قۇتادغۇ بىلىك (13-15-باپ)

يوللىغۇچى : QaraTun يوللىغان ۋاقىت : 2007-11-19 17:51:00

ئون ئۈچىنچى باپ ئايتولدىنىڭ كۇنتۇغدى ئېلىگ خىزمىتىگە كىرگەنلىكى بايانىدا462 بار ئەردى ئايتولدى ئاتلىق تىتىك ، بۇ شۆھرەتنى ئاڭلاپ ئىتىندى ئىتىك[72] .463 يىگىت ئوغلان ئەردى مىجەزى بېسىق ، بىلىملىك...

    ئون ئۈچىنچى باپ
          ئايتولدىنىڭ كۇنتۇغدى ئېلىگ خىزمىتىگە كىرگەنلىكى بايانىدا
     462 بار ئەردى ئايتولدى ئاتلىق تىتىك ، بۇ شۆھرەتنى ئاڭلاپ ئىتىندى ئىتىك[72] .
     463 يىگىت ئوغلان ئەردى مىجەزى بېسىق ، بىلىملىك ، ئوچۇق دىل ، ئاڭلىق ، ئەقىللىق .
     464 چىرايلىق يۇز ئەردى ، كۆرۈپ كوز قامار ، سوزى يۇمشاق ،تىلىدىن توغرىلىق تامار .
     465 پۇتۇن پەزىلەتنى تامام ئۇگىنىپ ، يۇرەتتى پەزىلەتنى قولغا ئېلىپ .
     466 ئوزىگە قاراپ ئېيتتى : مەنمۇ بۇ كۇن ، ئېرۇر مەن پەزىلەتتە ئەلدىن بۇرۇن .
     467 نىمىشقا يۇرۇرمەن بۇ يەردە قۇرۇق ؟ بارايىن ئېلىككە ، خىزمەت قىلغۇلۇق .
     468 ئېلىككە يار ئولسۇن پەزىلەتلىرىم ، ئېچىنسۇن[73] ماڭا ، سىڭسۇن ئەمگەكلرىم .
     469 ئەقىللق ، بىلىملىك خان ئەرمىش بېسىق ، تىلەرمىش پەزىلەت ئىگىسىن ئېنىق .
     470 ئەقىل قەدرىنى ھەم ئەقىللىق بىلۇر ، بىلىم ساتسا ئالىم ، بىلىملىك ئالۇر .
     471 مۇشۇ خىلدا بىر سوزنى شائىر دېدى ، تىلى ، لەۋزى بىرلە شۇ خىلدا ئىدى .
    472 بىلىم قىممىتىنى بىلىملىك بىلۇر ، ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كېلۇر .
    473 نىچۇك تەلۋە بىلگەي بىلىم قەدرىنى ؟ بىلىم نەدە بولسا ، بىلىملىك ئالۇر .
     474 بۇ ئايتولدى ئات ،تون ، قورال راسلىدى ، سالاي خىزمىتىگە يولۇمنى ،دىدى .
     475 ئوزىگە كېرەكنى ئىتىندى ئىتىك ، يۇزلەندى ئېلىككە ، بۇ ئالىم تىتىك .
     476 يەنە ئېيتتى : مۇندىن بارۇرمەن تۇرۇپ ، ئېلىگ خىزمىتىگە ئوزۇمنى ئۇرۇپ .
     477 غېرىپلىق يېرىدە بۇ مال بەك زورۇر ، قولۇم قىسقا بولسا ، يۇزۇم سارغىيۇر .
     478 ناھايەتمۇ قاتتىق غېرىپلىق ئىشى ، غېرىپلىقتا قاتقاي تولا ئەر بېشى .
     479 كېرەك بولغاي ئالتۇن – كۇمۇش بىگۇمان ، ئۇنى خەرج قىلايىن دېسە ھەر قاچان .
     480 بۇڭا ئوخشىتىپ ئۇ ، ئاڭلا ، نىمە دەر ، بىلىمى دېڭىزدەك ، مەڭزى قىزىل ئەر:
    481 دىسە كىمكى خىزمەت قىلىشقا كىرەي ، كىرەك ئىككى نەرسە ، سوزۇمنى كېسەي :
     482 بىرىنچى ، كېرەكتۇر كېەلسىز ھايات ، يۇزىنى ئاقارتقاي قىلىپ ئىشنى راسىت .
     483 ئىككىنچى ، ساپ ئالتۇن كېرەك ، ئەي تىتىك ، ئۇنى ئىشلىتىپ قىل ئوزۇڭگە ئىتىك .
