ناپالىيوننىڭ جوسېفىنغا يازغان خېتى

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-15 12:53:00

بىر مەھەل ئالەمنى چۆچۈتۈپ، پۈتكۈل ياۋروپانى دىگۈدەك ئالقىنىغا ئالغان ناپالىيون گەرچە قاتتىق قول شەخس بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىدىن بىر نەچچە ياش چوڭ ۋە ئىلگىرى نەچچە نىكاھلىق بولغان جوسفېنغ...

       بىر مەھەل ئالەمنى چۆچۈتۈپ، پۈتكۈل ياۋروپانى دىگۈدەك ئالقىنىغا ئالغان ناپالىيون گەرچە قاتتىق قول شەخس بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىدىن بىر نەچچە ياش چوڭ ۋە ئىلگىرى نەچچە نىكاھلىق بولغان جوسفېنغا بولغان مۇھەببىىتى تىللاردا داستان ئىدى.
        ناپالېئوننىڭ جوسېفىنغا يازغان بۇ بىر پارچە خېتىدىن ناپالىيوننىڭ ئوتتەك ھىسىياتى ۋە قاتتىق قول گېنېراللارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان مۇھەببەت ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى كۆرۈۋالالايمىز...

     «دىلرەبا دوستۇم، خېتىڭىزنى بايىلا تاپشۇرىۋالدىم، بۇنىڭدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم، خېتىڭىزدە ئەھۋالىڭىزنى تەپسلىي يېزىپسىز، شۇنچىۋالا كۆڭۈل ئىزدىگىنىڭىزگە رەخمەت. مېنىڭچە سىز تۈزلەڭ يەلەردە ئات چاپتۇرۇپ بېرىڭ، بۇنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە پايدىىسى بار. سىز بىلەن ئايرىلغاندىن بۇيان زادىلا ئېچىلالمىدىم، سىز قېشىمدا بولسىڭىز ئاندىن كۆڭلۈم خۇش بولىدىغان ئوخشايدۇ. لەۋلىرىڭىزنى سېغىندىم، مەن قاچانمۇ بارلىق ئىشلىرىمدىن، غەملىرىمدىن قۇتۇلۇپ، بارلىق ۋاقتىمنى سىز بىلەن بىرگە ئۆتكۈزەلەيدىغان بولارمەن؟  قاچانمۇ باشقا ئىشلىرىمنى قويۇپ مۇھەببىتىمنى سىزگىلا ئاتىيالارمەن؟ ئاشۇنداق بەختىيارانە سېغىنىش ئىچىدىلا يايراپ ئۆتەلەرمەن ۋە بۇنى سىزگە قاچانمۇ چۈشەندۈرەلەرمەن؟ قاچانمۇ ئىسپاتلىيالارمەن؟ ئېتىمنى سىزگە ئەۋەتسەم، سىزنى دەرھال قېشىمغا كەلسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن.
      بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى، سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمغا ئىشەنگەنىدىم. لېكىن سىزنى يەنە بىر رەت كۆرۈپ سىزگە بولغان مۇھەببىتىم تېخىمۇ كۈچەيدى. سىز بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان، سىزگە بولغان ئىخلاسىم بارغانسېرى كۈچىيىپ بارماقتا. ھەرقانداق ئىشنىڭ ئەزالدىنلا ئۆزىگە يارىشا يولى بولىدۇ ھەمدە ئوخشىمىغان تەرىزدە كۈچىيىپ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، ھەي، كىچىككىنە ئەيىبىڭىزنى بولسىمۇ كۆرسەم دەيمەن! سىز بۇنچىزا گۈزەل، بۇنىچىزا لىۋەن، بۇنچىزا يىقىملىق بولمىسىڭىز بوپتىكەن، بۇنچىزا لاتاپەتلىك بولمىسىڭىزچۇ! سىز ئازراقمۇ كۈندەشلىك قىلمىسىڭىز، كۆزىڭىزدە بىر تامچىمۇ ياش كۆرمىسەم! كۆز يېشىڭىز ئەقلىمنى كېسىپ، مېنى بەك ھاياجانلاندۇرىۋېتىدىكەن.
        باشقىسىنى دېمەيلا قوياي، پەقەت بىر خىل ئىدىيە ۋە بىر خىل كۆز قاراشتىن ئېيتقاندىمۇ، ئەگەر سىزگە ئالاقىسىز بولسا، مەن بۇنداق ئىدىيە، بۇنداق كۆز قاراشقا ئىگە بولغۇدەك كۈچكە ئىگە بولالمايتتىم، شۇنىڭغا ئىشىنىڭ.
       ئوبدانراق ئارام ئېلىپ، كۈتۈنۈپ، تېزرەك ئەسلىڭىزگە كەلگەيسىز، يېنىمغا تېز كېلىڭ...
                            1799-يىلى7-ئاينىڭ 17-كۈنى»

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ناپالىيون