ئەلىسنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتلىرى

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-08 20:23:03

ئەلىسنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتلىرى لېۋىس كاررول (ئەنگلىيە) مەزكۇر ئەسەر دۇنيادىكى داڭلىقچۆچەكسىمان ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەسەر ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بالىلار تىياتىرى سۈپىتىدە سەھنىگە ئېل...

    ئەلىسنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتلىرى
      لېۋىس كاررول (ئەنگلىيە)

    مەزكۇر ئەسەر دۇنيادىكى داڭلىق چۆچەكسىمان ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەسەر ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بالىلار تىياتىرى سۈپىتىدە سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان، كىنو دۇنياغا كەلگەندىن بېرى  بىر نەچچە قېتىم گاھىدا مۇزىكىلىق فىلىم گاھىدا كارتون فىلىم شەكلىدە كىنو قىلىپ ئىشلىنىپ بازارغا سېلىنغان ئىدى. 2010-يىلى دېسنى شىركىتى بۇ مەشھۇر چۆچەكنى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى تېخنىكا بىلەن كىنو قىلىپ ئىشلەپ زور داغ-دۇغا قوزغىدى.

      بىر كۈنى قىزچاق ئەلىس ھەدىسى بىلەن ئۆستەك بويىدا ئولتۇرىدۇ. ھەدىسى كىتاپ كۆرىدۇ. ئۇ زېرىكىپ ئۇخلاپ قالىدۇ. توساتتىن ئاق كىيىم كىيگەن بىر ئاق توشقان «ئاپلا، كېچىكىپ قالىدىغان بولسۇم!» دېگىنىچە يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن ھيران بولسان ئەلىس ئاق توشقاننىڭ كەينىدىن مېڭىپ قاپقاراڭغۇ بىر توشقان ئۇۋىسىغا كىرىدۇ ۋە بىخەستىلىكتىن ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭقۇرغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەلىس چوڭقۇرغا شۇنداق ئۇزۇندا چۈشىدۇكى، قانچىلىك چوڭقۇرلۇققا چۈشكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇ ئاخىر بىخەتەر ھالدا بىر دۆۋە غازان ئۈستىگە چۈشىدۇ. توشقان بىر سارايغا كىرىپ قالىدۇ. ساراينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئەينەك ئۈستەلدە بىر تۇتام ئالتۇن ئاچقۇچنى كۆرىدۇ.  ئەلىس ئالتۇن ئاچقۇنچنى ئېلىپ ھەممە ئىشىككە سېلىپ بېقىپ ئەڭ كىچىك بىر ئىشىكنى ئاچىدۇ. چىرايلىق بىر گۈللۈكنى كۆرىدۇ. ئەلىس ئېگىز بولغاچقا، ئىشىكتىن پاتمايدۇ. ئۇ توساتتىن ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى «مېنى ئىچىۋىتىڭ» دېگەن خەت يېزىلغان بىر تورتنى كۆرىدۇەلىس بۇ تورتنى يېيىشى بىلەنلا توققۇز ئىنگلىسزچىسى كېلدىىغان ناھايىتى چوڭ بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇ ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكنى ئاچىدۇ. بىراق بويى بەك ئېگىزلەپ كەتكەنلىكتىن ئىشىكتىن پاتمايدۇ. ئەلىس تىت ـ تىت بولۇپ يىغلاپ كېتىدۇ. كۆز ياشلىرىدىن يوغان بىر كۆل ھاسىل بولىدۇ. يىغلاپ كېتىدۇ. ئاق توشقان يەنە يۈگۈرۈپ كېلىدۇ. ئۇ ئېگىز بويلۇق ئەلىسنى كۆرۈپ قورقۇپ،  بىر جۈپ پەلەي ۋە بىر يەلپۈگۈچنى تاشلاپ قويۇپ تىكىۋېتىدۇ. ئەلىس يەلپۈگۈچنى ئېلىپ ئۆزىنى يەلپۈپ باقىدۇ. ئۇ بىردىنلا كىچىكلەپ كىچىككىنە بىر ئادەم بولۇپ قالىدۇ ۋە تېيىلىپ ئۆزىنىڭ كۆز يېشىدىن ھاسىل بولغان كۆلچەككە چۈشۈپ كېتىدۇ. مىڭ بىر تەسلىكتە ئۈزۈپ قىرغاققا چىقىۋالىدۇ.

      ئاق توشقان پەلىيىنى ئىزدىگىلى كېلىپ، ئەلىسنى كۆرۈپ دېدەك ئوخشايدۇ، دەپ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر شېشە ئىچىملىكنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى ئىچىدۇ. بىردىنلا ئۇنىڭ بەدىنى يوغىناپ بېشى تورۇشقا تاقىشىدۇ، بىلەكلىرى دېرىزىدىن سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ. توشقاننىڭ كيىدىكىلەر ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ يوغان تاش بىلەن ئەلىسنى ئۇرىدۇ. بىراق تاش يەرگە چۈشۈش بىلەنلا پۈتۈنلەي پېچىنىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئەلىس بۇ پېچىنىدىن بىر پارچىنى يېيىشكە بىردىنلا كىچىكلەپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قېچىپ كېتىدۇ. ئەلىس قېچىپ بىر ئورمانلىققا كەلگەندە بىر تۈكلۈك قرۇتنىڭ ئەلىستىنمۇ ئېگىز بىر موگونىڭ ئۈستىدە تاماكا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئەلىسكە بۇ موگونىڭ بىر تەرىپىنى يېسە چوڭايغىلى، يەنە بىر تەرىپىنى يېسە كىچىكلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەلىس موگونىڭ ئىككى تەرىپىدىن ئازراقتىن سۇندۇرۇۋالىدۇ. ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئىككىلا تەرىپىدىن ئازراقتىن يەپ كۆرىدۇ. شۇنداق قىلىپ مىڭ تەسلىكتە ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىگە كېلىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ خالىغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ بەدىنىنى تەڭشىيەلمەيدىغان بولىدۇ. كېيىن ئەلىس بىر ئۆيگە كىرىدۇ. بۇ ئۆي ئەسلى گىرېتسوگ خانىمنىڭ ئۆيى بولۇپ، ئۆينىڭ ئىچى ھورغا تولغان، ئاشپەز شورپا پىشۇرۇۋاتقانىكەن. شورپىغا ناھايىتى كۆپ ئاقمۇش سېلىنغانلىقتىن، ئۆيدىكىلەپ چۈشكۈرشۈپ كېتىدۇ. پەقەت چېستىن كەلگەن مۈشۈكلا چۈشكۈرمەيدۇ. ئۇ ئەتىدىن كەچكىچە ھىجىيىلا يۈرىدۇ. تۇرۇپلا پەيدا بوۇپ، تۇرۇپلا غايىپ بولىدۇ گىرېتسوگ خانىم يىغىسى بېسىلمايدىغان بىر بوۋاقنى كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. كېيىن ئۇ بوۋاقنى ئەلىسكە تۇتقۇزۇپ قويىدۇ. ئەلىس بوۋاقنى كۆتۈرۈپ ئىشىكتىن چىقىشىغىلا بوۋاق چوشقىغا ئايلىنىپ ئورمانلىققا قېچىپ كېتىدۇ. چېستىن كەلگەن مۈشۈكنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئەلىس ئۈچ ئاي ساراڭ بولۇپ قالغان توشقاننىڭ ئۆيىنى تاپقاندا، ئۇلارنىڭ زىياپىتى ئۈستىدىن چۈشىدۇ. بىراق ئەلىس ئۇلارنىڭ زىياپىتىدىن زېرىكىپ خوشلاشمايلا يېنىپ چىقىپ، بۇرۇنقى چوڭ سارايغا قايتىپ كېلىدۇ. ناھايىتى ئاسانلا كىچىك ئىشىكنى ئېچىپ گۈللۈككە كىرىدۇ. ئۇ يەردە لاغايلاپ يۈرەەن قارت ماركىلىق قىزىل يۈرەك پادىشاھ K ۋە خانىش Q بىلەن تونۇشىدۇ. خانىش ئەلىسنى كالتەك توپ مۇسابىقىسىگە سالىدۇ. كىرپە كالتەك توپ، قىزىل تۇرنا توپ كالتىكى بولىدۇ. قىزىل تۇرنا باشقۇرۇشقا بويسۇنمايدۇ. كىرپە بولسا ئاستا ئۆمىلەپ كېتىپ قالىدۇ. ئەلىس ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. خانىشنىڭ ئاچچىقى يامان بولۇپ، كىمدىن خاپا بولسا «كاللىسىنى ئېلىش»قا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.
       چېستىن كەلگەن مۈشۈك نېمىشقىدۇر خانىشنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپ، كاللىسىنى ئېلىشقا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. بىراق ئۇ ئۆز كارامىتىنى ئىشقا سېلىپ، كۆكتە غايىپ بولۇپ كېتىدۇ. پادىشاھ بىلەن جاللاتلار پاتىپاراق بولۇپ، مۈشۈكنى تاپالماي «خەپ» دەپ قالىدۇ.
       ئاخىرىدا ئەلىس پادىشاھ بىلەن خانىش رىياسەتچىلىك قىلغان سوتقا قاتنىشىدۇ. قىزىل يۈرەك جېك خانىشنىڭ پېچىنىسىنى ئوغرىلاپ يىگەن، دەپ ئەيىبلىنىدۇ. پادىشاھ ئەلىسىنى گۇۋاھلىققا تارتىدۇ. ئەلىس بۇ ئىشنىڭ تولىمۇ بىمەنىلىكىنى ھېس قىلىپ، گۇۋاھچى بولۇشنى رەت قىلىپ، پادىشاھ بىلەن تاكاللىشىپ قالىدۇ. خانىش ئەلىسنىڭ كاللىسىنى ئېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئەلىس «مەن قورقۇپ قالمايمەن، ھەممىڭلار كەپسىز قارتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ ۋارقىرايدۇ. ئۇشتۇمتۇت ھەممە قارتلار ئەلىسكە قاراپ ئۇچۇپ كېلىدۇ. ئەلىس بۇلاردىن قوغدىنىمەن دەپ قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ئويغىنىپ كېتىدۇ. ئەسلىدە بۇلار ھەممىسى ئەلىسنىڭ چۈشى ئىدى.

         ھەسەن مامۇت تەرجىمىسى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.