ئۈچىنچى ھىكايە: بالاغەتنىڭ بايانى

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-02 16:57:00

ئۈچىنچى ھىكايە: بالاغەتنىڭ بايانى. موللا مۇھەممەد قەشقىرى مۇنداق دىگەن ئىكەن، «ساخاۋەت خالايىققا مەنپەئەت يەتكۈزمەك، ئېھسان ياخشىلىق قىلماقتىن ئىبارەتتۇر. ساخاۋەت ياخشى نام قالدۇرماقنىڭ ۋاست...

     ئۈچىنچى ھىكايە: بالاغەتنىڭ بايانى.

      موللا مۇھەممەد قەشقىرى مۇنداق دىگەن ئىكەن، «ساخاۋەت خالايىققا مەنپەئەت يەتكۈزمەك، ئېھسان ياخشىلىق قىلماقتىن ئىبارەتتۇر. ساخاۋەت ياخشى نام قالدۇرماقنىڭ ۋاستىسى، ئىنسان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋەبچىسىدۇر. ھىچقانداق سۈپەت ئىنسانغا ساخاۋەتتىن ياخشى ۋە كاتتا ئەمەستۇر».

       دۇنيادا بىر خىسلەت باركى بارچە ئەيىپنى ياپقۇچىدۇر ئۇ بولسىمۇ ساخاۋەتتۇر. دۇنيادا بىر يامانلىق باركى بارچە خىسلەتنى ياپقۇچىدۇر. ئۇ بولسىمۇ ئۆزىدىن باشقىنى ئويلىماسلىقتۇر. شۇڭا ھەدىستە كېلىپتۇركى« سېخىلىق مۇسۇلماننىڭ 72 خىل ئەيىپىنى ياپقۇچىدۇر، بېخىللىق مۇسۇلماننىڭ ھەممە ئىبادىتىنى يىگۈچىدۇر». كىشىلەر سوراشتى:  سېخىلىقنىڭ ياخشىسى نىمە؟ جاۋاپ شۇكى: سېخىلىقنىڭ ئەڭ ياخشىسى كىشىدىن ياخشى سۆز، نەسىھەت ۋە خۇش مۇئامىلىنى ئايىماسلىقتۇر.    بېخىللىقنىڭ ئەڭ يامىنى قايسى؟  ھەقنى كۆرۈپ سۆزلىمەسلىك، ياماندىن توسماسلىق، بىر ئېغىز ياخشى سۆز ھەتتا خۇشخۇيلۇققىمۇ بېخىللىىق قىلىپ كىشىگە بەرمەسلىكتۇر.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق