كاسساندرا تامغىسى (7)

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-20 16:17:36

بۇنىڭغا ئوخشاش خېلى كۆپ ئۇچرىشىشلارغا لايىق ھەممە ئىشلار ماسمۇ-ماس يۈز بېرىشكە باشلىدى، چۇقان-سۈرەن، گۈمبۈرلىگەن مۇزىكا، سىياسىي تەھلىلچىلەرنىڭ كۈچىگەن ئۈنلىرى، تەرتىپنى كۆز چىمىلداتماي كۆزىتىپ تۇرغان ساقچىلار، ئولىۋېر ئوردوكنىڭ ئۆزىنىڭ ئولتۇرۇشى ھەم سەل


    كاسساندرا تامغىسى (7)
     
    چىنگىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان)
    (رومان)
    يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمىسى
    قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تىل فاكۇلتېتى
     
    تۆتىنچى بۆلۈم (4)

     
    بۇنىڭغا ئوخشاش خېلى كۆپ ئۇچرىشىشلارغا لايىق ھەممە ئىشلار ماسمۇ-ماس يۈز بېرىشكە باشلىدى، چۇقان-سۈرەن، گۈمبۈرلىگەن مۇزىكا، سىياسىي تەھلىلچىلەرنىڭ كۈچىگەن ئۈنلىرى، تەرتىپنى كۆز چىمىلداتماي كۆزىتىپ تۇرغان ساقچىلار، ئولىۋېر ئوردوكنىڭ ئۆزىنىڭ ئولتۇرۇشى ھەم سەلتەنەتنىڭ سەۋەبكارىغا ئېرىشكەنلىك ئىدى. ئۇنىڭ ھەرىكەت-قىلىقلىرى ئىشەنچلىك، ئۆزى ئوتتۇرا بويلۇق نېمە، بۇ چوڭ گۆشلۈك، تومۇرلىرى يوغىنىغان بوينىنى سۈرتۈپ بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ مەغرۇر ئولتۇرىدۇ، ئاقارغان، يالانغان لەۋلىرىگە تەبەسسۇمى يارىشىق بېرىپ شۇنداق جانلىق تەبەسسۇمنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئايارلىقى بىلەن چاپسانلىقىنى كۆزلىرى سىرلىق يوشۇرۇپ تۇردى. ئۇ ئۆز بويىنىڭ پاكارلىقىنى سەگەكلىكى، ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ماسلىقى ئاۋازىنىڭ ئالاھىدە يېقىملىقلىقى بىلەن تولۇقلانغان، چىش قاققان رىياسەتچىنى ئەسكە سالىدۇ، ئوردوك زالدىكىلەرنىڭ ياخشى نىيەتلىك چاۋاك چېلىشلىرى ئالدىدا، يان بېسىشقان كېڭەشچىلىرى بىلەن ياردەمچىلىرىنىڭ قوللىشىدا مۇنبەرگە باردى، پرزېدېنتلىككە نامزاتكۆرىنۇر زامات توپلىشىپ تۇرۇشقان سۈرەتلىك تەپسىلىي خەۋەر ئىشلىگۈچىلەر پاي-پېتەك بولۇشۇپ توغرىلاپ، ئاپپاراتلىرىنى پۇلاڭلىتىشىپ، چىرق-چىرق نۇر چاقنىتىشىپ، جانلىرى قىينىلىپ كېتىشتى، ئەفىر ۋاقتىنىڭ بىر مىنۇتقا يېتىپ يەتمىگەن مەزگىلى ئىچىدە كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ئاتموسفېراسى نامايىش باشلىنار ئالدىدا قانداق بولۇشى كېرەك بولسا نەق ئاشۇنداق بولدى، يەنە بۇ پائالىيەتتىكى ئامېرىكىچەدېموكراتىيىنى، سايلام ئالدىدىكى ئېجتىمائىي پائالىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئوچۇق بىلدۈردى .
    نېمە بولغانلىقىنى چۈشىنىش قىيىن بولغان بىر كۈن كەچكە تىنچسىزلانغان، زارىقىپ ئىچ-ئىچىدىن دەردىنى تىنماي كۈتكەن بوركنىڭ يۈرىكى بولۇۋاتقان ئىشلارنى سېزىپ رېتىملىق سوقۇشقا چۈشتى، ئۆزىنى ئاشكارە گۇمانخورلۇقى ئۈچۈن ئەيىبلىدى .
    ئۇنىڭ كۆڭلى ھەقىقەتەندىمۇ پەقەتلا ئولىۋېر ئوردوكقا بۆلۈنگەن كىشىلەرنىڭ بۇ توپىدا مىكروفوندا كۈچەيگەن ئىدى، ئۇنىڭ سۆزى ناھايىتى كەڭرى زالنى زىلزىلىگە سېلىپ، بىر-بىرىنىڭ كەينىدىن ئېقىپ چىقىرىلىۋاتقاندا ھەددىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىر نەرسىنى بايقاش قىيىن ئىدى، ئوردوك خېلى دۇرۇس سۆزلىدى، ھەممە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى قوزغىدى، سۆزى جايىغا تەگكەندە، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىپ ئۇنىڭ سۆزى بىر نەچچە رەت چاۋاكلار بىلەن تولۇقلاندى، پرزېدېنتلىققا نامزاتلىقىنى، ئۆزىگە بولسا سىياسىي ئىشەنچ تېپىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننىڭ ھەممىنى قىلدى، كۆپچىلىكنى قانائەتلەندۈرۈشكە، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىشقا، بېقىندۇرۇشقا ھەرىكەتلەندى، ئۇ مۆھلىتى پۈتۈپ كېلىۋاتقان پرزېدېنتنى ئاياۋسىز تەنقىدلىدى، پارلامېنت ئەزالىرىنى، ئۇلارنىڭ بەلگىلىك خىراجەتلىرىنى، قايسى بىر ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى، مالىيە قۇرۇلمىلىرىنى تەنقىدلىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرگە يەنە ئايرىم-ئايرىم بىر ئىشنى ئايىغىغا يەتكۈزگۈدەك قىلمىغان، بىرەر ئىشنى باشتىن باشلاپ پۈتتۈرمىگەن، كىرىملىرىنى يوشۇرغان، مانا بۇ ئولتۇرغانلىرى مۇمكىن بولغان بايلىقنى ئاجرىتىشقان نېمىلەر، لېكىن ئولىۋېر ئوردوك بولسا شۇنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يەنە كۆپ ھەسسىلىنىپ قايتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بەردى، نۇتۇقنىڭ شۇ يېرى كۈچلۈك چىقتى. زال پۈتۈنلەي دولقۇنلىدى. ئوردوكنىڭ كۆڭلى يورۇپ كىشىلەر ئالدىدا يۇلتۇزى ياندى، ئۇنىڭ ئامىتى كەلدى .     روبېرت بورك بىلەن تۈنۈگۈن تېلېفوندا سۆزلەشكەن سۆزلىرىنى قانچىلىك سەۋىيىدە ئېسىدە تۇتۇپ ئالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئوردوكنى مىدىرلاتماي دىققەت بىلەن بايقاپ ئولتۇردى، ياق، كائىنات كاھىنىنىڭ مۇراجىتى ھەققىدە ئوردوك ھازىرچە ئېغىز ئاچمىدى، بەلكىم شۇنداق قىلىشمۇ توغرىدۇر! بەلكىم بۇنداق چوڭ سىياسىي يىغىندا ئۇنداق مەسىلىنى قوزغاشنىڭ كېرىكى يوقتۇر؟ بەلكىم ئوردوك، كۆپچىلىكنى سۆزگە قىزىقتۇرۇپ، كۈندىلىك ھاياتنىڭ ھەممە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنىڭ چاتقال، توقايلىرىغا ئېلىپ كېتىپ، شۇنىڭ بىلەن تەرتىپ-مىزانلارنىڭ ئايىغىغا چىقاي دەپ تۇردىمىكىن؟ بىراق ھەر قانداق بولغاندىمۇ كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىنى ئارامىدا قويماي، فىلوفېي پەيدا قىلغان غەلىتە ھادىسىدىن ئۆتۈش ئوردوكنىڭ قولىدىن كەلدى، زالدىكى مىكروفوندىن بېرىلگەن ئەڭ دەسلەپكى سوئال دەل شۇ ھە قتە بولدى .
    -ئوردوك ئەپەندى،-دەپ چاقىرغان ئايالنىڭ سەل چىڭراق ئۈنى ئاڭلاندى، نام-شەرىپىم ئانناسىمىت، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن،«مۇنبەر «دە ئېلان قىلىنغان كائىنات كاھىنى..... قىستاڭچىلىقتىكى مىكروفوننىڭ يېنىدا تۈپتۈز بولۇپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ تۇردى .
    توساتتىن قاتتىق دولقۇن ئۇرۇلغان كېمىدەك بولۇپ زالدىكى ئەل قوزغىلىپ كەتتى، گۈلدۈرلەپ چىققان ئۈنلەر تېزلا بېسىلىپ ھەممە جاۋاب كۈتۈپ تۇردى، بۇ ئادەتتە ھالقىلىق پەيت دەپ ئاتاپ قويۇلىدىغان ۋاقىت ئىدى.
    -شۇنداق، ھۆرمەتلىك ئانناسىمىت،-دېدى بىر تىنىقتىن كېيىن ئولىۋېر ئوردوك ھەم شۇ پەيتتە پۈتۈن بەدىنى قورۇلۇپ، ئۆڭ-سۆلى ئۆزگىرىشكە باشلاپ،-بۇ مۇراجىئەتنى ئوقۇپ چىقتىم ھەم ئۇ ھەقتە كۆپ ئويلاندىم، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىمىزدا مەنمۇ بۇنداق سوئالنىڭ سورىلىشىنى كۈتكەن ئىدىم، يوشۇرغانغا نېمە بولاتتى، ئەلۋەتتە سايلام ئالدىدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتكە ئۇنىڭ تۈزدىن-تۈز، بىۋاستە كېرىكى يوق دېگەن، بىراق سىلەرنىڭ تىنچىڭلارنى ئالغان نەرسە، ھۆرمەتلىك سايلامچىلار، مېنى دىققەت ئېتىبارسىز قالدۇرمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەسىلە، مېنىڭ ئويۇمچە بارلىقىغا مۇتلەق جاۋاب بېرىشقا تېگىشلىك، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئېيتاي، دېگەن ئويۇم مۇنداق،-دەپ سۆزىنى ئۇلىدى ئوردوك، ئەلۋەتتە، مەن بۇنداق سىياسەتتىن چەتنىگەن مەسىلىگە ئانچە نەزەر تاشلىمىغان، بىراق، ئويۇمچە، كاھىننىڭ تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا، زامانىمىزنىڭ چوڭ ئوقۇمۇشى فىلوفېينىڭ باياناتى ئادەم بالىسى ئۈچۈن سىناق مەزگىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۆزىمىزنى ھەددىدىن زىيادە باھالاپ يۈرۈپتۇق، ئەستاغپۇرۇللا، ھەممىڭلار، گېزىتنى ئوقۇدۇڭلار، گەپنىڭ نېمە ھەققىدە ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر، فىلوفېينىڭ بەرگەن مەلۇماتى يېقىنلاپ پاجىئە ھەققىدە ئەسكەرتىش سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش كېرەك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ! بۇ چاغدا مۇخبىرلار تېلېۋىزىيە ئوبيېكتلىرىنىڭ كۆزلىرىدىن بىر نەرسىدىن خەۋپسىرەپ كۈتۈپ ئولتۇرغان يۈزلىرىنى، چىرايلىرىنى، ھەر قانداق ئەھۋالدىكى ئۇچۇرلىرىنى چوڭايتىپ كۆرسىتىپ زالدا مېڭىپ يۈردى، روبېرت بورك شۇ پەيتتە زالدا بولماي قالغانلىقىغا ئۆكۈنۈپ، ئېكران ئالدىدا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، ئوردوك كىشىلەرنى ئىشەندۈرەلەمدۇ؟
    -ئەمدى نېمە قىلىش كېرەك؟ -دەپ سورىدى ھېلىقى مۇئەللىمە تىپتىنچ قالغان تىنچلىقتا، ئۇنىڭ سوئالى ئاق كۆڭلىدىن چىقىپ چارىسىزلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى .
    - مېنىڭچە،-دېدى ئولىۋېر ئوردوك، ھەر بىر ئادەم ئۆزى ھەل قىلىشى كېرەك، زال ئىچى غۇلغۇلا بىلەن تولدى، بۇنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا،-دەپ ئوي يۈگۈرۈتۈشكە باشلىدى ئوردوك، زالدىكى غۇلغۇلىنى بېسىشقا ھەرىكەتلىنىپ، ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە مەيلى ئىجتىمائىي، مەيلى فىلوفېي بىلدۈرگەندەك بىئولوگىيىلىك بولسۇن پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېگىشلىك پروگرامما ئىشلەپ چىقىمىز، كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ قىيامەت قايىملىق رېئاكسىيىسىنىڭ، باشقىچە ئېيتقاندا، ھاياتلىقتىن باش تارتىشقا ئۇمتۇلغۇچى ھادىسىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش چارىلىرىنى تەييارلىشىمىز زۆرۈر .
    -ماڭا سۆز بېرىڭچۇ؟ - دېگەن يەنە بىر ئايالنىڭ ئۈنى ئاڭلاندى، قايرىلما ياقىلىق، سېرىق كۆڭلەكلىك، قۇلىقىدا مېتال ھالقا ۋالىلداپ تۇرغان قارا چاچ، قارا چىرايراق كەلگەن، تەرىگە قارىغاندا، ئارغۇن دەپ ئويلىغۇدەك بىر ئايال قەدىمىنى ناھايىتى تېز ئېلىپ سىقىنچلىق ۋە قىستاڭدىكى مىكروفونغا كەلدى،-مەن گەپ قىلماسلىققا چىدىمىدىم، يەنە تېخى بىر ئېيتماي قويۇشقا تېگىشلىكمۇ ئەمەس،-دېدى ئۇ ئىككى تەرىپىگە قارىۋېتىپ،شۇنداق، بىزنىڭ كوچ-كوي، مەھەللىلەردىكى ھاياتىمىز پۈتۈنلەي يەڭگىل ئەمەس، بىراق بىز دائىما بالا تاپساق دەپ كۈتۈپ بالىلارنىڭ تۆرەلگىنىگە خۇشاللىنىپ كەلگەنمىز، شۇڭلاشقا بۇ ھاياتىمزغا ھېچكىم ئارىلاشمىسۇن، كائىناتتىكى كاھىننىڭ نېمە كارى بار؟! نېمە ئۈچۈن ئۇ شەخسىي تۇرمۇشۇمغا ئارىلىشىدۇ؟ مەن ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي قارشىمەن !
    زالدا قايتىدىن غۇلغۇلا باشلاندى، ئولتۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى توغرا دېگەندەك باشلىرىنى لىڭىشتتى، ئايرىملىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ قوللىرىنى پۇلاڭلىتىشتى، قوللاشقانلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
     ئوردوك نىگىر بىلەن ئاق تەنلىكتىن بولغان ئارغۇن ئايالنى تىنچىتىشقا ھەرىكەتلەندى .
