«ئاننا كارېنىنا»نىڭ تونۇشتۇرلۇشى(لېۋ تولىستوي)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-02 22:12:35

ئاننا كارېنىنا لېۋ نىكولايېۋىچ تولستوي (روسىيە) ئاننا كارېنىنا لېۋ تولىستوينىڭ نام قازانغان مەشھۇر ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. ئەسەردىكى ئاننا كارىنناروسىيىنىڭ 18-ئەسىردىكى ئاقسۆڭەكلەر جەمىيىتىگە تەئە...


    ئاننا كارېنىنا
      لېۋ نىكولايېۋىچ تولستوي (روسىيە)


      ئاننا كارېنىنا لېۋ تولىستوينىڭ نام قازانغان مەشھۇر ئەسەرلىرىنىڭ بىرى.
        ئەسەردىكى ئاننا كارىننا روسىيىنىڭ 18- ئەسىردىكى ئاقسۆڭەكلەر جەمىيىتىگە تەئەللۇق ئېسىلزادە خېنىملىرىدىن ، ياش، گۈزەل ۋە ھاياتقا تولىمۇ تەشنا ئايال. ئۇنىڭ ئېرى كالېنىن ئۇنىڭدىن يىگىرمە ياش چوڭ بولۇپ، پېتېربۇرگدىكى مۇھىم ئەمەلدارلاردىن بىرى. ئۇ «ئالدىراپ ـ تېنەپمۇ كەتمەىدىغان تۈزۈككىنە ئاراممۇ ئالمايدىغان، كۈن بويى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن پايپېتەك بولۇپ يۈرىدىغان، نام ـ شۆھرەت قازىنىشقا بەكمۇ ھېرىس ئادەم بولۇپ، بەئەينى «ئەمەلدار ماشىنا»غىلا ئوخشايدۇ. جۇشقۇن ـ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ئاننا بولسا بەختكە ئىنتىزار، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدۇ. ئەمما كالېنىنىنىڭ ئۆلۈكخانىدەك جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن ئۆيىدە ئۇ ئازابلىق ھېسسىي بېسىمدىن باشقا قىلچە شادلىق ۋە لەزەتتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. تۇرمۇش قۇرغاندىن بۇيانقى توققۇز يىل داۋامىدا پەقەت ئوغلى سېريۇژالا ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا بىردىنبىر تەسەللى ئاتا قىلغۇچى بولىدۇ.

       ئاننانىڭ ئاكسىى سېتىپان موسكۋادا تۇرىدۇ. يەڭگىسى دۇللى ئېرى سىتېپان بىەلن بۇ ئۆينىڭ ئىلگىرىدىكى ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى ئايال ئوتتۇرىسىدا سىرلىق مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىنى سېزىپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئەر ـ خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ماجىرا تۇغۇلىدۇ. دۇللى خۇيلىنىۋېلىپ، ئۈچ كۈنگىچە تالاتۈزگە چىقمايدۇ، ئېرى بىلەن بىللە ئۆتمەيدىغانلىقى توغرىسىدا داۋراڭ سېلىپ، ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتمەكچى بولىدۇ. ئاتا ـ ئانا ئارازلىشىپ قېلىپ، بالىلارنىڭ ھالىدىن ھېچكىم خەۋەر ئالمىغاچقا، بلىلار كەلسە ـ كەلمەس چېپىپ يۈرۈپ، ئۆينىڭ ئىچىنى ئۆڭتەي ـ توڭتەي قىلىۋېتىدۇ. ئاننا ئاكىسى بىلەن يەڭگىسىنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن پېتېربۇرگدىن موسكۋاغا كېلىدۇ. ئۇ ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن يەڭگىسىگە تەسەللى ئېيتىدۇ، ئۇلارنىڭ يېڭىباشتىن ئەپلىشىپ قېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
       ئاننا بۇ قېتىم موسكۋاغا كەلگىنىدە، ۋوگزالدا «پېتېربۇرگلۇق قۇرۇق سۆلەت بەگزادە»ۋورونىسكى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ۋورونىسكى ئاننانى تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىشى بىلەنلا، ئۇنىڭ گۈزەللىكى، لاتاپەتلىكلىكىگە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ چېھرىسىدىكى « يوشۇرۇن جۇشقۇنلۇق»قا شەيدا بولىدۇ. مۇندىن ئىلگىرى ۋورونىسكى دۇللىنىڭ سىڭلىسى كىتىغا خۇشامەتچىلىك قىلىپ يۈرىدۇ، كىتىمۇ ۋورونىسكىغا كۆيۈپ ـ پىشىدۇ. كىتىنىڭ ئانىسى بولسا ۋورونىسكى داڭدار ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بەگزادە، مۇبادا ئۇ قىزىمىزغا توي قىلىش تەلىپىنى قويسا، بۇ تازىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك توي بولغان بولاتتى، دېگەن قاراشتا بولىدۇ. ئەمما ۋورونىسكى ئاننانى ئۇچراتاقن كۈندىن ئېتىبارەن كىتىغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ. بىر قېتىملىق تانسىدا كىتى ۋورونىسكىدىن ئۆزىنى بۇرۇنقىدەكلا تانسىغا تارتىشنى تولۇپ ـ تاشقان ئۈمىد بىلەن كۈتكەن بولسىمۇ، ئىش ئۇنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقىدۇ، يەنى ۋورونىسكى ئانناغا جوزا بولۇپ تانسا ئوينايدۇ ۋە ئىككىسى ئېچىلىپ ـ يېيىلىپ پاراڭلىشىپ كېتىدۇ. ئاننا ئۇچىسىغا قارا دۇخاۋا كۆڭلەك كىيىپ، بوينىغا مەرۋايىت مارجان تاقايدۇ، كىتى بىر تۇرۇپ ئاننانىڭ « ساددا، تەبىئىي، لىۋەن، خۇش خۇي ۋە جۇشقۇن»لۇقىغا زوقلانسا، بىر تۇرۇپ ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكىدىن ئازاپلىنىدۇ. تانسىدىن كېيىن كىتى ھەدىسى دۇللىنىڭ ئۆيىگە بارمايدۇ. ئاننا كىتىنىڭ ئۆزىدىن يامانلاپ قالغانلىقىنى چۈشىنىدۇ ـ دە، ئەتىسىلا پېتېربۇرگقا قايتىپ كېتىپ، ۋورونىسكىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش قارارىغا كېلىدۇ.
       پېتېربۇرگقا بارىدىغان پويىز قوزغىلىدۇ، ئاننا ئەتىلا ئوغلى ۋە ئېرىنى كۆرىدىغانلىقىنى، ھەمما ئىشىنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىگە كېلىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. كىم بىلسۇن، پويىز ۋوگزالدا توختاپ، ئاننا ۋوگزال سەھنىسىگە ھاۋا يېگىلى چىقىنىدا ۋورونىسكى ئۇنىڭ ئالدىدا توساتتىن پەيدا بولۇپ قالىدۇ ۋە ئۆزىنىڭمۇ پېتېربۇرگقا بارىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ۋورونىسكىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىدىن ۋە ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرىدىن ئاننا بىئارام بولىدۇ، شۇنداقلا بەختىيارلىق ھېس قىلىدۇ.
       پېتېربۇرگ ۋوگزالىدا كالېنىن ئاننانىڭ ئالدىغا چىقىدۇ. ئانناغا بۇ قېتىم موسكۋادىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئېرىنىڭ ئىلگىرى ئۆزىگە بىلىنەر ـ بىلىنمەس تونۇشلۇق بولغان ساختا ـ ياسالمىلىقلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ، ئۇ ئېرىنىڭ ئەمەلدارلىق كىبىرىدىن ۋە كىشىنى بىزار قىلىدىغان چىراي ـ تۇرقىدىن ھەمدە ئۇنىڭ گەپ قىلغان چاغدىكى سىپاگەرچىلىك چىقىپ تۇرغان تەلەپپۇزىدىن يىرگىنىدۇ. ۋورونىسكى بىر قاراشتىلا ئاننانىڭ كالېنىننى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ. ئاننا پېتېربۇرگقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئۇ ھەمىشە دېگۈدەك ۋورونىسكىنى كۆتۈپ تۇرۇش ئىمكانىيىتى بولغان ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىغا بېرىپ تۇرىدۇ. ۋورونىسكى بولسا ئانناغا تېخىمۇ بەك كۆيىدۇ ۋە ئاننانىڭ قەدىمى يەتكەنلىكى سورۇنلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە، ئىجتىماىي ئالاقە ساھەسىدىكىلەر غۇلغۇلا قىلىشپ، ئاننا موسكۋادىن قايتىپ كەلگەندىن بۇيان ئىلگخرىكىگە زادىلا ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالدى، دېيىشىدۇ.
       ئاننا كىتىنىڭ ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ۋورونىسكىنى مۇسكۋاغا قايتىپ بېرىپ كىتىدىن ئەپۇ سوراشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەمما ۋورونىسكى بۇ پۇرسەتنى غەنىميەت بىلىپ ئانناغا مۇھەببەت ئىزار قىلىدۇ. كىشىلەر ئاننا بىلەن ۋورونىسكىنىڭ بىر ـ بىرىگە بەكمۇ يېقىنچىلىق قىلىشىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ بەكمۇ قىلىقسىزلىق قىلغانلىق، دەپ قارىشىدۇ. كالېنىن مۇشۇ تۈپەيلى ئايالىغا: بىزنىڭ بېشىمىزنى خۇدا قوشۇپ قويغان، «مۇنداق قوشۇلۇش، پەقەت جىنايەت سادىر بولغاندىلا ئاندىن بۇزۇلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇنداق خاراكتېردىكى جىنايەتنى سادىر قىلغۇچى ئادەم جازاغا تارتىلماي قالمايدۇ» دەيدۇ. ئاننا ئۇنىڭغا پىسەنتمۇ قىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇ كالېنىن مۇھەببەت دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلاردىن ، دەپ قارايدۇ.
       ئاننا بىلەن ۋورونىسكىنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈندىن ـ كۈنگە چوڭقۇرلىشىشقا يۈزلىنىدۇ. بىر قېتىم ئۇ ئېرى بىلەن بەيگە كۆرگىلى بارىدۇ. ۋورونىسكى چەۋەندازلارنىڭ بىرى بولۇپ، بەيگە داۋامىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاتتىن يىقىلىپ چۈشىدۇ. شۇ چاغدا كۆرۈش سۇپىسىدا بەيگە كۆرۈپ تۇرغان ئاننانىڭ يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلىپ، تاتىرىپ كېتىدۇ ـ دە، كزىنىڭ ۋورونىسكىغا بولغان پەۋقۇلئادە ھېسسىياتىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ قويىدۇ. بۇنى كۆرگەن كالېنىن ئايالىنىڭ يۈرۈش ـ تۇرۇشى ۋە روھىي ـ ھالىتىدە ئېگىز ـ پەسلىك بولۇۋاتقانلىقىنى پەملەپ، ئاننادىن ئۆزى بىلەن بىللە دەرھال ئۆيگە قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاننا ئىلاجىسىز ھالدا بەيگە مەيدانىدىن تەستە ئايرىلىدۇ. ئۆيگە كېتىۋېتىپ ئاننا كزىنىڭ ۋورونىسكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئېرىگە سۆزلەپ بېرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ۋورونىسكىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۆزى ۋورونىسكىنىڭ مەشۇقى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. كالېنىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئاننادىن ئۆزىنىڭ نام ـ شۆھرىتىنى ساقلاشنى، «كۆرۈنۈشتە سالاپەتلىك بولۇشقا قاتتىق ئەمەل قىلىش»نى سوغۇققىنا تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ئانناغا يازغان خېتىدە كزلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئىلگىرىكىدەكلا داۋاملىشىۋېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتىدۇ. كالېنىن ئائىلە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ھەققىدە سۆز ـ چۆچەك قىلىشىپ يۈرمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر كۈنى ئادەتتىكىدەكلا ئايالى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ تۇرىدۇ. بىراق، چۈشتە ئۆيىدە غىزالانمايدىغان بولۇۋالىدۇ. كالېنىن ئايالىنىڭ بۇ ئۆيدە ئاشىقى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇشىغا يول قويمىغاچقا، ئاننا بىلەن ۋورونىسكى باشقا جايلاردا ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، كالېنىن ۋورونىسكى بىلەن دۇئېلغا چىقىشىنى ئويلايدۇ، لېكىن كېيىنرەك بۇ نىيىتىدىن ۋاز كېچىدۇ.

