قىممەتلىك سوۋغا(سىبىنسېر. يوھانسۇن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-24 22:40:05

قىممەتلىك سوۋغاسىبىنسېر. يوھانسۇنمۇھەررىردىن: رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان، ئۇچۇر ۋە بىلىمنىڭ قىممىتى ئېشىۋاتقان بۇ دەۋرىمىزدە كىتابتىكى بىلىملەرنىڭ كىشىلەر ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى زورايما...

    قىممەتلىك سوۋغا
    سىبىنسېر. يوھانسۇن


    مۇھەررىردىن: رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان، ئۇچۇر ۋە بىلىمنىڭ قىممىتى ئېشىۋاتقان بۇ دەۋرىمىزدە كىتابتىكى بىلىملەرنىڭ  كىشىلەر ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى زورايماقتا. نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلارمۇ ئوقۇرمەنلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەھەتتىكى سۈپىتىنى ئاشۇرماقتا. يېقىندا ئامېرىكا يازغۇچىسى سىبىنسېر. يوھانسۇننىڭ «قىممەتلىك سوۋغا»، «بىر مىنۇت ئىچىدىكى سىز»، «ئېرىمچىكىمگە كىم تەگدى؟» ناملىق كىتابلىرى بازارغا سېلىنىپ پۈتكۈل دۇنيا كىتابخانىلىرى ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. بىز «قىممەتلىك سوۋغا» ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق. بۇ كىتاب دەل سىزنىڭ تۇرمۇش يولىڭىزدا دۇچ كەلگەن سىرلىق ئىشىكلەرنىڭ قۇلۇپلىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ بولۇپ قالغۇسى.
    1. مەسلىھەتچى ئىزدەش

    بۇرۇن ناھايىتى ئەقىللىق يىگىت بولۇپ، باي بولۇشنى ئويلايدىكەن. لېكىن قانداق قىلىپ باي بولۇشنىڭ يولىنى تاپالمايدىكەن، ئۇ مەلۇم بىر ئېلان شىركىتىگە ئورۇنلىشىپتۇ، لېكىن ئۇنىڭ مۇئاشى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ئىنتايىن غورىگۈل تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.
    بىر يىلدىن بېرى خىزمەت ئۇنىڭ ئۈچۈن قورقۇنچلۇق چۈشكىلا ئوخشاپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئەمدى ھەر كۈنى گېزىت كۆرۈش، خاتىرە يېزىش ۋە چۈشلۈكى ئۈچ سائەت غىزالىنىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان باشلىقىغا چىدىغۇچىلىكى قالماپتۇ. ئۇنىڭ باشلىقى دائىم زىددىيەتلىك قارار چىقىرىپ ئىشلارنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىكەن، ئەگەر ئۇنىڭ باشلىقىلا شۇنداق بولسا مەيلى ئىدىغۇ، ئەپسۇس... ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرىمۇ قورسىقى تويسا ھېچ ئىش بىلەن كارى يوقلاردىن ئىكەن. ئۇلار كەلگۈسىدىكى گۈزەل ئارزۇلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ قىسمەت ئالدىدا تەسلىم بولغاندەك ياشايدىكەن.
    ئۇنىڭ پۇل تاپسۇسى، باشقىچە ياشىغۇسى كەپتۇ. ئويلا - ئويلا ئاخىرى پۇل بولمىسا ھېچ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرەر پۇلدارنى ئۆزىگە يۆلەنچۈك قىلغۇسى كەپتۇ، ئەمدى كىمنى ئىزدەش كېرەك؟
    ئۇ گويا ئۆزىنى ھەممىگە ئېرىشتۈرىدىغان بۇرۇنقى كۈچ - قۇدرىتىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ئىدى.
    بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ بىر پۇلدار تاغىسىنىڭ بارلىقىنى ئېسىگە ئاپتۇ. تاغىسى ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ قېلسا ئەجەب ئەمەس.
    دوستانە، ئاق كۆڭۈل تاغىسى ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئىقتىسادىي ياردەم بەرمەسلىك شەرتى ئاستىدا كۆرۈشۈشكە قوشۇلۇپتۇ ھەم پۇل بېرىشنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانلىق بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
    ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغان تاغىسى سوراپتۇ:
     نەچچە ياشقا كىردىڭ؟
     33 ياشقا،  دەپتۇ يىگىت خىجىل بولغان ھالدا. ئۇ تاغىسىنىڭ سوئالىدا بىر خىل ئەيىبلەشنىڭ بارلىقىنى سېزىپتۇ.
     بىلمەمسەن؟ يوھان. پائولگېيت 32 ياشقا كىرگەندە دەسلەپكى 10 مىليون فوندستېرلىڭغا ئىگە بولغان. مېنىڭمۇ سەندەك چېغىمدا 55 فوندستېرلىڭ پۇلۇم بار ئىدى. مۇشۇ يېشىڭدا باشقىلاردىن پۇل سوراشتىن نومۇس قىلمامسەن؟
     مېنى خىجىل قىلماڭ تاغا. مەن گويا ئىتتەك ئىشلەيمەن، بەزى چاغلاردا ھەپتىدە 50 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلىمەن...
     سەن باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنىڭ كىشىنى باي قىلىۋېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسەن؟
     مەن... مېنىڭچە شۇنداق. قانداقلا بولمىسۇن بۇ مېنىڭ ئۆگەنگەنلىرىم - دە.
     سەن بىر يىلدا نەچچىلىك پۇل تاپىسەن؟... 3 مىڭ فوندستېرلىڭ؟
     ھەئە، شۇنچىلىك،  يىگىت جاۋاب بېرىپتۇ.
     سېنىڭچە يىلدا 30 مىڭ فوندستېرلىڭ تاپىدىغان ئادەملەر سەندىن 50 ھەسسە ئارتۇق ۋاقىت ئەمگەك قىلارمۇ؟ بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. ھەپتىدە ئاران 168 سائەتلا ئىشلەيدۇ شۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ تاپقان پۇلى سېنىڭ تاپقىنىڭدىن 10 ھەسسە ئارتۇق بولسا ھەم خىزمەت قىلغان ۋاقتى سېنىڭكىدىن ئاز بولسا، ئۇنداقتا ئۇ چوقۇم سېنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بىرەر ئىش قىلغان ياكى سەن بىلمەيدىغان بىرەر مەخپىيەتلىكى بولغان بولىدۇ.
     مەنمۇ شۇنداق قارايمەن، تاغا.
     سەن تولىمۇ تەلەيلىك ئىكەنسەن. ھەر ھالدا بۇ مەسىلىنى چۈشىنەلىدىڭ. نۇرغۇن ئادەملەر ھەتتا شۇنىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇلار تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ھەر تەرەپكە چېپىپ يۈرۈيدۇيۇ، لېكىن قەدىمىنى توختىتىپ قانداق قىلىپ پۇل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى ئويلاپ باقمايدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر ھەتتا بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ قانداق باي بولۇش كېرەكلىكىنى ھەم نېمىشقا مۇشۇنداق قىلمىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىپمۇ قويمايدۇ،  تاغىسى بىرئاز سۈكۈت قىلغاندىن كېيىن يىگىتكە قاراپ بىر خىل مەسخىرىلىك كۈلۈمسىرىگەنچە،  ئاڭلاپ تۇر، مەن ساڭا ياردەم بېرىش نىيىتىگە كەلدىم. مەن سېنى مېنىڭ باي بولۇشۇمغا ياردەم قىلغان بىر كىشى بىلەن كۆرۈشتۈرىمەن. ئۇنىڭ ئىسمى «تېز بېيىغۇچى»، ئېيتىپ باققىنە، سەن راستتىنلا باي بولۇشنى خالامسەن؟
     دۇنيادىكى ھەرقانداق نەرسىگە ئېرىشىشتىنمۇ بەكرەك خالايمەن.
     ئۇنداقتا ياخشى. بۇ ئالدىنقى ھەم ئاساسلىق شەرت. بىراق يالغۇز بۇلا كۇپايە قىلمايدۇ. سەن چوقۇم قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىشىڭ كېرەك.
    يىگىت قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.
    تاغىسى كەينىگە بۇرۇلۇپ تامغا ئېسىلغان خەرىتىدىكى كىچىك ئەمما يىراق بولغان بىر بازارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
     ئۇنىڭ تۇرالغۇسى دەل مۇشۇ. سەن ئۇ يەرگە بېرىپ باققانمۇ؟  دەپ سوراپتۇ. مەن باي بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇنى ئىزدىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    بۇ ئىشلار گەرچە يىگىتكە غەلىتە ۋە چۈشىنىكسىز تۇيۇلغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇنى قىزىقتۇرۇپتۇ.
     سىز راستتىنلا ماڭا ھېچنېمە دەپ بېرەلمەمسىز؟
     توغرا ئېيتتىڭ, مېنىڭ قولۇمدىن پەقەت سېنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويۇشلا كېلىدۇ.
     بۇ سېنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتىڭ، بۇ بولسا «تېز بېيىغۇچى»نىڭ ئادرېسى. سەن بۇ خەتنى ئوغرىلىقچە ئوقۇماسلىققا ۋەدە بەرگىن. ئەگەر ئوقۇغان تەقدىردە ئۇنىڭ ھېچقانداق قىممىتى قالمايدۇ... ئەگەر سەن گېپىمگە كىرمەي ئۇنى ئوقۇغان بولساڭ چوقۇم ئۇنى ئوقۇمىغان قىياپىتىڭگە قايت.
    ئۇ تاغىسىغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن قايتىپ كېتىپتۇ. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ ماشىنىسىنى ھەيدەپ «تېز بېيىغۇچى»نىڭ ئۆيىگە يول ئاپتۇ.

    باغۋەننى ئۇچرىتىش

    باي بولۇشقا ئىنتىلىش، باي بولۇشنىڭ ئالدىنقى ۋە ئاساسلىق شەرتى

    يىگىت «تېز بېيىغۇچى»نىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە تاغىسىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ ھېلىقى خەتنى ئېچىپتۇ بۇ نېمە ئىش؟ تاغىسى خاتالاشتىمۇ ياكى ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدىمۇ، بۇ بىر پارچە ئاق قەغەزلىغۇ؟
    يىگىت ئاچچىقىدا بۇ قەغەزنى يىرتىۋەتمەكچى بولۇپتۇ. بىراق ئۇ «تېز بېيىغۇچى»نىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى خىزمەتكارنىڭ ئۆزىنى «يەرگە قالايمىقان ئەخلەت تاشلىدى» دەپ ئەيىبلىشىدىن ئەنسىرەپ «تونۇشتۇرۇش»نى يانچۇقىغا سېلىپتۇ. قارىماققا ھېلىقى خىزمەتكار گويا ئۆزى قوغداۋاتقان داچىدەك مۇستەھكەم، سىرلىق بولۇپ، چىرايىدا كۈلكىدىن ئەسەر يوق ئىكەن.
     سىرگە ياردىمىم كېرەكمۇ؟  خىزمەتكا سوغۇقلا سوراپتۇ.
     مەن «تېز بېيىغۇچى» بىلەن كۆرۈشمەكچى...
     ئۇنداقتا تونۇشتۇرۇشىڭىز بارمۇ؟
    تونۇشتۇرۇشقۇ بار، بىراق ئۇنىڭغا ھېچنېمە يېزىلمىغان تۇرسا؟!
    ئۇ ناھايىتى تەڭلىكتە قاپتۇ. بۇ چاغدا دەرھال تاغىسىنىڭ «ئەگەر بۇ تونۇشتۇرۇشنى ئاچقان بولساڭ، ئۇنى ئاچمىغان ھالىتىڭگە قايت» دېگەن سۆزىنى يادىغا ئاپتۇ. خەتنى خىزمەتكارغا بېرىپتۇ. خىزمەتكار خەتنى كۆرۈپ:
     ناھايىتى ياخشى،  دەپلا يىگىتكە خەتنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ ۋە ئۇنى «تېز بېيىغۇچى»نىڭ تۇرالغۇسىغا باشلاپ مېڭىپتۇ. ئايلىنىپ يۈرۈپ 70 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر باغۋەننى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. باغۋەن يىگىتكە قاراپ كۈلۈمسىرىگەنچە ناھايىتى سىپايە ئاۋازدا:
     سىز بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟  دەپ سوراپتۇ.
     مەن «تېز بېيىغۇچى»نى ئىزدەپ كەلگەنىدىم.
     ھە، ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە، ئەدەبسىزلىك بولسىمۇ سەۋەبىنى سورىسام بولامدۇ؟
     مەن... مەن پەقەت ئۇنىڭدىن ئازراق مەسلىھەت سوراي دېگەن.
     ھەقىقەتەن پەرىزىمدىكىدەك بولدى...
    باغۋەن يەنە ئۆز ئىشىنى قىلىۋەرمەكچى بولۇپتۇيۇ، لېكىن يەنە نىيىتىدىن يېنىپ يىگىتتىن:
     يېنىڭىزدا 5 فوندستېرلىڭ بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
     5 فوندستېرلىڭ؟  يىگىتنىڭ شۇ ھامان يۈزى قىزىرىپ كېتىپتۇ.
     بالىقىغۇ بار، لېكىن مەندە مۇشۇ 5 فوندستېرلىڭلا بار ئىدى.
     ماڭا لازىممۇ دەل شۇنچىلىك،  دەپتۇ باغۋەن ئاجايىپ سىرلىق سالاپەت بىلەن.
     بېرىشنىغۇ تولىمۇ خالايمەن. لېكىن بۇنداق قىلسام، يېنىمدا ئۆيگە قايتقۇدەكمۇ پۇلۇم قالمايدۇ.
     سىز بۈگۈنلا قايتىپ كەتمەكچىمۇ؟
     ياق... مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، بەلكىم «تېز بېيىغۇچى» بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن كېتىشىم مۇمكىن،  دەپتۇ لېكىن جىددىيلەشكەن ھالدا.
     سىز بۇ 5 فوندستېرلىڭنى بۈگۈن ئىشلەتمىسىڭىز نېمىشكە ئۇنى ماڭا بېرىپ تۇرمايسىز؟ بەلكىم ئەتە ئۇنىڭغا ئېھتىياجىڭىز چۈشمەسلىكىمۇ مۇمكىن. كىم بىلىدۇ، ئەتە سىزمۇ بىر مىليونىرغا ئايلىنىپ قالامسىز؟
    يىگىتنىڭ بوۋاي بىلەن ئارتۇق تالاشقۇسى كەلمەي پۇلنى بوۋايغا بېرىپتۇ. باغۋەن پۇلنى ئالغاندىن كېيىن چىرايىدا مەمنۇنلۇق ئىپادىسى جىلۋە قىلىپتۇ. بۇ چاغدا بىر خىزمەتكار باغۋەننىڭ يېنىغا كېلىپتۇ ۋە ناھايىتى ئەدەپ بىلەن:
     ئەپەندىم، 5 فوندستېرلىڭ بەرسىڭىز، ئاشپەز بۈگۈن كەتمەكچى ئىكەن، شۇڭا ئۇ ھېساباتنى ئۈزۈۋەتسەك دەپتۇ.
    باغۋەن كۈلۈمسىرىگىنىچە يانچۇقىدىن بىر تۇتام پۇلنى ئېلىپتۇ (بەلكىم نەچچە مىڭ فوندستېرلىڭ بولسا كېرەك) ۋە پۇللار ئارىسىدىن يىگىتتىن ئالغان ھېلىقى 5 فوندستېرلىڭنى ئېلىپ خىزمەتكارغا بېرىپتۇ. يىگىت بۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن غەزەبلىنىپتۇ. بۇ باغۋەن شۇنچە باي تۇرۇپ 5 فوندستېرلىڭنى ئېلىۋالغىنى نېمىسى؟
     سىزدە پۇل كۆپكەن 5 فوندستېرلىڭغىمۇ ئېھتىياجلىق ئەمەسكەنسىز قايتۇرۇپ بېرىڭ؟  دەپتۇ يىگىت ئاچچىقى بىلەن.
     ئەلۋەتتە بۇ پۇلغا ئېھتىياجلىق. قارا، مەندە بەش فوندستېرلىڭ پارچە پۇل يوق.
     سەن مېنى ئۇنىڭغا 50 فوندستېرلىڭ بېرىدۇ دەپ قالمىغانسەن  ھە؟  دەپ سوراپتۇ.
     سىز نېمىشقا بۇنچە كۆپ پۇلنى يېنىڭىزدا ساقلايسىز؟
     بۇ مېنىڭ پارچە پۇللىرىم. دائىم ئېھتىماللىق ئۈچۈن 10 مىڭ فوندستېرلىڭنى يېنىمدىن ئايرىمايمەن،  دەپ جاۋاب بېرىپتۇ باغۋەن.
     10 مىڭ فوندستېرلىڭ؟  يىگىت ناھايىتى ھەيران بولۇپ توۋلىۋېتىپتۇ.
    توساتتىنلا ھەممە ئىش ئايدىڭلىشىپتۇ.
     ھە، «تېز بېيىغۇچى» دېگەن دەل سىز، شۇنداقمۇ؟
     ھازىرچە شۇنداق،  دەپتۇ باغۋەن ۋە:
     سېنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىڭدىن خۇشالمەن. بىراق ئېيتىپ باقە، سېنى بۇ يەرگە كىم ئەۋەتتى؟  دەپ سوراپتۇ.
     مېنى تاغام ئەۋەتكەنىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ سىزنىڭ مەخپىيەتلىكىڭىزدىن تۇنجى بولۇپ بەھرىلەنگەن ئادەم ئىكەن.
    ھېلىمۇ ئېسىمدە، خېلى يىللار بۇرۇن ئۇ مېنى كۆرگىلى كەلگەن. تاغاڭ خۇددى باشقا قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە ئوخشاش ئىجاد قىلىش روھىغا باي كىشى ئىدى. لېكىن ئېيتقىنا؟ ئۆزۈڭ نېمىشقا تېخىچە باي بولالمىدىڭ؟ سەن بۇ سوئالنى ئۆزۈڭدىن ئەستايىدىللىق بىلەن سوراپ باقتىڭمۇ؟
     بۇنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقماپتىمەن.
     بۇ دەل سەن قىلىشقا تېگىشلىك بىرىنچى ئىش. ئەگەر خالىساڭ ئويلىغانلىرىڭنى ئېيتىپ بەرگىن. مەن ساڭا يول كۆرسىتىپ بېرەلەيمەن.
    يىگىت ھەممىنى دېمەكچى بولۇپتۇيۇ، لېكىن ئاغزى بارماپتۇ.
     چۈشەندىم. سەن بۇنداق قىلىشنى خالىمايدىكەنسەن.
     رەھمەت، ئەۋەتتە خالايمەن.
    يىگىت «تېز بېيىغۇچى»غا ئەگىشىپ ئۆيگە كىرىپتۇ. ئۆي ئىچىدىكى بىر قۇم سائەتكە «ۋاقىت دېمەك پۇل دېمەكتۇر» دېگەن خەتلەر ئويۇلغانىكەن.
     ھازىرقى خىزمىتىڭنى ياخشى كۆرەمسەن؟  دەپ سوراپتۇ بوۋاي.
     مېنىڭچە شۇنداق.
     جاۋابىڭ چوقۇم ئىشەنچىلىك بولۇشى كېرەك. مەن نۇرغۇن بايلارنى ئۇچراتتىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيىدۇ. ئۇلار خىزمىتىنى گويا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدەك كۆڭۈللۈك بىلىشىدۇ. مانا بۇ، بايلارنىڭ نېمىشقا دەم ئېلىشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. شۇڭا ئۇلار پۇللىرى ئېشىپ - تېشىپ تۇرىدىغان مىليونېر بولسىمۇ، يەنىلا داۋاملىق خىزمەت قىلىدۇ. گەرچە ئۆز خىزمىتىدىن ھۇزۇرلىنىش ئەڭ مۇھىم ئامىل بولسىمۇ، لېكىن بۇلا كۇپايە قىلمايدۇ. باي بولۇش ئۈچۈن سەن ئۇنىڭ مەخپىي يولىنى چوقۇم بىلىشىڭ كېرەك. ئېيتقىنا، سەن مۇشۇنداق مەخپىيەتلىكنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەمسەن؟
     شۇنداق، ئىشىنىمەن.
     ناھايىتى ياخشى. مانا بۇ دەسلەپكى قەدەم. باش بولۇش ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپ ئۆزۈڭگە ئىشىنىشىڭ، ئاندىن بايلىققا بارلىق كۈچۈڭ بىلەن ئىنتىلىشىڭ كېرەك. تولۇقلاپ ئۆتمەكچىمەنكى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەخپىيەتلىكنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى چەكلەپ تۇرغىنى تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقىدۇر. «ئوغرىلانغان خەت» ناملىق ھېكايىدىكى ۋەقەلىككە ئوخشاپ كېتىدۇ. «تېز بېيىغۇچى» سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ،  ھېكايىدە ساقچىلار ئۆي ئىچىنى خېلى ئۇزۇن ئاختۇرۇپمۇ ھېلىقى خەتنى تاپالمايدۇ. چۈنكى خەت تىقىپ قويۇلمىغان بەلكى «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» دېگەندەك ئوچۇق - ئاشكارا ئەمما كۆزگە ئاسان چېلىقمايدىغان يەرگە قويۇپ قويۇلغان. ساقچىلارنىڭ خەتنى تاپالماسلىقى ئۇلاردا تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ كەملىكىدە. ئۇلار خەتنى شۇ يەردىن تاپالايدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن، شۇڭا ئۇ يەرنى ئىزدىمىگەن.
    يىگىت «تېز بېيىغۇچى»نىڭ سۆزىنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئاڭلاپتۇ. مەخپىيەتلىكنى بىلىشكە بولغان قىزىقىشىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىپتۇ.

    پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش
    قانچىلىك پۇل خەجلەپ «باي بولۇشنىڭ سىرى»غا ئېرىشمەكچى بولۇۋاتىسەن؟
    «تېز بېيىغۇچى»نىڭ سوئالى يىگىتنى قايمۇقتۇرۇپ قويۇپتۇ. «مەن پۇل چىقىرىشنى خالىغان تەقدىردىمۇ يېنىمدا بىر تىيىن يوقتە؟» دەپ ئويلاپتۇ يىگىت.
     ئەگەر سېنىڭ پۇلۇڭ بولسا نەچچە پۇل چىقارغان بولاتتىڭ؟  «تېز بېيىغۇچى» ناھايىتى تېزلا قوشۇپ قويۇپتۇ.
    يىگىت ئەمدى بۇ سوئالدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئامالسىز قاپتۇ. «تېز بېيىغۇچى» ئۇنىڭ ئېنىق بىر ساننى دېيىشىنى تەلەپ قىپتۇ.
     بىلمىدىم، 100 فوندستېرلىڭ بولارمۇ؟...  جاۋاب بېرىپتۇ يىگىت.
    «تېز بېيىغۇچى» قاتتىق كۈلۈپ كېتىپتۇ. يىگىت ئۇنىڭ كۈلگىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپتۇ. 100 فوندستېرلىڭ؟  سەن مەخپىيەتلىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمەيسەن، شۇنداقمۇ؟ ئەگەر ئىشەنگەن بولساڭ ھېچبىر ئىككىلەنمەستىن نۇرغۇن پۇل چىقارغان بولاتتىڭ. لېكىن بىلىشىڭىز كېرەككى، مەن ھازىر تولىمۇ نامرات.
     ئوۋ، پەرۋەردىگارىم!  «تېز بېيىغۇچى» قاتتىق توۋلىۋېتىپتۇ ۋە:
    ھەرقانداق تىرىشچان ئادەم پۇلغا تايىنىپ پۇل تېپىشقا موھتاج ئەمەس. مېنىڭ كۆزدە تۇتقىنىم شەخسنىڭ پۇلى. يېنىڭدا بىر چەك دەپتىرى بارغۇ دەيمەن؟...
     يىگىت تېنىۋالماقچى بوپتۇ. لېكىن شۇ كۈنى ئەتىگىنى ئۇ راستتىنلا بىر دانە چەك دەپتىرىنى يانچۇقىغا سالغان (بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى پەقەت تەڭرى بىلىدۇ). ئۇنىڭ چېكىدا پەقەت 28.12 فوندستېرلىڭلا بار. بۇ ئەلۋەتتە ھېچنېمىگە يەتمەيدۇ! بۇ چاغدا ئۇنىڭ قەلبىدە رەت قىلىش خىيالى بولسىمۇ، لېكىن ھېلىقى چەكنى چىقىرىپ خۇددى ماشىنا ئادەم خوجايىنىنىڭ بۇيرۇقىنى بىجا كەلتۈرگەندەك، ئىختىيارسىز ھالدا بوۋايغا بېرىپتۇ. بوۋاي ئەسلىدە سېھىرگەردەك ئۇنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغانىكەن.
     ناھايىتى ياخشى. ئەمدى ھېچقانداق مەسىلە قالمىغانلىقىنى چۈشەنگەنسەن؟  دەپ سوراپتۇ ۋە ناھايىتى نەپىس بىر قەلەمنى يىگىتكە سۇنۇپ، ئاندىن:
     بۇنىڭغا كۆڭلۈڭدىكى ساننى يازغىن ۋە قول قوي، دەپتۇ.
     بىراق، مەن نەچچىلىك يېزىشىمنى بىلمەيمەن.
     بولىدۇ، ھە... 10 مىڭ فوندستېرلىڭ دەپ ياز،  دەپتۇ بوۋاي ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن.
     10 مىڭ فوندستېرلىڭ؟  دەپتۇ يىگىت ئۈنلۈك ئاۋازدا،  سىز چاقچاق قىلىۋاتامسىز؟
     خالىساڭ 20 مىڭ فوندستېرلىڭ دەپ يازساڭمۇ بولىدۇ،  دەپتۇ بوۋاي.
     ئەينى يىللىرى مەن مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن بىر چوڭ سودىنى پۈتتۈرگەن. ئاۋۋال 100 مىڭ فوندستېرلىڭلىق چەكتىن بىرىگە قول قويدۇم، كېيىن قەرزنى تۆلەش ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن پۇل ئىزدەپ يۈردۈم. ئەگەر شۇ چاغدا مەن ئۇ چەككە قول قويمىغان بولسام ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەتتىن قۇرۇق قالغان بولاتتىم. ئۇ مېنىڭ تىجارەت قىلغاندىن بېرى دەسلەپكى ئېرىشكەن ئىبرەتلىرىمنىڭ بىرى، راست شۇنداق، دەپتۇ بوۋاي.
    ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ ئۆزىگە پۈتۈنلەي ماس كېلىدىغان كىشىنى ئىزدەش بىلەن ھېچ ئىش ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ.

    يىگىت چەكنى تولدۇرۇپتۇ، پۇلنىڭ سانىنىمۇ يېزىپتۇ، بىراق يەنىلا قول قويۇشقا پېتىنالماپتۇ.
     ئەگەر مىليونېر بولماقچى بولىدىكەنسەن، ئىشنىڭ ھامان باشلىنىشى بولىدۇ. سەن ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ جىق پۇلغا چەك يېزىشقا كۆنۈپ كېتىسەن، بۇ پەقەتلا بىر باشلىنىش.
     بۇنىڭغا قول قويالماسلىقىڭغا نېمە سەۋەب بولدى؟  سوراپتۇ بوۋاي ۋە يەنە:
     پۇلنىڭ ... سانى... ئۈچۈن ئەمەس،  دەپتۇ يىگىت دۇدۇقلاپ تۇرۇپ. بۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭقىرالماي قاپتۇ.
     سېنىڭ نېمىشقا بۇ چەككە قول قويمىغانلىقىڭنىڭ سەۋەبىنى بىلىمەن. چۈنكى سەن بۇ مەخپىيەتلىكىمنىڭ سېنى مىليونېرغا ئايلاندۇرۇۋېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيسەن.
     ئەگەر سەن بۇ مەخپىيەتلىكىمنىڭ سېنى بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 50 مىڭ فوندستېرلىڭغا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىغا بۇ چەككە قول قويارمىدىڭ؟  دەپ سوراپتۇ. يىگىتنىڭ ئەمدى بۇنداق ياخشى تەكلىپكە قوشۇلماسلىققا ھېچقانداق ئاساسى قالماپتۇ. ئۇ:
     مەن شۇنداق قىلىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن، ئۇ چاغدا مەن 40 مىڭ فوندستېرلىڭ تاپقان بولىمەن،  دەپتۇ.
     ئۇنداقتا قول قويغىن. ساڭا رەسمىي ۋەدە بېرىمەن، سەن چوقۇم شۇنچىلىك پۇل تاپىسەن.
     سىز خەت يۈزىدە ۋەدە بېرىشنى خالامسىز؟
    «تېز بېيىغۇچى» يەنە بىر قېتىم قاتتىق كۈلۈپتۇ ۋە:
     سىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم يىگىت. سەن ئۆزۈڭگە چېكىنىش يولى قالدۇرماقچى شۇنداقمۇ؟ بۇ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىقنىڭ پۈتۈنلەي ھاجىتى قالمىغان تەقدىردىمۇ ھەممىلا ئادەمگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ - دە!
    بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇپ، تارتمىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىن تەييارلاپ قويۇلغان بىر ھۆججەتنى ئېلىپ يىگىتكە بېرىپتۇ. يىگىت ئۇنى ناھايىتى تېزلىكتە كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن چىرايىدا رازىمەنلىك ئىپادىسى كۆرۈلۈپتۇ. بۇ چاغدا بوۋاي دەرھال پىكرىنى ئۆزگەرتىپ:
     مېنىڭ مۇنداق بىر پىلانىم بار. بىز باغلىشايلى بولامدۇ؟  دەپتۇ ۋە يانچۇقىدىن بىر دانە تەڭگىنى چىقىرىپ قولىدا پىرقىراتقىنىچە:
     بىز مۇشۇ تەڭگىدە ئۇتۇشايلى. ئەگەر مەن ئۇتتۇرۇپ قويسام، يانچۇقۇمدىكى 10 مىڭ فوندستېرلىڭنى ساڭا بېرەي، ئەگەر سەن ئۇتتۇرۇپ قويساڭ، يېنىڭدىكى چەكنى ماڭا بەر بولامدۇ؟
    بايا سىزگە ئېيتقاندەك مېنىڭ بانكىدا ئازراقلا پۇلۇم بار، لېكىن بۇ چەككە ئالماشتۇرغىدەك كۆپ ئەمەس.
     چاتاق يوق، مەن ئالدىرىمايمەن، ھەتتا كېلەر قېتىم كۆرۈشكىچە ساقلاشقىمۇ رازى. بىز نېمىشكە بىر يىلدىن كېيىنكى مۇشۇ كۈندە كۆرۈشۈشنى كېلىشمەيمىز؟
     بولىدۇ، مۇشۇنداق شارائىتتا مەن باغلىشىپ بېقىشقا قوشۇلىمەن،  دەپ جاۋاب بېرىپتۇ يىگىت.
    بوۋاي تەڭگىنى تاشلىماقچى بولغان پەيتتە يىگىت ئۇنى توسۇپ قاپتۇ - دە:
     تەڭگىنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟  دەپ سوراپتۇ. بوۋاي:
     ئەلۋەتتە بولىدۇ. يىگىت مەن سېنى ھەقىقەتەن ياقتۇرۇپ قالدىم. سەن نېمىدىگەن ئېھتىياتچان؟  دەپتۇ تەبەسسۇم بىلەن ئاندىن ناھايىتى ئەدەپ بىلەن تەڭگىنى يىگىتكە بېرىپتۇ. يىگىت تەڭگىنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئەستايىدىل كۆرگەندىن كېيىن بوۋاي ئۇنىڭدىن قايسى تەرەپنى تاللىغانلىقىنى سوراپتۇ.
     ئادەم بېشى بار تەرەپنىڭ قارشى تەرىپىنى ئالاي دەپ  جاۋاب بېرىپتۇ يىگىت.
    «تېز بېيىغۇچى» تەڭگىنى تاشلاپتۇ. يىگىتنىڭ يۈرىكى گويا تۇنجى قېتىم سۆيگىنى بىلەن كۆرۈشكەندىكىگە ئوخشاش ھاياجانلىق سوقۇشقا باشلاپتۇ. تەڭگە ئۈستەل ئۈستىدە بىر ھازا ئايلانغاندىن كېيىن ئاخىر توختاپتۇ.
     ئادەم بېشى!
     بوۋاي خۇشاللىق بىلەن توۋلاپتۇ. لېكىن يەنە دەرھاللا ھېسداشلىق قىلغان تەلەپپۇزدا يىگىتكە:
     ئەپسۇس،  دەپتۇ.
    ئۇ راستتىنلا ئەپسۇسلىنىۋاتامدۇ ياكى ئەدەپ يۈزىسىدىن شۇنداق دەپ قويدىمۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك قىيىن. يىگىت ئەمدى بۇ چەككە قول قويمىسا بولمايدۇ.
     ماڭا ئۇ مەخپىيەتلىكنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟  دەپ سوراپتۇ يىگىت.
     ئەلۋەتتە بولىدۇ. يېنىڭدا قەغەز بارمۇ؟ مەن ئۇنى قەغەزگە يېزىپ بەرسەم ئۇنتۇپ قالمايسەن.
     كەچۈرۈڭ، يېنىمدا قەغەز يوقكەن.
     سەندە بىر پارچە تونۇشتۇرۇش خېتى بار ئىدىغۇ؟ تاغاڭ مۇشۇ يىللاردىن بۇيان يېنىمغا ئەۋەتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق بىر پارچە تونۇشتۇرۇش خېتى بار ئىدى،  دەپتۇ بوۋاي.
    يىگىت خەتنى بوۋايغا بەرگەچ ئۇنىڭ خەتنى ئاچقاندىكى ھالىتىگە دىققەت قىپتۇ. بىراق بوۋاي خەتنىڭ قۇپقۇرۇق ئىكەنلىكىدىن ئانچە غەلىتىلىك ھېس قىلمىغان بولسا كېرەك، چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە كۆرۈلمەپتۇ. ئۇ قەلىمىنى ئېلىپ ئۈستەلگە يۆلەنگەنچە خەت يېزىشقا تۇتۇش قىپتۇ. ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ يىگىتنى خىزمەتكارنى چاقىرىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ.
     ئۇ ئاشخانا ئۆيدە، تاپالايسەن،  دەپتۇ بوۋاي چۈشەندۈرۈپ.
    يىگىت خىزمەتكارنى باشلاپ كىرگىنىدە بوۋاي خەتنىڭ ئاغزىنى يەملەۋاتقان بولۇپ، گويا ئۆزىدىن مەمنۇن بولغاندەك كۈلۈپ تۇرغانىكەن.
     بۇ ياش مېھمىنىمىز بۈگۈن بۇ يەردە قونۇپ قالماقچى، سەن چىقىپ ئۇنىڭغا بىر ھۇجرىنى راسلاپ بەرگىن،  دەپتۇ ئۇ ئاندىن يىگىتكە قاراپ:
     مەخپىيەتلىك بۇنىڭ ئىچىدە.
     سەندىن ئۆتۈنىدىغان بىر ئىش بار. سەن پەقەت ئۆيدە يالغۇز قالغان چاغدىلا ئاندىن بۇ خەتنى ئېچىپ ئوقۇغىن... ھە، يەنە بىر تەلىپىم، مەن يازغان بۇ مەخپىيەتلىكنى ئوقۇشتىن بۇرۇن، ۋاقتىڭنىڭ بىر قىسمىنى سەرپ قىلىپ سەندىنمۇ بەختسىز بولغان بەزى كىشىلەر بىلەن بۇ مەخپىيەتلىكتىن ئورتاق پايدىلىنىدىغانلىقىڭ توغرۇلۇق ماڭا ۋەدە بەرگىن. ئەگەر خالىساڭ، سەن مېنىڭ مەخپىيەتلىكىمنى ئاڭلىغان ئەڭ ئاخىرقى ئادەم بولۇپ قالىسەن. مېنىڭ خىزمىتىممۇ شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ،  دەپتۇ ئاخىرىدا يەنە:
     ئەگەر سەن بۇ مەخپىيەتلىكنى باشقىلار بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشنى خالىمىساڭ، ھازىر چېكىنسەڭمۇ كېچىكمەيسەن. ئۇنداقتا بۇ خەتنى ئاچساڭمۇ بولمايدۇ. مەنمۇ ھېلىقى چەكنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىمەن. سەنمۇ ئۆيۈڭگە قايتىپ بۇرۇنقى تۇرمۇشۇڭنى داۋاملاشتۇرساڭ بولىۋېرىدۇ،  دېگەنلەرنىمۇ قوشۇپ قويۇپتۇ.
    يىگىت ئاخىر ئۇتۇق قازىنىشنىڭ سىرى بولغان بۇ قىممەتلىك مەخپىيەتلىكنى قولىدا چىڭ تۇتۇپتۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ چېكىنمەسلىكى كېرەك. ئۇنىڭ قىزىقىش ئىستىكى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپتۇ:
     مەن خالايمەن،  جاۋاب بېرىپتۇ يىگىت.

    جىنايەتچىگە ئايلىنىش

    ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىان ئادەمنى كۈتۈش بىلەن ھېچقانداق ئىش ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ!
    ئەلمىساقتىن تارتىپ بايلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ پۇلى بىلەن ئۆزلىرىگە بايلىق توپلىغان.
    ھەرقانداق تىرىشچان ئادەم، ئەزەلدىن پۇل بىلەن پۇل تېپىشقا موھتاج ئەمەس.
    تۈن پەردىسى جاھاننى قاپلاپتۇ. تولۇن ئاي ئەتراپنى يورۇتۇپتۇ. يىگىت ئەنە شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن، ئەمما چۈشەنمەك تەس بولغان «باي بولۇشنىڭ سىرى»نى ئېسىگە ئاپتۇ. ئۇ خەتنى ئوقۇماقچى بولۇپ ئېچىپتۇ. كۆز ئالدىدىكىسى بىر پارچە ئاق قەغەزغۇ! قەغەزنى ئۇيان - بۇيان ئۆرۈپ بېقىپتۇ. لېكىن ھېچقانداق ئىزمۇ يوق! ئۇ بوۋاي تەرىپىدىن ئەخمەقلەرچە ئالدىنىپتۇ. ئۇ شۇنچە كۆپ پۇلنىڭ ئورنىغا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان «مەخپىيەت»لىككە ئېرىشىپتۇ! بوۋاي ئۇنىڭغا خېلى ياخشى تەسىر بەرگەن، ئۇ تېخى بۇ «سەمىمىي» بوۋاينى ئازراق ياخشى كۆرۈپمۇ قالغانىدىغۇ؟ كونىلاردا «ياۋاش ئادەم مەڭگۈ پۇل تاپالمايدۇ» دېگەن گەپ بولىدىغان، قارىغاندا بۇ گەپنىڭ ئاساسىي باردەكمۇ قىلىدۇ.
    ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ تىجارەت قىلىشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تەن ئالمىسا بولمايدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ بوۋاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشتى - دە!
    بۇ ئىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ساختىلىق بار. ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئەستايىدىل پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرغان بۇ توزاققا چۈشكەن. ئۇنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى بۇ يەردىن دەرھال قېچىپ كېتىش. كىم بىلسۇن؟ ھازىر ئۇنىڭ ھاياتىمۇ خەۋپ ئىچىدە قالدىمۇ تېخى!
    ئۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئىشىك تۈۋىگە كەپتۇ ۋە ئاستا ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى تولغاپتۇ. ئۆلگۈر! ئىشىك تاقىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇ بىر جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەمدى پەقەت دېرىزىلا ئۇنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى. ئۇ دېرىزە تۈۋىگە كەپتۇ. دېرىزىغۇ ئوچۇق ئىكەن، بىراق يەردىن 30 چى ئېگىزلىكتە، ئەگەر سەكرىسە چوقۇم بىرەر ئەزاسى زەخىملىنىدۇ دېگەن گەپ. ئەمدى باشقىچىرك ئامال تېپىش كېرەك. بىردىنبىر ئامال قوڭغۇراقنى بېسىپ خىزمەتكارنى چاقىرىش. ئۇ يەنە نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ تۈن كېچىدە جىمجىت غايىب بولۇش ئەمدى مۇمكىن ئەمەستە!
    ھەممىسى ئۇخلاپ قالدىمۇ؟ ياكى قوڭغۇراق بۇزۇلۇپ قالغانمىدۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ۋارقىرىماقتىن باشقا چارە يوق. بىراق ئۇ بۇنداق قىلالمايدۇ. ئەگەر بوۋاي ياخشى نىيەتتە بولغان بولسىچۇ؟ قارىماققىغۇ ئۇنداق ئەمەستەك، لېكىن تۈن كېچىدە ساراڭغا ئوخشاش ئاۋازىنىڭ بارىچە ۋارقىرىسا ھەممە كىشىنى ئويغىتىۋەتمەمدۇ؟ ئاخىر ئۇ مەيلى نېمىلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىر دەم ئۇخلىۋالماقچى بولۇپتۇ. بىراق ئۇخلاشمۇ ئۇنداق ئاسان چۈشمەپتۇ. بۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشلار كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ ھەرقانچە سەۋەب ئىزدىسىمۇ، قەلبىنى ئۆرتەۋاتقان بۇ بىمەنىلىكتىن قۇتۇلالماپتۇ. 10 مىڭ فوندستېرلىڭ خەجلەپ سېتىۋالغان ھېلىقى قۇرۇق قەغەز گويا ئۇنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك كۆز ئالدىدا ئۇياقتىن - بۇياققا ئۇچۇۋاتقاندەك بىلىنىپ ئارامىدا قويماپتۇ. ھېلىمۇ ياخشى شېرىن ئۇيقۇ ئۇنى ئاخىر بۇ قورقۇنچ ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇپتۇ.

    ئىشەنچ بولۇشى كېرەك

    ئىككىنچى كۈنى سەھەر ئويغانغاندا، ئۇ ئۆزىنى گويا نەچچە توننا ئېغىرلىقتىكى كىران ماشىنىسى دەسسەپ تۇرغاندەك ھېس قىلىپتۇ. تېخىمۇ غەلىتە بولغىنى دېرىزىدىن كىرگەن سەلكىن شامال ئۇ يىرتىپ تاشلىۋەتكەن ھېلىقى قەغەزنى ئۇچۇرغان پېتى ئەسلى ھالىتىدە ئۇنىڭ كارىۋىتىغا ئەكېلىپ قويۇپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ئويغىنىپلا كۆرگەن تۇنجى ئىشى بولۇپ، ئۇنى راسا غەزەپلەندۈرۈپتۇ. ئۇ ئۇخلىغان چېغىدا كىيمىنىمۇ ئالماشتۇرماستىن ياتقاچقا كىيىملىرى پۇرلىشىپ كەتكەنىكەن. ئۇنىڭ پۈتكۈل خىيالى ھېلىقى بوۋاينى تېپىپ، بۇ مەخپىيەتلىكنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، چەكنى قايتۇرۇۋېلىشتا بولغاچقا بۇ ئىشلار بىلەن كارى بولماپتۇ. ئىشىك تۈۋىگە كەپتۇ. بەلكىم ئۇ ھازىرمۇ بىر جىنايەتچىدەك قاماقلىق بولۇشى مۇمكىن، بىراق ئەھۋال ئۇنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەنىكەن. ئۇ ھۇجرىدىن چىقىپ ئاشخانا ئۆي تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا «تېز بېيىغۇچى» ئۈستەل يېنىدا غەم يېمەستىن ئولتۇرغىدەك. ئۇ قولىدا تەڭگىنى ئويناتقاچ ئاغزىدا ساناشقا باشلاپتۇ.
     سەككىز، توققۇز... ئون... بىراق ئۇ ئون بىرنى سانىماپتۇ، پەقەت  «ئۆلگۈر!» دېگىنىچە قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تەڭگىنى تۇتۇۋاپتۇ - دە، «مەن ئەزەلدىن ئوندىن ئاشالمايمەن» دەپتۇ ۋە ئۇلاپلا «مەن ھەر قېتىم تەڭگە تاشلىغاندا ئون قېتىمدا تەڭگىنىڭ تەتۈر تەرىپى چۈشسىمۇ، لېكىن ئون بىرىنچى قېتىمدا چوقۇم ئادەمنىڭ باش سۈرىتى ئويۇلغان تەرىپى چۈشەتتى» دەپتۇ.
    يىگىتنىڭ كاللىسىدا شۇئان بىر خىيال كېچىپتۇ ۋە شۇندىلا ئالدىنقى كۈنى ئۆزىنىڭ ئىككى قېتىم ئالدانغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپتۇ. مەيلى ئادەمنىڭ باش سۈرىتى ئويۇلغان تەرەپ بولسۇن ياكى تەتۈر تەرىپى بولسۇن ئۇنىڭ يېڭىشى مۇمكىن ئەمەس...
     تۈنۈگۈن بىزنىڭ باغلىشىشىمىزدا ھېچقانداق سەمىمىيلىك يوق، بۇنى تەن ئالىمەن. مەقسىتىم پەقەت پۇللىرىمنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئۇسۇلىمنى كۆرسىتىپ قويماقچىلا، خالاس. يەنە كېلىپ بۇنداق ئۇقۇشماسلىقنىڭ بولۇشىمۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس. كىشىلەر ھەمىشە بۇنداق ئۇسۇلنى ئالدامچىلىق دەپ خاتا چۈشىنىۋالىدۇ،  دەپتۇ بوۋاي.
    يىگىت بوۋايغا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قاپتۇ. شۇندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ نېمىشقا بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى ئېسىگە ئاپتۇ - دە، ھېلىقى خەتنى ئۈستەلگە پىرقىرتىپ تاشلاپ:
     مېنى ھەجەپمۇ ئالدىدىڭىز، ئەپەندى. سىزنىڭ پۇل تېپىش ئۇسۇلىڭىز نېمىدېگەن ئۆزگىچە؟ مۇشۇ بىر پارچە قۇرۇق قەغەز بىلەنلا 10 مىڭ فوندستېرلىڭ تاپتىڭىز ئەمەسمۇ،  دەپتۇ زەردە بىلەن.
     ئۇ قۇرۇق قەغەز ئەمەس، باي بولۇشنىڭ سىرى،  دەپتۇ بوۋاي.
    مېنى ئەخمەق چاغلاپ قالدىڭىزمۇ  يا؟  دەپ سوراپتۇ.
     ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. سەندە پەقەت كۈزىتىش ئىقتىدارى كەمچىل ئىكەن. بۇ ناھايىتى نورمال ئەھۋال. بۇ سېنىڭ ياش ۋە يېتىلمىگەنلىكىڭدىن  دەپتۇ بوۋاي.
     بەلكىم شۇنداقتۇ، بىراق ھەرقانچە بولسىمۇ نېمىنىڭ ئاق قەغەز ئىكەنلىكىنى ھەم سىزنىڭ مېنىڭ ئالدىغىنىڭىزنى پەرق ئېتەلەيمەن،  دەپتۇ يىگىت.
     مەن سېنىڭ يەنە نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. ساڭا ۋەدە بېرەي، سەن مۇشۇ قۇرۇق قەغەز بىلەن بىر مىليونېرغا ئايلىنىسەن. قۇلاق سال، ئەگەر سەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ مەخپىيەتلىكتىن پايدىلىنالىساڭ، ئۇ چاغدا باشقىلارغىمۇ ياردەم قىلىشىڭغا توغرا كېلىدۇ. ئۆزۈڭ كەمبەغەللىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلغان چاغدا ئەتراپىڭدىكى كەمبەغەللىكتە ياشاۋاتقان كىشىلەرگە كەمبەغەللىكتىن قانداق قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ قويۇشۇڭ كېرەك. ئەمدى ماڭا تۈنۈگۈن بەرگەن ۋەدەڭنى قايتىدىن بىر تەكرارلاپ بەرگىن بولامدۇ؟  دەپتۇ بوۋاي. ئەمدى يىگىت بوۋاينىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئالدىدا شۇنداق قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم قىپتۇ. بوۋاينىڭ چېھرىدە گويا يىگىتنى تۇنجى كۈنى كۆرگەن چېغىدىكىگە ئوخشاش غەلىتە كۈلكە جىلۋىلىنىپتۇ.
     مەن ساڭا بۇ مەخپىيەتلىكنى ئۆزۈم ئېيتىپ بېرەي. چۈنكى سەن ئۇنى ئۆزۈڭ تاپالمىغۇدەكسەن.
    ھەقىقىي چۈشىنىش بولغاندىلا ئىشەنچ بولىدۇ. سەن بۇ مەخپىيەتلىكنى چۈشەنگەن چېغىڭدىلا ئۆزۈڭنىڭ نېمىشقا ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن. لېكىن دەسلەپتە ئۇ شۇنچە ئاددىي بولسىمۇ، سەن ئۇنى چۈشىنىشكە ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە ئامالسىز قېلىشىڭ مۇمكىن. شۇڭا سېنىڭ ئاز - تولا ئىشىنىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. خۇددى بىر گۇمانخور نەزەرىيىچى خۇدانى چۈشىنىشنى سىناپ باققىنىغا ئوخشاش. ئەگەر ئۇ مەۋجۇت بولمىغان تەقدىردىمۇ ساڭا ھېچقانداق زىيىنى يوق. بۇ مەخپىيەتلىكمۇ دەل شۇنىڭغا ئوخشاش.

    مۇقىم بىر نىشانغا  كۆز تىكىش

    كىشىلەر ھەمىشە ئۇسۇلنى ئالدامچىلىق دەپ خاتا چۈشىنىۋالىدۇ.
    ھەقىقىي قابىلىيەت ئىگىسى ناھايىتى ساددا كېلىدۇ.
     سەن راستتىنلا باي بولۇشنى خالامسەن؟  سوراپتۇ بوۋاي.
     ئەلۋەتتە خالايمەن.
     ياخشى. ئۇنداقتا ئۆزۈڭ ئېرىشمەكچى بولغان پۇلنىڭ سانىنى يازغىن ۋە بۇ پۇلغا قانچىلىك ۋاقىتتا ئېرىشىدىغانلىقىڭنىمۇ يازغىن، مانا بۇ باي بولۇشنىڭ سىرى.
    يىگىت «تېز بېيىغۇچى» مېنى يەنە ئەخمەق قىلىۋاتامدۇ نېمە! دەپ ئويلاپ قاپتۇ ۋە:
     سىزچە بۇ قەغەزگە مەلۇم بىر ساننى يازساملا، پۇل گويا يامغۇر تامچىسىدەك ئاسماندىن چۈشىدىكەن - دە؟  دەپتۇ.
     شۇنداق، مەن شۇنداق قارايمەن. مەن تونۇيدىغان مىليونېرلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر ساننى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئاندىن ئۇنىڭغا قانچىلىك ۋاقىتتا يەتمەكچى ئىكەنلىكىنى بېكىتىۋالغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا بېيىپ كەتكەنلىكىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىشكەنىدى   دەپتۇ بوۋاي.
     كەچۈرۈڭ، مەن يەنىلا چۈشەنمەيۋاتىمەن. مەلۇم بىر سان بىلەن ئۇنىڭغا قانچىلىك ۋاقىتتا ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىمنى يېزىشىمنىڭ ماڭا قانداق پايدىسى بار؟
     ئەگەر نىشانىڭنى بىلمىسەڭ، سەن مەڭگۈ مەنزىلگە يېتەلمەيسەن.
     بەلكىم شۇنداقتۇ. بىراق مېنىڭچە بۇ بىر سېھىرگەرلىك ئويۇنىدىن ئىبارەت، خالاس.
     بۇ دەل نىشانى ئېنىق بولغان سېھىرگەرلىك مەخپىيىتى. بىز مەسىلىلەرگە باشقا - باشقا نۇقتىلاردىن قارىشىمىز كېرەك. بىز مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلايلى، سەن بىر خىزمەت ئىزدەۋاتىسەن، مەلۇم باسقۇچلاردىن كېيىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتىڭ. كېيىن سەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ خىزمەتچىلىككە قوبۇل قىلىنغانلىقىڭنى ۋە بۇ خىزمەت بىلەن نۇرغۇن پۇل تاپالايدىغانلىغىنىڭدا ئالدى بىلەن خوجايىنىڭدىن نېمىنى تەلەپ قىلىسەن؟ دەسلىپىدە، بەلكىم نەچچە ئون، ھەتتا نەچچە يۈز ئادەم بىلەن رىقابەتلىشىپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تاللانغىنىڭنىڭ ئۆزى سەن ئۈچۈن بىر ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى شۇ كۈنلەردە خىزمەت تېپىش ناھايىتى تەس، يەنە كېلىپ سەن ئىش كۈتۈپ يۈرگىلى ئۈچ ئايدىن ئاشقان ياكى سېنىڭ خىزمىتىڭ بار بولسىمۇ بىر يىلنىڭ ئالدىدىلا خىزمەت ئالماشتۇرۇشنى ئويلىغانىدىڭ. بۇ چاغدا سەن ئۆزۈڭنى ھەقىقەتەنمۇ ئامەتلىك ھېسابلايسەن. بىراق بۇ خۇشاللىقلىرىڭ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى ئىنكاسىڭ زادى قانداق بولار؟  سوراپتۇ بوۋاي. يىگىت:
     مەن چوقۇم مائاشىمنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى، قانداق كاپالەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلايمەن،  دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
     سېنىڭ دېگەنلىرىڭ دەل مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم. كۆپ مائاشقا ئېرىشىدىغانلىقىڭنى بىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. سەن يەنە قانچىلىك مائاش ئالىدىغانلىقىڭنى، قاچاندىن باشلاپ خىزمەتكە چۈشىدىغانلىقىڭنىمۇ بىلىشىڭ كېرەك، بولمىسا بۇ خىزمەتمۇ سېنى رازى قىلالمايدۇ. يەنە سەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قەغەز يۈزىگە يېزىشىڭ مۇمكىن، چۈنكى ئېغىزدىكى سۆز دېگەن ۋاقىتلىق، قەغەز يۈزىدىكىسى بولسا مەڭگۈلۈك كۈچكە ئىگە. ھاياتنىڭ ئۆزىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قائىدە. ئۇتۇق قازىنالمىغان نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ھېس قىلالمايدۇ. ھايات بىز تەلەپ قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىزگە بېرىدۇ. بۇ چاغدا قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىمىز، ئۆزىمىزگە ھەقىقىي كېرەكلىك بولغان نەرسىنى تەلەپ قىلىش. ئەگەر سېنىڭ تەلىپىڭ ناھايىتى مۈجىمەل بولىدىكەن، ئېرىشكەنلىرىڭمۇ ناھايىتى مۈجىمەل بولىدۇ. ئەگەر سەن ئازراق تەلەپ قىلساڭ، ئېرىشىدىغىنىڭمۇ ئازراق بولىدۇ.
    بوۋاي يىگىتنىڭ ئۆزىنىڭ دېگەنلىرىنى چۈشەنگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
     بايلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، بىز چوقۇم بىر ساننى نىشانلىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىشتىكى ۋاقىتنى بەلگىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ھېچنېمىگە ئېرىشىشنى ئويلىمىساڭ، ئەلۋەتتە ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيسەن.
     قىلچە خاتاسى يوق.
     ئەمدى ماڭا كېلەر يىلى قانچىلىك پۇل تاپماقچى ئىكەنلىكىڭنى ئېيتىپ بېرەلەمسەن؟
    ئۇ بوۋاينىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى چۈشەنسىمۇ، ھەتتا ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولسىمۇ، پۇل تېپىشنى خالىسىمۇ، لېكىن قانچىلىك پۇل تاپالايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر توپىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىگە ئىقرار بوپتۇ. شۇڭا خىجىللىقتىن يۈزلىرى ئاناردەك قىزىرىپتۇ.
     بىلمەيمەن،  ئۇ ئامالسىز تەن ئاپتۇ ۋە،  مەن بايىلا بىر خاتالىقىمنى تونۇپ يەتتىم، بەلكىم بۇ ئاساسلىق خاتالىقىم بولسا كېرەك،  دەپتۇ.
     بۇ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ خاتالىق. بىز ئۇنى بىرلىكتە تۈزىتەيلى. قېنى كېلە، ئۆزۈڭ ئويلىغان ساندىن بىرنى يازغىن، دەپتۇ بوۋاي.
     يىگىت ئاخىر ئۆزى ئېرىشەلىشى مۇمكىن بولغان بىر ساننى يېزىپتۇ.
     ئاران 30 مىڭ فوندستېرلىڭ!  بوۋاي ۋارقىرىۋېتىپتۇ. بۇ بەكمۇ تۆۋەن، لېكىن نېمىلا دېگەنبىلەن بۇ يەنىلا بىر باشلىنىش. 30 مىڭ فوندستېرلىڭنى مەن ياقتۇرىمەن. سەن «تېز بېيىغۇچى» بولۇش ئۈچۈن خېلى كۈچىمىسەڭ بولمىغۇدەك.

    ئۆزلۈك ئوبرازنىڭ قىممىتى

    ھايات چوقۇم بىز ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرنى بىزگە بېرىدۇ...
    سەن دىققەت قىلىدىغان ئىش شۇكى، قەغەزگە يازغان سان ئۆزۈڭنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ كېتىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بۇ دەل ئۆزۈڭنىڭ قىممىتىگە بەرگەن باھايىڭ بولىدۇ. بولمىسا مەيلى تەن ئال ياكى ئالمىغىن، بىر يىلدا تاپىدىغىنىڭ بىر سېنتمۇ كەم بولمىغان ئاشۇ 30 مىڭ فوندستېرلىڭ بولىدۇ.
     يەنە سۆز باشلاپتۇ بوۋاي.
    مەن شۇ تاپتا يەنە قانداق قىلىپ بۇنىڭدىنمۇ كۆپ پۇل تاپالايدىغىنىمنى بىلەلمىدىم. نېمىلا دېگەنبىلەن مېنىڭ نە دىپلوم، نە ياخشى خىزمىتىم يوق. ھەتتا بانكىدىمۇ پۇلۇم يوق.
     سېنىڭ ئويلىغىنىڭمۇ توغرا، قانداقلا بولمىسۇن مەن سېنىڭ قارىشىڭنى ھۆرمەتلەيمەن. لېكىن دەل مۇشۇ خىل پوزىتسىيە سېنىڭ بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قېلىشىڭدىكى بىردىنبىر سەۋەب. سىرتقى ئامىل ھەقىقەتەن ئانچە مۇھىم ئەمەس.
    ئەگەرسەن تۇرمۇشۇڭنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدىكەنسەن، ئاۋۋال ھەممىنى ئىدىيەڭنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىشىڭ كېرەك. ئۇتۇق قازانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ. ئۆزىنىڭ باي بولالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن كىشىلەرلا باي بولالايدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ باي بولۇشىدىكى سىر. سەن يازغان 30 مىڭ فوندستېرلىڭ ھەرگىزمۇ سەن ئېسىڭگە ئالغان تۇنجى سان ئەمەس، شۇنداقمۇ؟  سوراپتۇ بوۋاي.
     دېگىنىڭىز توغرا.
     ئۇنداقتا ئەسلىدە قانچە ئىدى؟
     كاللام ھەر خىل سان - سېفىرلار بىلەن تولۇپ كەتتى.
     قېنى، دەپ باققىنە؟
     50 مىڭ فوندستېرلىڭ.
     ئۇنداقتا نېمىشقا ئۇنى باشتا يازمىدىڭ؟
     بىلمەيمەن. مەن ئۇنچىلىك يولنى تاپالماسمەنمىكىن دەپ ئويلىغان.
     ئۆزۈڭ ئىشەنچ قىلمىغۇچە ئۇنى يازمىغىن. بولمىسا ئۇنى ئورۇنداش ھەقىقەتەن تەس بولىدۇ. يەنىلا ئۆزۈڭ يېتەلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى ساننى دېگىن.
    يىگىت قوشۇلۇپتۇ. ئۇ بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن 40 مىڭ فوندستېرلىڭنى يېزىپتۇ.
     سېنى تەبرىكلەيمەن يىگىت. نەچچە سېكۇنت ئىچىدىلا 10 مىڭ فوندستېرلىڭ تاپتىڭ، يامان ئەمەستۇ؟  دەپتۇ بوۋاي.
     لېكىن پۇل تېخى قولۇمغا تەگمىدى  دە!؟
     ھازىرچە قولۇڭغا تەگدى دەپ تەسەۋۋۇر قىلايلى. ئۆزۈڭنىڭ 30 مىڭ فوندستېرلىڭ ئەمەس، بەلكى 40 مىڭ فوندستېرلىڭ تاپالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىشىڭ ھەر ھالدا ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن رىم ئىمپېرىيىسىمۇ بىر كۈندىلا قۇرۇلۇپ قالمىغان. سېنىڭ قەلبىڭگە يوشۇرۇنغان بىر شەھەر بار. ئۇنى رىمغا ئوخشاش دەپ تۇرايلى. بۇ ھەممە ئادەملەرگە ئورتاق قاراش. بىراق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ شەھەر تەسەۋۋۇردىن ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئۇ ناھايىتى ئىلاستىكىلىققا ئىگە. شەھىرىڭنىڭ دائىرىسى سېنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن شارائىتىڭغا باغلىق. پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرلا قەلبىدىكى بۇ شەھەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلالايدۇ. قەلبىڭدىكى شەھەرنىڭ چېگرا سىزىقى دەل سېنىڭ ئاتالمىش «ئۆزلۈك ئوبراز»ىڭ بولىدۇ. يازماقچى بولغان سانىڭنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتكىنىڭدە، چېگرا سىزىقىمۇ تەڭ كېڭىيىشكە باشلايدۇ. قەلبىڭدىكى رىممۇ چوڭىيىشقا باشلايدۇ. ھېچبولمىغاندا ئۇ چوڭىيىشقا قاراپ ماڭغان بولىدۇ. نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان ئۇلۇغ كىشىلەردىن مۇنداق بىر سۆز قالغان: «ئادەم ئۆز جىسمىدا تىكلىۋالغان ئەڭ چوڭ چەكلىمە، دەل ئۇنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ توساق، يەنى قەلبىدىكى ئەڭ چوڭ توساق بولىدۇ. قەلب چېگرىسىنى كېڭەيتىش، ئۆمۈرنى ئۇزارتقانغا باراۋەر. بۇنداق چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلىسىڭىز تۇرمۇشتىكى چەكلىمىلەردىنمۇ قۇتۇلىسىز. بۇ چاغدا ھاياتىڭىزدا سىرلىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ»، مانا بۇ مېنىڭ ساڭا بېرىدىغان ۋەدەم.
     لېكىن مەن يەنىلا قەلبىمدىكى چەك - چېگرىنىڭ زادى نېمىلىكىنى بىلەلەيمەن؟ بۇ ئاڭلىماققا يامان ئەمەستەك قىلسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئابىستراكتتەك قىلىدىغۇ؟  سوراپتۇ يىگىت.
     مەن بايىلا بۇ توغرۇلۇق سۆزلەپ ئۆتكەن. يەنە تېخى قەلب چېگرىسىنىڭ «ئۆزلۈك ئوبراز»ىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىگەنىدىم،  دەپتۇ بوۋاي ۋە:
     سەن ساننى يازغان چېغىڭدا قەلبىڭدىكى چېگرىنى سانغا ئايلاندۇرغان بولىسەن. بۇ تولىمۇ كارامەت بىر ئىش. بۇنىڭدىن ھەربىر كىشىنىڭ ئۆزىگە بەرگەن باھاسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. كىشىلەر بۇ مەشىقنى ئىشلىگىنىدە ئاددىيغىنە بۇ سانلار ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنى دەرھال ئاشىكارىلاپ قويىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ كىشى قەلبىدىكى چەكلىمىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ يەنە ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى چەكلىمىسى ھېسابلىنىدۇ. مەيلى ئۇ بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن، ئۇنىڭ ھاياتى چەكلىمىگە بويسۇنىدۇ. بۇ تولىمۇ ئازابلىق بىر ئىش. مەغلۇپ بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇتۇق ۋە بايلىقنىڭ ئاساسلىق قائىدىسىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەردۇر. نىسبىيلاشتۇرغاندا ئۇتۇق قازانغۇچىلار بۇ ھالەتنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار كۈچىنىڭ بارىچە ئۆزلۈك ئوبرازىدىكى نۇقسانلارنى تۈزىتىشكە تىرىشىدۇ.
    دەسلىپىدە بۇنى تۈزىتىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى، بىر - بىرىدىن چوڭ بولغان سانلارنى يېزىش. قانداقلا بولمىسۇن، بىر ئىش ھەممىگە ئېنىق، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىگە ئىشىنىش. ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساڭ مەڭگۈ باي بولالمايسەن. ئۆزلۈك ئوبرازىڭ چوقۇم بايلىق ياراتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا ماس كېلىشى كېرەك،  دەپتۇ بوۋاي.
    يىگىت بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن، 60 مىڭ فوندستېرلىڭ، دەپ يېزىپتۇ ھەمدە بۇنىڭ ئۆز ھاياتىدا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى سان ئىكەنلىكىنى تەن ئاپتۇ.
    بەلكىم بۇ ھاياتىڭدا ئېرىشىشنى خالايدىغان ئەڭ كۆپ پۇل بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ سېنى ئەمەلىيەتتە شۇنچىلىكلا پۇل تاپالايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. بۇنى بەزى كىشىلەر بىر ئايدا، بەزىلىرى بىر ھەپتىدە، يەنە بەزىلىرى بىر كۈندە، ھەتتا بەزىلىرى كۈندە تېپىشى مۇمكىن. بىراق مەن يەنىلا سەندىكى بۇ ئاجايىپ ئىلگىرىلەشنى تەبرىكلەيمەن. بۇنىڭ بىلەن ئۆزلۈك ئوبرازىڭنى يۇقىرى كۆتۈردۈڭ، قەلب چېگراڭمۇ كېڭىيىشكە باشلىدى. بىر ئازدىن كېيىن، ئۆزۈڭ يالغۇز قالغىنىڭدا تۆۋەندىكى مەشىقنى قىلغىن. «ئالتە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە مەن بىر مىليونېرغا ئايلىنىمەن» دەپ يېزىۋەرگىن. بۇ دەل مېنىڭ تېز بېيىغۇچى بولۇشۇمدىكى سىر. بەلكىم سەن ئالتە يىل سەرپ قىلىپ ئاندىن «تېز بېيىغۇچى» بولۇشنى خالىماسلىقىڭ مۇمكىن. لېكىن سەن پەقەت بىر مىنۇت سەرپ قىلساڭلا بۇ مەخپىيەتلىكنىڭ ئاچقۇچىغا ئېرىشىسەن، بۇنىڭ بىلەن باي بولۇشۇڭمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۆزۈمگە كەلسەم، ئەينى چاغدا بىر مىليونېردىن 10 مىڭ فوندستېرلىڭ قەرز ئالغاندىن كېيىن، بەش يىل توققۇز ئاي ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ دەسلەپكى بىر مىليون فوندستېرلىڭىمنى تاپقان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەن ھەر قېتىم مۇشۇ مەخپىيەتلىك بىلەن ئۇتۇق قازاندىم. بۇ مەخپىيەتلىكنى گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر مەسخىرە قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مىليونېر ئەمەس!
    يىگىت ئويلىنىش ئىچىدە بېشىنى لىڭشىتىپتۇ. بىراق نېمە دېيىشىنى بىلەلمەپتۇ. ئۇنىڭغا بۇ ئىشلار بارغانسېرى شۇنچە ئاددىيدەك بىلىنىشكە باشلاپتۇ.
     ئېسىڭدە بولسۇنكى ئالدى بىلەن مىليونېر بولۇش ئىستىكى قەلبىڭنى پۈتۈنلەي ئىگىلىمىگەن بولسا ياكى ئۇ ھاياتىڭنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانمىغان بولسا، ھېچقانداق نەرسە سېنىڭ مىليونېر بولۇشۇڭغا ياردەم قىلالمايدۇ، ئەمدى بارغىن. بۇ مەخپىيەتلىكىمنى ئوبدان ئويلان. بۇ كەلگۈسىدىكى ئالتە يىلدا ساڭا يولباشچى بولىدۇ.
    تىلنىڭ قۇدرىتىنى بايقاش

    ئەگەر باي بولۇش ئىستىكى ھاياتىڭدىكى سەن ئەڭ باش قاتۇرىدىغان ئىشقا ئايلىنالمىسا، ئۇ چاغدا ھەرقانداق نەرسە سېنىڭ مىليونېر بولۇشۇڭغا ياردەم قىلالمايدۇ.
    پەقەت ئۆز قۇدرىتىگە ئىشەنچ قىلالىغان كىشىلا ئۇتۇق قازىنالايدۇ.
    ئۆزىنىڭ باي بولالايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنگەن ئادەملا باي بولالايدۇ.
    بىر سائەتتىن كېيىن خىزمەتكار يىگىتنى چاقىرغىلى كىرىپتۇ. ئۇ پۈتۈنلەي «تېز بېيىغۇچى»نىڭ تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا كىرىشىپ كەتكەن بولۇپ، ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈرۈپ كەتكەنلىكىنى سەزمەي قالغانىكەن. خىزمەتكار بوۋاينىڭ ئۇنى گۈللۈكتە ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئاندىن يىگىتكە ھەمراھ بولۇپ گۈللۈككە بېرىپتۇ.
    بوۋاي يىگىتنى يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىپتۇ.
     مېنى گاڭگىرىتىپ قويغىنى مەن ئالتە يىلدىن كېيىن قانداق قىلىپ بىر مىليونېرغا ئايلىنىدىغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. ئەسەبىيلەرچە بىر ساننى يازدىممۇ دەيلى، ئۇنىڭغا خام خىيالمۇ قوشۇلغان بولسۇن. بىراق، مەن قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنىمۇ بىلمىسەم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى يېشىمنى راستتىنلا مىليونېر بولۇشقا مۇناسىپ كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.
     نۇرغۇن كىشىلەر سەندىنمۇ ياش ۋاقتىدا بېيىپ كەتكەن. بۇ، ياشتىكى مەسىلە ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى، باي بولۇشنىڭ سىرىنى بىلمەسلىك ياكى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى ئىشلىتەلمەسلىك.
     مەن ئۇنى ئىشلەتمەكچى. بۇ يەردىكى مەسىلە مەن ئۆزۈمنى قانداق قىلىپ مىليونېر بولالايدىغانلىقىمغا قايىل قىلىش.
     بۇنىڭدا ئاساسەن بىرلا ئۇسۇل بار. ئۇ خۇددى سېنىڭ مىليونېر بولالماسلىققا ئۆزۈڭنى قايىل قىلغىنىڭدەك. كېيىنكى بىرنەچچە كۈن ياكى بىرنەچچە ھەپتىدە ئۆزۈڭدە مىليونېرلارغا خاس غۇرۇر يېتىلدۈرۈشۈڭ كېرەك. ئارزۇ بولسا ئىدىيىنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى قورال. ئارزۇيۇڭ قانچە كۈچلۈك بولسا سەن ئېرىشمەكچى بولغان نەرسە شۇنچە تېز كۆز ئالدىڭدا نامايان بولىدۇ. باي بولۇشنىڭ ئۇسۇلىمۇ، ھەر ۋاقىت باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىش.
     مەن چىن قەلبىمدىن بايلىققا ئېرىشمەكچى بولۇپ بىرقانچە يىلدىن بۇيان ھەممىنى قىلىپ باقتىم. لېكىن ھېچقانداق ئىشتا نەتىجە قازىنالمىدىم،  دەپتۇ يىگىت.
     كۈچلۈك ئارزۇ بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ. سەندە چوقۇم مىليونېر بولۇش ئۈچۈن ئىشەنچ بولۇشى كېرەك.
     مەن بۇنداق ئىشەنچكە ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى تىل ئارقىلىق توختىماستىن قايتىلاش.
     تىل قانداق قىلىپ كىشىنى مىليوتېرغا ئايلاندۇرالايدۇ؟ ئۇلار بەلكىم مۇھىمدۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ مۇھىملىقى نىسپىي ھالدا ئىكەنلىكىگە سىزمۇ قوشۇلىسىز.
     ھۇجراڭدىكى ئۈستەل ئۈستىدە بىر كىتاب بار، ئۇنىڭدا مېنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىم ئەستايىدىل تونۇشتۇرۇلغان، ئۈستىگە چىقىپ ئۇنى ئىزدىگىن، ئۇ كىتاب ناھايىتى ئىخچام يېزىلغان، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن دۋاملىق سۆھبەتلىشىمىز.
    يىگىت بۇنىڭغا قوشۇلۇپتۇ ۋە ھۇجرىغا كىرىپ ھېلىقى كىتابنى ئىزدەشكە باشلاپتۇ. بىراق ھېچيەردە كىتاب يوق. ئەكسىچە بىر پارچە خەتنى ئۇچرىتىپتۇ. گەرچە ئۈستىگە ئىسىم يېزىلمىغان بولسىمۇ، ئوچۇق قىلىپ، «ياش مىليونېرغا يېزىلغان خەت» دەپ يېزىلغانىكەن. خەتنىڭ ئۆزىگە يېزىلغىنى ئېنىق. ئۇ خەتنى ئېچىپتۇ. ئىچىگە قىزىل سىياھ بىلەن «خەير - خوش» دەپ يېزىلغان بولۇپ «تېز بېيىغۇچى»نىڭ ئىمزاسى قويۇلغانىكەن. يىگىتنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇشقا باشلاپتۇ. بۇ چاغدا بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا يېنىدا بىر كومپيۇتېر تۇرغىدەك (بەلكىم ئۇ دىققەت قىلمىغان چاغدا باشقىلار تەرىپىدىن قويۇپ قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن)، پرىنتېردىن بىر نەرسە بېسىپ چىقىرىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن بېسىپ چىقىرىلغان خەتلەرنى ئوقۇپتۇ. ئۇنىڭدا «سېنىڭ بىر سائەتلا ئۆمرۈڭ قالدى...» دېگەن بىر جۈملە سۆز قايتا - قايتا تەكرارلىنىپتۇ. ئەگەر بۇ بىر چاقچاق بولسا تولىمۇ قاملاشمىغان چاقچاق بولىدۇ. لېكىن بۇ چوقۇم چاقچاق ئەمەس. بوۋاي نېمىشقا ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەيدۇ؟ بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە شۇنداق غەلىتە، ئۇ ساراڭمىدۇ ياكى ئۇنىڭ رەھىمدىل، ئاق كۆڭۈل قىياپىتىنىڭ كەينىگە بىرەر ۋەھشىيلىك يوشۇرۇنغانمىدۇ؟
    يىگىت ھەقىقەتەن گاڭگىراپ قاپتۇ. ئۇ پەقەت بىر ئىشنىلا مۇقىملاشتۇرالايدۇ. يەنى مەيلى بۇ چاقچاق ياكى راست بولسۇن، ئۇ ئەلۋەتتە بۇنداق خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمايدۇ. ئۇ قېچىپ كەتمەكچى، ھېلىقى چەكنىمۇ، باي بولۇشنىڭ سىرىنىمۇ، بوۋاينىڭ ئۇنى قايىل قىلىۋەتكەن ئاشۇ سىرلىق نەزەرىيىلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتمەكچى بوپتۇ. ئۇ خەتنى چۆرۈۋېتىپ ئىشىككە قاراپ ئېتىلىپتۇ. بىراق ئىشىككە قۇلۇپ سېلىنغان. ئۇ قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپتۇ. ئۇ ئىشىكنى كۈچەپ ئىتتىرىپ بېقىپتۇ، بىراق ئىشىك ئېتىپ قويۇلغان، بوۋاي بۇ قېتىم ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىپتۇ. يىگىت تەڭپۇڭلۇقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپتۇ. ئۇ دېرىزىگە يۈگۈرۈپتۇ. قارىغۇدەك بولسا بوۋاي گۈللۈكتە ئىشلەۋاتقانىكەن. ئۇ ھېچنېمىنى ئويلىماستىن ئاۋازىنىڭ بارىچە ۋارقىراشقا باشلاپتۇ. لېكىن ھېچقانداق ئىنكاس يوق. بوۋاي گاس بولۇپ قالغانمىدۇ؟ ئۇ تېخى بايىلا بىر ئوبدان ئىدىغۇ؟ بۇ چاغدا خىزمەتكار گۈللۈككە كىرىپ كەپتۇ. يىگىت ئۇنىڭغىمۇ ۋارقىراپتۇ. بىراق يەنىلا ئىنكاس يوق. ئۇ گويا ھاۋاغا ۋارقىراۋاتقاندەك.
    ئۇ يەنە ۋارقىراپتۇ. بۇ چاغدا گۈللۈككە يەنە بىر خىزمەتكارمۇ يېتىپ كەپتۇ. بىراق ئۇمۇ پىسەنت قىلماپتۇ. يىگىت بارا - بارا ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلاپتۇ. توساتتىن ئۇ يېنىدا تۇرغان تېلېفوننى كۆرۈپتۇ. نېمىشقا بۇنى ئويلىمىغاندۇ؟ بىراق ساقچىلار ئۇنى يالغانچىلىق قىلدى، دەپ قالارمۇ؟ ياق، ئۇ تېلېفونىستقا تېلېفون قىپتۇ. ئۇ ساقچى ئىدارىسىنىڭ نومۇرىنى سورىغىنىدا تېلېفونست ئۇنىڭغا بىر نومۇرنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئۇ دەرھال بۇ نومۇرنى بېسىپتۇ. بىراق تېلېفون «باشقىلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقان» بولۇپ، ئۇلانماپتۇ. ئۇ يەنە بېسىپتۇ، بىراق يەنىلا شۇ ئاۋاز. بۈگۈن ئەجەبمۇ نەس باستى.  ئۇ يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئۆزى بېسىۋاتقان نومۇرنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. بۇنى ئۇ يېزىپ قويمىغان ئەكسىچە ئۇ باسقان تېلېفوننىڭ نومۇرى دەل مۇشۇ. ئۇ ئۆزىگە ئۆزى تېلېفون قىلغان... ئۇ يەنە بىر قېتىم ئەخمەق قىلىنغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. ئۇ ئىشىكنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئىتتىرىپتۇ، بىراق ئۈنۈمى بولماپتۇ. ئۇ ئامالسىز دېرىزە تۈۋىگە كەپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك چوڭ پىلاش، بېشىغا كەڭ قىرلىق شىلەپە كىيىۋالغان بىر كىشىنىڭ ئۆزى تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنىى كۆرۈپتۇ. ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرگىلى كەلگەن قاتىلمىدۇ؟ مۇشۇلارنى ئويلىغىنىدا ئۇىڭ تېنى شۈركىنىپ كېتىپتۇ. ئۇ گويا چاشقاندەك بۇ يەرگە قامىلىپ قاپتۇ، ئەمدى ئۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ، چېكىنىش يولىمۇ يوق. ئۇزۇنغا قالماي ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىدۇ، پەرىزى خاتا ئەمەس، ئۇنىڭ ئەجىلى توشۇپ قالدى. ئۇ ئەتراپقا قاراپ ئۆزىنى قوغدىغۇدەك بىرەر نەرسە ئىزدىمەكچى بوپتۇ. بۇ چاغدا قۇلۇپنىڭ تاراقشىغان ئاۋازى ئاڭلىىپتۇ، ئىشىك ئېچىلىپتۇ.
    خىزمەتكار كىرىپ ئۇنى بوۋاينىڭ يېنىغا باشلاپ بېرىپتۇ. بوۋاي يىگىتنىڭ جىددىي روھى ھالىتىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى سۆزلەش ئارقىلىق پەسكويغا چۈشۈرمەكچى، ئاندىن تىلنىڭ قۇدرىتىنى چۈشەندۈرمەكچى بوپتۇ.
     بىرقانچە يىلنىڭ ئالدىدا، دەپ گەپ باشلاپتۇ بوۋاي گويا بىرەر مەخپىيەتلىكنى يىگىتكە سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەك پەس ئاۋازدا، شىركىتىمگە بىر اىرېتكتور قوبۇل قىلماقچى بولدۇم. ئىش ھەققىنى سۆزلەشكەندە ئۇ جىددىي ھەم ھاكاۋۇر قىياپەتتە «مەن يىلىغا 30 مىڭدىن كەم ئىش ھەققىنى ئەزەلدىن قوبۇل قىلمايمەن» دېدى. بىرئاز جىمجىتلىقتىن كېيىن مەن «سىزنىڭ ئەھۋالىىزغا قاراپ 30 مىڭ فوندىستېرلىك بېرىشكە قوشۇلدۇم» دېدىم. ئەگەر شۇ چاغدا ئۇ 35 مىڭ فوندىستېرلىڭ ھەتتا 40 مىڭ، 45 مىڭ تەلەپ قىلسىمۇ قوشۇلغان بولاتتىم. لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى. شۇڭا بۇ كىشى نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا 20 مىڭ فوندىستېرلىڭ زىيان تارتتى. ياخشىراق ئويلىنىپ كۆرىدىغان بولساق، ئون يىلدا 200 مىڭ فوندستېرلىڭ دېگەن گەپ ئەمەسمۇ!
    ئۇ نېمىشقا بۇ پۇلدىن ۋاز كەچتى؟ ئاددىيراق ئېيتقاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ 50 مىڭ فوندستېرلىڭغا يارايدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن. شۇنىڭغا ئىقرارمەنكى، ئۇنىڭ ئىش ھەققىگە بولغان تەلىپى مېنى ئىككىلەندۈرۈپ قويدى، شۇ سەۋەبلىك ھەتتا ئۇنى كەتكۈزۈۋەتمەكچىمۇ بولدۇم. چۈنكى ئۇ ئۆز قىممىتىگە باھا بېرىپ، دىرېكتورلۇق ئىقتىدارىنىڭ 30 مىڭغىلا يارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىۋاتاتتى. لېكىن مېنىڭ ئىزدەيدىغىنىم 45 مىڭغا يارايدىغىنى ئىدى.
    دەسلەپ «مەن ئادەمنى خاتا تاللاپ قالدىممۇ نېمە؟» دەپ ئويلىغانىدىم. كېيىن بۇ ئادەمنى ئىشلەتكىنىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. ئۇنىڭدىكى مەسىلە ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك، ئۆز ئىقتىدارىنى تۆۋەن چاغلاش ئىكە. بىراق مۇشۇ يىللاردىن بېرى ئۇ بۇ كەمچىلىكىنى ئاستا - ئاستا تۈزىتىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئىش ھەققىنىمۇ ئۆستۈرۈپ بەردىم. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە رازىمەن...
    سەن بۇ  ئاددىي مىسال ئارقىلىق شۇنى ئېسىڭدە تۇتۇشۇڭ كېرەككى، مېنىڭ بۇ دىرېكتورغا قوللانغان ئۇسۇلۇم ھاياتنىڭ بىزگە تۇتقان پوزىتسىيىسىگە ئوخشاش. ھاياتنىڭ بىزگە بەرگىنى جىقمۇ ئەمەس، ئازمۇ ئەمەس دەل بىزنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىمىز... بىراق بىز دائىم ھاياتنىڭ بىزگە بەرگىنىنىڭ ئارزۇ قىلغىنىمىزدىن خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىمىز.
    بوۋاينىڭ ھەربىر سۆزىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلىغان بولسىمۇ، يىگىت يەنە:
     ئاڭلىماققا راستتەك تۇلۇلمايدىكەن، دەپتۇ.
     بىراق مۇشۇ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن مېنى بىر مىلىيونىرغا ئايلاندۇردى، بۇنى مەندىن باشقىلار ئىشلەتسىمۇ ئۈنۈمى ئوخشاش. تىل ھەقىقەتەن قۇدرەتلىك نەرسە، خاراكتېرىنىڭ قانچە قۇدرەتلىك بولسا، دېگەن سۆزلىرىڭ شۇنچە تېز ئەمەلىيلىشىدۇ. سەن ئىشەنگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىقادىڭنىڭ پەرۋىشى ۋە تەكرارلاش ئوتىنىڭ تاۋلىشى بىلەن بارا - بارا تېز ئەمەلگە ئاشىدۇ، دەپتۇ بوۋاي جاۋاب بېرىپ.
     بۇ خىل چۈشەندۈرۈشلىرىڭىزدىن بۇنى بىر خىل ئويۇنمىكىن دەپ گۇمانلىنىۋاتىمەن، دەپتۇ يىگىت بوۋاينىڭ سۆزىنى بۆلۈپلا.
     بەلكىم، بۇ مەشىقنى سەنلا قىلالىشىڭ مۇمكىن. ھېچكىم ساڭا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ەن چوقۇم كېچە - كۈندۈز يۇقىرى ئاۋازدا بۇ ئەپسۇننى ئاز دېگەندە ئىللىك قېتىم يادلا. خالىساڭ تېخىمۇ كۆپ يادلىغىن. بۇنىڭ ئۆزى بىر ھەرىكەت. ئاۋۋال يېتىپ تۇرۇپ، كېيىن بارماقلىرىڭ بىلەن پولنى چېكىپ تۇرۇپ يادلىساڭ تېخىمۇ ياخشى.
    سەن بۇ مەشىقنى چوقۇم قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى تەن ئېلىشىڭ كېرەك. دەسلىپىدە ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسەن. دىققىتىڭ ئاسانلا چېچىلىپ كېتىدۇ. ئون قېتىم يادلىغاندىن كېيىن باشقا ئىشلارنى ئويلاشقا باشليسەن. ئەگەر مۇشۇ ئاددىي تەرتىپكىمۇ ئەمەل قىلالمىساڭ، ئەڭ ياخشىسى باي بولۇش خىيالىڭدىن ۋاز كەچكىنىڭ تۈزۈك... بۇ مېنىڭ ساڭا قويغان تەلىپىم دوستۇم، بىلىپ تۇرۇپتىمەن، قىلغىنىڭ توغرا. ساڭا لازىمى چىدام، غەيرەت.
     نېمىشقا ئۈنلۈك ئاۋازدا ئەپسۇن يالايمەن؟
     بۇنىڭ روھىي ھالىتىڭگە بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك. يوشۇرۇن ئاڭغا بەرگەن بۇيرۇقۇڭ تاشقى دۇنيادىن كېلىدۇ.
    بوۋاينىڭ ئېيتقانلىرى يىگىتكە تەسىر قىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ چاغدا بوۋاينىڭ چىرايى گوياكى ئىلاھنىڭ سۆزىنى جاكارلاۋاتقاندەك جىددىي تەسكە كىرگەنىكەن.
     دەسلىپىدە بەلكىم ئەپسۇن ۋە ئاۋازىڭ سېنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. بىراق كېيىنچە كۆنۈپ قالىسەن. ئۆزۈڭ ئۈچۈن بەلگىلىگەن نىشان دەسلەپتە قارىماققا ناھايىتى ئەسەبىي بىلىنسىمۇ، ئاستا - ئاستا يەتكىلى بولىدىغان، ھەتتا كۈلكىلىك دەرىجىدە ئاسانلىشىدۇ.
     بىراق مەندە بىر تىيىنمۇ پۇل بولمىسا؟ يىگىت بۇ سوئالنى يەنە تەكرارلاپتۇ.
     شۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ ئەپسۇننى قايتىلىشىڭ كېرەك. شۇندىلا بارا - بارا ئىچكى دۇنيايىڭدا ئكزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسەن.
    ىگىت قايىل بوپتۇ. بوۋاينىڭ سۆزلىرى ئۇ دەسلەپتە ئويلىغاندىكىدىنمۇ بەكرەك چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئۇسۇلى غەلىتىرەك، بىراق ئۈنۈمى بولسىلا، باشقا ئىشلار بىلەن كىمنىڭ كارى؟