    -توغرا، مەن سىزنىڭ دېگىنىڭىزنى چۈشىنىۋاتىمەن، ئايىم، بىراق كاسساندرا تامغىسىنىڭ پەيدا بولۇشى بىزگە باش ئەگمەيدۇ، بىز ئۇنىڭغا مەۋجۇت رېئاللىق، چىنلىق سۈپىتىدە قارىشىمىز كېرەك .
    -ئەگەر كېلەچەكتىكى پرزېدېنتلىق ئورۇندۇقىدىن تۇرۇپ ھېلىقى كائىناتتىكى كاھىننى ياقلايلى دېسەك، ئۇنداقتا سۆز باشقا! ئۇنداقتا ئۇ بۇياققا كەلسۇن، بىزگە، ئاياللارغا ئېيتىپ بەرسۇن، ئۆزى بېرىۋېلىپ بىزنى تىللاپ، ئەدەپلەپ تۇرغان ئاسمىنىغا بىز نېمە گۇناھ قىلغان ئىكەنمىز!، ئايال ھالقىلىرىنى تېخىمۇ يالتىرىتىپ، تېخىمۇ ئەدەشكە باشلاپ، چۆرىسىدىكى ئۆزى بىلەن تىلەكداشلارنى ھەۋەسلەندۈردى، بەلكىم ئۇ ئۆزى ئۆيىدىمۇ شۇنداق قىلىپ ھازازۇللىشىدىغان نېمىدۇر ۋە بەلكىم ئۆز ئۆيىدە ئەمەستۇر، «بەختسىز، شورپىشانە،-دەپ غودۇرىدى روبېرت بورك،-نېمە دېگەن پاجىئەلىك يېڭىلىشىش، ئۇ بايقۇش ئازاب تارتىۋاتىدۇ، ئۇنى توغرا چۈشەنسەك بولىدۇ «.
    ئايال بولسا بايىقىدىنمۇ كۈچەپ يۇلقۇنۇۋەردى :
    -ئۇنى دانىشمەن، ئوقۇمۇشلۇق دەپ سىزگە ئېيتىش ئوڭاي، ئۇ بىزنىڭ كۆزىمىزنى ئاچقان ئىمىش، ئۇ مەن ئۈچۈن ئوربېتادىكى بۇ تىپ ئەخمەق!-دەپ قىيقىرىدى ئايال تىلىدىن زەھەر چىقىپ، شۇ ۋاقىتتا غولغۇلىغا تولغان زال ئىچى تىمتاس بولۇپ كۆزلەرمۇ چىمچىقلىتىلماي قالدى. ھېچكىم ئۇنى چەكلىگىنى يوق، ھېچكىم جامائەت تەرتىپىنى ساقلاشنى ئېسىگە ئالمىدى، ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالغان ئولىۋېر ئوردوكمۇ ئۇ ھەقتە ئەسكەرتىش قىلىشقا ئۇرۇنمىدى، ئۇنىڭغىچە ئامېرىكىدا شۇ سائەتتە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپنىڭ ئاغزىنى ئاچقۇزۇپ، كۆڭۈلنى لال قىلغان كۆرۈنۈش بولدى .
    - مانا، كۆرۈڭلار، يوشۇرىدىغان ھېچنەرسەم يوق، مانا قاراڭلار، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟!-دەپ قىيقىرىدى ئايال، ئەمدىلا دەم ئېلىپ ئاندىن كېيىن ئۆزىنى-ئۆزى كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن كۆرسىتىپ، مانا بىر نەچچە كۈندىن بېرى چېكەمدە ھېلىقى پالاكەتلىك داغ، كاسساندرا تامغىسى كائىناتتىكى شەيتاننىڭ ئېيتىشى بويىچە بۇ شۇملۇق، شۇنداق ئاتىلارمىش!-ئايالنىڭ يۈزى تېلېۋىزىيە ئېكرانىدىن شۇ چاغدا چوڭ كۆرسىتىلىپ چىقىپ قالدى، ماڭلىيىدىكى كۆرۈنۈپ تۇرغان قارامتۇل قىزىل داغ، خەۋەر بېرىۋاتقاندەك ئۆچۈپ-يېنىپ دانەك ھالىتىدە كۆرۈندى.
    -مەنمۇ نېمىلەرنى قىلمىدىم، يۈز ماي، ئۇپىمۇ ئىشلىتىپ كۆردۈم، دېدى ئايال لەۋلىرىنىڭ دىرىلدەپ تىترىشىنى ئالقىنى بىلەن توسۇپ، پايدىسىز، يوقىتالمىدىم، كۈندۈزىمۇ، تۈن نىسپىدىمۇ دېمەك مەن ھېلىقى كائىناتتىكى يالماۋۇزنىڭ نازارەت ئوبيېكتى ئىكەنمەن-دە؟ دېمەك، ئۇ مېنى كۆزگە نۇقتا قىلىپ كۆرۈپتۇ، ئۇ، سېنىڭ ھامىلەڭ، ساڭا قارشى، ئانىسىغا قارشى، ھاياتقا قارشى ئۇنى ئۆلتۈرسۇن! دەپ مەلۇمات بېرىپ تۇرىدۇ، دېگىنى توغرا! دېمەك، ئۇنىڭ تۇغۇلغۇسى كەلمەيدۇ، ياشاشتىن قورقىدىكەن-دە؟ شۇنداقتىمۇ؟ ئۇنى ھاياتتىن كۆڭلىدىن قالدۇرغان كىم؟ تېخى تۇغۇلمىغان نېمىسىنى ئۆلۈمگە كىممۇ تۇرتىدۇ، يورۇق دۇنيادىن باش تارتىشقا ئۇنى كىم مەجبۇرلاۋاتىدۇ، كىم ئۇنى مېنىڭ شەخسىي تۇرمۇشۇمغا ئارىلاشقان؟ مېنى كائىناتتا تۇرۇپ نەدىكى بىر بالايى ئاپەتنى تاپقۇچى نۇرلار بىلەن نۇرلاندۇرۇشقا قانداق ھەققى بار؟ بىز بۇ يەردە ئولتۇرىمىز، ئۇ بولسا، ھېلىقى بىزگە دانىشمەن دېگەن فىلوفېي كائىناتتىن نۇرلار ئىبەرتىپ، ئاياللاردىن كاسساندرا ھامىلىلىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ، ئامالىمىز قانچە؟ مېنى يالغۇز دەپ ئويلامسىلەر؟ شۇ زالدا ماڭا ئوخشاش ئاياللارمۇ بەلكىم ئولتۇرغاندۇر، بەلكىم ئۇلار ھېلىھەم پىشانىسىدە كاسساندرا تامغىسى بار ئىكەنلىكىنى بىلىشمەس؟! قېنى، ئەمدى مېنى نېمە قىل دەيسىلەر، ئەل-جامائەت، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ياشاشتىن قورقىدىكەن، دەپ ئىچىمدىكى ھامىلىنى ئۆلتۈرەيمۇ؟ دېمەك، مەن، مېنىڭ تەقدىرىم، ھاياتىم ئاڭا بىر تىيىنچىلىكمۇ ئەرزىمەيدىكەن-دە؟ ياكى بولمىسا مەن ئاڭا يەر يۈزىدىن بېھىش تەييارلىشىم كېرەكمۇ؟! قانداق قىلىپ تەييارلايمەن، يا پەرۋەردىگار ئۇنداق بولسا قېنى! بىراق دۇنيانى تۈز يولغا سېلىش قولۇمدىن قانداقمۇ كېلىدۇ؟ ياكى مەن ئېسىلىپ ئۆلۈشۈم كېرەكمۇ؟- ئايال شۇنداق دېدى - دە، بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى، بېشىنى ئۇيان-بۇيان چايقاپ چېچىنى يۇلۇشقا باشلىدى، ئالدىنقى قاتاردىن كىمدۇر بىراۋلار يۈگۈرۈپ كېلىپ، قۇچاقلاپ، قارماپ ئېلىپ چىقىپ كېتىشتى .
    زالدا قايتىدىن گورىستاندىكىدەك تىنچلىق ھۆكۈم سۈردى، مىڭلىغان كىشىلەر ئۈندىمەي ئولتۇرۇشتى، ھەممىسى دېگۈدەك ئولىۋېر ئوردوكنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇشۇپ قېلىشقاندەك ئىدى، تېلېۋىزىيە كامىرالىرى سەھنىدىكى ئولىۋېر ئوردوكنى كۆرسىتىشمەي، بىردەم ئولتۇرغانلارنىڭ چىرايلىرىنى كۆرسىتىپ، بىردەم ئومۇمىي مەنزىرىنى بېرىپ تۇردى، بىر مەھەلدىن كېيىن ئېكراندا ئوردوك كۆرۈندى .
    -بۇ يەردە بارلىق سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيمىز دەپ ئويلىمايمەن، بەلكىم ئاتايىن،-دەۋاتقاندا ئۇنىڭ نۇتىقىنى زال ئىچىدىكى بىرسىنىڭ ئۈنى بۆلۈۋەتتى .
    -كەچۈرۈڭ، ئوردوك ئەپەندى،-دەپ گەپ باشلىدى، چەت تەرەپتىكى مىكروفوندىن بىر ئەركەك، مېنىڭ ئاتايىن دېگىنىم، سىز ئويىڭىزغا ھېچقانداق يامان بىرنەرسىنى ئالماڭ، بىز سىزنى قوللايمىز، بىراق كۆرۈپ تۇرغانسىز، ھەممەيلەن تەڭلا قاتتىق دىلغۇل بولۇشۇۋاتىدۇ، مەن ۋىراچ، شۇنداق بولسىمۇ بۇنىڭ بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىدىن تانمايمەن، بۇ ئايالنى مەن چۈشىنىمەن، ئۇنىڭ ئېغىر قايغۇسى بار، مۇنداقلاردىن يەنە قانچىسى بار دەيسىز! ئۇ ئۆزى كىم بولمىسۇن، كىمدۇر بىرسىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا شۇنداق ئارىلىشىشىغا رۇخسەتمۇ؟! بىرىنچىدىن بۇ بىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، بۇنىڭدا بىر سوئال پەيدا بولىدۇ، بىر دېموكراتىك دۆلەتتە ياشاۋاتامدۇق-يوق؟ ئىنسانىي ھوقۇقىنى ساقلاش، ھۆرمەت قىلىش دېگەن نەدە؟ ئىنساننىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا كىم پېتىنالايدۇ؟ مەيلى ئۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بولغان كۈندىمۇ، كىم بىزنى نەدىكى بىر نەزەرىيىگە يارىشا ياشاشقا ۋە ئىش قىلىشقا مەجبۇرلىيالايدۇ؟ ئەگەر مەن ئۇنى، ھېلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى، قوبۇل قىلمىسام، ئەگەر ئۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى مەنپەئەتلىرىمگە توغرا كەلمىسە، ئۇنداقتا ماڭا لابىراتورىيىلىك يول بىلەن ئاۋۇ ياكى بۇ ھايات ئوڭايلىقىنى تاڭغۇچى ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق، مەن فىلوفېينىڭ مۇراجىئىتىنى دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىقتىم، كۆپ ئويلىدىم، ئۇندىن كېيىن بۇ يەردە، سىزنى بەكمۇ ھۆرمەت قىلغانلىقىمغا قارىماي، سىزگە ماقۇل بولمايمەن، ئوردوك ئەپەندى، مەن فىلوفېينىڭ ئىلتىماسلىرىنى قوللاشقا مۇمكىن ئەمەس، دەپ ھېسابلايمەن، ئىلمىي كۆز قاراشتىن ئالغاندا، بەلكىم ئۇنىڭكى توغرىدۇر، بىراق ئەمەلىيەتتىن ئۆتمىگەن، ئۇنىڭكى توغرا ئەمەس، تەجرىبە قىلىش مەنپەئەتى، مەقسىتى بىر ئەمەس !
    -توغرا ئېيتىدۇ! ئەزىمەت! بەكمۇ توغرا-!دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ۋارقىرىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى، زال ئىچى قىقاس-چۇقان بولدى .تېلېكامىراچىلار بىردەم ئۇ، بىردەم بۇ ۋارقىراۋاتقان سايلامچىلارنىڭ يۈزىنى كۆرسىتىۋاتاتتى، ئۇ چاغلاردا تېلېۋىزىيە ئوپېراتورلىرى ئوردوكنى يىرىك پىلان بىلەن كۆرسەتتى، ئۇنىڭ ھالىتى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتقۇدەك ئىدى، ئۇ زالدا باشلانغان قىقاس-چۇقان قانداق قىلىپ بېسىقتۇرۇشنى، نېمە قىلىشنى بىلمەي مۇنبەردە ئامالسىز تۇردى، دەل شۇ مىنۇتلاردا بورك ئوردوكنىڭ يۈزىدە قايتىدىن پەيدا بولغان تويۇقسىز قانداقتۇر ھېلىقى بىر يىراق تەرەپتىن چىقىپ كەلگەن، خۇپىيانە ئاچچىقلانغانلىقتىن كۆزگە سەت كۆرۈنىدىغان شورپىنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن پەيدا بولغاندەك داغلارنى بايقىدى، يۈزىگە توساتتىن چاچرىغان بۇ شورپا قىزغۇچ تارتىپ، ئىششىق ھەم سۇلۇقتەك كۆرۈندى،-يىراقتىن، ئېكراندىن دەل شۇنداق تەسىرمۇ ئەكس ئېتىپ قالدۇرۇلدى، بولۇۋاتقانلارنىڭ يۈزىدىكى ئىپلاسلىقلارنىڭ بۇلىقىنىڭ ئۆزلىرى ئىكەنلىكىنى، ئادەملەرنىڭ بىلگۈسى كەلمىگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، بوركنىڭ ئۆزىگە يامان بولدى، بەرھەق، فىلوفېينىڭ چەتكە قېقىشقا مۇمكىن بولمىغان بۈيۈك كەشپىياتنى چۈشىنىشنى خالىمىغانلىق، بورك ئوردوكنىمۇ راستىنلا ئاياپ قالاي دېدى، ئۇ بەكمۇ خۇرسىنىپ، كەمسۇنغاندەك، يۇلتۇزى يەرگە چۈشكەندەك ئولتۇردى «تەلىيىى يوق بولسىمۇ، دەپ بورك مەسىلەكدىشىغا ئىچى ئېچىشتى، ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى سوۋۇپ كەتمىسۇن دېسەك، ئەپلەپ زالدىكىلەرنى ئىشەندۈرۈپ ئۆز كۆز قارىشىنى قوغداپ قالسا ئىكەن، مانا شۇندا ئۇ بۇرۇنقى پوزىتسىيىدە بولىدۇ، بىراق ئاشۇ قولىدىن كېلەرمىكىن؟ ئاھ، ياراتقان ئىگەم، بۇ نېمە قىلغىنىڭ! بىزنىڭ كۈنىمىز يامان بولدى، بىزدە گۇناھ يوق، بىراق ئۆزىمىزگە كەلگەندە يارامسىز يەنە قارىغۇلارچە قالدۇق! شور پىشانە فىلوفېي، ھازىر مۇشۇ زالدا بار بولسىچۇ!».
    - ئوردوك ئەپەندى، سىزدىن سورىنىمەن، ئۆز نامىمدىن، ئەگەر قوشۇلمىسا، سايلامچىلارنىڭ نامىدىنمۇ سورىنىمەن، بۇ ئىشنى شۇ پېتى قالدۇرۇشقا بولمايدۇ!-دەپ قىقاس-چۇقانغا قارىماي، بايىقى مەن ۋىراچ دېگەن كىشى مىكروفونغا قىيقىرىدى، ئامېرىكىنىڭ پۇقرالىرىغا قانداق تەجرىبە بولسۇن تەجرىبە قىلىشقا ھېچكىمنىڭ ھوقۇقى يوق! ھېلىقى كائىناتىي كاھىن دېگەن نېمە پۈتكۈل ئادەمزاتقا قارىتا ئېيتىۋاتىدۇ، ئۇ ئۇنىڭ ئۆز ئىشى، بىزنىڭ ئەمەس، لېكىن بىز ئامېرىكىلىق، بىز ئەركىن، ھوقۇقدار ئادەملەر بىز! قوشما شتاتلارنىڭ چەك ئىچىدە تەكشۈرۈشلۇق تىنىتىش بىلەن
    نۇرلاندۇرۇشىنى يۈرگۈزۈشنى مەنئىي قىلىش زۆرۈر. ئۆز گېپىنى قىلسۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكىلەر! ئۆز گېپىنى قىلسۇن قوشما شتات ئورگانلىرى !
    -توغرا ئېيتىشىدۇ! چەكلىمە سېلىش كېرەك! دېگەن ۋارقىراشلار تۇشمۇ-تۇشتىن ئاڭلاندى، مەنئىي قىلىش كېرەك  !
    - تىنچلىنىڭلار، ئىشتىراكچىلار، سىزلەردىن ئۆتۈنىمەن، خانىملار، دەپ سەھنىدىكى رىياسەتچى ئۆز مىكروفوندىن تەرتىپكە چاقىرىشقا ھەرىكەتلەندى، ئۇ قىممەت باھالىق چوڭ جاھازىلىق كۆز ئەينەك تاقىغان، پارقىرىتىپ مايلانغان چېچى يۆنىلىشى بىلەن تەكشى تارالغان، كىيىنىشى قۇسۇرسىز، سالاپەتلىك ئادەم ئىدى، تەرىگە قارىغاندا ئىشنىڭ مۇنداق بولۇپ كېتىشى، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ پۈتۈنلەي كۈتۈلمىگەن نەرسىدەك كۆرۈندى، ئۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ، گالىستۇكىنى ئارقا-ئارقىدىن ئوڭلاۋەردى،-مىكروفونغا نۆۋەت بىلەن كېلىشىڭلارنى سورىنىمەن! -دېدى ئۇ، مەن سىزگە سۆز بېرىمەن، بىراق نۆۋىتى بىلەن، سىزدىن سورىنىمەن، نۆۋەت بىلەن، بىراق كەچ بولۇپ قالغان ئىدى، قىستاڭچىلىقتا مىكروفونلارنىڭ دەررۇ بىر نەرسە بىلدۈرۈشىنى، بۇرۇن ئېيتىلغانلارغا قوشۇمچە، ھەتتا بىر نەرسە ئېيتىشنى بەكمۇ خالىغانلار توختىلىپ تۇرۇشتى . شۇنداق قىلىپ رىياسەتچى مىكروفونلارغا نۆۋەت بېرىشنى قولاي قىلىش بىلەنلا ھەلەك بولۇپ قېلىشتى .
    -بىرىنچى مىكروفۇن! سۆز ئىككىنچىدە! مەرھەمەت! ئۈچىنچى مىكروفۇن! بەشىنچى، يەتتىنچى، ئونىنچى ....
    مىكروفوندىن مىكروفونغا چىقىپ سۆزلىگۈچىلەرنىڭ تېز ئۇچۇرلىرى كۆزگە كۆرۈنمىگەن ئوت بولۇپ يۈگۈردى، ئويلار بىر بىرىگە ئەگەشتۈرۈلگەنسېرى گەپنىڭ پوس كاللىسى ئېيتىلىپ، ئويلارنىڭ ماھىيىتى فىلوفېينىڭ كەشپىياتى بىلەن مەپكۇرەلىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلماسلىققا، ئۇنى ئوربېتادىن قوغلاپ چىقىرىشقا، كەسكىن چاقىرىقلارغا، كائىناتتا دۇنياۋى چېقىمچى، ئاي ئالەمنى قالايمىقان قىلغان جېدەلخور لۈكچەك دېگەنگىچە بېرىپ تاقالدى؛ تېخى يەنە بىراۋ، رۇس مۇھاجىرلىرىدىن بولسا كېرەك، فىلوفېينى ھەتتا ك. گ. ب نىڭ جاسۇسلىرىنىڭ بىرى، بۇزۇق ئاياللارنىڭ ئارقىدىن نازارەتكە سېلىپ قويغان كائىناتتىكى مۇشتۇمزور ئايغاقچى دەپ تاشلىدى، ھەتتا بىراۋ: بۇ فىلوفېي دېگەن روسىيىنىڭ كائىناتقا تاشلانغان تىنچ ئۆزگەرتكۈچى جاسۇسى، ئاڭا ئامېرىكىنى ئىچىدىن بۇزۇپ يېرىپ يوق قىلىش، جەمئىيەتتە ئىرسىي بومبىنىڭ پارتلىتىشىنى پەيدا قىلىش تاپشۇرمىسى بېرىلگەن دېسە، ئۇندىن كېيىنكىسى بۇ خەلقئارالىق قارا قول تەشكىلاتىدىكىلەرنىڭ قىلغىنى، ئۇ ھازىرقى جەمئىيەتنى قىلچىمۇ ئۆزگەرتمەي نازارەتكە ئېلىش ئۈچۈن قانداقتۇر دۇنياۋى پائالىيەت ئويلاپ تېپىپ ئولتۇرىدۇ، دېگەن پەرەزلەرنى ئېيتتى، يىغىلغانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن يەنە ھەر قاندىقى بىرىدىن-بىرى قورقۇنچلۇق پەرەزلەرنى ئېيتىشتى، ئۇندىن سىرت قارا نىيەتلىك بىلەن يۈزى قارالىققا ئەزەلدىن قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان، ئەمەلگە ئاشقان سۆزلەر ئېيتىلىپ، ئاڭا كائىناتىي دېگەن ئېنىقلىغۇچىنى قوشۇپ،» كائىناتىي فائوست «قىلىپ چىقتى .
    بىراق قانداقلا قىلمىسۇن كۆپچىلىكى چىن دىلدىن كاللىسىدا بار بولغان چۆچۈشلىرىنى يوشۇرماي ئېيتىشتى، ئەلۋەتتە جىمى ئادەم بىر كىشىدەك فىلوفېيگە، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي، بىئولوگىيىلىك كەشپىيات-ئىختىرالىرىنىڭ رايىنى ئۇچۇرغان ئاڭ-سېزىم بىلەن ئەقىل ھۇشىنىڭ قانداق بولمىسۇن ھەيدەپ چىقىشىنى كۆزلەپ، قارشى بولۇشتى، بۇ چاغدا ئۇلار ھەممىدىن بۇرۇن،ئەسىرلەردىن ئەسىرلەرگە ھېچقانداق «كاسساندرا بەلگىسى» بىلەن كارى يوقلا ئۆلۈپ، ئۆسۈپ يەنە گۈللەپ راۋاج تېپىپ كېلىۋاتقان ئىنسانىيەت تارىخىغامۇراجىئەت قىلىشتى، ئاشۇنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەندىمۇ قاتتىق تەسىر قالدۇرۇدى، بولۇپمۇ ئاياللار كۆز ياشلىرىنى ئاقتۇرۇپ، ساقلاپ قېلىڭلار، ئۇلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشلىرىدا تاپقۇر نۇرلارنى ئارىلاشتۇرماي قوغداپ قېلىڭلار دېگىنىدە، ئۇندىن كېيىن ئاخىرىدا سۆزنىڭ يۈرۈشىدە كائىناتىي كاھىننىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۆزى قولغا ئالسۇن، ئادەمزاتنى قوغداپ قېلىش مەقسىتىدە چارە كۆرۈش ئۈچۈن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىغا مەسىلە-پىكىر قويۇلسۇن، دېگەن تەلەپلەر ئېيتىلدى.
    مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇش روبېرت بوركقا ئېغىر، ئازابلىق بولدى، ھەمىشە ئېتىراپ قىلىش ئانچە قىيىن بولمىغان، يارالغان كۈندىن تارتىپ كۈتۈلۈپ كېلىۋاتقان تاشقى دۇنيانىڭ دۇنياۋى پاجىئەسى بىلەن ئەمەس، بەلكى تۈگىمەس-پۈتمەس، ئۇلاشقانسېرى ھىيلىگەرلىكى ۋە باغرى تاشلىقى ئارتىپ بېرىۋاتقان، قارا سانىغان، ھارام ئىشلارنى پەيدا قىلغان، نەسىل قوغلىشىشنىڭ تېگى-تېگىدە پىنھان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، كېلەچەكتىكى ئاخىر زاماننىڭ ھە قىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ كۆرسىتەي دېگەن فىلوفېينىڭ ھەرىكىتىنى كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى چۈشەنمەي تۇرغانلىقىغا روبېرت بورك قايغۇرۇش بىلەن ئۇناۋەردى، ئەلمىساقتىن بېرى قىلىپ كېلىۋاتقان ھارام ئىشلىرى ئۈچۈن، خۇدا بەخشەندە قىلغان ھايات ئالدىدىكى گۇناھى ئۈچۈن جاۋاب بېرەر كۈن كېلىدۇ، دېگەن ئادەمدىكى مەڭگۈلۈك، تۇغما تۇيغۇ بىلەن كەلگەن قورقۇنچ ئۇنى قويۇۋەتمىدى، ھەمدە ھايات ئاڭا بىرلا قېتىم ھەدىيە قىلىنغان بولۇپ قايتىلانمايدۇ، ھەر بىرى مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇزاق ۋاقىتقىچە بېرىلگەن....ئۇزايدىن ھاياتلىق زامان بىلەن ماكاندا ئاخىرقى چەككە يەتكەن يەنە چەكلەنگەن .
    ئولىۋېر ئوردوكنىڭ ئەھۋالى كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىدى، ئۇنىڭ بىر پۇتىنىڭ گۆرگە ساڭگىلاۋاتقانلىقىنى بورك بىلىپ يەتتى.ئوردوكقا قانداقتۇر بىر سەۋىيىدە ئەسكەرتسىمۇ، ۋەقەنىڭ مۇشۇنىڭغا يېتەرىنى ئالدىنئالا كۆرەلمىگىنىگە ئۆزىنى گۇناھكار ھېسابلىدى .
    ئوردوك ھەقىقەتەندىمۇ ئەخمىقانە ئەھۋالدا قالدى، ئاڭا ھېچكىم دىققەت بۇرىماي قالدى، بۇ ئۇچرىشىشقا لازىمى يوقتىنمۇ بەتەر ھالەتتە ئوردوك مۇنبەردە يالغۇز قېلىۋەردى، بارلىق ئېيتىلغان سۆزلەر ۋە تەنىلەر پۈتۈنلەي فىلوفېيگە بېغىشلاندى، قەلبنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى مۇشۇ يىغىلىش ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان ئوردوك ئەمەس ئىدى، كائىنات چەكسىزلىكىنىڭ قايسى بىر يېرىدە يۈرگەن فىلوفېي بولدى، قىستاڭچىلىقتىكى مىكروفونلارنى ئاڭا، پرزېدېنتلىق نامزاتلىقىغا ئەمەس، كاھىن فىلوفېيگە بىر نەرسە ئېيتىش ئۈچۈن يۇلغانلار ئىگىلىۋالدى، ئۇ نېمىگىدۇر مۇنبەردە چوقچىيىپ تۇرۇۋەردى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىداھەممە بازارغا ئايلاندى،ئۆز بۇرچىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئويغا سايلامچىلار بىلەن تېلېۋىزىيە كۆرۈرمەنلىرىنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ھازىرلانغان تەييارلىقلار بىلەن چارىلەرنىڭ ھەممىسى زايا كەتتى، ئوردوكنىڭ كۈلۈمسىرىگەن پورتىرىتى ئېسىلغان تەنتەربىيە زالىنىڭ قۇببىسى ئالدىدىكى ھاۋا شارى كۈلكە قوزغايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندى، ئۆزى
    بولسا چارىسىز قېلىپ، ئۇنىڭدىن، تېيىپ، نېمە قىلارىنى بىلمەي دەلدەيدى. ئاڭا كېڭەشچىلىرى بىلەن ياردەمچىلىرى يۈگۈرۈپ كېلىشىپ، بىر نەرسىلەرنى پىچىرلاشماقتا، بىراق ئۇ بولسا خۇددى بىراۋنى كۈتۈۋاتقاندەك مۇنبەردە تۇرىدۇ، كۆزلىرى ئالاچەكمەن ئېچىلىپ، يۈزىنى پۈتۈنلەي شورپىنىڭ كۆيدۇرگىنىدەك داغلار قاپلىغان، بۇ تولۇق ۋەيران بولۇش، پۈتكۈل مەملىكەت ئالدىدا ۋەيران بولۇش ئىدى .
    نامايىشچىلار دەرياسى باشقا ئېقىم بىلەن ئاقتى، ئەگەر چۆكۈپ بېرىۋاتقان بىر تال سامان تاشلانمىغاندا، كىم بىلىدۇ ئاخىرى نېمە بولىدۇ، سەھنىگە ئاڭغىچە جانلىق چامداپ قەيەردىندۇر بىر ياش يىگىت سۈرۈلۈپ چىقىپ كەلدى، ئۇمۇ گالاستۇكىنى تەكرار ئوڭشاپ قويۇپ چىقىپ سۆزلەشكەنلەرنىڭ تەرتىپنى ساقلىتىشقا، پايدىسىز ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان رىياسەتچىنىڭ يېنىغا كەسكىن سىڭىپ كەلدى-دە، بىر نېمە دەپ تۇرۇپ، قايرىلىپ قاتتىق ئۈن چىقاردى:
    -توساتتىن كېلىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى سورىنىمەن، بەكمۇ ئەھمىيەتلىك بىر نەرسىنى ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ !
    غولغۇلا پەسىيىشكە باشلىدى، زال خېلىغىچە گورىستاندەك تىنچىپ قالدى، ئەمدى بىر سىكۇنتنىمۇ بىكارغا كەتكۈزمەسلىك كېرەك ئىدى .
    -نام-شەرىپىم ئەنتونى يۇنگېر،-دەپ ئۆزىنى تونۇشتۇردى توساتتىن پەيدا بولغان يىگىت .
    -»ئەنتونى يۇنگېر، مۇشۇ ئىكەندە كۆزگە سىغىشلىق يىگىت ئىكەن» دەپ ئويلاپ قالدى روبېرت بورك .
    -ئىسمىم سىلەرگە ھېچنەرسە بىلدۈرمەيدۇ،-دېدى يۇنگېر، بىراق مەن يەنە بىزنىڭ گۇرۇھنىڭ سىلەردەكلا سايلامچىسى مەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئوردوك ئەپەندىنىڭ گۇرۇھىدامەن، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرىنڭ بىرى بولىمەن، دىققەت ئاغدۇرۇپ قويۇشۇڭلارنى ئۆتۈنىمەن، بۇ يىغىلىشىمىز بىزگە كائىناتتىن تاشلانغان مەسىلىلەرنىڭ مۇنازىرىسى ئەمەس، بەلكى پرزېدېنتلىككە نامزات بولغان ئادەم بىلەن ئۇچرىشىشقا بېغىشلانغان، شۇڭلاشقا سايلام ئالدىدىكى مۇنازىرىمىزنى داۋاملاشتۇرغىنىمىز تۈزۈك، ھەمدە فىلوفېي ھەققىدە باشقا بىر پۇرسەتتە سۆز قىلساق، چۈنكى بايقىشىمىزغا قارىغاندا، بۇ ئاجايىپ خەۋەر توغرىسىدا يەنە كۆپ قېتىم ئويلىنىشقا يەنە بەس-مۇنازىرە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەشنى، ئىلتىماس قىلىمەن، ئوردوك ئەپەندىنى فىلوفېينىڭ مەسىلىسىگە ئالدىراتماي، ئۆزىنىڭ يەكۈن سۆزىنى ئېيتىپ بېرىشىنى سورىنىلى.
    بۇ بەكمۇ دەل جايىنى تاپقان تەدبىر، چاتاقنىڭ تۇلۇمى تېشىلدى، بورك ئەنتۇنى يۇنگېرگە رازى بولدى، پەرەز بىلەن ئۇنى ئاشۇنداققۇ دەپ ئەسلىگەن ئىدى، ئۇندىن باشقا ھېچكىم، ئۇنىڭ ئىچىدە بورك ئۆزىمۇ كۈتمىگەن ئىش بولدى .
    -ئوردوكمۇ باھا بېرىش كېرەك،-ئۇ مەدەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنى كەتتۈرۈپ قويغىنى يوق .
    -توغرا، سۆزۈمنى داۋاملاشتۇراي،-دەپ دەررۇ تەييار تۇردى ئۇ، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قانداقتۇر بىر ئۇچقۇن يالت ئېتىپ قالدى، كۆز ئېچىپ يۇمۇشنىڭ ئارىلىقىدا ئۆزگەرگەن يۈزگە قارىغاندا، ئۇنىڭدا بىر نېمە بولۇپ ئۆتتى،-شۇنداق، ھۆرمەتلىك سايلامچىلار، ھازىر ئەنتونى يۇنگېر ئېيتىپ ئۆتكەندەك بۇ يەردە سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۇردۇم، بىراق، بىر ئەرزىمەس تۈزىتىش كىرگۈزمەكچىمەن، ئۇ ئولتۇرغانلارنى قىدىرىپ سىناق كۆزى بىلەن قاراپ تىنىم تاپتى-دە، مۇنداق چۈشەندۈردى:  مەن دەل ئاشۇ فىلوفېي توغرىسىدا ئېيتماقچى مەن،-دەپ تەكىتلەپ كۆرسەتتى، مەن بۇ يەردە مىكروفونلاردىن ئېيتلغانلارنى داۋاملاشتۇرۇپ،بىزگە كائىناتتىن پسىخولوگىيىلىك ھۇجۇم قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىرسىي ۋەزىيىتىمىزنى كەسكىن رەۋىشتە تەنقىدلەپ سۆزلىگۈم كېلىدۇ، مەن بۇلار توغرۇلۇق بىرىنچى قېتىم سۆز قىلماقچىمەن، چۈنكى، مەن سايلامچىلارنىڭ، كىشىلەرنىڭ ئويى بىلەن ياشايمەن، بىز مانا بۇ يەردە جىمىمىز بىللە، ماڭا بۇ ھەممىدىن ئەھمىيەتلىك، بۇ يەردە مىكروفونلاردىن ماڭا روھىي جەھەتتىن يېقىشلىق سۆزلەر سۆزلەندى، مەنمۇ بۇ توغرۇلۇق، ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىسى ئۈچۈن بېرىپ تۇرغان يوقىرى نەرق بولۇپ سانالغان، بىزنىڭ ھوقۇقلىرىمىزغا يەنە ئەركىنلىكىمىزگە كائىناتتىن قىلىنغان قۇلاق ئاڭلىماس مۇداخىلە توغرۇلۇق، پەرەز بىلەن شۇنداق ئويلىدىم، فىلوفېي كائىناتتىن بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئارىلىشىۋاتىدۇ، دەپ بۇ يەردە توغرا بەلگىلەندى، مەنمۇ ئاشۇنى توغرا دەپ ھېسابلايمەن، مەن ھەتتا بىر نەرسىنى قوشۇمچە قىلار ئىدىم، ئۇ بۇنى خالامدىكىن، خالىمامدىكىن، ئاخىرى كېلىپ بىزنىڭ دېموكراتىيىگە يەنە ھارام ئىش قىلىۋاتىدۇ، مۇنداق قارىغاندا مۇمكىن ئەمەستەك، بىراق ئاشۇنداق، بۇ قارا نىيەتلىك بىلەن ئادەمنى ئۆچ كۆرەرلىك بىلەن ئويلاشتۇرۇلغان يامانلىق، سىلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم گۇۋاھ بولۇۋاتىمىز، شەيتاننىڭ قارا يۈزلۈكىگە ھەقىقەتەندە چەك يوق، سۆزۈمنىڭ بېشىدا ئۆزۈم سۆھبەتلىشىپ كۆرگەن، بىلىملىك ھەم نوپۇزلۇق ھېسابلانغان، ئايرىم بىر بەلگىلىك ئادەملەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئېيتىپ كېلىپ، ئۇندىن كېيىن ھەقتە ئۆز ئويۇمنى ئوتتۇرىغا سالماقچىمەن، بىراق سۆزۈمنىڭ ئىككىنچى بۆلۈكىنى ئۆتەشكە، فىلوفېينىڭ مۇراجىئىتىگە ئۆزۈمنىڭ شەخسىي مۇئامىلەمنى بىلدۈرۈشكە، ئۆزۈڭلار چۈشىنىڭلار، تېخى ئۈلگۈرمىدىم، مىكروفوندىن ئېيتىلغانلارنىڭ ھەنىۋاسى مەن ئاتايىن دېگەنلەر بىلەن دەل كېلىدۇ، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى پەيزى، مۇشۇنىڭ ئۆزى پوزىتسىيەمنىڭ توغرىلىقىغا مېنى ئىشەندۈرىدۇ، ھازىرقى جەمئىيەتكە توساتتىن بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان قورقۇنچ تۇغۇلدى، دېگەن ئوي-پىكىرنى تولۇقى بىلەن قوللايمەن، ئۆزىنى كاھىن فىلوفېي بولىمەن، دەپ ئاتىۋالغان ئادەمنىڭ بۇ پائالىيىتى، مۇنداقچە قارىغاندا ئىرسىيەتنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلانغاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، چىن-چىنىغا كەلگەندە، بۇ بىر خىل مۇداپىئە، بىزنىڭ روھىمىزنى، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە تارىخىي ئېتىقادىمىزنى، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى، ئېتىقاد ئىشەنچىمىزنى دەسسەپ-چەيلىتىش، ئۇندىن بايقىساڭلار بۇنداق مۇداخىلە كائىنات بۈيۈكلۈكىدىنلا يۈرگۈزۈلمەيۋاتىدۇ، فىلوفېي ئۆزىگە مەسىلەكدارلىرىنى يەردىن تېپىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار بىزنىڭ ئىلىمدە يەنە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا چوڭ، قەدىرلىك، پەرقلىق، دەپ ھېسابلانغان ئايرىم ئادەملىرىمىزدۇر، ئىشنىڭ ئەھۋالى مانا مۇشۇنداق! مانا مۇشۇ كىشىلەر فىلوفېي بىلەن بىرىكىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كائىناتتىكى ئىلھاملاندۇرغۇچىسىنىڭ شۇئارىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن يەردە قۇلاق ئاڭلاپ، كۆز كۆرەلەيدىغان توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىگە شەك تۇغدۇرماقتا، يەنە ئەڭ مۇھىمى بىزنىڭ ئاياللارغا جىن-شاياتۇننىڭ بەلگىسىنى-كاسساندرا تامغىسىنى بېسىپ شەرمەندە قىلىشقا، ئۆزلىرىنىڭ ۋاقىت-سائىتىنى كۈتۈپ تەييار تۇرۇشماقتا، تاپقان ئىشلىرىغا قاراڭلار، كاسساندرا تامغىسى، ئەلگە كېلىدىغان ئاپەتلەرنىڭ ھەم قايغۇ-ھەسرەتنىڭ ئالدىنئالا بېشارەتچىسى! ئۇندىن قالسا ئادەتتىكىدەك ئاشۇنداق ئاتاپ ئولتۇرۇشقان يوق، نېمە دېگەن قارا نىيەتلىك نابۇت قىلىش بۇ؟ ئاشۇنداق بولغانلىقتىن تەييار تۇرۇشىمىز زۆرۈر! بارلىق مىللەتلەر تەييار تۇرۇشى كېرەك! ئاكادېمىيىنىڭ ئالىي تونىنى يېپىنىشقان فىلوفېينىڭ پىكىرداشلىرى ئادەملەرگە ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق تەسىر كۆرسەتمەكتە، كائىناتتىن كەلگەن يالغان پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئۇلارنى ئىشەندۈرۈشكە تەييار تۇرۇشماقتا، بۇنىڭدا قىلچىمۇ مۇبالىغە يوق، ئىشىنىپ قويۇڭلار، بۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارشى ۋاقتىم، مانا مۇشۇنداق! بىئاراملىقىممۇ مۇشۇ، مۆھتىرەم سايلامچىلار !
    زال قارىسا شۇنىلا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، پرزېدېنتلىق نامزاتىنىڭ نۇتۇقىدا نامى ئاتالغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەيرانۇ-ھەس بولۇشۇپ قاراپ ئولتۇرۇشتى، ھازىر ئولىۋېر ئوردوك ئېيتىۋاتقاندەك ھەممىسى ئۇنىڭغا يۈرىكىدىن تۈنەك تېپىپ، تولۇق قوللاشقا ئىگە بولدى «ئالفا بېيسبول» تەنتەربىيە زالىدا ئولتۇرغانلار ئاشۇ سائەتتە نەپەس ئېلىشماي ئولىۋېر ئوردوكنىڭ چاقىرىقىغا، سۆزلىرىگە ھەممىسى بىر ئادەمدەك قۇلاق تۈردى، ئەلۋەتتە ئاشۇ غەلىبە كىشىلەر ئالدىدا يۈز- ئابرۇي چۈشكەندىن كېيىنكى ئوردوكنىڭ پۇختا غالىبىيىتى بولدى، ئۇ غالىبىيەتكە يول تاپتى، غالىبانە مانىۋېر قىلدى، ئىستراتېگىيىسىنى تەرتىپلىك ئۆزگەرتتى، ئەمدى ئاخىرقى پەللىگە يېتىشنى كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ . ئوردوكنىڭ ئۆزىمۇ بايىقى ئۆزى ئەمەس ئىدى.ئەمدى مۇنبەردە پۈتۈنلەي باشقا ئادەم تۇراتتى، ئولتۇرغانلارغا ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى زايا كەتمەي تەسىر كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،ئوردوك تېخىمۇ يېلىنجىغان ئىلھا بىلەن سۆزلەپ كەتتى. بۇ ئۆزىگە-ئۆزى رازى بولۇشنىڭ، سۆز يەتمەس، كۆز يەتمەس مۇۋەپپەقىيىتىنى سېزىشنىڭ ئاز كېلىدىغان پۇرسىتى، سۆزنىڭ ئالاھىدە قۇدرىتىنىڭ ھەم قۇۋۋىتىنىڭ ئەھۋالى ئىدى، ئاڭا ئۇنىڭ سۆزلىرى، ئاغزىدىن تېتىلىپ چىقىپ، ئەتراپىدىكىلەر بىلەن يەنە ھەممىدىن بۇرۇن، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ قاراپ ئولتۇرغان ئاياللار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كېتىۋاتقاندەك، ئۇندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەننىۋاسى، جىمىسىگە قارىماي ئەركەكلىرىمۇ، ئاياللىرىمۇ ئاڭا جان دىللىرى بىلەن قوبۇل قىلىۋاتقاندەك سېزىلدى، يەنە داۋام ئېتىپ ئاڭا ئۈيۈردىكى بىيەلەرگە يېڭى ئات قوشۇلغاندەك ھەر بىر سۆز ئۇنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشتى ھەم شۇنچىلىك ئېنتىزار قىلغان، بىراق مۇۋەپپەقىيەتكە يېتەي دەپ قالغان يوشۇرۇن ھۆكۈمرانلىق بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كېتىشنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بويسۇندۇرۇشقا ھارماي چاقىرىق بىلەن ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە تۇشمۇ-تۇش كەلگەنلەرنى قولدىن چىقارماسلىققا، يوقاتماسلىققا يىرتقۇچلۇق ئەركى كۆرۈنۈۋاتقاندەك قىلاتتى. بىراق، ھۆكۈمدارلىقنىڭ ھەۋىسىگە پاتقۇچى ۋاقىتتا يول يامغۇردەك تۆكۈلگەن سۆزلەرگە لايىقىدا جاۋاب بېرىش بىلەن مېڭىلىدۇ، توختىماي سۆزلەنگەن نۇتۇققا ماس ھالدا قاتار تىزىلىپ ئالدىدا تۇرغان سەپنى، فىلوفېينىڭ مەپكۇرەلىرىنى ۋە ئۇنىڭ پىكىرداشلىرىنى غۇلىتىش باشلاندى، ئۇ ھازىر ئولتۇرغانلارغا ئۇ توغرۇلۇق سۆز يورغىلىتىپ «ھازىر مەن بىلەن بېرىشىڭلار، بەرگەن بېشارىتىم بويىچە قارماشقا چىقىڭلار!» دېگەننى بىلدۈردى.
    ھاي! بۇ ئولىۋېر ئوردوكنىڭ ئامىتى كېلىپ تۇرغان پەيت بولدى. زالدا ئولتۇرغانلارنىڭ ئىچىدىن ئېكراندىن بىر نەچچە رەت مۇنبەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنى بىلىنەر-بىلىنمەس كۆرۈنگە يالغۇز بىراۋدىن باشقىسىنىڭ ھەننىۋاسى ئوردوكقا ھەيرانۇ-ھەس بولۇپ قاراپ ئولتۇرۇشتى، ئەنتونى يۇنگېرلا بىرەر نەرسە ئىرغىتىلىپ تەگمىسۇن دېگەندەك قىلىپ، ئىككى قولى بىلەن بېشىنى بېسىپ، سەھنىنىڭ چەت بۇرجىكىدە قىستىلىپ ئولتۇرغان ئىدى، ئۇنىڭ شادىدەك قولىدىن قان تومۇرلىرى بۆرجۈپ كۆپۈپ چىققانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ، ئۇ قىينىلىپ ئولتۇردى .

    مەنبە: چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ (يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمە قىلغان) «كاسساندرا تامغىسى» ناملىق رومانى
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.