قۇتادغۇبىلىك(23-24-25باپلىرى)

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2010-05-07 09:32:35

يىگىرمە ئۈچۈنچى باپ ئايتولدىنىڭ ئېلىككە ۋەسىيەتنامە يازغانلىغى بايانىدا 1342 قەلەم-قەغەز ئېلىپ،بۇ ئاقىل تېتىك، خۇدا ئاتى بىرلە پۈتىدى بىتىك.1343 سۆزىن باشلىدى تەڭرى ئاتى بىرلە ، ياراتقان ،ئۆستۈ...

    يىگىرمە ئۈچۈنچى باپ  ئايتولدىنىڭ ئېلىككە ۋەسىيەتنامە يازغانلىغى بايانىدا
    1342 قەلەم-قەغەز ئېلىپ،بۇ ئاقىل تېتىك،
        خۇدا ئاتى بىرلە پۈتىدى بىتىك.
    1343 سۆزىن باشلىدى تەڭرى ئاتى بىرلە ،
         ياراتقان ،ئۆستۈرگەن ،كەچۈرگەن ئىگە.
    1344 ياراتتى تۈمەنمىڭ -سانسىز تىرىك جان،
        بېرەر رىزىق،اچ قويماي ھىچبىرىن ھامان .
    1345 يۇرىتۇر ھەممىگە تىلىگەن تىلەك،
        ئۇنىڭغا كېرەكمەس ھىچ ئارقا يۆلەك.
    1346  تىلەسە ياراتۇر،بولۇر خاھىشى،
        تىلەگى بويىچە بولۇر قىلمىشى.
    1347 ئۆلۈمگە ياراتتى بۇ سانسىز قونۇم[110]،
        ئۆلەر ھەممە تىرىك ،اڭا يوق ئۆلۈم.
    1348 سۆيۈملۈك ئەلچىگە مەندىن مىڭ سالام،
        يېتۇرسۇن خۇدايىم ئۆزۈكسىز مۇدام.
    1349 ئۇنىڭ ھەممە ئەسھاپ يارلىرىغا ھەم ،
        سالامىمنى ئۈزمەي يەتكۈزسۇن ئىگەم.
    1350 ياشا سەن ئۇزۇن ۋاقىت ،ئەي بەختىيار خان،
        كۆپ ئەللەر ئۇزرە سۈر خاقانلىق زامان.
    1351 ئېتىم ئەردى ئايتولدى ،قىلىقىم تولۇش ،
        تولۇنلۇق تۈگىدى،تۈگەتتى ئولۇش.
    1352 ئۆلۈم ئەلچىسى كەلدى،تۇتتى قاتتىق،
        قۇتۇلار يېرىم يوق،يوقلادى تاتىق.
    1353 كۆپ ئىھسان بىلەن ياخشى تۇتتۇڭ مېنى،
        كېتەرمەن خىزمەت ئەتمەي،تاشلاپ سېنى.
    1354 بۇنىڭغا جاۋابەن ۋەسىيەت بېتىك-
        پۈتۈپ قويدۇم ئەمدى ساڭا،ئەي تىتىك.
    1355 جاھاندارچىلىقتا ساڭا يار ئىدىم ،
        ئىشىڭنى ئادالەتتە قىلار ئىدىم.
    1356 مانا ئەمدى ئارتۇق كۆيۈمچان بولۇپ،
        ۋەسىيەت سۆز پۈتتۈم ،ئوقۇغىن كۆرۈپ.
    1357 نەدەيدۇ ئىشىتكىن ،كۆيۈمچان كىشى،
        كۆيۈمچانلىق ئېرۇر كىشىلىك بېشى:
    1358 كۆيۈمچان كىشىنىڭ ئوگۇت سۆزىن تۇت،
        ئوگۇت سۆز بېرۇر ئوۋ قىلىپ ساڭا قۇت.
    1359 كۆيۈمچان كىشىدۇر كىشىلەر چىنى ،
         كۆيۈمچان سۆزىن تۇت،زورايتۇر سېنى.
    1360 ئەي ئېلىگ مانا مەن كۆيۈمچان ساڭا،
        سۆزۈمگە ئەمەل قىل، ئەي ھۇشيار توڭا.
    1361 ئۆلۈم كەلدى ئۇتتۇر، ئۆكۈندۈم ئۆزۈم،
         ھىچ پايدا قىلمىدى ئۆكۈنچىم، سۆزۈم.
    1362 كېرەك بولدى ئەمدى تائەتلىك ئىشىم،
        ئۆكۈنچ بولدى بارلىق يامان قىلمىشىم.
    1363 قېلىپ قالدى يىققان بۇ ئالتۇن-كۈمۈش،
        ھىساپ بەرمىگىم بولدى تەككەن ئۈلۈش .
    1364 ئۆلەرمەن ئۆكۈنۈپ پايدىسىز ، ئىسىت،
        ئىگەم رەھمىتىدىن بۆلەك يوق ئۈمىت.
    1365 بۇ كۈن مەن كېتەرمەن مانا چارىسىز،
        ئارقامدىن كېلەرسەن تاڭنا شۈبھىسىز .
    1366 ئۆلۈم تۇتماستىن ئەۋۋەل ئويغان ئېلىگ،
    ئىشىڭنى تۈزەت سەن ئىشلىتىپ بىلىك.
    1367 بالا-زورلۇق ۋاختىدا قىل ياخشىلىق،
        تىلىڭ ھەم قولۇڭدىن سۆيۈنسۇن خەلق.
    1368 ئىسەنلىك چېغىڭدا ياخشلىق ئاشۇر،
        تاۋار-مال بارىدا ئۈلەشتۇر ،يىدۇر.
    1369 نەدەيدۇ ئىشىتكىن دۇرس سۆزلۈك ئەر،
         كىچىك چاغ ئويغانغان،ئىتتىك كۆزلۈك ئەر:
    1370 ئۆلۈمگە ھازىرلان ئۆلۈش ئالدىدا ،
         خۇداغا تائەت قىل تىرىك ۋاقتىدا.
