نورۇز قوشىقى

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-02 12:29:00

نورۇز قوشىقى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سىزگە بولسۇن قۇتلۇق كۇن . پەسلى جاھان ھۇت كەلدى ، جۇتلار ئۆتۈپ قۇت كەلدى. نورۇز كەلدى نۇر بولدى ، ھەممە جانلىق ھۆر بولدى . ھەي خالايىق شادلىنىڭ ، كەسپ - كار...

    نورۇز قوشىقى

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
    سىزگە بولسۇن قۇتلۇق كۇن .
    پەسلى جاھان ھۇت كەلدى ،
    جۇتلار ئۆتۈپ قۇت كەلدى.

    نورۇز كەلدى نۇر بولدى ،
    ھەممە جانلىق ھۆر بولدى .
    ھەي خالايىق شادلىنىڭ ،
    كەسپ - كارغا ئاتلىنىڭ .
    ھەمەل دە بىلىپ ھەپتىنى ،
    تۇتۇپ نورۇز پەيتىنى .
    ئەمىلىڭ بولسۇن ساۋاب ،
    ئەجدادلارنى قىل تاۋاپ.
    دېھقان دەرھال كەتمەن ئال،
    يەرگە ساپان ، سۆرەم سال.
    چەش دۆۋىلەنسۇن خامانغا ،
    بۇغداي تولسۇن باداڭغا .

    باغۋەن بولساڭ باغ - باغ قىل ،
    باغدىن  رىزقىڭنى  تاغ قىل .
    مالچى كۆپلەپ تۆل ئالغىن ،
    سۇت - قايماقنى مول ئالغىن .
    باپكار بولساڭ يىپ ئولغا ،
    بۆز- چەكمەننى خوپ تولغا .
    تومۇرچى تاۋلا كەتمەننى ،
    تاپ ھۈنەرگە زوقمەننى .
    ئاشپەز بولساڭ تەملىك قول ،
    غەللىدە بولۇر كۆپ پۇل .
    زەرگە كۆرسەت ھۈنەرنى ،
    قېتىش قىلما مىس - زەرنى .
    تىجارەتچى سەپەر قىل ،
    ھارام مالدىن ھەزەر قىل .

    ھاكىم دادىخاھ دادخاھ،
    ئەلگە دائىم خەيرخاھ.
    ئۆم بولايلى خالايىق ،
    قىلمايلى ئىش نالايىق .
    يۇرتىمىز بولغاي ئاۋات،
    مەئىشەت توق، كۆڭۈل شات.

    دەرسلىك كىتابتىن ئېلىنغان.

    ئىزاھات : ھوت - شەمسىيە يىل ھېسابىغا خاس ئاتالغۇ . مىلادىيە ھېسابىدا 2- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 3- ئاينىڭ 21- كۈنىگىچە قەدەر بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.

    ھەمەل - شەمسىيە يىل ھېسابىغا خاس ئاتالغۇ . مىلادىيە ھېسابىدا 3- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 4- ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە قەدەر بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.

    دادخاھ - توغرا تەلەپپۇز قىلىنىشى دادخاھ . (1) ئەرز - داد ئىشىتكۈچى (2) ئەرز - داد ئېيتقۇچى (3) ئەرز - شىكايەت ئېيتىلىدىغان ئورۇن .

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-27 13:55:46]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر نورۇز قوشىقى