كاسساندرا تامغىسى (4)

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-05 19:12:50

بۇلارغا ئازادە، ئەركىن ئارام ئېلىش بۇيرۇلمىغان ئىكەن، كەچكى سائەت سەككىزگە ئاز قالغاندا، تېلېفون جىرىڭلىدى،چاڭلىداپ سۆزلەۋاتقان ئايالنىڭ ئۈنى ئاڭلاندى، بەكمۇ كەچ، بىمەھەل ۋاقىتتا تىنچنى ئېلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپ بولغاندىن كېيىن بورك ئەپەندى پر



    كاسساندرا تامغىسى (4)
     
    چىنگىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان)
    (رومان)
    يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمىسى
    قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تىل فاكۇلتېتى
     

    تۆتىنچى بۆلۈم (1)
     
    بۇلارغا ئازادە، ئەركىن ئارام ئېلىش بۇيرۇلمىغان ئىكەن، كەچكى سائەت سەككىزگە ئاز قالغاندا، تېلېفون جىرىڭلىدى،چاڭلىداپ سۆزلەۋاتقان ئايالنىڭ ئۈنى ئاڭلاندى، بەكمۇ كەچ، بىمەھەل ۋاقىتتا تىنچنى ئېلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپ بولغاندىن كېيىن بورك ئەپەندى پرېزېدىنتلىققا نامزات بولغان ئولىۋېر ئوردوك بىلەن سۆزلىشەرمۇ؟دەپ سورىدى ، ئاڭغىچە ئوردوك سۆزگە ئۆزى ئارىلاشتى، ئۇ ئەزەلدىن گەپتان ھەم ئوچۇق-يورۇق نېمە، بۇ قېتىم ئۇ تەستە كۈتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېلېفوندا سۆزلىشىشكە تەلمۈرۈپمۇ تۇرغان ئىكەن. دوستانە ئەمىن-ئەركىن سۆھبەت 40 مىنۇتتىن ئارتۇق داۋام قىلدى. روبېرت بورك پاراڭ ئارىسىدا كېرىكى بار ھەم كېرىكى يوق كۆپ سۆزلەرنى ئاڭلىدى، ئۆزىمۇ شۇنداق گەپلەرنى دېيىشكە مەجبۇر بولدى، ھەممە گەپ بۇرۇنقىدەك ئەمىن-ئەركىن باشلاندى .
    - ياخشىمۇ سەن؟ روبېرت، كېلىشىڭ بىلەن ساڭا ئېيتىپ قويۇشۇم كېرەك، بۇ قېتىم كېلىشىڭنى ئامېرىكا قىتئەسىدە ھېچكىم مەنچىلىك كۈتمىگەندۇر. ئەلۋەتتە، جېنىڭنىڭ يېرىمى بولغان ئايالىڭنى قوشمىغاندا، سېنى رېيىن ساھىلىنىڭ بىر يېرىدە گۈزەل، كېلىشىملىك فرانكفۇرتلۇق ئايىملارنىڭ ئارىسىدىن ئىستەپ تېپىشقا ئۈمىدلىنىپ ياۋۇزلارنى كۆزلەپ كىچىككىنە سەۋەبتىن خاپىلىققا قالغىلى تاسلا قالدىم !
    -رەھمەت، ئولىۋېر، فرانكفورتلۇق ئايىملار دېگىنىڭدەكلا ئىكەن، بىراق سەن مېنى شۇ ئىش ئۈچۈنلا ئىزدىمىگەنسەن، بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ كۆپتىن بېرى كۆرۈشەلمىدۇق .
    -ئېيتمايلا قوي، بولۇۋاتقان ئىش ناھايىتى كۆپ، بىز خالىغاندىنمۇ كۆپ بولۇۋاتىدۇ، ئۆزۈڭ بىلىسەن، مېنى شەيتان ئازدۇرۇپ، توغرا! ئازدۇرغان شەيتان ھەققىدە يېقىندا بېشىمدىن ئۆتكەن شۇملۇقنى، بىر ۋەقەنى ساڭا ئەينەن ئېيتىپ بېرىمەن، شۇنداق قىلىپ شەيتان ئازدۇرۇپ، سەن ياۋروپانى قىدىرىپ يۈرگەندە.... مەن سايلام ئالدىدىكى كومىتېتنىڭ غەم-غۇسسىسىنى شىللەمگە ئارتىۋالدىم  .
    -بىلىمەن، بىلىمەن، مېنىڭچە شۇ ئىشلارغا ھەقىقىي كىرىشىپ كەتكەنسەن .
    -مۆلچەرلىمەيلا كىرىشىپ كەتتىم، ناھايىتى مۇھىم، ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىقى، ھەقىقىي قىزىققان ئىقتىسادىي قوللىغۇچىلارنىڭ ئالقىشلىرى ئىچىدە مەن، بىراق گەپ ئۇ ھەقتە ئەمەس، قانداقلا بولمىسۇن ئۇلار ئوركىستىر ئەزالىرى ھەمدە ئارمىيىدە خىزمىتى بارلار، سېنىڭ ھالى يوغان ھېلىقى دوستۇڭ، باشقىچە ئېيتقاندا، مەن! بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ساڭا ئېيتىشتىن باش تارتمايمەن، ئىشقىلىپ ھەممىنى دەپ ئولتۇرماي، ئۆزۈڭ ياخشى چۈشىنىسەن، خەلقنىڭ زور توپى بىلەن ئۇچرىشىشتا، ئۇلارنى شايكا، ياللانما توپ دېگۈم كەلمەيدۇغۇ-ياق، ئۇنداق دېمەيلا قالاي، راست، ئەلۋەتتە، جامائەتنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، مەن بۇنى بارلىق ئۇچرىشىشلاردا تەكىتلەپ
    كۆرسىتىۋاتىمەن، مەن بارلىق سەۋىيىلەردە جامائەتنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ياقلايمەن، سان-سىفىرلىق باھا-پىكىر يىغىۋاتىمەن، شۇنداقتىمۇ، سېنى ئۆز كىشىم دەپ بىلىپ ئېيتىپ قوياي، توغرا، مەن قاچاندۇر بىر قېتىم ماقالىلىرىڭدىن قوش مەنبەچىللىك، يەنى
    بىفۇركاتىسىيىلىك ئامىللار ھەققىدە ئوقۇپ قالغان ئىدىم، شۇنىڭدىكى ئاۋامچىللىق دېگىنىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن قورقۇنچلۇق زوناغا كىرگەن بىلەن
    باراۋەر، خاتا سۆزلەپ قويماي، خاتا مېڭىپ قويماي، خاتا قاراپ قويماي، بىراۋ رازى، بىراۋ نارازى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سەندىن بىر نەرسىلەرنى تەمە قىلىشىدۇ، سەن ھەممىگە تەييار تۇرۇشۇڭ كېرەك، بىراق ئەڭ مۇھىمى مەسىلىسىنى ئۆزۈڭ قانداق چۈشىنەرىڭنى كىشىلەرگە يېتەرلىك ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بولۇشۇڭ كېرەك، قىيىن مەسىلىنىڭ يېشىلىشى دەل سايلامچىلارنىڭ كۈتكىنىدۇر. شۇنداق، شۇنداق قىيىن مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشى، ئالو، ئاڭلاۋاتامسەن، مېنىڭ گېپىمنى؟ مانا مۇشۇنداق روبېرت، سەن مېنى كەچۈرۈپ قوي، ساڭا، سەندەك زىيالىي ئادەمگە شۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىۋاتىمەن، بۇ ئۆزۈمگىمۇ ئوڭاي بولمايۋاتىدۇ، ھازىرقى تەقدىرىم دەل مۇشۇنداق، مېنى ھازىر كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ چۈشەنگەندەك قىلسا كېرەك .
