«كەلىلە ۋە دېمىنە» ھەققىدە

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-07 20:43:07

«كەلىلە ۋە دېمىنە» ھەققىدە [ئەدەبىي ئەسەرلەر] «كەلىلە ۋە دېمىنە» ناملىق بۇ كىتاب قەدىمكى ھىندى ئەدەبىي تىلى بولغان سانسكىرىت تىلىدا مىلادىيە 4- ئەسىردە رەسمىي كىتاب بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇ مەزگ...

    «كەلىلە ۋە دېمىنە» ھەققىدە     

       [ئەدەبىي ئەسەرلەر]

     

    «كەلىلە ۋە دېمىنە» ناملىق بۇ كىتاب قەدىمكى ھىندى ئەدەبىي تىلى بولغان سانسكىرىت تىلىدا مىلادىيە 4- ئەسىردە رەسمىي كىتاب بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇ مەزگىللەردە بۇ كىتاب «بەشنامە» دەپ ئاتىلىدىغان مەسەل -چۆچەكلەر توپلىمى ئىدى. رىۋايەتلەردىن قارىغاندا، بۇ كىتابنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى سەۋەپ مۇنداق ئىكەن: 
       ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئىسىملىك ماكىدونىيلىك كاتتا بىر پادىشاھ بولۇپ ئۇ شۇنچە يىراق يەرلەردىن كېلىپ، ھىندىستاننى بويسۇندۇرغان ئىكەن. ئۇ ھىندىستانغا ھىندىلاردىن بولمىغان بىر كىشىنى ھۆكۈمدار قىلىپ قايتىپ كېتىپتۇ. ھىندى خەلقى ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، ئاغدۇرۇپ تاشلاپتۇ ۋە بۇرۇنقى پادىشاھ جەمەتىدىن بولغان دابىشلىم دېگەن كىشىنى پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەپتۇ. لىكىن پادىشاھ قوشنا ئەللەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، مۈلكى زىيادە بولغانسېرى ھەددىدىن ئېشىپ، خەلققە زۇلۇم سالىدىغان بوپتۇ. ئۆزى بولسا كەيىپ - ساپا بىلەن بۇزۇپ چىچىپ ياشايدىكەن. 
       ئەنە شۇ زامانلاردا بىدپاي ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەن بولۇپ، پادىشاھنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىگە ئىنتايىن ئىچى پۇشۇپتۇ. ئۇنىڭ دائىم سۈكۈت قىلىۋېرىشكە ۋىجدانى چىدىماي، پادىشاھ ئوردىسىغا بىرىپ، تەسىرلىك بايانلار ۋە ھىكمەتلىك ئىبارىلەر بىلەن نەسىھەت قىپتۇ. پادىشاھ بىدپاي ھەكىمنى زىندانغا تاشلاپتۇ. كېيىن پادىشاھنىڭ سەلتەنىتى كۈندىن-كۈنگە خاراپلىشىپتۇ -دە پادىشاھنىڭ ئېسىگە بىدپاي ھەكىم كېلىپ، ئۇنى زىنداندىن چىقىرىپتۇ، ھەم ئۇنى نۇرغۇن ئۆزرە ۋە ئىنئاملار بىلەن ۋەزىرلىككە تەيىنلەپتۇ. بىدپاي ھەكىم خەلق ئىچىدىكى ئەقىل -پاراسەتلەرنى ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلار ۋە سۆھبەت تەرىقىسىدە بايان قىلىپ، پۇختا، ئادىل سىياسەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بوپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىدىن «كەلىلە ۋە دېمىنە» نىڭ ئانا نۇسخىسى پەيدا بوپتۇ. ئېيتىلىشىچە «ئىزوپ مەسەللىرى» دىكى نۇرغۇن ھېكايەتلەر «كەلىلە ۋە دېمىنە» دىكىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن. بۇ كىتاب ئەرەبلەرگە تارقالغاندىن كىيىن، «مىڭ بىر كېچە» نىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەپچى بولغان دېگەن گەپمۇ بار. بۇ كىتاب ئىران پادىشاھى نۇشرىۋاننىڭ بۇيرۇقى بويىچە پەھلىۋى تىلى ( قەدىمكى پارىس تىلى ) غا تەرجىمە قىلىنغان. مىلادىيە 8-ئەسىرگە كەلگەندە ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. 1717-يىلىغا كەلگەندە قەشقەر خانى ئىمام مۇھەممەدنىڭ تەۋسىيسى بويىچە، موللا مۇھەممەد تۆمۈر دېگەن ئالىم بۇكىتابنى پارس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. بۇ كىتابنىڭ بۈگۈنكى تىل - يېزىقىمىزدىكى تولۇق نۇسخىسى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نىمەتۇللا ئەبەيدۇللانىڭ تەييارلىشىدا 1985- يىل 1 - ئايدا نەشىر قىلىنغان. كىتابتا ھەرخىل ئۇچار قاناتلار ۋە ھايۋانلار پېرسۇناژ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بولغان ئىشلار ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار جەمئىيتىدىكى ئىشلاردۇر. كىتابتا سەمىيمىلىك، دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، نادانلىق، تەدبىر، مۇكاپات ۋە جازا ... دېگەندەك تېمىلار بويىچە ئاجايىپ ھېكايىلەر بىر- بىرىگە ئۇستىلىق بىلەن گىرەلەشتۈرىلگەن. كىتاب بۈگۈنگە قەدەر دۇنيادىكى 40 تىن ئارتۇق مىللەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.

    ( مەزكۇر كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدىن ئېلىندى)

       


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.