتىكى ئەھۋالغا ئوخشىمايتتى، شۇڭا ئۇ بايا ئۇنىڭ ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ قەلىب سۆزى ئىكەنلىكىنى ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئىقرار قىلدى ۋە رومېئونى سۇباتلىق مونتايگىن دەپ ئاتىدى . ئىشىق-مۇھەببەت قۇلاققا سەت ئاڭلىنىدىغان بىر ئىسمىنى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان ئىسىمغا ئۆزگەرتىشكىمۇ قادىر). ژولېتتا رومېئودىن ئۆزىنىڭ ئاسانلا ماقۇل بولغىنىغا قاراپلا ئۇنى شاللاقكەن ياكى پۇختا ئەمەسكەن دەپ قالماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.
       بۇنى ئەگەر سەۋەنلىك دېيىلىدىغان بولسا، ئۇنى بۈگۈن ئاخشامقى ئۇچرىشىشنىڭ تاسادىپى بولۇپ قالغانلىقىدىنلا كۆرۈش كېرەك، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرەك سىرىنىڭ بۇنداق ئاسان ئاشكارا بولۇپ قېلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى. ژولېتتا يەنە قىزلارغا خاس ئىپپەت-نومۇسى بىلەن ئۆلچىگەندە، ئۆزىنىڭ بۇ قىلىقى ئانچە سالماقلىق بولمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ساختا سالماقلىق ۋە ياسالما تارتىنچاقلىقلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۆزىنىڭ بۇ قىلغانلىرىنىڭ چىن قىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
       رومېئو گېپىنى باشلا-باشلىمايلا، بۇنداق ئىززەت-ھۆرمەتكە لايىق قىزدىن قىلچىمۇ ئەيىب-ئېۋەن ئىزدەش خىيالى مۇتلەق بوشلۇقىنى ئېيتىپ قەسەم قىلغىلى تۇرىۋېدى. ژولېتتا شۇ زامان ئۇنى توختىتىۋېلىپ، ئۇنىڭ قەسەم قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى، چۈنكى ئۇ رومېئونى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ كۈنى ئاخشىمىسىلا بىر –بىرىگە قەسەمياد قىلىشنى ياقتۇرمىدى. ئۇنداق قىلش تولىمۇ ئالدىراقسانلىق، زىيادە تەنتەكلىك، بەكمۇ تاسادىپىي بولاتتى. بىراق رومېئو شۇكۈنى ئاخشىمىلا ئاسىق-مەشۇقلۇق قەسەملىرىنى ئالماشتۇرۇشقا تەققازا بولۇپ كەتتى.
       ژولېتتا: سىزن مېنىڭ قەسەم قىلىشىمنى تەلەپ قىلىشتىن ئىلگىرى مەن قەسىمىمنى قىلىپ بولدۇم، تەلەپ قىلىشتىن ئىلگىرى مەن قەسىمىمىنى قىلىپ بولدۇم. دېدى (بايا دىگەن گەپلىرىمنى ئاڭلىۋالدىڭىز دېمەكچى ئىدى). بىراق ئۇ رومېئو ئالدىدا يېڭىباشتىن قەسەم قىلىشنىڭ لەززىتىنى تېتىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بايا قىلغان قەسىمىنى ياندۇرۋېلىشنىمۇ ئويلايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ مېھر- شەپقىتى دېڭىزدەك چەكسىز ئىدى، ئۇنىڭ ئاشىق-مەشۇقلار ئىشىق سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىشىۋاتقاندا، دولېتتانى ئىنىكئانىسى چاقىرغىلى چىقىپ قالدى. تاڭ ئاتاي دەپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتىدىغان ئىنىكئانىسى ئۇنى ئەمدى ئۇخلايدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى دەپ چاقىرغىلى چىقىپ قالدى. لېكىن ژولېتتا يەنە يۈگۈرۈپ كېلىپ، رومېئوغا ئۈچ-تۆت ئېغىز گپ قىلدى:ئەگەر سىز مېنى چىن قەلبىڭىزدىن سۆيسىڭىز، مېنى ئالماقچى بولسىڭىز، ئەتىلا سىزنىڭ قېشىڭىزغا بىر كېشى ئەۋەتىپ توي ۋاقتىنى پۈتۈشىمىز، مەن ئۆزۈمنىڭ پۈتكۈل تەقدىرىمنى سىزگە ئاتايمەن، سىزگە تېگىمەن، سىزگە ئەگىشىپ جاھاننىڭ قەيېرىگە كەتسەم رازىمەن، دېدى.
       ئۇلار بۇ ئىشنى مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا، ئىنىكئانىسى ژۇلېتتانى چاقىرغىلى تۇردى. ئۇ ئۆيگە بىر كىرىپ، بىر چىقىپ تۇراتتى، چۈنكى ئۇ ياش قىزلار ئويناۋاتقان قۇشنى ئۇچۇرۋېتىشكە كۆزى قىيماي، ئۇنى قولىدىن ئۇچۇرۋېتىپ، يەنە يىپنى قۇيۇۋەتمەي ئوينىغاندەك، رومېئونىڭ ئۆز يېنىدىن كېتىپ قېلىشىغا كۆزى قىيمايتتى. رومېئومۇ ئوخشاشلا ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇسى كەلمەيتتى. چۈنكى ئاشىق-مەشۇقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ كېچىدە يۈرەك سىرلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئېيتقان سۆزلىرى ئەڭ ئىسىل مۇزىكىدىنمۇ سېرىن ئاڭلىناتتى. بىراق، ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ياخشى ئۇخلىشىنى، ئوبدان ئارام ئېلىشىنى تىلىشىپ ئاخىرى ئايرىلىشقا توغرا كەلدى.

     داۋامى بار. . . . .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق