شوردەريانىڭ ئۇ تەرپىىدە 3- باب (چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-16 18:03:00

شوردەريانىڭ ئۇ تەرپىىدە 3- باب (چىمەنگۈل ئاۋۇت) ئۈچىنچى باب:بوۋاينىڭ ھېكايىسى ئول قەدىمكى زاماندا بولغان ئىكەن بىر سۇلتان، زاتى تۈرك ئالىپقا تۇتاش ئىكەن، تومۇرداش. خەزىنىسى بايلىققا، خان ئوردىس...

    شوردەريانىڭ ئۇ تەرپىىدە

    3- باب

     (چىمەنگۈل ئاۋۇت)

     

     ئۈچىنچى باب:بوۋاينىڭ ھېكايىسى ئول قەدىمكى زاماندا بولغان ئىكەن بىر سۇلتان، زاتى تۈرك ئالىپقا تۇتاش ئىكەن، تومۇرداش. خەزىنىسى بايلىققا، خان ئوردىسى ھېكمەتكە — تولۇپ ئۆتكەچ ئۇ ئەلدە بار ئىكەنمىش جۈپ قۇياش. ئاھ، شۇندىمۇ جاھاندا ئازابى يوق بەندە يوق، قىسمەتلەرنىڭ چاقىمۇ ئايلىناركەن كۈنۇ تۈن. بەخت بىلەن ئارزۇنىڭ بىرسى بولسا، بىرى كەم، ھايات شۇڭا گۈزەلدۇر، يېشىلمىگەچ بۇ تۈگۈن. شۇنچە كەڭرى باياشات بولسىمۇ گەر زېمىنى، تۇيۇلاركەن سۇلتانغا لەززىتى يوق شۇنچە تار. بولمىغاچقا ۋارىسى كۆك تەڭرىگە تېۋىنىپ، يىغلايدىكەن ئىچىدە پەرزەنت ئۈچۈن زارۇزار. قىرانلىقى قىرىق ياش پارلىغاندا ئاپتاپتەك، بوپتۇ ئاخىر ئىجابەت ئۇنىڭ ئۆمۈر تىلىكى. شۇنچە ئوماق، چىرايلىق، سۇدەك سۈزۈك قىزىنى، سۆيگىنىدە جىسمىغا سىغماي قاپتۇ يۈرىكى. بۇ قىز كۈن ساناپ چوڭ بولغانسېرى شۇنچە لاتاپەتلىك ھەم مېھىرلىك، ئەقىللىق ھەم دىيانەتلىك بولۇپ يېتىلىپتۇ. سۇلتان ئارزۇلۇق قىزى 61 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنى يامان كۆزلەردىن نېرى تۇتۇش ئۈچۈن، ئوردا شەھىرى خانئۆينىڭ يېنىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى تاغ قاپتىلىغا بىر قاتار ھۇجرىلارنى قازدۇرۇپ، ماھىر رەسسام، ئۇستا نەققاشلارنى چاقىرتىپ، ناھايىتى سېھىرلىك قىلىپ بېزەپتۇ-دە، قىزىنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن كۆڭلى ئارامغا چۈشۈپتۇ. ئايلار ئۆتۈپ، كۈن ئۆتۈپ، يىل يىلاندەك تولغىنىپ، تۆكمە بولۇپ مەئىشەت، زېمىن ئانا يايراپتۇ. گۈل ئېچىلسا دالىدا قىز كۆڭلىدەك خىرامان، ئاشىق بۇلبۇل شېخىدا خەندان ئۇرۇپ سايراپتۇ. بۇغا، جەرەن، ماراللار تاغدا ئوتلاپ قىيغىتىپ، تەبىئەتكە نۇر بولۇپ قوشۇلۇپتۇ ئاشۇ دەم. ئوۋ سەلكىنى يىراقتىن ئۇرۇلغاندا دىماغقا، دەريا سۈيى شاۋقۇنلاپ ئۇھسىناركەن دەممۇدەم.