ئوغۇزنامە

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-31 04:11:00

ئوغۇزنامە ئوغۇزنامە ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇرلۇق قىسسىسىگە تەۋە مۇھىم مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ بىرسى. ئۇيغۇر بەدىئى ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان ئۇلگە. ئوغۇزنامە ئۇيغۇرخەلىقى ۋە تۈركى خەلقلەر ئارسىدا كەڭ...

    ئوغۇزنامە

       ئوغۇزنامە ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇرلۇق قىسسىسىگە تەۋە مۇھىم مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ بىرسى. ئۇيغۇر بەدىئى ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان ئۇلگە. ئوغۇزنامە ئۇيغۇرخەلىقى ۋە تۈركى خەلقلەر ئارسىدا كەڭ تارقالغان،  ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەھرىمانلىق ھەققىدىكى ئېپىكداستان. ئوغۇزنامە داستاننىڭ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن قول يازمىسى13-ئەسرنىڭ ئاخىرىدا تۇرپاندا كۆچۈرۈلگەن قول يازمىسى بۇلۇپ، بۇنۇسخا پارىژ مىللى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. بۇ نۇسخاجەمىى42بەت، ھەر بېتىدە 9قۇردىن جەمى 378قۇرخەت  بار، ئاخىرقى ئىككى قۇر ئۆچۈپ كەتكەن. ئەسەردە، ئوغۇزخان ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى بەگلەر تەسۋىرلىنىدۇ، ئەسەر شېئىر ئارىلاش نەسىر  شەكىلدە يېزىلغان،  ئەسەردە قەدىمى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ئۆرپ ئادىتى تارىخىئەدەبىيات تارىخى، تىل- يېزىقى ، قاتارلىق مەزمۇنلار تەسۋىرلىنىدۇ...ئەسەرئۇچ قىسىمغا بۇلۇنۇپ سوزلىنىدىغان بۇلۇپ بىرنجىقىسمىدا ئوغۇزخاننىڭ تۇغۇلىشى ،،،ئىكىنجى قىسمىدا،ئوغۇزخاننىڭ ئۇرۇش تارىخى ، ئۈچېنجې بۆلۈمىدە ئۇنىڭ ئوز زىمىنىى باللىرىغا بۆلۈپ بەرگەنلىكى سۆزلىنىدۇ.

     تۆۋەندىكىسى «ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ 1980-يىللىق «بۇلاق» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان، تۇرغۇن ئالماسنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئەسلى  تەرجىمە قىلغان  تەرجىمىسى

    ------------------------------------

    1

    ….ئاشۇنداق بولسۇن دىيىشتى. ئۇنىڭ تۇرقى مانا مۇنداق: ( بۇقىنىڭ رەسىمى سىزىلغان)، شۇندىن كېيىن شادلىققا مۇيەسسەر بولدى. بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۈزى يۇرىدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. ئوغۇلنىڭ يۈز- چىرايى كۆك ئېدى. ئاغزى چوغدەك قىزىل، كۆزلىرى ھال، چاچلىرى، قاشلىرى قارا ئېدى. ئۇ ھۆر پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئېدى. ئۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئوغۇزىنى بىر قېتىم ئىمىپلا ئىككىنچىلەپ ئانىسىنى ئەممىدى.

    2

     خام گۆش، ئاش، مەي سورىدى، تىلى چىقىشقا باشلىدى.
        قىرىق كۈندىن كېيىن چوڭ بولدى، ماڭدى، ئوينىدى. ئۇنىڭ ئايىغى ئۆكۈزنىڭ ئايىغىدەك ، بېلى بۆرە بېلىدەك ، مۆرىسى قارا بۇلغۇن مۈرىسىدەك ، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك، پۈتۈن بەدىنىنى تۈك باسقان ئېدى. ئۇ يىلقىلارغا قارايتى، ئاتلارنى مىنەتتى، ئوۋ- ئوۋلايتى.
        كۈنلەر ئۈتۈپ، تۈنلەر ئۈتۈپ ئۇ يىگىت بولدى.

    3

    بۇ چاغدا ، بۇ يەردە، بىر چوڭ ئورمان بار ئېدى. ئۇنىڭدا كۆپ دەريا – ئېقىنلار بار ئېدى. ئۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار كۆپ ئېدى، قۇشلار ئۇچۇپ يۇرۇيتى. بۇ ئورمان ئىچىدە چوڭ بىر قىئات بار ئېدى. ئۇ مال – چارۋا ۋە خەلقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئىنتايىن ۋەھشى بىر ھايۋان ئېدى. ئۇ ئەل جامائەتكە زور جەۋرى جاپا كەلتۈرگەن ئېدى. ئوغۇز خاقان  باتۇر قورقماس كىشى ئېدى. ئۇ بۇ قىئاتنى ئوۋلىماقچى بولدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئوۋغا چىقتى.

    4

     يا، ئوق  يەنە قېلىچ ۋە قالقان ئېلىپ ئاتلاندى. بىر بۇغا ئوۋلىدى، ئۇ بۇ بۇغىنى تالنىڭ چىۋىقى بىلەن دەرەخكە باغلاپ قۇيۇپ كەتتى، ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا كەلگىنىدە كۆردىكى قىئات بۇغىنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇ يەنە بىر ئېيىق ئوۋلاپ ، ئۇنى ئالتۇن بەلۋېغى بىلەن دەرەخكە باغلاپ قۇيۇپ كەتتى. ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا كەلگىنىدە كۆردىكى قىئات ئېيىقنى ئېلىپ كېتىپتۇ.

    5

    ئۇ ( ھېلىقى ) دەرەخنىڭ تۈۋىدە تۇرغاندا قىئات كېلىپ بېشىنى ئوغۇزنىڭ قالقىنىغا ئۇردى. ئوغۇز نەيزىسىنى قىئاتنىڭ بېشىغا ئۇردى. ئۇنى ئۆلتۈردى. قېلىچ بىلەن بېشىنى كەستى. ئۇنى ئېلىپ كەتتى.ئۇ يەنە كەلگەندە كۆردىكى بىر شۇڭقار قىئاتنىڭ ئىچ – قارنىنى يەپ تۇرغان، ئۇ شۇڭقارنى ئوقيا بىلەن ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ بېشىنى كەستى، ئاندىن كىيىن ئۇ ئېيتتىكى :” قاراڭ، مانا بۇ شۇڭقارنىڭ تۇرقى( شۇڭقارنىڭ رەسىمى سىزىلغان)، قىئات بۇغىنى يېدى، ئېيىقنى يېدى،

     6

    نەيزەم ئۇنى ئۆلتۈردى، چۈنكى ئۇ  تۈمۈردۇر. شۇڭقار قىئاتنى يېدى، ئۇ گەرچە شامالدەك تېز بولسىمۇ، ئوقيايىم ئاخىرى ئۇنى ئۆلتۈردى” سۆزلەپ بۇلۇپ كېتىپ قالدى، مانا بۇ قىئاتنىڭ تۇرقى ( قىئاتنىڭ رەسىمى سىزىلغان).
     
    كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇز خاقان بىر يەردە تەڭرىگە سېغىنىۋاتقاندا ( ئەتىراپ) قاراڭغۇلىشىپ، ئاسماندىن بىر كۆك يۇرۇق چۈشتى، ئۇ كۈندىنمۇ نۇرلۇقراق، ئايدىنمۇ يۇرۇقراق ئېدى. ئوغۇز خاقان ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ كۆردىكى

    7

     ئۇ يۇرۇقنىڭ ئىچىدە بىر قىز تەنھا ئولتۇرغان . ئۇ ساھىپجامال بىر قىز ئېدى. ئۇنىڭ پىشانىسىدە چوغدەك پارقىراق ،مېڭى بولۇپ خۇددى، تۈمۈر قۇزۇققا ئوخشايتى. ئۇ قىز شۇنداق گۈزەل ئېدىكى ، ئۇ كۈلسە تەڭرىمۇ كۈلەر ئېدى، يىغلىسا تەڭرىمۇ يىغلار ئېدى. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگىنىدە پۈتۈن بەدىنىنى تىتىرەك بېسىپ ھۇشىدىن كەتتى، ئۇنىڭغا كۈيۈپ قالدى، ئۇنى ئالدى،

    8

     ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتتى، تىلىكىگە يەتتى. ئۇ قىز ئىككى قات بولدى، كۈنلەر ئۆتۈپ ، تۈنلەر ئۆتۈپ ئۇنىڭ كۆزى يۇرىدى ، ئۈچ ئوغۇل تۇغدى. تۇنجىسىغا كۈن دەپ، ئوتتۇرانچىسىغا ئاي دەپ، كەنجىسىگە يۇلتۇز دەپ ئات قويدى.
     
    بىر كۈنى ئوغۇز خاقان ئوۋغا چىقتى، ئالدىدىكى كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخنى كۆردى بۇ دەرەخنىڭ كاۋىكىدا بىر قىز بار ئىدى.

    9

    ئۇ يالغۇز ئولتۇراتتى، ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ ئۇنىڭ كۆزى ئاسماندىنمۇ كۆكرەك، چېچى سۇ ئېقىنىدەك ، چىشى ئۈنچىدەك ئېدى. ئۇ شۇنداق ساھىبجامال قىز ئېدىكى يەر جاھاندىكى كىشىلەر ئۇنى كۆرسە” ئاھ، ئاھ،جاننى ئالىدىكەن” دەرلەر ئېدى. سۈتمۇ قىمىزغا ئايلىناتتى. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگىنىدە ھۇشىدىن كەتتى. يۈرىكىگە ئوت چۈشتى.

    10

     ئۇنىڭغا ئاشىق بولدى، ئۇنى ئالدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى، تىلىكىگە يەتتى. ئۇ قىز ئىككى قات بولدى، كۈنلەر ئۆتۈپ، تۈنلەر ئۆتۈپ يەڭگىدى. ئۈچ ئوغۇل تۇغىدى. تۇنجىسىغا كۆك، ئوتتۇرانچىسىغا تاغ، كەنجىسىگە دېڭىز دەپ ئات قويدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئوغۇز خاقان چوڭ توي بەردى. ئەل جامائەتكا يارلىق چىقىرىپ كېڭەشتى.

    11

     كىشىلەر مەسلىھەت بويىچە كېلىپ قاتناشتى. قىرىق شىرە ، قىرىق ئورۇندۇق ياساتتى، كۆپچىلىك تۈرلۈك تاماقلار، نازۇ- نېمەتلەرنى يىيىشتى، تۈرلۈك شاراپلار قىمىزلار ئىچىشتى. تويدىن كىيىن ئوغۇز خاقان بەگلەرگە ۋە ئەل- جامائەتكە يارلىق چۈشۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
     
    مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان
    ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان
    تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان
    كۆك بۆرى بولسۇن ھەم ئوران

    12


    تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان
    ئوۋلۇقتا يۈرسۇن مال – ۋاران
    ھەم ئاقسۇن دەريا – ئېقىن
    قۇياش تۇغ بولسۇن، ئاسمان قورغان
     
    ئۇنىڭدىن كېيىن ، ئوغۇز خاقان تەرەپ – تەرەپكە يارلىق چىقاردى. مەكتۇپ يېزىپ ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. مەكتۈپتە مۇنداق دېدى:  مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن. مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولۇشىم كېرەك، شۇڭا سىلەرنىڭ ماڭا بوي سۇنۇشىڭلارنى سورايمەن،

    13

    كىمكى مېنىڭ ئاغزىمغا باقسا، مەن ئۇنىڭغا تارتۇق تارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولىمەن. كىمكى ئاغزىمغا باقمىسا ، غەزەپ بىلەن لەشكەر تارتىپ ئۇنى ئۆزۈمگە دۈشمەن تۇتىمەن.باستۇرۇپ بېرىپ يوق قىلىمەن .
     
    بۇ چاغدا ، ئوڭ تەرەپتە ئالتۇن خاقان دەيدىغان بىر خاقان بار ئېدى.

     

    14

    بۇ ئالتۇن خاقان ئوغۇز خاقانغا ئەلچى ئەۋەتىپ نۇرغۇن ئالتۇن – كۆمۈش، نۇرغۇن ياقۇت، ئۈنچە- مەرۋايىتنى سوۋغا قىلىپ، ئوغۇز خاقانغا بېقىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوغۇز خاقان ئۇنىڭ ياخشى بەگلىرى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئالتۇن خاقان بىلەن دوست بولدى.
     
    سول تەرەپتە، ئۇرۇم ( رىم) دېگەن بىر خاقان بار ئېدى. ئۇ خاقاننىڭ ئەسكەرلىرى ۋە شەھەرلىرى نۇرغۇن ئېدى.

    15

    ئۇ ئۇرۇم خاقان ئوغۇزخاقاننىڭ يارلىقىنى قۇبۇل قىلمىدى. ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئالدىغا بارمىدى” بۇ سۆزلەرگە پىسەنىت قىلمايمەن” دەپ يارلىققا بوي سۇنمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇز خاقاننىڭ غەزىپى كېلىپ ، ئۇنىڭغا ئەسكەر چىقىرىشقا تەييارلارندى. شۇنىڭ بىلەن تۇغنى كۆتۈرۈپ ئەسكەرلىرنى باشلاپ ئاتلاندى. قىرىق كۈندىن كىيىن مۇزتاغ دېگەن تاغنىڭ باغرىغا يىتىپ كەلدى.

    16

    چىدىر تىكىپ، شۈك بولۇپ ئۇخلاشتى. تاڭ سۈزۈلگەندە، ئوغۇز خاقاننىڭ چىدىرىغا كۈندەك بىر بىر يۇرۇق چۈشتى، بۇ يۇرۇق ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە چىقتى، بۇ بۆرە ئوغۇز خاقانغا مۇنداق دېدى: ” ھەي ئوغۇز، سەن ئۇرۇمغا  ئاتلانماق بولۇۋاتامسەن.

    17

    ھەي ھەي ئوغۇز مەن ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭىمەن” شۇندىن كىيىن ئوغۇز خاقان چىدىرلىرنى يىغىپ ئاتلاندى، قارىسا لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىدا كۆك تۈكلۈك ، كۆك يايىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە يول باشلاپ مېڭىۋاتقان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆرىنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ ئىلگىرلىدى.


     18


    بىرنەچچە كۈندىن كىين كۆك تۈكلۈك ، كۆك يايىلىق يوغان ئەركەك بۆرە يولدىن توختىدى. ئوغۇزنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن بىرگە توختىدى. ئۇ يەردە ئېتىل دېگەن بىر دەريا بارئېدى. ئېتىل دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى قارا تاغ باغرىدا قاتتىق ئۇرۇش بولدى،ئوق ۋە نەيزە بىلەن ئۇرۇشتى، قىلىچۋازلىق قىلىشتى ئىككى قۇشۇن ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ جىددى ئۇرۇش بولدى.

    19

    ئۇرۇش كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە كۆپ قايغۇ سالدى، ئۇرۇش شۇنداق قاتتىق بولدىكى ئېتىل دەرياسىنىڭ سۈيى قىپقىزىل سىرغا ئايلاندى. ئۇغۇز خاقان يەڭدى. ئۇرۇم خاقان قاچتى. ئوغۇز خاقان ئۇرۇم خاقاننىڭ خاقانلىقىنى ئالدى، ئەل جامەئەتنى ئۆزىگە قاراتتى، نۇرغۇنلىغان جانسىز ۋە جانلىق غەنىمەتلەر ئوغۇز خاقاننىڭ ئوردىسىغا كىردى.

    20

    ئۇرۇم خاقاننىڭ بىر قېرىندىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇرۇس بەگ ئېدى. ئۇرۇس بەگ ئوغلىنى تاغ بېشىغا جايلاشقان ، ئەتىراپى چوڭقۇر خەندەك بىلەن ئورالغان شەھەرنى قوغداشقا ئەۋەتتى. ھەمدە ئوغلىغا ” شەھەرنى قوغدىشىڭ كېرەك، ئۇرۇش باشلانغاندىن كىيىنمۇ شەھەرنى قوغداپ قېلىشىڭ كېرەك” دېدى. ئوغۇز خاقان ئاشۇ شەھەرگە ئاتلاندى،

    21

    ئۇرۇس بەگنىڭ ئوغلى ئوغۇز خاقانغا نۇرغۇن ئالتۇن – كۈمۈش ئەكەلدى. ھەمدە :” خ، سەن مېنىڭ خاقانىمسەن! ئاتام بۇ شەھەرنى ماڭا بەرگەن ، ھەمدە شەھەرنى قوغدىشىڭ كېرەك، ئۇرۇش باشلانغاندىن كىينمۇ شەھەرنى قوغداپ قېلىشىڭ كېرەك دېگەن. ئەگەر ئاتام خاپا بولۇپ قالسا، مېنىڭ ئىرادەم بولاتتىمۇ؟ سېنى ھاكىمىيەت ، بايلىق، دانالىق دەپ بىلىمەن.

    22

     بىزنىڭ بەختىمىز سېنىڭ بەختىڭ، بىزنىڭ ئۇرۇغىمىز سېنىڭ دەرىخىڭنىڭ ئۇرۇقىدۇر، تەڭرى ساڭا پۈتۈن زىمىننى ئاتا قىلغان ئىكەن، مەن ساڭا بېشىمنى، بەختىمنى بېرىمەن. مەن ساڭا تارتۇق تارتىپ تۇرۇپ، دوستلۇقتىن چىقمايمەن ” دېدى. ئوغۇز خاقانغا يىگىتنىڭ سۆزى ياقتى شاتلىنىپ كۈلدى.

    23

    ھەمدە :” ماڭا كۆپ ئالتۇن تەغدىم قىلىپسەن، شەھەرنى ياخشى ساقلاپسەن “دېدى. شۇڭا ئۇنىڭغا «ساقلاپ» دەپ ئات قويدى. ئۇنىڭغا دوستلىق قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئوغۇز خاقان لەشكەرلىرى بىلەن بىللە ئېتىل دەرياسىغا كەلدى. ئېتىل دەرياسى چوڭ بىر دەريا ئېدى، ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرۈپ ئېيتتىكى: ” ئېتىلنىڭ سۈيىدىن قانداق ئۆتەرمىز؟ ” لەشكەرلەر ئىچىدە ئولۇغ ئوردابەگ دېگەن ياخشى بىر بەگ بار ئېدى.

    24

      ئۇ قابىلىيەتلىك ھەم ئەقىللىق ئادەم ئېدى. بەگ دەريا بويىدا نۇرغۇن تال – ياغاچلارنىڭ تۇرغانلىقى كۆردى، ئۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بەگ …..ئاشۇ ياغاچلار …كەستى، ئۇنىڭ سۇنىڭ ئۈستىدە لەيلىتىپ ، ئۆزلىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئېتىل دەرياسىدىن ئۆتتى. ئوغۇز خاقان شاتلىنىپ كۈلدى. ئېيتتىكى:” ھەي، سەن بۇ يەرگە بولغىن بەگ ، قىپچاق ساڭا ئات بولسۇن” . ئۇلار داۋاملىق ئىلگىرلەپ ماڭدى.

    25

    شۇنىڭدىن كىيىن ئوغۇز خاقان يەنە ھېلىقى كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرىنى كۆردى. بۇ كۆك بۆرە ئوغۇز خاقانغا ئېيتتىكى :«ئوغۇز ، ئەمدى لەشكەرلىرىڭنى باشلاپ بۇ يەردىن قوزغال. سەن ئەل جامائەت ۋە بەگلەرنى باشلاپ ماڭ. مەن ساڭا يول باشلاپ ماڭىمەن» . تاڭ ئاتقاندا ئوغۇز خاقان ئەركەك بۆرىنىڭ لەشكەرلىرى ئالدىدا يول باشلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ شاتلاندى. ھەمدە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ماڭدى.


     26


    ئوغۇز خاقان بىر چىپار ئايغىر ئاتقا مىنەتتى . ئۇ بۇ ئايغىرنى ئىنتايىن ياخشى كۈرەتتى. يولدا بۇ ئايغىر كۆزدىن يۈتتى. بۇ يەردە ئېگىز بىر تاغ بار ئېدى. ئۇنىڭ ئۈستىدە قار-مۇزلار بار ئېدى. ئۇنىڭ چوققىسىدا ئاپئاق قارلار بار ئېدى. شۇڭا بۇ تاغ مۇزتاغ دەپ ئاتىلاتتى. ئوغۇر خاقاننىڭ ئېتى مۇز تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇز خان ئۇزۇنغىچە ئازاب چەكتى.

    27

    لەشكەر ئىچىدە باتۇر  بىر بەگ بار ئېدى. ئۇ ھىچنىمىدىن قورقماس باتۇر ئادەم ئېدى. جەڭلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەرگەن ئادەم ئېدى. شۇ بەگ ئاتنى ئىزدىگىلى تاغقا كىردى. توققۇز كۈندىن كېيىن ، ئوغۇز خاقانغا ئايغىرنى ھازىر قىلدى. مۇزتاغ ئىنتايىن سوغوق بولغاچقا، بۇ بەگنى ئاپئاق قار – مۇز قاپلىغان ئېدى.

    28

    ئوغۇز خاقان خۇرسەن بولۇپ كۈلدى، ئېيتتىكى : « ھەي، سەن بەگلەرگە بولغىن باشلىق، مەڭگۈلۈك ئىسىم بولسۇن ساڭا قارلۇق» ھەمدە ئۇنىڭغا نۇرغۇن دۇنيا تەقدىم قىلدى. يەنە داۋاملىق ئىلگىرلىدى.
     
    بۇ يولدا ئېگىز بىر ئۆينى كۆردى. بۇ ئۆينىڭ تېمى ئالتۇندىن، تۇڭلۇگى كۈمۈشتىن، ئىشىگى تۈمۈردىن ياسالغان ئېدى. ئىشىگى قۇلۇپلانغان بولۇپ، ئاچقۇچى يوق ئېدى. لەشكەر ئىچىدە بىر چىۋەر ئۇستام بار ئېدى.

    29

    ئۇنىڭ ئىسمى تۆمۈردۇ قاغول ئېدى. ئوغۇز ئۇنىڭغا :” سەن بۇ يەردە قال، ئىشىكنى ئاچ، ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن ئوردىغا قايتىپ بار” دەپ يارلىق چۈشۈردى ھەمدە ئۇنىڭغا قالاچ دەپ ئات قويدى. يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. بىر كۈنى كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرە يولدىن توختىدى. ئوغۇز خاقانمۇ يولدىن توختاپ ، چىدىرلىرىنى تىكتى. بۇ تېرىلمىغان تۈزلەڭلىك بىر يەر بولۇپ، جۇرچىت دەپ ئاتىلاتتى.

    30

    ئۇنىڭ ئەل جامائىتى كۆپ ، يەرلىرى كەڭ ئېدى. بۇ يەردە يىلقىلار ، پادا- كالىلار، ئالتۇن -كۈمۈش، ئۈنچە مەرۋايىتلار كۆپ ئېدى. جۇرچىت خاقان ۋە ئەل – جامائىتى ئوغۇز خاقانغا قارشىلىق بىلدۈردى. ئۇرۇش باشلاندى. ئىككى تەرەپ ئوق چىقىرىپ ، قېلىچ ئۇرۇشۇپ جەڭ قىلدى. ئوغۇز خاقان چورچىت خاقاننى يەڭدى. ئۇنىڭ بېشىنى ئېلىپ ئۆلتۈردى. جۇرجىتنىڭ ئەل – جامائىتىنى ئۆز ئاغزىغا قاراتتى.

    31

    ئۇرۇشتىن كېيىن، ئوغۇز خاقان لەشكەرلىرىگە ، نۆۋكەرلىرىگە ۋە خەلققە كۆپ غەنىمەتلەر چۈشتىكى، ئۇنى توشۇشقا شۇنچىلا ئات، خېچىر ، كالىلار ئازلىق قىلدى. ئوغۇز خاقاننىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدە ياشانغان بىر چىۋەر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى بارماقلىق يوسۇن بىللىگ ئېدى. بۇ چىۋەر ئادەم بىر ئېگىز ھارۋا ياسىدى. ھارۋا ئۈستىگە جانسىز غەنىمەتلەرنى قاچىلىدى. ھارۋىنىڭ ئالدىغا جانلىق غەنىمەتلەرنى قوشتى. ئۇلارغا ھارۋىنى تارتقۇزدى.

    32

    نەۋكەرلەر ، كىشىلەر بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولدى. ئۇلارمۇ ھارۋا ياسىدى. ئېگىز ھارۋا ماڭغاندا ” قانغا، قانغا” دېگەن ئاۋاز چىقاتتى. شۇڭىلاشقا ئۇنىڭغا ” قانغا” دەپ ئات قويدى. ئوغۇز خاقان قانغالارنى كۆرۈپ كۈلدى. ئېيتتىكى:” قانغا بىلەن جانسىز غەنىمەتلەرنى جانلىق غەنىمەتلەر سۆرەپ ماڭىدىكەن، ئېگىز ھارۋىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ، قانغۇلۇق ساڭا ئات بولسۇن”. سۆزىنى تۈگۈتۈپ يۈرۈپ كەتتى.

    33
     
    ئاندىن كېيىن ، ئوغۇز خاقان يەنە كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرە بىلەن سىندۇ، تاڭغۇت، شاغام تەرەپلەرگە يۈرۈش قىلىپ باردى. كۆپ ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلاردىن كېيىن، ئۇ جايلارنى ئىشغال قىلدى. ھەمدە ئۇ يەرلەرنى ئۆز دۆلەت چىگرىسىغا قوشتى. ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، جەنۇپ تەرەپتە بارقان دېگەن يەرنىڭ بارلىقىنى بىلىش كېرەك، ئۇ يەر ناھايىتى مۇنبەت ۋە ئىسسىق يەر ئىكەن.

    34

    ئۇ يەردە ھايۋان ۋە قۇشلار كۆپ ئىكەن. ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ چىرايى قاپقارا ئىكەن. خاقاننىڭ ئىسمى ماسار خاقان ئىكەن. ئوغۇز خاقان شۇ جايغا ئاتلاندى. ئىنتايىن قاتتىق ئۇرۇش بولدى. ئوغۇز خاقان يەڭدى. ماسار خاقان قاچتى. ئوغۇز خاقان بۇ يەرنى ئىشغال قىلدى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ دوستلىرى خۇرسەن بولدى.

    35

    دۈشمەنلىرى زار قاخشىدى، ئوغۇز خاقان ئۇنى يەڭگەندىن كېيىن، پۈتمەس – تۈگىمەس بايلىققا ۋە مال – چارۋىغا ئېگە بولدى. ھەمدە ئۇلارنى ئۆز ئىلىگە تۇشۇپ كەتتى. ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، كىشىلەرگە بىلدۈرۈش كېرەك، ئوغۇزخاقاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق ، مۇز چاچلىق، قابىلىيەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئېدى. ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئېدى. ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈرك ئېدى.

    36
     
    كۈنلەرنىڭ بېرىدە ، ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوقنى كۆردى. بۇ ئالتۇن يا كۈن چىقىشتىن، كۈن پېتىشىچە سۇزۇلغان ئېدى. ئۈچ كۈمۈش ئوقنىڭ ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇيقۇدىن كىيىن ئۇ چۈشىگە كەچكەنلىرنى ئوغۇز خاقانغا ئېيتىپ مۇنداق دېدى:” ھەي خاقانىم. ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولسۇن،

    37

    ھەي خاقانىم، سېنىڭ ئەل – نىزامىڭغا ئادالەت يار بولسۇن؛ كۆك تەڭرى چۈشۈمدە بەردى ماڭا ئىشارەت، ئىشغال قىلغان يەرلەردىن ئۇرۇغىغا بۆلۈپ بەرسۇن دېدى . ئوغۇز خاقان ئۇلۇغ تۈركنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدى، ھەمدە:” ئېيتقىنىڭ كەلسۇن” دېدى. ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا ، بالىلىرىنى چاقىرىپ كەلتۈرۈپ ئېيتتىكى :” ھەي ( ئوغۇللىرىم) ئوۋنى كۆڭلۈم تارتىپ تۇرىدۇ، ياشىنىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن

    38

    ئوۋغا چىقىشقا چامىم يەتمەيدۇ، كۈن ، ئاي ، يۇلتۇز ئۈچۈڭلار تاڭ ئاتار تەرەپكە بېرىڭلار، ئاسمان، تاغ، دېڭىز ئۈچۈڭلار تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە بېرىڭلار”. بۇنىڭ بىلەن ئۈچەيلەن تاڭ ئاتار تەرەپكە، قالغان ئۈچى تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە كەتتى. كۈن ، ئاي، يۇلتۇز نۇرغۇن ھايۋان ۋە قۇشلارنى ئوۋلىدى ھەمدە يولدىن بىر ئالتۇن يا تېپىۋالدى، شۇنداقلا ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

    39

    ئوغۇز خاقان شاتلاندى ھەمدە ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى:” سىلەر ياغا ئوخشاش ئوقنى كۆككىچە ئېتىڭلار .” يەنە شۇندىن كېيىن ئاسمان، تاغ، دېڭىز نۇرغۇن ھايۋان ۋە قۇشلارنى ئوۋلىغاندىن كېيىن ، يولدىن ئۈچ كۈمۈش ئوق تېپىۋالدى، ھەمدە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شاتلاندى.

    40

    ئوقلارنى ئۈچكە بۆلۈپ بەردى. ئېيتتىكى:” ھەي ئىنىلەر ، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغۇرلاريدۇ، سىلەر ئوققا ئوخشاش( يا غا بويسۇنىڭلار) .” شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان چوڭ قۇرۇلتاي چاقىردى.
     
    نۆكەرلىرىنى ، ئەل جامائىتىنى چاقىرىتتى ، ئۇلار كېلىپ بۇ مەسلەھەت ئولتۇرۇشتى. ئوغۇز خاقان چوڭ چىدىردا …(ئوڭ تەرىپىگە)

    41

    قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن ياغاچ قاداتتۇردى. ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر ئالتۇن تۇخۇ ئاستى ئۇنىڭ تۈۋىگە بىر ئاق قوينى باغلىدى. سول تەرىپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر كۈمۈش تۇخۇنى ئاستى، تۈۋىگە بىر قارا قوينى باغلىدى. ئوڭ تەرەپتە بۇزئوقلار ئولتۇردى، سول تەرەپتە ئۈچ ئوقلار ئولتۇردى. قىرىق كېچە – كۈندۈز توي بولدى. ئىچىشتى ، يىيىشتى

    42

    خۇرسەن بولۇشتى، شۇندىن كېيىن ، ئوغۇز خاقان ئوغۇللىرىغا يۇرتنى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. ئېيتتىكى:« ھەي ئوغۇللىرىم، مەن كۆپ ياشىدىم، كۆپ ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈردۈم، يا بىلەن كۆپ ئوق ئاتتىم، ئايغىر بىلەن كۆپ يوللارنى كەزدىم. دۈشمەنلەرنى زار يىغلىتىپ، دوستلارنى شات ئەيلەتتىم، تەڭرى ئالدىدا مەجبۇريەتنى ئادا قىلدىم، ئەمدى يۇرتنى سىلەرگە بۆلۈپ بېرىمەن» ………………..

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئوغۇزنامە