12مۇقام

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-31 04:33:00

12 ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ كىلاسسىك مۇزىكىلىرىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ يىللاردىن بۇيان قەدىرلىنىپ، داۋاملىشىپ كەلگەن، ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻼﺷﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ناخشا مۇزىكىلىرنىڭ توپلىمىد...

     

       12 ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ كىلاسسىك مۇزىكىلىرىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ يىللاردىن بۇيان قەدىرلىنىپ، داۋاملىشىپ كەلگەن، ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻼﺷﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ناخشا مۇزىكىلىرنىڭ توپلىمىدىن ئىبارەت.
    ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن نۇسخىسى بار بولسىمۇ ئەمما يەنە مەلۇم ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە دولان مۇقامى، قۇمۇل مۇقامى، توقسۇن مۇقامى قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇسخىلىرىمى بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
    ئادەتتە ئېيتىلىدىغان ئۇيغۇر 12مۇقامى15-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩىكى يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ۋەزىر ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﯧﺪﯨﺮﺧﺎﻥ ۋە خانىش ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎﺧﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻼﺭ ﺭﻩﺗﻠﻪﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﺎﻥ، داپ، تەمبۇر، سەتار، غىجەك قاتارلىق ئۇيغۇر چالغۇلىرى بىلەن ئوپچە ئورۇنلىنىدىغان مۇقامنى كۆرسىتىدۇ.
        12 مۇقامنىڭ CD, VCD, DVD    نۇسخىلىرى يېقىنقى يىللاردا بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ب د ت تەرىپىدىن ئىنسانىيەت غەيرى ماددا مەدەنى مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

     12ﻣﯘﻗﺎم ۋە ئۇلارنىڭ ھەر خىل ئاتىلىشى

    1-  ﺭﺍﻙ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ       ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ< ﺭﺍﮬﺎﺑﻰ >

    2- ﭼﻪﺑﺒﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ     ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ < ﮬﯜﺳﻪﻳﻨﻰ >

    3- ﻣﯘﺷﻪﯞﺭﻩﻙ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ   ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ < ﺭﺍﺳﺖ>

    4- ﭼﺎﺭﮔﺎﮪ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ      ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ < ﮬﯩﺠﺎﺯ>

    5- ﭘﻪﻧﺠﯩﮕﺎﮪ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ   ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ < ﺑﯘﺯﺭﯗﻙ>

    6- ﺋﯚﺯﮬﺎﻝ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ     ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ < ﻛﯜﭼﻪﻙ>

    7-ﺋﯩﺮﺍﻕ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ        ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ: ﺩﻩﺭﻳﺎ ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﺩﯗ .

    8- ﻧﺎﯞﺍ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ       ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ <ﻧﺎﯞﺍ>

    9- ﺋﻮﺷﺎﻕ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ     ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ <ﺋﺎﺷﻘﻼﺭ،ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻼﺭ>ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ .

    10- ﺑﺎﻳﺎﺕ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ      ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ <ﺳﺎﺑﺎﮬﺎﻥ>

    11- ﺋﻪﺟﻪﻡ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ     ﺋﯩﺴﻼملاﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻼﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻼﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﯘ ﻣﯘﻗﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.

    12- ﺳﯩﮕﺎﮪ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ    ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ <ﺑﯘﺳﻠﯩﻚ> 

        ھەر بىر مۇقام تەخمىنەن ئىككى سائەت ئەتراپىدا بولۇپ جەمئى 24 سائەتتىن ئاشىدۇ. ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﭼﻮﯓ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ئۇمۇمەن «ﭼﻮﯓ ﻧﻪﻏﻤﻪ قىسمى»،«ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﻰ»،  «ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩق باشلانما ، ئەۋج قىسمىلىرىدىن ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﺯﻩ  ﺳﻪﻟﻘﻪ، ﺗﺎﻛﯩﺖ، ﻧﯘﺳﯩﺨﺎ، ﺟﯘﻻ  ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ قىسىملىرىمۇ بار.

    --------------------------------
    بۇ تېما ئەسلى "نىشان" ئەپەندىمنىڭ بولۇپ، مەن ئايرىپ تەھرىرلەپ قايتا يوللىدىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق