بوۋاي(مۇپاسسان)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-21 23:51:00

بوۋاي مۇپاسسان( فىرانسىيە) ئۆزبېكچىدىن ئامىنە ئىسمائىل ئۆزلەشتۈرگەن كۈز قۇياشىنىڭ ئىللىق نۇرى قاتار تىكىلگەن دەرەخلەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ فېرمىنىڭ ھويلىسىغا چۈشمەكتە. كالىلار دەسسەپ ـ چەيلەپ كەت...

    بوۋاي
    مۇپاسسان( فىرانسىيە)
    ئۆزبېكچىدىن ئامىنە ئىسمائىل ئۆزلەشتۈرگەن

        كۈز قۇياشىنىڭ ئىللىق نۇرى قاتار تىكىلگەن دەرەخلەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ فېرمىنىڭ ھويلىسىغا چۈشمەكتە. كالىلار دەسسەپ ـ چەيلەپ كەتكەن ئوت ـ چۆپلەر يېڭى ياققان يامغۇردا پارقىراپ تۇراتتى، يەر بەكمۇ يۇمشاق بولغانلىقتىن تېيىلغاق ئىدى. ئالما شاخلىرى ئۆزىنى كۆتىرەلمەي قالغان ئىدى. پىشىپ كەتكەن ئالمىلار كۆپ ـ كۆك چىمەنلىكتە تۆكۈلۈپ ياتاتتى.
       قاتار قىلىپ بىر بىرىگە باغلاپ قويۇلغان تۆت موزاي ئوتلاقتا ئوتلاپ يۈرەتتى، ئۇلار تۇرۇپ ـ تۇرۇپ ئۆي تەرەپكە قاراپ مۆرىشىپ قوياتتى. رەڭگا ـ رەڭ توخۇلار قوتانىنىڭ ئالدىدىكى قىغ ئۈستىگە توپلىشىپ ھەدەپ قىزنى تاتلىشاتتى، ئىككى خوراز تىنماستىن مېكىيانلىرىغا قۇرۇت - قۇڭغۇزلار ئىزلەيتتى ھەم كوكوكلاپ مىكىيانلىرىنى يېنىغا چاقىراتتى.
       ھويلا رىشاتكىسىنىڭ ئىشىگى ئېچىلىپ، قىرىق ياشلار چامىسىدا بولسىمۇ، لېكىن ئاتمىش ياشلىق بوۋايلاردەك مۈكچەيگەن، يۈزىنى قۇرۇق باسقان بىر دوك دىخان كىرىپ كەلدى. ئۇ ئېغىر، يوغان كەشىنى سۆرەپ، قەدىمىنى يوغان ـ يوغان ئېلىپ ئالدىرماي ماڭاتتى، گەۋدىسىگە ماس كەلمەيدىغان ئۇزۇن قوللىرى قامچىدەك ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئۇ ئۆيگە يېقىنلاشقاندا، نەشپۈت دەرىخىگە باغلاقلىق تۇرغان سېرىق ئىت خوشاللىغىنى ئىپادىلىگەندەك قۇيرۇغىنى پۇلاڭلىتىپ قاۋاپ كەتتى. «فىنو، جىم تۇر!» دەپ ۋاقىرىدى دىخان. ئىت جىم بولدى. ئۆيدىن بىر دېھقان ئايال چىقتى، ئۇنىڭ يۇڭ كوپتىسى ئۇستىخانلىرى تومپىيىپ تۇرغان گەۋدىسى ۋە كۆكرىگىگە چاپلاپ قويغاندەك يېپىشىپ تۇراتتى.
        تىزىدىن بىر ئىلىكلا ئاشقان قىسقا كۈلرەڭ يوپكىسىنىڭ تېگىدىن كۆك پايپىغى ۋە پاخال سېلىنغان ياغاچ كەش كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شالاڭ ھەم يالاپ قويغاندەك سىلىق چېچىغا كۆپ يۇيۇپ ئۈڭۈپ كەتكەن قالپاق كىيۋالغان ئىدى. چىشلىرى تامامەن يوق ئىدى، ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتكەن ئورۇق چىرايىدىن سەھرالىقلارغا خاس بىر خىل غەمكىنلىك چىقىپ تۇراتتى.
        ـ ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ ـ دەپ سورىدى ئەر ئۇنىڭدىن.
       ـ پوپنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەمدى بولالماپتۇ، ئەتىگە قالمايدىكەن، دەپ جاۋاپ بەردى ئايال. ئىككىلىسى بىرگە ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئۇلار ئاشخانىدىن ئۆتۈپ، دەرىزىدىن ئارانلا يورۇق چۈشۈپ تۇرغان پاكار، قاراڭغۇ ئۆيگە كىرىشتى. بۇس، ئىستىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قارىداپ كەتكەن تورۇستىكى لىم خۇددى كانارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
       ئۆينىڭ بۇرجىگىدە تۇرغان كارۋات داغدەك ئاقىرىپ كۆرۈنەتتى. ئەنە شۇ قاراڭغۇلۇقتىكى كارۋاتتا بۇزۇلغان سۇ ناسوسىنى ئەسلىتىدىغان بىر خىل غا ـ غۇر ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۇ، ھىلىقى ئايالنىڭ سەكراتتا ياتقان دادىسىنىڭ نەپەس ئېلىشى ئىدى. ئەر ئايال ئىككىسى جان ئۈزۋاتقان كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ، باشقا كەلگەننى كۆردىغان قىياپەتتە ئۇنىڭغا جىمجىتقىنا تىكىلىپ تۇرۇشتى.
        ـ ھە، يېقىنلىشىپ قاپتۇ، ئەتىگە قالمىغۇدەك، ـ دىدى ئېرى.
        ـ چۈشتىن بىرى مۇشۇنداق خىرىلداۋاتىدۇ، ـ دىدى ئايال. ئىككىلىسىمۇ جىم بۇلۇشتى. دادىسىنىڭ كۆزلىرى يۇمۇق، قۇرۇپ قالغان سېرىق يۈزى ياغاچتىن ئۇيۇپ ياسالغاندەك كۈرۈنەتتى، نەپىسى يېرىم ئۇچۇق ئاغزىدىن ئارانلا چىقاتتى. ھەر قېتىم نەپەس ئالغاندا ئۈستىگە يېپىلغان لاتا بىر كۆتىرىلىپ، بىر چۈشۈپ تۇراتتى.
       خېلى ۋاقىتقىچە جىم تۇرۇشقاندىم كىيىن ئېرى:
        ـ ئەمدى ئۇنى ئۆلگۈچە ساقلاپ تۇرىمىزدە، ئىلاج يوق. مايسا كۆچۈرىشنى قانداق قىلساق بولدىكىن؟! ھازىر ھاۋا ناھايىتى ياخشى، ئەمدى كېچىكىدىغان بولدۇق تە، ـ دىدى. بۇ گەپ ئايالنى تەشۋىشكە سېلىپ قويدى، ئۇ سەل ئويلىنىۋېلىپ:
    ـ ئەگەر بۈگۈن ئۆلسە شەمبە كۈنگىچە كۆمگىلى بولمايدۇ. ئەتە سەن مايسىنى كۆچۈرۈۋەرگىن، ـ دىدى.
    دىخان ئويلاپ تۇرۇپ:
        ـ شۇنداقتىمۇ ئەتە دەپنە مۇراسىمىغا ئادەم قىچقىرىشىم كېرەكتە.   تۇرۇۋىلدىن تاكى مانتيەغىچە ھەر بىر ئائىلىگە خەۋەر قىلغۇچە ئاز دىگەندىمۇ بەش ـ ئالتە سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، ـ دىدى.
        ـ بۈگۈنلا خەۋەر قىلۋەتمەمسەن، تۇرۇۋىلى تەرەپتىن خەۋەر قىلغىن، ھازىر سائەت ئىككىدىن ئاشتى. قاراڭغۇ چۈشكىچە خەۋەر قىلىپ بولىسەن، ئۆلدى دەۋەرگىن. بەرىبىر بۈگۈن كېچىدىن قالمايدۇ، ـ دىدى ئايالى.
        ئېرى خېلىغىچە ئويلاپ تۇردى ـ دە، ئاخىرى:
        ـ شۇنداق قىلمىساق بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ، ـ دىدى. ئۇ مېڭىپ بۇلۇپ يەنە كېلىپ:
        ـ باشقا ئىش يوق، دەپنە مۇراسىمىغا كەلگەنلەرگە ئالما سېلىپ بولكا پۇشۇرۇپ قويغىن، كەلگەنلەر قۇرۇق كىتىشمىسۇن ـ دە، ئوتۇنغا لاپاسنىڭ تېگىدىن چۆپ توغراتدىغان جادۇنىڭ يېنىدا قۇرۇق شاخ بار، شۇنى ئىشلەتكىن، ـ دىدى. ئۇ ئۆيدىن ئاشخانىغا چىقتى، جاۋەننى ئېچىپ، ئالتە قاداقلىق پۈتۈن بولكىنى ئېلىپ ئېھتىيات بىلەن بىر تەرەپنى كەستى، ئۇۋاقلىرىنى قولىغا يىغىپ ئاغزىغا كاپ ئەتتى. ئاندىن پىچاقنىڭ ئۇچى بىلەن ساپال قاچىدىكى سەل ـ پەل تۇزلانغان مايدىن ئېلىپ بولكىغا سۈركىدى ۋە ئالدىرماستىن چايناشقا باشلىدى. بولكىنى يەپ بولغاندىن كېيىن فېرما يىنىدىن ئۆتىدىغان يولغا چىقتى ـ دە، تۇرۇۋىلى تەرەپكە قاراپ كەتتى. ئايالى ئۆيدە يالغۇز قالغاندىن كېيىن ئىشقا كىرىشتى: خالتىنى ئېچىپ ئۇننى ئالدى ۋە بولكىغا خېمىر تۇتۇپ قويدى. ئۇ خېمىرنى ئۇ قولىدىن بۇ قولىغا ئېلىپ خېلىغىچە چەيلىدى. كېيىن ئالما ئۈزۈپ كىرگىلى ماڭدى. ئالما شېخىنى كالتەك بىلەن زەخمىلەندۇرمەسلىك ئۈچۈن ئالمىغا سوتا قويۇپ چىقتى. ئۇ ئالمىلارنىڭ پىشقان ـ پىشمىغانلىرىنى تاللاپ ئۈزۈپ پەرتۇغىغا سالاتتى. توساتتىن يولدا كېتىۋاتقان بىر كىشى ئۇنى چاقىردى. ـ ھاي شىكو! ئايال قايرىلىپ قارىدى. يېزا ئاقساقالى خوشىنىسى ئەزىم فاۋى تاغا ھارۋىدا دالىغا ئوغۇت ئېلىپ كېتىۋاتاتتى.
        ـ نىمە دەيسىز، ئەزىم تاغا،ـ دىدى ئايال.
        ـ ئوش، بوۋاي قانداقراق، تېخى ئۆلمىدىمۇ؟
    ـ ھە، ئۆلدى دىسىڭىزمۇ بولىدۇ. شەمبە كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتىدە يەرلىگىدە قويىمىز. ھازىر چۆپ چېپىش ئىشى بىلەن بەك ئالدىراش بولۇپ قالدۇق، ـ دىدى ئايال ۋاقىراپ تۇرۇپ.
    ـ شۇنداقمۇ خەيىر ئەمسە، سالامەت بولۇڭ، ـ دىدى بوۋاي كېتىۋىتىپ.
        ـ رەخمەت، ئۆزىڭىز ھەم سالامەت بۇلۇڭ، ـ ئايال مۇلايىم ھالدا جاۋاپ بېرىۋىتىپ ئالمىسىنى ئۈزىۋەردى.
        ئايال ئۆيگە قايتىپ كىرىپلا كۆڭلىدە: «ئەمدىغۇ جان ئۈزگەندۇ» دەپ ئويلىدى ۋە ئالدىراپ دادىسىنىڭ يېنىغا كىردى، بىراق بوۋاي بىر خىلدا خىرىلداپ ياتاتتى. ئايال ۋاقىتنى بىھۇدە زايە قىلماسلىق ئۈچۈن كارۋاتنىڭ يېنىغا كەلمەستىنلا بولكىلارنى پۇشۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ ھەر بىر تال ئامىنى بىر تال خېمىر جىلتىسىگە ئاۋايلاپ يۆگەپ، ئۈستەل قىرىغا قاتار قىلىپ تىزىدى. كېيىن كەچلىك تاماق ۋاقتى بولغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى ـ دە، دەرھال قازاننى ئېسىپ ياڭيۇ سالدى.
       سائەت بەشتە ئېرى قايتىپ كەلدى. ئۇ دەرۋازىدىن كىرە ـ كىرمەيلا:
        ـ ئۆلدىمۇ؟ ـ دەپ سورىدى.
        ـ ياقەي، تېخىچىلا خىرىلداپ ياتىدۇ، ـ دىدى ئايال.
        ئىككىيلەن بوۋاي ياتقان ئۆيگە كىردى. بوۋاي يەنىلا شۇ پېتىچە ياتاتتى. ئۇنىڭ گېلىدىن توختىماي چىقىۋاتقان خىقراق ئاۋاز ئەۋجىگە چىقان ئىدى. ئېرى بوۋايغا بىر پەس قاراپ تۇرغاندىن كېيىن :
       ـ جېنى شۇنداق تېز چىقىپ كېتىدۇكى، بىزمۇ بىلمەي قالىمىز. خۇددى شامغا ئوخشاش لىپلا قىلىپ ئۆچۈپ قالىدۇ، ـ دىدى. ئىككىسى ئاشخانىغا چىقىپ تاماق يىگىلى ئولتۇرۇشتى.
        ئۇلار شورپا ئىچىپ بىر پارچىدىن بولكا يىدى. قاچاـ قۇچىنى يۇيۇپ بولۇپلا بوۋاي ياتقان ئۆيگە كىرىشتى. ئايال پۇرۇقراپ ئىس چىقىپ تۇرغان جىن چىراقنى بوۋاينىڭ يۈزىگە يېقىن تۇتتى. ئۇنىڭ ئارانلا نەپەس ئېلىۋاتقىنى بولمىسا، بوۋاينى ئۆلدى دىيىشكىمۇ بولاتتى. ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەننىڭ كارۋىتى ئۆينىڭ بىر چېتىگە قۇيۇلغان ئىدى. ئۇلارمۇ بىرەر ئېغىز سۆز قىلىشماي ئورۇنلىرىدا ياتتى ـ دە، چىراقنى ئۆچۈرۈپ كۆزلىرىنى يۇمۇشتى. بىر پەستىلا بىر بىرسىگە ئوخشىمايدىغان خورەك ئاۋازى سەكراتتا ياتقان ئادەمدەن توختىماي چىقىۋاتقان خىقراق ئاۋازغا قوشۇلۇپ كەتتى. ئەر تاڭ بىلەن تەڭ ئويغاندى. قېيناتىسى تېخىچىلا ئۆلمىگەن ئىدى. ئۇ، بوۋاينىڭ جان ئۈزمەيۋاتقانلىغىدىن تەشۋىشلىنىپ خوتۇنىنى نوقۇپ ئويغاتتى.
        ـ ماڭا قارىغىنە، فېمى، تېخىچە جان ئۈزمەمتىغۇ، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ ـ دىدى. ئۇ، ئايالى بىلەن بار مەسلىھەت ئىش كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ قالغان ئىدى.
        ـ بەرىبىر ئۆلىدۇ، ناماز شامغا بارمايدۇ، ئەنسىرەپ نىمە قىلاتتۇق. ئاقساقالمۇ ئەتە كۆمۈشكە رۈخسەت قىلار دەيمەن. رىنارى تاغامنىڭ دادىسى يىغىم ۋاقتىدا ئۆلگەندە، رۇخسەت بەرگەن ئىدىغۇ، ـ دىدى ئايالى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەرنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشتى ۋە سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئايال بولكىلارنى پۇشۇرۇپ، ئۆينى يىغىشتۇرۇپمۇ بولدى. بوۋاي چاشكا ۋاقتىدىمۇ تىرىك ئىدى. 
       چۆپ چېپىشقا ياللانغان مەدىكارلار سەكراتتا ياتقان بوۋاينى يوقلاپ كىرىشتى ۋە بىر ئازدىن كېيىن ئېتىزغا مېڭىشتى. سائەت ئالتىدە ھەممەيلەن ئىشتىن چۈشتى. بوۋاي يەنىلا نەپەس ئېلىپ ياتاتتى، ئاقىۋەت، كۈيوغۇلنىڭ كەيپى ئۇچۇپ:
        ـ ئەمدى قانداق قىلىمىز، سەن نىمە دەيسەن، فېمى؟ ـ دىدى.
        ئايالمۇ نىمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالدى. ئۇلار ئاقساقالنىڭ ئالدىغا بېرىپ بوۋاينى يەرلىگىگە قۇيۇشقا رۇخسەت ئېلۋالدى. دوختۇرمۇ شىكو تاغىنىڭ يۈز خاتىرسىنى قىلىپ بوۋاينىڭ ئۆلىدىغان كۈنىنى ئالدىنقى چىسلاغا توغىرلاپ بېرىشكە كۆندى. شۇنداق قىلىپ، ئەر خۇتۇن خاتىرجەم ھالدا ئۆيگە كەلدىدە ، تۇنگىنكىدەك بىخارىمان ئۇيقىغا كەتتى. ئۇلارنىڭ خار ـ خۇر قىلىپ چىقۋاقتقان خورىكى بوۋاينىڭ بارغانسىرى سۇسلىشىۋاتقان نەپىسىگە قۇشۇلدى. ئۇلار ئويغانغاندا بوۋاي يەنىلا تىرىك ئىدى. بۇنىڭدىن ئىككىسىلا گاڭگىراپ قېلىشتى. ئۇلار كارۋات بېشىدا تۇرۇپ بوۋايغا شۇبىھلىك قاراشتى. شۇ تاپتا بوۋاي گويا بۇلارنى رەسۋا قىلماقچى بولغاندەك ، ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىشقا تەيارلىنىۋاتقاندەك كۈرۈنەتتى. ھەممىدىن يامان بولغىنى، بوۋاينى دەپ ئۇلارنىڭ ۋاقتى بىكارغا ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى.
       ـ ئەستاغپۇرۇللا، ئەمدى قانداق قىلىمىز، ـ دەپ سورىدى ئەر تاقەتسىزلىنىپ. ئايال نىمە قىلىشنى بىلمەي قالدى.
       ـ بۇ پالاكەتنى قارىمامدىغان، تۆۋە خۇدايىم. بوۋاينىڭ ئۆلىمىگە ئېيتىلغان كىشلەر شۇ تاپتا يېتىپ كىلىشى مۇمكىن. ئەمدى ئۇلارغا «بوۋاي تېخى جان ئۈزمىدى» دەپ خەۋەر قىلىشنىڭ ئورنى يوق. ئۆلۈمگە كەلگەنلەرنى كۈتمەي ۋە ئەھۋالنى چۈشندۈرمەي بولماييتتى. ئون مىنۇت كەم يەتتىدە دەسلەپكى مېھمانلار كېلىشتى. قارا كىيىم كىيگەن ، چوڭ روماللارنى ئاتىشقان ئاياللار قايغۇلۇق چىرايى بىلەن كىرىپ كېلىشمەكتە ئىدى.
       ئەرلەر بولسا مانا مۇشۇنداق ئۆلۈم بولغان كۈنلىرىلا كىيىدىغان سوكنو كەمزۇللىرىنى كىيۋالغان ئىدى. ئۇلار بۇ كىيىملەردە ئۆزلىرىنى قولايسىز ھىس قىلسىمۇ، لېكىن بىمسالال مېڭىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇلار ئۆز تىرىكچىلىگى خۇسۇسىدا پاراڭلىشىپ كېلەتتى. ئەر بىلەن ئايال ئىككىسى كەلگەنلەرنى گاراڭ ۋە قايغۇغا پاتقان بىر قىياپەتتە قارشى ئېلىشتى. بىرىنچى تۈركۈمدە كەلگەنلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ نىمە بولغانلىغىنى، ئۆزلىرىنىڭ قانداق ئېغىر ئەھۋالدا قالغانلىغىنى ئېيتىشىپ، مېھمانلارغا ئولتۇرۇشقا جاي كۆرسەتتى. مېھمانلارغا تىنماي ئۈزرە قويدى، ھەر بىر مېھماننىڭ ئالدىغا بېرىپ: ـ بىز سوزۇلار دەپ ھىچ ئويلىمىغان ئىدۇق. زادى ئەقىلغاسغمايدۇ! ـ دىيىشتى. مېھمانلارنىڭ ئەمدى مەرىكە بولماسلىغىغا كۆزى يەتتى. ئۇلار كۈتكەن نەرسىنىڭ بولمىغانلىغىغا كۆڭلى غەش ۋە ھەيران بولۇشۇپ، نىمە قىلىشلىرىنى بىلمەي ئۇدۇل كەلگەن يەرلەرگە بېرىپ جاي ئېلىشتى.  ھەتتا، بەزىلىرى قايتىپ كەتمەكچىمۇ بولدى. لېكىن شىكو تاغا ئۇلارغا توختىتۋېلىپ:
    ـ بىر ئاز نەرسە يەۋېلىڭلار، بولكىلارمۇ تەييار، ـ دىدى. بۇ سۆزلەردىن كېيىن مېھمانلارنىڭ چىرايى ئېچىلدى. گۈڭۈر ـ مۈڭۈر گەپ باشلاندى. ھويلا بارا ـ بارا ئادەمگە توشتى، دەسلەپ كەلگەنلەر كېيىن كەلگەنلەرنىڭ قولاقلىرىغا بىر نىمىلەرنى دەپ شىۋىرلاپ قويۇشتى. داستىخان سېلىندىغانلىغىنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن جانلىنىپ كەتتى. ئاياللار سەكراتتا ياتقان بوۋاينى كۆرۈشكە كىرىشتى. كارۋات يېنىغا بېرىپ دۇئا ئوقۇپ قايتىپ چىقشتى. ئەرلەر بۇنداق ئىشقا قىزىقمايدىغان بولغاچقا، ئوچۇق تۇرغان دەرىزىدىن قاراپلا قويۇشتى شىكو ھەدە ئۇلارغا:
       ـ مانا، ئىككى كۈندىن بېرى خۇددى چالا بوغۇزلىغان قويدەك خىقراپ، يا ئۇيان يا بۇيان بولماي ياتىدۇ، ـ دىدى.
        تاماق ۋاقتى بولدى. ھەممەيلەن بىر ئۆيگە سىغمايتتى، شۇڭا ئۈستەلنى ھويلىغا ئېلىپ چىقىپ ئىشىك ئالدىغا قويۇشتى. ئىككى لىگەن قىزىرىپ پىشقان مەزىلىك بولكىلار كەلتۈرۈلگەندە، مېھمانلارنىڭ ئاغزىلىرىغا سېرىق سۇ كېلىپ كالپۇكلىرىنى يالاپ قۇيۇشتى. ئۇلار «بولكا ماڭا يەتمەي قالارمىكىن» دەپ ئەنسىرەپ، داستىخانغا تېزىرەك قپ ئۇزىتىشنىڭ كويىدا ئىدى. ئاخىرى تۆت بولكا ئېشىپ قالدى. شىكو تاغا ئاغزىغا بولكىنى توشقۇزۇپ چايناۋېتىپ: مۇبادا رەمەتلىك ئاتىمىز بىزلەرنى كۆردىغان بولسا، بەكمۇ خاپا بولۇپ كېتەتتى ـ دە. ھەي رەمەتلىك، ھايات ۋاقتىدا بۇنداق بولكىلارنى خويمۇ ياخشى كۆرەتتى، ـ دىدى. چاخچاقچى سېمىز بىر دىخان گەپ ئارىلىدى: ـ ھە، ئەمدى بولكىلار ئۇ كىشىگە مەنسۈپ بولمايدۇ. ھەر كىم ئۆز نۆۋىتى بىلەن ـ دە. بۇ گەپكە مېھمانلار ئانچە خاپا بولۇشمىدى، بەلكى ھەممىسىنىڭ كۈلكىسى قىستىدى، بولكا يىيىش نۆۋىتى ئەمدى بۇلارغا كەلگەن ئىدى.
       ئارتۇقچە چىقىمدىن كەيپى تازا ئۇچقان سىكو ھەدە سىيىرنى ئەپكېلىش بانىسى بىلەن ئېرىق تەرەپكە كەتتى. كەلگەن مېھمانلار خۇددى توي بولغاندىكىدەك كۈلۈشۈپ ئىوشال چاخچاقلىشاتتى. «ئۆلۈم ھامىنى مېنىڭ بېشىمغىمۇ كېلىدۇغۇ» دىگەن ئوي بىلەن ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ باشقان، سەكراتتا ياتقان بوۋاينىڭ يېنىدا قالغان دىخان ئايال دىرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ، ئاۋازىنىڭ بېرىچە، تۇيۇقسىز:
       ـ ئۆلدى! ئۆلدى! ـ دەپ ۋاقىرىدى.
       ھەممەيلەن جىم بۇلۇشتى. ئاياللار دەرھال ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئۆلۈكنى كۆرۈشكە ئالدىراشتى. بوۋاي راستىنلا ئۆلگەن ئىدى. ئەرلەر بىر بىرىگە قارىشىپ ئوڭايسىزلانغىنىچە يەرگە قارىشىۋالدى. ئۇلارنىڭ كۆڭلى داستىخاندىكى بولكىلاردا ئىدى. ئەمدىلەتتىن بولكىلارغا ئېغىز تېگىۋاتقاندا ئۆلگىنىنى قارىمامدىغان... ئەر ـ خوتۇن ئىككىسى ئوشۇق يىغا ـ زارە قىلىشمىدى، ئىچىدە بولسا:«بىز شۇنداق بولۇشىنى، ئۇزاققا بارمايدىغانلىغىنى بىلگەن ئىدۇق. ھىچقانداق ئاۋارىگەرچىلىك تاتمايتتۇق. بولغۇلۇق بولدى، دۇشەنبە كۈنى يەرلىگىدە قويىمىز. ھەي... ماسۇ ئوشۇققىچە زىياننى كۆرمەمدىغان. مېھمانلار يەنە بولكا يىيىشىدىغان بولدى» دىيىشتى. 
        مېھمانلار بوۋاينىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە سۆزلىشىپ، ئازراق بولسىمۇ تاماق يىگەنلىكىلىرىدىن خۇرسەن بولۇشۇپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى. ئەر ـ خوتۇن ئىككىسى يالغۇز قالغاندا ئايال ئاچچىلاپ: ـ يەنە قىرىق سەككىز بولكا پىشۇرۇش كېرەكمۇ، ئۆلۈمتۈك قېرى، بۈگۈن كېچىدە ئۆلگەن بولسىچۇ، ـ دىدى. ئەر بولسا، باشقا كەلگەندە نىمە ئامال ، دىگەندەك قىياپەتتە: ـ ئىوش، نىمە بوپتۇ، خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى شۇنداق بولۇۋاتقىنمى يوققۇ، ئاخىر، ـ دەپ قويدى.

     1985-يىللىق دۇنيا ئەدەبىياتىدىن ئېلىندى (ئۆزبېكچە «مۇپاسسان ھىكايىلىرى» ناملىق كىتاپتىن)

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 0:59:45]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بوۋاي مۇپاسسان