خىسلەتلىك قوللار بىلەن بىنا بولغان چاھارباغدا پاسىبانىغا ياندىشىپ سەيلە قىلىۋاتقان خانىش قىزىنىڭ گۈزەل ئەتىسى ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرى ھەققىدە تاتلىق ھېسلارغا چۆمۈپتۇ: مېنىڭ ئالغۇر بۈركۈنۈم، بەخت قۇشۇم سۇلتانىم، كۆيۈپ ئۆتتۈم بىر ئۆمۈر سېنىڭ ئىللىق باغرىڭدا. خالاس بولدۇق قايغۇدىن، بۇ ئاللانىڭ ھىممىتى، ئاياللىقىم نۇرلاندى، ئانا بولدۇم ئالدىڭدا. خۇشلۇقۇڭنى كۆرگەندە، قەلبىم كەلدى لەرزىگە، ھاياقاندىن خىيالىم چاك-چاك بولۇپ يېرىلدى. كۈلكەم بىلەن ئۈن قاتسام قۇشلىرىڭنىڭ كۈيىگە، ئېتىكىمگە كۆز يېشىم مارجان بولۇپ تېرىلدى. قىزىمىزمۇ چوڭ بولدى، ھۆسنى ئۇنىڭ گۈل بولدى، ئۇنىڭ مېھرى تاشقىنلاپ، كۆزلىرىمدەك كۆل بولدى. خۇدا بەرسە ئۆمرىنى، پاراسىتى چەكسىزدۇر، دېيەلمەيمەن شۇندىمۇ ئۈمىدىمىز ھەل بولدى. جەڭگاھلاردا ياندىشىپ ئات چاپتۇرۇپ ماڭغۇدەك، ياۋلار كۆرسە بەستىنى ئارقىسىغا يانغۇدەك، تۇغۇپ بېرىپ بىر ئوغۇل ئۆلۈپ كەتسەم مەيلىدى، پاسىبانىم، سۇلتانىم چىرىغىڭنى ياققۇدەك. سۇلتان قاۋۇل قوللىرى بىلەن خانىشنى ئۆزىگە تارتىپ باغرىغا بېسىپتۇ. ئۇنىڭ غۇنچىدەك لەۋلىرىگە، ياشلىق كۆزلىرىگە سۆيۈپ، سۇمبۇل چاچلىرىنى پۇراپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ: خۇدا بەرگەن بەختىمگە بۇ دۇنيالىق قاياشىم، سەن نېمىشقا بىھۇدە ياشلىرىڭنى تۆكىسەن. ئاقلىقىڭدىن ئاق قۇلار پەرۋازىنى تىلەيدۇ، يۈرىكىمنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆچمەيدىغان ئوتىسەن. ساقلىقىڭدىن ئەزىزرەك ھېچ نەرسە يوق، بىل ماڭا، سۇباتىڭدىن رەڭ ئالغان مېنىڭ مۇشۇ باغلىرىم. كىرپىكىڭنى تىغ قىلساڭ، كۆزلىرىڭنى سىيادان، ئايىغىڭغا يىقىلار ھەتتا ئېگىز تاغلىرىم. قىزىمىزنىڭ سۈلكىتى ئەيمىندۈرەر ئاينىمۇ، ئاۋازىنى ئاڭلىسا توختاپ قالار تاغ سۈيى. گۈلمۇ كۆرسە چېھرىنى خىقىللىقتىن سولۇشار، بۇ ئالامەت سېھرىنى كۆرمىگەنمۇ سەن قېنى. ۋاراقلاندى بىرمۇ بىر توپا باسقان كىتابلار، ھېكمەتلەرنى سۇغىرىپ قىيام قىلدى مېھرىدە. جاسارىتى ئۇرغۇيدۇ تىللىرىدىن بۇلدۇقلاپ، تۈن بەرگىمۇ چاراقلاپ ئۆتتى ئۇنىڭ ئىلكىگە. قەدىمىگە يۇلتۇزلار تۆكۈلىدۇ ياپراقتەك، خىياللىرى بىمالال ئەسىر قىلدى ھەممىنى. شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇ تەختىمدىلا چوغلانسا، جېنى بىلەن قوغدايدۇ پۈتۈن ئەلنىڭ ئەركىنى. ئون ئوغۇلغا بەرگۈسىز قىزىم تۇرسا ئاشۇنداق، غەم قىلاي مەن نېمىشقا دەپ باققىنە خانىشىم. خۇدا بەرسۇن ئۆمرىنى، ھەسرىتىم يوق ئالەمدە، ئۇمۇ مېنىڭ مەڭگۈلۈك يىمىرىلمەس ئۇل تېشىم خانىش ئۇنىڭغا ئاھۇدەك تەلمۈرۈپ، رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپتۇ-دە، ئىپار پۇرىقى بالقىپ تۇرىدىغان نۇرانە خانىدە سۇلتاننىڭ قابىل كۆكرىكىگە باش قويۇپ تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ئىست قىزىم، جان قىزىم، بىزگە نېمە تارتقۇلۇق» دەپ ۋارقىراپ تۇيۇقسىز خانىش جۆيلۈپ كېتىپتۇ. سۇلتان چۆچۈپ پەپىلەپ، تارتىپ ئۇنى ئۇيقۇدىن، مېھرى بىلەن خانىشقا يەنە تەھسىن ئېيتىپتۇ. ئېيت دىلبىرىم، يىغلىما، قارا بېسىپ قالدىمۇ، ياكى چەكسىز خىياللار ئۆز ئىلكىگە ئالدىمۇ. قىزىمىزغا نېمبولدى يۈرىكىڭنى ئەزگۈدەك، جاھاندىكى ئانىنىڭ بارى سەندەك ئانىمۇ؟ خانىش ياشلىرىنى ئۈنچىدەك تۆكۈپ، زەپىراندەك سارغىيىپ ئېسەدەپ تۇرۇپ چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى بايان قىپتۇ:قىزىمىزنى يېتىلەپ بېرىپتىمىز يات ئەلگە، قارار ئىمىش ھەر جۈپ كۆز بىزگە شۇنچە پەرىشان. تەئەججۈپ ھەم ئىزتىراپ لەيلەر ئىمىش ئۇ يەردە، مىغ-مىغ ئادەم توپىدا بىز ئىمىشمىز غېرىبان. تام تۈۋىدە بىر پالچى چاقىرىپتۇ بىزلەرنى، قىزىمىزغا سىنچىلاپ قارار ئىمىش ئۇھسىنىپ. بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك ھالسىز ئېغىپ يۈرىكىم، ئەنسىزلىكتە بىرھازا كېتىپتىمەن تولغىنىپ. بىز پالچىنىڭ ئاغزىغا بىقۇۋۇللۇق بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرغىنىمىزدا، ئۇ: »ھەي... چىرايلىق بالا بوپتىكەن، ئەپسۇس 04 كۈن ئىچىدە بۇ قىزغا بىر بالا-قازا كەلگۈدەك« دەۋاتقۇدەكمىش. سۇلتاننى سوغۇق تەر بېسىپ، مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كېتىپتۇ. چۈش دېگەنگە ئىشىنىش ئەخمەقلىققۇ دېسىمۇ، بۇزۇلۇپتۇ يەنىلا ئۇنىڭ كۆڭۈل ئارامى. يۇرت-يۇرتلاردا جان باقار پالچىلارنى چاقىرتىپ، بىلمەك بوپتۇ ئۇلارنىڭ قىزغا سالغان پالىنى. سۈرلۈك ئوردا مۇشۇ دەم جىمجىتلىققا چۆكۈپتۇ، ھەممە پالچى تەشۋىشتە بىردەك ھەسرەت چېكىپتۇ. «قېنىمىزدىن كەچسىلە، دېيىشىپتۇ ھودۇقۇپ، مەلىكىنىڭ يولىغا خېيىمخەتەر يېتىپتۇ». سۇلتان ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ خانىشنىڭ چۈشىدىكىگە ئوخشاش بولۇپ چىقىشىنى ھەرگىز ئويلىمىغان ئىكەن. شۇڭا، ئالتۇن تەختىدە ئولتۇرۇپ چەكسىز غەمگە پېتىپتۇ. جان جىگىرى قىزىغا ئۇقتۇرماستىن شۇملۇقنى، توققۇز ھۇجرا يېنىغا نەۋكەرلەرنى سەپلەپتۇ. كۆڭلى سۇنۇق بولسىمۇ سەزدۈرمەپتۇ ئۇنىڭغا، لېكىن قارا بىر سايە ئۆز يېنىدىن كەتمەپتۇ. شۇ چاغلاردا مەلىكە ئوقۇپ دەستۇر كالامنى، ئەقىل كۆزى ئېچىلىپ زېھنى ئوتتەك يېنىپتۇ. ئىشتىياقى باغلانغاچ ئىلىم-ھېكمەت تارىغا، ئەقىدە ھەم كامىللىق شەربىتىگە قېنىپتۇ. ئارامسىز كۈنلەر، ۋەھىمىلىك تۈنلەر بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ ئۆتۈۋېرىپتۇ. سۇلتان ئوردا بېغىدىن ھەر كۈنى بىر خىل مېۋىدىن بىر سېۋەت ئۈزدۈرۈپ قىزىنى يوقلاپ تۇرۇپتۇ. ئالما، ئامۇت، ئەنجۈرلەر، چىلان، شاپتۇل، توغاچلار، تارتۇق بولۇپ مەلىكە تۇرغان جايغا توشۇپتۇ. غەم ئەزسىمۇ ئۆزىنى، مەدەت تىلەپ خۇدادىن، سۇلتان يەنە خانىشنىڭ يىغىسىنى بېسىپتۇ. ۋاقىت شۇ تەزدە ئۆتۈپ 39-كۈنىگە قەدەم قويغۇچە ھېچ ئىش يۈز بەرمەپتۇ. كېچە ئەندىشە ئىچىدە ئۇزاپ، تاڭ ئېتىپتۇ. «مۇشۇ بىر كۈن تىنچ-ئامان ئۆتۈپ كەتسە، بالا-قازامۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەپ ئويلىغان سۇلتان ئۈمىد بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كۆك تەڭرىگە تېۋىنىپتۇ ۋە باغدىن بىر سېۋەت ئۈزۈم ئۈزدۈرۈپ قىزىنى يوقلاپ بېرىپتۇ. 40 كۈندىن بېرى ئىلىم تەھسىل قىلىپ كۆڭلى ھەم چېھرى نۇرغا تولغان مەلىكە ئاتىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ. سۇلتان قىزىنىڭ پېشانىسىگە مېھرى بىلەن سۆيۈپتۇ. مەلىكە سېۋەتتىكى ئۈزۈمدىن بىر ساپاق ئېلىپ مەززە قىلىپ يېيىشكە باشلاپتۇ. ئۇ ئەمدىلا ئىككى تال ئۈزۈمنى يەپ بولۇپ، ئۈچىنچىسىنى يېمەك بولۇپ ئېغىز ئېچىشىغا ئۈزۈم ئارىسىدىن بىر تال ھەرە چىقىپ ئۇنىڭ گىلاستەك لېۋىنى «ۋىژژىدە» چېقىۋېلىپلا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. قىز ئاچچىق بىر چىرقىراپ ئاتىسىنىڭ قۇچىقىغا يىقىلىپ جان ئۈزۈپتۇ. چاقماق چېقىپ دەھشەتلىك كۆك گۈمبىزى يېرىلىپ، ئەلەم بىلەن تۇپراققا ھەسرىتىنى تۆكۈپتۇ. خۇن رەڭگىدە قىزارغان ئالتۇن قۇياش ئۇھسىنىپ، چاك-چاك بولۇپ تاغلارنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈپتۇ. ئازاب بىلەن كۆچەتلەر سۇنغىنىدا قاراسلاپ، قىيان بوپتۇ ئېرىقتا توزۇۋاتقان چېچەكلەر. مەلىكىنىڭ ھۆسنىنى خىيال قىلىپ ياشىغاچ، لەۋلىرىنى چىشلەپتۇ تالاي-تالاي ئەركەكلەر. گۈل يىلتىزى قۇرۇپتۇ، قورام تاشلار ئېغىپتۇ، ئۇچار قۇشنىڭ سايرىشى ئۆچۈپتىغۇ بۇ يەردىن. تۇمان بېسىپ كېتىپتۇ ئورمانلارنى مۇشۇ دەم، كۈلكە ناۋا قايناقلىق يوقىلىپتۇ بۇ ئەلدىن. تەلۋىلەرچە ھۆركىرەپ ئوقيا تەگكەن شىركەبى، ياقا يىرتىپ سۇلتانمۇ كاچاتلاپتۇ ئۆزىنى. ئاۋازىنى يۇتۇپتۇ پاتقاق بولغان كوچىلار، پۈكۈلگەنچە تۇپراققا كۆتۈرمەپتۇ بېشىنى. سۇلتاننىڭ چەكچەيگەن كۆزلىرى، كىرىشكەن چىشلىرىغا قاراپ نەۋكەرلەرنى سۈر بېسىپتۇ. چاچلىرىنى يۇلغانچە خانىش كېلەر يىراقتىن، گاھ مۈدۈرۈپ يىقىلىپ، گاھى تاتىلاپ يۈزىنى. دەپ بېرەلمەس يامغۇرمۇ دەپ بېرەلمەس تاغلارمۇ، قايدىن ئىزدەر ئەمدى ئۇ جان تومۇرى قىزىنى؟ بوغۇلماقتا ئاۋازى، بوغۇلماقتا تىنىقى، نەۋكەر بىلەن كېنىزەك چېپىپ يۈرەر ھەرياندا. مۇسىبەتلىك چىرايلار شۇنچە خامۇش پەرىشان، تۇيۇقسىزلا قالغاندەك ئۇشبۇ زېمىن توپاندا. «جېنىم قىزىم، جان قىزىم، سەن كۆزۈڭنى ئاچقىنە، ئۇخلاپ قالغان مەن ئانا دېگىنىڭچە قوپقىنە. ئاچقان بولسا قورسىقىڭ يۈرىكىمنى يەم قىلاي، ئۇسسىغانسەن، يېشىمنى ئوچۇم-ئوچۇم يۇتقىنە. ھەركۈنكىدەك چۈشۈڭنى شىۋىرلىغىن سۆزلەپ بەر، ئاڭلىۋالاي ئۈنۈڭنى قانماي-قانماي تەلمۈرۈپ. خۇدا سېنىڭ بەختىڭنى بېرىدىكەن دېسەم ئاھ، قېچىپ كەتكىن يېنىمدىن تاتلىققىنە بىركۈلۈپ.» خانىشنىڭ كۆز يېشى يامغۇرغا قوشۇلۇپ سەل بولۇپ ئېقىپتۇ. ئەتراپتىكىلەرنىڭ پىغانىمۇ يۈرىكىدىن تېشىپتۇ. ئۇ ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى يۆتكىيەلمەي، سۇلتاننىڭ جەسىتىنىڭ يېنىغا ئۆمىلەپ بارغىنىچە ئۆزىنى ئېتىپتۇ: «جان كۆيەرىم سۇلتانىم، قانداق قىلاي ئەمدى مەن، مېنى يالغۇز قالدۇرۇپ، سەن نېمانچە باغرى تاش، ئۇنچە ئېغىر ئەلەمنى يۇتامدىمەن ئىچىمگە، مىسكىن، دەردلىك كۆڭلۈمگە بولار ئىكىن كىم قاياش. مەنغۇ مەيلى، ئەل سەندىن كۈتكەن ئارزۇ-ئۈمىدلەر، مۇشۇنداقلا كۆپۈككە ئايلىنامدۇ، دەپ باققىن. مەنلا كېتەي ئورنىغا، يۇلۇپ ئېلىپ باغرىڭدىن، ئاشۇ ئەجەل ئوقىنى ئۆز قولۇڭدا بىر ئاتقىن». خانىشنىڭ توققۇز كېچە-كۈندۈز تۆككەن يېشىدىن توققۇز ھۇجرا ئەتراپىدا چوقۇر ھەم سېھىرلىك توققۇز كۆل پەيدا بوپتۇ. بوۋاي ھېكايىسىنى تۈگىتىپ، بېشىنى چىڭ قاماللىدى. — ئاتا-ئاناڭ سېنى سۇلتان قىزىنى ياخشى كۆرگەندىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرىدۇ رەيھان، سەن ئاشۇ مەلىكىدىنمۇ نەچچەھەسسە چىرايلىق، بۇ سېنىڭ ئامىتىڭ دەيتىم ئۇنىڭىغا تەكرار-تەكرار. بوۋايغا ئىپادىسىزلا قاراپ ئولتۇرۇپ ئويلاپ قالدىم: «سۇلتان مەلىكىنى بار ئاماللارنى قىلىپ ئادەملەردىن قوغدىۋىدى، بىر تال ھەرە ئۇنى خاراب قىلدى. رەيھاننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن قوغداشقىمۇ ئۆمرى يار بەرمىۋىدى، ئادەملەر ئۇنى خاراب قىلدى». — بوۋا، بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ بىر كۆل بار. — بۇلبۇلكۆلمۇ؟ — سىزمۇ بىلەمسىز. — رەيھاننى ئىزدەپ يۇرت كەزگەن ۋاقىتلىرىمدا بېرىپ كۆرگەن رەيھاننىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى... — ئاڭلاپتىكەنسىزدە!؟ — شۇ چاغلاردىكى ھېلىقى بۇلبۇل تېخىچە كۆل بويىنى ماكان ئېتىپ تۇرۇۋاتامدۇ؟ — ھەئە. — ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا قېرىپ كەتكەندۇ بەلكىم... ئورنۇڭدىن تۇر، بېرىپ ئۇنىڭغا سالىمىمنى يەتكۈز... ئۇ سىلەرنىڭ كەچمىشىڭلارغا، قايغۇ-ھەسرىتىڭلارغا بىر ئۆمۈر ھەمدەمدە بولدى، لېكىن ھازىرغىچە ھەتتا سەنمۇ ئۇنىڭ دەردىنى بىرەر قېتىم سوراپ باقمىدىڭ قىزىم. خىجىللىقتىنن يۈزۈم ئوت بولۇپ ياندى. بوۋاينىڭ يېنىدىن ھۆرمەت، ئېچىنىش ھەم قىيالماسلىق ئارىلىشىپ كەتكەن چىگىش تۇيغۇدا، ئۇنىڭ ئۇزاقتىن-ئۇزاق قىلغان دۇئاسىنى ئېلىپ يولغا چىقتىم.داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق