كاسساندرا تامغىسى (2)

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-30 18:04:36

ھەزرىتى بۇزۇرۇكۋارىم، ئالەمدىكى ناھايىتى ئۇزاق يەردىن يەنى ئۆزۈم ئۈچ يىلدىن بېرى كائىناتتىكى پەن تەتقىقات پونكېتىدا قىدىرىشتا يۈرگەن يەردىن، بىر لېنىيىلىك ئوربېتادىن تىنچىڭىزنى بۇزغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراشتىن بۇرۇن ئىچ-ئىچىمدىن ئالدىڭىزدا خاسىيەتلىك ئ

     
    كاسساندرا تامغىسى (2)
     
    چىنگىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان)
    (رومان)
    يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمىسى
    قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تىل فاكۇلتېتى
     
    ئىككىنچى بۆلۈم
    رىم پاپاسىغا مەكتۇب
     
    ھەزرىتى بۇزۇرۇكۋارىم، ئالەمدىكى ناھايىتى ئۇزاق يەردىن يەنى ئۆزۈم ئۈچ يىلدىن بېرى كائىناتتىكى پەن تەتقىقات پونكېتىدا قىدىرىشتا يۈرگەن يەردىن، بىر لېنىيىلىك ئوربېتادىن تىنچىڭىزنى بۇزغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراشتىن بۇرۇن ئىچ-ئىچىمدىن ئالدىڭىزدا خاسىيەتلىك ئاتا، ئالدىڭىزدىلا تېز پۈكىمەن ھەم چىن ئىخلاسىم بىلەن قولىڭىزغا سۆيىمەن. گۇناھقا پاتقان قاقشال جېنىم ئۈچۈن مەغپىرەت بېرىڭ، يەنە ئەگەر مۇمكىن دەپ قارالسا قارىغۇلارچە، سەپسەتە-ساندىراق نەرسىدەك، يەنە تېخى ئىمانىي، تارىخىي تەجرىبىسىنىڭ مەۋقەسىدىن چىققان زىياندەك كۆرۈنۈشى مۇمكىن بولغان ئەمەلىي بايقاشلارنىڭ خۇلاسىلىرىنى يەنە كۈندۈزدىكى تىنىق، كېچىدىكى ئۇيقۇدىن ئاجراپ يۈرۈپ، مۇمكىن بولسا، ياراتقان خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ ئەركى ۋە بۇيرۇقى بىلەن يارالغان، نازىل قىلىنغان مەپكۇرەلەرنى نەزەرىڭىزنى بۆلۈپ ئاڭلاپ قويۇڭ. بولمىسا سىزگە مۇراجىئەت قىلىشىمنىڭ ئۆزى قانچلىك ھەددىدىن ئاشقانلىق، جاھىللىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ تىنچىڭىزنى بۇزماس ئىدىم. خاسىيەتلىك ئاتا! شۇنداق بولسىمۇ مۇراجىئىتىمنىڭ سەۋەبى مەكتۇبنىڭ مەزمۇنىدىن ئايدىڭ بولار دېگەن ئۈمىدتىمەن. شۇنداق قىلىپ، گەپنى دەررۇ پوس پاللىسىدىن باشلاي، تەقدىر ئىكەن، ئۇ ماڭا ئوخشاش ئۆز جۈپتىگە بولسا بەندىلىرىگە ئەلمىساقتىن يارىلىپ كېلىۋاتقان جاننىڭ-ئادەم ھامىلىسىنىڭ رىفىلىكىس ئىقتىدارىنىڭ بۇرۇنقى نائېنىق سۈپىتىنى تونۇپ بىلگۈزسۈن دەپ بۇيرۇپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭ ئاشكارىلىنىشى ۋە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تۇيۇشنى، بىزنى تەڭرىنىڭ قۇدرىتىنىڭ باتىن سىرلىرىغا ئىمكانىيەت سۈپىتىدە يېقىنلاشتۇرىدۇ. بۇنى بۇ چاغقىچە بىلىنمەي كەلگەن بۇ رىفلىكىس ئىقتىدارىنى تەجرىبە يولى بىلەن تېپىپ چىقتىم. بۇنى مەن ئادەم بالىسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئىمكانىيىتى دەپ ھېسابلايمەن. مانا شۇ سەۋەبتىن گېپىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ قويۇشىڭىزنى سىزدىن بېشىمنى ئېگىپ سورايمەن، خاسىيەتلىك ئاتا.
     يەنە قايتا ئېيتاي، ئۇلۇغ كەشپىيات-ئىختىرا پەيدا قىلدىم. ئۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنىڭ ئادەمزاتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھايات-ياشامىغا تەسىر ئېتىشى شەك-شۈبھىسىز. ئۆزۈم ھەققىدە مانا مۇشۇنداق زىيادە ئاشۇرۇپ سۆزلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىم. چۈنكى، قولۇم ۋە قۇربۇم يەتكەن كەشپىياتنى باھالاشقا ھازىرچە ھېچكىمنىڭ قۇدرىتى يەتمەيدۇ. يەنەكېلىپ، ھېچقانداق بىر ئوخشىشى يوق بۇ كەشپىياتنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچكىمنىڭ چۈشەنچە-چۈشىنۈكى يوق.
    ئادەم ھامىلىسى قورساقتا تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا كېلەچەكتىكى ھايات-ياشامدا ئۇنى نېمە كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى سوقۇر-قارىغۇ سېزىم بىلەن بىلىشتە ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە ئۆزىنىڭ مۇئامىلىسىنى بىلدۈرۈشتە ھامىلە پۈتۈنلەي ئىقتىدار-جۆندەملىك دەپ ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمەن. ئەگەر بۇ مۇئامىلە ياماندىن بىشارەت بەرسە ئۇنداقتا كېلەچەكتە يورۇق دۇنياغا كېلىشكە ھامىلىنىڭ قارشىلىقى پەيدا بولىدۇ.
     تۇغۇلۇشقا قارىتا ئۆزىنىڭ بۇ خىل يامان مۇئامىلىسىنى بىلدۈرگۈچى ھامىلىنىڭ بەلگىسىنى تاپتىم. بۇ بەلگە ھامىلىدار ئايالنىڭ پىشانىسىگە كىچىككىنە سەپكۈن ياكى داغ ھالىتىدە پەيدا بولىدۇ. بۇ داغنى كاسساندرانىڭ دېغى دېدىم. شۇنداقلا، نىگاتىۋلىق بەلگە بەرگەن ھامىلىگە كاسساندرا ھامىلەسى دەپ نام بەردىم.
    بۇ كېلەچەككە ئۆز خاھىش-مۇئامىلىسىنى بىلدۈرگۈچى ۋە ئاپەت بەلگىسىنى بىلدۈرگۈچى بىلىمداندەك ئىقتىدارلىق بولۇپ ئادەم بالىسى رويى زېمىندا پەيدا بولغاندىن بېرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىراق ئايرىم ئىككىقات ئاياللارنىڭ ماڭلىيىدىكى سەپكۈن، داغقا ھېچكىم ھېچقانداق ئەھمىيەت بەرگەن ئەمەس ۋە ھازىرمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. مەن بۇنداق داغنىڭ مەناسىنى يېشىپلا جىم بولماستىن ئۇنى دانارەك، بايقىلارلىق قىلىپ كۆرسىتىش يولىنى تاپتىم. ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇر بىلەن قىدىرىش پائالىيىتىنى يۈرگۈزۈۋاتىمەن. كائىناتتىن ئۇنى كۆزلەپ تاپقۇچى تاپقۇر نۇرنى چاچىمەن. ئوربېتالىق پونكېتتىن ئىبەرتىلگەن نىشان تاپقۇچى نۇر ئانىنىڭ
    قورسىقىدىكى كاسساندراھامىلىسىنىڭ جانلىنىشىنى كەچەيتىدۇ. شۇندىلا كىشىلەر بۇرۇن ئىششىق دەپ يۈرگەن كىچىككىنە سەپكۈن، داغ تاپقۇچى تاپقۇر نۇرنىڭ تەسىرىدە ئۆچۈپ يەنە پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئۆز نىشاننىنى تاپقۇچى تاپقۇر نۇر ئاتموسفېرادا كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ. ئورگانىزمغا زىيانى يوق ئۇنداق نۇرلارنى كائىناتتىن يېتەرلىك رەۋىشتە بارلىق قۇرۇقۇقلارغا، پۈتكۈل سەييارىگە ئىبەرتىپ تۇرىمەن. مۇنداق نۇرلاندۇرۇشنىڭ مەقسىتى كاسساندرا ھامىلىسىنى تەكشى تېپىپ چىقىشتىن ئىبارەت. ھامىلىداردىن «كائىناتىي جاۋاب ئېلىش» يۈرگۈزۈلىدۇ. كاسساندرا ھامىلەسى بەرگەن جاۋابنىڭ مەزمۇنى مۆلچەر بىلەن تۆەندىكىدەك: «ئەگەر ئەرك ئۆزۈمدە بولسا، تۇغۇلماسلىقنى ئەلا بىلەتتىم. سوئاللىرىڭلارغا جاۋاب سۈپىتىدە بەلگە بېرىمەن. سىلەر ئۇنىڭدىن مېنى، مېنىڭ يېقىنلىرىمنى ھەم كېلەچەكتىكى تەقدىرنىڭ ئېغىر تەقدىر–يازمىشىنى، زور يوقىتىشىنىڭ مانا مەن دەپلا كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلەلەيسىلەر. ئەگەر ئۇ بەلگىلەرنى يېشىپ ئالالايدىغان بولساڭلار ئۇنداقتا بىلىپ قويۇڭلار! مەن كاسساندرا ھامىلىسى، ھېچكىمگە ئارتۇق يۈك بولماي، تۇغۇلماي تۇرۇپ تۇنجۇقۇشنى،چاچراندى بولۇشنى ئەلا بىلىمەن، سىلەر سورىدىڭلار، جاۋاب بەردىم، ياشىغۇم كەلمەيدۇ. بىراق، ئەركىمگە قويماي، يورۇق دۇنياغا كېلىشكە مەجبۇر قىلساڭلار، ئۇنداقتا مەن جىمىكى ئادەملەردەك پىشانىسىگە قانداق تەقدىر يېزىلسا شۇ تەقدىرنى تۇشمۇ-تۇشتىن قوبۇل قىلىمەن. نېمە قىلىش كېرەك؟ ئۇنى ئۆزۈڭلار بەلگىلەڭلار، ھەممىدىن بۇرۇن بۇنى مېنى ئۆز بويىغا ئېلىپ تۇرغان ئانام ھەل قىلسۇن، ئۇنىڭغىچە ئېيتقىنىمنى ئاڭلاشقا ۋە چۈشىنىشكە ھەرىكەت قىلىڭلار. مەن كاسساندراھامىلە بولىمەن! مەندىن قۇتۇلۇشنىڭ ۋاقتى-سائىتى كېچىكمىدى. مەن ئاڭا تەييار، مەن كاسساندرا ھامىلىسى، ھەتتا خېلى بىر كۈنلەرگىچە سىلەرگە بەلگە بېرىپ تۇرىمەن، مەن كاسساندرا ھامىلىسى، تۇغۇلغۇم كەلمەيدۇ. كاسساندرا ھامىلىسىمەن ! ».
    كاسساندرا ھامىلىسى بەرگەن سىگنالنى مۇنداق يېشىش، ئەلۋەتتە ھەربىر ئايرىم ئۇچرۇ-پەيتنىڭ ئۆزىدە ھېچكىمنى ھېچنەرسىگە مەجبۇرلىمايدۇ، پەرزلەندۈرمەيدۇ. بويىدا قالغان ئايالنىڭ پېشانىسىدىكى ئۆچۈپ يانغان نەرسە كاسساندرانىڭ تامغىسى. ئۇ كۆپ ئۇزارماي ئۆڭىدۇ، بۇنىڭغا ئۇلىنىپلا ئىزسىز يوقىلىدۇ. ئەگەر ئۇنتۇپ تاشلىغۇسى كەلسە ھېچقانداق نەرسە ھەققىدە ئويلىماي مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپلا جىم بولسا بارى ئۇنتۇلىدۇ دە،- يوقىلىدۇ ....
      بىراق، پەن ساھەسى مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپلا جىم بولالمايدۇ، كائىناتتىكى كومپيۇتېرغا كېلىپ چۈشكەن سىتاتستىكا-سەيلەنمىلىك ھېسابات كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ سانىنىڭ يىلسايىن ئاۋۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى مەلۇملاپ تۇرىدۇ.
    كۆزگە كۆرۈنمىگەن ئاپەتنىڭ مۇشۇ يوسۇندا داۋاملىشىپ بېرىشىدىن ھامىلىلەرنىڭ ھايات ئېقىمىدىن باش تارتىشقا، تۈپ يىلتىزىدىن يوق بولۇشقا، ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەشكە كىرمەسكە تەييار تۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبى نېمىدە؟ يەنە بۇنىڭ ئارقىسىدىن قانداق ئىش يۈز بەرمەكچى؟ بىزنىڭ كۈن ئۆتكۈزۈشتىنلا ئىبارەت بەندىچلىكىمىزنىڭ تەجرىبىسىنىڭ سىرتىدا تۇرغان قايغۇ-ھەسرەتنىڭ ئىستىخىيىسىدىن ساۋاق ئېلىشنىڭ كېرىكى بارمۇ زادى؟ بار بولسا يېڭىدىن پەيدا بولۇشقا باشلىغان ئورگانىزمنىڭ قورقۇنچىنى سىرتتىكى رېئال-چىنبار تۇرمۇشنىڭ ئورنىغا سېلىش توغرا بولامدۇ؟ ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئۇرۇغنىڭ ئۆز كېلەچىكىنى سەگەكلىك-كۆز ئوچۇقلۇق بىلەن سېزىشنىڭ باشلامچى سەۋەبى دەل شۇ رېئال-چىنبار تۇرمۇشنىڭ ئۆزىئەمەسمۇ؟ ئانا-بۇبىر ئۆزگىچە بىر دۇنيا. دېمەك، ئۇرۇغقا سىرتتا قورشاپ تۇرغان چىنلىقنىڭ، بالايى-ئاپەتلىك تەسىرلەرنىڭ ئارغاسىز-چارىسىز ۋاستىچىسى دەل شۇ ئانىنىڭ ئۆزى بولۇپ يۈرمىسۇن يەنە؟مانا شۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسى جاۋاب تەلەپ قىلىدۇ. سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، مۇنداق زىددىيەتنى نېمە ئۈچۈن سىزدەك رىم كاتولىك چېركاۋىنىڭ باشچىسىغا مۇراجىئەت قىلىپ سۇنۇپ تۇرغىنىمنى چۈشەندۈرۈشكە ھەرىكەت قىلاي، ھەزرىتى ئۇلۇغۇم .سىزگە، پەيغەمبەرگە، ھەممە جانغا مۇراجىئەت قىلىپ ئولتۇرغىنىمنىڭ سەۋەبى، سىز روھۇللاھ ئېيسانىڭ يەردىكى ۋەكىلى، بۈيۈك پېتىرنىڭ ئورۇنباسارى. سىز شۇنىڭغىلا كۇپايەلىنىپ قالماستىن، دۇنياۋى قەدر-قىممەتكە سازاۋەرسىز. بۇ مانا مەن دەپلا تۇرغان ئىش. بۇلا ئەمەس، ئىنسانىي خاسىيىتىڭىز رويى زېمىندا ياشىغان كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ ئەقىدە-ئېتىقادلىرىنى ۋە روھانىي ئېسىل بايلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە سىغداپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق سىزگە مۇراجىئەت بىلەن ئۆزۈمنىڭ بارلىق زامانداشلىرىمغا، كىم
    بىلىدۇ؟ بەلكىم، بىزنىڭ كېلەچەكتىكى بوغۇنلارغا مۇراجىئەت قىلىۋاتقاندۇرمەن . ئەلۋەتتە، بۇ مۇراجىئىتىمنى ئورۇنسىز دەپ ئۆكتەملىك ۋە باشقا، يەنە باشقا بىر نېمىلەرنى دەپ ساناشقا ھەقلىقسىز. بىراق، مەيلى قانداق بولغان پەيت-ئۇچرۇدا بولمىسۇن يوقىرىدا ئېيتىلغان «ھامىلىۋى تىلسىمات» مەسىلىسىگە دىققەت ئاغدۇرۇش ياراتقان ئىگەمنىڭ ئەركىنى، تۆرىلىشىنىڭ مەخپىي سىرلىرىنى، كارامىتىنى، كاتولىك دىنىي چۈشەنچىسى دېگەن تېمىنى چارىسىزلىك-ئارغاسىزلىق بىلەن ئۆز ئىچىگە ئېلىپ تۇرىدۇ.
    مەن كاتولىك دىنى مۇخلىسى ئەمەس، بىراق، بۇ ئەھۋال كاتولىك دىنىنى جان دىلىمدىن ھۆرمەتلىگىنىمگە شەك كەلتۈرەلمەيدۇ. تەكەببۇرلۇقتىن ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ كېلىۋاتقان ھەر قانداق بىرىنىڭ مەۋقەسىدىن بولمىسۇن ئۇئاسمان كەبى ھەر خىل ئۇچارلىق-تىنارلىقلارنىڭ ھەر يانغا ئۇچۇشى ئۈچۈن كەڭلىك بولۇپ خىزمەت قىلغان سىياقتا، ئۇ يەنە ھەر تۈرلۈك ئاۋازلارنىڭ ئۈنلۈك ياڭرىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇ مەنادىن ئالغاندا مەن كاتولىك ئاسمىنىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇش بولۇپ قالسام ئۆزۈمنى بەختلىك سېزەر ئىدىم .
    دەرھەقىقەت، مەن ھەمىشە ئىچىمدە كاتولىك دىنىنىڭ ئىمانى، ئەدەب–ئەخلاقى، ئەقىدىلىرىنى ياقتۇرۇپ كەلگەن ئىدىم. ئۇلاردىن تۇرمۇشنىڭ مەنتىقىسىگە ماس كەلگەن، ھەممىباب مەناغا ئىگە، ھەممە ئادەم، ھەممە ئىش، بارلىقى ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك قوبۇللانغۇچى ئۆلچەملىرىنى تاپماقچى ئىدىم. ئالاھىدە ھالدا ۋۇجۇدىمىزنى زىيادە گۇمانغا سېلىپ ئويلاندۇرۇپ، دائىم قىيناپ
    كېلىۋاتقان نەرسە، يەنى ھامىلە چۈشۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدە گەپ سۆز-بولغاندا، كونسىرۋا قۇتىسىنى ئاسانلائاچقاندەكلا كۆنۈككەن ئىش بولۇپ قالغان شۇ زۆرۈر پائالىيەت بىز ئۈچۈن ھەر قاچان تەقدىرنىڭ ئازابلىق كۆرسەتمىسى بولۇپ تۇرغىنى يوقمۇ؟! دېمەك، ئادەم بالىسىنىڭ بار ياكى يوق بولۇشى شۇنچىلىك ئاددىي، شۇنچىلىك ئوڭاي ھەل بولىدىكەن-ھە! ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى ياكى تۇغۇلماسلىقى، ياشىشى ياكى ياشىماسلىقى شۇ يوسۇندا ھەل بولىدىكەن-دە! جىمىسى ھەر قانداق سەۋەبلەرگە، قارىغۇلارچە ئۆتكۈزگەن تۇرمۇشنىڭ ئورمىلىق، مول-ھوسۇللۇق ئەھۋاللىرىغا مۇناسىۋەتلىك، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەمدى خۇدانىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار؟ دەپ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلايمەن، بۇنىڭغا يەنە خۇدانى ئاۋارە قىلىشنىڭ ئورنى يوق. خۇدا يورۇق دۇنياغا ھاياتلىق ئاتا قىلدى. ئۇندىن كېيىنكىسىنىڭ لپىھەممىسىنى بىز، ئادەملەر ئۆزلىرىمىز بىلىمىز. ئۆز نەسلىمىزنى ساقلايمىزمۇ ياكى يوق قىلىمىزمۇ؟ ئەركىمىز ئۆز قولىمىزدا، مانا مۇشۇنداق كۆپچىلىكنىڭ بېسىلماس تالاش-تارتىشىدا ھامىلە چۈشۈرۈشكە پۈتۈنلەي قارشى چەكلىمە سېلىشنى ياقلىغان كاتولىك دىنى چېركاۋنىڭ پوزىتسىيىسىنى مەن لايىق كۆرىمەن. مەن ئۇنى ھاياتلىقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى زاماندا يارالغان چاغدىكى ئەھۋالغا لايىق كېلىدۇ، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، ھەر بىر كىچىككىنە ھامىلىنىڭ ھەر بىر قايتىدىن يېڭىلىنىپ تۇرغۇچى ھۈجەيرىسىدە مەڭگۈلۈك ھەرىكىتىنىڭ قايتلانماس شىفىرى بار، ھەر بىر تۇغۇلغان مەخلۇق ئۆزىگە ئوخشىغان مەخلۇقنى يارىتىش بىلەن زاماننىڭ ئېقىمىدا رەقەمگە سېلىنغان. يەنە بۇنىڭ ھەممىسىنى خۇدا بۇ ئىشنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئاخىرىغىچە كائىنات تۈزۈلۈشىنىڭ قۇرۇلمىسىغا كىرگۈزگەن ....
    بەرھەق، مانا شۇنىڭدىن باشلاپ كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرىغا قوشۇلۇپ ھامىلە چۈشۈرۈش خۇدانىڭ ئەمىر-مەرۇپىنى تۈزدىن-تۈز بۇزغانلىق بولۇپ سانىلىدۇ دەپ ئەسكەرتكۈڭ كېلىدۇ. ھامىلە چۈشۈرۈش بۇ كىشىنى ئاتايىن ئۆلتۈرگەنگە باراۋەر زورلۇق-زۇمبۇلۇق قىلمىشى، ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ «ئۆلتۈرمە» دېگەن ئەڭ دەسلەپكى ۋەسىيەتكە، تەۋراتتىكى «بالىلىق بول،يەنە كۆپەيگىن» دېگەن ئايەتكە تۈپتىن قارىمۇ-قارشى ئىكەنلىكى ھەققىدە كۆپ قېتىم ئېيتىلغان .
    ئەلۋەتتە ھەممىسى مۇشۇنداق، بىراق باشقا پوزىتسىيىمۇ بار. بويىدا بار
    ئايال نېمە قىلسا ئۆز ئەركى، يە بولمىسا بۇ قىلمىش بەزىدە بىۋاستىلا، ئۇدۇللا داۋراڭۋاز بىرەرئادەمنىڭ ۋە قوۋمنىڭ قىزىقچىلىقى، مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىمىش. ھېچبىر ئارىسالدى بولماي تۇرۇپ ھامىلە چۈشۈرۈش كېرەك، دېگەندەك گەپلەر ھەممىلا يەردە ئېيتىلىپ تۇرمامدۇ... ئۇندىن قالسا يېڭىلا بويىدا قالغان مەخلۇقنىڭ كېلەچەك تەقدىرى ۋاقتى سائىتىدىن بۇرۇن ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان دۇنيادىكى قايغۇ-ھەسرەت، بايلىق بىلەن نامراتلىق ۋە ئاغرىق-سىلاق، زورلۇق-زومبۇلۇق، ئىپلاسلىق، خورلىنىش بىلەن شەرتلەنسە ئاڭا قارشى بىر نەرسە دېيىشىمۇ قىيىن ...
    شۇڭلاشقا ،ئاياللار ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىشتراكچىلىرىنىڭ كۆككە كۆتۈرۋېلىشقان «قورسىقىمدىكى مېنىڭكى!» دېگەندەك لەۋھەلىرى ئوچۇقلا «ھەممىڭلار پالاكىتىمگە قېلىڭلار!» دېگەننى بىلدۈرۈپ تۇرسىمۇ ھېچكىمنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترىتەلمەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىچىپ مەست بولۇپ، كەتكەن ئېغىرئاياغ ئاياللارنىڭ ئۆز ئار-نومۇسىغا قارىماي يەنىلا ئىچىمەن، ئىچىۋېرىمەن، ئەتىلەردە مانا بۇ ئىپلاس، ھارامتاماق شۇمنى بويۇمدىن ئالدۇرۇۋېتىمەن دە، كۆڭۈل ئاچىمەن، ئويناپ-كۈلىمەن، شادلىنىمەن، باشقىسىنىڭ ماڭا قىلچىلىك كېرىكى يوق... خۇدايىڭلار ماڭا نېمە قىلىپ بېرىپتۇ. گۇناھكارلىقىڭلار بىلەن نېمە كارىم بار؟! جىمىكى ئادەم ماڭا تۈكۈردىمۇ؟ مەنمۇ جىمى ئادەمگە تۈكۈرىمەن... دەپ ئەزۋەيلىگىنىمۇ ھېچكىمنى يىرگەندۈرمەيدۇ.
    شۇنداق قىلىپ، كېلەچەكتىكى ئادەمنى ئەخلەتتىن بەدتەر بىر نەرسە قاتارىغا ئىرغىتىپ تاشلاپ كېتىۋېرىشىدۇ... شۇنداق ئەھۋالغا ماس، كەسكىن مەنتىقىگە باش ئەگدۈرۈلگەن، ئۇنداق ئىشنى ئاقلىغۇچى كۆپلىگەن باھانىلەرمۇ بار .
    بالىنىڭ تۆرىلىشىگە ئاممىۋى قارشى چىقىشلار ھەممە يەردە بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار پارلامېنتلاردا باياناتلار بىلەن، ئاياللار ھوقۇقى، ئازادلىقى ھەرىكەتلىرىدە، سورۇنلاردا، رەستە-كوچىلاردا كىشىلەر توپلانغان يەرلەردە چۇقان- سۈرەن سېلىشىپ بىر-بىرىگە قاتتىق قىر كۆرسىتىشىپ، يۈز-كۆزىنى كۆكۈرتۈشۈپ، ئىششىتىپ تۇرماقتا... كۆپلىگەن مەملىكەتلەردە نەسىل قالدۇرۇش ياكى قالدۇرماسلىق ئەركىنلىكى تەلەپلا قىلىنماستىن، بەلكى تارتىۋېلىنغان، يۇلۇۋېلىنغان بۇ ھايات ئەركىنىڭ يار لېۋىگە قىستالغىنى بولماي نېمە؟
    شۇ پەيت ئۇچرۇدا بارلىق يەردە باغرى تاش تەقدىرنىڭ تاشقىنىغا-تاشلانغان ئىككىقات ئاياللارنىڭ كۆرگەن كۈنى ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۇلارنىڭ بويىدىكى بالىلارنىڭ كىمگە كېرىكى بار؟ ئافرىقىنىڭ كەڭرى چۆللىرىدە، قايناپ تۇرغان شەھەرلەرنىڭ كوچا-سوقاقلىرىدا كۆپچىلىكى، زور كۆپچىلىكى شۇنداق ئويلىشىدۇ. زۆرۈرىيەت بىلەن مۇمكىنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز توغرا ياشاۋاتىمىزغۇ؟ ئادەم بالىسىنىڭ نەسلى قۇرۇماسلىقى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى ياساپ بېقىۋاتىمىزمۇ،يوقمۇ؟ دېگەن سوئاللار ۋە تىڭىرقاشلار بىزنىڭ جېنىمىزنى ئارامىدا قويمايۋاتىدۇ.
     بىراق، يەر يۈزىدە بەختلىك بولالمىغاندىن كېيىن نەسىل قالدۇرۇشنى توختاتساقمۇ ياكى بۇنىڭغا تېگىشلىك بىرەر قارار چىقىرىلغان بولسا باشقا سەييارىلەرگە كېتىپ قالساقمۇ ئاشۇنداق غەمگە پېتىپ قىينىلىپ جان ئاچچىقىنى تارتىپ، كۆزىمىزنى ياشلاپ قاچانغىچە يۈرۈپ قالارمىز؟ چارىسىز قالغىنىمىز. شۇ دە-!
    بۇلار خۇسۇسىدا كۆپ سۆزلەندى. تالاش-تارتىش پايانىغا چىقىپ
    تۈگىدى. ھەممىسىنىڭ شەرمى-ھاياسىزلىقنىڭ دەردىنى، مەززىسىنى تېتىپ كۆرەي دەيدىغان كۆڭلى، كۆزى يوق بولۇپ قالغان. مەن بولسام ئەرشتىن چۈشۈپ تۇرغاندەك ھالەتتە .شۇنىڭ ھەممىسىنى قايتىدىن ئېيتپ ئولتۇرۇپتىمەن. مەن سىز ئارقىلىق ئادەمزاتىغا مۇراجىئەت قىلىشقا چارىسىز بولدۇم، چۈنكى ھەممىمىزنىڭ بېشىمىزغا بۇ چاغقىچە نائېنىق، يېڭى بالا-قازا چۈشكىلىۋاتىدۇ. ھامىلىلەرنىڭ بىزنى يېلىنىپ ياردەمگە چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇم. ئەمدى بۇ ھەقتە ئويلانماسلىققا بولمايدۇ!
     بۇ بەلكىم بالا-قازا ئەمەس، ئادەم بالىسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى يولىنى ئالدىن بىلگۈچى، بىزگە يوقىرى ئورۇندىن ئىبەرتىلگەن روھنىڭ يېڭى سىنىقىدۇر. بىراق بۇ نائېنىق يول بىزنى قاياققا ئېلىپ بارىدۇ؟ بىزنى ئالدىمىزدا نېمىلەر كۈتىدۇ؟ ئىچىمىزدە تۈگۈلۈپ يېتىپ بىز ھەققىدە قىيقىراۋاتقان كاسساندرا ھامىلىسىدىن قاچاندا قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟
     بىز ئويلاپمۇ باقمىغان ھاڭغا چۈشتۇق. دۇنيانىڭ ئۆزگەرتىلىش مەھەلى يېتىپ كەلدى، چىنلىقتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ ياشىيالايمىزمۇ؟
     ئادەمزاتى ئۈچۈن ئۆزى كۆرۈپ بىلىپ يۈرگەن كۈننىڭ يېنىدا توساتتىن يەنە بىر خىل كۈننىڭ پەيدا بولۇشى قانداق ئەقىلگە سىغماس ھادىسە بولسا دەل شۇنداق كۈتۈلمىگەن ھادىسە بولۇپ كۆرۈنگۈچى، مەن ئاچقان، ئاشكارىلىغان ھادىسىنى ئەگەر كېرەكلىك دەپ ھېسابلىسىڭىز، سىزنىڭ ئېنىق، ئوچۇق باھالىشىڭىز ئۈچۈن مۇشۇ مەكتۇب بىلەن ئۆزىڭىزگە مۇراجىئەتنامە قىلىپ ئولتۇرۇۋاتىمەن. خاسىيەتلىك ھېيقارلىق ئاتا.
     كاللامنى جايىدا ئەمەس، ئىستانسىنىڭ نۇر ئىشلىتىش جابدۇقىنى مېنى يەرگە بەكمۇ يېقىنلات دەرسىز، يەردىكى تۇرمۇشنى قوبۇللاپ كۆرۈشتە ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ھېچقانداق رول ئوينىمايدۇ دېسىمۇ بولىدۇ. بىراق شۇنداق بولسىمۇ تىرىك جان ھېسابىدا مەن كائىناتتا، ئۇنىڭدىن ئادەمزاتى ئىشىنىڭ چىن ئەھۋالىنى توساتتىن چۈشەنگەن شۇ پەيت-ئۇچرۇدا بىزنىڭ گۇناھقا پاتقان يېرىمىزدە، ئەلنىڭ ئارىسىدا بولۇشنى خالايتتىم. بىراق، ۋەزىپەم قاراۋۇللۇقتا تۇرۇش. ئوربېتا ئىسانىسىسىدا تۇرۇش بۇرچۇم بار؟ چۈنكى مەن كائىناتنىڭ كاھىنى فىلوفىي، ئۆزۈمنىڭ ئىجادىي ئىشلىرىنىڭ تولۇق جاۋابكارلىقى، شەرھىلەپ ئېيتىقاندا، كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى تېپىپ چىقىشقا نىشانلانغان تاپقۇر نۇرلارنى نۇرلاندۇرۇش پائالىيەتلىرىنى تەمتىرىمەي ۋە سېستېمىلىق تۈردە ئۆتكۈزۈپ تۇرغانلىقىمنىڭ تولۇق جاۋابكارلىقى بوينۇمدا. كاسساندرانىڭ تامغىسىنى كۆرەلەيدىغان بولۇشقا ئېزىتقۇلۇق نۇرلاندۇرۇشنىڭ مەن ئىشلەپ چىققان ئۇسۇلى-مېنىڭ ۋىجدانىي ئىشىم.
    يەردىكىلەرنىڭ بۇنىڭغا قارىتا جاۋابى مېنى قاتتىق ھەرىكەتلەندۈردى. ئادەم مۇنداق تۇرمۇشقا ھېچقاچان قاپسالمىغان. ئادەم ئۆزى ئىچ-ئىچىدىن غىجىرلىشىدۇ، قايغۇرىدۇ.
    مەن كىشىلەرنىڭ پىسخىكىۋى ئەھۋالىدىن قورقىمەن. كېلەچەكتكى ئانىلارنىڭ پېشانىسىدىكى پىلىلداپ، كانىدەك چاپلاشقان نوقۇتسىمان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدە جىمىكى ئىنسان ئاغزىدىن سۆزى چۈشۈپ، گەپ قىلالماي ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشىدۇ.
    بەندىچىلىكىم بوينۇمغا مىنگەن ۋاقىتتا ئەجەللىك ھامىلىلەرنىڭ سىرىنى چۈشىنىش، كاسساندرانىڭ بەلگىسىنى ئېرىسىيەتنىڭ قاتلاملىرىدا يوشۇرۇپ، ئەمدىلا تېپىلغان ئاشۇ ياۋۇزلۇقنىڭ ئىنسان ئىچىدىكى بەلگىسىنى تونۇپ بىلىش بىرىنچى بولۇپ دەل مۇشۇ ماڭا نېسىپ بولغىنىغا ئاچچىقلىنىپ، ئىچىمدە خۇدادىن ياردەم سوراپ يېلىنىمەن، تەقدىرىمگە ئېچىنىپ يىغلايمەن، ئۆكتەملىكتە تەڭداشسىز شەيتاننىڭ ئۆزىنى كۆرگەن فائوستمۇ مېنى ئاياپ كېتەر، ھە؟! مەن خۇدادىن مېنى ئايا! دەپ يالۋۇرۇپ ماڭا ئوخشىغان يارامسىز بەندىسىنى بۇ ئازابدىن قۇتقۇزۇشنى تىلەيمەن، مۇنداق قىيناش ھېچقاچان، ھېچكىمنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئەمەس، بىراق ئۇ مەن ئۈچۈن بېشىمغا چۈشىدۇ.
     ھەزرىتى ئۇلۇغۇم، سىزگە مۇراجىئەت قىلغان بىلەن ھازىرقى ئىشقا مېنى ھېچكىم مەجبۇرلىغىنى يوق! ماڭا ئېچىلغان بۇ سىرنى بەلكىم، ئۈن چىقارماستىن يوشۇرۇپ گۆرگە قوشۇپ ئېلىپ كەتسەم بولاتتىمۇ؟ شۇنداق قىلغان بولسام ئۇنى كىم بىلەتتى، كىم مېنى ئاقلاپ، كىم مېنى گۇناھكار ھېسابلايدۇ؟
    ئۇنداق بولسا قۇلاق ئاڭلىيالايدىغان مۇنداق بىمەنىلىك ۋە ساندىراقنى نېمە ئۈچۈن كىشىلەردىن يوشۇرىمەن.بۇ ئەلنى ئەقلىدىن ئاداشتۇرۇپ، ۋۇجۇدىغا ۋەسۋەسە سېلىپ، ئالاتوپىلاڭغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئائىلىلەرنى بۇزۇپ بۆلگەندە ئەۋلادلارنىڭ، گەپنى يەڭگۈشلەپ ئېيتقاندا،بۇ يەرنىڭ ئۈستىدە نەسىل قالدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟ دەپ ئويلىنىپ قالغان، ھەمدە ئەقلىدىن ئازغان ھەر بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىگە خۇدۈك چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ بۇندىن باشقا نېمە قىلغۇلۇق؟ ھېلىقى ئادەم ئاتا، ھەۋۋا ئانىدىن بېرى تەۋەرۈك بولۇپ كېلىۋاتقان ھاياتلىق قېلىپىنىڭ قولدىن كەتكەن تۇراقلىقىنىڭ ئورنى نېمە بىلەن تولدۇرىلىدۇ؟
    كۆپ قېتىم ئۆزۈمگە سوئال قويۇپ كۆردۈم، ھەمدە كۆپ رەت ئۆزۈمگە جاۋاب بەردىم، مەيلى قانداق بولمىسۇن، قانداق ئوي، مەقسەت باشقا كەلمىسۇن ھامىلىنىڭ يوشۇرۇن ستىخېيىسىدىكى ماڭا ئېچىلغان سىرلارنى ئېيتماي تۇرۇشقا ھەققىم يوق. چۈنكى، يەنە قايتىلسام كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ سانى كۆپەيگەندىن كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبى قاچانلا بولمىسۇن ھەددىدىن ئېشىپ تۇرغان ئادەم ھاياتىنىڭ ئىپلاسلىقىنى ۋە قايتىپ كەلمەس ئۆلۈمگە كېتىۋاتقانلىقىنى دۇنيالىق ئاڭ-سېزىمنىڭ تېخىمۇ كۈچەپ سېزىلىشكە باشلىغانلىقىدا، كاسساندرانىڭ تامغىسى بولسا ئانىسىنىڭ قورسىقىدا يېتىۋېلىپ، قىيامەت قايىمنى جاقىلداپ تىترەپ كۈتكەن ھامىلىۋى زاۋاللىقنىڭ ئېچىنىشلىق ئۈنى، شۇنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ ھاياتقا بولغان ئۇنتۇلۇشنى ئۆچۈرىدۇ .
    ئۇنداقتا ھازىرنىڭ ئۆزىدە، ئۆزدەۋرىمىزدە بۇزۇق جەمئىيەتنى، مۇشۇنداق ئەھۋالنى قانداق قىلىپ يوشۇرۇپ يۈرۈشكەبولىدۇ؟ ياق! بولمايدۇ، مۇنداق يوشۇرۇپ قويۇشنىڭ ئۆزى ئادەمزاتىغا قارشى، ئۆزىمىزگە قارشى قىلىنغان قىلمىش بولۇپ چىقىدۇ .
    ھازىر ئۆز ئاڭ، سېزىمىمىزنىڭ يېڭى ئۇچقۇن چاچرىتىپ يېلىنجىشىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. چۈنكى بۇندىن باشقا بىزئۆزىمىز خالىمىغان كۈندە، ھال-ئەھۋالدا ھە! ھامىلە ھاياتلىق بەرپا قىلغۇچى باشلىنىش، بىز-دەۋر، بىز-ئىنسان. مۇشۇنداق بولۇش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىرسىي نۇقىتىدا مەھرۇم قالماي تۇرغىنىمىزغا كۆز يۇممايمىز. ئۇ كېلەچەكتىكى ھاياتلىق دېڭىزىدا مەۋج ئۇرۇپ كېتىۋاتقان سۇ ئاستىدىكى پاراخوتتەك پەقەت ئۆز تەقدىرىنىڭ چۆكمە كۆزىتىش ئەسۋابىدىن ئاچ رەڭ قانغا قارايدۇ. كاسساندرا ھامىلىسىنىڭ چۆكمە كۆزىتىش ئەسۋابىدىن ئۆزىمىزگە قاراپ كۆرسەك بولامدۇ؟ مىجىقىمىزنى چىقىرىپ تۇرغان دولقۇنلارنىڭ سەۋەبكارى ئۆزىمىز بولمىدۇقمۇ؟
    ئويلىسام قورقىمەن، يارالغاندىكى ئۆز پەرزلىرىمىزدىن ئۆزىمىزنىڭ باش تارتقانلىقىمىزنىڭ كاساپىتى ئەشۇ كاسساندرا ھامىلىسى بولۇپ يۈرمىسۇن؟ خۇدانىڭ ياخشى كۆرگەن مەخلۇقى دەپ بىز شۇ ئەھۋالغا يەتتۇقمۇ؟ تەدرىجىي تەرەققىياتنى ھامىلە ۋاقتىدا شۇنداق ئىلھامىي ئۆزگىرىشكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئادەملەر نېمىنى ئىشلەپ، نېمىنى ئويلىشى كېرەك؟
    بۇ شۇندىن بېرى نەچچىلىگەن يىللار، نەچچىلىگەن ئەسىرلەر بويى كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىغا يىغىلغاندەك قانغا يىغىلىپ ئولتۇرۇپ شۇ ئەھۋالغا ئېلىپ كەلگەنلەر ھەققىدىكى نەرسىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۈگۈن بىزنىڭ ھامىلىنىڭ شۇ رىفلىكىس ئىقتىدارى، كاسساندرانىڭ تامغىسىنىڭ ئېكراندا پەيدا بولۇشىنى تېپىشىمىزغا قۇدرىتىمىز يېتىپ تۇرۇۋاتىدۇ. شۇنداق قىلىپ تەقدىرنىڭ يارلىقى بىلەن شۇ تامغىنى تاپقۇچى تاپقۇر نۇرلىرى كائىناتتىن دەپ ئۆزۈم ئىبەرتىۋاتىمەن. شۇڭا بۈگۈن سۆز مەندە، شۇنداق قىلىپ مەن، كائىنات كاھىنى فىلوفېي ئېيتماقچى بولغىنىمنى ئاخىرىغىچە ئېيتماي بولمايدۇ، بۇ مۇقەددەس ۋەزىپەم.
    ھەزرىتىم، ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن كۆپتىن-كۆپ كەچۈرۈم سوراش بىلەن بىرگە ئۆزۈمنىڭ، مۇمكىن بولسا، كۆپ سۆزلۈك مەكتۇپۇمنى ئۇلاپ يېزىشقا رەھىم قىلىڭ.
    كاسساندرانىڭ تامغىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، بىز ئەمدى بۇندىن باشقا نېمە قىلارمىز؟ بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھەقىقەتەندىمۇ بار بولغان ئوچۇقتىن-ئوچۇقلا رېئال چىنبارلىقىنى بوينىمىزغا ئېلىشىمىز كېرەك. بەندە پەيدا قىلغان يامانلىق ئۇنىڭ ئۆمىرىنڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن تۈگىمەيدۇ. ئېڭىكى قىلغان يامانلىقى بىلەن بىرگە تېڭىلمايدۇ، ئۇ ئېرىسىيەتنڭ چىتىر-توقايلىرىدا بىر-بىرىگە ئۇلانغان نەسىلدەك بولۇپ ئاست-ئاستا ھەرىكەتكە كىرگۈچى مىنادەك، پارتلاش ئۈچۈن قەرەللىك ۋاقىت-سائەتنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
    ھېلىقى، ئاستا-ئاستا ھەرىكەتكە كىرگۈچى مىنا ھەققىدە كۆچمە مەنادىكى مىنا ئەمەس، ھەقىقىي مىنا ھەققىدە.... بۇ ئافغانىستاندا سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرىنىڭ رۇسچەКонтингент  (كونتىنگېنت) دەپ ئاتالغان ئەسكەرلىرى شۇ ياققا ئىبەرتىلگەندە بولغان ئىش. ئۇنىڭدىكى ۋەقەلەرنىڭ سىياسىي مۇددىئالىرى بىزگە بەكمۇ مەلۇم. مەن بولسام سوقۇشۇۋاتقان كەلگۈندىلەرنىڭ «مېيىت» دەپ ئاتالغان ھىيلە-مىكىرلەرنى  قانداق قىلىپ ئۇيۇشتۇرغانلىقى ھەققىدە كونكرېت سۆز يۈرگۈزۈپ تۇرۇۋاتىمەن. دۈشمەنلەر ئۆلۈكنىڭ ئالدىغا مەخسۇس ئوقلانغان مىنانى يوشۇرۇپ ئۇلارنىڭ قىشلاقلىرىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك، كۆرۈنەرلىك يېرىگە كۆمۈشىدۇ. Контингент(كونتىنگېنت) لىكلەر بولسا يۈزبېرىدىغان ۋەقەنىڭ ھەممىسىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن تېلېكامىرالىرى بىلەن بۆكتۈرمىدا يېتىشىدۇ. مېيىتنى يەرلىكىگە قويۇش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەر ئۆلۈككە تەگكەن زامات مىنا پارتلاپ كەلگەنلەرنى تۇرغان يېرىدە يوق قىلىدۇ. ۋەقەنى ئەڭ يوقىرى تېخنىكىۋى سەۋىيىدىكى لېنتىدا ھەممە پارچە-پۇرات مەنزىرىلىرىگىچە ئاخىرقى چىمىلدىشىغىچە سۈرەتكە ئېلىشىدۇ. مانا ئۆلگەن بىر ئافغانغا ئايالى يۈگۈرۈپ كەلدى. يېنىدىكىلەر ئۇنى توسۇپ ئالماقچى بولۇشتى، بىراق كۆز ياشلىرى بىلەن چىلىق-چىلىق بولغان ئايال ئۆزىنى ئۇ ئېرىنىڭ ئۆلۈكىگە تاشلىدى. شۇنداق تەرزدە يۈز بەرگەن پارتلاش ئايالنىمۇ، ئۇنىڭ يېنىدىكىلەرنىمۇ يەر بىلەن يەكسان قىلدى. شۇنداق قىلىپ كىشىلەرنىڭ يوق بولغىنى قالدى، شۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى سۈرەتكە ئېلىندى، باشقا بىر سۈرەتتە، رەڭگى رويى تاتارغان بالىلار، ئۇلار يەردە سۇنايلىنىپ ياتقان ئاتىسىنى كۆزلەپ بوتىلاقتەك بوزلىشىپ، يۈگۈرۈپ كېلىشتى، بۇ، يەنىلا بايىقىدەك پارتلاش بىلەن قىزىل قانغا بويالغان بەدەنلىرىنى تەرەپ-تەرەپكە چاچرىتىشتى... يول بويىدا مىدىرلىماي ياتقان مېيتتىن يانداپ ئۆتۈشكە كۆڭلى بارمىغان يولۇچىنىڭ بىرى ئاتتىن چۈشتى «بۇ كىمدۇر؟» دەپ ئېڭىشىپ مۈرىسىدىن قارماپ ئۆرۈپ كۆرمەكچى بولدى، يەنىلا كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك ئوت چاچقان پارتلاش، يەنىلا بايقىدەك ئۆلۈم، بېشى يارىلانغان ئات ئۈركۈپ تاغ قاپتىلىنى بويلاپ دىككاڭىشىپ چېپىپ جۆنەيدۇ. ئۇندىن كېيىن غۇلاپ چۈشۈپ پۇتلىرىنى دىرت-دىرت قىلىپ تېپچەكلەيدۇ، خىرقىرايدۇ. شۇ مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى سۈرەتكە ئېلىنغان، شۇ ئۇسۇلدا «مېيت» ھىيلىسىنى ئۇيۇشتۇرۇش بويىچە جەڭنىڭ ئەڭ جەلپكار يەرلىرى سۈرەتكە تارتىلىپ ئېلىنغان، ئەنە شۇنداق يول بىلەن مۇقەددەس ۋەزىپىنىڭ ئاتقۇرۇلۇشى ھېسابلانغان قايسى بىر قۇماندانلىق شىتابلىرىدا شەرەپلىك نەتىجە تۈرىدە باھالىنىدۇ، لېنتىنى قاراپ كۆرۈشكەن قايسى بىر كىشىلەر تارتىلغان سۈرەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەقسەتلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى دەپ بىلىشتى. بىراق ئېكراندىكى ۋەقەلەرنى كەسپىي قانائەت سەۋەبىدىن كۆرگەنلەر، زادى كىملەر؟ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كىنو لېنتىسىغا تەپسىلىي ئېلىپ ئۆلۈمگە شۇنداق ئازدۇرۇشىنى جىنايەتكارانە ئۇيۇشتۇرغانلار زادى كىملەر؟ نەدىن كەلگەن كىشىلەر؟ ئۇلارنىڭ ئەسلى-ۋەسلىنىڭ تايىنى يوق. ئاتا-بوۋىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكى نائېنىق، پەقەت ئۆتكەن مەزگىلنىڭ قۇملىرىغا سىڭگەن ئىزلارنى ئىزدىگەندەك ئەجدادىنى قىياس قىلىشالايدۇ.
     ئۇنىڭدىن سوئال تۇغۇلىدۇ، قاچان بولسا پايدىنىلا كۆزلىگەن، يەنە تېخى تۈگىمەس مېھرىبالىقتىن ئىنسابسىز پايدىلىنىش بىلەن، دىلىمىزدا ئۈمىد دۇئاسىنى قايتلاتقۇزۇپ ئەڭ مۇستەھكەم گرانت قاتارىدا ئىشەنچىگە ئىگە قىلغان. خۇدانىڭ ئۆزىگە دائىما قارشى ھالەتتە ياشاشقان ئۇلار زادى نەدىن پەيدا بولغان.
    بىزدە تەييار تاپ يامان، يوسۇنلارنىڭ ئۆلگۈر ئىرسىي، مەنبەسىنى قوچۇپ يامراتقانلار نەدىن چىقىشتى؟ نەدىن چىقىشتى؟ ئۇلارنىڭ نەسلى نەدىن؟ ئەلۋەتتە بۇ قۇرۇق سوئال. بىراق بۇ سوئال شادلىقتىن سورىلىۋاتقىنى يوق، شۇنىڭ ھەممىسى نەدىن ئۇلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ياكى تىرىكلا كۆمۈلگەنلەرنىڭ سۆڭىكىنى ئۆڭكۈردە كۆيدۈرۈشكەن ئەۋۋەلىي تارىخنىڭ ئادەملىرىدىنمۇ؟ ياكى ئادەمنى قىيناپ ئۆلتۈرۈش بىلەن ياۋۇزلۇق كېسىلىنىڭ پۇخاسىدىن چىققان، مېڭىسى قوداڭشىپ كەتكەن ئالاجوقىدىنمۇ؟ ھەتتا ياكى باشقا بىرسىدىنمۇ؟ ئۇندىن قالسا مىڭلىغان يىللارنىڭ مابەينىدە يىغىلىپ كېلىۋاتقان جاھىلىيەت بىلەن تاجاۋۇزچىلىقنىڭ شۇ ئاپەتلىك ھاڭلىرىدا كىم سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى ئۇقۇپ ئۈلگۈرەلەيمىزمۇ؟ ئۇنىڭ شۇ پايانسىز تەرتىپ-تىزمەكنىڭ ئىچىدىكى قانلىق تەختىدە ئازادە ئولتۇرغان جاللاتلارنىڭ ئايىغى ئالدىدا شۇنداقلا شۇ جاللاتلار ھەققىدە ياكى بىزگە ئۆز تەجرىبىمىزنىڭ تونۇش ھۆكۈمرانلىقىنى قانچىلىك خۇمارلىنىپ، بېرىلىپ سېغقانسېرى دەھشەتلىك ئىنقىلاب بىلەن ئۇرۇشنىڭ ئوتىنى يېقىپ، پېشايۋانلاردا ۋە مۇنبەرلەردە بۇلبۇلدەك سايرىغان پىرقە-پارتىيىلەرنىڭ جېنىنى ئېلىپ جاڭگالدا قويغان باياناتچىلىرى ھەققىدە قانداقمۇ ئەسلىمەي تۇرالايسەن؟ !
     قانلىق ھۆكۈمرانلىق ئەزەلدىن يامانلىقنىڭ ئۇرۇغىنى ئۈندۈرۈپ چىقىرىۋاتقان چىرىك تۇپراقنىڭ ئۆزى شۇ. ئۇ يامانلىق بىلەن ئالمىشىپ، يەنە بىر ئۇرۇغدىن كېيىنكى بىريامانلىق ئۈچۈن بىخ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ .
    بۇ جەھەتتىن بىزگە كۆپ نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرىپ كېلىۋاتقان دەۋر-ستالىنچىلارنىڭ ياكى ئۇنىڭ تەتۈرسىچە، ھېتلىر ۋە ستالىننىڭ دەۋرى. شام كۆتۈۋۈۋېلىپ ئۆتكەندىكى ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدىن گۇناھلارنى ئىزلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟! ئۇلارنىڭ ئىككىسىنىڭ بىرگە يۇغۇرۇلۇشقان، ئۆز-ئارا مۇجەسسەملەشكەن خۇي-پەيلى ئادەم قېنىنى شۇنچە كۆپ ئاققۇزغان ئىكەن. دۇنياۋى-سەيلەنمە سىتاتسىتىكا تارماقلىرى قانچە ئونلىغان يىللاردىن كېيىن يالماۋۇزنىڭ بەدىنىدىكى ئىككى باشنىڭ بىر-بىرىدىن جان تالىشىپ ئۆلمىگەن يەردە قېلىشى ئۈچۈن بىر-بىرىنىڭ ھەلقۇمىغا ئېسىلغان ھالدىكىدەك پەيدا قىلغان قانلىق دۇنياۋى، ئۆز-ئارا ئۇرۇشقاتارتىلىپ ئۇلارنىڭ كاساپىتىدىن قۇربان بولغانلارنىڭ سانىنى ھېسابلاپ بىلەلمەي ھاڭۋېقىشماقتا. بولشىۋمسىز فاشىزم بولارمۇ؟ ستالىنسىز ھېتلىر ياكى ھېتلىرسىز ستالىن بولارمۇ؟ ئۇلارئايرىم-ئايرىم تۇغۇلۇشقان. بىراق،دوزاقنىڭ بوسۇغىسىدا كىندىكلىرى بىللە كېسىلگەن ستالىن ھېتلىر ۋە ھېتلىر سىتالىن ھەققىدە ئويلانغاندا 20-ئەسىردە ياشىغانلارنىڭ قۇيقا چېچى تىك تۇرۇشىدۇ .
    كىم بىلىدۇ، يورۇق دۇنياغا ياكى ھېتلىر ياكى ستالىن بولۇپ تۇغۇلۇش ۋەھىمىسىنى سەزگەن كاسساندراھامىلىسى كېلەچەكتىكى ئادەمخورنىڭ شۇم ھامىلىسى كاسساندرا تامغىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كېلەچەكتىكى تەقدىرىنى سېزىپ ياتقانلىقى تاشقى دۇنياغا ۋە ھەممىدىن بۇرۇن قورسىقىدا كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئانىسىغا خەۋەرلەندۈرۈشكە ئۆز پەيت-ئۇچرۇسىدا ھەرىكەتلەندىمىكىن، كېلەچەكتە دۇچار بولىدىغان ئاپەتلىك رولىنى سەزگەندە تەشەببۇسكارانە يالت ئېتىپ ئاندىن كېيىن باش تارتقۇسى كەلدىمىكىن؟ !
    ئۇلار يورۇق دۇنياغا كەلگەندە، نېمە ئىشلار يۈز بېرەر، ئېيتىش قىيىن...بۇنداق پەيت-ئۇچرۇدا تارىخنى قايتىدىن ياسىيالمەيسەن دەپ قويىدۇ ئەمەسمۇ؟ شۇنداق بولغاندىمۇ ئۇ سۆزسىزلا بۇنىڭغىچە ئۆتكەن مەزگىللەرنىڭ ھېچبىرسىدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ھايۋانىيلىقنىڭ قانلىق تۇغ چوققىسىغا چىقىش ئۈچۈن ھېتلىر بىلەن ستالىن سىزغان قانلىق ئەگرى سىزىق بويىچە تەرەققىي قىلىش كېرەكمۇ؟ تىرناقلىرى قانغا بويالغان كىندىكداش ئىككى زالىم مىليۇنلىغان ئادەملەرنى ئۆز ئارا جېدەللەشتۈردى. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى يەنە ئىنسانلارنى ئۆز ئارا جېدەلگە سالدى. شۇ چاغدىكى سەييارىنىڭ خەلقى ئالدىدا ئۆزىنى ئۆزى يوقىتىشنى، ئاخىرقى رەت ئادەمنى يىرگەندۈرىدىغان ئىشلارنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ يەنە پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىشىنى مەقسەت قىلىغاندەك ۋەقەلەر يۈز بەردى. ئەگەردە تارىخنى شۇنداق پاسىقلىققا پاتۇرۇۋەتكەن بارلىق سەۋەبلەرنى تېرىپ ئېيتىپ ئولتۇرغۇمىز كەلمىسە ئۇندا ئۆزى بېشىغا ئېلىپ ستالىنىزم بىلەن ھېتلىرىزمنى ئەتىۋارلاپ بېقىپ، پەپىلەپ يېتىشتۈرگەن شۇ چاغدىكى ئادەملەر، شۇ چاغدىكى دۇنياۋى ئاڭ-سېزىم، سۆزسىز، گېپى بولۇپ تۇرغان سۇبيېكتلارنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدە تىترىتىلگەن، دەھشەتلىك زۇلۇم ھالقىلىق ئىشنى نەتىجىلىك ئورۇنلاش ئۈچۈن قانچىلىك لايىق بولغانلىقى ھەققىدە ئويلىسا بولىدۇ.
    ئۆتتى، كەتتى بىر مەزگىل، تارىخ، جەريان ۋە ئاسايىشلىقنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغۇسىز قانچە مۇمكىنچىلىكلەرنى قولدىن چىقارغانلىقىنى ئادەملەر سەگەكلىكنىڭ، كۆز ئوچۇقلۇقنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلىغا ئىگە بولۇپ بىلگەن بولسا، يەنە مەسىلەن: كاسساندرانىڭ تامغىسى ئارقىلىق بەلگە بېرىشكەن، كاسساندرا ھامىلىلىرى ھەققىدە بىلىشكەن بولسا ئىدى-ھە! ئادەمنىڭ قانچە قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى، قانچە بەختسزلىكلىرىنى يۈز بەردۈرمەي ئالدىنى ئېلىشنى ھېچكىم ئېيتالمايدۇ، شۇڭا، ئۆزىنىڭ ئىرىسىي قۇرۇلۇشىنى نېمىنىڭ بوغۇپ تۇرغانلىقىنى ئادىمىزاتى بەكمۇ كېچىكىپ بىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ .
    مانا ئەمدى ھامىلىلەرنىڭ تۇغما ئىقتىدارلىرىنى تونۇپ بىلىش يولىدا يېڭى گەپلەر ئېيتىلدى. بۇ بايقاشلار ئارقىدىن بىزنى مۆجىزىلەر كۈتەمدۇ؟ يوق، ئادەمزاتقا ۋاقتى-سائىتىدىن بۇرۇن بېغىشلانغان ياخشىلىقنىڭ قۇۋۋىتىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتىكى ۋە ئاڭا قارشى يامانلىقنىڭ قۇۋۋىتىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بىراق ئادەمگە مەڭگۈلۈكنىڭ تۈگىمەس-پۈتمەس ھەرىكىتىنى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان ئەقىل ئارتۇقچىلىقى بېرىلگەن، ئەگەر ئادەم ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرىمەن دېسە، ئەگەر مەدەنىيەتنىڭ تۇغ چوققىسىغا يېتىمەن دېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىدىكى يامانلىقنى يېڭىشى زۆرۈر. چۈنكى، ئادەم ئۆمرى پۈتۈنلەي شۇنى يېڭىش ھەرىكىتى بىلەن داۋاملىشىپ كېلىۋاتمامدۇ؟ بىزنىڭ يارىلىشىمىزدىكى ۋەزىپىمىزمۇ شۇ ئەمەسمۇ !
     مانا بىزنىڭ ئۆزىمىزدە بۇرۇن بار بولغانلىقى نائېنىق بولۇپ كەلگەن مەخپىي سىرنىڭ تۈگۈنى يېشىلدى، بۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ بۇرۇن تەلەپ قىلىنمىغان نىشانلىرىغا مۆجىزانە سۇڭگۈپ كىرىش ئەمەسمۇ؟
    شۇنداقمۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. بىراق كاسساندرا ھامىلىسىنىڭ تۇغۇلۇشى بىزنىڭ ھاياتىمىزغا بىز بۇرۇن ئويلاپمۇ باقمىغان بىر خىل يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ،مەن شۇنىڭ ئۈچۈن جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر رەت بۆلگۈم كەلدى .
    كاسساندرا ھامىلىسىنىڭ بەرگەن بېشارىتىگە نەدىن جاۋاب بېرىش كېرەكلىكىنى كىم دېيەلەيدۇ. ئاتا-ئانا نېمە قىلىشى كېرەك، كاسساندرانىڭ تامغىسىغا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەكمۇ؟ ياكى تەتۈرىسىچە قول سىلكىپ، ئېرەن قىلماي ئۆتۈپ كېتىش كېرەكمۇ؟ شۇنداق قىلسا بولارمۇ، چۈنكى ئېغىر ئۇستىخان ئايال تۈن نىسبىدە ئۇخلاپ ياتقاندا بىنورمال دانەك پەيدا بولۇپ قالغان، ھەمدە مەخپىي ئۆچۈپ يانغان، ھەيران قالارلىق نوقۇتسىمان نەرسە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزلۈكىدىن ئۆچۈپ يوق بولغان، پۈتتى! خۇدا بۇيرۇسا شۇنداق تېز ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ. ھەئە! بەلكىم شۇنداق بولسىمۇ بولار، بىراق بەرىبىر مەزگىلى يېتىپ بوۋاق يورۇق دۇنياغا كەلگەندە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئېسىگە چۈشمەي قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ يادىغا يېتىدۇ، ئۇندىن كېيىن ھەر قانداق ئاچچىق قىسمەتلەر يۈز بېرىدۇ، مانا شۇنداق ھەر بىر پەيت-ئۇچرۇدا چاقىرتىلماي كەلگەنلەرنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن يۈرەك سېزىپ بايىقى يالت قىلىپ يوق بولغان داغ ھەققىدە ھەر قانداق ئويلار باشقا كېلىپ ئامالسىزلىقتىن سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ، قىزىق! نېمە ئۈچۈن ئانىلاردا بولۇشىدىكىن؟ ئۇ ئەگەر پەيدا بولسا ئانىلارمۇ ئۇنى ئۆز ئادەملىرىدىن ۋە ئۆزگە ئادەملەردىن يوشۇرۇشىدىغان بولۇشتىمىكىن؟ ئۇلار قانداقتۇر بىر سىرلىق نەرسە سۈپىتىدە ئۇنى ئەسلىمەسلىككە، ئۇنتۇشقا ھەرىكەتلىنىشىدىغان بولۇشتىمىكىن؟ بەلكىم، نېمە ئۈچۈندۇر بالا ئۇنىڭ ئۈچۈن شەك-شۈبھە بولۇپ يۈرمىسۇن، مەيلى بۇ بىز كۆرگەن چۈشتەك غۇۋا، مەيلى ئانىنىڭ سوقۇر-قارىغۇ سېزىمىدە بولسۇن، ئۇندىن باشقا ئۇ بالىنىڭ خۇلق-مىجەزى ئانىغا قانداقتۇر بىر تەسىر يەتكۈزەر بولدىمىكىن، بىراق بۇ سوئاللار بىلەن شۈبھىلىنىشلەردىن بۇرۇنقى ۋە بېرىكى بىزنىڭ بۇ تەرەپتە، ھېلىقى يىراقتىكى گورزىنتال كۆندىلەڭ تەكشىلىكتە ئۇلار خىلمۇ-خىل ۋە ناھايىتى مۇرەككەپ. بۇنداق پەيت-ئۇچرۇدا ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ تۈزدىن-تۈز ياكى ئەگرى-بۈگرى گۇناھلىرى ھەققىدە ئويلاشمايدۇ، دېدىڭمۇ؟ بەلكى، ھەممىسىگە ئۇلار، ئايالى، ئېرى گۇناھكاردۇر؟ مانا ئەڭ قىيىنى شۇ. چۈنكى ئۆزىنى-ئۆزى گۇناھقا پاتۇرۇشتىن ئېغىر ئازاب يوق. مانا شۇ يەردە ئوي-خىيالىمىزنى بۆلۈپ تۇرغان سوئال تۇغۇلىدۇ، نېمە تەسىر قىلىشى مۇمكىن، شۇ ئىشلاردىن ئۇلارنىڭ ھامىلىسى ئاپەت بېشارىتىنى بەرگەنلىكىنى قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؟ ئاتا-ئانىلار مانا مۇشۇلارنى ئويلىشىدۇ. ئۇنىڭ قانداقتۇر بىر سەۋەبلەر بىلەن ھامىلىگە تەسىر قىلغان ھەر قانداق ئامىللارنىڭ قاتارىغا بىئولوگىيىۋى باشلىنىش سۈپىتىدە ئۆزلىرىنىلا ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ تىرىكچىلىكىگە، جەمئىيەتتىكى تۇرمۇشىغا تېگىشلىكنىڭ ھەممىسىنى-ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى، تۆھمەتنى، غورۇرنى، ئېتىقادىنى، ئىش قىلىپ ھەققانىيلىقى قايسى؟ھەققانىيسىزىلىقى قايسى؟ياخشىسى قايسى، يامىنى قايسى ۋە باشقا، يەنە باشقا ھايات چۈشەنچىلىرى كېلىپ چىققان ئادەمزاتىنىڭ تۇرمۇشىنى شەرتلىگەن، قېلىپلاشتۇرغان ۋە قاپچىخايغا قاپسىغان نەرسىنىڭ ھەممىسىنى بىرگە قوشۇپ بېرىشىنى ئەسكە سېلىش قىيىن ئەمەس.
    تېرىكچىلىكتىكى ھەر قانداق كۆرۈنۈشلەرنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى ئۇرۇغنىڭ ھامىلىگە ئايلىنىشى زامان ۋە ماكاندىكى باشلامچى ۋەقە ئىكەنلىكىدىن، بۇ تەبىئەتنىڭ ئەسلى قىياپىتىگە باغلانغان تارىخنىڭ مېۋىسى ئىكەنلىكىدىن كېلىپ چىقتى.
    كاسساندرا ھامىلىسىنىڭ ئىچكى سېزىمى ناھايىتى ئۆتكۈر، كېلەر دەۋرىنى ئالدىنئالا سېزىشى ئۆزگىچە، شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ مۇددىئالىرىنى پەملەپ چۈشىنىش بولسا ھەممە ئىشتىن بۇرۇن بىز سىرتتا ۋە ئىچىمىزدە ئالىتوپىلاڭ پەيدا قىلغان دۇنيانى بىرلا ئۆزىمىزنىڭ پەملەپ چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن سەۋەب بولالايدۇ، بۇ جەھەتتىن ئالغاندا، كاسساندرا مۆھۈرى بەلكىم چىنلىقنىڭ ماھىيىتىگە يېڭىدىن سۇڭگۇشقا، بۇرۇن بىز يېتىشكە مۇمكىن بولمىغان نەرسىنى تاللاشقا تۈرتكە سۈپىتىدە ياراتقان خۇدانىڭ ئەركى بىلەن بولغان كەشپىياتتۇر. شۇ يۇسۇندا ھەر بىر ئادەم ئۆز چۈشەنچىسى ۋە ئىخلاسىغا يارىشا خۇلاسە چىقىرشتا ھەقلىق.
    ئاشۇ خىل ئادەملەرنىڭ بىرى ھازىر ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ.... ھەتتا مەن، كائىناتىي كاھىن فىلوفېي، ئوربېتلىق يەردىن بايقاش يۈرگۈزۈش بىلەن ئېيتىۋاتىمەن. يەر يۈزىدىكىلەرگە مۇراجىئەت قىلىمەن. بىزگە ياراتقان خۇدا ھەدىيە قىلغان ھاياتلىقنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن ئىزلىنىپ كېلىۋاتقان ماھىيەتلىك ئىشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە، بىز ياشاۋاتقان دۇنياغا كاسساندرا ھامىلىسىنىڭ دەسلەپكى يېقىنلىشىشىدا قىيامەتلىك ئۇچرىشىشنىڭ نېمە پەيدا قىلارى ھەققىدە ئويلىناتتى.
    بۇ ھەقتە تۈرلۈك قىياسلار بولۇشى مۇمكىن، ئۇنداق قىياس مەندىمۇ بار. كائىناتىي ئىستانىسىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئىمكانىيىتى ماڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا ھەر قايسى قۇرۇقلۇقلاردىن ئىبەرتلىپ تۇرغان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى قوبۇللاشقا مۇمكىنچىلىك بېرىدۇ. ئوپتىكىلىق ئەسۋابلار يەر يۈزىدىكى يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ھەر قانداق توچكىلاردىن ۋە ھەر قانداق كىچىكلىتىلمە كۆرۈنۈشكىچە كۆرۈشكە مۇمكىنچىلىك بېرىدۇ. كۆز ئالدىمدا يەريۈزىدىكىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ مەنزىرىسى-ئۇ، مەن ئۇنى يەردە تۇرۇپ قارىغاندىكىدىن تېخىمۇ كەڭ كۆرۈنىدۇ، مەن پەقەتلا تاماشا ئۈچۈن ئىلمىي بايقاش يۈرگۈزگەن ئادەم ئەمەس. پروگرامما ھەم كائىناتىي ھەم ئالەمشۇمۇل پروگرامما .مەن بۇ سۆزنى ...مەن ئېيتىشتىن چۆچىمەيمەن، مەن ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئادىمىزاتى ئالدىدا بۈيۈك ۋەزىپىنى زىممەمگە ئالغان تەجرىبىچىمەن، بۇ ئېغىزنىڭ ئۇچىدا ئېيتىپ قويغان سۆز ئەمەس. بۇ ھەقىقەتەنمۇ چىن مەسىلە. شۇڭلاشقا، بولغان چىنلىققا جاۋاب بەرمەي تۇرۇپ گەپ قىلىشقا مەن ئۆزۈمگىمۇ رۇخسەت قىلالمايمەن، تەتقىقاتلىرىم ۋۇجۇدىمىزنى، ئۆزىمىز بەرپا قىلىۋاتقان ئاخىرى زاماننى ئالدىنئالا بىشارەتلەپ بېرىشكە نىشانلانغىنىغا ئىشىنىمەن، مەن مەڭگۈ بىزنى چۇلغاپ ئالغان ئۈزۈمچىلىك بىلەن زىيادە تەقۋادارچىلىقنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزىمىز ئۆزىمىزگە ئېيتالماي كەلگەنلەرنى ئېلان قىلغۇم كېلىدۇ.
    مەن... كاسساندرادىن خەۋەرسىز ئاياللار بىلىشمەيدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى يامغۇر ياغقاندا تالادا قالغاندەك ئىش، ھېلىقى تاپقۇر نۇرلار سالامەتلىككە قىلدەك زىيان كەلتۈرمىسىمۇ، كىشىلەرنىڭ غەمگە سېلىپ تۇرغانلىقىمنى ئويلىغانسېرى جېنىمنى قويغۇدەك جاي تاپالماي كېتىمەن.
    كائىناتىي «تەلەپ» كە جاۋاب سۈپىتىدە كاسساندرا ھامىلىسىنىڭ بەرگەن بېشارىتى دانەك ھالىتىدە كۆرۈنگەن پەيت-ئۇچرۇدا ئۇلارنى خىيالدىن قاچۇرالمىدىم، بۇ تەقدىر، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس، بۇ تەقدىر ھەر بىر ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئېغىر كۈندەك بولۇپ تۇرۇپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بارلىقىنى، جىمىكى قوۋمنى قۇچىقىغا ئالىدۇ، چۈنكى بۇ بالايىئاپەتنىڭ سەۋەبى دۇنياۋى سەۋەب، شۇنى چۈشىنىپ يېتىش ئەھمىيەتلىك.
    خالىساقمۇ، خالىمىساقمۇ كاسساندرا ھامىلىلىرى بىلەن كاسساندرا تامغىسى ھەقىقەتەندە بار نەرسە. بۇ سەۋەبتىن مەن يەر يۈزىدىكىلەردىن بۇنىڭغا دۇچار بولۇۋاتقانلارغا ياكى ئاللىقاچان دۇچار بولغانلارغا ئىچ ئاغرىتىش بىلەن بۇ ھەقتە ئوچۇق بايانات ئېلان قىلىپ، كائىناتىي تەتقىقاتلىرىمىزنى يولدىن ئازماي ئۇلاۋېرىمەن،ئادەملەر ئۆزلىرى ھەققىدىكى چىنلىقنى بىلىشكە تېگىشلىك، خۇدا ئالدىدىكى ۋەزىپەم شۇ، بىراق مانا مۇشۇ بۇرچۇمدىن ئازابلىق غەم-غۇسەم باشلىنىدۇ، مۆھتىرەم ئاتا، ئۇلار ھەققىدە مەن گەپ قىلمىسام بولمايدۇ، شۇڭا مۇشۇلارنى ئوتتۇرىغا سالدىم .
    تەكرارلايمەن، سىرى ئېچىلغان ۋە باياناتى ئېلان قىلىنغان (بايانات قىلىشقا ئۆزى يالۋۇرۇپ تۇرمامدۇ؟) كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ، ئۇنى ئۆز باغرىدا يېتىلدۈرگەن ئانا ئالدىدىمۇ جاۋابكارلىقنىڭ مېنىڭ بوينۇمدا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمەن، چۈنكى، ئۇ ئانا كاسساندرا تامغىسىنىڭ مەناسىنى، ماھىيىتىنى بىلمىگەن بولسابىخەۋەر ياشاۋېرەتتى. ئۇ ئىشتىن باشقا ھازىرمۇ، مانا بۇ كومپيۇتېردا قۇرلارنى يۈگۈرۈتۈپ تېرىپ تۇرغىنىمدىمۇ ئۆتە جان قىيناقتا تۇرۇۋاتىمەن، مۇشۇنداق ئىشنى قىلىشقا ھەققىم بارمۇ ؟دېگەن ئوي مېنى غەم-غۇسسىگە سالىدۇ. ئوربېتا پونكېتىنىڭ ئىچىدە يەر شارى تەرەپكە قاراپ تۇرىمەن، ھاۋاسىز تەڭپۇڭسىزلىققا كومپيۇتېر ئالدىدىن لەيلەپ سۈرۈلۈپ يۈرىمەن، ئۆزۈمنىڭ كەشپىياتى ھەققىدە پۈتكۈل دۇنياغا جار سالغانلىقىمنىڭ توغرىلىقىغا ئىچكى ئىشىنىشىمنى ساقلاپ تۇرغان، مېنى ئالاقىستىپ تۇرغان بىر نەرسىنى ئىزلەپ كۆزلىرىم ئالاڭ-بۇلاڭ بولىدۇ، ئۇنىڭغىچە كۆزۈم كائىناتىي ئىستانىسىسىنىڭ ھوجۇرىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تېلېۋىزىيە ئېكرانىغا تاشلىنىدۇ. ئېكرانلارنىڭ ھەممىسى پارقىرايدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ، ھەر قايسى تىللاردىكى تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى قويۇلىدۇ، مانا يەردىكى ھاياتلىق، يەر يۈزىدىكى تىرىكچىلىك، پۈتكۈل مەناسى، ماھىيىتى ۋە تەكرارسىزلىقى، سان-ساناقسىزلىقى بىلەن قايناپ تۇرىدۇ، ئېلان-سەنئەت ئۇچۇرلىرىدىن تارتىپ تەنھەرىكەت پروگراممىلىرىغىچە، سوت، قانۇننىڭ تەپسىلىي خەۋەرلىرىدىن تارتىپ رەھبىرىي خادىملارنىڭ ئايروپىلان ئىستانىسىسىدىكى ئۇچرىشىشىغىچە ۋە باشقا شۇ سىياقتىكى كۆرۈنۈشلەر مۇكۆرىنىپ تۇرىدۇ .