     484 ئاشۇ چاغدا خىزمەت ياراملىق بولۇر ، ئۇنىڭغا ئېتىكلىك ئىشىك ئېچىلۇر .
     485 ئۇ ساپ ئالتۇن ئالدى كۇمۇش ھەم تاۋار ، دىدى : باشقا كۇن چۇشسە بۇ ئەسقاتار .
     486 ئويىدىن چىقىپ ماڭدى يولغا چۇشۇپ ، يۇرۇپ گاھىدا ۋە گاھى تۇرۇپ .
     487 كېلىپ يەتتى ئېلىگ تۇرار ئوردىغا ، يېتىپ كوڭلى كۇتكەن تىلەك – ئارزۇغا .
     488 شەھەرگە كىرىپ ئۇ سوراشتى ماكان ، تاپالماي ، كوزىگە تار ئولدى جاھان .
    489 مۇساپىرخانىغا چۇشۇپ ، مۇڭلۇنۇپ ، تۇندەى قىلىپ سەۋر ، ئۇ يەردە قونۇپ .
     490 نىمە دەر ، ئاڭلىغىن ، ئەقىللىق بىلىپ ، ساڭا سوز سوزلىدى بىلىمدىن ئېلىپ .
     491 تولا قىينۇلۇر ، كور ، تونۇشسىز كىشى ، كىرىپ قالسا يات ئىچرە يالغۇز بېشى .
    492 تولا كۆپ كۇچەنۇر يېڭى كەلگۈچى ، قالۇر غەم ئارا ، يوق ئولسا بىلگۈچى .
     493 تونۇشسىز كىشىنى بىر قارىغۇ سانا ، يول ئازسا ئەگەر قارغۇ ، سوكمە يانا .
     494 كىشى كىرمىگەن ئەلگە كىرسە ئەگەر ، كېلىن يا كىكەچكە ئوخشاپ قالۇر ئەر .
     495 كەچۇر يات كىشىنى ، يىگۈز ، بەر ئىچىم . مۇساپىرنى خۇش تۇت ، بىلىملىك ھېكىم .
     496 مۇساپىرنى كۇتسە يورۇيدۇ يۇزى ، مۇساپىر كۇتكەننىڭ يېيىلۇر سوزى .
     497 كىشىگە كېرەكتۇر ھەر يەردە تونۇش ، تونۇشلار بىلەن ھەل بولۇر ھەر تۈرلۈك ئىش .
     498 شۇ خىل تۇردى ئايتولدى بىر قانچە ۋاخ ، غېرىپلىقتا سارغايدى رەڭگى بىر ۋاخ .
     499 تونۇشتى كىشىلەر بىلەن ئاخىر ئۇ ، ماكانمۇ تېپىلدى ، كۇلدى يۇزىمۇ .
     500 تۇتۇپ دوست – يولداش بولۇشتى يېقىن ، ئوچۇق تۇتتى چوڭ ھەم كىچىككە يۇزىن .
     501 ئوزىگە ئايتولدى تاپتى بىر قاياش ، تۇتۇپ دوست كېڭەشتى ، بولۇشتى ئاداش .
     502 ئاداش تۇتتى ئايتولدى ياخشى كىشى ، كۇسەمىش ئىدى ئاتى ، ياخشى ئىدى .
     503 ئاڭا ئاچتى ئايتولدى كوڭلى – سوزى ، تىلەگى نىمەدۇر ، ئېرۇر كىم ئوزى .
     504 يېرىدىن بۇ ئەلگە نىچۇك كەلگىنىن ، ئاڭا بەردى ئېيتىپ جىمى بىلگىنىن .
     505 ئېلىككە يېقىن خاس ھاجىپ بار ئىدى ، ئوزى مەرت ، ئېلىككە ھەم ئەسرار ئىدى .
     506 كۇسەمىش ئاڭا باردى بىر كۇن تۇرۇپ ، گېپىنى باشلىدى ، سوزگە يول تېپىپ .
     507 بۇ ھاجىپ ئۇنىڭ ھەر سوزىن ئاڭلىدى ، تىلەگى نىمە دەپ ، ئېنىق سورىدى .
     508 ئاڭا ئېيتتى كۇسەمىش بارچە سوزى ، تىلەگى نىمە ھەم كىمكەن ئۆزى .

     ھاجىپنىڭ كۇسەمىشكە جاۋابى
    509 دىدى ھاجىپ : ئاۋۋال ماڭا كەلسۇن ئۇ ، كورەيىن ئۇنى مەن ، مېنى كورسۇن ئۇ .
     510 يەنە مەن ئېلىككە بۇنى ئۇقتۇراي ، كورۇنگەي ۋە كەلگەي قاچاندا ، سوراي .

     كۇسەمىشنىڭ ئايتولدىغا ئېيتىقانلىرى
     511 كۇسەمىش يېنىپ چىققاچ ئاندىن يانا ، دىدى : ئايتولدى توغدى كۇنۇڭ مانا .
     512 قېنى ، ماڭ ، تونۇش ئەمدى ھاجىپ بىلەن ، تىلەگىڭ نە ئولسا ، ئۇنىڭدىن تىلەن .
     513 سېنى بىلسۇن كورۇپ ، ئىشەنسۇن سوزۇڭ ، تىلەگىڭ نە ئولسا ، ئۇنى ئېيت ئوزۇڭ .
     514 سوزۇڭنى دىدىم مەن ئۇنىڭغا ، بىراق – ئوزەڭ سوزلە ، مەنىدىن ئېچىپ يىراق .
     515 ئەجەپ ياخشى دەپتۇ دىلى – كۆڭلى تۇز ، كورەرسەنكى ، بەكمۇ توغرى ئۇشبۇ سوز :
     516 كىشىنىڭ سوزنى كىشىمۇ قىلار ، كىشى ئوز ئىشىغا مىھرىبان بولار .
     517 ھەرقانچە بولسىمۇ يېقىن ئۇ كىشى ، ئوزەڭدىنمۇ كويۇمچان بولۇرمۇ كىشى ؟
     518 كويۇمچان تىلەسەڭ ئوزۇڭگە – ئوزۇڭ ، ئوزەڭدىن كويۇمچان يوق ، بەس قىل سوزۇڭ .
     519 تونىن كىيدى ئايتولدى ، تۇردى شۇئان ، كۇسەمىش بىلەن چىقتى ، ماڭدى ئۇيان .
     520 قوۋۇققا يىتىپ كەلدى ئاخىر يۇرۇپ ، قارشى ئالدى ھاجىپ كىشىسى تۇرۇپ .
     521 كۇسەمىش ھاجىپلەر ئۇچرىشىپ چىقىپ ، كورۇشتۇردى ھاجىپلە باشلاپ كىرىپ .
     522 ھاجىپ قارشى ئالدى ، ئورون قىلدى تور ، مۇلايىم سوزلىدى ، ئېغىز ئېچىپ ، كور .

     ھاجىپنىڭ ئايتولدىغا سوئالى
     523 ھاجىپ سورىدى : ئەمدى كوڭلۇڭ نىچۇك ؟ قونالغۇڭ قەيەر ، چۇشكەن ئورنۇڭ نىچۇك ؟
     524 تونۇشۇڭ بارمۇ يا قېرىنداش ، ئاداش كۇتكۇچۇڭ بارمۇ ، يەپ – ئىچمىكىڭگە ئاش ؟
     525 يەنە ئېيتتى : سەندە نىمەدۇر تىلەك ، نىمە ئىش قىلۇرسەن ،ساڭا نە كېرەك ؟

     ئايتولدىنىڭ ھاجىپقا جاۋابى
     526 بۇ ئايتولدى ئېيتتى : ئەي ھاجىپ قۇتى ، ئىشتتىم كۇنتۇغدى ئېلىگنىڭ قۇتى .
     527 ئىشتكەچ يىراقتىن ئۇنىڭ شوھرىتىن ، ئەقىللىق ، بىلىملىك ، نادىر خىسلىتىن .
     528 قىلىپ ئارىزۇ مەن ئۇنىڭ خىزمىتىن ، ئىشكىگە كەلدىم مەن قىلاي دەپ ئىشىن .
     529 تىلەگىم ئېلىككە ئىشلىسەم ئوزۇم ، لايىق كورسە ھاجىپ دىسىكەن سوزۇم .
     530 ھاجىپ ياخشى كوردى بۇ ئايتولدىنى ، دىدى ئوز سوزىدە تولا مەدھىينى .
     531 يۇزى ، كوركى ، خۇلقى – مىجەزى ئوزىن ، ئۇز كوردى ھەممىنى ، تىلىن ھەم سوزىن .
     532 ئۇنى چىن يۇرەكتىن سويۇپ قوللىدى ، ئېلىگ خىزمىتىگە لايىقكەن دېدى .
     533 نەدەيدۇ ئىشىتىكىن ، سويدۇرگەن كىشى ، سويدۇرسە بولۇر ئەيىپ پەزىلەت بېشى .
     534 سويۇلسە كىشى ئەيبى پەزل سېزىلۇر ، سويۇلمىسە ، پەزلى قۇسۇر تۇيۇلۇر .
     535 بۇ سوزنىڭ گۇۋاسى ئېرۇر ئۇشبۇ سوز ، ئوقۇغىن بۇ سوزنى سەن ئەي ياخشى – ئۇز .
     536 كوڭۇل كىمنى سويسە مۇن [74] ئەردەم[75] بولۇر ، تەتۇرى بولۇر ئوڭ ، كېمىمۇ تولۇر .
     537 كوڭۇل كىمنى سويسە ، ھەر ئىشىن سويۇر ، كورەر كوزگە ئۇرسا ، كورۇنمەس بولۇر .
     538 بۇ ئايتولدىغا بەردى ھاجىپ جاۋاپ ، دىدىكىم ، قاراپ تۇر ، كەتمە ئالدىراپ .
     539 ئېلىككە مەن ئېېتاي ئەڭ ئاۋۋال سوزۇڭ ، تىلەگىڭ نىمە ، كىم ئېرۇرسەن ئوزۇڭ .
     540 يۇزۇڭنى كورۇپ ئۇ ، سېنى تونۇسۇن ، سېنى خارلىماستىن ، ئەزىز ئەيلىسۇن .
     541 كېرەكلىكلىرىڭگە تۇرارمەن قاراپ ، قىلۇرمەن ئىشىڭنى سويۇپ ياخشىلاپ .
     542 شۇ ياڭلىغ تولا ياخشى سوز سوزلىدى ، ئىشىڭ ھەل قىلاي دەپ بېلىن باغلىدى .
     543 كىشىلەر ياخشىسى مۇشۇنداق بولۇر ، ياخشى ئەر خەلقنىڭ يۇكىن كوتۇرۇر .
     544 ئىشىتكىن ، نىمە دەر ئېلىن باشلار ئەر ، پۇتۇن ئىشنى ئوبدان كورۇپ ئىشلەر ئەر :
     545 ئەل ئىچرە كىم ئالسا بىر ئۇستۇن ئورۇن ، تۇزىسۇن ئەل ئۇچۇن بىر ياخشى قانۇن .
     546 قولى بولسا كىمنىڭكى ئەلدە ئۇزۇن ، سىلىق بولسۇن قىلىغى ، خۇلقى تۇزۇن[76] .
     547 ئوتەر بولسا كىمنىڭ خەلققە سوزى ، چۇچۇك بولسۇن تىلى ، مۇلايىم ئوزى .
     548 ۋاپاسىز بۇ دەۋلەت بۇزار ھەم تۇزەر ، تۇراقسىز بولغاچقا زېرەكسە تېزەر .
     549 ئىشەنمە بۇ بەختكە ياخشىلىقلا قىل ، بۇ كۇن مۇندا بولسا ئەتە ئاندا ، بىل .
     550 گۇۋەنمە بۇ بەختكە ئەي بەخت تاپقۇچى ، بۇ بەخت كەلگۈچىدۇر يەنە كەتكۇچى
     551 ئەي دەۋلەت ئىگىسى بۇ دەۋلەت بىلە – تۇراي مەن دىسەڭ سەن ، ياخشىلىق تىلە .
     552 ساڭا تەگسە بەگلىك ، ئۇلۇغلۇق نوقۇل ، ئاقارغىچە باشىڭ ،كىچىك پىئېل بول .
     553 يەنە ئېيتتى ھاجىپ : سەن ئەمدى يۇرى ، خوشال ياشا ، باغلاندى بەختنىڭ قۇرى[77] .
     554 سەن ئالدىرما ، خىزمەتكەن بىر پەيت كېلۇر ، پەيت كەلسە ئېتىگلىك قوۋۇق ئېچىلۇر .
     555 ئەجەپ ساز دىيىلگەن بىلىملىك گېپى ، بىلىملىك گېپىدۇر ، يىپەك رەخت كەبى .
     556 ئۇزارىپ قالۇر كەچ ، ئالدىرالسا ئىش ، ئالدىراش ئىش بولۇر پۇشايمان يېيىش .
     557 ئالدىرماي كۇتكۇلۇك ئىشقا پەيتنى دەل ، ئەي ھېكىم ، ئىش بولۇر ئوز پەيتىدە دەل .

