مەشرەب غەزەللىرى[1]

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-25 17:44:00

مەشرەب غەزەللىرى 1نەمەنگان شەھىرىدىن كەتسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟غېرىبلىق شەھىرىدە يۈرسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟قېنى قەۋمۇ قارىنداشىم، بۇ يولدا بولسا يولداشىم، كۆزۈمدىن ئاققۇزۇپ ياشىم...

         مەشرەب غەزەللىرى


       1 

       نەمەنگان شەھىرىدىن كەتسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
    غېرىبلىق شەھىرىدە يۈرسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
    قېنى قەۋمۇ قارىنداشىم، بۇ يولدا بولسا يولداشىم،
    كۆزۈمدىن ئاققۇزۇپ ياشىم، مېنى يوىلار كىشىم بارمۇ؟

    مۇھەببەت شەربەتىن ئىچتىم، قازاندەك قاينابان تاشتىم،
    بۇ فانى دۇنيادىن كەچتىم. مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
    تۈشۈپتۇر باشىمە سەۋدا، رۇمۇزى ئىشقىدىن غەۋغا،
    ئۆزىگە ئەيلەدى شەيدا، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟

     تۇرارغە تاقەتىم يوقتۇر، يۈرەرگە ھالەتىم يوقتۇر،
    يۈرەكتە ئىشق ئوتى كۆپتۇر. مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
    قارارىم يوق تۇراي دىسەم، نەمەنگاندە يۈرەي دىسەم،
    جاھاننى سەير ئېتىپ كەزسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟

     بۇ مىسكىن زارى مەشرەبنىڭ كىشى ھالىنى بىلمەيدۇ.
    بۇ يەردىن باش ئالىپ كەتسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟


         (2)

    سەھەردە تولغانىپ تولغاقدە تاپقان بىر بالاڭ كەلدى.
    يۈزى ئاقۇ – قىزىل گۈلدەك شەھىدى كەربالاڭ كەلدى.
    ئانادەك مىھرىبان قايدە، ئاتادەك غەمگۇزار قايدە،
    ئۇلاردەك ئىچ كۆيەر قايدە، غېرىپ بولغان بالاڭ كەلدى.

    ئانا رازى خۇدا رازى، مۇھەممەد چاھار يار رازى،
    رىزا بولغىل ئانا جانىم، دۇئا ئالغان بالاڭ كەلدى.
    بۇ مەشرەبنىڭ دۇئاسىنى خۇدايا نائۈمىد ئەتمە،
    كۆزى ياشلىق، دىلى غەملىك بۇ سارغايغان بالاڭ كەلدى.


        (3)

     سەتارىم تارىغە جان رىشتەسىدىن تار ئېشىپ سالسام
    ، ئانىڭ كىم نالەسىدىن بىۋەپانىڭ كۆڭلىنى ئالسام.
    مۇقام ئالىپ مۇقام ئىچرە مۇقامنى دىلغە جا قىلسام،
    مۇھەببەت كويىغە سالسە، ئانىڭ ئالدىدە مەن چالسام.

    مۇقاملارنىڭ ئاتاسىنى ھۇسەينى ۋە ئەجەم دەرلەر،
    بۇلاردىن يۇقارى كىم پەردەئى بايادىنى چالسام.
    بايادى ھەق تەئالا يادىدە چالسام پەياپەي كىم،
    كى كۆڭۈل بىنەۋا بولغانىنى بىلسەم ناۋا چالسام.

     كەل ئېي مەشرەب، قەدەھ سۇنغىل، بولايىن مەستۇ مۇستەغرەق.
    بىر ئىلگە كاسەئى تەنبۇر، بىرىگە جامنى ئالسام.


        (4)

    بۇ تەنى خاكىنى ۋە روھى رەۋاننى نە قىلاي؟
    بولماسە قاشىمدە جانانە بۇ جاننى نە قىلاي؟
    يارسىز ھەم بادەسىز مەككەگە بارماق نە كىرەك،
    ئىبراھىمدىن قالغان ئول ئەسكى دۇكاننى نە قىلاي؟


    ئورايىنمۇ باشىمە سەككىز بېھىشتۇ دەۋزەخىن،
    بولماسە ۋەسلى ماڭا ئىككى جەھاننى نە قىلا؟.
    ئەرشنىڭ كۈنگۈرەسىن ئۈستىگە قويدۇم ئاياغىم.
    لامەكاندىن جاي ئالىپ،مەن بۇ مەكاننى نە قىلاي؟

     زەررەئى نۇرى قۇياشتەك بۇ جەھان ئىچرە تەمام,
    ئاشكارا بولماسە سىرى نىھاننى نە قىلاي؟
    بىر خۇدادىن ئۆزگەسى بارچە غەلەتتۇر مەشرەبا
    . گۈل ئەگەر بولسا قولۇمدا ئول تىكەننى نە قىلاي؟


       (5)

     يەتتە دەۋزەخ مەردى ھەقنىڭ ئالدىدە گۈلزاردۇر
    . قول تۇتارغە رەھنەمايىم مەردى ساھىبكاردۇر.
    گەر قولۇڭدىن كەلسە ھەرگىز مۇرچەنى ئاغرىتماغىل،
    ھەم خۇدا بەندەم دىمەس ھەر كىمكى دىل ئازاردۇر.

     تا تىرىك سەن دىدەدىن ھەر لەھزە تۆككىل ئابچەشىم،
    دىلدە دەردىڭ بولماسە مىڭ تائەتىڭ بىكاردۇر.
    بولماغىل زاھىد سۈپەت، دۇنيادە بول مەردى پەقىر،
    كىمكى بەد ھالات بولۇپ كەتتى، تەنى مۇرداردۇر.

    ئالىمى خۇدبىن بولمە، ئالىمى كەستىن بول،
    روزى مەھشەر ھەمىنمۇنىڭ ئەھمەدى مۇختاردۇر.
    سەن ئەزىز ئەتكەن قۇلۇڭنى ھىچ كىشى خار ئەيلەمەس.
    سەن ئەگەر خار ئەيلەسەڭ ھەر يەردە بولسە خاردۇر.

     مەشرەبا، دەرگاھى ھەق چۈن راھ نەۋمىدى ئەمەس،
    ھەق تەئالا ساڭا ھەم بىر ساقلاغانى باردۇر
    (مەنبە: «بۇلاق» 1981-يىللىق 2-سان. «بۇلاق» قا غوجائەھمەد يۈنۈس تەييارلىغان. تورغا تەييارلىغۇچى: ketmenbay. بۇ غەزەللەرنى باشقا تور بىكەتكە يوللاشقا بولمايدۇ.)


     

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-27 22:36:54]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق