ئۈستەل يەنىلا ئۈستەلدۇر(بوتتىر بىسىلى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-22 08:36:51

ئۈستەل يەنىلا ئۈستەلدۇربوتتىر بىسىلى (فرانسىيە)ھۈسەين تاش تەرجىمىسىمەن سىلەرگە بىر بوۋاي ھەققىدە ھېكايە ئېيتىپ بەرمەكچى. ئۇ باشقىلارغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدىغان، روھى ھالىتى شۇ قەدەر سۇلغۇ...

    ئۈستەل يەنىلا ئۈستەلدۇر

    بوتتىر بىسىلى (فرانسىيە)

    ھۈسەين تاش تەرجىمىسى

     



    مەن سىلەرگە بىر بوۋاي ھەققىدە ھېكايە ئېيتىپ بەرمەكچى. ئۇ باشقىلارغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدىغان،  روھى ھالىتى شۇ قەدەر سۇلغۇن،  نە كۈلۈشنى، نە ئاچچىقلىنىشنى بىلمەيدىغاندەك كۆرۈنىدىغان بوۋاي ئىدى.

    ئۇنىڭ ئۆيى بىر كىچىك بازارنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدىكى دوقمۇش بويىغا جايلاشقان بولوپ،  ئۇنىڭ شىلەپىسى، ئىشتان -چاپىنى، ھەتتا قىش كۈنلىرى كىيىدىغان پاختىلىق چاپىنىمۇ كۈلرەڭ ئىدى. يول يۈرگەندە ئاق كۆڭلەكتىن چىقىپ تۇرغان ئوروق پاتىڭىنى گىلدىڭلىتىپ ماڭاتتى.

    ئۇنىڭ ئۆيى بىنانىڭ ئەڭ يۇقىرى قەۋىتىدە ئىدى. بەلكىم  ئۇ بۇرۇن تويمۇ قىلغان، پەرزەنىتلىكمۇ بولغان،  ھەتتا باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپمۇ باققاندۇر. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ باشقىلارغا ئوخشاشلا بالىلىق دەۋرىمۇ بولغان. ئەمما، ئۇ مەزگىلدىكى بالىلار خۇددى چوڭ ئادەملەردەك كىيىنىپ يۈرىشەتتى. بۇنى مومىسىنىڭ ئالبۇمىدىكى ئۇنىڭ بالا ۋاقتىدا چۈشكەن سۈرىتىگە قاراپ بىلىۋالغىلى بولاتتى. ئۆيىدە بار-يوقى ئىككى ئورۇندۇق، بىر ئۈستەل، بىر پارچە گىلەم، بىر كارىۋات، بىر كىيىم ئىشكابى تۇراتتى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر كىچىك ئۈستەلگە قوڭغۇراقلىق سائەت، كونا گېزىت ، ئالبۇم قاتارلىق نەرسىلەرمۇ قويۇلغانىدى. تامغا سىنئەينەكتىن بىرى ۋە بىر پارچە پورتېرىت رەسىم ئېسىقلىق ئىدى.


    بوۋاي چۈشتىن بۇرۇنقى ۋە چۈشتىن كېيىنكى ۋاقتىنى كوچا ئايلىنىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. بەزىدە  قوشنىلىرى بىلەن ئاندا-ساندا پاراڭلىشىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولاتتى. كەچقۇرۇنلىرى بولسا ئۈستەل ئالدىدا باش-ئاخىرى يوق خىياللارنى سۈرۈپ ئولتۇرۇش بىلەن ئۆتەتتى.


    كۈنلەر بىر خىل تەرزدە، ھەتتا يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ شۇنداق پەرقسىزئۆتەتتى. ئۇ ھەر قېتىم ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرغاندا قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ چىك-چاك، چىك-چاك قىلىپ ماڭغان ئاۋازىنى ئاڭلايتى. سائەتنىڭ توختاۋسىز چىكىلدىغان ئاۋازى، مەڭگۈلۈك ئاۋازى...

    بىراق، مەلۇم بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان، باشقىچە بىر كۈن بولدى. ئاسماندا قۇياش بۆلەكچىلا پارلاپ تۇراتتى، ھاۋا تولىمۇ ئىللىق ئىدى. قۇشلار بەس-بەستە سايراپ نەغمە –ناۋا قىلىشاتتى. ئادەملەرمۇ ئۇنىڭغا شۇ قەدەر يېقىملىق ھەم مېھرىبان كۆرىنەتتى. بالىلار شوخلۇقتىن بىر- بىرىنى قوغلىشىپ ئوينايتى. بۈگۈن راستىنلا ئالاھىدە بىر كۈن بولدى. بوۋاينى ھەممە نەرسە خۇشال قىلىۋەتكەنىدى. ئۇ ھوزۇرلىنىپ كۈلدى.

    «ھازىردىن باشلاپ ھەممە نەرسىسى ئۆزگىرىدىغان بولدى»، ئۇ شۇنداق ئويلايتى. ئۇ شادلىقتىن چاپىنىنىڭ تۈگمىلىرىنى ئېچىۋىتىپ، شىلەپىسىنى قولغا ئېلىۋالدى. قەدەملىرىنى تېزلىتىپ سەكرەپ-ئويناقلاپ دىگۈدەك ماڭدى. شۇ مىنۇتلاردا ئۇ ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك قىلاتتى. ئۇ كوچىنىڭ ئېغىزىغا كەلگەندە، باشقىلارغا يېقىنچىلىق قىلىپ بېشىنى لىڭىشىتىپمۇ قويدى. ئاندىن ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ يانچۇقىدىن ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكنى ئاچتى.

    ھالبۇكى، ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى قىلچە ئۆزگەرمەستىن بۇرۇنقى پېتىچە تۇراتتى. بىر ئۈستەل،  ئىككى ئورۇندۇق، بىر كارىۋات...

    ئۇ ئولتۇردى. يەنىلا سائەتنىڭ چىكىلدىغان ئاۋازى... ئۆيدىكى ھېچقانداق نەرسىنىڭ ئۆزگەرمىگىنىنى كۆرۈپ چىرايىدىكى خۇشاللىق ئورنىغا غەزەپ ئالماشتى.

    ئۇ ئەينەكتىن قاپاقلىرىنىڭ چۈشۈپ، چىرايىنىڭ ئۆپكىدەك ئېسىلىپ–قىزىرىپ كەتكىنىنى كۆردى. ئۇ بىردىن مۇشتۇملىرىنى چىڭ تۈگدى-دە، گۈممىدە ئۇردى، ئاندىن ئارقا ئارقىدىن ئۇلاپ بىر نەچچىنى گۈمبۇرلىتىپ مۇشىتلىغان ھالدا :«بۇلار ئۆزگىرىشى كېرەك، چوقۇم ئۆزگىرىشى كېرەك!» دەپ ۋارقىراپ كەتتى. ئۇنىڭ ۋارقىراپ-جارقىراشلىرى، تاراق-تۇرۇقلىرى دەسلەپتە سائەتنىڭ چىكىلدىغان ئاۋازىنى بېسىپ كەتتى،قولى ئاغرىپ بولالمىغاندىلا مۇشىتلاشتىن توختىغانىدى، يەنە سائەتنىڭ چىكىلداشلىرى ئاڭلاندى ئۆيدىكى ھېچقانداق نەرسە ئۆزگەرمەي شۇ پېتى تۇراتتى.

    - يەنە شۇ ئۈستەل، يەنە شۇ ئورۇندۇق، - دېدى بوۋاي، - يەنە شۇ كارىۋات. شۇنداق تۇرۇقلۇق زادى نېمىشقا ئۈستەلنى ئۈستەل، رەسىمنى رەسىم، كارىۋاتنى كارىۋات دەپ ئاتاۋېرىمەن؟ ئىنگلىز تىلىدا كارىۋات «  »،  ئۈستەل  «    »،  رەسىم  «    »،  ئورۇندۇق«   » دېيىلىدۇ. كىشىلەر، ھەتتا جوڭگولۇقلارمۇ بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەلەيدۇ...

    «كارىۋاتنى نېمىشقا رەسىم دەپ ئاتاشمايدۇ ؟...» دەپ ئويلىدى بوۋاي.

    ئۇ بىردىنلا ئەقىل تاپقاندەك چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى، ئاندىن قاقاھلاپ بولۇشىغا كۈلدى. ئۇ كۈلەتتى،  توختىماي كۈلەتتى. ئاخىر قوشنىسى چىدىماي تامنى ئۇرۇپ ۋارقىراشقا مەجبۇر بولدى:

    - ھوي،  ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالسىزڭىزچۇ!

    - ئەمدى ئۆزگىرىش بولىدىغان بولدى، - ئۇ توختىماي توۋلايتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ كارىۋاتنى «رەسىم» دەپ ئاتىدى. «ھېرىپ ھالىمدىن كەتتىم، ئەمدى رەسىمگە ئۆزۈمنى تاشلاپ ئارام ئالاي» دېدى ئۇ.

    ئەتىسى ئەتىگەندە، ئۇ رەسىم ئۈستىدە يېتىپ، ئورۇندۇقنى نېمە دەپ ئاتاش توغرىسىدا ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن ئاخىر ئۇنى «سائەت» دەپ ئاتىدى.

    كېيىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى كىيىپ رەسىمدىن چۈشتى-دە، سائەتتە ئولتۇرۇپ، ئىككى جەينىگىنى ئۈستەلگە تىرىگىنىچە خىيالغا پاتتى. ئۈستەلنى ئەمدى ئۈستەل دەۋېرىشكە بولمايتى، شۇڭا «گىلەم» دەپ ئاتىدى. شۇنداق قىلىپ بوۋاي سەھەردە رەسىمدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى كىيگەن بولدى. سائەتتە ئولتۇرۇپ گىلەم ئالدىدا خىيال سۈرۈپ ئۆيدىكى ھەممە نەرسىگە ئىسىم قويۇپ چىقتى:

    كارىۋاتنى «رەسىم» دەپ ئاتىدى.

    ئۈستەلنى «گىلەم» دەپ ئاتىدى.

    ئورۇندۇقنى «سائەت» دەپ ئاتىدى.

    گېزىتنى «كارىۋات» دەپ ئاتىدى.

    ئەينەكنى « ئورۇندۇق» دەپ ئاتىدى.

    كىيىم ئىشكابىنى «گېزىت» دەپ ئاتىدى.

    رەسىمنى «ئۈستەل» دەپ ئاتىدى.

    ئالبۇمنى «ئەينەك» دەپ ئاتىدى.


    شۇنداق بولغاندا،  بوۋاي بىر كۈنى ئەتىگەندە يەنىلا رەسىم ئۈستىدە ياتقان بولاتتى. سائەت توققۇزدا ئالبۇم جىرىڭلىدى. بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇپ، پۇتىنىڭ توڭلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كىيىم ئىشكابىنىڭ ئۈستىگە قويىۋالدى، ئارقىدىن گېزىتتىن كىيىملىرىنى ئېلىپ كىيدى-دە، تامغا ئېسىقلىق ئورۇندۇققا قاراپ قويغاندىن كېيىن، گىلەم ئالدىدىكى سائەتتە ئولتۇرۇپ ئەينەكنى بىر باشتىن ئۆرۈپ-چۆرۈپ كۆرۈشكە باشلىدى، كۆرۈپ ئانىسىنىڭ ئۈستىلىگە كەلگەندە ئاندىن توختىدى.


    بۇ ئىش بوۋايغا تولىمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلدى. ئۇ كۈن بويى يېڭى- يېڭى ئىسىملارنى تېپىپ چىقتى. ئەمدى ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ بولدى. ئادەمنى «پۇت»، پۇتنى «ئەتىگەن»، ئەتىگەننى «ئادەم» دەپ ئاتىدى.


    ناۋادا بۇ ھېكايىنى سىلەرمۇ داۋاملاشتۇرۇپ باقساڭلار، بوۋايغا ئوخشاشلا نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىلەر. ھەتتا باشقا سۆزلەرنىڭ مەنىسىنىمۇ شۇ يوسۇندا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ:

    سايراشنى قويۇش

    شامالداپ قېلىشنى تىكىلىپ قاراش

    يېتىشنى سايراش

    ئورنىدىن تۇرۇشنى شامالداپ قېلىش

    قويۇشنى ئوقۇپ چىقىش

    ...

     

    شۇنداق ئۆزگەرتكەندە، مەلۇم بىر ئادەم، پۇت ئۆز رەسىمىنىڭ ئۈستىدە ياتاتتى، سائەت توققۇزدا ئالبۇم قويۇشقا باشلىغاندا پۇت ئۆزىنى مۇزلىغاندەك ھېس قىلدى. شۇڭا ئۇ تىكىلىپ قاراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشكابنى ئوقۇپ چىقتى.

    بوۋاي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ئىشلىتىدىغان كۆك تاشلىق مەشىق دەپتىرىدىن بىرنى سېتىۋىلىپ،  ئۇنى يېڭىدىن–يېڭى سۆزلەر بىلەن تولدۇرىۋەتتى. كوچىدا كىشىلەر ئۇچراپ قالسا، ئۆگىنىۋالغان بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ ئىشلىتىشىگە يېتەرلىك ئىدى.


    بارا-بارا ئۇ بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىسمىنى يادقا ئېلىۋالدى، شۇنداقلا ئۇ شەيئىلەرنىڭ ئەسلىدىكى ئىسمىنى ئۇنتۇشقا باشلىدى. ئۇ ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ يېڭى تىل موھىتىدىلا ياشايتى، ئۆز تىلىنىڭ خىيالى دۇنياسىدا ئۈزۈپ يۈرەتتى. كېيىنچە ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئۆگىنىۋالغان ناخشىسىنىمۇ ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ پەس ئاۋازدا ئوقۇيدىغان بولىۋالدى. شۇغىنىسى ئۇ ئۇزاق ئۆتمەيلا سۆزلەرنى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىشتە قىينىلىپ قالدى. ئۇ بۇرۇنقى سۆزلەرنى تامامەن ئۇنتۇپ قالغاندەكلا ئىدى. ئۇ كۆك تاشلىق مەشىق دەپتىرىدىكى سۆزلەرنىڭ ئەسلى مەنىسىنى ئىزلىمىسە بولمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئەمدىلىكتە ئۇ باشقىلار بىلەن سۆزلىشىشتىن قورقىدىغان، ھەتتا ئۆزىنى قاچۇرۇپلا يۈرىدىغان بولوپ قالدى. باشقىلارنىڭ بىرنەرسىلەرنى نېمە دەپ ئاتايدىغىنىنى بىلىش ئۈچۈن خېلى ئۇزاق باش قاتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى.


    ئۇ «رەسىم» دېگەننى باشقىلار «كارىۋات» دەپ ئاتايتى. ئۇ «گىلەم» دېگەننى باشقىلار «ئۈستەل» دەپ ئاتايتى. ئۇ«سائەت» دېسە باشقىلار «ئورۇندۇق» دەيتتى. ئۇ «كارىۋات» دېگەننى باشقىلار «گېزىت» دەپ ئاتايتى. ئۇ «ئورۇندۇق» دېسە باشقىلار «ئەينەك» دەيتتى. ئۇ «ئەلبۇم»دېگەننى باشقىلار «سائەت» دەپ ئاتايتى. «گېزىت» دېسە باشقىلار «كىيىم ئىشكابى» دەيتتى. ئۇ «كىيىم ئىشكابى» دېگەننى باشقىلار باشقىلار «رەسىم» دەپ ئاتايتى. ئۇ «ئەينەك» دېگەننى باشقىلار «ئالبۇم» دەپ ئاتايتى. شۇڭلاشقا بۇ بوۋاي باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلايتى. «سىزچۇ، سىز ئەتىمۇ پۇتبول كۆرگىلى بارامسىز ؟»، «يامغۇر توختىمىغىلى ئىككى ئايدىن ئاشتى»، «مېنىڭ ئامرىكىدا بىر تاغام بار» دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىدا، ئۆزىنى تۇتالماي پاراقلاپ كۈلۈپ كېتەتتى. چۈنكى، ئۇ باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقىنىنى زادىلا چۈشەنمەس بولۇپ قالغانىدى.


    شۇنداق، بۇ ئانچە قىزىقارلىق ھېكايىمۇ ئەمەس. چۈنكى بۇنىڭ باشلىنىشىمۇ، ئاخىرلىشىشىمۇ ئوخشاشلا ئېچىنارلىق.


    كۈلرەڭ پەشمەت كىيىۋالغان بوۋاي كىشىلەرنىڭ سۆزىنى چۈشەنمىسىمۇ چاغلىق گەپ، تېخىمۇ چاتاق يېرى  كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى چۈشەنمەيدىغان بولوپ قىلىشتى. ئۇنىڭ باشقىلارغا بىر ئېغىزمۇ  گەپ قىلماي يۈرۈشىنىڭ سەۋەبىمۇ ئەنە شۇ ۋەجىدىن ئىدى. ئۇ پەقەت ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلىشەتتى. باشقىلار بىلەن ئەھۋاللىشىپمۇ قويمايتى.


    خەنزۇچە «چەتئەل پەلسەپىۋى ھېكايىلىرىدىن جەۋھەرلەر» دېگەن كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.