    - ھەممە ئىش جايىدا ئولىۋېر، ئاڭلاۋاتىمەن، ئاڭلاۋاتىمەن، سېنىڭ سۆزۈڭنى .
    -رەھمەت، ئەڭ مۇھىمى، سايلامچىلارغا ئۆزۈمدىن ئۆزۈمدىن مۇنداقچە ئېيتقاندا ئامېرىكىنىڭ كېلەچىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پروگراممىسىنى، دۇنيادىكى ھازىرقى بوھران ئەھۋالىنىڭ مۇشۇ شارائىتىدە ئۇ ماڭا قانداق كۆرۈنسە شۇنداق يەتكۈزۈشكە ھەرىكەتلىنىپ كېلىۋاتىمەن! ھەي، تۇرمۇش ھەقىقىي يوسۇندا قاچان بوھراندىن قۇتۇلار ئىكەن، دەپ قويىمەن، ئۆز-ئۆزۈمگە، ھەر زاماندىن بېرى ھەمىشە بوھران پەيدا بولۇپ كەلگەن ھەمدە بارلىق ۋاقىتلاردا كىمدۇر بىراۋ باشقىلارنى ئارقىغا سېلىشقا ھەمىشە تەۋەككۇل قىلىپ كەلگەن، بۇ جەھەتتىن ئالغاندا بوھران ئارقاڭدىن ئەگىشىش ئۈچۈن ساڭا ئىشىنىش ئۈچۈن زۆرۈر شەرت، ئاساسىي قانۇننىڭ ۋە ھازىرقى
    قانۇنلارنىڭ خۇدا ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن، بىراق يەر يۈزىدە ھەمىشە ئەيشى-ئىشرەتلىك بولۇپ ماي كۆل، سۈت كۆل ئورناپ تۇرسا كىمنىڭ سۆزىنى كىم ئاڭلايدۇ دەيسەن؟ بوھران بولمىسا كىمگە كىم ئەگىشىدۇ؟ مېنىڭ چۈشەنچىم شۇنداق، بايىقى، ئەڭ مۇھىم ئوقۇملاشتۇرۇلغان مەپكۇرەم مەڭگۈلۈك قىيىن مەسىلىدىن-ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋە ئومۇمىي ھەممە ئادەملەرنىڭ كەلگۈسىدىكى ھاياتىنى قانداق قىلىش كېرەك، دېگەندىن كېلىپ چىقىدۇ، ئەلۋەتتە ھەر بىر ئادەم ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ياخشى تەرەپكە ئۆزگىرىشىنى تىلەيدۇ-يا، لېكىن ئۇنى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلىمايدۇ، ھەمدە دەپ تۇرۇشىدۇ،» ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش «باياشاتلىقنىڭ ھەممىسىنى كۈلكەڭ كەلمىسۇن، بىراق ئادەملەر چۈشىنىپ تۇرۇپتۇ، چۈشىنىشمىگەندەك يۈرۈشىدۇ، ئۇلارنى ئىشىنىشكە تىنىمسىز ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇش كېرەك، ئۇلارنىڭ قەلبى مۇشۇنىڭغا چاڭقىغان .مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئوردوك ئۆزىنىڭ ئويلىرى بىلەن كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپ تۇرۇۋاتقاندا، بورك ئۇنىڭ سۆزىنىڭ قىياسىدىن پرېزېدىنتلىق ئورۇنغا نامرات بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئادەمنىڭ سايلام ئالدىدىكى ئىشلارنىڭ تونۇش مۇددىئالىرىدىنلا ئەمەس، ۋاقتىنچە سۆز ئارىسىغا قستۇرغان بىر نەرسىنى، قانداقتۇر بىر مەقسەتنى تويۇپ تۇردى، شۇ مەقسىتىگە، مەنزىلىرگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندەك سەزدى، ئاياز ئاستا-ئاستا كېلىۋاتاتتى .
    سۆزنىڭ مەنىسىگە قارىغاندا ئوردوك سۆھبەتلىشىشتە يېقىملىق تەسىر قالدۇرۇشقا، ھەمدە پۇقرالارنىڭ مەنپەئەئىتى ۋە دېموكراتىيىنىڭ پرىسىپلىرى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن كۆرسەتكەن تەۋەككۈلچىلىكنىمۇ تەكىتلەپ كۆرسىتىشكە، يەنە سۇدەك راۋان سۆزلىرىنىڭ دالدىسىدا ئۇنىڭ تىنچىنى بۇزغان بىر نەرسىنى ئېنىق ئېچىپ بىلىۋېلىشقا ھەرىكەتلەندى، ئۇنىڭ تېلېفون بەرگەن سەۋەبىمۇ دەل شۇ ئىدى، بۇنى شۇنداق چۈشەنسە بولىدۇ .
    تېلېفوننىڭ يەنە بىر ئۇچىدىكى ئوردوكنى بورك كۆز ئالدىغا كەلتۈردى، پارتىيىگە لازىملىق جايدا پارتىيە ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە ئاخىرقى ۋاقىتتا ئىگىلەپ تۇرغان، دېرىزلىرى مايماق-سىيماق كەلگەن، كەڭرى ھەتتا تېلېفونلار بىلەن باشقا كۆركەم ئىشخانا خىزمەت بۇيۇملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئورۇندا قارا بۇلغارى بىلەن قاپلانغان كۇرسىدا سەل چايقىلىۋېلىپ ئالغۇز قۇشتەك بولۇپ 15-قەۋەتنىڭ دېرىزىسىنىڭقارشىسىدىكى ناھايىتى ئېگىز ئىمارەتلەرنىڭ ئەينەكلىك قەۋەتلىرىگە ئاڭسىز كۆز يۈگۈرتۈپ قويۇپ ئولتۇرغاندۇر. ئولىۋېر ئوردوكنىڭ كىشىگە يېقىشلىق ۋە ئوچۇق، ئۆزگىچە ئىكەنلىكىگە قارىماي، ئۇ ھەققىدىكى ھەر قانداق پىكىرلەر ھەم ياقلىغان ھەم يامانلىق پىكىرلەردە بار بولغان. ئۇنىڭ ھەددىدىن ئاشقان ئالدىراڭغۇلۇقى ۋە باشقا، يەنە باشقا قىلىقلىرى ھەققىدە ئۇششاق سۆزلەرمۇ ئېيتىلىپ قالاتتى، ئۇنىڭ سىياسەتچى، ئىجتىمائىيەتچى سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئۇچىغا چىققان ئاداۋەتخورلىقىمۇ ئېيتىلغان ئىدى. مۇنداق غەيۋەتلەر كىمنىڭمۇ ئارقىسىدا بولمايدۇ دەيسەن؟ ئۇندىن قالسا تېخى تۈنۈگۈن ئادۋوكاتنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ شاپاشلاپ يۈرگەن كىشى توساتتىن بىر زاماتتا جامائەتنىڭ دىققىتىنى بۇراپ باشقىلارنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرۈپ يوق يەردىن مۇۋەپپەقىيەتتىن مۇۋەپپەقىيەتكە يېتىپ ئۆزىنىڭ سىرىنى ياخشى بىلگەنلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى پىكىرلىرىگە قارىماي ئىشى ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقان تۇرسا .ئوردوك كىشلەردىن خېلى بۇرۇنلا ئىشچىلار ئۇيۇشما ساھەلىرىدە ئاندىن كېيىن مۇھىت ئاسراش ساھەلىرىدە ئىشلىدى. تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا ۋە مەتبۇئاتلاردا كۆرۈنۈپ، بۇ قەھەتلەردە دەۋرنىڭ تەلىپىگە لايىق، ياكى ئۆزى تەكىتلەپ بەلگىلىك ئورنىغا ئىگە بولۇشنى ياخشى كۆرگەن ئىدى. كوچىدىكى بىكار تەلەپلەرنىڭ تەلىپىگە تولۇق جاۋاب بېرەلەيدىغان خېلى يۇقىرى ئىقتىدارلىق كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كۇسىغا چۈشكەن ئىتتىنمۇ بەتتەر ئىدى. بىكار تەلەپلەرنىڭ ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى ياخشى پەملەپ يەنە بۇ ساھەگە تەسىر كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ سەرخىللىقىنى سىنىدى. باتۇرلۇق بىلەن قۇلىقنىڭ سىرتىدىن كەلتۈردى. ئۇ مانا مۇشۇنىڭدىن ئۆتتى. ئەلۋەتتە، مۇۋەپپەقىيەت ئۈمىد پەيدا قىلدۇردى. ئىشەنچ ئاتا قىلدى، ئادەمنى ئۆزگەرتتى. ھەتتا توساتتىن ئوردوكنىڭ يەنە رەڭگى رويىمۇ تونۇۋالغۇسىز ھالەتتە ئۆزگىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ قۇشقاچنىڭكىدەك يۈزى بىلەن تومۇرلىرى كۆرۈنگەن بوينىنى قاپلاپ تۇرغۇچى چۈشىنىكسىز بوزارغان ئاق داغلار قانداقتۇر بىر سەۋەبلەر بىلەن يوق بولدى، ئۇندىن قالسا تۈنۈگۈن تېخى يېقىندىلا ئىككى كۆزىنىڭ ئالدىدا ئالامەتلىك قارا داغلىرى بار، تېتىكلەشكەن گېبېلىسنىڭ يۈزىگە ئوخشايدىغان يۈزى بىردىنلا شورپا تۆكۈلۈپ كەتكۈدەك ھالەتتە ئەمەسمىدى؟ ئوردوكنىڭ بۇ ھالىتى ھەققىدە ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ بىرى بولغان ۋىراچ ئۆز ۋاقتىدا« ئوردوكنىڭ يۈزىدىكى داغلار ئۇنىڭ ئاتاق ئابرويى، ئاشكارە ياخشى كۆرۈنگىنىنىڭ، ھاكىمىيەت دېگەندە جېنىنى بېرىشكە تەييار تۇرىدىغانلىقىنىڭ پسىخىك بەلگىسى» دەپ ئېيتقىنىمۇ بار تېخى. تەقدىر ئاخىرى كېلىپ ئوردوكقا ئىچ ئاغرىتمىسا ئۇنىڭ مۈكچەيمىگەن تېنىنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە ھېلىقى ئاپەتلىك داغلار قاپلىغان بوينى، بېشى گۆر ئاغزىغا كىرسە نېمە بولاتتى. دېمىسىمۇ بولىدۇ، كۆرەلمەسلەر شۇنداق سۆزلەرنى قىلماقچى، بىراق چۈشەنگەن ئادەملەر ئوردوكنى ئاياپ قويماقچى، شۇڭا ئۇ داغلار نېرۋا ئاغرىقىنىڭ نېگىزىدە پەيدا بولغان ناھايىتى ئاز چېلىقارلىق »ھال» دېگەن ئىللەت بولۇپ ھېسابلىناتتى، ھەمدە ئوردوكنىڭ يۈزىدىكى» ئالا داغ» لىرىنىڭ توساتتىن ئادەمنى تاڭ قالدۇرارلىق دەرىجە يوق بولۇپ كېتىشىنى ئۇنىڭ چوڭقۇر قانائەتلىنىشىدىن كۆپتىن بېرى كۈتكەن مەقسىتىگە يەتكەنلىكىدىن كېيىن كۆڭلى بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ جان دۇنياسى يېڭىلىنىپ كەتكەنلىكتىن دەپ چۈشەندۈرۈشىپتۇ. ئەلۋەتتە، كۈلكە كۈلۈشكە تېگىشلىك چاغدا كۈلىدىغان ئىش. بىراق دۇنياۋى، چوڭ كەمچىلىكنىڭ يوق بولۇشى راستىنلا ئوردوكنىڭ سىياسىي قارماشلاردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىقتى. شۇنداق قىلىپ، قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان تىرىكچىلىكنىڭ سىرتمىقىدىن كەلسە-كەلمەس، بولار-بولماس ماي تارتىشىشلاردىن ئۇنتۇلۇپ قالدۇرۇلدى. ئەمدى ئولىۋېر ئوردوك ئېكراندىن بۇرۇنقىدەك كۆرۈنىدۇ، بايىقى قاچاندۇر بىر چاغدىكى پەيدا بولغان يۈزىدىكى داغلاردىن قىلچىمۇ شەك يوق، ئۇنىڭ ئۆتكۈر، ئويناقلىغان قارا كۆزلىرى دائىما بىر نېمىلەرنى ئىزدەپ تۇرغاندەك ئۆتكۈر قارايدۇ، ئوردوك، ئۆزىنىڭ سۆزى بويىچە ئۆزىگە قارشى چىققان كىشىنى ھەر قاچان كۆرگۈسى كېلىدۇ. مانا ئاشۇنداق قىلىپ ئۇ تۈپتۈز بىۋاستە قاچۇرۇپ كىرىپ، ئۇنى ئۇ ھەلقۇمىدىن ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوردوك چېچەن ئىدى. زىل ئۈنى، سۆزنى جايىغا كەلتۈرۈپ دەل ئېيتىدىغانلىقى، پائالىيەت-ھەرىكەتلەرنىڭ ئورۇنلۇقلۇقى، قىسقىسى كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىنى لال قىلغۇچى ناتىققا ئوخشاش پاساھەتلىك كەلىمىلەر بىلەن ئىپادىلىيەلەيدىغان دېتىمۇ بار ئىدى .
    بىراق، ئوردوكنىڭ پۈتۈنلەي ئەقلىگە سىغماس، بەلكى ناھايىتى ئاز چېلىقارلىق، قىزىقارلىق ئىقتىدارى بوركنى ئاجايىپ تاڭ قالدۇراتتى، ئۇ شۇنچە ھەيران قالدۇرارلىق ئادەم بولغانلىقتىن ئاڭا ئىشىنىش قىيىن ئىدى. راستىنلا بىرسىگە ئېيتساڭ ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ ھېچقاچان ئىشەنمەيدۇ. ئۆزى گۇۋاھ بولغان، ھەمدە ئولىۋېر ئىككەيلەن بىر ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدى. راست، ئۇلار ئوخشىمىغان يىللىقلاردا ئوقۇشقان، بورك بۇرۇنراق، ھېلىقى ئادەم بولسا كېيىنرەك؟ بورك تارىختا، ئوردوك قانۇن فاكۇلتېتىدا، ئۇندىن بېرى خېلى بىر مەزگىل، بىر نەچچە ئونلىغان يىللار ئۆتتى، بىراق’بىر ئونىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان بىز ‘دېگەن رومانتىك بۇرادەرلىك ئۇلارنى يېقىنلاشتۇرۇپ تۇرغان ئىدى، بۇنىڭدا گەۋدىلەنگەن ئوردوكنىڭ ئاز-پاز كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان جۆندەم-ئىقتىدارى بۇنداق ئىدى، ئۇ ھاياتىدا تېلېفوندا قانچە قېتىم سۆزلەشكەن بولسا شۇنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىيەلەيدۇ، باشقىنى ئەمەس، پەقەت تېلېفوندا سۆزلەشكەن سۆزلەرنىلا، ئۇ بۇنىڭدىن 15-20 يىل ئىلگىرى تېلېفوندا يەنە قاچان كىم بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى، ھەتتا، كەلسە-كەلمەس سۆزلەرنىمۇ كۈنى، سائىتىگىچە دەل ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. مىسالى، ئايرودرومنىڭ مەلۇمات بۆلۈمىگە تېلېفون چالدى، دەيلى ياكى ئاڭا توساتتىن ماي قاچىلاش ئورنىدىن 1971-يىلنىڭ 12-ئاۋغۇستىدا چارشەنبە كۈنى، كۈندۈزى سائەت ئۈچتە تېلېفون چالدى، دەيلى ئەس قۇۋۋىتىنىڭ مۇنداق ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى، بۇنچىلىك تۈپۈر-تۈپۈرگىچە بىلىشنىڭ باشقا ئىچكى سەۋەبىنى ھېچكىم چۈشەندۈرەلمىدى، ئوردوكنىڭ بۇ قىزىقسىنارلىق ئىقتىدارىغا بىر تۇرۇپ ھەۋەسلىنىشىنى، بىر تۇرۇپ قۇيقا چېچى تىك تۇرارىنى روبېرت بورك يوشۇرمايدۇ، بۇ ھەقتە ئۇ بىر تۇرۇپ بۇرۇنقىدەكلا نېگىزلىك مەپكۇرە سۈپىتىدە ئويلانسا بىر تۇرۇپ كۈلۈپ ئاندىن يەنە چۆچۈپ ئويغا پاتىدۇ، ئۇندىن قالسا ئادەمگە بېرىلىدىغان مۇنداق يوسۇنسىز جۆندەم-ئىقتىدار نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاتا قىلىنغاندۇر. نېمە ئۈچۈن بېرىلىدىكىن؟ بۇ كۆكتىن ئاڭا مۇكاپات قاتارىدا نازىل قىلىندى ياكى ئۇنىڭ تەتۈرىچە، دوزاقنىڭ جازاسى سۈپىتىدە ئىبەرتىلدى؟ كىم بىلىدۇ؟
    كەسىپدىشىنىڭ تېلېفونىدا تەمكىن پارىڭىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ روبېرت ئۇنىڭ «ھە، مۇمكىن، بوركنىڭ ئېسىگە توساتتىن شۇ خىل خىيال چۈشتى. ئەگەر ئون يىلدىن كېيىن ئامان-ئېسەن بولساق، ھېلىقى بىزنىڭ ھازىرقى سۆزلەشكىنىمىزنى ئەسلەيدۇ، ھە، مەن بولسام ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ تاشلايمەن، بىراق كىم بىلىدۇ، بەلكىم مەنمۇ ئەسلەرمەن.... بىراق ئۇنىڭ كېرىكى نېمە؟» دەپ ئويلىدى.
    ئاڭغىچە ئوردوك تېلېفون چالغاندىكى مەقسىتىگە ئۆتتى .
    -ئەمدى، روبېرت سۆزۈمنىڭ پوس كاللىسى مۇنداق، سەن كەچۈرگىن، سۆزىنى يىراقتىن باشلاشقا توغرا كەلدى: مەن مەزمۇنىنى دەررۇ چۈشىنىشىم ناھايىتى زۆرۈر بولغان بىر ۋەقە بولۇپ ئۆتتى. ئەلۋەتتە، ئۇنى بىلىسەن، ئۇ ۋەقە پۈتكۈل ئامېرىكىنى تەۋرەتتى. ھېلىقى كائىناتتىكى كاھىن، توغرا، ئېتى نېمە ئىدى، ئۇنىڭ فىلوفېيمۇ ئىدى؟ فىلوفېيمۇ؟
    -فىلوفېي دەپ گېپىنى ئوڭلىدى بورك،-ئۇنىڭ ئىسمى، مۇراجىئىتىنى مەن بىر سائەت بۇرۇن ئوقۇپ چىقتىم .
    -مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، روبېرت، مەن ئۈچۈن ھېلىقى، كاسساندرا ھامىلىلىرى دېگەن بالايى-ئاپەتنىڭ بېشىغا پالتا چاپقاندەك ئىش بولدى. بۇندىن كۆرە يەر تەۋرىسە ياخشى بولىدۇ. بۇندىن كۆرە نېمە بولارىنى بىلمەيمەن، ئۇلار نېمە دېيىشتىكىن، ئىككىلىنىپ قالدىم. كەچۈر، مەن ھېچقاچان مۇنداق ئوسال ئەھۋالغا قالغان ئەمەس، مەن بۇ چاغقىچە ھاڭ دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەنمەن، ئەمدى بولسا ئۇنىڭ دەل قىرىدا تۇرۇۋاتىمەن. مەن قارشى پىكىردىكىلەرنىڭ ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا قارمىشىشقا، ئېلىشىشقا، تۇتۇشۇشقا جۈرئىتىم بار ئادەم. بۇ يەردە بولسا بەلگىسىز. نېمە قىلىش كېرەك. كىم بىلەن تۇتۇشىمەن، ئەگەر زۆرۈر بولسا كۈچ سىناشقۇچى، رەقىبىم كىم؟ پۈتۈنلەي تايىنى يوق، نائېنىق نەرسە بولۇپ تۇرىدۇ، مۇشۇ مەھەلدە چىن چىڭقىغا كەلگەندە ھەر بىرىمىزگە ۋە بارلىقىمىزغا تېگىشلىك بولغان بىر ئىشتىن، سەن ۋە ساڭا ئوخشىغان زىيادە تالانتلىقلارنىڭلا قارا ھۇجۇمغا چۈشمەي بىخەۋەر قېلىشى مۇمكىن،
    قالغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى غەپلەتتە قالدۇق .
    -كەچۈرۈپ قوي، ئولىۋېر،-دەپ گەپنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بۆلدى بورك،-مەنمۇ سەن سىياقلىق ۋە سەندىن باشقا بارلىق ئادەملەرگە ئوخشاش بىر خىل ئەھۋالدا، سەن ئۇندىن تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتچۇ، نېمە ئۈچۈن بۇ توغرىسىدا ماڭا مۇراجىئەت قىلدىڭ؟ ئىككىمىز بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەھسۇلاتىمىز، سۆزۈڭنى ئىختىيارىڭ بويىچە ئاڭلاشقا تەييارمەن، بىراق شۇنداق بولسىمۇ؟
    -ئوچۇقىنى ئېيتاي، ساڭا مۇراجىئەت قىلىش ھەققىدىىكى ئوي مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، ساڭا مۇراجىئەت قىلىپ، مەسلىھەت سوراشنى يېقىن ياردەمچىم ئەنتونى يۇنگېر ئېسىمگە سالدى. ئۇنىڭ ئىشقا تېتىكلىكى بىر ياقتا تۇرۇپ تۇرسۇن، ئۇ ناھايىتى بىلىملىك، پەلسەپە دېگەنگە جېنى تەسەددۇق يىگىت، ئۇنى يۈكسەك باھالايمەن، ئۇ شۇنداق قىلىپ، كېڭەشچىلىرىم بىلەن ياردەمچىلىرىمگە ئوخشاش ھەر بىرى بىردىن »مۇنبەر «گېزىتى كۆتۈرۈۋېلىشىپ، كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەقلىدىن ئادىشىپ كىرىپ كېلىشكەندە مېنىڭ ئەقىل-ھۇشۇم بىھۇش بولۇپ قالدى. ئەتە ئەتراپىمدىكى سايلامچىلار بىلەن، كىشىلەر بىلەن بىللە يولدىشىم، ھەمراھىم بولىدۇ، ئۆزۈڭ چۈشىنىسەن، دېموكراتىيە دېگەن سۆز بىلەن خەلق سۆزىنىڭ مەناسى بىر. مەن ھەممىگە تەييارمەن، قانداق سوئاللار بولمىسۇن تەييارمەن، بىراق ھېلىقى كاسساندرا ھامىلىلىرى ھەققىدە مەندىن سوئال سورىلىشىنى ئويلىغاندا بىلەمسەنكى، ئالدىمدا ئارسلان تۇرغاندەك سېزىپ كەتتى. ئۆزۈمنى توساتتىن كائىتتىن چېقىلغان چاقماق چارت قىلىپلا چېقىلغاندەك كىشىنىڭ ئويىغا كەلمەيدىغان ئىش بولدى؟! ئالدىمدا بولسا ساملامچىلار بىلەن پىلانلاشتۇرۇلغان بىر قاتار ئۇچرىشىشلار تۇرۇپتۇ، ئەمدى مۇنداق ئويلىنىپ تۇردۇم، نېمە قىلىش كېرەك؟ بىزنىڭ ئامىرىكىنىڭ سايلامچىلىرى، دۇنيا بىزگە كۆز سېلىپ تۇرماقتا. يەنە بىزنىڭ ئامېرىكىلىقلار ئارىسىدا چىداپ بولالماي ئۈچىيى ئۈزۈلگىدەك كۈلگەنلەرمۇ بار، بىز دېموكراتىيىنى مەقسەت قىلىپ تۇرغان بىز. دەل شۇنداق، بىراق، خۇدا ئۇرغۇ، كەچۈرۈپ قوي، يەنە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم، نېمە ھەققىدە سۆزلەۋاتاتتىم؟ ھە، ئەتە سايلامچىلىرىم ئازغۇنلۇقلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورنىدا ئىكەنلىكىنى يەنە مېنىڭ يەڭگىلتەكلىك بىلەن قول شىلتىپ، ئادەم ئۇرىدىغان رەھبەر ئىكەنلىكىم ھەققىدىكى دەلىلنى كۆرۈپ بىلگۈسى كېلىپلا جىم بولۇشمايدۇ، ئۇلار ھېلىقى كائىناتتىكى كاھىننىڭ مۇراجىئىتى توغرۇلۇق ئويۇمنى بىلگۈسى كېلىشىدۇ ئەمەسمۇ؟ شۇنداق بولغاندا مەن نېمە دېمەكچى؟ يا يوق، يا بار دېگەنگە يارىماي ئالقىنىمنى يېيىپ تىم بولامدىمەن؟! سىياسەتچى ئۈچۈن بۇ پۈتۈنلەي يارىماسنىڭ ئىشى !
    -چوقۇم شۇ ھەقتە سوراشقا كۆزۈڭ تولۇق يېتەمدۇ؟
    -كىچىككىنىمۇ گۇمانىم يوق !
    -ئۇنداقتا فىلوفېينىڭ كەشپىياتىنىڭ سېزىمىمىزنىڭ ئۆزىچە بىر قوزغىلىش ياكى پارتلاش سۈپىتىدە كائىنات ئارقىلىق ئېنىقلانغانلىقىنى ئۆزىمىزگە ئۆزىمىزدىن كىرگۈزگەن ئوڭلاش سۈپىتىدىلا قوبۇل قىلىشىمىزلا قالىدۇ، كائىناتتىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق يەتكەن ئۆزىمىزنى ئىچتىن تونۇشنىڭ يېڭى ئەھۋالى سۈپىتىدە تونۇش كېرەك. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
    - بەلكىم شۇنداقتۇر، بىراق بىلمەيمەن، مۇنداق ئېيتىشقا مەن ھېلىھەم تەييار ئەمەس، سەن بىلەن چىرايلىق چۈشىنىشىپ سۆزلەشسەك بولىدۇ، بىراق، كىشىلەرگە شۇنداق تۈزەش، قوشۇمچە كۈتۈنۈشىدە پارتلاش، قوزغىلىشنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى دەپ قانداق چۈشەندۈرىسەن، پەرقى قايسى؟ بۇ كاھىن ئاسماندىن نەدىكى بىر كاسساندرا ھامىلىلىرى ھەققىدە، ئۇلارنىڭ تۇغۇلۇشتىن باش تارتقانلىقى ھەققىدە ئىش قىلىپ بىز ئۈچۈن تەجرىبىنىڭ چېكىدىن تاشقىرى تۇرغان نەدىكى بىر قۇلاق ئۇققىدەك نەرسىلەر ھەققىدە ئېيتىۋاتىدۇ، بىراق بۇنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىگىلا لازىمى بولسا مەيلى ئىدىغۇ، بالايى-ئاپەت بېسىپ فىلوفېي رىم پاپاسىغا، دېمەك، ھەقىقەتەندە پۈتكۈل ئادەمزاتقا مۇراجىئەت قىلىۋاتمامدۇ؟ ئەمدى پاپا بۇنىڭغا نېمە دەركىن؟ ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەرمىكىن؟ پاپا چۈشكەن چۈشەكنى بەندىگە بەرمىسۇن، باشقا يەنە مەندەكلەرگە بەرمىسۇن، پاپا ۋاتىكاندا، كاھىن كائىناتتا، لېكىن مەن بولسام ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئەلنىڭ ئالدىدا مەن! قويۇپ تۇرچۇ!
    -بولدى قىل، ئولىۋېر، بىرىنچىدىن يالغۇزلا سەن ئەمەس،-بورك ئىشنىڭ ئەھۋالىنى ئىزاھلىغۇسى كەلدى،-مانا بارلىقى .....
    -چۈشىنىۋاتىمەن، چۈشەندىم، بىراق، كەچۈرگىن سۆزۈمنىڭ ئايىغىغا چىقاي، نېمە دېمەكچى بولۇۋاتقانلىقىڭنى بىلىمەن، بۇ ناھايىتى زور ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان قىيىن مەسىلە، بۇنداق، قوزغىلىش، پارتلاشنى قوبۇل قىلامدۇ يوق ھەر بىر ئادەم ئۆزى يالغۇز ھالدا ھەل قىلىشى كېرەك دېمەكچى بولۇۋاتىسەن، توغرا، بىراق بۇ بىر قارىغاندا شۇنداق، روبېرت، دەۋرىمىزنىڭ بولسا كۆپچىلىكنىڭ كوچىغا چىقىپ مۇراجىئەتلىرى بىلەن تەلەپلىرىنىڭ پۇت-قولىنى بوغۇپ تۇرغان چۈشەكىنى مەمۇرىي سىستېمىغا يۈكلەپ قويۇشىنىڭ مەزگىلى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. ھەتتاكى ئەيدىزمۇ مەمۇرى سىستېمىلارنىڭ گۇناھى دېيىلىپ تۇرغان چاغ بۇ، ھازىرقى ئادەملەردە كىچىككىنە بىر ناتوغرا نەرسە بولسا بولدى، ئۆزۈڭ ئەمەس، سىستېمىنى گۇناھكار قىلىپ تۇرغان بەندىنىڭ ئۆزى بولمىدىمۇ، بۇنداق مۆجىزىۋى خەۋەر كائىناتتىكى كاھىندىن كېلىپ تۇرغاندا ئۇنى كىمگە، كىمنىڭ شىللىسىگە ئارتىش كېرەك؟ يەنە نېمە قىلىش كېرەك. ئىش قىلىپ باشنى ئاغرىتىدىغان سەۋەب بار. ئۇندىن قالسا كۆپچىلىكى بۇ قېتىم ھەم ئەپچىللىك قىلىپ كېتىشىدۇ ئەمەسمۇ، مەن ئۆز شېرىكلىرىمنى، سىياسەتچىلەرنى دەۋاتىمەن،- ئەپچىللىك قىلغاندىمۇ بۇ ئىشنى سايلام ئالدىدا ئۆزىگە خىزمەت ئۆتۈگىدەك قىلىپ قويۇشىدۇ، قان تۆكۈلگەن ئۇرۇشنىمۇ ئۆز پايدىسىغا، مەنپەئەتىگە بۇراپ قويسا بولىدۇ، ئەمەسمۇ، مەن دەل شۇنى دەۋاتىمەن .