       ئاننا بىلەن ۋورونىسكى بالىلىق بولىدۇ. ئاننا تۇغۇتىدا ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ قېلىپ، ئۆلۈپ كەتكىلى تاسلا قالىدۇ. ئاننانىڭ كېسىلى خەتەرلىك باسقۇچقا كەلگەندە ئۇ كالېنىندىن كز يېنىغا قايتىپ كېلىشىنى، ئۆزى سادىر قىلغان سەۋەنلىكلەرنى كەچۈرۈۋېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. كالېنىن ئۇنىڭ بۇ تەلەپلىرىنىگە ماقۇل بولىدۇ. ھەتتا ئاننانىڭ كارىۋىتى ئالدىدىن نېرى كەتمەي ئۇنىڭ ھالدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ۋورونىسكى بىلەنمۇ يارىشىپ قېلىش نىيىتى بارلىقىنى، ئۆتۈپ كەتكەن تېتىقسىز ئىشلارنى قايتا تىلغا ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ. ئەمما ئاننا  كېسىلى ياخشىلىنىپ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئائىلە تۇرمۇشىدىكى ساختىلىق ۋە ئالدامچىلىقلارنىڭ سەۋر ـ تاقەت قىلغۇسىز دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ ـ دە، ئېرىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپلا ۋورونىسكى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ كېتىدۇ.

       لۋىن كىتىنىڭ ئاكىسىغا ساۋاقداش بولۇپ، كىتىنىڭ ئاكىسى ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولىسىمۇ، لۋىن يەنىلا بۇ ئائىلىنى ھۈرمەتلىك مېھمىنى بولۇپ يۈرۈۋېتىدۇ. كىتى ئىجتىمائىي ئالاقە ساھەسىگە كىرگەندىن كېيىن ، لۋىن ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ ۋە تۇرمۇش قۇرۇش تەلىپىنى قويىدۇ. ئەمما شۇ ۋاقىتلاردا كىتى ۋورۇنىسكىغا كۆتۈپ ـ پىشىپ يۈرگەچكە، لۋىننىڭ تۇرمۇش قۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلىدۇ. كېيىن كىتىنىڭ يېزنىسى سىتېپان ئورمان سېتىش ئىشىنى بېجىرىش ئۈچۈن يېزىغا كەلگەندە، لېۋىن كىتىنىڭ تېخى تۇرمۇش قۇرمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىپ چەت ئەلدە بىر مەزگىل دەل ئالغاچ داۋالانغاندىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىتىغا تۇرمۇش قۇرۇش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم تەلەپ قويىدۇ. بۇ تەلەپكە كىتى ماقۇل بولىدۇ. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار موسكۋادا توي مەرىكىسى ئۆتكىزىدۇ، ئاندىن يېزىغا قايتىپ كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىنى باشلايدۇ. لۋىن ئاقسۆڭەك پومېشچىكلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ قورۇقى بار ئىدى، ئۇ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى شەخسەن ئۆزى باشقۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە دائىم دېگۈدەك دېھقانلار بىلەن بىللە ئەمگەك قىلىدۇ. شۇڭا دېھقانلار ئۇنى «ئاددىي ـ ساددا پومېشچىك غوجام» دەپ ئاتىشىدۇ. ئەمما دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش داۋامىدا لۋىن ئۆزى بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا قانداقتۇر بى رىخل قارىمۇ ـ قارشى ۋە كۆڭۈلسىز مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىككىنى ھىس قىلىدۇ. ئۇ كىرىپوستىنويلۇق تۈزۈم ئىسلاھاتى نەتىجىسىدە «ھەممىنىڭ قەددى كۆتۈرۈلدى، ھەممە ئىش ئەمدىلا ئىزىغا چۈشۈۋاتىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئۇ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە قىزغىنلىق بىلەن ئىزدىنىپ، دېھقانلار بىلەن ئۆزىنىڭ ئوخشاشلا خوجايىنلىق سالاھىيەت بىلەن دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىشى كېرەك، دېگەن ئوي ـ خىياللىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە «پايدا ـ زىياننى تەكشەش ۋە ئۇنى بىردەك قىلىشنى ئۆز ـ ئارا دۈشمەنلىشىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش» كېرەك دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ. بىراق، لۋىننىڭ يېڭى ئۇسۇلى ۋە يېڭى تەدبىرلىرى دېھقانلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. دېھقانلار بۇ پومىشچىك غوجامنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى يېڭىچە باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا ئىشەنمەيدۇ.
      لۋىن ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشى ئۆزى پەرەز قىلغاندەك بەختلىك بولمايدۇ. بىر يىلى ئەتىيازدا لۋىن ئۈمىدسىزلىك ۋە غەمكىنلىك ھېس قىلىدۇ. كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇرىدۇ، ھەر قانچە ئويلاپمۇ بۇنىڭ تېگى ـ تەكتىگە يېتەلمەيدۇ. ئۇ مۇشۇ مەسىلىنىڭ جاۋابى ئۈستىدە تازا باش قاتتۇرۇپ ئىزدىنىدۇ. ئاخىر بىر دېھقاندىن ئىلھام ئېلىپ، «كىشىلەر شەخسىي نەپسانىيىتى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تەڭرى ئۈچۈن ياشايدىكەن» دېگەن يەر كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاخىر ئۆز ئېتىقادىنى تاپىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، كىشىلەر تەڭرى ئۈچۈن ياشىغان ئىكەن، ئۇ ھالدا، تۇرمۇش مەزمۇنى ياخشىلىق بىلەن تولغان بولارمىش.
       ئاننا بىلەن ۋورونىسكى ياۋروپادا ئۈچ ئاي ساياھەت قىلغاندىن كېيىن روسىيىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئاننا ئوغلىنى بەك سېغىنىپ كەتكەچكە، قايتىپ بېرىپ ئوغلى سېريوژانى كۆرۈپ كەلمەكچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىەلن ئۇ ئوغلىنىڭ توغۇلغان خاتىرە كۈنى تاڭ سەھەردىلا ئۆزى توققۇز يىل تۇرغان ھېلىقى ئۆيگە بارىدۇ. شادلىق ۋە ئازابلىق ئەسلىمىلىرى شۇئان ئۇنىڭ قەلبىنى چىرمىۋالىدۇ، كۆڭلىگە ھەر خىل ئىشلار كېچىپ، كۆز ياشلىرى سېريۇژا ئۇيقۇدىن ئويغانغان بولۇپ، ئاننا ئوغلىنى توۋلايدۇ. ئانا ـ بالا ئىككىسى چىڭ قۇچاقلىشىدۇ، ئاننا ھاياجاندىن يىغلاپ تاشلايدۇ. ئەتىگەن سائەت توققۇزدا كالېنىن ئادىتى بويىچە ئوغلىنى كۆرگىلى ئۇنىڭ قېشىغا كىرىدۇ، سائەت ئاللىقاچان توققۇز بولغان بولسىمۇ، ئاننا بىلەن سېيۇژانىڭ بىر ـ بىرىىدن ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ، بۇ چاغدا كالېنىن كىرىپ كېلىدۇ. ئاننا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈ، دارھال پەردىنى تارتىپ چۈشۈرىدۇ ـ دە، ئالمان ـ تالمان ئۆيدىن قېچىپ چىقىدۇ، ئوغلىغا ئاتاپ سېتىۋالغان ئويۇنچۇقنىمۇ ئوغلىغا بېرىشكە ئۈلگۈرمەي قايتۇرۇپ كېلىدۇ.
       ئاننا بىلەن ۋورونىسكى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن موسكۋادا تۇرىدۇ،  لېكىن ئاننانىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ئازابلىنارلىق بولىدۇ، جەمئىيەتتە خىلمۇ خىل گەپ ـ سۆزلەر تارقىلىدۇ، ئىجتىمائىي ئالاقە سەھەسىدىكىلەر ئۇنى ئارىغا ئالمايدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەيۋەت قىلىدغانم گەپ ـ سۆزدە چېقىۋالدىغان بولىدۇ، ھەتتا تىياتىرخانىغا ئويۇن كۆرگىلى بارسىمۇ ئۇ خۇدددى بوينىغا تاقاق سېلىپ سازايى قىلىنىۋاتقان كىشىدەك ئىجتىمائىي ئالاقە ساھەسىدىكىلەرنىڭ كەمسىتىىشلرىىگە ۋە ئەيىپلەشلىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ، نەتىجىدە ئۇ يەنە ئېرىگە نىكاھتىن ئاجرىشىپ كېتىش تەلىپىنى ئېيتىدۇ. ئاكىسى سىتېپانمۇ مۇشۇ ئىش ئۈچۈن پايپېتەك بولىدۇ. بىراق كالىنىن سىتىپانغا بەرگەن ئاخىرقى جاۋابىدا نىكاھتىن ئاجرىشىشقا ماقۇل بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاننا موسكۋادا يەڭگىسى دۇللىدىن باشقا ھېچكىم بىلەن كۆرۈشمەيدۇ، ۋورونىسكى ئۆيدە يوق چاغلاردا ئاننا ئۆزى يالغۇز قېلىپ، ئىچى تېخىمۇ پۇشۇپ، تىت ـ تىت بولۇپ كېتىدۇ. ئاننا ۋورونىسكىنى قانچىكى ياخشى كۆرگەنسېرى، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىدىن شۇنچە گۇمانلىنىدۇ. بىر كۈنى ئۇلار مۇشۇ توغلرۇلۇق گەپ تەگىشىپ قالىدۇ. ۋورونىسكى، مېنىڭ ئانناغا يۈز كېلەلمەيدىغان يېرىم يوق، دەپ قارىغاچقا، ئانناغا پىسەنتمۇ قىلماستىن ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئاننانىڭ «سەن پۇشايمان يەيسەنغۇ ئاخىر» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالىدىيۇ، يەنىلا يولىغا كېتىۋېرىدۇ. ئاخشىمى قايتىپ كەلگەندە، ئاننانىڭ بېشى ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلايدۇ، بىراق ئۇنى يوقلاپ كىرمەيدۇ. ئەتىسى ئۇ يەنە سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ. ۋورنىسكىنىڭ بۇ ھەركەتلىرىدىن ئاننانىڭ ئىچىگە برى قورقۇنچ چۈشىدۇ، ئۇ باشقا بىرىگە كۆيۈپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ ئەنسىرەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاننا خەت يېزىپ، تېلېگرامما بېرىپ، ۋورونىسكىنى دەرھال قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلىدۇ ۋە بۇ قېتىمقى گەپ تەگىشىپ قېلىشتا سەۋەنلىك ئۆزىدىن ئۆتكەنلىكىنى بوينىغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە ۋوگزالغا بېرىپ ۋورونىسكىنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلىدۇم بىراق ۋورونىسكى ئاننانىڭ قەلبىنى چۈشەنمىگەچكە، ئۆز ۋاقتىدا قايتىپ كەلمەيدۇ. ئاننا ھەددىدىن زىيادە ئۈمىدسىزلىنىپ، ئۆز مۇھەببىتىنىڭ باربات بولغانلىقىنى، ھەممە ئىشنىڭ تۈگەشكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭ قەلبىدە قانداقتۇر بىر غايىبانە غەزەپ ئوتى يانىدۇ، ۋورونىسكىدىن نەپرەتلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىش نىيىتىگە كېلىدۇ. ئاننا تۇنجى قېتىم ۋورونىسكى بىلەن ئۇچراشقان چېغىدا موسكۋا ۋوگزالىدا بىر ئادەمنى پويىز بېسلىپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلىق  ئەھۋالىنى توساتتىن ئېسىگە ئالىدۇ ـ دە، ئۆزىنىڭ قانداق قىلىشى لازىملىقىنى چۈشىنىدۇ. ئۇ ۋوگزال سەھنىسىدىن ئىتتىك چۈشۈپ، كېلىۋاتقان پويىز ئالدىغا ئۆزىنى تاشلايدۇ. ھەش ـ پەش دېگۈچە ئاننا بارلىق ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى تاپىدۇ، ئۇنىڭ ھاياتلىق يالقۇنى مەڭگۈگە ئۆچىدۇ.
     
         مىرزا كېرىم ئىنئامشا تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.