ئاندروماك ژان راسىن (فرانسىيە)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-03 16:34:51

ئاندروماك ژان راسىن (فرانسىيە) ترويا سەركەردىسى ھېكتور ئەبىر پادىشاھى پىلوس تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغاندىن كېيىن، پىلوس ھېكتورنىڭ ئايالى ئاندروماكنى ئەسىر ئالىدۇ. پلوس ئاندروماكنى خوتۇنلۇققا ئ...

    ئاندروماك
      ژان راسىن (فرانسىيە)

      ترويا سەركەردىسى ھېكتور ئەبىر پادىشاھى پىلوس تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغاندىن كېيىن، پىلوس ھېكتورنىڭ ئايالى ئاندروماكنى ئەسىر ئالىدۇ. پلوس ئاندروماكنى خوتۇنلۇققا ئېلىش ئۈچۈن، ئاندروماكنىڭ ئوغلىنى كۈڭۈل قويۇپ ئاسرايدۇ. ئۆزىنىڭ بولغۇسى ئايالى ئەمۇنا بىلەن كارى بولمايدۇ. يۇناندىكى باشقا شەھەر ۋە قوشنا دۆلەتلەر پىلوسنىڭ ھېكتورنىڭ پۇستىنى ساقلاپ قالغانلىقىدىن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشىدۇ ـ دە، ئولېستنى پەۋقۇلئاددە ئەلچى قىلىپ، ئەبىرگە ئەۋەتىپ پىلوستىن ھېكتورنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
       ئولېست ئەبىرگە يېتىپ كېلدىۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئوڭغا تارتىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئەزەلدىنلا ئەمۇناغا كۆڭلى بولۇپ، پىلوس ئاندروماكنى خوتۇنلۇققا ئالسا، ئاندىن ئۇ ئەمۇنانى قولغا چۈشۈرەلەيتتى. بىراق ئاندروماك پىلوسقا قاتتىق ئۆچ بولۇپ، ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشقا ئۇنىمايدۇ. پىلوس ئاندروماكنى ئوغلىڭنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن دەپ قىستايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاندروماك قاتتىق ئازاپلىنىدۇ، ئۇ ھەم ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ساقلىماقچى، ھەم ئوغلىنى قوغداپ قالماقچى بولىدۇ. بىراق يار ـ يۆلەكسىز قالغاچقا، نېمە قىلارىنى بىلمەيدۇ. پىلوس ئولېست بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇلارنىڭ ھېكتورنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش تەلىپىنى رەت قىلىۋېتىدۇ. سەۋەپ پىلوس كۆڭلىدە باشقىچە چوت سوقۇپ، بۇ خەۋەرنى ئاندروماكقا ئېيتىپ، ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ، ئارقىدىنلا ئەگەر سەن ماڭا تەگسەڭ مەن ئوغلۇڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، ترويانى مەغلۇپ قىلغان دۈشمەنلەردىن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىمەن، ئوغلۇڭنى تەختكە چىقىرىمەن، دەيدۇ.
       ئەمۇنا پىلوسنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن قاتتىق ئازاپ چېكىدۇ. بىراق مۇشۇنداقلا ئايرىلىشقا كۆڭلى ئۇنىمايدۇ. پىلوس ئۆز مەيلىچە ئاندروماكنى قولغا كەلتۈرۈۋالسا بولمايدۇ. دەپ قارايدۇ. گرېكلارنىڭ غەزەپ ـ نەپرىتى ئاندروماك ئۈچۈن قوزغالغان بولغاچقا، ئەمۇنا گرېكلارنى پىلوستىن ئاندروماكنى سوراپ ئېلىۋېلىشقا كۈشكۈرتۈپ: « بۇ ئايال بىزگە كۆرمىگەن كۈننى كۆرسەتكەن، ئەمدى بۇ كۈننى ئۇنىڭغا كۆرسىتەيلى. بۇ خوتۇنمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ باقسۇن ياكى ئۇ بۇ ئايالنى ئۆلتۈرۈۋەتسۇن» دەيدۇ. ئولېست ئەمۇناغا مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىدۇ. ئەمۇنا يالغاندىن ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى، مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى پىلوس قېشىغا بېرىپ، پىلوسقا ئېيتىڭ، ئۇ ئاندروماك بىلەن مەن ئىككىمىزدىن بىرىمىزنى تاللىسۇن ياكى ھېكتورنىڭ ئوغلىنى گرېكلارغا تاپشۇرۇپ بەرسۇن، ياكى ئاندروماكنى كەتكۈزۋەتسۇن، دەيدۇ. ئولېست ئەمۇنانى ئېلىپ كېتىش ئۈمىدى بىلەن پىلوسنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن پىلوس ئەمۇنا بىلەن توي قىلىمەن، دەپ جار سالىدۇ. پىلوس ئاندروماكنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن كاللىسىدا قاتتىق كۈرەش بولىدۇ، يەنى بىردەم ئاندروماكنىڭ ئوغلىنى گرېكلارغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولىدۇ، بىردەم ئاندروماك بىلەن كۆرۈشۈپ، يەنە يالۋۇرماقچى بولىدۇ.
       ئولېست ئەمۇنانى ئېلىپ قاچماقچى بولىدۇ. بىراق ئەمۇنا ئۆزى پىلوس بىلەن توي قىلسا، ئولېستقا زەربە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاندروماك پىلوسنىڭ قارارىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال ئەمۇناننىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئوغلىنى ئادەمسىز بىر ئارالغا يوشۇرۇپ قويۇشقا رۇخسەت قىلىشنى سورايدۇ. ئەمۇنا ئۈستۈمدە مەجبۇرىيىتىمق بار، دەپ ئۇنىمايدۇ. پىلوس ئاندروماك بىلەن يەنە كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا بېشىڭغا تاج كىيەمسەن ياكى كۆزۈڭچە ئوغلۇڭنىڭ ئۆلۈمىنى كۆرەمسەن، ئوبدان ئويلاپ باققىن، دەيدۇ. ئاندروماكنىڭ بىر دوستى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ: «خانىم، يولدىشىڭىزغا مۇشۇنچىلىك سادىق بولغىنىڭىزمۇ يېتىپ ئاشار، ئىپپەت پاكلىقىڭىزنى ئەتىۋارلايمەن دەپ گۇناھكار بولۇپ قالماڭ يەنە» دەيدۇ. ئاندروماك مىللىتى ۋە دۆلىتىنىڭ ئاياغ ـ ئاستى بولۇۋاتقانلىقىنى، يولدىشىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئۇنتالمايدۇ. بىراق ئۇ ئوبدانراق ئويلىنىپ باقماقچى بولىدۇ.
       ئاندروماك بۇ ئىشنى كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ، زىغمۇ كۆيمەيدىغان ھالدا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ناھايىتى تەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئاخىرىدا پىلوس بىلەن توي قىلىشقا ماقۇل بولۇپ، پىلوسنى ئوغلىنىڭ ھىمايىچىسى قىلىپ قويۇپ، توي تۈگىگەندىن كېيىنلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولىدۇ. ئەمۇنا ئىشنىڭ باشقىچە بولىدىغانلىقىنى بىلىپ، دەرھال ئولېستنى چاقىرتىپ، ئۆزى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا گرېك ئەسەكەرلىرىنى باشلاپ كېلىپ پىلوسنى ئۆلتۈرۈشنى تاپشۇرىدۇ. بۇنىڭغا ئولېستنىڭ بېشى قاتىدۇ. بىر ئەلچى كزى ئەلچىلىككە بارغان دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانىنى ئۆلتۈرۈۋەتسە قانداق بولار؟ ئەمۇنا ئۇنىڭغا: «بىر زالىمنى يوقىتىش بەدىلىگە ئەمۇنانى ئالىسەنغۇ ، بۇنىڭغىمۇ ئۇنىمامسەن؟» دەيدۇ ۋە ئۇنىمىسا ئۆزى بېرىپ ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئولېست ئاخىر ماقۇل بولىدۇ. پىلوس ئەمۇنانىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭا ئۆزىنىڭ قارارىنى ئېيتىپ: ئىككىيلەننىڭ نىكاھ توختىمىنى ئىككىمىزنىڭ ئاتىلىرى ترويا جەڭ مەيدانىدا پۈتۈشكەن، بىزنىڭ پىكرىمىزنى ئالمىغان. شۇڭا «ئىككىمىز مۇشۇنداق مۇھەببەتسىز نىكاھ بىلەن باغلىنىپ قالغان» دەيدۇ. ئەمۇنا توي كۈنىنى بىر كۈن كەينىگە سۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. پىلوس ئۇنىمايدۇ. ئەمۇنانىڭ قەلبىدە ئىنتىقام ئوتى لاۋۇلدايدۇ. بىراق ئۇ پىلوسنىڭ ئۆلىدىغانىنى ئويلىنىدا، يۈرىكى سېلىپ ئۆزىنى باسالماي قالىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئولېست گرېك ئەسكەرلىرىنى باشلاپ بېرىپ پىلوسنى نەزىر سۇپىسى ئالدىدا ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ ۋە شۇ چاغدا پىلوس ئاندروماكقا تاج كىيگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئوغلىنى ترويالىقلارنىڭ پادىشاھى دەپ جاكارلاۋاتقانىكەن، دەيدۇ. ئەمۇنا پلوسنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا ئولېستنى قاتتىق ئەيىبلەپ «كىم سېنى پىلوسنى ئۆلتۈر دېدى، سەن نېمانداق ھەددىڭدىن ئېشىپ كەتتىڭ، شۇنچە ئېسىل بىر جانغا زامىن بوپسەن!» دەيدۇ ۋە كۆزۈمدىن يوقال، دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ. ئولېست ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئۆز ئىگىسىنى ئۆلتۈرۈپ، تەڭرىنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولغانلىقىنى سېزىدۇ. دوستى ئۇنىڭغا ئوبر پۇقرالىرىنىڭ قولىغا قورال ئېلىپ، ئۇلارنى قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ يەنە ئەمۇنانىڭ ئىبادەتخانىغا بېرىپ، خەنجەر بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈپ، پىلوسنىڭ جەسىتى ئۈستىگە يىقىلغانلىقىنى ئاڭلايدۇ. ئۇ كەينى ـ كەينىدىن كەلگەن زەربىدىن ئېلىشىپ قېلىپ ئايلىنىپ كېتىپ ئۆلىدۇ.
     
        ھەسەن مامۇت تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.