قۇتادغۇبىلىك(1-12-باپ)

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-22 08:55:25

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} "قۇتادغۇ بىلىك " (بەخت -سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم )يۈسۈپ خاس ھاجىپبىسمى

    "قۇتادغۇ بىلىك " (بەخت -سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم )
    يۈسۈپ خاس ھاجىپ

    بىسمىللاھى رەھمانى رەھىم
    (ئايىغۇچى ۋە كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن )
    بىرىنچى باپ
    ھەممىدىن ئەزىز ۋەئۇلۇق بولغان تەڭرىنىڭ مەدھىيىسى بايانىدا
    1  خۇدا ئاتى بىرلە سۆزۈم باشلىدىم ،
       تورەلتكەن ،ئۆستۈرگەن ،كەچۈرگەن ئىزىم(14)
    2  تولا مەدھى بىرلە تۈمەن مىڭ سەنا
       قادىر بىر خۇداغا ئاڭا يوق پەنا(15)
    3  قوڭۇر يەر ،يېشىل كۆك،كۈن،ئاي بىرلە تۈن-
       ياراتتى زامان ،ۋاقىت مەخلۇق ۋە  كۈن .
    4  ئۇ خالاپ ياراتتى ،يارالدى پۈتۈن،
       ئۇ بىرلا دىدى "بول"،بار ئولدى پۈتۈن.
    5  بۇ بارچە يارالغان مۇھتاجدۇر ئاڭا،
       ئىگەم سەن بۇ ھاجەت ،يوق ھەمرا ساڭا .
    6  ئەي قادىر ۋە مەڭگۈ بىھاجەت بايات ،
       سېنىڭدىن بۆلەككە ياراشماس بۇ ئات .
    7  ئۇلۇقلۇق ساڭا ھەم بۈيۈكلۈك ساڭا ،
       سېنىڭدىن بۆلەك يوق ساڭا تۇش -تەڭا .
    8  ئەي بىر سەن ،بىرىكمەس ساڭا باشقا بىر ،
       بۇرۇن سەن جىمىدىن ،جىمىدىن ئاخىر
    9  ساناققا قېتىلماس سېنىڭ بىرلىكىڭ،
       پۈتۈن نەرسىگە يەتتى قۇدرەتلىگىڭ.
    10 گۇمان يوقكى ،بىر سەن ،ئەي مەڭگۈ خۇدا ،
       ئۆزەڭ ھەر نىچۈك سان -ساناق سىرتىدا.
    11 ئىچۇ -تاش بىلۇچى ئەي ھەققۇليەقىن(16)
       كۆزۈمدىن يىراقسەن كۆڭۈلگە يېقىن .
    12 ئېرۇر بارلىقىڭ كۈن ۋە ئايدەك يورۇق،
       تېگىگە يېتۇچى كۆڭۈل -ئەقىل يوق.
    13 نىمەلىكتىن ئەرمەس سېنىڭ بىرلىكىڭ،
       ياراتتىڭ جىمىنى ،جىمىسى سېنىڭ .
    14 پۈتۈن بار نىمەنى ياراتتىڭ ئۆزۈڭ،
       يوقۇلۇر جىمىسى،تىرىك سەن ئۆزۈڭ.
    15 ياراتقان بارلىغىغا يارالغان يارالغان تانۇق،(17)
       يارالغان ئىككى بىر تانۇقى ئېنىق.
    16 ئۇنىڭ ئوخشىشى يوق ۋە ياكى تېڭى ،
       نىچۈكلىگىگە يەتمەس خالايىق ئېڭى.
    17  ئۇ يۈرمەس، ئۇ ياتماس ،ئويغاق،ئۇخلىماس   
     ئڭئۇنىڭدىن يىراقتۇر تەسەۋۋۇر قىياس.
    18  نە ئالدا ،نە كېيىن ،نە ئۇڭ -سولدا ئۇ ،
        نە پەستە ،ئىگىزدە ،نە ئۇدۇلدا ئۇ .
    19  ئورۇن ئول ياراتتى،ئورۇن يوق ئاڭا،(18)
        ئۇنىڭسىز ئورۇن يوق، ئىشەنگىن بۇڭا.
    20  ئەي سىرغا يېقىن ،ئەي ئۆڭۈلگە ئەزىز ،
        گۇۋادۇر ساڭا بارچە سۈرەتۋە ئىز.
    21  ياراتتىڭ تۈمەنمىڭ تىتىك ،ساناقسىز ،
        قۇرۇقلۇق،چۇقۇر ،تاغ ،دالا ،دوڭ، دېڭىز .
    22  بىزەتتىڭ يېشىل كۆكنى يۇلتۇز بىلە،
         يورۇتتىڭ قارا تۈننى كۈندۈز بىلە .
    23  ئۇچارلىق ،ماڭارلىق،تىنارلىقكى بار،
        سېنىڭدىن ئىچىپ ،يەپ تىرىكلىك قىلار .
    24  ئىگىز ئەرش ئۈستىدىن يەر ئاستىغا تا ،
        پۈتۈن بارچە مۇھتاج ئەي ئىگەن ساڭا .
    25  ئايا ھەققە پۈتكەن،ئاچ ھەمدىگە تىل،
        دىلىڭ پۈتسە شەكسىز ،يۇرۇتمە ئەقىل(19)
    26  ئۇ قانداق دىمەكتىن كۆڭۈلنى كۈزەت،
        پۈتۈپ بارلىغىغا ئاسايىشقا يەت .
    27  نىچۈك ،قانچە دەپ يۈرمە ،تۇتقىن ئۆزەڭ،
        نىچۈك ،قانچىسىز بىل ،ئۇزارتما سۆزۈڭ.
    28  بۇ مۇڭلۇق قولۇڭنى ،ئەي مۇڭسىز ئىگەم ،
        كەچۈرگىن گۇنايىنى ئەيلەپ كەرەم.
    29  ساڭالا سېغىندىم،ئۈمىدىم ساڭا ،
        قىيىنلىق يېرىمدە مەدەت قىل ماڭا .
    30  سۆيۈملۈك رەسۇل بىرلە تۇرغۇز مېنى ،
        قولۇم تۇتقۇچى قىل قىيامەت كۈنى .
    31  ئۇنىڭ تۆت يارىغا تۈمەنمىڭ سالام ،
        يېتىشتۇر مېنىڭدىن داۋام ۋە داۋام
    32  ئۇلۇق كۈندە كۆرسەت ئۇلارنىڭ يۈزىن ،
        قولۇم تۇتقۇچى ئەيلە ياخشى سۆزىن .
    33  سېنى ماختىيالمايمەن لايىق ئۆزۈم،
        سېنى سەنلا ماختا ،كېسىلدى سۆزۈم .

      ئۇ ئئىكئىككىنچى باپ
       پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مەدھىيىسى بايانىدا
    34   ئەۋەتتى  رەسۇلنى رەھىملىك ئىگەم ،
        كىشى ياخشىسى ،تاللىنىلغىنى ھەم .
    35  چىراق ئىدى خەلققى قاراڭغۇ تۈنى ،
        يورۇقلۇقنى چاچتى،يورۇتتى سېنى .
    36  خۇدادىن دەۋەتچى ئىدى ئۇ ساڭا ،
        يىگىت ،توغرا بىر يولنى تاپتىڭ ،شۇڭا .
    37  ئاتاسىن،ئاناسىن پىدا قىلدى ئول،
        تىلەك ئۈممەت ئەردى ،بايان قىلدى يول.
    38  كېچە ئۇخلىماستىن ۋە كۈندۈز يىمەي،
        سېنى سوردى ھەقتىن ،بۆلەكنى دىمەي.
    39  تىلەدى سېنى كۈن -تۈن ئەمگەك بىلە ،
        ئۇنى ماختا ئەمدى ،رىزاسىن تىلە .
    40  پۈتۈن قايغۇسى ئەردى ئۈممەت ئۈچۈن،
        قۇتقۇزماق تىلەر ئەردى راھەت ئۈچۈن .
    41  ئاتادىن-ئانادىن بولۇپ مېھرىۋان،
        تىلەيتى خۇدادىن شۇنى ھەر زامان .
    42  خەلققە ئىدى ئۇ خۇدا رەھمىتى،
        قىلىقى سىلىقتۇر ،تۈرلۈك خىسلىتى.
    43  ئىدى ئۇ مۇلايىم ،قىلىقى سىلىق ،
        ھايالىق، قولى كەڭ، سېخى رەھىملىك .
    44  قوڭۇر يەر ،يېشىل كۆكتە ئەردى ئەزىز،
        ئاڭا بەردى تەڭرى قىممەت ئېيتقۇسىز .
    45  بۇرۇندىن ئىدى باش پۈتۈن باشچىغا ،
        كېيىن بولدى تامغا پۈتۈن ساۋچىغا (20)
    46  ئۇنىڭ مەن يولىغا كۆڭۈل باغلىدىم،
        ئىشەندىم ھەم سۆزىن ئاڭلىدىم .
    47  ئىلاھا ،كۈزەتكىن بۇ كۆڭلۈمنى سەن ،
        قوپاردا رەسۇللە قوپار مېنى تەڭ.
    48  قىيامەتتە كۆرسەت تولۇندەك يۈزىن ،
        قولۇم تۇتقۇچى قىل ئىلاھە ئۆزىن .


    ئۈچىنچى باپ
      تۆت ساھابىنىڭ  مەدھىيىسى بايانىدا
     
    49   ئۇنىڭ تۆت ھەمرىيى سويۇنچى ئىدى،
         ھەر ئىشتا بىللە ھەم كېڭەشچى ئىدى.
    50   قېيناتا ئىككىسى كىياۋ ئىككىسى ،
         تاللانغان كىشىلەر ئىدى تۆتىسى.
    51   جىمىدىن ئابابەكر ئىدى ئەۋۋىلى ،
         خۇداغا ئىشەنگەن تىلى ۋە دىلى .
    52   پىدا قىلدى مالى تېنى -جانىنى ،
         رەسۇلنىڭ كۈتكىنى ئىدى رىزاسى.
    53   كېيىن پارۇق(21)ئەردى كىشىلەر خىلى ،
         تىلى ۋە دىلى بىر خەلق ئىسىلى .
    54   ئىدى ئۇ ياردەمچى ۋە ھەق دىنغا ئۇل ،
         كۆتەردى توساقنى شەرىئەتتىن ئول.
    55   ئوسماندۇر مۇلايىم، ئۇياتچان تېخى ،
         كىشىلەر خىلى ھەم قولى كەڭ سېخى.
    56   پىدا قىلدى بارچە مال ھەم ئۆزىنى ،
         رەسۇل بەردى ئاڭا ئىككى قىزىنى .
    57   سوڭ ئاندىن ،سەرە- خىل مەردان ئېلىدۇر ،
         ئەقىللىق يىگىت ئەر،يۈرەكلىك جەسۇر.
    58   ئوچۇق قول ئىدى ئۇ يۈرەگى سۈزۈك،
         بىلىملىك ۋە تەقۋا ،ېتىدۇر بۈيۈك.
    59   ئۇلار ئىدى دىن ھەم شەرىەت كۆكى ،
         كۆتەردى مۇناپىق   ۋە دىنسىز يۈكى .
    60   بۇ تۆت يار ماڭا تۆت .تادۇەك ئېرۇر،
         تۈزۈلسە تادۇ چىن ھاياتلىق بولۇر .
    61   مېنىڭدىن ئۇلارغا تۈمەنمىڭ سالام ،
         يەتكۈزگىن ئىگەم سەن ئۈزۈكسىز داۋام .
    62   سۆيۈندۇر مېنىڭدىن ھامان كۆڭلىنى .
         قولۇم تۇتقۇچى قىل قىيامەت كۈنى .


       تۆتىنچى باپ 
           پارلاق باھار پەسلى ۋە ئۇلۇق بۇغراخان مەدھىسى بايانىدا
       
    63   ئېسىپ كەلدى باھارنىڭ شەرقتىن يېلى ،
         بىزەشكە جاھان ئاچتى جەننەت يولى .
    64   قوڭۇر يەر ئىپار تولدى كافۇر (25)كېتىپ،
         بىزەنمەك تىلەر دۇنيا كۆركەن ئېتىپ،
    65   جاپا قىشنى قوغلاپ يازغى ئىسىن ،(26)
         پارلاق ياز يەنە قۇردى دەۋلەت ياسىن .
    66   قۇياش ياندى بولغاي يەنە ئورنىغا ،
         بېلىق قۇيرۇقىدىن قوزى بۇرنىغا .(27)
    67   قۇرۇغان ياغاچلار كىيىىندى يېشىل،
         بىزەندى يىپۇن(28)ھال، سېرىق،كۆك ،قىزىل.
    68   قوڭۇر يەر يېپىندى يېشىل تورقىنى ،
         تاۋغاچ رەختى يايدى قىتان كارۋىنى .
    69   دالا ،تاغ ،قىر ،ئويمان توشەندى يېيىپ،
         بىزەندى ۋادىلار يېشىل،ھال كىيىپ.
    70   تۈمەنرەڭ چىچەكلەر ئېچىلدى كۈلۈپ،
         ئىپار،كافۇر ھىدىغا دۇنيا تولۇپ.
    71   ئېسىپ تاڭ شامالى قەلەمپۇر پۇراق،
         ئىپار بۇيىغا تولدى دۇنيا بىراق.
    72   غاز ،ئۆدەك قىل[29]ئاققۇ خوشاللىق بىلەن ،
         قاقىلداپ ئۇچۇشۇر يۇقۇرى -تۆۋەن .
     73  ئەنە كۆر، بىرى قونسا،ئۇچار ئۇ بىرى،
         بىرى ئۈزسە ئويناپ،ئىچەر سۇ بىرى.
    74   تىزىلغان توگىدەك كوكىش[30] تۇرنىلار ،
         ئۇچار ،يەلپۈنەر ھەم ئۇنىن ياڭرىتار .
    75   ئۇلاي قۇش سايرىدى ئۈندەپ يولدىشىن ،
         گۈزەل قىز قىچىرغان كەبى سويمىشىن .
    76   قاقىلدادى كەكلىك،كۈلۈپ قاتقارا،[31]
         قىزىل ئاغزى قاندەك ،قېشى قاپقارا.
    77   قارا قۇشقاچ ئوتتى سىتا تۇمشۇغىن ،[32]
         ئۈنى نازىنىن قىزنىڭ ئۈنىگە يېقىن .
    78   چىچەكلىكتە مىڭ خىلدا بۇلبۇل ئۈنى ،
         ئوقۇر سورى ئەبرىنى [33]كۈن ھەم تۈنى.
    79   ئىلىك ۋە جەرەن گۈل ئارا ئوينىشۇر،
         ئارقار تاغ ئۆچكىسى جۈپ -جۈپ سەكرىشۇر .
    80   قاشىن تۇردى ئاسمان ،كۆزى ياش چاچار ،
         چىچەكلەر يۈز ئاچتى،كۈلۈپ قاتقارار.
    81   بۇ ۋاختا جاھان ئۆز-ئۆزىگە قاراپ،
         سۆيۈنۈپ ،قۇۋانىپ مېلىغا قاراپ.
    82   ماڭا كۆز يۈگۈرتكەچ ئۇ ئاچتى سۆزىن ،
         دىدى:كۆرمىدىڭمۇ ،بۇ خاقان يۈزىن؟
    83   ئەگەر ئۇيقۇلۇقسەن ،تۇر ،ئاچ ئەمدى كۆز،
         ئىشىتمىگەن ئولساڭ،ئىشىت مەندىن سۆز :
    84   تۈمەن يىل تۇل ئەردىم ،سۇلغۇن يۈز ئىدىم ،
         سېلىپ تۇل كىيىم ،كىيدىم ئاق ئاس [34]كىيىم .
    85   ئۇلۇق خان بېگىمدۇر ،ياساندىم شۇڭا ،
         قوبۇل قىلسا،جانىم پىدادۇر ئاڭا.
    86   بۇلۇت گۈكىرەپ چالدى خان دۇمبىغىن ،
         چېقىن چاقنىدى،تارتتى خاقان تۇغىن.
    87   بىرى چىقسا قىنىدىن ،ئەل بوي سۇنار ،
         بىرى شان -شۆھرىتىن جاھانغا يايار .
    88   جاھان تۇتتى تاۋغاچ ئۇلۇق بۇغراخان ،
         قۇتاتسۇن ئېتى ،تاپسۇن ئىككى جاھان .
    89   ئەي دىن ئىززىتى ،دەۋلەتكە يەر -مۇئىن،[35]
         ئەي مىللەتكە تاج،ئەي شەرىئەتكە دىن .
    90   خۇدا بەردى بارچە تىلىگەن تىلەك،
         ساڭا بولسۇن ھەق مەڭگۈ يار -يۆلەك.
    91   ئەي دۇنيا جامالى ،ئولۇقلۇققا كورك،
         ئەي مۇلك نۇرى،ئەي بىۋاپا بەختكە ئورك[36].
    92   زامان بەردى ساڭا دەۋلەت ۋە تەخت،
         بېرىۋەرسۇن تەڭرى بۇ تەخت بىرلە بەخت.
    93   جاھان تىندى چىققاچ خاقان تەختىگە ،
         جاھان سۇندى سوغات خاقان بەختىگە .
    94   پازادىن كېلۇچى ساما قۇشلىرى،
         بىرى رايى ھىندى[37]بىرى قەيسەرى.[38]
    95   ئېتى ئاتىشىپ،بەسلىشىپ سايرىشۇر ،
         سويۇنۇش ،خوشاللىق ئارا يايرىشۇر .
    96   گۈزەل مەنزىرە،يەردە گۈل خىلمۇ-خىل،
         دالا ،تاغ ئېدىر ،قىر يۈزى كۆك،يېشىل.
    97   بىرى خۇش ھىدى بىرلە قۇللۇق قىلار ،
         بىرى كورك يۈزىلە  ئىشىكنى ئاچار.
    98  بىرى قولسۇنۇپ ئاڭا ئىسرىق تۇتار ،
         ئىپار بىرلە بىرى جاھان تولغۇزار .
    99   بىرى شەرقتىن تۇتار مىڭ ئارمىغان.[39]
         بىرى غەرپتىن تىكەر خىزمىتىگە جان .
    100  تۇرار بەخت ئىشىكتە خىزمەتكە كېلىپ،
         قىلاي دەپ بىر خىزمەت ئۈمىتلەر قىلېپ.
    101  شۇ ياڭلىق خىزمەتكە تەيياردۇر جاھان ،
         بويۇن ئەگدى دۈشمەن ،يوقالدى شۇئان .
    102  يېيىلدى جاھانغا خاقان داڭقىسى،
         قېچىپ كۆرمىگەن كۆزلەرنىڭ ئۇيقىسى.
    103  تۈزەلدى قانۇن ۋە تېنىچلاندى جاھان،
         قازاندى نام ئۈستۈن قانۇن بىرلە خان .
    104  دىسە كىم ،كۆرەيمەن سېخىينىڭ ئۆزىن ،
         كېلىپ كۆرسۇن ئۇ ئۇشبۇ خاقان يۇزىن.
    105  جاپاسىز ،ۋاپا،بەخت تىلەسە كىشى ،
         يۇزىن كۆرسۇن ئۇنىڭ  ۋاپادۇر ئىشى.
    106  زەرەرسىز مەنپەئەت كۆرەي دىسەڭ گەر،
         يېقىن كەل ،ئىشىن قىل،ئىسىن كۆڭۈل بەر .
    107  ئىسىل خۇلقى كەمتەر،دىلى مېھرىۋان -   
         كىشى كىم؟ دىسەڭ ،كەل ،ئۇنى كۆر بۇئان .
    108  ئەي خۇيى گۈزەل،پاك نەسەب،پاك ئۇرۇق،
         جاھان قالمىسۇن سەندىن ھەرگىز قۇرۇق.
    109  ساڭا ھەق بەردى بەخت ،ئەي ساھىپقىران،
         ئوقۇپ مىڭ ئېتىنى ئاڭا قىل شۈكران.
    110  تولا كونا بىر سۆز مەسەلدە كېلۇر ،
          ئاتا ئورنى ،ئاتى ئوغۇلغا قالۇر.
    111   ئاتانىڭ ئورنى ،ئاتى قالدى ساڭا،
          قوشۇلسۇن يەنە باشقا مىڭ -مىڭ ئاڭا .
    112   قىممەتلىك سوغات تۇتتى مىڭ -مىڭچە قول،
          قۇتادغۇ بىلىكتۇر مېنىڭ سوغام ئول.
    113  ئۇلارنىڭ سوغاتى كېلەر ھەم كېتۇر ،
          مېنىڭ بۇ سوغاتىم تا مەڭگۈ قالۇر.
    114   نىچە يىغسا دۇنيا تۈگەيدۇ يوقاپ،
          قالۇر سۆز پۈتۈلسە ،جاھانغا تاراپ.
    115   كىتاپقا يېزىلدى بۇ خاقان ئېتى ،
          بۇ ئات،ئەي ھۆكۈمدار ،قالار شۇ پېتى.
    116   خۇدايا ،ئاشۇر دەۋلەتىن ،بەر تىلەك،
          پۈتۈن ئىشتا بولغىن ،سەن ئارقا يۆلەك.
    117   ئېسەن ئەيلە دوستتىن،يېغىسىن يوقات ،
          خوشال قىل دائىما ،قايغۇدىن ئازات.
    118   يېغىپ تۇرسۇن يامغۇر ،چىچەك گۈللىسۇن،
          قۇرىغان دەرەختە  بىىلار كۆكلىسۇن.
    119   پەلەك چاقى تۇرسۇن دائىم ئايلىنىپ،
          تۆۋەن بولسۇن دۈشمەن بېشى ئېگىلىپ.
    120   قوڭۇر يەر بولمۇغۇنچە،مىستەك [40]قىزىل،
          يا ئوتتا چىچەك ئۈنمىگۈنچە يېشىل،
    121   بۇ ساھىپقىران كۆپ ياشاسۇن ئۇزۇن،
          ھەسەتخۇر كۆزى ئوتتا كويسۇن پۈتۈن .
    122   تېخى بولسا نىمە ئۇنىڭدا تىلەك،
          ئاڭا بولسۇن داۋام ھەق ئارقا يۆلەك.
    123   ھوزۇر ۋە ھالاۋەت ،ئىشەنچتە ئېلى ،
          ئىچىپ ياشاسۇن ئۇ لوقمان يىلى [41].

     

    بەشىنچى باپ    يەتتە يۇلتۇز ۋە ئون ئىككى بۇرچ بايانىدا
      
    124    خۇدا ئاتى بىرلە سۆزۈم باشلىدىم  ،
           تۆرەلتكەن ،ئۆستۈرگەن ،كەچۈرگەن ئىزىم .(ئىگەم ،تەڭرىم )
    125    ياراتتى ئالەمنى ئۇ خالاپ ئۆزى،
           يورۇتتى كۈن،ئاي بىرلە دۇنيا يۈزى.
    126    ياراتتى پەلەك ،كۆر دائىم ئايلىنۇر ،
           ھايات ھەم ئۇ بىرلە تىنماي چورگىلۇر.
    127    ياراتتى يېشىل كۆكتە يۇلتۇزنى ئۇ ،
           ياراتتى قارا تۈن ۋە كۈندۈزنى ئۇ .
    128    كۆكتىكى يۇلتۇزلار بەزىسى بىزەك،
           يول باشلار بەزىسى،بەزىسى يەزەك[42]
    129    كىشىگە يورۇقلۇق بېرۇر بەزىسى ،
           يول يۇتسە كۆرسۇتۇر يەنە قانچىسى.
    130    بەزىسى ،ئىگىزدە،بەزىسى تۆۋەن ،
           غۇۋادۇر بەزىسى ،بەزىسى روشەن .
    131    بۇلاردىن ئەڭ ئۈستۈن سەكەنتىر [43]تۇرۇر،
           ئىككى يىل سەككىز ئاي بىر بۇرجىدا قالۇر.
        132ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇدۇ ئوڭاي،
           قالۇر بىر بۇرجدا ئۇ دەل ئون ئىككى ئاي .
    133    ئۈچۈنچى كۇرۇددۇر[45]غەزەپتە يۈرۈر،
           قايان بارسا بارلىق ياشارغان قۇرۇر.
    134    تۆتۈنچى قۇياشتۇر ،يورۇتار جاھان،
           يېقىن ھەم ئۇدۇل كەلگەنى ھامان.
    135    بەشىنچى سەۋىتتۇر[46]،سۆيۈملۈك ئۆزى،
           ئۇ باقسا كۆرەرسەن خوشاللىق يۈزى.
    136    ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئارزۇ[47] كېلەر،
           ئۇ كىمگە يۇقۇشسا تىلەككە يېتەر.
    137    بۇلاردىن تۆۋەنرەكتە يالچىق [48]تۇرار،
           قۇياشقا ئۇدۇل باقسا،تولۇن بولار.
    138    ئون ئىككى بۇرج باردۇر بۇلاردىن بۆلەك،
           جۈپ ئۆيلۈك بەزىسى ۋە بەزىسى يەك؛
    139    قوزى يازغى يۇلتۇز ،كېيىن ئۇي كېلۇر ،
           جەۋزا بىلەن سەرتان تۇرتۇشۇپ يۇرۇر.
    140    ئېرۇر خوشنا بۇغداي بېشى ، ئارسىلان ،
           كلەر ئارقىدىن قەۋس ،ئەقرەپ، مىزان.
    141    كېلەر ئاندىن ئوغلاق سوغا ھەم بېلىق،
           تۇغۇلسا بۇلار كۆك بولغۇسى يورۇق .
    142    ئۈچ يۇلتۇز باھارنىڭ ،ئۈچى يازغىدۇر ،
           قىشنىڭدۇر ئۈچىسى،ئۈچى كۈزگىدۇر.
    143    ئۈچى سۇ ،ئۈچى يەل،ئۈچى بولدى ئوت،
           ئۇچى تۇپراق،بۇلاردىن دۇنيا ۋۇجۇت.
    144    يېغىدۇر بۇلارنىڭ بىرىگە-بىرى،
            قويۇپ ياۋغا ياۋ،قىلدى جەڭنى نېرى .
    145    ئۇرۇشماس بۇ ياۋلار ،ياراشقان ئۈچۈن،
           كۈرەشمەس بۇ ياۋلار كوتەرگەچ ئۈچۈن.
    146    يېتىشلىك ئىلاھىم  سېلىپ ئىزغا ئوز ،
           ياراتتى ئۇلارنى ،ياراشتۇردى تۈز.
    147    بۇ ئىنسان بايانىن قىلاي ئەمدى مەن،
           قەدىر تاپتى ئەقىلى ،بىلىم ئاڭ بىلەن .    


    ئالتىنچى باپ  ئادەم بالىسىنىڭ قىممىتى بىلىم ۋە ئەقىلدىن ئىكەنلىگى بايانىدا

    148   ياراتتى ۋە يۈكسەلتتى تاللاپ ئادەم ،
          بېرىپ ھۇش -ئەقىل،پەزىل ،ئىلىمنى ھەم .
    149   تىلىنى چىقارىپ ،ئاڭا بەردى دىل،
          ئۇيات بەردى يەنە گۈزەل ،خۇش پېئىل.
    150   بىلىم بەردى،ئىنسان زورايدى بۇ كۈن .
          ئەقىل بەردى ،شۇڭا يېشىلدى تۈگۈن .
    151   خۇدا بەرسە كىمگە ئەقىل -ھۇش بىلىك،
          تولا ياخشىلىققا ئۇزاتۇر ئىلىگ [50]
    152   بىلىمنى بۈيۈك بىل ،ئوقۇشنى ئۇلۇق،
          بۇ ئىككى يۈكسەلتۇر قۇلنىمۇ تولۇق.
    153   بۇ سۆزگە گۇۋادۇر تۆۋەندىكى سۆز،
          بۇ سۆزنى ئىشىتكىن ،سۆزۈڭ بۇندا ئۇز:
    154   ئەقىل قايدا بولسا،ئۇلۇقلۇق بولۇر،
          بىلىم كىمدە بولسا ،بۈيۈكلۇك تاپۇر.
    155   ئەقىللىق ئۇقار ئول،بىلىملىك بىلۇر،
          بىلىملىك،ئەقىللىق تىلەككە يېتۇر.
    156   بىلىم مەنىسىن بىل،بىلىم نىمە دەر،
          بىلىم ئۇ ساقايتۇر كېسەل بولسا ئەر.
    157   بىلىمسىز كىشى بارچە ئاغرىق بولۇر ،
          داۋالانمىسا ئۇ تىرىكلا ئۆلۇر.
    158   كېسەلنى داۋالات ،بار، ئەي بىلمىگەن،
          ئەي ئالىم نادانغا داۋا ئەيلە سەن.
    159   ئەقىلدۇر ئورۇندۇق ،ئاڭا يەتسە ئەر،
          تۈمەن مىڭ تىلەگى ھەم بولسا يېتەر.
    160   كىشىگە ئېرۇر كۆپ ئەقىل پايدىسى،
          بىلىم بىلسە ئىنسان ئەزىز بولغۇسى.
    161   جىمىكى ئىشىڭنى ئەقىل بىرلە قىل ،
          بىلىم بىرلە ۋاختىڭنى ساخلاشنى بىل .


    يەتتىنجى باپ  تىلنىڭ پەزىلىتى بىلەن قۇسۇرى ۋە پايدىسى بىلەن زىيىنى بايانىدا
    162  ئەقىل ھەم بىلىم تەرجىمانى بۇ تىل،
         روشەن تىل كىشىنى يورۇتقۇچى، بىل!
    163  قەدىرلىك قىلار تىل، تاپار بەخت كىشى،
         قىلار ئەرنى تىل خار،كېتەر ھەم بېشى،
    164  ئىشىكتە تۇرار ئارسلاندۇر بۇ تىل،
         ئەي ئۆيلۈك ھەزەر قىل ،بېشىڭ يەيدۇ، بىل.
    165  نىمە دەيدۇ تىلدىن جاپا كۆرگەن ئەر،
         قۇلاق سال،ئەمەل قىل،دىققىتىڭنى بەر.
    166  جاپا سالدى تىلىم ماڭا كۆپ قېتىم ،
         كېسىلمەستە باشىم ،كېسەي مەن تىلىم.
    167  سۆزۈڭنى كۈزەتكىن ،بېشىڭ كەتمىسۇن،
         تىلىڭنى كۈزەتكىن ،چىشىڭ سۇنمىسۇن.
    168  بىر ئالىم دىدى تىل ئۈچۈن پۇختا سۆز ،
         ئايا تىل ئىگەسى كۈزەت باشنى ئوز.
    169  ئىسەنلىك تىلەسەڭ ئەگەر سەن ئۆزۆڭ،
         تىلىڭدىن چىقارما ياراقسىز سۆزۈڭ.
    170  بىلىپ سۆزلىسە سۆز ،بىلىم سانىلۇر،
         بىلىمسىز سۆزى ئۆز بېشىنى يىيۇر.
    171  تولا سۆزدە ئارتۇق پايدا كۆرمۈدۈم،
         يەنە سۆزلىمەيمۇ پايدا تاپمىدىم.
    172  تولا سۆزلىمە سۆز ،بىرەر سۆزلە ئاز،
         تۈمەن سۆز تۈگۈنىن بۇ بىر سۆزدە ياز.[51]
    173  كىشى بولغۇسى شاھ ئۆسۈپ سۆز بىلەن ،
         تولا سۆز بېشىڭنى قىلار يەر تۆۋەن.
    174  بىلىم دەر "مەمەدانا"،كۆپ سۆزلىسەڭ،
         گاچا دەيدۇ سۆزنى ئەگەر دىمىسەڭ.
    175  پاساھەت [52]بىلە قىل شۇڭا سەن سۆزۈڭ،
         پەسىھ بولسا تىلىڭ،ئۆسەرسەن ئۆزۈڭ.
    176  تىلىڭنى كۈزەت بەك،كۈزىتىشلەر باش،
         سۆزۈڭنى قىسقا قىل،ئۇزارتىلار ياش.
    177  بۇ تىل پايدىسى كۆپ،زىيانمۇ تولا،
         ئارا ماختىلۇر ،مىڭ سوكىلۇر ئارا.
    178  ئەگەر مۇنداغ ئولسا ،بىلىپ سۆزلە سۆز ،
         سۆزۈڭ بولسۇن،كۆزسىز قارغۇ ئۈچۈن كۆز.
    179  ئېنىقكى ،بىلىمسىز بىر قارغۇ ئېرۇر،
         بىلىمدىن نەسپ ئال،بىلىمسىز ،يۈگۈر.
    180  تۇغۇلغان ئۆلەر،كۆر ،قالۇر بەلگىسىز،
         سۆزۈڭ ياخشى بولسا ،ئۆزۈڭ ئۆلگۈسىز.
    181  ئەر ئىككى نىمەدىن قېرىماس ئۆزى،
    بىرى ياخشى ئىش ،بىرى ياخشى سۆزى.
    182  كىشى تۇغدى، ئۆلدى،سۆزى قالدى،كۆر،
         ئۆزى كەتتى ئىنسان،ئېتى قالدى، كۆر.
    183  ئۆلۈمسىز ھاياتنى تىلەسەڭ ئۆزۈڭ،
         قىل ياخشى،ئەي ھېكىم،خۇلقۇڭ ھەم سۆزۈڭ.
    184  قىلىپ مەدھى تىلنى،ئارا سۆكمىگىم،
         ساڭا سۆز ئۇختۇرۇش ئىدى تىلىگىم.
    185  پەقەت سۆزلىمەسلىكنى ئەقىل خالىماس،
         كېرەك سۆزنى سۆزلەر كىشى،يوشۇرماس.
    186  سۆزۈمنى دىدىم مەن بالامغا ،باتۇر،
         مېنىڭدىن تۆۋەن ئۇ ،نىچۈك تەڭ بولۇر؟
    187  ئەي، ئوغلۇم دىدىم مەن ساڭا بۇ سۆزۈم،
         ساڭا بۇ نەسەتىمنى بەردىم ئۆزۈم:
    188  كۈمۈش قالسا  ئالتۇن مېنىڭدىن ساڭا،
         ئۇنى تۇتمىغىن سەن بۇ سۆزگە تەڭا.
    189  كۈمۈشنى ئىشلەتسە،ۈگەر، يوقىلۇر،
         سۆزۈمنى ئىشلەتسە،كۈمۈش قازىنۇر.
    190  كىشىدىن -كىشىگە مىراس سۆز قالۇر،
         مىراس سۆزنى تۇتساڭ،يۈز پايدا بولۇر.
    191  قاۋاق تۈرمە بۈگۈن،ئەي دانا ماڭا،
         يەنە ئۆزۈر ئېيتسام ئەيمنىپ ساڭا .


    سەككىزىنچى باپ  مۇئەللىپنىڭ ئۆز ئۆزرىنى ئېيتقانلىغى بايانىدا

    192   تىلەگىم ئىدى، ئەي ھېكىم،سۆزلىمەك،
          كېيىنكىلەرگە بىر يادىكار قالغىدەك.
    193   ئەقىل كەلدى قارشى،دىدى دىققەت ئەت،
          سۆزۈڭ بولسا يېڭىلىش،بولۇر ساڭا سەت.
    194   ياماندۇر خەلق تىلى،سېنى سۆزلىگەي،
          كىشى خۇلقى قىزغانچ،ئېتىڭنى يىگەي.
    195   قاراپ كۆرگىنىمچە يېنىكلەندى يۈك،
          ئۆزۈمگە دىدىم سۆزلە،بار سۆزنى تۆك.
    196   نىمىشقا دىسەڭ مەن ساڭا ئېيتايىن،
          سۆزۈمنى ئەي ھۇشيار يىگىت ئاڭلىغىن:
    197   كىشى ئاتى يالڭۇق[53]،يېڭىلغاق ئۈچۈن،
          دىيىلدى ئۇ يالڭۇق،يېڭىلغان ئۈچۈن.
    198   يېڭىلمەس كىشى لىم ،دىگىن سەن ماڭا،
          تۈمەن مىڭ يېڭىلغاننى دەيمەن ساڭا.
    199   بەك ئازدۇر بىلىملىك،ولا بىلىمسىز،
          ئەقىلسىز تولادۇر،ئەقىللىق ئەزىز.[54]
    200   بىلىمسىز بىلىملىككە بولدى يېغى،
          نادانلار ئالىمغا قارشى ھەر چېغى.
    201   كىشىدىن -كىشىنىڭ تولا پەرقى بار،
          بىلىمدۇر بۇ پەرق، سۆز شۇ ئۆزرە بارار.
    202   بىلىملىككە سۆزلىدىم مەن بۇ سۆزۈم،
          بىلىمسىز تىلىنى بىلمەيمەن ئۆزۈم.
    203   بىلىمسىز بىلەن ھىچ سۆزۈم يوق مېنىڭ،
          ئەي ئالىم،ئۆزۈم بىر قۇلۇڭمەن سېنىڭ.
    204   سۆزۈمنى دىگەلى سەندىن ئەيمىنىپ،
          قويارمەن بۇ ئۆزرۈمنى ئۈمىت قىلىپ.
    205   سۆز ئېيتقان كىشىلەر .ئازار،ئالدىرار،
          ئەقىللىق ئىشىتسە،تۈزەتىپ بارار .
    206   بۇرۇندۇقلۇق ئول سۆز تۆگە بۇرنىدەك،
          ماڭار نەگە تارتسا،ھىڭگان تۆگىدەك.
    207   بىلىپ سۆزلىگۈچى كىشى كۆپ ئىرۇر،
          ئۇنى بىلگۈچى ئەر ماڭا خوپ ئېرۇر.
    208   پۈتۈن ياخشىلىقلار ئىلىم نەپئى ئول،
          بىلىم بىرلە تاپتى مىسال كۆككە يول.
    209   بىلىم بىرلە سۆزلە پۈتۈن سۆزنى سەن،
          بۈيۈك بىل بىلىم بىلەن ئەرنى سەن.
    210   يېشىل كۆكتىن ئىندى[55]قوڭۇر يەرگە سۆز ،
          كىشى تاپتى قىممەت سۆزى بىرلە ئۆز.
    211   كىشى كۆڭلى تۇپسىز دېڭىزدەك ئېرۇر،
          بىلىم ئۈنچە ئوخشاش تۈۋىدە ياتۇر.
    212   دېڭىزدىن چىقارمىسا ئۈنچە كىشى،
          قالۇر پەرقسىز بولۇپ ئۇنچە ساي تېشى.
    213   قوڭۇر يەر تېگىدە ئالتۇن ئىدى تاش،
          گەر چىقسا بەگلەرگە بولۇر باشقا تاج.
    214   گەر ئالىم ئىلمىنى چىقارمىسا تىل،
          يورۇتماس ئۇنىڭ ئىلمى ياتسىمۇ يىل.
    215   ئەقىل ۋە بىلىم ئول ئۇز نەرسىدۇرئەڭ،
          ئەگەر بولسا ئىشلەت، ئۇچۇپ كۆككە تەڭ.
    216   نىمە دەيدۇ ئەلنىڭ بېگى ئاڭلىغىل،
          ئوقۇشقا ،بىلىمگە يۈگۈرتۈپ ئەقىل.
    217   جاھان تۇتقىلى ئەر ئۇقۇشلۇق كېرەك،
          كېرەك يۇرت سوراشقا ئەقىل ۋە يۈرەك.
    218   ئەقىل بىرلە تۇتتى جاھان تۇتقۇچى،
          بىلىم بىرلە تۇتتى ئەلنى سورغۇچى.
    219   قاچانكى جاھانغا چۈشۈپتۇ ئادەم،
          ئاقىللار تۈزەپ كەلدى ياخشى نىزام.
    220   قايۇ ۋاختا بولسۇن،بۇ كۈندىن بۇرۇن،
          بىلىملىككە تەگدى بۈيۈكرەك ئورۇن.
    221   ئەقىللە ئېسىلغاي ئادەم ئەسكىسى،
          بىلىملەر بېسىلغاي خەلق پىتنىسى.
    222   بۇ ئىككى يول بىلەن ئىش پۈتمىسەھىچ،
          بىلىمنى قويۇپ ئال قولۇڭغا قىلىچ.
    223   بىلىملىك،ئاقىل بەگ بولسا ئەل بېشى،
          قىلىچ بىرلە تۈگەر بىلىمسىز ئىشى.
    224   جاھان تۇتماق ئۈچۈن ئەرگە ئاڭ كېرەك،
          ئەل -يۇرتنى سوراشقا بىلىم ئەڭ كېرەك.  
    225   بۇ ئىككى بىرىكسە بولۇر ئەر تولۇق،
          تولۇق ئەر جاھان نېمەتىن يەر تولۇق .
    226   ساڭا ئىككى دۇنيا گەر ئولسا تىلەك،
          ئامالى ياخشىلىق ئېرۇر ئەيلىمەك.
    227   ئەگەر ياخشى بولماق تىلەسەڭ ئۆزۈڭ،
          يۇرى،ياخشىلىق قىل،قوي ئۆزگە سۆزۈڭ.
    228   كىشى مەڭگۈ بولماس،كى مەڭگۈ ئېتى،
          شۇڭا مەڭگۈ قالدى بۇ ياخشى ئېتى.
    229   ئۆزۈڭ مەڭگۈ ئەرمەس،ئېتىڭ مەڭگۈ ئول،
          ئېتىڭ مەڭگۈ ئولسا ،ئۆزۈڭ مەڭگۈ ئول.
     

    توققۇزىنچى باپ ياخشىلىق قىلماقنىڭ مەدھىيىسى ۋە پايدىسى بايانىدا


    230   ئەگەر بولسا ،خەلق ئۈزرە قولۇڭ ئۇزۇن،
          ئەمەل سۆزدە قىل ياخشىلىقنى پۈتۈن.
    231   يىگىتلىك قاچار ئۇ ،تىرىكلىك ئۇچار،
          بۇ چۈشتەك جاھاندىن كىشى تېز كېچەر.
    232   ھايات -دەسمىيە،پايدا-ئەزگۈلۈك[56]،
          بولۇر ساڭا تاڭنا يىمەك -كەيگۈلۈك.
    233   نىمە دەيدۇ ئاڭلا كىشى ياخشىسى:
          تىنارلىق،ماڭارلىق ئاخىر ئولگۈسى.
    234   جاھانغا نە ياڭلىغ ئەر تۇغۇلدى، كۆر،
          بىر -ئازلا يۈردى-دە،يەنە ئولدى،كۆر!
    235   بەگ ئۆلسۇن ۋە يا قۇل يا ياخشى- يامان،
          ئۆزى ئۆلدى،قالدى ئېتىدىن نىشان.
    236   ساڭا تەگدى ئەمدى بۇ نۆۋەت ئورۇن،
          قىلىپ سەن ياخشىلىق ،ياخشى بول بۇرۇن.
    237   تىرىك ئۆلۈر ئاخىر،تۆشەك بولۇر يەر،
          تىرىكتۇر ئېتى ،ياخشى بولسا ئەگەر.
    238   كىشىدە ئىككى ئات،بۇ تىلدا يۈرۈر،
          بىر ئەسكى ،بىر ياخشى جاھاندا قالۇر.
    239   يامانى سۆكۈلۇر ،ياخشى ماختىلۇر،
          قاراپ كۆر ئۆزۈڭگە قايۇسى يۇقار.
    240   ئۆزەڭ ياخشى بولساڭ،ئېتىڭ ماختىلۇر،
          ئەي ھۇشيار،يامان ئات بولسا سۆكىلۇر.
    241   يامان خۇيلۇق زاھھاك [57]سۆكۈلدى نىچۈن؟
          نىچۈن ماختىنىلدى قۇتلۇق پەرىدۇن.
    242   بىرى ياخشى ئەردى،ئۇنى ماختىدى،
          يامان ئەردى بىرسى،ئۇنى قاغىدى.
    243   يامانلىق كېرەكمۇ ،ياخشىلىق ساڭا؟
          قاغىشلىق كېرەكمۇ،ماختاشلىق ساڭا؟
    244   قايۇسىن تىلەسەڭ،بىرىن تاللىغىن،
          يامان -ياخشىلىققا ئۆكۈنمە كېيىن.
    245   بۇ ياڭلىغ سۆز ئېيتتى سىناغان كىشى ،
          سىناغان كىشى ئۇ بىلەر ئەل ئىشى.
    246   كىشى ياخشى ئات بىرلە ئالقىش ئالۇر ،
          يامان ئاتلىق ئولسا،ئۇ قارغىش ئالۇر.
    247   نىچە مەن سىنادىم يامان قىلغۇچى،
          ئكتۈپ كۈنمۇ-كۈنلەر ئازايدى كۈچى.
    248   كۆرۈپ قانچە ئۆتتۈم،يامانلار ئىشى--
          راۋاج تاپمىدى ،ئەي بىلىملىك كىشى.
    249   يامانلىق ئېرۇر ئوت،بۇ ئوت كۆيدۈرەر،
          ئۆتۈشكە يولىدا كېچىك يوق ئېرۇر.
    250   كۆرەرسەنكى،بىزدىن بۇرۇن ئۆتكۈچى،
         ئاۋام خەلق ۋە يا بەگ جاھان تۇتقۇچى.
    251   ئۇلاردىن بىلىملىك بولۇر قايسىسى،
          بولۇپ ئۆتتى دۇنيا- زامان ئىگىسى.
    252   جاھان بەگلىرىدىن كىم ئالىم ئىكەن،
          ئۇلار ياخشى قانۇن تۈزەپ،ئۆرلىگەن.
    253   بۇ كۈندىمۇ ياخىشى ئاتالغان كىشى،
          ئەڭ ئاۋۋال ئېرۇر ئۇ ياخشىلار بېشى.
    254   كىم ئاقىل خان ئولسا ،بىلىمگە يېقىن،
          قىلىپتۇر بىلىملىكنى ئۆزىگە يېقىن.
    255   تۇتۇنغان ئىشىنى بىلىپ ئىشلەر ئۇ،
          بىلىمنى ئىشلىتىپ ئەلنى باشلار ئۇ.
    256   تۈزەدى ئەلنى ئۇ،بېيىدى قارا،
          خەلق بايلىغىن قىلدى ئۆزىگە تۇرا.
    257   چىقاردى ياخشى ئات ،ئاتالدى سېخى،
          سېخى ئۆلسە،ئېتى تىرىك بىل تېخى.
    258   ئۆلۈشىنى بىلگەچ تەييارلىق قىلىپ،
          قويۇپتۇر تىرىككە پۈتۈك،ئات يېزىپ.
    259   بۇ كۈن، كىم ئوقاركەن ئۇلارنى بىلەر،
          ئالۇر ئۈلگە ئۇندىن ياخشىلىق كېلەر.
    260   جاھاندا نىمە بار بىلىمدىن قىممەت،
          بىلىمسىز دىسە،ئەر ئۈچۈن بەكمۇ سەت.
    261   نىمە دەيدۇ ئاڭلا بىلىملىك كىشى،
          جاھاندا سىنالغان،يېتىلگەن بېشى.
     262  بىلىمسىزگە تۆردە ئورۇن بولسا،كۆر،
          بۇ تۆر بولدى پەگا ، پەگا بولدى تور.
    263   بولۇپ قالسا پەگا ئالىمغا ئورۇن،
          بۇ پەگا بولۇر،تۆر تېخى ئەڭ بۇرۇن.
    264   بۇ ھۆرمەت پۈتۈنلەي بىلىمگە ئېرۇر،
          ئۇ مەيلى ئىشىكتە يا تۆردە تۇرار.
     265  ئىككى خىل ئېرۇر،كۆر،بۇ ئىسىل كىشى،
          بىرى بەگ،بىرى ئالىم-ئىنسان بېشى.
    266   بۇلاردىن بۆلەكنى سەن يىلقى سانا،
          تىلەسەڭ بۇنى تۇت،ئۇنى سەن ۋە يا.
    267   ئۆزۈڭ قايسىسى سەن ماڭا تىلىڭ ئاچ،
          ئىككىدىن بىرى بول،ئۈچىنچىدىن قاچ!
    268   ئېلىپ قولغا قىلىچ ،بىرى ئەل تۈزەر،
          قەلەم بىرلە بىرسى،ھەق يول كۆرسىتەر.
    269   ئۇلاردىن قېلىپ كەلدى ياخشى نىزام،
          مىراس بۇ،كىم ئالسا،ئۇ ئۆرلەر تامام.
    270   ئۆلۈكتىن تىرىككە مىراستۇر بۇ سۆز،
          مىراس سۆزنى تۇتسا بولۇر پايدايۈز.
    271   بىلىمسىز ئېرۇر ئۇ قارغۇ بەلگۈلۈك،
          ئەي كۆزسىز ،بىلىمدىن سەن ئالغىن ئۇلۇگ[60].
    272   كىشى كۆركى سۆزدۇر،كۆپتۇر سۆز تۈرى،
          تىلىم ،ماختا خۇش سۆز كىشىنى، يۈرى!
    273   كېلۇر بۇڭا ئوخشاپ تۈركچە مەسەل،
          بۇنى ئېيتايىن مەن مۇشۇ يەردە دەل:
    274   ئەقىل كۆركى تىلدۇر ،بۇ تىل كۆركى سۆز ،
          كىشى كۆركى يۈزدۇر ،بۇ يۈز كۆركى كۆز.
    275   كىشى تىل بىلەن دەر سۆزىنى ئۆزى ،
          سۆزى ياخشى بولسا، يورۇيدۇ يۈزى.
    276   بۇ تۈرك بەگلىرىگە سېلىنسا نەزەر،
          جاھان بەگلىرىنىڭ ياخشىسى شۇلەر .
    277   بۇ تۈرك بەگلىرىدىن ئېتى بەلگۈلۈك،
          توڭا ئالپ ئەر[61]ئىدى بەختى بەلگۈلۈك.
    278   ئىلىمدە بۈيۈك ،كۆپ پەزىللىك دىلى،
          بىلىملىك ،ئەقىللىق،خەلقنىڭ خىلى.
    279   ئىدى ئۇ سەرە -خىل ، زىرەك ئەر ئوغلان،
          دۇنياغا زىرەكلەر بولۇر ھۆكۈمران.
    280   تاجىكلار ئۇنى دەيدۇ ئەفراسىياپ،
          بۇ ئەفراسىياپ تۇتتى ئەللەر تالاپ.
    281   جاھاننى تۇتاي دەپ سۇنۇشقا ئىلىگ،
          كېرەك كۆپ پەزىلەت بىلەن كۆپ بىلىگ.
    282   تاجىكلار كىتاپتا پۈتۈپتۇ بۇنى،
          كىتاپقا پۈتمىسە ،كىم ئۇققاي ئۇنى.
    283   ئەجەپ ياخشى ئېيتقان جەسۇر باتۇر ئەر،
          جاسارەتلىك ئەر چىڭ تۈگۈننى يېشەر.
    284   پەزىلەت كېرەك مىڭ تۇتۇشقا جاھان ،
          قۇلان تۇتقىلى ،كۆر كېرەك ئارسلان .
    285   ھۆكۈمدارغا خىسلەت كېرەك مىڭ تۈمەن،
          ئۇنۇڭلە تۇتسا ئەل ،يوقالۇر تۇمان.
    286   قىلىچ بىرلە كەسسۇن يېغى بوينىنى،
          قانۇن بىرلە تۈزسۇن ئېلى -خەلقنى.
    .
    ئونىنچى باپ بىلىم بىلەن ئەقىلنىڭ پەزىلەت ۋە پايدىلىرى بايانىدا
     
    287  تىلەگىم ئىدى سۆز ،ئەي ئالىم ھېكىم ،
         ئەقىل ۋە بىلىمدىن سۆزلەش مەخسىدىم.
    288  ئەقىلدۇر چىراقتەك قاراڭغۇ تۈنى،
         بىلىم-ئۇ يورۇقلۇق يورۇتقاي سېنى.
    289  ئۆسەر ئەر ئەقىلدىن ،بىلىمدىن بۇيۇر،
         بۇ ئىككى بىلەن ئەر قەدىرلىك بولۇر.
    290  بۇڭا پۈتمىسەڭ كۆركى،نوشىن راۋان،[62]
         ئەقىل كۆزى بىرلە يورۇتتى جاھان.
    291  بېيىدى ئېلى،تۈز يورۇتكەچ نىزام،
         ئەجىپ ياخشى ۋاختا قويۇپ ياخشى نام .
    292  دىمىش بىر ھىكىم سۆز ئۇنىڭغا ئاتاپ،
         دەۋزىخى بولسىمۇ ئاڭا يوق ئازاپ.
    293  گۆدەككە قارا ،ئۇ تاپۇر ئەقىل ھەم،
        يېشى تولمىغۇنچە يورۇتماس قەلەم.[63]
    294  ئەقىللىق كىشى ھەم قېرىسا ئازار،
         ئەقىل كەتتى دەپھەم قەلەممۇ تىنار.
    295  ئەگەر تەلۋە بىر ئەرنى ئۆلتۈرسە راس ،
         ئۇنىڭغا ئۆلۈم يوق،ئېلىنماس قىساس.
    296  نىمىشقا دىسەڭ، ئۇ ئەقىلسىز ئېرۇر،
         ئەقىلسىز مۇكاپات،جازاسىز ئېرۇر،
    297  ئەقىلدىن بۆلەككە ھۆرمەت بولمىغاي،
         ئەقىلسىز ئادەم ئۇ بىر ئوچۇملا لاي.
    298  قاراپ كۆر ،مۇنۇ سۆز ياخشى ئېيتىلغان:
         ئۆزىنى بۇيۇتمەس ئەقىلسىز نادان.
    299  ھەر كىمنىڭ كىيىمى بولۇر ئۈستىدە،
         ئەقىللىق،بىلىملىك ئەزىز ئەسلىدە.
    300  ئەقىل بولسا ،ئىسىل بولۇر بولسا ئەر،
         بىلىم بولسا ،بەگلىك قىلۇر قىلسا ئەر.
    301  ئەقىل كىمدە بولسا ،بولۇر ئۇ ئىسىل،
         بىلىم كىمدە بولسا،بولۇر خان ئۇ،بىل.
    302  كىشى ئوغلى سۇندى قوڭۇر يەرگە قول،
         بىلىم بىرلە تاپتى ھەر نەرسىگە يول.
    303  ئەقىل بىرلە ئىسىل ئاتىلۇر كىشى،
         بىلىم بىرلە  بەگلەر قىلۇر ئەل ئىشى.
    304  تولا ئالقىش ئالغان تۈمەن پەزلىلەر،
         قىلىنغاچ ئەقىل بىرلە ماختالدىلەر.
    305  ئەقىل ئازىنى ئاز دىمە،نەپئى كۆپ،
         بىلىم ئازىنى ئاز دىمە ،قەدرى كۆپ.
    306  ھېكىملەر سۆزىنى ئىشىت ۋە چۈشەن،
         بۇ تۆت نەرسە ئازىنى ئاز دىمە سەن :
    307  بۇ تۆتنىڭ بىرى ئوت،بىرىدۇر يېغى،
         ئۈچۈنچى ،كېسەللىك-ھايات ئوزىغى.
    308  ئۇلاردىن كېيىنكى بىرىدۇر ئىلىم،
         بۇ تۆتىنى بوش كۆرمە ، بەكمۇ مۇھىم.
    309  بۇلاردا بولۇر كۆپ پايدا يا زىيان،
         بېرىم يا ئېلىمدەك بولۇر ھەرقاچان.
    310  بىلىم كىمىيادەك[64] يىغار نەرسىنى ،
         ئەقىلدۇر سارايى ،يىغار ھەممىنى.
    311  ئىپار بىرلە بىلىم كېتەر ئوخشىشىپ،
         تۇتۇپ بولماس ئۇنى ئۆزدە يوشۇرۇپ.
    312  ئىپارنى يوشۇرساڭ،بويى بىلدۈرەر،
        بىلىمنى يوشۇرساڭ،تىلىڭ كۆرسىتەر.
    313  بىلىم بايلىق ئول،گادايلاشمايدىغان،
         قاراقچى ۋە ئوغرى ئالالمايدىغان.
    314  كىشىگە ئەقىل ۋە بىلىمدۇر كىشەن  ،
         يامانلىق قىلالماس ئەر كىشەن بىلەن .
    315  كىشى ياخشى ئاتنى كىشەنلەپ تۇتار،
         كېرەكلىك ئېتىنى كۈزەتىپ تۇرار.
    316  كىشەنلىك قاچالماس،كېرەكچە يۈرۈر،
         تۇشاغلىق كېتەلمەس،تىلەكچە بولۇر.
    317  ئەقىلدۇر ساڭا ئانت قىلىشقان ئاداش ،
         بىلىم چىن مېھرىۋان ساڭا قېرىنداش.
    318  نادانغا يېغىدۇر بىلگەن-ئەتكىنى،
         يېتەر شۇ ئىككىنىڭ جىدەل غەليىنى.
    319  بۇڭا ئوخشاپ كېلەر تۈركچە مەسەل،
         ئوقى ھەم كۆڭۈلدە بۇڭا قىل ئەمەل:
    320  ئاقىلغا ئۆز ئەقلى ئەشلىككە[65] يارار،
         نادانغا ئېتى بەس،قاغىش ياغدۇرار.
    321  بىلىملىككە ئىلمىي تولۇق تون ۋە ئاش،
         بىلىمسىزگە قىلقى يامان بىر ئاداش.
    322  ئەي ئاقىل،غەزەپنى قىل ئۆزدىن يىراق،
         ئاچچىقتىن يىراق بول،ئال ياخشى ئاتاق.
    323  بۇ ئاچچىق،غەزەپتىن سەن ئەيلە ھەزەر،
         يېقىن كەلسەڭ ئولغاي ھاياتىڭ خەتەر.
    324  غەزەپلىك ئىشىڭ ئۇ پۇشايمان بېرۇر،
         قىزىققانلىق ئولساڭ ئىشىڭ بۇزۇلار.
    325  كىشىگە چىداملىق،ئېغىرلىق كېرەك،
         كۈن-ئاي تۇغسا بەككە تەمكىنلىك كېرەك.
    326  يۇمشاقلىق كېرەك ھەم سىلىقلىق كېرەك،
         ئاقىل ھەم بىلىملىك بولماغلىق كېرەك.
    327  ئەقىل كۆپ كېرەكتۇر،تاللاشقا كىشى،
         بىلىم بەك كېرەكتۇر ،قىلىشقا ئىشى.
    328  ياراملىق،يارامسىزنى ئايرىپ كۆرۈپ،
         كېرەكلىك ،كېرەكسىزنى ئوبدان تونۇپ.
    329  راسا تاسقىسا چىڭ ،ئېنىق تاللىسا،
         پۈتۈن ئىشقا ئۆتكۈر نەزەر تاشلىسا:
    330  شۇ چاغدا بولۇر ئىش پۈتۈن ۋە پىششىق،
         بىلىملىك كىشى يەر ئېشىنى پىششىق.
    331  يېتەدۇر تىلەككە ئاشۇنداق كىشى،
         چۈشەر ئىككى دۇنيادا يولغا ئىشى.
    332  غەزەپ بىرلە ئاچچىق كىشىگە يامان،
         چېكەر تەن ھەمىشى بۇلاردىن زىيان.
    333  ئىشىتكىن ،نىچۈك قىلدى ئالىم خىتاپ،
         بەختلىك كىشى ماڭ بۇ سۆزگە قاراپ:
    334  قىزىققان بولسا ئىنسان بىلىمسىز بولۇر،
         غەزەپلەنسە ئادەم ئەقىلدىن قالۇر.
    335  غەزەپ ئەرگە يامان،بىلىم كەتكۈزۇر،
         غەزەپتە يۇمشاقمۇ قوپاللىق قىلۇر.
    336  نىمەدۇر بىلىملىك كىشى ئاڭلىغىن،
         بىلىملىك سۆزى تەڭ شىرىن جانغا چىن:
    337  بۇ بىر نەچچە نەرسە كىشىگە ياۋۇز [66]،
        بۇنى قىلسا كىشى بۇزار ئۆزىنى -ئۆز:
    338  بىرى يالغان ئېيتماق ئېرۇر سۆزىدە،
         ئىككىنچى ،تۇرماسلىق قىلغان ۋەدىدە؛
    339  ئۈچنچى،ھاراققا بولۇش مۇپتىلا ،
         بۇ ئەر ئۆمرى شەكسىز كېتەر بوشقىلا.
    340  يەنە بىرسى كاجلىق،جاھىللىق قىلىش،
         جاھىللىق جاھاندا ياشاتمايدۇ خوش.
    341  ئېرىغسىز قىلىقنىڭ بىرى قوپاللىق،
         قىلۇر ئۇ كىشىلەر ئويىن توزانلىق.
    342  بىكارغا چېچىلىپ،ئاچچىقلاش بىرى،
         تىلىن ئاچسا يارا بولۇر ئەل دىلى.
    343  كىشىدە يىغىلسا بۇ نەرسىلەر گەر،
         مۇبارەك سائادەت ئۇنىڭدىن تېزەر.
    344  پەلەكمۇ يار ئولماس ،بېشى ئايلىنار،
         بۇنىڭلە خۇلقىمۇ ئىزىدىن چىقار.
    345  يۇرى، ياخشىلىق قىل ئەي ياخشى كىشى،
         ئوڭۇشلۇق ھامانە ياخشىنىڭ ئىشى.
    346   نىمە دەر ئىشىتكىن مۇلايىم كىشى،
         سىناپ ئالغۇچى قولغا دۆلەت ئىشى:
     347  قېرىماس ياخشىلار يىل ئۆتكەن بىلەن،  
          تۈزەلمەس يامان ،مىڭ تۈزەتكەن بىلەن.
    348   يامان -ئۆمرى قىسقا ،ئۆكۈنچتە قېرۇر،
          ئۇزۇن ياشلىق،ياخشى ئۆكۈنچسىزيۈرۈر.
    349   تىلەككە يېتەر ياخشى كۈندە يېڭى،
          كۈنىگە مىڭ ئارتار ياماننىڭ مۇڭى.

    ئون بىرىنچى باپ كىتاپنىڭ نامى مەنىسى ۋە مۇئەللىپنىڭ ئۆز قېرىلىغىنى ئېيتقانلىغى بايانىدا
    350  كىتاپ نامى قويدۇم قۇتادغۇ بىلىك،
         قۇتاتسۇن ئوقۇچىغا تۇتسۇن ئىلىگ.
    351  سۆزۈم سۆزلىدىم مەن ،پۇتىدىم بىتىك،
         سۇنۇپ ئىككى دۇنيانى تۇتسۇن ئىلىگ.
    352  كىشى تۇتسا بەخت بىرلە ئىككى جاھان،
         بەختلىك بولۇر،بۇ سۆزۈم چىن ھامان. 
    353  بۇ كۈنتۇغدى ئېلىگنى قىلدىم  سۆز بېشى،
         ئىزاھلاي بۇنى ھەم ،ئەي ياخىشى كىشى.
    354  ئۇنىڭ كەينىدىن ئېيتتىم ئايتولدىنى ،
         يورۇيدۇ ئۇنىڭدىن سائادەت كۈنى.
    355  بۇ كۈنتۇغدى توپ-توغرا قانۇن ئۆزى،
         بۇ ئايتولدى -بەخت ھەم سائادەت سۆزى.
    356  كېيىن ئېيتتىم ئەمدى ئوگدۇلمىشىن،
         ئەقىلنىڭ ئېتى ئۇ ،زورايتۇر كىشىن.
    357  كېيىن ئېيتتىم ئودغۇرمىش ئۆزرە سۆزۈم،
         ئۇنى ئاتىدىم "ئاقىۋەت" دەپ ئۆزۈم . 
    358  سۆزۈم ئۇشبۇ تۆت نەرسە ئۈستىدەدۇر،
         ئوقۇساڭ دىققەتلە، مەنا ئاچىلۇر.
    359  خوشاللىقتا يۈرگەن ئەي ياخشى يىگىت،
         سۆزۈمنى زايا قىلما ،ئوبدان ئىشىت.
    360  تىرىش،توغرا يولدىن ئاداشما ھامان ،
         يىگىتلىك كەتمىسۇن بىكار پايدىلان.
    361  ئەزىز تۇت يىگىتلىكنى ،تېز كەتكۈسى،
         تۇتساڭمۇ قانچە چىڭ،ئاخىر قاچقۇسى.
    362  سېنىڭدە بار ئىكەن يىگىتلىك كۈچى،
         زايا قىلما،بول تائەت،خىزمەت قىلغۇچى.
    363  بۇ ياشلىققا ھەسرەتتە پۇشايمان ئۆزۈم،
         پۇشايماندا يوق پايدا،كەستىم سۆزۈم.
    364  قىرىقتىن ئۆتسە كىمنىڭ تىرىكلىك يىلى ،
         ۋىدالاشتى ئۇندىن يىگىتلىك تىلى.
    365  تەككۈزدى ماڭا قولىن ئەللىك يېشىم ،
         قوغۇ[67]قىلدى قۇزغۇن تۇسىدەك بېشىم .
    366  مېنى قىچقىرىپ ئاتمىش،دەيدۇ ئۇ كەل!
         بارارمەن ئەگەرچە يەتمىسە ئەجەل.
    367  ئەگەر تولسا ئاتمىشقا ئادەم يېشى ،
         كېتىپ زەۋق،ئۇنىڭ يازى بولۇر قىشى.
    368  ئوتتۇز يىققاننى ئالدى ئەللىك مانا،
         قولىن ئۇرسا ئاتمىش نەقىلغاي تاڭا.
    369  نىمە قىلغان ئەردىم ئەي ئەللىك ساڭا،
         نىمە شۇنچە سەن ئۆچ ساخلىدىڭ ماڭا.
    370  يىگىتلىكتە تاتلىق ئىدى ھەر ئىشىم ،
         ئوغا قىلدى ئەمدى مېنىڭ يەر ئېشىم .
    371  بويۇم ئىدى ئوقتەك،كۆڭۈل ئىدى يا،
         كۆڭۈلنى قىلغۇچە ئوق،بويۇم بولدى يا.
    372  يىگىتلىك نىمە يىققان بولسا ماڭا،
         قېرىلىق كېلىپ ئالدى ،كەلگەي ساڭا.
    373  ئايا،كەل نىجاتچىم،قۇتۇلدۇر مېنى،
         بولۇپمەن جاپادا يىل،ئاي تۇتقۇنى.
    374  كىشەنسىز پۈكۈلدى ،ماڭالماس پۇتۇم،
         قارايدى -يورىماس بولۇپ نۇر كۆزۈم.
    375  كېتىپ زەۋق،ئۆچتى ھەم كۆڭۈلنىڭ ئتى،
         ئۇزاقلاشتى مەندىن يىگىتلىك ئېتى.
    376  ئويغان ئەي بوز چاچلىق ،ئۆلۈمگە ئىشەن،
         بۇ كەچمىش كۈنىڭگە يىغلا ھەم ئۆكەن.
    377  ئۆتۈپ كۈن بىكارغا،تۈگىدى ھايات،
         بۇ قالمىش كۈنۈڭنى تەۋبىلە ئۇزات.
      378ئەي ئىگەم سەنلا مەڭگۈ مۇڭسىز تىرىك،
         ياراتتىڭ ئۆلۈمگە بۇ سانسىز تىرىك.
    379  دۇئا بىرلە سەندىن تىلەيمەن شۇنى،
         ئۇزارتىپ يېشىمنى ،تىرىك قىل مېنى.
    380  بۇ سۆز باشلىدىم سەندىن تىلەپ مەدەت،
         تاماملاشقا سۆزۈم ماڭا بەر مەدەت.
    381  تىلىم تىنما، ماختا ياراتقۇچىنى،
         يامانلىقنى مەندىن يوقاتقۇچىنى.
    382  ئۇ تاللاپ ياراتتى،يورۇتتى دىلىم،
         ئىمان بىرلە تېچ يولنى تاپتى دىلىم.
    383  قاراڭغۇدا ئەردىم ،يورۇتتى تونۇم،
         زۇلمەتتە ئىدىم مەن ،تۇغۇلدى كۈنۈم.
    384  يۈرەتتىم ئېزىپ مەن ،ئۇ كۆرسەتتى يول،
         كۆيەتتىم  مەن ئوتتا ،قۇتۇلدۇردى ئول.
    385  كۆتەردى ،تاللىدى،ئايرىدى مېنى،
         ئازغىنلار يولىدىن قايرىدى مېنى.
    386  بېزەتتى دىلىمنى يورۇقلۇق بىلە ،
         تىلىمنى بېزەتتى گۇۋالىق بىلە.
    387  ئۇ بەردى كۆڭۈل ،كۆز ،بىلىم ،ئاڭ ،ئەقىل،
         سۆزلەشكە يول ئاچتى ،راۋان قىلدى تىل.
    388  ھەبىپ[68]ئەلچى يولى كىپايە ماڭا ،
         شۇ ئەلچىلا بولسۇن ماڭا باشپانا.
    389  بۇ ھەممە ئىگەمنىڭكى پەزلى ئىدى،
         مېنىڭدەك ئاسىي قۇلنى قەدىرلىدى.
    390  بۇنىڭ شۈكرىنى مەن نىچۈكمۇ ئۆتەي،
         ئەگەرچە ياشىساممۇ يىللار ۋە ئاي.
    391  ئىلاھا بىلەرسەن بۇ ئاجىزلىغىم،
         ئاچارمەن ساڭا بار مۇشكۈلۈم،غېمىم.
    392  قىلالمايمەن ساڭا مەن لايىق شۈكۈر،
         مېنىڭچۈن ئۆزەڭ قىل مۇۋاپىىق شۈكۈر .
    393  مۇشۇ توغرا يول ئۆزرە تۇتقىن مېنى،
         مېنىڭدىن چۇچۇلما[69]بۇ ئىمان تونى.
    394  تېنىمدىن چىقاردامېنىڭ بۇ جېنىم،
         شاھادەت بىلە كەس ئاخىرقى تىنىم.
    395  ئۆزەم يەر ئاستىدا قالغاندا تەنھا،
         تولا رەھمىتىڭنى ماڭا تۆك خۇدا.
    396  تائەتسىز قۇلۇڭمەن گۇنايىم تولا ،
         ئۆزۈڭ پەزلى بىرلە كەچۈر ئەي خۇدا.
    397  مۆمىنلەر بارىنى ئۆزۈڭ ئەپۇ ئەت،
         ئۇ باقى جاھاننىڭ دىدارىن كۆرسەت.
    ئون ئىككىنچى باپ سۆز بېشى كۈن تۇغدى ئېلىگ ھەققىدە

    398  ئەقىل ئەرز ئېتەر،كۆر ،بىلىك بىلدۈرۇر،
         قارارسىز جاھاننى ساڭا ئۇختۇرار.
    399  قېرى بۇ قارارسىز ،ۋاپاسىز جاھان،
         قىلىقى قىز كەبى،ئۆزى قېرىغان.
    400  ئېرۇر بەزى خۇلقى قىز خۇلقىدەك خوپ،
        ئۆزىن سۆيدۈرەر،قولنى بەرمەس تۇتۇپ.
    401  ئۇ ،سۆيگەننى سۆيمەس،كىيىكتەك قاچار،
         قاچقانغا  يېپىشىپ،پۇتىنى قۇچار.
    402  ياسانىپ ئۇ بەزى ئارقاڭدىن چاپار،
         سېلىپ بەزى كۆرمەسكە تەتۈر قارار.
    403  قاراساڭ ئۇ بەزەن تېز ئۆرەر يۈزىن،
         قىلىپ نازنى نەچچە تۇتقۇزماس ئۆزىن.
    404  تالاي بەگنى قېرىتتى،قېرىماس ئۆزى،
         كەچۈردى تالاي بەگنى،تۈگىمەس سۆزى.
                 *   *   *
    405   بەگ ئەردى جاھاندا بىلگىچ،ھېكىم،باش،
          بۇ بەگلىكتە بولدى ئۇزۇن ئاڭا ياش .
    406   بۇ كۈن تۇغدى ئەردى،ئېتى بەلگۈلۈك،
          جاھان ئىچرە مەشھۇر قۇتى بەلگۈلۈك.
    407  مىجەزى ئىدى تۈز ۋە خۇلقى ئوڭاي[70]
         سۆزى چىن ،پۈتۈن ھەم كۆزى ،كۆڭلى باي.
    408   ئەقىللىق ۋە ئويغاق بىلگىچ زات ئىدى،
          يامانغا بىر ئوت ،ياۋغا بىر ئاپەت ئىدى.
    409   جەسۇر،مەغرۇرئەردى ۋە قىلقى كونى،
          يۈكسەلتتى كۈندىن -كۈن  بۇ خۇلقى ئۇنى .
    410   مۇشۇنداق بەگ ئەردى بىلىمى بىلە،
          ياشادى ۋە يۈردى تۈز خۇلقى بىلە.
    411   سىياسەت قىلۇر ئەردى ھىممە بىلە،
          بۇ ھىممەت يارىشۇر مۇرۇۋەت بىلە.
    412   بۇڭا ئوخشاپ كېلۇر بىر شائىر سۆزى،
          ئوقۇسا ئېچىلغاي ئوقۇچى كۆزى:
    413   مۇرۇۋەت ۋە ھىممەت بىردەك كېرەك،
          يىراقلاش ئۈچۈن پەس -ياماندىن دىمەك.
    414   مۇرۇۋەت ،ھىممەتلە قەدىر ئۆلچىنۇر،
          كىشىلىككە ھىممەت ،مۇرۇۋەت كېرەك.
    415   مۇشۇ قىلقى بىرلە بۇ كۈنتۇغدى خان-
          كۈن-ئايدەك چېچىپ نۇر،يورۇتتى جاھان.
    416   ئاقىل بولسا كىم ،ئۇ چاقىرتتى ئۇنى،
          كىم ئالىم بولسا ئۇ، بويۇتتى ئۇنى.
    417   يىغىلدى يېنىغا جاھان خىللىرى،
          ئەقىل ھەم ئىلىمدە تاللانغانلىرى .
    418   ئۆزى ئىشلىدى ،تۈزدى ئەل ئىشىنى،
          تىلەيتتى يەنە ئۇ سەرخىل كىشىنى.
    419   كى ياردەم قىلسا، ئىش باشلىسا ئۇلار،
          ئۆزى تىنسا بىر ئاز،ئىشلىسە ئۇلار.
             *   *     *
    420    دىدى ئولتۇرۇپ غەمدە بىر كۈن ئۆزى،
           بۈيۈك ئىش بۇ بەگلىك ئىشى ھەم سۆزى.
    421    كۆرەرسەن ،ئېرۇر كۆپ باش ئاغرىق ئىشى،
          سۈزەر بۇ كۆپ ئىشنى ئەقىللىق كىشى.
    422    قىلالماسمەن يالغۇز پۈتۈن ئەل ئىشىن،
            كېرەك ماڭا بىر ئەر بىلۇر ئىش بېشىن.
    423    كېرەكتۇر ماڭا بىر سەرە-خىل كىشى،
           ئەقىللىق، بىلىملىك ،كىشىلەر بېشى.
    424    كۆيۈمچان بولسا ،راست ھەممە قىلغىىنى ،
           تىلى ،كۆڭلى تۈز بولسا ،بىلسە بۇنى.
    425    قىلىپ بەرسە ئەردى مېنىڭ ئىشلىرىم،
           كۆرۈپ تۇرسا ئەردى ئىچۇ-تاشلىرىم.
    426   نىمە دەيدۇ ئاڭلا،سىناغان كىشى،
          تولا ئىش كەچۈرۈپ چوڭايغان يېشى:
    427    كېرەك ئەرگە قولداش ۋە ياردەمچىلەر،
          ئەقىللىك بىلىملىك دانا ئەلچىلەر،
    428   كېرەكتۇر ئىش بىلەر ياردەمچى دىمەك،
          بىلىپ ئىشلىسە قولغا كەلگەي تىلەك.
    429   ياردەمچى كوپ ئولسا ،بەككە جەۋر كام،
         ئىشى يولغا چۈشكەي ،بۇزۇلماس نىزام .
    430  كېرەكتۇر ھەر ئىشتا ياردەمچىلەر ،بىل،
         بۇ بەگلىك ئىشىدا ئۇنى تولا قىل.
    431  تىلەپ ياردەمچىنى تاپالماي ئىېلىگ،
         پۈتۈن ئىشقا سۇندى ئۇ ئاخىر ئىلىگ.
    432  قىينالدى ئۇ شۇنداق ئەمگەك ئىچرە كۆپ،
         ھالاۋەت ئىستىگەن ئەمگەك چېكەر خوپ.
    433  بۇ ھەقتە سۆزىنى  سىناپ سۆزلىگەن -
         بىر قۇتلۇق ئەزىز ئەر مۇنۇنى دىگەن:
    434  ھالاۋەت ھەمىشە جاپا بىرلەدۇر،
         سۆيۈنۈش قايغۇلە دائىم تەڭ يۈرەر.
    435  باش ئاغرىق چوڭايۇر ،چوڭايسا كىشى،
         يوغان بۆك كىيۇر گەر زورايسا بېشى.
    436  پۈتۈن ئەلگ سالدى كۆز -قۇلاق ئېلىگ،
         ئېچىلدى ئۇنىڭغا بېكىگلىك ئىشىك.
    437  يارامسىزنى قولدىن تۇتۇپ باغلىدى،
         ياماننى ئېلىدىن سۈرۈپ قوغلىدى.
    438  زىرەكلىك بىلەن ئۇ باشقۇردى ئېلىن ،
         يۈكسەلدى ،ئېشىپ ھەم بەختى كۈنمۇ -كۈن.
    439  دىمەك،ئەرگە دائىم ھۇشيارلىق كېرەك،
         بۇ، بەگلىك ئىشىغا كېرەك يەنە بەك.
    440  ھۇشيارلىق،ئويغاقلىق بىلەن ئەل ياشار،
         بۇنىڭ بىرلە دۆلەت ئۇزۇن چاغ تۇرار.
    441  ئوخشايدۇ بۇنىڭغا بىر شائىر تىلى،
         بۇ شائىر تىلىدۇر بۇ سۆزىنىڭ ئۇلى:
    442  ئويغاقلىق ۋە ساقلىقنى ماختىدى ئەر،
         غاپىللىق بىلەن ئەر تۈمەنلەپ ئۆلەر.
    443   غاپىل بولما ساقلان ،پۈتۈن ئىشتا سەن،
          تىلە ئىككى دۇنيا بۇ ساقلىق بىلەن .
    444   كىشى بولسا بىغەم ،ئۇ غاپىل قالۇر،
          يېغى كەلسە ئاۋال غاپىللار ئۆلۇر.
    445   نىمە دەيدۇ ئاڭلا ،جاھان تۇتقان ئەر،
          يېغىنى سەگەكلىك بىلەن ئۇتقان ئەر:
    446   دىسەڭ ئەل تاپاي،ساق بول ئەي ھۆكۈمدار،
          ساق بولماق شەرىئەت يولىدىمۇ بار.
    447   يۇمۇپ كۆزنى غاپىل غەپلەتتە ئۇخلار،
          غاپىل ئولما، ساقلان، ئەي پەيلى ناچار.
    448   ساق بولسا ئەگەر خان ،پايدا ئەلگەدۇر،
          بۇ پايدا بىلەن ئەر ھوزۇرغا تولۇر.
    449   ئېلى بولدى باي ،يۇرتنى تۈزگەچ خاقان،
          بۆرى ،قوي سۇ ئىچتى بىر جايدا شۇئان.
    450   سۆيۈپ دوستلىرى ماختىدىلار ئۇنى ،
          بۇنى ئاڭلاپ يېغى ئەگدى بوينىنى.
    451   سېغىنىپ بىرى كەلدى ،ئىستەپ پانا،
          بىرى ئوپتى كېلىپ ئىشىگىن يانا.
    452   نىمەدۇر،ئىشىت،ئەمدى كۆڭلى ئويغاق،
          سۆزىدە چىچەكتەك تۈمەن مىڭ بوياق:
    453   بۇ بەگلىك،ئۇلۇغلۇغنى خوپ نەرسە بىل،
          يۈرۈشى تېز ئولسا ،ئەي مەڭزى قىزىل.
    454   بولاتتى بۇ بەگلىك تېخى ياخشىراق،
          گەر يولغا قويۇلسا قانۇن توغرىراق.
    455   بېگى ياخشى بولسا ھەم خۇلقى كونى ،
         شۇ چاغدا نە قۇتلۇق بولۇر خەلق كۈنى .
    456  نە قۇتلۇق بەخت ئەرگە بۇ ياخشى ئېتى،
         بۇ ياخشى ئېتىدۇر ماڭگۈلۈك قۇتى[71]
    457   نە ياخشى بولۇر بەگ ئۇ ياخشى كىشى-
         كىشىلىك  بىلە قىلسا ئەلنىڭ ئىشى .
    458  پۈتۈن ئەلگە يەتتى ئېلىگ خىسلىتى،
         يېيىلدى جاھانغا ئۇنىڭ شۆھرىتى.
    459  كۆپەيدى دۇئا ئەلدە ،ياخشى ئېتى،
         زورايدى كۈنمۇ -كۈن ئېتى ،دەۋلىتى.
    460  جاھان خەلقى ئاڭلاپ ئۇنى ئارزۇلاپ،
         توپلاشتى ئەتراپىقا ئۆزىنى ئۇلاپ.
    461   جاھان باغلىدى،كۆر تولۇق بەخت قۇرى،
          قوزى بىرلە قېتىلىپ يۈرۈشتى بۆرى.
      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قۇتادغۇبىلىك