سىز پاقىراپ تۇردىغان ئالتۇن بولۇشنى خالا

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-04 12:53:00

ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلايدىغان، بىر بالا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئۆزىگە مۇۋاپىق خىزمەتنى پەقەتلا تاپالماپتۇ. ئۇ دائىم ئۆزنىڭ تالانتىنى بىكارغا كېتىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ. جەميەتتىن ئاغرىنىپ، ئۈ...

    ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلايدىغان، بىر بالا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئۆزىگە مۇۋاپىق خىزمەتنى پەقەتلا  تاپالماپتۇ. ئۇ دائىم ئۆزنىڭ تالانتىنى بىكارغا كېتىۋاتىدۇ، دەپ  ئويلاپ. جەميەتتىن  ئاغرىنىپ، ئۈمۈدسىزلىنىشكە باشلاپتۇ. ئاخىرى ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە، ھاياتتىن بىزار بۇلۇپ، ئۈلىۋېلىش نىيىتىگە كەپتۇ-دە، دېڭىز بويىدا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بۇلۇپ تۇرغاندا، بىر مويسىپىت ئادەم ئۇنىڭدىن ئۈلىۋېلىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغانكەن،ئۆزىنىڭ جەميەت ۋە باشقىلارنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئېيتىىپتۇ.

     بوۋاي پۇتىنىڭ ئاستىدىكى قۇمدىن بىر سىقىم ئېلىپ، بالىغا كۆرسەتكەندىن كىيىن ،ئۇنى يەرگە چېچىۋېتىپ، ئۇنى يەردىن تېرىۋالالامسىز ؟دەپ بالىدىن سوراپتۇ. بۇ مۇمكىنمۇ؟دەپتۇ بالا. بوۋاي گەپ قىلماستىن يانچۇقىدىن بىر تال  ئالتۇن ئۈزۈكنى چىقىرىپ، يەرگە تاشلاپتۇ. بۇنى تېرىۋالالامسىز ؟دەپ سوراپتۇ . بالا دەرھال ئەلبەتتە، تېرىۋالالايمەن دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

      قىسقىسى، سىز ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا ئالتۇن قىلىپ كۆرسىتەلىسىڭىز ،باشقىلار سىزنى ئاسانلا بايقىيالايدۇ.گەپ سىزنىڭ قوم دانچىسى ياكى ئالتۇن بۇلۇشنى  تاللىشىڭىزدا .يەنى سىز  ئۆزىڭىزنى يا ئالتۇن ياكى باشقىلارنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان قۇم دانچىسى قىلىپ قويىشىڭىزغا باغلىق .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق