پارىژنىڭ سىرى (ئوۋگىن سۇ-فىرانسىيە)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-06 12:49:39

پارىژنىڭ سىرى ئوۋگىن سۇ (فرانسىيە) پارىژنىڭ سىرىز دۇنياغا داڭلىق ئەسەرلەر ئىچىدە تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەنگەن، شۇنداقلابۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئاز سانلىق...

    پارىژنىڭ سىرى
      ئوۋگىن سۇ (فرانسىيە)

    پارىژنىڭ سىرىز دۇنياغا داڭلىق ئەسەرلەر ئىچىدە تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەنگەن، شۇنداقلا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئاز سانلىق ئەسەرلەرنىڭ بىرى. ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە
      1838 ـ يىلى، دېكابرنىڭ ئوتتۇرىلىدىكى بىر يامغۇرلۇق كېچىدە، پارىژنىڭ يانچۇقچىلار، پاھىشە ئايالار، قاتىللار ئۇۋا تۈزگەن كىچىككىنە رايۇنىدا، يامغۇرلۇق كىيىپ كېتىپ بارغان رودورف «قىلىچۋاز»دەپ نام ئالغان لۈكچەك قولىدىن ياش پاھىشە مارىۋانى قۇتۇلدۇرۇۋالىدۇ.  رودورف بۇرۇن ئەنگلىيىلىك بىر ئاقسۆڭەكنىڭ قىزى سارا بىلەن يورۇشۇن توي قىلغان، دادىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئاچچىقىغا پايلىماي دادىسىدىن بۆلەك بولۇپ كەتكەن. كېيىن سارانىڭ قارا نىيەت يامان ئاياللىقىنى سېزىپ، ئۇنىڭدىن ئالاقىسىنى ئۈزگەنىدى. ئۇ دادىسىغا يانغانلىق گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن پارىژغا ياخشىلىق قىلىپ يامانلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن كەلگەنىدى.
       مارىۋا رودورفقا ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىسىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇنى  كىچىك ۋاقتىدا «مۈشۈكياپىلاق»لەقەملىك خوتۇن بېقىۋالىدۇ. ئۇ «مۈشۈكياپىلاق»نىڭ خورلىشىغا چىدىيالمىغانلىقتىن قېچىپ كېتىدۇ، كېيىن يەنە دارىلئېتامغا ئەۋەتىلىپ ئۇ يەردە ئالتە ياشقىچە تۇرىدۇ، دارىلئېتامدىن ئايرىغاندىن كېيىن، يۆلەنچۈكى بولمىغانلىقتىن، پاھىشە بولۇپ كېتىدۇ. رودورف مارىۋانى ئۆزى ئاچقان «نەمۇنىلىك دېھقانچىلىق مەيدانى»غا مىجەز ـ خۇلقىنى تەربىيىلەشكە ئەۋەتىدۇ.  رودورف مارىۋانىڭ كزى بىلەن سارادىن بولغان قىزى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بىراق، ئۇ قىزىنىڭ سالاھىيىتى توغرىسىدىكى ھۈجقەتنىڭ «مەكتەپ مۇدىرى» دېگەن قاچقۇننىڭ قولىغا چۈشكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ«مەكتەپ مۇدىرى» دېگەننى ئالداپ ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا ئەكىرمەكچى بولىدۇ. بىراق «مەكتەپ مۇدىرى»بۇرۇنلا تەييارلىنىپ تۇرغانلىقتىن، رودورفنى مېھمانخانىغا باشلاپ كىرىپ ئۇرۇپ ھوشسىزلاندۇرۇپ، يەر ئاستى ئازگالغا تاشلىۋېتىدۇ. شۇ ۋاقىت سېنا دەرياسىنىڭ سۈيى ئۆزلىگەن چاغ بولۇپ، سۇ ئاستا ئاستا ئازگالغا كىرىپ تولىدۇ. بەختكە يارىشا، ئۇ تەسىرلەنگەن «تېرورچى قاتىل»ۋاقتىدا كېلىپ قېلىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇۋالىدۇ. «تېرورچى قاتىل» بىر ئاماللار بىلەن «مەكتەپ مۇدىرى» دېگەننى تۇتۇپ  كېلىدۇ. رودورف ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنى قارىغۇ قىلدۇرۇۋېتىپ، جەمئىيەتكە زىيانكەشلىك قىلالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.
         رودورف «نەمۇنىلىك دېھقانچىلىق مەيدانى»نىڭ باش خوجىدارى بولغان گىئورگى خانىمنىڭ ئوغلىنى تېپېۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، موناستىر كوچىسىدىكى بىر چېدىرلىق ئۆيگە كېلىدۇ. بۇ يەردە ماركىز داۋىل خانىم، ئايال ئىشچىە رىگلېت ۋە ھۈنەرۋەن ئىشچى موللىرلا تۇرىدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ماركىز داۋىل خانىم بىلەن چىقىشىپ قېلىپ، مەنىۋى جەھەتتە تەڭ لەززەتلىنىدۇ. سارا دائىم رودورفنىڭ يېنىدا يۈرىدۇ ۋە يارىشىپ قېلىشنى ئويلايدۇ. ئۇ «مەكتەپ مۇدىرى» ۋە «مۈشۈكياپىلاق»ئارقىلىق «نەمۇنىلىك دېھقانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ مارىۋانى ئوغرىلىتىدۇ. يول ئۈستىدە «مۈشۈكياپىلاق» ، «مەكتەپ مۇدىرى» نىڭ قارىغۇلىقىدىن پايدىلىنىپ، بوزەك قىلىپ ئۇنىڭ ئالتۇن كەمىرىنى ئوغرىلىۋالىدۇ، مارىۋامۇ باغلىنىدۇ.
       ھۈنەرۋەن ئىشچى موللىرىنىڭ خوتۇنى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىلى ئالتە ئاي بولغاچقا، ئۇ ئۆزى سەككىز جاننى باقىدۇ. ئۇ گۇۋاھچى فراندىن نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلىدۇ. فران ئۇنى چوڭ قىزى لۇيىسنى ئىشچىلىققا بېرىپ قەرز تۆلەشكە قىستايدۇ. ئۇنىڭ كىچىك قىزى سىل بولۇپ داۋالاشقا پۇلى بولمىغاچقا، ئاچلىقتىن توڭلاپ ئۆلۈپ قالىدۇ. فران ئىككى ساقچىنى باشلاپ كېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدۇرىدۇ. بۇ چاغدا، لۇيىس بىر مىڭ ئۈچ يۈز فرانك كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، لېكىن بۇ پۇل يەتمەيدۇ، بەختىگە رودورف كېلىپ قېلىپ قەرزنى تۆلىۋېتىدۇ.
       لۇيىسنىڭ پۇلى گۇۋاھچىدىن ئوغرىلانغان پۇل بولۇپ چىقىپ لۇيىس قولغا ئېلىنىدۇ. قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇ رودورفقا ئۆزىنىڭ فران تەرىپىدىن دورا بىلەن بىھوش قىلىنىپ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، كېيىن قورسىقىدا قېلىپ بوۋاق چالا تۇغۇلۇپ قالغانلىقتىن كۆمۈۋەتكەنلىكى، فراننىڭ ئۆزىگە بوھتان چاپلاپ، بوۋاقنى ئۆلتۈردى، دەپ سوتقا ئەرز قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان موللىر ساراڭ بولۇپ قالىدۇ.
       سارا گۇۋاھچى فراننى تېپىپ ئۇنىڭغا ئون نەچچە يىل ئىلگىرى قاراپ قويۇشقا بەرگەن قىزىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ رودورف بىلەن قايتىدىن ئەر ـ خوتۇن بولۇپ ياشىشىغا ياردەم بېرىشى لازىملىقىنى ئېيتىدۇ. سار ئايەنە ماركىز داۋىلغا خەت يېزىپ رودورفنىڭ ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن ئاشنىدارچىلىقى بارلىقىنى پاش قىلىدۇ. ماركىز  داۋىل خوتۇنىنىڭ ئۆزىنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى سېزىپ، بىر كېچە ئۇخلىماي قايغۇ ـ ئەلەم ئىچىدە ئويلىنىپ خوتۇنىنى بەختلىك قىلىشنى قارار قىلىدۇ. ئەتىسى ئۇ ئۆيدە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ مېھمان چاقىرىدۇ. خوتۇنىغا قىممەت باھالىق ئالماس مارجان تەقدىم قىلىپ، ئاندىن ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلۈۋالىدۇ.
       مارىۋا ئوغرىلاپ كېتىلگەندىن كېيىن «مۈشۈكياپىلاق» ئۇنىڭ چىرايىنى نابۇت قىلىۋېتىپ ئاندىن يەر ئاستى ئازگالغا قاماپ قويماقچى بولىدۇ. «مەكتەپ مۇدىرى»بۇنداق قىلىشقا قوشۇلمايدۇ. ئۇلار مارىۋانى كوچىدا تەمتىرەپ يۈرۈپ قانۇن ـ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانمەن، دەپ ساقچىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا قىستايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مارىۋامۇ سانت لازال تۈرمىسىگە قامىلىدۇ. فران سارا ئارقىلىق مارىۋانىڭ خەۋىرىنى بىلگەندىن كېيىن ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى ماۋىانى ئۇ دەسلەپتە «مۈشۈكياپىلاق» قا بېرىۋەتكەن بولۇپ،  ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىدە ئۆزىنى قاچۇرالمايدىغان جاۋابكارلىقى بار ئىدى. ئۇ مارىۋانىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئىزىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن، مارىۋاغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان بىر تۇزاق قۇرىدۇ. يەنى ئالدى بىلەن مارىۋانى تۈرمىدىن ئېلىپ چىقىپ ئاندىن سېنا دەرياسىغا غەرق قىلىۋەتمەكچى بولىدۇ. مارىۋا تۈرمىدە بىر ئايال گۇناھكارغا ياخشىلىق قىلىدۇ. بۇ ئايال دەل شۇ چاغ تۈرمىدىن چىقىپ دەريا بويىدا كېتىۋېتىپ مارىۋانى قۇتۇلدۇرۇۋالىدۇ ۋە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ.
       سارا «مۈشۈكياپىلاق» بىلەن كۆرۈشكەندە، «مۈشۈكياپىلاق» سارانىڭ زىننەت بۇيۇملىرىغا بىر قاراپلا يامان نىيەتكە كېلىپ ساراغا خەنجەر تىقىپ زىننەت بۇيۇملىرىنى بۇلاپ قاچىدۇ. كېيىن «مۈشۈكياپىلاق» بىلەن «مەكتەپ مۇدىرى» ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولىدۇ، ئۇ «مەكتەپ مۇدىرى» نى شېرىكىنىڭ ئۆيى ئاستىدىكى ئازگالغا تاشلىۋېتىدۇ. كېيىن ئۇ يەنە بىر شېرىكى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ بۇ ئازگالغا قامىلىدۇ. «مەكتەپ مۇدىرى»، «مۈشۈكياپىلاق» نىڭ ئۆزى بار ئازگالغا قامالغانلىقىنى كۆرۈپ بەك خوشال بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ ئالدى بىەلن «مۈشۈكياپىلاق» نىڭ كۆزىنى قارىغۇ قىلىدۇ. كېيىن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.
    رودورف گۇۋاھچى فراننىڭ ھالقىلىق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ، فراننى باش ئەگدۈرۈش ئۈچۈن، شالغۇت قىز سىشىلىنى فراننىڭ ئۆيىگە خىزمەتكارلىققا ئەۋەتىدۇ. فران ئۇنىڭ ناز ـ كەرەشمىلىرىگە ئەسىر بولۇپ ئاخىر پۈتۈنلەي ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ ۋە پۈتكۈل سىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۆزىنىڭ پۈتكۈل جىنايەتنىڭ بېشى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىدۇ ھەتتا جىنايى دەلىللىرىنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ. سىشلى بۇلارنى قولغا كەلـۈرگەندىن كېيىن، دېرىزىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ، ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان پەيتۇنغا چۈشۈپ ئىز ـ دېرەكسىز غايىپ بولىدۇ. فراننىڭ كوكۇلىسى رودورفنىڭ قولىغا چىقىدۇ. شۇڭا فران پۈتۈنلەي رودورفنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنىدۇ. رودورف فرانغا ئىش باشقارمىسىنى ساتقۇزۇپ پۇلغا ئۆزى زىيانكەشلىك قىلغان، شىلىپ يېگەن كىشىلەرنىڭ قەرزىنى قايتۇرغۇزىدۇ، جۈملىدىن موللىرنىڭ ئىككى مىڭ فرانك يىللىق خىراجىتىنى قايتۇرغۇزىدۇ، ئىشسىز ئەمگەكچىلەر بانكىسى قۇرغۇزىدۇ. بۇ بانكا مۇنداق بەلگىلىمە چىقىرىدۇ: ئىشچىلار رايونىغا يىگىرمە ـ قىرىق فرانك ئادەتتىكى قۇتقۇزۇش سوممىسى ئاجرىتىپ تۇرۇلىدۇ. پۇل ئارىيەت ئالغۇچى ئىشچىدا ئۆزىنى ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن خوجايىن بەرگەن كىنىشكا بولۇشى، كىنىشكىدا ئىشچى نامى، ئەھۋالى توغرا يېزىلغان بولۇشى لازىم. بۇ پۇل ئەمەلىيەتتە ھەرگىز قۇتقۇزۇش رولىنى ئوينىمايدۇ. فران بۇلارنى بىر ـ بىرلەپ ئىجرا قىلىدۇ. ئاخىرىدا سىشىلىنىڭ مۇھەببىتىگە نائىل بولۇش خيالى بىلەن ئازابلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
       ماركىز داۋىل خانىم ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېرىلىپ كېتىۇد. ئۇ بىر يىغىۋېلىش ئورنىدا مارىۋانى ئۇچرىتىپ ئۇنى ئېلىپ چىقىدۇ ھەمدە رودورفقا خەۋەر قىلىدۇ. رودورف ئەسلىدە ماركىز داۋىل خانىمنى ياخشى كۆرەتتى. بۇ قېتىم ئۇنىڭدىن تېىخمۇ مىننەتدار بولىدۇ. ئۇنىڭغا تۇرمۇش قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشنى ئويلايدۇ. بىراق ياردەمچىسى ئۇنىڭغا مارىۋانى ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن سارا بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ياخشىلىقىنى ئېيتتى. سارا «مۈشۈكياپىلاق» تەرىپىدىن يارىلانغاندىن كېيىن، ئۆمرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ، رودورف سارانى يوقلاپ بارىدۇ.  ئۇ مارىۋانى بىر كۆرۈۋالسام، دەيدۇ. رودورف ئۇنىڭ قىزىغا تېخخچە مېھىرى بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئەپۇ قىلىدۇ ھەمدە يارىشىشقا ماقۇل كېلىدۇ، توي بولۇپ يېرىم سائەتتىن كېيىن سارا ئۆلۈپ كېتىدۇ.
       «مەكتەپ مۇدىرى» ساراڭ، گاس بولۇۋېلىپ تەلۋىلەر ۋە ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆكتۈزىدۇ. ئۇنىڭ خوتۇنى گېئورگى خانىم ئوغلىنى ئىزلەپ تاپىدۇ. ئۇلار يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۇنى تونۇمايدۇ. موللىر ۋە باشقا رودورفقا ياخشىلىق قىلغۇچىلار لايىقىدا رازى قىلىنىدۇ. رودورف مۇكاپاتلايدىغاننى مۇكاپاتلاپ، جازالايدىغاننى جازالايدۇ. بۇ چوڭ خىزمەتنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن پارىژدىن ئايرىلىپ كىنەزلىككە قايتىدۇ. يولغا چىققاندا ئۇنىڭ پەيتۇنىنى قاچاقلار توسىدۇ. بىر قاچقۇن شەمشەر بىلەن رودورفقا ئېتىلدىۇ. شۇ چاغدا «تېرورچى قاچقۇن»ئۈلگۈرۈپ كېلىپ رودورفنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىقىدۇ ۋە قاچقۇننىڭ شەمرىدە ئۆلىدۇ. رودورف قالايمىقانچىلىق ئىچىدىن قېچىپ قۇتۇلىدۇ.
       ئون بەش ئايدىن كېيىن رودورف ماركىز داۋىل خانىم بىلەن تۇرمۇش قۇرىدۇ. بىر شاھزادە مارىۋانى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە توي قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق مارىۋا ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇيالمايدۇ. ئۆزىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ئوغرى لۈكچەكلەر تەرىپىدىن ھاقارەت قىلىنغانلىقىنى، شاھزادىنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە مۇقەددەس ئېمانگىلىد مۇناستىردا مۇناخ بولىدۇ. يىرىم يىلدىن كېيىن رودورف ئەينى ۋاقىتىدا خەنجىرىنى چىقىرىپ دادىسىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان كۈنىگە ئوخشاش بىر كۈندە مارىۋا مۇناخلار تەرىپىدىن موناستىر باشلىقى قىلىپ سايلىنىدۇ. ئۇ تېنى ناھايىتى زەئىپلىشىپ كەتسىمۇ كېچە ـ كۈندۈز ئىستىقامەت قىلىۋېرىدۇ، ئاخىر يىقىلىپ ئون سەككىز يېشىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ.


    يۈسۈپ ھۈسىيىن تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.