تەمسىللەر

يوللىغۇچى : Ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-04 18:58:02

كېكەچ بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن .چىغ تۈۋىدە ئېيتقان ناخشا مەرىكىدە قاملاشماپتۇ.ئىت ھۈرەر كارۋان يۈرەر.ئادالەتسىز ئىشتىن بۆشۈكتىكى بوۋاقمۇ قورقىدۇ.كۆڭۈلدە شەك بولمىسا قۇرۇق گەپتىن قورقما....

    كېكەچ بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن .

     چىغ تۈۋىدە ئېيتقان ناخشا مەرىكىدە قاملاشماپتۇ.

    ئىت ھۈرەر   كارۋان يۈرەر.

    ئادالەتسىز ئىشتىن بۆشۈكتىكى بوۋاقمۇ قورقىدۇ.

    كۆڭۈلدە شەك بولمىسا قۇرۇق گەپتىن قورقما.

    كېكەچ بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن   .

    ئىشنى قىلغان كانەيچى   بالاغا قالغان سونەيچى.

    قېتىق ئىچكەن قۇتۇلدى   تاۋاق يالىغان تۇتۇلدى.

    ئوڭدا ياتقان گىردە يەپتۇ   كەتمەن چاپقان جىگدە يەپتۇ.

    يەرسىز ئىدىم يەرلەندىم   توقماق ئېلىپ قىرلاندىم.

    چاشقانغا قىيىن   مۈشۈككە ئويۇن.

     سەۋرىدىن ھالۋا پۈتەر   سەۋرە قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پىشار.

    كۆڭۈلنىڭ تۈۋرۈكى سەۋەب.

    ئات كەينىگە مىنگەشمە   مىنگەشكەندىن كېيىن ۋاي دېمە.

    ئۆزىنى ئايىغان سۇلتان   ئۆزىنى ئايىمىغان ئۇلتان.

    تويغا بارساڭ تويۇپ بار   تېقى - تاۋا كىيىپ بار  .

    ئېلىپتەك ئوتتۇرى بولساڭ ھېچ بالا يوقتۇر ساڭا   لام ئېلىپتەك ئەگرى بولساڭ ھەر بالا باردۇر ساڭا  .

     بالاڭنى ئەدەپكە ئۆگەتمىسەڭ نەسلىڭ قۇرۇر.

    تالادا قاپاق تۈرۈپ ئۆتسەڭمۇ   ئۆيگە كىرگەندە چىراي ئېچىپ كۈت.

    ئاتاڭغا نېمە قىلساڭ بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن.

    كىيىمنى تازىلىقتا ساقلا   ئابروينى ياشلىقتا ساقلا.

    قاغىنىڭ قېرىسىنى بىلگىلى بولماس   ئادەمنىڭ ئالىسىنى بىلگىلى بولماس  .

     ئوغرىلاپ كەلگەن ناغرىنى چالغىلى بولماس  .

      لولى قولدىن ئالىدۇ   ئوغر يولدىن ئالىدۇ  .

     يېرىم باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس   كىيىمى يېلىڭنىڭ قوپقۇسى كەلمەس  .

     نەقتىن ھەسەل چىقار   نېسىدىن كېسەل چىقار  .

      دەرد كەلسە جۈپ   دۆلەت كەلسە تاق  .

     ساغرو ئاڭلىغىنىنى قويماس   قارىغۇ كۆرگىنىنى قويماس .  

     ئۆچكىنى ئۆز ئايىغى بىلەن ئاسار  .

     ئاڭلىغان قۇلاقتا گۇناھ يوق  .

     ئوت بىلەن سۇ ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ .

      يىلان چاقسا يولۋاسمۇ چىرقىرايدۇ  .

     سۇ ئاققان ئېرىقتا سۇ ئاقماي قالماس  .

     ئۆينىڭ بېشى بولمىسا ئۆچكىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان .

     شەھەرنى سۇ ئالسا ئۆردەككە تۆش يوق   .

     قۇرۇققا قۇرۇق يۇقماپتۇ   پۈرۈككە ئوسۇرۇق ياقماپتۇ  .

    بىلىپ ئىش قىلغاننىڭ بېلى ئۇشالماس 

     چىلىمىڭغا بېقىپ تاماكا سال   ئەقلىڭگە بېقىپ پاراڭسال

      ئىشتانسىزغا ئاغ زايا   ئەقىلسىزگە جان زايا.

      بىلگەنگە بىر سوراق   بىلمىگەنگە مىڭ سوراق.

    ئوقۇغان ئۇچار   ئوقۇمىغان توزار .

      شۆھرەت ئىزدىگىچە بىلىم ئىزدە .

     ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىدىن ئۇلۇغ .

     ئوقۇش جاپالىق   كەينى ۋاپالىق  .

      تىلىدىن كەلگەن قولىدىن كەلسە ھەركىم پادىشاھ بولۇر. 

     بىر كىتاب ئوقۇساڭ بىر ئەقىل قوشۇلار  .

     بىلمىگەننى سوراپ ئۆگەنگەن ئالىم   ئارلىنىپ سورىمىغان ئۆزىگە زالىم .

     بىلىمسىز ئادەم يوپۇرماقسىز دەرەخ  .

    ئاچنىڭ كۆزى ناندا   توقنىڭ كۆزى ھېكمەتتە 

      پاكىت ئالدىدا پىل ئوسۇرۇپتۇ 

      بىلگەن بىلگەننى ئىشلەر   بىلمىگەن بارمىقىنى چىشلەر .  

     دەردىڭ بېگىمگە يەتكىچە بېلىڭ سۇنۇپتۇ   .

     ئېيتسام تىلىم كۆيەر   ئېيتمىسام دىلىم كۆيەر  .

     گەپ قىلسا گەپ بوپتۇ   گەپ قىلمىسا دەرد بوپتۇ  .

     ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ 

     بۈركۈتنىڭ چاڭگىلى بولسا   تۈلكىنىڭ باردۇر خۇداسى .  

     قازاننىڭ گۇۋاھچىسى چۆمۈچ .

     كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولماس .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ماقال - تەمسىللەر