    1372 ئۆلۈم كەلسە تۇتسا ،ئۆكۈنچ پايدىسىز،
        نىچە ئىڭرسا قارا يەر ئاستىدا.
    1372 ئەي ئېلىگ ،تىرىشقىن مېنىڭدىن كېيىن،
        ۋاقىت-كۈن زايە قىلماي ھەققە تىۋىن.
    1373 جاھان ئالدىمىسۇن سېنى بەخت بىلە،
         جىمىكى ئىشىڭدا توغرۇلۇق تىلە .
    1374 قانۇن تۈز يورۇتكىن خەلققە كونى ،
        كۈنۈڭ ياخشى بولغاي قىيامەت كۈنى.
    1375 بۇ دۇنيا  ئۈچۈن ئوتقا ئاتما ئۆزۈڭ،
         ئۇزۇپ نەپس بوينىنى ،ال تەندىن ئۆچۈڭ.
    1376 بۇ دۇنيا بېگى سەن ئاڭا بولما قۇل،
        سېنى تاشلىماستا ،ۇنى تاشلا تۇل.
    1377 غۇرۇرلانما ئارتۇق ،كىبىر قىلمىغىن،
         بۇ دۇنيا ئىشەنچسىز ،كۆڭۈل بەرمىگىن.
    1378 كىشى ياخشىسىنى يېقىن تۇت ھامان،
         ياماندىن ھەزەر قىل ،يېتەر كۆپ زىيان.
    1379 تاماخۇر كىشىگە سەن بەرمە ئىشىڭ،
        ۋاپاسىز كىشىگە يىگۈزمە ئېشىڭ.
    1380 تائەتكە غەيۇر بول ،گۇنادىن توسال ،
         تائەتتىن بۆلەكتىن نەپ تەگمەك مۇھال.
    1381 ئۆلۈمنى ئۇنۇتما ،توسار نەرسە يوق،
        مۆكۈكتىن چىقاردەك چىقار بىتۇيۇق.
    1382 نىچە قاچساڭ ئاخىر ئۆلۈم تۇتقۇسى،
        نىچە قالساڭ ئاخىر ئۆلۈم يەتكۈسى.
    1383 سەگەك ئول ئۆلۈمدىن ،غاپىل قالما سەن،
         بولۇر يەر تۆشەك ،ھەر نىچە ياشا سەن.
    1384 قېنى كىم تۇتۇلدى ئۆلۈمدىن قېچىپ،
        ئەجەلنىڭ ۋاقتىدىن كىم قالدى ئېشىپ؟
    1385 ئەجەپ ياخشى ئېيتقان ئالىم ئوخشۇتۇپ،
        ۋاقىت،كۈن،تىرىكلىكنى ماسلاشتۇرۇپ:
    1386 كارۋانغا ئوخشار بۇ ئادەم ئوغلانى،
         تۇرالمايدۇ مەنزىلدە ،مەنزىل قېنى؟
    1387 تۆرەلگەندە ئوغۇل ئاتا پۇشتىدىن ،
        نىچە ئاي تاپار تېچ جاي ئانا قارنىدىن .
    1388 ئانادىن تۇغۇلغاندا قويسا ئېتىن،
         يولۇچى بولۇپ ئۇ مىنەر ۋاقىت ئېتىن.
    1389 كۈنى بىر مېڭىم ئۇ،تۈنى بىر مېڭىم،
        ئۆلۈمگە ئاپىرار ،قورۇتۇپ ئوڭىم.
    1390 جاھان بىر قونالغۇ،گۆرۈڭ بىر تۇشۇن[111]،
        قوپساڭ بۇ تۇشۇندىن تۇشۇن ئۇ ئاجۇن.
    1391 كۈتەر ئۇ جاھاندا سېنى ئىككى يول،
         بولۇركىن ئىككى يولدىن نەسپ قايسى يول؟
    1392 يولۇڭ كەلسە ئوڭدىن تۈزىلەر ئىشىڭ ،
        ئەگەر كەلسە سول ،ىڭراپ ئۇرارسەن بېشىڭ.
    1393 جاھان بىر تېرىلغۇ ،ئەي ئېلىگ قۇتى،
         تېرىسا ئورار ئەر تىرىكلىك ئوتى.
    1394 نىمە تەرسە يەرگە شۇ نەرسە ئۈنۇر ،
         نىمەنى تېرىسا شۇنىلا ئالۇر.
    1395 كىشى مالىنى ئالما ھەم تۆكمە قان،
        بۇ ئىككى گۇنادىن ئىڭراپ چىقار جان.
    1396 بۇ چۈشتەك تىرىكلىك ئۆتەر بەلگىسىز،
         بەگ ئولسۇن ياكى قۇل،كېتەر كەلگۈسىز.
    1397 قېنى ئۇ ،چۈشۈڭدەك كەچۈرمىش كۈنۈڭ،
        ئۆكۈنچتىن بۆلەكمەس بۇ قالمىش كۈنۈڭ.
    1398 نەدەيدۇ .ئىشىتكىن،ئويغانغان كىشى،
         ئويغىنىپ كېيىن ئۇ ئۆكۈنگەن كىشى:
    1399 چۈشۈڭدەك كەچۈردۈڭ تىرىكلىك چېغىڭ،
        قېنى پايدا،كۆرسەت ماڭا بىر ئىزىڭ؟
    1400 كەچۈردۈڭ كۈنىڭنى ھەۋەس -ئارزۇدا،
        تۈگىدى تىرىكلىك ،قالدى پۇشمىنىڭ .
    1401 تىرىكلىككە ئالدانما ،بەكمۇ ساقىن[112]
        تىرىكلىك ئۆلۈمگە ناھايەت يېقىن .
    1402 بېخىل بولما ئېلىگ ،سېخىي بول سېخى،
        قالۇر مەڭگۈ ئۆچمەس سېخىلىق ئېتى.
    1403 قوشۇن ،ئات،يىگىتكە گۈۋەنمە ئوكۈش [113]
        نەپ بەرمەس ئۇلار ھەم بۇ ئالتۇن-كۈمۈش .
    1404 پىدا قىلما ئۆزنى بۆلەكلەرنى دەپ،
        ئۆزەڭگە ئېچىن ،ئوتقا كىرمە كۈچەپ.
    1405 سېنىڭدىن بۇرۇنقى جاھان بەگلىرى،
        جاھان قويدى،كەتتى ،گور ئولدى يېرى.
    1406 ساڭا ھەم تۇرۇپتۇ تەييار بۇ ئۆلۈم ،
         پەقەت ۋاقىت كۈتەر ئۇ، ئەي يورۇق كۈنۈم.
    1407 نىمە دەر ئىشىت ،دۇنيا ئەيىبىن بىلىپ-
        ساڭا سۆزلىگۈچى،ئەقىلدىن ئېلىپ:
    1408 گويا بىر تۇزلۇق سۇ بۇ دۇنيا مېلى ،
        كىشى قانماس ئىچىپ،نەم بولماس تىلى .
    1409 بۇ دۇنيا كۆلەڭگۈ كەبى،ەي توڭا،
        قاچار ئىزلىسە،قاچساڭ يېپىشۇر ساڭا.
    1410 ئالۋۇنغا [114] ئوخشايدۇ بۇ دۇنيا ئىشى،
        تۇتاي دەپ سۇنسا قول، يۈتۈرەر كىشى.
    1411 ئېلىگ ،غەيرەت ئەيلەپ ئۆزەڭ ياخشى بول،
         بېگى ياخشى ئولسا،خەلق ياخشى ئول.
    1412 خەلق قوي كەبىدۇر ،بېگىدۇر چوپان ،
        چوپان بولماق كېرەك قويغا مېھرىۋان.
    1413 ئىشىكتە يىغىلغان تولا ئاچ بۆرى،
         ئېلىگ سەن كۈزەت بەك قويۇڭنى ،يۈرى!
    1414 غەزەپلەنمە ئىشتا ،سەن ئۆپكەڭنى باس،
        بەگ ئولسا غەزەپلىك ،بۇ بەگلىك تۇرماس.
    1415 كىشىگە يىرىك سۆز قىلما ،يىغ تىلىن،
        يىرىك سۆز يېلىنجاپ تۇرغان بىر يېلىن.
    1416 سىلىق بول، بېسىق بول، يۇۋاش،تېنچ يول،
        پۈتۈن ياخشىلىققا يەتكۈز ئۆزۈڭ قول.
    1417 تۇرۇپتۇ ئالدىڭدا ئۇزۇن يول-سەپەر،
         ئاقىللار بۇ يولغا خەپ ئوزۇق ئېتەر .
    1418 ساراي،قەسىر سالما،ئەي ئېلىگ قۇتى،
        تەيياردۇر ساڭا ئوي،قارا يەر قېتى.
    1419 ئىگىز ،كەڭ ،بىزەكلىك سارايىڭ قېلىپ،
         ئىڭرارسەن قاراڭغۇ يەر ئۆيدە يېتىپ.
    1420 نە لازىم غەزىنە-بۇ ئالتۇن -كۈمۈش،
        ساڭا تەككۈسى ئىككى بوزلا ئۈلۈش.
    1421 بۇڭا ئوخىشىتىپ ئېيتتى شائىر تىلى ،
        بۇ شائىر سۆزى ،كۆر ،ئاچار سۆز يولى:
    1422 غاپىل ئادەم ئوغلى تولا مال يىغار ،
         يىيەلەمدۇ-يوقمۇ،چۈشەنمەي قالار.
    1423 بېيىپ ئۇ تىلەككە ئېرىشكەچ پۈتۈن،
        تۈگەپ بۇ تىرىكلىك، ئەزىز جان ئۇچار.
    1424 ئاۋىنما ،گۈۋەنمە ھوزۇرغا ئەي خان،
        ئاۋىنچىڭ،گۈۋەنچىڭ ئۇخلىتۇر ھامان.
    1425 تىرىكلىك زايە قىلما دۇنيانى دەپ،
        قىينايدۇ سېنى ئۇ ئۆتكۈنچى كۈچەپ.
    1426 ئاغى-چۇز پۇركەنگەن بۇ نازۇك تېنىڭ،
         قارا يەر يېپىنار ئەي ئاقىل ،بىلىڭ،
    1427 ئۆتسىمۇ سۆيۈنچكە تېنىڭ ئاۋۇنۇپ،
        قارا يەر قېتىدا ياتار سوزۇلۇپ.
    1428 تەۋرەتمەس يورغا-يۈگرۈك ئاتتىن چۈشۈپ،
        مىنەرسەن ئىگەرسىز ياغاچ ،مۇڭلۇنۇپ.
    1429 بۇنى ئۇق،تەييارلان ئۆلۈمگە ھامان،
        يىمە يەر قېتىدا تاڭنا پۇشايمان.
    1430 ھەر ئىشتا خۇدادىن سەن تەۋپىق تىلە،
        سېنى قوللار ھەق ،شۈبھىسىز ،كۈچ بىلە.
    1431 يامانۇ-ياخشىلىق كەلسە بول رىزا،
        ئېغىزنى دۇرۇس تۇت ،بوي ئەگ قازاغا.
    1432 بولاي دىسەڭ ئىككى جاھان باشچىسى،
        يېقىنلاشما بۇ بەش ئىشقا ياخشىسى:
    1433 ھارامغا قوشۇلما ۋە كۆرسەتمە كۈچ،
       خۇسۇمەت قىلىپ تۆكمە قان،ئالما ئۆچ .
    1434 پاساتتىن يىراق تۇر ،سەن ئىچمە شاراپ،
        قىلۇر بۇ نەرسىلەر بەگلىگىڭ خاراپ.
    1435 تىلەسەڭ بەگلىگىڭ سەن مەڭگۈ مۇدام،
        بول ئادىل ،زۇلۇمنى يوقاتقىن تامام.
    1436 ئېلىگ سەن بۈگۈن خەلقنىڭ باشچىسى،
        بول ئويغاق، ئەقىللىق ، خەلق ساقچىسى.
    1437 يۈدۈلدى بويۇنغا ،ئېلىگ ،ېغىر يۈك،
         غاپىل ئولما،ساقلان ئەي خۇلقى تۈزۈك.
    1438 ۋۇجۇت رەيى ئەيلەر نەپسكە ئەسىر ئول،
         ئەسىر ئولما،ولساڭ ئۇنىڭدىن قۇتۇل.
    1439 كەچۈرگەن تىرىكلىك بولدى بوران-يەل،
        بۇ قالغان تىرىكلىك بېرەر قانچە ئەل؟!
    1440 زايە قىلما ئەمدى بۇ قالغان كۈنۈڭ،
         گۇنا ۋە قۇسۇردىن ئېرىغدال ئۆزۈڭ.
    1441 بۇ دۇنيا بىۋاپا ئېرۇر ،ياخشى بىل،
        كېچەر دۇنيادا ئۆز ئوزۇغۇڭنى قىل.
    1442 نىمە دەر ،ئىشىتكىن ،تەقۋادار كىشى ،
        تەقۋادار كىشىدۇر جاھاننىڭ بېشى:
    1443 بۇ دۇنيا قونالغۇ،ئۆزۈڭ سەن كارۋان،
        قونالغۇدا كارۋان قانچىلىك تۇرغان ؟
    1444 بۇ دۇنيا سارايدۇر قازانماق يېرى،
        نە تاپساڭ بۇ يەردىن،ئۇنى ئال ،يۈرى.
    1445 كوچەرسەن،ئۆزۈڭ كوچنى ئاۋۋال ئەۋەت،
        كېرەكنى ئال،كېرەكسىزنى تاشلىۋەت.
    1446 مانا مەن كېتەرمەن ،ال ئىبرەت كۆرۈپ،
       تىرىشقىن ،كېتەردە گۈزەل ئات قويۇپ.
    1447 ئۆلۈش ھالدا تۇرغان تىرىك ئىمە دەر،
        ئۆلەردە ۋەسىيەت قىلىپ كەتكەن ئەر:
    1448 تىرىككە نەسىھەت قىلۇر ئۆلگۈچى،
        ئىشىتكىن ئۇنى ،بول كۆڭۈل قويغۇچى.
    1449 ئۇ دەر ،ئەي تىرىك،سەن بولمىغىن غاپىل،
         غاپىل مەن ،ياتارمەن ئۆكۈنچتە يىل -يىل.
    1450 تىلەسەڭ ئەي ئېلىگ بەگلىك ئۇزۇن يىل،
        قىلار ئىش نىچە ،قىلماس نىچە، بىل .
    1451 تىرىش ئادىل ئولماققا ،كۆرسەتمە كۈچ ،
        خۇداغا تائەت قىل ،ىشىگىنى قۇچ.
    1452 ئىككىنچى، غاپىل بولما، ساق تۇر ئاگاھ،
        ساڭا تەگمىگەي بىل،بىر بالا ناگاھ.
    1453 ئىككى ۋاختا قىلما نىچۈك بولسا ئىش ،
         ھەۋەس ۋە غەزەپتە چىڭ چىشلىگىن چىش.
    1454 قىلىنسا بۇ ئىشلار  ئەل كۈزىتىلۇر ،
        بۇ بەگلىك تۇرار كۆپ ،امانلىق كېلۇر.
    1455 ئەزىزلەپ ياخشىنى كۆتەر يۇقۇرى،
         يامانغا بەرمە ئىش،قىل ئەلدىن نېرى.
    1456 يامان تۈزمە قانۇننى ،بەك ياخىش تۈز ،
         كۈنۈڭ ياخىش بولغاي ھەم بەختىڭمۇ ئۇز.
    1457 نىمە دەيدۇ مەشھۇر ئالىم ،اڭلىغىن،
        بۇ سۆزدىن ئۆزۈڭگە نەسپ تاللىغىن:
    1458 قانۇنى تۈز ياخشى قانۇن تۈزگۈچى،
        يامان تۈزسە بولۇر تىرىك ئۆلگۈچى.
    1459 يامان تەرتىپ ئورناتما،ەي بەگ ھېكىم ،
         يامان بولسا قانۇن،بولالماس ھاكىم.
    1460 يامان تۈزسە قانۇن كىم ئۆز دەۋرىدە،
        يامان ئات قويار ئۇ ئۆزى كەينىدە.
    1461 كىم ئۇ ياخشى قانۇننى بەرپا قىلار،
        ئۇنىڭ شۆھرىتى تا ئەبەتكە ياشار.
    1462 دىققەت قىل ،ھولۇقما ئېلىگ سەن ئۆزۈڭ،
        بول ئويغاق ۋە ھۇشيار،ئۇنتما تۈۋۈڭ.
    1463 يامان قىلما خۇلقۇڭ ،ەي ئىلگى ئۇزۇن،
        سېنى يىغلىتۇر ئۇ ھەر ئىككى ئاجۈن.
    1464 بولۇپ خەلققە يېقىن ،ئۇزاردى خۇلقۇڭ،
        تەئەسسۈپتە كېچەر ھاياتىڭ- كۈنۈڭ.
    1465 جاھان ئۆتكۈچىدۇر ،ئۇنى ئۆتتى بىل.
        ئۆلۈم كەلگۈچىدۇر ،ئۈنى كەلدى بىل.
    1466 مېنى كۆر ،مېنىڭدىن سەن ئال نەسىھەت،
        تىرىكسەن بۈگۈن،تاڭنا چەكمە نادامەت.
    1467 كىشى ئۆلسە ئاندىن بىر مىراس قالۇر،
        ئەي ئالىم ساڭا بۇ مىراسىم بولۇر .
    1468 سۆيۈملۈك ئىدىڭ سەن ئەي ئېلىگ ماڭا،
        پايدىلىق مىراسنى مەن قويدۇم ساڭا.
    1469 پايدىلىق مىراستۇر كىشىلەرگە سۆز ،
        مىراس سۆزنى تۇتسا بولۇر پايدا يۈز!
    1470 پۈتۈپ قويدۇم ئەمدى بۇ سۆز چىنىنى،
        ئۇنۇتما بۇ سۆزنى ،ئۇنۇتما مېنى .
    1471 ياشاپ قانچىلىك كۆپ،كۆرەرسەن كۆرۈم،
        يانار جايىڭ ئاخىر بولۇر شۇ ئۆلۈم.
    1472 ئۆلۈم شۈبھىسىز ،بىر كۈن ئاخىر كېلۇر،
         بۇ بارچە تىرىكنىڭ جېنىنى ئالۇر.
    1473 دەۋەتچى كېلىشكە تەييارلىق كېرەك،
        ئۇزۇن يول يۈرۈشكە ھازىرلىق كېرەك.
    1474 ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشقا يوق ھىچ ئامال،
         ئۆلۈمگە ھازىرلان ،كېرەكلىكنى ئال.
    1475 نەدەر، ئاڭلا، ئەقلى تولۇپ يەتكەن ئەر،
        ئۆلۈمنى ئۆلۈشتىن بۇرۇن بىلگەن ئەر:
    1476 ئۆلۈم نۆۋىتى ئۆز پەيتىدە كېلۇر،
         ئۆلۈمگە ئۆزۈڭنى راسلا ،تەييار تۇر .
    1477 كۈمۈش قۇر باغلىبان مەن -مەن دىگەنلەر،
         ئۆلۈم تۇتسا ئۇنى ،ئۈزۈلگەي بۇ قۇر.
    1478 ئەي ئېلىگ ، ئۆتىدىم مانا مەن ھەققىڭ ،
        ئادا قىلدىم ئەمدى سېنىڭ شەپقىتىڭ.
    1479 خۇدا بەرسۇن تەۋپىق پۈتۈن ئەزگۈگە،
         قۇتاتسۇن بۇ ئەزگۈ يىمەك -كەيگۈگە.
    1480 ئېسەن بول ،تىرىكلىك قىلىپ مىڭ ياشاپ،
       قۇۋانچ ۋە سۆيۈنچتە تولا ئەل سوراپ.
    1481 ئېرۇر مېھرىۋانلىق پۈتۈن بۇ سۆزۈم ،
         سالامەت -ئېسەن قال گۈزەل يۈزلۈگۈم.
    1482 مانا مەن كېتۇرمەن،ەي ئېلىگ قۇتى،
        قېلىپ قالدى ئۇغلۇم -بۇ باغرىم ئوتى.
    1483 بۇنى تاپشۇردۇم مەن ھەققە يالۋۇرا،
         تىلەسە ئۇ ساقلار كۆيەر ئوت ئارا.
    1484 ساڭا ھاجىتىم شۇ :قاراپ قوي ئاڭا ،
        يىراق قىلما،بولۇپ قالمىغاي ياۋا.
    1485 ھەر ئىشقا قىلۇر بىر سەۋەپنى خۇدا ،
        يامان -ياخشىلىقتۇر ۇنىڭ قولىدا.
    1486 ئوغۇل-قىز سەۋىۋى ئاتا ھەم ئانا،
         بۇزۇلسا قىلىغى،تۈزەلسە يانا.
    1487 مانا مەن ئاتاسى ئۆلەرمەن بۇ كۈن،
        كىچىك قالدى ئوغلۇم يىتىم-ئۆكسۈزۇن[115].
    1488 تونۇساڭ خادىم ھەققى بار مەندە دەپ،
        ئۇنى ياخشى يولغا ئۈندە ،بول سەۋەپ.
    1489 قاراپ تۇر، ئۈگەت ئاڭا ئەردەم،بىلىك،
        بىلىم پەزلىلە بولسۇن ئەلگە يىتىك.
    1490 يېتىلسۇن،تۈزەتسۇن قىلىق- ھەركىتىن،
        لاياىەت بىرلە ئۇ تاپسۇن خىزمىتىن.
    1491 ئۇنى قويمىغىن بوش ،قاتتىق تۇت سىقىپ،
        تۇتۇلسا ئوغۇل چىڭ ،تاپار قۇت بېرىپ.
    1492 نىمە دەر ئىشىت ،چال ،بىلەرمەن كىشى،
        سىناپ ھەم ئۇقۇپ سۆز سۆزلىگەن كىشى:
    1493 ئوغۇلنى كىچىكتە ئوقۇتماق زۆرۈر،
        كىچىكلىكتە بىلسە ئۇتۇغلۇق بولۇر.
    1494 ئوغۇل-قىز ئايىماي تاياق بىرلە ئۇر،
        تاياق قىز-ئوغۇلغا بىلىم ئۈگىتۇر.
    1495 كىچىك چاغدا بىلسە بالا نىمىنى،
         قېرىپ ئۆلمىگۇنچە ئۇنۇتماس ئۇنى .
         *     *      *
    1496 ئۇ خەتنى تۈگەتىپ باغلىدى تۇرۇپ ،
         ئېلىپ ئوغلىغا بەردى قولنى سۇنۇپ .
    1497 دىدى :تۇت بۇ خەتنى ،يوقاتما ئوغۇل،
         ئېلىككە يېتۈرگىن ،مىراسىمدۇر ئول.
    1498 ختىمنى ئوقۇسۇن ،سۆزۈم تۇتسۇن ئۇ،
         ئۆلۈمگە بولۇپ تەخ ،ىشىن ئەتسۇن ئۇ.
         *      *      *
    1499 ئۇلۇغ بىرنى تىندى ،قاراپ ئوغلىغا،
        دىدى،بىل بۇنى،ماڭ ھەقلىق يولغا.
    1500 ئۇ باستى ئوغلىنى باغرىغا قۇچۇپ،
        ئوپۇپ يىغلىدى كۆپ يېشىنى تۆكۈپ.
        *      *      *
    1501 دىدى: ئەي ئوغۇل سەن كۆرەرسەن مېنى ،
        نەھالدا كېتەرمەن ،ۇنۇتما بۇنى .
    1502 ساڭا ھەم كېلەدۇر شۈبھىسىز بۇ كۈن،
         غابىل بولما ،اخىر ئۆلىسەن بىر كۈن.
    1503 كېرەكلىك سۆزۈمنى مەن ئېيتتىم ساڭا ،
        سۆزۈمنى ئۇنتما ،دۇئا قىل ماڭا.
    1504 يېتىپ چاغ ئېلىگ گەر ئىستىسە سېنى،
         ھالال قىل خىزمىتىن ،قەدىرلە ئۇنى.
    1505 لاغايلاپ بىھۇدە يۈرمىگىن ئۆزۈڭ،
         سىلىق، توغرا بولسۇن قىلىقىڭ،سۆزۈڭ.
    1506 يېتىپ ئاخشىمى كەچ،يەنە تۇر سەھەر،
        سەھەر تۇرسا بەختى كىشىنىڭ ئۆسەر.
    1507 خۇدا بۇيرۇغىنى ئەزىز تۇت ئەزىز،
         ئېلىككە خىز مەت قىل ،بېرىپ دىلنى تېز
    1508 يامانغا يولىما ،يىراق تۇر ھامان،
         تۈزەت خۇي-پەيلىڭ،قىل ياخشىلىق ھەرئان.
    1509 كۆزۈڭنى كۈزەتىپ،سالامەت يۈرى،
       ئۆزۈڭنى كۈزەتىپ ،سالامەت قېرى.
       *      *      *
    1510 سۆزىن كەستى،وغلىن قۇچۇپ يىغلىدى،
        يانا ئىڭراپ تولا پۇشايمان يىدى.
    1511 دىدى:ئەي ئىشەنچسىز جاھان بىۋاپا،
        نىچۈك قىلدىڭ ئەمدى ماڭا سەن جاپا.
    1512 يىبان نازۇ-نىمەت بېقىلغان ئۆزۈم،
        كىرەر بۇ قارا يەرگە كۆركەم يۈزۈم.
    1513 ئانادىن نىچۈك مەن تۇغۇلسام شۇ كۈن،
        كېتەرمەن مۇڭ ئىچرە يالاڭغاچ بۇ كۈن.
    1514 نىمە دەر ،ئىشىتكىن ،ئۆلۈۋاتقان ئەر،
        ئۆلۈمگە ئۆكۈنۈپ ئىڭراۋاتقان ئەر:
    1515 قېرىندىن چىقاردىڭ ،قېرىغا كىرۇر،
        شىكەر يىگەن تەننى ئىلانلار يىيۇر.
    1516 ئىسىت ھەي يىگىتلىك ،تىرىكلىك ئىسىت،
         ئۆكۈنچلۈك يىغى بىرلە گۆرگە كىرۇر.
        *      *      *
    1517 قىلىپ بەس يىغىسىن ئۇ ئەقلىن يىغىپ،
        ئۇلەشتۈردى مالىن ئەدىيە قىلىپ.
    1518 رىزالىق تىلەدى يېقىنلاردىن ئول،
        ئالۇر بولدى جانى يېشىل كۆككە يول.
    1519 كۆزىن كۆككە تىكتى كۆتەردى قولىن،
         شاھادەت بىلەن كەستى تەبرەر تىلىن.
    1520 يورۇق جان ئۈزۈلدى ،قارايدى كۈنى،
        خۇدا ئاتى بىرلە كېسىلدى تېنى.
    1521 سۈزۈك جان تىلەدى ئىگىزدىن تۇرۇق[116]،
         ئۇچۇپ كەتتى جان ،قالدى جىسمى قۇرۇق.
    1522 بولۇپ تۇغمىغاندەك يۈتۈپ كەتتى جان ،
         جاھاندا ئېتى قالدى بەلگۈ-نىشان.
    1523 نىمە دەر ئىشىت ئەمدى كۆڭلى كونى،
         غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغانغان كۈنى:
    1524 ۋۇجۇدۇڭ ئۆيىدۇر بىزەكلىك ئۆيۈڭ ،
        سۈزۈك جان ئۆيىدۇر سۈرەتتەك تېنىڭ .
    1525 قۇرۇق تەن قالۇر  ئۇ ئۇچۇپ كەتسە جان،
        خۇدالا بىلۇر نەگە بارغاي بۇ جان.
    1526 جان ئورنى ئىگىزدە ،بىل ئەي بەختىيار ،
         تۆۋەن چۈشسە يامان پالاكەت بولۇر .
    1527 ئۇ شەكسىز ئىككىدىن بىرىنى تاپار ،
         ئۇ ئۆلمەس،ئۇزۇن ھەم مەڭگۈلۈك ياشار .
    1528 نە چاغلىق زەئىپتۇر بۇ ئىنسان ئۆزى ،
         يۈرەركەن يۈتەر ئېتى ،كېسىلۇر سۆزى .
    1529 قەيەردىن كېلۇركىن ؟ قەيەرگە بارۇر ؟
        قەيەردە تۇرۇكىن ؟قەيەردە يۈرۈر ؟
    1530 بىلىملىك بىلەمدۇ ؟نىمە دەر بۇنى؟
        ئەقىللىق ئۇقامدۇ ؟نىمە دەر ئۇنى ؟
    1531 خۇدادىن بۆلەك يوق بۇنى بىلگۈچى،
        پەقەت بىرلا تەڭرى بۇنى ئۇققۇچى.
    1532 گاھى ئۇ يوشۇرنۇپ كېزەر بەلگىسىز،
         ۋە بەزى كۆرۈنۈپ،كېتەر بەلگىسىز.
    1533 تولا قىسقا ئۆمۈرلۈك بۇ ئىنسان ئۆزى،
       غېمىلا ئۇزۇن ھەم بۈيۈك تىل -سۆزى .
    1534 كۆرەرسەن ،بۇ ئىنسان زەئىپ نەقەدەر،
         ئۇ شۇنچە يامانلىق نىچۈك كۆتىرەر؟
    1535 ئىككى كۈنلۈك ئۆتكۈنچى دۇنيا كۆرۈپ،
         نىچۈك كەردى كۆكسىن قىيا تاش بولۇپ.
    1536 نىمە دەر ،ئىشىتكىن،ئويغانغان كىشى،
        ئۆلۈمنى تونۇپ ،يولغا كۆنگەن كىشى:
    1537 ئەجەپ تەڭدىشىڭ يوق،يامان،ئەي ئۆلۈم،
         توسالماس سېنى بولسا مىڭلاپ تولۇم [117].
    1538 كېلەرسەن ئومۇمغا ،قۇتۇلماس بىرى،
        يامانۇ -ياخشىنىڭ ئۆزۈڭ بىر تورى.
    1539 بولاتتى تىرىك قالسا ئالىم ئامان،
         بولاتتى ئۆلۈپ كەتسە بارلىق نادان.
    1540 يامان -ياخشى قالماس تامامەن ئۆلۇر،
        ئۇلۇغمۇ،كىچىكمۇ قارا يەر بولۇر.
    1541 ئۆلۈمدىن قېچىشقا كېچىك يوق چوقۇم،
         ھەرقانچە ياشا سەن ،كېلەدۇر ئۆلۈم.
    1542 نە ياخشى دىمىشدۇر بۇ ئەل باشلار ئەر،
         ئىشىنى بىلىپ ھەم ئۇقۇپ ئىشلەر ئەر.
    1543 نە ياخشى ئىش ئەردى ئۆلۈم بولمىسا ،
        نە كۆركەم ئىش ئەردى كىشى ئۆلمىسە .
    1544 راھەتكە يەتكۈزدى مېنى بۇ ئۆلۈم،
         ئۆلۈم بۇزدى مېنىڭ ئاساسىم -ئۆلۈم.
    1545 ئەجەپ يوق ئۆلۈمگە ،تۇغۇلغان ئۆلۇر،
         تۇغۇلغان ئۆلۇر ،كۆر،قارا يەر بولۇر.
    1546 كىشىگە ئىسىت يوق ،كىشىلىك ئىسىت ،
         ئەمەس ئەرگە ئەپسۇس ،دۇرۇسلۇق ئىسىت.
    1547 قېرى بۇ جاھاننىڭ شۇدۇر ئادىتى،
         ئەمەل قىل ۋە يا قوي ئۇنى شۇ پېتى.

     

    يىگىرمە تۆتىنچى باپ
    كۈن تۇغدى ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشنى قىچقىرىتقانلىغى بايانىدا
    1548 ئېلىگ ماتەم ئۆتكۈزدى ئايتولدىغا،
         ئوگۇت بەردى كۆپ ،قىچقىرىپ ئوغلىغا.
    1549 دىدى:ئەي ئوغۇل قىلما ئارتۇقچە غەم ،
         غەم ئۆتسە ،بولۇرلەر ئاخىر شاتلىق ھەم.
    1550 بۇ غەم كەلمىدى ،قارا يالغۇز ساڭا ،
         ئۇزۇن قايغۇ-غەملەرمۇ كەلدى ماڭا.
    1551 چۈشۈرمە روھىڭنى ،ئۆزەڭنى ئاۋۇت،
         يېنىمدا تۇرۇپ سەن ،خىزمىتىمدە ئۆت.
    1552 ئاتاڭ ئۆلگەن بولسا ،ئاتا مەن ساڭا،
         ئاتالىق قىلاي مەن ، ئوغۇل بول ماڭا.
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    1553 يەر ئوپتى ئوگدۇلمىش دىدى:ئەي ئېلىگ،
         سوراپ ئەل سەن ئۇزۇن ياشا ،بول تىرىك .
    1554 ئۆستۈرگەن قۇلۇڭمەن ،خىزمەتچىڭ سېنىڭ ،
         پىدا بولسۇن ئېلىككە جانىم مېنىڭ .
    1555 ئاتام جانى بولدى ئېلىككە پىدا ،
         پىدا قىلسۇن ساڭا بۇ قۇلنى خۇدا.
        *     *     *
    1556 چىقاردى ئاتانىڭ خېتىنى ئوغۇل،
         ئېلىككە ئەدەپلە سۇنۇپ بەردى ئول.
    1557 ئېلىگ ئالدى -ئاچتى ،ئوقىدى بېتىك،
         سۆزىن ئۇقتى ،دىدى:ئىسىت ، ئى تىتىك[118].
    1558 دىدى:ئەي مېھرىۋان كىشى سەرۋىرى،
         ئىشىگىم قۇرۇتتىڭ ،بوش قالدى يېرى.
    1559 تىرىك چاغدا ئىشلەپ ،ھەققىم ئۆتىدىڭ ،
         ئۆلەر چاغدا ئويلاپ ،غېمىمنى يىدىڭ.
    1560 ھەققىڭنى ئۆتەلمەي قالدىم مەن سېنىڭ ،
         خۇدالا ئاتا قىلسۇن ھەققىڭ سېنىڭ .
    1561 نىچۈككىم ،سېنىڭدىن خوشالمەن بۇ كۈن ،
         خۇدا بەرسۇن سېنىڭ سۆيۈنچىڭ قۇتۇن .
         *     *      *
    1562 سۆزىن كەستى ئېلىگ ،كۆزى ياش چېچىپ،
         تۇرۇپ چىقتى ئۇندىن ،ئەلەم -دەرت قۇچۇپ.
    1563 ئۆيىگە كېلىپ كىردى كۆڭلى چۈشۈك،
         نىچە كۈن ياتتى غەمكىن ،يېپىپ ئىشىك.
         *      *      *
    1564 ئاتاسى ئۈچۈن قىلدى نەزرە ئوغۇل،
         ئۈلەشتۈردى يوقسۇلغا ئىپەك رەخت ۋە پۇل.
    1565 كەچۈردى شۇ ھالدا ئاتا قايغۇسىن ،
         ئۆزىگە قىلدى دوست كىشى ياخشىسىن .
    1566 ئاتا پەندىنى تۇتتى بولدى كونى،
         ئېشىپ بەختى ھەر كۈن ،يورىدى كۈنى .
    1567 نىمە دەر ئىشىت ئەمدى ئاقىل كىشى،
         بېشىدىن ئىش ئۆتكەن بىلەر ئەل ئىشى:
    1568 ئاتا پەندىنى سەن قاتتىق تۇت قاتتىق ،
         كۈنۈڭ قۇتلۇق بولۇر كۈنسايىن تاتىق.
    1569 خىزمەتلە خوش قىلساڭ ئاتا-ئانانى.
         تاپارسەن تۈمەنمىڭ كۆپ پايدا -ئاسىغ[119].
         *     *     *
    1570 ئېلىگمۇ تىرىشتى شۇنىڭدىن كېيىن ،
         تۈزەپ قانۇننى ياخشى ھەر كۈنسايىن .
    1571 بېيىدى ئەل خەلقى ھەم تۈزەلدى ئېلى ،
         ئېلىككە دۇئا قىلدى خەلقى تىلى .
         *      *       *
    1572 ئېلىگ بىر كۈن ئولتۇردى يالغۇز ئۆزى ،
         كىتاپنى قويدى ،تىكتى ئۇزاققا كۆزى.
    1573 توسالدى ئويى ھىچ ئەقلى يەتمىدى ،
         سوراشقا كىشى ئىستەدى،تاپمىدى.
    1574 شۇئان ئەسلەپ ئايتولدى ئەردەملىرى،
         دىدى:ۋاي ئىسىت ،ئىدى ئەرلەر ئەرى.
    1575 ئىشىك كۆركى ھەم ياخشى ھەمرا ئىدى،
         ئاڭا تەگسە ئىش ،خەلققە پايدا ئىدى.
    1576 قۇرۇق قالدى ئورنى ،يوق بولدى ئەشىم،
         بۇنى تولغۇزۇشقا قېنى بىر كىشىم.
    1577 يانا ئۇ ئوگدۇلمىشنى خاتىرلىدى،
         بۇ ياخشى ئىشنى مەن ئۇنتۇپمەن ،دىدى.
    1578 ئۆلەر چاغدا ئايتولدى ئوغلىن ماڭا -
         تاپشۇرغان ئىدىكىم ،ۇنتۇپمەن ،تاڭا!
    1579 ئاتا ئۆلدى،قويدى تىرىك ئوغلىنى ،
         بىرىنى يۈتتۈردۈم ،تۇتاي بىرىنى.
        *    *     *
    1580 ئەۋەتتى ئوگدۇلمىشكە تېزدىن كىشى،
         چاقىردى ئۆزىگە ،ھەل ئەتتى ئىشى.

    يىگىرمە بەشىنچى باپ
    ئوگدۇلمىشنىڭ كۈنتۇغدى ئېلىگ ھورۇرىغا كىرگەنلىكى بايانىدا
    1581 كېلىپ كىردى ئوگدۇلمىش ئۇدۇل يۈرۈپ،
         ئېلىككە كۆرۈندى سۆيۈنچلىك بولۇپ .
    ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشكە سوالى
    1582 ئېلىگ كۆردى دەرھال قىچقىردى ئۇنى،
         دىدى: نىمە قىلدى زامانە سېنى؟
    1583 نىچۈكرەك كېچەر بۇ كەچۈرگەن كۈنۈڭ ،
         يۈردۈڭمۇ دۇرۇس ياكى ئەگرى يولۇڭ ؟
    1584 زامانە نە  قىلدى ئاتاڭدىن كېيىن ،
        يۈرەمسەن خوشال يا غەمكىن -قايغۇدىن ؟
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    1585 دىدى بۇ ئوگدۇلمىش :ئەي ئېلىگ قۇتى،
         ياشاسۇن ئۇزۇن ھەم يېيىلسۇن ئېتى.
    1586 ئېلىگ ئىشىدىن چەتتە قالدىم بىراق،
         زامان يۈز ئۆرۈپ قاش تۈرگەچ بىراق.
    1587 ئۇزۇن بولدى ئېلىگ يۈزىن كۆرمۈدۈم ،
         ئەلەم -قايغۇ بىرلە يۈرۈپ،كۈلمىدىم.
    1588 قىچقىرغاچ بۇ كۈن خان قىلىپ ياد مېنى ،
         ماڭا باغلىدى بەخت ئۈمىت قۇرىنى.
    1589 ئېلىگ يارلىغىنى ئىشىتكەچ ئۆزۈم،
         كۈنۈم ياخشى بولدى ،يورىدى كۆزۈم.
         *      *       *
    1590 ئېلىگ كۆردى تۈرلۈك ئىلىمدىن سىناپ،
         ئېچىپ تىلنى ئوگدۇلمىش ئېيتتى جاۋاپ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قۇتادغۇبلىك