جالالىدىن رومى: نەينامە

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-26 23:02:08

مەن ئۇستازلىرىمدىن بىرىنىڭ ھوزۇرىغا زىيارەتكە بارغىنىمدا، مەۋلانا جالالىدىن رومى ھەزرىتىمنىڭ «مەسنەۋى شېرىپ»تىكى مۇنۇ نەينامىسىنى ماڭا يادىكار قىلدى. ئۇستازلىرىمنىڭ ئەمگىكىدىن باشقىلا...



    مەن ئۇستازلىرىمدىن بىرىنىڭ ھوزۇرىغا زىيارەتكە بارغىنىمدا،  مەۋلانا جالالىدىن رومى ھەزرىتىمنىڭ «مەسنەۋى شېرىپ»تىكى مۇنۇ  نەينامىسىنى ماڭا يادىكار قىلدى. ئۇستازلىرىمنىڭ ئەمگىكىدىن باشقىلارنىڭمۇ تەڭ بەھىرلىنىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە يوللىدىم.
     

    نەينامە

    مەۋلانە جالالىدىن رومى

    1

    سال قۇلاق، نەي نە ھىكايەتلەر قىلۇر،

    ئايرىلىشلاردىن شىكايەتلەر قىلۇر.

    2

    مەن قۇمۇشلۇقتىن جۇدا بولدۇم قاچان،

    ئەر-ئايال مەنچۈن چىكەر نالە-فىغان.

    3

    بىر يۈرەك تاپسام ئىدىم دەرد تىلغىغان،

    ئىشىق ئازابىن ئەتكىلى بىر-بىر بايان.

    4

    كىمكى قالسا ئۆز ئەسلىدىن ئايرىلىپ،

    كۈنى ئۆتەر ۋېسال يولىدىن قىدىرىپ.

    5

    چەكتىم ھەر بىر جەمئىيەتتە ئاھۇ-زار،

    ياخشىغىمۇ، يامانغىمۇ بولۇپ يار.

    6

    ئۆز ئويىچە ماڭا دوست بوپ يۈرگەنلەر،

    ئىچ-سىرىمغا ھېچ ئان ئەمەس با خەبەر.

    7

    نالە- زارىم ئىچ سىرىمنىڭ بايانى،

    كۆز-قۇلاقلە بىلىپ بولمايدۇ ئانى.

    8

    جان بىلەن تەن قوشماق كېلۇر ئۆز ئارا،

    ئەمما جاننى كۆرمەك ھەر ئان ناراۋا.

    9

    نە شامال، بىر ئوت ئىرۇر بۇ نەي ئۈنى،

    كىمدە ئوت يوقتۇر يۇقالسۇن بىر يولى.

    10

    ئىشق بىر قايناقتۇر خۇددى مەي ئارا،

    ئىشق بىر ئوتتۇركى كۆيگەن نەي ئارا.

    11

    نەي يارىدۇر يارىدىن قول ئۈزگەننىڭ،

    پەردە يىرتىپ باغرىمىزغا چۆككەننىڭ.

    12

    نەيچىلىك تىرياق-زەھەرنى كۆرمىدىم،

    نەيچىلىك بىر دىل ئۇتارنى كۆرمىدىم.

    13

    قانلى يوللاردىن بايان ئەيلەيدۇ نەي،

    مەجنۇن ئىشق قىسسەسىن سۆزلەيدۇ نەي.

    14

    بىزدە باردۇر نەيگە ئوخشاش قوش ئاغىز،

    بىر ئاغىز ئاستىدا پىنھان، باقسىڭىز.

    15

    بىر ئاغىز پەريات قىلۇر سىزلەر تامان،

    ئەكىس سادادىن كېلۇر لەرزىگە ئاسمان.

    16

    لېكىن بىلگەي قەلب كۆزى ئوچۇقلار،

    ئۈستۈن ئاغىز دەردى ئاستتىن باشلىنار.

    17

    ئاستىن ئاغىز تىنىقى نەي شاۋقۇنى،

    لېكىن ئانىڭ غەۋغاسىدىن روھ سۈرەنى.

    18

    كىم بۇ ھۇشقا يار، قالۇر ئۆز ھۇشىدىن،

    سۆز خەرىدارى قۇلاقتۇر ئەسلىدىن.

    19

    بولمىسا نەي نالەسىنىڭ پايدىسى،

    پۈۋلىشەر بولماستى دۇنيا بۇنچەكى.

    20

    قايغۇمىزدىن كۈنلەر يەتتى پايانغا،

    ھەر بىر كۈننىڭ باغرىدا ئوت بۇ ئانغا.

    21

    كۈنلەر گۆرگە كەتسۇن، ھېچ گەپ يوق،

    سەنلا قالغىن، سەندە يارام ھېچ ئەپ يوق.

    22

    بېلىقلارلا ھەرئان ئۆتەر سۇسىراپ،

    ئاچ ئادەمنىڭ كۈنى كەتكەي ئۇزۇراپ.

    23

    ھالى خاملار پىششىقلارنى چۈشەنمەس،

    گەپنى قىسقا قىلدۇق، ئەمدى يېتەر، بەس

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.