تۈگمىسىنى يوقاتقان ئادەم

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-11 21:14:47

تۈگمىسىنى يوقاتقان ئادەم ۋىلادىمىر نازور (يوگۇسلاۋىيە) بىر كۈنى ئاخشىمى دادام مۇنداق بىر چۆچەكنى سۆزلەپ بەردى. بۇرۇنقى زاماندا بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ ئەتىندىن ـ كەچكىچە ئاسمانغا قاراپ ئولتۇرىد...

    تۈگمىسىنى يوقاتقان ئادەم
      ۋىلادىمىر نازور (يوگۇسلاۋىيە)


       بىر كۈنى ئاخشىمى دادام مۇنداق بىر چۆچەكنى سۆزلەپ بەردى.
        بۇرۇنقى زاماندا بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ ئەتىندىن ـ كەچكىچە ئاسمانغا قاراپ ئولتۇرىدۇ. ئاسماندىكى رەڭگارەڭ شەپەق، خىلمۇ خىل ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بۇلۇتلار، ھەممە جايغا نۇر چېچىپ تۇرىدىغان قۇياش، چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇز ۋە يېڭى چىققان ئورغاقتەك ئايلاردىن ئاجايىپ مۇقەددەس، ئۇلۇغ ئەبەدىيلىكنى ھېس قىلىدۇ. ئاسماندىكى مول تۇرمۇش ۋە بايلىققا ئىنتايىن مەپتۇن بولىدۇ. يەردىكى بارلىق نەرسىلەردىن يەنى كاساتچىلىق، توختاپ قېلىش، نامراتچىلىق، تۇراقسىزلىقلاردىن تولىمۇ بىزار بولىدۇ. شۇڭا يەردە ياشاۋاتسىمۇ دائىم ئاسماندىن كۆزىنى ئۈزمەيدۇ. ئۇ ئاتا ـ ئانىسى ۋە تۇغقانلىرىدىنمۇ ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. باشقا كىشىلەر بىلەن تېخىمۇ بېرىش كېلىش قىلمايدۇ. يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەكنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ، باشقا ئىشلارنى قىلىشنى زادىلا ئويلاپ قويمايدۇ. ئۇ ھەر كۈنى ئاسمانغا قارىغان ۋاقىتىدا، چاپىنىنىڭ 1 ـ تۈگمىسى بىلەن ھەپىلىشىپ ئولتۇرۇشنى ئادەت قىلىۋالىدۇ.

       كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ شۇ تۈگمىسىنىڭ يوقلۇقىنى سېزىدۇ. ئۇ باشقا بىر تۈگمە قادىۋېلىشنى ئويلاۋاتقاندا، توساتتىن تاڭ نۇرى خىرەلىشىدۇ، بۇلۇتلارمۇ گۈزەل قىياپەتلىرىنى يوقىتىدۇ. قۇياش ئادەتتىكى بىر ئوت شارچىلىكلا بولۇپ كېتىدۇ. ئورغاقتەك، نۇرلۇق ئايمۇ شور ئۆرلەپ كەتكەن قاقاس دالىغا ئوخشاپ قالدۇ. ئۇ شۇ كۈندىن باشلاپ ئاسمانغا قارىمايدىغان بولىدۇ ۋە يوقىتىپ  قويغان تۈگمىسىنى بىپايان زېمىندىن ئىزدەيدۇ. ئۇ يۇرتنىڭ دالىلىرىنى، تاغلىرىنى، بۈك ـ باراقسان ئورمانزارلىقلىرىنى، دەريا ـ جىلغىلىرىنى كېزىپ چىقىپ، يەر ـ زېمىندىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭمۇ ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغانلىقى، ھاياتىي كۈچكە تولۇپ تاشقانلىقىنى چۈشىنىدۇ. كېيىن ئۇ ياشىنىپ قالغان قوشنىسى ئانتوننىڭ ئۆيىگە ھاياتىدا تۇنجى قېتىم كىرىپ، ئۈچ ئەۋلاد ئادەمنىڭ زەي، قاراڭغۇ بىر ئۆيدە ئولتۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ يېڭى مەسلىنى مۇھاكىمە قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭ ساراڭ، دەپ مازاق قىلىشلىرى، مەسخىرە كۈلكىلىرى ئىچىدە ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ كىشىلەر كۆزىتىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ.

       بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىزدىن بىر ئەقىل تاپىدۇ ـ دە، ئىككى دېھقاننى ياللىۋېلىپ بېلىگە بىر ئارغامچىنى باغلاپ چوڭقۇر بىر ھاڭغا چۈشۈپ يوقىلىپ كەتكەن تۈگمىسىنى ئىزدەيدۇ. دەرۋەقە تۈگمىسىنى تېپىۋالىدۇ ھەمدە بىر خالتا ئالتۇن ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ تېپىۋالغان بۇ ئالتۇننى ياشانغان ئانتونغا ۋە باشقا كەمبەغەل يۇرتداشلىرىغا بۆلۈپ بېرىدۇ، يوقىتىپ قويغان تۈگمىسىنى قادىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئاسمانغىلا قارىماي، كەڭ زېمىننى ۋە كىشىلەرنى كۆزىتىدىغان، ئۇلارغا غەمخورلۇق  قىلىدىغان بولىدۇ.


                                   ئابدۇرېھىم قادىر تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.