    ئايتولدىنىڭ ھاجىپقا جاۋابى 558
     ئايتولدى بۇ سوزنى تولۇق ئاڭلىدى ، ئۇ ھالدا قىلىپ سەۋر ، كۇتەي مەن دېدى .
     559 سوزۇم تىڭشىدى ، كوردى ھاجىپ مېنى ، ئوزى بىلسۇن بۇ ئىشنىڭ ۋاقىت – چېغىنى .
     560 قايۇ ۋاقتا قىچقىرسا ھاجىپ مېنى ، كېلەي مەن شۇ ۋاقتا – دىيىلگەن كۇنى .
     561 تۇرۇپ چىقتى ئايتولدى ئۇندىن يانا ، ئويىگە كىرىپ سالدى توننى مانا .
     562 كورۇپ ھاجىپ ئايتولدىنىڭ قىلىقلىرىن ، كىشىلەردىن بولەكچە پەرق بارلىغىن .
     563 دىدى : كورگىنىم يوق بۇ ياڭلىغ كىشى ، بىلىملىك – ئەقىللىق ، خەلقنىڭ بېشى .
     564 مۇشۇنداق كىىشەر بولۇر بەكمۇ قىز ، بۇ قىز قىزلىغى قىلدى ئاتى قىز[78] .
     565 ئەزىزدۇر شۇ نەرسە ئۇ گەر بولسا كەم ، تېپىلماس ئەزىز كوپ قىلسا ئەجىر ھەم .
     566 مۇشۇنداق كىشىلەر ئېلىككە كېرەك ، ئېلىككە نەرسە ئەلگە كېرەك .
     567 پەزىللىك كىشىدىن ئومۇم نەپ ئالۇر ، بۇ پەزلى بىلەن ئەر تىلەككە يېتۇر .
     568 ئېلىككە ئېيتتى ھاجىپ ۋاقىت تېپىپ ، بۇ ئايتولدىنى تولا تەۋسىپ قىلىپ .
     569 ئۇنىڭ ھالى ، ھەركىتى ، خۇلقىنى دېدى ، ئەقىلغە مۇناسىپ ئىلمىنى دېدى .

     ئېلىگنىڭ ھاجىپقا جاۋابى
     570 ئىشتكەچ ئېلىگ ، دىدى : كەلتۇر قېنى ، ئېرۇر قانچىلىك ،مەن كورەيىن ئۇنى .
     571 تىلەر ئەردىم ئەمدى مۇشۇنداق كىشى، كۇزەتسە ، بېجىرسە بۇ بەگلىك ئىشى .
     572 تىلەگىمنى تاپتىم ، لېكىن بىر سوزۇم ، كى ،شۇنداق كىشىگە مۇھتاجدىم ئوزۇم .
     573 يۇگۇر ،ماڭ قىچقىرغىن ئۇنى سەن ماڭا ، كەلتۇر خىزمىتىمگە ، ئەي جەسۇر توڭا .
     574 چىقىپ ھاجىپ ئويدىن ، ئىششىككە كېلىپ ، يۇگۇرتتى بىر ئوغلان خەۋەرچى قىلىپ .
     575 يۇگۇردى بۇ ئوغلان خەۋەر يەتكۈزۈپ ، ئايتولدى كىيىندى سويۇنچكە تولۇپ .
     576 ئېتىن مىندى ، كەلدى قوۋۇقتا چۇشۇپ ، بېرىپ ھاجىپمۇ ، ئۇنى ئالدى كۇتۇپ.
     577 قەدىرلەپ ھاجىپ توردىن بەردى ئورۇن ، ئەدەپ بىرلە ئايتولدى ئالدى ئورۇن .
     578 ئېلىگ قېشىغا كىردى ھاجىپ يېنىپ ، ئېلىكتىن ئوتۇندى ئۇ ئورە تۇرۇپ .

     ئېلىگنىڭ ھاجىپقا جاۋابى
     579 ئېلىگ ئېيتتى : قىچقار ، ماڭا كىرسۇن ئۇ ، كورەيىن ئۇنى مەن ، مېنى كورسۇن ئۇ .
     580 ھاجىپ چىقتى ، ئېيتتى : ئەي ، ئايتولدى تۇر ، ئېلىككە كورۇنگىن ، بەختىڭ تاپتى قۇر .

     ئون تۆتىنچى باپ

    ئايتولدىنىڭ كۇنتۇغدى ئېلىگ ھوزۇرىغا كىرگەنلىكى بايانىدا

    581 بۇ ئايتولدى كىردى ، كورۇندى چوكۇپ ، ئېچىلدى ئېلىگ كوڭلى ئۇنى كورۇپ .
     582 يۇكۇندى ئېلىككە ،كور ، ئاچتى سوزىن ، قىلىپ سوزنى شىرىن ، سويدۇردى ئوزىن .

     ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا سوئالى
     583 ئېلىگ ئېيتتى : كىم سەن ، نىمەدۇر ئېتىڭ ؟ قايەردىن كېلۇرسەن ، قايەردە يۇرتۇڭ ؟
     584 بېسىقلىق بىلەن ئاچتى ئايتولدى تىل ، سىلىقلىق بىەن ئۇ سوزىن ئاچتى، بىل .
     585 بېسىقلىق ، سىلىغلىق ئاقىل خۇلقى ئول ، ئەقىلسىز كىشىلەر تامام يىلقى ئول
     586 بۇڭا ئوخشىتىپ شائىر ئېيتتى بىر بېيىت ، ئىشىڭ بولسا شاشما ، سەۋىر بىلەن ئېيت .
     587 ئالدىراش قىلما ئىش ، سەۋر بىرلە قىل ، ئالدىراپ قىلغان ئىش تاڭنا پۇشمان ، بىل.
     588 تۇتۇپ ئوزنى ، ئالدىرما ، ئىشتا پۇتۇن ، تاپار قۇل سەۋرلە بۇ بەگلىك ئوزرۇن .

     ئايتولدىنىڭ ئېلىككە جاۋابى
     589 بۇ ئايتولدى ئېيتتى : ئەي ئېلىگ قۇتى ، بولۇر خىزمەتلە ياخشى قۇللۇق ئېتى .
     590 ئېتىم – قۇل ، تاپۇغچى[79] ، ماكانىم قوۋۇق ، ئادىتىم ئىشلەشتۇر ، خۇيۇم توغرۇلۇق .
     591 ساڭا كەلدىم ئوزۇم ئۇزۇن يول بىسىپ ، مۇرادىمغا يەتتىم بۇ كۇن مەن قېنىپ .
     592 تىلەگىم شۇ : مېنى يامان كورمىسەڭ ، سېلىپ ئىشقا ، لېكىن ئوزۇڭ بەزمىسەڭ
     593 سويۇندى ئېلىگ ئاڭلاپ ، ئۇنىڭ بۇ سوزىن ، سىناپ كوردى ھەم بەك ياقتۇردى ئوزىن .

     ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى
     594 ئېلىگ ئېيتتى : ئايتولدى كوردۇم سېنى ، سويۇندۇردى كوركىڭ ، قىلىغىڭ مېنى .
     595 ساداقەت بىرلە ئىشلە ، بول مېھرىۋان ، ئىشىكتە تۇر ، ماڭا يېقىن بول ھەرئان .
     596 مېنىڭدىن سېخىلىق ، سېنىڭدىن تاپۇغ ، بۇ خىزمەت تۇپەيلى ئاپار بەخت قوۋۇغ .
     597 كىرىشكىن سەن ئىشقا بۇ كۇندىن كېين ، ئوتەر بەگ ئىشلىگەن خىزمەچى ھەققىن .