    خۇشاللىق ۋە ھايات

    خاراكتېرىڭ قانچە كۈچلۈك بولسا، دېگەنىرىڭ شۇنچە راست بولىدۇ. سەن مۇقىملاشتۇرغان بارلىق نەرسىلەر روھىي ئېتىقادنىڭ پەرۋىشى، قايتلاش ئوتىنىڭ تاۋلىشى بىلەن بارا - بارا تېز ئەمەلگە ئاشىدۇ.
    ھاياتنىڭ بىزگە بەرگەنلىرى ئازمۇ ئەمەس، كۆپمۇ ئەمەس دەل بىز ئارزۇ قىلغان نەرسىدۇر. بىراق ھاياتنىڭ بىزگە بەرگەنلىرىنىڭ ئارۇ قىلغىنىمىزدىن كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىز دائىم ئۇنتۇپ قالىمىز.
    تېز بېيىغۇچى بۇ ياش شاگىرتىغا:
     ساڭا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان يەنە بىر ھېكمەتنى (ئەپسۇننى) تۈگىتىپ قوياي. سەن بۇنىڭدىن پۈتكۈل ھاياتىڭدا  ناھايىتى كۆپ نەپكە ئېرىشەلەيسەن، ئۇ سېنى پۈتۈنلەي ئكزگەرتىۋېتىدۇ. سېنى ماددىي نەرسىلەرگىلا ئېرىشتۈرۈپ قالماستىن ھەقىقىي بايلىققا ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇ بىر خىل ھاياتقا تۇتقان روھىي پوزىتسىيە.
    ساڭا ئاز - تولا پىكىر بېرەي، بوۋاي گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.
     ئەلۋەتتە، باي بولۇش ئەپسۇنى سېنى مال - دۇنياغا ئېرىشىش مەكسىتىڭگە يەتكۈزىدۇ. بىراق مال - دۇنيانى قوغلىشىش جەريانىدا خۇشاللىقتىن ئايرىلىپ قالساڭ، ھەممىدىن ئايرىلىپ قالىسەن.
     سىز خۇشاللىق بىلەن پۇل مەڭگۈ چىقىشالمايدۇ، دېمەكچىمۇ؟
     ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. بىراق چوقۇم ئېھتىيات قىلىشىڭ كېرەككى قەلبىڭنى پەقەت پۇللا ئىگىلىۋالمىسۇن. يوھان. لوكفېنچ بۇرۇن دۇنياغا داڭلىق مىليونېر ئىدى. بىراق ئەنسىرەش ئۇنى ھالاك قىلىپ ئەللىك يېشىدىلا ئىككى پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان بىر بوۋايغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. سالامەتلىكى كاردىن چىقىپ، بولكا ۋە سۈتتىن باشقىنى يېيەلمەيدىغان، تۇرمۇشتا بولسا پۇلدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن، باشقىلارنىڭ ساتقىنلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ دەككە - دۈككىدە ياشايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ، پۇل ئۇنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپ قالغان. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىر ۋاخ ئوبدان غىزالىنالىغان شىركەت خىزمەتچىسىمۇ ئۇنىڭدىن باي ھېسابلىنىدۇ.
     شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىز مېنى بايلىق بىلەن ئازدۇرۇۋاتىسىز، دەپتۇ يىگىت.
     بۇ مېنىڭ مەقسىتىم ئەمەس، دەپتۇ بوۋاي جاۋابەن ۋە ساڭا ئېيتىپ بەرمەكچى بولغان ئەپسۇنۇم، بايلىق قوغلاشقان بارلىق كىشىلەر دۇچ كېلىدىغان پالاكەتلەردىن ساقلايدۇ. كەمبەغەل ئادەمنىڭ تىرىشىپ ئىشلىشى ھاياتلىق ئۈچۈن. ئۇلار ئېرىشكەن دەسلەپكى پۇل ئۇلاردا ئەسەبىيلىك پەيدا قىلىدۇ - دە، تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. كۆپ پۇل تاپقان چېغىدا بولسا، توساتتىن بۇ بايلىقلاردىنئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. مېنىڭ ئەپسۇنۇم ناھايىتى ئاددىي، بۇ پسىخولوگىيە ئالىمى ئايمېر. گۇھىنىڭ ئۆز بىمارى ئۈچۈن ئويلاپ تاپقان ئەپسۇنى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ «ھەر كۈنى، ھەممە تەرەپتىن ياخشىلىنىپ كېتىۋاتىمەن». سەن ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بۇ ئەپسۇننى ئەللىك قېتىم يادلىغىن، ئۇنىڭ ساڭا بولغان تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ.
    يىگىت بۇ ئەقىللىق بوۋاينىڭ دېگەنلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپتۇ. بوۋاي گويا يىگىتنىڭ كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بوپتۇ. يىگىتمۇ ئالدىدىكى بۇ ئادەمنىڭ ئۇ ئۆمرىدە ئۇچراتقان ئەڭ بەختلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ.
    بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم بۇلارنى چۈشىنىشكە ۋاقىت چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆز - ئۆزىگە قەسەم قىپتۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇنى نۇرغۇن خاتالىقلاردىن ساقلاپ قالىدۇ.
     ئەلۋەتتە، خۇشاللىق ئوخشىمىغان مەنىلەرگە ئىگە، بوۋاي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ، بىز ھەر بىرىمىز، ھەتتا ئوبدان ئويلىنالايدىغانلىرىمىز ئۈچۈن خۇشاللىقىنى ھەر خىل ھادىسىلەر بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. بىراق مەن ساڭا خۇشاللىقنىڭ ئاچقۇچىنى بېرىمەن. ئۇ ھەرقانداق ئادەمگە ئىشلىنىدۇ. ھاياتىڭدىكى ھەرقانداق  ۋاقىتتا مۇشۇ ئاچقۇچتىن پايدىلىنىپ ئۆزۈڭنىڭ خۇشال اكى ئەمەسلىكىنى بىلەلەيسەن.
     ھەر كۈنى قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭنى قىلىغان چېغىڭدا ئۆزۈڭنى ئەركىن ھېس قىلالايسەن. لېكىن قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلاي دېسەڭ، ئۆزۈڭ خالىغان ئىشنى قىلىشىڭ كېرەك. كىشىلەر ئۆزى خالىمىان ئىشلارنى قىلغان چېغىدا خۇشال بولالمايدۇ. ۋاقتى ئىسراپ بولۇش بىلەن بىرگە خىيال بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئارزۇسى ئۈچۈن كۆرەش قىلمىغاچقا كۆڭۈلسىزلىكتىنمۇ خالىي بولالمايدۇ.
    قابىلىيەت ئىگىسى بولۇش ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىلغانلىقىڭدىن دېرەك بېرىدۇ. ئادەتتە ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىلمايسەن، چۈنكى سەن باشقىلارنىڭ ھەر خىل ئىنكاستا بولۇشىدىن، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىسەن.
    بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئەمەلىيەتتە بولسا خىيالىي تۇيغۇدىن ئىبارەت توغرىمۇ؟ سوراپتۇ يىگىت.
     توغرا. شۇڭا سەندىن بۇ سوئالنى سورىغانمەن. ئەگەر ئەتىلا ئۆلۈپ قالىدىغان بولسام، ئاخىرقى مىنۇتلىرىمنى قانداق ئۆتكۈزۈشۈم كېرەك؟ ئارزۇيۇم بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان، مەن قىلىشنى خالىمىان ئاشۇ خىزمەتلەرنى قىلىشىم كېرەكمۇ؟ ئەگەر راستتىنلا شۇنداق قىلسام غۇرۇرۇمنى يوقاتقان بولىمەن، چۈنكى مەن ئۆزۈم ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلدىم - دە!
    ئارىنى بىرئاز جىمجىتلىق قاپلاپتۇ. ئاندىن بوۋاي داۋاملىق سۆزلەشكە باشلاپتۇ.
     ئەگەر ئەتىلا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش بولسا، سەن قانداق قىلاتتىڭ؟ سەن ئۆزۈڭ داۋاملىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلارنى قىلامتىڭ؟
     ياق، ئۇنداق قىلمايتتىم،، جاۋاب بېرىپتۇ يىگىت زورىغا تەن ئېلىپ.
     بۇ سېنىڭ ئانچە خۇشال ئەمەسلىكىڭنى ئىسپاتلايدۇ. ئەمدى، كېيىنكى ئىشلارنى ئويلىشىپ كۆر. ئۆزۈڭنىڭ ئەتە ئۆلۈپ كەتمەيدىغانلىقىڭغا ئىشىنىشىڭ بەك ئۈمىدۋارلىقىڭدىنمۇ؟ دەپ سوراپتۇ بوۋاي. يىگىت بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىككىلىنىپ قاپتۇ. مۇشۇ بىرنەچچە كۈندىن بېرى بوۋاي ئۆزىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكىنى ئىسپاتلىغانىدى. ئەجەبا ئۇ يىگىتنىڭ پات ئارىدا ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بېرىۋاتامدىغاندۇ؟ گەرچە سۆزلىرى تاققا - تۇققا بولسىمۇ، ھەرھالدا بۇ سۆزلەردىن ئاشۇنداق مەنە چىقىپ تۇرىدۇ.
    بوۋاي گويا يىگىتنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى، كۆڭلىدىكى ئەنسىزچىلىكنى بىلىۋالغاندەك ئىكەن.
     ئەنسىرىمە، ئەتە ئۆلۈپ كەتمەيسەن. ئەكسىچە بەك ئۇزۇن ياشايسەن... بىراق دېمەكچى بولغانلىرىمنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشۈمگە رۇخسەت قىلغىن. بۇ قېتىم بىز ئاددىيراق ئۇسۇلنى قوللىنىمىز. شۇنداق قىلساق سەن قورقۇپ كەتمەيسەن. كېيىنكى كۈنلەردە ھاياتلىق ئۈستىدە پىكرى يۈرگۈزگىنىڭدە ئۆلۈمنىڭ ئوخشىمايدىغان مەنىلەرگە ئىگە ئىەنلىكىنى ھېس قىلىسەن. بىراق بىز ھازىر ئۇ دەرىجىگە يەتمىدۇق، توغرىمۇ؟
     ئەجىبا سىز نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ مەڭگۈ «ھاياتىم تېخى باشلانمىدى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلمەمسىز؟ نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئۆلۈم ھېچبىر سەۋەبسىزلا كېلىپ قالىدۇ. ئۇ ئادەملەرنىڭ قانداق خىياللىرى بارلىقى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. ئادەملەرمۇ «نۇرغۇن ۋاقتىم بارغۇ؟» دېگەن قاراش بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ئۈستىدە قارار چىقىرىشنى كەينىگە تارتىدۇ. ئۇلار داۋاملىق «مېنىڭ تېخى ۋاقتىم بار، بۇ ئىشلارنى كېيىن قىلاي» دەيدۇ. ئاخىر قېرىپ ھالىدىن كەتكەندە ئۆزلىرىنىڭ ھېچنېمە قىلالمىغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ.
     بەلكىم مۇشۇنىڭ ئۆزى «ياشلىقتىكى نادانلىق قېرىغاندا كارغا كەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەنلىك بولسا كېرەك، دەپتۇ يىگىت.
     توغرا! شۇڭا خۇشاللىقنىڭ ئاچقۇچى ھەربىر كۈننى ياخشى ئۆتكۈزۈش، ھەتتا ئۇ سېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنۈڭ بولسىمۇ ھەر كۈنى ئۆزۈڭ قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلغىن، ئەڭ ياخشى قىلالىغانغا قەدەر قىل، ۋاقتىڭ ساناقلىقلا قالسىمۇ داۋاملاشتۇر.
     دېگەنلىرىڭىز ئىنتايىن ئورۇنلۇق. بىراق مەن قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىش ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرەلمىسەمچۇ؟  ئەگەر ئۇنداق بولمىسا مەنمۇ قېشىڭىزغا كەلمىگەن بولاتتىم.
     ئايتقانلىرىڭ پۈتۈنلەي توغرا. خىزمىتىڭنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىڭنى بىلىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى ئۆزۈڭدىن «ئەگەر ئەتە بانكىدا 1 مىليون فوندىستېرلىڭىم بولسا، يەنە داۋاملىق مۇشۇ خىزمەتنى قىلاتتىممۇ؟» دەپ سورا. ئەگەر جاۋابىڭ مۈجىمەل بولسا، ئۇنداقتا خىزمىتىڭنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىڭنى بىلدۈرىدۇ. ئېيتىپ باقە، توساتتىن مىليونېرغا ئايلىنىدىغان ئىش بولسا، قانچىلىك ئادەم خىزمىتىنى داۋاملىق ئىشلەر؟ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاز ساندىكى ئادەملەرلا شۇنداق قىلىدۇ. مۇشۇ سوئالغا نىسبەتەن ئېنىق جاۋاب بېرەلەيدىغانلار ئاللىبۇرۇن مىوليونېرغا ئايلىنىپ بولغان. مەن تونۇيدىغان مىليونېرلارنىڭ كۆپىنچىسى پېنسىيىگە چىقماستىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە خىزمەت قىلغان. چۈنكى ئۇلار ئۆز خىزمىتىنى سۆيىدۇ.
     بوۋاي سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
     ئېسىڭدە بولسۇن. ئۆزۈڭنى ئىدارە قىلالىساڭ، تاشقى مۇھىت ساڭا بويسۇنىدۇ. ئۇنداقتا ھاياتنىمۇ كونترول قىلالايسەن.
     سىز داۋاملىق مۇشۇنداق خۇشال يۈرەمسىز؟ سوراپتۇ يىگىت، بوۋاي:
     ئۇنداقمۇ ئەمەس. بۇرۇن بىر مەزگىل ئىنتايىن ئازابلانغان، ھەتتا ئلۈۋېلىشنىمۇ ئويلىغان تاكى بىر كۈنى مەلۇم بىر مىليونېرغا ئۇچراپ، بۈگۈن ساڭا ئېيتىپ بەرگەنلىرىمنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەنگە قەدەر ئازابلانغانىدىم. بىراق دەسلىپىدە مەنمۇ بۇلارغا گuمانىي قاراشتا بولغان. بۇ نەزىرىيىنىڭ ماڭا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن، ھاتتا  ئۇنىڭ ئۆزى كۆز ئالدىمدىكى ئىسپات بولسىمۇ شۇنداق ئويلىغانىدىم. بۇنىڭدىن ئاۋال مەن نۇرغۇن ئۇسۇللارنى سىناپ باققان، لېكىن ھېچقايسىسىدىن نەتىجە چىقىرالمىغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئۇسۇلىنىمۇ سىناپ باقماقچى بولدۇم،  چۈنكى بۇ ماڭا ھېچقانداق زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ - دە. ئۇ چاغلاردا مەن ئوتتۇز ياشتا بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزۈمنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنىڭ ئىسراپ بولپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
     سىز بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ بوۋاينىڭ پىكرى بويىچە ئىش كۆرگەنلىكىڭىزدىن پۇشايمان قىلمايسىزغۇ دەيمەن؟
     ئۇ دائىم ماڭا: سەن تەقدىرنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىشىڭ، ئۇنىڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى كونترول  قىلىشىڭ كېرەك، دەيتتى. مەن ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى گويا فانتازىيىلىك ھېكايىدەك ھېس قىلىپ ئەزەلدىن ئۇنىڭغا ئىشىنىپ باقمىغانىدىم. كېيىن بىر كۈنلەردە ئۇ بۇ ئىشنى قايتا - قايتا دەۋەرگەنلىكتىن بەلكىم ئۇنىڭ دېگەنلىرى راست بولۇشى مۇمكىن، ھايات مەن ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا مۇرەككەپ، كونترول قىلغىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس، بەلى تەقدىر بىلەن تەلەي ئەڭ ئالىي خوجايىن بولسا كېرەك، دەپ قارايدىغان بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئاستا - ئاستا كۆڭلىمىزنى كونترول قىلساقلا تەقدىرنى كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندىم.

    ھاياتتىن كۈتىدىغان ئۈمىد

    ئىچكى دۇنيايىڭنى ئىسلاھ قىلساڭ، تاشقى مۇھىت ئاندىن سېنىڭ خاھىشىڭغا بويسۇنىدۇ، ئاندىن تەقدىرىڭنى كونترول قىلالايسەن.
    ئەگەر خۇشاللىقتىن ئايرىلىپ قالساڭ، ھەممىدىن ئايرىلىپ قالىسەن.
    كۆڭلۈڭ خالىغان ئىشنى قىلساڭ، ئاندىن ئەقىللىق ھېسابلىنىسەن.
     سەن ھازىر تۇنجى قەدەمنى باستىڭ، دەپتۇ بوۋاي يىگىتكە چۈشەندۈرۈپ ۋە، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئەپسۇن ۋە ئاساسلىق نىشان: بىرى سان ۋە ۋاقىت. ئەمدى ئىككىنچى قەدەمنى باشلايمىز: بىر ۋاراق قەغەز ئېلىپ، ھااتىڭدا ئېرىشىشنى خالايدىغان بارلىق نەرسىلەرنى يېزىپ چىققىن. ئەگەر ئارزۇيۇڭنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدىكەنسەن، ئۇ چوقۇم توغرا بولۇشى كېرەك.
    بەش يىل ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك نىشانغا يېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش:
    300 مىڭ فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى بىر يۈرۈش ئۆي.
    يېزىدىن باھاسى 150 مىڭ فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى ئىككىنچى يۈرۈش ئۆينى سېتىۋېلىش.
    20 مىڭ فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى بېنچ ماركىلىق پىكاپتىن بىرنى سېتىۋېلىش.
    30 مىڭ فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى  دىن بىرنى سىتىۋېلىش.
    200 مىڭ فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى پۇل ۋە مۈلكى بولۇش.
    200 مىڭ فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى پاي چېكى ۋە باشقا مەبلەغلىرى بولۇش.
    بۇرۇن سېتىۋالغان 300 مىڭ فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى ئۆي - مۈلۈك مەبلىغى، سېتىۋالغان چاغدىكى قىممىتىدىن ئالتە ھەسسە ئېشىش.
    ئۇنىڭدىن باشقا:
    ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا كەم دېگەندە ئىككى ھەپتىلىك دەم ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش.
    ئۆزىگە خوجايىن بولۇپ، ھەپتىدە ئوتتۇز سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەش.
    ئەقىللىق، باي دوستلىرى بولۇپ، سودا - سانائەت ۋە سەنئەت بىلەن مەشغۇل بولۇش.
    ئۆزى سۆيىدىغان خوتۇن، چىرايلىق پەرزەنت ۋە كۆڭۈلدىكىدەك ئائىلە شارائىتىغا ئېرىشىش.
    بىر ئايال خىزمەتكار ئىشلىتىپ ئائىلە ئىشلىرىدىن ئازاد بولۇش.
    يىگىت بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەيران قاپتۇ.
     ئاڭلىماققا راست ئەمەستەك تۇيۇلىدىكەن، شۇنداقمۇ؟  دەپ سوراپتۇ بوۋاي يىگىتتىن ۋە،  ئارزۇلىرىمنى يېزىپ بولغان چاغدا مەنمۇ چەكتىن ئېشىپ كەتكەندەك ھېس قىلغانىدىم. بىراق قورقۇش ۋە گۇمانسىراشنى دەل ئۆزۈڭ، يەنى يىراقنى كۆرەلمەسلىكىمىز كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بىراق بۇنى ئكزۈم سېزەلمەپتىمەن.
     لېكىن مۇشۇنداق بىر جەدۋەلنى تۈزۈپ چىقىشنىڭ ئۆزى يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلىقىڭنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنداق تۇرمۇشقا يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئىقتىدارسىزلاردۇر. ئەگەر بىر قىسىم بايلار مەن بايا تەسۋىرلىگەن شارائىتتا ياشايدىغان بولسا، ئۆزلىرىنى ھەرگىزمۇ بەختلىك ھېس قىلمايدۇ. نۇرغۇن بايلار قىممەت باھالىق ئېسىل ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ، ئون نەچچە خىزمەتكارى، شەخسىي ئايروپىلانى... بولىدۇ. ئۇلار ئۆز تۇرمۇشىنى بەك ھەشەمەتلىك دەپ ھېس قىلىشارمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنى پۇلدار دەپمۇ ئويلىمايدۇ. ئۇلار نېمىشقا بۇ خىل تۇرمۇشنى ئىنتايىن نورمال دەپ قارايدۇ؟ ئەگەر ئۇلار تۇغۇلۇشىدىنلا پۇلدار بولمىسا ئۇنداقت چوقۇم يىراقنى كۆرەلەيدىغان بولغاچقا بۈگۈنكىدەك كۈنگە ئېرىشكەن. چۈنكى ئۇلار ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. ئۆزۈڭگە ئىشەنمىسەڭ، ئۇنداقتا ئۆز - ئۆزۈڭنى توسالغۇغا ئۇچرىتىسەن. بۇ مەشىقنى ئىشلىشىمىزدىكى مەقسەتمۇ دەل شۇ. ھېچبىر ئىككىلەنمەستىن ھاياتىڭدا ئېرىشىشنى خالايدىغان نەرسىلىرىڭنى يېزىپ چىققىن. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەتراپلىق يازغىن، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما مەلۇم بىر ئۆينى ئارزۇيۇڭدىكى ئۆي قىلىۋېلىشتىن ھەزەر ئەيلە. چۈنكى بۇ ئۆي مەڭگۈ سېتىلمايدۇ، دېمەك سەن مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئارزۇ ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان بولىسەن. ھەتتا ئارزۇيۇڭ ۋە ئىرادڭنىڭ قۇدرىتى ياكى ئارزۇيۇڭ ئەمەلىيەتكە خىلاپ بولغان ۋە ياكى باشقىلارغا زىيانلىق بولغان بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى سەن باش قاتۇرىدىغان ئىشلاردۇر.
    ئىدىيەڭدە ئويلىغانلىرىڭ قانچە توغرا بولسا، ئەمەلگە ئېرىشىش پۇرسىتىمۇ شۇنچە تېز بولىدۇ. شۇڭا ئەتراپلىق بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. بوۋاي يىگىتنىڭ گاڭگىراپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
     قەلبنىڭ كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەمسەن؟ ئېسىڭدە بولسۇن، بىر پەيغەمبەر مۇندق دېگەن: «ئىشەنچ دېگەن تاغنىمۇ يۆلەيدۇ».
    يىگىت گەپ - سۆز قىلالماپتۇ.
     سەن چوقۇم قەلبنىڭ قۇدرىتىگە ئىشىنىشىڭ كېرەك. ھەرقانداق چاغدا ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈ، پۇرسەت بەر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئارزۇيۇڭنى يازغىن. مۇشۇنداق ئاددىي ئىشنى ئاللىقاچان ئورۇنلىيالايدىغانلىقىڭنى تېخىچە چۈشەنمىدىڭمۇ؟
     ئويلىنىپ بېقىشىم ئۈچۈن ۋاقىت بېرىڭ،  دەپتۇ يىگىت قارشىلىق كۆرسەتكەندەك.
     ياخشى تەكلىپ، ئۇنداق بولسا دېگەنلىرىمنى ئويلىنىپ كۆر. سەن تېخى سۆزلىرىمگە پۈتۈنلەي ئىشىنىپ كەتمىدىڭ. چۈنكى كۆپ يىللىق خاتا تەربىيە ۋە ناتوغرا تەجرىبىلەر مۇشۇندق بولۇشىڭنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كەل، بىز گۈللۈككە بېرىپ بىر دەم ئايلىنىپ كېلەيلى. مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن بۇ يەردە ئاخىرقى قېتىم سەيلى قىلىشنى خالايمەن،   دەپتۇ بوۋاي.
    يىگىت بۇ سۆزلەردىن ئىنتايىن بىئاراملىق ھېس قىپتۇ. ئۇ بۇنداق بېشارەتنى بىرلا قېتىم بەرگىنى يوق. ئەجەبا، ئۇ ئۆلۈمگە راستتىنلا يېقىنلاپ قالغانمىدۇ؟

    ئەتىرگۈل باغچىسى

    ئۆز قەلبىڭدىن ئۈنۈملۈك ھالدا پايدىلانغىن. سەن چوقۇم ئۇنىڭ قۇدرىتىگە ئىشىنىشىڭ كېرەك.
    ئىككىيلەن ئۈن - تىنسىز ھالدا گۈللۈكتە ئايلىنىپتۇ. بوۋاي ئىنتايىن چىرايلىق ئېچىلغان ئەتىرگۈلنىڭ ئالدىدا گويا ھۇزۇرلىنىشتىن مەست بولۇپ كەتكەندەك تۇرۇپ قاپتۇ. كېيىن قەددىنى رۇسلاپ:
     ئەتىرگۈلنىڭ مەزىلىك ھىدىنى مۇشۇنداق پۇرىشىم تۇنجى قېتىملىق ئەمەس. لېكىن ھەربىر قېتىمدا ئوخشىمىغان تەجرىبىلەرگە ئېرىشىۋاتىمەن. بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلۈكىنى بىلەمسەن؟ چۈنكى مەن بۇ يەردە ياشاشنى ئۆگەنگەن. ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ كەتكىن، كەلگۈسىگىمۇ ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمە. مەخپىيەتلىك ئىنتايىن ئاددىي ئۇ دەل سەن كۆڭۈل بۆلگەن، كۆزەتكەن جايدا. كۆزىتىشنىڭ ئۆزى تۇرمۇشتىكى بارلىق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى. قانچە ئىنچىكە كۆزەتسەڭ، ئۇ شۇنچە تېز ۋە ئۈنۈملۈك بولىدۇ - دە، سەنمۇ باشقىلار بايقىيالمىغان ئىنچىكە، نازۇك تەرەپلەرنى بايقىيالايسەن،  دەپتۇ. يىگىت:
     بايلار ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىشنى ئۆگىنەمدۇ؟
     ئەلۋەتتە. كۆزىتىش ئىقتىدارىڭنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن ئەقىل بىرلەشسە نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆزىتەلەيسەن. كۆزىتىش ئىقتىدارىڭ بىلەن باشقىلارغا باھا بېرەلەيسەن، ئۇلارنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى كۆرەلەيسەن ۋە شۇ ئارقىلىق ئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى كۆرەلەيدىغان، ئەڭ ئەمەلىيەتچان ئادەمگە ئايلىنىسەن. باشقىلارنىڭ قالايمىقان خىياللىرى ساڭا ھەرگىزمۇ توسالغۇ بولالمايدۇ. شۇنداقمۇ كىشىلەر باركى، ھاياتىنى گويا چۈشتەكلا ئۆتكۈزىدۇ، ئەتراپىدىكى ئادەم ياكى نەرسىلەرگە دىققەت قىلمايدۇ. ئۇلار ئەزەلدىن ئەمەلىيەتتە ئەمەس، بەلكى خىيال دۇنياسىدىل ياشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن توغرىراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
     قارىغاندا، «كۆزىتىش» ئۆز نەزەرىيىلىرىڭىز ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇنداقمۇ؟
     پەخەس بول، يىگىت. ھەممە ئادەم بۇ جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. بىراق قەلبىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى كۆزىتىشكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قۇدرىتىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. نۇرغۇن ۋاقتىڭنى ئالدىراڭغۇلۇق ۋە بىخۇتلۇق ئىچىدە ئەنسىرەش، بارماق چىشلەشكە ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا سەرپ قىلىسەن.
    ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزى بىر سىر. سەن باشقىلار ئۈچۈنلا سىر بولۇپ قالماي، بەلكى ئۆزۈڭ ئۈچۈنمۇ بىر سىر. بۇنىڭ ھەممىسى كۆزىتىش ئىقتىدارىنىڭ كەملىكىدىن شۇنداق بولغان.
    يىگىت بوۋاينىڭ ھەربىر سۆزىنى ئىنتايىن بېرىلىپ ئاڭلاپتۇ. ھەتتا بىرەر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلىيالماي قالماسلىقى ئۈچۈن سوئالمۇ سوراپتۇ.
     داۋاملىق كۆزەتسەڭ،  دەپتۇ بوۋاي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ. ئۆزۈڭنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئېنىق ئورۇنغا قويۇلغانلىقىڭنى چۈشىنىسەن. سەن گواي ئۇزۇن يىللىق ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك ھاياجانلانغان ھالدا: «ئاھ، مانا بۇ مەن! مانا بۇ مېنىڭ نېمىشقا بۇ يەردە ئىكەنلىكىمنىڭ، نېمىشقا بۇ ئىشلارنى قىلغانلىقىمنىڭ، نېمىشقا بۇ ئادەملەر بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىمنىڭ سەۋەبى!» دەپ ۋارقىرىشىڭ مۇمكىن. سەن بۇ ئارقىلىق بۇرچ تۇيغۇسىغا ئېرىشىسەن، تەقدىرىڭنى چۈشىنىسەن. بىر خىل قوبۇل قىلىش ھېسسىياتى قەلبىڭنى ئىگىلەيدۇ. بۇ سېنىڭ تەقدىرگە باش ئەگكىنىڭنى ئەمەس، بەلكى ئۆز ئورنۇڭنى ئېنىق كۆرۈپ ئۇنى قوبۇل قىلغانلىقىڭنى بىلدۈرىدۇ. يەنى بۇ ئارقىلىق تەقدىرىڭنى قولۇڭغا ئالالايسەن.
    بوۋاي سۆزدىن توختاپ، بېشىنى ئېگىپ تۇرۇپ ئەتىرگۈلنىڭ پۇرىقىنى قايتىدىن پۇراشقا باشلاپتۇ.
     ئەلمىسقتىن تارتىپ ئەتىرگۈل ھاياتقا سمۋول قىلىنغان. ئەگەر قەلبىڭگە ئىگىدارچىلىق قىلالىساڭ، بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلۈكىنى بىلەلەيسەن. ئادەم جاپا - مۇشەققەت ۋە ئېغىر سىناقلاردىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن مەۋجۇتلۇقنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايدۇ.
    بوۋاي سۆزلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن بىر دانە ئەتىرگۈلنى قايچىدا كېسىۋاپتۇ - دە، بۇ ياش ھەمراھىغا سوۋغا قىپتۇ.
     بۇ گۈلنى بىر ئۆمۈر ساقلىغىن،  دەپتۇ بوۋاي ۋە،  ئۇ تۇمارغا ئوخشاش ساڭا ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ. بىلىشىڭ كېرەككى، بۇ گۈل سېنىڭ ئەتىرگۈل توپىغا ئەزا بولغانلىقىڭنى بىلدۈرىدۇ. ھەر قېتىم ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغىنىڭدا ھەر قېتىم ئۆزۈڭدىن گۇمانلانغان، ھاياتتىن ئاغرىنغان چېغىڭدا بۇ گۈلنىڭ قېشىغا كەلگەىن، ئۇنىڭ نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېسىڭدىن چىقارما. ھەربىر سىناق، ھەربىر سوئال، ھەربىر خاتالىق بىر كۈنلەردە چوقۇم ئىنتايىن گۈزەل گۈل ياپراقلىرىغا ئايلىنىدۇ. گويا يىلتىز ئەتراپىدىكى تىكەنلەردەك ئازاب - ئوقۇبەت ساڭا يورۇقلۇقنى ۋە ھەقىقىي گۈزەللىكنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
    يىگىت ئەتىرگۈلنىڭ ھىدىنى پۇراشقىمۇ ئۈلگۈرمەستىن بوۋاي سۆزىنى يەنە باشلاپتۇ:
     دېگەنلىرىمنى قايتا تەكرارلاي. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى دەل قەلبىڭنىڭ كۆزىتىشىدە. قەلبىڭ كۆزىتىش مەشىقىدىن كېيىن قۇدرەت تاپقان چاغدا ھاياتتىكى مەسىلىلەرنىڭ سېنى قايمۇقتۇرالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىسەن. شۇنداقلا مېنىڭ ساڭا دېمەكچى بولغانلىرىمنى شۇ چاغدا ئاڭلىساڭ ئىنتايىن ئاددىي بىلىنىدۇ. پەقەت سوئالنى سوئال دەپ چۈشەنگىنىڭدىلا سوئال ئاندىن مەۋجۇت بولىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئەگەر بارلىق نەرسىلەرنى مۇھىم ئەمەس دەپ قارىساڭ، ھېچقانداق ئىشقا پىسەنت قىلمايسەن. مەسىلىنىڭ قىيىن تەرىپى قەلبىڭنىڭ ئاجىز تەرىپى بىلەن تەڭ نىسبەتتە بولىدۇ. قەلبىڭ قانچە قۇدرەت تاپسا، ئالدىڭدىكى مەسىلىلەر شۇنچە ئەرزىمەس بولىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ ماھىيەتلىك سىرى. شۇڭا كۆزەتكىن! ئۇ مۇۋەپپەقىيەتكە تۇتاشقان ئەڭ ئۇلۇغ يول.
    بوۋاي بىلەن يىگىت ئۆيگە كىرىپ تاماق ئۈستىلىگە كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. خىزمەتكار ئۇلارغا بولكا ۋە ھاراق ئېلىپ كىرىپتۇ. يىگىت:
     مېنى ئويلاندۇرۇپ قويغان مۇنداق بىر ئىش بار. مەن راستتىنلا دېگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى توغرىدەك ھېس قىلىۋاتىمەن. ئەگەر ھازىر ماڭا بەرگەن ئەپسۇنىڭىزنى ئىشلىتەلىسەم ناھايىتى تېزلا بىر مىليونېرغا ئايلىنىدىغانلىقىمغا ئىشەندىم ھەم كۆڭلۈممۇ خاتىرجەم بولدى. بىردىنبىر مەسىلە شۇكى، مەن قايسى كەسىپ بىلەن بايلىق يارىتىمەن؟
    ئەستايىدىل سورالغان بۇ سوئال بوۋايغا قىزىق تۇيۇلغان بولسا كېرەك، ئۇنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋە قىپتۇ.
     سەن چوقۇم ھاياتقا ۋە قەلبىڭنىڭ قۇدرىتىگە ئىشىنىشىڭ كېرەك،  دەپتۇ بوۋاي ۋە ، ئەنسىرىمەن، ئاۋۋال نىشانىڭنى بەلگىلە، ئاندىن سەندىكى يوشۇرۇن ئاڭ سېنى بېيىش يولىغا يېتەكلەيدۇ. ئاۋۋال تەلىپىڭنى ئوتتۇرىغا قوي، ئاندىن كۈت. جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت كەتمەيدۇ،  دەپتۇ.
    يىگىت بوۋاينىڭ جاۋابىدىن گۇمانلانغاندەك ھەتتا ئۈمىدسىزلەنگەندەك ھېس قىپتۇ. ئۇ ئەلۋەتتە تېخىمۇ كونكرېتراق جاۋابقا موھتاج - دە!
    بوۋاي راستتىنلا كىشى كۆڭلىدىكىنى بىلەلەيدىغان ئادەم بولۇپ، ناھايىتى تېزلا تولۇقلاپ:
     ئالدى بىلەن سېنى قانائەتلەندۈرەلەيدىغان كەسىپتىن بىرنى تاپقىن، ئاندىن بۇ كەسىپ ھەققىدە ئويلان. بۇ خىل كەسىپتە سېنى خۇشالىققا ئېرىشتۈرىدىغان تەركىپلەرنىڭ ھەممىسى دەل سېنىڭ قەلبىڭدە بولۇپ، پەقەت سەن بىلەلمىگەن، خالاس. چۈنكى سەن ئۆزۈڭنى ھەقىقىي تۈردە چۈشەنمەيسەن. ئۇنى داۋاملىق كۆزەت، خاراكتېرىڭدىن ئۇنىڭ جاۋابىغا ئاستا - ئاستا ئېرىشىسەن. تېخىمۇ ياخشى بولغىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئۆمۈر ئىزدەپمۇ ئېرىشەلمەيدىغان جاۋابقا ئېرىشىسەن. شۇ چاغدىلا سەن بۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشۇڭنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىسەن. ھېس قىلمىدىڭمۇ؟ ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىلىرىنى پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن كۆزەتسەڭلا سەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەخپىيەتلىكلەرنى بايقىيالايسەن.
    بوۋاي بىر پەس تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھاراقتىن بىر يۇتۇم ئاغزىغا ئاپتۇيۇ، لېكىن يۇتۇۋەتمەستىن ئاستا - ئاستا ئۇنىڭ تەمىنى تېتىشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرى يېرىم يۇمۇلغان بولۇپ، گويا بىرەر خۇشاللىقتىن ھۇزۇرلىنىۋاتقاندەك ئىكەن.
      مەندە بىر تىيىنمۇ بولمىسا، ئىگىلىك تىكلەيدىغان پۇلغا قانداق ئېرىشىمەن؟  سوراپتۇ يىگىت تاقەتسىز ھالدا. بوۋاي:
     ساڭا قانچلىك لازىم؟
     ئاز دېگەندىمۇ 10 مىڭ فوندستېرلىڭ. سىزمۇ دەسلەپتە ئىش باشلىغاندا شۇنچىلىك پۇلغا ئېھتىياجلىق بوپتىكەنسىزغۇ!
     بۇ پۇلنى تاپالايدىغانلىقىڭدا گەپ يوق. ئويلاپ باققىن، پۇل تاپالايدىغان بىرەر يولۇڭ بارمىدۇ؟
     راستىنى ئېيتسام، ھېچقانداق يولۇم يوق. قايسىبىر بانكىنىڭ ماڭا قەرز پۇل بېرىپ تۇرالايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. گۆرۈگە قويغۇدەك بىرەر نەرسە يوق، ھەر ئايلىق مائاشىمدىن ئېشىنالايدىغىنىممۇ تايىنلىق. مېنىڭ مال - مۈلۈك تۈگۈل ھەتتا بىرەر ماشىناممۇ بولمىسا ...
     سەندە ھېچبولمىغاندا سىناپ بېقىش دېگەن نەرسە باردۇ؟
     ياق... بىراق ئىشىنىمەنكى...
     ئەمدى بۇنداق خاتالىقنى قايتا سادىر قىلمىغىن. بەزى ئادەملەرگە ئوخشاش سىناپمۇ باقماي تۇرۇپ ۋاز كەچمە. شۇنداقمۇ ئادەملەر باركى، ھەرىكەت قوللانغان بولسىمۇ ئۇلار باشلىنىشىدىلا مەغلۇبىيەتچىلەردۇر. ئىدىيەڭ بىلەن ئىش - ھەرىكىتىڭ بىردەك بولسىلا، ئۆزۈڭ بىلەنمۇ بىردەك بولالايسەن.
     مەن بۇنداق قىلىشنى ئىنتايىن خالايمەن، بىراق سوئالىم يەنىلا جاۋابسىز قالدى. مەن ھېچبولمىغاندا...
     سەن دەسلىپىدىلا سوئالىڭنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭ كېرەك. قەلبىڭنىڭ قۇدرىتى ۋە شىنانىڭ سەن ئويلاپمۇ باقمىغان ئۇسۇل بىلەن جاۋابىنى كۆز ئالدىڭدا نامايان قىلىدۇ. بىراق چىن قەلبىڭدىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىشىڭ، ھەرگىز گۇمانلانماسلىقىڭ ھەمدە ئىچكى قۇدرىتىڭ بىلەن گۇماننى يوقىتىشىڭ كېرەك. گۇماننىڭ بىر قىسمى زۇلمەتتۇر. لېكىن ئۈمىدۋارلىق يورۇقلۇق ۋە ھاياتنىڭ شاھانە تەختى. ئەگەر قەرز پۇلغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭغا قەتئىي ئىشەنسەڭ سەن چوقۇم ئېرىشەلەيسەن.
     شۇنداق، ھازىر ئىشەندىم، سىز مېنى قايىل قىلدىڭىز.
     ئۇندقتا، قانداق قىلىپ بۇ پۇلغا ئېرىشمەكچىسەن؟
     بىلمەيمەن.
     ئەگەر بىر سائەت ئىچىدە سېنى 10 مىڭ فوندستېرلىڭ تېپىپ ئىگىلىك تىكلە دېسەم قانداق قىلاتتىڭ؟
     يەنىلا نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەيمەن...
     ئالدىڭدا تۇرغىنى ئەزەلدىن سېنى رىغبەتلەندۈرۈپ كېلىۋاتقان مىليونېر. ئۇ ساڭا ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سىرىنى ئېيتىپ بەردى. بىراق سەن قانداق قىلىشىڭنى بىلەلمەيۋاتىسەن.
    يىگىت توساتتىن بوۋاينىڭ مەقسىتىنى چۈشەنگەندەك بوپتۇ. ئۇنىڭدىن قەرز ئالسا بولىدىغۇ؟ ئۇ بىر ئاز تۇرۇۋالغاندىن كېيىن شۇنداق قىلىش قارارىغا كەپتۇ.
     سىز ماڭا 10 مىڭ فوندستېرلىڭ قەرز بېرىپ تۇرامسىز؟
     مانا ئەمدى توغرا قىلدىڭ. بۇ شۇنچە ئاسان، پەقەت تەلىپىڭنى ئېيتساڭلا بولىدىغۇ! بىراق نۇرغۇن كىشىلەر تەلەپ قىلىشتىن قورقىدۇ. سەن چوقۇم تەلەپ قىلىشتا جۈرئەتلىك بولۇشۇڭ كېرەك.
    بوۋاي يانچۇقىدىن پارچە پۇل ئورنىد ئىشلىتىدىغان 10 مىڭ فوندستېرلىڭنى چىقىرىپ يىگىتكە بېرىپتۇ. يىگىت ئۆمرىدە بۇنداق كۆپ پۇلنى تۇتۇپ باقمىغان بولغاچقا ھاياجانلانغىنىدىن تىترەپ كېتىپتۇ.
     بەلكىم بۇ پۇلنى «شۇنداق ئاسان قولغا كەلدى» دەپ ئويلىشىڭ مۇمكىن،  دەپتۇ بوۋاي گېپىنى باشلاپ،  بىراق ساڭا ئېيتىپ قوياي، كەلگۈسىدە پۇل تېپىشىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئېچىنىشلىقى، نۇرغۇن كىشىلەر پۇلنى «ئاسان قولغا كەلمەيدىغان نەرسە، چوقۇم جاپالىق ئەمگەك ئارقىلىق كېلىدۇ» دەپ چۈشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەمگەكنىڭ بىردىنبىر قىممىتى ئۆزۈڭنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىدىيەڭنى يۈكسەلدۈرۈشتۇر. نۇرغۇن پۇل تاپقان چېغىڭدا (ۋەدە بېرىمەنكى ساڭا ئېيتىپ بەرگەن ئۇسۇل بويىچە پۇل تاپساڭ ھەرگىزمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلمايسەن) يەنىلا ئەڭ مۇھىمى، سېنىڭ پوزىتسىيەڭ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىسەن. ئارزۇيۇڭنىڭ قۇدرىتى سېنى ئۆزگىچە، كونكرېت بولغان نىشان ئارقىلىق مەقسىتىڭگە يەتكۈزىدۇ.
    نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ خىل ئۇسۇلغا سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن مەغلۇب بولغان. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا جاپالىق، ئەھمىيەتسىز بولغان خىزمەت بىلەن تۇرمۇشىنى قامديدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. ئېسىڭدە بولسۇنكى، تاشقى مۇھىت ھەمىشە روھىي ھالىتىڭ ۋە قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئېتىقادىڭنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.
    10 مىڭ فوندستېرلىڭنىڭ خۇشلۇقىدا ئەس - ھوشىنى يوقىتايلا دەپ قالغان يىگىت بوۋاينىڭ ئەقەللىي نەسىھەتلىرىگە دىققىتىنى يىغالماپتۇ.
     شۇڭا ئېسىڭدە بولسۇن يىگىت، پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغان چېغىڭدا ناھايىتى ئاسانلا ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭغا ئىشەنسەڭ، ئىشلار چوقۇم ئويلىغىنىڭدەك بولىدۇ، ھەقىقىي رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.
     ناۋادا مەن گۇمانلىنىپ قالسامچۇ؟
     گۇمانلانغان چېغىڭدا ئەڭ ياخشى چارە ئۆزۈڭگە ئاز - تولا بېشارەت بېرىش، سۆزلىرىڭنى شوئارغا ئايلاندۇرۇش. روھىي جەھەتتە قۇدرەت تاپقان ۋاقتىڭدا، دېگەن ھەربىر سۆزلىرىڭ بىر بۇيرۇققا ئايلىنىدۇ ھەمدە تىلىڭمۇ ئەمەلىيەت بىلەن بىرلىشىپ كېتىدۇ. بۇ بۇيرۇقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت بارا - بارا ئازلاپ، ئاخىرىدا بۇيرۇق كەلگەن ھامان ئىجرا بولىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا سەن ئۆزۈڭگە ھەقىقىي خوجايىن بولالايسەن. ئىدىيەڭنى بويسۇندۇرالىغىنىڭدىلا ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ھالەتتىن ساقلىنالايسەن. سەندە چوقۇم ئىجابىي ئىدىيىلا مەۋجۇت بولۇشى ھەمدە بۇ ئىدىيەڭ باشقىلارغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا تىلنىڭ قۇدرىتى ئەكسىچە سەن بىلەن قارشىلاشمايدۇ.
    ئۇ بىر دەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن:
     مەن بۇ پۇللارنى قەرز بېرىپ تۇرمايمەن... ساڭا سوۋغا قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىز بىر چەمبىرەك ھاسىل قىلغان بولىمىز. بۇ پۇللارنى ئەسلىدە ئۇستازىم ماڭا ئىگىلىك تىكلىۋېلىشىم ئۈچۈن سوۋغا قىلغان. بۇ پۇللارنى ھەرگىزمۇ باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلمىغىن. ئىنجىلدا سۆزلەنگەن ھېكايىدە ھېلىقى كىشى «پۇللىرىم بىخ سۈرۈپ تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈپ چىقسۇن» دەپ يەرگە ھەممە پۇللىرىنى كۆمۈپ قويغانەك سەنمۇ ئۇنى يەرگە كۆمۈپ قويما. ۋەھىمە بولسا سېنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىڭ ھەم گۇماننىڭ قېرىندىشى. سەن چوقۇم ۋەھىمە ئۈستىدىن غالىب كېلىشىڭ، قورقماس، باتۇر بولۇشۇڭ لازىم.ئېسىڭدە بولسۇن پۇلنى ئەركىن - ئازادە ئىشلەتكەندىلا تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. لېكىن ساڭا بەرگەن پۇللارنى قەرز پۇل دېيىشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى سەن ھامان بىر كۈنى بۇ پۇلنى باشقا بىرسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشىڭ كېرەك. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ساڭىمۇ بىر يىگىت ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ھالىتىمۇ سېنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇمۇ بىر دەستە ئەتىرگۈل تۇتۇپ تۇرغان بولىدۇ. خۇددى مەن بۇ پۇللارنى ساڭا بەرگەندەك سەنمۇ بۇ پۇلنى چوقۇم ئۇنىڭغا بېرىشىڭ كېرەك. ئىشىنىشىڭ كېرەككى، ئۇ چاغدا بۇ پۇللارمۇ سەن ئۈچۈن ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىدۇ. ساڭا قويىدىغان تەلىپىم، سېنىڭ ئۇ يىگىتكە بەرگەن پۇلۇڭنىڭ قىممىتى چوقۇم بۇ پۇلنىڭ بۈگۈنكى قىممىتى بىلەن تەڭ بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئۇ ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن يەتكۈدەك پۇلغا ئېرىشكەن بولىدۇ. چۈنكى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ ۋاقىتقا بارغاندا 10 مىڭ فوندستېرلىڭ ھېچقانچە پۇل ھېسابلانماسلىقى مۇمكىن.
    يىگىت بېشىنى لىڭشىتىپ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.
     بۇ پۇللارغا ئېرىشكەن ھېلىقى يىگىتمۇ چوقۇم مەن ساڭا قالدۇرغان، سەن ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن مەخپىيەتلىكنى باشقىلارغا مىراس قالدۇرۇش توغرىسىدا قەسەم قىلىشى كېرەك. بۇ ئىشنى ئۈزۈپ قويۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا بالايىئاپەتكە دۇچار بولىسەن. سېنىڭ سەمىمىي ئادەملىكىڭنى بىلىمەن، شۇنداق بولغاچقىلا مەن بۇ مەخپىيەتلىكنى ساڭا قالدۇردۇم.
    يىگىت ئۇنىڭغا چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپتۇ.
     سەن بىلىشكە تېگىشلىك يەنە بىر ئىش بار،  دەپتۇ بوۋاي.
    بۇ چاغدا يامغۇر شاقىراپ يېغىشقا باشلاپتۇ.
    مەن ساڭا ئۆگەتكەن بۇ مەخپىيەتلىكنى ھەرقانداق نىشان، ئارزۇلىرىڭ ئۈچۈن ئىشلەتسەڭ بولىدۇ. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، مېنىڭ شۇنچە كۆپ بايلىقىمنىڭ بولۇشى پۇلغا بەك ھېرىسمەنلىكىمدىن ئەمەس. مۇھىمى ئىشەنچىسى ئاجىز كىشىلەرگە قەلبنىڭ قۇدرىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈندۇر. ئىنسانلاردا ئەڭ ئۇلۇغ بىر نەرسە باركى، ئۇ بولسىمۇ ئەركىنلىك. مال - دۇنيا كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرەلەيدۇ (پەقەت سەن بۇ خىل ئەركىنلىكنىڭ ئىنتايىن ياخشىلىقىنى ھېس قىلالىساڭلا). ھەقىقىي ئەركىنلىك بولسا باشقىلارغا بويسۇنماسلىق ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. مانا بۇ ئەڭ ئالىي ئەركىنلىك. ئاشۇنىڭدەك ھېچنېمىسى يوق كىشىلەرلا بۇ مەڭگۈلۈك ئەتىرگۈلنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ. مۇشۇنداق ئەركىنلىككە ئېرىشىش مەۋجۇتلۇقۇمدىكى مەخپىي نىشان ھېسابلىنىدۇ. مەيلى باشقىلار قانداق ئويلىسۇن (كىشىلەر تاشقى قىياپىتىمگە قاراپل مېنى ئىنتايىن باي ئادەم دەپ قارايدۇ)، ئەمەلىيەتتە مەن پەقەت ئادەتتىكى باغۋەن، خالاس.
    بۇ چاغدا يىگىت ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
     سىز نېمىشقا بۇلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىسىز؟ نېمە ئۈچۈن بۇ پۇللارنى ماڭا بېرىسىز؟ سىز ماڭا قەرز ئەمەسقۇ؟ ... ئەمەلىيەتتە... سىزنى باشقىلارمۇ كۆرگىلى كېلىشى مۇمكىن ئىدىغۇ؟
     ئەگەر ھەقىقىي سەۋەبىنى بىلمەكچى بولساڭ، چوقۇم ئېيتىپ بېرىمەن. بىراق بۈگۈن بۇ سەۋەبنى قوبۇل قىلالامسەن - يوق بۇنى بىلمەيمەن. لېكىن بىر كۈنلەردە قوبۇل قىلىشىڭ مۇمكىن. چۈنكى روھ دېگەن مەڭگۈلۈك بولىدۇ. ھەربىر روھ بىر ھاياتلىقتىن يەنە بىر ھاياتلىققا كۆچكۈچە نۇرغۇن ھەمراھلارغا ئېرىشىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ. ھاياتىمىزدىكى ئۇچرىشىشلار ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس.
    يىگىت بۇ سۆزلەرنى پۈتۈنلەي چۈشىنىپ كەتمىسىمۇ يەنىلا ئىنتايىن تەسىرلىنىپتۇ. بوۋايدا مۇشۇنداق بىر سالاپەتنىڭ بارلىقىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغانىكەن. گەرچە يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مېڭىشلىرى گويا پادىشاھلاردەكلا بولۇپ، بەستلىك ھەم ھەيۋەتلىك، چىرايىدا بولسا يىللارنىڭ ئىزناسىمۇ يوق، ئىنتايىن نۇرلۇق ئىكەن. بوۋاي ئوڭ قولىنى چىقىرىپ يىگىتنىڭ پېشانىسىنى سىلاپ تۇرۇپ، «ھەقىقىي ئۆزۈڭنى تاپقىن، ھەقىقەت سېنى مەڭگۈ ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ» دەپتۇ.
    مانا بۇلار بوۋاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرى. سىرتتىكى يامغۇر قانداق تېز ياغقان بولسا، شۇنداق تېز توختاپتۇ. قۇياش قايتىدىن نۇرلىنىپتۇ. بوۋاي بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن چىقىپ كېتىپتۇ. يىگىتمۇ گەپ قىلىشقا پېتىنالماپتۇ. يىگىت ئىنتايىن غېرىبلىق ئىچىدە قولدا بوۋاي بەرگەن پۇللارنى تۇتقىنىچە تۇرۇپ قاپتۇ.

    ئوخشىمايدىغان سەپەر

    ھەربىر تەجرىبە، سوئال، خاتالىق، ھەر كۈنى ئىنتايىن چىرايلىق گۈل بەرگىلىرىگە ئايلىنىدۇ.
    گويا يىلتىز ئەتراپىدىكى تىكەنلەردەك، ئازاب ئادەمنى يورۇقلۇققا، گۈزەللىككە باشلايدۇ.
    كۆزىتىش بولسا تۇرمۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى. خىزمەتنىڭ بىردىنبىر قىممىتى قەلبىڭنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارقىلىق ئىدىيەڭنى يۈكسەلدۈرۈش.
    ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىزمەتكار بىر پارچە خەتنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەپتۇ. ئۇ يىگىتكە خەتنى تاپشۇرغاندىن كېيىن چۈشەندۈرۈپ:
     خوجايىنىم بۇنى سىزگە تاپشۇرۇپ بېرىشىمنى ئېيتقان. ئۇ سىزنىڭ بۇ خەتنى چوقۇم ھۇجرىڭىزغا ئەكىرىپ ئوقۇشىڭىزنى تەلەپ قىلدى. سىز بۇ يەردە يەنە بىر كۈن تۇرسىڭىز بولىدۇ، ئاندىن چوقۇم كېتىشىڭىز كېرەك. بۇ خوجايىنىمنىڭ ئارزۇسى،  دەپتۇ.
    يىگىت رەھمىتىنى بىلدۈرۈپتۇ. بۇ قېتىم ئۇ يەنە ھۇجرىغا سولىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشىكنى قىيا ئېچىپ قويۇپتۇ ۋە كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ دەرھال خەتنى ئېچىپتۇ. ئېچىش بىلەن ئەتىرگۈلنىڭ خۇش ھىدى بۇرنىغا ئۇرۇلۇپتۇ. خەتتە مۇنۇلار يېزىلغانىكەن:
    «بۇ مېنىڭ ئاخىرقى تەلىپىم. قىرائەتخانامدىكى ئۆزۈم ساقلىغان بارلىق كىتابلىرىمنى ساڭا سوۋغا قىلدىم. ئۇلارنىڭ ساڭا ياردىمى كۆپ. ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلە. چۈنكى بەزىلەر «كىتاب يىغىشنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى يوق» دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇلار كىتابتىكى بىلىملەرنى ئۆگەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئالدىنقىلار بېسىپ ئۆتكەن خاتا يولدا مېڭىپ، نۇرغۇن ۋاقتى ۋە ئىقتىسادىنى ئىسراپ قىلىۋالىدۇ.
    ئورەككە چۈشۈپ كېتىشتىنمۇ ئېھتىيات قىل. كىتابتا يېزىلغانلاردىن ھەرگىز گۇمانلانما، ئۇ كىتابلارنىڭ ئاپتورلىرى بىلىملىك ساياھەتچىلەردۇر. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، كىتابلاردا ساياھەت جەريانى سۆزلىنىدۇ. لېكىن سەن باسماقچى بولغان سەپەر باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. باشقىسىغا كەلسەك، شەخسىي مۈلكۈڭنى ئىشقا سالساڭ بولىدۇ. كاللاڭنى ئىشلەت، ئۇ يەنىلا ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئويلىنىش قورالى. ئەپسۇسلىنارلىقى بەزىلەر ھاياتى بەدىلىگە ئويلىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان چارىلەرنى ئويلاپ تاپىدۇ.
    بىز كۆرۈشكەندىن بۇيان ئۆزۈم بىر ئۆمۈر توپلىغان ئەقىل دۇردانىلىرىنى ساڭا ئۆگىتىشكە تىرىشىۋاتىمەن. بۇ خەتتىن كۆڭلۈمنى ئىپادىلەپ تۇرغان قۇرلارنى تاپالايسەن. مەن سېنىڭ كۈچۈڭنىڭ يېتىشىچە باشقىلارغا بۇ قاراشلىرىمنى يەتكۈزۈشۈڭنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق بولغاندىلا ھاياتىم ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ. تەجرىبىدىن ئۆتمىگەن ئۇسۇلنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. شۇڭا ئاۋۋال ئۆزۈڭ سىناپ بېقىشىڭ شەرت. ئالتە يىل ئىچىدە سەن بىر مىليونېرغا ئايلىنىسەن. ئەنە شۇ چاغدا تېگىشلىك ۋاسىتە قوللىنىپ باشقىلارغا ئىككىمىزنىڭ تونۇشۇش جەريانى ۋە بۇ مەخپىيەتلىكنى يەتكۈزسەڭ بولىدۇ.
    ئەمدى سەندىن ئايرىلىشىم كېرەك. چۈنكى ئەتىرگۈللىرىم مېنى بەك ئۇزۇن ساقلاپ كەتتى». ھاياجانلانغان يىگىت «تېز بېيىغۇچى»نىڭ يەتتە بەتلىك كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە يازغان بۇ خېتىنى شۇنچىلىك بېرىلىپ ئوقۇپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپتۇ. لېكىن يىگىتكە نىسبەتەن بىرنەچچە مىنۇت ئۆتكەندەكلا تۇيۇلۇپتۇ.
    خەتنى ئوقۇپ بولغاندا ئۇ تەبىئىي ھالدا بوۋاينىڭ ئۆزىگە مۇشۇنداق قىممەتلىك سوۋغىنى تەقدىم قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتماقچى بوپتۇ.
    ئۇ دەرھال ئاشخانىغا قايتىپتۇ. بىراق ئۇ يەردە ھېچكىم يوق. خىزمەتكارنى چاقىرىپتۇ، لېكىن ھېچكىم جاۋاب قايتۇرماپتۇ.
    يىگىت گۈللۈككە بېرىپ بوۋاينى چاقىرىپتۇ. توساتتىن ئۇ بوۋاينى كۆرۈپتۇ. غەلىتە يېرى بوۋاي گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياتقان بولۇپ، ئەتراپىدا شاملار قويۇلغان، شاملار پۈتۈنلەي كۆيۈپ بولغان بولۇپ، پەقەت ئەڭ ئۇزۇن بىر تېلىلا تېخىچە كۆيۈۋاتقانىكەن. يىگىت بۇ غەلىتە بوۋاينى تېخى باشقىچىرەك بىر جايدا ئارام ئېلىۋالماقچى بولۇپ مۇشۇ يەردە ئۇخلاپ قالغان چېغى، دەپ ئويلىغانىكەن. بىراق بوۋايغا يېقىنلاشقانچە گويا بىرەر پاجىئە يۈز بېرىدىغاندەك ھېس قىلىشقا باشلاپتۇ. بوۋاينىڭ قېشىغا كەلگەن چېغىدىلا بۇ ئىشنىڭ راستلىقى ئىسپاتلىنىپتۇ. بوۋاي ئۈستىگە ئاق رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىۋالغان بولۇپ، قولى كۆكرىكىگە قويۇلغان، قولىدا بىر دانە ئەتىرگۈل، چىرايىدا ھېچقانداق ئەنسىرەش، ئازابلىنىش ئالامەتلىرى يوق، پۈتۈنلەي تىپتىنچ. يىگىت يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قۇلىقىنى بوۋاينىڭ بۇرنىغا ئەكېلىپتۇ. گەرچە قىياپىتىدىن كۈلۈمسىرەش ئىپادىلىرى كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، ئۇ راستتىنلا نەپەستىن توختىغانىكەن.
    نېمىدېگەن غەلىتە ئۆلۈش - ھە؟! بوۋاي ئۆزىنىڭ قاچان ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ بىلىدىكەن - دە! ئۇنىڭ قانداق مەخپىي ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئەزرائىلنى چاقىرغانلىقىنى كىم بىلسۇن! ياكى ئۆلۈۋېلىشنى ئويلىغانمىدۇ؟ يىگىت ئۆزىچە شۇندق ئويلاپتۇ. بەلكىم يىگىت بۇلارنى مەڭگۈ بىلەلمەسلىكى مۇمكىن. بوۋاي ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەخپىيەتلىكىنى ئېلىپ كەتكەنىكەن.
    يىگىت كېتىدىغان ۋاقتىنىڭ بولغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. بۇ يەردە ئەمدى قىلغۇدەك ئىش يوق، لېكىن كېتىشتىن بۇرۇن بوۋاينىڭ كۆكسىدىكى بىر تال ئەتىرگۈلنى خاتىرە ئۈچۈن ئېلىپ كېتىشى كېرەك. ئۇ ئېڭىشىپ گۈلگە قولىنى ئۇزىتىپتۇ. بىراق توساتتىن قولىنى تارتىپ، ئۇنى ئېلىشتىن يالتىيىپ قاپتۇ. ئۇ بۇنداق قىلسا بوۋايغا بولغان ئەسلىمىلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك ھېس قىپتۇ. بۇ گۈل بوۋايغا مەنسۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەمراھى ئەمەسمۇ! يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپتۇ ۋە كۆيۈۋاتقان ھېلىقى بىر تال شامغا قارىغىنىچە كۆز چاناقلىرى ياشقا تولۇپتۇ. گەرچە بوۋاي بىلەن تونۇشقىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، ئۇنى خۇددى دادىسىدەكلا ياقتۇرۇپ قالغانىكەن.
    ئۇ «بوۋاينى ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويمايمەن، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۇنىڭ ئۆگەتكەنلىرىنى كېيىنكىلەرگە ئۆگىتىمەن» دەپ قەسەم قىپتۇ. بۇ چاغدا ھېلىقى شاممۇ كۆيۈپ بوپتۇ. يىگىت كەلگەن چاغدىكىدەكلا بوۋاينىڭ ۋەسىيەتنامىسى ۋە مىراسىنى كۆكسىگە چىڭ يېقىپ كېتىپ قاپتۇ. ئىككىنچى كۈنى بوۋاينىڭ كىتابلىرى يىگىتنىڭ تۇرالغۇسىغا ئەۋەتىلىپ بېرىلىپتۇ. كىتابلار ئىنتايىن كۆپ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆيى ئىنتايىن تار بولۇپ، ئۇ چاغدا ئۇ يەنە بىر قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەپتۇ. يەنى يا ئۆي كۆچۈشى يا كىتابلارنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئۇ ئۆي كۆچۈش قارارىغا كەپتۇ ۋە بۇ قارارغا كەلگىنىدىن ئىنتايىن خۇشال بوپتۇ.
    بۇنىڭ ئۆزى يېڭى بىر كەلگۈسىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرمەمدۇ؟

    ئاخىرقى سۆز

    كىتابتىكى بىلىملەرنى ئىشلىتەلمىسەڭ ئالدىنقىلار باسقان خاتا يولدا مېڭىپ، نۇرغۇن ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلىۋالىسەن. كىتابتا يېزىلغانلاردىن ھەرگىز گۇمانلانما.
    بوۋاينىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىدەك يىگىت ئالتە يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تۇنجى 10 مىليون فوندستېرىلڭنى تېپىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋەدىسى بويىچە بىر ئاي ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ تېز بېيىغۇچى بىلەن تونۇشۇش جەريانىنى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن پەلسەپىۋى بىلىملەرنى يېزىپ چىقىپتۇ.

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-24 22:41:19]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.