يەر شارىنىڭ 2015-يىللىق ۋەزىيىتى ھەققىدە پەرەزلەر-2

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2015-02-09 20:13:37

بىراق، كىشىنى سەگەكلەشتۈرىدىغان ئىككى مۇمكىنچىلىك بۇ ھۆكۈمنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئالدى بىلەن، پۇتىننىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى غەربنىڭ كۆزەتكۈچى زاتلىرى ئويلاپ يېتەلمەيدۇ، رۇسىيەنىڭ 2014-يىلى قىرىمنى يۇتۇۋالىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئىككىنچىدىن، پۇتىننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولغان بىر تاكتىكىسى ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچىدىكى قوللاش ۋە مىللەتچىلىكنى ئۇلغايتىشتۇر. ئەمما گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، موسكۋاغا نىسبەتەن ئېيتقاندا 2015-يىلى ئۇرۇشنى كېڭەيتىشنىڭ ئىقتسادىي ۋە ھەربىي خەۋپ-خەتىرى قارىماققا بەك چوڭ.

چۈشۈرۈش

    ئالاھىدە قىسىم ئاللىقاچان يەر يۈزى ئۇرۇشىغا ئەۋەتىلىپ، ھاۋا ھۇجۇم يۆلىنىشىنى بېكىتىشكە ياردەملەشمەكتە. 2015-يىلى ئېھتىمال تېخىمۇ كۆپ سەرخىل قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا يەنە باغدادقا تېخىمۇ كۆپ ھەربىي مەسلىھەتچى ئەۋەتىدۇ، ھەتتا ئۇلارنى ئىراق قىسىملىرى بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ (گەرچە ئوباما بۇ تەكلىپكە يەنىلا قارشى تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ).
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ۋەزىيەت