1976-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى بېللوۋ(1915-2005)

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-12-14 18:29:00

سوۋل بېللو(1915-2005)زامانىمىزدىكى ئامىرىكا ئەدەبىيات ساھەسىدە "زامانىمىز ئىگە بولغان ئەڭ ياخشى يازغۇچى "دەپ تەرىپلەنگەن بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئامىرىكا ھىكايىلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ ھىكايىلىرى ،چوڭ شەھەر كىشىلىرىنىڭ ئۆز ماھىيىتىنى

    \

         سوۋل بېللو(1915-2005)زامانىمىزدىكى ئامىرىكا ئەدەبىيات ساھەسىدە "زامانىمىز ئىگە بولغان ئەڭ ياخشى يازغۇچى "دەپ تەرىپلەنگەن بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئامىرىكا ھىكايىلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ ھىكايىلىرى ،چوڭ شەھەر كىشىلىرىنىڭ ئۆز ماھىيىتىنى ئىزدەش مەسىلىسىنى ئەڭ چوڭقۇر نامايەن قىلىپ بەرگەن .

        سوۋل بىللوۋ كانادانىڭ كۇبىك ئۆلكىسى مونتېرىيال شەھرىدىكى روسىيىلىك كۆچمەنلەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ،ئاتا -ئانىسىنىڭ ئىككىلىسى يەھۇدى. ئۇ ياشلىق چاغلىرىدا چىكاگو ئۇنۋېرسىتىتى ۋە غەربىي -شىمال ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇغان ، ئۇرۇشتىن كېيىن ئىلگىر -كېيىن بولۇپ مېننېسوتا ئۇنۋېرسىتىتى، نيۇ-يورك ئۇۋېرسىتىتى، پرىنسېتوۋن ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، كېيىن ئۇزاققىچە چېكاگو ئۇنۋېرسېتىتى ئىجدىمائى ئىدىيە كومىتىتىنىڭ رەئىسلىگىنى ئۆتىگەن ، 1944-يىلى بوستۇنغا كۆچۈپ بېرىپ، بوستون ئۇنۋېرسېتىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، دۆلەتنىڭ ئىچى -سىرتىدا كۆپ خىل شان -شەرەپلەرگە ۋە كاتتا ئەدەبىي مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. سوۋل بېللوۋ كۈچلۈك رىئالىزىملىق خاھىشىگە ئىگە كېيىنكى مودېرنىزىم يازغۇچىسى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئەڭ روشەن بىر خۇسۇسيەت باش قەھرىماننىڭ مەڭگۈ تىنىم تاپماستىن ئىزدىنىدىغانلىغى ، بۇ ئۇنىڭ ئۆز بەدىئى ئۇسلۇبى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرىدىمۇ گەۋدىلەنگەن.  بېللوۋ «ئوئاكىي ماجنىڭ خەتەرلىك كەچۈرمىشلىرى» بىلەن مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كېينلا ھەقىقى تۈردە ئۆز ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن .مۇنداق ئۇسلۇبنىڭ خۇسۇسىيىتى شۇكى، ئۇنىڭدا رېئالىزمنىڭ تەمكىن، ئىنچىكە، ئوبيېكتىپ كۆزىتىشى بىلەن مودېرنىزمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق روھىي ئانالىزى بىرلەشتۈرۈلگەن، بەدىئىي ۋاسىتە جەھەتتە كومېدىك مەسخىرە ۋە مۇبالىغىگە باي يۇمۇر، شۇنىڭدەك سىمۋول ، بىمەنىچىلىك، ئاڭ ئېقىمى قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن پېرسوناژلارنىڭ تەقى ـ تۇرقى ۋە ئىچكى دۇنياسى بىرلا ۋاقىتتا يورۇتۇپ بېرىلگەن، نەتىجىدە ھەربىر ئەسەردىكى ھەربىر پېرسوناژ ھەم باشقا ئەسەردىكى پېرسوناژلارغا ئوخشايدىغان ئورتاقلىققا، يەنى چېكى يوق ئىزدىنىشكە ۋە تۇراقسىزلىققا، ھەم ئۆزىنىڭ روشەن خاسلىقىغا ئىگە بولغان؛ ۋاقىت تەرتىپىدە بېللوۋ تارىخ، رېئاللىق بىلەن كەلگۈسىنى بىرلەشتۈرۈۋېتىپ، مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان ئىجتىمائىي تۇرمۇش كارتىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن؛ بېللوۋ ئەسەردىكى ماكاندىمۇ ھەمىشە ئەنئەنىۋى ماكان ئۇقۇمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىرقانچە دۆلەتنى، ھەتتا قىتئەنى توغرىسىغا ھالقىپ ئۆتىدىغان «سەكرەتمە سەكىللىك» يېزىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. ئۇنىڭ ئۇسلۇبى يېڭى، راۋان، تەبىئىي، «سەكرەتمىلىك»كە باي، كىشىگە ئەركىن ـ ئازادىلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ، نەپىس تىلى ھەمىشە چوڭ ـ كىچىك كوچىلاردا كەڭ تارقالغان قوپال سۆزلەر بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ.
    1976-يىلى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى«زامانىمىز مەدىنيىتىگە ئادىمىي چۈشىنىش ۋە ئېسىل تەھلىل ئاتا قىلغانلىغى» ئۈچۈن نوبىل ئەدىبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سوۋل بېللو