ئېتىقادىم(ئالبېرت ئېينشتېين)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-20 08:42:12

ئېتىقادىمئالبېرت ئېينشتېينتوختى مەھمۇت ئەلائى تەرجىمىسىئالبېرت ئېينشتېين (1879—1955)، ئۇلۇغ ئالىم، ئۇ گېرمانىيىدە تۇغۇلغان، يەھۇدى، كېيىن ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئې...

    ئېتىقادىم
    ئالبېرت  ئېينشتېين

    توختى مەھمۇت ئەلائى تەرجىمىسى
     




    ئالبېرت ئېينشتېين (1879—1955)، ئۇلۇغ ئالىم، ئۇ گېرمانىيىدە تۇغۇلغان، يەھۇدى، كېيىن ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئېينشتېين ئەسەرلىرى توپلىمى» بار.

     
    ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىڭىزنى ئوبيېكتىپ، غەيرى ۋاقىت خاراكتېرىدىكى ھادىسىلەرگە بېغىشلاڭ ۋە شۇنداق قىلالايسىز، مۇشۇنداق بىر ئادەم بولالىسىڭىز، بۇ ھەقىقەتەنمۇ پەۋقۇلئاددە ئامەت ھېسابلىنىدۇ. بەختىمگە يارىشا مەن مۇشۇنداق ئامەتتىن بەھرىمەن بولدۇم، ئۇ مېنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆزۈمنىڭ تەقدىرىگە ۋە ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىگە يۆلىنىۋالمايدىغان قىلدى. شۇڭا مەن بۇنىڭدىن نەقەدەر خۇشال ۋە مىننەتدارمەن- هة! لېكىن، بۇ خىل مۇستەقىللىق بىزنىڭ ئۆزىمىز بىلەن ئۆتمۈشىمىزنى، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئىنسانلارنى باغلاپ تۇرۇدىغان مەجبۇرىيىتىمىزگە سەل قارىشىمىزغا يول قويمايدۇ .


    يەر شارىدا ياشاۋاتقان بىز ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىمىز بەكمۇ ئاجايىپ- غارايىپ. ئارىمىزدىكى ھەر بىر كىشى ھەم ئۆز ئىختىيارىدا بولمىغان، ھەم ھېچكىم تەكلىپ قىلمىغان ھالدا مۇشۇ دۇنياغا ئالتە كۈنلۈك مېھمان، نېمىشقا ۋە نېمە مەقسەت ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىمىزنى ھېچقايسىمىز بىلمەيمىز. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بىزنىڭ ھېس قىلالايدىغىنىمىز پەقەت: ئادەم باشقىلار ئۈچۈن ياشايدۇ، يەنى بىز سۆيگەن، شۇنداقلا بىز بىلەن تەقدىرداش نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ياشايمىز، دېگەندىن ئىبارەت.


    مەن ئىزچىل شۇنداق ئويلايمەن، ھاياتىمدا زور دەرىجىدە باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە تايىنىپ كەلدىم، بىلىپ تۇرۇپتىمەن، مەن ئۇلارغا نۇرغۇن قەرزدار.


    مەن ئىرادە ئەركىنلىكى دېگەنگە ئىشەنمەيمەن. شوپېنخاۋېر مۇنداق دېگەن: ئىنسان گەرچە ئۆزى قىلىمەن دېگەننى قىلالىسىمۇ، لېكىن ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرگە ئېرىشىپ بولالمايدۇ. مانا بۇ بىر جۈملە سۆز ھەرقانداق ئەھۋالدا ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلمەكتە، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ قىلمىش- ئەتمىشلىرى ماڭا ھەقىقەتەن زىيان يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇ مېنى كىشىلەر بىلەن ئەپ ئۆتۈشكە ئۈندەپ تۇرماقتا. بۇ خىل ئىرادە ئەركىن بولماسلىق قارىشى مېنى كىشىلەرنىڭ قىلمىش- ئەتمىشلىرى ھەمدە پەرەز قىلىنغان يەككە ھالەتتىكى ئۆزۈم ۋە باشقىلارغا زىيادە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلماسلىقنى، ھەمدە ئۆزۈمگە پايدىلىق بولغان يۇمۇرلۇقلىقىمنى ساقلاشنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

    مەن ئەزەلدىن ھۇزۇر ۋە راھەت- پاراغەتكە بېرىلگەن ئەمەس، دۇرۇسراق ئېيتقاندا مەن ھەتتا بۇلارنى بەك كۆزگە ئىلىپمۇ كەتمەيمەن. مېنىڭ ئىجتىمائىي ئادىللىققا بولغان قايناق ھېسسىياتىم ھەمىشە ئۆزۈم بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ؛ ئوخشاشلا، مەندىكى مۇتلەق زۆرۈر بولمىغان ئاسارەت ۋە بىر- بىرىنى شەرت قىلغان ھالەتتىكى بىزارلىقمۇ ئۆزۈم بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەن باشتىن ئاخىر ئۆزۈمگە ھۆرمەت قىلىپ كەلدىم؛ مەن زوراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ بىردەملىك قىزغىنلىقىدىن تولىمۇ بىزار. مۇشۇنداق نىيەتتە بولغانلىقىم ئۈچۈن، مەن قىزغىن بىر تېنچلىقپەرۋەر ۋە مىلىتارىزم گۆركارى، مەن ھەرقانداق شەكىلدىكى مىللەتچىلىكنى رەت قىلغۇچى، گەرچە ئۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك تونىغا ئورۇنۇۋالغان تەقدىردىمۇ.

     


    مەن شۇنداق قارايمەن، ئورۇن ۋە بايلىق ئېلىپ كەلگەن ئىمتىياز ئادالەتسىز ۋە چىرىكتۇر، شەخسكە بولغان زىيادە چوقۇنۇشمۇ ھەم شۇنداق. گەرچە مەن دېموكراتىك دۆلەت شەكلىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ئوبدان بىلسەممۇ، لېكىن مەن يەنىلا دېموكراتىك غايىنى ھىمايە قىلىمەن. مەن ئىزچىل ھالدا شۇنداق دەپ قاراپ كەلدىم، ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇق ۋە شەخسنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى كاپالىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دۆلەتنىڭ مۇھىم نىشانىدۇر.

    گەرچە مەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا تىپىك ھالدىكى ئەركىن- ئازادە يۈرىدىغان بىر ئادەم بولساممۇ، لېكىن ھەقىقەتكە، گۈزەللىككە ۋە ھەققانىيەتكە ئىنتىلىدىغان كۆرۈنمەس بىر ئورتاق گەۋدىگە مەنسۇپ ئاڭغا ئىگە بولغانلىقىم ئۈچۈن، تەنھالىق تۇيغۇسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى توسۇپ قالالىدىم.

    ئىنسان بىلىپ يېتەلەيدىغان ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ چوڭقۇر نەرسە سىر- ھېكمەتكە تولغان ھېسسىياتتۇر. بۇ دىن ۋە سەنئەت، ئىلىم- پەندىكى بارلىق چوڭقۇر ئىزدىنىشلەرنىڭ ئاساسى. مېنىڭچە بۇلارنى بىلىپ يېتەلمىگەن ئادەم، بىر مۇردا بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا بىر ئەمادۇر. بىزنىڭ تەجرىبىلىرىمىزنىڭ سىرتىدا ئەقلىمىز يەتمەيدىغان نەرسىلەر يوشۇرۇنۇپ ياتقان بولۇپ، ئۇنىڭ گۈزەللىك ۋە يۈكسەكلىكى ۋاستىلىق ھالدا ئاجىز ئەكس نۇر ئارقىلىقلا بىزگە يېتىپ كېلىدۇ، مانا بۇ ھېس قىلغانلىرىمىز دەل دىننىڭ ئۆزىدۇر. پەقەت مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، مەن ئاندىن دىنىي ھېسسىياتقا ئىگە ئادەم ھېسابلىنىمەن. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قەلبىمدە كەمتەرلىك بىلەن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ خىل سىرلىق ھەيۋەت قۇرۇلمىنىڭ تۇتۇق سىماسىنى تولۇپ تاشقان ھەيرانلىق بىلەن ھېس قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە.

     

    (خەنزۇچە «يۈز يىلدىن بۇيانقى چەت ئەل نەسرى ئەسەرلىرىدىن جەۋھەرلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى)
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.