ئىسىل ھېكمەتلىك سۆزلەر

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-08 02:57:40

ئىسىل ھېكمەتلىك سۆزلەر ئاللاھ غەزىپى ساڭا چۇشمەسلىكى ئۇچۇن ئىبادەت ،ئىستىقامەتتە چىڭ تۇر . تولا داۋالاشما ،غەزەپكە يولۇقۇپ قالىسەن. ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ ئازلىغى ،خارلىقنى ئېلىپ كىلىدۇ . دۇنيا ئەھۋال...

    ئىسىل ھېكمەتلىك سۆزلەر

     

     ئاللاھ غەزىپى ساڭا چۇشمەسلىكى ئۇچۇن ئىبادەت ،ئىستىقامەتتە چىڭ تۇر .

     تولا داۋالاشما ،غەزەپكە يولۇقۇپ قالىسەن.

     ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ ئازلىغى ،خارلىقنى ئېلىپ كىلىدۇ .

     دۇنيا ئەھۋالىنى ياخشى بىلسەڭ ،ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەيسەن .

     زىياپەتتە ياخشى تائام ئالدىڭغا قۇيۇلسا ،ئالدىراپ كەتمە،سۇنى تېز ئېچكەن ئادەم تېز ئۇسسايدۇ،ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاندىن.

     ئەگەر،سەن ئىلىم-ھېكىمەتكە ئەمەل قىلالىساڭ ،دۇنيا-ئاخىرەتتە ئىسىل پەزىلەتكە لايىق بۇلىسەن.

    كىشىلەرنىڭ ئولۇغىنى تۇنۇشمۇبىر نېئىمەتتۇر.

     رەببىڭ سەندىن ئىنتىقام ئالمىسۇن دېسەڭ ،كىشىلەرنى قورقۇتما.

     زولۇم قلىپ باي بولساڭ،كېيىن زولۇمغا ئۇچراپ پېقىر بۇلىسەن .

    ئاللاھ خالىغاننىنى ئەزىز ،باي ،خالىغاننىنى پىقىر ،خار قىلىدۇ،بۇ ئىرادىگەئىتراز ،چاقچاق قىلغۇلى بۇلمايدۇ .

     سىنى ئاللاھ سىنايدۇ ،سەن ئاللاھنى سىنىمايسەن،ئۇ خالىغىنىنى قىلىپ سوراققا تارتىلمايدۇ ،سوراق قىلىدۇ،نىمە قىلدىڭ دىمەيدۇ ،بۇنى نىمە ئۇچۇن قىلدىڭ ؟ دەيدۇ . 

     ئاقىل بولساڭ،بالاڭنى ياخشى تەربىيەلە،ياخشى ئەدەپ-ئەخلاق ئۇگىتىپ،يامان كىشىلەردىن يىراق قىل ،چۇنكى ،ئۇ ئاق دەپتەر شۇنداق قىلالىساڭ ،دۇنيا ئاخىرەتتە ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلىسەن .

     شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى،پۇتكۇل مەخلۇقلارنى ياخشى كۇرىپ ،كۇيۇنۇپ يارتىپ،تۇردىغان ئاللاھنىڭ قولىدا ،تەقدىر بار ۋە تەدبىرلەر بار .

    بىلگىنكى پىقىرلىقتىن كېيىن دۇلەتكە ،خارلىقدىن كېيىن ،ئىززەتكە ئېرىشسەڭ ،بالدۇرقى كۇنۇڭنى ئۇنۇتماي شۇكرى قىل ،مال-مۇلكىنى ساقلاپ بېخىللىق قىلىپ ،ھەقنى توسىما،چۇنكى ،ئۇ ساڭا ئامانەت ،ياخشى ئادا قىل ،ئۇمۇ سەندىن يۇتكىلىپ كىتىدۇ ،ساڭا پەقەت ئاخىرىدا ياخشى يامان ھۇكۇم چىقرلىش قالىدۇ خالاس. 

     ھەق يولغا ،ھىدايەت تاپقان كىشىدىنمۇ ئۇلۇغ كىشىنى تاپالامسەن؟ 

     كىمكى ،قانۇن-تۇزۇم شەرىئەتكە خىلاپلىق قىلسا ،يامان جازالىنىدۇ.

    .كۇفرىدىن چۇڭ گۇناھ يۇق.دوۋزاخ ئوتىدىن چۇڭ جازا يۇق .

    .ھەقىقى ئادالەت بەلگىلىمىسى ،ئۇزگەرتىشنى قۇبۇل قىلمايدۇ.

     بەزى چاغلاردا سۇئال سۇرىمىسا گەپ قىلما .

    چۇڭلار ئىشقا بۇيرىسا ،خاتا بولمىسىلا ،ئىجرا قىل ،بولمىسا خەتەرلىك . 

     ئىلىم ھىكىمەتتە ،بىرەرسىنىڭ ئولۇغلۇغىنى ھىس قىلساڭ ،ئۇنىڭغا چۇڭچىلىق قىلما ،چۇنكى سەن ئىلىم ھىكىمەتتىن چۇڭ بۇلالمايسەن .

    ئالىملار مەجلىسىدە ئالدىراپ سۇز قىلما،چۇنكى ،سەندىن ئالىمراقى باردۇر

     نۇرغۇن جايلاردا بىر خل سۇز قىلىش نادانلىق،ھەرخىل جايلاردا ،لايىقىدا سۇز قىلىش دانالىق .

     بىرەرسىنى ياخشى ئەمەلدىن توختىتىپ قۇيما ،بۇلمىسا سەن ياخشىلىقنىڭ دۇشمىنى بۇلىسەن .

    ئامانەتكە خىيانەت قىلمساڭ ،ئىززىتىڭ ،ئىشەنچىلىكلىكىڭ ئاشىدۇ . 

     ھەقىقى ئالىم .ئۇستاز ياكى ئىمام باشلىق بىلەن بەسلەشكەن كىشى ،ھەقىقى ئەخمەق بولىدۇ .

     بىرەر ئۇيگە كىرسەڭ ،شۇ .ئۇيدىكى گۇزەل ئاياللاردىن قاتتىق ھەزەر قىل ،كۇز-قىرىڭنى سالما ،مايىل بولما،ئەنە شۇنداق قىسقا لەززەت ،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۇمرىنى نابۇت قىلدى،زىنا ئويى ،خارابلىق جايى ،زىنانى مەخسەت قىلغان قەلىب ،خاراب ،زىناخور بۇلسا ،تۇغرا يولنى تاپالمايدۇ ،غەزەبكە يۇلۇقىدۇ .

    ئاقىل بولساڭ ،ئۇز ئۇيۇڭنىڭ تەدبىرىنى ياخشى قىل ،ياخشى ئىگە بول ،دەيۇز بولما ،يولىدا كۇنلە ،ئىككى ئالەمدە شېركىڭ بولغان ئايالىڭغا ياخشىلق قىل ،يۇمشاق دىللىق ،سوغا-سالاملىق بولۇپ ،قەلبىنى ئۇت .

     ئىلمىڭدىن ئەجەبلەنمە ،چۇنكى ،ئىلىم دېگەن قىرغىقى يوق ھەكسىز دېڭىز ،سەن بىر گۇھەرگە ئېرىشسەڭ ،باشقىلار مىڭغا ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن ،ئىلىم-ھېكمەت بولسا ،ۋۇجۇدى كام مەنىۋى ئۇلۇغ نەرسە

    باش بولساڭ ،كەينىڭدىكىلەرگە ياخشى ئۇلگە بولغۇدەك بول ،قازى بۇلساڭ ،ياخشى ئاڭلاپ ،غەزەبلەنمەي تۇغرا ھۇكۇم قىل . 

     سېنىڭ بۇيرۇقۇڭ ياكى چەكلىشنىڭ ،ئىرادە قىلشىڭ ياخشىلىققا ئېرشىش ئۇچۇن ئەمەس ،بەلكى ،ئىرادىنى ياخشىلاش ئۇچۇن بولسۇن ،ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ . 

     ئازماسلىقىڭ ئۇچۇن ،پىكىر ،تەپەككۇر،كۇز قاراشتا مۇستەبىدلىك قىلما،ھەم سېنىڭ دوسىتلىرىڭ ئالدىدا شەخسىيەتچىلىك قىلما .

     قاتتىق بولما ،سونۇپ كىتىسەن. يۇمشاق بۇلما سىقىلىپ كىتىسەن . 

     ئىقتىساددا بېخىللىق ياكى ئىسراپچىلىق قىلماي ئوتتۇراھال بول . 

     ساڭا باشقىلار ئىتائەت قىلغاندا ،قادىر بولالايدىغانغا تەكلىپ قىل .

    ئىككى تەرەپكە ئۇتتۇرىدا تۇۇرپ ئادىل ھۇكۇم قىل ،بىر يانغا يان باسما . 

     ساڭا يامانلىق قىلغان كىشىنى ئەپۇ قىلغان بولساڭ ئىككىنچى شۇ ئىشنى تىلغا ئالما . 

     كىم تېرىشسا ئىخلاس قىلسا ،ئاللاھ ئۇنىڭ نەتىجىسىنى چېقرىپ بېرىدۇ .

     بۇگۇنكى پۇرسەتنى ئەتىگە قويما ،تېرىشقان تاپىدۇ . 

     ھاياتىڭدا ئىنتىزامچانلىق بىلەن ئۇزۇڭنى كونتىرۇل قىلالىساڭ ،زور غەلبە قىلغان بولىسەن ،شەھۋەتكە بويسۇنغان خار ،مەغلۇپتۇر .

     چۇڭلار ئالدىدا ھەقنى دىسەڭمۇ ،تاكاللاشقان بولىسەن ،ئۇزۇڭنى كەمتەر تۇت ،سۇزى تۇختىغاندا پۇرسەت تىپىپ سۇزلە . 

     مۇنازىرلەشكەندە ،كۇلۇپ تۇرۇپ ،ئەخلاقلىق بىلەن مۇنازىرلەش . 

     قېرىندىشىڭ ساڭا يامان گەپ قىلسا ،سەن ياخشى گەپ قىل . 

     باشقىلار گەپ قىلۋاتسا ،گىپىنى بۇلمەي ،بېرىلىپ ئاڭلا،سۇكۇت ،گۇھەردىن قىممەتلىك ،سۇزلىسەڭ قىممەتلىك سۇزلە .

     پېقىرنى ۋە ئۇنىڭ كۇز قارشىنى ھاقارەتلىمە .بۇ ئالىيجاناب ئىش ئەمەس .

     كىشىلەر ئارىسىدا ھەقىيقەتنى بۇرمىلىما ،بولمىسا زور ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ .

    ساڭا باشقىلار ئاشكارلىغان سىرنى سەن باشقىلارغا ئاشكارلىما .

    ھاياتى تەرجىمىھالى ياخشى بولمىغان كىشى ئازغۇن ،سەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئازما ،ئىبىرەت ئال . 

     تارىخ دىگەن كەلگۇسىگە تۇتۇلغان ئەينەكتۇر ،ياخشى كۇرىپ باق .

     ھەر قانداق قەۋم بىلەن ياشىساڭ ،ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۇتىۋال .

    سۇزلىرىڭ دائىم قىسقا توغرا ،پايدىلىق بولسۇن .

    توغرا يۇل تاپاي دېسەڭ ،ياماندىن يىراق بول ،مەخلۇققا بولغان تامادىنمۇ يىراق بول ،ئۇ داۋاسى يوق كېسەل ،پېقىر قىلېتىدۇ . 

     ئۇزىنىمۇ بارچە غىمىنىمۇ ۋاختىنىمۇ دۇنياغىلا قا راتقان كىشى قىلچە لەززەت ئالالماي كېتىدۇ ،كىشىلەردىن قورۇققان كىشى ،غەمدە ئولۇپ كىتىدۇ ،لەززەتنى ،باتۇرلار تېتىيالايدۇ .

     كۇندۇزدىكى ئەمەل ۋاختىنىمۇ شەھۋەتكە بەرگەن كىشىنىڭ ئائىلىسى ۋەيران ،خاراپ بولغاندەك،بۇ دۇنيادىكى بارلىق ۋاقتىنى شەھۋەكە بەرگەن كىشى ئاخىرەتتە ۋەيران ،خارابتۇر . 

     دوستڭنىڭ تەبئىتىنى ،مىجەز-خاراكتىرىنى ئۇقماقچى بولساڭ ،ئۇتمۇشىنى سورا .

     ھاياتلا بولساڭ ،خۇشخۇي ،ئەخلاقلىق بول . 

     كىشىلەر ئارسىغا ئاداۋەت سالغان كىشى ئۇزى يالغۇز قالىدۇ،ھەمراھ تاپالمايدۇ . 

     تېشىڭدا ياخشى بولغاندەك ئىچىڭدىمۇ ياخشى بول .

    ئىنسان قېرىسا كېچىكلىككە قايتىدۇ ،كۇزى،سۇزى،قۇلىقى،ئەقلى،ئەستە تۇتۇش ،كۇچ-قۇۋۋىتى ھەممىسى شۇ .

    شۇڭا ئاتا-ئاناڭغا كۇيۇن ياخشىلىق قىل . 

     ئەمەللىرىڭدە ئاللاھقا ئىخلاس قىل ،بۇ قۇلچۇلۇقنىڭ سەمىيمىيتى .

     رەببىڭ ياقتۇرمايدىغان ئىشلار بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق ئىزدىمە ،تەقدىردىكى سىرنى كوچىلىما ،بۇ ئەقلى ئىدراكدىن ئىشتۇر . 

     بىرەرسى مەسلىھەت سورىسا ،ساماۋى كىتاب قۇرئاندىن مەسلىھەت بەر ،مۇسۇلمان بولۇپ ،كارامەت بېرىلگەن بىر زاھىد مۇنداق دېگەن

    مەن ئىسلام دىنىنى نەپسىمگە دەڭلىسەم ،ئۇ ياقتۇرمىدى ،شۇنىڭ بىلەن مەن ئىسلام دىنى توغرا ئىكەن دەپ موسۇلمان بولغان .

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھېكمەت سۆزلەر