    -ھەي، بۈگۈن تاۋىڭ بار ئىكەن، دوستۇم، ئەھۋالىڭنى چۈشىنىۋاتىمەن، ئولىۋېر، بىراق، فىلوفېينىڭ سىرلىق مۇراجىئىتىنىڭ جاۋابى مەندە ئىكەن دەپ ئويلىما، مەنمۇ سەندەك ئامالسىز قېلىپ ئولتۇرۇۋاتىمەن، شۇنداقتىمۇ دېگۈم كېلىدۇ، ئەگەر فىلوفېينىڭ ئېيتقانلىرىنى قوللىغۇچىلىرى چەتكە قېقىشالمىسا، يوققا چىقىرىشالمىسا ئەگەر ھەقىقەتەندىمۇ ھەممىسى شۇنداق بولسا يەنە جاننىڭ يارىلىشنىڭ بىئو-پسىخولوگىيىلىك ئامىلىغا ،ھامىلىنىڭ بىۋاستە سېزىمىگە لازىملىق، ئاتاپ ئېيتقاندا قىيامەت قايىملىق ئۇچرىشىشقا مۇناسىپ رەۋىشتە راستىنلا كارامەت بىر كەشپىيات ياراتقان بولسا، ئۇنى مەن «فىلوفېينىڭ ئۇچرىشىش «دەپ ئاتايتتىم، ئۇنداقتا ئۇمەندىن باشقا بۇ ئادەم بالىسىنىڭ تۇرمۇشىدا قورقۇنچ ۋە ئەرك، ھايات ۋە مامات سىياقىدىكى ئورۇن ئىگىلەيدۇ .
    -بولدى قىل، شۇنداقمۇ؟! ياپەرۋەردىگار، بۇ بىر ھېكىمەتقۇ، كېسىپ ئېيتتىڭ! -ئوردوكنىڭ ئۈنىدىن ھەقىقەتەندىمۇ تاڭ قالغانلىق ۋە خاپا بولغانلىقى بايقالدى، بۇنداق بولغاندىن كېيىن نېمە قىلىش كېرەك؟
    نېمىلەرنى دېمەكچى سەن؟
    -نېمىلەرنى دېسەم بولاتتى؟ ئەتىدىن بېرى ئىككىمىز دېيىشىۋاتقان بۈيۈك ماتېرىياللار. ئۇ ئۆز ئالدىغا، بىراق مەن سايلامچىلىرىمنىڭ سۇئاللىرىغا دەل جاۋاب بېرىشىم» فىلوفېينىڭ ئۇچرىشىشى» غا ئۆز كۆز قارىشىمنى ئېيتىشم كېرەك-دە، بۇ جەھەتتە ئارسالدى بولمىسام بولاتتى.
    - شۇنداق، ئويۇڭنى چۈشىنىۋاتىمەن،-دەپ باش لىڭشىتتى بورك،-ئويلىنىش كېرەك،-دېدى.
    -مەن ساڭا بىر سائەتتىن كېيىن قايتا تېلېفون بەرسەم قانداق، راست بېرىمەن، روبېرت، ناھايىتى بىئارام بولۇۋاتىمەن، تىنچىڭنى بۇزماي، بىراق بۇنىڭدا مېنىڭ لازىمىم بار. بۇنىڭدىن تانمايمەن، مەن ھاكاۋۇر ئادەم، يەنە ئاڭلارمەنلىرىم ئالدىدا ئۆز سالاپىتىمنى كۆرسەتكەنلىكىم پۈتۈنلەي يېتىشسىز بولىدۇ. چۈنكى بۇ، ئېيتقىنىڭدىن كېيىن ئويلاپ كۆرسەم، ئادەم ماھىيىتىنىڭ تاپتاقىر، پۈتۈنلەي يېڭى كۆرۈنۈشى، لېكىن بىز ئامېرىكانلار، ئۆزۈڭ بىلىسەن، ھەممە تەرەپتىن بىرىنچى بولۇشىمىز كېرەك. يەنە بىزنىڭ بارلىق نەرسە ھەققىدىكى ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدە ۋە باشقىلارنىڭ بارلىق ئىشىنى نىشانلىغۇچى ئوي-پىكىرىمىز بار بولۇشى كېرەك. توساتتىن بۈگۈن ساما يولىدىن باشقا پلانتالىقلار يوپۇرۇلۇپ كىرىپ كېلىشسە، خۇدا ھەممىمىزنى ئامان قىلسۇن! ئەتە بىز ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ بىرگە چۈشكەن سۈرەتلىرىمىزنى ئېلان قىلىپ ئىبەرتىشىمىز كېرەك. ئۇنداق قىلمىساق بىز ئامېرىكىلىق ئەمەس .
    -شۇنداق، ئۇنىسى راست،-دەپ بورك كۈلدى، ھەمدە مۇنداق قوشۇمچىلىدى: ئەلۋەتتە، بۇ يەردە تېلېفوندىكى سۆزدىن كۆپرەك نەرسە قانداقتۇر بىر كېڭەش، قۇرۇلتاي دېگەندەك ئاتايىن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بىرلا ئەمەس، يەنە بىرلا قېتىم، بىزنىڭ ئامېرىكىدا ئەمەس،-باشقا مەملىكەتلەردىمۇ بىر نەچچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا ئالاھىدە، خەلقلەر زىچ ياشىغان رايونلار، بىرىنچى رەتتە روسىيە، جۇڭگو، ھىندىستان، ياپونىيە ئالاھىدە، قاتتىق ئاۋاز بېرىشىدۇ، ئۇ دۆلەتلەردە» فىلوفېينىڭ ئۇچرىشىشى» نىڭ قانداق ۋەيرانچىلىققا چۈشىشنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈۋاتىمەن، ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ سۆزىگە قايرىلايلى، ئەتە نېمە قىلىش كېرەك دەمسە؟ سەن ئولىۋېر سايلام ئالدىدىكى پروگرامما بىلەن چىقىپ سۆزلىگۈڭ كېلىۋاتامدۇ؟ شۇنداقمۇ؟ بۇ چاغقىچە سايلامچىلىرىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىلار بولغان، بارلىق تەلەپكارلاردىكىدەك، ئۆز... ئۆز دەلىللەرىڭ، ئۆزۈڭنىڭ تەسىر قىلغۇچى شەكىللىرىڭ بار.
    مەتبۇئاتلاردا باشقانامزاتلارنىڭ سان-سىفىرلىق باھا-پىكىرلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار كۆرۈلۈپ قالدى، پەرەزلەر، ئالدىن مۆلچەرلەشلەر ئارىسىدا سېنىڭكى يامان ئەمەس، رىقابەتچىلىرىڭنىمۇ بىلىمەن .
    -گەپنىڭ بارى شۇنداق بولۇپ تۇرمامدۇ، ناھايىتى كۈچلۈك، تاقابىل تۇرۇش قىيىن ئادەملەر، ئۇلارنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا، ئەسلەپ چىقىشقا پەقەتلا بولمايدۇ، ئايرىم ئويۇنغا ھېلىقىدەك كۈتۈلمىگەن ئامىل ئارىلىشىپ تۇرغاندا »فىلوفېينىڭ ئۇچرىشىشى «!
    بورك ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئەركىن تۇتۇشقا ھەرىكەت قىلدى :
    -بىراق، ئويۇمچە ھازىر ۋەزىيەت ھېلىھەم ئوپئوچۇق بولۇپ تۇرماقتا، بۇ ھەققىدە ياكى مۇنداق ئىكەن ياكى ئۇنداق ئىكەن، دەپ ئېيتىپ تاشلاش بالدۇرلۇق قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پرېزدېنىتلىككە نامزات قاتارىدا بۇ تېمىنىڭ ساڭا تۈزدىن-تۈز، بىۋاستە كېرىكى يوق. ئولىۋېر ئوردوك ئېغىر خۇرسىنىپ قالدى .
