خوجا مۇھەممەدشەرىف پىر تەزكىرىسى

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-11 18:10:08

خوجا مۇھەممەدشەرىف پىر تەزكىرىسى ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن،ئاللا ئۆزۈڭنىڭ پەزىلەتلىرى بىلەن ياردەم بەرگەيسەن . ھەزرىتى خوجا مۇھەممەدشەرىف پىر-ئاللا ئۇ ...



     

    خوجا مۇھەممەدشەرىف پىر تەزكىرىسى

       

       ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن،ئاللا ئۆزۈڭنىڭ پەزىلەتلىرى بىلەن ياردەم بەرگەيسەن .

       ھەزرىتى خوجا مۇھەممەدشەرىف پىر-ئاللا ئۇ ئەزىزنىڭ روھىنى پاك قىلغاي- نىڭ تەزكىرىسى بۇدۇر. ئارپىلارنىڭ ئەلاسى،تەسەۋۋۇرۇپ ئەھلىنىڭ پېشۋاسى، سىخىيلارنىڭ سەرخىلى، يولباشچىلارنىڭ يولباشچىسى، بەندىلەرنىڭ مۇلايىمى،يەنى ھەزىرتى خوجا مۇھەممەدشەرىف- ئاللا ئۇنىڭ روھىنى پاك، قەبىرىسىنى نۇرلۇق، ئۇنىڭ تاۋابىئاتلىرىنى كۆپ قىلغاي-نىڭ يۈكسەك مەرتىۋىلىرى رىسالىسىدە، بۇ بۈزرۇكۋار خوجامنىڭ ماختاشقا سازاۋەر بولغان سۈپەتلىرىنى مۇنداق بايان قىلىپتۇ. بۇ بۈزرۇكۋار يەتتە يېشىدا دادىسى بۇ پانى ئالەمدىن ئاخرەتكە سەپەر قىلدى. خوجام يېتىم قالدى، ئانىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىشتا ھېچ سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىدى. ئانىسى بۇ بۈزرۇكۋارنى مەكتەپكە بەردىۋە چاقتا يىپ ئېگىرىپ سېتىپ، بالىسىنىڭ خەقلەيدىغان پۇلى ۋە ئوقۇش بېرىپ ئوقۇتاتتى.خوجام 10 ياشقا كىرگەندە ساۋادىمۇ ئوبدانلا چىقىپ، ئىش ئۇققىدەك بولۇپ قالدى.ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئانىسىمۇ ئالەمدىن ئۆتتى. خوجام يېتىم قالدى. پەرىشانلىقتا ئاچ – زار ئوقۇپ يۈردى. مۇشۇنداق قىلىپ خېلى ئۇزاق ۋاقىتلار ئۆتتى. بىر كۈنى پەرىشان بولۇپ يىغلاپ ئولتۇرسا،بىر بوۋاي كىرىپ سالام قىلىپ:

       - ئەي بالا، يىتىملىككە پەرىشان بولما، غەم يېمىگىن. خۇدانىڭ يولىدا بولغىن، سەمەرقەندكە بارغىن. ئىشىڭ ئۇيەردە راۋاج تېپىپ مۇرادىڭغا يېتىسەن. بىزمۇ ساڭا مەدەتكار بولىمىز- دەپ غايىپ بوپتۇ.خوجام بۇ سىرنى كۆرۈپ: «غايىب ئالەمدىكى روھ ئەرۋاھلار، ماشايىخلار ماڭا خەۋەر بەردى بولغاي» دەپ ئويلاپ، سەمەرقەندكە بارماقچى بولۇپ،ئاتا - ئانىسىنىڭ مازىرىدا تۈنىدى. شۇ كېچە ئاتا - ئانىسى بېشارەت بېرىپ: «ئەي بالام، ھەر ئىشنى شۇ بوۋاي بىلىدۇ، دېگىنىدەك قىلغىن،ھەر قانداق يەردە بولساڭ،خۇدانى يادىڭدىن چىقارمىغىن. مېھنەت، مۇشەققەت ۋە رىيازەت تارتىشقا بەل باغلىغىن. سەمەرقەندكە بارغۇچە ئىلىمئۆگىنىشتىكى تىرىشچانلىقىڭنى يڭقاتمىغىن. ئۇلۇغلارنىڭ روھلىرى سېنى تەربىيەلەيدۇ. بىزنىڭمۇ ساڭا قىلغان دۇئالىرىمىز ئىجابەت بولىدۇ. مۇرادىڭغا يەتكەيسەن» دېدى.

       بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ ھەزرىتى خوجام بار نەرسىلىرىنى يىغىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققىدە نەزىر قىلدى. (ئاندىن) كىتابلىرىنى ۋە ئازغىنە يول ئوزۇقلىرىنى ئېلىپ سەمەرقەند تەرەپكە راۋان بولدى. سەمەرقەندكە يېتىپ بارغان چاغدا، كەچ كىرگەن بولۇپ، ھۈنەرۋەنلەر، ھۈنەرسىز كىشىلەربازار، دۇكانلىرىنى يىغىپ بولغانلىقىنى، (كوچىدا) ھېچ كىشىنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆردى. ھەزرىتى خوجام ھەيران بولۇپ، نەگە بارارمەن دەپ تۇرۇشىغا، ئەتراپتىن، مۇساپىر بولساڭ ئۆزۈڭنى پاناھقا ئالغىن! دەپ توۋلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. ھەزرىتى خوجام بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، (بۇ يەردە) ھەم ھېچ كىشىنى تونۇمايمەن دەپ پەرىشان بولدى. ھەزرىتى خوجام ھەيران قېلىپ، ئامالسىز مەسچىتكە كىردى. مۇئەززىن كېلىپ:

      -ئەي بۇرادەر، قوپۇڭ، چىقىپ باشقا يەرگە بېرىپ يېتىڭ، مەسچىتنىڭ بىساتى يۈتسە تۆلەمگە قالىسىز- دېدى. ھەزرىتى خوجام:

       - ئەي بوۋا، مەن ئوغرى ئەمەس، ئىلىم ئەھلى مۇساپىرىدۇرمەن . بۇ شەھەردە ھېچ كىشىنى تونۇمايمەن. كۈن كەچ بولدى، ئامالسىزلىقتىن ئىلاجىم يوق خۇدايىتائالاغا سېغىنىپ بۇ مەسچىتكە پاناھ تارتىپ كىردىم،- دېدى. مۇئەززىن:

       - مۇساپىر بولسىڭىز، كېرەكلىك نېمىلىرىڭىزنى ماڭا بېرىڭ، ئۆيۈنگە ئاپىرىپ قوياي، ئەتە كېلىپ ئېلىۋېلىڭ،- دېدى. خوجام كىتاب، بوغچىلىرىنى بەردى. مۇئەززىن بۇلارنى ئېلىپ مەسچىتنىڭ ئىشكىنى مەھكەم ئېتىپ كەتتى. ھەزرىتى خوجام خۇدايىتائالانىڭ دەرگاھىدا تائەت – ئىبادەت، نالە ۋە رازى بىلەن مەشغۇل بولدى. تاڭ ئېتىپ، مۇئەززىن كېلىپ ئەزان ئوقۇدى. جامائەت كېلىپ ناماز ئۆتىدى. خەلق نامازدىن يېنىپ، بىر مۇساپىر يىگىتنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى. موللا ئىمام:

       - ئەي يىگىت، نەدىن كەلدىڭىز، قەيەردىن بولىسىز؟- دەپ سورىدى. ھەزرىتى خوجام:

       - مەن سايرامدىن بولىمەن، ئاتا- ئانامدىن كىچىك قېلىپ  ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بىچارە غېرىبمەن. ھېچ تونۇشۇم يوق. كۈن كەچ بولۇپ كېتىپ، مۇشۇ مەسچىتكە كىرىپ قوندۇم،- دەپ جاۋاب بەردى. موللا ئىمام:

      - ئەي مۇساپىر يىگىت،مىرزا ئۇلۇغ بەگنىڭ مەدرىسەسىنىڭ ئاخۇنىغا ئەھۋالىڭىزنى دەڭ، ئەلۋەتتە سىزگە ھۇجرا راسلاپ بېرىدۇ. گاھى بىزنىڭ ئۆيلەرنىمۇ سوراپ تېپىپ كېلەرسىز،- دەپ سەمەرقەند تەكلىپى قىلىپ تارقاپ كېتىشتى.

       ھەزرىتى خوجام مەسچىتتىن چىقىپ، ئاخۇننىڭ ئۆيىنى سوراپ بېرىپ، ئىشىكتە ساقلاپ ئولتۇردى. دەرس ۋاقتى بولغانىدى. ئاخۇن ئۆيىدىن چىقىپ مەدرسەگە قاراپ ماڭدى. خوجام ئاخۇننى كۆرۈپ، سالام قىلىپ ئورنىدىن تۇردى. ئاخۇن ئاتنى توختىتىپ تۇرۇپ:

      ئەي يىگىت، نەدىن كەلدىڭىز، كىمنىڭ بالىسى بولىسىز، نېمە ئىشقا كەلدىڭىز؟- دەپ سورىدى. ھەزرىتى خوجام ئەھۋالىنى بايان قىلدى. خوجامنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ بىر ھۇجرا بەردى. خوجام بۇ ھۇجرىنى تازىلاپ كرىپ ئولتۇردى. ئەمما، خوجامنىڭ تازىلاپلا ھۇجرا قىلاي دېسە، سالغۇدەك ھېچنېمىسى يوق ئىدى. خوجام ۋەيرانىلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، بىر كونا ئىۋرىق، بىر كونا بور بىلەن بىر پۇچۇق خىش تېپىپ، پاكىز يۇيۇپ ھۇجرىغا سالدى. كېچىسى پۇچۇق خىشنى بېشىغا قويۇپ ياتاتتى. خوجام ھەر كۈنى چىقىپ ئاخۇندىن دەرس ئېلىپ ھۇجرىغا كىرىپ، ئىشىكنى مەھكەم ئېتىپ كىتاب ئوقۇش بىلەن كۈنىنى كەچ قىلاتتى. كېچىنى ئۈچ ھەسسىگە بۆلۈپ، بىر ھەسسىدە مۇتالىئە، بىر ھەسسىدە تائەت – ئىبادەت ۋە يەنە بىر ھەسسىدە تاڭ ئاتقۇچە تىلاۋەت قىلاتتى. ھەزرىتى خوجام گاھى مۇتالىئەگە قىزىقىپ، تائەت – ئىبادەتنىڭ زوقىدا ئۈچ كېچە – كۈندۈز ھېچنېمە يېمەيتتى. ھەتتا ئۆزىنىڭ ئاچ – توقلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. گاھى نەپسى غەلىبە قىلسا، يېيىشكە ھېچنېمە يوق بولغاچقا، سەۋر قىلىپ، دەرھال خۇدايىتائالاغا تەشەككۇر بىلدۈرۈپ مەدھىيە ئېيتاتتى. مۇشۇنداق رىيازەت بىلەن 30 يىل مۇشۇ مەدرىسەدە ئوقۇدى.گاھى ئاچلىققا چىدىماي، تاماق يېگۈسى كەلسە، ئاشخانىغا بېرىپ بىرەر سائەت تۇراتتى. دىماغلىرىغا ئاشنىڭ پۇرىقى ئۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر ئاز ئارام ئېلىپ . ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتەتتى. كىشىدىن بىر نېمە تىلىمەيتتى ھەم تەلەپمۇ قىلمايتتى. بۇنىڭ بىلەن 13 – 14 كۈن ئۆتەتتى. بىر كۈنى خوجام نەپسىنى يىغىپ 14 كۈن بولغۇچە بىر لوقمىمۇ تائام يېمىدى. خوجامدا ماغدۇرقالمىدى. بىر كېچىسى تۈن يېرىم بولغاندا، بىر كېنىزەك توققۇز ناننىڭ ئۈستىگە قويۇلغان چوڭ قاچىدىكى چۆچۈرىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى. سالام قىلىپ، ھەزرىتى خوجامنىڭ ئالدىغا قويدى. خوجام: 

       - ئەي كېنىزەك، نەدىن كەلدىڭ ۋە كىمىنىڭ خىزمەتكارى بولىسەن ؟- دەپ سورىدى. بۇ كېنىزەك:

       - مەن خوجا مەسئۇد دېگەن سودىگەرنىڭ خىزمەتكارىمەن. خوجام سەپەرگە بېرىپتىكەن، خانىمنىڭ چۈشىدە بېشارەت بوپتۇ، شۇ زامانلا تاماق تەييار قىلىپ ھۇجرىنى نىشان بېرىپ ئەۋەتتى. سورا – سورا تېپىپ كەلدىم. خوجام بۇ تائاملارنى شۇنداق ئىشتىھا بىلەن يېدى، ئاشقىنىنى كېنىزەككە ياندۇرۇپ بەردى. كېنىزەكمۇ تويغۇچە يەپ خۇش بولدى. خوجام ئىنئامدىن كۆڭلى شادلىققا تولۇپ دۇئا – تەكبىر قىلدى. ئۇ كېنىزەك قايتىپ بېرىپ خوجامنىڭ ئەھۋالىنى خانىمغا بايان قىلدى. ئۇ خانىم ئېتقاد بىلەن (خوجامغا) مۇرىت بولدى. بەش كۈندە، ئون كۈندە پاكىز تاماقلارنى پىشۇرۇپ ئەۋەتىپ بېرەتتى. خوجام كەلگەن تاماقلارنى ئۆزىگە ئوخشاش مۇساپىر، نامراتلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا بېرەتتى. يەنە بىر قېتىملىق تاماق كەلگۈچە خۇدايىتائالاغا شۈكۈر – سەنا ئېيتىپ، تەۋەككۇل قىلىپ ئولتۇراتتى. ھەزرىتى خوجام شۇنداق ئىلىم ھاسىل قىلغانىدىكى، ھەر خىل ئىلىمدىن ۋە ھەر بابدىن ياخشى سۆزلەپ بېرەلەيتتى. شۇڭا، ئەل ئارىسىدا بىلىملىكلىكى بىلەن تونۇلغانىدى. ئىلىم ئۆگىنىش جەريانىدا چەككەن جاپا -  مۇشەققەت ۋە رىيازەتلىرى شۇنچىلىك كۆپ ئىدىكى، پاك كۆڭلىدە ھېچقانداق غەشلىك قالمىدى. رىيازەت تارىتقان سەۋەبتىن ھەممە غەشلىكتىن پاك بولدى. ئىشلىرى شۇ مەرتىۋىگە يەتكەنىدى. بۇنىڭ ئارىسىدا نەچچە ۋاقىت ئۆتتى. تومۇز ۋاقتى، ھەممەيلەن سەيلىگە كەتكەن بولۇپ، مەدرىسەدە ھېچ كىشى يوق ئىدى، تۆت بەش كۈن ئۆتۈپ ھەزرىتى خوجام غۇسلى – تاھارەت قىلىپ، مۇتالىئەگە قىزىقىپ ھۇجرىدا ئولتۇراتتى، ئوتتۇرا ھال ئاۋازدىكى ئات تىۋىشى ئاڭلاندى. ھەزرىتى خوجام بېشىنى كۆتۈرۈپ «بۇ ۋاقىتتا كەلگەن كىمدۇ» دەپ ئولتۇراتتى، - «ئەي مۇللا مۇھەممەدشەرىف بۇياققا چىقىڭ»دېگەن بىر ئاۋاز كەلدى. خوجام بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز يۈگۈرۈپ چىقتى. بىرى قارا قاشقا ئارغىماق مىنگەن، يەنە بىرى ئاق ئارغىماق مىنگەن ئىككى بۈزرۈكۋارنى كۆردى. ئۈستىبېشىغا كىيگەن كىيىملىرى پۈتۈنلەي ئاق بولۇپ، باشلىرىغا ئاسماندىن نۇر يېغىپ تۇراتتى. ھەزرىتى  خوجام سالام قىلدى. بۇ ئىككى بۈزرۈكۋارمۇ سالامىنى ئىلىك ئېلىپ:

       - ئەي موللە مۇھەممەدشەرىف، ئەھۋالىڭىز قانداق؟ ھارماڭ، ئاچماڭ، قايسى ھالەتتە رىيازەت تارتتىڭىز؟- دەپ سوراپ قويۇنلىرىدىن بىر نەچچە جەۋەن ناننى چىقىرىپ بەردى. خوجام تۆۋەنچىلىك بىلەن:

       - ئەي بۈزرۈكۋارلار سىلەر كىم بولىسىلەر؟ تونۇيالماي قالدىم،-دەپ سورىدى. قارا قاشقا ئارغىماق مىنگەن كىشى:

       - مېنى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان غازى دەيدۇ، مېنىڭ تۇرار جايىم قەشقەر زېمىنىدا. بۇ كىشىنىڭ ئېتى سۇلتان خوجا ئەھمەد يەسەۋدۇر. بۇ كىشىنىڭ تۇرار جايى تۈركىستاندىدۇر. ئىككىمىز روھىي ئالەمنى سەيلە قىلىپ، بىر مەردى قابىل كىشىنى ئىزدەپ چىققانىدۇق، ئالەمنى كەزدۇق، بىراق سىزدىن ياخشىراق قابىل ۋە لايىق كىشىنى تاپالمىدۇق. بىز ئۇنى تەربىيەلىمەكچىدۇق. قولىڭىزنى بېرىڭ، كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ،- دېدى. (ئارقىدىنلا)،- كۆزىڭىزنى ئېچىڭ،- دېگەن ئاۋاز كەلدى. خوجام كۆزلىرىنى ئاچتى، ئۆزىنىڭ بىر دەشتى - باياۋاندا تۇرۈغانلىقىنى كۆردى. بۇ ئىككى بۈزرۈكۋارمۇ تۇرۇپتۇ، ئۇلار:

       - ئەي موللا مۇھەممەدشەرىف، بۇ مېھنەت – مۇشەققەت رىيازەتنى تارتتىڭىز، رەھمەت سىزگە. ئۆزىڭىزنى قابىليەتلىك قىلىپ چىقىپسىز.ئەگەر مېنى ئىزدەپ كەلسىڭىز، قەشقەر زېمىنىغا كېلىڭ، بۇ كىشىنى ئىزدەپ بارسىڭىز، تۈركىستانغا بېرىڭ،- دەپ غايىپ بولدى. خوجام بۇ ۋەقەلەرنى كۆرۈپ ئاجايىپ خۇشال بولدى. (ئۇ) سەمەرقەند تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئون كۈندە سەمەرقەندكە يېتىپ كېلىپ، مەدرىسىگە كىرىپ ھۇجرىسىنى كۆردى. چىققاندا يېرىم ئوچۇق قالغان بولۇپ، قايتىپ كەلسە يەنە شۇ پېتى تۇرۇپتۇ. ھېچنېمىسى يۈتمەپتۇ. خوجام ھۇجرىغا كىرىپ جابدۇنماقچى بولۇپ كۆردىكى، ھۇجرىدا بىر نەچچە كىتابتىن باشقا ھېچنېمە يوق ئىدى. ھەيران قېلىپ بىر نەچچە كۈن غەم – ئەندىشىگە چۈشتى. بىر كۈنى قورسىقى ئېچىپ ئاچ ئولتۇراتتى، ھىلىقى سودىگەرنىڭ خىزمەتكارى بىر قاچىدا ئاش، توققۇز ناننى داستىخانغا يۆگەپ، يەنە بىر بوغچا كىيىم – كېچەك، بىر ھەمياندا بەش يۈز تەڭگە خان پۇلى ئېلىپ كىرىپ كەلدى. سالام قىلىپ خوجامنىەڭ قېشىغا ئەكىلىپ قويدى. خوجام تاماقنى يېدى. خۇداغا شۈكۈر قىلدى. كىيىم – كېچەكنى كىيدى. بىر ئېشەك ئالدى، سەكسەن خالتا دۇكىنى قىلىپ، خۇرجۇن تەييارلاپ، يول ئوزۇقىنى ئېلىپ، ئاشقىنىنى مەدرىسە ئەھلىگە نەزىر قىلدى. شۇ يىغىلىشتا بەزى يارانلار خوجامنى قانچىلىك (بىلىم) ئىگىلىگەندۇ دەپ، سىناپ بېقىش ئۈچۈن ھەر كىتابتىن ۋە ھەر بابتىن بەس – مۇنازىرە قىلدى. خوجام بىر مۇنازىرىگە بەش دەلىل بىلەن جاۋاب بەرى. ئۇلار خوجامغا ئاپىرىن ئېيتىپ، قول قويۇپ، ئۆزرە ئېيتتى. بارلىق ئالىي مەرتىۋىلىك زاتلار، ھۈنەرۋەنلەر، ھۈنەرسىزلەر، چوڭ – كىچىكلەر بىردەك:

       - ئەي خوجام نەگە بارىدىلا؟ بىلىملىك ئالىم بولۇپلا، قايسى مەدرىسەنى كۆڭۈللىرى خالىسا مۇدەررىس بولۇپ دەرس ئۆتكەيلا، بىر بۆلەك بەندە ئارزۇ – ئىستىكىگە يېتىپ بەھرە ئالسۇن،- دەپ كۆپ ئۆتۈندى. خوجام دەرھال بۇ ۋەقەنى ئىزھار قىلماي:

       - ئەي دوستلار، ئەمدى بېشىمغا سەپەر قىلىش ھەۋىسى چۈشتى. قالغان مەقسىتىمنى سەپەردە تپقايمەن،- دېدى. ھەزرىتى خوجام دوستلىرى بىلەن خوشلىشىپ يولغا راۋان بولدى. «قەشقەرگە باراي ۋە قايسى تەرەپكە بارسام بولار» دېگەن خىيالغا چۆمدى. ئاخىرى كۆڭلى قەشقەر تەرەپنى تارتتى. ھەزرىتى خوجام: «مېنى تەربىيەلەيدىغان قەشقەردىكىبۈزرۈكۋار ئوخشايدۇ» دەپ قەشقەر تەرەپكە راۋان بولدى.

       ھەزرىتى خوجام شەھەرمۇ شەھەر، تاغمۇ تاغ سەيلە قىلىپ قەشقەرگە كەلدى. ناماز شام بولغاندا بىر سارايغا كېلىپ چۈشتى. ئەتىسى بۇ سارايۋەندىن:

       - ئەي بوۋا، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان غازىنىڭ قەبرىسى نەدە؟-دەپ سورىدى. سارايۋەن مەشھەدنى نىشان قىلىپ كۆرسەتتى. (خوجام) مەشھەدكە راۋان بولدى. بىر باينىڭكىدە قوندى. ئەتىسى بۇ بايدىن:

       - ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان غازى پادىشاھنىڭ مەقبەرىسى قەيەردىدۇ؟- دەپ سورىدى. بۇ باي (خوجامنى) باشلاپ كېلىپ مەقبەرىنى كۆرسىتىپ قويۇپ ياندى. ھەزرىتى خوجام ئۈچ كۈن ئىزچىل شۇيەردە (مەقبەرىگە) يۈزلىنىپ ئولتۇردى. ئۈچىنچى كېچىسى ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان غازى پادىشاھ چىقتى. سەمەرقەند مەدرىسەسىدە قانداق كۆرگەن بولسا، شۇ سۈرەتتە كۆردى. ھەزرىتى پادىشاھ:

       - ئەي موللا مۇھەممەدشەرىف، نېمە قىلىپ ئولتۇرىسىز؟ ھارماڭ.- دېدى. ھەزرىتى موللام:

       - ئەي پادىشاھئالەم، ئەينى چاغدا ھەزرەتلىرى پېقىرنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ بېشارەت بېرىپ كەتكەنىدىلە، مۇبارەك قەدەملىرىنى ئىزدەپ كېلىپ، تاپالماي ھەيران بولۇپ تۇرغانىدىم،- دېدى.ھەزرىتى پادىشاھ:

       - ئەي موللا مۇھەممەدشەرىف، رەھمەت سىزگە. بىزمۇ سىزنى ئىزدەپ كېلىپ قالارمىكىن دەپ كۆز تۇتۇپ تۇرغانىدۇق، ياخشى كېلىپسىز. ئەي موللا مۇھەممەدشەرىف، بىزنىڭ تۇرار جايىمىز مۇشۇ،- دەپ كۆرسەتتى ۋە يەنە،- بىز ياردىمىڭىزدە بولىمىز،- دەپ غايىپ بولدى.

       ھەزرىتى خوجام ئىزچىل بىر ئايغىچە كۈندۈزى نەرسە كېرەكلىرىنى ساتسا، ئاخشىمى بۇ باينىڭكىگە كېلەتتى. يۈكلىرىنى قويۇپ ئەل ئايىغىنى جىمىڭتۇرۇپ ئۆيدىن چىقاتتى. كېلىپ ھەزرىتى پادىشاھنىڭ نۇرانە قەبرىسى ئالدىدا تۇراتتى. ھەزرىتى پادىشاھ بىلەن ئۇچرىشىپ، تاڭ ئاتقۇچە بىللە بولۇپ، نامازنى بىللە ئۆتەپ، نامازدىن بوشىغاندىن كېتىن، يەنە شۇ باينىڭكىگە باراتتى. بىر كۈنى باي «بۇ موللا كۈندە چىقىپ كېتىدۇ، قايان بارىدىغاندۇ، ئوغرى يا قاراقچىمىدۇ؟ مەن بۇنى بىر سىناپ كۆرەي» دەپ ئويلىدى. بىر كۈنى ھەزرىتى خوجامنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ، ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان غازىنىڭ قەبرىسىگە بارغانلىقىنى كۆردى. بۇ باي بىر خالى يەردە مۆكۈپ تۇردى. ھەزرىتى خوجام بۇ ئىشتىن بىخەۋەر بولۇپ، قەبرىگە قاراپ ئولتۇراتتى، ھەزرىتى پادىشاھ پەيدا بولۇپ:

       - ئەي موللا مۇھەممەدشەرىف، ئەمدى سىزنىڭ بىزنىڭ ئارىمىز مەغرىب بىلەن مەشرىقنىڭ ئارىسىدەك يىراققا چۈشتى،- دېدى. ھەزرىتى خوجام نالە ۋە زار قىلىپ:

       - ئەي بۈزرۈكۋار، مەندىن نېمە كەمچىلىك ۋە قانداق خاتالىق ئۆتتىكىن؟- دەپ سورىدى. ھەزرىتى پادىشاھ:

       - بىز سىزنى سىرداش دوست قىلغانىدۇق، بېرىپ بىر چېقىمچىنى ئېلىپ كېلىپسىز،-دېدى. ھەزرىتى خوجام ئارقىسىغا قاراپ، ئۆي ئىگىسى باينىڭ كېلىپ يۇشۇرنۇپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. خوجام پەرياد قىلىپ:    - ئەي بەتبەخت! ئۆزۈڭگىمۇ قىلدىڭ، ماڭىمۇ قىلدىڭ،- دېدى. باي بۇ سىرنى كۆرۈپ قورقۇپ بېرىپ ئۆىدە ياتتى. خوجام:

       - ئەمدى نېمە قىلسام، بۇ گۇناھ مەندىن تۈگەيدۇ؟- دەپ مۇناجات قىلىپ يەنە قاراپ ئولتۇردى. مۇنداق بىر ئاۋاز كەلدى:

       - ئەي موللا مۇھەممەدشەرىف، تا سىز ئەمدى مەككىنى تاۋاپ قىلمىغۇچە، بۇ ئۇيات  سىزدىن بىر تەرەپ بولماس. خوجام شۇ ھامان يېنىپ باينىڭكىگە باردى. باي خوجامنى كۆرۈپ ئايىغىغا يىقىلدى. توۋۋا قىلىپ يالۋۇرۇپ:

      - ئەي بۈزرۈكۋار مەن بىلمەپتىمەن، مېنى كەچۈرۈڭ،- دەپ بار بىساتىنى ھەزرىتى خوجامغا سەدىقە قىلدى. ھەزرىتى خوجام:

       - ئەي باي، قىلغۇلۇقنى قىلدىڭ، ئەمدى ھېچ پايدىسى يوق. ئەمدى سەن پادىشاھنىڭ مەقبەرىسىدە خىزمەتكار بول، بۇ سىرنى زىنھار كىشىگە ئېيتمىغايسەن. ماڭا مەككىگە بېرىش رۇخسەت قىلىندى، مەككىگە بارىمەن،- دېدى. يول ئوزۇقى ئېلىپ ھىندىستان يولىغا كىرىپ مەككىگە راۋان بولدى. تا نەچچە كۈن، نەچچە ۋاقىت شەھەرمۇ شەھەر يۈرۈپ، بەندەرى سۇرەت (سۈرەت لەڭگىرى) گە يەتتى ۋە كۆردىلەركى، مىڭ بەشيۈز كارۋان ئارقا – ئارقىدىن كېمىگە كىرگۈدەك بولۇپ تۇرۇپتۇ. ھەزرىتى خوجام يېتىپ كېلىپ، كارۋان ئەھلىگە سالام قىلدى. كېلىپ كېمىگە كىردى. بۇ كارۋان ئەھلى خوجامنى ئاجايىپ قەلەندەر (دەرۋىش سۈپەت)، مۇشەققەت ۋە رىيازەت تارتقۇچىدەك كۆردى. ( خوجام) كېچىسى تاڭ ئاتقۇچە تائەت – ئىبادەت بىلەن، كۈندۈزى تەسبىھ، تەھلىل ئېتىش، روزا تۇتۇش، تىلاۋەت قىلىش، قۇرئان ئوقۇش بىلەن مەشغۇل ئىدى. كارۋانلارنىڭ سەدىقىلىرى بولسا، ھەزرىتى خوجامغا بېرەتتى. (خوجام) دۇئا – تەكبىر قىلاتتى. شۇ تەرىقىدە نەچچە كۈن كېمىدە ماڭدى.توساتتىن بىر تەرەپتىن شۇنداق بوران چىقتىكى – ئاللا ئۇنىڭدىن ساقلىسۇن- كېلىپ كېمىگە تەگدى. كېمىنى بوران ئېلىپ ماڭدى. كارۋان ئەھلى بۇ بالانى كۆرۈپ نالە زار قىلىشتى. توۋۋا قىلىشىپ گۇناھلىرىنى تىلەشتى. ھەممىسى سەدىقە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ، دۇئا تەكبىر قىلىشتى. ھېچ كىشىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمىدى. كېمە (سۈرئىتى) گوياكى مىلتىق ئوقىدىنمۇ تېز بولۇپ، قاينام تەرەپتىكى ئىسكەندەر مۇنارىغا قاراپ ماڭدى. بۇنى كۆرگەن خالايىق «ۋاي خۇدا، ۋاي مۇسىبەتا» دەپ، بىر – بىرىنى قۇچاقلاپ يىغلىشىپ، ئۆز ئارا زىرالىشىپ، جان قايغۇسىدا خوجامنىڭ ئاياغلىرىغا يىقىلىپ ئۆزرە ئېيتىشىپ:

       ئەي دەرۋىش، سىزنىڭ جىسمىڭىز ھەممىدىن پاكتۇر، بىر دۇئا قىلسىڭىز شەكسىزكى، سىزنىڭ دۇئايىڭىز ئىجابەت بولۇپ، خۇدايىتائالا بىزنى بۇ بالادىن خالاس قىلغان بولاتتى،- دېيىشتى. ھەزرىتى خوجام دەرھال قوپۇپ قول ئېچىپ دۇئا قىلدى. كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ تۇرۇپ مۇناجات قىلدى. مۇناجات: «ئەي پۈتكۈل ھاياتلىقنىڭ پەرۋىشكارى بولغان پەرۋەردىگاھىم، بىزگە ياردەم بەرگىن، سېنىڭدىن ئۈمۈد كۈتۈپ، سېنىڭ يولۇڭدا باش قويۇپ، نالە زار قىلىۋاتقان غېرىبلارغا پاناھ بولغىن، بىز قۇدۇق تېگىگە چۈشۈپ كەتكەن ئەسىرلەردەك، كۆزىدىن ياش تۆكۈۋاتقان بىغۇبار بالىلاردەك، يۈرەك - باغرى كۆيگەن بىچارە قېرى مەزلۇملاردەك كىشىلەرمىز. قان – زەرداب بىلەن تولغان دىلىمىزغا رەھىم قىلغايسەن، بۇ غەم قاينىمىنى بىزدىن يىراق قىلغايسەن. ئەي ئەڭ كەرەملىك، ئەڭ رەھىملىك پەرۋەردىگارىم» دەپ دۇئا قىلدى. كېمە قاينامغا چۈشتى. مۇسۇلمانلار بۇ ھالنى كۆرۈپ ھۇش – باشلىرىدىن كەتتى. ئۆلمەكتىن باشقا چارە قالمىغان بۇ مۇسۇلمانلار يېمەك – ئېچمەكتىن قالدى. جان ۋەھىمىسىدە قالغان (بۇ) بىر توپ خەلق جان تەسلىم قىلدى. ھەر قانچە ئويلاپمۇ ھېچ ئىلاجىنى تاپالمىدى. قىرىق كۈنگىچە بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بوغۇزىدىن بىر لوقما تائام، بىر يۇتۇم سۇمۇ ئۆتمىدى. ھەممە كىشى نالە – زار ۋە داد – پەرياد قىلىپ، «ۋاي خۇدا، ۋاي مۇسبەتا» دېيىشتى. بۇ كېمىنىڭ ئىچىدە گوياكى قىيامەت قايىم بولدى. ھەزرىتى خوجام كېمىنىڭ ئىچىدە ناماز ئۆتەپ ئولتۇرىۋەردى. كىشى كىشىنىڭ ھالىغا يەتكۈدەك ماجال قالمىغانىدى. مەدىكارلىق قىلىدىغان چوڭ ياشتىكى بىر كىشى:

       - ئەي خالايىق، مەن بىر مەسلىھەت قىلاي، ئەگەر ماقۇل بولساڭلار ئېيتاي- دېدى. ھەممە كىشى ھەيران بولۇپ:

      - بىزنى بۇ بالادىن قۇتۇلدۇرىدىغانلا ئىش بولسا، نېمە بولسا دەڭ،- دېدى. بۇ كىشى:

       - مۇبادا كېمە قاينامغا چۈشۈپ كەتدە، ئىسكەندەر مۇنارىغا چىقىپ دۇمباقنى چالسا، كېمە قاينامدىن چىقىدىكەن دەپ ئاڭلىغانمەن، بۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاج يوق- دەپ ئېيتتى. ھەممە كىشى ئۇنداق بولسا چىقىپ دۇمباقنى چالايلى دېيىشىپ، كېلىپ قارىسا، مۇنارنىڭ بېشىدا بىر زەنجىر بار بولۇپ، ھەر كىم بۇ زەنجىرنى تۇتاي دەپ ئۇرۇندى. زەنجىر خېلى ئېگىز ئىدى. بەزى كىشىلەر كېمىنىڭ لېۋىگە چىقىپ سەكرەپ تۇتالماي بېلىقلارغا يەم بولدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلاجىسىز قىلغان پەريادلىرى ئاسمانغا يەتتى. ھەزرىتى خوجام بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ نالە – زارىنىڭ ھەددىدىن ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ، چىداپ تۇرالماي ئىچ – باغرى ئۆرتەندى. ھەزرىتى خوجام چاچراپ قوپۇپ:

       - ئەي مۇسۇلمانلار، مەن جېنىمنى بەندىلەر ئۈچۈن خۇدا يولىدا سىزلەرگە سەرپ قىلاي، خۇدا خالسا، سىلەر خەۋىپتىن قۇتۇلغايسىلەر، مۇنچە كىشىنىڭ ئۆلگىنىدىن، بىرلا كىشىنىڭ ئۆلگىنى ياخشىراق ئەمەسمۇ،- دېدى. مۇسۇلمانلار ھەزرىتى خوجامغا دۇئا قىلدى. خوجام كېمىنىڭ لېۋىگە كېلىپ زەنجىرنىڭ خېلى ئېگىزلىكىنى كۆردى. خوجام كۆزلىرىنى يۇمۇپ تۇرۇپ، «ياپىرىم» دەپ سەكرەپ قول ئۇزاتتى. زەنجىرنى تۇتۇۋېلىپ كۆزىنى ئاچتى. ئۆزىنى ئىسكەندەر مۇنارىنىڭ ئۈستىدە كۆردى. شۇ ھامان ئىككى رەكئەت شۈكرانە نامىزى ئۆتىدى. دۇئا – تەكبىر قىلدى. مۇسۇلمانلار ھەزرىتى موللا خوجامنى ئىسكەندەر مۇنارىنىڭ ئۈستىدە كۆرۈپ، گوياكى شۇ ھامان قاينام غېمىدىن خالاس بولغاندەك بولدى. يېڭىباشتىن جان كىردى. ھەزرىتى خوجام دۇمباق چوكىسىنى قوللىرىغا ئېلىپ كائىناتنىڭ ئىگىسىگە ۋە بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ خۇلاسىسى بولغان ھەزرىتى مۇھەممەت مۇستاپا- ئاللا ئۇنىڭغا دۇئا ۋە سالام ئەۋەتكەي- غا دۇئا قىلىپ، دۇمباقنى چالدى. سۇ قاينامدن مەۋج ئۇرۇپ، مۇناردىنمۇ ئېگىز ئۆرلىدى. نەچچە يىللار ۋە نۇرغۇن قەرنەلەر (ئەسىرلەر) بۇ قاينامدا قالغان كونا كېمىلەردە خالايىقنىڭ چىرىگەن ئوستىخانلىرى بار ئىدى.

       ھەممە كىشى قاينامدىن چىقتى. خوجام مۇنارنىڭ ئۈستىدە يالغۇز قالدى. ھەممە خەلق قاينامدىن چىقىپ يولىغا راۋان بولدى. كارۋان ئەھلىنىڭ ھەممىسى:

       - ۋاي ئىسىت، شۇ بۈزرۈكۋارنىڭ ياردىمىدە مۇنچىۋالا بەندىلەر ئۆلۈمدىن قۇتۇلدى. كاشكى ئۆزىمۇ ھەم قڭتۇلۇپ كېلەلىگەن بولسىدى، بىز ھەممە مال – بىساتىمىزنى سەدىقە قىلىپ بەرگەن بولار ئىدۇق،- دېيىشتى. ھەممىسى خوجامغا ئەپسۇسلىنىپ پەرىشان بولۇشتى. ھەزرىتى خوجام مۇنارنىڭ ئۈستىدە قالغىنىغا ئۈچ كۈن بولغان بولۇپ، تۆت تەرەپكە قارىسا، سۇدىن باشقا ھېچنېمە كۆرۈنمەيتتى. ھەزرىتى خوجام دەرتكە تولغان دىلىدىن سوغۇق بىر ئاھ تارتتى. كۆزلىرىدىن ياشلار ئاقتى. ھەزرىتى خوجام (ئاللا) نى سېغىنىپ، يالاڭباشتاق بولۇپ، يۈرەكلىرىنى يارا ۋە كۆڭۈللىرىنى خەستە قىلىپ دۇئا قىلدى. قىلغان نالىسى يەتتىنچى ئاسمانغا يەتتى. پەرىشتىلەرمۇ نالە قىلىشقا باشلىدى. ھەزرىتى خوجام قول ئېچىپ دۇئا قىلدى. ئاسمانغا بېقىپ بۇ مۇناجاتنى ئوقۇدى. مۇناجات: «ئەي خۇدا، سەن مېنىڭ مەقسىتىمسەن، مېنىڭ ئىبادەت قىلىدىغىنىمسەن، سەجدە قىلىدىغىنىمسەن، سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن؛ ئەي خۇدا نىدا قىلىدىغىنىمسەن، توغرا يولغا باشلىغۇچۇمسەن؛ ئەي خۇدا، سەندىن باشقا تايانچىم يوق، مېنىڭ مەدەتكارىمسەن، مەن سېنىڭ ئاسىي، گۇناھكار قۇلۇڭدۇرمەن، مەن غەم ئىلكىدە ئەسىر بولۇپ قالدىم، سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن، غەمخانەمسەن؛ ئەي خۇدا، ئەمىر قىلغۇچىسەن؛ ئەي خۇدا، ياخشىلىق قىلغۇچىسەن؛ ئەي خۇدا، سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن؛ ئەي خۇدا، مېنىڭ كۆپ گۇناھىم بار، نۇرغۇن دەردۇ – ئاھىم بار، گۇناھكارىڭمەن؛ ئەي خۇدا، دەردىمگە يەتكۈچىسەن؛ ئەي خۇدا، سەندىن باشقا پاناھىم يوق؛ ئەي خۇدا، سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن. شۇ تاپتا، يىغلىغۇچى، كاۋاپ بولغۇچىمەن؛ ئەي خۇدا، ھەيران بولدۇممەن؛ ئەي خۇدا، سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن؛ ئەي خۇدا، مەنكى ئابدالى مىسكىن، ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغاندەك غەمكىندۇرمەن، ساڭا ئامىن، ئەي خۇدا، سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن.

       ئارقا تەرەپتىن ئات تېۋىشى كەلدى. خوجام ئارقىغا قاراپ سۇنىڭ ئۈستىدىن تۇغ چىقىرىپ بىر قارا قاشقا ئارغىماق مىنگەن ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان غازى يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆردى.

       - ئەي موللا مۇھەممەدشەرىف قورقماڭ، قولىڭىزنى بېرىڭ، كۆزىڭىزنى يۇنۇڭ،- دېدى. ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان غازى ھەزرىتى خوجامنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ ئاتقا مىندۈردى. ۋە يەنە:

       - كۆزىڭىزنى ئېچىڭ،- دېدى. ھەزرىتى خوجام كۆزلىرىنى ئاچتى. ئۆزنىڭ بىر دەريانىڭ لېۋىدە ، يارنىڭ بېشىدا ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان غازى بىلەن بىللە تۇرغانلىقىنى كۆردى. ھەزرىتى پادىشاھ قوينىدىن بىر جەۋەن نېنى چىقىرىپ (خوجامغا) بەردى ھەمدە:

       - ئەي موللا مۇھەممەدشەرىف، مۇشۇ يەردە تۇرۇڭ، بۇ تاغنىڭ ئاستىدا خەلق بار، كارۋان كەلگۈچە سىز بېرىپ شۇلاردىن ئارغامچا يىغىپ ئولتۇرۇڭ. كېمە مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇنى تارتىۋالغايسىز،- دەپ غايىپ بولدى.

       ھەزرىتى خوجام قىرىق كۈنگىچە ئارغامچا يىغىپ، بۇ يارنىڭ بېشىدا ساقلاپ ئىنتىزار بولۇپ ئولتۇردى. دەل قىرىق كۈن بولۇپ، ھەزرىتى خوجام تەسبىھ ئېيتىپ ئولتۇراتتى، چاشگاھ ۋاقتى بولغاندا: «بىزنى تارتىۋالغۇدەك خۇدانىڭ بىرەر بەندىسى بارمۇ؟» دېگەن ئاۋاز كەلدى. ھەزرىتى خوجام يۈگۈرۈپ يارنىڭ بېشىغا كەلدى. ھەزرىتى خوجام كېمىنىڭ يارنىڭ تۈۋىگە كېلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ھەزرىتى خوجام ئارغامچىلارنى بىر – بىرىگە ئۇلاپ تاشلىدى. ھەممە خەلقىنى تارتىپ ئالدى. بۇ كىشىلەر خوجامنى تونۇپ، ھەمىسى ھەزرىتى خوجامنىڭ ئاياغلىرىغا يىقىلىپ باش قويدى. ھەممە ماللىرىنى ھەزرىتى خوجامغا سەدىقە قىلدى. ئۇلار:

       - ئەي بۈزرۈكۋار، بىز سىزنىڭ قۇلىڭىز، باشقىلارغا ساتسىڭىزمۇ پەرمانبەرداردۇرمىز،- دېدى. ھەزرىتى خوجام:

       - ئەي مۇسۇلمانلار، مەن جېنىمنى خۇدا يولىدا پىدا قىلغانىدىم، ئەجرىمنى بەردى. خۇداغا شۈكۈر، سالامەت چىقتىم، دىدار كۆرۈشتۇق،- دەپ ھېچنېمە ئالمىدى.

       ھەزرىتى خوجام مەككىگە راۋان بولدى. بۇ كارۋان ئەھلى بىلەن ئون كۈندە مەككىگە يەتتى. مەككىدە شۇنداق شۆھرەت بولدىكى، تاتار زېمىنىدىن بىر بۈزرۈكۋار كېلىپ، ئىسكەندەر مۇنارىغا چىقىپ دۇمباقنى چېلىپ، نەچچە مىڭ كىشىنى ۋە قاينامغا چۈشۈپ كەتكەن كېمىنى چىقىرىپتۇ. ئۆزى مۇنارنىڭ ئۈستىدە يالغۇز قالغانىكەن، يەنە كېمە چىقىدىغان چاغدا كېلىپ، كېمىدىكى خەلقنى تارتىۋاپتۇ. بۇ خەلق بار يوقىنى سەدىقە قىلسا، ھېچنېمە ئالماپتۇ، دەپ نامى چىقىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان كىشىلەر كېلىپ ھەزرىتى خوجامغا باش قويدى. ھەج بولىدىغان كۈنى خەلق جەم بولدى. مەككە ئۇلۇغى ئەرافات تېغىغا چىقىپ دۇئا قىلاتتى. ئالەمنىڭ ھەممە يېرىدىن تاۋاپقا بارغان خەلق، قۇل ۋە ھۆرلەر بولۇپ يەتمىش مىڭ كىشى بار ئىدى. بۇ ھاجەتمەنلەر يالاڭباش، بەدىنىگە لۆڭگىنى ئورىۋالغان (ئېھرام باغلىغان) بولۇپ، «ئامىن، ئامىن» دەپ تۇراتتى. بۇ مەككىنىڭ ئۇلۇغى كۈن كەچ بولغىچە دۇئا قىلدى. بۇ يەردە تۇرغان چوڭ – كىچىك ھاجەتمەنلەر ئىسسىق تاغنىڭ ئۈستىدە ئاچ – زار ھالەتتە «ئامىن» دەپ تۇراتتى. دۇئا ئىجابەت بولغانلىقتىن ھېچ ئەسەرمۇ بولمىدى. ئاخىر غايىبتىن: «ئەي مەككە ئولۇغى، تاتار زېمىنىدىن كەلگەن خوجا مۇھەممەدشەرىف دېگەن كىشى دۇئا قىلمىغۇچە دۇئا ئىجابەت بولمايدۇ» دېگەن ئاۋاز كەلدى. شۇ ھامان مەككە ئۇلۇغى تاغنىڭ بېشىدىن چۈشۈپ:

       - ئەييۇھەنناس، بىلىڭلار ۋە ئاگاھ بولۇڭلار! بۇ دۇئا خوجا مۇھممەدشەرىف بۈزرۈكۋارغا توختىتىلغانىكەن،- دەپ توۋلىدى. مەككە ئۇلۇغى باشچىلىقىدىكى ھەممە كارۋان ئەھلى ھەزرىتى خوجامنى باشلىرىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئەرافات تېغىنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ قويدى. مەككە ئۇلۇغى (خوجامنى) تۆگىگە مىندۈرۈپ قويدى. ھەزرىتى خوجام يالاڭباش، يالىڭاچ بولۇپ، ئېھرام باغلاپ تۆگىنىڭ ئۈستىدە يىغلاپ تۇرۇپ قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى. مەككە ئۇلۇغى باشچىلىقىدىكى ھەممە خەلق نالە ۋە زار بىلەن «ئامىن، ئامىن» دەپ تۇردى. بىر چاغدا يەنە: «ئەمدى دۇئا ئىجابەت بولدى» دېگەن ئاۋاز كەلدى. شۇ ھامان ھەزرىتى خوجام دۇئىنى تۈگىتىپ (پەسكە) چۈشتى. (ھەممەيلەن) خوجامنى مۇبارەكلىدى.

       (خوجام) دۇئاگاھدىن يېنىپ، ھەزرىتى مەككىنى تاۋاپ قىلىپ ياندى. بەزى مۇسۇلمانلار خوجام بىلەن مەدىنەدىكى ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسىلام – ئاللا ئۇنىڭغا دۇئا ۋە سالام ئەۋەتكەي- نىڭ ئەتىر ھىدلىرى بىلەن تولغان، پاك، نۇرلۇڭ، مۇقەددەس، مۇبارەك قەبرىسىگە قاراپ ماڭدى. ئون كۈندە مەدىنىگە يەتتى. كارۋان ئەھلى بىلەن بىللە ھەزرىتى ئەلەيھىسىلامنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلدى. ھەزرىتى رەسۇلىللانىڭ تۇپراق بېشىدا ئۈچ كۈن تۈنىدى. ھەزرىتى پەيغەمبەر- ئاللا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن – خوجامغا مۇنداق بېشارەت بەردى: «ئەي موللا مۇھممەدشەرىف، ھەممىنى پىرىڭىز ئېيتىپ بېرىدۇ. پىرىڭىزنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قىلغايسىز. پىرنىڭ ئەمرى خۇدانىڭ ئەمرى، پىرنىڭ بۇيرۇغىنىنى قىلغايسىز» دەپ رۇخسەت بەردى.

       ھەزرىتى خوجام بۇ كارۋان ئەھلى بىلەن خوشلىشىپ، سۈرەت لەڭگىرى ئارقىلىق ھىندىستاننى سەيلە قىلغاچ، كۈنجۈت يولى بىلەن ئۇدۇل چىقتى.بۇ كەنتتە بىرنەچچە ئۆيلۈك جامائەتنىڭ بارلىقىنى كۆردى. پېشىن نامىزى بولغانىدى، ھەزرىتى خوجام بىر يەردىن سۇ تېپىپ تاھارەت ئېلىپ، پېشىن نامىزىنى ئوقۇدى. بۇ يەردىكى خەلق ھەزرىتى خوجامنىكۆرۈپ قەدر ئەھۋال ھەر قايسىسى توققۇز نان، بىرەر چىنىدىن قېتىقئېلىپ بېرىپ، ھەزرىتى خوجامنى يوقلىدى. خوجام ھەرقايسىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ياندۇردى. ھەزرىتى خوجام شۇ كېچىسى ئاشۇ يەردە قوندى. تاڭ سەھەردە ھەزرىتى خوجام پاك ئەرۋاھلارغا يۈزلىنىپ ئولتۇراتتى. ئۇدۇلدىن بىر ئەزىز چىقىپ خوجامغا سالام قىلدى. (ئۇ):

       - ئەي موللا مۇھەممەدشەرىف، پاك قەدىمىڭىز بىلەن كېلىپسىز. ئۈچ يۈز يىل بولدى. مەن ئەسلى بۇ يەردە خەلقىئالەمگە دىنىي قائىدە توغرىسىدا كۆرسەتمە بېرەتتىم. ئويلىمىغان يەردىن بىر ئېغىز كۆرسەتمىنى خاتا ئوقۇپ قويۇپتىكەنمەن، شۇنىڭ جازاسىغا بۇ يەردە ياتقىنىمغا ئۈچ يۈز يىل بولدى. ئوڭ كۆزۈمدىن بىر تۈپ ئازغان ئۈنۈپتۇ، ھەر قېتىم شامال چىقسا، بۇ ئازغان تەۋرەپ، مېنىڭ جېنىڭ قىينىلىدۇ، شۇ ئازغاننى ئېلىۋەتسىڭىز نېمە بولغاي،- دەپ كۆزدىن غايىپ بولدى. ئەتىسى ھەزرىتى خوجام ئۇلارنى شۇ يەرنى كولاشقا بۇيرۇدى. ئۇلار يەرنى كولاشقا باشلىدى. بۇ يەر ئەسلى بىر تۇل مەزلۇمنىڭ يېرى ئىدى. مەزلۇم بۇ ئىشنى كۆرۈپ پەرياد قىلىپ:

       - مېنىڭ يېرىمنى بۇزماڭلار، بۇزساڭلار مەن خانغا ئەرز قىلىمەن ،- دېدى. ھەزرىتى خوجام:

       - ئەي مەزلۇم، قانچىلىك يېرىڭىز بۇزۇلسا، مەن تۆلەپ بېرەي، - دېدى. ئۇ مەزلۇم ئۇنىمىدى،شۇ چاغدا ئابدۇرەشىدخان پادىشاھ ئىدى. خان سەيلىگە چىققانىدى. بۇ مەزلۇم خانغا ئەرز قىلدى. خان بىر ياۋۇلنى: «بېرىپ ئۇلارغا ئېيتقىن، بۇ قانداق كىشىلەر، كىشى يېرىنى نېمە ئۈچۈن بۇزىدۇ؟» دەپ (سوراشقا) ئەۋەتتى. بۇ ياساۋۇل كېلىپ خوجامغا ھەيۋە قىلدى. ھەزرىتى خوجام بۇ ياساۋۇلغاغەزەپ بىلەن بىر قارىۋىدى، بۇ ياساۋۇلنىڭ ئېتى مۆڭەپ تاشلىدى. بۇ ياساۋۇل تەسلىكتەئېتىغا مىنىپ قاچتى. بۇ ياساۋۇ كېلىپ خانغا ئەرز قىلدى. خان يەنە بىر ياساۋۇلنى «سەن ھەيۋە قىلماي سورىغىن» دەپ ئەۋەتتى. بۇ ياساۋۇل يىراقتىنلا ئاتتىن چۈشۈپ، تەزىم قىلىپ كەلدى. ھەزرىتى خوجامغا سالام قىلغاچ،- خان ھەزرەتلىرىمېنى سىلىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكلىرىنى، كىشىنىڭ يېرىنى نېمىشقا بۇزىدىغانلىقىنى سوراپ باققىن دەپ ئەۋەتكەنىدى- دېدى. خوجام:

       - مەن مەككىدىن كەلگەنىدىم، كۈن كەچ بولغاندا، بۇيەرگە كېلىپ قونغانىدىم، بۇرۇنقى زاماندا بىر ئەزىز كېلىپ ياتقانىكەن، ئۇ ماڭا:«مەن ئەسلى بۇ يەردە خەلقىئالەمگە دىنىي قائىدە توغرىسىدا كۆرسەتمە بېرەتتىم. بىر ئىغىز كۆرسەتمە خاتا بوپ قاپتىكەن، شۇ سەۋەبتىن ئوڭ كۆزۈمدىن بىر تۈپ ئازغان ئۈنۈپ چىقتى. مەن ئازاب تارتىۋاتىمەن» دەپ ئەرز قىلدى. شۇڭا، كولىدۇق،- دەپ تۇرۇشىغا گۆنىڭ ئېچىلىشى تەڭ كەلدى. بىر توپ خەلق ھەزرىتى خوجامنىڭ كەينىدىن كېلىپ كۆردى. (ئىش) خوجام ئېيتقاندەك راست چىقتى. ھەزرىتى خوجام گۆرنىڭ ئىچىگە چۈشتى. ئۇ ئازغاننى تۈپ يىلتىزىدىن يۇلۇۋەتتى. يەنە ئۇ ئەزىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قەبرە تۇرغۇزدى ۋە تۇرار جاي سېلىپ قويدى.

       ياساۋۇل بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ، بېرىپ خانغا ئېيتىپ بەردى. ئابدۇرەشىدخان شۇ ھامان بارلىق بەگلىرى بىلەن ئاتلىنىپ، ئۇ يەرگە كەلدى. بىر توپ خەلق ھەرىتى خوجامغانەزىر سەدىقىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ باش قويدى. پېشىن ۋاقتى بولغاندا خوجام ناماز ئۆتىدى. نامازنى ئوقۇپ بولۇپ ئولتۇرغانىدى، ئابدۇرەشىدخان سالام قىلىپ كىردى. ھەزرىتى خوجام، ئەي خان، كۆرۈشەيلى، دەپ قول ئۇزاتتى. خان تەزىم قىلىپ، ئۇچىسىنى تۇتۇپ بەردى. ھەزرىتى خوجام مۇبارەك قوللىرى بىلەن خاننىڭ ئۇچىسنى سىلاپ قويدى. بىر بىرىدىن ھاردۇق سوراشتى. شۇ كۈن كېچىسى ۋە تاڭلا كېچىسى سۆھبەت قىلىشتى. ھەزرىتى خان خوجامنى خوپ (پەملىدى) چۈشەندى. ئەھۋاللىرىنى (باشقلارغا) باتۇر، ئۇلۇغ ئەۋلىيا ئىكەن دەپ مەلۇم قىلدى. ھەزرىتى ئابدۇرەشىدخان بارلىق چوڭ كىچىك بەگلىرى بىلەن مەسلھەت قىلىپ:

       - ئەي، بەگلەر، مەن بۇ بۈزرۈكۋارغا قول بېرىپ پىر تۇتماقچىمەن. بۇ دۇنيادا مەيلى شاھ- پادىشاھ بولسۇن، پىقىر ياكى گاداي بولسۇن، ناۋادا ئۇ بىر پىرگە قول بەرمىسە، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرىتى بولمىغاي. مۇنداق بۈزرۈكۋار بۇ يۇرتقا كەلگەن ئەمەس. غەپلەتتە قالمىساق ياخشىدۇر،- دېدى. بەگلەرمۇ:

       - بىزمۇ قول بەرسەك، ئېتىاد قىلساق، تاڭلا قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۇلىللانىڭ قېشىغا باشلايدۇ،- دەپ ھەممىسى توۋۋا قىلىشىپ ۋە گۇناھلىرىنى تىلەپ، بويۇنلىرىغا قارا ئارغامچا سېلىپ كېلىپ، ھەممە خەلق (خوجامغا) قول بەردى. ھەزرىتى خوجام بۇلارنى قوبۇل قىلىپ، بىر نەچچە پەندى- نەسىھەت قىلدى. سۆھبەت ۋايىگە يەتتى.

       ئابدۇرەشىدخان شۇ تەرىقىدە بىر نەچچە كۈن مۇشۇ يەردە بولدى. ھەزرىتى خوجام نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە بىر خانىقا سالدى. بەش- ئون تاغارلىق يەر ئېلىپ خانىقاغا ۋەخپە قىلدى. شەيىخ ۋە باشقۇرغۇچى تەيىنلەپ قويدى. خان ھەزرىتى خوجامىنى تەكلىپ قىلىپ:

       - ئەي بۈزرۈكۋار، ئەمدى شەھەرگە بارساق،بۇ سەھرانىڭ توپا- چاڭلىرىنى يۇساق،- دېدى. ھەزرىتى خوجام خان بىلەن ئاتلىنىپ سەيلە قىلىپ، قاغىلىق دېگەن جايغا كەلدى. كەنت ئارىسىدا بىر چۆل بارلىقىنى كۆرۈپ، ھەزرىتى خوجام، ئەجەب بەلەن يەر ئىكەن، مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ يەردە بىر مەھەللە قۇرساق قانداق بولار، دەپ كېلىپ بۇ يەرگە چۈشتى. خوجامنىڭ ئارقىسىدا بىر نەچچە سوپى بار ئىدى، ئۇلار خوجامغا چالما ۋە لاي ئېلىپ بەردى. ھەزرىتى خوجام بۇ يەردە بىر مەسچىت- خانىقا سالدى. ھەزرىتى خان خوجامغا:

       - ئەي بۈزرۈكۋار، نېمە قىلماقچى بولسىلا، بىزگە دېسىلە، بىز قىلايلى،- دېدى. ھەزرىتى خوجام:

       - بۇ يەرگە مەسچىت – خانىقا سالىمەن،- دېدى. ھەزرىتى خان بارلىق لەشكەرلىرى بىلەن بۇ مەسچىتنىڭ تۆت تەرەپ تېمىنى تەييار قىلدى. ئەتىسى مەسچىتكە ياغاچ سالدى. تاڭلىسى نامازدىن يېنىپ قارىسا، مەسچىتنىڭ بىر تېمى ئۆرۈكلۈك تۇرۇپتۇ. يەنە سالدى. تاڭلىسى يەنە ئۆرۈكلۈك تۇرۇپتۇ. ئۈچنچى، تۆتىنچى كۈنىمۇ ھەم شۇنداق. يەنە سالسا ، يەنە ئۆرۈلۈپ كېتىپتۇ. بەشىنچى كۈنى ھەزرىتى خوجام، مەن بىر قاراپ باقاي، بۇ زادى نېمە ئىشتۇ. دېدى. كېچىسى پاك ئەرۋاھلارغا سىغىنىپ ئولتۇردى. تۈن يېرىمى بولغاندا، بىر ئاق تۆگە پەيدا بولۇپ، مۆرىسى بىلەن (تامنى) ئۇردى، تام يېقىلدى. خوجام قوپۇپ بۇ تۆگىنىڭ ئالدىنى توسۇپ:

       - قانداق جانسەن؟ ئۆزۈڭنى ماڭا ئاشكارا قىل، مېنىڭ ئەتكەن ئىمارىتىمى نېمىشقا بۇزۇۋېتىسەن؟- دېدى. تۆگە دەرھال ئەسلىي سۈرىتىگە كېلىپ، ھەزرىتى خوجامغا سالام قىلىپ:

       - ئەي موللا مۇھەممەدشەرىف، مەن ھورمۇز شەھىرىدىن كېلىپ مۇشۇ يەردە ياتقانىدىم. مېنىڭ يېنىمغا بىر بۇتپەرەسنى ئەكىلىپ كۆمدى. بۇتپەرەسنىڭ بىر چويۇن پۇتى، بىر كۈپ ئالتۇنى بار، بۇنىڭ شۇملۇقىدىن كېچىسى ياتالمايمەن. بۇنىڭ ئۈستىگە سىز يەنە تام سالدىڭىز،- ددېدى. ھەزرىتى خوجام:

       - ئەي ئەزىز سىلىنىڭ ئاتلىرى نېمە؟ - دەپ سورىدى. بۇ ئەزىز:     - مېنىڭ ئېتىم مەۋلانا خوجا مۇھەممەد ھورمۇزى،- دەپ غايىپ بولدى. ھەزرىتى خوجام ئەتىسى نامازدىن كېيىن، بۇ تامنىڭ تېگىنى كولىغىلى ئادەم سالدى. ھەزرىتى خان:

       - ئەي بۈزرۈكۋار، بۇ تامنى نېمە ئۈچۈن كولايلا؟- دەپ سورىدى. ھەزرىتى خوجام بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى. بۇ يەرنى كولىغانىدى، ئادەمدەك چوڭلۇقتا بىر چويۇن بۇت، ئۇنىڭ ئالدىدا بىر كۈپ ئالتۇن چىقتى. (خوجام) بۇ ئەزىزنىڭ ئۇستىخىنىنى ئىلىپ باشقا بىر يەرگە قويدى، مازار ۋە ئىمارەت بىنا قىلدى. بىر كۈپ ئالتۇننى سېتىپ، مازارغا ۋە خانىقاغا يەر ۋە سۇ ئېلىپ ۋەخپە قىلدى. بۇ چويۇن بۇتنىمۇ بىر چوڭ قازان ياسىتىپ ۋەخپە قىلىپ قويدى. شەيىخ، باشقۇرغۇچى ئىمام، مۇئەززىن تەيىنلەپ، ئاندىن ھەزرىتى خان بىلەن ئاتلىنىپ شەھەرگە كەلدى ۋە يەنە قالغان ئەمەلدارلار، خەلقلەر ۋە شەھەر خەلقى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، خاننىڭ قول بەرگىنىنى بىلىپ، نەزىر سەدىقىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ھەزرىتى خوجامغا ئىخلاسمەن مۇرىت بولدى.

      ھەزرىتى خوجام خاندىن:

       - مەن مەشئەتكە بېرىپ پىرىمنى كۆرۈپ تاۋاپ قىلىپ كېلەي،- دەپ رۇخسەت سورىدى. خان ھەزرىتى خوجامنى بىر كۈنلۈك يەرگىچە ئۇزىتىپ قويۇپ قايتىپ كەلدى. ھەزرىتى خوجام مەشئەتكە باردى. ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان غازىنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ تاۋاپ قىلىپ ياندى. قەشقەر خەلقىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۆتىۋەرلىرى، بارلىق تۈرك ۋە تاجىك (خەلقى) ئابدۇرەشىدخاننىڭ قول بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، بارلىق چوڭ كىچىك خەلق نەزىر سەدىقە ئېلىپ كېلىپ، ھەزرىتى خوجامنى كۆرۈپ، توۋۋا قىلىشىپ، گۇناھلىرىنى تىلەپ مۇرىت بولدى.

       ھەزرىتى خوجام يەتتە يىلغىچە مەشئەدتە ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان غازىنىڭ مازىرىدا شەيىخ بولۇپ تۇردى. نەزىر- سەدىقىلەر كەلسە، خانىقاغا سەرپ قىلاتتى. بۇيەردىمۇ مەسچىت - خانىقا سالدى. يەر، سۇ ئېلىپ ۋەخپە قىلدى. شەيىخ، خىزمەتكار قوويدى. ھەزرىتى خانمۇ ئىككى – ئۈچ قېتىم كېلىپ، مازارنى تاۋاپ قېلىپ، ھەزرىتى خوجام بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ كېتەتتى. ھەزرىتى خوجامنىڭ دۇئاسى بىلەن مەشھەدنىڭ ئەتراپىدىن سۇ چىقىپ، بىر نەچچە كەنت ئاۋات بولدى. بۇ كەنتلەرنى ھەم ھەزرىتى پادىشاھنىڭ ھەققىدە ۋەخپە قىلىپ بەردەى.

       شۇ چاغدا، قەشقەردە ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئوغلى ئابدۇللەتىف سۇلتان تۆرە ئىدى. ئابدۇ رەشىدخان ئۆزى يەركەندە ئىدى. ئۇي ۋاقىتتا، قىرغىزلارقارا تېگىن دېگەن يەردە تۇراتتى، شەھەرنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرمەيتتى. ئاتا ئوغلى ئېسىل بەگلەردىن بولۇپ، قىرغىزلارنىڭ قېشىغا بېرىپ، قازىلىق مېلىدىن زاكات ئېلىپ كېلەتتى. ئۇنىمىغىنىنى ئۆلتۈرەتتى. قىرغىزلارنىڭ كۈچى يەتمەيتتى. شۇ زاماندا خان بەگلەرنىڭ، ھەممە مۇسۇلمانلارنىڭ نىيىتى تۈزۈك، ئىسلام كۈچلۈك ئىدى. قىرغىزلار زاكاتنى ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ بېرەتتى. ئۇ مالنى ھەر يەردىكى مەدرىسەلەر ۋە مەسچىتلەرگە بېرەتتى. ئاندىن باشقا نېمىگە خىراجەت قىلمايتتى ۋە باشقا كىشىگىمۇ بەرمەيتتى. بىر يىلى، قىرغىزلار زاكات بەرگىلى ئۇنىمىدى، دەپ خەۋەر كەلدى. ئابدۇللەتىف سۇلتان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قىرغىزلارنىڭ يۇرتىغا باردى. قىرغىزلار خەۋەرسىز ئىدى. (ئۇلار)  لەشكەرلەرنى كۆرۈپ قاچتى. سۇلتان لەشكەرلىرى بىلەن، پۈتۈن قىرغىزلارنىڭ بالا- چاقىسىنى ئەسىر قىلدى. لەشكەرلەر ھەددىدىن تاشقىرى جىق مال – بىساتنى قولغا چۈشۈردى. ئابدۇللەتىف سۇلتان قىرغىزلارنىڭ كاتتىبېشىنىڭ قىزىنى ئالدى. نەچچە كۈن شۇ يەردە تۇرۇپ ئەيىش – ئىشرەتكە مەشغۇل بولدى. قىرغىزلار بۇنى كۆرۈپ، غەپلەتتىن پايدىلىنىپ، مەسلىھەت قىلىشىپ كېچىلىك ھۇجۇم قىلدى. سۇلتاننىڭ لەشكەرلىرى قوراللىنىپ بولغىچە ئۈلگۈرتمەي، نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى شېھىت قىلدى. سۇلتانمۇ شېھىت بولدى. بىر قىسىم لەشكەرلەر قېچىپ قەشقەرگە كېلىپ ئابدۇرەشىدخانغا خەۋەر قىلدى. ھەزرىتى خان پەرىشان بولۇپ تاقەتسىزلەندى. ھەزرىتى خان شۇ ھامان لەشكەر بۇيرۇپ، مەن بېرىپ پىرىمدىن رۇخسەت سوراپ، ئاندىن كېيىن (ئۇرۇشقا) بارغايمەن، دەپ ئاتلىنىپ مەشھەدكە باردى. ھەزرىتى خوجامغا باش قويدى ۋە بولغان ۋەقەنى بايان قىلدى.

    - قىرغىزلارغا ئاتلىنايمۇ يا ئاتلانمايمۇ؟ دەپ تەدبىر، مەسىلىھەتلەرنى ئاڭلىغىلى ۋە سىلەردىن رۇخسەت سورىغىلى كەلدى،- دېدى. ھەزرىتى خوجام:

       - بۇ ئىش ئەۋلىيالارنىڭ ياردىمى بىلەن بولىدۇ. ئەۋلىيالارنىڭ رۇخسىتى بولمىغۇچە مەن ئۆز ئالدىمغا رۇخسەت بېرەلمەيمەن. ئاۋۋاق مەن پاك روھلارغا ئېيتىپ باقاي. قانداق بۇيرۇسا شۇنداق قىلايلى،- دەپ ئەرۋاھ ماشايخىلارغا يۈزلەندى. ئابدۇرەشىدخان بىلەن ھەزرىتى خوجام ھەمراھ بولۇپ،ئاشۇرا ئېيىنىڭ 17- كېچىسى ھەزىرتى يۈسۈف قادىرخان غازىنىڭ مازىرىغا كېلىپ، مازارغا يۈزلىنىپ ئولتۇردى. ھەزرىتى خوجا خىزىر ئەلەيھىسىلام، ھەزرتى بىلال، ھەزرىتى سۇلتان ۋەيسى قەرەن، ھەزرىتى شەيخ ھەسەن بەسرىي، ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان غازى، ھەزرىتى شەيىخ جۈنەيد باغدادىي، ھەزرىتى شەيىخ نەجمىدىن كۇبرا، ھەزرىتى ئەمىر سەييىد ھەمەدانى، ھەزرىتى شەيىخ ئۇلۇۋىييە شەيبانىي- ئاللايىتائالا ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى پاك قىلغاي- لا پەيدا بولدى. ھەممىسى رۇخسەت بەردى. خىزىر ئەلەيھىسىلام:

       - مەنمۇ بىللە بارىمەن،- دېدى. ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان غازى:

       - شەيىخ ھەسەن بەسرىي ۋە شەيىخ نەجمىدىن كۇبرا ۋە شەيىخ جۈنەيىد باغدادىيلارمۇ بارىدۇ،- دېدى. بۇلارنىڭ بىرلىشىشى بىلەن شەيىخ ئۇلۇۋىييە شەيبانىينىمۇ ئەۋەتمەكچى بولدى ۋە يېنىپ خوجا ئەبۇل فەزلىي خوجامنىڭ، شەيىخ ھاجى خوجامنىڭ، سالىھ خوجىنىڭ ۋە خوجا بىگەمنىڭ مازارلىرىغا باردى. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى زاھىر قىلدى. ھەزرىتى خان ئالدىدا قىرغىزلارنى ئۈچ سەپ قىلدى. بىر قىلىچ بىلەن ھەممىسىنىڭ بېشىنى كېسىپ يەكسان قىلدى. قىلىچنى خانغا بەردى. ئۇھىلىرىنى ئۈچ قېتىم سىلاپ قويۇپ رۇخسەت بەردى. فاتىھە ئوقۇدى. ئەتىسى خان لەشكىرى بىلەن ئاتلىنىپ ئىسسىق كۆلگە بارغاندا قىرغىزلارنى تاپتى. يىگىرمە كۈن جەڭ قىلدى. ھەزرىتى خان بۈزرۈكۋار بۇ يىگىرمە كۈندە قالغان مازارلارغا، ئەرۋاھ ماشايخىلارغا تۈزلىنىپ، مەدەت تىلەپ فاتىھە ئوقۇدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئەۋلىيالارنىڭ ياردىمى بىلەن بارلىق قىرغىزلارنى يوقاتتى. 20 كىشىنى تىرىك تۇتتى. بىر قانچە كىشى قېچىپ تۇتۇلدى. باشقىلىرىنى ئۆلتۈردى. ئابدۇرەشىدخان خۇشال بولۇپ، ئەمەلدارلىرى بىلەن قەشقەرگە كېلىپ چۈشتى. بۇ يىگىرمە قىرغىزنىڭ ئونىنىڭ قەشقەردە تېرىسىنى سويدى. ئون قىرغىزنى يەركەنگە ئاپىرىپ ئۆلتۈرۈپ ئۆچىنى ئالدى.

       ھەزرىتى خان يەركەنگە يانار ۋاقتىدا ھەزرىتى خوجامغا:

       - ئەي بۈزرۈكۋار، قايتىدىغان ۋاقىت بوپتۇ، بىللە بارساق، ئەمدى قالغان ئۆمرۈمنى ھەزرەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىدە ئۆتكۈزسەم، باشا مۇسۇلمانلارمۇ بىر دىنىي ئىنئام ئالسا،- دەپ، ھەزرىتى بۈزرۈكۋارنى ئېلىپ يەركەنگە كەلدى. ھەزرىتى خان ئوردىغا چۈشتى. ھەزرىتى خوجام كېلىپ مىشار ياقىسىدىكى جايغا چۈشتى. يەركەندە ئون يىل تۇردى. خان ھەزرىتى كۈندە بەش ۋاق نامازنى ھەزرەتلىرى خوجامنىڭ قېشىدا ئۆتەپ ياناتتى. ھەزرىتى خوجام بۈزرۈكۋارنىڭ كۆڭلى خانىقانى تارتىپ، مۇرىت – مۇخلىس مۇسۇلمانلارغا پەندى- نەسىھەت قىلىپ، نەزىر چىراق قىلىپ ئولتۇراتتى. گاھى سەھرا ئەتراپىنى ۋە شەھەرنى سەيلە قىلاتتى. بارغانلا يەردە ئەزىزلىنەتتى. ھەزرىتى خوجام ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، تۇغ سانجىپ، مازار قىلىپ، شەيىخ ، خىزمەتكارلارنى قويۇپ، ۋەخپە يەر بەلگىلەپ بېرەتتى. ھەزرىتى خوجام سەيلە قىلغاچ قاغىلىققا كەلدى. مازارغا فاتىھە ئوقۇدى. ئەتراپنى سەيلە قىلىپ (بۇ يەرنىڭ) ئاجايىپ خۇش ھاۋالىق يەرلىكىنى كۆرۈپ، ھەزرىتى:

       - بۇ يەردە بىر مەھەللە قۇرساق،- دېدى. بۇ كەنت خەلقى بىزنىڭ بالىۋاقىمىز قىمارۋاز، ھارامزادە بولۇپ كېتىدۇ، دەپ ئۇنىمىدى. ھەزرىتى خوجام تىلىسەڭ تاپقايسەن، دەپ يۈرۈپ، بىر كەنتكە كەلدى. ھەزرىتى بۈزرۈكۋار بۇ يەردە بىر نەچچە ئۆيلۈك كىشىنىڭ خانىقانىڭ چۆرىسىگە كېلىپ ئولتۇرۇشقانلىقىنى كۆردى. خوجامنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئەتراپتىكىلەر سەدىقە ئېلىپ كېلىپ ھەزرىتى خوجامغا باش قويدى. خوجام ئۇلارغا:

       - ئەي مۇسۇلمانلار، مەن مۇشۇ يەردە مەھەللە قۇرىمەن،- دېدى . بۇ مۇسۇلمانلار:

       - ئەي بۈزرۈكۋار، ئۇنداق قىلسىلا بەك ياخشى بولىدۇ، بىزمۇ قاشلىرىدا بولىمىز. ئەمما، سۈيىمىز يوق،- دېيىشتى. ھەزرىتى خوجام:

       - ئاللا خالىسا، سۇمۇ كەلگەي،- دېدى. مېڭىپ ئەتراپنى كۈزەتتى. پۈتۈن سەھرا خەلقى كېلىپ بۇ ئىشقا كىرىشتى. ھەزرىتى خوجام مېڭىپ سۇ بېشىغا، ھۆكۈم قىلغۇچىنىڭ قېشىغا باردى. دۇئا – تەكبىر قىلىپ سۇنىڭ لېۋىدىن ھاسىسىنى سۆرەپ ماڭدى. خۇدايىتائالانىڭ پەرمانى ۋە ئەۋلىيالارنىڭ ياردىمىدە، ھاسىنىڭ ئىزىدىن بىر تاشلىق سۇ ئاقتى. خوجام بۇ سۇنى باشلاپ كېلىپ بازارنىڭ ئىچى بىلەن ئۆتكۈزۈپ قويدى. بۇ سۇدىن بىر نەچچە كەنتلەر ئاۋات بولدى. ئاخىرىدا قەلئەنىڭ سېپىلى تەييار بولدى. ئەتراپتىن ھۈنەرۋەنلەر ۋە ھۈنەرۋەن ئەمەسلەرمۇ كېلىپ ئولتۇرۇپ ئاۋات بولدى. دۈشەنبە بازار بولدى. ھەزرىتى خوجام ياراملىق قۇلدىن ئوننى سېتىۋېلىپ، ئازاد قىلىپ، بۇ خانىقاغا خىزمەتكارلىققا قويدى ۋە ھەرقايسى قۇلنى بىردىن كەسىپكە شاگىرتلىققا بەردى. (ئۇلار) ھۈنەر ئۆگەندى. ھەزرىتى خان يەنە كېلىپ، خوجامنىڭ بۇ ئىشلىرىغا خۇرسەن بولاتتى. ھەزرىتى بۈزرۈكۋارنىڭ خىزمەتلىرىدىن بىر دەممۇ خالىي بولمايتتى. ھەزرىتى خوجامغا نەزىر – سەدىقىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. خانىقا مالغا تولۇپ قالاتتى، بۇ شەھەرنىڭ غېرىپ ۋە كەمبەغەللىرىگە، (ئىلىم ئۆگەنگۈچى) ئوقۇغۇچىلارغا بېرەتتى. ئۆزى تەخىتتە تېرىنى سېلىپ ئولتۇراتتى. ئەتراپتىن كەلگەن نەزىر- سەدىقىلەرنى بىچارىلەرگە، چوڭ  - كىچىك كەلدى – باردى ئىشلارغا، خانىقادا نەزىر قىلىپ بېرەتتى. ھەرگەز ئاش كەم بولمايتتى. شۇ تەرىقىدە يەركەند شەھھىرىدە ئۆمرىنى ئۆتكۈزدى. ھەزرىتى خوجام توقسان بەش يىل ئۆمۈر كۆردى. بىر كېچىسى تۈن يېرىمىدا، قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ئولتۇرغانىدى، مۇنداق بىر ئايەت كەلدى: «ھەممە جانلىق ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇسىدۇر» دەپ ئوقۇلىدىغان مۇشۇ ئايەتنى ئوقۇشى بىلەنلا غايىبتىن: «ئەي موللا مۇھەممەدشەرىف،  ھەر قانداق جان بۇ دۇنياغا كېلىپ ئاخىر كېتىدۇ، ئادىمىزاتمۇ تىرىكلىكتىن ئاش – تائام يەيدۇ، ئاخىرى ئەجەل قىستاپ كېلىدۇ. بۇ دۇنيادا ھېچنېمە مەڭگۈ قالمايدۇ. ئەقىللىق كىشى ئەجەل كەلمەستىن بۇرۇن، ئۆزىنى پاك قىلغاي، ياراغلىرىنى ئېلىپ تۇرغاي» دېگەن ئاۋاز كەلدى. ھەزرىتى خوجام بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ، دەرتكە تولغان ھالدا، دىلنى ئەزگۈدەك سوغۇق ئاھ تارتتى. كۆزلىرىدىن ياش ئاقتى. شۇ ھامان ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ خانىقاغا چىقتى. جامائەتنىڭ ھەممىسى كېلىپ نامازغا تەييار بولۇپ تۇرۇپتۇ. نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، قۇرئان ئوقۇدى. دۇئا – تەكبىر قىلدى. ئاندىن كېيىن، ھەزرىتى خوجام جامائەتكە:

       - ئەي يارانلار، بىلىڭلار ۋە ئاگاھ بولۇڭلار، بىزنىڭ سەپەر قىلىدىغان نۆۋىتىمىز يېتىپ كەپتۇ،- دەپ نەزىر – چىراغ قىلدى. ھەزرىتى خان باشچىلىقىدىكى بارلىق ئەتىۋارلىق ۋە ئەڭ ئۇلۇغ زاتلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىپ نەزىر قىلدى. ئاندىن دۇئا- تەكبىر قىلدى. چوڭ كىچىك  ھەممىسى بىلەن رازىلىشىپ:

       - ئەي مۇسۇلمانلار، مەندىن سىلەرگە نەسىھەت شۇكى، شەرىئەت يوپلىنى چىڭ تۇتۇڭلار، شەرىئەتتىن زادى چىقماڭلار، ياخشىلىققا ئۈندەشكە قەدەم قويۇڭلار. يامان ئىشلارنى قىلىشتىن يىراق تۇرغايسىلەر. بىر بىرىڭلارغا رەھىم – شەوقەت قىلغايسىلەر، شۇنداق قىلساڭلار خۇدا ۋە رەسۇلىللامۇ بىزدىن ھەم سىزلەردىن رازى بولغاي،- دېدى. بارلىق خەلق ئۆز ھالىدىن كېتىشتى. ئۇلارنىڭ نالە پىغانلىرى ئەرىشكە يەتتى. قىيامەت قايىم بولغاندەك بولدى، بارلىق خەلق ھەزرىتى خوجامنىڭ ئاياغلىرىغا يىقىلىپ توۋۋا قىلدى. ھەزرىتى خوجام خەلقنىڭ ياخشىلققا ئېرىشىشى ئۈچۈن، فاتىھە ئوقۇدى، ئاندىن كېيىن خان ھەزرىتى خوجامدىن :

       - ئەي بۈزرۈكۋار، ھەزرەتلىرىنىڭ ئورنىدا كىمدىن تەلىم ئالىمىز؟- دەپ سورىدى. ھەزرىتى خوجام:

       - مېنىڭ ئورنۇمدا مۇھەممەدۋەلى سوپىدىن دۇئا – تەلىم ئېلىڭلار ۋە ھەر قانداق مۈشكۈل ئىش بولسا، بۇ سوپى دۇئا قىلسۇن. بىزمۇ ھەم دۇئا قىلىپ تۇرىمىز،- دېدى- دە، ئاخىرەتلىك تونلىرىنى تەييار قىلدى ۋە ھەممە خەلق بىلەن ۋىدالاشتى، بالا – چاقىللىرى ۋە خىزمەتكارلىرى بىلەن زارلىشىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ھۇجرىغا كىرىپ بورا سېلىپ، روھىلنى ئېچىپ، ئۈستىدە قۇرئاننى قويۇپ ئوقۇپ ئولتۇردى. مۇنداق ئاييەت كەلدى: «بىز ھەقىقەتەن ئاللانىڭ ئىگىدارلىقىدىمىز ۋە ئاللانىڭ دەرگاھىغا قايىتىمىز». ھەزرىتى خوجام جان تەسلىم قىلدى. روھلىرى ئەرىشكە قۇشتەك پەرۋاز قىلدى. جەسىتى ھۇجرىدا قالدى. باشلىرى، يۈزلىرى قۇرئاننىڭ ئۈستىگە چۈشكەنىدى، مۇھەممەدۋەلى سوپى تىرىك كىرىپ كەتكەن ھەزرىتى خوجامنى ئاشۇنداق تەرىقىدە كۆرۈپ، ئىختىيارسىز كۆزلىردىن ياش تۆكتى. نالە – پىغانلار قىلدى. ھەزرىتى بۈزرۈكۋارنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ھەممە خەلققە مەلۇم بولدى. چوڭ – كىچىك، شاھ، گاداي، بەندە ۋە ئازاد بولغان ھەممە خەلق ھازدار بولدى. شۇنداق ماتەم بولدىكى، «ۋايداد، ۋاي مۇستەبا!» دەپ پەرياد قىلدى. بۇ خەلقنىڭ نالە – زارىغا يەر – زېمىن لەرزىگە كەلدى. يەر – زېمىن ھەزرىتى خوپجامنىڭ ماتاملىرىدە گوياكى (قارا كىيىم كىيىپ) ماتەم تۇتقاندەك بولدى. ئاخىر ھەزرىتى بۈزرۈكۋارنىڭ جەسىتىنى يۇيۇپ، كېپەنلەپ ئاخىرەتلىككە ئالدى. جىنازىسىغا سېلىپ نامىزىنى چۈشۈردى. نامازدىن يېنىپ شۇ تۇرۇۋاتقان جايغا ئەكىلىپ يەرلىككە قويدى. ئۈچىنچى كۈنى نەزىرىنى بېرىپ، ھەزرىتى مۇھەممەدۋەلى سوپىنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزدى. ھەممە مۇرىتلار مۇھەممەدۋەلى سوپىغا ئىتائەت قىلدى. تارىخقا توققۇز يۈز ئاتمىش ئۈچ ئىدى. ھەزرىتى خوجام ئالەمدىن ئۆتتى. ئىككى يىل ئۆتۈپ، ئۈچىنچى يىلىدا ئابدۇرەشىدخان ئالەمدىن ئۆتتى. ھايات چېغىدا كۈندە كېلىپ ھەزرىتى بۈزرۈكۋارنىڭ مازارلىرىنى تاۋاپ قىلاتتى، ھەر پەيشەنبە كېچىسى كېلىپ تۈنەيتتى. سەۋەنلىك ئۆتكۈزمەي، مۇرىتلىقىنى بەجا كەلتۈرەتتى. مادارىلا بولسا، ئۇ ئادەتنى تەرك قىلماس ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئەۋلىيالىققا يېقىنلىشىپ، ئالى دەرىجىگە يەتكەنىدى. ئاخىرەتلىرى مول بولدى. ئىلاھىم، بارچە مۆمىنلەرگە ياردەم قىلغايسەن ۋە پىرلىق خىزمىتىگە نېسىپ قىلغايسەن، ئەي ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگاھى، غەلىبە – نۇسرەت ئەھلىنىڭ ئەلاسى، ئەي، ئەڭ شەپقەتلىك ئاللا، ئۆزۈڭ رەھمەت قىلغايسەن. ئالىي ھىممەتلىك، ئەبەدىي ساغلام ۋە كەرەملىك پادىشاھ (ئاللا) نىڭ ياردىمى بىلەن بۇ كىتاپ تولۇق تۈگىدى.   

          

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.