ئىشان نەزەر خوجا ھۇۋەيدا ھەزرىتىمنىڭ بىر غەزىلى

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-03 11:41:57

باغ ئارا كۆرسەتمىدىڭ گۇلدەك جامالىڭدىن ماڭا،شەمئى يەتكۈرمەدىڭ بۇي ۋېسالىڭدىن ماڭا.ئەيلەدىم قەددىڭ نىھالىنى نېشان دىل باغىدە،تەگمەدى بىر مىۋەئى نەۋبەر نىھالىڭدىن ماڭا.ۋادى غەمدىن كېلىبمەن تە...



    باغ ئارا كۆرسەتمىدىڭ گۇلدەك جامالىڭدىن ماڭا،
    شەمئى يەتكۈرمەدىڭ بۇي ۋېسالىڭدىن ماڭا.

    ئەيلەدىم قەددىڭ نىھالىنى نېشان دىل باغىدە،
    تەگمەدى بىر مىۋەئى نەۋبەر نىھالىڭدىن ماڭا.

    ۋادى غەمدىن كېلىبمەن تەشنەلەپ مەجنۇن كەبى،
    بەرمەدىڭ بىر قەترەئى ئابى زىلالىڭدىن ماڭا.

    سۈرمە چەشمى ئەيلىسەم تابىم ئىزىڭنىڭ كەردىنى،
    بولمادى ھەرگىز مۇيەسسەر پايى مالىڭدىن ماڭا.

    بول ھۇۋايداغا مۇيەسسەر بولسا دۇنيا مۇلكىتى،
    ئەيتادۇر، ئۆزگە كېرەكمەس زۇلفۇ ھالىڭدىن ماڭا.
     

     (ئىشان نەزەر خوجا ھۇۋەيدانىڭ دىۋانىدىن ئېلىندى.)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.