دوستۇمغا خىتاب(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-11 23:31:00

دوستۇمغا خىتاب ھەممىتىڭدىن، غەيرىتىڭدىن ئۆل، لېكىن ئايرىلمىغىل، ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر، قايرىلمىغىل. مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ، قورقماي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،تاغۇ تاش، دەريا ئۇلۇغ سۆزلەرگ...

    دوستۇمغا خىتاب

        ھەممىتىڭدىن، غەيرىتىڭدىن ئۆل، لېكىن ئايرىلمىغىل،
     ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر، قايرىلمىغىل.


    مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ، قورقماي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،
    تاغۇ تاش، دەريا ئۇلۇغ سۆزلەرگە سەن تاڭ قالمىغىل.

     

     ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە، يا غەرق بول، يا تاپ گۆھەر،
    شىر نە يولۋاس كەبى باسقان ئىزىڭدىن ھېچ يانمىغىل.


    تۆت تەرەپ ياۋ ھۇۋلىشىپ، سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،
    ئېلىشىپ قانغا بويال، نومۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل.

     

     كىمكى ھەق تولغا قەدەم قويسا ئۇتۇق مۇتلەق شۇنىڭ،
    بۇ نېچۈك بولغاي كېيىن دەپ، توق خىيالغا قالمىغىل.


    سەن ۋە ۋەتەن، مىللەت دېسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
    بول جەسۇر، ئالىي نىشان، كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل.

    ئابدۇخالىقنىڭ سۆزى دەپ ئېتىبار قىلماي قېلىپ،
    ئۇشبۇ ۋىجداننى كېيىن پۈتمەس ئازابقا سالمىغىل.

     1929 ـ يىلى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر