ئوغۇزخان ھەققىدە رىۋايەت

يوللىغۇچى : ئېرشات1997 يوللىغان ۋاقىت : 2007-09-21 23:33:00

ئوغۇزخان ھەققىدە رىۋايەت بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يۇرىدى،بىر ئوغۇل تۇغدى.بۇ ئوغۇلنىڭ يۈز چىرايى كۆك ئىدى،ئېغىزى چوغدەك قىزىل،كۆزلىرى ھال،چاچلىرى،قاشلىرى قارا ئىدى(بۇ ئوغۇزخان توغۇلغاندىكى تەس...

    ئوغۇزخان ھەققىدە رىۋايەت

          بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يۇرىدى،بىر ئوغۇل تۇغدى.بۇ ئوغۇلنىڭ يۈز چىرايى كۆك ئىدى،ئېغىزى چوغدەك قىزىل،كۆزلىرى ھال،چاچلىرى،قاشلىرى قارا ئىدى(بۇ ئوغۇزخان توغۇلغاندىكى تەسۋىر).

          ئوغۇز خاقان بىر يەردە تەڭرىگە سېغىنىۋاتقاندا،ئەتىراپ قاراڭغۇلىشىپ،ئاسماندىن بىر كۆك يورۇق چۈشتى.ئۇ كۈندىنمۇ نۇرلۇقراق،ئايدىنمۇ يورۇقىراق ئىدى.ئوغۇز خاقان ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قارىسا،بۇ يورۇقنىڭ ئىچىدە بىر قىز تەنھا ئولتۇرغان.ئۇ ساھىپجامال بىر قىز ئىدى.ئۇنىڭ پېشانىسىدەچوغدەك پارقىراق مېڭى بولۇپ،خۇددى ئالتۇن قازۇققا ئوخشايتتى.ئۇ شۇنداق گۆزەل قىز ئىدىكى،ئۇ كۈلسە كۆك تەڭرىمۇ كۈلەر ئىدى،ئۇ يىغلىسا كۆك تەڭرىمۇ يىغلار ئىدى.ئوغۇز خاقان... ئۇنى ئالدى...تىلىكىگە يەتتى.ئۇ قىز ئىككى قات بولدى.كۈنلەر ئۈتۈپ،تۈنلەر ئۈتۈپ،ئۇنىڭ كۆزى يورىدى،ئۈچ ئوغۇل تۇغدى.تۇنجىسىغا كۈن دەپ،ئوتتۇرانچىسىغا ئاي دەپ،كەنجىسىگە يۇلتۇز دەپ ئات قويدى...

          بىر كۈنى ئوغۇزخان ئوۋغا چىقتى.ئالدىدىكى كۆلنى ئوتتۇرسىدا بىر تۈپ دەرەخنى كۆردى.بۇ دەرەخنىڭ كاۋىكىدابىر قىز ئولتۇراتتى،ئۇ ئىنتايىن ساھىپجامال قىز ئىدى،ئۇنىڭ كۆزى ئاسماندىنمۇ كۆكرەك،چېچى سۇ ئېقىمىدەك،چىشى ئۈنچىدەك ئىدى.ئۇ شۇنداق ساھىپجامال قىز ئىدىكى،يەر جاھاندىكى كىشىلەر ئۇنى كۆرسە (ئاھ،ئاھ،جاننى ئالدىكەن)دەرلەر ئىدى.سۈت قىمىزغا ئايلاندى.ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگىنىدە ھوشىدىن كەتتى،يۈرىكىگە ئوت چۈشتى،ئۇنىڭغا ئاشىق بولدى،ئۇنى ئالدى،ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى،تىلىكىگە يەتتى.ئۇ قىز ئىككى قات بولدى.كۈنلەر ئۈتۈپ،تۈنلەر ئۈتۈپ ئۇ يەڭگىدى،ئۈچ ئوغۇل تۇغدى،تۇنجىسىغا كۆك،ئوتتۇرانچىسىغا تاغ،كەنجىسىگە دېڭىز دەپ ئات قويدى.
            شۇنىڭدىن كېيىن ئوغۇز خاقان چوڭ توي قىلدى،ئەل جامائەتنى تەكلىپ ئەتتى،ئۇلار كىلىپ قاتناشتى،تويدىن كېيىن ئوغۇز خاقان بەگلەرگە،ئەل جامائەتكە يارلىق چۈشۈرۈپ مۇنداق دېدى:
    مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
    ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
    تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
    كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران.
    تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان،
    ئوۋلاقتا يۈرۈشسۇن مال-ۋاران.
    ھەم دەريا ۋە ئېقىن،
    قۇياش تۇغ بولسۇن،
    ئاسمان قورغان.
    ...
    ...

    مەن ئۇيغۇرنىڭ خاقانىمەن،
    مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولۇشۇم كېرەك .

          تاڭ سۈزۈلگەندە ئوغۇز خاقاننىڭ چېدىرىغا كۈندەك بىر يورۇق چۈشتى.ئۇ يورۇق ئىچىدە كۆك تۈكلۈك،كۆك يايلىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە چىقتى.

          ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك،كىشىلەرگە بىلدۈرۈش كېرەك،ئوغۇز خاقاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق،مۇز چاچلىق قابىليەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئىدى.ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئىدى،ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈرك ئىدى.كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوق كۆردى.بۇ ئالتۇن يا كۈن چىقىشتىن تاكى كۈن پېتىشقىچە سوزۇلغان ئىدى.ئۈچ كۈمۈش ئوقنىڭ ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.ئۇيقۇدىن كېيىن ئۇ چۈشىگە كەچكەنلىرىنى ئوغۇز خاقانغا ئېيتىپ مۇنداق دېدى:<ھەي خاقانىم،ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولسۇن،ھەي خاقانىم،سېنىڭ ئەل نىزامىڭغا ئادالەت يار بولسۇن،كۆك تەڭرى چۈشۈمدە ماڭا<ئىشغال قىلغان يەرلىرىدىن ئۇرۇقىغابۈلۈپ بەرسۇن> دەپ بىشارەت بەردى.
    ئوغۇز خاقان ئۇلۇغ تۈرىكنىڭ سۈزىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇرسەن بولدى، ھەمدە ئېيىتقىنىڭ كەلسۇن دىدى.

          ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا بالىلىرنى چاقىرىپ كىلىپ ئېيىتتىكى: ھەي ئۇغۇللىرىم، ئوۋنى كۆڭلۈم تارتىپ تۇرىدۇ، ياشنىپ قالغانلىغىم ئۈچۈن ئوۋغا چىقىشقا چامىمى يەتمەيدۇ، كۈن، ئاي، يۇلتۇز ئۈچىڭلار تاڭ ئاتار تەرەپكە بېرىڭلار. ئاسمان، تاغ، دېڭىز ئۈچىڭلار تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە بېرىڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئۈچەيلەن تاڭ ئاتار تەرەپكە، قالغان ئۈچى تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە كەتتى.

          ئوغۇزخاقان چوڭ قۇرۇلتاي چاقىردى. نەۋكەرلىرىنى، ئەل-جامائەتنى چاقىرىتتى، ئۇلار كىلىپ، كېڭەش قىلىپ ئولتۇرۇشتى. ئوغۇزخاقان چوڭ چىدىردا... ئوڭ تەرپىگە قىرىق غۇلاشلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر ئالتۇن تۇخۇنى ئاستى، ئۇنىڭ تۈۋىگە بىر ئاق قوينى باغلىدى. سول تەرپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر كۈمۈش توخۇنى ئاستى، تۆۋىگە بىر قارا قوينى باغلىدى...

    ...
          ئوغۇزخاننىڭ ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن تارىخى شەخىس ئىكەنلىكىدە شەك يوق،لېكىن ئۇ زادى كىم؟ بۇ توغرىدا تالاش تارتىش مەۋجۇت،بىلىدىغان دوستلار بولسا پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرغا قويغان بولسا. رەھمەت!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق