يەسەۋى ھىكمەتلىرى (5)

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2008-07-08 23:06:00

« بەشىنچى ھىكمەت » يەسەۋىئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ساداقەتجان ھاجى يا ئىلاھىم، ھەمدىڭ بىرلە ھىكمەت ئېيتتىم. زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا. تەۋبە قىلىپ، گۇناھىمدىن قورقۇپ قايتتىم، زاتى ئۇل...

              « بەشىنچى ھىكمەت »
              يەسەۋى
    ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ساداقەتجان ھاجى


         يا ئىلاھىم، ھەمدىڭ بىرلە ھىكمەت ئېيتتىم. زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.
    تەۋبە قىلىپ، گۇناھىمدىن قورقۇپ قايتتىم، زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا. 

     قىرىق بىرىمدە ئىخلاس قىلدىم يول تاپاي دەپ، ئېرەنلەردىن ھەر سىر كۆرسەم مەن ياپاي دەپ،
    پىرى مۇغان ئىزىن ئېلىپ مەن ئۈپەي دەپ، زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.

      قىرىق ئىككىمدە تالىب بولۇپ يولغا كىردىم، ئىخلاس قىلىپ يالغۇز ھەققە كۆڭۈل بەردىم،
    ئەرشۇ كۇرسى، لەۋھىدىن ئۆتۈپ قەلەم كەزدىم، زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.

      قىرىق ئۈچىمدە ھەقنى ئىزلەپ نالە قىلدىم، كۆز ياشىمنى ئاققۇزىبان جالە قىلدىم،
    باياۋانلەر كېزىپ ئۆزۈم ۋالە قىلدىم، زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا. 

     قىرىق تۆرتىمدە مۇھەببەتنىڭ بازارىدا، ياقام تۇتۇپ يىغلاپ يۈردۈم گۈلزارىدا،
    مەنسۇر سۈپەت باشىم بېرىپ ئىشق دارىدا، زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا. 

     قىرىق بەشىمدە سەندىن ھاجەت تىلەپ كەلدىم، تەۋبە قىلدىم، ھەر ئىش قىلدىم،
    خاتا قىلدىم، يا ئىلاھىم، رەھمىتىڭنى ئۇلۇغ بىلدىم. زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا. 

    قىرىق ئالتىمدە زەۋقۇ - شەۋقىم تولۇپ تاشتى. رەھمىتىڭدىن قەترە تامدى، شەيتان قاچتى.
    ھەقدىن ئىلھام رەفىق بولۇپ، بابىن ئاچتى. زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا. 

     قىرىق يەتتىمدە يەتتە ياقتىن ئىلھام يەتتى، ساقىي بولۇپ جامى شاراب خوجام تۇتتى.
    شەيتان كېلىپ نەپسى ھەۋانى ئۆزى يۇتتى. زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا. 

     قىرىق شەككىزدە ئەزىز جاندىن بىزار بولدۇم، گۈناھ دەردى كېسەل قىلدى، بىمار بولدۇم.
    ئول سەۋەبتىن ھەقتىن قورقۇپ بىدار بولدۇم. زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا. 

     قىرىق توققۇزدا ئىشقىڭ چۈشتى، كۆيۈپ ياندىم. مەجنۇن سۈپەت خەيلى خەستىن قېچىپ، تاندىم.
    تۈرلۈك - تۈرلۈك جاپا تەگدى، بويۇن ئەگدىم. زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.

      ئەللىك ياشتا « ئەر مەن » دىدىم، ھالىم زەئىپ. قان تۆكمىدىم كۆزلىرىمدىن باغرىم ئېزىپ.
    نەپسىم ئۈچۈن يۈرەر ئىدىم ئىتتەك كېزىپ. زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.

    قۇل خوجا ئەھمەد، ئەر بولمىساڭ ئۆلگەن ياخشى. قىزىل يۈزۈڭ قارا يەردە سولغان ياخشى.
    تۇپراق سۈپەت يەر ئاستىدا بولغان ياخشى. زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.


     « بەشىنچى ھىكمەت » تۈگىدى.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:05:09]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق