چىن مودەن رىۋايىتى ھەققىدە

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-30 03:15:27

چىن مودەن ئۇيغۇر قىزى «چىن مودەن» ھەققىدە   تەخمىنەن مىلادى 1907-يىللىرى ، مەنچىڭ خاندانلىقى غەربى دىياردىكى يەرلىك ۋاڭلارنى چارلاپ كېلىشكە بىر باش مۇپەتتىش بېگى ئەۋەتىدۇ. ( بۇ ئەمەل ئەينى زام...

    چىن مودەن

     

    ئۇيغۇر قىزى «چىن مودەن» ھەققىدە

      تەخمىنەن مىلادى 1907-يىللىرى ، مەنچىڭ خاندانلىقى غەربى دىياردىكى يەرلىك ۋاڭلارنى چارلاپ كېلىشكە بىر باش مۇپەتتىش بېگى ئەۋەتىدۇ. ( بۇ ئەمەل ئەينى زاماندا «چىڭ چەي دارىن» دەپ ئاتىلاتتى ) ۋە قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇتنىڭ داغدۇغىلىق كۈتۈۋىلىشىغا ئېرىشىدۇ.
    يالاقچى شا مەخسۇت بۇ ئەمەلدارنى ئوردىدا بىرنەچچە كۈن مېھمان قىلىپ ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىدۇ … بۇ توڭگۇز ئەمەلدار ئوردىدا ئويناپ زېرىكىپ ، شا مەخسۇتقا يېزىغا بېرىش ئارزۇسىنى ئېيتىدۇ …
    شا مەخسۇت ئۇنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ باغداشتىكى يېزىلىق ئوردىسىغا ئېلىپ چىقىدۇ ھەمدە چىقىشتىن بۇرۇن شۇ يەردىكى 15ياشتىن 25ياشقىچە بولغان ياش قىزلارنى تۇتقۇن قىلىشقا ھەم ئوردىغا ئەكىلىشكە مەخپى بۇيرۇق بېرىدۇ…
    يالاقچى چىرىكلەر بىردەمدىلا شۇ يەردىكى قىز ، چوكان ، ئىشقىلىپ ياش ئايال ئەۋلادىنىڭ ھەممىنى تۇتۇپ ئوردا بېغىغا سولاپ قويىدۇ.
    شا مەخسۇتنىڭ باغداشتىكى مىراقۇلى (يىلقىچىسى) تۆمۈر بوسۇقنىڭ ئەمدىلا 15كە كىرگەن گۈزەل ئەخلاقلىق قىزى گۈلئايلا مۇشۇ قاتاردا تۇتقۇن قىلىنىدۇ ، ھەرقانچە قارشلىق قىلسىمۇ بىچارە ئاجىز قىز ئۇلارنىڭ رەھىمسىز قامچىسىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ …ھەمدە باشقىلارنىڭ ئۇ يەرگە ئاپىرىلىپ ئۆزلىرىمىزنىڭ ئۇسۇلىنى ئويناپ بولۇپلا قايتىپ كېلىدىكەنمىز …دېگەندەك گەپلىرى بىلەن مەجبۇرەن ئۇ يەرگە ئاپىرىلىدۇ…
    گۈلئايلا ئەشۇ يۇرتتا يۇرت ئەركىسى بولۇپ ، گۈزەل ،ئەخلاقلىق ، باتۇر بولغاچقا خەلقنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن ساھىپجامال قىز ئىدى .
    ئىپلاس شا مەخسۇت ھېلىقى توڭگۇزنى باشلاپ چىقىپ شەرىپىگە داغدۇغىلىق زىياپەتلەرنى بېرىدۇ ….زىياپەت خىراجەتلىرىنى يەرلىك خەلقتىن تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاستىرىتتىن ئادەم ئەۋەتىدۇ…
    داغدۇغىلىق زىياپەت داۋامىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنى قامچىلاپ مەجبۇرى ئۇسۇلغا چۈشۈرىدۇ…بۇلارنىڭ ئارىسىدا گۈزەل قىز گۈلئايلانىمۇ بوش قويمايدۇ…بىچارە قىزنىڭ كۆز يېشى ۋە ئاھۇ زارىغا پەقەت رەھىمسىز قامچىلار بىلەن جاۋاپ قىلغان مۇناپىق جاللاتلار ئۇنى مەجبۇرى ئۇسۇلغا سالىدۇ.
    خۇددى بۇلۇتلار ئارىسىدا مۇڭلىنىپ يۈرگەن ھىلال ئايدەك ، غەمكىن چىراي بۇ قىزنىڭ گۈزەل ھۆسنى مەيداندىكى ھەرقانداق كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ.
    ئۇنىڭ ھۆسنىدىن ئۆزىنى يوقاتقان ھېلىقى ئەمەلدار : «پاھ، پاھ…شا دارىن …قۇمۇل دىيارىدا جەننەت پەرىلىرى باركەن ئەمەسمۇ…پاھ ، بۇقىز …مودەنگۈلنىڭ ئۆزىكەن …مودەن…مودەن…» دەپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ۋالاقشىپ كېتىدۇ…
    شا مەخسۇت تەرجىمانى ئارقىلىق ئۇ ئەمەلدارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن بۇ قىزغا كۆڭلى بولسا ئېلىپ كېتەمدىكىن…؟…دەپ سورايدۇ.
    ئاللا بىچارە قىزنىڭ تەلىيىگە ، ئۇ مۇناپىق ئەمەلدار ھۆكۈمەت ئىشىنى مۇھىم بىلىپ : ھازىرچە تۇرۇپ تۇرسۇن ، سەل چوڭ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ كېتەي ….دېگەندەك مەنىلەردە بىر گەپلەرنى دېيىشىدۇ.
    شۇندىن ئېتىبارەن گۈلئايلانىڭ ئىسمى قۇمۇل دىيارىدا چىن مودەن دەپ ئاتىلىدۇ.
    شا مەخسۇت باغداشتىن قايتار چاغدا ،ئوردا بېگى يولۋاسقا : چىن مودەننى تۇتۇپ ئوردىغا ئاپىرىشنى ، ئۇنى مۇپەتتىش بېگىگە سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
    بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە پۈتكۈل ئەلگە تارقىلىدۇ.
    گۈلئايلا بىلەن كىچىكىدىن بىللە چوڭ بولغان پادىچى يىگىت ئاق تۇرسۇننىڭ قەلبى ئاللىبۇرۇن چىن مۇھەببەت بىلەن گۈلئايلاغا باغلانغان ئىدى. ئۇلار بەختلىك كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان پەيتلەردە ئاڭلىغان بۇ شۇم خەۋەر ياش ئاق تۇرسۇنغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ.
    خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ، ئوردا نەۋكەرلىرى چىن مودەننى ئوردىغا ئېلىپ ماڭىدۇ.
    ئۇيغۇر قېنى سىڭگەن ياش، قارام يىگىت ئاق تۇرسۇن بىرنەچچە دوستلىرى بىلەن باغداش داۋانىدا بىچارە قىزنى قۇتقۇزۇشقا ھەركەت قىلىدۇ.
    ئوتتۇرىدا قاتتىق ئېلىشىش بولىدۇ ، ئارلىقتا چىن مودەنگە ئوقيا تېگىپ قانغا مىلىنىدۇ . ئاق تۇرسۇننىڭ قەلبى ئۆرتىنىپ ئۇ قىزنى قۇچىغىغا ئېلىپ تۇرىشىغا ، پۇرسەتپەرەس نامەرت چېرىكلەر ئۇنى ئارقا تەرەپتىن تۇتىۋىلىپ باغلىۋالىدۇ…
    شا مەخسۇت بۇلارنى ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈپ سازايى قىلىدۇ ھەمدە جەمەت ۋە دوستلىرىنىمۇ نومغا سۈرگۈن قىلىدۇ.
    شۇ ۋەقەدىن كېيىن ، خەلق ئارىسىدا چىن مودەننى ئەسلەپ نۇرغۇن قوشاقلار پەيدا بولىدۇ ، خەلق شا مەخسۇتقا بولغان نەپرىتىنى مۇشۇ قوشاقلار ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.
    گۈلئايلا 15 ياشتا
    چىن مودەن دەپ ئاتالغان .
    شامەخسۇتنىڭ قولىدا ،
    قىزىل قانغا بويالغان.
    بۇيىل باغداش بېغىدا ،
    ئۈششۈك تەگدى غورىغا .
    جاللاتلار ئېلىپ ماڭدى،
    چىن مودەننى ئوردىغا.
    چىن مودەننىڭ يۈرۈشى،
    جەرەندەك چاققان .
    شا مەخسۇت يىلان بولۇپ،
    بىچارىنى چاققان.
    يۇقارقىلارنى ئوقۇغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى تىترىمەي ، گۈلئايلا ۋە ئاق تۇرسۇن ۋەكىللىكىدىكى ئەينى دەۋىردىكى سان ساناقسىز بەختسىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلماي تۇرالمايدۇ.
    شۇنداق ، مۇشۇلار بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ئىدى…قورقماس ،تىز پۈكمەس ،سەمىمى ،ھايالىق يىگىت قىزلىرىمىز ئىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر چىن مودەن