ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

يوللىغۇچى : admiral يوللىغان ۋاقىت : 2011-10-26 18:40:17

ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق توغرىسىدا ئېيتقانلىرىيۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە لېدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر«ھون ئا...



    ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

    يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە لېدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر«ھون ئاتتىلانىڭ لېدىرلىق سىرلىرى»دىگەن كىتابقا ئىنتايىن قىزىقىدىكەن ۋە ئۇنى ناھايتى قەدىرلەيدىكەن.ئۇلار نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ئۇلار نىمە ئۈچۈن بۇنىڭدىن 1600يىل بۇرۇن ياشىغان بىر ھوننىڭ لىدېرلىق ئىدىيسىگە ۋە ئۇنىڭ ھونلارغا قىلغان سۆزلىرىگە ئاشۇنداق يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ؟ئەگەر سىز ئۇشبۇ كىتابنى ئوقۇپ باقسىڭىز،

    ئۇنىڭدا ئېيتىلغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيتىگىمۇ ئىنتايىن ئۇيغۇن كىلىدىغانلىقىنى ھىس قىلىسىز.مەن شۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە،«ئاتتىلائىزىم»ئۈستىدە توختىلىشتىن بۇرۇن،ئۇشبۇ كىتابتىكى ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق ھەققىدىكى سۆزلىرى كىرگۈزۈلگەن بىر بابتىكى مەزمۇننى مۇشۇ يەردە قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن.كىتابتىكى مەزمۇن ئاتتىلانىڭ ئۆزئاغزىدىن چىققان سۆز شەكلىدە تەسۋىرلەنگەن بۇلۇپ،مەنمۇ ئاشۇ شەكىلنى قوللىنىمەن.تۆۋەندىكىسى ئاتتىلانىڭ ئېيتقانلىرى.

    كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا،نۇرغۇن ئەللەرنىڭ لىدېرلىقى لىدېر بۇلۇپ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىقىشقا چۇشلۇق چوڭ-چوڭ پىلانى يوق،جاسارىتى كەمچىل ۋە ئىقتىدارى تۆۋەن شاھزادىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ.مۇشۇنداق قىزىقماسلىق،قورقۇنچاقلىق،ۋە ئالغان ۋەزىپىسىگە چۇشلۇق قابىلىيەتلەرنىڭ بولماسلىقى ئۇلارنىڭ ھەرخىل ئىش-ھەركىتىدە نامايەن بۇلىدۇ.بۇ خىل ئەھۋال ئاشۇنداق لىدېرلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەرنىڭ ئىرادىسىنى بوشىتىپ،ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇپ،دۈشمەننى كۈچلەندۈرۋىتىدۇ.

    باشقىلارغا يىتەكچىلىك قىلىش ئىستىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئىسپاتلىغان قەبىلە باشلىقلىرىنى تاللاپ ئۆزلىرىگە لىدېر قىلىش ۋە ئۆزلىرىگە ئەگىشىش بارلىق ھونلارنىڭ مەسئۇلىيىتى.بۇنداق لىدېرلار بىرىكمە خارىكتىرىگە ئىگە بولمايدۇ.ئەمما،لىدېرلىققا ھەقىقىي تۈردە ئىنتىلگەن ۋە ھەقىقىي تۈردە ئىرادە باغلىغان،باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان لىدېرلارنى ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى،سەمىمىيىتى،مىھىرىبانلىقى،ئابرويى ۋە ئىرادىسىگە قاراپ تۇلۇق پەرق ئەتكىلى بۇلىدۇ.ئۇلار ئىنسانلىق سۈپەتكە ئىگە بۇلىدۇ،ھەمدە ئۆزلىرى ئېلىپ بارماقچى بولغان ئىشقا ۋە ئۆزلىرى يىتەكلىمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىغا نىسبەتەن كۈچلۈك سادىقلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بۇلىدۇ.

     بەزىلىرىڭلار مەندىن مۇنداق سورىشىڭلار مۇمكىن:«ئاتتىلا،مەندە بىر قەبىلە باشلىقى بۇلۇشقا نىسبەتەن ئۆزەمدە يىتەرلىك ئىنتىلىش بار-يوقلىقىنى مەن قانداق بىلەلەيمەن؟»مەندىن مۇشۇنداق بىر ئىش ئۈستىدە مەسلىھەت ئېلىشنى ئارزۇ قىلدىغانلارغا مەن تۆۋەندىكى ئىدىيىلىرىمنى سوۋغا قىلىمەن:

    ---باشلىق بۇلۇشنى ئىستەيدىغان ئادەمدە چۇقۇم باشقىلار تەرىپىدىن ناھايتى يۇقىرى دەرىجىدە ئىتراپ قىلىنىش ھەمدە ئاشۇنداق بىر ھالەتنى پەقەت ئادىللىق بىلەنلا قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت تۇغما ئىستەك بۇلۇش كىرەك.بۇنداق تۇغما خاراكتىر باشقا بارلىق كىشىلىك خاراكتىردىن يۇقىرى تۇرىدۇ.

