ئامېرىكا(فىرانز كافكا)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-02 22:15:06

ئامېرىكافرانز كافكا (ئاۋسترىيە) ئامېرىكا ئاېستىرىيىلىك مەشھۇر يەھۇدى يازغۇچى فرانز كافكانىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. ئەسەردىكى ئون ئالتە يىشلىق كارل روسېمان گېمانىيىدىكى قول ـ ئىلكىدە بار ...

    ئامېرىكا
    فرانز كافكا (ئاۋسترىيە)

         ئامېرىكا ئاېستىرىيىلىك مەشھۇر يەھۇدى يازغۇچى فرانز كافكانىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىنىڭ بىرى.
       ئەسەردىكى ئون ئالتە يىشلىق كارل روسېمان گېمانىيىدىكى قول ـ ئىلكىدە بار بىر ئابرويلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ گۆدەك، ئاق كۆڭۈل بالا ئىدى. ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ئوتتۇرا ياش بىر ئايال خىزمەتكار ئۇنىڭغا بەكلا ئامراقلىق قىلىدۇ. ئۇ كارلنى ھەر خىل يوللار بىلەن ئاخىر ئىنددەككە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن بىر بالا تۇغىدۇ. بۇ ئىش ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئابرويىغا قاتتىق تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئاتا ـ ئانىسى قاتتىق غەزەپلىنىپ، بۇ ئىشنى يېسىش ئۈچۈن ئۇنى يىراق ئامېرىكىغا ئەۋەتىۋېىتىدۇ.

       كارل ئولتۇرغان پاراخوت نيۇ ـ يورك پرىستانىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇ پاراخوتتىكى بىر ئاشپەز بىلەن تاسادىپىي تونۇشۇپ قالىدۇ، ئاشپەز ئۇنىڭ يۇرتدىشى چىقىپ قالدىۇ. كارل ئۇنىڭ خىزمىتىگە ناھايىتى ھەۋەس قىلىدۇ، لېكىن ئاشپەز ئۆزىنىڭ بۇ يەردىن كەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. چۈنكى چەت ئەللىك بىر باش مېخانىك ئۇنى بەك بوزەك قىلىدىكەن. كارل بۇ تەڭسىزلىككە قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىدا يۇقىرىغا ئەرز سۇنىدۇ، لېكىن ھېھقانداق نەتىجە بولمايدۇ. دەل مۇشۇ جېدەل بىلەن يۈرگەندە، ئۇنىڭغا ئامەت كۈلۈپ قارايدۇ: ياكۇب ئىسىملىك ئابرويلۇق بىر مۆتىۋەر ئۇنىڭ تاغىسى چىقىپ قالىدۇ. ياكۇپ گېرمانىيىدىكى بىر كۈتكۈچى قىزدىن كەلگەن خەتتىن كارلنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ئالاھىدە كەلگەندى. ياكۇپ مېليونېر ھەم ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئىدى. ئۇ كارلغا ھەر تەرەپلىمە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۆيىگە ئادەم تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭغا رويال ئۆگىتىدۇ، چەۋەندازلار مەكتىپىگە بېرىپ ئات مىنىشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىللە چەۋەندازلار مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مارك ئىسىملىك يەنە بىر يىگىتمۇ بار ئىدى. ئۇمۇ بىر مىليونېرنىڭ ئەتىۋارلىق بەگزادىسى بولۇپ، ناھايىتى تەكەببۇر ئىدى. «تاغا»سى كارلىنىڭ «تەبىيىلىنىشى»گە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قوياتتى. ھەر كۈنى سەھەر سائەت تۆت يېرىمدا ئورنىدىن تۇرۇش بەلگىلەنگەنىدى.

       كارل يېڭى تۇرمۇش مۇھىتىغا تېزلا كۆنۈپ كېتىدۇ. لېكىن ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمايدۇ. بىركۈنى، ياكۇب بىلەن تىجارەت توغرۇلۇق سكزلەشكىلى كەلگەن بىر چوڭ بانكىر پروند كارلىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ سەھرادىكى داچىسىغا بېرىپ، كلارا خېنىم بىلەن تونۇشۇپ قېلىشنى ئېيتىدۇ. بۇ بىر چۈپ ياش بىر كۆرۈشۈپلا بىر ـ بىرىنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. كلارا ئۇنى باشلاپ داچىنىڭ كەڭرى ئۆيلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىسى چاقچاقلىشىپ كېتىۋاتقاندا، كلارا ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاتىدۇ، كارلمۇ ئۇنى قۇچاقلايدۇ. لېكىن كلارا ئويلىمىغان يەردىن ۋارقىراپ كېتىدۇ. كارل ئەجەپلىنىپ، ئۇنى دەرھال قويۇۋېتىدۇ. كلارا ئۇنى تاشلاپ داچىدىن چىقىپ كېتىدۇ. كارل بۇ سىرلىق قەسىرنىڭ ئىچىدىن چىقىپ كېتەلمەي تېنەپ يۈرگەندە، ئالدىغا بىر خىزمەتكار ئۇچراپ قالىدۇ. كارل ئۇنىڭدىن كلارانىڭ ھېلىقى بايۋەتچچە ماركنىڭ ئالماقچى بولغان قىزى ئىكەنلىگىنى ئۇقىدۇ. كارل خىزمەتكاردىن ئۆزىنى سىرتقا ئاچىقىپ قويۇشنى ئۆتىنىدۇ. ئۇلار چىقىپ كېتىۋېتىپ كلارانىڭ دادىسى پروند بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ھەپسىلىسى كەتكەن كارل ئۇنىڭغا تاغىسىنىڭ ئۆيىگە ھازىر قايتىدىغانلىغىنى ئېيتىدۇ. ئۇلار چىقىپ كېتىۋېتىپ كلارانىڭ دادىسى پوروند بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ھەپسىلىسى كەتكەن كارل ئۇنىڭغا تاغىسىنىڭ ئۆيىگە ھازىر قايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. پوروند ئۇنى تۇتۇپ قالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئامالسىز ماقۇل بولىدۇ ۋە كلارا بىلەن خوشلىشىپ مېڭىشنى ئېيتىدۇ. كلارا ئۇنىڭدىن بىرەر پەردە رويال چېلىپ بېرىپ ئاندىن مېڭىشنى ئۆتىنىدۇ. رويالنى خىزمەتكارلارمۇ كىرىپ ئاڭلايدۇ. كېچە سائەت ئون ئىككى بولۇپ كېتىدۇ، كارل ئالدىراپ قايتماقچى بولىدۇ. دەل شۇ چاغدا، گېرىن دېگەن بىر ئادەم كىرىپ كۆپچىلىككە تاغىسى كارلغا يازغان بىر پارچە خەتنى ئوقۇپ بېرىدۇ. خەتتە، كارلنىڭ ئائىلىنىڭ قائىدىسىنى بۇزۇپ شۇ كۈنى قايتىپ كلەمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەمدى ئۇنى تونۇمايدىغانلىقى يېزىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن كارل سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلايدۇ.

       كارل يولدا ئىككى سەرگەردان بالا بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ئىرلاندىيىلىك،  ئىسمى روبىنسون، يەنە بىرى فرانسىيىلىك، ئىسمى دېلاماس ئىدى. ئۇلار كارلنى بوتفورد دېگەن يەرگە ئاپارماقچى بولىدۇ. يول بويىدا ئۇلار كالنىڭ تاغىسىنغا قاراشلىق بىر يۈك ماشىنىسىغا ئۇچراپ قالىدۇ. كارل تاغىسىنىڭ ئۇچراپ قېلىشتىن قورقۇپ ئۇنىڭغا چىقمايدۇ، ئۇلار يەنە ئىش تاشلىغان قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى ئۇچرىتىپ. ئەسلىدە ئۇلار ماركنىڭ دادىسىنىڭ كارخانىسىدىكى ئىشچىلار ئىدى. كارل ئەنە شۇ چاغدىلا، ماركنىڭ قۇرۇلۇش خوجايىنىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئۇقىدۇ. بىر مېھمانخانىغا چۈشكەندە، كارل روبېنسون بىلەن دېلاماسنىڭ بەزى قاملاشمىغان ئىشلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا ماڭىدۇ.
       ئۆلمىگەن جاندا ئۇمىد بار، دىگەندەك، كارل ئاخىر بىر ئاشپەزلەر باشلىقىنىڭ ئىچ ئاغرىتىشى بىلەن مېھمانخانىنىڭ لېفت باشقۇرۇش ئىشىغا ئورۇنلىشىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشقان كۈنى كەچتىلا، ئۇ ماشىنىسىت قىز تايلېس بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. قىز ئۇنىڭغا مېھمانخانىدىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى ۋە ئۆزىنىڭ ئاچچىق كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئىككىسى تېزلا بىر ـ بىرگە ئىجىل بولۇپ قالىدۇ...

       لېكىن ھېلىقى ئىككى لۈكچەك كارلنى تىنچ قويمايدۇ. دېلاماس كارلنى ئىزدىتىپ ئادەم ئەۋەتىدۇ. كارل باشتا مۇنداق ئادەملەر بىلەن ئارىلاشماسلىقنى ئويلايدۇ، تايلېسمۇ ئۇلار بىلەن كۆرۈشمەسلىكنى ئېيتىدۇ. لېكىن كارل تۇرۇپلا، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ كەلمىسەم بولمايدۇ، دەپ تۇرۇۋالىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، روبېنسون ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، دېلاماس ئىككىسىنىڭ ھازىر بىر «ناخشىچى قىز» بىلەن تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېتىپ، كارلىنىمۇ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشقا قىزىقتۇرىدۇ. كارل رەت قىلىدۇ. روبېنسون ئۇنىڭغا تەھدىت سالىدۇ، كەچتە روبېنسون ياتاقتا مەست بولۇۋېلىپ ۋارقىراپ ـ جارقىراپ، مېھمانخانىنىڭ تىنچلىقىنى بۇزىدۇ. ئۇنىڭ ئىچكەن ھارىقىغا تۆلىگۈدەك پۇلىمۇ يوق ئىدى. كارل ئىشىنى تاشلاپ ئۇنىڭ ئورنىدا پۇل تۆلىۋېتىشكە چقىدۇ. نەتىجىدە «ئش ئورنىدىن رۇختسەتسىز ئايرىلغان»جىنايىتى ئۈچۈن، خوجايىن ئۇنى قوغلىۋېتىدۇ. ئاشپەزلەر باشلىقىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ يەنە باشقا جازالاردىن قوتۇلۇپ قالىدۇ.

       كارل ماشىنا كىرا قىلىپ نيۇ ـ يورك ئەتراپىدىكى بىر بازارغا كەلگەندە، دېلاماس بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ئۇ كەتمەكچى بولسىمۇ دېلاماس قويۇپ بەرمەيدۇ. بۇ چاغدا ساقچى كېلىپ كارلغا گۇۋاھنامىسىنى چىقىرىشنى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭدا ئۇنداق نەرسە يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئۇنى تۇتۇپ كەتمەكچى بولىدۇ. دېلاماس ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدىۇ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى لۈكچەك كارلنى ئۆزلىرىگە خىزمەتكار بولۇشقا قىستايدۇ. كارل ئۇنىمايدۇ، روبېنسون ئۇنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ ئۇرىدۇ. ئۇلار ياتاقتا ئارام ئېلىۋاتقاندا، كارل قاچماقچى بولۇپ سىرتقا چىقىدۇ، لېكىن چوڭ دەرۋازا قۇلۇپلاقلىق ئىدى. دېلاماس ئۇنىڭ قاچماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى يەنە ئۇرىدۇ. بۇ چاغدا شۇ بېندا ئولتۇرىدىغان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى كارلغ ئابۇ يەردىكى سايلام ھەركىتىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇمۇ دېلاماسلارغا قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ، لېكىن كارلغا مۇشۇ يەردىن تۇرۇۋېرىشنى نەسىھەت قىلىدۇ...

       مۇنارجان توختاخۇن تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.