يېقىنقى ۋە ھازىرقى دەۋر تۈرك ئەدەبىيات تارىخى

يوللىغۇچى : yusupjan يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-01 01:19:00

‏ ‏ كەنان ئاقيۈز تۈكچىدىن يۈسۈپجان ياسىن تەرجىمە قىلغان سەرۋەتى فۈنۇن سىرتىدىكى ئەدەبىيات سەرۋەتى فۈنۇن دەۋرىدە يىتىشكەن بولسىمۇ، بەلگىلىك بىر ‏ئەدەبىي گۇرۇھ قۇرمىغان ۋە ئۆز ‏ئىچىدىمۇ بەز...

    ‏ ‏   كەنان ئاقيۈز تۈكچىدىن يۈسۈپجان ياسىن تەرجىمە قىلغان

        سەرۋەتى فۈنۇن سىرتىدىكى ئەدەبىيات سەرۋەتى فۈنۇن دەۋرىدە يىتىشكەن بولسىمۇ، بەلگىلىك بىر ‏ئەدەبىي گۇرۇھ قۇرمىغان ۋە ئۆز ‏ئىچىدىمۇ بەزى كۆزقارشى ‏پەرقلىق بولغان شائىر ۋە يازغۇچىلارنى پەقەت "سەنئەت ئۈچۈن ‏سەنئەت" ‏ۋە "جەمئىيەت ئۈچۈن سەنئەت" چۈشەنچىسىنىڭ ‏خالىغان بىرىگە باغلانغانلىقى بىلەن ‏گۇرۇپپىلاندۇرۇش مۇمكىن.‏ بىرىنجى چۈشەنچىنى قوبۇل قىلغان شائىرلاردىن رىزا تەۋفىق ‏بۆلۈكباشى(1869-1949 ) دادىسى ‏بىلەن بىرلىكتە گەلىبولۇدا تۇرغان ‏مەزگىللەردىكى تېخى بالا دەپ ئاتاشقا بولىدىغان چاغلىرىدىلا ‏‏شېئىر يېزىشقا باشلىغانىدى. ئۇنىڭ دەستلەپكى ئۇستازلىرى بۇ ‏يەردىكى خانىقا شائىرلىرى بىلەن ساز ‏شائىرلىرى① ئىدى. لېكىن ‏‏1886- يىلى ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىن دىۋان ئەدەبىياتى بىلەن ‏‏غەرپ تۈرك ئەدەبىياتىدىن خەۋەردار بولدى. بۇلاردىن غەرپ تۈرك ‏ئەدەبىياتىنى تاللىغان بولسىمۇ، ‏سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھىغا قېتىلمىدى. ‏ئۆز دەۋرىنىڭ ئارۇز – بۇغۇم(بارماق) ۋە ئوسمانلىچە -- تۈركچە ‏‏كۆرىشىدىمۇ غەرب تۈرك ئەدەبىياتىنى ھېمايە قىلدى. خانىقا ‏شېئىرىنىڭ شائىرغا كۆرسەتكەن تەسىرى ‏‏1892-يىلى باشلانغان. بۇ ‏تەسىر كۆپۈنچە نەزىم شەكىللىرى، ۋەزىن ۋە ئۇسلۇب ‏ئالاھىدىلىكلىرى ‏جەھەتتە كۆرۈلدى. ‏ ناھايىتى كەڭ بىر ئېنسىكلوپېدىيىلىك بىلىمگە ئىگە بولغان ‏ۋە شېئىردىن سىرىت يەنە مۇھىمى ‏پەلسەپە بىلەن مەشغۇل ‏بولغانلىقى ئۈچۈن "پەيلاسوف" ئۈنۋانى بىلەنمۇ تۇنۇلغان رىزا ‏تەۋفىقنىڭ ‏شېئىرلىرىدىكى ئاساسىي مۇۋاپپىقىيەت ‏ئىپادىلەشتىكى لىرىكىزم بىلەن ئۇسلۇبىدىكى سەمىمىيەتتىن ‏‏تۇغۇلدى.

        شېئىرلىرىنى "سەرابى ئۆمرۈم"(1934-‏‎ ‎يىلى، 1949-يىلى) نامى ‏بىلەن ئىلان قىلدى. ‏ سەرۋەتى فۈنۇننىڭ سىرتىدا "جەمئىيەت ئۈچۈن سەنئەت" ‏قارىشىغا ئاخىرىغا قەدەر باغلانغان ‏ئىككى مەشھۇر شائىر مەھمەد ‏ئەمىن بىلەن مەھمەد ئاكىف ئىدى.‏ سەرۋەتى فۈنۇن شېئىرىغا تېخى رەقىب چىقمىغان يىللاردا ‏ئۇنىڭغا تامامەن زىت كىلىدىغان بىر ‏چۈشەنچە بىلەن ئوتتۇرىغا ‏چىققان مەھمەد ئەمىن يۇرداقۇل(1869-1944) شەخسىي تۇيغۇ، خىيال ‏ۋە ‏ئارزۇلاردىن يىراق تۇرىدىغان شېئىرلارنى يازدى. بۇنىڭدىن باشقا ‏ئوسمانلىچىدىكى يات تىل ‏سۆزلۈكلىرىنىمۇ ئەڭ تۈۋەن چەككە ‏چۈشۈردى. ئۇلار ئارقىلىق ياسالغان باغلىغۇچىلارنى بولسا زادىلا ‏‏قوللانمىدى. توغرىدىن توغرا تۈركچە بولغان ياكى خەلقنىڭ تىلىغا ‏قەدەر سېڭىپ كىرىپ تولۇق ‏تۈركچىلەشكەن سۆزلەر بىلەن يازغان ‏شېئىرلىرىدا يالغۇز بۇغۇم ۋەزنىنى قوللىنىپ، ئارۇزغا زادىلا ئورۇن ‏‏بەرمىدى.

       ‏ بۇ خىل شېئىرلىرى ئارقىلىق سەرۋەتى فۈنۇن شېئىرىنىڭ ئەڭ ‏پارلاق دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىقىش بىر ‏جاسارەت مەسىلىسى ئىدى. ‏شائىرغا بۇ جاسارەتنى 1897- يىلىدىكى تۈرك – يۇنان ئۇرۇشى ئاتا ‏‏قىلدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تۇرك ئارمىيىسىنىڭ ‏ئاتىنا(ئافىنا) دەرۋازىلىرىغا قەدەر يىتىپ بېرىشىدىن ‏پەيدا بولغان ‏مىللىي ھاياجان بۇ شەكىلدە يېزىلىدىغان شېئىرلار ئۈچۈن ئەڭ ‏مۇۋاپىق پۇرسەت ئىدى. ‏مەھمەد ئەمىن بۇ پۇرسەتنى ناھايىتى ‏ياخشى قىممەتكە ئىگە قىلىپ، شېئىرلىرىنى كەينى- كەينىدىن ‏ئىلان ‏قىلىپ، ئۆزىنى ئەتراپىدىكىلەرگە ئېتىراپ قىلدۇردى. ‏دەستلەپتە ئىلان قىلغان "ئانادولۇدىن ‏بىر سادا ياكى ئۇرۇشقا ‏ماڭغاندا"(1897-يىلى) ناملىق توققۇز شېئىرىنى، كېيىن "تۈركچە ‏شېئىرلار" ‏‏(1900-يىلى) نامىدا كىتاپ قىلىپ باستۇردى.‏ شەخسىي ۋە رومانتىك تۇيغۇلار تۈرك شېئىرىنى قاپلىغان بىر ‏مەزگىلدە مەھمەد ئەمىننىڭ بۇنداق ‏تۇيغۇلادىن تامامەن يىراق ‏تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ۋە مىللىي تېمىلارغا ئېتىبار بىرىشىگە ‏ئۇنىڭ بىر ‏بىلىقچىنىڭ ئوغلى بولۇشى سەۋەبىدىن نامرات خەلق ‏ئىچىدە چوڭ بولغانلىقى، پات – پات ‏ئانادولۇنى زىيارەت قىلىپ ‏تۈرك دېھقانلىرىنىڭ مۇشەققەتلىك تۇرمۇش شارائىتلىرىنى ‏كإرگەنلىكى ۋە ‏ئوسمانىيلار دإلىتىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردە ‏ئويغانغان مىللەت تۇيغۇسى سەۋەب بولغان ئىدى. ‏ مەھمەد ئەمىننىڭ ئەسەرلىرىدە دەستلەپتە يالغۇز ‏ئىمپېرىيىنىڭ دائىرىسىدىلا چەكلەنگەن ‏‏"تۈرك خەلقىنى ھەر ‏جەھەتتىن گۈللەندۈرۈش" مەنىسىدىكى مىللەتچىلىك پىكرى 1908- ‏يىلىدىن ‏كېيىن ئاستا -- ئاستا "دۇنيا تۈركلىرىنىڭ بىرلىكى" پىكرى ‏بىلەن بىرلەشتى.

          تۈركلەرنىڭ بىرلىكى ‏ئىدىئولوگىيىسىنى ئاندا-- ‏ساندا ئىسلام بىرلىكى ئىدىئولوگىيىسى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ‏مەھمەد ‏ئەمىن ئىمپېرىيالىزمغىمۇ قارشى چىقتى. ‏ ئۈستۈن سەۋىيىلىك بىر شائىر بولمىغانلىقى ئۈچۈن ‏لىرىكىزمدىن مەھرۇم بولغان شېئىرلىرىدا ‏دائىم بوغۇم ۋەزنىنى ‏قوللاندى، تىلدىمۇ تۈركچە ياكى تۈركچىلەشكەن سۆزلەرگە ئورۇن ‏بەردى. ‏شۇنداقتىمۇ جانلىق ۋە يېقىملىق بىر تىل شەكىللىنەلمىدى. ‏مەھمەد ئەمىننىڭ ئەڭ كۆپ تاللىۋالغان ‏نەزىم شەكىللىرى بولسا ‏سەرۋەتى فۈنۇن شېئىرىدا قىزىقىش قوزغىغان "سونت" ۋە "ئەركىن چاچما ‏شېئىر" شەكىللىرى ئىدى. ‏ ‏ مەھمەد ئەمىن شېئىرلىرىنى تۈۋەندىكى كىتاپلاردا ئىلان ‏قىلدى: يەنى "تۈرك سازى "(1914-يىلى)، ‏‏"ئەي تۈرك ‏ئويغان"(1915-يىلى)، "تاڭ ساداسى"(1915-يىلى)، "قوشۇننىڭ ‏داستانى" ‏‏(1915-يىلى) ، "دىجلە ئالدىدا"(1916-يىلى)، "ھەمشىرە ‏خانىملار"(1917- يىلى)، "زەپەر ‏يولىدا" (1918-يىلى)،"تۇرانغا ‏قاراپ" (1918-يىلى)، "ئىسيان ۋە دۇئا" (1918- يىلى)، ‏‏"مەرىپەت ‏قىزلىرى" (1925-يىلى)، "مۇستاپا كەمال" (1928-يىلى) ۋە "ئەنقەرە" (1939- يىلى) ‏قاتارلىق.‏ ‏ 2- مەشرۇتىيەت دەۋرىدە تۈرك بىرلىكى ئىدىئولوگىيىسىدىن ‏قالسا ئەڭ كۈچلۈك دىققەتنى تارتقان ‏ئىسلام بىرلىكى ‏ئىدىئولوگىيىسىنىڭ بىردىن بىر ۋەكىلى بولغان مەھمەد ئاكىف ‏ئەرسوي ‏‏(1873-1936 ) ئىسلامىي مەدەنىيەت بىلەن يىتىشىپ چىققان ‏ئىدى. ئۇ شېئىر يېزىشنى شەخسىي ۋە ‏دىنىي تېمىلارنى ‏تەسۋىرلەش بىلەن باشلىدى. بۇ مەزگىللەردە ئۇنىڭ ھەممىدىن بەك ‏ياقتۇرغان ‏كىشىلىرى شەيخ سادى، ھاپىز، مۇئەللىم ناجى ۋە ‏ئابدۇلھەق ھامىد ئىدى.

      1900 - يىلىدىن كېيىن ‏شەخسىي تۇيغۇلىرىنى ‏بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، يېقىن ئەتراپنىڭ ۋە ئاستا-- ئاستا ‏بارلىق ئىسلام ‏ئۈممەتلىرىنىڭ دەرت-- ئەلەملىرىگە دىققەت ‏قىلىشقا باشلىدى. دەستلەپكى شۆھرىتىنى چىقارغان ‏شېئىرلىرى يېقىن ‏ئەتراپتا ئۇچراتقان نامراتلىق، باش پاناھسىزلىق، نادانلىق ۋە ناچار ‏ئادەتلەر بىلەن ‏مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ‏ بالقان ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىدە دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە ‏بەربات بولغان ئوسمانلىچىلىك ‏ئىدىئولوگىيىسىنىڭ ئورنىنى ‏ئىگىلىگەن مىللەتچىلىك ۋە ئىسلامچىلىق ئىدىئولوگىيىلىرى ‏‏1-دۇنيا ‏ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاندا-- ساندا بىر بىرىگە يار-- يۆلەك ‏بولدى. چۈشەنچىسى بىلەن ئىسلامچى، ‏تۇيغۇسى بىلەن مىللەتچى ۋە ‏خەلقچى بولغان مەھمەد ئاكىف بۇ يېقىنلىشىشنىڭ ئەڭ ‏مۇۋاپپىقىيەتلىك ‏ئۆرنىكىنى ياراتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن بارلىق ‏مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىشىشى ھەققىدىكى قاراشنى ھېمايە ‏قىلسا، يەنە ‏بىر تەرەپتىن يالغۇز تۈرك خەلقىنىڭ مەسىلىلىرىگە يېقىندىن ‏دىققەت قىلدى.‏ ئۇنىڭ قارىشىچە، مەدەنىيەتنىڭ بإشۈگى شەرقتۇر. شەرقنى ‏مەدەنىيەتتىكى ئۈستۈنلىكىدىن ‏مەھرۇم قىلغىنى زامانلارنىڭ ئۆتۈشى ‏بىلەن ئۇنىڭ ئىچىگە چۈشكەن "مۇتەئەسسىپلىك، نادانلىق، ‏‏ئەخلاقىي بۇزۇقچىلىق، ھورۇنلۇق، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك" قاتارلىق ‏سەۋەپلەردۇر. بۇلاردىن قۇتۇلۇش ‏ئۈچۈن ئىسلام دىنىنىڭ پارلاق ‏دەۋرىدىكى ئاساسلارغا ۋە بۇنىڭ ئىجابىي ۋە ئىجادىي كۈچىگە ‏‏يېڭىدىن ئىرىشىش زإرۈردۇر.

      ئىسلام بىرلىكىمۇ پەقەت مۇشۇ يول ‏بىلەن ئەمەلگە ئاشاتتى. بۇنىڭ ‏ئۈچۈن ئاكىف 1-دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ‏مىللىي ئىنقىلاپ يىللىرىدا يازغان بارلىق شېئىرلىرىدا بۇ يولغا ‏‏مېڭىشنى ئىگىرى سۈرىدىغان ئىزچىل تەشەببۇلاردا بولدى. لېكىن ‏ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىدىكى ‏خىرىستئان ئېتىقادىدىكى ئاز ‏سانلىق مىللەتلەردىن كېيىن، 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىرىدا ئەرەبلەر ‏‏ئارىسىدىمۇ باشلانغان ۋە بۇ ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدە رىئاللىققا ‏ئايلانغان مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى، ‏بۇ ئارقىلىق قۇرۇلغان دۆلەتلەر ‏ئىسلام بىرلىكى ئىدىئولوگىيىسىنىڭمۇ كۈچلۈك ئاساسلارغا ‏‏تايانمىغانلىق ھەقىقىتىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا شائىر ئېغىر خىيال ‏مەيۈسلۈكىگە ئۇچرىدى. بۇنىڭ ‏ئارقىسىدىنلا مىللىي ئىنقىلابىدا ‏غەلىبە قىلغان تۈركىيىدىمۇ مىللىي ۋە لائىك② بىر دۆلەت قۇرۇلغاندا، ‏‏ئاكىف بىر مەزگىل (1925-1936) تۈركىيىدىن ئايرىلىپ مىسىردا ‏ئولتۇراقلاشتى. بۇ مەزگىلنىڭ ‏ئاخىرلىرىغا كەلگەندە كىسەل بولۇپ ‏قالدى ۋە كىسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كىتىشى بىلەن ئىستانبۇلغا ‏قايتىپ ‏بۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. ‏ ‏ 1900 -يىلىدىن كېيىن شېئىرلىرىدا "جەمئىيەت ئۈچۈن ‏سەنئەت" پرىنسىپى، ئىسلام بىرلىكى ۋە ‏تۈرك خەلقىنىڭ ‏ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن يۈكسىلىشى قاتارلىق ‏مەسىلىلەردە قەتئىيلىك بىلەن ‏توختالغان ئاكىف "ئەدەبىياتنىڭ ‏چوڭچىلىق قىلىدىغان بىر ئىش مەسلىكىنى، ئۇنىڭ زىيالىلارغا ‏‏ئەمەس، كەڭ خەلق توپىغا خىتاپ قىلىشى ۋە مۇھىمى ئۇلارنى ‏تەربىيىلىشى كىرەكلىكى"نى قوبۇل ‏قىلغان ئىدى. ئۇ سەنئەتنىڭ ‏ۋەتىنى يوق دېگەن قاراشنىمۇ رەد قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ‏سەنئەتنىڭ ‏ۋەتىنى بار، ئۇ مەھەللىۋىي ۋە مىللىيدۇر. شېئىرلىرىدا ‏ناھايىتى ئېنىق بولغان بىۋاسىتە ئىسپات كۈچى ‏تەسۋىر ۋە ‏تەھلىللىرىدىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپۈنچىسى جانلىق بىر ئېغىز ‏تىلى ۋە ئۇسلۇبى بىلەن ‏يېزىلغان شېئىرلىرىدا كۈچلۈك بىر لىرىكىزم ‏كۆزگە چېلىقىدۇ. ۋەزىن سۈپىتىدە پەقەت ئارۇزنى، دىۋان ‏‏نەزمىنىڭ ھەر خىل شەكىللىرى بىلەن بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ‏مەسنىۋىنى قوللانغان شېئىرلىرىنى ‏ئايرىم ناملار بىلەن ‏‏"سافاخات" دېگەن ئىسىم ئاستىدا توپلىدى. يەنى ‏‏"سافاخات"(1911-يىلى)، ‏‏"سۇلايمانىيە خۇتبىسىدا"(1912-يىلى)، "ھەقنىڭ ئاۋازى"(1913-يىلى)، "فاتىخ خۇتبىسىدا ‏‏"(1914-يىلى)، "خاتېرىلەر"(1917-يىلى)، "پاكلىق"(1924-يىلى)، "سايە" (1933- ‏يىلى) ‏قاتارلىق.‏ سەرۋەتى فۈنۇن دەۋرىدە قىسمەن بۇ شېئىرنىڭ، قىسمەن دىۋان ‏نەزمىنىڭ شەكىل ۋە مەزمۇن ‏ئالاھىدىلىكلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ‏شېئىرلىرى بىلەن داڭق چىقارغان شائىرلار ئارىسىدا "سۈنۇخات ‏‏‏"(1890-يىلى)، "خۇزما سافا"(1891-يىلى)، "ماغدۇرەئىي ‏سەۋدا"(1892- يىلى)، "مەۋلىدى ‏پەدەرى زىيارەت"(1896-يىلى)، "مەنسىييات"(1912-يىلى) ۋە "ھىسسىييات"(1912- يىلى) ‏قاتارلىق ‏كىتابلىرى بىلەن ئىسمائىل سەفا(1867-1900)، "ئارالدا ‏سۆزلىگەنلىرىم"(1886- يىلى)، ‏‏"غەزەللىرىم"(1894-يىلى)، "زادەئىي ‏شائىر"(1895-يىلى)، "ئاسارى جەلال"(1896- يىلى) ۋە ‏‏‏"سۈرۇد"(1896-يىلى) دېگەن ئەسەرلىرى بىلەن مەھمەد جەلال(1867- ‏‏1912)، ‏‏"ئەپسۇسⅠ‏"(1877-يىلى)، "ئەپسۇسⅡ‏"(1891-يىلى)، "ئوت"(1896- يىلى)، "ئاقسى ‏سەدا"(1900-يىلى) ۋە «سافاخاتى ‏قەلب» (1901-يىلى) ناملىق كىتابلىرى بىلەن نىگار ‏‏خانىم(1856-1918) قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنىدۇ. ‏ تىياتىر -- دەۋرنىڭ سىياسىي بېسىمى سەۋەبىدىن سەرۋەتى ‏فۈنۇنچىلارغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ ‏سىرتىدا تۇرغانلارمۇ تىياتىر تۈرى ‏بىلەن پەقەت 1908-يىلىدىن كېيىن ئاجىز بىر شەكىلدە مەشغۇل ‏‏بولدى. تىياتىر تۈرىدە پەقەت ھۈسەيىن راھمى «كۈز ‏بۇلبۇلى»(1916-يىلى)، «ئايال ‏ئەركەكلەشكەندە»(1933-يىلى) ۋە ‏‏«ئىككى تامچە ياش»(1973-يىلى)، سافۋەت نەزىخى «ئىزاھ ‏ۋە ‏ئىزاھات تەلىپى»(1909-يىلى) ۋە نىگار خانىم «گىرىۋە» (نەشىر ‏قىلىنمىغان) ۋە «تەسۋىرى ‏ئىشق»(1978-يىلى) ناملىق پىيەسسەلىرى ‏بىلەن بەزى ئۆرنەكلەرنى ياراتتى. ‏ رومان ۋە ھېكايە – سەرۋەتى فۈنۇننىڭ سىرتىدىكى رومانچى ‏ۋە ھېكايىچىلارنىڭ بەزىلىرى ‏ئاخمەد مىدخات، يەنە بەزىلىرى نامىق ‏كەمال ئۇسلۇبىدا يازدى. ‏ خەلققە خىتاپ قىلىدىغان رومان ۋە ھېكايىلارنى يېزىش ‏جەھەتتە ئاخمەد مىدخاتنىڭ يولىدىكى ‏ئەڭ تەسىرى كۈچلۈك كىشى ‏ھۈسەيىن راھمى گۈنپىنار(1864-1944)دۇر. تۇنجى رومانى«شېك ‏‏»(بەك ‏جايىدا دېگەن مەنىدە، 1888-يىلى) ئاخمەد مىدخات ‏چىقارغان «تەرجۈمانى ھەقىقەت»تە بۆلۈپ ‏بېسىلغان ۋە ئۇنىڭ ‏ماختىشىغا ۋە ئىلھام بىرىشىگە ئىرىشكەن ھۈسەيىن راھمىنىڭ ‏ئاخمەد مىدخاتقا ‏ئوخشايدىغان تەرەپلىرى «خەلق ئۈچۈن يېزىشى، ‏ئەدەبىياتنىڭ كەڭ خەلق توپىنى تەربىيىلەش ‏كۈچىنى ھېمايە قىلىشى، ‏ئوتتۇرا ئەسىر تۇرمۇشىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى ۋە ‏زامانىۋىيلىشىشنى داۋاملىق ‏سىڭدۈرۈشى، ئوقۇش ھاياتى ۋە ‏تەجرىبىسى ئاز بولغان خەلق توپلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا مايىل بولۇشى، ‏‏شەكىلگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى، ۋەقەگە ئۈچىنجى شەخس ‏سۈپىتىدە قاتنىشىشى ۋە ۋەقە بىلەن ‏مۇناسىۋەتسىز بولغان ‏ئېنسىكلوپېدىيىلىك سەۋىيىدىكى مەلۇماتلارنى پات-- پات نەقىل ‏كەلتۈرۈشى» ‏دۇر. ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بولسا، رومانلىرىدا ‏ھەرخىل مېتود ۋە تۈرلەرگە ئورۇن بەرمەي، ‏پەقەت رېئالىستتىك ‏ۋە ناتۇرالستتىك مېتودى بىلەن «تۆرە رومان»(ئەخلاق ۋە ئۆرپ-- ‏ئادەت ‏تېمىسىدىكى رومان) تۈرىگە باغلانغان بولۇشىدۇر.

        ‏ ھەقىقىي بىر رېئالىستتىك ۋە ناتۇرالستتىك رومانچى بولغان ‏ھۈسەيىن راھمى بۇ ئۇسلۇبنىڭ فرانسۇز ‏يازغۇچىلىرىغا ئوخشاش، ‏ئىنساننى تۇغما مەۋجۇت بولغان روھىي مەزمۇن ۋە ئۇ ياشىغان ‏مۇھىتنىڭ ‏ئورتاق بىر مەۋجۇتلىقى سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ. شۇ ‏سەۋەبلىك بىر تەرەپتىن خاراكتېرلارنىڭ③ روھى ‏مەزمۇنلىرىنى ‏يورۇتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىنى پۈتۈن ‏بەلگىلىرى بىلەن ‏كۆرسىتىدۇ. لېكىن، ئۇنى فرانسۇز رېئالىستتىك ۋە ‏ناتۇرالستتىك يازغۇچىلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ‏ئەڭ مۇھىم ‏ئالاھىدىلىكى ئىجتىمائىي تەنقىدتۇر. كۆپۈنچە ھەجۋىي ۋە مىزاھ ‏بىلەن ئارىلىشىپ ‏كەتكەن ۋە فرانسۇز رومانلىرىدا ئورۇن ئالمىغان ‏بۇ تەركىپ ھۈسەيىن راھمى رومانلىرىنى باشتىن ‏ئاخىرىغا قەدەر ‏قاپلىغان. يازغۇچى ئاساسەن رومانلىرىنى بەلگىلىك بىر كىشىنى ۋە ‏مۇھىتنى، بەلگىلىك ‏بىر ئادەت، ھەرىكەت ۋە چۈشەنچىنى تەنقىد ‏قىلىش مەقسىتىدە يازغان ئىدى. يەنى مەقسىتى بىلەن ‏يازغىنى ‏پەقەت «كۆرۈلۈپ تۇرغان نەرسىنىڭ ئەينەن بايان قىلىنىشى»دىن ‏ئىبارەت ئەمەس ئىدى. ‏ئاخمەد مىدخاتنىڭ رومانلىرىدا ناھايىتى ‏كۆپ ئۇچرايدىغان بۇ تەنقىدچى مەۋقەنىڭ نىشانى ‏زامانىۋىي ئىنسان ‏تىپى بىلەن ماسلىشالمايدىغان ئادەتلەرنىڭ بىكار قىلىنىشىدۇر. ‏ بۇ مەقسەت بىلەن ھۈسەيىن راھمىمۇ ھەر ۋاقىت دەۋرگە ‏يات(كونا) ئادەتلىرى، چۈشەنچىلىرى ۋە ‏تۇرمۇش شەكىللىرى بولغان ‏مۇھىتنى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانلىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۇلارنى ‏ئوڭشاشقا ‏تىرىشتى. بۇ نىشانغا يىتىش ئۈچۈن ماڭغان يولى بولسا ‏بىۋاسىتە تەنقىد قىلىشنىڭ ئورنىغا مىزاھ ‏يولىنى قوللىنىشىدۇر.

        يەنى ‏ئىجتىمائىي ۋە خۇسۇسىي مېيىپلىقنىڭ كۈلكىلىك تەرەپلىرىنى ‏ئوتتۇرىغا ‏قويۇپ ئۇلارنى تەنقىد قىلىشنى تاللىۋالدى. بۇ ئەينى ۋاقىتتا ‏رومانلارنىڭ كۆڭۈللۈك ۋە يېقىملىق ‏بولۇشىىنىمۇ كۈچەيتتى. رومانلىرىدا ‏قەتئىيلىك بىلەن تەسۋىرلەنگەن مېيىپلىقلارنى «روھى، ئەخلاقى ‏‏ۋە مەدەنىي» جەھەتتىن ئىبارەت ئاساسلىق ئۈچ گۇرۇپپىغا ‏يىغىنچاقلاش مۇمكىن. قەھرىمانلىرى ‏تۈرلۈك ئىجتىمائىي ‏قىسىملاردىن تاللانغان بولسىمۇ، كۈپۈنچە مەدەنىيەت سەۋىيىسى ‏تۈۋەن بولغان ‏كىشىلەردۇر. ئاپتور ئەسەرنىڭ قەھرىمانلىرى ۋە ‏ئۇلارنىڭ مۇھىتىنى ناھايىتى سەۋىرچانلىق بىلەن ‏ھەقىقىي بىر دەلىل- ‏ئىسپاتقا باغلايدۇ. شۇنداق بولغىنىغا قارىماي، بولۇپمۇ تەبىئەت ۋە ‏ئورۇن ‏تەسۋىرلىرىدە سوبيېكتىزمغىمۇ مەپتۇن بولغانلىقى كۆرۈلىدۇ. ‏بۇ زىددىيەت تىلىدىمۇ ئۇچرايدۇ. ‏شەخسىي قارىشى سۈپىتىدە دائىم ‏تۈركچىنى ھېمايە قىلغىنىغا ۋە خاراكتېرلارنىڭ دىئالوگىنى يەتكىدەك ‏‏دەرىجىدە بەرگىنىگە قارىماي، تەسۋىرلىرىدە ھامان ئوسمانلىچىغا ‏قېيىپ كەتكەن. ئىستانبۇلنىڭ ‏سىرتىغا كۆپ چىقمىغانلىقى ئۈچۈن، ‏رومانلىرىنىڭ ۋەقەلىرى ئىستانبۇلدا يۈز بىرىدۇ. ‏ ھۈسەيىن راھمىنىڭ رومانلىرى تۈركىيىنىڭ كېيىنكى ئەللىك-- ‏ئاتمىش يىللىق ئىجتىمائىي تارىخى ‏ھەققىدە مول ماتېرىيال بىلەن ‏تولغان. سانى قىرىققا يېقىن رومان ۋە ھېكايىلىرى ئىچىدە ئەڭ ‏‏مەشھۇرلىرى تۈۋەندىكىلەردۇر: «شېك»(1888-يىلى)، ‏‏«مۈرەببىيە»(1897-يىلى، قەدىمدە بىرىنىڭ ‏بالىسىنى تەربىيىلەش ‏ئىشى بىلەن مەشغۇل بولغۇچى ئايال مۇرەببىيە دەپ ئاتىلاتتى)، «ئىپپەت » ‏‏(1898-يىلى)، «تۇل خۇتۇن»(1898-يىلى)، «بىر ‏مۇئادەلەئى سەۋدا»(1899-يىلى)،«نىكاھسىز ‏خوتۇن»(1899-يىلى)، «ئۇشتۇمتۇت»(1900-يىلى)، « نىمەتشۇناس»(ياخشىلىقنى ‏ئۇنۇتمايدىغان ‏كىشى دېگەن مەنىدە،1901-يىلى)، «ئۈجمە ‏كۆڭۈل»(1911-يىلى)، «قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ ‏ئاستىدىكى بىر ‏توي»(1912-يىلى)، «ياۋا گۈل»(1912-يىلى)، «ھەقنى سېغىندۇق ‏‏»(1919-يىلى)، ‏‏«ھايات سەھىپىلىرى»(1919-يىلى)، «ئەلەملىك ‏تەبەسسۇم»(1923-يىلى)، «مەن ‏ساراڭمۇ؟»(1925-يىلى)، «تۇتاش ‏كۆڭۈللەر»(1926-يىلى)، «ئۆيگە خوشاللىق: قېيىنئانام قانداق ‏‏قۇتىرغان؟»(1927-يىلى)، «پاھىشە ئاياللار مەكتىپى»(1929-يىلى)، «خىجىل بولمايدىغان ئادەم» ‏‏(1934-يىلى) قاتارلىقلار. ھېكايە كىتابلىرى ‏بولسا: «ئاياللار ۋائىزى»(1920-يىلى)، «مەيخانىدىكى ‏‏خانىملار»(1924-يىلى)، «نۇمۇس بىلەن ئاچلىق ‏مەسىلىسى»(1933-يىلى)، «ئىككى ئەخمەقنىڭ ‏‏ساياھىتى»(1933-يىلى) ۋە «كۆڭۈل سودىسى»(1939-يىلى) قاتارلىقلار.

         ‏ نامىق كەمالنىڭ رومان ئۇسلۇبىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، ‏قەھرىمانلىرىنىمۇ كۆپۈنچە ‏‏«ئىنتىباھ»تا كۆرۈلگىنىدەك، ھايات ‏تەجرىبىسى ئاز بولغان ياش ئەرلەر بىلەن ناھايىتى شاللاق ‏ئاياللار ‏ئارىسىدىن تاللىغان ۋە ۋەقەلىكىنى پۈتۈنلەي رومانتىك ۋەقەلەردىن ‏قۇرۇپ چىققان ئاخمەد ‏راسىم ئوتتۇراھال مەدەنىيەت ۋە زوق ‏سەۋىيىسىدىكى ئوقۇرمەنلەر تۈركۈمىنىڭ ئېچىنىش تۇيغۇسىنى ‏‏قوزغاپ شۆھرەت قازانغان يازغۇچىلاردىن بىرىدۇر. رومانلىرى ۋە ‏ھېكايىلىرى شەكىل جەھەتتىن ‏ناھايىتى ئاجىز بولغىنىدەك، تىل ‏جەھەتتىنمۇ بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلالمايدۇ. دېئالوگلاردىكى ‏‏جانلىق تۈركچىنىڭ ئورنىنى تەسۋىرلەردە ئوسمانلىچە ئىگىلىگەن. ‏ كۆپۈنچىسى چوڭ ھېكايە ھەجىمىدە يېزىلغان ۋە «يانچۇق ‏رومانلىرى» ناملىق بىر يۈرۈش ‏ئەسىرىدە ئىلان قىلىنغان ‏رومانلىرىنىڭ بەزىلىرى تۈۋەندىكىلەردۇر:«گۈزەل ‏ئەلەنى»(1891-يىلى)، ‏‏«تەجرىبىسىز ئاشق»(1895-يىلى)، «كىتابەئى ‏غەم»(1899-يىلى)، «ھاممامچى ئۈلپەت»(1899- ‏يىلى)، «ئىككى ‏گۈزەل گۇناھكار»(1922- يىلى) قاتارلىقلار. ‏ تۈرلۈك تېمىلاردا ناھايىتى كإپ ئەسەرلەرنى يازغان ئاخمەد ‏راسىمنىڭ ئەسلى كەڭ تارقالغان ‏شۆھرىتى بولسا ماقالە، سۆھبەت، ‏تەجرىبە، فىليەتون، خاتېرە شەكلىدىكى ئەسەرلەردىن كەلگەن ‏ئىدى. ‏بۇ ئەسەرلىرى زامانىۋىي تۈرك ئىجتىمائىي ھاياتى جەھەتتە ناھايىتى ‏مول ماتېرىيال بىلەن ‏تولغان. بۇلاردىن بىر قىسمى كىتاب قىلىپمۇ ‏نەشىر قىلىندى.

       «كېچىلىرىم»(1896-يىلى)،« ماقالە ۋە ‏سۆھبەت»( ‏‏1907-يىلى)، «شەھەر مەكتۇپلىرى»(1912-1913-يىللار، تۆت توم)، ‏‏«تارىخ ۋە ‏يازغۇچى»(1913-يىلى)، «زامان شەكىللىرى»(1918-يىلى)، «جىددۈ مىزاھ»(1918-يىلى)، ‏‏«فۇھىشى ئاتىق»(1922-يىلى، ئىككى ‏توم)، «يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدىب»(1924-يىلى)، «كۈلۈپ ‏‏يىغلىغانلىرىم»(1926-يىلى)، «يازغۇچىغۇ بۇ»(9261 1926-يىلى)، ‏‏«پالاق»(1927- يىلى) ‏قاتارلىقلار. ‏ بۇ دەۋردە ئاخمەد راسىم ئۇسلۇبىدا رومان ۋە ھېكايە ‏يازغانلارنىڭ بەزىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ‏ئەسەرلىرى بولسا، مەھمەد ‏جەلال ۋە ئۇنىڭ «ئورورا»(1886-يىلى)،«بىر ئايالنىڭ ‏‏ھاياتى»(1890-يىلى)، «كىچىك كېلىن»( 1892-يىلى)، «زېھرا»(1895-يىلى)، ‏‏«قۇش ‏تىلىدا»(1910-يىلى)، مۇستاپا رەشىد(1861-1936) ۋە ئۇنىڭ «فلورا»(1885-يىلى)، «بىر گۈل ‏دەستىسى»(1885-يىلى)، «كۆز ‏يېشى»(1886-يىلى)، «رەسسام»(1899-يىلى)، «پاختا ‏پەرەنجە»(1892- ‏يىلى)،«بىر قىزنىڭ خاتالىقى»(1894-يىلى)، ئاخمەد جەۋدەت پاشانىڭ ‏قىزى ‏پاتما ئالىيە(1864-1924) ۋە ئۇنىڭ «مۇخادارات»(1892-يىلى)، «رەفەت»(1898-يىلى)،«ئۇد ‏چالغۇچى»(1899-يىلى)، ‏ۋەجىخى(1869-1904) ۋە ئۇنىڭ «مېھرىدىل»(1895-يىلى)، ‏‏‏«ھەلىمە»(1896-يىلى)، «چوپان قىز»(1896-يىلى)، «مەھجۇرە ۋە ‏ھىكمەت»(1922- يىلى)، ‏سافۋەت نەزىخ(1871-1939) ۋە ئۇنىڭ «بىچارە ‏نەجدەت»(1900-يىلى)،« توي دۇنياسىدا ‏‏»(1901-يىلى)، «قىمار ‏ئاپىتى»(1902-يىلى)، «ئايال قەلبىي»(1903-يىلى)، گۈزىدە سابرى ‏‏ئايگۈن(1886-1946) ۋە ئۇنىڭ «مۇنەۋۋەر»(1901-يىلى)، «ئۆلگەن ‏ئايالنىڭ ئەۋراكى ‏مەترۇكەسى »(1905-يىلى)، «ياۋا گۈل»(1920-يىلى)، ‏‏«ھىجران كېچىسى»(1930-يىلى) ۋە ‏‏«ئۆتمۈشنىڭ ‏ساداسى»(1944-يىلى) قاتارلىقلاردۇر. ‏ ئەينى دەۋردە يىتىشىپ چىققان بولسىمۇ، قوللانغان ‏رېئالىستتىك مېتودى بىلەن باشقىلاردىن ‏پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر ‏رومانچى ئالى كەمال(1867-1922)دۇر. رومانلىرىدا پىكرىي ۋە مۇھىم ‏‏تېمىلارغا ئورۇن بەرگەن ۋە تەنقىدلىرىنى كإپۈنچە زىيالىلار ‏مۇھىتىغا قاراتقان ئالى كەمالنىڭ «ئىككى ‏ھەمشىرە»(1899-يىلى)، «چۆلدىكى بىر سەرگۈزەشتە»(1900-يىلى) ۋە «فەترەت»(1918-يىلى، ‏‏بىرىنجى توم) ناملىق ئۈچ رومانى بار.

       ‏ ئەدەبىي تەنقىد — سەرۋەتى فۈنۇننىڭ سىرتىدا بۇ تۈر بىلەن ‏مەشغۇل بولغان تۆت يازغۇچى بار. ‏بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سەرۋەتى ‏فۈنۇن بىلەن قىلغان قەلەم مۇنازىرىسىنىڭ چوڭ بىر خۇلاسىسى بار ‏‏بولسىمۇ، بۇلارنى ئايرىم بىر كىتاب قىلىپ نەشىر قىلغان ئەمەس. ‏ سەرۋەتى فۈنۇنغا ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئاخمەد ‏راسىم تۇرىدۇ. بۇ ھۇجۇملىرىنى ‏سەرۋەتى فۈنۇنچىلارنىڭ «خەلقتىن ‏ئايرىلغان ۋە كوزموپولت بىر ئەدەبىيات قۇرغانلىقى» نوقتىسىغا ‏‏مەركەزلەشتۈردى. مەھمەد جەلال سەرۋەتى فۈنۇن ئەدەبىياتىنى تەنقىد ‏قىلغان ماقالىلىرىدىن ‏باشقىلىرىنى ۋە دىۋان ئەدەبىياتىنىڭ بەزى ‏شېئىرلىرىنى تېما قىلغان ماقالىلىرىنى «ئەلۋانى ماسۇمانە ‏ۋە ‏ماقالاتى ئەدەبىييە»(1885-يىلى) ناملىق بىر ئەسىرىگە جۇغلىدى. ھەم ‏غەرب ھەم دىۋان ‏ئەدەبىياتى تەرەپدارلىرى بىلەن يېقىن دوستلۇق ‏ئورناتقان ۋە مۇشۇ سەۋەپلىك ھېچقايسى تەرەپنى ‏رەنجىتمەسلىك ‏ئۈچۈن يۇمۇشاق ۋە ئىجابىي تەنقىدلەر بىلەن شۇغۇللانغان ئىسمائىل ‏سەفا بولسا بۇ ‏خىل ئەسەرلىرىنى كىتاب قىلىپمۇ نەشىر قىلدۇردى. بۇ ‏كىتابلار «مۇلاھازاتى ئەدەبىييە»(1898-يىلى) ۋە ‏‏«مۇھاكىمەتى ‏ئەدەبىييە»(1913-يىلى) دىن ئىبارەتتۇر. ‏ ئۈچىنجى ۋە ئەڭ مۇھىم تەنقىدچى بولسا ئالى كەمالدۇر. ‏سەرۋەتى فۈنۇن ئەدەبىياتى بىلەن ‏مۇناسىۋەتلىك ھالدا ھۈسەيىن جاھىد ‏بىلەن قىلغان مۇنازىرلىرى توپلام قىلىنغان ئەمەس. شەرق ‏‏ئەدەبىياتىدىن باشقا غەرب ئەدەبىياتى ھەققىدىمۇ كەڭ بىلىمى بولغان ‏ئالى كەمال بۇ ئەدەبىيات ‏ھەققىدىكى تۇنۇشتۇرغۇچى ئەسەرلىرىنى ‏‏«پارىژ سۆھبەتلىرى»(1899-يىلى، ئۈچ توم) ۋە «سوربون ‏‏دارۈلفۇنۇنىدىكى ئەدەبىيياتى ھەقىقىييە دەرسلىرى»(1900-يىلى) ناملىق ‏ئەسەرلىرىدە توپلىدى. ‏ ئىزاھلار: ‏ ‏①ساز شائىرلىرى -- ساز چېلىپ شېئىر، بېيىت ۋە داستانلارنى ‏ئوقۇيدىغان خەلق سەنئەتچىسى، خەلق ‏شائىرى -- ت. ‏ ‏② لائىك -- دىنىي ئىشلارنى دۇنيا ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرمىغان، ‏دۇنيا ئىشلىرىنى دىنىي ئىشلاردىن ‏ئايرىم تۇتىدىغان سىياسىي ‏چۈشەنچە. بۇ چۈشەنچە بويىچە دۆلەت دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىنىڭ ‏‏ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن بىتەرەپ ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنداق ‏سىياسىي چۈشەنچە لائىسىزم دەپ ‏ئاتىلىدۇ. ‏ ‏③خاراكتېر-- بىر ئەسەردە تۇيغۇ، مەۋقە ۋە چۈشەنچە ‏جەھەتلەردىن تەسۋىرلەنگەن كىشى. ئۇيغۇر ‏ئەدەبىياتىدا بۇ ‏پىرسۇناژ دېيىلىدۇ -- ت. ‏ (داۋامى بار)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق