ئۆتەر قۇش نالىسى(چىڭغىز ئايتماتوۋ | قىسسە)

يوللىغۇچى : AORA يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-11 15:20:30

ئۆتەر قۇش نالىسى(قىسسە)①چىڭغىز ئايتماتوۋ(قىرغىزىستان) تاز دېگىنىڭىز ئەڭ ئاۋال، ئەلۋەتتە ئىتدە، ئاۋۇلدىن بىرەر يالغۇز ئاتلىق چىقتى دېگۈچە ئۇ ھازىر ۋە نازىر. ئۇنىڭ ئات تۇياقلىرى ئاستىدىن كۆتۈرۈ...

    ئۆتەر قۇش نالىسى
    (قىسسە)①
    چىڭغىز ئايتماتوۋ(قىرغىزىستان)

     


        تاز دېگىنىڭىز ئەڭ ئاۋال، ئەلۋەتتە ئىتدە، ئاۋۇلدىن بىرەر يالغۇز ئاتلىق چىقتى دېگۈچە ئۇ ھازىر ۋە نازىر. ئۇنىڭ ئات تۇياقلىرى ئاستىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزان ئىچىدە سىزگە ئەگىشىۋالغىنىنى سەزمەيلا قالىسىز. ئەمدى ئۇنى ھەيدەپ كەينىگە قايتۇرماقچى بولىسىز، ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ دوق، پو-پوزىلىرىڭىز بىر پۇل، ئۇ بەربىر كەتمەيدۇ. خۇددى نېمىدىندۇر ھېيىققاندەك، يول چېتىگە چىقىپ ئارقىڭىز دىن لوكىلداپ كېلىۋېرىدۇ. تاز ئىتلار راستنلا غەلىتە مەخلۇق، ئۇلارغا دالا، دەشت بولسا، شاۋقۇن-سۈرەن بولسا، ئادەملەر كۆپ بولسىلا بولدى. ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق پەيتلەرنى كۈتكىنى كۈتكەن؛ ئېھتىمال شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ«ئوۋچى ئىت» دىيىلسە كېرەك...

         ئېلئامان ئىتنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كۆلگىچە يۈگۈرۈپ باردى. ئۇ دەپنە مۇراسىمىدا سويۇش ئۈچۈن مولجاللىغان ئىككى ياشلىق تاي-ناۋاسنى تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، خوتۇن-خالاچ، قېرى-قارتاڭلىرى بىلەن بىللە كېتىۋاتقان ئاكىسى تۇرمانغا قارىشىپ يۈرگەندە، تاز ئىت ئالامانغا يىتىشىۋېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە سەپەرگە چىقىپتۇ. ئۇنىڭ خوشاللىقى ئىچىگە سىغماي ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرەيتتى، يۈگۈرەپ كېتىۋېتىپ ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى ھىدلاپ قوياتتى، تۈگۈلەرنىڭ بوتلاقلىرى ئەتراپىدا سەكرەپ-سەكرەپ، گاھ بىردەم توختاپ قاۋاپمۇ قوياتتى، ئادەملەرنى تېخىمۇ تېز يۈرۈشكە ئۈندەيتتى. ئېلئامان ئىتنىڭ ئېتىنى ئاتاپ، ئالداپ دېگەندەك نەچچە قېتىم چاقىرمىسۇن، بەربىر بىھۇدە ئاۋارە بولاتتى. باشقىلار زاڭلىق قىلىپ تاز دەپ ئىسىم قويىۋالغان بۇ ئىت، ئادەملەرنىڭ ئوۋغا ئەمەس، بەلكى ئالماشنىڭ قوشنا قىشلاقتىكى تاسادىپى ۋاپات بولغان ئون يەتتە ياشلىق سىڭلىسىنىڭ جىنازا نامىزىغا كېتىۋاتقانلىقىنى بۇ ئەقىلسىز ئىت نەدىن بىلسۇن دەيسىز. بۇنى بىيە، ئۆكۈزلەرگە مىنىپ كېتىۋاتقانلار ئارىسىدا چاپقۇر ئاتلىق بىرمۇ ياش يىگىتنىڭ يوقلىقىدىن بىلىۋالسىمۇ بولاتتى. ئىسسىقكۆل ئەتراپلىرىنى ماكان تۇتقان بارچە ئەركەكلەر، جىمىكى ئەڭ ياخشى ئاتلار، قۇرال كۆتۈرۈشكە قۇربى يىتىدىغان قىرغىزمەن دېگەن يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى، ئاشۇ كۈنى بەكمۇ يىراقتا، تاغلارنىڭ ئۇ تەرىپىدە، بۇ يەردىن ئۈچ كۈنلۈك يىراقلىقتىكى تالچۈي ۋادىسىدا باسقۇنچى جۇڭغار لەشكەرلىرى بىلەن جان ئېلىپ، جان بېرىپ جەڭ قىلىۋاتقا نلىقىغا تاز ئىتنىڭ ئەقلى يىتەرمىدى؟!

    مانا بەش كۈندىن بېرى تالچۈي ۋادىسىدىن ھېچ بىر خەۋەر يوق. ئەخمەق ئىت، ساراڭ ئىت-پۈتۈن بىر خەلقنىڭ تەقدىرى نېمە بولىۋاتقانلىقى نامەلۇم بولۇپ تۇرغان بىر پەيتتە، قانداق ئادەم ئوۋ ھەققىدە ئويلىيالايدۇ؟! ئەسلىنى ئالغاندا، ئادەملەرنىڭ غەم-تەشۋىشلىرى ئىت ئۈچۈن بىر پۇل، ئۇرۇش، يېغىلىق، ئۆلۈم، ئومۇمەن ئىنسان بالىسىنىڭ غۇربەتلىرى بىلەن ئىتنىڭ نېمە ئىشى بار؟! قېنى ئىدى، ئۇنىڭ ئالدىدىن توشقانمۇ، تۈلكىمۇ بىرنېمە ئېتىلىپلا چىقسا، تاز ئىت قوغلاپ كەتسە، راسىت، بۇنداق چاغدا ئاتلىقلارمۇ تازدىن قېلىشمايدۇ، جېنىنى جابپارغا تاپشۇرۇپ، ئۆلەر -تىرلىشىگە قارىماي ئولجىنىڭ كەينىدىن ئات سېلىشىدۇ...

    تازنىڭ تاقىتى-تاق بولغانلىقتىن پات-پات غىڭشىپ-غىڭشىپ قوياتتى، گاھى ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، قىسقا-قىسقا قاۋاپ قوياتتى، ئادەملەرنى ئايلىنىپ ھەريان سەكرەپ«بۇنچىلىك ھورۇنلىشىپ كەتمەڭلار»دېگەندەك، ئۇلارنى ئالدىرا شقا ئۈندەيتتى،«تېزراق يۈرۈڭلار» دەۋەتقانلىقى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن، پۈتۈن ۋۇجۇ دىدىن بىلىنىپ تۇراتتى. لېكىن ئىلئامان ئۇنىڭغا تېخىچە ئېتىبار بەرمەيۋاتاتتى. ئىتقا قويۇپ بەرسە، قېنى ئىدى، يىگىتلەر قۇشلارنى قوغلاپ ئات سالسا، ئىزاڭگۇلىرىغا دەسسەپ ئات ئۈستىدە تىك تۇرۇپ قى-چو سېلىشسا، ياۋ كەينىدىن قوغلىغاندەك شاۋقۇن-سۈرەن كۆتۈرۈشسە، پۈتۈن، بارلىق ئوۋچىلار ئەنە شۇنداق زوق-شوق بىلەن ياشىسا. تاز ئىت ھەممىنى ئەنە شۇنداق ئوۋ پەيزىنى سۈرۈشكە چاقراتتى...

    ئاھ! ئادەملەر ئوۋغا ئەمەس، جىنازا نامىزىغا كېتىشىۋاتاتتى. چالۇ-كەمپىرلەر غەم-ئەلەمدىن باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ، قېرىندىشى سىڭغىرباينىڭ كېلىنى ئالما شنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈلپەتلەرگە شېرىك بولۇپ، قېرىنداشلىق بۇرۇچلىرىنى ئۆتەش ئۈچۈن كېتىۋاتاتتى. شۇ سەۋەپتىن قارا تاز ئىت ئۇچارغا(ئۇچار ئۇنىڭ يەنەبىر ئىسمى) ھېچكىم ئېتىبار بەرمەيتتى. شۇم خەۋەر ئۇرۇقداشلار ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر ۋە خەتەرلىك بىر پەيتتە يىتىپ كەلدى. ئۇلار بۇنىڭدىن بار-يوقى ئالتە ئاي بۇرۇن سىڭغىرباينىڭ ھۆرمىتىنى دەپ ئەمەس،-ئاخىر، ئۇ كىم بولدى،-بەلكى ئالماشنىڭ ئېرى، ھازىر تالچۈي ۋادىسىدا دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق جېڭىگە قاتنىشىۋاتقان قويچىمەننىڭ ھۆرمىتى، ئەڭ مۇھىمى ئۇششاق، قاششاق بۆرىلەر ئۇرۇقىنىڭ پەخىرى ، بۈيۈك ئوتاۋساز ئۇستا سىڭغىرباي ئائىلىسىگە كېلىن بولۇپ كىرگەن ئالماشنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن چىشلىرىنى چىشلەپ بۇ ئاۋارىچىلىققا چىداۋاتقان ئىدى. سىڭغىرباي ئاتا بولسا، ئەنە ئۈچ كۈندىن بېرى ئورۇن تۇتۇپ يېتىۋاتىدۇ، چالنى كۆپتىن بېرى يۈرىگى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇدىلارنىڭ سوغۇق خەۋىرى يىتىپ كېلىپ، سىڭغىرباينىڭ كېلىنىنىڭ بىر قېرىندىن تالىشىپ چۈشكەن سىڭلىسى، ئون يەتتە ياشلىق قىز بۇ يۇرۇق دۇنيادىن كۆز يۈمدى. ئوتاۋساز ئۇستا قۇدىلىرىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئۇرۇقداشلىرىنىڭ ئۇدۇمى، دەپ بويىغا يەتكەن قىز بالىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالدىراپ-سالدىراپ چاپىنىنى كىيىپ ماڭدى، ئۇنىڭ ئۆسمۈر ئوغۇللىرىدىن تۇرمان بىلەن ئىلئامان چالنىڭ ئىككى بىلىكىدىن تۇتۇپ، ھويلىدا ئىگەرلىنىپ تەييار بولغان ئات قېشىغا ئېلىپ كېتىۋا تاتتى، سىڭغىرباي ئاتا چېدىر سۈڭگۈچىدىن ئۆتۈشى بىلەنلا يۈرۈگىنى چاڭگاللاپ قالدى، پۇتىنى ئىزاڭگۇغا قويۇشقىمۇ ئۈلگۈرەممىدى. ئاغرىق دەستىدىن ئىڭىراپ ئاتنىڭ يايلىغا ئېسىلغىنىچە، پۈتلىرىنى تىكلىيەلمەي سەنتۈرلۈپ كەتتى.

    شۇنىڭدىن كېيىن، ئۆرپئادەتكە كۆرە، بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى ئۇنىڭ خوتۇنى كىرتالغازەئىفە ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

    كەمپىر، لازىم بولسا ھەممە ئىشلارنى جايى-جايىغا قوياتتى. كىرتالغازەئىفە چالنى ئوغۇللىرىنىڭ ياردىمىدە ئۆيگە ئېلىپ كىردى، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ ئورنىغا ياتقۇزدى ۋە ئۇستىغا دېدى:

    -ئۇستا، قۇدىلارنىڭكىگە جىنازا نامىزىغا بارالمىسىڭىز، خۇدا كۆرۈپ تۇرۇپتۇ، ئۆزى كەچۈردۇ. بۇ ئىشنى ماڭا تاپشۇرۇڭ، سىزدىن كېيىن بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى ئەمدى مەن، ۋاقتى كېلىپ بوزئۆي ئۇرۇقىنىڭ ئۇرۇق ئانىسى ھەم مەن بولىمەن. ماتەمدە يىغلاش ئۈچۈن بوز ئۆيلۈكلەرگە مەن باش بولۇپ بارسام، قۇدىلار خاپا بولۇشماس، ھازىر خاپا بولۇشنىڭ ۋاقتى ئەمەسقۇ، تالچۈي ۋادىسىدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋا تقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ؛ ئوغۇللىرىمىز غەلبە بىلەن قايتالامدۇ، بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. ھازىرچە ھېچ بىر خەۋەر يوق، ھەممەيلەن يۈرىگىنى بېسىپ تۇرۇپتۇ. سىز خۇدادىن تەن ساقلىق سوراڭ،جەڭ قىلىۋاتقانلارغا ئامەت تىلەڭ! ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ ،سىز بوزئۆيلۈكلەرنىڭ باشچىسى سىز، مەن ئۈچۈن بولسا ئۈچ بالىنىڭ ئاتىسى، ئەڭ ئۇلۇغ ئادەمسىز مانا شۇ يىتەرلىك. مېنىڭ بۇ ئىشنى ئورۇندىيالىشىمغا ئىشىنىڭ. ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ، يېتىڭ ئىلئامان سىزگە قارايدۇ، بىز ھەممىمىز يولغا چىقىمىز.

    شۇنداق گەپ-سۆزلەر بولۇپ ئۆتتى. بۇ گەپلەردىن كېيىن چىرايى تاتارغان، پىشانىسىنى تەرباسقان ئوتاۋساز ئۇستا سىڭغىرباي بېشىنى ياستۇقتىن كۆتۈرمەستىن ئاڭلىنار-ئاڭلانماس دېدى:

    -دېگەنلىرىڭ توغرا كەمپىر، مەن بارالمىغاندىن كېيىن سەن بېرىشىڭ كېرەك، سەن بوزئۆيلۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەگەشتۈرۈپ بارغىن. كېلىنىمىز ئالماش قېر ىنداش-ئۇرۇقلىرى ئارىسىدا يالغۇزچىلىق تارتىپ قالمىسۇن، نېرىدىن يىغلاپ بېر ىڭلار ھەممىسى ئاڭلىسۇن، بوز ئۆيلۈكلەرنىڭ يىغلىغانلىقىنى خەلق بىلسۇن. ئاۋاز ىڭلارنى كۆتۈرۈپ شۇنداق غەۋغا كۆتۈرۈڭلاركى، قۇدىلىرىمىز كىئوغلى قويچىمەن بىلەن، ئۆلۈم تۈشىگىدە ياتقان مەندەك چوڭ قۇدىسىنىڭ ئاراڭلاردا يوقلىقىنى بىلە لمەيلاقېلىشىسۇن، بىلىپ قويۇڭلار: بىز ھەممىمىز ئىنسان ئىكەنمىز، ئۇرۇش قانچىلىك دەھشەتلىك بولمىسۇن، ئۆلگەنلەرنى ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن دەپنە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك...

    شۇنداق قىلىپ، ئۇششاق بوزئۆي ئۇرۇقىدىن بولغان بالىلىق ئاياللار ۋە چال- كەمپىرلەرنىڭ ھەممىسى يولغا چىقتى. ئۇلارنىڭ قەلبى جۇڭغار ئويراتلىرى بىلەن بولغان جەڭنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بىلەن تۈگەركىن، دېگەن تەشۋىشتە ئىدى. ھەممە ئاشۇ تەرەپتە،تالچۈي ۋادىسىدا نېمىلەرنىڭ سادىر بولىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئويلايتتى: نېمە ئۈچۈن ھېچبىر خەۋەر يوق؟ نېمە ئۈچۈن ھېچكىم ھېچنەرسىنى بىلمەيدۇ؟ ئۇرۇقنىڭ، خەلقنىڭ ئار نۇمۇسنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يىگىتلەر قىرغىنغا يۈز تۇتۇپ كېتىشكەن، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى غەش، ناھايتى چوڭ خاۋاتىرلەر بىلەن يۈرۈپ كېتىشكەن.

    ئۇچارنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ بوينىغا كەمەرنى سېلىش ئىلئامان ئۈچۈن ئاسان بولمىدى. تازنىڭ ئادەملەرگە قوشۇلۇپ قېچىپ كېتىشى ھېچ قانچە گەپ ئەمەس ئىدى-دە، شۇنداقتىمۇ تاز ئىت ئۇچار بوينىدىكى شوينىسى بىلەن ھەدەپ داپشۇ نۇپ، بېشىنى كەمەردىن سۇغۇرۇپ قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇناتتى. لېكىن ئىتنى قويۇپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس، يات جايلاردا تازنى ئاۋۇل ئىتلىرى بوينىدىن بوغۇپ تاشلايدۇ، ئەلۋەتتە، شۇنداق بولىدۇ.

    ئىلئامان ئۇچارنىڭ بوينىدىن تۇتۇپ نېمە دىيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. ئۇ جىنازا نامىزىغا كېتىۋاتقانلارغا«يول بولسۇن»دىيەلمەيدىغۇ تاڭ؟ ئۇنىڭ ئانىسى ئات ئۈستىدە ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ تۇراتتى، ئۇ ئوغلىغا:

    -نېمىشقا سالپىيىپ تۇرۇپ قالدىڭ؟ تېزراق ئۆيگە بارساڭچۇ؟-دېدى قاپىقىنى تۈرۈپ.-ئاتاڭغا ياخشى قارا، ئاڭلاۋاتامسە؟ يېنىدىن بىر قەدەممۇ نېرى كەتمە، ئۇقتۇڭمۇ؟

    ئىلئامان «چۈشەندىم»دېگەندەك بېشىنى ئىرغىتتى. ئۇ ئانىسىنىڭ دېگەنلىر ىنىڭ ھەممىسىنى قىلاتتى.

    ئىلئامان ئانىسىنىڭ بۇغداي ئۆڭ، سەپكۈنلەر بىلەن قاپلانغان غەمكىن يۈزلىرىگە قارىدى، ئۇ ئانىسىنىڭ ھېچقاچان ھازىرقىدەك تەشۋىشكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى زادى ئەسلىيەلمىدى. ئۇ ئانىسىغا قاراپ:

    -كۆرگۈلۈكلىرىمىز بارئىكەن، ئەمدى سىز كېتىۋېرىڭ، بىزدىن غەم يىمەڭ. مەن ئەمدى كىچىك بالا ئەمەسقۇ، تاپىلىغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسنى قىلىمەن. ئاتامدىن بىر قەدەممۇ نېرى كەتمەيمەن. پەقەت قويچىمەن ئاكام ئات ئۈستىدە ئىزاڭگۇسىغا ئاياق تېرەپ سالامەت قايتىپ كەلسىلا بولدى. جەسىدى ئىگەرگە ئارتىلىپ كېلىشمىسىلا بولغىنى. ئاللاھىم، يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ئات ئۈستىدە ئۆزلىرى تىك ئولتۇرۇپ كېلىشسۇن، ئاتقا ئارتىلىپ پۇت-قوللىرى پۇلاڭشىپ كەلمىسۇن، ئاتام بىلەن مەندىن ئەنسىرىمەڭ، سىزنىڭ تاپىلىغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئېسىمدە تۇتىمەن، -دېدى.

    كىرتالغازەئىفە ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ تۇراتتى، يالغۇز ئاياق يولدا قارا تاز ئىتى بىلەن يالغۇز قالغان كەنجىتايىغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قارىدى. دەل شۇچاغدا ئۇنىڭ يۈرىگى توساتتىن «چىم»قىلىپ قالدى:«ئۇ تېخى بالىغۇ، ئاتىسى قانداق بولار، ئاكىسى قويچىمەن ھاياتمىدۇ ياكى ئويراتلارنىڭ نەيزىسىدىن يەرچىشلەپ قالد ىمىكىن؟...»دېگەنلەر خىيالىدىن كەچتى ۋە يەنە «چالىمنىڭ، ئوغلۇمنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار، ھەممە-ھەممىنىڭ، ئەل-يۇرتنىڭ بېشىغا قانداق كۈنلەر چۈشەر؟... »دېگەندەك ئەنەشۇ دەھشەتلىك ئوي-خىياللىرىنى ئوغلىغا بىلدۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۆزىچە غۇدىرىدى:

    -ئوغلۇم ئاۋۇلغا يۈگۈر، سېنى ۋە ئاتاڭنى تەڭرىگە تاپشۇردۇم،- ئۇ ئازراق ماڭغاندىن كېيىن يەنە توختىدى؛-بېرىپلا ئاتاڭغا ھېلىقى ئوتتىن دەملىمە قىلىپ ئۈچۈر...

    -خوپ بولىدۇ، دەرھال دەملىمە قىلىپ ئۈچۈرىمەن،-دەپ ئانىسىغا ۋەدە بەردى ئوغۇل. بۇگەپلەردىن ئانىنىڭ كۆڭلى تولمىدى ئېھتىمال، ئۇ ئوغلىغا دورىنى قانداق تەييارلاش يوللىرىنى چۈشەندۈرۈپ كەتتى:

    -ئوتنىڭ ئۈستىگە ۋاراقلاپ قايناپ تۇرغان قايناقسۇنى قۇيۇپ دەملەپ قويىسەن، سەل سۇۋىغاندىن كېيىن ئاتاڭغا ئۈچۈرىسەن، تەرلىگۈچە ئىچسۇن، شۇنىڭدىن كېيىن ئاتاڭنىڭ كۆكرىگى بوشاپ يەڭگىللەپ قالىدۇ. مېنىڭ گەپلىرىمنى ئۇقتۇڭمۇ، چۈشەندىڭمۇ؟-دەپ قايتا-قايتا سورىدى كىرتالغازەئىفە ئوغلىدىن.

    ئوغلىنىڭ ئۆزى ئېيتقان سۆزلەرنى چۈشەنگەنلىكىگە ئىشەنچ ھاسىل قىلغان ئانا، ئۆزىدىن خېلىلا ئۇزاپ كەتكەن ھەمراھلىرىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ئېتىغا قامچا سېلىپ كۆل بويىغا قاراپ كەتتى. لېكىن سەل ئۆتۈپ، ئانچە ئۇزاققا بارماي ئات ئۈستىدە ئۇياق-بۇياققا ئەلەڭلەپ قاراپ، ئېتىنى توختىتىپ ئاتتىن چۈشتى:

    -ئىلئامان بۇياققا كەل بالام!-دەپ ئوغلىنى چاقىردى،-ئاتنى تۇتۇپ تۇر، مەن كۆلگە سېغىنىۋالاي، قېنى يۈر.

    كەمپىر شۇنداق دېدى-دە، كۆلگە قاراپ سالاپەت بىلەن ئالدىرىماي تەنتەنىلىك قەدەم تاشلىدى. شاماللار ئۇچۇرۇپ تۈرۈم-تۈرۈم ئېرىقچە ھاسىل قىلغان پاكىز قۇم ئۈستىدە ئالدىرىماي ماڭدى. ئۇنىڭ يۈزى بېشىدىن ئارتىلدۇرۇپ، زىڭاقلىرىغىچە ئوراپ چىگىۋالغان ئاپئاق ياغلىقتىن ئاران-ئاران كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كەمپىر مۇنداقلا قارىغاندا تېخى ياشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما چېكىلىرىدىن ئاق چاچلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ تەنلىرىمۇ بىجىرىم، ھەتتا خۇشپىچىم ئىدى. ئۇ ئالماشنى كېلىن قىلىپ ئۆيىگە ئەكىرگۈچە ئۆينىڭ پۈتۈن تىرىكچىلىكىنى بىر ئۆزى يالغۇز قىلاتتى. تۆت ئەركەك-ئۈچ ئوغلى بىلەن ئېرىگە قاراشنىڭ ئۆزى ئاجايىپ باتۇرلۇقتە، ئۆي ئىشلىرىدا بولسا، ئەركەكلەرنىڭ پايدىسىدىن زىينى كۆپرەك.

    ئۇ كۆل بويىدىكى يۇمشاق قۇمدا ئاستا ماڭاتتى. شۇ تاپتا ئۇ دۇنيا ۋە ئائىلە تەشۋىشلىرىنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنۇتقاندەك، كۆلگە قاراپ قانداقتۇر بىر ھاياجان ۋە روھىي كۆتۈرەڭگۈلۈك بىلەن، بوش مەۋىج ئۇرۇپ تۇرغان كۆل سۈيىگە، يىراق-يىراقلاردا بوزىرىپ تۇرغان قارلىق چوققىلارغا، تاغ ئېتەكلىرىدىكى خىرە بۇلۇ تلارغا نەزەر تاشلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەم ئۈچۈن ماكان قىلىپ يارىتىلغان بىر كەڭ دۇنيا، ئىلاھ كەبى قۇدرەتلىك. ئۇنىڭ يەردىكى تىمسالى كەبى ھايات بەخىش دۇنيا ئەينىكى، بەنى بەشەر ئەنە شۇدۇنيا ئىزمىدا بولۇپ كەلگەن.(ئادەم ئەلە يھىسسالام يارتىلغاندىن باشلاپ دۇنيا ئەنە شۇ كۆرۈنۈشتە بولۇپ كەلگەن).

    كىرتالغازەئىفە يىنىك دولقۇنلىنىپ، بۇژغۇن چىقىرىپ تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان كۆل سۈيى ساھىلغا سۈرۈپ چىققان ئۇششاق شېغىللار ئۈستىدە توختىدى. ئىلئامانمۇ بىر قولىدا ئاتنى يىتىلەپ، يەنە بىر قولى بىلەن تازنى تۇتۇپ ئانىسىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئانا تىزلىنىپ ئولتۇردى، ئوغلىمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تىز چۆكتى. شۇ نىڭدىن كېيىن، كەمپىر كۆلگە قاراپ ئالدىرىماي، ئاستا پىچىرلاپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى:

    -ئەي ئىسسىقكۆل، سەن يەرنىڭ كۆزى سەن، سەن ھەمىشە ئاسمانغا قاراپ تۇرىسەن. مەن ساڭا ئىلتىجا قىلىمەن، سەن مەڭگۈ مۇزلىمايدىغان ئىسسىقكۆل سەن، مەن كۆككە، تەقدىر ھاكىمى بولمىش تەڭرىگە مۇناجات قىلىمەن، تەڭرى سېنىڭ قىرغاقلىرىڭغا نەزەر تاشلىغاندا مېنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىمنى بىلىۋالىدۇ.

    ئەي تەڭرى، خەتەرلىك ۋە دەھشەتلىك دەملەردە، ئويراتلارغا قارشى كۆرەشتە، بىزگە كۈچ-قۇۋەت ئاتاقىل! تاغلاردا سېنىڭ نېمەتلىرىڭدىن بەھرىمەن بولۇپ، يايلاقلاردا، ئوتلاقلاردا چارۋا-ماللارنى بېقىپ كۈن كەچۈرىدىغان ئاتلىق ئايماقلىق قىرغىز خەلقىنى ئۆزەڭ ئاسرا. بىزنىڭ ئوچاقلىرىمىز ئوتىنىڭ ئويرات ئاتلىرىنىڭ تۇيا قلىرى ئاستىدا ئۆچۈپ قېلىشىغا يول قويما، ئادىل بول، دەھشەتلىك رەھىمسىز جەڭدە غەلبىنى بىزدىن دەرىغ تۇتما. ئاشۇ ئانا تاغلارنىڭ ئارقىسىدا، تالچۈي ۋادىسىدا نېمىلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز. دەھشەتلىك قىرغىن بولىۋاتقان جەڭ مەيدانىدىن ھېچ بىر خەۋەر يوق، كۈتىۋېرىپ كۆزۈم تىشىلدى، يۈرىگىمىز ئېقىپ تۈگىدى. نېمە بولىۋاتىدۇ؟ ئەتە بىزنى نېمىلەر كۈتىۋاتىدۇ؟ تەڭرىم، دۈشمەن بىلەن ئاياۋسىز جەڭ قىلىش ئۈچۈن كەتكەن يىگىتلەرنىڭ جانلىرىنى ئامان ساقلا، بىزگە ئۇلارنى ئىگەر ئۈستىدە كۆرۈشنى نىسىپ قىل، يىگىتلەرنىڭ جەسىدىنىڭ ئاتلارغا ئارتىلىپ كېلىدىغان كۆرۈنۈشىنى كۆرسەتمە ئىلاھىم؛ ئەي تەڭرىم، مېنىڭ ئىبادىتىمنى ئاڭلا، مەن ئۈچ ئوغۇلنىڭ ئانىسى مەن...

    ئىلئامان تىزچۆكۈپ بىر قولى بىلەن تاز ئۇچارنىڭ بوينىدىكى كەمەرنى سىقىمداپ، يەنە بىر قولى بىلەن يولدار جىرەن بىيىنىڭ تىزىنى قۇچاقلاپ تۇراتتى. ئۇ كۆل يۈزىنىڭ خۇددى نەپەس ئېلىۋاتقاندەك بىر پەسىيىپ، بىر كۆتۈرلۈپ تۇرغان قارامتۇل سۇ يۈزىگە دىققەت بىلەن نەزەر تاشلىدى. پايانسىز كۆلنىڭ تېگى تېپتېنچ تۇرغاندەك قىلاتتى، ئەمما سۇ يۈزىدە كۆتۈرۈلگەن دولقۇنلار خۇددى جان كىرىپ قالغاندەك توختىماي يۇلقۇناتتى. ئۇزاققا سوزۇلغان قىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرى، ئىللىق باھارنىڭ باشلىرىدا ئىسسىقكۆل ساھىلى چۆلدەرەپ قالغاندەك تاپتاقىر ئىدى. توقايلار سىپ-سىدام، قۇرۇق ئوت-چۆپلەر پەيزىسىز! كۆل ئەتراپىدا نە بىر ئوتاۋ –ئۆي، نە بىر ئاتلىق كۆرۈنمەيدۇ، نە بىر يېشىللىق. پايانسىز دالىلاردا نەبىر مال-پادىلىرى...

    بىراق، ئىسسىقكۆل بويىدا قىش‍لاپ قالغان پەسىل قۇشلىرى(ئۆتەر قۇشلار) باھار ھىدىدىن يېڭى بىر ماكانغا يول ئېلىش پەيتىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى سېزىپ، كۆل ئۈستىدە توپ-توپ بولۇپ ئۇچۇشقا باشلىغان ئىدى. چوڭ-چوڭ توپ بولۇپ ئۇيۇشقان قۇشلار تاغ ئېتەكلىرىنى بويلاپ پەرۋاز قىلىپ، تېز ئۇچۇش مەشىقى قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. قايسى تەرەپكە قارىماڭ، قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازلىرى باھار ھاۋاسىدا يىراق-يىراقلارغا تارقايتتى.

    مانا، يېقىنلا يەردىن بىر توپ قىزىل ئاياقلىق، كۈلرەڭ غاز توپىنىڭ شىددەت بىلەن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىگى كۆزگە چېلىقتى. غازلار تەرتىپسىز شاۋقۇن كۆتۈرۈپ، ئاۋازلىرىنىڭ بارىچە غاقىلداپ شۇنداق پەس ئۇچۇپ ئۆتتىيكى، ئۇلارنىڭ قانات پەيلىرىنىڭ شىپىلداشلىرىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

    ئىلئامان كۆل ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن بىر نەچچە توپ ئۆتەر قۇشلارنى كۆردى. بۇلار غازلارمۇ، ئۆردەكمۇ، ئاققۇلارمۇ ياكى ئۇزۇن ئاياق، ئاق باشلىق قىزىل غازلارمۇ -بالا بۇنى پەرىق قىلالمايتتى. چۈنكى بۇ قۇشلار بەكمۇ يىراقتا، ئاسمان قەھرىدە توپ-توپ بولۇپ ئۇچاتتى، پەقەت بەزىدە ئۇلارنىڭ غىچ-غىچ قىلىپ سايراشلىرى ئېنىق ئاڭلانسا، بەزىدە خىرە-شىرە ئاڭلىناتتى. بۇنداق چاغلاردا،«دېمەك بۇ قۇشلار ئەتە يا ئۆگۈن ئۇچۇپ كېتىدۇ»-دەپ ئويلاپ قالاتتى بالا. ئانا بولسا، دىلىدىكى پۈتۈن دەردىنى ئېيتىپ، جان-جەھلى ۋە ئىخلاس بىلەن كۆك تەڭرىگە تەۋەللا قىلاتتى. ئۇ كۆك تەڭرىدىن ئېرى-بۈيۈك ئوتاۋساز سىڭغىربايغا رەھىم- شەپقەت قىلىشنى ئۆتۈنەتتى. چۈنكى ئۇستىنىڭ دەردى كۈچىيىپ بېرىۋاتاتتى، ئۇ بۈگۈن ھەتتا ئاتقىمۇ مىنەلمىدى.

    -تەڭرىم، ئاتىمىز، قولى گۈل ئۇستىنىڭ جېنى ئامان قالسا،-دېدى ئۇ.- بىز نىڭ دىيارىمىزدا ئوتاۋساز سىڭغىرباينىڭ قولى بىلەن ياسالمىغان بىرمۇ ئوتاۋنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە قانچە ئوتاۋ ياسىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ! ئاخر، ھېچكىم باش پاناھسىز ياشىيالمايدىغۇ-ياشمۇ، قېرىمۇ، كەمبە غىلمۇ، بايمۇ، قويچىمۇ، ئاتباقارمۇ؟...

    ئۇ تەڭرىدىن يەنە نەۋرىلەرنى سورىدى، قانچىدىن-قانچە ئىلتىجالارقىلد ى...ئاخر، ئادەمنىڭ ئارزۇ-ھەۋىسى، دەرت-ئەلىمى كەم دەمسىز بۇ دۇنيادا... قارد ىن چايشاپ يېپىنغان قارلىق تاغلار، ئاسمانغا كۆز تىككەن كۆپ-كۆك كۆل سۈيى، جانلىق مەخلۇقتەك تىنىمسىز دولقۇنلىناتتى، ئاز-ئازدىن پەيدا بولۇپ، يەنە قايتىپ يوقۇلىدىغان يۇغان، ئېرىنچەك دولقۇنلارنى ئۆز باغرىدا ئەركىلىتەتتى. شۇ تاپتا بۇ ئابى ئامبارچىسى ئۇممان يەڭلىغ بوران پەيدا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈچ يىغىۋا تقاندەك ئىدى. ئەمما، ھازىرچە بولسا سۈزۈك كۆل سۈيى ئۈستىدە، باھار قۇياشىنى ئەمگەن زىلال سۇلار ئۈستىدە دۇنيا بويلاپ يېڭى ۋە ئۇزاق، خەتەرلىك سەپەرگە ئاتلىنىدىغان پەيتنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ئۆتەر قۇشلار ھامان يۈكسە، كلىكتە قانات قاقاتتى، ھامان پۈتۈن ئاۋازى بىلەن جار سېلىپ ئاسماننى بېشىغا كىيەتتى. ئانا بولسا ھامان ئەستايدىل ھالدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇناجات ئوقۇ يتتى:

    -تەڭرىم، ئاڭلا، ئۆزەمنىڭ ئاپئاق ئانا سۈتۈم ھۆرمىتى بىلەن يالۋۇرۇپ ئۆتۈ نىمەن! ساڭا، بۈيۈك ھاكىمى تەقدىرگە-كۆك تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىش ئۈچۈن بىز بۇ يەرگە، سنىڭ يەردىكى كۆزۈڭگە –مۇقەددەس ئىسسىقكۆل بويىغا كەلدۇق. مانا مەن، مېنىڭ يېنىمدىكىسى ئوغلۇم ئىلئامان-مېنىڭ كەنجىتايىم، ئەمدى مەن نە ياخشى، نە يامان پەرزەنت تۇغالمايمەن، پەقەت سەندىن تىلەيدىغىنىم شۇكى، مېنىڭ ئەركىتايىمغا ئاتىسى سىڭغىرباينىڭ ئۇستىلىقىنى بەر، ئۆزىنىڭمۇ ئۇستىلىققا ئېپى بار...كەنجىتايىم ئاكىسى قويچىمەنگە ئوخشاش «ماناس»ئېيتماقچى. بۇ ئىلتىجايىمنىمۇ ئىجاۋەت قىل، ئەڭ ئاۋالقى ۋە ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك سۆز نىڭ قۇدرىتىنى ئاتا قىل، ئاشۇ سۆزلەر يىلتىز تارتقاندەك ئۇنىڭ جان ۋە تېنى بىلەن چىرمىشىپ كەتسۇن، ئۇ ئەجداتلاردىن ئەۋلادلارغا ئۆتىدىغان، ئۆز بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرىگە قالىدىغان ئۇ سۆزنى ئاسىراپ ئاۋايلىسۇن، ئەجداتلار قىرغىز نامىنى ئالغان دەۋىردىن يىتىپ كەلگەن سۆزنى ئۆزىدە جارىي قىلالايدىغان كۈچ-قۇدرەت بەر ئۇنىڭغا...

    مەن ئۈچ ئوغۇلنىڭ ئانىسى مەن، تەڭرىم، مېنىڭ ئىلتىجايىمنى قۇبۇل قىلغا يسەن، ئادەم بىلەن ھەمىشە يانمۇ-يان ياشايدىغان تىلسىز مەخلۇقلار، ئوغلۇمنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرغان ۋە مانا مەن دېگەن يىرتقۇچنى قوغلاپ يىتىدىغان بىزنىڭ تاز ئىتىمىز ئۇچارمۇ، ئوغلۇمنىڭ چەپ تەرىپىدە تۇرغان، بىر قېتىممۇ قىسىر قالمىغان جىرەن بىيىمۇ بىز بىلەن بىللە سەندىن ئۆتۈنۈپ تىلەيدۇ...

    ئانىسى گەرچە پىچىرلاپ، ئاڭلىنار-ئاڭلانماس ئاۋازدا مۇناجات قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىلئامانغا شۇنداق تۇيۇلدىيكى،  ئانىنىڭ سۆزى ھەممىنى سېھىرلەپ قويغان جۇشقۇن خىتاپقا ئوخشاش پۈتۈن كۆل بويىنى بويلاپ ياڭرايتتى، ھەممە تەرەپكە يېيىلىپ تارايتتى. گويا ئۇنىڭ سۆزلىرى كۆل ئەتراپىدىكى تاغلاردا «تەڭرىم سۆزلىرىمگە قۇلاق سال، مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلا!...»دېگەن تەشۋىشلىك ۋە ئېنىق ئەكىس سادا بېرەتتى.

    ئىلئامان ئانىسى ئاتقا مىنىپ، كۆلنىڭ يىراق جىيىگىدە كىچىككىنە توپ بولۇپ يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان ھەمرالىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئالدىراپ ئات چېپىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، سۈيۈملۈك تېزى ئۇچارنى قولتۇقلىغىنىچە خېلى ۋاقىتقىچە تۇرغان يېرىدە تۇرۇپ قالدى. بالا ئاشۇ كۈنى كۆل بويىدا ئانىسى تەڭرىگە ئىلتىجا قىلغان ئاشۇ ۋەقەلەرنى ئۆمرىدە بىر-ئىككى قېتىملا ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن قېتىم ئەسلەيدىغانلىقىنى، ئانىسى تەڭرىدىن ئۇنىڭ بۈيۈك ماناسچى بولۇشىنى تىلىگىنى ئۈچۈن، شۇنىڭ شاراپىتى بولسا كېرەك، خەلق ئۇنى «ماماقالدىراقتەك گۈلدۈرلىگەن ماناسچى ئىلئامان»ئاتاشقانلىقى ئۈچۈن تەقدىردىن رازى بولىدىغانلىقىنى تېخى بىلمەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ياشلىق دەۋرىنىڭ ئويراتلارنىڭ باسقۇنچىلىق يىللىرىغا توغرا كېلىپ قالىدىغانلىقىنى، قىرغىزلارنىڭ«ماناس»نى ئىلئامان ئىجراسىدا دالدىلارغا يۇشۇرنۇۋېلىپ، يىغلاپ ئاڭلايدىغانلىقلىرىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈشمەيتتى. ئىلئامان «ماناس» ئېيتىشقا كىرىشىشتىن ئاۋال ئانىسىنىڭ كۆل بويىدىكى دۇئاسىنى ئەلۋەتتە ئەسلەيدىغانلىقىنى، ماناسچى ئوغلى ئىلئاماننى يۇشۇرغانلىقى ئۈچۈن ئانىسىنى ئويراتلارنىڭ ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى، داستاننىڭ يۈرەكتىن چىققان باشلانمىسى ئىلئامان ئۈچۈن ھەم تەسكىن، ھەم خەلقنىڭ روھىي بۈيۈكلىكى، خەلقنىڭ مەڭگۈلۈكلىگى كۈيلەنگەن سۆزنىڭ گۈزەللىگى ۋە تېرەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلاپمۇ كۆرمىگەن ئىدى. ئۇ «ماناس»نىڭ ئىلئامان ئېغىزىدىن چىققان تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئادەملەرنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى قۇلاققا ئايلىنىپ، نەپەس ئېلىشنىمۇ، ئۆزلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى:«قىرغىزلار، قىرغىزمىز، ھەممىمىز نىڭ بۈيۈكى ماناس ھەققىدە سۆز ئاچاي. ئاشۇ كۈنلەردىن تا شۇ كۈنلەر گىچە قانچە كۈنلەر قۇمدەك ئېقىپ كەتتى،سان-ساناقسىز تۈنلەر قايتىپ كەلمەستىن بىر- بىرىنى قوغلاپ، ئەسىرلەر ۋە يىللار كارۋىنى پايانسىزلىقتا ئىزسىز يوقالدى... بۇ دۇنيادا ئاشۇ كۈنلەردىن بۇيان قانچە جانلار كېلىپ-كەتتى، دۇنيادا قانچە تاش بولسا شۇنچىلىك ئادەملەر، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئادەملەر كېلىپ-كەتكەندۇ. ئۇلار ئارىسىدا بۈيۈك كىشىلەر، كۆپۈنچە، كىشىلەر تونىمايدىغان كىشىلەرمۇ بار ئىدى. بۇ دۇنيادىن ياخشى ئادەملەرمۇ، يامان ئادەملەرمۇ ئۆتتى. قامىتى تاغدەك بۈيۈك پالۋانلارمۇ، يولۋاسقا تەڭ باھادىرلارمۇ بارئىدى، ئەللامە دانىشمەنلەرمۇ، قولى گۈل ئۇستىلارمۇ ئۆتتى، قانچە خەلقلەر كېلىپ-كەتتى، پەقەت ئۇلارنىڭ ناملىرىلا قالدى. ئاخشام بار نەرسە بۈگۈن يوق. بۇ دۇنياغا ھەممە كېلىدۇ ۋە كېتىدۇ. بۇ دۇنيادا پەقەت يۇلتۇزلارلا مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدۇ، ئايغا قاراپ ئالەمنى مەڭگۈ كېزىدۇ، پەقەت مەڭگۈلۈك قۇياشلا مەڭگۈ شەرقتىن چقىدۇ، پەقەت يەرلا ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئەبەدىي تۇرىدۇ. يەردە پەقەت ئادەملەرنىڭ خاتىرىسى ھەممىدىن ئۇزاق ياشايدۇ، ئادەمنىڭ ئۆمۈر يولى بولسا قىسقا، قاش بىلەن قاپاق ئارىسىدا، ئادەمدىن ئادەمگە ئۆتىدىغان پىكىرگىنە مەڭگۈلۈكتۇر! ئەۋلادلاردىن ئەۋلادلارغا قالىدىغان سۆزگىنە ئەبە دىيدۇر...

    ئاشۇ كۈنلەردىن بۇيان ئۆتكەن ۋاقىتلاردا، يەر ئۆز قىياپىتىنى كۆپ قېتىم ئۆزگەرتتى. تاغلار يوق تۈزلەڭلىكلەردە ئۆركەش-ئۆركەش تاغلار كۆتۈرۈلدى. ئالد ىنقى تاغلار ئورنىدا چۆل-باياۋانلار پەيدابولدى. جىرالار يىمىرلىپ ساسلىقلارغا ئايلا ندى. دەريالار ئېقىتىپ كەتكە ھاڭلار تۈزلىنىپ كەتتى. شۇ ۋاقتتا يەر يۈزىدە قار، يامغۇر سۇلىرى چوڭقۇر كۆللەرنى، جىلغا-جىرالارنى ھاسىل قىلدى، دەريالارنى ھاسىل قىلدى. دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى چايقىلىپ تۇرغان چەكسىز دېڭىزلار ئورنىنى قۇملۇق-چۆللەرگە بوشىتىپ بەردى...يەر يۈزىدە شەھەرلەر قەد كۆتۈردى، يەنە ۋەيران بولدى ۋە چۆللەر ئەتراپىدا يېڭى يول چىگرالار پەيدا بولدى...

    ئاشۇ كۈنلەردىن بۇ كۈنلەرگىچە سۆز-سۆزلەرنى تۇغدى، پىكىر-پىكىرگە قوشۇ لۇپ كەتتى، ناخشا-ناخشىغا ئۇلىنىپ كەتتى، قوشاق چاخچاققا ئايلاندى. ساناقسىز دۈشمەنلەرگە قارشى كۆرەشكەن قىرغىز قەبىلىلىرىنىڭ خالاسكارى بولۇپ قالغان ماناس بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى سېمىتەي ھەققىدىكى داستان بىزگە ئەنە شۇنداق يىتىپ كەلدى...بۇ داستاندا بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمىز، ئەينى ۋاقىتتا، نەچچە ئەسىرلەر ئاۋال ئۇچۇپ ئۆتكەن قۇشنىڭ يۈكسەك پەرۋازى، تۇلپار تۇياقلىر ىنىڭ ئاللىقاچان ئۆچكەن دوكۇر-دوكۇرلىرى، دۈشمەنلەر بىلەن يەكمۇ-يەك ئېلىشقان باتۇرلارنىڭ ۋاقىراشلىرى قۇلاقلارغا كىرىدۇ. يىغا ئاۋازلىرى-يۇ، غەلبە سۆرە نلىرى قۇلاققا كىرىپ قالىدۇ. ئەنەشۇ سۆزىمىزدە ئۆتمۈش ھايات تىرىكلەرنىڭ كۆز ئالدىدا، تىرىكلەرگە ھەمدۇ سانا ئېيتىش تىرىكلەرنى شەرەپلەش ئۈچۈن يەنە نامايەن بولدى...

    ئەلقىسسە، بىز بۈيۈكلەردىن بۈيۈك ماناس ھەققىدىكى ۋە ئۇنىڭ جەسۇر ئوغلى سېمىتەي توغرىسىدىكى داستانىمىزنى باشلايمىز-تىرىكلەرگە ھەمدۇ-سانا ئېيتىش ئۈچۈن، تىرىكلەرنى شەرەپلەش ئۈچۈن...

    بالا ئۆزىنىڭ خۇدانىڭ مەرھەمىتى بىلەن قىرغىزلارنىڭ جۇڭغارلارغا قارشى ھايات-مامات كۆرۈشىنىڭ جارچىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تېخى بىلمەيتتى. ئۇ ئۆز بېشى ئۈچۈن دۈشمەننىڭ مىڭ تۇلپار ۋەدە قىلغانلىقىنى، خائىنلار تۇتۇپ بەرگەچكە قازاقلارنىڭ جەزرەمە چۆلىدە پۈتۈن تېنى پارچىلىنىپ، كۆزلىرى ئويىلىپ، قىيىن- قىستاقلاردا ئۆلىدىغانلىقىنى ھېلىھەم خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايتتى. ئاخىرى قانغا مىلىنىپ، تەشنالىقتىن جان بېرىۋاتقان ئاخىرقى چاغلاردا، مانا شۇكۈننى، شۇ سائە تنى، شۇ كۆلنى، ئانىسى ئىلتىجا قىلغان كۆلنى؛ يىراق-يىراق مەنزىللەرگە ئۇچۇپ كېتىش ئۈچۈن يىغىلغان ئەنەشۇ قۇشلارنى يەنە ئەسكە ئالىدىغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭىدىكىدك كۆزئالدىغا كەلتۈرۈپ«جان ئانا!»دېگەن خىتاپ بىلەن جان بېرىدىغانلىقىنى تېخى بىلمەيتتى.

    بۇلارنىڭ ھەممە-ھەممىسى، شان-شۆھرەتمۇ، كۈرەشمۇ، ھالاكەتمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ئىدى...ھازىر بولسا، ئۇ ئىسسىقكۆل قىرغاقلىرىدا، ئانىسى سەجدە قىلغان جايدا تاز ئۇچارنى ئۆز قولىدىن چىقىپ، ئادەملەرنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ كەتمە سلىگى ئۈچۈن ئۇنىڭ بوينىدىن چىڭ تۇتۇپ تۇراتتى. ئۇ بىردىنلا كېسەل ئاتىسى ئېسىگە چۈشۈپ ئالدىراپ قالدى.

    -كەتتۇق ئۇچار، كەتتۇق،-دېدى ئۇ ئىتىغا بۇيرۇق بەرگەندەك، ئاندىن تاغ باغرىدىكى ئاۋۇلغا قاراپ ئالدىراپ مېڭىپ كەتتى. ئۇ كۆل بويىدىن خېلىلا ئۇزاپ كەتكەندىمۇ، كۆل ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشلار توپىنىڭ چاغىر-چۇغىر، غاق- غاق قىلغان ئاۋازلىرى ئۇنىڭ قولىقىغا ئاڭلىنىپ تۇردى.

            ※           ※              ※

    شۇ كېچىسى تاڭغا يېقىن كەنجىتاي ئىلئاماننىڭ كۆز ئالدىدا بۈيۈك ئوتاۋساز سىڭگىرباي پانىي دۇنيادىن كۆز يۇمدى. ئاخىرقى دەملەردە ئاتىنىڭ نەپسى قىسىلىپ، خىرىلداپ تەستە ئېيتقان سۆزلىرىنى تازا چۈشەنگىلى بولمايتتى. لېكىن بالا يىغلاپ-قاخشاپ، تىترىگىنىچە ئاتىسىنىڭ يۈزىگە ئېڭىشىپ تۇرغاندا، ئۇچاقتىكى ئوتنىڭ غۇۋا يۇرۇقىدا، چالنىڭ لەۋلىرىنىڭ ھەركىتىدىن ئاتىسىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بايقىدى، بالا ئىككىلا سۆزنى چۈشەندى:

    -تالچۇيدا...نېمە...

    بالا چۈشەندى-يۇ، لىۋىنى چىشلەپ پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى، كېيىن ئۆزىنى توختىتالماي قاتتىق ۋاقىراپ دېدى:

    -ياق ئاتا، ھېچقانداق خەۋەر يوق! مەن سىزگە يالغان گەپ قىلالمايمەن، ھېچ دېرەك يوق! مەن يالغۇز مەن ئاتا ئاڭلاۋاتامسىز؟! مەن قورقىمەن. ئۆلمەڭ ئاتاجان، سىز ئۆلمەڭ، ئانام تېزلا قايتىپ كېلىدۇ، ئانام تېزلا كېلىدۇ...

    ئاتا ئوغلىنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەندىمۇ-يوقمۇ خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. ئەمما شۇ زامات ئۇنىڭ جېنى چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئوچۇق قالدى. ئاتىسى جان تەسلىم قىلىش بىلەن چاقماق تېزلىكىدە كەلگەن ئۆلۈم، چالنىڭ يۈزىنى قورقۇنۇشلۇق تۈسكە كىرگۈزۈپ، پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى، بالا قورۇققىنىدىن ئوتاۋدىن ئېتىلىپ چىقتى ۋە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، ۋەھىيمە ئىچىدە دات سېلىپ ۋاقىراپ، بېشى قايغان تەرەپكە يۈگۈرۈپ كەتتى. ئۇچار گەرچە نېمە بولغانلىقىنى چۈشە نمىسىمۇ قۇيرۇقىنى قىسىپ، قورۇققاندەك قىلىپ ئىلئاماننىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كەتتى. ئىلئامان دولقۇنلىرى مەۋىچ ئۇرۇپ تۇرغان ئىسسىقكۆل ساھىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن سەل ئۆزىگە كەلگەندەك بولۇپ، كۆل بويىدا شۆمشىيىپ تۇرۇپ قالدى.

    شۇ كېچىسى ئىسسقكۆل غەزەپكە كېلىپ، قاتتىق دولقۇنلىنىپ، شىددەتلىك چايقالماقتا ئىدى. بىراق ئىلئاماننىڭ قولىقىغا باشقىچە ئاۋازلار، يەنى قۇشلارنىڭ تىنىمسىز قى-چولىرى ئاڭلىناتتى. ئۇ ئاسمانغا قارىدى ۋە غۇۋا قاراڭغۇ ئاسماندا سان-ساناقسىز قۇشلار بۇلۇتىنى كۆردى.

    سان-ساناقسىز قۇشلار كۆل ئۈستىدە ئاجايىپ چوڭ دائىرە ھاسىل قىلىپ ئايلىنىپ ئۇچماقتا، يولدا ئۇچرايدىغان تاغلارنىڭ چوققىلىرىدىن ئارتىلىپ ئۆتۈش ئۈچۈن تېخىمۇ ئىگىز كۆتۈرلىۋاتقان ئىدى. نىھايەت، قۇشلار كۆل ئۈستىدىن ئاخىرقى قېتىم ئايلىنىپ ئۇچۇپ ئۆتتى ۋە تۇرنا قاتار بولۇپ تىزىلىپ، يەنىمۇ ئىگىز كۆتۈرلۈپ دەريا تەرەپكە قايرىلدى، قۇشلار داۋاندىن ئېشىپ تالچۈي ۋادىسى تەرەپكە ئۇچۇپ كۆزدىن غايىپ بولدى. بالا قۇشلارنىڭ يىراق جايلارغا ئۇچۇپ كەتكەنلىگىنى، ئۇلار نىڭ خېلى ئۇزاق مۇددەتكىچە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقنى، ئۇلارنىڭ شۇ ئۇچۇشىدا تالچۈي ۋادىسىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردىنمۇ ئۆتۈپ نامەلۇم، تېخىمۇ ناتونۇش يۇرتلارغا بارىدىغانلىقىنى چۈشەندى، ئۆزىنى قولىغا ئېلىپ، جېنىنىڭ بارىچە ۋاقىر ىدى:

    -بىزنىڭ ئاتىمىز ئۆلدى! قويچىمەن ئاكامغا ئېيتىڭلار، ئاتىمىز ۋاپات بولدى! ئاتىمىز ئۆلدى، ئۆلدى!...

    بىز تاغلارنىڭ چوققىسىدىن ئۇچتۇق. داۋانغا يىتىپ بارغاندا قاتتىق شامال چىقىپ، قاپقارا بۇلۇتلارنى ئالدىمىزغا ھەيدەپ كەلدى. ئاۋال يامغۇر تامچىلىدى، كېيىن سۇس قار ياغدى. شالامپەت بولۇپ كەتكەن قاناتلىرىمىز ئېغىرلاشتى، ئۇچۇ شىمىز قىينلاشتى. بىزنىڭ توپىمىز ئارقىغا قايتتى. بىز ھەممىمىز ۋاقىراپ- جاقىراپ يەنە كۆل ئۈستىدە ئايلىنىپ ئۇچۇشقا باشلىدۇق، قاناتلىرىمىز كۈچلەندى، ئايلىنىپ ئۇچقانسېرى ئىگىزگە كۆتۈرلۈشكە باشلىدۇق، كېيىن يەنە يولغا چۈشتۇق. لېكىن بۇ قېتىم شۇ قەدەر ئىگىز ئۇچتۇقكى، تاغلار ۋە تاغ چوققىلىرىغا قونغان بۇلۇتلار خېلىلا پەستە قالدى، قۇياشنىڭ نۇرى بىزنى قوغلاپ يەتكەندە بىز داۋاندىن ئېشىپ ئۆتۈپ بولغان ئىدۇق. ئاستىمىزدا، تولىمۇ يىراقتا تالچۈي ۋادىسى يېيىلىپ ياتاتتى. ئېھ... راھەتبەخىش تالچۈي، بۈيۈك چۆللەرگە تۇتۇشۇپ كەتكەن گۈزەل ۋادا! پۈتۈن ۋادا باشتىن-ئاياق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ ياتاتتى، يەر يۈزىنى ياپيېشىل مايسىلار گېلىمى قاپلىغان، دەرەخلەرنىڭ يۇمران نوتىلىرى بولسا ئاسمانغا تەلمۈرۈپ تۇراتتى. ۋادىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يىلان بېلىقتەك كۈمۈشرەڭ چۇ دەرياسى ئېقىۋېتىپتۇ، بىز دەل شۇ دەريا ئۈستدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشىمىزكېرەك. بىز بەك سېغىنىپ كەتكەنلىگىمىزدىن ئىگىز ئاسماندا تۇرۇپ ۋادا بىلەن ئۆز تىلىمىزدا قىقىراپ سالاملاشتۇق، كېيىن دەريانى بويلاپ ئاستا-ئاستا پەسلەپ بارغانسېرى يەرگە يېقىنلاشتۇق. چۈنكى سەل نېرىدا، دەريا بويىدا سۇلۇق قۇمۇشزارلىق بار، قۇش كارۋانلىرىنىڭ كۆلدىن باشلانغان دائىمي بۈيۈك يولىدا بىز بىرىنچى قېتىم ئەنە شۇ يەرگە قونۇپ ئۆتۈشىمىز كېرەك. بىز بۇ يەردە دەم ئېلىشىمىز، ئۇزۇقلىنىۋېلىپ، يەنە سەپەر گە ئاتلىنىشىمىزلازىم. بىراق بۇ قېتىم بىزگە ھەر قېتىم قونىدىغان جايغا قونۇش نىسىپ بولمىدى.

    قۇشلار توپىمىز قانات ۋە قۇيرۇقلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۇچۇشنى ئاستىلىتىپ، قونىدىغان ئانا جايىمىزغا بىر-بىرلەپ يېقىنلىشىۋاتقىنىمىزدا دەھشەتلىك قىرغىن بولىۋاتقان جەڭ مەيدانى ئۈستىدىن چىقىپ قالدۇق. بۇ تولىمۇ دەھشەتلىك بىر مەنزىرە ئىدى. سان-ساناقسىز ئادەملەر، مىڭلارچە ئاتلىق ۋە پىيادىلەر شۇ يەردە، بىزنىڭ قونىم جايىمىزدا جان بېرىپ-جان ئېلىشماقتا ئىدى. دەشھەتلىك ۋاقىرا شلار، ۋەھشىيانە ئاۋازلار، ۋاقىراش-جاقىراشلار، نەرىلەر، نالە، ئىڭراشلار، ئاتلار نىڭ كىشنەشلىرى، پۇشقۇرتۇشلىرى ئاسمان-پەلەكنى قاپلىغان ئىدى. كەڭ مەيدا ندا ئادەملەر بىر-بىرىنى جەھەننەمگە يوللىماقتا ئىدى. كىشىلەر بىر قارىساڭ نەرە تارتىشىپ بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە نەيزە تەڭلەپ يۇپۇرلىشاتتى، قۇچاقلىشىپ بىر- بىرىنى يەرگە يىقىتاتتى، بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە ئات چاپتۇرۇپ كېلىشەتتى. بىر قار ىساڭ بىر-بىرىدىن قېچىپ يىراقلىشاتتى، بىر قارىساڭ، بىراۋلار قېچىپ كېتىۋاتقان بولسا، باشقىلىرى قوغلاپ كېتىشەتتى. كىملەردۇر قومۇشلۇق ئارىسىدا پىچاق ۋە قېلىچ بىلەن جەڭ قىلىپ بىر-بىرىنى بۇغۇزلىشاتتى، قارنلىرىنى يېرىشاتتى. قاياققا قارىماڭ ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى، ئاتلارنىڭ ئۆلۈكلىرى تاغدەك دۆۋىلىنىپ ياتاتتى، سۇ كەڭ يېيىلىپ ئاقىدىغان جايدا سان-ساناقسىز ئۆلۈكلەر دەريا سۈيىنى توسۇپ قويغان ئىدى، قىپقىزىل قان ئارلاش سۇ ھەممە ياققا يېيىلىپ، ئاتلارنىڭ تۇياقلىرى ئاستىدا قان پاتقاقلىرىنى ھاسىل قىلغان ئىدى. بىزنىڭ يۈرەكلىرىمىز ئارقىغا تار تىلىپ، ھەممىمىز ساراسىمگە چۈشۈپ، گاڭگىراپ قالدۇق، ئاسماندا قىي-چۇ باشلا ندى. سەپلىرىمىز بۇزۇلۇپ كەتتى، ھەممىمىز ۋەھىيمىگە چۈشۈپ بۇلۇت قاينىمىغا ئوخشاش بىر جايدا ئايلىنىپ ئۇچۇشقا باشلىدۇق. خېلى ئۇزۇنغىچە ئۆزىمىزگە كېلەلمىدۇق. بىر-بىرىنى ئۆلتۈرشىۋاتقان بەخىتسىز ئادەملەر ئۈستىدە بىر پەس ئۇچۇپ يۈردۇق. ئۇزاققىچە توپلىنىش بىلەن ئاۋارە بولدۇق، زادى تىنچىيالمىدۇق. ئاخىر-ئاقىۋەت، بىز ئاشۇ يەرگە قونۇپ ئۆتەلمىدۇق، ئاشۇ مەشئۇم جايدىن كېتىشكە ۋە سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇق.

       ※              ※                 ※

    كەچۈرۈڭلار ئۆتەر قۇشلار! بولۇپ ئۆتكەن ۋەھشىيلىك ئۈچۈن كەچۈرۈڭلار! بولغۇسى ۋەھشىيلىكلەر ئۈچۈن كەچۈرۈڭلار. يەنى ئادەمنىڭ ھاياتى نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئىكەنلىگىنى، نېمە ئۈچۈن ئانا زېمىندا شۇنچە ئۆلتۈرۈلگەنلەر ۋە ئۆلۈۋاتقانلار نىڭ بارلىقىنى مەن چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن،سىلەر چۈشىنەلمەيسىلەر... كەچۈرۈ ڭلار. خۇدا ھەققى كەچۈرۈڭلار. ئۇزاق ھەم كەڭ مۇساپىلەرگە سەپەر قىلىدىغان قۇشلار...

    جەڭ تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ يەردە قۇزغۇنلار بەزمە باشلىدى، تاپخور قۇشلار پوكانلىرى يېرىلغۇچە ئادەم گۆشى يەپ تويۇشتى، ئۇچۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، قاناتلىرىمىنىمۇ قىمىرلىتالمىدى. جەڭدىن كېيىن ھايۋانلار بەزمە باشلىدى، چىل بۆرىلەرنىڭ قوساقلىرى ئادەم گۆشىگە شۇقەدەر تويۇشقان ئىدىيكى، ئۇلار زورىغا كېر ىلىشەتتى. قۇشلار، بۇ يەردىن كېتىڭلار، بۇ مۇدھىش جايدىن يىراق-يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىڭلار.

    ئىپتىدائىي تەبىئەت مەۋجۇت بولغاندىن تارتىپ شۇنداق؛ ھەر قېتىم سەپەر ۋاقتى كەلگەندە، ئەتتىگەندە ئەمەس، كەچتە ئەمەس، ھەر يىلى بىرخىل ۋاقىتتا قۇشلار ئۇزاق سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە ئۇچۇپ كېتىدۇ، ئۇچقاندىمۇ، پەقەت ئەنە شۇ ئۇچار قۇشلارغىلا مەلۇم بولغان ئۆزگەرمەس ھاۋا يوللىرىنى بويلاپ ئۇچۇپ، دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىن-بۇچېتىگە بارىدۇ. بۇرانلاردىن، شاماللاردىن ئۆتۈپ، كېچە -كۈندۈز قانات قېقىپ ئۇچىدۇ، ھەتتا ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ ئۇخلاپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ تىرىكلىكىنىڭ ماھىيتى ئەنە شۇنىڭدا؛ تەبىئەت دۇنياسىدا نەرسىلەرنىڭ ئۆزگەرمەس تەرتىپى مەۋجۇت. قۇش كارۋانلىرى شىمالغا، ئەزىم دەريالارنىڭ بويلىرىغا، ئەزەلدىن ئۇۋا ياساپ بالا چىقىرىدىغان جايلارغا ئۇچۇپ بارىدۇ. كۈزدە بولسا، ۋايىغا يەتكەن بالىلىرى بىلەن جەنۇپقا ئۇچۇپ كېلىدۇ، بۇ جەريان شۇ رەۋىشتە ئۈزلىكسىز تەكرار لىنىۋېرىدۇ...

    مانا بىرقانچە كۈنلەردىن بېرى ئۇچۇپ كېلىۋاتىمىز. ئەنەشۇ ئاسمانۇ پەلەكتە، ئەنە شۇ سوغۇق ھۆكۈمران يۈكسەكلىكتە، شامال مەڭگۈ دەيا كەبى شاۋقۇن سېلىپ ئېقىۋاتىدۇ. بۇ دەريا چەكسىز كائىناتتا بىلگىلى بولمايدىغان ۋاقىتنىڭ نامەلۇم تامانىغا تىنىم بىلمەي قىلىۋاتقان ھەركىتىدۇر.

    بىزنىڭ بويۇنلىرىمىز كامان ئوقى، تېنىمىز يۈرەك بولۇپ چارچاشنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى بىلمەستىن شىددەت بىلەن ھەركەتلەنمەكتە. سەپەر تېخى ئۇزاق، تالماستىن قانات قېقىۋېرىمىز...ئەمدى تاغلار تۈزلەڭلىكتەك بۇلۇپ قالدى، كېيىن بولسا، ئومۇمەن كۆرۈنمەي قالدى، كەڭرى زېمىن بولسا، يىراقلاشقانسېرى-يىرا قلىشىپ، يەر يۈزى بىر-بىرىگە چاپلىشىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى،-ئاسىيا قايەردە، ياۋروپا قايەردە، ئوكيانلار قايەردە، قۇرۇقلۇق قايسى ئىكەنلىگىنى پەرىق ئەتكىلى بولمايدۇ. تۆت ئەتراپىمىزغا بوشلۇق ھۆكۈمران، چەكسىز كائىناتتا پەقەت بىزنىڭ سەييارىمىزلا چۆلدە ئاداشقان بوتلاققا ئوخشاش ئالەمنى كەزمەكتە، خۇددى بوتلاق سوزۇپ-سوزۇپ نالە قىلىپ ئانىسىنى ئىزەپ يۈرگەندەك. قۇش، ئاشۇ ئانا تۆگە قېنى؟يەرنىڭ ئانىسى قېنى؟ سۇئال-جاۋاپسىز! پەقەت شامال، خىلۋەت يۈكسە كلىكلەرنىڭ شامىلى غۇيۇلداۋاتىدۇ، پەقەت يەر يۈزى ياش بالىنىڭ يېشىدەك يەككە -يىگانە ئۈزۈپ، چايقىلىپ-چايقىلىپ قويماقتا، يېرىمىز تېنچ، يېرىمىز تېنچ. ئاخىر، ئەنە شۇ يەر شۇنچىلىك ياخشىلىقلار ماكانى، شۇنچىلىك ياۋۇزلۇقلار ماكانى بولسا ھە؟!ياق،ياۋۇزلۇققا ئەرك بەرمەسلىك كېرەك، ئۆتۈنىمەن كەتخۇدالار، سۆزمە نلەر، ئىجادكارلار!

    مەن ئاشۇ پەرۋاز قىلىۋاتقان توپتا بار-يوقى بىر قۇشمەن. مەن تۇرنىلارغا قوشۇ لۇپ ئۇچىۋاتىمەن ۋە ئۆزەممۇ تۇرنىمەن. مەن تۇرنىلار بىلەن بىللە قاراڭغۇ كېچىدە يۇلتۇزلارغا قاراپ، كۈندۈزى ئېتىزلار ۋە شەھەرلەر ئۈستىدىن ئۇچىمەن. ئويلارغا چۆمىمەن....

    قۇشلار توپى بارا-بارا يىراقلاپ كۆزدىن غايىپ بولدى. قۇشلارنىڭ قاناتلىرى كۆرۈنمەي قالدى. مانا قۇشلار توپى ئاسماندا كىچىككىنە بىر نوقتىغا،ئاخىرىدا بېرىپ بىر چىكىتكە ئايلىنىپ قالدى ۋە ئۇمۇ غايىپ بولدى...ھەدېمەي، يەنە باھار كەلدى، ئاسمانى ئەزىمدە (كەڭلىكتە)يەنە تۇرنىلار «قۇر- قۇر»رى ياڭراشقا باشلىدى...

    تۇرنا يىغىسى

     

    بوزلاپ-بوزلاپ ئۇچىمەن،

    بوزلاپ-بوزلاپ ئۇچىمەن،

    بوزلاپ-بوزلاپ ئۇچىمەن،

    زارلىنىمەن ئىنسانلارغا.

    زېمىننى قوغداڭ ئىنسانلار،

    ئەرك بەرمەڭ ۋەھشىيانە ئېھتىراسلارغا.

    نېمە بۇ-ھەتتا تۇرنا يىغلىسا،

    ياق-ياق، يىغلىماڭ ئەسلا.

    ۋە لېكىن بەنتتۇر،

    نا ئىنسانىي كۈلپەتلەردىن،

    چەكسىز يانغىنلاردىن،

    قانلىق جەڭلەردىن،

    پاناھىدا ئاسىرىسۇن ئىلاھىم،

    ھەي، ئىنسانلار!

    ۋەيران قىلىپ قويماڭ ئۇنى ناگاھان،

    نېمەبۇ-پىنھان تۆكۈلگەن ياشلار.

    كېرىكى يوق، يىغلىماڭ ئەسلا،

    ۋە لېكىن بەربىر-بەربىر.

    ئۆزى پاناھىدا ئاسرىسۇن سىزنى،

    نا ئىنسانىي كۈلپەتلەردىن

    پاناھىدا ئاسىرىسۇن، ھەي، ئىنسانلار!

       

    ①قىسسە-رىۋايەت ئۇسۇلىدا يارىتىلغان تارىخىي، ئەپسانىۋى ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ

     

    «ئۆزبېك ئەدەبىياتى »تورىدىن ئېلىپ ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈلدى.

    ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بەگيار

    2010-يىل 25-نۇيابىر

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.