    مانا مۇشۇنداق يەر شارى مەنزىرىسىنىڭ ئىچىدىن كۆڭلۈمنى قانداقتۇر بىر چۇقان-سۈرەنلەرنى سالغان، تەلۋىلىكى قوزغالغان، كوچىلاردا ئۇيان-بۇيان چېپىپ يۈرگەن نامايىشچىلار ئۆزىگە تارتتى. ئۇلارغا ئەگىشىپ نېمە ئۈچۈندۇر ساقچىلار، زور بىر توپ، شۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار بىلەن بىرگە كېلىشمەكتە، كوچىلارنىڭ ھەممىسى توسۇلغان، ھەممە ياقتىن، شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا ھەم كوچىلارنىڭ ئۈستى تەرەپلىرىمۇ قامال قىلىنغان، ئاچچىقلانغان ئۈنلەر ئاڭلىنىپ تۇرماقتا. ۋەقە بولۇپ تۇرغان يەردىن سۆزلەپ تۇرغان مۇخبىرنىڭ، تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ دىكتورلىرىنىڭ، رىياسەتچىلىرىنىڭ ئۈنى كوچىنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى ۋە قىيقىراشلار ئارىسىدىن ئۈزۈل-كىسىل ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ زادى قانداق يۈز بېرىۋاتقان ۋەقە؟ بەئەينى ئىتالىيە، شۇنچە يىراق بولۇپ تۇرۇپ بۇنچە يېقىن كۆرەلەيسەن، ھەممە يېنىڭدا يۈز بېرىۋاتقاندەك، ئوت چاقناۋاتقان كۆزلەر، قاتتىق، قاتتىق شىلتالغان قوللار، ئاچچىقلىنىپ سۆزلىگەن ئادەملەر، ھەقىقەتەنمۇ سىتسىلىيە ئىكەن. ئالدىراش يېزىلغان پلاكاتلار، شۇ ئىكەندە، ھېلىقى قارا قول پارتىيىسىدىكىلەر ھېلىقى تېررورچىلار، بۇ قېتىم باش سوتچى ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، مۇپەتتىشتىن كېيىن ھەممىسىنى قارىتىپ تۇرۇپ رەھىمسىزلەرچە، ئاياۋسىز ئۆلتۈرۈپتۇ. كوچىنىڭ كىشىلەر دائىم ئۆتىدىغان، ئادەملەرنىڭ ئايىغى بېسىقمايدىغان بۆلۈكىدىكىلەردىن ھەممىسى، سوت ئۆزىنىڭ ساقچىلىرى بىلەن ئاپتوموبىلدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان شۇ دەھشەتلىك مەھەلدە شۇ يەردە بولغانلارنىڭ ھەممىسى، يىراقتىن باشقۇرۇلغان پارتلىتىش بىلەن بىتچىتى چىقىرىلغان ھەم كۆيدۈرۈلگەن كۆرۈنۈش، ھەممىسى «مۇكەممەل» ۋە جىمىكى ئەلنىڭ كۆز ئالدىدا قىلىنغان ئىشلار....
    ئامالسىز قالغان نامايىشچىلار... دەريادەك ئاقماقتا... بىراق، ئۇلارنىڭ قارشى چىقىشقانلىرى كىملەر؟ بۇ كىشىلەر توپى نېمە ئىش قىلالايدۇ؟ بەڭگىلەر، زەھەر بەڭگىلىرى ئىچ-ئىچىدىن بۇئىشلارغا كۈلۈپ قويۇپ ئاشۇ نامايىشچىلارنىڭ ئارىسىدا يۈرۈشكەنلىرى يوقمۇ؟ نامايىش بىر ئىككى سائەتتىن كېيىن يوقىلىدۇ، بىراق قارا قول پارتىيىسى دېگەن ھامىنى قارا قول پارتىيىسى-دە، ئۇلار كارتېل ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى دەپ ئاتالغاندىن باشقا ئىمپېرىيە دەپ سۈرلۈك ئاتىلىپ ئۆز خاھىشلرى، قىزىقىش ،ھەۋەسلىرى بىلەن قېلىۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەس ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئالدىدا پۈتكۈل دۆلەتلەر، قارا قولچىلار، مۇستەملىكىلىرى بار!
    نامايىشچىلار يۈرۈشمەكتە... ئاڭغىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىدە غۇژۇلدىغان تىك ئۇچار پەيدا بولۇپ قالدى-دە، ۋاراقچىلارنى توپ-توپى بىلەن تاشلاپ، دەررۇ ئىمارەتلەرنىڭ دالدىسىدا يوق بولدى، بۇ مېنىڭ كۆز ئالدىمدىمۇ زاھىر بولدى. كىشىلەر باشلىرىغا ياغقان ۋاراقچىلارنى قارماپ ئېلىشماقتا. ۋاراقچىلاردا ئەجەل بەلگىسى بولغان باش سۆڭەك بىلەن قايچىلاشقان مۈچە سۆكەڭلىرى... قارا قول پارتىيىسىدىكىلەر ئازماي-تازماي ئۆلۈم ھەققىدە خەۋەر بېرىشمەكتە. ھەممىسىگە ئۆلۈم قاراقوللارغا قارشى چىققاننىڭ ھەممىسىگە ئۆلۈم!
    كىشىلەر ئاچچىقتىن يېرىلىپ نارازىلىق بىلدۈردى. كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدە ياش. ساقچى كىيىملىك، بېشىدىكى قاسقان شەپكىسى بىر ياققا ئېغىپ، گالاستۇكى چۇۋۇلۇپ كەتكەن ياش چوكانغا كۆزۈم چۈشتى. تېلېكامىرا كۆتۈرۈۋالغان ساقچى ئايالنىڭ تەرىگە قارىغاندا ئۇ ھۆججەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تارتىۋاتسا كېرەك. ئۇ تىك ئۇچارنى سۈرەتكە ئېلىشقا ئۈلگۈردى. بىراق ئۇنىڭدىن نېمە پايدا؟ قارا قوللار ئەخمەق ئەمەس، تىك ئۇچار شۇ زاماتلا قايتىدىن سىرلىنىدۇ ياكى پارچىلىنىپ تاشلىنىدۇ. ئۇلار نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ، ئۇلار بىر نەرسە ھەققىدە قىزغىن سۆزلىشىۋاتىدۇ، مەن ئۇلارنى چۈشىنىمەن، قارا قوللارنىڭ قولىدىن يىلسايىن دۇنيا يۈزىدە قانچىلىغان ئادەملەر ئەجەل تاپىدۇ؟ دېمەيسەن، ئۇلارنىڭ بېشىدىمۇ شۇ قورقۇنچ بار، ھېلىق جۇۋاننىڭ بېشىدىمۇ شۇ قورقۇنچ، بىراق مەن نېمىنى كۆرۈپ تۇرۋاتىمەن، ئۇ ئايال ساقچىنىڭ ماڭلىيىدا ھېلىقى داغ-كاسساندرا تامغىسى !
    ئەنە كۆرۈنۈپلا تۇرمامدۇ! مەن بۇ سۈرەتنى يېقىنلىتىپ چوڭايتتىم-دە، يېڭىلىشىشمىغىنىمغا ئىشەندىم، ئاھ! ياراتقان ئىگەم، ھازىر ساقچى ئايالنىڭ، باشقا ئىش بىلەن كارى بولمىسىمۇ، ھازىر ئۆزى نامايىشچىلار بىلەن بىرگە قارشى تۇرۇپ تۇرغىنىمدا ئۇنىڭ بۇ رەزىل دۇنيانى تېگى-تەكتىدىن قوبۇل قىلماسلىقى ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ كېلەچەكتىكى بالىسىغا ئۆتكەنلىكىنى ئۇ بىلەمدىكىن. ھېلىقى، پاسىقلىقنىڭ بەلگىسى ئۇنىڭ پېشانىسىدە شۇنداق تاپقۇر نۇرلاردا كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ جاۋاب رېئاكسىيىسىنى ئېنىقلاش بويىچە ئوربېتالىق مەيدانلىرىمنىڭ بىرىدىن چىققان ئەمەلىي نەتىجە شۇ.
    مەن ئەگەر شۇ ياكى باشقا بىر كاسساندرا ھامىلىسى بۇيرۇق بىلەن يورۇق دۇنياغا كەلسە، ئۇنداقتا دەل شۇ. ئەڭ تونۇشلۇق، داڭلىق جىنايەتچىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىنىپ ئولتۇرىمەن. كۆپ ئادەمگە، پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئۇ يامانلىق ۋە بالايى-ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، جىنايەت ئىشىغا، ھەممىسىدىن تاشقىرى تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆچمەنلىكنىڭ بوغۇپ تۇرغان يىغىندىسى ئويغاتقان سەۋەبتىن تەرەققىي قىلىپ بارىدۇ، ئۇنى يورۇق دۇنياغا كېلىشكە مەجبۇرلاشمىدىمۇ؟ كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە ياتقاندىكى تۇرمۇشنىڭ جاپالىق باشلىنىشى ھەققىدە ھېچنەرسە ئەسلىمەيدۇ. بىراق، ئۆچمەنلىكنىڭ يىغىندىسى قورقۇنچلۇق ئۈنۈم بېرىدۇ، ياخشى، ئەگەر يولى بولسا، ئەگەر ئۇ يېڭى تۇغۇلغان كاسساندرا كېيىن ئۇنىڭ تەتۈر ئېرسىي كەمتۈكلۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى، ئۇنى يوقاتقۇچى ئەتراپقا تۇشمۇتۇش كەلسە، يامانلىقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھېچقانداق كۈچ چىقىرىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. تاشقىن ئەگىلىپ چايقاپ كېلىپ تاغدىن ئويمانغا ئۆزى دۈگىلەپ چۈشكەن ھالەتتە تەقدىرنىڭ بۇ ئىمتىھاسىمۇ ئۆزلىكىدىن چۆرگىلەپ كەلگەن پېتى يەنە كېتىپ قالىدۇ.
    كاسساندىرا ھامىلىسىنىڭ بەرگەن بەلگىسىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇرۇپ مەن ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ئويلىنىمەن ھەم ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىيىدۇ. ئۇلارنىڭ قولىدىن چىقىۋاتقان نەرسىلەر خۇددىي ئوكيانىيە قىتئەسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوۋچىلىق قورالى بۇمېرانگقا ئوخشايدۇ. بۇ بىز ئۈزلۈكسىز
    پېتىۋاتقان گۇناھىمىزنىڭ توختاۋسىز كۈچىيىۋاتقان قورقۇنچىنىڭ مۇددىئاسىغا ئايلانغىنى دەل بىز ئۆزىمىز، شۇ سەۋەبدىن بۇ بەلگىلەرگە كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ ئۈنىگە يەردە قۇلاقنىڭ پەيدا بولۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ چاقىرىقلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىشى بىلەن قوبۇل قىلىنىشى لازىم. ياق! بۇ كەلدى-كەتتى نەرسە ئەمەس، گەپ ئەبەدىيلىك ھەققىدە كېتىۋاتىدۇ، ئەبەدىيلىك ئۆز- ئۆزىدىن مەڭگۈلۈكتۇر. ئادەم ئەبەدىيلىككە ئۆزى يېتىشى، ئەبەدىيلىكنى ئۇقۇم ھالىتىدىن مىراس ھالىتىگىچە ئۇزارتىپ يەتكۈزۈشى كېرەك، ئۇنىڭ يالغۇز يولى، تەنھالىقى ئەدەب-ئەخلاقىي، ۋىجدانىي تەرەپتىن ئادەمنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، تەرەققىيات جەريانىنىڭ بار بولغۇنى مەپكۇرەنىڭ تېخنىكىۋى يۆلەنچۈكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، كېرەك بولسا غالجىر دىكتاتورنىڭ قولىدىكى يادرو قۇرالى شۇ گېپىمىزنىڭ ئوچۇق مىسالى بولىدۇ دەپ ئېيتساق كەم بولمايدۇ .
    كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ بەرگەن بېشارەتلىرى يەريۈزىدىكىلەرنى ئارامىدا قويامدىكىن؟ ئۇلارنى ئىرسىي جەھەتتىن تامام بولۇشنىڭ، يەنى ئادەمزات مەدەنىيەتنىڭ تامام بولۇشىنىڭ جاكارچىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشارمىكىن؟
    ئېيتالمايمەن، گۇمان بىلەن گاڭگىراش ھەر بىر ئايرىم ۋەقەنىڭ چېكىدە قالىدۇ ۋە كاسساندرانىڭ ھەر بىر بېشارىتىنىڭ يېشىلىشىنى، ئۆز زاۋالىقىنى پەيدا قىلىدۇ دەپ قورقىمەن.
    ئاياللارنىڭ كۆپچىلىكى كۈيەۋلىرى قەتئىي قارشى ئالماس بولۇپ كۆرۈنگەندەك مۇنداق كاساپەتتىن قۇتۇلۇشقا ھەرىكەتلىنىشىدۇ، دەپ چۆچۈيمەن، گېزى كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئەقىل-ھوشىنى تېپىشى ئەڭ قەتئىي چارە سۈپىتىدە ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىش بولىدۇ. ئۇلار بەختسىز كۈنگە قېلىشى ۋاقتى-سائىتىدىن بۇرۇن تونۇلۇپ كەتكەن ئادەم بالىسىنى تۇغۇپ نېمىگە كېرەك قىلىدۇ، ۋىجدانىي ئاقلىنىشنىڭ شۇ ئىكەنلىكى ئېنىق، ئۇنداقلار، يورۇق دۇنيادا ئۇنىڭسىزمۇ ئۇنداق ئادەمزات بالىلىرى ساماندەك تۇرمامدۇ؟ ئۇندىن كېيىن ئۇلارنى، ھامىلە چۈشۈرگۈزگەنلەرنى كىم گۇناھكار ھېسابلايدۇ؟!، كىم؟!، جەمئىيەتمۇ؟!، تارىخمۇ؟!، ۋىجدانمۇ؟! ئىرسىي ۋەھىمە بولۇپ چۆكۈپ قالغان بالايى-ئاپەتنىڭ مەنبەسى جەمئىيەتنىڭ تارىخىدا ۋىجدان بولسا، تۇرمۇش چىنلىقىنىڭ ھەلەكچىلىكى ئالدىدا كۆپ ۋاقىتلاردا قورقۇپ قالىدۇ.
     ھەزرىتى ئۇلۇغۇم، پوزىتسىيەمنى ئىزاھلاپ بېرىشنى ۋەزىپەم دەپ ھېسابلايمەن، ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە توسقۇنلۇق قىلىشنىڭ كاتولىك دىنىي ئېتىقادچىلىرىنىڭ ياقلىغۇچىسى بولۇش بىلەن مەن شۇئەھۋالغا قارىماي كاسساندرا تامغىسى تېپىلسا ھامىلە چۈشۈرۈۋېتىشنى لايىق كۆرگەنلەرنى گۇناھكار ھېسابلىماس ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشنىڭ مۇنداق پۈتۈشى كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ ئۆز ئۇمتۇلۇشلىرىغىمۇ جاۋاب بەرمەك ھېسابلىنىدۇ.
    نەتىجىسىدە بىز ناھايىتى مۇرەككەپ زىددىيەتكە دۇچار بولىمىز، قەتئىي يوسۇندىكى بالا ھامىلە چۈشۈرۈش قىلمىشلىرى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، تەتۈرىچە، دۇنياۋى ئاڭ-سېزىمنىڭ ئۆزەكلىك مەسىلىلىرىنى چوڭقۇرلىتىپ قويىدۇ، ھامىلىنىڭ قىيامەت قايىملىق خۇلاسە قىلغۇچى سەۋەبلىرى قوزغىلىپ چىقماستىن بۇرۇن ئۆز ئورنىدا قېلىۋېرىدۇ. كېلەچەكتىكى ئانا ئويلىماي تۇرالماس قىيىنچىلىقلار مانا بۇلار :
    -ئاچارچىلىق،
    -سىقىنچىلىق،
    -ئاغرىق سىلاقلار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىزمۇ بار،
    -ئۇرۇشلار،
    -ئىقتىسادىي بوھرانلار،
    -ئىجتىمائىي داۋالغۇشلار،
    -جىنايەتكارلىق،
    -پاھىشەۋازلىق،
    -زەھەر بەڭگىلىكى ۋە بەڭگە،
    -مىللەتلەر ئارا سۈركىلىش، ئىرقىي كەمسىتىش،
    -ئېكولوگىيىۋى، ئېنېرگىتىكلىق پاجىئەلەر،
    -يادرو سىناقلىرى، قارا تۆشۈكلەر ...ۋەھاكازالار.
    شۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ ئىككى قولىنىڭ ئىشى. شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئادەم ئۆزى ياراتقان ئادەم بېشىغا چۈشكەن بالايىئاپەتلەرنىڭ ماس قەدەملىرى بوغۇندىن بوغۇنغا كۆپەيمەكتە. مانا شۇنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىمىز قاتنىشىپ كېلىۋاتىمىز، كۆزئوچۇقلۇق،سەگەكلىك بىزنى يارلېۋىدە توختاتتى، كاسساندرا ئۆز تامغىسى ئارقىلىق ئۆزى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ تۇرمامدۇ؟
    مەنمۇ بىر رەت بىلدۈرۈپ قوياي، كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ بەرگەن بېشارەتلىرىنى ئېنىقلاش بويىچە كائىناتلىق تەتقىقاتلىرىمدا «بۇندىن باشقا بىر خىل يوسۇندا ياشاشقا بولمايدۇ، بۇندىن باشقا خىل بولسا نەسلىمىز  قۇرۇيدۇ!» دېگەننى چۈشىنىشكەۋەكىشىلەرنى ياردەمگە چاقىرىشتىن باشقا ھېچقانداق مەقسەت كۆزلەنمىگەن.
    ھەر بىر ئادەم ئۆزىدىن باشلاپ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە، پۈتكۈل «ئادەم» دېگەن نامى بارلار بىلەن بىرگە بالايى-ئاپەتلەرنى ۋە ئىپلاسلىقلارنى يوق قىلغانلار تۇرمۇشنىڭ كېلەچىكىنى يېڭىلىۋالالايدۇ. بۇ قۇرۇق خىيالمۇ؟ چەكتىن ئاشقان خام-خىيالمۇ؟... ياق، بۇ قېتىمقىسى خام خىيال ئەمەس، بۇ جانلىق روھىنىڭ تىرىك قېلىشىنىڭ يولى، باشقا يول يوق .... !
    كاسساندرا ھامىلىلىرىدىن دەررۇ قۇتۇلۇشقا، ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇشقا ھەرىكەتلەنمەي تۇرغان، ئۇلاردىن باش تارتماي تۇرغان شىرمەرد ئادەملەرنىڭ تېپىلىشىغا ئىشەنچىم كامىل، بۇ ئادەملەرگە ھېلىقىدەك پىشانىگە پۈتۈلگەن بەلگە-بېشارەتلەر كۆپ نەرسىلەرنى بىلدۈرىدۇ، ياشاش ھەلەكچىلىكى ئۈچۈن، ئەۋلادلارنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن، بارلىقىنىڭ ۋە ھەر بىر ئادەمنىڭ جاۋابكارلىقىنى، بۇندىن بۇرۇن ھېچقاچان كۆرۈلمىگەندەك، ئادەمنىڭ ئۆزى بىلەن ئۆزى كۈرىشىشى كېرەكلىكىنى، كۈتەرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئۇنداق ئادەملەر ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ، مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن.
    ئەمدى قىسقىچە ئۆزۈم ھەققىدە ئېيتىپ كېتەي، ئەلۋەتتە ھېچكىم چېچىمنى قىرقىپ كاھىن قىلىپ قويمىدى، مەن ئۆزىگە ئۆزى ئىسىم قويغان بەندە، باشقىچە ئېيتقاندا، شەرتلىك تۈردىكى كائىناتنىڭ كاھىنى بولىمەن، ئۆزۈمگە ئىسمىمنى ئۆزۈم تاللىۋالدىم، مۇشۇنداق ئىسىمدىكى كاھىنلار بۇرۇنمۇ ئۆتكەن، مەن كائىناتىي نۇقتىدا بېكىنىپ تەركىدۇنياچىلىقنى ئۆزۈم تاللىۋالدىم، خەلقئارالىق، ئامېرىكان ، ياپون مۇتەخەسىسلىرى ۋە مەن (يېقىنقى ۋاقىتقىچە سوۋېت ئىتتىپاقى زىيالىيسى ۋە كائىناتىي تەجرىبىخانىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىسى بولغانمەن) پروگراممىمىز ئورۇنلانغاندىن كېيىن يەرگە قايتىشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن ئوربېتىلىق ئىستانسىدىن چىقىپ بىزگە ئىبەرتىلگەن كۆپ قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدىغان كائىناتىي «يەتكۈزۈش» ۋەزىپىسى ئۆتەشكە قاتنىشىشتىن باش تارتتىم ھەم بۇ ئەھۋالىم بويىچە بايانات ئېلان قىلدىم-دە، يەككە مۇئامىلىگە ئېرىشىشنى، ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلدىم، ئۇستۇرىنى كېكىردىكىمگە تاقاپ تۇرۇپ خىزمەتداشلىرىمنى ئۆز رايىمغا قويۇۋېتىشكە مەجبۇرلىدىم. شۇنىڭ بىلەن خالىغىنىمغا يەتتىم. ئوربېتىدا يالغۇز قېلىپ تەتقىقاتلىرىمنى ئېلىپ بېرىۋاتقىنىمغا مانا بەش ئاي 137 كۈن بولدى، ئىستانسىدىكى ياشاشقا زۆرۈر بولغان ئوزۇق-تۈلۈك زاپىسى ماڭا بۇ يەردە ئۇزاققىچە ياشاشقا مۇمكىنچىلىك بېرىدۇ «يامان ئۆلمەي ياخشىغا كۈن يوق» دېگەن ماقالدا ئېيتىلغىنى چىن بولىدىغان بولسا بۇ ماڭا دەل كېلىدۇ. پۈتكۈل دۇنيا بويىچە گۈپپىدە يېقىلغان ئىمپېرىيىنىڭ پارچىلىنىشى ماڭا شىپا-داۋا بولدى. مەملىكەتتە قالايمىقانچىلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقاندا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكىلەر يەر يۈزىدىكى خىزمەتلەر بىلەن بولۇپ كېتىپ مەن ھەققىدە ۋە سابىق «شەرق قىزاردى-27» دەپ ئاتالغان ئوربېتىلىق ئىستانسا ھەققىدە گاڭسا-جىساچە ئۇنتۇپ كېتىشتى. ئەمدى ئۇزاققىچە ئېسىگىمۇ كىرىپ قالماسلىقىمدىن قورقىمەن. مېنى ئەمەس ئۆز ھىيلە-مىكىرلىرىنى تاپالماي قېلىشتىمۇئۇلار؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن، ئۇلار بەلكىم يېڭى مەملىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا كائىناتىي مۈلۈكنى ئەقىلگە سىغماس ھالدا بۆلۈشتۈرۈش بىلەن يەنە ئۇزاققىچە ھالەكچىلىكتە تۇرۇشامدۇ، قانداق؟ دەپ قورقىمەن، مانا مەن جايلاشقان ئوربېتىلىق ئىستانسىمۇ ھەتتا كائىناتنىڭ ئۆزىنىمۇ ئۈلەشتۈرۈشەر... ئەسلى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىدى، مەن ئۆز ئىشىمنى تاپتىم يەنە ئادەمىي پەرزنى ئۆتەۋاتىمەن، ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە ئادەمزات مەسىلىلىرىگە جاۋاب ئىزلەيمەن، كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ بەرگەن بەلگە-بىشارەتلىرىنى ئېنىقلاپ بېرىمەن.
     يەردە مېنى كۈتىدىغان ھېچكىم يوق، يورۇق دۇنيادا يېقىن ھېچكىمىم يوق. مەن بىر تاشلاندۇق. بالىلار باغچىسىدە تەربىيىلەندىم. بالىلار باغچىسىنىڭ بوسۇغىسىغا بوۋاقنى تاشلاپ قويۇشقا ئانامنى بەكمۇ چارىسىز شەرت-شارائىت مەجبۇرلىغان بولۇشى مۇمكىن، ئۆز تۇرمۇشۇم ھەققىدە، كائىناتقا چىقىشقا ماڭا نېمە تۈرتكە بولغانلىقى ھەققىدە ھازىر سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن، بۇ ئالاھىدە تېما، ئالاھىدە ھېكايە....
    ھەزرىتى ئۇلۇغۇم، يورۇق يۈزىڭىز ئالدىدا تەزىم قىلىمەن، ئەيىپكە بۇيرۇماڭ، سىز ئارقىلىق ئەلگە مۇراجىئەت قىلغاندىكى يالغۇز ئۆزۈم خالىغان ئىسىم ئارقىلىق كىشىلەر چىنلىقنى بىلسە ئىكەن دېگىنىم.
    فىلوفېي،كائىناتنىڭ كاھىنى، تۇرمۇشتا –Крыльцов ئاندرېي كرىلتسوۋ. ئوربېتىلىق كومپيۇتېردىن رىم پاپاسىغا ئىبەرتىلگەن مۇراجىئەتنىڭ تېكىستىگە قوشۇپ «مۇنبەر» گېزىتىنىڭ تەھرىراتىغا بېغىشلانغان ئىلاۋە تىركەلگەن.
    ھۆرمەتلىك مۇھەررىر :
    سۆھبىتىمىزگە لايىق ھالدا «مۇنبەر» نىڭ تەھرىراتىغا مۇراجىئەت قىلىشنىڭ سىرتتىن ئېلان قىلىش ھوقۇقىنى تاپشۇرىمەن.
    مۇنداق قەدەم باسقۇچقا يېتىپ بېرىش بىلەن «مۇنبەر» دىكىلەرنىڭ قانداق ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ تۇرغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىمەن، باتۇرلۇقلىرىڭلارغا يوقىرى باھا بېرىمەن.
    ئەگەر تەھرىراتتىكىلەر مۇراجىئىتىمگە قارىتا جەلپكار پىكىرلەرنى ماڭا ئىبەرتىپ بەرسە ئوبدان رازى بولار ئىدىم، يەردىكىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىنى بىلىش ماڭا بەكمۇ زۆرۈر. رازىمەنلىك بىلەن، كاھىن فىلوفېي.  Xp ئوربېتىلىق ئىستانسىسى.
    مەنبە: چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ (يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمە قىلغان) «كاسساندرا تامغىسى» ناملىق رومانى
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.