    ---سەندە خۇسۇسىي تەلەيسىزلىك،ئۈمۈدسىزلەندۈرۈش،ئىتراپ قىلىنماسلىق ۋە ئۈمۈدسىزلىنىش قاتارلىقلارنى يىڭەلەيدىغان ئىقتىدار بۇلۇش كىرەك.

    ---سەندە قول ئاستىڭدىكى كىشىلەرگە ياخشى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا ياخشى يول كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىرىشكەن تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىڭنى ئەمەلگە ئاشۇردىغان جاسارەت،يېڭىلىق يارىتىشچانلىق ۋە چىدامچانلىق بۇلۇشى كىرەك.

    ---مىنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىشىڭ ۋە قۇبۇل قىلشىڭ كىرەك،سىنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭ سىنىڭ چېكىگە يەتكەن مىجەزىڭ ئارقىلىق بارلىققا كىلدۇ.

    ---سىنىڭ باشلىق بۇلۇش ئىستىكىڭ چېكىدىن ئاشقان ئىنتىزارلىق ياكى تاقەتسىزلىك شەكلىنى ئالمىسۇن.ئۇنداق بولمايدىكەن سەن نۇرغۇن كىشىلەرگە مەغلۇبىيەت ئېلىپ كىلىسەن.سەن چۇقۇم ئۆزۈڭنىڭ باشلىق بۇلۇش ئارزۇسىنى تەييارلىق،تەجىرىبە-ساۋاق ۋە پۇرسەت ئارقىلىق پۇختىلاپ تۇرۇشنى خالايدىغان بول.

    ---شۇ نەرسە ئىسىڭدە بولسۇنكى،سىنىڭ ئۆز خىزمەت ئورنىڭدا مۇۋەپىقىيەتلىك بۇلۇش-بولماسلىقىڭ سېنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ۋە ئىزچىل تۈردە قاتتىق ئىشلەشنى خالاش-خالىماسلىقىڭغا باغلىق.

    باشقىلارنىڭ قارشىلىقىغا ھەتتا جەڭ ئېلان قىلىشقا ئۇچىرغان ۋاقىتتىمۇ قىلىۋاتقان ئىشىڭنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدىغان ئىرادىگە ئىگە بول.

    ---مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى كەڭ-كۆلەملىك ئەقەللىي ساۋاتلار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئىرادىسىگە ئىگە بول.

    ---باشقا قابىلىيەتلىك تەڭدۇشلىرىڭ ياكى قول ئاستىڭدىكى قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ئۆزۈڭگە بولغان تەھدىت،دەپ ھېسابلىما.ئۇنىڭ ئورنىغا،قابىلىيەتلىك قەبىلە باشلىقلىرىنى تاللاپ،ئۇلارنى پەقەت قول ئاستىدىكى كىشىلەر ناھايتى كۈچلۈك بولغان قەبىلە باشلىقلىرىلا قىلالايدىغان ئىشلارغا سېلىش ئەقلىگە ئىگە بول.

    ---سەن ئۆزۈڭ خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە ئۆزۈڭ يىتەكلەۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن باشقىلار تۇنۇپ يەتمىسىمۇ ۋە تەشەككۈر ئېيتمىسىمۇ ئۆزۈڭ شەخسى بەدەل تۆلەشكە رازى بول.

    ---سەندە مۇۋەپىقىيەت قازىنىشقا نىسبەتەن يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىنتىلىش بولسۇن.بۇ ئىنتىلىش ئۆزۈڭنى ۋە سەن يىتەكلەۋاتقان ھونلارنى ھەممە ئىشنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشى قىلدىغان قىلىپ چېنىقتۇردىغان بولسۇن.

    ---سەن ئۆزەڭگە يۈكلەنگەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش يولىدا يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشنى،باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشنى ۋە ئۆزۈڭنىڭ چۈشەنچىسى ۋە ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغان بول.كۆپۈنچە ئەھۋالدا بۇنداق مەقسەتكە ئىنتايىن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي تۇرۇپ ۋە ئۆز مەنپەتىنى قۇربان قىلماي تۇرۇپ يەتكىلى بولمايدۇ.سەن ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزۈڭنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى ساقلاپ،باشقىلارغا ياردەم قىلىشتا ساختا ئىپتىخارلىقنى نامايان قىلما.

    سەن مۇنداق بىر ئاددىي ھەقىقەتنى قۇبۇل قىلىشىڭ كېرەك؛سىنىڭمۇ يىتەرسىزلىكىڭ بار بۇلۇپ،تۆنۈگۈنكىدىن ياخشىراق قەبىلە باشلىقى بۇلۇش ئۈچۈن سەن ھەركۈنى تىرىشمىساڭ بولمايدۇ.

    ئاخىرىدا مەن ساڭا مۇنداق بىر نەسىھەتنى بىرىمەن:ئەگەردە سەن مەلۇم بىر خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن مۇۋەپىقىيەتلىك چىقىش ئۈچۈن زۆرۆر بولغان بەدەلنى تۆلەشنى خالىمىساڭ،ئۇنداق خىزمەت ۋەزىپىسىنى ھەرگىز قۇبۇل قىلما.

     

     

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.