    -ئېيتقىنىڭ ئۇنچە توغرا ئەمەس،-روبېرت دەپ قارشى چىقتى ئۇ، ئەلۋەتتە بۇ ۋەقە ئۈچۈن ھېچقانداق جاۋاكارلىقىم يوق، بىراق بۇ ۋەزىيەت سايلام ئالدىدىكى ئىشلىرىمغا قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقى تىنچىمنى بۇزدى، ئەمدى سۆزۈمگە قۇلاق سال، روبېرت ،ساڭا مۇراجىئەت قىلىپ تۇرغانلىقىمنى بايا ئېيتىپ ئۆتمىدىممۇ، مەن بۇنىڭ بىلەن ياش مەسلىھەتچىم ئەنتونىي يۇنگېرنىڭ ئىشارىتى بىلەن قىلدىم دەپ، بۇ دېمەك، ھازىرقى ياشلار سېنى ياخشى بىلىشەر ، يەنە روھانىيەت جەھەتتىن ساڭا تايىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، كۆپ ۋاقتىڭنى ئېلىپ قويدۇم، بىراق، ساڭا تېلېفون بېرىشىم توساتتىن يۈز بەرگەن ئىش ئەمەس، چۈنكى سەن بەلگىلىك دەرىجىدە كېلەچەكشۇناس ھەم باشقا كەسىپتىمۇ مۇۋەپپەقىيىتىڭ بار ئادەم، ئۇندىن كېيىن بىزگە سىياسەتتىكى ئەمەلىيەتچىلەرگە ساڭا ئوخشىغان تالانتلىقلار مۇھاكىمە بەرمىگەندە كىم بېرەتتى ئەمىسە، سايلامدىكى رىقابەتچىلىرىم ھەر قانداق ئىشتىن يانمايدىغان سىياسەتچىلەر، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىر ئۆگەنچى ھەۋەسكارمەن، ھازىر ئۆزۈڭ بىلىسەن بىرىنچى تۈر، ئەگەر ئەمدىلەتىن تۇرغۇزۇلۇۋاتسا، سىياسىي قەدەم تاشلىسام، ئۇنداقتا ئويۇن-تاماشا ئۈچۈن مەسخىرە ئوبيېكتى بولۇپ قالىمەن، مۇنداق ۋەزىيەتتە، سايلامچىلار كىمنى ياقتۇرىدۇ؟ قانداق مەۋقەنى ئىگىلەش كېرەك. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، كونىسېرۋاتىپ بولۇپ كۆرۈنگۈم كەلمەيدۇ، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي كېرىكى يوق، بىراق ئىنقىلابچى بولۇش دائىم قورقۇنچلۇق ئىش، قانداقتۇر بىر يۈز بەرمىگەن ئىش ئۈچۈن، ئېيتايلى، ھېلىقى كائىناتلىق ۋەقەگە باغلىنىشلىق ئىشنى باشلىماي تۇرۇپ، يېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش ناھايىتى ئۆكۈنچلۈك. مەن ھەممىسىگە تەييارمەن، سايلام ئالدىدىكى كۈرەشلەرنىڭ ۋارىيانتلىرىنىڭ ھەممىسى ئولىمپىك يىغىنىغا كېتىۋاتقان يولدا بولغۇچى ھەر قانداق قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەسكە ئېلىنىپ، ئوي-تەپەككۇرنىڭ يېرىدىن، ئېگىز يېرىدىن دەڭسەلدى دېگۈدەكلا بولغان، ئۇنىڭغىچە، ماڭا بۇ بالايىئاپەت چىقىپ كائىناتتىكى كاھىندىن سالام! دەپ ئولتۇرمامدۇ، نېمە قىلارمەن، سەن بىلەن بىرلىشىمەن دېيىشىم كېرەكمۇ، ياكى كائىنات-پائىناتىڭ بىلەن ھەممىڭنى ئۇردۇم دەيمەنمۇ؟ راستىنى ئېيتاي، ئۇخلىسىمۇ چۈشىگە كىرمەس ئىش! بىراق ئامال قانچە بۇ ھەقتە مەن ئويۇڭنى قىزىققىنىمدىن ئەمەس، زۆرۈرچىلىك سەۋەبىدىن بىلەي دەپ تۇردۇم، ئۇنى ئۆزۈڭ چۈشىنىسەن، توساتتىن ئاۋاز بېرىلىشتىن ئاجراپ قالمىسام دەيمەن، مەسىلە دەل مۇشۇنىڭدا .
    -يارايسەن، ئولىۋېر، مەن ھەممىنى چۈشەنگەندەك قىلىمەن،-دېدى روبېرت بورك، ئوردوكنىڭ جاھىللىقى بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تاڭ قېلىپ (سىياسىي مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىنىڭ كۈنى ئوڭايمۇ؟!(.
    -كاھىن فىلوفېينىڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز كەبى كۈتمىگەن يەردىن، كائىناتتىن ئېقىپ كېلىشى، دۇنياغا قانداق غەۋغا سالغانلىقىنى، شۇندىن باشلاپ ئادەملەرنىڭ ئاڭ-سېزىمىنى قانچىلىك ئالاقىزادە قىلغانلىقىنى بورك كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەندە قۇلاقلىرى چۇغۇلداپ بېشىدا ئوت كۆيگەندەك بولدى، بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولماقچى، ياخشىلىقمۇ ياكى يامانلىقمۇ؟ بىۋاسىتە قويۇلغان سوئالغا بىۋاسىتە جاۋاب بېرىش كېرەك-تە.
    -ئەگەر سەن ئولىۋېر سايلام ئالدىدىكى رىقابەتكە قاتنىشالمىغان كۈندە،-دېدى بورك، سۆھبەتدىشى تېلېفون لىنىيىسىنىڭ يەنە بىر ئۇچىدىن ئۇنى كۆرۈپ تۇرغاندەك قىلىپ، بېشىنى كۆنگەن پەدىسىگە لىڭشىتىپ، بەرىبىر مۇنداق ۋەزىيەتتە مەسىلە تەھلىل قىلىنماي يېشىلمەي قالمايدۇ، گەپ فىلوفېينىڭ مۇراجىئىتىنىڭ تەسىرى ئالدىدا تۇرغانلىقىمدا ئەمەس، گەپ، قانچىلىك گۇمانلىنىپ ھەرىكەتلىنىشىمگە قارىماي ھازىرچە ئۇنىڭ يەكۈنلىرىنى چەتكە قېقىشقا نېگىز تاپالماي قالغىنىمدا بولۇۋاتىدۇ، تەتۈرىچە ئىشىنىشكە باشلىدىم .
    -ئىشىنىشكە باشلىدىم؟ بىراق بۇنىڭ ئاخىرى نەگە بېرىپ توختايدۇ، بوربېرت؟
    -پۇرسەت قاچان كەلسە شۇ چاغقا، مەسىلە ھازىر مۇنداق. ياكى  فىلوفېينىڭ كەشپىياتىنى ئەسكە ئالىمىز، ياكى پاكىتلارنى كۆزىگە تۇتۇپ تۇرۇپ، چەتكە قاقىمىز ۋە ياكى ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك تەرىمىزنى كۆرسىتىمىز. فىلوفېيگە قول شىلتاپ سالىمىز، بۇمۇ شۇ، ئۇمۇ شۇ ماۋۇسىدىمۇ ھازىرچە بىزنىڭ ئەركىمىزدە، شۇنداق، فىلوفېي كۆتۈرۈپ چىققان قىيىن مەسىلىلەردىن قاچساق ھاياتىمىز بۇنىڭغىچە ئۆتۈپ كەلگەن ماقامدا ئۆتۈۋېرىدۇ. بىراق بىز كاسساندرا تامغىسى ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمىگەنلىكىمىز. بىر كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ ئىرسىي تراگېدىيىسى ھەققىدە چۈشەنچىمىزنى يوقىتىشقا، بەزىدە ئەپلىكىدە ئۇ ھەقتە بىلگىنىمىز يەنە ئۇنىڭغا كۆزىمىز يەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟ پىسەنتىمىزگە ئالماي ئۆزىمىز-ئۆزىمىزگە قورقۇنچ تۇغدۇرغۇچىدەك تەرىمىزنى كۆرسىتىمىزمۇ ياكى چىنلىققا بىۋاستە قاراپ قىيامەت قايىم بولۇشنى ئالدىنئالا سېزىپ كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ تاۋۇشىغا قۇلاق قاقىمىزمۇ؟ نېمە قىلىش كېرەك؟ تېخى تۈنۈگۈنلا ئادەمزات ھەممىدىن خەۋەرسىز ئىدى. مانا بۈگۈن بولسا ھەممىنى بىلىپ ئولتۇرىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، دىئاگنوز قويۇلدى، شۇندىن بېرى ئادەم ئۆزىدىكى ئۆزىنى قايتىدىن زاھىر قىلىپ ئېچىلىپ تۇرغان ھالەتتە، ئۆزىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، جان پەيدا بولۇشىدا، ئۇ ئۆزى كىم؟ بۇرۇنقى بوغۇنلارنىڭ ئەۋلادىدىن ئەۋلادقا ئۆتكەن بۇزۇقلۇقى ئۇنى نەگە، قايسى ئىرسىي خۇيغا ئېلىپ بارىدۇ؟ بىز ئۆزىمىزگە شۇ ئادەم قارىغۇسىز ئەينەكتىن قارىيالامىدۇق؟ ياكى كۆزىمىزنى يۇمۇۋېلىپ ئۆزىمىزنى-ئۆزىمىز ئۈزلۈكسىز تۇيۇق يولغا تاشلاپ كېتىۋېرىمىزمۇ؟ فىلوفېينىڭ خاس تېمىدىكى ماقالىسىنى شۇنداق چۈشەندىم .
    -مۇنداق دېگىن،-ئولىۋېر ئوردوك تېلېفوننىڭ توروبكىسىغا ئېغىر خۇرسىندى-دە، ئۈن چىقماي قالدى  .
    -گېپىڭنى چۈشىنىۋاتىمەن، ئۈندىمەسلىكىڭنىمۇ چۈشىنىمەن، بىراق پىكىرىم مېنى ھېچ نەرسىگە ۋەزىپىلەندۈرمەيدۇ، ئۇقۇۋاتامسەن؟
    -شۇنداق، شۇنداق، ئويۇڭنى ئۇقۇپ تۇرۇش ماڭا ئەھمىيەتلىك، روبېرت، باشقا ئامالىم يوق، يا ئۇتىمەن، يا ئۇتتۇرىمەن، بۇنىڭ بىلەن توغرا پوزىتسىيە ئىگىلەمدىمەن، شۇنىڭغا يارىشا بولماقچى، چۈشەندىڭمۇ؟ ئۇتتۇرۇش پۈتۈنلەي نامۇناسىپ ئىش، نېمىنىڭ شەرپىگە دېمەيسەنغۇ؟ چۈشىنىمەن، مىسالى، ئىش تاشلىغۇچىلار تەرەپكە ئۆتتۈم يا تەتۈرىچە ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى نامايىشچىلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا يۈردۈم ياكى ئۇنداق قىلغۇم يوق، يەنە شۇ ھالەتتىمۇ دەيلى، ئىش قىلىپ نېمە ئۈچۈن كۆيۈۋاتقانلىقىنىڭ ئۇ يەردە ھەممىگە چۈشىنىشلىك، ھۇ، بالا ئۇرغۇر، ئىش ئۈچۈن يەنە بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن كائىناتتىكى ئىستانسىنىڭ قەيەردىكى بىر ئەقلىدىن ئاداشقان، ئوزايىدىن يوقىلاڭ قىياس ئۈچۈن مەنسىپىڭنى، بەلكىم دۆلەتنىڭ كېلەچەكتىكى پرزېدىنتلىقىنى تەۋەككۇلچىلىققا سالارسەنمۇ؟ سەپرا بولۇپ تۇرغىنىمنى كەچۈرۈپ قوي .
    قۇلىقىم سەندە، ئولىۋېر، بىراق فىلوفېينىڭ كەشپىياتىنى سەن بىكاردىن، يوقىلاڭ قىياسقا چىقىرىلىۋاتقان ئوخشايسەن، ئەلۋەتتە، ئۇ ئۆز ئىشىم دېگىن، بىراق بۇ بىر قىياس ئەمەس، چىنلىقمۇ دەپ چۆچىيمەن، ئۇنداق بولسا بۇ يەر يۈزىدىكى ئادەم ئاتلىقنىڭ ھەممىسىگە مۇناسىپ ۋەقە، فىلوفېينىڭ كەشپىيات-ئىختىراسىغا مۇناسىۋەتلىك كېلەچەككە سېلىشتۇرغاندا ئاۋۇ ياكى بۇ تارماقتىكى ئىش تاشلاشلار شەھەرلەرنىڭ كوچىلىرىدىكى نامايىشچىلار يەنە باشقا سىياسىي ۋەقەلەر نېمە بولۇپ قالغاندۇ-ھە؟ شۇڭلاشقا بىز بۇ يەردە نېمە يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشكە قەرزدار. ئىككەيلەن تەڭلا ئويغا پېتىشىپ، ئۈن چىقماي قېلىشتى، ئۇندىن كېيىن ئولىۋېر سۆز باشلىدى :
    - دېمەك، سەن روبېرت، مۇراجىئىتىگە قارىتا ئەمەلىي ياردەم قىلامسەن؟
    -شۇنداق، ئولىۋېر، سەن باشقىلارنىڭ مەۋقەسىدىن مۇئامىلە قىلىشقا كۆنگەن ئادەمسەن، ئۇ ئىشلار چۈشىنىشلىك، بىراق مەن ھازىر سۇبيېكتىپ ئويدىن چىقىپ گەپ قىلىۋاتقىنىم يوق، فىلوفېينىڭ پاكىتلىرىنى ۋە مەنتىقىسىنى ئويلىماسلىققا بولمايدۇ، كائىناتتىكى كاھىننىڭ كەشپىياتى ئادەمزات ئالدىدا يېڭى سىناقلارنىڭ تۇرغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، مېنى توغرا چۈشەن. سەن بىر سىياسىئون، مەقسىتىڭ قىيىن مەسىلىلەرنىڭ جىددىيچىلىك پەيدا قىلىشىنى توسۇپ قېلىشتۇر، كەيپىياتنىڭ ئېقىمىنى تۇتۇپ تۇرۇش، مەن ئوقۇمۇشلۇق كېلەچەكشۇناس مەن، ئويۇمنى بىلگۈڭ كېلىپتۇ، ئەگەر كېرىكىم تەگكەن بولسا خۇشال بولىمەن .
    -ساڭا زور تەشەككۇر-روبېرت، مەن ئاخبارات ساھەسىنى قارماپ تۇرغان ئادەم. چۈنكى سەن سۆزسىزلا، بۇ مەسىلە بويىچە مەتبۇئاتقىمۇ، تېلېۋىزىيىگىمۇ چىقاتتىڭ ئەمەسمۇ؟
     مەنبە: چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ (يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمە قىلغان) «كاسساندرا تامغىسى» ناملىق رومانى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.