سادىر پالۋان قۇشاقلىرى

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-09 19:15:00

سادىر پالۋان قۇشاقلىرى سېپىلنى تېشىپ چىقتىم،كۆزۈمنى ئېچىپ چىقتىم.ئايماقلارنى جەملەشكە ،تاغلارغا قېچىپ چىقتىم. ئوتقا كىرسەم ،ئوت رەستە،تاغقا چىقسام تاغ رەستە. كۆزۈمنى ئاچقانلارنى،دائىم تۇتىمەن ...

    سادىر پالۋان قۇشاقلىرى

     سېپىلنى تېشىپ چىقتىم،
     كۆزۈمنى ئېچىپ چىقتىم.
     ئايماقلارنى جەملەشكە ،
     تاغلارغا قېچىپ چىقتىم.

     ئوتقا كىرسەم ،ئوت رەستە،
     تاغقا چىقسام تاغ رەستە. 
    كۆزۈمنى ئاچقانلارنى،
     دائىم تۇتىمەن ئەستە.

    (6)موللا بىلال ئۆز باغرىم،
      گېپىم بار ئاڭا دائىم.
    يۈزمۇ يۈز سۆزلەشكىلى،
     بەيتۇللاغا ئۈچ باردىم.

    موللا بىلال تەقۋادان،
     ئەلگە بولدى بەك ھەيران .
    دىدى: جەڭگە چىققۇلۇق،
     يېتىپ بولغىچە ۋەيران.

    ئوغۇل بالىمەن سادىر،
     نەگە بارسام يولۇم بار.
    موللا بىلال ئالدىدا ،
     ئوڭ كۆكسۈمدە قولۇم بار.

    موللا بىلال ئۇستازىم،
    بېشىمدا ئالتۇن تاجىم.
    زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشقا ،
     يار يۆلەك ماڭا دائىم.

    موللا بىلال خاتىپنى ،
     جاڭجۈن تۇتىمەن ، دەپتۇ.
    بەردەڭگىلىك سادىر بار،
     جاڭجۈن ھۆل تېزەك يەپتۇ.

    تاغ بېشىدىن قول سۇنۇپ،
     ئۈزەي كۆكتىن ھىلالنى.
    سادىر ئۆزى ئېپ چىقار،
    قازانچىغا(2) بىلالنى . (1)

    ناخشىنى تولا ئېيتسام،
    بەيتۇللادىن قوغلىدى.
    قازانچىغا مۆكۈنسەم ،
    موللا بىلال يوقلىدى.

    كىمگە ئېيتاي دەرتلەرنى،
    ئاڭلارغا قۇلاق بارمۇ؟
    ئېيتقىنا نازىم ئۇستاز ،
    قاينامغا تۇۋاق بارمۇ؟

    شەھەرگە بارار بولسام،
     قازانچىنى(3) يوقلايمەن .
    نازىمغا قىلىپ تازىم ،
    سارايدىلا ئۇخلايمەن.

    چوڭ ئوغلۇمغىمۇ بىلال،
    بەردى ئىلمىي كالامنى .
    بالىلىرىم ئەجەپ سىپا،
    تاشلىمايدۇ سالامنى. 

    جاڭجۈن موللا بىلالنى ،
     ئۆلتۈرۈپ چىدالمايدۇ.
    جاڭجۈن قول سالغان كۈنى ،
    ئىلىدا تۇرالمايدۇ.

    (1) بىلال—شائىر موللا بىلال نازىم . (1)قازانچى—غۇلجا ناھىيە موللا توختى يېزىسىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى بىر غولنىڭ نامى (3)قازانچى  --غۇلجا شەھرىدىكى بىر مەھەللىنىڭ نامى ، 

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-27 13:58:10]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سادىر پالۋان