ئۆز ھېكايەم(ئەزىز نەسىن)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-28 20:32:00

ئۆز ھېكايەم(1)ئەزىز نەسىن (تۈركىيە) تۈركچىدىن [تۇرسۇنئاي ساقىم] تەرجىمىسى ئىلاۋە مەزكۇر ئەسەر ئەزىز نەسىننىڭ ئۆزى ھەققىدە يازغان بىردىنبىر تەرجىمىھال خاراكتىرىدىكى ئەسىرى بولۇپ، كېينكىلەر مەزكۇ...

    ئۆز ھېكايەم(1)
    ئەزىز نەسىن (تۈركىيە)
    تۈركچىدىن [تۇرسۇنئاي ساقىم] تەرجىمىسى

      ئىلاۋە مەزكۇر ئەسەر ئەزىز نەسىننىڭ ئۆزى ھەققىدە يازغان بىردىنبىر تەرجىمىھال خاراكتىرىدىكى ئەسىرى بولۇپ، كېينكىلەر مەزكۇر ئەسەر «گەرچە ئەينى چاغدىكى سىياسى ۋەزىيەت تۈپەيلى ئەزىز نەسىن ئۆزىنىڭ كۇردلار ۋە كومپارتىيە ھەققىدىكى سىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماي يۇشۇرۇپ قالغان بولسىمۇ ، ئەزىز نەسىننىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئىدىيىسى ھەققىدىكى ئەڭ سەمىمى ئىقرارنامە» دەپ باھار بەرگەن.

        ئاتا تولىيىنىڭ چەت بىر يېزىسىدا تۇغۇلغان دادام ئون ئۈچ يېشىدىلا يوقسۇللۇق دەردىدە يۈرتىدىن ئايرىلىپ ئسىتانبۇلغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغانىكەن.
        ئاپام ئاناتولىيىنىڭ باشقا بىر يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇمۇ كىچىك چېغىدىلا ئىستانبۇلغا كەلگەنىكەن، چۈنكى، مېنىڭ بۇ دۇنياغا تۆرىلىشىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يوللارنى جاپا ـ مۇشەققەتتە بەېسىپ ئىستاببۇلغا كېلىشلىرى ۋە بىر ـ بىرى بىلەن توي قىلىشلىرى پېشانىلىرىگە پۈتۈلگەن بولسا كېرەك، دۇنياغا تۆرىلىشىم ئىرادەمگە باغلىق بولمىغىنى ئۈچۈن، تولىمۇ نامۇۋاپىق بىر پەيىتتە تۇغۇلۇپ قالغانىكەنمەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەڭ قانلىق، ئەڭ دەھشەتلىك بولغان 1915 ـ يىلى... نامۇۋاپىق بىر چاغدا ئەمەس، يەنە كېلىپ نامۇۋاپىق بىر يەردە تۇغۇلۇپتىمەن. تۈركىيىنىڭ ئەڭ كاتتا بايلىرى ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇل ئاراللىرىدىن بىرى بولغان ھەگبەلى ئارىلىدا... ھەگبەلى ئارىلى بايلارنىڭ يازلق داچىسى ئىدى. لېكىن بايلار كەمبەغەللەرسىز كۈن كەچۈرەلمەيتتى. كەمبەغەللەرگە تولىمۇ مۇھتاج ئىدى. شۇ ۋەجىدىن مىزمۇ ھەگبەلى ئارىلىدا ياشايتتۇق. بۇ گەپلىرىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ تەلەيسىز ئىكەنلىكىمنى ئېيتماقچى ئەمەسمەن. ئەكىسچە باي، نوپۇزلۇق ۋە مەشھۇر بىر ئائىلىدىن كېلىپ چىقمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەخلىك ھېسابلايتتىم. ئەسلىدە ئاتا ـ ئانام ئىسىمنى «نۇسرەت» قويۇپتىكەن. بۇ سۆز ئەرەبچە «ئاللانىڭ ياردىمى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. بۇ دەل بىزدەك كەمبەغەللەگە خاس ئىسىم ئىدى. چۈنكى، بىزنىڭ بەندىدىن كۈتىدىغان ھېچقانداق ئۈمىدلىرىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئائىلەم بارلىق ئۈمىد ـ ئارزۇلىرىنى ئاللاغا بېشىغلاپتىكەن. قەدىمكى سىپارتالىقلار زەئىپ ۋە ئورۇق تۇغۇلغان بالىلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ساغلام ۋە چىداملىق بالىلىرىنى پەرۋىش قىلىپ قانداق ئۆستۈرگەن بولسا، بىزدىمۇ بۇ خىل بالا تاللاش ئىشىنى تەبىئەت ۋە جەمىيەت داۋاملاشتۇرماقتا، تۆت ئاكامنىڭ يوقسۇزچىلىق ئازابىغا چىداشلىق بېرەلمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى دېسەم، مېنىڭ نېمە ئۈچۈن چىداملىق بولغانلىقىم ۋە ياشاش ئۈچۈن بەرداشلىق بەرگەنلىكىمنى ئوڭايلا چۈشىنىشىڭلار مۈمكىن. بىراق، ئاپام يىگىرمە ئالتە يېشىدىلا بۇ ئېغىر كۈنلەرگە چىدىيالماي، بۇ گۈزەل ھەم ياشاشقا تېگىشلىك دۇنيانى چىداملىق ئىنسانلارغا تاشلاپ بېرىپ، ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالغانىدى.
       كاپىتالىستىك مەملىكەتلەردە سودىگەرلەرنىڭ، سوتسىيالىستىك مەملىكەتلەردە يازغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولىدۇ. ئىشنىڭ ئېپىنى بىلىدىغان ئادەم سوتسىيالىستىك مەملىكەتتە يازغۇچى، كاپىتالىستىك ئەللەردە بولسا سودىگەر بولۇشى كېرەك، مېنىڭ قانچىلىك تەتۈر ئىكەنلىكىم كىچىكىمدىنلا مەلۇم بولغان. چۈنكى، مەن ئون يېشىمدىلا تۈركىيىدەك كاپىتالىستىك دۆلەتتە، يەنە كېلىپ بىرەرمۇ ساۋاتلىق ئادەم بولمىغان بىر ئائىلىدە«يازغۇچى بولىمەن» دەپ تۇرۇۋالغانىكەنمەن.
         دادام ئۆز پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايدىغان كۈيۈمچان دادىلارغا ئوخشاش: «يازغۇچى، يازغۇچى دېگىنىڭنى قۇيۇپ، جېنىڭنى باقالىغۇدەك بىر كەسىپنى تاللا» دېگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ گەپلىرى زادى قۇلىقىمغا كىمىگەنىدى. مېنىڭ تەتۈرلۈكۈم بۇنىڭ بىلەنلا قالسىغۇ مەيلى ئىدى. لېكىن، يازغۇچى بولۇش مەقسىتىدە قولۇمغا قەلەم ئېلىش ئارزۇيۇم بولسىمۇ، قورال ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. چۈنكى ئۇ چاغلاردا كەمبەغەللەرنىڭ بالىلىرى پۇلسىز ئوقۇيدىغان مەكتەپلەردىن پەقەت ھەربىي مەكتەپلا بار ئىدى، شۇ سەۋەبتىن مەنمۇ ئىلاجىسىز ياتاقتا يېتىپ پۇلسىز ئوقۇيدىغان بىر ھەربىي مەكتەپكە كىردىم.
       تۈركىيىدە 1934 ـ يىلى فامىلە قوللىنىش قانۇنى ئېلان قىلىندى، ھەر قانداق بىر تۈرك ئۈچۈن چوقۇم بىر فامىلە ئىشلىتىش زۆرۈر بولۇپ قالدى، ھەممە ئادەمدە ئۆزى خالىغانىچە فامىلە تاللاش ھوقۇقى بار ئىدى. بۇ چاغدا ئادەملەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يوشۇرۇنۇپ ياتقان جىمى پەسكەشلىكلەر ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقتى، دۇنيادىكى ئۇچىغا چىققان بىخىل، پىخسىق كىشىلەر ئۆزلىرىگە «قولى ئوچۇق»، ئەڭ قورقۇنچاق توخۇ يۈرەكلەر «جەسۇر»، يالقاۋلىقتا چېكىگە يەتكەن ھورۇنلار بوسلا «ئىنتىل» دېگەنگە ئوخشاش فامىلىلەرنى تاللاشتى، ھەتتا بىر پارچە خەتنىمۇ ئوڭلاپ يازالمايدىغان، ئىمزاسىنى ئارانلا قويالىغۇدەك ساۋاتى بار بىر ئوقۇتقۇچىمىز ئۆزىگە «تىرشچان» فامىلىسىنى قوللاندى. ئۇ چاغلار ئىرقچىلىق كۆز قاراشلىرى كەڭ تارىلىۋاتقان زامان بولغاچقا، ساپ تۈرك بولمىغان ئارغۇنلار ئىرقچىلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان فامىلىلەرنى تالىشىپ تۈرۈپ قوللىنىشقا باشلىدى، مەن ھەرخىل بۇلاڭ ـ تالاڭلاردا دائىم ئارقىدا قالىدىغانلىقىم ئۈچۈن چىرايلىق فامىلىلەرنى تاللاشتىمۇ يەنە ئارقىدا قالدىم، ئەمدى، ماڭا مۇناسىپ، مەن مەغرۇرلىنىپ ئىشلەتكۈدەك فامىلە قالمىغانلىقتىن، ئۆزۈمگە «نەسىن» (سەن كىم؟ سەن نېمە؟ دېگەن مەنىدە)فامىلىسىنى تاللىدىم، ھەر بىر كىشى «نەسىن» دەپ چاقىرغان ۋاقىتتا، ئۆزۈمنىڭ زادى كىم ۋە نېمە ئىكەنلىكىمنى ئويلاپ ئەقىل تاپاي دەپ ئويلىدىم.
       1937 -يىلى ئوفېتىسر بولدۇم. خۇددى ناپولېئونلارنىڭ بىرى ئىدىم. ھەر قانداق بىر يېڭى ئوفېتسىر ئۆزىنى ناپولېئون ھېسابلايدۇ. بەزى كىشىلەردە ئۆزىنى ناپولېئون دەپ چاغلاپ يۈرىدىغان بۇنداق كېسەل . بۇ خىل كېسەلنىڭ ئىپادىلىرى مۇنداق: بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار پەقەت ناپولېئوننىڭ غەلبىلىرىنىلا ئويلايدۇ، مەغلۇبىيەتلىرىنى بولسا زادىلا خىيال قىلمايدۇ. ئوڭ قولىنى چاپىنىنىڭ تۈگمىلىرى ئۈستىدە ئوينىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. دۇنيا خەرىتىسىنى ئالدىغا قويۇپ قىزىل قەلەم بىلەن خەرىتىگە ھەر خىل شەكىلدىكى ئوقلارنى سىزىدۇ ۋە بىر پەستىلا پۈتۈن دۇنيانى ئىشغال قىلىپ ئۆز ئىلكىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، دۇنيانىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك كىچىك بولۇپ قالغانلىقىغا خاپا بولۇپ كېتىدۇ. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ھەتتا جۆيلۈشكە باشلايدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ئارىلاشما ھالەتلىرىمۇ بولىدۇ. ئۇلار كېيىنچە بېرىپ ئۆزلىرىنى ئاتىللا، چىڭگىزخان، تۆمۈرلەڭ ھەتتا گىتلېر ياكى شۇلاردەك بىرىگە ئوخشىتىشقا باشلايدۇ. يىگىرمە ئىككى، يىگىرمە ئۈچ ياشقا كىرگەن، ياش ئوفېتسىر چېغىمدىلا قىزىل قەلەم بىلەن خەرىتىلەرگە بەلگىلەرنى قويۇپ، پۈتۈن دۇنيانى كۈندە نەچچە قېتىم بېسىۋالاتتىم، مېنىڭ بۇ ناپولېئونلۇق كېسىلىم پەقەت بىر ـ ئىككى يىللا داۋام قىلدى. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان ۋاقىتلىرىمدىمۇ فاشستلارنىڭ تەرپىنى ئالمىدىم. بالىلىق چاغلىرىمدىنلا سەھنە ئەسەرلىرىنى يېزىشقا ھەۋەس قىلاتتىم. ھەربىي مەكتەپتە پىيادە ئەسكەرلەر، ئاتلىق ئەسكەرلەر، توپچى، تانكىچى ۋە باشقا سىنىپلار بولۇپ، ھەربىي يازغۇچىلار سىنىپى يوق ئىدى، شۇڭلاشقا ھەربىي سەپتىن ئايرىلىشنىڭ يۇللىرىنى ئىزدەشكە باشلىدىم.
        1944 ـ يىلى ھەربىي سەپتىنمۇ ئايرىلدىم. شائىر ياكى يازغۇچى بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي قالغان بەزى كىشىلەر گېنىرال بولغاندىن كېيىنمۇ شېئىر ياكى رومان يېزىش بىلەن ئۆزىدىن باشقا ھەر قانداق ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇۋېتىدۇ. ئەمما، ئۇلارغا ئەللىك ياشلىق بىر شائىر ياكى يازغۇچىنىڭ ئارمىيە قوماندانى بولۇشىنى خالىشى شۇنچىلىك غەلىتە ۋە كۈلكىلىك تۇيۇلۇشى مۈمكىن...
       ھېكايە يېزىشنى ئەسكەر ۋاقتىمدىلا باشلىغانىدىم، ئۇ چاغلاردا گېزىتلەردە ماقالە، ھېكايىلىرى بېسىلغان ئەسكەرلەرگە باشلىقلار ياخشى كۆز بىلەن قارىمايتتى، شۇڭا ئەسەرلىرىمنى ئۆز ئىسمىم بىلەن ئەمەس، بەلكى دادامنىڭ ئىسمى بىلەن «ئەزىز نەسىن» دەپ يازاتتىم. بۇ دەسلەپكى يالغان ئىسمىم ئۆزۈمنىڭ ئەسلىدىكى ھەقىقىي ئىسمىمنى يوققا چىقىرىۋەتتى، نۇسرەت نەسىن دېگەن ئىسىم ئۇنتۇلۇپ كەتتى. ئۇ چاغلاردا مېنى ياش يازغۇچى دېيىشەتتى، دادام بولسا ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقىرىپ كەتكەن بىر بوۋاي ئىدى.
        دادامنىڭ بىر ئىدارىدا ھەل قىلىدىغان ئىشى چىقىپ قېلىپ ئۇ يەردە ئۆزىنى ئەزىز نەسىن دەپ تۇنۇشتۇرسا، ساقاللىرى ئاقىرىپ كەتكەن قېرى ئادەمنىڭ ئەزىز نەسىن ئىكەنلىكىگە ھېچكىم ئىشەنمەيتتى، ھەتتا بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىقلار كېلىپ چىقاتتى، دادام تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە ئىدارە ئورۇنلاردا ئۆزىنىڭ ئەزىز نەسىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى.
       ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتكەندىن كېيىن كىتابلىرىم چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى، ئەزىز نەسىن دېگەن ئىسىم بىلەن بانكىلارغا كەلگەن قەلەم ھەققىنى ئېلىشتا بەكمۇ قىينالدىم، چۈنكى نوپۇس دەپتىرىدە ئىسمىم نۇسرەت نەسىن دەپ يېزىلغان بولغاچقا، ئەمدى ئۆزۈمنىڭ ئەزىز نەسىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا كۆپ قىينالدىم.
        كۆپلىگەن يازغۇچىلارغا ئوخشاش مەنمۇ ئىشنى شېئىر يېزىشتىن باشلىدىم، نازىم ھېكمەت ئاچلىق ئېلان قىلىۋاتقان كۈنلىرىدە مېنىڭ شېئىر يېزىشتىن ۋاز كېچىشىمنى، شېئىرلىرىمنىڭ ياخشى چىقمىغانلىقىنى، پەقەت ھېكايە، رومان يېزىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، نازىم مېنى كۆرەلمەيۋاتقان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. شېئىر يېزىشتىن نېمە ئۈچۈن ۋاز كەچكەنلىكىمنى سورىغۇچىلارغا، تۈركىيىدە شېئىر يېزىش بىلەن پۇل تاپقىلى بولمايدىكەن، شۇڭا شائىرلىقتىن قول ئۈزدۈم، دەپ جاۋاپ بەردىم، لېكىن راستىنى ئېيتسام، شېئىرغا بولغان ھۆرمىتىم تۈپەيلىدىن شېئىر يېزىشنى تاشلىدىم، زامانىمىزدا ئۆزىنى مەن شائىر دەپ يۈرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى شېئىرغا ھۈمەت قىلمىغانلىقلىرى ئۈچۈن شېئىر يېزىپ يۈرگەندەك بىلىنەتتى، شېئىرنىڭ ناھايىتىمۇ ئۇلۇغ سەنئەت ئەكەنلىكىگە ئىشنىمەن، چۈنكى بىر مۇنچە كىشىلەر شائىر بولالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن داڭلىق ۋە ئۇلۇغ يازغۇچى بولۇپ قېلىشقانىدى، بۇ گەپلەرنى كۆزۈمگە سىغمىغانلارغا قارىتىپ دەۋاتقىنىم يوق، چۈنكى مەن نېمە ئۈچۈن ناچار شېئىرلارنىڭ يېزىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، شېئىر يېزىشتا زور ئۇتۇقلارنى قازاندىم، يازغان شېئىرلىرىمنىڭ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنمۇ زور ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنىڭ سەۋەبى، شېئىرلىرىمنىڭ ياخشى يېزىلغانلىقىدىن ئەمەس. بەلكى شېئىرلىرىمنىڭ ئاستىدا بىر ئايالنىڭ ئىمزاسى بولغانلىقىدىن ئىدى. بىر ئايالنىڭ تەخەللۇسى بىلەن شېئىرلىرىم نەشىر قىلىناتتى، بۇ ئايالنىڭ نامىغا بىر قۇچاق ـ بىر قۇچاق مۇھەببەت خەتلىرى كېلىپ تۇراتتى.
       بالىلىق چاغلىرىمدىن تارتىپلا كىشىلەرنى يىغلىتىدىغان ئەسەرلەرنى يازسام دەپ ئويلايتتىم. مۇشۇ ئارزۇ بىلەن يازغان بىر ھېكايەمنى بىر ژۇرنالغا ئېلىپ باردىم. ھېكايەمنى ئوقۇغان باش تەھرىر تازىمۇ دۆت بىر نېمە بولسا كېرەك، ھھېكايەمنى ئوقۇۋېتىپ ھۆڭرەپ يىغلاشنىڭ ئورنىغا قاقاقلاپ كۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ كۈلكىدىن ياشاڭغىراپ كەتكەن كۆزلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ: «ئاپېرىن! ناھايىتى ياخشى يېزىپسەن! مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھېكايىلەرنى يازساڭ دەرھال بىزگە ئېلىپ كەل.» دېدى.
        يازغۇچىلىقتىكى بۇ تۈنجى زەربەم ھازىرمۇ داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. تازا بىر يىغلاپ كەتسۇن دەپ يازغان ھېكايىلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى كىتاپخانىلارنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۇۋېتىدۇ.
       ھەجۋىي ھېكايە يازغۇچىسى بولۇپ تونۇلغىنىمدىن كېيىنمۇ كۈلكىلىك ھەجۋىينىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، ھازىرمۇ بىلىمەن دېيەلمەيمەن. ئەمما بىلگىنىمچە سۆزلەپ بېرەلەيمەن، مەن كۈلكىلىك ھېكايىلەرنى يېزىش ئارقىلىق ھەجۋىينى ئاستا ـ ئاستا كۆرگەندىم. باشقىلار مەندىن ھەجۋىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، قانداق يېزىلىدىغانلىقىنى سورىشىدۇ، يەنى رېستىپ ياكى دورا ئىزدىشىدۇ. بۇ خىل رېتسىپنى يېزىپ بېرىشىم مۈمكىن. بۇ تېمىدا ئۆگەنگەنلىرىمنى قىسقىچە دەپ باقاي: ھەجۋىي ئىنتايىن جىددىي بىر ئىش. 1945 ـ يىلى، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر ئەكسىيەتچىلەرنى قۇترىتىپ، مەن ئىشلەۋاتقان «تاڭ» گېزىتخانىسىنى ۋەيران قىلىۋەتتى، ئاخىر مەن ئىشسىز قالدىم، ھېچقانداق گېزىتخانىدىن ئىش تاپالمىدىم، مېنىڭ ئىسىم بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرنى مەنبۇئات ئورۇنلىرى يېزىلغان ئەسەرلەرنى مەتبۇئال ئورۇنلىرى قوبۇل قىلمايتتى، شۇ چاغلاردا مەن ئىككى يۈزدىن ئارتۇق يالغان ئىسىم بىلەن گېزىت ـ ژۇرناللاردا ھەرخىل باش ماقالە، تەنقىدىي ماقالە، قىسقا خەۋەرلەر، جاسۇسلۇققا دائىر ھېكايىلەر، ساقچىلارغا ئائىت رومانلار ۋە باشقا تېمىلاردىكى ئەسەرلەرنى يازدىم ... يالغان ئىسىمىمنى گېزىتخانا باشلىقلىرى بىلىپ قالسىلا دەرھال يېڭىدىن بىر ئىسىم ئويدۇرۇپ چىقىراتتىم. بۇ يالغان ئىسىملار سەۋەبىدىن تولىمۇ غەلىتە ئىش يۈز بەردى. مەسىلەن: قىزىم بىلەن ئوغلۇمنىڭ ئىسىملىرىنى بىرلەشتۈرۈپ «ئويا ئاتەش» دېگەن ئىسىم بىلەن بالىلار مونولوگى يازدىم. بۇنى مېنىڭ يازغانلىقىمنى بىلىمىگەنلىكى ئۈچۈن مۇنولوگ سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىلدى، مەكتەپلەردە ئوينالدى، كېيىنچە نەشىر قىلىنغان ئايال يازغۇچىلارنىڭ بىئوگرافىيىسىگە «ئويا ئاتەش» بىر ئايال يازغۇچى قىلىپ يېزىلدى.
        يەنە بىر فرانسۇزچە ئىسىم بىلەن يازغان ۋە بىر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ھېكەيەم «دۇناي ھەجۋىي ئەسەرلەر ئانتولوگىيىسى» گە فرانسۇز ھەجۋىي يازغۇچىسى قىلىپ كىرگۈزۈلدى. خەنزۇچە ئاجايىپ بىر ئىسىم بىلەن يازغان بىر ھېكايەممۇ باشقا بىر ژورنالدا خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسەر دەپ ئېلان قىلىندى.
        يازغۇچىلىق قىلالمىغان كۈنلىرىمدە تىركچىلىك قىلىش ئۈچۈن باققاللىق، سېتىقچىلىق، كاسسىرلىق قىلدىم، گېزىت-ژورنال ۋە كىتاپ ساتتىم، كىشىلەرنى رەسىمگە تارتتىم، مەن قىلمىغان ئىش قالمىدى. لېكىن ھېچقايسىسىنى ئەپلەشتۈرەلمىدىم... مەن يازغان ئەسەرلىرىم تۈپەيلىدىن بەش يېرىم يىل تۈرمىدە ياتتىم، بۇ بەش يېرىم يىللىق قاماق قاماق جازاسىنىڭ ئالتە ئېيى مىسىر پادىشاھى فەرۇخ بىلەن ئىران پادىشاھى رىزانىڭ سەۋەبىدىن بولدى. بىر ماقالەمگە فەررۇخ بىلەن رىزانى ھاقارەتلىدى، دېگەن ئەيىبنى ئارتىپ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانا ۋاستىسى بىلەن مېنى سوتقا بېرىشتى، سوت ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.
        بىرىنچى خوتونۇمدىن ئىككى، ئىككىنچى خوتۇنۇمدىنمۇ ئىككى، جەمى تۆت بالام بار، 1945 ـ يىلى تۈنجى قېتىم قولغا ئېلىنغاندا ساقچىلارنىڭ ئون ئالتە كۈنگىچە داۋاملىق سورىغان سوئاللىرى تۆۋەندىكىچە بولدى: «سېنىڭ ئىمزايىڭ بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ھەقىقىي يازغۇچىسى كىم؟» بۇ ئەسەرلەرنى ئۆزۈمنىڭ يازغانلىقىمغا زادىلا ئىشەنمەيتتى.
       بۇ ۋەقە بولۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن بۇنىڭ ئەكسىچە ئىش يۈز بەردى. بۇ قېتىم ساقچىلار باشقا ئىسملاردا يېزىلغان ئەسەرلەرنى سەن يازغان دەپ قاتتىق تۇرۇۋېلىشتى. مەن بەزىدە يېزىپ، بەزىدە يازماي يۈرگەنلىكىمنى ئىسپاتلاشقا تىرىشتىم. شۇنداق تالاش ـ تارتىش قىلىشىۋاتقان مەزگىلدە بىر گۇۋاھچى ئوتتۇرىغا چىقىپ باشقا بىر ئىمزا بىلەن يېزىلغان ماقالىنى مېنىڭ يازغانلىقىمنى ئېيتتى.
       بۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم يازمىغان بىر ماقالە ئۈچۈن ئون ئالتە ئاي قاماقتا ياتتىم.
       بىرىنچى خوتۇنۇم بىلەن ئوركېستىر «كامپاتىستا» تانگونى چېلىۋاتقاندا ئوفېتسىر دوستلارنىڭ قىلىچلىرى ئاستىدىن ئۆتۈپ ۋەدىلەشكەن ئىدۇق. ئىككىنچى خوتۇنۇم بىلەن تۈرمىنىڭ تۆمۈر رىشاتكىلىرى ئارىسىدىن بىر ـ بىرىمىزگە نىشان ئۈزۈكلىرىنى تاقاشقانىدۇق. بۇ ئەھۋال تەبىئىيكى ياخشى ئىش ئەمەس ئىدى. ئەسلىدە ئورۇق ئىدىم. تۈرمىلەردە تولا يېتىپ سەمىرىپ كەتتىم.
         1956 ـ يىلى ئىتالىيىدە ئېچىلغان خەلقئارا ھەجۋىيت ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ «ئالتۇن پالما» مېدالى ئالدىم. شۇ كۈنگىچە ئۆز ئىسىمىم بىلەن يېزىلغان ئەسەرلىرىمنى باسمىغان گېزىت ـ ژۇرناللار كەينى ـ كەينىدىن ئەسەرلىرىمنى ئۆز ئىسمىم بىلەن بېسىشقا باشلىدى. ئەمما بۇمۇ ئۇزۇن داۋام قىلمىدى، ئىسمىم گېزىتلەردىن ئۆچۈرىۋېتىلگەندىن كېيىن، 1957 ـ يىلى يەنە بىر قېتىم «ئالتۇن پالما» نى ئېلىشقا تىرىشتى ۋە ئاخىر ئالدىم.
       شۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىم گېزىت ـ ژورناللاردا يەنە كۆرۈلۈشكە باشلىدى، 1966 ـ يىلى بۇلغارىيىدە ئېچىلغان خەلقئارا ھەجۋىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدا بىرىنچىلىككە ئېرىىشپ «ئالتۇن كىرپە» مېدالى بىلەن مۇكاپاتلاندىم. 1960 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى تۈركىيىدە سىياسىي ئۆزگىرىش بولدى. خوشاللىقىمدىن «ئالتۇن پالما» مېدالىمدىن بىرنى دۆلەت خەزىنىسىگە تەقدىم قىلدىم. ئارىدىن بىرنەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن تۈرمىگە ئېلىندىم. يەنە بىر «ئالتۇن پالما» مېدالىم بىلەن «ئالتۇن كىرپە» مېدالىمنى كېيىنكى خۇشاللىق كۈنلىرىمدە لازىم بولار دەپ ساقلاپ قويدۇم.
        ھازىرغىچە ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ھېكايە يازغىنىمغا ھەممىسى ھەيران قالىدۇ، لېكىن، مېنىڭچە بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك ھېچنېمىسى يوق. ئائىلەمدە مەن بېقىشقا تېگىشلىك ئون ئىككى ئادەم ئەمەس، يىگىرمە ئادەم بولغان بولسىدى، ئۇ چاغدا تۆت مىڭدىن ئارتۇق ھېكايە يېزىشقا مەجبۇر بولاتتىم.
        ئەللىك ئۈچ ياشقا كىردىم ، ئەللىك ئۈچ كىتابىم نەشىر قىلىندى، لېكىن قىرىق مىڭ لىرا قەرزىم، تۆت بالام، بىر نەۋرەم بار. ئۆزۈم يالغۇز ياشايمەن، ھېكايىلىرىم يىگىرمە ئۈچ تىلغا، كىتابلىرىم ئون يەتتە تىلغا تەرجىمە قىلىندى. سەھنە ئەسەرلىرىم يەتتە مەملىكەتنىڭ سەھنىسىدە ئوينالدى. مەن پەقەت ئىككىلا نەرسەمنى يوشۇرۇن تۇتىمەن، بىرى، ھارغىنلىقىم، يەنە بىرى، يېشىم... بۇ ئىككىسىدىن باشقا ھەممە نەرسەم ئوچۇق ـ ئاشكارە...
       كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۆز يېشىمدىن كىچىك كۆرۈنىدىغان ئوخشايمەن، بەلكىم ئىشلەش بىلەن بولۇپ كېتىپ ياشاشقا ۋاقىت ئاجرىتالمىغان بولۇشۇم مۈمكىن. بۇ دۇنياغا يەنە بىر قېتىم تۇغۇلغان بولسام ئىدىم، يەنىلا شۇ ئىشلارنى قىلغان بولاتتىم، دەيدىغانلاردىن ئەمەسمەن. ئىككىنچى قېتىم دۇنياغا تۆرەلسەم، بىرىنچى قېتىمدا قىلغان ئىشلىرىمنىڭ تېخىمۇ كۆپرەكىنى، ئىنتايىن ئېسىلىنى، ئەڭ ـ ئەڭ ياخشىسىنى قىلىشنى خالايتتىم. پۈتۈن ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆلمەي قالغان يالغۇز بىر كىشى بولغان بولسىدى، ئۇنىڭغا قاراپ مەنمۇ ئۆلمىگەن بولاتتىم. قانداق قىلاي، بۇنىڭغا ئۆرنەك بولغىدەك بىرەر ئادەم يوق، بۇنىڭغا مەندە ئەمەس، مەنمۇ ھەممىگە ئوخشاش بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىمەن...
        ئىنسانلارنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەنكى، بۇ ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى كۆرۈشۈم تۈپەيلىدىن بەزىدە شۇ ئىنسانلىرىمغا خاپا بولىدىغان ۋاقىتلىرىممۇ بار. مانا بۇ مېنىڭ تېخى تاماملانمىغان ھېكايەم، قىسقىسى، كىتابخانلارنىڭ ئۇزۇن يېزىلغان ئەسەرلەردىن ئاساس زېرىكىدىغانلىقىنى بىلىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھېكايەمنى بەك ئۇزۇنغا سوزماسلىقىم مۈمكىن. ھەممىدىن بەكرەك قىزىقىدىغان نەرسەم، داۋامنىڭ قانداق يېزىلىشىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بۇ ھېكەيەمنىڭ خاتىمىسى.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-4-2 21:34:42]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەزىز نەسىن