     ئايتولدىنىڭ ئېلىككە جاۋابى
     598 يەر ئۇپتى ئايتولدى ، دىدى : گەر ئېلىگ _ سويۇنسە ، بېرۇر بەخت ئىشچىغا ئىلىگ .
     599 بۇ خىزمەتنى دەپ كەلدىم ئويدىن تۇرۇپ ، ئۇزۇن يولنى يۇردۇم ساڭا يۇزلۇنۇپ .
     600 بۇ خىزمەت ئۇزە ھەق مەدەت ئەيلىسۇن ، خىزمەتتە خاتادىن مېنى ساقلىسۇن .
     601 خوشال چىقتى ئايتولدى ئىشىككە كۇلۇپ ، ئەقىل_ كوڭلى ئېچىلىپ چىراقتەك يورۇپ ،
     602 نىمە دەيدۇ ، ئاڭلا ، بەخت قۇچقان ئەر ، قۇتى بىرلە ئارزۇسىغا يەتكەن ئەر:
     603 كىشىگە كۇلۇپ باقسا بەگلەر كوزى، دىلى ، ئەقلى تىرىلىپ گۇۋىنۇر ئوزى.
     604 كىشىگە ئوچۇق بولسا بەگلەر يۇزى، يورۇيدۇ كوزى ھەم يارايدۇ سوزى.
     605 بەگ كىمنى ئوزىگە يېقىن تۇتسا گەر، كورەرسەن ، يېقىنلىق قىلۇر ئوزگىلەر.
     606 بەگ بىر بەخت ، يېقىن بولسا بەختكە كىشى، يېتىپ ھەممە مەقسەتكە، پۇتكەي ئىشى
     607 چۇشۇپ ئىشقا ئايتولدى شۇندىن بۇيان ، سەھەر تۇردى ، قايماي ئىشىدىن ھامان .
     608 قوۋۇقچى ، گۇزەتچى بىلەن كۇن ۋە تۇن – بولۇپ قىلدى خىزمەت ئۇ سادىق پۇتۇن .
     609 كىرەتتى ، چىقاتتى ئېلىگ يېنىغا ، ئېلىگمۇ ئىشەنچلە قارايىتتى ئۇڭا .
     610 ئۇ خىزمەت ئاشۇردى كۇنىدە يېڭى ، ئېلىگمۇ قەدىرلەپ تۇردى ھەر تېڭى .
     611 بېگى قۇلنى خىزمەت بىلە قەدىرلەر ، ئەگەر سىڭسا خىزمەت كىچىكمۇ ئۆسەر .
     612 خىزمەت قىل ، خىزمەت بىلە قۇل بەگ بولۇر ، كىم ئەمگەك سىڭدۈرمەي تىلەككە يېتۇر ؟
     613 ئىشىت ئەمدى ئالىم سوزىن : نىمە دەر ، بۇ گەپنى ئىنچىكە ئىپادە ئىتەر :
     614 تىگىمسىز خىزمەت بىرلە تورگە چىقۇر ، يارامسىز نە قىلسا ئىشىكتە قالۇر .
     615 خىزمەتنى قايماستىن راسىت ئىشلەش كېرەك ، قوبۇل بولسا خىزمەت تىلەككە يېتۇر .
     616 بۇ ئايتولدى كورسەتتى كۇندە تاپۇغ ، ئېلىگمۇ سېخىلىكلە ئاچتى قوۋۇق .
     617 ئېلىككە يېقىنلاشتى ئۇ كۇنسىرى ، ئېشىپ خۇشلىغى ، كەتتى قايغۇ نېرى .
     618 بېرىلدى خىزمەتكە بۇ ئايتولدى بەك ، ئېلىگ قىلدى ئېھسان ، كوپەيدى يولەك .
     619 ئېلىگ ھەممە ئىشتا سىنادى ئۇنى ، كوڭۇلدە كۇتكىنىدەك بىلدى ئۇنى .

     ئون بەشىنچى باپ

    ئايتولدى ئۆزىنىڭ بەخت – سائادەتنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى بايانىدا

     620 ئېلىگ تەنھا بىر كۇن ئوزى ئولتۇرۇپ ، چاقىردى ، ئايتولدى كىرىدى خوش بولۇپ .
    621 كىرىپ تۇردى ئايتولدى ئۇدۇلدا تىك ، كەل ئولتۇر ، دىدى ئۇنى ئىملەپ ئىلىگ .
    622 چىقاردى بۇ ئايتولدى بىر توپىنى ، كور ، ئۇنى قويۇپ ئاستىغا ئولتۇردى ، كور .
     623 بىلىمدىن سۆز ئاچتى ئېلىگ قانچىلاپ، ئېچىپ سۆز ئايتولدىمۇ بەردى جاۋاپ .
     624 سويۇندى ئېلىگ ، كور ، يۇرۇتۇپ يۇزىن ، كورۇپ ئايتولدى بۇنى يۇمدى كوزى .
     625 دىمەي ھىچنىمە ، كەستى ئېلىگ سوزىن ، بۇ ئايتولدى ئولتۇردى ئاچماي كوزىن .
     626 ئېلىگ باشلىدى سوزنى بىردەم تۇرۇپ ، جاۋاپ بەردى ئايتولدى تەرىن تۇرۇپ .
     627 ئېلىگ ئاڭا كوز سالدى ئوبدان قاراپ ، تولۇق تاپتى ئەقىل – ھوش ،ئىلمىنى سىناپ .
     628 خوشال باقتى ئېلىگ ئاۋۇتتى ئوزىن ، بۇ ئايتولدى بەك تېز ئورىدى يۇزىن .

     ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا ئېيتقانلىرى
     629 ئېلىگ كايىپ ئارتۇق ، قارايدى يۇزى ، دىدى : ئالدىراڭغۇلۇق يامان ئىش ئورنى .
     630 بۇ نوۋەت بۇ ئىشتا يېڭىلدىم ئوزۇم، نىمىشقا كىشىگە مەن ئاچتىم سوزۇم .
     631 نىمە دەر بىلىملىك ، سوزىن ئاڭلا ، بىل ، شېشىپ[80] قىلغان ئىشنىڭ پۇشايمىنى يىل .
     632 شېشىپ قىلغان ئىشلار ھامان خام قالۇر ، چالا پىشقان ئاشتىن كېسەللىك كېلۇر .
     633 ئېرۇر بۇ شاشماقلىق ، يېڭىلىش بېشى ، تەمكىنلىك بىلەندۇر ياخشىلىق ئىشى .
     634 بولۇپ ئالدىراقسان ، سېنى تونۇماي ، تۇتۇپتىمەن يېقىن ، ئىشلىتىپ قارىماي .
     635 نىچۇك بولسىمۇ بەگلەر خادىم قۇلىن – سېلىپ ئىشقا سوڭ ، ئاچقاي ئېھسان يولىن .
     636 ئاۋۋال پۇشۇرۇپ ئىشتا ، كورسۇن سىناپ ، قەدىرلەپ كوتەرسۇن بۇنىڭغا قاراپ .

     ئايتولدىنىڭ ئېلىككە سوئالى
     637 بۇ ئايتولدى ئېيتتى : ئەي ، ئېلىگ قۇتى ، نىمىشقا كايىپ مۇنچە تاشتى ئوتى ؟
     638 گۇنايىم نىمىكىن ، بىلمىدىم ئوزۇم ، دىسە ئۇنى ، سوڭرە ئىشتسە سوزۇم.
     639 گۇنايىم بار ئولسا ، قىينا ، ئەرك ساڭا ، يوق ئولسا ، يۇزۇڭنى قارايتما ماڭا .
     640 نىمە دەيدۇ ئاڭلا ، ئەقىل ئوخشۇتۇپ ، قىياس مەنا بىرلە ئۇنى ئۇقتۇرۇپ .
     641 خاتا قىلسا خادىم چاقرىتاق كېرەك ، نىمىشقا يېڭىلدى ، سورىماق كېرەك .
    642 گۇنايى بار ئولسا ، تۇتۇپ قىينۇسۇن ، يوق ئولسا، دىلىنى ئاۋۇتماق كېرەك .

     ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى
     643 ئېلىگ قىلدى سوزىنى تېشىپ ئاچچىغى ، دىدى : سەن بىلىمسىز ، كىشى ئاخمىغى .
     644 ئوزۇڭگە قاراپ باق ، كىم ئەردىڭ ماڭا ، بۇ گۇستاخلىق كەلدى قەيەردىن ساڭا ؟
     645 دىسەم خىزمىتىڭ بارمۇ ، يوق خىزمىتىڭ ، دىسەم تەگدى پايداڭ ، يوق مەنپەئەتىڭ .
     646 كورمەي خىزمىتىڭنى قەدىرلەپ سېنى ، ئورۇن بەردىم ئەرسە ، سەن باستىڭ مېنى .
     647 قويۇپ توپنى ئولتۇردۇڭ ئۇستىدە سەن ، بۇ توپ ئولتۇر يەرمۇ ، ئوبدان چۇشەن .
     648 ساڭا سوزلىدىم ھەم سوزۇڭ ئاڭلىدىم ، كوزۇڭ يۇمغىنىڭدا ئوزۇم تاڭلىدىم [81] .
     649 كەچۇردۇم ، يەنە سوزلىدىم ساڭا ، نىچۇن ئورىدىڭ يۇز ، قېنى ئېيت ماڭا .
     650 ئىشتمەپمىدىڭ سەن ھېكىمنىڭ سوزىن ، يېقىن بەككە بولساڭ ، كۇزەتكىن ئوزۇڭ .
     651 ساڭا دىمىگەنمۇ ئاتاڭ يا ئاناڭ ، ئەي ئوغلۇم بېگىڭگە ئوزۇڭ قىلما تەڭ .
    652 نەسىھەت بەرمىدىمۇ ساڭا توپ بېشىڭ ، بېگىڭنى باسما سەن ، كۇزەتكىن بېشىڭ .
     653 بۇ بەگلەر ئېرۇر ئوت يېقىن بارما ئەر ، كويۇشۇڭ ئېنىقتۇر ، بارساڭ ئەگەر .
     654 غاپىل بولما ، بەگلەر كويەر ئوت ئېرۇر ، يېقىنلاشماق ئوتقا پالاكەت بولۇر .
     655 دىققەت قىلسا بەگلەر كويەر ئوتتەك ئول ، غادايسا ئۇزەر باش ، شورار قاننى ئول .
     656 ساڭا باقسا ئارتۇق قورقۇنچ ئىچرە تۇر ، ئەگەر قورقمىساڭ ، كۇچ بىلەن قورقىتۇر .

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 10:13:42]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.