يەر شارىنى سەكسەن كۈندە ئايلىنىش(تونۇشتۇرۇش)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-15 20:34:18

يەر شارىنى سەكسەن كۈندە ئايلىنىش ژولى ۋېرن (فرانسىيە) يەر شارىنى سەكسەن كۈندەئايلىنىش داڭلىق ئىلمى فانتازىيە يازغۇچىسى ژيۇل ۋېرننىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ ئەسەرنىڭ قىسقىچە ۋەقەلىكى م...

    يەر شارىنى سەكسەن كۈندە ئايلىنىش
      ژولى ۋېرن  (فرانسىيە) 

     

    يەر شارىنى سەكسەن كۈندە ئايلىنىش داڭلىق ئىلمى فانتازىيە يازغۇچىسى ژيۇل ۋېرننىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ ئەسەرنىڭ قىسقىچە ۋەقەلىكى مۇنداق:

        فلياپوك لوندون ئىسلاھاتچىلار كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى. ئۇ ۋاقىتقا بەكمۇ رىئايە قىلىدىغان، كەمسۆز ئادەم بولغىنى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنى چۈشىنىپ بولمايدىغان، غەلىتە مىجەزلىك مۆتىۋەر دېيىشىدۇ. 1872 ـ يىل 10 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى ئۇ كۇلۇبنىڭ ئەزالىرى ۋە يېقىن دوسىت ـ ئاغىنىلىرى بىلەن سەكسەن كۈندە يەر شارىنى ئايلىنىپ چىقىمەن، دەپ ناھايىتى جىق پۇلغا باغلىشىدۇ ۋە شۇ كۈنى ئاخشىمىلا فرانسىيىلىك مالىي لوتوننى ئېلىپ لوندوندىن مېڭىپ، سەپىرىنى باشلايدۇ.
       بۇ ئىش پۈتۈن مەملىكەتنى تەۋرىتىۋېتىدۇ. لوندوندا چىقىدىغان بىر قانچە ئون گېزىت بۇ ئىشنى خەۋەر قىلىدۇ ۋە پوكنىڭ سۈرىتىنى باسىدۇ. پاي چېكى بازىرىدا بولسا «پوك پاي چېكى» پەيدا  بولىدۇ. ئۇنىڭ سەپىرىنى قوللىغۇچىلارمۇ بولىدۇ. تېزلا قارشى چىققۇچىلار كۆپ ساننى ئېگىلەيدۇ. ئۇلار شۇ چاغدىكى قاتناش قوراللىرى بىلەن يەر شارىنى ـ سەكسەن كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش ئۈچۈن ۋاقىتنى ناھايىتىمۇ توغرا ئىگىلەپ پويىزدىن چۈشكەن ھامان كېمىگە چىقىش، كېمىدىن چۈشۈپلا پويىزغا چىقىش لازىم. ئەگەر ۋاقىت ئازغىنا ئۇيان ـ بۇيان بولۇپ كەتسە پۈتكۈل پىلان بۇزۇلغاننىڭ ئۈستىگە بۇرۇنقى ئەجرى ـ كۈنەملەر بىكار بولىدۇ؛ ھالبۇكى، مۇنداق ئۇزۇن يوللۇق سەپەردە كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار سادىر بولمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ۋاقىتنىڭ قىل ئۇيان ـ بۇيان بولماي دەلمۇ دەل كېلىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايدۇ. بۇ خىل جامائەت پىكرىنىڭ تەسىرى بىلەن «پوك پاي چېكى» نىڭ باھاسى بىراقلا قاتتىق چۈشۈپ كېتىدۇ. يەنى 51 دىن 101 گە، 201 دىن 501 گە چۈشىدۇ. پوك سەپەرگە چىقىپ 7 ـ كۈنى بولسا تامامەن ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بېرىپ «پوك پاي چېكى» نىڭ قىلچە قىممىتى قالمايدۇ.
       ئىش مۇنداق بولىدۇ: پوك سەپەر قىلىش ھەققىدە باغلىنىشتىن سەل ئىلگىرى ئەنگلىيە دۆلەت بانكىسىدىن ناھايىتى جىق پۇل ئوغرىلىنىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ ئوغرى چوڭ بىر مۆتىۋەر، دەپ قارىلىپ، ساقچى مەھكىمىسى ئامېرىكا، ياۋروپادىكى بارلىق مۇھىم پرتلارغا پايلاقچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوغرىنى تۇتۇشقا تەييارلىنىدۇ. پوك سۇۋەيىشكە يېتىپ بارغاندا، شوتلاندىيە ساقچىسىنىڭ رازىۋېتچىكىسى فىكىس ئۇنىڭ سىياقىنىڭ ساقچى ئىدارىسى تەكشۈرۈپ چىققان ئوغرىغا بەكمۇ ئوخشايدىغانلىقىنى بايقايدۇ ـ دە، لوندون ساقچى ئىدارىسىگە «بانكىغا ئوغرىلىققا كىرگەن فىلياپوكنىڭ پېيىغا چۈشتۈم، چاقىرىق قەغىزىنى تېزدىن بومبايغا ئەۋەتىڭلار» دەپ تېلېگرام يوللايدۇ. مۇشۇ تېلېگرام بىلەن پوك دەرھال كىشىلەر نەزەرىدە پۇل ئوغرىلىغان ئوغرى بولۇپ قالىدۇ.
       پوك ۋاقىتنى ناھايىتى توغرا ھېسابلايدۇ. يەنى ئۇ سۇۋەيشكە مۆلچەرلىگەن ۋاقتىدا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، دەرھال كېمىگە چۈشۈپ بومبايغا يۈرۈپ كېتىدۇ. تار ھەم ئۇزۇن قىزىل دېڭىزدا دائىم بوران  ـ چاپقۇن بولۇپ تۇرسىمۇ، كېمىنىڭ ماتورى كۈچ بىلەن ئالغا ئىتتىرىپ بەرگەنلىكى، ھىندى ئوكياندا شامال ئوڭدىن كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پوك كېمىچىگە ناھايىتى جىق پۇل بېرىمەن، دەپ ۋەدە قىلغانلىقى ئۈچۈن، كېمە بومبايغا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئىككى كۈن بۇرۇن يېتىپ كېلىدۇ. فىكىس پوكنىڭ كەينىدىن پايلاپلا يۈرىدۇ. ئۇ لوتولوتوندىن پوكنىڭ يەر شارىنى ئايلىنىپ چىقىش پىلانىنى ئوقۇپ، بۇ، ئوغرىنىڭ كۆزىنى چالغىتىش ھىيلىسى دېگەن قاراشقا كېلىپ، چاقىرىق قەغىزىنى ئالغان ھامان پوكنى قولغا ئالماقچى بولىدۇ. لېكىن لوندوندىن ھاقىرىق قەغىزى كەلمەيدۇ، پوك بولسا كالكوتتىغا بارىدىغان پويىزغا چىقىپ كېتىدۇ.
      پويىز كىرىبغا كەلگەندە كۈتۈلمىگەن ئەھۋال تۇغۇلىدۇ. بومبايدىن كالكوتتىغا بارىدىغان تۆمۈر يولنىڭ كىرىبدىن ئارخابادقىچە بولغان ئەللىك نەچچە ئىنگلىز مىل ئارىلىقى ياسىلىپ پۈتمىگەن بولۇپ، بۇ ئارىلىقنى يولۇچىلار بىر ئامال قىلىپ ئۆزلىرى ماڭاتتى. پوك ئىككى مىڭ فوند ستېرلىڭغا بىر پىل سېتىۋېلىپ، بىر يول باشلىغۇچى ياللاپ، ئورمانلارنى كېسىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. ئورمانلىقتا ئۇ لولوتون بىلەن ھاياتىنىڭ خەۋپىگە قارىماستىن، قالاق ئۆرپ ـ ئادەت بويىچە ئۆلۈككە قوشۇپ كۆيدۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ھىندىستان يەرلىك خاقانىنىڭ خوتۇنى، ياش تۇل ئايال ئەيئېدانى قۇتۇلدۇرۇۋالىدۇ بۇنىڭ بىلەن پوك لوندوندىن بومبايغا كەلگىچە، تېجەپ قالغان ئىككى كۈن تۈگەپ كېتىدۇ. بەختكە يارىشا پويىز كالكوتتىغا دەل ۋاقتىدا يېتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېمىگە چۈشۈپ شياڭگاڭغا مېڭىشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ. كۈتۈلمىگەندە پوك بىلەن لولوتون ۋوگزالدىن چىقىشىغا سوت ئۇلارنى قولغا ئېلىپ، دىنىمىزنى بۇلغىدى، دېگەن گۇناھ بىلەن بىرىنى سەككىز كۈن، بىرىنى 15 كۈن قامايدۇ. بۇمۇ پايلاقچى فىكىسنىڭ ھىلىسى بولۇپ، ئۇ بومبايدا لولوتوننىڭ دىنىي چەكلىمىلەرنى بىلمىگەنلىكتىن ئىبادەتخانىغا كىرگەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، راھىپلارنى كۈشكۈرتۈپ پوكنى ھىندىستاندا توسۇماقچى بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن پوك توختاپ قالمايدۇ. ئۇ مىڭ فوند ستېرلىنگ كاپالەت بېرىپ قۇتۇلۇپ ئەيئېدا بىلەن لولوتوننى ئېلىپ شىياڭگاڭغا بارىدىغان پوچتا كېمىسىگە چۈشىدۇ. فىكىسمۇ شۇ كېمە بىلەن مېڭىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
       فىكىس شىياڭگاڭغا كەلگەندىن كېيىنمۇ چاقىرىق قەغىزى ئالالمايدۇ. ھالبۇكى، شىياڭگاڭ پوك سەپىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئەنگلىيە زېمىنى بولۇپ، ئەگەر پوك شىياڭگاڭدىن ئۆتۈپ كەتسىلا، لوندوننىڭ چاقىرىق قەغىزى بولغان تەقدىردىمۇ كارغا كەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا فىكىس  ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. ئونىغانغا يونىغاندەك ئەتىكى كۈندە شىياڭگاڭدىن يوكوخاماغا ماڭىدىغان پوچتا كېمىسى مۇددەتتىن بۇرۇن ـ شۇ كۈنى ئاخشىمى ماڭماقچى بولىدۇ. بۇنى پوكقا خەۋەر قىلغىلى كېتىۋاتقان لولوتوننى فىكىس ئەپيۇن بېرىپ مەس قىلىپ قويىدۇ. ئەتىسى پوك ئەيئېدانى ئېلىپ پورتقا كەلگەندە ئاندىن كېمىنىڭ ۋاقىتتىن بۇرۇن كېتىپ قالغانلىقىنى، كېيىنكى نۆۋەتلىك كېمىنى سەككىز كۈن كۈتۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئۇقىدۇ. فىكىس خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن پوك ئۆزىنى يوقاتمايدۇ. چۈنكى يوكوخامادىن سان فرانسىسكوغا ماڭدىغان پاراخوت شاڭخەيدىن يولغا چىقاتتى. بۇ پاراخوتنىڭ يولغا چىقىشىغا يەنە تۆت كۈن بار ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ كۈنىگە يۈز فوند ستېرلىنگ بېرىش ۋە كېيىن ئىنئام بېرىش شەرتى بىلەن تېز  ماڭىدىغان بىر كېمە ياللىۋېلىپ تېز سۈرئەت بىلەن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىقىدۇ.
       لولوتون ئەپيۇننىڭ مەستلىكىدە يوكوخاماغا ماڭىدىغان پوچتا كېمىسىگە چىقىدۇ ۋە ئەتىسى ئۆزىنىڭ چوڭ ئىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى بىلىدۇ. يوكوخاماغا يېتىپ كەلگەندە ئۇ يېنىدا بىر تىيىن پۇلى قالمىغاچقا، سېرك ئۆمىكىدە خىزمەتكار بولىدۇ . ئويلىمىغان يەردىن شۇ كۈنى ئاخشىمى ئويۇندا پوك بىلەن ئۇچرىشىدۇ. فىكىس لوندوننىڭ چاقىرىق قەغىزىنى يوكوخاماغا بارغاندا تاپشۇرۇۋالىدۇ. لېكىن بۇ چاغدا پوكنى بىۋاستە قولغا ئالغىلى بولمىغاچقا، ئۇ پوكنىڭ ئىمكان قەدەر تېزراق، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئەنگلىيىگە قايتىشقا پائال ياردەملىشىپ، ئاندىن بىر ئىش قىلىش قارارىغا كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ پوك ئەيئېدا، لولوتون ۋە فىكىسلار بىلەن بىللە تىنچ ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈش سەپىرىگە قەدەم قويىدۇ. شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇغىنى بېسىپ ئۆتۈشتە ئۇلار بىرقانچە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرايدۇ. پويىزغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان ئىندىئانلار بىلەن سوقۇشىدۇ. نەتىجىدە نيۇيوركتىن ئەنگلىيىگە بارىدىغان پاراخوتقا ئۈلگۈرەلمەيدۇ. پوك ئالاھىدە ۋاستىلەر بىلەن ئاتمىش مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بىر يۈك پاراخوتى سېتىۋېلىپ ئاخىر سەكسىنىچى كۈنى چۈشتە لىۋىرپولغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ يەردىن لوندونغا ئالتە سائەتتە بارغىلى بولاتتى. غەلبە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر چاغدا فىكىس «ئايال پادىشاھ ھۆكۈمىتى» نامى بىلەن پوكنى قولغا ئالىدۇ. ھەقىقىي ئوغرىنىڭ بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن بۇرۇن قولغا ئېلىنغانلىقى تېزلىكتە ئېنىقلانغانلىقى سەۋەبلىك پوك قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، لوندونغا باردىغان تېز پويىزغا ئۈلگۈرەلمەي قالىدۇ ـ دە، لوندونغا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بەش مىنۇت كېچىكىپ بارىدۇ. يېڭىلىپ قېلىش، مال ـ مۈلكىدىن ئايرىلىشتەك چوڭ بالايىئاپەتكە يۈزلىنىشكە تەييارلانغان بىر چاغدا، ئۇ ئۆزىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر شەرققە قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ ـ دە، ۋاقىت پەرقى تۈپەيلى، كۈتۈلمىگەندە بىر كۈن ۋاقىت ئۇتۇۋالىدۇ.
       پوك 12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى كەچ سائەت سەككىزدىن قىرىق بەش مىنۇت ئۆتكەندە ئىسلاھاتچىلار كۇلۇبىغا دەل ۋاقتىدا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ سەپىرىدە ئۇ لوندوندىن چىقىپ ياۋروپا، ئافرىقا، ئاسىيا ، ئامېرىكىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ قىتئەدىن ئۆتكىچە كېمە، پويىز، پەيتۇن، تېز يۈرەر كېمە، يۈك پاراخوتى، چانا ۋە پىل قاتارلىق تۈرلۈك قاتناش قوراللىرىدىن پايدىلىنىدۇ ۋە ئاخىر كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان جاسارەت بىلەن غەلىبە قىلىدۇ. ئەمما ئۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە ھېچقانداق نەپ ئالالمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ يولدا خەقلىگەن پۇلى بىلەن باغلاشقان پۇلى تەڭمۇ تەڭ بولۇپ، ئالمىغان ـ بەرمىگەن ھېسابتا بولىدۇ ئەمما ئۇ ياش، چىرايلىق، سۆيۈملۈك ئەيئېدا بىلەن توي قىلىپ بەختلىك بولىدۇ.
     
      مەريەم مەمتىمىن تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ژولى ۋېرن پوك لولوتون